سەپ سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 14 ئايەت
مەنىسى: سەپ، قاتار. ئاتىلىش سەۋەبى: كۇففارلارغا قارشى سەپ تۈزۈپ جىھاد قىلغانلار مەدھىيلەنگەن (4-ئايەت)
  1. (61-سۈرە سەپ، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ سَبَّحَ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۖ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
    ئاسمانلاردىكى نەرسىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر (يەنى ئىنسانلار، ئۆسۈملۈكلەر، جانسىز شەيئىلەر) ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى، ئاللاھقالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى. ئاللاھ ھەممىدىن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [1].

  2. (61-سۈرە سەپ، 2-ئايەت)
    يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لِمَ تَقُولُونَ مَا لَا تَفْعَلُونَ
    ئى مۆمىنلەر! سىلەر نېمە ئۈچۈن قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمىز دەيسىلەر؟ (يەنى ئەمەلدە سىلەر قىلمايدىغان ياخشى ئىشلارنى نېمە ئۈچۈن ئاغزىڭلاردا قىلىمىز دەيسىلەر؟)

    ئى مۆمىنلەر! سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭلار قىلمايدىغان ئىشنى (باشقىلارغا) سۆزلەيسىلەر؟[2]

  3. (61-سۈرە سەپ، 3-ئايەت)
    كَبُرَ مَقْتًا عِنْدَ اللَّهِ أَنْ تَقُولُوا مَا لَا تَفْعَلُونَ
    سىلەرنىڭ قىلمايدىغان ئىشنى (قىلىمىز) دېيىشىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئۆچ (كۆرۈلىدىغان نەرسىدۇر)

    سىلەرنىڭ ئۆزەڭلەر قىلمايدىغان ئىشنى (باشقىلارغا) سۆزلىشىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئۆچ كۆرۈلىدىغان ئىشتۇر [3].

  4. (61-سۈرە سەپ، 4-ئايەت)
    إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الَّذِينَ يُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِهِ صَفًّا كَأَنَّهُمْ بُنْيَانٌ مَرْصُوصٌ
    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا مۇستەھكەم بىنادەك سەپ بولۇپ جىھاد قىلغانلارنى (يەنى ئۇرۇش مەيدانىدا دۈشمەنلەرگە ئۇچراشقان چاغدا مەۋقەسىدە چىڭ تۇرۇپ غازات قىلغانلارنى) دوست تۇتىدۇ

    ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا مۇستەھكەم بىنادەك سەپ بولۇپ جىھاد قىلغانلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتىدۇ [4].

  5. (61-سۈرە سەپ، 5-ئايەت)
    وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ يَا قَوْمِ لِمَ تُؤْذُونَنِي وَقَدْ تَعْلَمُونَ أَنِّي رَسُولُ اللَّهِ إِلَيْكُمْ ۖ فَلَمَّا زَاغُوا أَزَاغَ اللَّهُ قُلُوبَهُمْ ۚ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ
    ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ سىلەر ماڭا نېمىشقا ئازار بېرىسىلەر؟» دېدى، ئۇلار (ھەقتىن) بۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھىدايەتتىن بۇرىۋەتتى، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ

    ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئۆز قەۋمىگە:«ئى قەۋمىم! مېنىڭ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ، سىلەر نېمىشقا ماڭا ئازار بېرىسىلەر؟» دېگەن ئىدى، ئاندىن ئۇلار (ھەقتىن)چەتنەپ كېتىۋىدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھىدايەتتىن بۇرىۋەتتى. ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ [5].

  6. (61-سۈرە سەپ، 6-ئايەت)
    وَإِذْ قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ إِنِّي رَسُولُ اللَّهِ إِلَيْكُمْ مُصَدِّقًا لِمَا بَيْنَ يَدَيَّ مِنَ التَّوْرَاةِ وَمُبَشِّرًا بِرَسُولٍ يَأْتِي مِنْ بَعْدِي اسْمُهُ أَحْمَدُ ۖ فَلَمَّا جَاءَهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ قَالُوا هَٰذَا سِحْرٌ مُبِينٌ
    ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاللاھ ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبەرمەن» دېدى. ئىيسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى

    ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا:«ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەرگە ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەۋراتنىڭ ھەقلىقىنى ئىسپاتلايدىغان، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدىغان پەيغەمبەرمەن» دېگەن ئىدى. ئىسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى [6].

  7. (61-سۈرە سەپ، 7-ئايەت)
    وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ وَهُوَ يُدْعَىٰ إِلَى الْإِسْلَامِ ۚ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
    ئىسلامغا دەۋەت قىلىنىۋېتىپ، ئاللاھقا يالغاننى (يەنى ئاللاھنىڭ شېرىكى بار، بالىسى بار دېگەندەك سۆزلەرنى) چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئاللاھ زالىم (يەنى كاپىر) قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ

    ئىسلامغا دەۋەت قىلىنىۋاتقان تۇرۇقلۇق، ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ بۇنداق زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ [7].

  8. (61-سۈرە سەپ، 8-ئايەت)
    يُرِيدُونَ لِيُطْفِئُوا نُورَ اللَّهِ بِأَفْوَاهِهِمْ وَاللَّهُ مُتِمُّ نُورِهِ وَلَوْ كَرِهَ الْكَافِرُونَ
    ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىنى ۋە نۇرلۇق شەرىئىتىنى) ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولىدۇ، كاپىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ئۆزىنىڭ نۇرىنى مۇكەممەل قىلغۇچىدۇر (يەنى ئۆزىنىڭ دىنىنى ئاشكارىلىغۇچىدۇر)

    ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى (يەنى دىنى)نى ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولىدۇ، ئاللاھ بولسا كافىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئۆزىنىڭ نۇرىنى مۇكەممەل قىلغۇچىدۇر [8].

  9. (61-سۈرە سەپ، 9-ئايەت)
    هُوَ الَّذِي أَرْسَلَ رَسُولَهُ بِالْهُدَىٰ وَدِينِ الْحَقِّ لِيُظْهِرَهُ عَلَى الدِّينِ كُلِّهِ وَلَوْ كَرِهَ الْمُشْرِكُونَ
    مۇشرىكلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ھەق دىننى بارلىق دىنلار ئۈستىدىن غالىب قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى

    ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ ياقتۇرمىغىنىغا قارىماي، ھەق دىننى بارلىق دىنلار ئۈستىدىن غالىب قىلىش ئۈچۈن، ئۆز پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە شۇ ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى [9].

  10. (61-سۈرە سەپ، 10-ئايەت)
    يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا هَلْ أَدُلُّكُمْ عَلَىٰ تِجَارَةٍ تُنْجِيكُمْ مِنْ عَذَابٍ أَلِيمٍ
    ئى مۆمىنلەر! سىلەرگە سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان بىر تىجارەتنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟

    ئى مۆمىنلەر! سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان بىر تىجارەتكە باشلاپ قويايمۇ؟ [10].

  11. (61-سۈرە سەپ، 11-ئايەت)
    تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَتُجَاهِدُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ بِأَمْوَالِكُمْ وَأَنْفُسِكُمْ ۚ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
    ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە (چىن) ئىمان ئېيتقايسىلەر، ئاللاھنىڭ يولىدا مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن جىھاد قىلغايسىلەر، ئەگەر بىلسەڭلار، سىلەر ئۈچۈن بۇ ياخشىدۇر

    ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە (چىن) ئىمان ئېيتىڭلار، ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل-مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر [11].

  12. (61-سۈرە سەپ، 12-ئايەت)
    يَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ وَيُدْخِلْكُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ وَمَسَاكِنَ طَيِّبَةً فِي جَنَّاتِ عَدْنٍ ۚ ذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
    (شۇنداق قىلساڭلار) ئاللاھ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، دائىمىي تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەردىكى گۈزەل سارايلاردا (تۇرغۇزىدۇ)، بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر

    شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى مەڭگۈلۈك جەننەتلەردىكى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان باغۇ بوستانلىقلارغا ۋە گۈزەل قەسىرلەرگە كىرگۈزىدۇ، بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر [12].

  13. (61-سۈرە سەپ، 13-ئايەت)
    وَأُخْرَىٰ تُحِبُّونَهَا ۖ نَصْرٌ مِنَ اللَّهِ وَفَتْحٌ قَرِيبٌ ۗ وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ
    سىلەرگە (مەرھەمەت قىلىنىدىغان) سىلەر ياخشى كۆرىدىغان ئىككىنچى بىر نېمەت ئاللاھتىن كېلىدىغان نۇسرەت ۋە يېقىن غەلىبە (يەنى مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى) دۇر، (ئى مۇھەممەد!) مۆمىنلەرگە (بۇ روشەن مەرھەمەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگىن

    سىلەر ياخشى كۆرۈدىغان ئىككىنچى بىر نېمەت ئاللاھتىن سىلەرگە كېلىدىغان ياردەم ۋە يېقىندا قولغا كەلتۈرۈلىدىغان غەلبىدۇر (يەنى مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشىدۇر)، (ئى مۇھەممەد!) مۆمىنلەرگە بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگىن [13].

  14. (61-سۈرە سەپ، 14-ئايەت)
    يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُونُوا أَنْصَارَ اللَّهِ كَمَا قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ لِلْحَوَارِيِّينَ مَنْ أَنْصَارِي إِلَى اللَّهِ ۖ قَالَ الْحَوَارِيُّونَ نَحْنُ أَنْصَارُ اللَّهِ ۖ فَآمَنَتْ طَائِفَةٌ مِنْ بَنِي إِسْرَائِيلَ وَكَفَرَتْ طَائِفَةٌ ۖ فَأَيَّدْنَا الَّذِينَ آمَنُوا عَلَىٰ عَدُوِّهِمْ فَأَصْبَحُوا ظَاهِرِينَ
    ئى مۆمىنلەر! ھاۋارىيلار (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا دەسلەپتە ئىمان ئېيتقانلار) دەك ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرى بولۇڭلار، مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا ھەۋارىيلارغا: « ئاللاھقا (دەۋەت قىلىشتا) كىملەر ياردەمچىلىرىم بولىدۇ؟» دېدى، ھەۋارىيلار: «بىز ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرىمىز» دېدى. ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر تائىپە ئىمان ئېيتتى، يەنە بىر تائىپە كاپىر بولدى، مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشىدا يار ـ يۆلەكتە بولدۇق، شۇنىڭ بىلەن مۆمىنلەر غالىب بولدى

    ئى مۆمىنلەر! سىلەر ھاۋارىيلار دەك ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بەرگۈچى بۇلۇڭلار، مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا ھەۋارىيلارغا:«ئاللاھنىڭ يولىغا دەۋەت قىلىشتا كىملەر ماڭا ياردەمچى بولىدۇ؟» دېگەندە، ھاۋارىيلار :«ئاللاھنىڭ دىنىغا بىز ياردەمچى بولىمىز» دېدى. ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر بۆلىكى ئىمان ئېيتتى، يەنە بىر بۆلىكى كافىر بولدى، ئاندىن ئىمان ئېيتقانلارغا ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشىدا بىز يار ـ يۆلەك بولدۇق، شۇنىڭ بىلەن مۆمىنلەر غالىب بولدى [14].