ئەئراف سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 206 ئايەت
مەنىسى: جاي ئىسمى. ئاتىلىش سەۋەبى: جەننەت بىلەن دوزاق ئوتتۇرسىدىكى پاسىل. يەنى ئەئراف زىكىر قىلىنغان(48~49-ئايەتلەر)
  1. (7-سۈرە ئەئراف، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ المص
    ئەلىف، لام، مىم، ساد

    ئەلىف، لام، مىم، ساد (بۇ قۇرئاننىڭ سىرلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ) [1].

  2. (7-سۈرە ئەئراف، 2-ئايەت)
    كِتَابٌ أُنْزِلَ إِلَيْكَ فَلَا يَكُنْ فِي صَدْرِكَ حَرَجٌ مِنْهُ لِتُنْذِرَ بِهِ وَذِكْرَىٰ لِلْمُؤْمِنِينَ
    (ئى مۇھەممەد! كاپىرلارنى) ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ، مۆمىنلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىشىڭ ئۈچۈن، بۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) ساڭا نازىل قىلىندى. ئۇنىڭدىن (يەنى ئۇنى تەبلىغ قىلىشتا قەۋمىڭنىڭ ئۇنى ئىنكار قىلىشىدىن ئەنسىرەپ) يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن

    (ئى مۇھەممەد!) بۇ قۇرئان (كافىرلارنى) ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ، مۆمىنلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىشىڭ ئۈچۈن ساڭا نازىل قىلىنغان كىتابتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن (ئۇنى يەتكۈزۈشتىكى) قىيىنچىلىقلاردىن يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن [2].

  3. (7-سۈرە ئەئراف، 3-ئايەت)
    اتَّبِعُوا مَا أُنْزِلَ إِلَيْكُمْ مِنْ رَبِّكُمْ وَلَا تَتَّبِعُوا مِنْ دُونِهِ أَوْلِيَاءَ ۗ قَلِيلًا مَا تَذَكَّرُونَ
    (ئى ئىنسانلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئەگىشىڭلار، ئاللاھنى قويۇپ، (جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان، سىلەرنى ئازدۇرىدىغان) دوستلارغا ئەگەشمەڭلار، سىلەر ۋەز ـ نەسىھەتنى ئاز قوبۇل قىلىسىلەر

    (ئى ئىنسانلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا (يەنى قۇرئانغا) ئەگىشىڭلار، ئاللاھتىن باشقا كىشىگە ئىگەم دەپ ئەگەشمەڭلار. سىلەر ۋەز ـ نەسىھەتنى بەكمۇ ئاز قوبۇل قىلىسىلەر [3].

  4. (7-سۈرە ئەئراف، 4-ئايەت)
    وَكَمْ مِنْ قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَاهَا فَجَاءَهَا بَأْسُنَا بَيَاتًا أَوْ هُمْ قَائِلُونَ
    بىز نۇرغۇن شەھەر (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلدۇق. بىزنىڭ ئازابىمىز ئۇلارغا كېچىسى ياكى چۈشلۈكى ئۇخلاۋاتقان چاغلىرىدا كەلدى

    بىز قانچىلىغان شەھەر (ئاھالىسى) نى ھالاك قىلدۇق، بىزنىڭ ئازابىمىز ئۇلارغا كېچىسى ياكى چۈشلۈكى ئۇخلاۋاتقان چاغلىرىدا كەلدى [4].

  5. (7-سۈرە ئەئراف، 5-ئايەت)
    فَمَا كَانَ دَعْوَاهُمْ إِذْ جَاءَهُمْ بَأْسُنَا إِلَّا أَنْ قَالُوا إِنَّا كُنَّا ظَالِمِينَ
    بىزنىڭ ئازابىمىز كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ چەككەن پەريادى: «بىز ھەقىقەتەن زالىم ئىدۇق» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى

    بىزنىڭ ئازابىمىز كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ چەككەن پەريادى: «بىز ھەقىقەتەن ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىپتۇق» دېيىشتىنلا ئىبارەت بولدى [5].

  6. (7-سۈرە ئەئراف، 6-ئايەت)
    فَلَنَسْأَلَنَّ الَّذِينَ أُرْسِلَ إِلَيْهِمْ وَلَنَسْأَلَنَّ الْمُرْسَلِينَ
    بىز ئەلۋەتتە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن ئۈممەتلەردىن (پەيغەمبەرلەر تەبلىغ قىلدىمۇ؟ سىلەر قانداق جاۋاب بەردىڭلار؟ دەپ) سورايمىز، پەيغەمبەرلەردىنمۇ ئەلۋەتتە (ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلدىڭلارمۇ؟ دەپ) سورايمىز

    بىز ئەلۋەتتە پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن ئۈممەتلەرنى سوئال-سوراق قىلىمىز، پەيغەمبەرلەرنىمۇ ئەلۋەتتە سوئال-سوراق قىلىمىز [6].

  7. (7-سۈرە ئەئراف، 7-ئايەت)
    فَلَنَقُصَّنَّ عَلَيْهِمْ بِعِلْمٍ ۖ وَمَا كُنَّا غَائِبِينَ
    (قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) ئۇلارغا ھەقىقىي بىلىش ئاساسىدا ئېيتىپ بېرىمىز، بىز ئۇلاردىن ئايرىلمىغان ئىدۇق (يەنى ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىدىن خەۋەرداردۇرمىز)

    (قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) ئۇلارغا ئەينەن ئېيتىپ بېرىمىز، (چۈنكى) بىز ئۇلار بىلەن بىللە ئىدۇق [7].

  8. (7-سۈرە ئەئراف، 8-ئايەت)
    وَالْوَزْنُ يَوْمَئِذٍ الْحَقُّ ۚ فَمَنْ ثَقُلَتْ مَوَازِينُهُ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
    بۇ كۈندە بەندىلەرنىڭ (ياخشى يامان ئەمەللىرىنىڭ) ئۆلچىنىدىغانلىقى ھەقتۇر. ياخشى ئەمەللىرى ئېغىر چىققانلار نىجات تاپقۇچىلاردۇر

    بۇ كۈندە ئەمەللەرنىڭ ئۆلچىنىدىغانلىقى ھەقتۇر. ياخشى ئەمەللىرى (يامان ئىشلىرىدىن) ئېغىر چىققانلار نىجات تاپقۇچىلاردۇر [8].

  9. (7-سۈرە ئەئراف، 9-ئايەت)
    وَمَنْ خَفَّتْ مَوَازِينُهُ فَأُولَٰئِكَ الَّذِينَ خَسِرُوا أَنْفُسَهُمْ بِمَا كَانُوا بِآيَاتِنَا يَظْلِمُونَ
    ياخشى ئەمەللىرى يېنىك چىققانلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىگە زىيان سالغۇچىلاردۇر

    ياخشى ئەمەللىرى يېنىك چىققانلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۆزىگە زىيان سالغۇچىلاردۇر [9].

  10. (7-سۈرە ئەئراف، 10-ئايەت)
    وَلَقَدْ مَكَّنَّاكُمْ فِي الْأَرْضِ وَجَعَلْنَا لَكُمْ فِيهَا مَعَايِشَ ۗ قَلِيلًا مَا تَشْكُرُونَ
    شۈبھىسىزكى، سىلەرنى زېمىندا يەرلەشتۈردۇق، زېمىندا سىلەرگە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى پەيدا قىلدۇق، (سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ مۇشۇنداق نېمەتلىرى بار تۇرۇقلۇق ئۇنىڭغا) ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر

    شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنى زېمىندا ماكانلاشتۇردۇق، زېمىندا سىلەرگە تۇرمۇش لازېمەتلىكلىرىنى پەيدا قىلدۇق، (مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق پەرۋەردىگارىڭلارغا) سىلەر ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلىۋاتىسىلەر [10].

  11. (7-سۈرە ئەئراف، 11-ئايەت)
    وَلَقَدْ خَلَقْنَاكُمْ ثُمَّ صَوَّرْنَاكُمْ ثُمَّ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ لَمْ يَكُنْ مِنَ السَّاجِدِينَ
    شۈبھىسىزكى بىز سىلەرنى ياراتتۇق، ئاندىن سىلەرنى شەكىلگە كىرگۈزدۇق، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: «سىلەر ئادەمگە (ھۆرمەت بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن) سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقىسى سەجدە قىلدى. ئۇ سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولمىدى

    شۈبھىسىزكى بىز سىلەرنى ياراتتۇق، ئاندىن سىلەرنى شەكىلگە كىرگۈزدۇق، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: «سىلەر ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئۇلار سەجدە قىلدى. پەقەت ئىبلىسلا سەجدە قىلمىدى [11].

  12. (7-سۈرە ئەئراف، 12-ئايەت)
    قَالَ مَا مَنَعَكَ أَلَّا تَسْجُدَ إِذْ أَمَرْتُكَ ۖ قَالَ أَنَا خَيْرٌ مِنْهُ خَلَقْتَنِي مِنْ نَارٍ وَخَلَقْتَهُ مِنْ طِينٍ
    ئاللاھ (ئىبلىسقا): ‹‹سېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان چېغىمدا نېمىشقا سەجدە قىلمىدىڭ؟» دېدى. ئىبلىس: ‹‹مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق. مېنى ئوتتىن، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى

    ئاللاھ (ئىبلىسقا): «مەن سېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان چېغىمدا، سەن نېمىشقا سەجدە قىلمىدىڭ؟» دېدى. ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ياخشى، مېنى ئوتتىن، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى [12].

  13. (7-سۈرە ئەئراف، 13-ئايەت)
    قَالَ فَاهْبِطْ مِنْهَا فَمَا يَكُونُ لَكَ أَنْ تَتَكَبَّرَ فِيهَا فَاخْرُجْ إِنَّكَ مِنَ الصَّاغِرِينَ
    ئاللاھ (ئىبلىسقا) ئېيتتى: «سەن بۇ يەردىن (يەنى جەننەتتىن) چۈشۈپ كەت، بۇ يەردە ئۆزەڭنى چوڭ تۇتۇشۇڭغا بولمايدۇ، يوقال، سەن ھەقىقەتەن پەسكەشلەردىنسەن»

    ئاللاھ (ئىبلىسقا) ئېيتتى: «سەن بۇيەردىن (يەنى جەننەتتىن) چۈشۈپ كەت، بۇ يەردە ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇشقا ھەققىڭ يوق، يوقال، سەن ھەقىقەتەن پەسكەشلەرنىڭ بىرىسەن» [13].

  14. (7-سۈرە ئەئراف، 14-ئايەت)
    قَالَ أَنْظِرْنِي إِلَىٰ يَوْمِ يُبْعَثُونَ
    ئىبلىس: ‹‹ماڭا كىشىلەر قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگۈچە (يەنى قىيامەت كۈنىگۈچە) مۆھلەت بەرگىن» دېدى

    ئىبلىس: «ماڭا كىشىلەر قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگىچە مۆھلەت بەرگىن» دېدى [14].

  15. (7-سۈرە ئەئراف، 15-ئايەت)
    قَالَ إِنَّكَ مِنَ الْمُنْظَرِينَ
    ئاللاھ: ‹‹ساڭا مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى

    ئاللاھ: «ساڭا چوقۇم مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى [15].

  16. (7-سۈرە ئەئراف، 16-ئايەت)
    قَالَ فَبِمَا أَغْوَيْتَنِي لَأَقْعُدَنَّ لَهُمْ صِرَاطَكَ الْمُسْتَقِيمَ
    ئىبلىس ئېيتتى: ‹‹ مېنى ئازدۇرغانلىقىڭ سەۋەبلىك ئۇلار (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىغا ۋەسۋەسە قىلىش) ئۈچۈن چوقۇم توغرا يولۇڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن

    ئىبلىس ئېيتتى: «سەن مېنى گۇمراھلىقتا قالدۇرغانلىقتىن، مەن ئۇلارنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم سېنىڭ توغرا يولۇڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن [16].

  17. (7-سۈرە ئەئراف، 17-ئايەت)
    ثُمَّ لَآتِيَنَّهُمْ مِنْ بَيْنِ أَيْدِيهِمْ وَمِنْ خَلْفِهِمْ وَعَنْ أَيْمَانِهِمْ وَعَنْ شَمَائِلِهِمْ ۖ وَلَا تَجِدُ أَكْثَرَهُمْ شَاكِرِينَ
    ئاندىن ئۇلارغا چوقۇم ئالدىدىن، ئارقىسىدىن، ئوڭىدىن، سولىدىن ھۇجۇم قىلىمەن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ (نېمىتىڭگە) شۈكۈر قىلغۇچىلار ئەمەسلىكىنى كۆرىسەن››

    ئاندىن ئۇلارغا چوقۇم ئالدىدىن، ئارقىسىدىن، ئوڭ يېنىدىن، سول يېنىدىن ھۇجۇم قىلىمەن. سەن ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ (نېمىتىڭگە) شۈكۈر قىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن» [17].

  18. (7-سۈرە ئەئراف، 18-ئايەت)
    قَالَ اخْرُجْ مِنْهَا مَذْءُومًا مَدْحُورًا ۖ لَمَنْ تَبِعَكَ مِنْهُمْ لَأَمْلَأَنَّ جَهَنَّمَ مِنْكُمْ أَجْمَعِينَ
    ئاللاھ ئېيتتى: ‹‹جەننەتتىن ئەيىبلەنگەن ۋە (رەھمىتىمدىن) مەھرۇم قىلىنغان ھالدا چىق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قوشۇپ، ھەممىڭلار بىلەن چوقۇم جەھەننەمنى تولدۇرىمەن››

    ئاللاھ ئېيتتى: «جەننەتتىن خارلانغان ۋە قوغلانغان ھالدا چىق، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنى قوشۇپ، ھەممىڭلار بىلەن چوقۇم جەھەننەمنى تولدۇرىمەن» [18].

  19. (7-سۈرە ئەئراف، 19-ئايەت)
    وَيَا آدَمُ اسْكُنْ أَنْتَ وَزَوْجُكَ الْجَنَّةَ فَكُلَا مِنْ حَيْثُ شِئْتُمَا وَلَا تَقْرَبَا هَٰذِهِ الشَّجَرَةَ فَتَكُونَا مِنَ الظَّالِمِينَ
    ‹‹ئى ئادەم! سەن ئايالىڭ بىلەن ئىككىڭلار بىللە جەننەتتە تۇرۇڭلار، جەننەتنىڭ مېۋىلىرىدىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار، (ئۇنىڭغا يېقىنلاشساڭلار) زالىملاردىن بولۇپ قالىسىلەر»

    «ئى ئادەم! سەن خوتۇنۇڭ بىلەن بىللە جەننەتتە تۇرغىن، (ئىككىڭلار) جەننەتنىڭ مېۋىلىرىدىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار؛ بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار، ئۇنىڭغا يېقىنلاشساڭلار، ئۆزۈڭلارغا ئۇۋالچىلىق تېپىۋالىسىلەر» [19].

  20. (7-سۈرە ئەئراف، 20-ئايەت)
    فَوَسْوَسَ لَهُمَا الشَّيْطَانُ لِيُبْدِيَ لَهُمَا مَا وُورِيَ عَنْهُمَا مِنْ سَوْآتِهِمَا وَقَالَ مَا نَهَاكُمَا رَبُّكُمَا عَنْ هَٰذِهِ الشَّجَرَةِ إِلَّا أَنْ تَكُونَا مَلَكَيْنِ أَوْ تَكُونَا مِنَ الْخَالِدِينَ
    ئاندىن شەيتان ئۇلارنىڭ يېپىقلىق ئەۋرەتلىرىنى ئېچىۋېتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ۋەسۋەسە قىلدى، شەيتان ئېيتتى: ‹‹پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشنى مەنئى قىلغانلىقى پەقەت سىلەرنىڭ پەرىشتە بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ياكى (جەننەتتە) مەڭگۈ تۇرۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر››

    لېكىن، شەيتان ئۇلارنىڭ يېپىقلىق ئەۋرەتلىرىنى ئېچىۋېتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا ۋەسۋەسە قىلىپ: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشنى مەنئى قىلغانلىقى پەقەت سىلەرنىڭ پەرىشتە بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ياكى (جەننەتتە) مەڭگۈ تۇرۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر» دېدى [20].

  21. (7-سۈرە ئەئراف، 21-ئايەت)
    وَقَاسَمَهُمَا إِنِّي لَكُمَا لَمِنَ النَّاصِحِينَ
    شۇنىڭدەك ئۇلارغا: ‹‹مەن چوقۇم سىلەرگە سادىقمەن›› دەپ قەسەم ئىچىپ بەردى

    ھەمدە ئۇلارغا: «مەن چوقۇم سىلەرگە سادىقمەن» دەپ قەسەم ئىچىپ بەردى [21].

  22. (7-سۈرە ئەئراف، 22-ئايەت)
    فَدَلَّاهُمَا بِغُرُورٍ ۚ فَلَمَّا ذَاقَا الشَّجَرَةَ بَدَتْ لَهُمَا سَوْآتُهُمَا وَطَفِقَا يَخْصِفَانِ عَلَيْهِمَا مِنْ وَرَقِ الْجَنَّةِ ۖ وَنَادَاهُمَا رَبُّهُمَا أَلَمْ أَنْهَكُمَا عَنْ تِلْكُمَا الشَّجَرَةِ وَأَقُلْ لَكُمَا إِنَّ الشَّيْطَانَ لَكُمَا عَدُوٌّ مُبِينٌ
    ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇلارنى (يۇقىرى مەرتىۋىدىن تۆۋەن مەرتىۋىگە) چۈشۈردى. دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگەندىن كېيىنلا ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەتتىكى دەرەخلەرنىڭ ياپراقلىرى بىلەن ئەۋرەتلىرىنى يېپىشقا كىرىشتى. ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى (ئۇلارغا كايىپ): «مەن سىلەرگە بۇ دەرەخنى (يەنى مېۋىسىنى) يېيىشنى مەنئى قىلمىغانمىدىم؟ شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر، دېمىگەنمىدىم؟›› دەپ نىدا قىلدى

    ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇلارنى (يۇقىرى مەرتىۋىدىن) چۈشۈرۈۋەتتى. ئۇلار دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگەندە ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەتتىكى دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى بىلەن ئەۋرەتلىرىنى يېپىشقا كىرىشتى. ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى (ئۇلارغا): «مەن سىلەرگە بۇ دەرەخنىڭ (مېۋىسىنى) يېيىشنى مەنئى قىلمىغانمىدىم؟ شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر دېمىگەنمىدىم؟» دەپ نىدا قىلدى [22].

  23. (7-سۈرە ئەئراف، 23-ئايەت)
    قَالَا رَبَّنَا ظَلَمْنَا أَنْفُسَنَا وَإِنْ لَمْ تَغْفِرْ لَنَا وَتَرْحَمْنَا لَنَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ
    ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز›› دېدى

    ئۇلار: «ئى رەببىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ، رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمىز» دېدى [23].

  24. (7-سۈرە ئەئراف، 24-ئايەت)
    قَالَ اهْبِطُوا بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ ۖ وَلَكُمْ فِي الْأَرْضِ مُسْتَقَرٌّ وَمَتَاعٌ إِلَىٰ حِينٍ
    ئاللاھ ئېيتتى: ‹‹سىلەر بىر ـ بىرىڭلارغا (يەنى شەيتان ئىنسانغا، ئىنسان شەيتانغا) دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەجىلىڭلار پۈتكەنگە قەدەر يەر يۈزىدە تۇرىسىلەر ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىسىلەر››

    ئاللاھ ئېيتتى: «سىلەر بىر ـ بىرىڭلارغا (يەنى شەيتان ئىنسانغا، ئىنسان شەيتانغا) دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەجىلىڭلار پۈتكەنگە قەدەر يەر يۈزىدە تۇرىسىلەر ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىسىلەر» [24].

  25. (7-سۈرە ئەئراف، 25-ئايەت)
    قَالَ فِيهَا تَحْيَوْنَ وَفِيهَا تَمُوتُونَ وَمِنْهَا تُخْرَجُونَ
    ئاللاھ ئېيتتى: ‹‹يەر يۈزىدە ياشايسىلەر، يەر يۈزىدە ئۆلۈسىلەر، (قىيامەت كۈنى) يەنە يەر ئاستىدىن چىقىرىلىسىلەر››

    ئاللاھ ئېيتتى: «يەر يۈزىدە ياشايسىلەر، يەر يۈزىدە ئۆلىسىلەر، (قىيامەت كۈنى) يەنە يەر ئاستىدىن چىقىرىلىسىلەر» [25].

  26. (7-سۈرە ئەئراف، 26-ئايەت)
    يَا بَنِي آدَمَ قَدْ أَنْزَلْنَا عَلَيْكُمْ لِبَاسًا يُوَارِي سَوْآتِكُمْ وَرِيشًا ۖ وَلِبَاسُ التَّقْوَىٰ ذَٰلِكَ خَيْرٌ ۚ ذَٰلِكَ مِنْ آيَاتِ اللَّهِ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَ
    ئى ئادەم بالىلىرى! سىلەرگە بىز ھەقىقەتەن ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان لىباسنى ۋە زىننەتلىنىدىغان لىباسنى چۈشۈردۇق، تەقۋادارلىق لىباسى ئەڭ ياخشىدۇر، ئەنە شۇلار (يەنى ئىنسان بالىلىرىغا سەترى ئەۋرەت ئۈچۈن لىباس ياراتماق) ئۇلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ (بەندىلىرىگە بولغان پەزلى ـ مەرھەمىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر

    ئى ئادەم بالىلىرى! سىلەرگە بىز ھەقىقەتەن ئەۋرىتىڭلارنى ياپىدىغان لىباسنى ۋە زىننەتلىنىدىغان لىباسنى چۈشۈردۇق، تەقۋادارلىق لىباسى ئەڭ ياخشىدۇر، شۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ (ئاللاھنىڭ پەزلى-مەرھىمىتىنى) ئەسلەپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قالدۇرغان ئالامەتلىرىدىندۇر [26].

  27. (7-سۈرە ئەئراف، 27-ئايەت)
    يَا بَنِي آدَمَ لَا يَفْتِنَنَّكُمُ الشَّيْطَانُ كَمَا أَخْرَجَ أَبَوَيْكُمْ مِنَ الْجَنَّةِ يَنْزِعُ عَنْهُمَا لِبَاسَهُمَا لِيُرِيَهُمَا سَوْآتِهِمَا ۗ إِنَّهُ يَرَاكُمْ هُوَ وَقَبِيلُهُ مِنْ حَيْثُ لَا تَرَوْنَهُمْ ۗ إِنَّا جَعَلْنَا الشَّيَاطِينَ أَوْلِيَاءَ لِلَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ
    ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتان سىلەرنىڭ ئاتا ـ ئاناڭلارنى (ئازدۇرۇپ) جەننەتتىن چىقىرىۋەتكەندەك، سىلەرنىمۇ ئازدۇرمىسۇن، شەيتان ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرىنى ئۆزلىرىگە كۆرسىتىش ئۈچۈن كىيىملىرىنى سالغۇزۇۋەتكەن ئىدى (يەنى ئۇلارنىڭ يالىڭاچ بولۇپ قېلىشىغا شەيتان سەۋەبچى بولغان ئىدى). شەيتان ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى سىلەرنى كۆرەلەيدۇ، سىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيسىلەر، شۈبھىسىزكى، بىز شەيتانلارنى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دوستى قىلدۇق

    ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتان سىلەرنىڭ ئاتا ـ ئاناڭلارنى (ئازدۇرۇپ) جەننەتتىن چىقىرىۋەتكەندەك، سىلەرنىمۇ ئازدۇرۋەتمىسۇن. شەيتان ئۇ ئىككەيلەننىڭ ئەۋرەتلىرىنى ئۆزلىرىگە كۆرسىتىش ئۈچۈن كىيىملىرىنى سالدۇرۇۋەتكەن ئىدى (يەنى ئۇلارنىڭ يالىڭاچ بولۇپ قېلىشىغا شەيتان سەۋەبچى بولغان ئىدى). شەيتان ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى سىلەرنى كۆرەلەيدۇ، سىلەر ئۇلارنى كۆرەلمەيسىلەر، شۈبھىسىزكى، بىز شەيتانلارنى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دوستى قىلدۇق [27].

  28. (7-سۈرە ئەئراف، 28-ئايەت)
    وَإِذَا فَعَلُوا فَاحِشَةً قَالُوا وَجَدْنَا عَلَيْهَا آبَاءَنَا وَاللَّهُ أَمَرَنَا بِهَا ۗ قُلْ إِنَّ اللَّهَ لَا يَأْمُرُ بِالْفَحْشَاءِ ۖ أَتَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
    ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) بىرەر يامان ئىشنى قىلغان چاغلىرىدا: ‹‹ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدۇق، ئاللاھ بىزنىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغان›› دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، ‹‹ئاللاھ (بەندىلىرىنى) ھەقىقەتەن يامان ئىشقا بۇيرۇمايدۇ، ئۆزلىرىڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھ نامىدىن يالغان ئېيتامسىلەر؟››

    ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) بىرەر يامان ئىشنى قىلغان چاغلىرىدا: «بىز ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى بىلگەن ئىدۇق، ئاللاھ بىزنىمۇ شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇغان» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ (بەندىلىرىنى) ھەقىقەتەن يامان ئىشقا بۇيرۇمايدۇ، ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھ نامىدىن ئېيتامسىلەر؟» [28].

  29. (7-سۈرە ئەئراف، 29-ئايەت)
    قُلْ أَمَرَ رَبِّي بِالْقِسْطِ ۖ وَأَقِيمُوا وُجُوهَكُمْ عِنْدَ كُلِّ مَسْجِدٍ وَادْعُوهُ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ ۚ كَمَا بَدَأَكُمْ تَعُودُونَ
    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم مېنى ئادىل بولۇشقا بۇيرۇدى. ھەر سەجدە قىلغاندا پۈتۈنلەي ئاللاھقا يۈزلىنىڭلار، ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەر ئاللاھ دەسلەپتە پەيدا قىلغان ھالىتىڭلاردا (ئەسلىگە) قايتىسىلەر»

    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم مېنى ئادىل بولۇشقا بۇيرۇدى. سىلەر ھەر سەجدىدە پۈتۈنلەي ئاللاھقا يۈزلىنىڭلار، ئاللاھقا ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەر (قىيامەت كۈنى) ئاللاھ دەسلەپتە پەيدا قىلغان ھالىتىڭلارغا قايتىسىلەر» [29].

  30. (7-سۈرە ئەئراف، 30-ئايەت)
    فَرِيقًا هَدَىٰ وَفَرِيقًا حَقَّ عَلَيْهِمُ الضَّلَالَةُ ۗ إِنَّهُمُ اتَّخَذُوا الشَّيَاطِينَ أَوْلِيَاءَ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَيَحْسَبُونَ أَنَّهُمْ مُهْتَدُونَ
    ئاللاھ (سىلەردىن) بىر گۇرۇھنى ھىدايەت قىلدى؛ يەنە بىر گۇرۇھقا گۇمراھلىق تېگىشلىك بولدى. چۈنكى، ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، شەيتانلارنى دوست تۇتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ گۇمان قىلىدۇ

    ئاللاھ (ئىنسانلاردىن) بىر گۇرۇھنى ھىدايەت قىلدى، يەنە بىر گۇرۇھقا گۇمراھلىق تېگىشلىك بولدى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ شەيتانلارنى دوست تۇتقان تۇرۇقلۇق، ئۆزىنى توغرا يولدا دەپ ھېسابلايدۇ [30].

  31. (7-سۈرە ئەئراف، 31-ئايەت)
    يَا بَنِي آدَمَ خُذُوا زِينَتَكُمْ عِنْدَ كُلِّ مَسْجِدٍ وَكُلُوا وَاشْرَبُوا وَلَا تُسْرِفُوا ۚ إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُسْرِفِينَ
    ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر ناماز ۋاقتىدا (ياكى تاۋاپ ۋاقتىدا ئەۋرىتىڭلارنى سەترى قىلىپ تۇرىدىغان) كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار، يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ

    ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر قېتىم ناماز ئوقۇيدىغان چاغدا چىرايلىق كىيىنىڭلار. يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار. ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ [31].

  32. (7-سۈرە ئەئراف، 32-ئايەت)
    قُلْ مَنْ حَرَّمَ زِينَةَ اللَّهِ الَّتِي أَخْرَجَ لِعِبَادِهِ وَالطَّيِّبَاتِ مِنَ الرِّزْقِ ۚ قُلْ هِيَ لِلَّذِينَ آمَنُوا فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا خَالِصَةً يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ كَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
    ئېيتقىنكى، «ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان لىباسلارنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟» ئېيتقىنكى، ‹‹ئۇلار بۇ دۇنيادا مۆمىنلەر ئۈچۈن يارىتىلغان (گەرچە ئۇلارغا كۇففارلار شېرىك بولسىمۇ)، ئاخىرەتتە بولسا مۆمىنلەرگىلا خاستۇر». (ئاللاھنىڭ بىر ۋە شېرىكى يوق ئىكەنلىكىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز

    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان لىباسلارنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟» ئېيتقىنكى، «بۇلار بۇ دۇنيادا مۆمىنلەر ئۈچۈن يارىتىلغان (گەرچە ئۇلارغا كافىرلار شېرىك بولسىمۇ)، ئاخىرەتتە بولسا مۆمىنلەرگىلا خاستۇر». بۇنى چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلى بايان قىلىمىز [32].

  33. (7-سۈرە ئەئراف، 33-ئايەت)
    قُلْ إِنَّمَا حَرَّمَ رَبِّيَ الْفَوَاحِشَ مَا ظَهَرَ مِنْهَا وَمَا بَطَنَ وَالْإِثْمَ وَالْبَغْيَ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَأَنْ تُشْرِكُوا بِاللَّهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِ سُلْطَانًا وَأَنْ تَقُولُوا عَلَى اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
    (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى، گۇناھلارنى، (كىشىلەرگە) ناھەق چېقىلىشنى، (ئاللاھنىڭ شېرىكى بولۇشقا) ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنى، ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھ نامىدىن قالايمىقان سۆزلەشنى ھارام قىلدى››

    (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى، گۇناھلارنى، (كىشىلەرگە) ناھەق چېقىلىشنى، ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قېلىۋېلىشىڭلارنى، ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىلەر ھەققىدە ئاللاھ نامىدا قالايمىقان سۆزلىشىڭلارنى ھارام قىلدى» [33].

  34. (7-سۈرە ئەئراف، 34-ئايەت)
    وَلِكُلِّ أُمَّةٍ أَجَلٌ ۖ فَإِذَا جَاءَ أَجَلُهُمْ لَا يَسْتَأْخِرُونَ سَاعَةً ۖ وَلَا يَسْتَقْدِمُونَ
    ھەر بىر ئۈممەتنىڭ (ھالاك بولىدىغان) مۇئەييەن ۋاقتى بولىدۇ، (ھالاك بولىدىغان) ۋاقتى يەتكەندە، ئۇلار بىردەممۇ ئىلگىرى ـ كېيىن بولمايدۇ (يەنى دەرھال ھالاك بولىدۇ)

    ھەربىر ئۈممەتنىڭ (ھالاك بولىدىغان) مۇئەييەن ۋاقتى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ۋاقتى كەلگەندە، بىردەممۇ ئىلگىرى ـ كېيىن سۈرۈلمەيدۇ (يەنى دەرھال ھالاك بولىدۇ) [34].

  35. (7-سۈرە ئەئراف، 35-ئايەت)
    يَا بَنِي آدَمَ إِمَّا يَأْتِيَنَّكُمْ رُسُلٌ مِنْكُمْ يَقُصُّونَ عَلَيْكُمْ آيَاتِي ۙ فَمَنِ اتَّقَىٰ وَأَصْلَحَ فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
    ئى ئادەم بالىلىرى! ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى سىلەرگە بايان قىلىپ بېرىدىغان پەيغەمبەرلىرىم كەلگەندە، تەقۋادارلىق قىلغان ۋە (ئەمەلىنى) تۈزەتكەنلەرگە قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار غەم-ئەندىشە قىلمايدۇ

    ئى ئادەم بالىلىرى! ئاراڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى سىلەرگە بايان قىلىپ بېرىدىغان پەيغەمبەرلىرىم كەلگەندە، تەقۋادارلىق قىلغان ۋە ئۆزىنى تۈزەتكەنلەرگە ئەنسىرەش ۋە غەم قىلىش يوقتۇر [35].

  36. (7-سۈرە ئەئراف، 36-ئايەت)
    وَالَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَاسْتَكْبَرُوا عَنْهَا أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلار دوزاخ ئەھلىدۇر، ئۇلار ھەمىشە دوزاختا قالغۇسىدۇر

    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلار دوزاخ ئەھلىدۇر، ئۇلار ھەمىشە دوزاختا قالغۇچىدۇر [36].

  37. (7-سۈرە ئەئراف، 37-ئايەت)
    فَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا أَوْ كَذَّبَ بِآيَاتِهِ ۚ أُولَٰئِكَ يَنَالُهُمْ نَصِيبُهُمْ مِنَ الْكِتَابِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا جَاءَتْهُمْ رُسُلُنَا يَتَوَفَّوْنَهُمْ قَالُوا أَيْنَ مَا كُنْتُمْ تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ ۖ قَالُوا ضَلُّوا عَنَّا وَشَهِدُوا عَلَىٰ أَنْفُسِهِمْ أَنَّهُمْ كَانُوا كَافِرِينَ
    ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلاردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئۇلار لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغان (رىزىقتىن ۋە ئەجەلدىن) ئۆز نېسىۋىسىنى كۆرىدۇ، ھەتتا بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن كەلگەندىمۇ، ئۇلارغا: ‹‹ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرىڭلار قەيەردە؟›› دەيدۇ، ئۇلار: ‹‹ئۇلار بىزدىن غايىب بولۇپ كەتتى›› دەيدۇ. ئۇلار كاپىر بولغانلىقلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ (يەنى كاپىر بولغانلىقلىرىغا ئىقرار قىلىدۇ)

    ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ياكى ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلاردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئۇلار ئۆزىنىڭ لەۋھۇلمەھفۇزدا يېزىلغان نېسىۋىلىرىگە ئېرىشىدۇ، ھەتتا بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن كەلگەندىمۇ، ئۇلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرىڭلار قەيەردە؟» دەيدۇ، ئۇلار: «ئۇلار بىزدىن غايىب بولۇپ كەتتى» دەيدۇ. ئۇلار كافىر بولغانلىقىغا (ئىقرار قىلىپ)، ئۆزىنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ [37].

  38. (7-سۈرە ئەئراف، 38-ئايەت)
    قَالَ ادْخُلُوا فِي أُمَمٍ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِكُمْ مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ فِي النَّارِ ۖ كُلَّمَا دَخَلَتْ أُمَّةٌ لَعَنَتْ أُخْتَهَا ۖ حَتَّىٰ إِذَا ادَّارَكُوا فِيهَا جَمِيعًا قَالَتْ أُخْرَاهُمْ لِأُولَاهُمْ رَبَّنَا هَٰؤُلَاءِ أَضَلُّونَا فَآتِهِمْ عَذَابًا ضِعْفًا مِنَ النَّارِ ۖ قَالَ لِكُلٍّ ضِعْفٌ وَلَٰكِنْ لَا تَعْلَمُونَ
    ئاللاھ (ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارغا) ئېيتىدۇ: ‹‹سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن، جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان (كاپىر) ئۈممەتلەر بىلەن بىرلىكتە دوزاخقا كىرىڭلار››. ھەرقاچان بىر ئۈممەت دوزاخقا كىرىدىكەن، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتكە (ئۇنىڭغا ئەگىشىپ گۇمراھ بولغانلىقى ئۈچۈن) لەنەت ئوقۇيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دوزاخقا كىرىپ بولۇپ جەملەشكەندە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كېيىن كىرگەنلەر (يەنى ئەگەشكۈچىلەر) ئىلگىرى كىرگەنلەرگە (يەنى باشلىقلىرىغا) قارىتىپ: ‹‹ئى پەرۋەردىگارىمىز! بۇلار بىزنى ئازدۇرغان. ئۇلارغا ئىككى ھەسسە دوزاخ ئازابى بەرگىن›› دەيدۇ. ئاللاھ: ‹‹ھەممىگە ئىككى ھەسسە ئازاب بېرىلىدۇ، لېكىن سىلەر (ئازابنىڭ دەھشىتىنى) بىلمەيسىلەر›› دەيدۇ

    ئاللاھ (ئايەتلەرنى ئىنكار قىلغانلارغا) ئېيتىدۇ: «سىلەر ئۆزۈڭلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان (كافىر) ئۈممەتلەر بىلەن بىرلىكتە دوزاخقا كىرىڭلار». ھەرقاچان بىر ئۈممەت دوزاخقا كىرىدىكەن، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتكە (ئۇنىڭغا ئەگىشىپ گۇمراھ بولغانلىقى ئۈچۈن) لەنەت ئوقۇيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دوزاخقا كىرىپ بولۇپ جەملەشكەندە، ئۇلارنىڭ كېيىنكىلىرى ئىلگىرىكىلەرگە قارىتىپ: «ئى رەببىمىز! بۇلار بىزنى ئازدۇرغان. ئۇلارغا ئىككى ھەسسە دوزاخ ئازابى بەرگىن» دەيدۇ. ئاللاھ: «ھەممىگە ئىككى ھەسسە ئازاب بېرىلىدۇ، لېكىن سىلەر بىلمەيسىلەر» دەيدۇ [38].

  39. (7-سۈرە ئەئراف، 39-ئايەت)
    وَقَالَتْ أُولَاهُمْ لِأُخْرَاهُمْ فَمَا كَانَ لَكُمْ عَلَيْنَا مِنْ فَضْلٍ فَذُوقُوا الْعَذَابَ بِمَا كُنْتُمْ تَكْسِبُونَ
    ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىلگىرىكىلەر كېيىنكىلەرگە: ‹‹سىلەرنىڭ بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق (يەنى گۇمراھلىقتا ۋە ئازابقا تېگىشلىك بولۇشتا بىر بىرىمىزگە ئوخشاشمىز)، قىلمىشلىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابنى تېتىڭلار›› دەيدۇ

    ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىلگىرىكىلەر كېيىنكىلەرگە: «سىلەرنىڭ بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرمۇ قىلمىشلىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ [39].

  40. (7-سۈرە ئەئراف، 40-ئايەت)
    إِنَّ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَاسْتَكْبَرُوا عَنْهَا لَا تُفَتَّحُ لَهُمْ أَبْوَابُ السَّمَاءِ وَلَا يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ حَتَّىٰ يَلِجَ الْجَمَلُ فِي سَمِّ الْخِيَاطِ ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُجْرِمِينَ
    شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلارغا ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلمايدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەلى ۋە دۇئاسى قوبۇل بولمايدۇ)، تاكى تۆگە يىڭنىنىڭ تۆشۈكىدىن ئۆتكۈچە ئۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ (يەنى ئۇلار ھەرگىزمۇ جەننەتكە كىرمەيدۇ)، گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز

    شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇ ئايەتلەرگە ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلارغا ئاسماننىڭ (رەھمەت) دەرۋازىسى ئېچىلمايدۇ، تاكى تۆگە يىڭنىنىڭ تۆشۈكىدىن ئۆتكۈچە ئۇلار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز [40].

  41. (7-سۈرە ئەئراف، 41-ئايەت)
    لَهُمْ مِنْ جَهَنَّمَ مِهَادٌ وَمِنْ فَوْقِهِمْ غَوَاشٍ ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الظَّالِمِينَ
    دوزاختا ئۇلارنىڭ ئاستىغا سالىدىغان كۆرپىسىمۇ ئوتتىن، ئۈستىگە يېپىنىدىغان يوتقىنىمۇ ئوتتىن بولىدۇ، زالىملارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز

    دوزاختا ئۇلارنىڭ ئاستىغا سالىدىغان كۆرپىسىمۇ ئوتتىن، ئۈستىگە يېپىنىدىغان يوتقىنىمۇ ئوتتىن بولىدۇ. كۇفرلىق قىلغانلارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز [41].

  42. (7-سۈرە ئەئراف، 42-ئايەت)
    وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَا نُكَلِّفُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ الْجَنَّةِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
    ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ـ كىشىنى پەقەت كۈچى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىمىز - ئەنە شۇلار ئەھلى جەننەتتۇر، ئۇلار جەننەتتە ھەمىشە قالىدۇ

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ـ ئەنە شۇلار جەننەت ئەھلىدۇر، ئۇلار جەننەتتە ھەمىشە تۇرىدۇ. بىز ھېچكىمگە كۈچى يەتمەيدىغان ئىشنى يۈكلىمەيمىز [42].

  43. (7-سۈرە ئەئراف، 43-ئايەت)
    وَنَزَعْنَا مَا فِي صُدُورِهِمْ مِنْ غِلٍّ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهِمُ الْأَنْهَارُ ۖ وَقَالُوا الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي هَدَانَا لِهَٰذَا وَمَا كُنَّا لِنَهْتَدِيَ لَوْلَا أَنْ هَدَانَا اللَّهُ ۖ لَقَدْ جَاءَتْ رُسُلُ رَبِّنَا بِالْحَقِّ ۖ وَنُودُوا أَنْ تِلْكُمُ الْجَنَّةُ أُورِثْتُمُوهَا بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
    ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئۆچمەنلىكلىرىنى ئېلىپ تاشلىدۇق (يەنى جەننەتكە كىرگەنلەر ئارىسىدا ئۆزئارا ئاغرىق ـ ئاداۋەت بولمايدۇ). ئۇلارنىڭ (سارايلىرى) ئاستىدىن (جەننەتنىڭ) ئۆستەڭلىرى ئېقىپ تۇرىدۇ. ئۇلار: «جىمى ھەمدۇسانا بىزنى بۇ (نېمەتلەرنى ھاسىل قىلىشقا) يېتەكلىگەن ئاللاھقا بولسۇنكى، ئاللاھ بىزنى يېتەكلىمىگەن بولسا، توغرا يول تاپمىغان بولاتتۇق. ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىرى بىزگە ھەقنى ئېلىپ كەلدى» دەيدۇ. ئۇلارغا: «قىلغان ئەمەلىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە بېرىلگەن جەننەت مانا مۇشۇ›› دەپ نىدا قىلىنىدۇ (يەنى پەرىشتىلەر شۇنداق دەپ نىدا قىلىدۇ)

    ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئۆچمەنلىكنى ئېلىپ تاشلايمىز. ئۇلارنىڭ (جەننەتتىكى سارايلىرى) ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇلار: «بارلىق ھەمدۇسانا بىزنى يېتەكلىگەن ئاللاھقا بولسۇنكى، ئاللاھ بىزنى يېتەكلىمىگەن بولسا، بىز توغرا يول تاپالمىغان بولاتتۇق، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىرى بىزگە ھەقنى ئېلىپ كەلدى» دەيدۇ، ئۇلارغا: «سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلار ئۈچۈن مىراس قىلىپ بېرىلگەن جەننەت مانا مۇشۇ» دەپ نىدا قىلىنىدۇ [43].

  44. (7-سۈرە ئەئراف، 44-ئايەت)
    وَنَادَىٰ أَصْحَابُ الْجَنَّةِ أَصْحَابَ النَّارِ أَنْ قَدْ وَجَدْنَا مَا وَعَدَنَا رَبُّنَا حَقًّا فَهَلْ وَجَدْتُمْ مَا وَعَدَ رَبُّكُمْ حَقًّا ۖ قَالُوا نَعَمْ ۚ فَأَذَّنَ مُؤَذِّنٌ بَيْنَهُمْ أَنْ لَعْنَةُ اللَّهِ عَلَى الظَّالِمِينَ
    ئەھلى دوزاخقا: ‹‹بىز پەرۋەردىگارىمىز بىزگە ۋەدە قىلغان نەرسىنى ھەق تاپتۇق، سىلەرمۇ پەرۋەردىگارىڭلار ۋەدە قىلغان نەرسىنى ھەق تاپتىڭلارمۇ؟›› دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار: ‹‹ھەئە›› دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر جاكارچى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (مۇنداق دەپ) جاكارلايدۇ: ‹‹زالىملارغا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن

    جەننەت ئەھلى دوزاخ ئەھلىگە: «بىز پەرۋەردىگارىمىز بىزگە ۋەدە قىلغان نەرسىگە ھەقىقەتەن ئېرىشتۇق، سىلەرمۇ پەرۋەردىگارىڭلار ۋەدە قىلغان نەرسىگە ھەقىقەتەن ئېرىشتىڭلارمۇ؟» دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار: «ھەئە» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر جاكارچى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (مۇنداق دەپ) جاكارلايدۇ: «كۇفرلىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە ئۆزى زۇلۇم قىلغانلارغا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن [44].

  45. (7-سۈرە ئەئراف، 45-ئايەت)
    الَّذِينَ يَصُدُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ وَيَبْغُونَهَا عِوَجًا وَهُمْ بِالْآخِرَةِ كَافِرُونَ
    زالىملار كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ داغدام يولىدىن توسىدۇ، ئۇنىڭ ئەگرى يولدا بولۇشىنى تىلەيدۇ ھەمدە ئۇلار ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ

    ئۇلار كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ داغدام يولىدىن توسقان، ئۇنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلەيدىغان ھەمدە ئۇلار ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان كىشلەردۇر» [45].

  46. (7-سۈرە ئەئراف، 46-ئايەت)
    وَبَيْنَهُمَا حِجَابٌ ۚ وَعَلَى الْأَعْرَافِ رِجَالٌ يَعْرِفُونَ كُلًّا بِسِيمَاهُمْ ۚ وَنَادَوْا أَصْحَابَ الْجَنَّةِ أَنْ سَلَامٌ عَلَيْكُمْ ۚ لَمْ يَدْخُلُوهَا وَهُمْ يَطْمَعُونَ
    ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر توسما بولىدۇ. توسمىنىڭ ئۈستىدە (ئەئرافتا) ئەھلى جەننەت ۋە ئەھلى دوزاخنى ئۇلارنىڭ سىماسىدىن تونۇيدىغان ئادەملەر (يەنى ئەھلى ئەئراف) بولىدۇ. ئۇلار ئەھلى جەننەتكە: «سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز›› دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار جەننەتكە كىرمىگەن، (ئەمما) كىرىش ئۈمىدىدە تۇرغانلاردۇر

    ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر توسۇق بولىدۇ. توسۇقنىڭ ئۈستىدە جەننەت ئەھلىنى ۋە دوزاخ ئەھلىنى ئۇلارنىڭ سىيماسىدىن تونۇيدىغان ئادەملەر بولىدۇ، ئۇلار جەننەت ئەھلىگە: «سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز» دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار جەننەتكە كىرمىگەن (ئەمما) كىرىش ئۈمىدىدە تۇرغانلاردۇر [46].

  47. (7-سۈرە ئەئراف، 47-ئايەت)
    وَإِذَا صُرِفَتْ أَبْصَارُهُمْ تِلْقَاءَ أَصْحَابِ النَّارِ قَالُوا رَبَّنَا لَا تَجْعَلْنَا مَعَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
    ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئەھلى دوزاخ تەرەپكە بۇرۇلغاندا: ‹‹ئى پەرۋەردىگارىمىز!بىزنى زالىم قەۋم بىلەن بىللە قىلمىغىن›› دەيدۇ

    ئۇلارنىڭ كۆزلىرى دوزاخ ئەھلى تەرەپكە بۇرۇلغاندا: «ئى رەببىمىز! بىزنى بۇ زالىم قەۋم بىلەن بىللە قىلمىغىن» دەيدۇ [47].

  48. (7-سۈرە ئەئراف، 48-ئايەت)
    وَنَادَىٰ أَصْحَابُ الْأَعْرَافِ رِجَالًا يَعْرِفُونَهُمْ بِسِيمَاهُمْ قَالُوا مَا أَغْنَىٰ عَنْكُمْ جَمْعُكُمْ وَمَا كُنْتُمْ تَسْتَكْبِرُونَ
    ئەئرافتىكىلەر (يەنى ياخشىلىقلىرى بىلەن يامانلىقلىرى تەڭ بولۇپ قالغان، جەننەتتىمۇ ئەمەس، دوزاختىمۇ ئەمەس كىشىلەر) سىماسىدىن تونۇۋالىدىغان (دوزىخى) ئادەملەرگە: ‹‹توپلىغان پۇل ـ ماللىرىڭلار ۋە تەكەببۇرلۇقۇڭلار سىلەرگە نېمىگە ئەسقاتتى؟›› دەپ توۋلايدۇ

    توسۇق ئۈستىدىكىلەر سىيماسىدىن تونۇيدىغان (دوزىخىي) ئادەملەرگە: «توپلىغان پۇل ـ ماللىرىڭلار ۋە تەكەببۇرلۇقۇڭلار نېمىگە ئەسقاتتى؟» دەپ توۋلايدۇ [48].

  49. (7-سۈرە ئەئراف، 49-ئايەت)
    أَهَٰؤُلَاءِ الَّذِينَ أَقْسَمْتُمْ لَا يَنَالُهُمُ اللَّهُ بِرَحْمَةٍ ۚ ادْخُلُوا الْجَنَّةَ لَا خَوْفٌ عَلَيْكُمْ وَلَا أَنْتُمْ تَحْزَنُونَ
    (ئەئرافتىكىلەر دوزىخىلارغا مۆمىنلەرنىڭ پېقىرلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ) «سىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، دەپ قەسەم قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟ (مانا بۇلارغا) جەننەتكە كىرىڭلار، سىلەرگە (كەلگۈسىدىن) قورقۇنچ يوقتۇر، سىلەر غەم-ئەندىشە قىلمايسىلەر دېيىلدى دەيدۇ»

    (توسۇق ئۈستىدىكىلەر دوزىخىيلارغا مۆمىنلەرنىڭ پېقىرلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ) سىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، دەپ قەسەم قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟ (بۇلارغا) جەننەتكە كىرىڭلار، سىلەرگە ئەنسىرەش ۋە غەم قىلىش يوقتۇر (دېيىلدى دەيدۇ) [49].

  50. (7-سۈرە ئەئراف، 50-ئايەت)
    وَنَادَىٰ أَصْحَابُ النَّارِ أَصْحَابَ الْجَنَّةِ أَنْ أَفِيضُوا عَلَيْنَا مِنَ الْمَاءِ أَوْ مِمَّا رَزَقَكُمُ اللَّهُ ۚ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ حَرَّمَهُمَا عَلَى الْكَافِرِينَ
    ئەھلى دوزاخ ئەھلى جەننەتكە: ‹‹سۇدىن ياكى ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ئىچىدىغان نەرسىلەردىن بىزگە بىر ئاز قۇيۇپ بەرسەڭلار!›› دەپ توۋلايدۇ، ئەھلى جەننەت ئۇلارغا (جاۋابەن): ‹‹ئاللاھ ئۇلارنى كاپىرلارغا ھارام قىلغان›› دەيدۇ

    دوزاخ ئەھلى جەننەت ئەھلىگە: «سۇدىن ياكى ئاللاھ سىلەرگە ئاتا قىلغان نەرسىلەردىن بىزگە بىر ئاز قۇيۇپ بەرسەڭلار!» دەپ توۋلايدۇ، جەننەت ئەھلى ئۇلارغا (جاۋابەن): «ئاللاھ ئۇ نەرسىلەرنى كافىرلارغا ھارام قىلغان» دەيدۇ [50].

  51. (7-سۈرە ئەئراف، 51-ئايەت)
    الَّذِينَ اتَّخَذُوا دِينَهُمْ لَهْوًا وَلَعِبًا وَغَرَّتْهُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا ۚ فَالْيَوْمَ نَنْسَاهُمْ كَمَا نَسُوا لِقَاءَ يَوْمِهِمْ هَٰذَا وَمَا كَانُوا بِآيَاتِنَا يَجْحَدُونَ
    كاپىرلار دىنلىرىنى مەسخىرە ۋە ئويۇنچۇق قىلىۋالدى، ئۇلارنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىدى، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە مۇلاقات بولۇشنى ئۇنتۇغانلىقلىرى ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرىغا ئوخشاش، بىز بۈگۈن ئۇلارنى ئۇنتۇيمىز (يەنى ئۇلارنى دوزاختا قالدۇرىمىز)

    ئۇ كافىرلار دىنلىرىنى ئويۇن-تاماشا قىلىۋالدى، ئۇلارنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىدى، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئۇچرىشىشنى ئۇنتۇپ، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغىنىغا ئوخشاش، بىزمۇ بۈگۈن ئۇلارنى ئۇنتۇيمىز [51].

  52. (7-سۈرە ئەئراف، 52-ئايەت)
    وَلَقَدْ جِئْنَاهُمْ بِكِتَابٍ فَصَّلْنَاهُ عَلَىٰ عِلْمٍ هُدًى وَرَحْمَةً لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
    ئۇلارغا كىتاب (يەنى قۇرئان) بەردۇق، ئۇنى (يەنى قۇرئاننىڭ مەنىلىرىنى) بىلىش ئاساسىدا بايان قىلدۇق، ئۇنى ئىمان ئېيتقان قەۋمگە ھىدايەت ۋە رەھمەت قىلدۇق

    بىز ھەقىقەتەن ئىلىم-ھېكمەت ئاساسىدا مۇپەسسەل بايان قىلغان ۋە ئىمان ئېيتقان قەۋمگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان كىتاب (قۇرئان) نى ئۇلارغا (يەنى مەككە ئەھلىگە) ئاتا قىلدۇق [52].

  53. (7-سۈرە ئەئراف، 53-ئايەت)
    هَلْ يَنْظُرُونَ إِلَّا تَأْوِيلَهُ ۚ يَوْمَ يَأْتِي تَأْوِيلُهُ يَقُولُ الَّذِينَ نَسُوهُ مِنْ قَبْلُ قَدْ جَاءَتْ رُسُلُ رَبِّنَا بِالْحَقِّ فَهَلْ لَنَا مِنْ شُفَعَاءَ فَيَشْفَعُوا لَنَا أَوْ نُرَدُّ فَنَعْمَلَ غَيْرَ الَّذِي كُنَّا نَعْمَلُ ۚ قَدْ خَسِرُوا أَنْفُسَهُمْ وَضَلَّ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَفْتَرُونَ
    ئۇلار (يەنى كۇففارلار) پەقەت (ئۆزلىرىگە ۋەدە قىلىنغان ئازابنىڭ) نەتىجىسىنىلا كۈتىدۇ. ئۇنىڭ نەتىجىسى كەلگەن كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)، ئىلگىرى كىتابقا ئەمەل قىلمىغانلار: ‹‹پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئەلچىلىرى ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى (بىز ئۇلارغا ئىمان ئېيتماپتۇق، بۈگۈن) بىزگە شاپائەت قىلىدىغان شاپائەتچىلەر بارمىدۇ؟ ياكى گۇناھ قىلىشتىن قول ئۈزۈپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئۈچۈن دۇنياغا قايتۇرۇلۇشىمىزغا بولامدىغاندۇ؟» دەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيان سالدى، ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ ئىپتىرا قىلغان مەبۇدلىرى ئۇلارنىڭ كۆزىدىن غايىب بولدى

    ئۇلار (يەنى كافىرلار) پەقەت ئۇنىڭدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ نەتىجىسىنىلا كۈتۈۋاتىدۇ. ئۇنىڭ نەتىجىسى كەلگەن كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)، ئىلگىرى بۇ كىتابقا ئەمەل قىلمىغانلار: «پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئەلچىلىرى (بىزگە) ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلگەن ئىكەن،ئەمدى بىزگە شاپائەت قىلىدىغان شاپائەتچىلەر بارمىدۇ؟ ياكى بىزنىڭ گۇناھ قىلىشتىن قول ئۈزۈپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئۈچۈن دۇنياغا قايتۇرۇلۇشىمىزغا بولامدىغاندۇ؟» دەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيان سالدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەۋالغان نەرسىلەر ئۇلارنىڭ يېنىدىن غايىب بولىدۇ [53].

  54. (7-سۈرە ئەئراف، 54-ئايەت)
    إِنَّ رَبَّكُمُ اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ يُغْشِي اللَّيْلَ النَّهَارَ يَطْلُبُهُ حَثِيثًا وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ وَالنُّجُومَ مُسَخَّرَاتٍ بِأَمْرِهِ ۗ أَلَا لَهُ الْخَلْقُ وَالْأَمْرُ ۗ تَبَارَكَ اللَّهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ
    شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە (يەنى ئالتە دەۋردە) ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە) ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى. ئاللاھ كېچە بىلەن (كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن) كۈندۈزنى ياپىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈز بىر ـ بىرىنى قوغلىشىدۇ (يەنى داۋاملىق ئورۇن ئالمىشىپ تۇرىدۇ)؛ ئاللاھ قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇندۇرۇلغۇچى قىلىپ ياراتتى، يارىتىش ۋە ئەمر قىلىش (يەنى كائىناتنى تەسەررۇپ قىلىش) راستىنلا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ دەرىجىسى كاتتىدۇر

    ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھتۇركى، ئۇ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە) ئەرش ئۈستىدە مۇستەۋى بولدى . كېچە بىلەن كۈندۈزنى يېپىپ، كېچە بىلەن كۈندۈزنى بىر ـ بىرىنى قوغلىشىدىغان (يەنى داۋاملىق ئالمىشىپ تۇرىدىغان) قىلدى. قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى ئۆزىنىڭ ئەمرىگە بويسۇنىدىغان قىلىپ ياراتتى. بىلىڭلاركى، يارىتىش ۋە ئەمر قىلىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ئاللاھنىڭ بەرىكىتى كاتتىدۇر [54].

  55. (7-سۈرە ئەئراف، 55-ئايەت)
    ادْعُوا رَبَّكُمْ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةً ۚ إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُعْتَدِينَ
    پەرۋەردىگارىڭلارغا تۆۋەنچىلىك بىلەن يوشۇرۇن دۇئا قىلىڭلار، (دۇئا قىلغاندا كەلسە ـ كەلمەس سۆزلەپ، توۋلاپ) ھەددىدىن ئاشۇرۋەتكەنلەرنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ

    پەرۋەردىگارىڭلارغا يالۋۇرۇپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا دۇئا قىلىڭلار، ھەددىدىن ئاشۇرۋەتكەنلەرنى ئاللاھ ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ [55].

  56. (7-سۈرە ئەئراف، 56-ئايەت)
    وَلَا تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ بَعْدَ إِصْلَاحِهَا وَادْعُوهُ خَوْفًا وَطَمَعًا ۚ إِنَّ رَحْمَتَ اللَّهِ قَرِيبٌ مِنَ الْمُحْسِنِينَ
    ئاللاھ (پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ) يەر يۈزىنى تۈزىگەندىن كېيىن، يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلماڭلار (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورققان ۋە (رەھمىتىنى) ئۈمىد قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر

    ئاللاھ (پەيغەمبەر ئەۋەتىپ) يەر يۈزىنى تۈزىگەندىن كېيىن، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار، ئاللاھقا قورققان ۋە ئۈمىد قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر [56].

  57. (7-سۈرە ئەئراف، 57-ئايەت)
    وَهُوَ الَّذِي يُرْسِلُ الرِّيَاحَ بُشْرًا بَيْنَ يَدَيْ رَحْمَتِهِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا أَقَلَّتْ سَحَابًا ثِقَالًا سُقْنَاهُ لِبَلَدٍ مَيِّتٍ فَأَنْزَلْنَا بِهِ الْمَاءَ فَأَخْرَجْنَا بِهِ مِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ ۚ كَذَٰلِكَ نُخْرِجُ الْمَوْتَىٰ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ
    ئاللاھنىڭ رەھمىتى (يەنى يامغۇر) مەيدانغا كېلىش ئالدىدا، ئاللاھ بېشارەتچى قىلىپ شاماللارنى ئەۋەتىدۇ. شاماللار ئېغىر بۇلۇتلارنى كۆتۈرگەن چاغدا، ئۇلارنى ئۆلۈك (يەنى قاغجىراپ كەتكەن گىياھسىز) جايلارغا سۈرىمىز. ئۇنىڭدىن يامغۇر ياغدۇرۇپ تۈرلۈك ـ تۈرلۈك مېۋىلەرنى چىقىرىمىز. ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (زېمىندىن مېۋىلەرنى چىقارغاندەك، قىيامەتتە) ئۆلۈكلەرنى قەبرىلىرىدىن چىقىرىمىز

    ئاللاھنىڭ رەھمىتى (يەنى يامغۇر) يېغىش ئالدىدا، ئاللاھ بېشارەتچى قىلىپ شاماللارنى ئەۋەتىدۇ، شاماللار ئېغىر بۇلۇتلارنى كۆتۈرگەن چاغدا، ئۇلارنى ئۆلۈك (يەنى قاغجىراپ كەتكەن گىياھسىز) جايلارغا سۈرىمىز، ئۇنىڭدىن يامغۇر ياغدۇرۇپ تۈرلۈك ـ تۈرلۈك مېۋىلەرنى چىقىرىمىز، شۇنىڭدەك قىيامەتتە ئۆلۈكلەرنى قەبرىلىرىدىن چىقىرىمىز. بۇنىڭدىن نەسىھەت ئالغايسىلەر [57].

  58. (7-سۈرە ئەئراف، 58-ئايەت)
    وَالْبَلَدُ الطَّيِّبُ يَخْرُجُ نَبَاتُهُ بِإِذْنِ رَبِّهِ ۖ وَالَّذِي خَبُثَ لَا يَخْرُجُ إِلَّا نَكِدًا ۚ كَذَٰلِكَ نُصَرِّفُ الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَشْكُرُونَ
    مۇنبەت يەرنىڭ گىياھى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن تولۇق ئۈنىدۇ (بۇ ۋەز ـ نەسىھەتكە قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدىغان مۆمىننىڭ مىسالىدۇر). ناچار يەرنىڭ گىياھى ئاز ئۆسىدۇ (بۇ ۋەز ـ نەسىھەتتىن پايدىلانمايدىغان كاپىرنىڭ مىسالىدۇر). شۈكۈر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلىرىمىزنى مۇشۇنداق شەكىللەردە بايان قىلىمىز

    مۇنبەت يەرنىڭ گىياھى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن تولۇق ئۈنىدۇ، ناچار يەرنىڭ گىياھى ناھايىتى ئاز ئۈنىدۇ. شۈكۈر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلىرىمىزنى مۇشۇنداق بايان قىلىمىز [58].

  59. (7-سۈرە ئەئراف، 59-ئايەت)
    لَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِ فَقَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
    شەك - شۈبھىسىزكى، نۇھنى ئۆز قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ: ‹‹ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن›› دېدى

    شەك-شۈبھىسىزكى، نۇھنى ئۆز قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوقتۇر، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن» دېدى [59].

  60. (7-سۈرە ئەئراف، 60-ئايەت)
    قَالَ الْمَلَأُ مِنْ قَوْمِهِ إِنَّا لَنَرَاكَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
    قەۋمىنىڭ چوڭلىرى: ‹‹بىز سېنى ھەقىقەتەن روشەن گۇمراھلىقتا كۆرۈمىز›› دېدى

    قەۋمىنىڭ چوڭلىرى: «بىز ھەقىقەتەن سېنى روشەن گۇمراھلىقتا دەپ قارايمىز» دېدى [60].

  61. (7-سۈرە ئەئراف، 61-ئايەت)
    قَالَ يَا قَوْمِ لَيْسَ بِي ضَلَالَةٌ وَلَٰكِنِّي رَسُولٌ مِنْ رَبِّ الْعَالَمِينَ
    نۇھ ئېيتتى: ‹‹ئى قەۋمىم! مەن قىلچىمۇ گۇمراھ ئەمەسمەن، لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن

    نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن قىلچىمۇ گۇمراھ ئەمەسمەن، لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن [61].

  62. (7-سۈرە ئەئراف، 62-ئايەت)
    أُبَلِّغُكُمْ رِسَالَاتِ رَبِّي وَأَنْصَحُ لَكُمْ وَأَعْلَمُ مِنَ اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
    سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزىمەن، سىلەرگە نەسىھەت قىلىمەن، مەن ئاللاھنىڭ ۋەھىي قىلىشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن

    مەن سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ پەرمانلىرىنى يەتكۈزىمەن، سىلەرگە نەسىھەت قىلىمەن، مەن ئاللاھنىڭ ۋەھيى قىلىشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن [62].

  63. (7-سۈرە ئەئراف، 63-ئايەت)
    أَوَعَجِبْتُمْ أَنْ جَاءَكُمْ ذِكْرٌ مِنْ رَبِّكُمْ عَلَىٰ رَجُلٍ مِنْكُمْ لِيُنْذِرَكُمْ وَلِتَتَّقُوا وَلَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
    سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، (كۇفرىدىن) ساقلىنىشىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئاراڭلاردىكى بىر كىشى ئارقىلىق پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ۋەھىيسى كېلىشىدىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟››

    سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، (كۇفردىن) ساقلىنىشىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئاراڭلاردىكى بىر كىشى ئارقىلىق پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ۋەھيىسى كەلگەنلىكىدىن ھەيران قېلىۋاتامسىلەر؟» [63].

  64. (7-سۈرە ئەئراف، 64-ئايەت)
    فَكَذَّبُوهُ فَأَنْجَيْنَاهُ وَالَّذِينَ مَعَهُ فِي الْفُلْكِ وَأَغْرَقْنَا الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمًا عَمِينَ
    ئۇلار نۇھنى ئىنكار قىلدى، نۇھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق، ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى پۈتۈنلەي (سۇغا) غەرق قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ھەقنى كۆرۈشتىن دىللىرى) كور قەۋم ئىدى

    ئۇلار نۇھنى يالغانچى، دېدى. بىز نۇھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق، ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى پۈتۈنلەي (سۇغا) غەرق قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (دىللىرى) كور قەۋم ئىدى [64].

  65. (7-سۈرە ئەئراف، 65-ئايەت)
    وَإِلَىٰ عَادٍ أَخَاهُمْ هُودًا ۗ قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۚ أَفَلَا تَتَّقُونَ
    ئاد (قەۋمى) گە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى ئەۋەتتۇق، ھۇد: ‹‹ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. (ئۇنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟›› دېدى

    ئاد قەۋمىگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ھۇد: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. سىلەر (ئۇنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟» دېدى [65].

  66. (7-سۈرە ئەئراف، 66-ئايەت)
    قَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ قَوْمِهِ إِنَّا لَنَرَاكَ فِي سَفَاهَةٍ وَإِنَّا لَنَظُنُّكَ مِنَ الْكَاذِبِينَ
    ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتمىغان چوڭلىرى: ‹‹بىز سېنى ھەقىقەتەن ئەخمەق ھېسابلايمىز، بىز سېنى، ئەلۋەتتە، (پەيغەمبەرلىك دەۋايىڭدا) يالغانچىلاردىن دەپ گۇمان قىلىمىز›› دېدى

    ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتمىغان چوڭلىرى: «بىز سېنى ھەقىقەتەن ئەخمەق ھېسابلايمىز، بىز سېنى ئەلۋەتتە يالغانچىلاردىن دەپ قارايمىز» دېدى [66].

  67. (7-سۈرە ئەئراف، 67-ئايەت)
    قَالَ يَا قَوْمِ لَيْسَ بِي سَفَاهَةٌ وَلَٰكِنِّي رَسُولٌ مِنْ رَبِّ الْعَالَمِينَ
    ھۇد ئېيتتى: ‹‹ئى قەۋمىم! مەن ئەخمەق ئەمەسمەن، لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن

    ھۇد ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن ئەخمەق ئەمەس، بەلكى مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن [67].

  68. (7-سۈرە ئەئراف، 68-ئايەت)
    أُبَلِّغُكُمْ رِسَالَاتِ رَبِّي وَأَنَا لَكُمْ نَاصِحٌ أَمِينٌ
    سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزىمەن، مەن سىلەرگە ئىشەنچىلىك نەسىھەتچىمەن

    سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ پەرمانلىرىنى يەتكۈزىمەن، مەن سىلەرگە ئىشەنچىلىك نەسىھەتچىمەن [68].

  69. (7-سۈرە ئەئراف، 69-ئايەت)
    أَوَعَجِبْتُمْ أَنْ جَاءَكُمْ ذِكْرٌ مِنْ رَبِّكُمْ عَلَىٰ رَجُلٍ مِنْكُمْ لِيُنْذِرَكُمْ ۚ وَاذْكُرُوا إِذْ جَعَلَكُمْ خُلَفَاءَ مِنْ بَعْدِ قَوْمِ نُوحٍ وَزَادَكُمْ فِي الْخَلْقِ بَسْطَةً ۖ فَاذْكُرُوا آلَاءَ اللَّهِ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
    پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ۋەھىيسى سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئىچىڭلاردىكى بىر كىشى ئارقىلىق كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟›› ئۆز ۋاقتىدا نۇھنىڭ قەۋمى ھالاك بولغاندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغانلىقىنى، ۋۇجۇدۇڭلارنى قامەتلىك، بەستلىك قىلغانلىقىنى ياد ئېتىڭلار، سىلەر بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار

    پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ۋەھيىسىنىڭ سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئىچىڭلاردىكى بىر كىشى ئارقىلىق كەلگەنلىكىدىن ھەيران قېلىۋاتامسىلەر؟» ئۆز ۋاقتىدا نۇھنىڭ قەۋمى ھالاك بولغاندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئورنىدا ياشايدىغان قىلغانلىقىنى، سىلەرنى قامەتلىك قىلغانلىقىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. سىلەر بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىپ تۇرۇڭلار [69].

  70. (7-سۈرە ئەئراف، 70-ئايەت)
    قَالُوا أَجِئْتَنَا لِنَعْبُدَ اللَّهَ وَحْدَهُ وَنَذَرَ مَا كَانَ يَعْبُدُ آبَاؤُنَا ۖ فَأْتِنَا بِمَا تَعِدُنَا إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
    ئۇلار: ‹‹(ئى ھۇد!) ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەبۇدلارنى تاشلاپ، يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشىمىزغا دەۋەت قىلغىلى كەلدىڭمۇ؟ ئەگەر راست سۆزلىگۈچىلەردىن بولساڭ، بىزگە ۋەدە قىلغان ئازابنى كەلتۈرگىن›› دېدى

    ئۇلار: «(ئى ھۇد!) بىزنى ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەبۇدلارنى تاشلاپ، يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلغىلى كەلدىڭمۇ؟ ئەگەر ئېيتقانلىرىڭ راست بولسا، سەن بىزگە ئاگاھلاندۇرغان ئازابنى كەلتۈرۈپ باققىنا قېنى؟» دېدى [70].

  71. (7-سۈرە ئەئراف، 71-ئايەت)
    قَالَ قَدْ وَقَعَ عَلَيْكُمْ مِنْ رَبِّكُمْ رِجْسٌ وَغَضَبٌ ۖ أَتُجَادِلُونَنِي فِي أَسْمَاءٍ سَمَّيْتُمُوهَا أَنْتُمْ وَآبَاؤُكُمْ مَا نَزَّلَ اللَّهُ بِهَا مِنْ سُلْطَانٍ ۚ فَانْتَظِرُوا إِنِّي مَعَكُمْ مِنَ الْمُنْتَظِرِينَ
    ھۇد: ‹‹سىلەرگە چوقۇم پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئازابى ۋە غەزىپى نازىل بولىدۇ، سىلەر ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا ـ بوۋاڭلار ئات قويۇۋالغان، بۇ ھەقتە (ئۇلارغا ئىبادەت قىلىشقا) ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل نازىل قىلمىغان (بۇتلارنىڭ) ئىسىملىرى ئۈستىدە مەن بىلەن مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ كۈتۈڭلار مەنمۇ ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىرلىكتە (سىلەرگە نازىل بولىدىغان ئازابنى) كۈتىمەن›› دېدى

    ھۇد: «سىلەرگە چوقۇم پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئازابى ۋە غەزىپى چۈشىدۇ، سىلەر ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا ـ بوۋاڭلار نام قويۇۋالغان، (ئۇلارغا ئىبادەت قىلىشقا) ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن (ئاشۇ بۇتلارنىڭ) ئىسىملىرى ئۈستىدە مەن بىلەن مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ (ئاللاھنىڭ ئازابىنى) كۈتۈڭلار، مەنمۇ ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىرلىكتە (سىلەرگە چۈشىدىغان ئازابنى) كۈتىمەن» دېدى [71].

  72. (7-سۈرە ئەئراف، 72-ئايەت)
    فَأَنْجَيْنَاهُ وَالَّذِينَ مَعَهُ بِرَحْمَةٍ مِنَّا وَقَطَعْنَا دَابِرَ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا ۖ وَمَا كَانُوا مُؤْمِنِينَ
    بىز ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغۇچىلارنى (يەنى مۆمىنلەرنى) رەھمىتىمىز بىلەن قۇتقۇزدۇق. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدۇق، ئۇلار ئىمان ئېيتمىغان ئىدى

    بىز ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغۇچىلارنى (يەنى مۆمىنلەرنى) رەھمىتىمىز بىلەن قۇتقۇزدۇق، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدۇق. ئۇلار ئىمان ئېيتمىغان ئىدى [72].

  73. (7-سۈرە ئەئراف، 73-ئايەت)
    وَإِلَىٰ ثَمُودَ أَخَاهُمْ صَالِحًا ۗ قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ قَدْ جَاءَتْكُمْ بَيِّنَةٌ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ هَٰذِهِ نَاقَةُ اللَّهِ لَكُمْ آيَةً ۖ فَذَرُوهَا تَأْكُلْ فِي أَرْضِ اللَّهِ ۖ وَلَا تَمَسُّوهَا بِسُوءٍ فَيَأْخُذَكُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
    سەمۇدقا ئۇلارنىڭ قېرىندىشى سالىھنى (پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق). ئۇ: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن مۆجىزە كەلدى. مانا بۇ ـ ئاللاھ (بىۋاسىتە) ياراتقان چىشى تۆگىمۇ سىلەرگە مېنىڭ مۆجىزەمدۇر. ئۇنى ئاللاھنىڭ زېمىنىغا قويۇۋېتىڭلار، ئىختىيارىي ئوتلىسۇن، ئۇنىڭغا زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزمەڭلار. بولمىسا سىلەرنى قاتتىق ئازاب ھالاك قىلىدۇ

    سەمۇد قەۋمىگە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى سالىھنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن مۆجىزە كەلدى. مانا بۇ ئاللاھنىڭ تاشتىن چىقارغان ھىنگان تۆگىسىمۇ سىلەر ئۈچۈن بىر مۆجىزىدۇر، ئۇنى ئاللاھنىڭ زېمىنىغا قويۇۋېتىڭلار، ئىختىيارىي ئوتلىسۇن، ئۇنىڭغا زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزمەڭلار، بولمىسا سىلەرنى قاتتىق ئازاب ھالاك قىلىدۇ [73].

  74. (7-سۈرە ئەئراف، 74-ئايەت)
    وَاذْكُرُوا إِذْ جَعَلَكُمْ خُلَفَاءَ مِنْ بَعْدِ عَادٍ وَبَوَّأَكُمْ فِي الْأَرْضِ تَتَّخِذُونَ مِنْ سُهُولِهَا قُصُورًا وَتَنْحِتُونَ الْجِبَالَ بُيُوتًا ۖ فَاذْكُرُوا آلَاءَ اللَّهِ وَلَا تَعْثَوْا فِي الْأَرْضِ مُفْسِدِينَ
    ياد ئېتىڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىلەرنى ئاد قەۋمىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلدى، سىلەرنى (ھىجر) زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇردى، ئۇنىڭ تۈزلەڭلىرىگە ئىمارەتلەر سالدىڭلار، تاغلارنى تېشىپ ئۆيلەر ياسىدىڭلار. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېدى

    ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىلەرنى ئاد قەۋمىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ (ھىجر) زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى، ئۇنىڭ تۈزلەڭلىكلىرىگە ئىمارەتلەرنى سالغان ئىدىڭلار، تاغلارنى تېشىپ ئۆيلەرنى ياسىغان ئىدىڭلار. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېدى [74].

  75. (7-سۈرە ئەئراف، 75-ئايەت)
    قَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا مِنْ قَوْمِهِ لِلَّذِينَ اسْتُضْعِفُوا لِمَنْ آمَنَ مِنْهُمْ أَتَعْلَمُونَ أَنَّ صَالِحًا مُرْسَلٌ مِنْ رَبِّهِ ۚ قَالُوا إِنَّا بِمَا أُرْسِلَ بِهِ مُؤْمِنُونَ
    ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ تەكەببۇر چوڭلىرى بوزەك قىلىنغانلارغا يەنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۆمىنلەرگە: «سىلەر سالىھنى ئۇنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەپ بىلەمسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «بىز ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئەلۋەتتە ئىشىنىمىز» دېدى

    ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ھاكاۋۇر كاتتىباشلىرى بوزەك قىلىنغانلارغا - ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۆمىنلەرگە: «سىلەر سالىھنى ئۇنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەپ بىلەمسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «بىز ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئەلۋەتتە ئىشىنىمىز» دېدى [75].

  76. (7-سۈرە ئەئراف، 76-ئايەت)
    قَالَ الَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا إِنَّا بِالَّذِي آمَنْتُمْ بِهِ كَافِرُونَ
    ھېلىقى تەكەببۇرلار: «سىلەر ئىشەنگەنگە بىز ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى

    ھېلىقى ھاكاۋۇرلار: «سىلەر ئىشەنگەنگە بىز ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى [76].

  77. (7-سۈرە ئەئراف، 77-ئايەت)
    فَعَقَرُوا النَّاقَةَ وَعَتَوْا عَنْ أَمْرِ رَبِّهِمْ وَقَالُوا يَا صَالِحُ ائْتِنَا بِمَا تَعِدُنَا إِنْ كُنْتَ مِنَ الْمُرْسَلِينَ
    ئۇلار چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى تۇتۇشتىن باش تارتتى ۋە ئى سالىھ «راستتىنلا پەيغەمبەرلەردىن بولساڭ، بىزگە ۋەدە قىلغان ئازابنى كەلتۈرۈپ باق» دېدى

    ئۇلار ھېلىقى ھىنگان تۆگىنى بوغۇزلىدى، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى تۇتۇشتىن باش تارتتى ۋە: «ئى سالىھ! پەيغەمبەرلىكىڭ راست بولسا، بىزنى قورقۇتقان ئازابنى كەلتۈرۈپ باق» دېدى [77].

  78. (7-سۈرە ئەئراف، 78-ئايەت)
    فَأَخَذَتْهُمُ الرَّجْفَةُ فَأَصْبَحُوا فِي دَارِهِمْ جَاثِمِينَ
    ئۇلارغا قاتتىق ئازاب يۈزلەندى ـ دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى

    ئۇلارغا قاتتىق يەر تەۋرەش يۈزلەندى ـ دە، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى [78].

  79. (7-سۈرە ئەئراف، 79-ئايەت)
    فَتَوَلَّىٰ عَنْهُمْ وَقَالَ يَا قَوْمِ لَقَدْ أَبْلَغْتُكُمْ رِسَالَةَ رَبِّي وَنَصَحْتُ لَكُمْ وَلَٰكِنْ لَا تُحِبُّونَ النَّاصِحِينَ
    ئۇ (ئۇلار ھالاك بولغاندىن كېيىن) ئۇلارغا ئارقىسىنى قىلدى ۋە: «ئى قەۋمىم! سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم، سىلەرگە نەسىھەت قىلدىم، لېكىن سىلەر نەسىھەت قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمىدىڭلار» دېدى

    سالىھ ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈدى ۋە: «ئى قەۋمىم! سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمنىڭ پەرمانىنى يەتكۈزدۈم، سىلەرگە نەسىھەت قىلدىم، لېكىن سىلەر نەسىھەت قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمىدىڭلار» دېدى [79].

  80. (7-سۈرە ئەئراف، 80-ئايەت)
    وَلُوطًا إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ أَتَأْتُونَ الْفَاحِشَةَ مَا سَبَقَكُمْ بِهَا مِنْ أَحَدٍ مِنَ الْعَالَمِينَ
    لۇتنى (ئەھلى سەدومغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئۆز قەۋمىگە (ئۇلارنى ئەيىبلەش يۈزىسىدىن) مۇنداق دېگەن ئىدى: «سىلەر شۇنداق قەبىھ ئىشنى قىلامسىلەر؟ مۇنداق قەبىھ ئىشنى سىلەردىن ئىلگىرى جاھان ئەھلىدىن ھېچقانداق ئادەم قىلمىغان ئىدى

    لۇتنى (سەدۇم قەۋمىگە) پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئۆز قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «سىلەر شۇنداق قەبىھ ئىشنى قىلامسىلەر؟ بۇنداق قەبىھ ئىشنى سىلەردىن ئىلگىرى جاھان ئەھلىدىن باشقا ھېچقانداق ئادەم قىلمىغان ئىدى [80].

  81. (7-سۈرە ئەئراف، 81-ئايەت)
    إِنَّكُمْ لَتَأْتُونَ الرِّجَالَ شَهْوَةً مِنْ دُونِ النِّسَاءِ ۚ بَلْ أَنْتُمْ قَوْمٌ مُسْرِفُونَ
    سىلەر ھەقىقەتەن ئاياللارنى تاشلاپ قويۇپ، ئەرلەر بىلەن جىنسىي تەلىپىڭلارنى قاندۇرىسىلەر، سىلەر ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر»

    سىلەر ھەقىقەتەن ئاياللارنى تاشلاپ قويۇپ، ئەرلەر بىلەن جىنسىي تەلىپىڭلارنى قاندۇرۇۋاتىسىلەر، سىلەر ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر» [81].

  82. (7-سۈرە ئەئراف، 82-ئايەت)
    وَمَا كَانَ جَوَابَ قَوْمِهِ إِلَّا أَنْ قَالُوا أَخْرِجُوهُمْ مِنْ قَرْيَتِكُمْ ۖ إِنَّهُمْ أُنَاسٌ يَتَطَهَّرُونَ
    لۇتنىڭ قەۋمىنىڭ بىردىنبىر جاۋابى: «لۇتنى ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن قوشۇپ شەھىرىڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار، چۈنكى ئۇلار پاك كىشىلەردۇر» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى

    لۇتنىڭ قەۋمىنىڭ بىردىنبىر جاۋابى: «ئۇلارنى (يەنى لۇتنى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى شەھىرىڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار، چۈنكى ئۇلار (بىز قىلىۋاتقان ئىشنى پاسكىنا دەپ) ئۆزىنى پاك ھېسابلايدىغان كىشىلەردۇر» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى [82].

  83. (7-سۈرە ئەئراف، 83-ئايەت)
    فَأَنْجَيْنَاهُ وَأَهْلَهُ إِلَّا امْرَأَتَهُ كَانَتْ مِنَ الْغَابِرِينَ
    لۇتنى ئۇنىڭ خوتۇنىدىن باشقا، تەۋە كىشىلىرى بىلەن بىللە (ئۇنىڭ قەۋمىگە نازىل بولغان ئازابتىن) قۇتقۇزدۇق، پەقەت خوتۇنىلا (شەھەردە) قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولدى

    لۇتنى ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن بىللە (ئۇنىڭ قەۋمىگە چۈشكەن ئازابتىن) قۇتقۇزدۇق، پەقەت ئۇنىڭ خوتۇنىنىلا قۇتقۇزمىدۇق، ئۇ شەھەردە قىلىپ ھالاك بولىدىغانلاردىن ئىدى [83].

  84. (7-سۈرە ئەئراف، 84-ئايەت)
    وَأَمْطَرْنَا عَلَيْهِمْ مَطَرًا ۖ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُجْرِمِينَ
    ئۇلارغا بىر تۈرلۈك يامغۇر (يەنى تاش) ياغدۇردۇق، گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن

    ئۇلارغا بىر تۈرلۈك يامغۇر (يەنى تاش) ياغدۇردۇق. گۇناھلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن [84].

  85. (7-سۈرە ئەئراف، 85-ئايەت)
    وَإِلَىٰ مَدْيَنَ أَخَاهُمْ شُعَيْبًا ۗ قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ قَدْ جَاءَتْكُمْ بَيِّنَةٌ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ فَأَوْفُوا الْكَيْلَ وَالْمِيزَانَ وَلَا تَبْخَسُوا النَّاسَ أَشْيَاءَهُمْ وَلَا تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ بَعْدَ إِصْلَاحِهَا ۚ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
    مەديەن (خەلقىگە) ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى (پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، ئۇ (ئۆز قەۋمىگە) ئېيتتى: « ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن ھەقىقەتەن (مېنىڭ راستلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان) مۆجىزە كەلدى، ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى توغرىلاڭلار، كىشىلەرنىڭ نەرسىلىرىنى كەم بەرمەڭلار. (ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ) زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن، زېمىندا (گۇناھلار قىلىپ) بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئەنە شۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر

    مەديەن (خەلقى) گە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ (ئۆز قەۋمىگە) ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن ھەقىقەتەن (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن مۆجىزە كەلدى. ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى توغرا ئىشلىتىڭلار، كىشىلەرنىڭ نەرسىلىرىنى كەم بەرمەڭلار. (ئاللاھ پەيغەمبەر ئەۋەتىپ) زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار، ئەگەر ئىشەنسەڭلار، شۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر [85].

  86. (7-سۈرە ئەئراف، 86-ئايەت)
    وَلَا تَقْعُدُوا بِكُلِّ صِرَاطٍ تُوعِدُونَ وَتَصُدُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ مَنْ آمَنَ بِهِ وَتَبْغُونَهَا عِوَجًا ۚ وَاذْكُرُوا إِذْ كُنْتُمْ قَلِيلًا فَكَثَّرَكُمْ ۖ وَانْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُفْسِدِينَ
    سىلەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلارنى قورقۇتقان، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان ۋە ئۇ يولنىڭ ئەگرىلىكىنى تىلىگەن ھالدا يوللاردا ئولتۇرماڭلار. ئەسلىدە سىلەر ئاز ئىدىڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرنىڭ سانىڭلارنى كۆپەيتكەنلىكىنى ياد ئېتىڭلار، بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قاراڭلار

    سىلەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلارنى قورقۇتقان، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان ۋە ئۇ يولنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلىگەن ھالدا يوللاردا ئولتۇرماڭلار. ئەسلىدە سىلەر ئاز ئىدىڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرنىڭ سانىڭلارنى كۆپەيتكەنلىكىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار [86].

  87. (7-سۈرە ئەئراف، 87-ئايەت)
    وَإِنْ كَانَ طَائِفَةٌ مِنْكُمْ آمَنُوا بِالَّذِي أُرْسِلْتُ بِهِ وَطَائِفَةٌ لَمْ يُؤْمِنُوا فَاصْبِرُوا حَتَّىٰ يَحْكُمَ اللَّهُ بَيْنَنَا ۚ وَهُوَ خَيْرُ الْحَاكِمِينَ
    ئەگەر سىلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە ئىشەنگەن، يەنە بىر گۇرۇھ ئادەم ئىشەنمىگەن بولسا، ئاللاھ بىزنىڭ ئارىمىزدا ھۆكۈم چىقارغىچە سەۋر قىلىپ تۇرۇڭلار. ئاللاھ ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر»

    ئەگەر سىلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە ئىشەنگەن، يەنە بىر گۇرۇھ ئادەم ئىشەنمىگەن بولسا، ئاللاھ بىزنىڭ ئارىمىزدا ھۆكۈم چىقارغۇچە سەۋر قىلىپ تۇرۇڭلار. ئاللاھ ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر» [87].

  88. (7-سۈرە ئەئراف، 88-ئايەت)
    قَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا مِنْ قَوْمِهِ لَنُخْرِجَنَّكَ يَا شُعَيْبُ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَكَ مِنْ قَرْيَتِنَا أَوْ لَتَعُودُنَّ فِي مِلَّتِنَا ۚ قَالَ أَوَلَوْ كُنَّا كَارِهِينَ
    شۇئەيب قەۋمىنىڭ (ئىماندىن باش تارتقان) تەكەببۇر چوڭلىرى: «ئى شۇئەيب! سېنى چوقۇم ئەگەشكۈچىلىرىڭ (يەنى ساڭا ئىمان ئېيتقانلار) بىلەن قوشۇپ شەھىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىمىز، ياكى چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك» دېدى. شۇئەيب: «بىز (بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى) يامان كۆرىدىغان تۇرساق (بىزنى يەنىلا شۇنىڭغا مەجبۇر قىلامسىلەر؟)» دېدى

    شۇئەيب قەۋمىنىڭ (ئىماندىن باش تارتقان) ھاكاۋۇر كاتتىباشلىرى: «ئى شۇئەيب! سېنى چوقۇم ساڭا ئىمان ئېيتقانلار بىلەن قوشۇپ شەھىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىمىز، ياكى چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك» دېدى. شۇئەيب: «بىز ئۇنداق قىلىشنى ياقتۇرمايدىغان تۇرساق» دېدى [88].

  89. (7-سۈرە ئەئراف، 89-ئايەت)
    قَدِ افْتَرَيْنَا عَلَى اللَّهِ كَذِبًا إِنْ عُدْنَا فِي مِلَّتِكُمْ بَعْدَ إِذْ نَجَّانَا اللَّهُ مِنْهَا ۚ وَمَا يَكُونُ لَنَا أَنْ نَعُودَ فِيهَا إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ رَبُّنَا ۚ وَسِعَ رَبُّنَا كُلَّ شَيْءٍ عِلْمًا ۚ عَلَى اللَّهِ تَوَكَّلْنَا ۚ رَبَّنَا افْتَحْ بَيْنَنَا وَبَيْنَ قَوْمِنَا بِالْحَقِّ وَأَنْتَ خَيْرُ الْفَاتِحِينَ
    (شۇئەيب يەنە ئېيتتى) «ئاللاھ بىزنى سىلەرنىڭ دىنىڭلاردىن قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قايتساق، ئەلۋەتتە، ئاللاھقا يالغان چاپلىغان بولىمىز. پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ خالىسىلا، بىز سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا قايتمايمىز. پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئىلمى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاللاھقا تەۋۋەككۈل قىلدۇق (يەنى ھەممە ئىشىمىزنى ئاللاھقا تاپشۇرىمىز). پەرۋەردىگارىمىز! بىز بىلەن قەۋمىمىزنىڭ ئارىسىدا ھەق ھۆكۈم چىقارغىن، سەن ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇرسەن»

    (شۇئەيب يەنە ئېيتتى) «ئاللاھ بىزنى دىنىڭلاردىن قۇتقۇزغاندىن كېيىن يەنە ئۇنىڭغا قايتساق، ئەلۋەتتە، ئاللاھ نامىدىن يالغان ئېيتقان بولىمىز. پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ خالىسىلا، بىز سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا قايتمايمىز. پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئىلمى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدۇق. ئى رەببىمىز! بىز بىلەن قەۋمىمىزنىڭ ئارىسىدا ھەق ھۆكۈم چىقارغىن، سەن ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇرسەن» [89].

  90. (7-سۈرە ئەئراف، 90-ئايەت)
    وَقَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ قَوْمِهِ لَئِنِ اتَّبَعْتُمْ شُعَيْبًا إِنَّكُمْ إِذًا لَخَاسِرُونَ
    ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئىمانسىز چوڭلىرى: «ئەگەر سىلەر شۇئەيبكە ئەگەشسەڭلار، شۈبھىسىزكى، چوقۇم زىيان تارتىسىلەر» دېدى

    ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئىمانسىز كاتتىباشلىرى: «ئەگەر سىلەر شۇئەيبكە ئەگەشسەڭلار، شۈبھىسىزكى، چوقۇم زىيان تارتىسىلەر» دېدى [90].

  91. (7-سۈرە ئەئراف، 91-ئايەت)
    فَأَخَذَتْهُمُ الرَّجْفَةُ فَأَصْبَحُوا فِي دَارِهِمْ جَاثِمِينَ
    ئۇلارغا قاتتىق زىلزىلە يۈزلەندى، ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى

    ئۇلار قاتتىق يەر تەۋرەشكە ئۇچراپ، ئۆيلىرىدە ئولتۇرغان پېتى قېتىپ قالدى [91].

  92. (7-سۈرە ئەئراف، 92-ئايەت)
    الَّذِينَ كَذَّبُوا شُعَيْبًا كَأَنْ لَمْ يَغْنَوْا فِيهَا ۚ الَّذِينَ كَذَّبُوا شُعَيْبًا كَانُوا هُمُ الْخَاسِرِينَ
    شۇئەيبنى ئىنكار قىلغانلار (ئاللاھنىڭ ھالاك قىلىشى بىلەن) گويا بۇ يەردە تۇرمىغاندەك (يەنى ياشىمىغاندەك) بولۇپ قالدى. شۇئەيبنى ئىنكار قىلغانلار زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى

    (شۇنىڭ بىلەن) شۇئەيبنى يالغانچى دېگەنلەر ھالاك بولۇپ، گويا بۇ يەردە ياشىمىغاندەك بولۇپ كەتتى. شۇئەيبنى يالغانچى دېگەنلەر زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى [92].

    .
  93. (7-سۈرە ئەئراف، 93-ئايەت)
    فَتَوَلَّىٰ عَنْهُمْ وَقَالَ يَا قَوْمِ لَقَدْ أَبْلَغْتُكُمْ رِسَالَاتِ رَبِّي وَنَصَحْتُ لَكُمْ ۖ فَكَيْفَ آسَىٰ عَلَىٰ قَوْمٍ كَافِرِينَ
    شۇئەيب ئۇلارغا ئارقىسىنى قىلىپ: «ئى قەۋمىم! سىلەرگە مەن ھەقىقەتەن پەرۋەدىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم ۋە نەسىھەت قىلدىم، مەن قانداقمۇ كاپىر قەۋمگە قايغۇراي!» دېدى

    شۇئەيب ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ: «ئى قەۋمىم! سىلەرگە مەن، ئەلۋەتتە، پەرۋەدىگارىمنىڭ پەرمانلىرىنى يەتكۈزدۈم ۋە نەسىھەت قىلدىم، مەن قانداقمۇ كافىر قەۋمگە قايغۇراي!» دېدى [93].

  94. (7-سۈرە ئەئراف، 94-ئايەت)
    وَمَا أَرْسَلْنَا فِي قَرْيَةٍ مِنْ نَبِيٍّ إِلَّا أَخَذْنَا أَهْلَهَا بِالْبَأْسَاءِ وَالضَّرَّاءِ لَعَلَّهُمْ يَضَّرَّعُونَ
    بىز مەيلى قايسى شەھەرگە بولسۇن، بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساق (شەھەر ئەھلى ئۇنى ئىنكار قىلغان بولسا)، ئۇلارنىڭ ئاللاھقا يالۋۇرۇشلىرى (تەۋبە قىلىشلىرى) ئۈچۈن، ئۇلارنى نامراتلىققا، كېسەللىككە گىرىپتار قىلدۇق

    بىز قايسىلا شەھەرگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساق، ئۇلارنىڭ (گەدەنگەشلىك قىلماسلىقى) ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ يالۋۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى نامراتلىققا، كېسەللىككە گىرىپتار قىلدۇق [94].

  95. (7-سۈرە ئەئراف، 95-ئايەت)
    ثُمَّ بَدَّلْنَا مَكَانَ السَّيِّئَةِ الْحَسَنَةَ حَتَّىٰ عَفَوْا وَقَالُوا قَدْ مَسَّ آبَاءَنَا الضَّرَّاءُ وَالسَّرَّاءُ فَأَخَذْنَاهُمْ بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
    ئاندىن (ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن) كۈلپەتنى نېمەتكە ئايلاندۇردۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۆپەيدى. ئۇلار: «بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ بېشىغا ھەقىقەتەن كۈلپەتلەر، نېمەتلەر كەلگەن ئىدى (بۇ ـ زاماننىڭ ئادىتى؛ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ئوقۇبەت ئەمەس)» دېدى. ئۇلار خەۋەرسىز تۇرغاندا، ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت ھالاك قىلدۇق

    ئاندىن بۇ كۈلپەتنى نېمەتكە ئالماشتۇردۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۆپىيىپ، باياشاتلىققا ئېرىشتى. ئۇلار: «بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزغىمۇ ھەقىقەتەن كۈلپەتلەر، نېمەتلەر كەلگەن ئىدى» دېدى (يەنى ئىمان ئېيتمىدى). ئۇلار خەۋەرسىز تۇرغاندا، ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت ھالاك قىلدۇق [95].

  96. (7-سۈرە ئەئراف، 96-ئايەت)
    وَلَوْ أَنَّ أَهْلَ الْقُرَىٰ آمَنُوا وَاتَّقَوْا لَفَتَحْنَا عَلَيْهِمْ بَرَكَاتٍ مِنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ وَلَٰكِنْ كَذَّبُوا فَأَخَذْنَاهُمْ بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
    (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقتىن ھالاك قىلىنغان) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى ئىمان ئېيتقان ۋە (كۇفرىدىن، گۇناھلاردىن) ساقلانغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلارنى ئاسمان ـ زېمىننىڭ پاراۋانلىقلىرىغا مۇيەسسەر قىلاتتۇق. لېكىن ئۇلار (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلدى، شۇڭا ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق

    (پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى ئىمان ئېيتقان ۋە گۇناھلاردىن ساقلانغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلارغا ئاسمان ـ زېمىننىڭ بەرىكەتلىرىنى ياغدۇرۇپ بېرەتتۇق، لېكىن ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى يالغانچى دېدى، شۇڭا ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق [96].

  97. (7-سۈرە ئەئراف، 97-ئايەت)
    أَفَأَمِنَ أَهْلُ الْقُرَىٰ أَنْ يَأْتِيَهُمْ بَأْسُنَا بَيَاتًا وَهُمْ نَائِمُونَ
    (پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىدىغان) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە كېچىسى (غەپلەتتە) ئۇخلاۋاتقانلىرىدا كېلىشىدىن قورقمامدۇ؟

    (ئۇ) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى كېچىسى ئۇخلاۋاتقاندا بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ ئۆزلىرىگە كېلىپ قېلىشىدىن خاتىرجەم بولالامدۇ؟ [97].

  98. (7-سۈرە ئەئراف، 98-ئايەت)
    أَوَأَمِنَ أَهْلُ الْقُرَىٰ أَنْ يَأْتِيَهُمْ بَأْسُنَا ضُحًى وَهُمْ يَلْعَبُونَ
    شەھەرلەر ئاھالىسى بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ چۈش ۋاقتىدا ـ ئۇلار ئويناپ تۇرغانلىرىدا كېلىشىدىن قورقمامدۇ

    (ئۇ) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ چاشگاھ ۋاقتىدا ـ ئۇلار ئويناپ تۇرغاندا كېلىپ قېلىشىدىن خاتىرجەم بولالامدۇ؟ [98].

  99. (7-سۈرە ئەئراف، 99-ئايەت)
    أَفَأَمِنُوا مَكْرَ اللَّهِ ۚ فَلَا يَأْمَنُ مَكْرَ اللَّهِ إِلَّا الْقَوْمُ الْخَاسِرُونَ
    ئۇلار ئاللاھنىڭ مەكرىدىن (يەنى ئۇلار تۇيۇقسىز تۇرغاندا ئاللاھنىڭ ئازاب نازىل قىلىشىدىن) قورقمامدۇ؟ پەقەت زىيان تارتقۇچى قەۋملا ئاللاھنىڭ مەكرىدىن قورقمايدۇ

    ئۇلار ئاللاھنىڭ چارە كۆرۈشىدىن ئەنسىرىمەمدۇ؟ پەقەت زىيان تارتقۇچى قەۋملا ئاللاھنىڭ چارە كۆرۈشىدىن ئەنسىرىمەيدۇ [99].

  100. (7-سۈرە ئەئراف، 100-ئايەت)
    أَوَلَمْ يَهْدِ لِلَّذِينَ يَرِثُونَ الْأَرْضَ مِنْ بَعْدِ أَهْلِهَا أَنْ لَوْ نَشَاءُ أَصَبْنَاهُمْ بِذُنُوبِهِمْ ۚ وَنَطْبَعُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَهُمْ لَا يَسْمَعُونَ
    زېمىننىڭ ئىلگىرىكى ئىگىلىرى (ھالاك بولغان) دىن كېيىن، (زېمىنغا) ۋارىس بولغۇچىلارنى، خالىساق، گۇناھى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلىدىغانلىقىمىز، دىللىرىنى پىچەتلىۋېتىدىغانلىقىمىز ئۇلارغا (يەنى زېمىنغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلارغا) ئايان بولمىدىمۇ؟ ئۇلار (ھەق سۆزنى) ئاڭلىمايدۇ

    زېمىندا ئىلگىرى ياشىغانلاردىن كېيىن، ئۇلارغا ۋارىس بولغۇچىلارنى، خالىساق، گۇناھى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلىدىغانلىقىمىز، دىللىرىنى پىچەتلىۋېتىدىغانلىقىمىز ئۇلارغا ئايان بولمىدىمۇ؟ ئۇلار (ھەق سۆزنى) ئاڭلىمايدۇ [100].

  101. (7-سۈرە ئەئراف، 101-ئايەت)
    تِلْكَ الْقُرَىٰ نَقُصُّ عَلَيْكَ مِنْ أَنْبَائِهَا ۚ وَلَقَدْ جَاءَتْهُمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَمَا كَانُوا لِيُؤْمِنُوا بِمَا كَذَّبُوا مِنْ قَبْلُ ۚ كَذَٰلِكَ يَطْبَعُ اللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِ الْكَافِرِينَ
    ئاشۇ شەھەرلەر (ئاھالىسى) نىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ھېكايە قىلىپ بېرىمىز. شەك ـ شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا مۆجىزىلەر ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار ئىلگىرى (ھەقنى) ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن (ئۇ مۆجىزىلەرگە) ئىمان ئېيتمىدى. ئاللاھ كاپىرلارنىڭ دىللىرىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلەيدۇ

    (ئى مۇھەممەد!) ئاشۇ شەھەرلەر (ئاھالىسى) نىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى ساڭا بايان قىلىپ بېرىمىز. شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار ئىلگىرى ھەقنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىمان ئېيتمىدى. ئاللاھ كافىرلارنىڭ دىللىرىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلەيدۇ [101].

  102. (7-سۈرە ئەئراف، 102-ئايەت)
    وَمَا وَجَدْنَا لِأَكْثَرِهِمْ مِنْ عَهْدٍ ۖ وَإِنْ وَجَدْنَا أَكْثَرَهُمْ لَفَاسِقِينَ
    ئۇلارنىڭ تولىسىنىڭ بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغانلىقىنى بايقىمىدۇق. ئۇلارنىڭ تولىسىنىڭ شەكسىز پاسىقلار (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمر ـ پەرمانىدىن باش تارتقۇچىلار) ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق

    ئۇلارنىڭ نۇرغۇنىنىڭ بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلغانلىقىنى كۆرمىدۇق، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنىنىڭشەكسىز پاسىقلار ئىكەنلىكىنى بىلەتتۇق [102].

  103. (7-سۈرە ئەئراف، 103-ئايەت)
    ثُمَّ بَعَثْنَا مِنْ بَعْدِهِمْ مُوسَىٰ بِآيَاتِنَا إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ فَظَلَمُوا بِهَا ۖ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُفْسِدِينَ
    مەزكۇز پەيغەمبەرلەردىن كېيىن، مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، (مىسىرنىڭ مۇسا زامانىدىكى پادىشاھى) پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق. ئۇلار بۇ مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى، بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن

    مەزكۇز پەيغەمبەرلەردىن كېيىن، مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇلار بۇ مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى. يامان ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ باققىن [103].

  104. (7-سۈرە ئەئراف، 104-ئايەت)
    وَقَالَ مُوسَىٰ يَا فِرْعَوْنُ إِنِّي رَسُولٌ مِنْ رَبِّ الْعَالَمِينَ
    مۇسا ئېيتتى: «ئى پىرئەۋن! مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرمەن

    مۇسا ئېيتتى: «ئى پىرئەۋن! مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرمەن [104].

  105. (7-سۈرە ئەئراف، 105-ئايەت)
    حَقِيقٌ عَلَىٰ أَنْ لَا أَقُولَ عَلَى اللَّهِ إِلَّا الْحَقَّ ۚ قَدْ جِئْتُكُمْ بِبَيِّنَةٍ مِنْ رَبِّكُمْ فَأَرْسِلْ مَعِيَ بَنِي إِسْرَائِيلَ
    ئاللاھ نامىدىن پەقەت ھەقىقەتتىن باشقىنى ئېيتماسلىققا لايىقمەن. راستتىنلا پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە (مېنىڭ راستلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسرائىل ئەۋلادىنى مەن بىلەن قويۇپ بەرگىن (مەن بىلەن بىللە ئاتا ـ بوۋىلىرىنىڭ ۋەتىنى مۇقەددەس زېمىنغا بارسۇن)»

    ئاللاھ نامىدىن پەقەت ھەقىقەتنىلا ئېيتىشقا لايىقمەن، راستتىنلا پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىسرائىل ئەۋلادىنى مەن بىلەن كەتكىلى قويغىن» [105].

  106. (7-سۈرە ئەئراف، 106-ئايەت)
    قَالَ إِنْ كُنْتَ جِئْتَ بِآيَةٍ فَأْتِ بِهَا إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
    پىرئەۋن (مۇساغا): «ئەگەر سەن (پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلگەن بولساڭ، (بۇ دەۋايىڭدا) راستچىللاردىن بولساڭ، ئۇنى بىزگە كۆرسەتكىن» دېدى

    پىرئەۋن (مۇساغا): «ئەگەر سەن مۆجىزە ئېلىپ كەلگەن بولساڭ، سېنىڭ بۇ گېپىڭ راست بولسا، ئۇنى بىزگە كۆرسەتكىن» دېدى [106].

  107. (7-سۈرە ئەئراف، 107-ئايەت)
    فَأَلْقَىٰ عَصَاهُ فَإِذَا هِيَ ثُعْبَانٌ مُبِينٌ
    مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋېدى، ئۇ ناگاھان ئاشكارا بىر ئەجدىھاغا ئايلاندى

    مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋېدى، ئۇ شۇ ھامان ئېنىق بىر ئەجدىھاغا ئايلاندى [107].

  108. (7-سۈرە ئەئراف، 108-ئايەت)
    وَنَزَعَ يَدَهُ فَإِذَا هِيَ بَيْضَاءُ لِلنَّاظِرِينَ
    قولىنى (قولتۇقىدىن) چىقىرىۋىدى، ئۇ ناگاھان قارىغۇچىلارغا (نۇر چاقنىتىپ تۇرىدىغان) ئاپئاق بولۇپ كۆرۈندى

    قولىنى (قوينىدىن) چىقىرىۋىدى، ئۇ شۇ ھامان قارىغۇچىلارغا (نۇر چاقنىتىپ تۇرىدىغان) ئاپپاق بولۇپ كۆرۈندى [108].

  109. (7-سۈرە ئەئراف، 109-ئايەت)
    قَالَ الْمَلَأُ مِنْ قَوْمِ فِرْعَوْنَ إِنَّ هَٰذَا لَسَاحِرٌ عَلِيمٌ
    پىرئەۋن قەۋمنىڭ چوڭلىرى ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن

    پىرئەۋن قەۋمنىڭ كاتتىباشلىرى ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن [109].

  110. (7-سۈرە ئەئراف، 110-ئايەت)
    يُرِيدُ أَنْ يُخْرِجَكُمْ مِنْ أَرْضِكُمْ ۖ فَمَاذَا تَأْمُرُونَ
    ئۇ سىلەرنى زېمىنىڭلار (يەنى مىسىر زېمىنى) دىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتمەكچى. نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟»

    ئۇ سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتمەكچى. نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟» [110].

  111. (7-سۈرە ئەئراف، 111-ئايەت)
    قَالُوا أَرْجِهْ وَأَخَاهُ وَأَرْسِلْ فِي الْمَدَائِنِ حَاشِرِينَ
    ئۇلار ئېيتتى: «(ئۇلارنىڭ ئىشىنى ئۆزۈڭ بىر پىكىرگە كەلگۈچە) تەخىر قىلغىن، شەھەرلەرگە (سېھىرگەرلەرنى) يىغقۇچى كىشىلەرنى ئەۋەتكىن

    ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئاكىسىغا بىر ئاز ۋاقىت بەرگىن، شەھەرلەرگە (سېھىرگەرلەرنى) يىغىدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتكىن [111].

  112. (7-سۈرە ئەئراف، 112-ئايەت)
    يَأْتُوكَ بِكُلِّ سَاحِرٍ عَلِيمٍ
    ئۇلار بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى سېنىڭ ھۇزۇرۇڭغا ئېلىپ كەلسۇن»

    ئۇلار بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى سېنىڭ ھۇزۇرۇڭغا ئېلىپ كەلسۇن» [112].

  113. (7-سۈرە ئەئراف، 113-ئايەت)
    وَجَاءَ السَّحَرَةُ فِرْعَوْنَ قَالُوا إِنَّ لَنَا لَأَجْرًا إِنْ كُنَّا نَحْنُ الْغَالِبِينَ
    (پىرئەۋن سېھىرگەرلىرىنى يىغىشقا ئادەملىرىنى ئەۋەتتى) سېھىرگەرلەر پىرئەۋننىڭ قېشىغا كەلدى، ئۇلار: «ئەگەر بىز غەلىبە قىلساق، بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟» دېدى

    سېھىرگەرلەر پىرئەۋننىڭ قېشىغا كەلدى، ئۇلار: «ئەگەر بىز غەلىبە قىلساق، بىزگە چوقۇم مۇكاپات بېرىلەمدۇ؟» دېدى [113].

  114. (7-سۈرە ئەئراف، 114-ئايەت)
    قَالَ نَعَمْ وَإِنَّكُمْ لَمِنَ الْمُقَرَّبِينَ
    پىرئەۋن: «ھەئە، (مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە) سىلەر چوقۇم مېنىڭ يېقىن كىشىلىرىم بولۇپ قالىسىلەر» دېدى

    پىرئەۋن: «ھەئە، (ئۇنىڭ ئۈستىگە) سىلەر چوقۇم مېنىڭ يېقىن كىشىلىرىم بولۇپ قالىسىلەر» دېدى [114].

  115. (7-سۈرە ئەئراف، 115-ئايەت)
    قَالُوا يَا مُوسَىٰ إِمَّا أَنْ تُلْقِيَ وَإِمَّا أَنْ نَكُونَ نَحْنُ الْمُلْقِينَ
    ئۇلار (يەنى سېھىرگەرلەر): «ئى مۇسا! (ھاساڭنى) سەن ئاۋۋال تاشلامسەن، ياكى بىز (ئۆزىمىزنىڭكىنى) ئاۋۋال تاشلامدۇق؟» دېدى

    ئۇلار: «ئى مۇسا! (ھاساڭنى) سەن ئاۋۋال تاشلامسەن ياكى بىز ئاۋۋال تاشلامدۇق؟» دېدى [115].

  116. (7-سۈرە ئەئراف، 116-ئايەت)
    قَالَ أَلْقُوا ۖ فَلَمَّا أَلْقَوْا سَحَرُوا أَعْيُنَ النَّاسِ وَاسْتَرْهَبُوهُمْ وَجَاءُوا بِسِحْرٍ عَظِيمٍ
    مۇسا: «سىلەر تاشلاڭلار!» دېدى. ئۇلار ھاسا، ئارغامچىلارنى تاشلاپ كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى باغلىدى، ئۇلارنى (يەنى كىشىلەرنى) قاتتىق چۆچۈتۈۋەتتى، ئۇلار (كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىگە) چوڭ (كۆرۈنىدىغان) سېھىرنى كۆرسەتتى

    مۇسا: «سىلەر تاشلاڭلار!» دېدى. ئۇلار ھاسا، ئارغامچىلارنى تاشلاپ كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى باغلىدى، ئۇلارنى قاتتىق چۆچۈتۈۋەتتى. ئۇلار ھەيۋەتلىك سېھىرنى كۆرسەتتى [116].

  117. (7-سۈرە ئەئراف، 117-ئايەت)
    وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ أَنْ أَلْقِ عَصَاكَ ۖ فَإِذَا هِيَ تَلْقَفُ مَا يَأْفِكُونَ
    مۇساغا: «ھاساڭنى تاشلىغىن » دەپ ۋەھىي قىلدۇق، (مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ئۇ ئەجدىھاغا ئايلىنىپ) ئۇلارنىڭ ئويدۇرما نەرسىلىرىنى دەرھال يۇتۇۋەتتى

    مۇساغا: «ھاساڭنى تاشلىغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق، (مۇسانىڭ ھاسىسى ئەجدىھاغا ئايلىنىپ) ئۇلارنىڭ ساختا نەرسىلىرىنى دەرھال يۇتۇۋەتتى [117].

  118. (7-سۈرە ئەئراف، 118-ئايەت)
    فَوَقَعَ الْحَقُّ وَبَطَلَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
    ھەقىقەت ئاشكارا بولدى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرى بەربات بولدى

    شۇنىڭ بىلەن ھەقىقەت ئاشكارا بولدى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرى بەربات بولدى [118].

  119. (7-سۈرە ئەئراف، 119-ئايەت)
    فَغُلِبُوا هُنَالِكَ وَانْقَلَبُوا صَاغِرِينَ
    بۇ يەردە ئۇلار (يەنى پىرئەۋن بىلەن قەۋمى) مەغلۇپ بولدى، خار بولغان ھالدا (شەھەرگە قايتتى)

    بۇ يەردە پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمى مەغلۇپ بولۇپ، خار بولغان ھالدا قايتتى [119].

  120. (7-سۈرە ئەئراف، 120-ئايەت)
    وَأُلْقِيَ السَّحَرَةُ سَاجِدِينَ
    سېھىرگەرلەر سەجدىگە باردى

    سېھىرگەرلەر سەجدىگە باش قويدى [120].

  121. (7-سۈرە ئەئراف، 121-ئايەت)
    قَالُوا آمَنَّا بِرَبِّ الْعَالَمِينَ
    ئۇلار دېدى: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق

    ئۇلار دېدى: «ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارىغا ئىمان ئېيتتۇق [121].

  122. (7-سۈرە ئەئراف، 122-ئايەت)
    رَبِّ مُوسَىٰ وَهَارُونَ
    مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا (ئىمان ئېيتتۇق)»

    مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق» [122].

  123. (7-سۈرە ئەئراف، 123-ئايەت)
    قَالَ فِرْعَوْنُ آمَنْتُمْ بِهِ قَبْلَ أَنْ آذَنَ لَكُمْ ۖ إِنَّ هَٰذَا لَمَكْرٌ مَكَرْتُمُوهُ فِي الْمَدِينَةِ لِتُخْرِجُوا مِنْهَا أَهْلَهَا ۖ فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ
    پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەر مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار، بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ شەھەر (يەنى مىسىر) دىكى چېغىڭلاردا ئاھالىنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن (مۇسا بىلەن بىرلىشىپ) ئالدىن پىلانلىغان ھىيلەڭلاردۇر. (سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى) ئۇزاققا قالماي بىلىسىلەر

    پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەر مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ مۇساغا ئىمان ئېيتتىڭلار، بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ شەھەردىكى چېغىڭلاردا ئاھالىنى شەھەردىن چىقىرىش ئۈچۈن (مۇسا بىلەن بىرلىشىپ) ئالدىن پىلانلىغان ھىيلەڭلار ئىكەن. سىلەر (مېنىڭ سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى) ئۇزاققا قالماي بىلىپ قالىسىلەر [123].

  124. (7-سۈرە ئەئراف، 124-ئايەت)
    لَأُقَطِّعَنَّ أَيْدِيَكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ مِنْ خِلَافٍ ثُمَّ لَأُصَلِّبَنَّكُمْ أَجْمَعِينَ
    سىلەرنىڭ قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارنى چوقۇم ئوڭ ـ چەپ قىلىپ (ئوڭ قولۇڭلار بىلەن سول پۇتۇڭلارنى ياكى سول پۇتۇڭلار بىلەن ئوڭ قولۇڭلارنى) چوقۇم كېسىمەن، ئاندىن ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرىمەن»

    سىلەرنىڭ قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارنى ئوڭ ـ سول قىلىپ (ئوڭ قولۇڭلار بىلەن سول پۇتۇڭلارنى ياكى ئوڭ پۇتۇڭلار بىلەن سول قولۇڭلارنى) چوقۇم كېسىمەن، ئاندىن ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئاسىمەن» [124].

  125. (7-سۈرە ئەئراف، 125-ئايەت)
    قَالُوا إِنَّا إِلَىٰ رَبِّنَا مُنْقَلِبُونَ
    دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز

    سېھىرگەرلەر ئېيتتى: «بىز ئەلۋەتتە پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز [125].

  126. (7-سۈرە ئەئراف، 126-ئايەت)
    وَمَا تَنْقِمُ مِنَّا إِلَّا أَنْ آمَنَّا بِآيَاتِ رَبِّنَا لَمَّا جَاءَتْنَا ۚ رَبَّنَا أَفْرِغْ عَلَيْنَا صَبْرًا وَتَوَفَّنَا مُسْلِمِينَ
    سەن بىزنى پەقەت پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئەيىبلەۋاتىسەن. پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە سەۋر ئاتا قىلغىن، بىزنى مۇسۇلمان پېتىمىزچە قەبزى روھ قىلغىن»

    سەن بىزنى پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئەيىبلەۋاتىسەن. ئى رەببىمىز! بىزگە سەۋر ئاتا قىلغىن، بىزنىڭ جېنىمىزنى مۇسۇلمان ھالىتىمىزدە ئالغىن» [126].

  127. (7-سۈرە ئەئراف، 127-ئايەت)
    وَقَالَ الْمَلَأُ مِنْ قَوْمِ فِرْعَوْنَ أَتَذَرُ مُوسَىٰ وَقَوْمَهُ لِيُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ وَيَذَرَكَ وَآلِهَتَكَ ۚ قَالَ سَنُقَتِّلُ أَبْنَاءَهُمْ وَنَسْتَحْيِي نِسَاءَهُمْ وَإِنَّا فَوْقَهُمْ قَاهِرُونَ
    پىرئەۋن قەۋمىنىڭ چوڭلىرى (پىرئەۋنگە): «مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى زېمنىدا پىتنە ـ پاسات تۇغدۇرۇشقا، سېنى ۋە سېنىڭ ئىلاھلىرىڭنى تاشلاشقا قويۇۋېتەمسەن؟» دېدى. پىرئەۋن: «ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ئۆلتۈرىمىز، ئاياللىرىنى بولسا (خىزمەتكە سېلىشقا) قالدۇرۇپ قويىمىز، بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىمىز» دېدى

    پىرئەۋن قەۋمىنىڭ كاتتىباشلىرى (پىرئەۋنگە): «مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ زېمىندا پىتنە ـ پاسات تۇغدۇرۇشىغا، سېنى ۋە سېنىڭ ئىلاھلىرىڭنى تاشلىشىغا يول قويامسەن؟» دېدى. پىرئەۋن: «ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرىمىز، قىزلىرىنى (خىزمەتكە سېلىشقا) قالدۇرۇپ قويىمىز. بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىمىز» دېدى [127].

  128. (7-سۈرە ئەئراف، 128-ئايەت)
    قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ اسْتَعِينُوا بِاللَّهِ وَاصْبِرُوا ۖ إِنَّ الْأَرْضَ لِلَّهِ يُورِثُهَا مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ ۖ وَالْعَاقِبَةُ لِلْمُتَّقِينَ
    مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھتىن مەدەت تىلەڭلار، سەۋر قىلىڭلار، يەر يۈزى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھ) ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ۋارىس قىلىدۇ؛ ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپ» دېدى

    مۇسا ئۆز قەۋمىگە: «ئاللاھتىن مەدەت تىلەڭلار، سەۋر قىلىڭلار، يەر يۈزى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھ) ئۇنىڭغا بەندىلىرىدىن ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى ئىگە قىلىدۇ؛ ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپ» دېدى [128].

  129. (7-سۈرە ئەئراف، 129-ئايەت)
    قَالُوا أُوذِينَا مِنْ قَبْلِ أَنْ تَأْتِيَنَا وَمِنْ بَعْدِ مَا جِئْتَنَا ۚ قَالَ عَسَىٰ رَبُّكُمْ أَنْ يُهْلِكَ عَدُوَّكُمْ وَيَسْتَخْلِفَكُمْ فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرَ كَيْفَ تَعْمَلُونَ
    ئۇلار: «سەن بىزگە كېلىشتىن بۇرۇنمۇ، كەلگەندىن كېيىنمۇ ھامان خارلىنىپ كەلدۇق» دېدى. مۇسا: «پەرۋاردىگارىڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قېلىشى، (مىسىر) زېمىنىدا ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنى دەسسىتىشى، سىلەرنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارىشى مۇھەققەقتۇر» دېدى

    ئۇلار: «سەن بىزگە (پەيغەمبەر بولۇپ) كېلىشتىن بۇرۇنمۇ، كەلگەندىن كېيىنمۇ ھامان خارلىنىپ كەلدۇق» دېدى. مۇسا: «پەرۋەردىگارىڭلار دۈشمىنىڭلارنى ھالاك قىلىپ، مىسىر زېمىنىدا ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنى دەسسىتىپ، سىلەرنىڭ قانداق ئىش قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارىشى مۇمكىن» دېدى [129].

  130. (7-سۈرە ئەئراف، 130-ئايەت)
    وَلَقَدْ أَخَذْنَا آلَ فِرْعَوْنَ بِالسِّنِينَ وَنَقْصٍ مِنَ الثَّمَرَاتِ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَ
    ئاللاھقا قەسەمكى، بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنىڭ ئىبرەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى قەھەتچىلىك بىلەن، مېۋىلىرىنىڭ ھوسۇلىنى كېمەيتىۋېتىش بىلەن سىنىدۇق

    قەسەمكى، بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى قەھەتچىلىك بىلەن، مېۋىلىرىنىڭ ھوسۇلىنى كېمەيتىۋېتىش بىلەن سىنىدۇق [130].

  131. (7-سۈرە ئەئراف، 131-ئايەت)
    فَإِذَا جَاءَتْهُمُ الْحَسَنَةُ قَالُوا لَنَا هَٰذِهِ ۖ وَإِنْ تُصِبْهُمْ سَيِّئَةٌ يَطَّيَّرُوا بِمُوسَىٰ وَمَنْ مَعَهُ ۗ أَلَا إِنَّمَا طَائِرُهُمْ عِنْدَ اللَّهِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
    ئۇلار ئەگەر (پاراۋانلىق ـ مولچىلىقتەك) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، بىز بۇنىڭغا ھەقلىقمىز، دەيدۇ. ئەگەر ئۇلارغا بىرەر يامانلىق كەلسە، ئۇلار: «بۇ مۇسا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى»، دەيدۇ. ئۇلارغا يەتكەن ياخشىلىق بىلەن يامانلىق (مۇسانىڭ شۇملۇقىدىن ئەمەس) ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بۇنى (يەنى ئۇلارغا كەلگەن بالا ـ قازانىڭ ئۆز گۇناھلىرى تۈپەيلى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەنلىكىنى) ئۇقمايدۇ

    ئۇلار ئەگەر بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، «بىز بۇنىڭغا ھەقلىقمىز» دەيدۇ. ئەگەر ئۇلارغا بىرەر يامانلىق كەلسە، ئۇلار: «بۇ مۇسا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى» دەيدۇ. ئۇلارغا يەتكەن ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر. لېكىن، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى بۇنى ئۇقمايدۇ [131].

  132. (7-سۈرە ئەئراف، 132-ئايەت)
    وَقَالُوا مَهْمَا تَأْتِنَا بِهِ مِنْ آيَةٍ لِتَسْحَرَنَا بِهَا فَمَا نَحْنُ لَكَ بِمُؤْمِنِينَ
    ئۇلار (يەنى پىرئەۋن قەۋمى): «كۆزىمىزنى باغلاش ئۈچۈن ھەرقانداق مۆجىزە كەلتۈرسەڭمۇ بىز ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى

    ئۇلار (يەنى پىرئەۋن قەۋمى): «سەن بىزنىڭ كۆزىمىزنى باغلاش ئۈچۈن ھەرقانداق مۆجىزە كەلتۈرسەڭمۇ بىز ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى [132].

  133. (7-سۈرە ئەئراف، 133-ئايەت)
    فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمُ الطُّوفَانَ وَالْجَرَادَ وَالْقُمَّلَ وَالضَّفَادِعَ وَالدَّمَ آيَاتٍ مُفَصَّلَاتٍ فَاسْتَكْبَرُوا وَكَانُوا قَوْمًا مُجْرِمِينَ
    ئۇلارغا سۇ ئاپىتىنى، چېكەتكە، پىت، پاقا، قان (بالالىرىنى) روشەن مۆجىزىلەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. (ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشقا) ئۇلارنىڭ گەدەنكەشلىكى يول قويمىدى، ئۇلار گۇناھكار قەۋم بولدى

    ئۇلارغا بىز كەلكۈن، چېكەتكە، پىت، پاقا، قان ئاپەتلىرىنى روشەن مۆجىزە قىلىپ ئەۋەتتۇق، (شۇنداقتىمۇ) ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ، گۇناھكار قەۋمگە ئايلاندى [133].

  134. (7-سۈرە ئەئراف، 134-ئايەت)
    وَلَمَّا وَقَعَ عَلَيْهِمُ الرِّجْزُ قَالُوا يَا مُوسَى ادْعُ لَنَا رَبَّكَ بِمَا عَهِدَ عِنْدَكَ ۖ لَئِنْ كَشَفْتَ عَنَّا الرِّجْزَ لَنُؤْمِنَنَّ لَكَ وَلَنُرْسِلَنَّ مَعَكَ بَنِي إِسْرَائِيلَ
    ئۇلارغا بالا نازىل بولغاندا، ئۇلار: «ئى مۇسا! پەرۋەردىگارىڭغا ئۆزىنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان ئەھدى بىلەن (يەنى ساڭا بەرگەن پەيغەمبەرلىكنىڭ ھەققى - ھۆرمىتى بىلەن بىزدىن بالانى كۆتۈرۈۋېتىشكە) دۇئا قىلساڭ، ئاللاھقا قەسەمكى، ئەگەر بىزدىن بالانى كۆتۈرۈۋەتسەڭ، ساڭا چوقۇم ئىمان ئېيتىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى چوقۇم سەن بىلەن بىللە قويۇپ بېرىمىز» دېگەن ئىدى

    ئۇلارغا ئاپەت كەلگەندە، ئۇلار: «ئى مۇسا! سەن پەرۋەردىگارىڭغا ئۆزىنىڭ ساڭا ئاتا قىلغان ئەھدىسى بىلەن بىزدىن (ئاپەتنى كۆتۈرۈۋېتىشنى تىلەپ) دۇئا قىلغىن. قەسەمكى، ئەگەر بىزدىن ئاپەتنى كۆتۈرۈۋەتسەڭ، بىز ساڭا چوقۇم ئىمان ئېيتىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى چوقۇم سەن بىلەن بىللە قويۇپ بېرىمىز» دېگەن ئىدى [134].

  135. (7-سۈرە ئەئراف، 135-ئايەت)
    فَلَمَّا كَشَفْنَا عَنْهُمُ الرِّجْزَ إِلَىٰ أَجَلٍ هُمْ بَالِغُوهُ إِذَا هُمْ يَنْكُثُونَ
    ئۇلاردىن بالانى ۋاقىتلىق كۆتۈرۈۋەتكەن چېغىمىزدا، ئۇلار توساتتىن ئەھدىلىرىنى بۇزدى

    ئۇلاردىن ئاپەتنى ۋاقىتلىق كۆتۈرۈۋەتكەن چېغىمىزدا، ئۇلار توساتتىن يۇقىرىقى ۋەدىسىنى بۇزدى [135].

  136. (7-سۈرە ئەئراف، 136-ئايەت)
    فَانْتَقَمْنَا مِنْهُمْ فَأَغْرَقْنَاهُمْ فِي الْيَمِّ بِأَنَّهُمْ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَكَانُوا عَنْهَا غَافِلِينَ
    ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ۋە ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلىپ جازالىدۇق

    ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلىكى ۋە ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلىپ جازالىدۇق [136].

  137. (7-سۈرە ئەئراف، 137-ئايەت)
    وَأَوْرَثْنَا الْقَوْمَ الَّذِينَ كَانُوا يُسْتَضْعَفُونَ مَشَارِقَ الْأَرْضِ وَمَغَارِبَهَا الَّتِي بَارَكْنَا فِيهَا ۖ وَتَمَّتْ كَلِمَتُ رَبِّكَ الْحُسْنَىٰ عَلَىٰ بَنِي إِسْرَائِيلَ بِمَا صَبَرُوا ۖ وَدَمَّرْنَا مَا كَانَ يَصْنَعُ فِرْعَوْنُ وَقَوْمُهُ وَمَا كَانُوا يَعْرِشُونَ
    بوزەك قىلىنغان قەۋمنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) بىز بەرىكەتلىك قىلغان (شام) زېمىننىڭ شەرق تەرەپلىرىگە ۋە غەرب تەرەپلىرىگە (يەنى ھەممە تەرەپكە) ۋارىس قىلدۇق. ئىسرائىل ئەۋلادى سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۇلارغا قىلغان چىرايلىق ۋەدىسى تولۇق ئىشقا ئاشتى؛ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ سالغانلىرى (يەنى ئىمارەتلىرى) نى ۋە ياسىغانلىرى (يەنى باغلىرى ۋە ئېكىنزارلىقلىرى) نى ۋەيران قىلدۇق

    بوزەك قىلىنغان قەۋمنى (يەنى ئىسرائى ئەۋلادىنى) بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىن (شام) نىڭ شەرق ۋە غەرب تەرەپلىرىگە ئىگە قىلدۇق. ئىسرائىل ئەۋلادى سەۋر قىلغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۇلارغا قىلغان چىرايلىق ۋەدىسى تولۇق ئىشقا ئاشتى؛ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ سالغان ئىمارەتلىرىنى ۋە بىنا قىلغان باغباراڭلىرىنى ۋەيران قىلدۇق [137].

  138. (7-سۈرە ئەئراف، 138-ئايەت)
    وَجَاوَزْنَا بِبَنِي إِسْرَائِيلَ الْبَحْرَ فَأَتَوْا عَلَىٰ قَوْمٍ يَعْكُفُونَ عَلَىٰ أَصْنَامٍ لَهُمْ ۚ قَالُوا يَا مُوسَى اجْعَلْ لَنَا إِلَٰهًا كَمَا لَهُمْ آلِهَةٌ ۚ قَالَ إِنَّكُمْ قَوْمٌ تَجْهَلُونَ
    ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز (قۇلزۇم) دېڭىزىدىن ئۆتكۈزۈۋەتتۇق، ئۇلار بۇتلىرىغا چوقۇنۇۋاتقان بىر قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە: «ئى مۇسا! بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاش بۇت ئورنىتىپ بەرگىن» دېدى. مۇسا: «سىلەر ھەقىقەتەن نادان قەۋم ئىكەنسىلەر» دېدى

    ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز دېڭىزدىن ئۆتكۈزۈۋەتتۇق، ئۇلار بۇتلىرىغا چوقۇنۇۋاتقان بىر قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە: «ئى مۇسا! سەن بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاش بۇت ئورنىتىپ بەرگىن» دېدى. مۇسا: «سىلەر ھەقىقەتەن نادان قەۋم ئىكەنسىلەر» دېدى [138].

  139. (7-سۈرە ئەئراف، 139-ئايەت)
    إِنَّ هَٰؤُلَاءِ مُتَبَّرٌ مَا هُمْ فِيهِ وَبَاطِلٌ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
    شۈبھىسىزكى، ئاشۇ كىشىلەرنىڭ باتىل دىنلىرى گۇمران بولغۇسىدۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بىكاردۇر

    شۈبھىسىزكى، ئاشۇ كىشىلەرنىڭ باتىل دىنلىرى گۇمران بولغۇسىدۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بىكاردۇر [139].

  140. (7-سۈرە ئەئراف، 140-ئايەت)
    قَالَ أَغَيْرَ اللَّهِ أَبْغِيكُمْ إِلَٰهًا وَهُوَ فَضَّلَكُمْ عَلَى الْعَالَمِينَ
    مۇسا: «ئاللاھ سىلەرنى (زامانىڭلاردىكى) جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلغان تۇرسا، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ ئىزدەمدىم؟» دېدى

    مۇسا: «ئاللاھ سىلەرنى (زامانىڭلاردىكى) جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغان تۇرسا، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ ئىزدەمدىمەن؟» دېدى [140].

  141. (7-سۈرە ئەئراف، 141-ئايەت)
    وَإِذْ أَنْجَيْنَاكُمْ مِنْ آلِ فِرْعَوْنَ يَسُومُونَكُمْ سُوءَ الْعَذَابِ ۖ يُقَتِّلُونَ أَبْنَاءَكُمْ وَيَسْتَحْيُونَ نِسَاءَكُمْ ۚ وَفِي ذَٰلِكُمْ بَلَاءٌ مِنْ رَبِّكُمْ عَظِيمٌ
    ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋننىڭ قەۋمىدىن قۇتقۇزدۇق، ئۇلار سىلەرگە قاتتىق ئازابنى تېتىتاتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆلتۈرەتتى، ئاياللىرىڭلارنى (خورلاپ ئىشلىتىشكە) ئېلىپ قالاتتى، بۇنىڭدا پەرۋەردىگارىڭلاردىن سىلەرگە زور سىناق بار ئىدى

    ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋننىڭ قەۋمىدىن قۇتقۇزغان ئىدۇق ،، ئۇلار سىلەرگە قاتتىق ئازابنى تېتىتاتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆلتۈرەتتى، قىزلىرىڭلارنى (خارلاپ ئىشلىتىشكە) ئېلىپ قالاتتى. بۇنىڭدا پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە زور سىنىقى بار ئىدى [141].

  142. (7-سۈرە ئەئراف، 142-ئايەت)
    وَوَاعَدْنَا مُوسَىٰ ثَلَاثِينَ لَيْلَةً وَأَتْمَمْنَاهَا بِعَشْرٍ فَتَمَّ مِيقَاتُ رَبِّهِ أَرْبَعِينَ لَيْلَةً ۚ وَقَالَ مُوسَىٰ لِأَخِيهِ هَارُونَ اخْلُفْنِي فِي قَوْمِي وَأَصْلِحْ وَلَا تَتَّبِعْ سَبِيلَ الْمُفْسِدِينَ
    مۇساغا (بىزگە مۇناجات قىلىشقا) ئوتتۇز كېچىنى ۋەدە قىلدۇق. ئۇنىڭغا يەنە ئون كېچىنى قوشتۇق، شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگارىنىڭ ۋەدە قىلغان ۋاقتى 40 كېچە بولدى. مۇسا قېرىندىشى ھارۇنغا: «(مەن قايتىپ كەلگەنگە قەدەر) قەۋمىمگە مېنىڭ ئورۇنباسارىم بولۇپ تۇرغىن، (ئۇلارنىڭ ئىشىنى) تۈزىگىن، بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ يولىدا ماڭمىغىن» دېدى

    مۇساغا ئوتتۇز كېچىنى (ئۆتكۈزگەندىن كېيىن سۆزلىشىشنى) ۋەدە قىلغان ئىدۇق. ئۇنىڭغا يەنە ئون كېچىنى قوشتۇق، شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ۋەدە قىلغان ۋاقتى قىرىق كېچە بولدى. مۇسا قېرىندىشى ھارۇنغا: «(مەن قايتىپ كەلگەنگە قەدەر) قەۋمىمگە مېنىڭ ئورۇنباسارىم بولۇپ تۇرغىن، (ئۇلارنىڭ ئىشىنى) تۈزىگىن، بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ يولىدا ماڭمىغىن» دېدى [142].

  143. (7-سۈرە ئەئراف، 143-ئايەت)
    وَلَمَّا جَاءَ مُوسَىٰ لِمِيقَاتِنَا وَكَلَّمَهُ رَبُّهُ قَالَ رَبِّ أَرِنِي أَنْظُرْ إِلَيْكَ ۚ قَالَ لَنْ تَرَانِي وَلَٰكِنِ انْظُرْ إِلَى الْجَبَلِ فَإِنِ اسْتَقَرَّ مَكَانَهُ فَسَوْفَ تَرَانِي ۚ فَلَمَّا تَجَلَّىٰ رَبُّهُ لِلْجَبَلِ جَعَلَهُ دَكًّا وَخَرَّ مُوسَىٰ صَعِقًا ۚ فَلَمَّا أَفَاقَ قَالَ سُبْحَانَكَ تُبْتُ إِلَيْكَ وَأَنَا أَوَّلُ الْمُؤْمِنِينَ
    مۇسا بىز ۋەدە قىلغان ۋاقىتتا كەلگەن ۋە پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا (بىۋاسىتە) سۆز قىلغان چاغدا: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ئۆزۈڭنى كۆرسەتكىن، سېنى بىر كۆرۈپ ئالاي» دېدى. ئاللاھ: «مېنى (بۇ دۇنيادا) ھەرگىز كۆرەلمەيسەن (چۈنكى ئىنساننىڭ بۇ ئاجىز تېنى بۇنىڭغا تاقەت قىلالمايدۇ). لېكىن تاغقا قارىغىن، ئەگەر تاغ ئورنىدا مەھكەم تۇرالىسا، مېنى كۆرەلەيسەن» دېدى. پەرۋەردىگارى تاغقا تەجەللى قىلىش بىلەن، تاغنى تۈپتۈز قىلىۋەتتى، مۇسا بىھوش بولۇپ يىقىلدى. ئۇ ھوشىغا كېلىپ: « (پەرۋەرىگارىم!) سەن پاكتۇرسەن، ساڭا تەۋبە قىلدىم، مەن (سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭغا) ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ئەۋۋىلىمەن» دېدى

    مۇسا بىز ۋەدە قىلغان ۋاقىتتا كەلگەن ۋە پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا (بىۋاسىتە) سۆز قىلغان چاغدا: «ئى رەببىم! ماڭا ئۆزۈڭنى كۆرسەتكىن، سېنى بىر كۆرۈۋالاي» دېدى. ئاللاھ: «سەن مېنى (بۇ دۇنيادا) ھەرگىز كۆرەلمەيسەن (چۈنكى ئىنساننىڭ ئاجىز تېنى بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ). لېكىن، تاغقا قارىغىن، ئەگەر تاغ ئۆز ئورنىدا مەھكەم تۇرالىسا مېنى كۆرەلەيسەن» دېدى. پەرۋەردىگارى تاغقا ئۆز نۇرىنى غىل-پال چۈشۈرۈشى بىلەن تاغ تۈپتۈز بولۇپ كەتتى، مۇسا بىھوش بولۇپ يىقىلدى. ئۇ ھوشىغا كېلىپ: « (ئى رەببىم!) سەن پاكتۇرسەن، ساڭا تەۋبە قىلدىم، مەن (مۇشۇ دەۋردىكىلەر ئىچىدە سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭغا) ئىشەنگۈچىلەرنىڭ تۇنجىسىمەن» دېدى [143].

  144. (7-سۈرە ئەئراف، 144-ئايەت)
    قَالَ يَا مُوسَىٰ إِنِّي اصْطَفَيْتُكَ عَلَى النَّاسِ بِرِسَالَاتِي وَبِكَلَامِي فَخُذْ مَا آتَيْتُكَ وَكُنْ مِنَ الشَّاكِرِينَ
    ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مۇسا! مەن ھەقىقەتەن سېنى (زامانىڭدىكى) كىشىلەر ئارىسىدىن پەيغەمبەرلىككە ۋە مەن بىلەن (بىۋاسىتە) سۆزلىشىشكە تاللىدىم. ساڭا مەن ئاتا قىلغان پەيغەمبەرلىكنى قوبۇل قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن»

    ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مۇسا! مەن ھەقىقەتەن سېنى (زامانىڭدىكى) كىشىلەر ئارىسىدىن پەيغەمبەرلىككە ۋە مەن بىلەن (بىۋاسىتە) سۆزلىشىشكە تاللىدىم، مەن ساڭا ئاتا قىلغان نەرسىنى (يەنى پەيغەمبەرلىكنى) قوبۇل قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن» [144].

  145. (7-سۈرە ئەئراف، 145-ئايەت)
    وَكَتَبْنَا لَهُ فِي الْأَلْوَاحِ مِنْ كُلِّ شَيْءٍ مَوْعِظَةً وَتَفْصِيلًا لِكُلِّ شَيْءٍ فَخُذْهَا بِقُوَّةٍ وَأْمُرْ قَوْمَكَ يَأْخُذُوا بِأَحْسَنِهَا ۚ سَأُرِيكُمْ دَارَ الْفَاسِقِينَ
    بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن (تەۋرات) تاختىلىرىغا (ئىسرائىل ئەۋلادى دىنىدا موھتاج بولغان) ۋەز ـ نەسىھەت، (دىنىي) ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي يازدۇق. (ئى مۇسا) ئۇنى (يەنى تەۋراتنى) مەھكەم تۇتقىن ھەمدە قەۋمىڭنى ئۇنىڭدىكى ئەڭ گۈزەل ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغىن، سىلەرگە پاسىقلار (يەنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى) نىڭ دىيارىنى كۆرسىتىمەن

    بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن (تەۋرات) تاختىلىرىغا ۋەز ـ نەسىھەت ۋە (دىنىي) ئەھكاملارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي يازدۇق. (ئى مۇسا) سەن ئۇنى (يەنى تەۋراتنى) مەھكەم تۇتقىن ھەمدە قەۋمىڭنى ئۇنىڭدىكى ئەڭ گۈزەل ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغىن، پات ئارىدا سىلەرگە پاسىقلار (يەنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى) نىڭ دىيارىنى كۆرسىتىمەن [145].

  146. (7-سۈرە ئەئراف، 146-ئايەت)
    سَأَصْرِفُ عَنْ آيَاتِيَ الَّذِينَ يَتَكَبَّرُونَ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَإِنْ يَرَوْا كُلَّ آيَةٍ لَا يُؤْمِنُوا بِهَا وَإِنْ يَرَوْا سَبِيلَ الرُّشْدِ لَا يَتَّخِذُوهُ سَبِيلًا وَإِنْ يَرَوْا سَبِيلَ الْغَيِّ يَتَّخِذُوهُ سَبِيلًا ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَكَانُوا عَنْهَا غَافِلِينَ
    يەر يۈزىدە ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارنى ئايەتلىرىمنى چۈشىنىشتىن يىراقلاشتۇرىمەن. ئۇلار بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆرگەندىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇلار ئەگەر توغرا يولنى كۆرسە، ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ، گۇمراھلىق يولىنى كۆرسە ئۇنىڭدا ماڭىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن غاپىل بولدى

    يەر يۈزىدە ئورۇنسىز ھالدا تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارنى مېنىڭ ئايەتلىرىمدىن يىراقلاشتۇرىمەن، ئۇلار بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. ئۇلار ئەگەر توغرا يولنى كۆرسە، ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ، گۇمراھلىق يولىنى كۆرسە ئۇنىڭدا ماڭىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقاردى ۋە ئۇنىڭدىن غاپىل بولدى [146].

  147. (7-سۈرە ئەئراف، 147-ئايەت)
    وَالَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَلِقَاءِ الْآخِرَةِ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ ۚ هَلْ يُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى (ئىمانى بولمىغانلىقى ئۈچۈن) بىكار بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلارغا پەقەت قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا جازا بېرىلىدۇ

    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئالدىغا بېرىشنى يالغانغا چىقارغانلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلارغا پەقەت قىلغان يامان ئەمەللىرىگە يارىشا جازا بېرىلىدۇ [147].

  148. (7-سۈرە ئەئراف، 148-ئايەت)
    وَاتَّخَذَ قَوْمُ مُوسَىٰ مِنْ بَعْدِهِ مِنْ حُلِيِّهِمْ عِجْلًا جَسَدًا لَهُ خُوَارٌ ۚ أَلَمْ يَرَوْا أَنَّهُ لَا يُكَلِّمُهُمْ وَلَا يَهْدِيهِمْ سَبِيلًا ۘ اتَّخَذُوهُ وَكَانُوا ظَالِمِينَ
    مۇسانىڭ قەۋمى مۇسادىن كېيىن (يەنى مۇسا پەرۋەردىگارىغا مۇناجات قىلىش ئۈچۈن تۇر تېغىغا كەتكەندىن كېيىن)، زىننەت بۇيۇملىرىدىن موزايدەك ئاۋاز چىقىرىدىغان بىر جانسىز موزاي ياسىدى. ئۇلار موزاينىڭ ئۆزلىرىگە سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى، يول كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۇنى مەبۇد قىلىۋالدى، ئۇلار (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغۇچى بولدى

    مۇسانىڭ قەۋمى مۇسا (پەرۋەردىگارى بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن كەتكەن) دىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ (پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئارىيەت ئالغان) زىبۇ-زىننەتلىرىدىن مۆرەيدىغان بىر موزاي ھەيكىلىنى ياسىدى. ئۇلار بۇ موزاينىڭ ئۇلارغا سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى، يول كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۇنى مەبۇد قىلىۋېلىپ، ئۆزىگە زۇلۇم قىلدى [148].

  149. (7-سۈرە ئەئراف، 149-ئايەت)
    وَلَمَّا سُقِطَ فِي أَيْدِيهِمْ وَرَأَوْا أَنَّهُمْ قَدْ ضَلُّوا قَالُوا لَئِنْ لَمْ يَرْحَمْنَا رَبُّنَا وَيَغْفِرْ لَنَا لَنَكُونَنَّ مِنَ الْخَاسِرِينَ
    ئۇلار (موزايغا چوقۇنغانلىقلىرىغا) پۇشايمان قىلغان ۋە راست ئازغانلىقلىرىنى چۈشەنگەن چاغدا: «ئەگەر پەرۋەردىگارىمىز بىزگە رەھىم قىلمىسا ۋە مەغپىرەت قىلمىسا، بىز ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز» دېدى

    ئۇلار پۇشايمان قىلغان ۋە ھەقىقىي ئازغانلىقىنى چۈشەنگەن چاغدا: «ئەگەر پەرۋەردىگارىمىز بىزگە رەھىم قىلمىسا ۋە مەغپىرەت قىلمىسا، بىز ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىمىز» دېدى [149].

  150. (7-سۈرە ئەئراف، 150-ئايەت)
    وَلَمَّا رَجَعَ مُوسَىٰ إِلَىٰ قَوْمِهِ غَضْبَانَ أَسِفًا قَالَ بِئْسَمَا خَلَفْتُمُونِي مِنْ بَعْدِي ۖ أَعَجِلْتُمْ أَمْرَ رَبِّكُمْ ۖ وَأَلْقَى الْأَلْوَاحَ وَأَخَذَ بِرَأْسِ أَخِيهِ يَجُرُّهُ إِلَيْهِ ۚ قَالَ ابْنَ أُمَّ إِنَّ الْقَوْمَ اسْتَضْعَفُونِي وَكَادُوا يَقْتُلُونَنِي فَلَا تُشْمِتْ بِيَ الْأَعْدَاءَ وَلَا تَجْعَلْنِي مَعَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
    مۇسا غەزەپلەنگەن، غەمكىن ھالدا قەۋمىگە قايتىپ كېلىپ: «مەن يوق چاغدا (موزايغا چوقۇنۇپ) نەقەدەر يامان ئىش قىلدىڭلار ـ ھە! (كۈتۈپ تۇرماي) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئەمرىگە ئالدىراپ كەتتىڭلارمۇ؟» دېدى ۋە (غەزەپلەنگەنلىكتىن تەۋرات) تاختىلىرىنى (يەرگە) تاشلىدى، قېرىندىشىنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ ئۆز تەرىپىگە تارتتى. (ھارۇن) ئېيتتى: «ئى قېرىندىشىم! (بۇ) قەۋم مېنى بوزەك تاپتى، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالدى. مېنى دۈشمەنلەر ئالدىدا كۈلكىگە قويمىغىن. مېنى زالىم قەۋم (يەنى موزايغا چوقۇنغانلار) قاتارىدا سانىمىغىن»

    مۇسا غەزەپلەنگەن ۋە ئېچىنغان ھالدا قايتىپ كېلىپ، قەۋمىگە: «سىلەر مەن يوق چاغدا (موزايغا چوقۇنۇپ) بەكمۇ يامان ئىش قىپسىلەر ـ ھە!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئەمرىنى كۈتۈپ تۇرماي ئالدىراپ كەتتىڭلارمۇ؟» دېدى ۋە (غەزەپلەنگەنلىكتىن تەۋرات) تاختىلىرىنى (يەرگە) تاشلاپ، قېرىندىشى (ھارۇن) نىڭ چېچىدىن تۇتۇپ ئۆز تەرىپىگە تارتتى. ھارۇن ئېيتتى: «ئى قېرىندىشىم! بۇ قەۋم مېنى بوزەك تاپتى، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالدى. مېنى دۈشمەنلەرگە كۈلكە قىلىپ بەرمىگىن؟ مېنى زالىم قەۋم (يەنى موزايغا چوقۇنغانلار) قاتارىدا سانىمىغىن» [150].

  151. (7-سۈرە ئەئراف، 151-ئايەت)
    قَالَ رَبِّ اغْفِرْ لِي وَلِأَخِي وَأَدْخِلْنَا فِي رَحْمَتِكَ ۖ وَأَنْتَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ
    مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا ۋە مېنىڭ قېرىندىشىمغا مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى رەھمىتىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزگىن، سەن ئەڭ رەھىم قىلغۇچى زاتتۇرسەن»

    مۇسا ئېيتتى: «ئى رەببىم! ماڭا ۋە مېنىڭ قېرىندىشىمغا مەغپىرەت قىلغىن، بىزنى رەھمىتىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزگىن، سەن ئەڭ رەھىم قىلغۇچى زاتتۇرسەن» [151].

  152. (7-سۈرە ئەئراف، 152-ئايەت)
    إِنَّ الَّذِينَ اتَّخَذُوا الْعِجْلَ سَيَنَالُهُمْ غَضَبٌ مِنْ رَبِّهِمْ وَذِلَّةٌ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُفْتَرِينَ
    شۈبھىسىزكى، موزاينى مەبۇد قىلىۋالغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، بۇ دۇنيادا خارلىققا قالىدۇ، (ئاللاھقا) بوھتان قىلغۇچىلارغا بىز مۇشۇنداق جازا بېرىمىز

    شۈبھىسىزكى، موزاينى مەبۇد قىلىۋالغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، بۇ دۇنيادا خارلىققا قالىدۇ، يالغاننى توقۇپ چىققۇچىلارغا بىز مۇشۇنداق جازا بېرىمىز [152].

  153. (7-سۈرە ئەئراف، 153-ئايەت)
    وَالَّذِينَ عَمِلُوا السَّيِّئَاتِ ثُمَّ تَابُوا مِنْ بَعْدِهَا وَآمَنُوا إِنَّ رَبَّكَ مِنْ بَعْدِهَا لَغَفُورٌ رَحِيمٌ
    يامان ئىشلارنى قىلىپ قويۇپ، كېيىن تەۋبە قىلغان ۋە ئىمانىدا سەمىمىي بولغانلارنى تەۋبىسىدىن كېيىن پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلىدۇ، (ئۇلارغا) رەھىم قىلىدۇ

    يامان ئىشلارنى قىلىپ قويۇپ، كېيىن تەۋبە قىلغان ۋە ئىمانىدا سەمىمىي بولغانلارغا تەۋبىسىدىن كېيىن پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلىدۇ، رەھىم قىلىدۇ [153].

  154. (7-سۈرە ئەئراف، 154-ئايەت)
    وَلَمَّا سَكَتَ عَنْ مُوسَى الْغَضَبُ أَخَذَ الْأَلْوَاحَ ۖ وَفِي نُسْخَتِهَا هُدًى وَرَحْمَةٌ لِلَّذِينَ هُمْ لِرَبِّهِمْ يَرْهَبُونَ
    مۇسا غەزىپى بېسىلغاندىن كېيىن (يەردە ياتقان تەۋرات) تاختىلىرىنى ئالدى. ئۇنىڭدا ‹پەرۋەردىگارىدىن قورققۇچىلارغا ھىدايەت قىلىنىدۇ ۋە رەھمەت قىلىنىدۇ› دەپ يېزىلغان ئىدى

    مۇسا غەزىپى بېسىلغاندىن كېيىن (يەردىكى تەۋرات) تاختىلىرىنى ئالدى. ئۇنىڭدا پەرۋەردىگارىدىن قورققۇچىلارغا ھىدايەت قىلىنىدۇ ۋە رەھمەت قىلىنىدۇ دەپ يېزىلغان ئىدى [154].

  155. (7-سۈرە ئەئراف، 155-ئايەت)
    وَاخْتَارَ مُوسَىٰ قَوْمَهُ سَبْعِينَ رَجُلًا لِمِيقَاتِنَا ۖ فَلَمَّا أَخَذَتْهُمُ الرَّجْفَةُ قَالَ رَبِّ لَوْ شِئْتَ أَهْلَكْتَهُمْ مِنْ قَبْلُ وَإِيَّايَ ۖ أَتُهْلِكُنَا بِمَا فَعَلَ السُّفَهَاءُ مِنَّا ۖ إِنْ هِيَ إِلَّا فِتْنَتُكَ تُضِلُّ بِهَا مَنْ تَشَاءُ وَتَهْدِي مَنْ تَشَاءُ ۖ أَنْتَ وَلِيُّنَا فَاغْفِرْ لَنَا وَارْحَمْنَا ۖ وَأَنْتَ خَيْرُ الْغَافِرِينَ
    مۇسا، بىز بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىتتا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، ئۆز قەۋمىدىن 70 كىشىنى تاللىدى؛ ئۇلارغا زىلزىلە يۈزلەنگەندە، مۇسا: «پەرۋەردىگارىم! خالىغان بولساڭ ئۇلارنى ۋە مېنى بۇرۇنلا ھالاك قىلغان بولاتتىڭ. ئارىمىزدىكى ئەخمەقلەرنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟ بۇ پەقەت سېنىڭ سىنىقىڭدۇر، شۇ ئارقىلىق خالىغان بەندەڭنى ئازدۇرىسەن، خالىغان بەندەڭنى ھىدايەت قىلىسەن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن، سەن ئەڭ ياخشى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن

    مۇسا بىز بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىتتا (تۇر تېغىغا) ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۆز قەۋمىدىن يەتمىش كىشىنى تاللىدى؛ ئۇلار يەر تەۋرەشكە دۇچ كەلگەندە، مۇسا دېدى: «ئى رەببىم! خالىغان بولساڭ، ئۇلارنى ۋە مېنى بۇرۇنلا ھالاك قىلغان بولاتتىڭ. ئارىمىزدىكى ئەخمەقلەرنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن، بىزنى ھالاك قىلامسەن؟ بۇ پەقەت سېنىڭ سىنىقىڭدۇر. شۇ ئارقىلىق خالىغان بەندەڭنى گۇمراھلىقىدا قالدۇرىسەن، خالىغان بەندەڭنى ھىدايەت قىلىسەن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن، سەن ئەڭ ياخشى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇرسەن [155].

  156. (7-سۈرە ئەئراف، 156-ئايەت)
    وَاكْتُبْ لَنَا فِي هَٰذِهِ الدُّنْيَا حَسَنَةً وَفِي الْآخِرَةِ إِنَّا هُدْنَا إِلَيْكَ ۚ قَالَ عَذَابِي أُصِيبُ بِهِ مَنْ أَشَاءُ ۖ وَرَحْمَتِي وَسِعَتْ كُلَّ شَيْءٍ ۚ فَسَأَكْتُبُهَا لِلَّذِينَ يَتَّقُونَ وَيُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَالَّذِينَ هُمْ بِآيَاتِنَا يُؤْمِنُونَ
    بىزگە بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە تېگىشلىك ياخشىلىق قىلغىن، بىز ھەقىقەتەن ساڭا تەۋبە قىلدۇق» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «ئازابىم بىلەن (بەندىلىرىمدىن) خالىغان كىشىنى ئازابلايمەن، مېنىڭ رەھمىتىم مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسىگە ئورتاقتۇر. رەھمىتىمنى (كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) ساقلانغۇچىلارغا، (ماللىرىنىڭ) زاكىتىنى بېرىدىغانلارغا ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىدىغانلارغا تېگىشلىك قىلىمەن»

    بىزگە بۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە تېگىشلىك ياخشىلىق قىلغىن، بىز ھەقىقەتەن ساڭا تەۋبە قىلدۇق». ئاللاھ ئېيتتى: «مەن ئازابىم بىلەن خالىغان كىشىنى ئازابلايمەن، مېنىڭ رەھمىتىم مەخلۇقاتنىڭ ھەممىسىگە ئورتاقتۇر. رەھمىتىمنى (كۇفردىن ۋە گۇناھتىن) ساقلانغۇچىلارغا، زاكات بېرىدىغانلارغا ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىدىغانلارغا تېگىشلىك قىلىمەن» [156].

  157. (7-سۈرە ئەئراف، 157-ئايەت)
    الَّذِينَ يَتَّبِعُونَ الرَّسُولَ النَّبِيَّ الْأُمِّيَّ الَّذِي يَجِدُونَهُ مَكْتُوبًا عِنْدَهُمْ فِي التَّوْرَاةِ وَالْإِنْجِيلِ يَأْمُرُهُمْ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَاهُمْ عَنِ الْمُنْكَرِ وَيُحِلُّ لَهُمُ الطَّيِّبَاتِ وَيُحَرِّمُ عَلَيْهِمُ الْخَبَائِثَ وَيَضَعُ عَنْهُمْ إِصْرَهُمْ وَالْأَغْلَالَ الَّتِي كَانَتْ عَلَيْهِمْ ۚ فَالَّذِينَ آمَنُوا بِهِ وَعَزَّرُوهُ وَنَصَرُوهُ وَاتَّبَعُوا النُّورَ الَّذِي أُنْزِلَ مَعَهُ ۙ أُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
    ئۇلار ئەلچىگە ـ ئۇممىي پەيغەمبەرگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئەگىشىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىلكىدىكى تەۋرات، ئىنجىللاردا ئۇنىڭ (سۈپىتىنىڭ) يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ. ئۇ ئۇلارنى ياخشى ئىش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىش قىلىشتىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، ئۇلارنى سېلىنغان تاقاق، كويزا ـ كىشەنلەردىن بوشىتىدۇ (يەنى ئۇلارغا يۈكلەنگەن ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئېلىپ تاشلايدۇ)، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلار، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەر، ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان نۇر (يەنى قۇرئان) غا ئەگەشكۈچىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر

    ئۇلار ئەلچىگە ـ ساۋاتلىق بولمىغان پەيغەمبەرگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئەگىشىدۇ، ئۇلار ئۆزىدىكى تەۋرات، ئىنجىللاردا ئۇنىڭ سۈپىتىنىڭ تۆۋەندىكىدەك يېزىلغانلىقىنى كۆرىدۇ: «ئۇ پەيغەمبەر ئۇلارنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، ئۇلارنى سېلىنغان تاقاق، كويزا ـ كىشەنلەردىن (يەنى قىيىنچىلىقلاردىن) بوشىتىدۇ. ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلار، ئۇنى ھۆرمەتلىگەنلەر، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەنلەر، ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان نۇر (يەنى قۇرئان) غا ئەگەشكۈچىلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر» [157].

  158. (7-سۈرە ئەئراف، 158-ئايەت)
    قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنِّي رَسُولُ اللَّهِ إِلَيْكُمْ جَمِيعًا الَّذِي لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ يُحْيِي وَيُمِيتُ ۖ فَآمِنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ النَّبِيِّ الْأُمِّيِّ الَّذِي يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَكَلِمَاتِهِ وَاتَّبِعُوهُ لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ
    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. ئاللاھقا، ئۇنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىمان كەلتۈرىدىغان ئەلچىسى ئۇممىي پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار»

    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھەممىڭلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈڭلار، (شۇنىڭدەك) ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىمان كەلتۈرىدىغان ئەلچىسىگە – ساۋاتلىق بولمىغان پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرۈڭلار، ھىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار» [158].

  159. (7-سۈرە ئەئراف، 159-ئايەت)
    وَمِنْ قَوْمِ مُوسَىٰ أُمَّةٌ يَهْدُونَ بِالْحَقِّ وَبِهِ يَعْدِلُونَ
    مۇسانىڭ قەۋمىنىڭ (يەنى بەنى ئىسرائىلنىڭ) ئىچىدە (كىشىلەرنى) ھەق بىلەن توغرا يولغا باشلايدىغان، ھەق بىلەن توغرا ھۆكۈم قىلىدىغان بىر جامائە بار

    مۇسانىڭ قەۋمىنىڭ ئىچىدە (كىشىلەرنى) ھەق بىلەن توغرا يولغا باشلايدىغان، ھەق بىلەن توغرا ھۆكۈم قىلىدىغان بىر جامائە بار [159].

  160. (7-سۈرە ئەئراف، 160-ئايەت)
    وَقَطَّعْنَاهُمُ اثْنَتَيْ عَشْرَةَ أَسْبَاطًا أُمَمًا ۚ وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ إِذِ اسْتَسْقَاهُ قَوْمُهُ أَنِ اضْرِبْ بِعَصَاكَ الْحَجَرَ ۖ فَانْبَجَسَتْ مِنْهُ اثْنَتَا عَشْرَةَ عَيْنًا ۖ قَدْ عَلِمَ كُلُّ أُنَاسٍ مَشْرَبَهُمْ ۚ وَظَلَّلْنَا عَلَيْهِمُ الْغَمَامَ وَأَنْزَلْنَا عَلَيْهِمُ الْمَنَّ وَالسَّلْوَىٰ ۖ كُلُوا مِنْ طَيِّبَاتِ مَا رَزَقْنَاكُمْ ۚ وَمَا ظَلَمُونَا وَلَٰكِنْ كَانُوا أَنْفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
    ۇلار (بەنى ئىسرائىل) نى 12 تارماققا (يەنى قەبىلىگە) جامائەلەر قىلىپ بۆلۈۋەتتۇق. مۇسانىڭ قەۋمى (باياۋاندا) ئۇنىڭدىن سۇ تەلەپ قىلغاندا، مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دەپ ۋەھىي قىلدۇق. (مۇسا ھاسىسى بىلەن تاشنى ئۇرۇۋىدى) ئۇنىڭدىن (قەبىلىلەرنىڭ سانى بويىچە) 12 بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەر قەبىلە ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى. ئۇلارغا بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، ئۇلارغا تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «سىلەر بىز رىزىقلاندۇرغان لەززەتلىك نەرسىلەردىن يەڭلار». (ئۇلار بۇ ئۇلۇغ نېمەتلەرگە نانكورلۇق قىلىش بىلەن) بىزگە زىيان سالغىنى يوق، (ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار قىلىش بىلەن) ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم سالدى

    ئۇلار (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) نى ئون ئىككى تارماق، يەنى قەبىلە قىلىپ بۆلۈۋەتتۇق. مۇسانىڭ قەۋمى (باياۋاندا) ئۇنىڭدىن سۇ تەلەپ قىلغاندا، مۇساغا: «ھاساڭ بىلەن تاشنى ئۇرغىن» دەپ ۋەھيى قىلدۇق. (مۇسا ھاسىسى بىلەن تاشنى ئۇرۇۋىدى) ئۇنىڭدىن ئون ئىككى بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ھەر قەبىلە ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بىلدى. ئۇلارغا بۇلۇتنى سايىۋەن قىلىپ بەردۇق، ئۇلارغا تەرەنجىۋىل بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. (ئۇلارغا): «سىلەر بىز رىزىقلاندۇرغان لەززەتلىك نەرسىلەردىن يەڭلار» (دېدۇق). ئۇلار (بۇ ئۇلۇغ نېمەتلەرگە تۇزكورلۇق قىلىش ئارقىلىق) بىزگە زىيان سالمىدى، لېكىن ئۆزىگە زىيان سالدى [160].

  161. (7-سۈرە ئەئراف، 161-ئايەت)
    وَإِذْ قِيلَ لَهُمُ اسْكُنُوا هَٰذِهِ الْقَرْيَةَ وَكُلُوا مِنْهَا حَيْثُ شِئْتُمْ وَقُولُوا حِطَّةٌ وَادْخُلُوا الْبَابَ سُجَّدًا نَغْفِرْ لَكُمْ خَطِيئَاتِكُمْ ۚ سَنَزِيدُ الْمُحْسِنِينَ
    ئۆز ۋاقتىدا (بىز ئۇلارغا) (يەنى بەنى ئىسرائىلنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىغا): «سىلەر بۇ شەھەر (يەنى بەيتۇلمۇقەددەس) دە تۇرۇڭلار، ئۇ يەردىكى يېمەكلىكلەردىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، شەھەر دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار، (كىرىۋاتقان چېغىڭلاردا) ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن، دەڭلار، جىمى گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا (ساۋابىنى) زىيادە بېرىمىز» دېدۇق

    ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا (يەنى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا): «سىلەر بۇ شەھەردە (يەنى بەيتۇلمۇقەددەستە) تۇرۇڭلار، ئۇ يەردىكى يېمەكلىكلەردىن خالىغىنىڭلارچە يەڭلار، شەھەر دەرۋازىسىدىن (ھۆرمەت بىلدۈرۈپ) ئىگىلگەن ھالدا كىرىڭلار، (كىرىۋاتقان چېغىڭلاردا) ئى ئاللاھ! گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگىن دەڭلار، (شۇ ۋاقتىدا) بىز بارلىق گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىمىز، ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا (ساۋابىنى) ئاشۇرۇپ بېرىمىز» دېيىلگەن ئىدى [161].

  162. (7-سۈرە ئەئراف، 162-ئايەت)
    فَبَدَّلَ الَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْهُمْ قَوْلًا غَيْرَ الَّذِي قِيلَ لَهُمْ فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ رِجْزًا مِنَ السَّمَاءِ بِمَا كَانُوا يَظْلِمُونَ
    ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زالىملار ئۇلارغا ئېيتىلغان سۆز (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) باشقا سۆزلەرگە ئۆزگەرتىۋەتتى. ئۇلار زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب ئەۋەتتۇق

    ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زالىملار ئۆزىگە ئېيتىلغان سۆزلەرنى باشقا سۆزلەرگە ئۆزگەرتىۋەتتى، مۇشۇنداق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب ئەۋەتتۇق [162].

  163. (7-سۈرە ئەئراف، 163-ئايەت)
    وَاسْأَلْهُمْ عَنِ الْقَرْيَةِ الَّتِي كَانَتْ حَاضِرَةَ الْبَحْرِ إِذْ يَعْدُونَ فِي السَّبْتِ إِذْ تَأْتِيهِمْ حِيتَانُهُمْ يَوْمَ سَبْتِهِمْ شُرَّعًا وَيَوْمَ لَا يَسْبِتُونَ ۙ لَا تَأْتِيهِمْ ۚ كَذَٰلِكَ نَبْلُوهُمْ بِمَا كَانُوا يَفْسُقُونَ
    ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) دىن دېڭىز (يەنى قۇلزۇم دېڭىزى) بويىدىكى (ئەيلە) شەھىرىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىن. (ئۇنىڭ ئاھالىسى بېلىق تۇتۇش چەكلەنگەن كۈن) شەنبىدە ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن چىقاتتى. چۈنكى شەنبە كۈنى بېلىقلار سۇ ئۈستىدىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلەتتى. شەنبىدىن باشقا كۈنلەردە ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلمەيتتى. پاسىق بولغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى مۇشۇنداق سىنايمىز

    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلاردىن دېڭىز بويىدىكى شەھەر (ئەيلە) نىڭ ئەھۋالىنى سورىغىن. ئۇنىڭ ئاھالىسى شەنبە كۈنىدە بېلىق تۇتۇپ، ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن چىقىپ كېتەتتى. چۈنكى، شەنبە كۈنى بېلىقلار سۇ ئۈستىدىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلەتتى. شەنبىدىن باشقا كۈنلەردە ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلمەيتتى، پاسىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى مۇشۇنداق سىنايمىز [163].

  164. (7-سۈرە ئەئراف، 164-ئايەت)
    وَإِذْ قَالَتْ أُمَّةٌ مِنْهُمْ لِمَ تَعِظُونَ قَوْمًا ۙ اللَّهُ مُهْلِكُهُمْ أَوْ مُعَذِّبُهُمْ عَذَابًا شَدِيدًا ۖ قَالُوا مَعْذِرَةً إِلَىٰ رَبِّكُمْ وَلَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ
    ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر جامائە: «ئاللاھ ھالاك قىلىدىغان ياكى قاتتىق ئازابلايدىغان قەۋمگە نېمە ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىسىلەر؟» دېدى. ئۇلار (يەنى ۋەز ـ نەسىھەت قىلغۇچىلار): «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئالدىدا (گۇناھقا سۈكۈت قىلىپ تۇردۇق دەپ) ئۆزرە ئېيتماسلىقىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن قورقۇپ (گۇناھتىن چەكلىنىشلىرىنى ئۈمىد قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق)» دېدى

    ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر جامائە ئادەم(ۋەز-نەسىھەت قىلغۇچىلارغا) : «ئاللاھ ھالاك قىلىدىغان ياكى قاتتىق ئازابلايدىغان قەۋمگە سىلەر نېمە ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىسىلەر؟» دېگەن ئىدى. ئۇ ۋەز ـ نەسىھەت قىلغۇچىلار: «پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئالدىدا (ئۆز ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلدۇق دەپ) ئۆزرە ئېيتىشىمىز ۋە ۋەز-نەسىھەت ئاڭلىغۇچىلارنىڭ گۇناھتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلىمىز» دېدى [164].

  165. (7-سۈرە ئەئراف، 165-ئايەت)
    فَلَمَّا نَسُوا مَا ذُكِّرُوا بِهِ أَنْجَيْنَا الَّذِينَ يَنْهَوْنَ عَنِ السُّوءِ وَأَخَذْنَا الَّذِينَ ظَلَمُوا بِعَذَابٍ بَئِيسٍ بِمَا كَانُوا يَفْسُقُونَ
    ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلمىغان چاغدا، يامان ئىشتىن مەنئى قىلغۇچىلارنى قۇتقۇزدۇق. ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن چىققانلىقلىرى ئۈچۈن، زالىملارنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلدۇق

    ئۇلار ئۆزىگە قىلىنغان ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلمىغان چاغدا، يامان ئىشتىن توسقۇچىلارنى قۇتقۇزدۇق، ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن چىققانلىقى ئۈچۈن زالىملارنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلدۇق [165].

  166. (7-سۈرە ئەئراف، 166-ئايەت)
    فَلَمَّا عَتَوْا عَنْ مَا نُهُوا عَنْهُ قُلْنَا لَهُمْ كُونُوا قِرَدَةً خَاسِئِينَ
    ئۇلار نەھيى قىلىنغان نەرسىنى تەرك ئېتىشتىن باش تارتقانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا: «خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار» دېدۇق

    ئۇلار چەكلەنگەن ئىشنى تاشلاشتىن باش تارتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا: «خار مايمۇن بولۇپ كېتىڭلار» دېدۇق [166].

  167. (7-سۈرە ئەئراف، 167-ئايەت)
    وَإِذْ تَأَذَّنَ رَبُّكَ لَيَبْعَثَنَّ عَلَيْهِمْ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ مَنْ يَسُومُهُمْ سُوءَ الْعَذَابِ ۗ إِنَّ رَبَّكَ لَسَرِيعُ الْعِقَابِ ۖ وَإِنَّهُ لَغَفُورٌ رَحِيمٌ
    (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا، پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارغا (يەنى يەھۇدىيلارغا) قىيامەتكىچە چوقۇم قاتتىق ئازابلايدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى) ئەلۋەتتە تېز جازالىغۇچىدۇر، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر

    (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) غا قىيامەتكىچە ئۇلارنى چوقۇم قاتتىق ئازابلايدىغان كىشىلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە تېز جازالىغۇچىدۇر، ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مېھرىباندۇر [167].

  168. (7-سۈرە ئەئراف، 168-ئايەت)
    وَقَطَّعْنَاهُمْ فِي الْأَرْضِ أُمَمًا ۖ مِنْهُمُ الصَّالِحُونَ وَمِنْهُمْ دُونَ ذَٰلِكَ ۖ وَبَلَوْنَاهُمْ بِالْحَسَنَاتِ وَالسَّيِّئَاتِ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
    ئۇلارنى (يەنى يەھۇدىيلارنى) يەر يۈزىدە تۈرلۈك پىرقىلەرگە بۆلۈۋەتتۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياخشىلىرىمۇ بار، ياخشىلىرىدىن تۆۋەنلىرىمۇ بار، ئۇلارنىڭ (كۇفرىدىن ۋە گۇناھتىن) قايتىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى قاتتىقچىلىق ۋە كەڭچىلىك بىلەن سىنىدۇق

    ئۇلارنى (يەنى يەھۇدىيلار) نى يەر يۈزىدە تۈرلۈك پىرقىلەرگە بۆلۈۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياخشىلىرىمۇ بار، ياخشى ئەمەسلىرىمۇ بار، ئۇلارنىڭ ھوشىنى تېپىۋېلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى باياشاتچىلىق ۋە قاتتىقچىلىق بىلەن سىنىدۇق [168].

  169. (7-سۈرە ئەئراف، 169-ئايەت)
    فَخَلَفَ مِنْ بَعْدِهِمْ خَلْفٌ وَرِثُوا الْكِتَابَ يَأْخُذُونَ عَرَضَ هَٰذَا الْأَدْنَىٰ وَيَقُولُونَ سَيُغْفَرُ لَنَا وَإِنْ يَأْتِهِمْ عَرَضٌ مِثْلُهُ يَأْخُذُوهُ ۚ أَلَمْ يُؤْخَذْ عَلَيْهِمْ مِيثَاقُ الْكِتَابِ أَنْ لَا يَقُولُوا عَلَى اللَّهِ إِلَّا الْحَقَّ وَدَرَسُوا مَا فِيهِ ۗ وَالدَّارُ الْآخِرَةُ خَيْرٌ لِلَّذِينَ يَتَّقُونَ ۗ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
    ئۇلاردىن كېيىن، (يامان) ئەۋلادلار تەۋراتقا ۋارىسلىق قىلدى، ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ ئەرزىمەس پۇل ـ مېلىنى (ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىماي، قارىقويۇق) ئالىدۇ، ۋە بىزنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىدۇ، دەيدۇ. شۇنداق پۇل ـ مال ئۇلارنىڭ قولىغا كەلسە، ئۇلار يەنە ئالىدۇ. كىتابتا (يەنى تەۋراتتا) ئاللاھقا (يالغان چاپلىماي) پەقەت ھەقنىلا ئېيتىشلىرى توغرۇلۇق ئۇلاردىن چىن ۋەدە ئېلىنمىدىمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇلار تەۋراتتىكى نەرسىلەرنى ئوقۇغان ئىدى، ھارامنى تەرك ئېتىپ، ئاللاھتىن قورقىدىغانلارغا ئاخىرەت ياخشىدۇر، بۇنى چۈشەنمەمسىلەر؟

    ئۇلاردىن كېيىن يامان ئەۋلادلار تەۋراتقا ۋارىسلىق قىلدى، ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ ئەرزىمەس پۇل ـ مېلىنى (ھالال-ھارام دىمەي) ئېلىۋېرىدۇ، ۋە «بىزنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىدۇ» دەيدۇ. شۇنداق پۇل ـ مال ئۇلارنىڭ قولىغا كەلسە، ئۇلار يەنە ئالىدۇ. كىتاب (تەۋرات) تا ئاللاھ ئۈستىدە پەقەت ھەقنىلا ئېيتىش توغرۇلۇق ئۇلاردىن چىڭ ۋەدە ئېلىنغان ئەمەسمىدى؟ ھالبۇكى، ئۇلار تەۋراتتىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇغان ئىدى. ھارامنى ئالمايدىغان، ئاللاھتىن قورقىدىغانلارغا ئاخىرەت ياخشىدۇر، بۇنى چۈشەنمەمسىلەر؟ [169].

  170. (7-سۈرە ئەئراف، 170-ئايەت)
    وَالَّذِينَ يُمَسِّكُونَ بِالْكِتَابِ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ إِنَّا لَا نُضِيعُ أَجْرَ الْمُصْلِحِينَ
    كىتابنى مەھكەم تۇتىدىغانلار، ناماز ئوقۇيدىغانلار (ساۋابقا ئېرىشىدۇ)، بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى ھەقىقەتەن زايا قىلىۋەتمەيمىز

    كىتابقا قاتتىق ئەمەل قىلىدىغانلار ۋە نامازنى تولۇق ئوقۇيدىغانلارغا كەلسەك، بىز بۇنداق ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى ھەقىقەتەن بىكار قىلىۋەتمەيمىز [170].

  171. (7-سۈرە ئەئراف، 171-ئايەت)
    وَإِذْ نَتَقْنَا الْجَبَلَ فَوْقَهُمْ كَأَنَّهُ ظُلَّةٌ وَظَنُّوا أَنَّهُ وَاقِعٌ بِهِمْ خُذُوا مَا آتَيْنَاكُمْ بِقُوَّةٍ وَاذْكُرُوا مَا فِيهِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ
    ئۆز ۋاقتىدا (تۇر) تېغىنى قومۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سايىۋەندەك تىكلىدۇق، ئۇلار تاغنى ئۈستىلىرىگە چۈشۈپ كېتىدۇ دەپ ئويلىدى. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «تەقۋادارلار قاتارىدا بولۇشۇڭلار ئۈچۈن ئۆزۈڭلارغا بېرىلگەن كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) مەھكەم تۇتۇڭلار، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىڭلار»

    ئۆز ۋاقتىدا تۇر تېغىنى قومۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە سايىۋەندەك تىكلىدۇق. ئۇلار تاغ ئۈستىمىزگە چۈشۈپ كېتىدىغان بولدى دەپ ئويلىدى. (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «سىلەرنىڭ تەقۋادار بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارغا بېرىلگەن كىتابنى مەھكەم تۇتۇڭلار، ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارغا ئەمەل قىلىڭلار» [171].

  172. (7-سۈرە ئەئراف، 172-ئايەت)
    وَإِذْ أَخَذَ رَبُّكَ مِنْ بَنِي آدَمَ مِنْ ظُهُورِهِمْ ذُرِّيَّتَهُمْ وَأَشْهَدَهُمْ عَلَىٰ أَنْفُسِهِمْ أَلَسْتُ بِرَبِّكُمْ ۖ قَالُوا بَلَىٰ ۛ شَهِدْنَا ۛ أَنْ تَقُولُوا يَوْمَ الْقِيَامَةِ إِنَّا كُنَّا عَنْ هَٰذَا غَافِلِينَ
    ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئادەم بالىلىرىنى (يەنى نەسلىنى) ئۇلارنىڭ (ئاتىلىرىنىڭ) پۇشتىدىن چىقاردى ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەدىگارىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېدى (يەنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىگە ۋە بىرلىكىگە ئادەم بالىلىرىنى ئىقرار قىلدۇردى، ئۇلار ئىقرار قىلىپ بۇنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى). ئۇلار: «ھەئە، سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن، گۇۋاھلىق بەردۇق» دېدى. (ئۇلارنى گۇۋاھلىق بەرگۈزگەنلىكىمىز) قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ: «بىز بۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغان ئىكەنمىز» دېمەسلىكلىرى ياكى «ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى (ساڭا بۇتلارنى) شېرىك كەلتۈرگەن ئىدى، بىزنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالغان يېرىمىز بار (يەنى بىزنىڭ ئۆزرىمىز بار) گۇمراھلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈندۇر

    ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئادەم بالىلىرىنى ئۇلارنىڭ (ئاتىلىرىنىڭ) پۇشتىدىن چىقىرىپ ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەدىگارىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېگەن ئىدى. ئۇلارمۇ: «ھەئە، سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن، بىز گۇۋاھلىق بەردۇق» دېگەن ئىدى. بۇنداق قىلىشىمىز قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ: «بىز بۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغان ئىكەنمىز» دېمەسلىكى ياكى «ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى (ساڭا بۇتلارنى) شېرىك كەلتۈرگەن ئىدى، بىزنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالغان يېرىمىزلا بار، گۇمراھلارنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكى ئۈچۈندۇر [172ـ173].

  173. (7-سۈرە ئەئراف، 173-ئايەت)
    أَوْ تَقُولُوا إِنَّمَا أَشْرَكَ آبَاؤُنَا مِنْ قَبْلُ وَكُنَّا ذُرِّيَّةً مِنْ بَعْدِهِمْ ۖ أَفَتُهْلِكُنَا بِمَا فَعَلَ الْمُبْطِلُونَ
    ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئادەم بالىلىرىنى (يەنى نەسلىنى) ئۇلارنىڭ (ئاتىلىرىنىڭ) پۇشتىدىن چىقاردى ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەدىگارىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېدى (يەنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىگە ۋە بىرلىكىگە ئادەم بالىلىرىنى ئىقرار قىلدۇردى، ئۇلار ئىقرار قىلىپ بۇنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى). ئۇلار: «ھەئە، سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن، گۇۋاھلىق بەردۇق» دېدى. (ئۇلارنى گۇۋاھلىق بەرگۈزگەنلىكىمىز) قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ: «بىز بۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغان ئىكەنمىز» دېمەسلىكلىرى ياكى «ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى (ساڭا بۇتلارنى) شېرىك كەلتۈرگەن ئىدى، بىزنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالغان يېرىمىز بار (يەنى بىزنىڭ ئۆزرىمىز بار) گۇمراھلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈندۇر

    ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئادەم بالىلىرىنى ئۇلارنىڭ (ئاتىلىرىنىڭ) پۇشتىدىن چىقىرىپ ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەدىگارىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېگەن ئىدى. ئۇلارمۇ: «ھەئە، سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن، بىز گۇۋاھلىق بەردۇق» دېگەن ئىدى. بۇنداق قىلىشىمىز قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ: «بىز بۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغان ئىكەنمىز» دېمەسلىكى ياكى «ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى (ساڭا بۇتلارنى) شېرىك كەلتۈرگەن ئىدى، بىزنىڭ پەقەت ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالغان يېرىمىزلا بار، گۇمراھلارنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلامسەن؟» دېمەسلىكى ئۈچۈندۇر [172ـ173].

  174. (7-سۈرە ئەئراف، 174-ئايەت)
    وَكَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ الْآيَاتِ وَلَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
    ئۇلارنىڭ (گۇمراھلىقتىن، ئاتا ـ بوۋىلىرىغا ئەگىشىشتىن) قايتىشلىرى ئۈچۈن، ئايەتلىرىمىزنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز

    ئۇلارنىڭ (گۇمراھلىقتىن، ئاتا ـ بوۋىلىرىغا ئەگىشىشتىن) قايتىشى ئۈچۈن، ئايەتلىرىمىزنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز [174].

  175. (7-سۈرە ئەئراف، 175-ئايەت)
    وَاتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ الَّذِي آتَيْنَاهُ آيَاتِنَا فَانْسَلَخَ مِنْهَا فَأَتْبَعَهُ الشَّيْطَانُ فَكَانَ مِنَ الْغَاوِينَ
    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا شۇنداق بىر ئادەمنىڭ قىسسەسىنى ئوقۇپ بەرگىنكى، ئۇنىڭغا ئايەتلىرىمىزنى بەردۇق (يەنى كىتابۇللاھنىڭ بەزى ئىلىملىرىنى ئۆگەتتۇق). ئۇ ئايەتلىرىمىزدىن ئۆزىنى تارتتى، ئۇنىڭغا شەيتان ئاپىرىدە بولۇشى بىلەنلا گۇمراھلاردىن بولۇپ كەتتى

    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) غا شۇنداق بىر ئادەمنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇپ بەرگىنكى، ئۇ ئادەمگە ئايەتلىرىمىزنى بەرگەن ئىدۇق. ئۇ ئايەتلىرىمىزدىن ئۆزىنى تارتىۋىدى، شەيتان ئۇنى ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈۋالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ گۇمراھلاردىن بولۇپ كەتتى [175].

  176. (7-سۈرە ئەئراف، 176-ئايەت)
    وَلَوْ شِئْنَا لَرَفَعْنَاهُ بِهَا وَلَٰكِنَّهُ أَخْلَدَ إِلَى الْأَرْضِ وَاتَّبَعَ هَوَاهُ ۚ فَمَثَلُهُ كَمَثَلِ الْكَلْبِ إِنْ تَحْمِلْ عَلَيْهِ يَلْهَثْ أَوْ تَتْرُكْهُ يَلْهَثْ ۚ ذَٰلِكَ مَثَلُ الْقَوْمِ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا ۚ فَاقْصُصِ الْقَصَصَ لَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ
    ئەگەر بىز خالىساق، ئۇنى (تەقۋادار ئۆلىمالار دەرىجىسىگە) كۆتۈرەتتۇق، لېكىن ئۇ دۇنياغا بېرىلىپ كەتتى، نەپسى - خاھىشىغا بويسۇندى. ئۇ گويا بىر ئىتقا ئوخشايدۇكى، ئۇنى قوغلىۋەتسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھەسىرەيدۇ، قوغلىۋەتمىسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھەسىرەيدۇ، بۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ئەنە شۇ قەۋمنىڭ مىسالىدۇر، ئويلاپ بېقىشلىرى ئۈچۈن، بۇ قىسسىنى (قەۋمىڭگە) سۆزلەپ بەرگىن

    ئەگەر بىز خالىساق، ئۇنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرەتتۇق، لېكىن ئۇ دۇنياغا بېرىلىپ كەتتى، نەپسى خاھىشىغا بويسۇندى. ئۇ گويا بىر ئىتقا ئوخشايدۇكى، ئۇنى قوغلىۋەتسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھاسىرايدۇ، قوغلىۋەتمىسەڭمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھاسىرايدۇ. بۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغان ئەنە شۇ قەۋمنىڭ مىسالىدۇر. قەۋمىڭنىڭ ئويلاپ بېقىشى ئۈچۈن، بۇ قىسسىنى سۆزلەپ بەرگىن [176].

  177. (7-سۈرە ئەئراف، 177-ئايەت)
    سَاءَ مَثَلًا الْقَوْمُ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَأَنْفُسَهُمْ كَانُوا يَظْلِمُونَ
    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىپ ئۆزلىرىگە زىيان سالغان قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان!

    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقىرىپ ئۆزلىرىگە زىيان سالغان قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان! [177].

  178. (7-سۈرە ئەئراف، 178-ئايەت)
    مَنْ يَهْدِ اللَّهُ فَهُوَ الْمُهْتَدِي ۖ وَمَنْ يُضْلِلْ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
    ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەم ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەم زىيان تارتقۇچىدۇر

    ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەم ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ گۇمراھلىقىدا قويغان ئادەم زىيان تارتقۇچىدۇر [178].

  179. (7-سۈرە ئەئراف، 179-ئايەت)
    وَلَقَدْ ذَرَأْنَا لِجَهَنَّمَ كَثِيرًا مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ ۖ لَهُمْ قُلُوبٌ لَا يَفْقَهُونَ بِهَا وَلَهُمْ أَعْيُنٌ لَا يُبْصِرُونَ بِهَا وَلَهُمْ آذَانٌ لَا يَسْمَعُونَ بِهَا ۚ أُولَٰئِكَ كَالْأَنْعَامِ بَلْ هُمْ أَضَلُّ ۚ أُولَٰئِكَ هُمُ الْغَافِلُونَ
    شەك ـ شۈبھىسىزكى، جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى دوزاخقا (يېقىلغۇ بولۇش ئۈچۈن) ياراتتۇق. ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار كۆزلىرى بولغان بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) كۆرمەيدۇ. ئۇلار قۇلاقلىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىبرەت ئىلىپ) تىڭشىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر، ئەنە شۇلار غاپىلدۇر

    شەك ـ شۈبھىسىزكى (ئۆزىنىڭ يامان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن دوزاخقا كىرىدىغان) نۇرغۇن جىن ۋە ئىنسانلارنى دوزاخ ئۈچۈن ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ دىللىرى بارۇ، چۈشەنمەيدۇ، كۆزلىرى بارۇ، كۆرمەيدۇ، قۇلاقلىرى بارۇ، ئاڭلىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، بەلكى ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر، ئەنە شۇلار غاپىللاردۇر [179].

  180. (7-سۈرە ئەئراف، 180-ئايەت)
    وَلِلَّهِ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَىٰ فَادْعُوهُ بِهَا ۖ وَذَرُوا الَّذِينَ يُلْحِدُونَ فِي أَسْمَائِهِ ۚ سَيُجْزَوْنَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
    ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، ئاللاھنى شۇ (گۈزەل ئىسىملىرى) بىلەن ئاتاڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى كەلسە ـ كەلمەس قوللىنىدىغانلارنى تەرك ئېتىڭلار، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ

    ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، ئاللاھنى شۇ ئىسىملار بىلەن ئاتاڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىنى كەلسە-كەلمەس قوللىنىدىغانلار بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن. ئۇلار (ئاخىرەتتە) قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ [180].

  181. (7-سۈرە ئەئراف، 181-ئايەت)
    وَمِمَّنْ خَلَقْنَا أُمَّةٌ يَهْدُونَ بِالْحَقِّ وَبِهِ يَعْدِلُونَ
    بىز ياراتقان ئۈممەتلەر ئىچىدە ھەق يولغا دەۋەت قىلىدىغان ۋە ھەقتە چىڭ تۇرىدىغان بىر ئۈممەت بار

    بىز ياراتقان ئۈممەتلەر ئىچىدە ھەق يولغا دەۋەت قىلىدىغان ۋە ھەقتە چىڭ تۇرىدىغان بىر ئۈممەت بار [181].

  182. (7-سۈرە ئەئراف، 182-ئايەت)
    وَالَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا سَنَسْتَدْرِجُهُمْ مِنْ حَيْثُ لَا يَعْلَمُونَ
    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى تۇيدۇرماستىن، ئاستا ـ ئاستا ھالاكەتكە يېقىنلاشتۇرىمىز

    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلارنى تۇيدۇرماستىن، ئاستا ـ ئاستا ھالاكەتكە يېقىنلاشتۇرىمىز [182].

  183. (7-سۈرە ئەئراف، 183-ئايەت)
    وَأُمْلِي لَهُمْ ۚ إِنَّ كَيْدِي مَتِينٌ
    ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن، مېنىڭ ئازابىم ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر

    ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن. مېنىڭ ئازابىم ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر [183].

  184. (7-سۈرە ئەئراف، 184-ئايەت)
    أَوَلَمْ يَتَفَكَّرُوا ۗ مَا بِصَاحِبِهِمْ مِنْ جِنَّةٍ ۚ إِنْ هُوَ إِلَّا نَذِيرٌ مُبِينٌ
    ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەمراھى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) نىڭ مەجنۇن ئەمەسلىكىنى ئويلىمامدۇ؟ ئۇ پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر

    ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەمراھى (مۇھەممەد) نىڭ مەجنۇن ئەمەسلىكىنى ئويلىمامدۇ؟ ئۇ پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر [184].

  185. (7-سۈرە ئەئراف، 185-ئايەت)
    أَوَلَمْ يَنْظُرُوا فِي مَلَكُوتِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا خَلَقَ اللَّهُ مِنْ شَيْءٍ وَأَنْ عَسَىٰ أَنْ يَكُونَ قَدِ اقْتَرَبَ أَجَلُهُمْ ۖ فَبِأَيِّ حَدِيثٍ بَعْدَهُ يُؤْمِنُونَ
    ئۇلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ سەلتەنىتى ئۈستىدە، ئاللاھنىڭ ياراتقان مەخلۇقاتلىرى، ئۆزلىرىنىڭ ئەجىلى يېقىنلىشىدىغانلىقىنىڭ مۇمكىنلىكى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئۇلار (كالامۇللاھ ئىكەنلىكى شۇنچە روشەن بولغان) قۇرئاندىن باشقا يەنە قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟

    ئۇلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئاجايىباتلىرىغا، ئاللاھنىڭ ياراتقان مەخلۇقاتلىرىغا نەزەر سالمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەجىلى يېقىنلىشىدىغانلىقىنىڭ مۇمكىنلىكى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئۇلار قۇرئاندىن باشقا يەنە قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟ [185].

  186. (7-سۈرە ئەئراف، 186-ئايەت)
    مَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَلَا هَادِيَ لَهُ ۚ وَيَذَرُهُمْ فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ
    ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا قويۇپ بېرىدۇكى، ئۇلار تېڭىرقاپ يۈرىدۇ

    ئاللاھ گۇمراھلىقتا قالدۇرغان كىشىنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى گۇمراھلىقلىقىدا قويۇپ بېرىدۇكى، ئۇلار تېڭىرقاپ يۈرىدۇ [186].

  187. (7-سۈرە ئەئراف، 187-ئايەت)
    يَسْأَلُونَكَ عَنِ السَّاعَةِ أَيَّانَ مُرْسَاهَا ۖ قُلْ إِنَّمَا عِلْمُهَا عِنْدَ رَبِّي ۖ لَا يُجَلِّيهَا لِوَقْتِهَا إِلَّا هُوَ ۚ ثَقُلَتْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ لَا تَأْتِيكُمْ إِلَّا بَغْتَةً ۗ يَسْأَلُونَكَ كَأَنَّكَ حَفِيٌّ عَنْهَا ۖ قُلْ إِنَّمَا عِلْمُهَا عِنْدَ اللَّهِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت پەرۋەردىگارىم (ئاللاھ) بىلىدۇ، ئۇنى پەقەت ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىرىدۇ، قىيامەت ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (ئەھلىگە) ئېغىر (ۋەقەدۇر). ئۇ سىلەرگە تۇيۇقسىز كېلىدۇ». گويا سەن قىيامەت بىلەن ناھايىتى تونۇشتەك، ئۇنى سەندىن سورىشىدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇنىڭ ۋاقتىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ مەخپىي بولۇشىدىكى سەۋەبنى) بىلمەيدۇ

    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى: «ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت پەرۋەردىگارىملا بىلىدۇ، ئۇنى پەقەت ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىرىدۇ، قىيامەت ئاسمان-زېمىندىكى ئېغىر ۋەقەدۇر. ئۇ سىلەرگە تۇيۇقسىز كېلىدۇ». ئۇلار گويا سەن قىيامەت بىلەن ناھايىتى تونۇشتەك، ئۇنى سەندىن سورىشىدۇ. ئېيتقىنكى،«ئۇنىڭ ۋاقتىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، لېكىن بۇنداق ئىكەنلىكىنى كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنى بىلمەيدۇ» [187].

  188. (7-سۈرە ئەئراف، 188-ئايەت)
    قُلْ لَا أَمْلِكُ لِنَفْسِي نَفْعًا وَلَا ضَرًّا إِلَّا مَا شَاءَ اللَّهُ ۚ وَلَوْ كُنْتُ أَعْلَمُ الْغَيْبَ لَاسْتَكْثَرْتُ مِنَ الْخَيْرِ وَمَا مَسَّنِيَ السُّوءُ ۚ إِنْ أَنَا إِلَّا نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
    ئاللاھ خالىمىغان ئىكەن، ئۆزۈمگە پايدا يەتكۈزۈش، زىياننى توسۇپ قېلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ. (قىيامەتنىڭ قاچان بولۇشىنى قانداقمۇ بىلەي؟) ئەگەر مەن غەيبنى بىلىدىغان بولسام، نۇرغۇن مەنپەئەت ھاسىل قىلغان بولاتتىم، زىيان ـ زەخمەتكىمۇ ئۇچرىمىغان بولاتتىم (لېكىن مەن غەيبنى بىلمەيمەن، شۇڭا ماڭا تەقدىر قىلىنغان ياخشى ـ يامانلىق يېتىپ تۇرىدۇ). مەن پەقەت ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇشخەۋەر بەرگۈچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن»

    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھنىڭ خالىغىنىدىن باشقا، ئۆزۈمگە پايدا يەتكۈزۈش، زىياننى توسۇپ قىلىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ، ئەگەر مەن غەيبنى بىلىدىغان بولسام، ئۆزۈمگە نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن، زىيان ـ زەخمەتكىمۇ ئۇچرىمىغان بولاتتىم، مەن پەقەت ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن» [188].

  189. (7-سۈرە ئەئراف، 189-ئايەت)
    هُوَ الَّذِي خَلَقَكُمْ مِنْ نَفْسٍ وَاحِدَةٍ وَجَعَلَ مِنْهَا زَوْجَهَا لِيَسْكُنَ إِلَيْهَا ۖ فَلَمَّا تَغَشَّاهَا حَمَلَتْ حَمْلًا خَفِيفًا فَمَرَّتْ بِهِ ۖ فَلَمَّا أَثْقَلَتْ دَعَوَا اللَّهَ رَبَّهُمَا لَئِنْ آتَيْتَنَا صَالِحًا لَنَكُونَنَّ مِنَ الشَّاكِرِينَ
    ئۇ سىلەرنى بىر جاندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتتى، (ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ) ئۇنسى ـ ئۈلپەت ئېلىشى ئۈچۈن، خوتۇنىنى (يەنى ھەۋۋانى) ئۇنىڭ ئۆز جىنسىدىن ياراتتى، خوتۇنى بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن، خوتۇنى يېنىككىنە قورساق كۆتۈرۈپ ئېغىر بوي يۈردى، ئۇ (بالىنىڭ قورساقتا ئۆسۈپ چوڭىيىشى بىلەن) ئېغىرلاشقاندىن كېيىن، (ئەر ـ خوتۇن) ئىككىيلەن پەرۋەردىگارى ئاللاھقا: «ئەگەر بىزگە (ئەزالىرى) بېجىرىم پەرزەنت ئاتا قىلساڭ، نېمىتىڭگە ئەلۋەتتە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ دۇئا قىلدى

    ئۇ سىلەرنى (ئادەم ئاتىدىن ئىبارەت) بىر جاندىن ياراتتى، ئۇنىڭ ئۇنسى ـ ئۈلپەت ئېلىشى ئۈچۈن، خوتۇنىنى ئۇنىڭ ئۆز تىپىدىن ياراتتى، خوتۇنى بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن، خوتۇنى يېنىككىنە ھامىلىدار بولدى. خوتۇنى ئېغىرلاشقاندىن كېيىن، (ئەر ـ خوتۇن) ئىككىيلەن پەرۋەردىگارى ئاللاھقا: «ئەگەر بىزگە بىر بېجىرىم پەرزەنت ئاتا قىلساڭ، نېمىتىڭگە ئەلۋەتتە شۈكۈر قىلغۇچى بولىمىز» دەپ دۇئا قىلدى [189].

  190. (7-سۈرە ئەئراف، 190-ئايەت)
    فَلَمَّا آتَاهُمَا صَالِحًا جَعَلَا لَهُ شُرَكَاءَ فِيمَا آتَاهُمَا ۚ فَتَعَالَى اللَّهُ عَمَّا يُشْرِكُونَ
    ئاللاھ ئۇلارغا بېجىرىم ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلغان ئىدى، ئۇلارنىڭ ئەۋلادى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ (بۇتلارغا چوقۇندى)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىدىن پاكتۇر

    ئاللاھ ئۇلارغا بېجىرىم پەرزەنت ئاتا قىلغان ئىدى، ئۇلار(نىڭ ئەۋلادى) ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان نەرسىسىدە ئاللاھقا باشقىلارنى شېرىك قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك قىلغىنىدىن پاكتۇر [190].

  191. (7-سۈرە ئەئراف، 191-ئايەت)
    أَيُشْرِكُونَ مَا لَا يَخْلُقُ شَيْئًا وَهُمْ يُخْلَقُونَ
    ئۆزلىرى يارىتىلغان، ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغان نەرسىلەرنى (يەنى بۇتلارنى) ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرەمدۇ؟

    ئۆزلىرى يارىتىلغان، ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغان نەرسىلەرنى ئۇلار ئاللاھقا شېرىك قىلامدۇ! [191].

  192. (7-سۈرە ئەئراف، 192-ئايەت)
    وَلَا يَسْتَطِيعُونَ لَهُمْ نَصْرًا وَلَا أَنْفُسَهُمْ يَنْصُرُونَ
    ئۇ نەرسىلەر چوقۇنغۇچىلىرىغا ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ

    ئۇ نەرسىلەر چوقۇنغۇچىلىرىغا ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئۆزىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ [192].

  193. (7-سۈرە ئەئراف، 193-ئايەت)
    وَإِنْ تَدْعُوهُمْ إِلَى الْهُدَىٰ لَا يَتَّبِعُوكُمْ ۚ سَوَاءٌ عَلَيْكُمْ أَدَعَوْتُمُوهُمْ أَمْ أَنْتُمْ صَامِتُونَ
    ئۇلارنى توغرا يولغا چاقىرساڭلار، ئۇلار سىلەرگە ئەگەشمەيدۇ. مەيلى ئۇلارنى دەۋەت قىلىڭلار، ياكى جىم تۇرۇڭلار، بۇ ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر ئوخشاش (يەنى سىلەر قايسى ھالەتتە بولماڭلار، ئۇلار سىلەرنىڭ دەۋىتىڭلارغا جاۋاب قايتۇرۇشقا قادىر ئەمەستۇر)

    ئۇ نەرسىلەرنى توغرا يولغا چاقىرساڭلار، ئۇلار سىلەرگە ئەگەشمەيدۇ. مەيلى ئۇلارنى دەۋەت قىلىڭلار ياكى جىم تۇرۇڭلار، بۇ ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر ئوخشاش (يەنى ئۇلار سىلەرنىڭ دەۋىتىڭلارغا جاۋاب قايتۇرۇشقا قادىر ئەمەستۇر) [193].

  194. (7-سۈرە ئەئراف، 194-ئايەت)
    إِنَّ الَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ عِبَادٌ أَمْثَالُكُمْ ۖ فَادْعُوهُمْ فَلْيَسْتَجِيبُوا لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
    سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان بۇتلار سىلەرگە ئوخشاش مەخلۇقلاردۇر، (ئۇلارنى ئىلاھ دېگەن دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، ئۇلارنى چاقىرىپ بېقىڭلار، چاقىرىقىڭلارنى ئىجابەت قىلىپ باقسۇن

    سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلار ھەقىقەتەن سىلەرگە ئوخشاش مەخلۇقلاردۇر، (ئەگەر ئۇلارنى ئىلاھ دېگەن) سۆزۈڭلار راست بولسا، سىلەر ئۇلارغا دۇئا قىلىپ بېقىڭلار، ئۇلار دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىپ باقسۇن [194].

  195. (7-سۈرە ئەئراف، 195-ئايەت)
    أَلَهُمْ أَرْجُلٌ يَمْشُونَ بِهَا ۖ أَمْ لَهُمْ أَيْدٍ يَبْطِشُونَ بِهَا ۖ أَمْ لَهُمْ أَعْيُنٌ يُبْصِرُونَ بِهَا ۖ أَمْ لَهُمْ آذَانٌ يَسْمَعُونَ بِهَا ۗ قُلِ ادْعُوا شُرَكَاءَكُمْ ثُمَّ كِيدُونِ فَلَا تُنْظِرُونِ
    ئۇلار (يەنى بۇتلار) نىڭ ماڭىدىغان پۇتلىرى بارمۇ ياكى تۇتىدىغان قوللىرى بارمۇ ياكى كۆرىدىغان كۆزلىرى بارمۇ ۋە ئاڭلايدىغان قۇلاقلىرى بارمۇ؟ (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «شېرىكلىرىڭلارنى (يەنى بۇتلىرىڭلارنى ماڭا قارشى) چاقىرىڭلار، ئاندىن (قولۇڭلاردىن كېلىشىچە) ماڭا زىيانكەشلىك قىلىڭلار، ئازراقمۇ مۆھلەت بەرمەڭلار (مەن ئاللاھقا يۆلەنگەنلىكىم ئۈچۈن سىلەرگە پەرۋا قىلمايمەن)

    ئۇلارنىڭ ماڭىدىغان پۇتى بارمۇ ياكى تۇتىدىغان قوللىرى بارمۇ؟ ياكى كۆرىدىغان كۆزلىرى بارمۇ ۋە ياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلىرى بارمۇ؟ (ئى مۇھەممەد!) مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلغانلارنى چاقىرىڭلار، ئاندىن ماڭا ئازراقمۇ مۆھلەت بەرمەي زىيانكەشلىك قىلىپ بېقىڭلار [195].

  196. (7-سۈرە ئەئراف، 196-ئايەت)
    إِنَّ وَلِيِّيَ اللَّهُ الَّذِي نَزَّلَ الْكِتَابَ ۖ وَهُوَ يَتَوَلَّى الصَّالِحِينَ
    ھەقىقەتەن كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلغان ئاللاھ مېنىڭ ئىگەمدۇر، ئۇ ياخشىلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ

    ھەقىقەتەن كىتاب (يەنى قۇرئان) نى نازىل قىلغان ئاللاھ مېنىڭ ئىگەمدۇر، ئۇ ياخشىلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ [196].

  197. (7-سۈرە ئەئراف، 197-ئايەت)
    وَالَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ لَا يَسْتَطِيعُونَ نَصْرَكُمْ وَلَا أَنْفُسَهُمْ يَنْصُرُونَ
    سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىڭلار سىلەرگە ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ»

    سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان مەبۇدلىرىڭلار سىلەرگە ياردەم بېرەلمەيدۇ، ئۆزىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ» [197].

  198. (7-سۈرە ئەئراف، 198-ئايەت)
    وَإِنْ تَدْعُوهُمْ إِلَى الْهُدَىٰ لَا يَسْمَعُوا ۖ وَتَرَاهُمْ يَنْظُرُونَ إِلَيْكَ وَهُمْ لَا يُبْصِرُونَ
    ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلساڭلار، ئۇلار (ھىدايەت تاپماق تۈگۈل دەۋىتىڭلارنى) ئاڭلىمايدۇ، ئۇلار سىلەرگە قاراپ تۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلار كۆرمەيدۇ

    (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلساڭ، ئۇلار ئاڭلىمايدۇ، ئۇلار ساڭا قاراپ تۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلار كۆرمەيدۇ [198].

  199. (7-سۈرە ئەئراف، 199-ئايەت)
    خُذِ الْعَفْوَ وَأْمُرْ بِالْعُرْفِ وَأَعْرِضْ عَنِ الْجَاهِلِينَ
    ئەپۇنى دوست تۇتقىن، ياخشىلىققا (يەنى ياخشى سۆز قىلىشقا، ياخشى ئىش قىلىشقا) بۇيرۇغىن، نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن (يەنى نادانلارنىڭ قىلغىنىنى قىلماي، ئۇلارغا مۇلايىم بولغىن)

    (ئادەملەرنى) كەچۈرگىن، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن، نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن [199].

  200. (7-سۈرە ئەئراف، 200-ئايەت)
    وَإِمَّا يَنْزَغَنَّكَ مِنَ الشَّيْطَانِ نَزْغٌ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ ۚ إِنَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
    ئەگەر شەيتان ساڭا ۋەسۋەسە قىلسا، (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشىڭنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

    ئەگەر شەيتان ساڭا ۋەسۋەسە قىلسا، ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇ [200].

  201. (7-سۈرە ئەئراف، 201-ئايەت)
    إِنَّ الَّذِينَ اتَّقَوْا إِذَا مَسَّهُمْ طَائِفٌ مِنَ الشَّيْطَانِ تَذَكَّرُوا فَإِذَا هُمْ مُبْصِرُونَ
    تەقۋادار كىشىلەر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچرىسا، ئاللاھنى ئەسلەيدۇ ـ دە، ھەقىقەتنى كۆرۈۋېلىپ، (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) خالاس تاپىدۇ

    تەقۋادار كىشىلەر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچرىسا ئاللاھنى ئەسلەيدۇ ـ دە، ھەقىقەتنى كۆرۈۋالالايدۇ [201].

  202. (7-سۈرە ئەئراف، 202-ئايەت)
    وَإِخْوَانُهُمْ يَمُدُّونَهُمْ فِي الْغَيِّ ثُمَّ لَا يُقْصِرُونَ
    شەيتانلار (كۇففار) بۇرادەرلىرىنى بولۇشىچە ئازدۇرىدۇ، ئۇلارنى ئازدۇرۇشتىن بوشىشىپ قالمايدۇ

    ئۇ شەيتانلار (كافىر) بۇرادەرلىرىنى بولۇشىچە ئازدۇرىدۇ، ئۇلارنى ئازدۇرۇشتىن بوشىشىپ قالمايدۇ [202

  203. (7-سۈرە ئەئراف، 203-ئايەت)
    وَإِذَا لَمْ تَأْتِهِمْ بِآيَةٍ قَالُوا لَوْلَا اجْتَبَيْتَهَا ۚ قُلْ إِنَّمَا أَتَّبِعُ مَا يُوحَىٰ إِلَيَّ مِنْ رَبِّي ۚ هَٰذَا بَصَائِرُ مِنْ رَبِّكُمْ وَهُدًى وَرَحْمَةٌ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
    (ئۇلار تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەردىن) بىرەر مۆجىزىنى كەلتۈرمىسەڭ، ئۇنى نېمىشقا (ئۆزۈڭ) ئىجاد قىلمىدىڭ؟ دېيىشىدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «(ئىش مېنىڭ ئىلكىمدە ئەمەس) مەن پەقەت پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن ماڭا ۋەھىي قىلىنغانغىلا ئەمەل قىلىمەن (ئۆزلۈكىمدىن مۆجىزە يارىتالمايمەن)، بۇ (قۇرئاندا سىلەرگە) پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن كەلتۈرۈلگەن دەلىللەردۇر (قۇرئان باشقا مۆجىزىلەرگە ئېھتىياج قالدۇرمايدۇ)، ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر»

    مۇشرىكلار (ئۆزلىرى تەلەپ قىلغان) بىرەر مۆجىزىنى كەلتۈرمىسەڭ، «ئۇنى نېمىشقا ئۆزۈڭ ئىجاد قىلمىدىڭ؟» دېيىشىدۇ، (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن ماڭا ۋەھيى قىلىنغانغىلا ئەمەل قىلىمەن، بۇ (قۇرئان) پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن كەلتۈرۈلگەن دەلىللەردۇر، ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر» [203].

  204. (7-سۈرە ئەئراف، 204-ئايەت)
    وَإِذَا قُرِئَ الْقُرْآنُ فَاسْتَمِعُوا لَهُ وَأَنْصِتُوا لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
    ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا، ئۇنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار ۋە جىم تۇرۇڭلار (يەنى سۆز قىلماڭلار)

    ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا، ئۇنى دىققەت بىلەن جىم تۇرۇپ ئاڭلاڭلار [204].

  205. (7-سۈرە ئەئراف، 205-ئايەت)
    وَاذْكُرْ رَبَّكَ فِي نَفْسِكَ تَضَرُّعًا وَخِيفَةً وَدُونَ الْجَهْرِ مِنَ الْقَوْلِ بِالْغُدُوِّ وَالْآصَالِ وَلَا تَكُنْ مِنَ الْغَافِلِينَ
    پەرۋەردىگارىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە ـ ئاخشامدا ئۇنى پەس ئاۋازدا زىكرى قىلغىن، غاپىللاردىن بولمىغىن

    پەرۋەردىگارىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە ـ ئاخشامدا ئۇنى پەس ئاۋازدا زىكرى قىلغىن. غاپىللاردىن بولمىغىن [205].

  206. (7-سۈرە ئەئراف، 206-ئايەت)
    إِنَّ الَّذِينَ عِنْدَ رَبِّكَ لَا يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِهِ وَيُسَبِّحُونَهُ وَلَهُ يَسْجُدُونَ ۩
    پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايدۇ، ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ

    پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايدۇ، ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە ئۇنىڭغىلا سەجدە قىلىدۇ [206]