قەلەم سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 52 ئايەت
مەنىسى: قەلەم. ئاتىلىش سەۋەبى: باشتىلا قەلەم بىلەن قەسەم قىلىنغان
  1. (68-سۈرە قەلەم، 1-ئايەت) ھەرپلەر قەسەملەر
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ ن ۚ وَالْقَلَمِ وَمَا يَسْطُرُونَ
    نۇن. قەلەم بىلەن ۋە ئۇلار يازغان نەرسىلەر بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    نۇن. قەلەم بىلەن ۋە ئۇلار يازغان نەرسىلەر بىلەن قەسەمكى — تەرجىمە ھەيئىتى

    نۇن. قەلەم بىلەن ۋە ئۇلار يازىدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەمكى، — ئەنەس ئالىم

    (1-4) نۇن، ئى ئىنكارچىلار! قۇرئان، سىلەر سۆزۈڭلارنى تۈزىدىغان مۇشۇنداق ھەرپلەردىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنداقتا، قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار! ئى مۇھەممەد! قەلەم بىلەن ۋە قەلەم تۇتقانلار يازىدىغان نەرسىلەر بىلەن قەسەمكى، سەن ئىگەڭ - ئاللاھ ئاتا قىلغان پەيغەمبەرلىك نېمىتىگە ئېرىشكەن كىشىسەن، ئەسلا ئەقلىدىن ئازغان ئادەم ئەمەسسەن، سەن ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزۈش بىلەن پۈتمەس - تۈگىمەس مۇكاپاتقا ئېرىشىسەن، سەن قۇرئاننىڭ ساڭا نازىل قىلىنىشى بىلەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگە بولغان كىشىسەن. بۇ ئىشلارنىڭ ھەربىرى بىرەر ھەقىقەتتۇر. ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭ ناشايان سۆزلىرىگە خاپا بولمىغىن، دەۋىتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن. قەسەم - سۆزنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاش، ئىشنىڭ توغرىلىقىنى ئىپادىلەش، ۋەدىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى تەكىتلەش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ قىلىنغان قەتئىي سۆز دېمەكتۇر. ئاللاھتىن غەيرىينىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىش توغرا بولمايدۇ. ئەمما ئاللاھ تائالا بەزى مەسىلىلەرنى بەزى مەخلۇقاتى بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ بىلدۈرىدۇ. بۇ، ئۇ نەرسىنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇنىڭ مىساللىرى قۇرئان كەرىمدە كۆپتۇر، ھەتتا قۇرئان كەرىمدە 17 سۈرە ئاللاھنىڭ قەسىمى بىلەن باشلىنىدۇ. بۇ يەردىكى قەسەمدە قەلەمنىڭ ۋە قەلەمدە يېزىلغان خەتلەرنىڭ خالايىق ئۈچۈن مۇھىملىقى تەكىتلىنىدۇ، چۈنكى قەلەم ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ ۋە ئىلىمنى مىراس قالدۇرۇشنىڭ قورالى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەتكە ئۇنىڭ بىلەن خەت يېزىشنى، ئىلىم - مەرىپەتنى قەيت قىلىشنى ۋە ھاياتىنى ئاسانلاشتۇرۇشنى ئۆگەتكەن. قەلەم تۇتقانلار پەرىشتىلەر بولسۇن، ئىنسانلار بولسۇن يېزىلغان خەتلەر ئىنسانلارنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. مَا أَنْتَ بِنِعْمَةِ رَبِّكَ بِمَجْنُونٍ
    مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن، (مۇشرىكلار ئېيتقاندەك) مەجنۇن ئەمەسسەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئى مۇھەممەد! سەن رەببىڭنىڭ نېمىتى بىلەن، مەجنۇن ئەمەسسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! سەن رەببىڭنىڭ نېمىتى بىلەن جىن چاپلىشىۋالغان ئادەم ئەمەسسەن.  — ئەنەس ئالىم

  3. وَإِنَّ لَكَ لَأَجْرًا غَيْرَ مَمْنُونٍ
    مۇقەررەركى، سەن ئەلۋەتتە ئۆكسۈمەس ساۋابقا ئېرىشىسەن — مۇھەممەد سالىھ

    مۇقەررەركى، سەن ئەلۋەتتە ئۆكسىمەس ساۋابقا ئېرىشىسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ساڭا پۈتمەس - تۈگىمەس ئەجىر بار. — ئەنەس ئالىم

  4. وَإِنَّكَ لَعَلَىٰ خُلُقٍ عَظِيمٍ
    (ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن — مۇھەممەد سالىھ

    سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، سەن بۈيۈك ئەخلاق ئۈستىدىسەن. — ئەنەس ئالىم

  5. (68-سۈرە قەلەم، 5-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئىلمى كاپىرلىق
    فَسَتُبْصِرُ وَيُبْصِرُونَ
    كەلگۈسىدە قايسىڭلارنىڭ مەجنۇن ئىكەنلىكىنى سەن كۆرۈسەن، ئۇلارمۇ كۆرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    يېقىندا سەنمۇ كۆرىسەن، ئۇلارمۇ كۆرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    يېقىندا كۆرىسەن، ئۇلارمۇ كۆرىدۇ: — ئەنەس ئالىم

    (5-6) ئى مۇھەممەد! قايسىڭلارنىڭ ئەقلىنى يوقاتقانلىقىنى يېقىندا سەنمۇ كۆرىسەن، ئۇلارمۇ كۆرىدۇ؛ سېنىڭ ھەققىڭدە، «ئەقلىدىن ئازغان ئادەم» دېگەنلەر يېقىندا يولۇڭنىڭ توغرىلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندا سېنىڭ ئەقلى - ھوشى جايىدا ئادەم ئىكەنلىكىڭنى، ئۆزلىرىنىڭ ئازغۇن ۋە ھاماقەت ئادەملەر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. (68-سۈرە قەلەم، 6-ئايەت) ئاللاھنىڭ ھىدايىتى ئازغۇنلۇق
    بِأَيْيِكُمُ الْمَفْتُونُ
    كەلگۈسىدە قايسىڭلارنىڭ مەجنۇن ئىكەنلىكىنى سەن كۆرۈسەن، ئۇلارمۇ كۆرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    قايسىڭلارنىڭ مەجنۇن ئىكەنلىكىنى — تەرجىمە ھەيئىتى

    قايسىڭلارنىڭ ئەقلىنى يوقاتقانلىقىنى. — ئەنەس ئالىم

  7. إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِمَنْ ضَلَّ عَنْ سَبِيلِهِ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ
    شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، سېنىڭ رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يولغا كەلگۈچىلەرنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سېنى ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەڭ - ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئېزىپ كەتكەن ئادەملەرنى ئوبدان بىلىدۇ، ئۆزىنىڭ يولىغا كەلگەن ئادەملەرنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ. ئۇنداقتا، سەن راستنى يالغانغا چىقىرىپ ئىنكار قىلغان ئادەملەرگە ئىتائەت قىلمىغىن؛ ئۇلارنىڭ ھېچبىر تەلىپىنى قوبۇل قىلمىغىن، ھېچبىر تەكلىپىگە قوشۇلمىغىن. ئۇلار سېنىڭ ئۆزلىرىگە ياغلامچىلىق قىلىشىڭنى، ئۆزلىرىنىڭ بەزى ئىشلىرىغا يول قويۇشىڭنى ۋە ئۆزلىرى بىلەن كېلىشىپ ئۆتۈشىڭنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭمۇ ساڭا ياغلامچىلىق قىلىشىنى، بەزى ئىشلىرىڭغا يول قويۇشىنى ۋە سەن بىلەن كېلىشىپ ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. (68-سۈرە قەلەم، 8-ئايەت) كاپىرلىق رەسۇلغا ئەگىشىش
    فَلَا تُطِعِ الْمُكَذِّبِينَ
    ئىنكار قىلغۇچىلارغا ئىتائەت قىلمىغىن — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنداق بولغانىكەن، ئىنكار قىلغۇچىلارغا ئىتائەت قىلمىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ھالدا راستنى يالغان دېگۈچىلەرگە ئىتائەت قىلمىغىن. — ئەنەس ئالىم

    (8-16) ئى مۇھەممەد! قەسەمخور، پەسكەش، مەسخىرىۋاز ۋە غەيۋەتخور، سۇخەنچى، ياخشىلىقنى توسقۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامزادە ئادەمگە ئىتائەت قىلمىغىن. ئۇ مال - مۈلكى ۋە ئوغۇللىرى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئوسال ئادەمدۇر، ئۇنىڭغا ئايەتلىرىمىز ئوقۇلسا، يەتكۈزۈلسە ۋە چۈشەندۈرۈلسە، «بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى» دەيدۇ. بىز يېقىندا ئۇنىڭ تۇمشۇقىغا داغلاپ بەلگە سالىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. (68-سۈرە قەلەم، 9-ئايەت) كاپىرلىق مۇناپىقلىق
    وَدُّوا لَوْ تُدْهِنُ فَيُدْهِنُونَ
    ئۇلار سېنىڭ ئۆزلىرى بىلەن مادارا قىلىشىڭنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ (سەن بىلەن) مادارا قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار سېنىڭ ئۆزلىرى بىلەن مادارا قىلىشىڭنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مادارا قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار سېنىڭ ياغلامچىلىق قىلىشىڭنى، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ ياغلامچىلىق قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  10. (68-سۈرە قەلەم، 10-ئايەت) راستچىللىق قەسەم
    وَلَا تُطِعْ كُلَّ حَلَّافٍ مَهِينٍ
    قەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەم (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرە) گە ئىتائەت قىلمىغىن — مۇھەممەد سالىھ

    قەسەمخورغا ئىتائەت قىلمىغىنكى — تەرجىمە ھەيئىتى

    تۆۋەندىكى سۈپەتتە بولغان ھېچكىمگە ئىتائەت قىلمىغىن: قەسەمخور، پەس، — ئەنەس ئالىم

  11. (68-سۈرە قەلەم، 11-ئايەت) غەيۋەت يالغانچىلىق
    هَمَّازٍ مَشَّاءٍ بِنَمِيمٍ
    قەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەم (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرە) گە ئىتائەت قىلمىغىن — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەيىبلىگۈچى، سۇخەنچى، — ئەنەس ئالىم

  12. (68-سۈرە قەلەم، 12-ئايەت) ئاچكۆزلۈك ئادالەتسىزلىك
    مَنَّاعٍ لِلْخَيْرِ مُعْتَدٍ أَثِيمٍ
    قەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەم (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرە) گە ئىتائەت قىلمىغىن — مۇھەممەد سالىھ

    بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياخشىلىقنى مەنئى قىلغۇچى، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، — ئەنەس ئالىم

  13. (68-سۈرە قەلەم، 13-ئايەت) كىبىر كاپىرلىق
    عُتُلٍّ بَعْدَ ذَٰلِكَ زَنِيمٍ
    قەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەم (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرە) گە ئىتائەت قىلمىغىن — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە قوپالدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغاندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان. — ئەنەس ئالىم

  14. أَنْ كَانَ ذَا مَالٍ وَبَنِينَ
    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇنىڭ مال ـ مۈلكى ۋە ئوغۇللىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، «(بۇ) بۇرۇنقىلارنىڭ ھېكايىلىرىدۇر»، دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭ مال ـ مۈلكى ۋە ئوغۇللىرى بولغانلىقى ئۈچۈنلا — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ مال - مۈلكى ۋە ئوغۇللىرى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئادەمدۇر. — ئەنەس ئالىم

  15. (68-سۈرە قەلەم، 15-ئايەت) كاپىرلىق ھەقنى ئىنكار قىلىش
    إِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِ آيَاتُنَا قَالَ أَسَاطِيرُ الْأَوَّلِينَ
    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇنىڭ مال ـ مۈلكى ۋە ئوغۇللىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، «(بۇ) بۇرۇنقىلارنىڭ ھېكايىلىرىدۇر»، دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىلسە ، «بۇ، بۇرۇنقىلارنىڭ ھېكايىلىرىدۇر»، دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭغا ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، «بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

  16. (68-سۈرە قەلەم، 16-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كاپىرلىق
    سَنَسِمُهُ عَلَى الْخُرْطُومِ
    ئۇنىڭ بۇرنىنى داغلاپ بەلگە سالىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭ بۇرنىنى داغلاپ بەلگە سالىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز يېقىندا ئۇنىڭ تۇمشۇقىغا بەلگە سالىمىز. — ئەنەس ئالىم

  17. إِنَّا بَلَوْنَاهُمْ كَمَا بَلَوْنَا أَصْحَابَ الْجَنَّةِ إِذْ أَقْسَمُوا لَيَصْرِمُنَّهَا مُصْبِحِينَ
    شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنى (يەنى مەككە مۇشرىكلىرىگە ئوخشاش ۋەھىينى ئىنكار قىلغانلارنى) مەلۇم باغنىڭ ئىگىلىرىنى سىنىغاندەك (قەھەتچىلىك، ئاچارچىلىققا دۇچار قىلىش بىلەن) سىنىدۇق. ئۇلار (يەنى باغنىڭ ئىگىلىرى) ئۇنىڭ مېۋىلىرىنى (كەمبەغەللەر ئۇقمىسۇن، ئۇلارغا ھېچ نەرسە بەرمەيلى دېيىشىپ) سەھەردىلا ئۈزۈۋېلىشقا قەسەم ئىچىشكەن ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنى مەلۇم باغنىڭ ئىگىلىرىنى سىنىغاندەك سىنىدۇق. ئۇلار ئۇنىڭ مېۋىلىرىنى سەھەردىلا ئۈزۈۋېلىشقا قەسەم ئىچىشكەن ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنى باغنىڭ ئىگىلىرىنى سىنىغىنىمىزدەك سىنىدۇق. ئۆز ۋاقتىدا باغنىڭ ئىگىلىرى باغنىڭ مېۋىلىرىنى سەھەردىلا ئۈزۈۋېلىشقا قەسەم ئىچىشكەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم

    (17-18) بىز مەككە ئاھالىسىنى كەئبىنىڭ قوشنىسى قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئامانلىق، كەڭ رىزىق ۋە ئېتىبار بەردۇق؛ ئۇلار يازدا شامغا، قىشتا يەمەنگە قىلغان سەپەرلىرىدە ئىززەت - ئىكرام كۆرەتتى، ئېتىبارغا ئېرىشەتتى، مەككىگە باشقا جايلاردا يېتىشىدىغان مېۋە ۋە مەھسۇلاتلار كېلىپ تۇراتتى. بىز ئۇلارغا ئەنە شۇنداق دۇنيالىق نېمەت بولغان خاتىرجەملىك ۋە مەمۇرچىلىق بەرگەندىن كېيىن ئۇلارغا مەنىۋى نېمەت بولغان پەيغەمبەرنى ئەۋەتتۇق، پەيغەمبەر ئۇلارنى بىزنىڭ ئەمرىمىز بىلەن ئۇ نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىشقا دەۋەت قىلدى، ئۇلار بولسا دەۋەتنى قوبۇل قىلمىدى، ھەددىدىن ئاشتى، ئىلكىدىكى نېمەتلەرنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى ھەققىدە ئويلانمىدى، مەڭگۈلۈك نېمەت توغرىسىدا تەپەككۇر قىلمىدى. ئەسلىدە بىز بۇ مۇشرىكلارنى، ئۆتمۈشتە مەلۇم باغنىڭ ئىگىلىرىنى سىنىغاندەك سىنىدۇق. بىر كۈنى ئاخشىمى ئۇ باغنىڭ ئىگىلىرى باغنىڭ مېۋىلىرىنى كەمبەغەللەرگە تۇيدۇرماي سەھەردىلا ئۈزۈۋېلىشقا قەسەم ئىچىشكەن ۋە ئىنشائاللاھ دېمىگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. (68-سۈرە قەلەم، 18-ئايەت) ئىلاھىي سىناق غەپلەت
    وَلَا يَسْتَثْنُونَ
    ئۇلار خۇدا خالىسا دېمىگەن ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار «ئاللاھ خالىسا» دېمىگەن ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئىنشائاللاھ دېمىگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم

  19. (68-سۈرە قەلەم، 19-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب ئىلاھىي سىناق
    فَطَافَ عَلَيْهَا طَائِفٌ مِنْ رَبِّكَ وَهُمْ نَائِمُونَ
    ئۇلار ئۇخلاۋاتقاندا، باغقا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ئازاب (يەنى يانغىن) نازىل بولۇپ، باغ (كۆيۈپ) قاپقارا كۈلدەك بولۇپ قالدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئۇخلاۋاتقاندا، باغقا رەببىڭ تەرىپىدىن ئازاب نازىل بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئۇ باغنى رەببىڭدىن كەلگەن بىر پالاكەت باستى. ئۇلار بۇ چاغدا ئۇخلاۋاتتى. — ئەنەس ئالىم

    (19-20) ئۇلار بۇ مەسلىھەتنى قىلىشقاندىن كېيىن تەييارلىقنى پۈتكۈزۈپ يېتىپ قالدى، ئۇلار ئۇخلاۋاتقان ئەسنادا ئاللاھ ئۇ باغقا ئوت ئاپىتى ئەۋەتىپ ئۇنى كۆيدۈرۈپ قاپقارا كۈل ھالىتىگە كەلتۈرۈۋەتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. (68-سۈرە قەلەم، 20-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب ئىلاھىي سىناق
    فَأَصْبَحَتْ كَالصَّرِيمِ
    ئۇلار ئۇخلاۋاتقاندا، باغقا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ئازاب (يەنى يانغىن) نازىل بولۇپ، باغ (كۆيۈپ) قاپقارا كۈلدەك بولۇپ قالدى — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە باغ كۆيۈپ قاپقارا كۈلدەك بولۇپ قالدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن ئۇ باغ سۈبھى ۋاقتىغىچە مېۋىلىرى ئۈزۈۋېلىنغان باغقا ئوخشاش بولۇپ قالدى. — ئەنەس ئالىم

  21. (68-سۈرە قەلەم، 21-ئايەت) ئىلاھىي سىناق غەپلەت
    فَتَنَادَوْا مُصْبِحِينَ
    ئۇلار: «ئەگەر (مېۋىلەرنى) ئۈزمەكچى بولساڭلار باغقا بېرىڭلار» دەپ، ئەتىگەندە بىر ـ بىرىنى توۋلاشتى — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەتىگەندە بىر ـ بىرىنى توۋلاشتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن باغنىڭ ئىگىلىرى سۈبھى ۋاقتىدا بىر - بىرىنى مۇنداق دەپ توۋلاشتى: — ئەنەس ئالىم

    (21-24) باغنىڭ ئىگىلىرى سۈبھى ۋاقتىدا ئويغىنىپ بىر - بىرىگە: «مېۋىلەرنى ئۈزۈۋالماقچى بولساڭلار ئەتىگەن بېرىڭلار!» دەپ توۋلاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولغا چۈشتى ۋە ماڭغاچ «بۈگۈن باغقا، يېنىڭلارغا بىرەر مىسكىنمۇ كىرمىسۇن» دەپ پىچىرلاشتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  22. (68-سۈرە قەلەم، 22-ئايەت) ئاچكۆزلۈك ئىلاھىي سىناق
    أَنِ اغْدُوا عَلَىٰ حَرْثِكُمْ إِنْ كُنْتُمْ صَارِمِينَ
    ئۇلار: «ئەگەر (مېۋىلەرنى) ئۈزمەكچى بولساڭلار باغقا بېرىڭلار» دەپ، ئەتىگەندە بىر ـ بىرىنى توۋلاشتى — مۇھەممەد سالىھ

    «ئەگەر ئۈزمەكچى بولساڭلار باغقا بېرىڭلار» دەپ — تەرجىمە ھەيئىتى

    «ئۈزۈۋالغۇچىلار بولساڭلار مەھسۇلاتىڭلارنىڭ يېنىغا ئەتىگەن بېرىڭلار». — ئەنەس ئالىم

  23. (68-سۈرە قەلەم، 23-ئايەت) كىبىر ئىلاھىي سىناق
    فَانْطَلَقُوا وَهُمْ يَتَخَافَتُونَ
    ئۇلار ماڭدى، يولدا كېتىۋېتىپ: «بۈگۈن باغقا ھەرگىز بىر مىسكىنمۇ كىرمىسۇن» دېيىشىپ پىچىرلاشتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار مۇنداق پىچىرلاشقان ھالدا يولغا چىقىشتى: — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولغا چۈشتى ۋە ماڭغاچ مۇنداق دەپ پىچىرلىشاتتى: — ئەنەس ئالىم

  24. (68-سۈرە قەلەم، 24-ئايەت) ئاچكۆزلۈك ئادالەتسىزلىك
    أَنْ لَا يَدْخُلَنَّهَا الْيَوْمَ عَلَيْكُمْ مِسْكِينٌ
    ئۇلار ماڭدى، يولدا كېتىۋېتىپ: «بۈگۈن باغقا ھەرگىز بىر مىسكىنمۇ كىرمىسۇن» دېيىشىپ پىچىرلاشتى — مۇھەممەد سالىھ

    «بۈگۈن باغقا بىرمۇ مىسكىن كىرمىسۇن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    «بۈگۈن باغقا، يېنىڭلارغا بىرەر مىسكىنمۇ كىرمىسۇن» — ئەنەس ئالىم

  25. (68-سۈرە قەلەم، 25-ئايەت) كىبىر غەپلەت
    وَغَدَوْا عَلَىٰ حَرْدٍ قَادِرِينَ
    ئۇلار: «(مىسكىنلەرنى باغقا كىرىشتىن) توسىيالايمىز دېگەن ئوي بىلەن، ئەتىگەندە تۇرۇشتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «توسىيالايمىز» دېگەن ئوي بىلەن ئەتىگەندە تۇرۇشتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئەتىگەن باردى، — ئەنەس ئالىم

    (25-27) ئۇلار باغقا ھېچبىر يوقسۇل كىرگۈزمەي مېۋىلەرنى ئۈزۈۋېلىش مەقسىتى بىلەن ئەتىگەن يېتىپ باردى، لېكىن باغنى قاپقارا ھالەتتە كۆرۈپ: «بىزنىڭ بېغىمىز بۇ ئەمەس، بىز چوقۇم ئېزىپ باشقا يەرگە كېلىپ قاپتۇق، ياق، ئەسلىدە بىزنىڭ بېغىمىز مۇشۇ شۇ، لېكىن بىز ھەممىدىن قۇرۇق قاپتۇق» دېيىشتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. (68-سۈرە قەلەم، 26-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب ئىلاھىي سىناق
    فَلَمَّا رَأَوْهَا قَالُوا إِنَّا لَضَالُّونَ
    ئۇلار باغنىڭ (كۆيۈپ قاپقارا بولۇپ كەتكەنلىكىنى) كۆرۈپ: «بىز ھەقىقەتەن ئېزىپ قېلىپتۇق، ياق بىز (باغنىڭ مېۋىسىدىن) قۇرۇق قېلىپتۇق» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار باغنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز ھەقىقەتەن ئېزىپ قېلىپتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    لېكىن باغنى كۆرۈپ مۇنداق دېيىشتى: «بىز چوقۇم ئېزىپ كېتىپتىمىز. — ئەنەس ئالىم

  27. (68-سۈرە قەلەم، 27-ئايەت) ئادالەتسىزلىك ئىلاھىي سىناق
    بَلْ نَحْنُ مَحْرُومُونَ
    ئۇلار باغنىڭ (كۆيۈپ قاپقارا بولۇپ كەتكەنلىكىنى) كۆرۈپ: «بىز ھەقىقەتەن ئېزىپ قېلىپتۇق، ياق بىز (باغنىڭ مېۋىسىدىن) قۇرۇق قېلىپتۇق» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ياق! بىز قۇرۇق قېلىپتۇق!» — تەرجىمە ھەيئىتى

    بەلكى بىز مەھرۇم قىلىنىپتىمىز». — ئەنەس ئالىم

  28. (68-سۈرە قەلەم، 28-ئايەت) زىكىر تەۋبە قىلىش
    قَالَ أَوْسَطُهُمْ أَلَمْ أَقُلْ لَكُمْ لَوْلَا تُسَبِّحُونَ
    ئۇلارنىڭ ياخشىسى (يەنى ئەڭ ئەقىللىقى): «سىلەر نېمىشقا ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ تەسبىھ ئېيتمايسىلەر دېمىگەنمىدىم؟» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ ياخشىسى ئوتتۇراھالراق بولغىنى: «سىلەر نېمىشقا ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ تەسبىھ ئېيتمايسىلەر دېمىگەنمىدىم؟ دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا ھال بولغىنى[1]: «مەن سىلەرگە: ‹نېمە ئۈچۈن ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتمايسىلەر؟› دېمىدىممۇ؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    ئۇلارنىڭ ئەڭ توغرا پىكىرلىك بولغىنى: «سىلەر باغقا بىرەر مىسكىنمۇ كىرگۈزمەستىن مېۋىلەرنى ئۈزۈۋېلىشقا قارار قىلىشقان چېغىڭلاردا مەن سىلەرگە: ‹نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئەسلەپ بۇ يامان نىيىتىڭلاردىن يانمايسىلەر؟› دېمىگەنمىدىم؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  29. (68-سۈرە قەلەم، 29-ئايەت) ئادالەتسىزلىك تەۋبە قىلىش
    قَالُوا سُبْحَانَ رَبِّنَا إِنَّا كُنَّا ظَالِمِينَ
    ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىزكى، بىز (مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى مەنئى قىلىش بىلەن) ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇق» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «رەببىمىز! سېنى پاك ئېتىقاد قىلىمىزكى، بىز ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇق» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «بىز رەببىمىزگە تەسبىھ ئېيتىمىز. بىز زۇلۇم قىلىپتىمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار بۇ تاپا گەپتىن كېيىن ھوشىنى تېپىپ: «ئى بىزنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ھەر ئىشىمىزنى ئىلكىدە تۇتۇۋاتقان ئىگىمىز - ئاللاھ! سەن ئۇلۇغسەن! سەن ئەيىب ۋە نۇقساندىن پاكسەن. بىز ھەقىقەتەن ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلىپتۇق» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  30. (68-سۈرە قەلەم، 30-ئايەت) ئۆز مەسئۇلىيەت تەۋبە قىلىش
    فَأَقْبَلَ بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ يَتَلَاوَمُونَ
    شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر ـ بىرگە قارىشىپ ئۆز ئارا مالامەت قىلىشتى — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر ـ بىرگە قارىشىپ ئۆز ئارا مالامەت قىلىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە بۇرۇلۇپ بىر - بىرىگە مالامەت قىلىشاتتى. — ئەنەس ئالىم

    (30-32) ئاندىن ئۇلار بىر - بىرىگە بۇرۇلۇپ ئۆزئارا ئەيىبلەشتى، ئاندىن خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىپ ۋە ئاللاھقا ئۈمىد باغلىغانلىقىنى ئىپادىلەپ: «ئىسىت بىزگە! بىز ھەددىمىزدىن ئېشىپتىمىز. ئىگىمىز - ئاللاھ بۇ باغنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ ياخشىراق باغ بەرگەي، بىز رەببىمىزگە ئۈمىد باغلىغۇچىلارمىز؛ رەببىمىزنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى، مەرھەمەت قىلىشىنى ۋە ئىنئام ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  31. (68-سۈرە قەلەم، 31-ئايەت) ئادالەتسىزلىك تەۋبە قىلىش
    قَالُوا يَا وَيْلَنَا إِنَّا كُنَّا طَاغِينَ
    ئۇلار دېيىشتى: «ۋاي ھالىمىزغا! بىز ھەقىقەتەن ھەددىمىزدىن ئېشىپتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار دېيىشتى: «ۋاي بىزگە! بىز ھەقىقەتەن ھەددىمىزدىن ئېشىپتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئىسىت بىزگە! بىز ھەددىمىزدىن ئېشىپتىمىز. — ئەنەس ئالىم

  32. (68-سۈرە قەلەم، 32-ئايەت) ئاللاھقا ئىشىنىش تەۋبە قىلىش
    عَسَىٰ رَبُّنَا أَنْ يُبْدِلَنَا خَيْرًا مِنْهَا إِنَّا إِلَىٰ رَبِّنَا رَاغِبُونَ
    ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىمىز بىزگە بۇنىڭدىن ياخشىراق باغنى بەرگەي، بىز ئەلۋەتتە پەرۋەردىگارىمىزدىن ئۈمىد قىلغۇچىلارمىز» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇمىدكى، رەببىمىز بىزگە بۇنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ ياخشىراقىنى بەرگەي، بىز ئەلۋەتتە رەببىمىزدىن ئۈمىد قىلغۇچىلارمىز» — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىمىز بىزگە ئۇ باغنىڭ ئورنىغا ئۇ باغدىن ياخشىراقىنى بەرگەي، بىز رەببىمىزگە ئۈمىد باغلىغۇچىلارمىز». — ئەنەس ئالىم

  33. كَذَٰلِكَ الْعَذَابُ ۖ وَلَعَذَابُ الْآخِرَةِ أَكْبَرُ ۚ لَوْ كَانُوا يَعْلَمُونَ
    ئازاب مانا مۇشۇنداقتۇر (يەنى قۇرەيشكىمۇ باغ ئىگىلىرىگە چۈشكەن ئازاب چۈشىدۇ). ئەگەر ئۇلار بىلسە، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئازاب مانا مۇشۇنداقتۇر. ئەگەر ئۇلار بىلسە، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئازاب ئەنە شۇنداقتۇر، ئاخىرەت ئازابى تېخىمۇ بۈيۈكتۇر، ئۇلار بىلگەن بولسىچۇ! — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! مېنىڭ تېگىشلىك بولغانلارغا دۇنيادا ئەۋەتىدىغان ئازابىم ئەنە شۇنداقتۇر؛ مۇشرىكلارمۇ ئالدىدا پۇرسەت بار چاغدا يولىدىن يېنىپ ھەقىقەتكە قايتمىسا ئەنە شۇ باغ ئىگىلىرى پالاكەتكە يولۇققاندەك، پالاكەتكە يولۇقىدۇ، مېنىڭ تېگىشلىك بولغانلارغا ئاخىرەتتە بېرىدىغان ئازابىم بولسا تېخىمۇ چوڭدۇر، مۇشرىكلار بۇنى بىلگەن بولسا تەۋبە قىلاتتى. رىۋايەت قىلىنىشىچە ئۆتمۈشتە دىندار بىر ئادەمنىڭ ھەر تۈرلۈك مېۋە ۋە زىرائەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر بېغى بار ئىدى، ئۇ كىشى ھوسۇل يىغىش زامانى كەلگەندە پېقىر - مىسكىنلەرنى چاقىراتتى ۋە ئۇلارغا باغنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن ھەدىيە قىلاتتى. ئۇ كىشى ۋاپات بولۇپ كەتكەندىن كېيىن بالىلىرى نوپۇسلىرىنىڭ كۆپلۈكىنى باھانە قىلىپ پېقىر - مىسكىنلەرنىڭ نېسىۋىنى بەرمەسلىككە ۋە باغنىڭ ھوسۇلىنى ئەتىگەن سەھەردە بېرىپ مەخپىي يىغىۋېلىشقا قارار قىلىشتى. لېكىن كېچىسى بىر ئاپەت كېلىپ باغنى ۋەيران قىلىۋەتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە بۇ ھادىسىنى بايان قىلىپ ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان، ئۇلارغا شۈكۈر قىلغۇچىلارنى تېخىمۇ كۆپ نېمەت بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى ۋە تۇزكورلۇق قىلغۇچىلارنىڭ ئىلكىدىكى نېمەتنى تارتىۋالىدىغانلىقىنى بىرقانچە قېتىم ئۇقتۇرغان. لېكىن مۇشرىكلار ئۇ ئىلاھىي نەسىھەتلەرگە قۇلاق سېلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭغا قارشى چىققان، ھەتتا ئۇنى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقارغان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئاستا-ئاستا ئىلگىرىكى نوپۇزى، بولۇپمۇ تىجارەت پۇرسىتى قالمىغان، ئۇلار ئاچارچىلىققا دۇچ كەلگەن، نەتىجىدە ئىلاھىي سىناقتىن ئۆتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن مەۋجۇتلۇقى ئاخىرلاشقان. ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلغان بولسا بۇ پالاكەتلەرگە يولۇقمايتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  34. (68-سۈرە قەلەم، 34-ئايەت) جەننەتنىڭ تەسۋىرى تەقۋادارلىق
    إِنَّ لِلْمُتَّقِينَ عِنْدَ رَبِّهِمْ جَنَّاتِ النَّعِيمِ
    . تەقۋادارلار پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا ھەقىقەتەن نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    تەقۋادارلار رەببىڭنىڭ دەرگاھىدا ھەقىقەتەن نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار ئۈچۈن رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدا نەئىم جەننەتلىرى بار. — ئەنەس ئالىم

    بۇ دۇنيادا ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىپ ياشىغانلار، ئۇ دۇنيادا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا نېمەت باغچىلىرى بىلەن مۇكاپاتلىنىپ ئۇ جايلاردىكى ماددىي - مەنىۋى نېمەتلەردىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  35. (68-سۈرە قەلەم، 35-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئادالىتى كاپىرلىق
    أَفَنَجْعَلُ الْمُسْلِمِينَ كَالْمُجْرِمِينَ
    بىز مۇسۇلمانلارنى كاپىرلار بىلەن باراۋەر قىلامدۇق؟ — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنغۇچىلارنى گۇناھكارلار بىلەن باراۋەر قىلامدۇق؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز مۇسۇلمانلارنى گۇناھكارلار بىلەن ئوخشاش قىلامدۇق؟ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئازابىمىزدىن قورقۇپ بىزگە ئىتائەت قىلغان ئىخلاسمەن بەندىلىرىمىز بىلەن ئەمر - پەرمانلىرىمىزغا بويۇنتاۋلىق قىلىپ گۇناھقا چۆمگەن گەدەنكەشلەرنى ئوخشاش كۆرەمدۇق؟ ياق، ئەسلا ئوخشاش كۆرمەيمىز، ئىككىسىگە ھەرگىزمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلمايمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  36. (68-سۈرە قەلەم، 36-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئادالىتى ئەقىل
    مَا لَكُمْ كَيْفَ تَحْكُمُونَ
    سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقسىگە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر! — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقچە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر! — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرگە نېمە بولدىكىن، نېمىشقا بۇنداق ھۆكۈم قىلىسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    (36-39) ئى گۇناھكارلار! سىلەر بۇ دۇنيادا تەقۋادارلار بىلەن ئوخشاش ئەمەل قىلماي تۇرۇقلۇق، قانداقمۇ ئۇ دۇنيادا ئۇلار بىلەن ئوخشاش مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقىڭلارغا ھۆكۈم قىلىسىلەر؟ ياكى سىلەرنىڭ بىرەر كىتابىڭلار بار بولۇپ، ئۇ كىتابتا «قىيامەت كۈنى خالىغىنىڭلار سىلەرنىڭ بولىدۇ» دەپ بىرەر مەزمۇننى ئوقۇدۇڭلارمۇ؟ ياق! ياكى بىز سىلەرگە، نېمىگە ھۆكۈم قىلساڭلار قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ بولىدىغانلىقىغا دائىر قىيامەتكىچە كۈچكە ئىگە بولىدىغان قەسەملەرنى قىلىپ بەردۇقمۇ؟ ياق! ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ئۆزۈڭلارنىڭ تەقۋادارلار بىلەن ئوخشاش ئاقىۋەتكە ئېرىشىدىغانلىقىڭلارغا ھۆكۈم قىلىسىلەر؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  37. (68-سۈرە قەلەم، 37-ئايەت) مۇقەددەس كىتابلار كاپىرلىق
    أَمْ لَكُمْ كِتَابٌ فِيهِ تَدْرُسُونَ
    ياكى سىلەردە (ئاسماندىن نازىل بولغان) بىر كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭدىن سىلەرگە (قىيامەت كۈنى) خالىغىنىڭلار بار، دېگەننى ئوقۇدۇڭلارمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى بولمىسا سىلەر ئۆگىنىش قىلىۋاتقان بىر كىتابىڭلار بولۇپ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى سىلەرنىڭ بىرەر كىتابىڭلار بار بولۇپ، بۇ ھۆكۈمنى ئۇنىڭدا ئوقۇدۇڭلارمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

  38. (68-سۈرە قەلەم، 38-ئايەت) كىبىر كاپىرلىق
    إِنَّ لَكُمْ فِيهِ لَمَا تَخَيَّرُونَ
    ياكى سىلەردە (ئاسماندىن نازىل بولغان) بىر كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭدىن سىلەرگە (قىيامەت كۈنى) خالىغىنىڭلار بار، دېگەننى ئوقۇدۇڭلارمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭدا «خالىغىنىڭلار سىلەرنىڭدۇر»، دەپ يېزىلغانمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭدا خالىغىنىڭلار سىلەرنىڭ بولىدۇ دەپ يېزىلغانمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

  39. (68-سۈرە قەلەم، 39-ئايەت) كاپىرلىق قەسەم
    أَمْ لَكُمْ أَيْمَانٌ عَلَيْنَا بَالِغَةٌ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ ۙ إِنَّ لَكُمْ لَمَا تَحْكُمُونَ
    ياكى سىلەرنىڭ ھۆكۈم قىلغان نەرسەڭلارنىڭ بولۇشى ئۈچۈن بىز سىلەر بىلەن قىيامەت كۈنى ئاندىن ۋاقتى توشىدىغان مەھكەم بىر ئەھدى تۈزۈشكەنمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى سىلەرنىڭ بىزنىڭ زىيىنىمىزغا «قىيامەت كۈنىگىچىلىك ھۆكۈم قىلغان نەرسەڭلارنىڭ سىلەر دېگەن بويىچە بولىدىغانلىقىغا دائىر» تۈزىۋالغان توختىمىڭلار بارمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى بىز سىلەرگە، نېمىگە ھۆكۈم قىلساڭلار سىلەرنىڭ بولىدىغانلىقىغا دائىر قىيامەتكىچە كۈچكە ئىگە بولىدىغان قەسەملەرنى قىلىپ بەردۇقمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

  40. (68-سۈرە قەلەم، 40-ئايەت) كاپىرلىق شېرىك
    سَلْهُمْ أَيُّهُمْ بِذَٰلِكَ زَعِيمٌ
    ئۇلاردىن سوراپ باققىنكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قايسىسى يۇقىرىقى ئىشلارغا كېپىللىك قىلالايدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن سوراپ باققىنكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قايسىسى يۇقىرىقى ئىشلارغا كېپىللىك قىلالايدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلاردىن سورىغىن: ئۇلارنىڭ قايسىسى بۇنىڭغا كېپىل؟ — ئەنەس ئالىم

    (40-41) ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنى تەقۋادارلار بىلەن ئوخشاش ئاقىۋەتكە ئېرىشىدىغانلىقى ھەققىدە قىلغان بۇ ھۆكمىنىڭ توغرىلىقىغا ۋە ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئۇلارنىڭ قايسىسى كېپىل بولىدىغانلىقىنى ياكى ئۇلارنى بۇ ھۆكمىدە قوللايدىغان ۋە ئۇ ھۆكۈمنىڭ توغرىلىقىغا كېپىل بولىدىغان شېرىكلىرى بار ياكى يوقلۇقىنى سورىغىن، ناۋادا ئۇلارنىڭ ئۇنداق شېرىكلىرى بار بولسا ۋە ئۇلار «قىيامەت كۈنى مۇئمىنلەر بىلەن ئوخشاش مۇكاپاتقا ئېرىشىمىز» دېگەن دەۋاسىدا راستچىل كىشىلەر بولسا شېرىكلىرىنى كەلتۈرۈپ دەۋاسىنى ئىسپاتلىسۇن!. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  41. (68-سۈرە قەلەم، 41-ئايەت) كاپىرلىق شېرىك
    أَمْ لَهُمْ شُرَكَاءُ فَلْيَأْتُوا بِشُرَكَائِهِمْ إِنْ كَانُوا صَادِقِينَ
    ياكى ئۇلارنىڭ (يۇقىرىقى ئىشلارغا كېپىللىك قىلىدىغان شېرىكلىرى) بارمۇ؟ ئەگەر ئۇلار (دەۋاسىدا) راستچىل بولسا، شېرىكلىرىنى كەلتۈرۈپ باقسۇن — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى بولمىسا ئۇلارنىڭ شېرىكلىرى بارمۇ؟ ئەگەر ئۇلار راستچىل بولسا، شېرىكلىرىنى كەلتۈرۈپ باقسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى ئۇلارنىڭ شېرىكلىرى بارمۇ؟ بار بولسا شېرىكلىرىنى كەلتۈرۈپ باقسۇن! ئەگەر راستچىل كىشىلەر بولسا. — ئەنەس ئالىم

  42. (68-سۈرە قەلەم، 42-ئايەت) تىرىلىش كاپىرلىق سەجدە
    يَوْمَ يُكْشَفُ عَنْ سَاقٍ وَيُدْعَوْنَ إِلَى السُّجُودِ فَلَا يَسْتَطِيعُونَ
    ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئىش قىيىنلىشىدۇ. ئۇلار (ئىمانىنى سىناش ئۈچۈن) سەجدە قىلىشقا چاقىرىلىدۇ، ئۇلار سەجدە قىلالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كۈندە ئىش قىيىنلىشىدۇ؛ ئۇلار سەجدە قىلىشقا چاقىرىلىدۇ، لېكىن ئۇلار سەجدە قىلالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى پاچاق ئېچىلىدۇ[2]. ئۇلار سەجدە قىلىشقا دەۋەت قىلىنىدۇ، لېكىن ئۇلار قادىر بولالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (42-43) قىيامەت كۈنى ئەھۋال ئېغىرلىشىدۇ، ئىش قىيىنلىشىدۇ، ۋەزىيەت جىددىيلىشىدۇ، مۇشرىكلار سەجدە قىلىشقا چاقىرىلىدۇ، لېكىن ئۇلار سەجدە قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ.، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ھەسرەت - نادامىتى ئارتىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ كۆزلىرى يەرگە تىكىلىپ قالىدۇ، ئۇلارنى خارلىق باسىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار دۇنيادا سەجدە قىلالايدىغان چاغلىرىدا سەجدە قىلىشقا چاقىرىلاتتى؛ لېكىن ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ سەجدە قىلمايتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  43. (68-سۈرە قەلەم، 43-ئايەت) تىرىلىش كەمتەرلىك كاپىرلىق
    خَاشِعَةً أَبْصَارُهُمْ تَرْهَقُهُمْ ذِلَّةٌ ۖ وَقَدْ كَانُوا يُدْعَوْنَ إِلَى السُّجُودِ وَهُمْ سَالِمُونَ
    ئۈچۈن) سەجدە قىلىشقا چاقىرىلىدۇ، ئۇلار سەجدە قىلالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار تىكىلىپ قارىيالمايدۇ، ئۇلارنى خارلىق قورشىۋالىدۇ، ئۇلار ساغلام چاغلىرىدا سەجدىگە دەۋەت قىلىنغان ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ كۆزلىرى يەرگە تىكىلىپ قالىدۇ، ئۇلارنى خارلىق باسىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار سەجدە قىلالايدىغان چاغلىرىدا سەجدە قىلىشقا چاقىرىلاتتى. — ئەنەس ئالىم

  44. فَذَرْنِي وَمَنْ يُكَذِّبُ بِهَٰذَا الْحَدِيثِ ۖ سَنَسْتَدْرِجُهُمْ مِنْ حَيْثُ لَا يَعْلَمُونَ
    بۇ قۇرئاننى ئىنكار قىلغانلارنى ماڭا قويۇۋەتكىن، ئۇلارنى تۇيدۇرماستىن، ئاستا ـ ئاستا ھالاكەتكە يۈزلەندۈرىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ قۇرئاننى يالغانغا چىقارغانلارنى ماڭا قويۇۋەتكىن، ئۇلارنى تۇيدۇرماستىن، ئاستا ـ ئاستا ھالاكەتكە يۈزلەندۈرىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ سۆزنى يالغان دېگۈچىلەرنى ماڭا قويغىن. بىز ئۇلارنى ئازابقا ئۇلار بىلمەيدىغان يەردىن ئاستا - ئاستا يېقىنلاشتۇرىمىز. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! مېنىڭ سۆزۈم بولغان بۇ قۇرئاننى ئىنكار قىلغانلارنى ماڭا قويغىن، ئۇلارنىڭ ئىشىنى ماڭا تاپشۇرغىن. بىز ئۇلارنى ئاستا - ئاستا ئازابقا يېقىنلاشتۇرىمىز؛ ئۇلار كۇفرىلىق قىلىپ تۇرسىمۇ بىز ئۇلارغا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتە كۈچ بېرىمىز، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشىدۇ، ئاخىرى ئۇشتۇمتۇت ئازابىمىزغا دۇچار بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  45. (68-سۈرە قەلەم، 45-ئايەت) ئىلاھىي ئىرادە ئىلاھىي ھۆكۈم
    وَأُمْلِي لَهُمْ ۚ إِنَّ كَيْدِي مَتِينٌ
    ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن. شۈبھىسىزكى، مېنىڭ تەدبىرىم پۇختىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ تەدبىرىم پۇختىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن. مېنىڭ پىلانىم ھەقىقەتەن پۇختىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! مەن ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ گۇناھ قىلىپ ئەڭ يامان ئازابقا لايىق بولۇشى ئۈچۈن باشتا مۆھلەت بېرىمەن، ئازابنى كېچىكتۈرىمەن، ئاندىن ھەددىدىن ئېشىشتا ئاخىرقى نۇقتىغا يەتكەندە جازالايمەن. مېنىڭ پىلانىم ھەقىقەتەن پۇختىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  46. (68-سۈرە قەلەم، 46-ئايەت) كاپىرلىق رىزىق
    أَمْ تَسْأَلُهُمْ أَجْرًا فَهُمْ مِنْ مَغْرَمٍ مُثْقَلُونَ
    ياكى ئۇلاردىن (دىنغا دەۋەت قىلغانلىقىڭغا) ھەق سوراپ، ئۇلارنىڭ (ئىقتىسادىي) يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتىڭمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى سەن ئۇلاردىن ھەق سوراپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتىڭمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى سەن ئۇلاردىن تەبلىغ ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلىپ، ئۇلار ئېغىر قەرز ئاستىدا قالدىمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلار سېنىڭ دەۋىتىڭدىن يۈز ئۆرۈۋاتىدۇ، سەن ئۇلاردىن تەبلىغ ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلىپ، ئۇلار ئېغىر قەرز ئاستىدا قالغاچقا دەۋەتتىن قېچىۋاتامدۇ؟ ياق، سېنىڭ ئۇلاردىن تەبلىغ ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلغىنىڭ يوق، ئەكسىچە ئۇلار ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلىكى، تەرسالىق قىلغانلىقى ۋە تەقلىدچىلىككە چۆمۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  47. (68-سۈرە قەلەم، 47-ئايەت) غەيبكە ئىشىنىش كاپىرلىق
    أَمْ عِنْدَهُمُ الْغَيْبُ فَهُمْ يَكْتُبُونَ
    ياكى ئۇلارنىڭ يېنىدا غەيب (يەنى غەيبنى ئىچىگە ئالغان لەۋھۇلمەھپۇز) بار بولۇپ، ئۇلار (ئېيتىدىغانلىرىنى شۇنىڭغا) يازامدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى ئۇلارنىڭ يېنىدا غەيب بار بولۇپ، ئۇلار يېزىۋاتامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى غەيب ئۇلارنىڭ يېنىدا بولۇپ، ئۇلار يېزىۋالامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلار سەن دەۋەت قىلغان يولنىڭ خاتالىقىنى ۋە يېقىندا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ يوق بولىدىغانلىقىڭنى دەۋا قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقلا بۇنى باشقىلارغا ئېيتىۋاتىدۇ، ئۇلار غەيب ئىلمىگە ۋاقىپ بولۇپ، ئۇنىڭدىن خالىغانلىرىنى يېزىۋالامدۇ؟ ياق، ئۇلار غەيبكە ئەسلا ۋاقىپ ئەمەس، لېكىن ئۇلار نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ شۇنداق دەۋاتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  48. فَاصْبِرْ لِحُكْمِ رَبِّكَ وَلَا تَكُنْ كَصَاحِبِ الْحُوتِ إِذْ نَادَىٰ وَهُوَ مَكْظُومٌ
    پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، (ئالدىراڭغۇلۇقتا، زېرىككەكلىكتە) بېلىقنىڭ ساھىبىغا (يەنى يۇنۇسقا) ئوخشاش بولمىغىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (بېلىقنىڭ قارنىدا تۇرۇپ) غەمكىن ھالدا پەرۋەردىگارىغا ئىلتىجا قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، بېلىقنىڭ ساھىبى- يۇنۇس- قا ئوخشاش بولمىغىنكى، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ غەمكىن ھالدا رەببىغا ئىلتىجا قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، بېلىقنىڭ ھەمراھىدەك بولمىغىن. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئىچىگە ئاچچىق تولغان ھالدا رەببىگە نىدا قىلغان ئىدى. — ئەنەس ئالىم

    (48-50) ئى مۇھەممەد! ئۇنداقتا، سەن ئىگەڭ - ئاللاھنىڭ مۇشرىكلارنى جازالاشنى ۋە ساڭا نۇسرەت ئاتا قىلىشنى كېچىكتۈرۈش ھەققىدىكى ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن؛ ئۇلارغا ئازابىمىز، ئۆزۈڭگە نۇسرىتىمىز كەلگەنگە قەدەر چىداپ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغىن. بېلىقنىڭ ھەمراھىغا، يەنى دېڭىزدا بېلىق يۇتۇپ كەتكەن يۇنۇسقا ئوخشاش ئالدىراڭغۇ بولمىغىن. يۇنۇس ئۆز ۋاقتىدا بېلىقنىڭ قارنىدا تۇرۇپ ئىچىگە ئاچچىق ۋە غەم - قايغۇ تولۇپ كەتكەن ھالدا رەببىگە نىدا قىلغان ئىدى: «يارەببى! سەن بىردىنبىر مەبۇدۇمسەن، سېنىڭ ھېچقانداق ئەيىب ۋە نۇقسانىڭ يوق، مەن خاتالاشتىم» دەپ نىدا قىلدى. ئەگەر ئۇنىڭغا بىزنىڭ نېمىتىمىز يېتىشمىگەن بولسا ئىدى، ئۇ ئەيىبلەنگەن ھالدا ئوچۇقچىلىق جايغا ئېتىلغان بولاتتى، لېكىن رەببى ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشنى تاللىدى ۋە ئۇنى ياخشىلاردىن قىلدى. «بېلىقنىڭ ھەمراھى» - قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەردىن يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ لەقىمىدۇر. يۇنۇس ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىمدە ئۆزىنىڭ «يۇنۇس» دېگەن ئىسمى بىلەن تۆت قېتىم، «بېلىقنىڭ ھەمراھى»دېگەن بۇ لەقىمى بىلەن ئىككى قېتىم زىكىر قىلىنىدۇ. يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنىڭ خۇلاسىسى، خۇسۇسەن «بېلىقنىڭ ھەمراھى» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىچە: يۇنۇس ئەلەيھىسسالام قەۋمىگە شۇنچە نەسىھەت قىلسىمۇ قەۋمى ئىمان ئېيتمىغان. ئۇ، سەۋر قىلالماي قەۋمىنى تەرك ئەتكەن؛ ئاللاھنىڭ رۇخسەت قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا جازالىمايدىغانلىقىنى ئويلاپ يۇرتىدىن چىقىپ بىر دېڭىز ساھىلىغا بارغان، ئۇ يەردىن باشقا بىر يەرگە كېتىش ئۈچۈن كېمىگە چىققان، كېمە يۈكى ئېغىر كېلىپ ئۇ ياققا - بۇ ياققا چايقالغىلى باشلىغان، كېمە ئەھلى چۆكۈپ كېتىشتىن قورقۇپ كېمىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ئارىلىرىدىن بىرقانچە كىشىنى دېڭىزغا تاشلىۋېتىشنى ۋە بۇ ئىشنى ئادالەت بىلەن قىلىش ئۈچۈن ئۆز ئارىلىرىدا چەك تاشلىشىشنى قارارلاشتۇرغان، شۇنىڭ بىلەن چەك تاشلانغان، چەكتە يۇنۇس ئەلەيھىسسالاممۇ تاشلىۋېتىلىدىغانلارنىڭ قاتارىدا چىققان، ئاندىن يۇنۇس ئەلەيھىسسالام دېڭىزغا تاشلانغان ۋە ئۇنى بېلىق (كىت) يۇتۇپ كەتكەن. يۇنۇس ئەلەيھىسسالام كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى، دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقى ۋە بېلىقنىڭ قارنىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن ئىبارەت قاتمۇقات قاراڭغۇلۇقلارنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ (سەۋر قىلالماي قەۋمىنى تەرك ئەتكەنلىك) خاتالىقىنى تونۇغان، شۇنداقلا ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ تەسبىھ ئېيتقان، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى قوبۇل قىلىپ ئۇنى بېلىقنىڭ قارنىدىن ساھىلغا چىقارغان ۋە ئۇنىڭغا كاۋا ئائىلىسىدىن بولغان بىر دەرەخ ئۈندۈرۈپ بەرگەن، ئۇ مەزكۇر دەرەخنىڭ سايىسىدا تۇرۇپ تەن سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن. ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۇ قەۋمگە (يۈز مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە) قايتا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن. يۇنۇس ئەلەيھىسسالام قايتىپ كەلگەندە قەۋمىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ئەگەشكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قەۋم (نىنوۋا ئاھالىسى) پەيغەمبىرى ئىمان كەلتۈرۈشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەندىن كېيىن تامامى ئىمان كەلتۈرگەن بىرلا ئاھالە بولغان ۋە ئەجەللىرى توشقۇچە ياشىغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  49. لَوْلَا أَنْ تَدَارَكَهُ نِعْمَةٌ مِنْ رَبِّهِ لَنُبِذَ بِالْعَرَاءِ وَهُوَ مَذْمُومٌ
    ئەگەر ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نېمىتىگە ئېرىشمىسە ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇ (قىلمىشىغا) مالامەت قىلىنغان ھالدا (دەرەخمۇ يوق، تاغمۇ يوق) بىر دالىغا تاشلانغان بولاتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئۇ رەببىنىڭ نېمىتىگە ئېرىشمىسە ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇ مالامەت قىلىنغان ھالدا بىر دالىغا تاشلانغان بولاتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئۇنىڭغا رەببىدىن نېمەت يېتىشمىگەن بولسا ئىدى، ئۇ ئەيىبلەنگەن ھالدا ئوچۇقچىلىق جايغا ئېتىلغان بولاتتى. — ئەنەس ئالىم

  50. (68-سۈرە قەلەم، 50-ئايەت) تەقۋادارلىق ئىلاھىي ئىرادە
    فَاجْتَبَاهُ رَبُّهُ فَجَعَلَهُ مِنَ الصَّالِحِينَ
    پەرۋەردىگارى ئۇنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدى، ئۇنى ياخشىلاردىن قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    رەببى ئۇنى تاللىدى ۋە ئۇنى ياخشىلاردىن قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    لېكىن رەببى ئۇنى تاللاپ ياخشىلاردىن قىلدى. — ئەنەس ئالىم

  51. وَإِنْ يَكَادُ الَّذِينَ كَفَرُوا لَيُزْلِقُونَكَ بِأَبْصَارِهِمْ لَمَّا سَمِعُوا الذِّكْرَ وَيَقُولُونَ إِنَّهُ لَمَجْنُونٌ
    كاپىرلار قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا (ساڭا بولغان دۈشمەنلىكىنىڭ قاتتىقلىقىدىن يامان) كۆزلىرى بىلەن سېنى يىقىتىۋېتىشكە تاس قالىدۇ. سېنى: «شۈبھىسىز بىر مەجنۇن» دېيىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كاپىرلار قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا كۆزلىرى بىلەن سېنى يىقىتىۋېتىشكە تاس قالىدۇ ۋە ئۇلار: «شۈبھىسىزكى بۇ بىر ساراڭدۇر» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كافىرلار قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا سېنى كۆزلىرى بىلەن يىقىتىۋەتكىلى تاس قالىدۇ ۋە سېنىڭ ھەققىڭدە: «ئۇ ھەقىقەتەن جىن چاپلىشىۋالغان ئادەمدۇر» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (51-52) كافىرلار سەندىن قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا ساڭا بولغان نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىكىدىن سېنى كۆزلىرى بىلەن يىقىتىۋەتكىلى تاس قالىدۇ ۋە سېنىڭ ھەققىڭدە: «ئۇ ھەقىقەتەن ئەقلىدىن ئازغان ئادەمدۇر» دەيدۇ. ھالبۇكى، قۇرئان ئالەملەر ئۈچۈن ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئىلىم ۋە قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك نەسىھەتتىنلا ئىبارەتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  52. وَمَا هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِلْعَالَمِينَ
    قۇرئان پەقەت تامام ئەھلى جاھان ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ھالبۇكى، قۇرئان پۈتۈن جاھان ئەھلى ئۈچۈن بىر ئەسلەتمىدىنلا ئىبارەتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھالبۇكى، قۇرئان ئالەملەر ئۈچۈن ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئىلىمدىنلا ئىبارەتتۇر. — ئەنەس ئالىم