نوھ سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 28 ئايەت
مەنىسى: كىشى ئىسمى. ئاتىلىش سەۋەبى: نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى مۇپەسسەل بايان قىلىنغان
  1. (71-سۈرە نوھ، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِنَّا أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِ أَنْ أَنْذِرْ قَوْمَكَ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
    بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە: «قەۋمىڭگە قاتتىق ئازاب (يەنى دۇنيادىكى چاغلىرىدا توپان بالاسى، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابى) كېلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن» دەپ ئەۋەتتۇق

    بىز ھەقىقەتەن نۇھنى ئۆز قەۋمىگە: «قاتتىق ئازاب كېلىشتىن بۇرۇن قەۋمىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن» دەپ ئەۋەتتۇق [1].

  2. (71-سۈرە نوھ، 2-ئايەت)
    قَالَ يَا قَوْمِ إِنِّي لَكُمْ نَذِيرٌ مُبِينٌ
    نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە (ئەۋەتىلگەن) ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن

    نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن [2].

  3. (71-سۈرە نوھ، 3-ئايەت)
    أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ وَاتَّقُوهُ وَأَطِيعُونِ
    ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار

    مەن شۇنداق ئاگاھلاندۇرىمەنكى ،، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئەگىشىڭلار [3].

  4. (71-سۈرە نوھ، 4-ئايەت)
    يَغْفِرْ لَكُمْ مِنْ ذُنُوبِكُمْ وَيُؤَخِّرْكُمْ إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى ۚ إِنَّ أَجَلَ اللَّهِ إِذَا جَاءَ لَا يُؤَخَّرُ ۖ لَوْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
    ئۇ بەزى گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە كېچىكتۈرىدۇ (يەنى ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىدۇ). شۈبھىسىزكى، ئەگەر بىلسەڭلار، ئاللاھنىڭ (ئىنسانغا بېكىتكەن) ئەجىلى كەلگەن چاغدا (ئەجەل) كېچىكتۈرۈلمەيدۇ»

    شۇنداق قىلساڭلار، ئاللاھ بەزى گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە ئامان قويىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئەگەر بىلسەڭلار، ئاللاھ بېكىتكەن ئەجەل كەلگەن چاغدا كېچىكتۈرۈلمەيدۇ [4].

  5. (71-سۈرە نوھ، 5-ئايەت)
    قَالَ رَبِّ إِنِّي دَعَوْتُ قَوْمِي لَيْلًا وَنَهَارًا
    نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن قەۋمىمنى كېچە ـ كۈندۈز (ئىمانغا) دەۋەت قىلدىم

    نۇھ يەنە ئېيتتى: «ئى رەببىم! مەن ھەقىقەتەن قەۋمىمنى كېچە ـ كۈندۈز ئىمانغا دەۋەت قىلدىم [5].

  6. (71-سۈرە نوھ، 6-ئايەت)
    فَلَمْ يَزِدْهُمْ دُعَائِي إِلَّا فِرَارًا
    مېنىڭ دەۋىتىم ئۇلارنى تېخىمۇ قاچۇرۇۋەتتى

    مېنىڭ دەۋىتىم ئۇلارنى تېخىمۇ قاچۇرۇۋەتتى [6].

  7. (71-سۈرە نوھ، 7-ئايەت)
    وَإِنِّي كُلَّمَا دَعَوْتُهُمْ لِتَغْفِرَ لَهُمْ جَعَلُوا أَصَابِعَهُمْ فِي آذَانِهِمْ وَاسْتَغْشَوْا ثِيَابَهُمْ وَأَصَرُّوا وَاسْتَكْبَرُوا اسْتِكْبَارًا
    مەن ئۇلارنى سېنىڭ مەغپىرىتىڭگە ئېرىشسۇن دەپ، ھەر قاچان دەۋەت قىلسام، (دەۋىتىمنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن) بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقىۋالدى. (سۆزۈمنى ئاڭلىماسلىق ياكى مېنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن) كىيىملىرى بىلەن باشلىرىنى چۈمكىۋالدى. (كۇفرىدا) چىڭ تۇردى، چوڭچىلىق قىلىپ (ئىماندىن) تېخىمۇ باش تارتتى

    مەن ئۇلارنى سېنىڭ مەغپىرىتىڭگە ئېرىشسۇن دەپ، ھەر قاچان دەۋەت قىلسام، ئۇلار بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقىۋالدى، كىيىملىرى بىلەن باشلىرىنى چۈمكىۋالدى، كۇفرىدا چىڭ تۇرۇۋالدى،چوڭچىلىق قىلىپ ئىماندىن تېخىمۇ باش تارتتى [7].

  8. (71-سۈرە نوھ، 8-ئايەت)
    ثُمَّ إِنِّي دَعَوْتُهُمْ جِهَارًا
    ئاندىن مەن ئۇلارنى توۋلاپ دەۋەت قىلدىم

    ئاندىن مەن ئۇلارنى يۇقۇرى ئاۋازدا دەۋەت قىلدىم [8].

  9. (71-سۈرە نوھ، 9-ئايەت)
    ثُمَّ إِنِّي أَعْلَنْتُ لَهُمْ وَأَسْرَرْتُ لَهُمْ إِسْرَارًا
    ئاندىن ئۇلارنى ئاشكارا دەۋەت قىلدىم ۋە يوشۇرۇن دەۋەت قىلدىم

    ئاندىن مەن ئۇلارنى ئاشكارىمۇ دەۋەت قىلدىم ۋە يوشۇرۇنمۇ دەۋەت قىلدىم [9].

  10. (71-سۈرە نوھ، 10-ئايەت)
    فَقُلْتُ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ إِنَّهُ كَانَ غَفَّارًا
    (ئۇلارغا) ئېيتتىم: پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر

    (ئۇلارغا) ئېيتتىم: پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر [10].

  11. (71-سۈرە نوھ، 11-ئايەت)
    يُرْسِلِ السَّمَاءَ عَلَيْكُمْ مِدْرَارًا
    ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ

    (شۇنداق قىلساڭلار) ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ [11]،

  12. (71-سۈرە نوھ، 12-ئايەت)
    وَيُمْدِدْكُمْ بِأَمْوَالٍ وَبَنِينَ وَيَجْعَلْ لَكُمْ جَنَّاتٍ وَيَجْعَلْ لَكُمْ أَنْهَارًا
    سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بېرىدۇ. سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلارنى ئاتا قىلىدۇ

    سىلەرنىڭ مال-مۈلۈكىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بىرىدۇ، سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلارنى ئاتا قىلىدۇ [12]،

  13. (71-سۈرە نوھ، 13-ئايەت)
    مَا لَكُمْ لَا تَرْجُونَ لِلَّهِ وَقَارًا
    نېمە ئۈچۈن سىلەر ئاللاھنىڭ بۈيۈكلۈكىدىن قورقمايسىلەر؟

    سىلەر نېمە ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن ئەيمەنمەيسىلەر؟ [13].

  14. (71-سۈرە نوھ، 14-ئايەت)
    وَقَدْ خَلَقَكُمْ أَطْوَارًا
    ھالبۇكى ئاللاھ سىلەرنى بىر قانچە باسقۇچلارغا بۆلۈپ ياراتتى

    ھالبۇكى، ئاللاھ سىلەرنى بىر قانچە باسقۇچقا بۆلۈپ ياراتتى [14]،

  15. (71-سۈرە نوھ، 15-ئايەت)
    أَلَمْ تَرَوْا كَيْفَ خَلَقَ اللَّهُ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ طِبَاقًا
    سىلەر كۆرمىدىڭلارمىكىن، ئاللاھ قانداق قىلىپ يەتتە ئاسماننى بىرىنىڭ ئۈستىدە بىرىنى قىلىپ ياراتتى

    سىلەر كۆرمىدىڭلارمۇ، ئاللاھ قانداق قىلىپ يەتتە ئاسماننى قاتقۇقات قىلىپ ياراتتى [15].

  16. (71-سۈرە نوھ، 16-ئايەت)
    وَجَعَلَ الْقَمَرَ فِيهِنَّ نُورًا وَجَعَلَ الشَّمْسَ سِرَاجًا
    ئاينى ئۇلاردا (يەنى دۇنيانىڭ ئاسمىنىدا) نۇر قىلدى، قۇياشنى (نۇر چاچقۇچى) چىراغ قىلدى

    ئۇ ئاسمانلاردا ئاينى نۇر قىلدى، كۈننى چىراغ قىلدى [16].

  17. (71-سۈرە نوھ، 17-ئايەت)
    وَاللَّهُ أَنْبَتَكُمْ مِنَ الْأَرْضِ نَبَاتًا
    ئاللاھ سىلەرنى زېمىندىن ياراتتى (چۈنكى ئاتاڭلار ئادەمنى تۇپراقتىن ياراتقان ئىدى)

    ئاللاھ سىلەرنى (ئاتاڭلار ئادەمنى) زېمىندىن ياراتتى [17].

  18. (71-سۈرە نوھ، 18-ئايەت)
    ثُمَّ يُعِيدُكُمْ فِيهَا وَيُخْرِجُكُمْ إِخْرَاجًا
    ئاندىن ئاللاھ سىلەرنى (ئۆلگەندىن كېيىن) زېمىنغا قايتۇرىدۇ (يەنى زېمىندا دەپنە قىلىنىسىلەر)، ئاندىن سىلەرنى (قىيامەت كۈنى) زېمىندىن چىقىرىدۇ

    ئاندىن سىلەرنى (ئۆلگەندە) زېمىنغا قايتۇرىدۇ، ئاندىن سىلەرنى (قىيامەت كۈنى) زېمىندىن چىقىرىدۇ [18].

  19. (71-سۈرە نوھ، 19-ئايەت)
    وَاللَّهُ جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ بِسَاطًا
    زېمىندا كەڭ يوللاردا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى يېيىپ بەردى»

    زېمىندا كەڭ يوللاردا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە يەر يۈزىنى كەڭ يېيىپ بەردى» [19ـ20].

  20. (71-سۈرە نوھ، 20-ئايەت)
    لِتَسْلُكُوا مِنْهَا سُبُلًا فِجَاجًا
    زېمىندا كەڭ يوللاردا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى يېيىپ بەردى»

    زېمىندا كەڭ يوللاردا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە يەر يۈزىنى كەڭ يېيىپ بەردى» [19ـ20].

  21. (71-سۈرە نوھ، 21-ئايەت)
    قَالَ نُوحٌ رَبِّ إِنَّهُمْ عَصَوْنِي وَاتَّبَعُوا مَنْ لَمْ يَزِدْهُ مَالُهُ وَوَلَدُهُ إِلَّا خَسَارًا
    نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ئۇلار ھەقىقەتەن ماڭا ئاسىيلىق قىلدى، مېلىغا، بالىسىغا ۋە ئۆزلىرىگە زىياندىن باشقىنى زىيادە قىلمىغان كىشىلەرگە (يەنى بايلىرىغا، كاتتىباشلىرىغا) ئەگەشتى

    نۇھ ئېيتتى: «ئى رەببىم ! ئۇلار ھەقىقەتەن ماڭا ئاسىيلىق قىلىپ، مال-مۈلكى ۋە بالىچاقىلىرى ئۆزىگە زىياندىن باشقا ھېچ نەرسە كەلتۈرەلمەيدىغان كىشىلەرگە (يەنى كاتتىباشلىرىغا) ئەگىشىپ كەتتى [21].

  22. (71-سۈرە نوھ، 22-ئايەت)
    وَمَكَرُوا مَكْرًا كُبَّارًا
    ئۇلار (يەنى كاتتىباشلار) (ماڭا چىنپۈتمىدى، ماڭا ۋە ماڭا ئەگەشكەنلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزۈپ) چوڭ ھىيلە تۈزدى

    كاتتىباشلار چوڭ بىر ھىيلە ئىشلەتتى [22].

  23. (71-سۈرە نوھ، 23-ئايەت)
    وَقَالُوا لَا تَذَرُنَّ آلِهَتَكُمْ وَلَا تَذَرُنَّ وَدًّا وَلَا سُوَاعًا وَلَا يَغُوثَ وَيَعُوقَ وَنَسْرًا
    ئۇلار: ‹مەبۇدلىرىڭلارنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار، ۋەدنى، سۇۋائنى، يەغۇسنى، يەئۇقنى ۋە نەسرىنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار› دېدى

    ئۇلار: ‹مەبۇدلىرىڭلارنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەڭلار،بولۇپمۇ ۋەد، سۇۋائ، يەغۇس، يەئۇق ۋە نەسر دېگەن بۇتلىرىڭلاردىن ھەرگىز ۋاز كەچمەڭلار›دېدى [23].

  24. (71-سۈرە نوھ، 24-ئايەت)
    وَقَدْ أَضَلُّوا كَثِيرًا ۖ وَلَا تَزِدِ الظَّالِمِينَ إِلَّا ضَلَالًا
    ئۇلار ھەقىقەتەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، زالىملارنى تېخىمۇ گۇمراھ قىلغىن»

    ئۇلار ھەقىقەتەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى،(ئى رەببىم) زالىملارنى تېخىمۇ گۇمراھ قىلغىن» [24].

  25. (71-سۈرە نوھ، 25-ئايەت)
    مِمَّا خَطِيئَاتِهِمْ أُغْرِقُوا فَأُدْخِلُوا نَارًا فَلَمْ يَجِدُوا لَهُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَنْصَارًا
    ئۇلار گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن (توپان بىلەن) غەرق قىلىندى، دوزاخقا كىرگۈزۈلدى، ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ياردەمچى تاپالمىدى

    ئۇلار گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن غەرق قىلىندى، (قىيامەت كۈنى) يەنە دوزاخقا كىرگۈزۈلىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھېچقانداق ياردەمچى تاپالمايدۇ [25].

  26. (71-سۈرە نوھ، 26-ئايەت)
    وَقَالَ نُوحٌ رَبِّ لَا تَذَرْ عَلَى الْأَرْضِ مِنَ الْكَافِرِينَ دَيَّارًا
    نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم يەر يۈزىدە كاپىرلارنىڭ بىرىنىمۇ قويمىغىن

    نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم يەر يۈزىدە كافىرلارنىڭ بىرىنىمۇ قويمىغىن [26].

  27. (71-سۈرە نوھ، 27-ئايەت)
    إِنَّكَ إِنْ تَذَرْهُمْ يُضِلُّوا عِبَادَكَ وَلَا يَلِدُوا إِلَّا فَاجِرًا كَفَّارًا
    ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ، شۈبھىسىزكى، بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ تاپقان بالىلىرىمۇ پەقەت فاجىر، كاپىر بولىدۇ

    ئەگەر ئۇلارنى ھايات قالدۇرساڭ، شۈبھىسىزكى، ئۇلار بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلار پاسىق، ناھايىتىمۇ تۇزكور بالىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ [27].

  28. (71-سۈرە نوھ، 28-ئايەت)
    رَبِّ اغْفِرْ لِي وَلِوَالِدَيَّ وَلِمَنْ دَخَلَ بَيْتِيَ مُؤْمِنًا وَلِلْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ وَلَا تَزِدِ الظَّالِمِينَ إِلَّا تَبَارًا
    پەرۋەردىگارىم! ماڭا، ئاتا ـ ئانامغا، مېنىڭ ئۆيۈمگە مۆمىن بولۇپ كىرگەن كىشىگە ۋە مۆمىن ئەرلەرگە، مۆمىن ئاياللارغا مەغپىرەت قىلغىن، زالىملارغا پەقەت ھالاكەتنى زىيادە قىلغىن»

    ئى رەببىم! ماڭا، ئاتا-ئانامغا، مېنىڭ ئۆيۈمگە ئىمان ئېيتىپ كىرگەن كىشىگە ۋە مۆمىن ئەرلەرگە، مۆمىن ئاياللارغا مەغپىرەت قىلغىن، زالىملارنى تېخىمۇ ۋەيران قىلغىن!» [28].