ھۇجۇرات سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 18 ئايەت
مەنىسى: ھۇجرىلار. ئاتىلىش سەۋەبى: رەسۇلۇللاھنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ھۆرمىتى بايان قىلىنغان
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُقَدِّمُوا بَيْنَ يَدَيِ اللَّهِ وَرَسُولِهِ ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
    ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئالدىدا (ھېچقانداق بىر ئىشنى ۋە سۆزنى) ئالدى بىلەن قىلماڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيىتىڭلارنى ۋە ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئالدىدا ئالدىپەشلىك قىلماڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ئالدىغا ئۆتمەڭلار. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ئالدىغا ئۆتمەڭلار؛ ھەرقانداق ئىشنى ئاللاھ چىقارغان ھۆكۈم بويىچە ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى كۆرسەتكەن شەكىلدە قىلىڭلار، چۈنكى ھەرقانداق مەسىلە ۋە ھەرقانداق ئىش توغرىسىدا ھۆكۈمنى ئاللاھ ئۆز كىتابىدا چىقىرىدۇ، ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۇ ھۆكۈمنى يەتكۈزىدۇ، ئۆگىتىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۈلگە بولىدۇ، بۇ سەۋەبتىن ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىش ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىق بولىدۇ. ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى ئاللاھ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ، نىيەت ۋە قىلمىىشڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قىيامەتكە قەدەر بارلىق ئىنسانلارغا ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، بۇ ئايەتتىكى «مۇئمىنلار» قىيامەتكە قەدەر ھەر ماكان ۋە ھەر زاماندىكى بارلىق مۇئمىنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇڭلاشقا قىيامەتكە قەدەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇئمىنلارنىڭ ئۇنى ئۈلگە ئېلىپ دىندارلىق قىلىشى لازىم. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَرْفَعُوا أَصْوَاتَكُمْ فَوْقَ صَوْتِ النَّبِيِّ وَلَا تَجْهَرُوا لَهُ بِالْقَوْلِ كَجَهْرِ بَعْضِكُمْ لِبَعْضٍ أَنْ تَحْبَطَ أَعْمَالُكُمْ وَأَنْتُمْ لَا تَشْعُرُونَ
    ئى مۆمىنلەر! (رەسۇلۇللاھقا سۆز قىلغان چېغىڭلاردا) ئاۋازىڭلارنى پەيغەمبەرنىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى قىلماڭلار، سىلەر بىر ـ بىرىڭلار بىلەن (توۋلاپ) يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەشكەندەك، پەيغەمبەرگە (توۋلاپ) يۇقىرى ئاۋازدا سۆز قىلماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) ئۆزلىرىڭلار تۇيماستىن، (قىلغان ياخشى) ئەمەللىرىڭلار بىكار بولۇپ كېتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۇئمىنلار! رەسۇلۇللاھقا سۆز قىلغان چېغىڭلاردا ئاۋازىڭلارنى پەيغەمبەرنىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى قىلماڭلار، سىلەر بىر ـ بىرىڭلار بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەشكەندەك، پەيغەمبەرگە يۇقىرى ئاۋازدا سۆز قىلماڭلار، ئۇنداق قىلساڭلار ئۆزلىرىڭلار تۇيماستىن، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭلار بىكار بولۇپ كېتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! ئاۋازلىرىڭلارنى نەبىينىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى كۆتۈرمەڭلار. ئۇنىڭغا، بىر - بىرىڭلارغا توۋلىغاندەك يۇقىرى ئاۋاز بىلەن سۆز قىلماڭلار. بولمىسا، سىلەر تۇيماستىن ئەمەللىرىڭلار بىكار بولۇپ كېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! بۇ پەيغەمبەرنىڭ ھۇزۇرىدا گەپ قىلغان چېغىڭلاردا ئاۋازىڭلارنى ئۇنىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى كۆتۈرمەڭلار، سىلەر بىر - بىرىڭلار بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەشكەندەك، ئۇنىڭغا يۇقىرى ئاۋازدا سۆز قىلماڭلار. بولمىسا، سىلەر تۇيماستىن ئەمەللىرىڭلار بىكار بولۇپ كېتىدۇ، چۈنكى بۇ پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئۇنى ھۆرمەتلەش، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئەگىشىش نىجاتلىققا ئېرىشىشنىڭ شەرتىدۇر، ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ئاۋازىنى ئۇنىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۇنىڭغا يۇقىرى ئاۋازدا سۆز قىلىش ئۇنى ھۆرمەتلىمىگەنلىك، شۇنداقلا ئۇ شەرتنى تولۇق ئادا قىلمىغانلىق بولىدۇ. بۇ كۆرسىتىدۇكى: ئۇ شەرتنىڭ تەركىبىي قىسمىدىن بىرىگە رىئايە قىلماسلىق قالغان قىسىملىرىغا رىئايە قىلىشنى بىكار قىلىپ تاشلايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. إِنَّ الَّذِينَ يَغُضُّونَ أَصْوَاتَهُمْ عِنْدَ رَسُولِ اللَّهِ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ امْتَحَنَ اللَّهُ قُلُوبَهُمْ لِلتَّقْوَىٰ ۚ لَهُمْ مَغْفِرَةٌ وَأَجْرٌ عَظِيمٌ
    شۈبھىسىزكى، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا پەس ئاۋازدا گەپ قىلغانلارنىڭ دىللىرىنى ئاللاھ تەقۋا ئۈچۈن سىنىغان، ئۇلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا پەس ئاۋازدا گەپ قىلغانلارنىڭ دىللىرىنى ئاللاھ تەقۋا ئۈچۈن سىنىغان، ئۇلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ يېنىدا ئاۋازلىرىنى پەسەيتكەنلەر، ئاللاھ قەلبلىرىنى تەقۋا ئۈچۈن سىنىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر بار. — ئەنەس ئالىم

    رەسۇلۇللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئاۋازلىرىنى پەسەيتىپ گەپ قىلىدىغان كىشىلەرگە كەلسەك، ئۇلار ئاللاھ دىللىرىنى تەقۋا ئۈچۈن سىنىغان، ئۆزلىرى تەقۋالىق ئېڭىنى دىللىرىغا ئۆزلەشتۈرۈش ۋە تەقۋالىقنى سۆز - ھەرىكىتىدە ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بۇ سىناقتىن لايىقىدا ئۆتكەن كىشىلەردۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا بۈيۈك مۇكاپات ئاتا قىلىدۇ، چۈنكى رەسۇلۇللاھقا پەس ئاۋازدا گەپ قىلىش ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلىك، شۇنداقلا نىجاتلىققا ئېرىشىشنىڭ شەرتىگە تولۇق رىئايە قىلغانلىقتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. إِنَّ الَّذِينَ يُنَادُونَكَ مِنْ وَرَاءِ الْحُجُرَاتِ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْقِلُونَ
    شۈبھىسىزكى، سېنى ھۇجرىلار (يەنى پاك ئاياللىرىڭنىڭ تۇرالغۇ جايلىرى) ئارقىسىدىن توۋلايدىغانلارنىڭ تولىسى ئەقىلسىز كىشىلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، سېنى ھۇجرىلار ئارقىسىدىن توۋلايدىغانلارنىڭ تولىسى ئەقىلسىز كىشىلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! سېنى ھۇجرىلارنىڭ ئارقىسىدىن چاقىرىدىغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ تولىسى ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (4-5) ئى مۇھەممەد! سېنى ئاياللىرىڭ تۇرىدىغان ئۆيلەرنىڭ ئارقىسىدىن چاقىرىدىغان كىشىلەرگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ تولىسى ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدۇ؛ ساڭا ئۇ ئۆيلەرنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ توۋلايدىغان كىشىلەرنىڭ تولىسى سېنى ھۆرمەتلەش لازىملىقىنى بىلمەيدۇ. ئەگەر ئۇلار سەن يانلىرىغا چىققانغا قەدەر سەۋر قىلىپ ساقلاپ تۇرسا ئىدى، ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلغان بولاتتى. ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى كۆپ، رەھمىتى كەڭدۇر؛ بىلمەستىن گۇناھ قىلغانلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، ئۇلارغا مەرھەمەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. (49-سۈرە ھۇجۇرات، 5-ئايەت) ئەپۇ قىلىش سەۋر
    وَلَوْ أَنَّهُمْ صَبَرُوا حَتَّىٰ تَخْرُجَ إِلَيْهِمْ لَكَانَ خَيْرًا لَهُمْ ۚ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
    سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىققىنىڭغا قەدەر ئۇلار سەۋر قىلىپ تۇرۇشسا، ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىققىنىڭغا قەدەر ئۇلار سەۋر قىلىپ تۇرۇشسا، ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى بولاتتى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئۇلار سەن يانلىرىغا چىققانغا قەدەر سەۋر قىلسا ئىدى، ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشى بولاتتى. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  6. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنْ جَاءَكُمْ فَاسِقٌ بِنَبَإٍ فَتَبَيَّنُوا أَنْ تُصِيبُوا قَوْمًا بِجَهَالَةٍ فَتُصْبِحُوا عَلَىٰ مَا فَعَلْتُمْ نَادِمِينَ
    ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) بىلمەستىن بىرەر قەۋمنى رەنجىتىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، (ئۇ خەۋەرنى) ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۇئمىنلار! ئەگەر سىلەرگە بىر پاسىق ئادەم بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەستىن بىرەر قەۋمنى رەنجىتىپ قويۇپ، قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇ خەۋەرنى ئېنىقلاپ كۆرۈڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! ئەگەر فاسىق بىر ئادەم سىلەرگە بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، تەكشۈرۈڭلار. بولمىسا بىلمەستىن بىرەر قەۋمگە يامانلىق قىلىپ قويۇپ، ئاندىن قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالىسىلەر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! ئەگەر توغرا يولدىن ئاداشقان، ئەخلاقسىز، ھالال - ھارامغا دىققەت قىلمايدىغان بىر ئادەم سىلەرگە بىرەر خەۋەر ئېلىپ كەلسە، ئۇ خەۋەرنى ئېنىقلاڭلار، راست - يالغانلىقىنى تەكشۈرۈپ قارار بېرىڭلار. ئۇنداق قىلمىساڭلار ئىشنىڭ تېگى - تەكتىنى بىلمەستىن بىرەر بىگۇناھ قەۋمگە يامانلىق قىلىپ قويۇپ، ئاندىن قىلمىشىڭلارغا پۇشايمان قىلىپ قالىسىلەر. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇئمىنلارنى فاسىق ئادەمنىڭ خەۋىرىنى ئېنىقلاپ ئىش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، مۇناسىۋەتلىك باشقا بىر ئايەتتە فاسىق ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلىشتىن توسىدۇ، چۈنكى پىتنە - ئېغۋانىڭ تارقىلىشى ۋە يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن جەمئىيەتنىڭ ھۇزۇرى بۇزۇلىدۇ، ئىنسانلارنىڭ شەرەپ ھوقۇقىغا دەخلى يېتىدۇ. فاسىق ئادەملەرنىڭ خەۋىرىگە ئىشەنمەسلىك ۋە سۆزىگە ئېتىبار بەرمەسلىك ئەنە شۇ يامانلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. وَاعْلَمُوا أَنَّ فِيكُمْ رَسُولَ اللَّهِ ۚ لَوْ يُطِيعُكُمْ فِي كَثِيرٍ مِنَ الْأَمْرِ لَعَنِتُّمْ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ حَبَّبَ إِلَيْكُمُ الْإِيمَانَ وَزَيَّنَهُ فِي قُلُوبِكُمْ وَكَرَّهَ إِلَيْكُمُ الْكُفْرَ وَالْفُسُوقَ وَالْعِصْيَانَ ۚ أُولَٰئِكَ هُمُ الرَّاشِدُونَ
    بىلىڭلاركى، ئىچىڭلاردا رەسۇلۇللاھ (يەنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى) بار، ئەگەر ئۇ نۇرغۇن ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىدىغان بولسا، چوقۇم قىيىن ئەھۋالدا قالاتتىڭلار، لېكىن ئاللاھ سىلەرگە ئىماننى قىزغىن سۆيگۈزدى ۋە ئۇنى دىلىڭلاردا كۆركەم قىلدى، سىلەرگە پىسقىنى، كۇفرىنى ۋە گۇناھنى يامان كۆرسەتتى، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە نېمىتى بىلەن توغرا يولدا بولغۇچىلاردۇر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بىلىڭلاركى، ئىچىڭلاردا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بار، ئەگەر ئۇ نۇرغۇن ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىدىغان بولسا، چوقۇم قىيىن ئەھۋالدا قالاتتىڭلار، لېكىن ئاللاھ سىلەرگە ئىماننى قىزغىن سۆيگۈزدى ۋە ئۇنى دىلىڭلاردا كۆركەم قىلدى، سىلەرگە پىسقىنى، كۇفرىنى ۋە گۇناھنى يامان كۆرسەتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىلىڭلاركى، ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ رەسۇلى بار. ئەگەر ئۇ كۆپ ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلسا ئىدى، ئەلۋەتتە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالاتتىڭلار. لېكىن ئاللاھ سىلەرگە ئىماننى ياخشى كۆرسەتتى، ئۇنى قەلبلىرىڭلاردا گۈزەللەشتۈردى، سىلەرگە كافىرلىقنى، فاسىقلىقنى ۋە ئاسىيلىقنى يامان كۆرسەتتى. ئەنە شۇلار توغرا يولدا بولغۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! بىلىڭلاركى، ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ رەسۇلى بار بولۇپ، ئۇنىڭ چىقارغان قارارلىرى نەپسى خاھىشىڭلارغا ماس كەلمىسىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، بەرگەن ھۆكۈملىرىگە بويسۇنۇڭلار، ئۇنىڭغا ئاساسسىز گەپلەرنى، ئېنىقلانمىغان خەۋەرلەرنى يەتكۈزۈپ ئۇنى ئۆز ئارزۇيۇڭلارغا قارىتا ھۆكۈم قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنماڭلار، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئالدىدا ئەدەپلىك بولۇڭلار. ئەگەر ئۇ ئەلچى كۆپ ئىشلاردا بەزىلىرىڭلار بەرگەن خەۋەر ۋە ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەر بويىچە ئالدىراپ قارار بەرسە ئىدى، ھەممىڭلار ئۇ قارارنى ئىجرا قىلاتتىڭلار، شۇنداقلا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالاتتىڭلار، چۈنكى ئۇ بۇ تەقدىردە خاتا قارار بەرگەن بولاتتى ۋە سىلەر بۇ خاتا قارارنى ئىجرا قىلىپ خاتا ئىش قىلغان بولاتتىڭلار. لېكىن ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئەلچىسىگە سىلەرنى ياخشى ئاقىۋەتكە يەتكۈزىدىغان ھۆكۈملەرنى ئۆگەتتى، ئۇ سىلەرگە ئۇ ھۆكۈملەرنى يەتكۈزدى ۋە سىلەرگە ئۇ ئەلچىگە ئىشىنىپ ئۇ ھۆكۈملەرگە رازى بولۇشنى ۋە بويسۇنۇشنى ياخشى كۆرسەتتى، سىلەرگە ئۇ ئەلچىگە ئىشەنمەسلىكنى، ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنماسلىقنى ۋە قارشى چىقىشنى يامان كۆرسەتتى، شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۇ ئەلچىگە ئەگىشىپ قىيىنچىلىققا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىپ قالدىڭلار. ئۇ ئەلچىگە ئىشىنىشنى ، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىگە رازى بولۇشنى ۋە بويسۇنۇشنى ياخشى كۆرگەن، ئۇنى ئىنكار قىلىشنى، ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا بويۇنتاۋلىق قىلىشنى يامان كۆرگەن كىشىلەر، توغرا يولدا بولغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. فَضْلًا مِنَ اللَّهِ وَنِعْمَةً ۚ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
    بىلىڭلاركى، ئىچىڭلاردا رەسۇلۇللاھ (يەنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى) بار، ئەگەر ئۇ نۇرغۇن ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىدىغان بولسا، چوقۇم قىيىن ئەھۋالدا قالاتتىڭلار، لېكىن ئاللاھ سىلەرگە ئىماننى قىزغىن سۆيگۈزدى ۋە ئۇنى دىلىڭلاردا كۆركەم قىلدى، سىلەرگە پىسقىنى، كۇفرىنى ۋە گۇناھنى يامان كۆرسەتتى، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە نېمىتى بىلەن توغرا يولدا بولغۇچىلاردۇر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە نېمىتى بىلەن توغرا يولدا بولغۇچىلاردۇر. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى ۋە نېمىتىدۇر. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئىمان بىلەن ئىتائەتنى ياخشى، كۇفۇر بىلەن ئاسىيلىقنى يامان كۆرسىتىشى سىلەرگە ئىلتىپات ۋە ئىنئام ئاتا قىلىشىدۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر، ھەر ئىشنى ھېكمەت بىلەن قىلغۇچىدۇر؛ جۈملىدىن كىملەرنىڭ ئىلتىپات ۋە ئىنئامىغا لايىق بولغانلىقىنى، كىملەرنىڭ ئۇلاردىن مەھرۇم قېلىشقا تېگىشلىك بولغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، شۇنداقلا ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە ھەر كىشىنى ئۆزى لايىق بولغان ئاقىۋەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. وَإِنْ طَائِفَتَانِ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ اقْتَتَلُوا فَأَصْلِحُوا بَيْنَهُمَا ۖ فَإِنْ بَغَتْ إِحْدَاهُمَا عَلَى الْأُخْرَىٰ فَقَاتِلُوا الَّتِي تَبْغِي حَتَّىٰ تَفِيءَ إِلَىٰ أَمْرِ اللَّهِ ۚ فَإِنْ فَاءَتْ فَأَصْلِحُوا بَيْنَهُمَا بِالْعَدْلِ وَأَقْسِطُوا ۖ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُقْسِطِينَ
    ئەگەر مۆمىنلەردىن ئىككى گۇرۇھ ئۇرۇشۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇڭلار، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ئىككىنچىسىگە تاجاۋۇز قىلسا، تاجاۋۇز قىلغۇچى تاكى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قايتقانغا قەدەر (يەنى تاجاۋۇزىنى توختاتقانغا قەدەر) ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇڭلار، ئەگەر ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) قايتسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى (ھېچبىر تەرەپكە يان باسماستىن) ئادىللىق بىلەن تۈزەپ قويۇڭلار، (ھەممە ئىشتا) ئادىل بولۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر مۇئمىنلاردىن ئىككى گۇرۇھ ئۇرۇشۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇڭلار، ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى ئىككىنچىسىگە تاجاۋۇز قىلسا، تاجاۋۇز قىلغۇچى تاكى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قايتقانغا قەدەر ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇڭلار، ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمرىگە قايتسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئادىللىق بىلەن تۈزەپ قويۇڭلار، ئادىل بولۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر مۇئمىنلاردىن ئىككى جامائە بىر - بىرى بىلەن ئۇرۇشسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ياخشىلاپ قويۇڭلار. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىرىگە تاجاۋۇز قىلسا، تاجاۋۇز قىلغان تەرەپ ئاللاھنىڭ ئەمرىگە قايتقانغا قەدەر ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇڭلار. ئەگەر ئۇ قايتسا، ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىنى ئادىللىق بىلەن تۈزىتىڭلار. ئادىل بولۇڭلار، ئاللاھ ئادىل بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! ئېنىقلانمىغان خەۋەرگە ئىشىنىشنىڭ ئاقىۋىتى ناھايىتى خەتەرلىك بولۇپ، ئۇ بەزىدە ئۇرۇش - تالاش ۋە جېدەل - ماجىرالارغىمۇ ئېلىپ بارىدۇ، شۇڭلاشقا ناۋادا مۇئمىنلاردىن ئىككى جامائە بىر - بىرى ھەققىدە ئېيتىلغان سۆز ۋە تارقالغان خەۋەرگە ئىشىنىپ ئۆزئارا ئۇرۇشۇپ قالسا، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنى ئاللاھنىڭ ئەمرى بولغان ئادالەتكە دەۋەت قىلىپ ئارىسىنى ياخشىلاپ قويۇڭلار. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرى دەۋەتنى قوبۇل قىلىپ، يەنە بىرى قوبۇل قىلمىسا ۋە ئادالەت پىرىنسىپلىرىگە رىئايە قىلمىسا، ئادالەت پىرىنسىپلىرىگە رىئايە قىلمىغان بۇ جامائە ئاللاھنىڭ ئەمرىنى قوبۇل قىلىپ ئۇرۇشتىن توختىغانغا ۋە قارشى تەرەپ بىلەن كېلىشكەنگە قەدەر سىلەر ئۇ جامائە بىلەن ئۇرۇشۇڭلار. ئەگەر ئۇ جامائە ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بولۇپ ئۇرۇشتىن توختىسا، سىلەر ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىنى ئادىللىق بىلەن تۈزىتىپ قويۇڭلار، بارلىق ئىشلىرىڭلاردا ئادىل بولۇڭلار، بولۇپمۇ بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەققانىيەت بىلەن ھۆكۈم قىلىڭلار ۋە ھەر تەرەپكە ئادىل مۇئامىلە قىلىڭلار، ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلغان ۋە ئۇلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلغان كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇنداقلا مۇكاپاتلايدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەت ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىش، ئۆزئارا جېدەل - ماجىرانى تۈگىتىش ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنى بېسىقتۇرۇش ھەققىدە بارلىق مۇئمىنلارغا، بولۇپمۇ ئىش بېشىدىكىلەرگە ۋەزىپە يۈكلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ إِخْوَةٌ فَأَصْلِحُوا بَيْنَ أَخَوَيْكُمْ ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
    مۆمىنلەر ھەقىقەتەن (دىندا) قېرىنداشلاردۇر، (ئۇرۇشۇپ قالسا) قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەڭلار، رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    مۇئمىنلار ھەقىقەتەن قېرىنداشلاردۇر، شۇنداق بولغانىكەن قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويۇڭلار، رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، مۇئمىنلار قېرىنداشتۇر. ئۇنداقتا ئىككى قېرىندىشىڭلارنىڭ ئارىسىنى ياخشىلاپ قويۇڭلار، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، رەھمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم

    مۇئمىنلار ھەقىقەتەن قېرىنداشلاردۇر؛ خۇددى بىر ئاتا - ئانىدىن بولغان پەرزەنتلەر نەسەبتە بىر - بىرىگە نىسبەتەن قېرىنداش بولغاندەك، ئىسلام دىنىغا ئىشەنگەن كىشىلەرمۇ دىندا بىر - بىرىگە نىسبەتەن قېرىنداشتۇر. ئى مۇئمىنلار! مادامىكى سىلەر قېرىنداشسىلەر، ئۇنداقتا سىلەر ئۆزئارا ئۇرۇشۇپ قالغان ئىككى جامائە مۇئمىن قېرىندىشىڭلارنىڭ ئارىسىنى ياخشىلاپ قويۇڭلار، ئاللاھنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ئۆزۈڭلارنى ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىدىن ساقلاپ قالىسىلەر، شۇنداقلا ئىككىلى ئالەمدە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلەيسىلەر. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇئمىنلارنىڭ بىر - بىرى بىلەن قېرىنداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئىمان كەلتۈرگەن كافىرلارنىڭ، مۇئمىنلارنىڭ دىندا قېرىنداشلىرى بولىدىغانلىقىنى، بېقىۋېلىنغان بالىلارنىڭ بېقىۋالغانلارنىڭ دىندا قېرىنداشلىرى ئىكەنلىكىنى، مۇھاجىر ۋە ئەنسارلاردىن كېيىن دۇنياغا كەلگەن مۇئمىنلارنىڭ ئىلگىرى ئۆتكەن مۇئمىن قېرىنداشلىرىغا ياخشىلىق تىلەپ دۇئا قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بارلىق مۇئمىنلارنىڭ دىندا قېرىنداش ئىكەنلىكىنىى تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا يَسْخَرْ قَوْمٌ مِنْ قَوْمٍ عَسَىٰ أَنْ يَكُونُوا خَيْرًا مِنْهُمْ وَلَا نِسَاءٌ مِنْ نِسَاءٍ عَسَىٰ أَنْ يَكُنَّ خَيْرًا مِنْهُنَّ ۖ وَلَا تَلْمِزُوا أَنْفُسَكُمْ وَلَا تَنَابَزُوا بِالْأَلْقَابِ ۖ بِئْسَ الِاسْمُ الْفُسُوقُ بَعْدَ الْإِيمَانِ ۚ وَمَنْ لَمْ يَتُبْ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ
    ئى مۆمىنلەر! بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى (يەنى بىر جامائە يەنە بىر جامائەنى، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى) مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغان قەۋم (ئاللاھنىڭ نەزىرىدە) مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاياللارمۇ ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۇۈمكىن، بىر ـ بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، بىر ـ بىرىڭلارنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرماڭلار، ئىماندىن كېيىن پىسقى بىلەن ئاتاش (يەنى مۆمىننى پاسىق) دەپ ئاتاش نېمىدېگەن يامان! (مۇنداق نەھيى قىلىنغان ئىشلاردىن) تەۋبە قىلمىغانلار زالىملاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۇئمىنلار! بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى - بىر جامائە يەنە بىر جامائەنى، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى - مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغان قەۋم مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاياللارمۇ ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۈمكىن، بىر ـ بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، بىر ـ بىرىڭلارنى لەقەملەر بىلەن چاقىرماڭلار، ئىماندىن كېيىن پاسىقلىق بىلەن سۈپەتلەش نېمىدېگەن يامان! كىمكى تەۋبە قىلمىسا، ئەنە شۇلار زالىملاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! بىر قەۋم باشقا بىر قەۋمنى مەسخىرە قىلمىسۇن، بەلكى مەسخىرە قىلىنغۇچى قەۋم مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. ئاياللارمۇ باشقا ئاياللارنى مەسخىرە قىلمىسۇن، بەلكى مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. بىر - بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، بىر -بىرىڭلارنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرماڭلار، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن فاسىق دەپ ئاتىلىش نېمىدېگەن يامان! كىمكى تەۋبە قىلمايدىكەن، ئۇلار ئەلۋەتتە زالىملاردۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! ئىچىڭلاردىن بەزى ئەر مۇئمىنلار ئۆزلىرىنىڭ باشقا ئەر مۇئمىن قېرىنداشلىرىنى مەسخىرە قىلمىسۇن؛ كەمسىتمىسۇن، زاڭلىق ئەتمىسۇن، ئەسلىدە مەسخىرە قىلىنغان ئەرلەر مەسخىرە قىلغۇچى ئەرلەردىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭدەك، ئىچىڭلاردىن بەزى ئايال مۇئمىنلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ باشقا ئايال مۇئمىن قېرىنداشلىرىنى مەسخىرە قىلمىسۇن؛ كەمسىتمىسۇن، زاڭلىق ئەتمىسۇن، ئەسلىدە مەسخىرە قىلىنغان ئاياللار مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، بۇ تەقدىردە مەسخىرە قىلغان تەرەپ ئەمەلىيەتتە ھۆرمەتلىك كىشىگە ھاقارەت قىلىپ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. ئى مۇئمىنلار! بىر - بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، بىر - بىرىڭلارنى يامان لەقەم بىلەن ئاتىماڭلار، ئەكسى تەقدىردە فاسىق دەپ ئاتىلىسىلەر، ئىمان كەلتۈرگىنىڭلاردىن كېيىن فاسىق دېگەن ئىسىم نېمىدېگەن يامان ئىسىمدۇر! كىمكى ئەنە شۇ چەكلەنگەن ئىشلاردىن يانمايدىكەن، تەۋبە قىلمايدىكەن، خاتالىقىنى تونۇپ تۈزەتمەيدىكەن، ئەنە شۇلار ئۆزلىرىگە ۋە باشقىلارغا زۇلۇم قىلغۇچى كىشىلەردۇر، چۈنكى مۇئمىنلارنى مەسخىرە قىلىش، ئەيىبلەش ۋە ھاقارەتلەر قاتارلىق ئىشلار مۇنافىقلارنىڭ ۋە كافىلارنىڭ قىلمىشلىرى بولۇپ قىيامەت كۈنى دوزاخقا مەھكۇم بولۇپ مەڭگۈ ئازاب چېكىشنىڭ سەۋەبىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اجْتَنِبُوا كَثِيرًا مِنَ الظَّنِّ إِنَّ بَعْضَ الظَّنِّ إِثْمٌ ۖ وَلَا تَجَسَّسُوا وَلَا يَغْتَبْ بَعْضُكُمْ بَعْضًا ۚ أَيُحِبُّ أَحَدُكُمْ أَنْ يَأْكُلَ لَحْمَ أَخِيهِ مَيْتًا فَكَرِهْتُمُوهُ ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ تَوَّابٌ رَحِيمٌ
    ئى مۆمىنلەر! نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار (يەنى ئائىلىدىكىلىرىڭلارغا ۋە كىشىلەرگە گۇمانخورلۇق قىلماڭلار)، بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر، (مۆمىنلەرنىڭ ئەيىبىنى) ئىزدىمەڭلار، بىر ـ بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىڭلارنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامسىلەر؟ ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر. ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ قىلغان) تەۋبىسىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر.(ئىزاھات:غەيۋەتنىڭ زىيادە قەبىھ ئىكەنلىكىگە تەمسىل.) — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۇئمىنلار! نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار، بەزى گۇمانلار ھەقىقەتەن گۇناھتۇر، بىر-بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلار، بىر ـ بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىڭلارنىڭ گۆشىنى يېيىشنى[1] ياقتۇرامدۇ؟ ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ تەۋبەقىلغۇچىلارنىڭ قىلغان تەۋبىسىنى بەكمۇ قۇبۇل قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇئمىنلار! گۇماننىڭ تولىسىدىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى گۇماننىڭ بەزىسى گۇناھتۇر. بىر -بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلار، بىر - بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار. سىلەردىن بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامدۇ؟ ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! مۇئمىن قېرىندىشڭلارغا يامان گۇمانلاردا بولۇشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى مۇئمىنلارغا يامان گۇماندا بولۇش گۇناھتۇر. بىر - بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەڭلار، بىر - بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار. سىلەردىن بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامدۇ؟ ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر، ھەتتا ئۇنىڭدىن يىرگىنىسىلەر، غەيۋەتمۇ خۇددى قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېگەن بىلەن ئوخشاش ئىشتۇر، سىلەر قېرىندىشىڭلارنىڭ گۆشىنى يېيىشتىن يىرگەنگىنىڭلاردەك غەيۋەتتىنمۇ يىرگىنىڭلار، نەپرەتلىنىڭلار. ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا بويسۇنۇش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىدىن ساقلىنىڭلار. ئاللاھ، خاتالىقىدىن يېنىپ ئۆزىنى تۈزەتكەنلەرنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلارغا مەرھەمەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَاكُمْ مِنْ ذَكَرٍ وَأُنْثَىٰ وَجَعَلْنَاكُمْ شُعُوبًا وَقَبَائِلَ لِتَعَارَفُوا ۚ إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِنْدَ اللَّهِ أَتْقَاكُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ
    ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى ئىنسانلار! بىز سىلەرنى بىر ئەر ۋە بىر ئايالدىن ياراتتۇق، سىلەرنى ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن مىللەتلەرگە ۋە قەبىلىلەرگە ئايرىدۇق. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئەڭ ھۆرمەتلىكىڭلار ئەڭ تەقۋادار بولغىنىڭلاردۇر. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، خەۋەرداردۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! بىز سىلەرنى بىر ئەر ۋە بىر ئايالدىن ياراتتۇق، ھەممىڭلارنىڭ ئەسلى بىردۇر - ئادەم بىلەن ھەۋۋادۇر. سىلەرنى ئۆزئارا تونۇشۇشىڭلار ۋە بىر - بىرىڭلار بىلەن ھەمكارلىشىشڭلار ئۈچۈن كۆپەيتىپ مىللەتلەرگە ۋە قەبىلىلەرگە ئايرىدۇق. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئەڭ ھۆرمەتلىكىڭلار ئەڭ تەقۋادار بولغىنىڭلاردۇر؛ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئەقىدىنىڭ توغرىلىقى، نىيەتنىڭ خالىسلىقى، ئەمەلنىڭ ياخشىلىقى ۋە مۇئامىلىنىڭ دۇرۇسلۇقى ئاساس قىلىنىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر، ھەر ئىشتىن خەۋەرداردۇر؛ كىمنىڭ دىلى پاك، كۆڭلى ئاق، ئەقىدىسى سۈزۈك، ئەمىلى تۈزۈك ئىكەنلىكىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ. ئاللاھ تائالا 6 ~ 13 - ئايەتلەردە مۇئمىنلارغا ئىجتىمائىي ئەخلاق ھەققىدە يوليورۇق بېرىدۇ؛ جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقى، خاتىرجەملىكى ۋە ھۇزۇرى بۇزۇلماسلىقى، شۇنداقلا ھەممەيلەننىڭ ئاسايىشلىقتا ئۆتۈشى ئۈچۈن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئۆگىتىدۇ. ئۇ ئىشلار تۆۋەندىكىچە: 1) پىتنە - ئىغۋادىن، بىراۋنىڭ ھەققىدە يالغان خەۋەر تارقىتىشتىن ۋە ئۇلارغا ئىشىنىشتىن ساقلىنىش، تارقالغان خەۋەرنى ئېنىقلاش لازىم، ئەكسى تەقدىردە ئۇ بىراۋغا ناھەقچىلىك قىلىپ سېلىش، شۇنداقلا ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ نورمال داۋاملىشىشى دەخلىگە ئۇچرىشىشى مۇمكىن، چۈنكى مۇسۇلمانلار بىر - بىرىگە مەسئۇل، جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش، ئارازلىشىپ قالغانلارنى ئەپلەشتۈرۈش ۋە سەپنى مۇستەھكەملەشكە ھەممەيلەننىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. بولمىسا قىلىنلغان يامان ئىشنىڭ جازاسىغا پۈتۈن ئاھالە يولۇقىدۇ. 2) ئۆزئارا ئۇرۇشۇپ قالغان مۇئمىنلارنى باشقا مۇئمىنلارنىڭ ئەپلەشتۈرۈشى، كېلىشتۈرۈشى، قوبۇل قىلمىغان تەرەپكە زۆرۈر تېپىلسا كۈچ قوللىنىپ ئۇنى ھەقىقەتكە قايتۇرۇشى لازىم، ھەتتا ئىش قېيىدىشىش ، نىزالىشىش ۋە تىللىشىش باسقۇچلىرىدىكى چاغدا ئارىغا چۈشۈپ ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تۈزىتىشلىرى ۋە قېرىنداشلار ھالىتىگە قايتۇرۇشى كېرەك، 3) بىر - بىرىنى مەسخىرە قىلماسلىق، زاڭلىق ئەتمەسلىك، كەمسىتمەسلىك لازىم، چۈنكى ئاللاھ تەقۋادار كىشىلەرنى ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرىدۇ، كىمنىڭ تەقۋادار بولغانلىقىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. 4) بىر - بىرىنى ئەيىبلىمەسلىك، بىر مۇئمىننىڭ باشقا بىر مۇئمىننى جىسمانىي جەھەتتە بىرەر ناكارلىقى، بىرەر ئىشىنى ئەرزىتمىگەنلىكى، ئىجتىمائىي ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتە تۆۋەنلىكى ئۈچۈن ئەيىبلىشى ناھايىتى يامان ئىش بولۇپ بۇنىڭدىن ساقلىنىش لازىم. 5) بىر - بىرىنى يامان لەقەم بىلەن ئاتىماسلىق، ئاتالغان بولسا ئۇ لەقەم بىلەن چاقىرماسلىق كېرەك، چۈنكى بۇ بىراۋنىڭ شەرىپىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىق ۋە ئابرۇيىنى تۆككەنلىك بولىدۇ. ئەسكەرتىش: باشقىلارنى ئىجتىمائىي ياكى ئىقتىسادىي جەھەتتە تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن مەسخىرە قىلىش، ئەيىبلەش ۋە كەمسىتىش كافىر ۋە مۇنافىقلارنىڭ ئادىتىدۇر. 6) بىر - بىرى ھەققىدە يامان گۇماندا بولماسلىق كېرەك، چۈنكى يامان گۇمان قىلىش گۇناھتۇر، بولۇپمۇ مۇئمىننىڭ بىرەر مۇئمىن قېرىندىشى ھەققىدە يامان خەۋەر تارقالغاندا ئۇنىڭ ھەققىدە ياخشى گۇماندا بولۇش، ئۇنىڭ يامان ئىش قىلمايدىغانلىقىنى ئويلاش كېرەك. 7) بىر - بىرىنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەسلىك لازىم، بىراۋنىڭ كەمچىلىكىنى سۈرۈشتە قىلىش، قۇسۇرىنى ئىزدەش، ئۇنىڭدىن ئېۋەن تېپىشقا ئۇرۇنۇش ئەڭ ئاز بولغاندا بىھۇدىلىك بولۇپ، بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈش قىيامەت كۈنى نىجاتلىققا ئېرىشىدىغان مۇئمىنلارنىڭ بىر سۈپىتىدۇر. 8) بىر - بىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلماسلىق كېرەك، غەيۋەتتىن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنىڭ يېيىشتىن يىرگەنگەندەك يىرگىنىش لازىم، چۈنكى غەيۋەت مۇناسىۋەتلەرنىڭ يامانلىشىشىغا، بىرلىكنىڭ بۇزۇلۇشىغا، ھەتتا جەمئىيەت بىناسىنىڭ يىقىلىشىغا ئېلىپ بارىدۇ. 9) ئۆزئارا تونۇشۇش، ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا ئېسىل نەسەب، بايلىق، شان - شۆھرەت، ھوقۇق - مەنسەپ ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئەكسىچە خالىس ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل ئەسقاتىدۇ؛ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك كىشى ئەڭ تەقۋادار كىشىدۇر. ئىنساننىڭ قەبىلىۋى ئالاھىدىكى مىللىي كىملىكى ۋە ئىجتىمائىي ئورنى ئۇنى تونۇش، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن بىر - بىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئىنسانىي مۇناسىۋەت ئورنىتىپ بىرلىكتە ئىنسانچە ياشاش ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن پەرقتۇر. ئىنسانلار ئۆز ئارىلىرىدىكى پەرقنى ئۆزئارا تونۇشۇش ۋاسىتىسى قىلغاندىلا ئۇ پەرقنىڭ ھېكمىتىگە مۇۋاپىق ئىش قىلغان بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. (49-سۈرە ھۇجۇرات، 14-ئايەت) ئىخلاس ئىمان ئاللاھقا ئىتائەت
    قَالَتِ الْأَعْرَابُ آمَنَّا ۖ قُلْ لَمْ تُؤْمِنُوا وَلَٰكِنْ قُولُوا أَسْلَمْنَا وَلَمَّا يَدْخُلِ الْإِيمَانُ فِي قُلُوبِكُمْ ۖ وَإِنْ تُطِيعُوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ لَا يَلِتْكُمْ مِنْ أَعْمَالِكُمْ شَيْئًا ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
    ئەئرابىيلار: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «(تېخى) ئىمان ئېيتمىدىڭلار ۋەلېكىن سىلەر، بويسۇندۇق، دەڭلار، ئىمان تېخى دىلىڭلارغا كىرمىدى، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلاردىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئەئرابىيلار: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ، ئېيتقىنكى: «تېخى ئىمان ئېيتمىدىڭلار ۋە لېكىن سىلەر «بويسۇندۇق» دەڭلار، ئىمان تېخى دىلىڭلارغا كىرمىدى، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلاردىن ھېچ نەرسىنى كېمەيتىۋەتمەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! سەھرالىق ئەرەبلەر: «ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر ئىمان ئېيتمىدىڭلار، لېكىن ‹تەسلىم بولدۇق› دەڭلار، ئىمان تېخى قەلبىڭلارغا كىرمىدى. ئەگەر ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئاللاھ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە كېمەيتىۋەتمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر». — ئەنەس ئالىم

    (14-15) ئى مۇھەممەد! سەھرالىق ئەرەبلەر يېنىڭغا كېلىپ: «بىز ئىمان ئېيتتۇق» دېدى. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەر چىن ئىخلاس ۋە خالىس نىيەت بىلەن ئىمان ئېيتمىدىڭلار، لېكىن ‹ئىسلام ھاكىمىيىتىگە تەسلىم بولدۇق› دەڭلار، چۈنكى ئىماننىڭ ئاساسى دىلدىكى تەستىق ۋە ئىشەنچتۇر، سىلەر بۇ مەرتىۋىگە تېخى يەتمىدىڭلار، ئىمان دىلىڭلارغا تېخى كىرمىدى. ئەگەر ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا سەمىمىي ئىتائەت قىلساڭلار، ئاللاھ ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە كېمەيتىۋەتمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەۋبە قىلغان بەندىسىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىدۇ، تەۋبىدىن ئىلگىرىكى گۇناھلىرى ئۈچۈن جازا بەرمەيدۇ. سىلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالدا «ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشىڭلارنىڭ خاتا، «تەسلىم بولدۇق» دېيىشىڭلارنىڭ توغرا بولىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ھەقىقىي مۇئمىنلار - ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا چىن دىلىدىن ئىشەنگەن، ئاندىن بۇ ئىشەنچىدە قىلچە شۈبھە قىلمىغان، ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلغان كىشلەردىنلا ئىبارەتتۇر. ئەنە شۇ كىشىلەر دىلى، تىلى ۋە ئەمىلى بىر بولغان كىشىلەردۇر». ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئىماندا سادىق، ھەقىقەت يولىدا مال ۋە جېنىنى پىدا قىلغان كىشىلەرنىڭلا مۇئمىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە «ئاللاھ» دېيىلسە يۈرىكى قورقۇپ تىترەيدىغان، ئايەت ئاڭلىسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، رەببىگىلا تايىنىدىغان، بەش ۋاخ نامازنى كامىل ئۆتەيدىغان ۋە پۇل - مېلىنىڭ بىر قىسمىنى ياخشى يوللارغا چىقىم قىلىدىغان، ھىجرەت ۋە جىھاد قىلغان، مۇھاجىرلارغا ياردەم بەرگەن، لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەندىن كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا سەمىمىي بولغان كىشىلەرنىڭلا ھەقىقىي مۇئمىنلار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. دېمەككى، «مۇئمىن» - پاك ئىماننى دىلىغا ئورۇنلاشتۇرغان، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنىلا غايە قىلغان ۋە بۇ غايىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قەلبىي، قەۋلىي، بەدەني ۋە ئىقتىسادىي ئىبادەتلەرنى تەلەپكە لايىق ئادا قىلغان كىشىدۇر. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بەزى سەھرالىق ئەرەبلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئېغىزىنىڭ ئۇچىدا: «بىزمۇ ئىمان ئېيتتۇق، بىزمۇ مۇئمىن بولدۇق» دېگەن ئىدى، ئۇلارنىڭ نىيىتى سەدىقە ئېلىش، ئۆلتۈرۈلۈشتىن ۋە ئەسىرگە چۈشۈشتىن ساقلىنىش دېگەندەك دۇنيالىق مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىش ئىدى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ نىيىتىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا ئەنە شۇ رەددىيەنى بېرىشكە بۇيرۇغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  15. (49-سۈرە ھۇجۇرات، 15-ئايەت) جىھاد شەكسىز ئىتىقاد ئىمان
    إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ الَّذِينَ آمَنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ ثُمَّ لَمْ يَرْتَابُوا وَجَاهَدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ۚ أُولَٰئِكَ هُمُ الصَّادِقُونَ
    شۈبھىسىزكى، (ھەقىقىي) مۆمىنلەر ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن، ئاندىن (ئىمانىدا) شەك كەلتۈرمىگەن، ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلاردۇر، ئەنە شۇلار (ئىمان دەۋاسىدا) راستچىللاردۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، ھەقىقي مۇئمىنلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرگەن، ئاندىن شەك كەلتۈرمىگەن، ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلاردۇر، ئەنە شۇلار ئىمان دەۋاسىدا راستچىللاردۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇئمىنلار پەقەت، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشەنگەن ئاندىن كېيىن شۈبھىلەنمىگەن، ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلغان كىشلەردۇر. ئەنە شۇلار راستچىللاردۇر. — ئەنەس ئالىم

  16. (49-سۈرە ھۇجۇرات، 16-ئايەت) ئىخلاس ئاللاھنىڭ ئىلمى
    قُلْ أَتُعَلِّمُونَ اللَّهَ بِدِينِكُمْ وَاللَّهُ يَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۚ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھقا دىنىڭلارنى (يەنى دىنىڭلارنى دىلىڭلارنىڭ تەستىق قىلغانلىقىنى) خەۋەر قىلامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئاللاھ ئاسمانلاردىكىنى ۋە زېمىندىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھقا دىنىڭلارنى ئۆگىۋاتامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئاللاھ ئاسمانلاردىكىنى ۋە زېمىندىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «سىلەر ئاللاھقا دىنىڭلارنى ئۆگىتەمسىلەر؟ ئاللاھ ئاسمانلاردىكى نەرسىلەرنى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! يېنىڭغا كېلىپ: «ئىمان ئېيتتۇق» دېگەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ مۇئمىنلىقىنى دەۋا قىلغان ئۇ سەھرالىق ئەرەبلەرگە يەنە ئېيتقىنكى: «سىلەر ‹ئىمان ئېيتتۇق› دېگەن سۆزنى قىلىش بىلەن دىلىڭلارنىڭ ھەقىقىي رەۋىشتە بويسۇنغانلىقىنى ئاللاھقا خەۋەر قىلماقچى بولامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق مەخلۇقات، پۈتكۈل ھادىسىلەر ۋە جىمى ئەھۋاللارنى بىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. يَمُنُّونَ عَلَيْكَ أَنْ أَسْلَمُوا ۖ قُلْ لَا تَمُنُّوا عَلَيَّ إِسْلَامَكُمْ ۖ بَلِ اللَّهُ يَمُنُّ عَلَيْكُمْ أَنْ هَدَاكُمْ لِلْإِيمَانِ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
    ئۇلار ساڭا مۇسۇلمان بولغانلىقىنى مىننەت قىلىدۇ، (ئۇلارغا) «سىلەر ماڭا مۇسۇلمان بولغانلىقىڭلارنى مىننەت قىلماڭلار، بەلكى ئاللاھ سىلەرنى ئىمانغا ھىدايەت قىلغانلىقىنى مىننەت قىلىدۇ، ئەگەر سىلەر راست (مۆمىن) بولساڭلار» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ساڭا مۇسۇلمان بولغانلىقىنى مىننەت قىلىدۇ، ئېيتقىنكى: «سىلەر ماڭا مۇسۇلمان بولغانلىقىڭلارنى مىننەت قىلماڭلار، ئەكسىچە ئاللاھ سىلەرنى ئىمانغا ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن سىلەرگە مىننەت - ياخشىلىق قىلماقتا، ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ساڭا، ئۆزلىرىنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى مىننەت قىلىدۇ. ئېيتقىنكى: «تەسلىم بولغانلىقىڭلارنى ماڭا مىننەت قىلماڭلار. بەلكى ئاللاھ سىلەرگە، سىلەرنى ئىمانغا ھىدايەت قىلغانلىقىنى مىننەت قىلىدۇ. ئەگەر راستچىل بولساڭلار». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇ سەھرالىق ئەرەبلەر يېنىڭغا كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى ساڭا مىننەت قىلىدۇ؛ ئۆزلىرىنىڭ ئىسلامغا كىرگەنلىكىنى ۋە ساڭا ئەگەشكەنلىكىنى ساڭا قىلغان ياخشىلىقى ھېسابلاپ سەندىن تەشەككۈر ۋە رەھمەت كۈتىدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «تەسلىم بولغانلىقىڭلارنى ماڭا مىننەت قىلماڭلار. ئەكسىچە ئەگەر سىلەر: «ئىمان ئېيتتۇق» دېگەن سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئۇ ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلغانلىقىنى سىلەرگە قىلغان ياخشىلىقى ھېسابلايدۇ ۋە سىلەردىن شۈكۈر قىلىشىڭلارنى تەلەپ قىلىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. (49-سۈرە ھۇجۇرات، 18-ئايەت) غەيبكە ئىشىنىش ئاللاھنىڭ ئىلمى
    إِنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ غَيْبَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَاللَّهُ بَصِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ
    ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيىبنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيىبنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ غەيبىنى بىلىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ؛ ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا سىلەر ئۈچۈن غەيب بولغان بارلىق نەرسىلەر ئاللاھ ئۈچۈن ئاشكارىدۇر. شۇنىڭدەك، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ. قىلمىشىڭلار ياخشى بولسا مۇكاپات، يامان بولسا جازا بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى