فەتىھ سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 29 ئايەت
مەنىسى: ئازاد قىلىش. ئاتىلىش سەۋەبى: مەككىنىڭ فەتىھ قىلىندىغانلىقىدىن ئالدىن ئۇچۇر بېرىلگەن
  1. (48-سۈرە فەتىھ، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِنَّا فَتَحْنَا لَكَ فَتْحًا مُبِينًا
    ئاللاھنىڭ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى كەچۈرۈشى ئۈچۈن، ساڭا بەرگەن نېمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ئۈچۈن، سېنى توغرا يولغا باشلىشى ئۈچۈن، ساڭا كۈچلۈك ياردەم بېرىشى ئۈچۈن، ساڭا بىز ھەقىقەتەن روشەن غەلىبە ئاتا قىلدۇق

    (ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى كەچۈرۈش، ساڭا بەرگەن نېمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سېنى توغرا يولغا باشلاش، ساڭا كۈچلۈك ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بىز ساڭا ھەقىقەتەن روشەن غەلىبە ئاتا قىلدۇق [1ـ3].

  2. (48-سۈرە فەتىھ، 2-ئايەت)
    لِيَغْفِرَ لَكَ اللَّهُ مَا تَقَدَّمَ مِنْ ذَنْبِكَ وَمَا تَأَخَّرَ وَيُتِمَّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكَ وَيَهْدِيَكَ صِرَاطًا مُسْتَقِيمًا
    ئاللاھنىڭ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى كەچۈرۈشى ئۈچۈن، ساڭا بەرگەن نېمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ئۈچۈن، سېنى توغرا يولغا باشلىشى ئۈچۈن، ساڭا كۈچلۈك ياردەم بېرىشى ئۈچۈن، ساڭا بىز ھەقىقەتەن روشەن غەلىبە ئاتا قىلدۇق

    (ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى كەچۈرۈش، ساڭا بەرگەن نېمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سېنى توغرا يولغا باشلاش، ساڭا كۈچلۈك ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بىز ساڭا ھەقىقەتەن روشەن غەلىبە ئاتا قىلدۇق [1ـ3].

  3. (48-سۈرە فەتىھ، 3-ئايەت)
    وَيَنْصُرَكَ اللَّهُ نَصْرًا عَزِيزًا
    ئاللاھنىڭ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى كەچۈرۈشى ئۈچۈن، ساڭا بەرگەن نېمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ئۈچۈن، سېنى توغرا يولغا باشلىشى ئۈچۈن، ساڭا كۈچلۈك ياردەم بېرىشى ئۈچۈن، ساڭا بىز ھەقىقەتەن روشەن غەلىبە ئاتا قىلدۇق

    (ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى گۇناھلىرىڭنى كەچۈرۈش، ساڭا بەرگەن نېمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سېنى توغرا يولغا باشلاش، ساڭا كۈچلۈك ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بىز ساڭا ھەقىقەتەن روشەن غەلىبە ئاتا قىلدۇق [1ـ3].

  4. (48-سۈرە فەتىھ، 4-ئايەت)
    هُوَ الَّذِي أَنْزَلَ السَّكِينَةَ فِي قُلُوبِ الْمُؤْمِنِينَ لِيَزْدَادُوا إِيمَانًا مَعَ إِيمَانِهِمْ ۗ وَلِلَّهِ جُنُودُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا
    مۆمىنلەرنىڭ ئىمانىغا ئىمان قوشۇلۇشى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا تەمكىنلىكنى چۈشۈردى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (پەرىشتىلەردىن، جىنلاردىن، ھايۋانلاردىن ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىدىن بولغان) قوشۇنلىرى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ (خەلقنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

    مۆمىنلەرنىڭ ئىمانىغا ئىمان قوشۇلۇشى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا خاتىرجەملىكنى سالدى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى قوشۇنلار ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [4].

  5. (48-سۈرە فەتىھ، 5-ئايەت)
    لِيُدْخِلَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا وَيُكَفِّرَ عَنْهُمْ سَيِّئَاتِهِمْ ۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عِنْدَ اللَّهِ فَوْزًا عَظِيمًا
    (مۆمىنلەرنىڭ دىللىرىغا ئاللاھنىڭ تەمكىنلىك چۈشۈرۈشى) ئەر ـ ئايال مۆمىنلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۇلار مەڭگۈ قالىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزۈشى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈشى ئۈچۈندۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر

    بىزنىڭ ساڭا غەلبە ئاتا قىلىشىمىز ئەر ـ ئايال مۆمىنلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۇلار مەڭگۈ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزۈش ۋە ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈش ئۈچۈندۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر [5].

  6. (48-سۈرە فەتىھ، 6-ئايەت)
    وَيُعَذِّبَ الْمُنَافِقِينَ وَالْمُنَافِقَاتِ وَالْمُشْرِكِينَ وَالْمُشْرِكَاتِ الظَّانِّينَ بِاللَّهِ ظَنَّ السَّوْءِ ۚ عَلَيْهِمْ دَائِرَةُ السَّوْءِ ۖ وَغَضِبَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ وَلَعَنَهُمْ وَأَعَدَّ لَهُمْ جَهَنَّمَ ۖ وَسَاءَتْ مَصِيرًا
    (مۆمىنلەرنىڭ دىللىرىغا ئاللاھنىڭ تەمكىنلىك چۈشۈرۈشى) مۇناپىق ۋە مۇناپىقەلەرگە، مۇشرىك ۋە مۇشرىكەلەرگە ئازاب قىلىش ئۈچۈندۇر، ئۇلار ئاللاھقا قارىتا (ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە ياردەم) بەرمەيدۇ دەيدىغان يامان ئويلاردا بولدى، (ئۇلار مۆمىنلەرگە يەتسۇن دېگەن) ھالاكەت ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە يېتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا غەزەپ قىلدى، ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، ئۇلارغا جەھەننەمنى تەييارلىدى، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!

    شۇنداقلا ئاللاھ ھەققىدە يامان ئويلاردا بولغان ئەر-ئايال مۇناپىقلارنى ۋە ئەر-ئايال مۇشرىكلارنى ئازابلاش ئۈچۈندۇر. ھالاكەت ئۇلارنىڭ ئۆزىگىلا كېلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا غەزەپ قىلدى، ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، ئۇلارغا جەھەننەمنى تەييارلىدى، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي! [6].

  7. (48-سۈرە فەتىھ، 7-ئايەت)
    وَلِلَّهِ جُنُودُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمًا
    ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ قوشۇنلىرى ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھقالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى قوشۇنلار ئاللاھنىڭدۇر، ئاللاھ ھەممىدىن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [7].

  8. (48-سۈرە فەتىھ، 8-ئايەت)
    إِنَّا أَرْسَلْنَاكَ شَاهِدًا وَمُبَشِّرًا وَنَذِيرًا
    بىز ھەقىقەتەن سېنى (قىيامەت كۈنى خەلققە) گۇۋاھلىق بەرگۈچى، (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارنى ئازابتىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق

    (ئى مۇھەممەد!) بىز ھەقىقەتەن سېنى گۇۋاھلىق بەرگۈچى،خۇش خەۋەر بەرگۈچى،ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق [8].

  9. (48-سۈرە فەتىھ، 9-ئايەت)
    لِتُؤْمِنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَتُعَزِّرُوهُ وَتُوَقِّرُوهُ وَتُسَبِّحُوهُ بُكْرَةً وَأَصِيلًا
    سىلەرنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنى (يەنى پەيغەمبەرنى) ئۇلۇغلىشىڭلار ۋە ھۆرمەتلىشىڭلار ئۈچۈن، ئەتىگەندە ۋە ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن (بىز پەيغەمبەرنى ئەۋەتتۇق)

    بۇ سىلەرنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتىشىڭلار، ئۇ پەيغەمبەرنى ئۇلۇغلىشىڭلار ۋە ھۆرمەتلىشىڭلار، ئەتىگەندە ۋە ئاخشامدا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىشىڭلار ئۈچۈندۇر [9].

  10. (48-سۈرە فەتىھ، 10-ئايەت)
    إِنَّ الَّذِينَ يُبَايِعُونَكَ إِنَّمَا يُبَايِعُونَ اللَّهَ يَدُ اللَّهِ فَوْقَ أَيْدِيهِمْ ۚ فَمَنْ نَكَثَ فَإِنَّمَا يَنْكُثُ عَلَىٰ نَفْسِهِ ۖ وَمَنْ أَوْفَىٰ بِمَا عَاهَدَ عَلَيْهُ اللَّهَ فَسَيُؤْتِيهِ أَجْرًا عَظِيمًا
    شۈبھىسىزكى، (ئى مۇھەممەد! ھۇدەيبىيەدە) ساڭا (رىزۋان) بەيئىتىنى قىلغانلار (ھەقىقەتتە) ئاللاھقا بەيئەت قىلغان بولىدۇ، ئاللاھنىڭ قولى ئۇلارنىڭ قولىنىڭ ئۈستىدىدۇر (يەنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان بەيئىتىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھ ئۇلارنى بەيئەت قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتلايدۇ)، كىمكى ئەھدىنى بۇزىدىكەن، ئەھدىنى بۇزغانلىقىنىڭ زېيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ، ئاللاھ بىلەن قىلغان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا ئاللاھ بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ

    شۈبھىسىزكى، (ئى مۇھەممەد! ھۇدەيبىيەدە) ساڭا بەيئەت قىلغانلار ئەمەلىيەتتە ئاللاھقا بەيئەت قىلغان بولىدۇ. ئاللاھنىڭ قولى (يەنى قۇدرىتى) ئۇلارنىڭ قولىنىڭ ئۈستىدىدۇر، كىمكى ئەھدىنى بۇزىدىكەن، ئەھدىنى بۇزغانلىقىنىڭ زېيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلغان، ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا ئاللاھ بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ [10].

  11. (48-سۈرە فەتىھ، 11-ئايەت)
    سَيَقُولُ لَكَ الْمُخَلَّفُونَ مِنَ الْأَعْرَابِ شَغَلَتْنَا أَمْوَالُنَا وَأَهْلُونَا فَاسْتَغْفِرْ لَنَا ۚ يَقُولُونَ بِأَلْسِنَتِهِمْ مَا لَيْسَ فِي قُلُوبِهِمْ ۚ قُلْ فَمَنْ يَمْلِكُ لَكُمْ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا إِنْ أَرَادَ بِكُمْ ضَرًّا أَوْ أَرَادَ بِكُمْ نَفْعًا ۚ بَلْ كَانَ اللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ خَبِيرًا
    (ھۇدەيبىيەگە چىقماي) قېلىپ قالغان (مۇناپىق) ئەئرابىيلار ساڭا: «بىز ماللىرىمىز، بالا ـ چاقىلىرىمىز بىلەن بولۇپ قېلىپ (سەن بىلەن چىقالمىدۇق)، بىز ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن» دەيدۇ، ئۇلارنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقىنى دىلىدىكى سۆز ئەمەس (يەنى ئۇلار يالغان ئۆزرە ئېيتىدۇ). ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر زىياننى ياكى پايدىنى ئىرادە قىلسا، كىم سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئالدىدا بىرەر نەرسىگە دال بولالايدۇ؟ (يەنى كىم سىلەردىن ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە قازاسىنى توسىيالايدۇ؟) ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس)، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر

    (ھۇدەيبىيەگە) چىقماي قېلىپ قالغان سەھرالىق(مۇناپىق) ئەرەبلەر ساڭا: «بىز ماللىرىمىز، بالىۋاقىلىرىمىز بىلەن بولۇپ قېلىپ چىقالمىدۇق،سەن بىز ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن» دەيدۇ، ئۇلار دىلىدا يوق نەرسىنى تىلىنىڭ ئۇچىدىلا دەپ قويىدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر زىياننى ياكى پايدىنى ئىرادە قىلسا، كىم سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ئالدىدا بىرەر ئىش قىلىپ بېرەلەيدۇ؟ ئىش سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر [11].

  12. (48-سۈرە فەتىھ، 12-ئايەت)
    بَلْ ظَنَنْتُمْ أَنْ لَنْ يَنْقَلِبَ الرَّسُولُ وَالْمُؤْمِنُونَ إِلَىٰ أَهْلِيهِمْ أَبَدًا وَزُيِّنَ ذَٰلِكَ فِي قُلُوبِكُمْ وَظَنَنْتُمْ ظَنَّ السَّوْءِ وَكُنْتُمْ قَوْمًا بُورًا
    بەلكى سىلەر، پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر ئائىلىسىگە مەڭگۈ قايتمايدۇ، دەپ گۇمان قىلدىڭلار، بۇ (گۇمراھلىق) دىللىرىڭلاردا چىرايلىق تۇيۇلدى، سىلەر يامان گۇماندا (يەنى ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈپ بىرىمۇ ساق قايتمايدۇ دەيدىغان ئويدا) بولدۇڭلار، سىلەر ھالاك بولغۇچى قەۋم بولدۇڭلار»

    ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەر: پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر ئۆز ئۆيلىرىگە مەڭگۈ قايتالمايدۇ، دەپ ئويلىدىڭلار، بۇ ئويۇڭلار دىللىرىڭلاردا ياخشىدەك تۇيۇلدى. سىلەر يامان ئويدا بولدۇڭلار-دە، ھالاك بولغۇچى قەۋم بولۇپ بولدۇڭلار» [12].

  13. (48-سۈرە فەتىھ، 13-ئايەت)
    وَمَنْ لَمْ يُؤْمِنْ بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ فَإِنَّا أَعْتَدْنَا لِلْكَافِرِينَ سَعِيرًا
    كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشەنمەيدىكەن (ئۇ كاپىردۇر)، شۈبھىسىزكى، بىز كاپىرلارغا دوزاخنى تەييارلىدۇق

    كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشەنمەيدىكەن، شۈبھىسىزكى، بىز ئۇنداق كافىرلارغا دوزاخنى تەييارلىدۇق [13].

  14. (48-سۈرە فەتىھ، 14-ئايەت)
    وَلِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ يَغْفِرُ لِمَنْ يَشَاءُ وَيُعَذِّبُ مَنْ يَشَاءُ ۚ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا
    ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر

    ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ئازابلايدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر [14].

  15. (48-سۈرە فەتىھ، 15-ئايەت)
    سَيَقُولُ الْمُخَلَّفُونَ إِذَا انْطَلَقْتُمْ إِلَىٰ مَغَانِمَ لِتَأْخُذُوهَا ذَرُونَا نَتَّبِعْكُمْ ۖ يُرِيدُونَ أَنْ يُبَدِّلُوا كَلَامَ اللَّهِ ۚ قُلْ لَنْ تَتَّبِعُونَا كَذَٰلِكُمْ قَالَ اللَّهُ مِنْ قَبْلُ ۖ فَسَيَقُولُونَ بَلْ تَحْسُدُونَنَا ۚ بَلْ كَانُوا لَا يَفْقَهُونَ إِلَّا قَلِيلًا
    (ھۇدەيبىيەگە چىقماي) قېلىپ قالغانلار غەنىيمەت ئېلىش ئۈچۈن چىققان ۋاقىتلىرىدا: «بىزمۇ سىلەر بىلەن چىقايلى» دەيدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ (خەيبەر غەنىيمىتى ھۇدەيبىيەگە چىققانلارغا خاس دېگەن) سۆزىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «بىز بىلەن چىقىشىڭلارغا ھەرگىز بولمايدۇ، ئاللاھ ئىلگىرى مۇشۇنداق دېگەن». ئۇلار: «ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئاللاھ ئۇنداق دېمىگەن)، سىلەر بىزگە ھەسەت قىلىۋاتىسىلەر» دەيدۇ. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (ئاللاھنىڭ كالامىنى) پەقەت يۈزەگىنە چۈشىنىدۇ

    (ھۇدەيبىيەگە چىقماي) قېلىپ قالغانلار سىلەر غەنىمەت ئالغىلى ماڭغاندا: «رۇخسەت قىلىڭلار، بىزمۇ سىلەر بىلەن چىقايلى» دەيدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ (خەيبەر غەنىمىتى ھۇدەيبىيەگە چىققانلارغا خاس دېگەن) سۆزىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. سەن ئۇلارغا:«سىلەرنىڭ بىز بىلەن چىقىشىڭلارغا ھەرگىز بولمايدۇ، ئاللاھ ئىلگىرى مۇشۇنداق دېگەن» دېسەڭ. ئۇلار: «ئاللاھ ئۇنداق دېمىگەن، سىلەر بىزگە ھەسەت قىلىۋاتىسىلەر» دەيدۇ. ئەمەلىيەت ئۇلار دېگەندەك ئەمەس، ئۇلار (ئاللاھنىڭ كالامىنىڭ) ئاز بىر قىسمىنىلا چۈشىنىدۇ [15].

  16. (48-سۈرە فەتىھ، 16-ئايەت)
    قُلْ لِلْمُخَلَّفِينَ مِنَ الْأَعْرَابِ سَتُدْعَوْنَ إِلَىٰ قَوْمٍ أُولِي بَأْسٍ شَدِيدٍ تُقَاتِلُونَهُمْ أَوْ يُسْلِمُونَ ۖ فَإِنْ تُطِيعُوا يُؤْتِكُمُ اللَّهُ أَجْرًا حَسَنًا ۖ وَإِنْ تَتَوَلَّوْا كَمَا تَوَلَّيْتُمْ مِنْ قَبْلُ يُعَذِّبْكُمْ عَذَابًا أَلِيمًا
    (ھۇدەيبىيىگە چىقماي) قېلىپ قالغان ئەئرابىيلارغا: «سىلەر جەڭگىۋار بىر قەۋم بىلەن (ئۇرۇشۇشقا) چاقىرىلىسىلەر، ياكى ئۇلار (ئۇرۇشسىزلا) مۇسۇلمان بولىدۇ (ئۇلار بىلەن ئۇرۇشمايسىلەر)، ئەگەر سىلەر (بۇيرۇققا) بويسۇنساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە چىرايلىق ئەجىر ئاتا قىلدۇ، ئەگەر سىلەر ئىلگىرى قېلىپ قالغاندەك، يەنە قېلىپ قالساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە قاتتىق ئازاب قىلىدۇ» دېگىن

    (ھۇدەيبىيەگە) چىقماي قېلىپ قالغان سەھرالىق ئەرەبلەرگە: «سىلەر جەڭگىۋار بىر قەۋم بىلەن ئۇرۇشۇشقا چاقىرىلىسىلەر، بەلكىم ئۇلار (ئۇرۇش بولمىغان تەقدىردىمۇ) مۇسۇلمان بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر سىلەر بۇيرۇققا بويسۇنساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئوبدان ئەجىر ئاتا قىلدۇ، ئەگەر سىلەر ئىلگىرىكىدەك بۇيرۇققا بويسۇنۇشتىن باش تارتساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى قاتتىق ئازابلايدۇ» دېگىن [16].

  17. (48-سۈرە فەتىھ، 17-ئايەت)
    لَيْسَ عَلَى الْأَعْمَىٰ حَرَجٌ وَلَا عَلَى الْأَعْرَجِ حَرَجٌ وَلَا عَلَى الْمَرِيضِ حَرَجٌ ۗ وَمَنْ يُطِعِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ يُدْخِلْهُ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ ۖ وَمَنْ يَتَوَلَّ يُعَذِّبْهُ عَذَابًا أَلِيمًا
    (جىھادقا چىقمىسا) ئەماغا گۇناھ بولمايدۇ، توكۇرغىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، كېسەلگىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇنى ئاللاھ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، كىمكى (ئۆزرىسىز جىھادتىن) باش تارتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى (دۇنيادا خورلۇق بىلەن، ئاخىرەتتە ئوت بىلەن) قاتتىق ئازابلايدۇ

    (جىھادقا چىقمىغان) ئەماغا گۇناھ بولمايدۇ، توكۇرغىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، كېسەلگىمۇ گۇناھ بولمايدۇ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇنى ئاللاھ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، كىمكى (ئىتائەتتىن) باش تارتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى قاتتىق ئازابلايدۇ [17].

  18. (48-سۈرە فەتىھ، 18-ئايەت)
    لَقَدْ رَضِيَ اللَّهُ عَنِ الْمُؤْمِنِينَ إِذْ يُبَايِعُونَكَ تَحْتَ الشَّجَرَةِ فَعَلِمَ مَا فِي قُلُوبِهِمْ فَأَنْزَلَ السَّكِينَةَ عَلَيْهِمْ وَأَثَابَهُمْ فَتْحًا قَرِيبًا
    ئاللاھ مۆمىنلەردىن ھەقىقەتەن رازى بولدى، (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (ھۇدەيبىيەدە) دەرەخ (سايىسى) ئاستىدا ساڭا بەيئەت قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىلىدىكىنى (يەنى راستلىق بىلەن ۋاپانى) بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلار بەيئەت قىلىۋاتقاندا) تەمكىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى ۋە ئۇلارنى يېقىن غەلىبە (يەنى خەيبەرنىڭ پەتھى قىلىنىشى) بىلەن ۋە ئۇلار ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىيمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىدى. ئاللاھقالىپتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

    (ئى مۇھەممەد!) مۆمىنلەر ساڭا (ھۇدەيبىيەدىكى) دەرەخ ئاستىدا بەيئەت قىلىۋاتقاندا. ئاللاھ ئۇلاردىن ھەقىقەتەن رازى بولدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى بىلىپ، ئۇلارغا خاتىرجەملىك ئاتا قىلدى ۋە ئۇلارنى يېقىن ئارىدا قولغا كېلىدىغان غەلىبە (يەنى خەيبەرنىڭ پەتھى قىلىنىشى) بىلەن ۋە ئۇلار ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىدى. ئاللاھ ھەممىدىن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [18ـ 19].

  19. (48-سۈرە فەتىھ، 19-ئايەت)
    وَمَغَانِمَ كَثِيرَةً يَأْخُذُونَهَا ۗ وَكَانَ اللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمًا
    ئاللاھ مۆمىنلەردىن ھەقىقەتەن رازى بولدى، (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (ھۇدەيبىيەدە) دەرەخ (سايىسى) ئاستىدا ساڭا بەيئەت قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىلىدىكىنى (يەنى راستلىق بىلەن ۋاپانى) بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلار بەيئەت قىلىۋاتقاندا) تەمكىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى ۋە ئۇلارنى يېقىن غەلىبە (يەنى خەيبەرنىڭ پەتھى قىلىنىشى) بىلەن ۋە ئۇلار ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىيمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىدى. ئاللاھقالىپتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

    (ئى مۇھەممەد!) مۆمىنلەر ساڭا (ھۇدەيبىيەدىكى) دەرەخ ئاستىدا بەيئەت قىلىۋاتقاندا. ئاللاھ ئۇلاردىن ھەقىقەتەن رازى بولدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى بىلىپ، ئۇلارغا خاتىرجەملىك ئاتا قىلدى ۋە ئۇلارنى يېقىن ئارىدا قولغا كېلىدىغان غەلىبە (يەنى خەيبەرنىڭ پەتھى قىلىنىشى) بىلەن ۋە ئۇلار ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىدى. ئاللاھ ھەممىدىن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [18ـ 19].

  20. (48-سۈرە فەتىھ، 20-ئايەت)
    وَعَدَكُمُ اللَّهُ مَغَانِمَ كَثِيرَةً تَأْخُذُونَهَا فَعَجَّلَ لَكُمْ هَٰذِهِ وَكَفَّ أَيْدِيَ النَّاسِ عَنْكُمْ وَلِتَكُونَ آيَةً لِلْمُؤْمِنِينَ وَيَهْدِيَكُمْ صِرَاطًا مُسْتَقِيمًا
    ئاللاھ سىلەر ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىيمەتلەرنى سىلەرگە ۋەدە قىلدى، بۇنى (يەنى خەيبەرنىڭ غەنىيمىتىنى) ھەممىدىن بۇرۇن ئاتا قىلدى، سىلەرنى دۈشمەنلەرنىڭ قول سېلىشىدىن ساقلىدى، (غەنىيمەتلەر، مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى، مەسجىدى ھەرامغا كىرىش) مۆمىنلەرگە نىشان بولۇپ قېلىشى ئۈچۈن ۋە سىلەرنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن (ئاللاھ شۇنداق قىلدى)

    ئاللاھ سىلەر ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىمەتلەرنى سىلەرگە ۋەدە قىلىپ، بۇنى (يەنى خەيبەرنىڭ غەنىمىتىنى) ئالدىن ئاتا قىلدى، سىلەرنى دۈشمەنلەرنىڭ قول سېلىشىدىن ساقلىدى. مۆمىنلەرگە بەلگە (يەنى مەككىنى پەتھى قىلىش بەلگىسى) بولۇپ قېلىشى ۋە سىلەرنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن شۇنداق قىلدى [20].

  21. (48-سۈرە فەتىھ، 21-ئايەت)
    وَأُخْرَىٰ لَمْ تَقْدِرُوا عَلَيْهَا قَدْ أَحَاطَ اللَّهُ بِهَا ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرًا
    ئاللاھ يەنە ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن قولغا كەلتۈرەلمەيدىغان، ئاللاھ (ئۇنىڭ سىلەرگە مۇيەسسەر بولىدىغانلىقىنى) تولۇق بىلگەن بىر غەنىيمەت (يەنى مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى) نى (سىلەرگە مۇيەسسەر قىلدى). ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر

    ئاللاھ يەنە سىلەر ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن قولغا كەلتۈرەلمەيدىغان، ئۆزى سىلەر ئۈچۈن ساقلاپ قويغان بىر غەنىيمەتنىمۇ سىلەرگە ۋەدە قىلدى. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر [21].

  22. (48-سۈرە فەتىھ، 22-ئايەت)
    وَلَوْ قَاتَلَكُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوَلَّوُا الْأَدْبَارَ ثُمَّ لَا يَجِدُونَ وَلِيًّا وَلَا نَصِيرًا
    ئەگەر كاپىرلار سىلەر بىلەن (ھۇدەيبىيەدە) ئۇرۇشسا، ئەلۋەتتە، ئارقىسىغا قاراپ قاچاتتى، ئاندىن (ئۆزلىرىگە) ھېچ ئىگە ۋە ياردەمچى تاپالمايتتى

    ئەگەر كافىرلار سىلەر بىلەن (ھۇدەيبىيەدە) ئۇرۇشقان بولسا، ئەلۋەتتە، ئارقىسىغا قاراپ قاچاتتى، ئاندىن ھېچ ئىگە ۋە ياردەمچى تاپالمايتتى [22].

  23. (48-سۈرە فەتىھ، 23-ئايەت)
    سُنَّةَ اللَّهِ الَّتِي قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلُ ۖ وَلَنْ تَجِدَ لِسُنَّةِ اللَّهِ تَبْدِيلًا
    بۇ (يەنى كاپىرلارنى مەغلۇپ قىلىش، مۆمىنلەرنى غەلىبە قىلدۇرۇش) ئاللاھنىڭ ئىلگىرىدىن تارتىپ تۇتۇپ كېلىۋاتقان يولىدۇر، ئاللاھنىڭ يولىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن (يەنى ئاللاھنىڭ تۇتقان يولى ئۆزگەرمەيدۇ)

    بۇ ئاللاھنىڭ ئىلگىرىدىن تارتىپ داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان قانۇنىيتىدۇر. سەن ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىدىن ھېچقانداق ئۆزگىرىش تاپالمايسەن [23].

  24. (48-سۈرە فەتىھ، 24-ئايەت)
    وَهُوَ الَّذِي كَفَّ أَيْدِيَهُمْ عَنْكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ عَنْهُمْ بِبَطْنِ مَكَّةَ مِنْ بَعْدِ أَنْ أَظْفَرَكُمْ عَلَيْهِمْ ۚ وَكَانَ اللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرًا
    ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرگە قول سېلىشتىن توستى ھەمدە ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىنىڭلاردىن كېيىن، مەككىنىڭ ئىچىدە (يەنى ھۇدەيبىيەدە) سىلەرنى ئۇلارغا قول سېلىشىڭلاردىن توستى، ئاللاھ قىلىدىغان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر

    ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرگە قول سېلىشتىن توستى ھەمدە سىلەرنى ئۇلار ئۈستىدىن غەلبىگە ئېرىشتۈرگەندىن كېيىن، مەككە ئويمانلىقىدا سىلەرنى ئۇلارغا قول سېلىشتىن توستى، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر [24].

  25. (48-سۈرە فەتىھ، 25-ئايەت)
    هُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا وَصَدُّوكُمْ عَنِ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ وَالْهَدْيَ مَعْكُوفًا أَنْ يَبْلُغَ مَحِلَّهُ ۚ وَلَوْلَا رِجَالٌ مُؤْمِنُونَ وَنِسَاءٌ مُؤْمِنَاتٌ لَمْ تَعْلَمُوهُمْ أَنْ تَطَئُوهُمْ فَتُصِيبَكُمْ مِنْهُمْ مَعَرَّةٌ بِغَيْرِ عِلْمٍ ۖ لِيُدْخِلَ اللَّهُ فِي رَحْمَتِهِ مَنْ يَشَاءُ ۚ لَوْ تَزَيَّلُوا لَعَذَّبْنَا الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا
    ئۇلار كاپىر بولدى،سىلەرنى مەسجىدى ھەرەمدىن تۇتۇپ تۇرۇلغان قۇربانلىقنىڭ ئۆز جايىغا يېتىشتىن توستى،مەككىدە سىلەر بىلمەيدىغان ئەر ئايال مۆمىنلەر بولۇپ، سىلەر بىلمەستىن ئۇلارنى ئ

    ئۇلار كافىر بولغان، سىلەرنى ھەرەم مەسجىدىگە كىرىشتىن ۋە توختۇتۇپ قويۇلغان ھەديە (يەنى ھەرەمدە قۇربانلىق قىلىنىدىغان چارۋا)نىڭ ئۆز جايىغا يېتىشىدىن توسقان كىشىلەردۇر. سىلەرنىڭ (مەككىدىكى) ئەرـ ئايال مۆمىنلەرنى بىلمەستىن ئۆلتۈرۈپ قويۇپ گۇناھكار بولۇپ قېلىشىڭلارنىڭ خەۋپى بولمىسا ئىدى (ئاللاھ ئەلۋەتتە سىلەرنى مەككىگە كىرىشتىن توسمايتتى) ئاللاھ خالىغان ئادەمنى رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن (سىلەرنى مەككىگە كىرىشتىن توستى). ئەگەر ئۇ مۆمىنلەر ئايرىلىپ تۇرغان بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كافىرلارنى قاتتىق ئازابلايتتۇق [25].

  26. (48-سۈرە فەتىھ، 26-ئايەت)
    إِذْ جَعَلَ الَّذِينَ كَفَرُوا فِي قُلُوبِهِمُ الْحَمِيَّةَ حَمِيَّةَ الْجَاهِلِيَّةِ فَأَنْزَلَ اللَّهُ سَكِينَتَهُ عَلَىٰ رَسُولِهِ وَعَلَى الْمُؤْمِنِينَ وَأَلْزَمَهُمْ كَلِمَةَ التَّقْوَىٰ وَكَانُوا أَحَقَّ بِهَا وَأَهْلَهَا ۚ وَكَانَ اللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمًا
    كاپىرلار قىزىق قانلىقىنى – جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ قىزىق قانلىقىنى – دىللىرىغا پۈككەن چاغدا، ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە تەمكىنلىكنى چۈشۈردى. ئۇلارغا تەقۋا كەلىمىسىنى (يەنى كەلىمە تەۋھىدنى) ئىختىيار قىلدى. مۆمىنلەر تەقۋا كەلىمىسىگە ئەڭ لايىق ئىدى ۋە ئۇنىڭ ئەھلى ئىدى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر

    كافىرلار جاھىلىيەت دەۋرىدىكىدەك دىللىرىغا پۈككەن چاغدا، ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە تەمكىنلىكنى ئاتا قىلدى. ئۇلارنى تەقۋالىقتا چىڭ تۇرىدىغان قىلدى.ئۇلار شۇنىڭغا ئەڭ لايىق ۋە ئۇنىڭ ئەھلى ئىدى، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر [26].

  27. (48-سۈرە فەتىھ، 27-ئايەت)
    لَقَدْ صَدَقَ اللَّهُ رَسُولَهُ الرُّؤْيَا بِالْحَقِّ ۖ لَتَدْخُلُنَّ الْمَسْجِدَ الْحَرَامَ إِنْ شَاءَ اللَّهُ آمِنِينَ مُحَلِّقِينَ رُءُوسَكُمْ وَمُقَصِّرِينَ لَا تَخَافُونَ ۖ فَعَلِمَ مَا لَمْ تَعْلَمُوا فَجَعَلَ مِنْ دُونِ ذَٰلِكَ فَتْحًا قَرِيبًا
    ئاللاھ پەيغەمبىرىگە، ھەق رەۋىشتە، ھەقىقىي راست چۈش كۆرسەتتى. (ئى مۇھەممەد! سەن ۋە ساھابىلىرىڭ) خۇدا خالىسا (دۈشمەندىن) ئەمىن بولغان، (بەزىلىرىڭلار) چاچلىرىڭلارنى چۈشۈرگەن ۋە (بەزىلىرىڭلار) قىرقىغان ھالدا، قورقماي چوقۇم مەسجىدى ھەرامغا كىرىسىلەر، ئاللاھ (سۈلھتىكى) سىلەر بىلمەيدىغان (پايدىنى) بىلىدۇ. ئاللاھ بۇنىڭدىن بۇرۇن (سىلەرگە) يېقىن بىر غەلىبىنى (يەنى خەيبەرنىڭ پەتھىسىنى مۇيەسسەر) قىلدى

    ئاللاھ پەيغەمبىرىنىڭ چۈشىنى ھەقىقىي تۈردە راستقا ئايلاندۇردى. (ئى مۇھەممەد!) خۇدا خالىسا، سىلەر خاتىرجەم بولغان، بەزىلىرىڭلار چېچىڭلارنى چۈشۈرگەن ۋە بەزىلىرىڭلار قىرقىغان ھالدا، قورقماي چوقۇم ھەرەم مەسجىدىگە كىرىسىلەر، ئاللاھ سىلەر بىلمەيدىغاننى بىلىدۇ. شۇڭا،ئاللاھ سىلەر ھەرەم مەسجدىگە كىرىشتىن بۇرۇن سىلەرگە يېقىنقى بىر غەلىبىنى مۇيەسسەر قىلدى [27].

  28. (48-سۈرە فەتىھ، 28-ئايەت)
    هُوَ الَّذِي أَرْسَلَ رَسُولَهُ بِالْهُدَىٰ وَدِينِ الْحَقِّ لِيُظْهِرَهُ عَلَى الدِّينِ كُلِّهِ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ شَهِيدًا
    ئاللاھ ھەق دىننى پۈتۈن دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە) گۇۋاھلىق بېرىشكە ئاللاھ يېتەرلىكتۇر

    ئاللاھ ھەق دىننى بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى. بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىشكە ئاللاھ يېتەرلىكتۇر [28].

  29. (48-سۈرە فەتىھ، 29-ئايەت)
    مُحَمَّدٌ رَسُولُ اللَّهِ ۚ وَالَّذِينَ مَعَهُ أَشِدَّاءُ عَلَى الْكُفَّارِ رُحَمَاءُ بَيْنَهُمْ ۖ تَرَاهُمْ رُكَّعًا سُجَّدًا يَبْتَغُونَ فَضْلًا مِنَ اللَّهِ وَرِضْوَانًا ۖ سِيمَاهُمْ فِي وُجُوهِهِمْ مِنْ أَثَرِ السُّجُودِ ۚ ذَٰلِكَ مَثَلُهُمْ فِي التَّوْرَاةِ ۚ وَمَثَلُهُمْ فِي الْإِنْجِيلِ كَزَرْعٍ أَخْرَجَ شَطْأَهُ فَآزَرَهُ فَاسْتَغْلَظَ فَاسْتَوَىٰ عَلَىٰ سُوقِهِ يُعْجِبُ الزُّرَّاعَ لِيَغِيظَ بِهِمُ الْكُفَّارَ ۗ وَعَدَ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ مِنْهُمْ مَغْفِرَةً وَأَجْرًا عَظِيمًا
    مۇھەممەد ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۆمىنلەر كۇففارلارغا قاتتىقتۇر، ئۆزئارا كۆيۈمچاندۇر، ئۇلارنى رۇكۇ قىلغان، سەجدە قىلغان ھالدا كۆرىسەن. ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە سەجدىنىڭ ئالامەتلىرى بار، ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىدۇر، ئۇلارنىڭ ئىنجىلدىكى سۈپىتى بولسا (ئۇلار) شاخ چىقارغان، كۈچلىنىپ چوڭايغان، ئاندىن ئۆز غولى بىلەن ئۆرە تۇرغان، بولۇقلۇقى ۋە كۆركەم كۆرۈنۈشى بىلەن دېھقانلارنى مەمنۇن قىلغان بىر زىرائەتكە ئوخشايدۇ، (مۆمىنلەرنى مۇنداق زىرائەتكە ئوخشىتىش) كۇففارلارنى خاپا قىلىش ئۈچۈندۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر ۋەدە قىلدى

    مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەر كافىرلارغا قاتتىق قولدۇر، ئۆزئارا كۆيۈمچاندۇر، سەن ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى ۋە رازىلىقىنى ئىزدەپ رۇكۇ ۋە سەجدە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە سەجدە قىلغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرى بار، ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىدۇر. ئۇلارنىڭ ئىنجىلدىكى سۈپىتى شۇكى ئۇلار بىخ سۈرۈپ چىقىپ، غولى چوڭايغان، ئاندىن ئۆز غولى بىلەن ئۆرە تۇرغان،(بولۇقلۇقى ۋە كۆركەم كۆرۈنۈشى بىلەن) دېھقانلارنى مەمنۇن قىلغان بىر زىرائەتكە ئوخشايدۇ. بۇنداق ئوخشىتىش مۆمىنلەر ئارقىلىق كافىرلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ئۇلاردىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر بېرىشنى ۋەدە قىلدى [29].