تاھا سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 135 ئايەت
مەنىسى: رەسۇلۇللاھنىڭ ئىسمى. ئاتىلىش سەۋەبى: رەسۇلۇللاھنىڭ شۇ ئىسمى بىلەن باشلانغان
  1. (20-سۈرە تاھا، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ طه
    تاھا (يەنى ئى مۇھەممەد!)

    تا، ھا (بۇ قۇرئاننىڭ سىرلىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ) [1].

  2. (20-سۈرە تاھا، 2-ئايەت)
    مَا أَنْزَلْنَا عَلَيْكَ الْقُرْآنَ لِتَشْقَىٰ
    قۇرئاننى ساڭا سېنى جاپاغا سېلىش ئۈچۈن ئەمەس

    (ئى مۇھەممەد!) قۇرئاننى ساڭا سېنى جاپاغا سېلىش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت (ئاللاھتىن) قورقىدىغانلارغا ۋەز ـ نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلدۇق [2]-[3].

  3. (20-سۈرە تاھا، 3-ئايەت)
    إِلَّا تَذْكِرَةً لِمَنْ يَخْشَىٰ
    پەقەت (ئاللاھتىن) قورقىدىغانلارغا ۋەز ـ نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلدۇق

    (ئى مۇھەممەد!) قۇرئاننى ساڭا سېنى جاپاغا سېلىش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت (ئاللاھتىن) قورقىدىغانلارغا ۋەز ـ نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلدۇق [2]-[3].

  4. (20-سۈرە تاھا، 4-ئايەت)
    تَنْزِيلًا مِمَّنْ خَلَقَ الْأَرْضَ وَالسَّمَاوَاتِ الْعُلَى
    ئۇ زېمىننى ۋە (كەڭ) ئېگىز ئاسمانلارنى ياراتقان زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان

    ئۇ زېمىننى ۋە ئېگىز ئاسمانلارنى ياراتقان زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر [4].

  5. (20-سۈرە تاھا، 5-ئايەت)
    الرَّحْمَٰنُ عَلَى الْعَرْشِ اسْتَوَىٰ
    مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى

    مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) مۇستەۋى بولدى [5].

  6. (20-سۈرە تاھا، 6-ئايەت)
    لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا وَمَا تَحْتَ الثَّرَىٰ
    ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ۋە يەر ئاستىدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدۇر، ئاللاھنىڭ تەسەررۇپى ئاستىدۇر)

    ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ۋە يەر ئاستىدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر [6].

  7. (20-سۈرە تاھا، 7-ئايەت)
    وَإِنْ تَجْهَرْ بِالْقَوْلِ فَإِنَّهُ يَعْلَمُ السِّرَّ وَأَخْفَى
    ئەگەر سەن ئاشكارا سۆزلىسەڭ (ياكى يوشۇرۇن سۆزلىسەڭ، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئوخشاشتۇر)، چۈنكى ئۇ سىرنى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ مەخپىيرەك ئىشلارنى بىلىپ تۇرىدۇ

    سەن ئاشكارا سۆزلىسەڭمۇ (ياكى يوشۇرۇن سۆزلىسەڭمۇ، ئاللاھ ئۈچۈن ئوخشاشتۇر)، چۈنكى ئاللاھ سىرنى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ مەخپىيرەك ئىشلارنى بىلىپ تۇرىدۇ [7].

  8. (20-سۈرە تاھا، 8-ئايەت)
    اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ لَهُ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَىٰ
    ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار

    ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار [8].

  9. (20-سۈرە تاھا، 9-ئايەت)
    وَهَلْ أَتَاكَ حَدِيثُ مُوسَىٰ
    مۇسانىڭ قىسسەسىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟

    مۇسانىڭ قىسسىسىدىن خەۋىرىڭ بارمۇ؟ [9].

  10. (20-سۈرە تاھا، 10-ئايەت)
    إِذْ رَأَىٰ نَارًا فَقَالَ لِأَهْلِهِ امْكُثُوا إِنِّي آنَسْتُ نَارًا لَعَلِّي آتِيكُمْ مِنْهَا بِقَبَسٍ أَوْ أَجِدُ عَلَى النَّارِ هُدًى
    ئۆز ۋاقتىدا مۇسا (بىر جايدا) ئوتنىڭ يورۇقىنى كۆردى. ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە: «تۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن ئوتنىڭ يورۇقىنى كۆردۈم، مەن بېرىپ (ئۇنىڭدىن) بىرەر پارچە چوغ ئېلىپ كېلىشىم ياكى ئوت بار يەردە بىرەر يول باشلىغۇچىنى ئۇچرىتىشىم مۇمكىن» دېدى. (ئىزاھات:مۇسا ئەلەيھىسسالام ئايالى بىلەن بىرگە مەديەندىن مىسىرغا كېتىۋېتىپ كېچىدە يولدىن ئادىشىپ قالىدۇ، ئوت ياقاي دېسىە چاقمىقى يانمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن يولنىڭ سول تەرىپىدە يىراقتىن بىر ئوت كۆرۈنىدۇ، بۇ ئوت ئەمەس، ئاللاھنىڭ نۇرى ئىدى.)

    ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئوتنىڭ يورۇقىنى كۆرۈپ ، ئائىلىسىدىكىلەرگە: «سىلەر تۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن بىر ئوتنىڭ يورۇقىنى كۆردۈم، مەن بېرىپ ئۇنىڭدىن بىرەر تال چوغ ئېلىپ كېلىشىم ياكى ئوت بار يەردە بىرەر يول باشلىغۇچىنى ئۇچرىتىشىم مۇمكىن» دېگەن ئىدى [10].

  11. (20-سۈرە تاھا، 11-ئايەت)
    فَلَمَّا أَتَاهَا نُودِيَ يَا مُوسَىٰ
    مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە نىدا قىلىندىكى، ئى مۇسا!

    مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە نىدا قىلىندى: «ئى مۇسا! [11]

  12. (20-سۈرە تاھا، 12-ئايەت)
    إِنِّي أَنَا رَبُّكَ فَاخْلَعْ نَعْلَيْكَ ۖ إِنَّكَ بِالْوَادِ الْمُقَدَّسِ طُوًى
    مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭدۇرمەن، كەشىڭنى سالغىن، سەن ھەقىقەتەن مۇقەددەس ۋادى تۇۋادىسەن

    مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭدۇرمەن، كەشىڭنى سالغىن، سەن ھەقىقەتەن مۇقەددەس تۇۋا ۋادىسىدا سەن [12].

  13. (20-سۈرە تاھا، 13-ئايەت)
    وَأَنَا اخْتَرْتُكَ فَاسْتَمِعْ لِمَا يُوحَىٰ
    مەن سېنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدىم، سەن ۋەھىيگە قۇلاق سالغىن

    مەن سېنى تاللىدىم، سەن ۋەھيىگە قۇلاق سالغىن [13].

  14. (20-سۈرە تاھا، 14-ئايەت)
    إِنَّنِي أَنَا اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا أَنَا فَاعْبُدْنِي وَأَقِمِ الصَّلَاةَ لِذِكْرِي
    مەن ھەقىقەتەن (ئىبادەتكە لايىق) ئاللاھتۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوق، (يالغۇز) ماڭا ئىبادەت قىلغىن، مېنى زىكىر قىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن

    مەن ھەقىقەتەن ئاللاھتۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوق، ماڭىلا ئىبادەت قىلغىن، مېنى ياد ئېتىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن [14].

  15. (20-سۈرە تاھا، 15-ئايەت)
    إِنَّ السَّاعَةَ آتِيَةٌ أَكَادُ أُخْفِيهَا لِتُجْزَىٰ كُلُّ نَفْسٍ بِمَا تَسْعَىٰ
    قىيامەتنىڭ بولۇشى مۇھەققەقتۇر، ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەمەلىگە يارىشا مۇكاپاتلىنىشى ئۈچۈن، ئۇنى (يەنى ئۇنىڭ قاچان بولۇشىنى) مەخپىي تۇتتۇم

    ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەمەلىگە يارىشا مۇكاپاتلىنىشى ۋە جازالىنىشى ئۈچۈن قىيامەت چوقۇم بولىدۇ، مەن ئۇنىڭ قاچان بولۇشىنى مەخپىي تۇتىمەن [15].

  16. (20-سۈرە تاھا، 16-ئايەت)
    فَلَا يَصُدَّنَّكَ عَنْهَا مَنْ لَا يُؤْمِنُ بِهَا وَاتَّبَعَ هَوَاهُ فَتَرْدَىٰ
    قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغان ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن ئادەم سېنى ئۇنىڭدىن (يەنى قىيامەتكە تەييارلىق قىلىشتىن ۋە ئۇنى تەستىق قىلىشتىن) توسمىسۇن، ئۇنداقتا ئۆزۈڭ ھالاك بولىسەن (چۈنكى ئاخىرەتتىن غاپىل بولۇش، ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ )

    قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغان ۋە نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن ئادەم سېنى قىيامەتكە ئىشىنىشتىن توسۇپ قويمىسۇن، ئۇنداقتا ئۆزۈڭ ھالاك بولىسەن [16].

  17. (20-سۈرە تاھا، 17-ئايەت)
    وَمَا تِلْكَ بِيَمِينِكَ يَا مُوسَىٰ
    ئى مۇسا! ئوڭ قولۇڭدىكى نېمە ئۇ؟»

    ئى مۇسا! ئوڭ قولۇڭدىكى نېمە ئۇ؟» [17].

  18. (20-سۈرە تاھا، 18-ئايەت)
    قَالَ هِيَ عَصَايَ أَتَوَكَّأُ عَلَيْهَا وَأَهُشُّ بِهَا عَلَىٰ غَنَمِي وَلِيَ فِيهَا مَآرِبُ أُخْرَىٰ
    مۇسا ئېيتتى: «ئۇ مېنىڭ ھاسام، ئۇنىڭغا تايىنىمەن، ئۇنىڭ بىلەن قويلىرىمغا غازاڭ قېقىپ بېرىمەن، ئۇنىڭدا مېنىڭ يەنە باشقا ئېھتىياجلىرىممۇ بار»

    مۇسا ئېيتتى: «ئۇ مېنىڭ ھاسام، ئۇنىڭغا تايىنىمەن، ئۇنىڭ بىلەن قويلىرىمغا يوپۇرماق قېقىپ بېرىمەن، ئۇنى يەنە باشقا ئىشلارغىمۇ ئىشلىتىمەن» [18].

  19. (20-سۈرە تاھا، 19-ئايەت)
    قَالَ أَلْقِهَا يَا مُوسَىٰ
    ئاللاھ: «ئى مۇسا! ئۇنى (يەرگە) تاشلىغىن» دېدى

    ئاللاھ: «ئى مۇسا! ئۇنى يەرگە تاشلىغىن» دېدى [19].

  20. (20-سۈرە تاھا، 20-ئايەت)
    فَأَلْقَاهَا فَإِذَا هِيَ حَيَّةٌ تَسْعَىٰ
    مۇسا ئۇنى تاشلىۋىدى، ئۇ ناگاھان مېڭىۋاتقان بىر يىلانغا ئايلاندى

    مۇسا ئۇنى تاشلىۋىدى، ئۇ شۇ زامان مېڭىۋاتقان بىر يىلانغا ئايلاندى [20].

    .
  21. (20-سۈرە تاھا، 21-ئايەت)
    قَالَ خُذْهَا وَلَا تَخَفْ ۖ سَنُعِيدُهَا سِيرَتَهَا الْأُولَىٰ
    ئاللاھ ئېيتتى: « ئۇنى تۇتۇۋالغىن، قورقمىغىن، ئۇنى دەسلەپكى (يەنى ھاسىلىق) ھالىتىگە قايتۇرىمىز

    ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇنى تۇتۇۋالغىن، قورقمىغىن، ئۇنى دەسلەپكى ھالىتىگە قايتۇرىمىز [21].

  22. (20-سۈرە تاھا، 22-ئايەت)
    وَاضْمُمْ يَدَكَ إِلَىٰ جَنَاحِكَ تَخْرُجْ بَيْضَاءَ مِنْ غَيْرِ سُوءٍ آيَةً أُخْرَىٰ
    قولۇڭنى قولتۇقۇڭنىڭ ئاستىغا سالغىن (ئاندىن چىقارغىن)، ئۇ ھېچقانداق ئەيىب ـ نۇقسانسىز ھالدا ئاپئاق (نۇرلۇق بولۇپ) چىقىدۇ، (بۇ) ئىككىنچى مۆجىزىدۇر

    قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ ھېچقانداق ئەيىب ـ نۇقسانسىز ھالدا يەنە بىر مۆجىزە سۈپىتىدە ئاپئاق نۇرلۇق بولۇپ چىقىدۇ [22].

  23. (20-سۈرە تاھا، 23-ئايەت)
    لِنُرِيَكَ مِنْ آيَاتِنَا الْكُبْرَى
    ساڭا چوڭ مۆجىزىلىرىمىزدىن بەزىسىنى كۆرسىتىمىز

    (بۇنداق قىلىش) ساڭا چوڭ مۆجىزىلىرىمىزنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسىتىشىمىز ئۈچۈندۇر [23].

    .
  24. (20-سۈرە تاھا، 24-ئايەت)
    اذْهَبْ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ إِنَّهُ طَغَىٰ
    پىرئەۋنگە بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى»

    پىرئەۋننىڭ قېشىغا بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى» [24].

  25. (20-سۈرە تاھا، 25-ئايەت)
    قَالَ رَبِّ اشْرَحْ لِي صَدْرِي
    مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مېنىڭ كۆڭۈل-كۆكسۈمنى كەڭ قىلغىن

    مۇسا ئېيتتى: «ئى رەببىم! كۆڭلى-كۆكسۈمنى كەڭ قىلغىن [25].

  26. (20-سۈرە تاھا، 26-ئايەت)
    وَيَسِّرْ لِي أَمْرِي
    مېنىڭ ئىشىمنى ئاسانلاشتۇرغىن

    مېنىڭ ئىشىمنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن [26].

  27. (20-سۈرە تاھا، 27-ئايەت)
    وَاحْلُلْ عُقْدَةً مِنْ لِسَانِي
    تىلىمدىن كېكەچلىكنى كۆتۈرۈۋەتكىن

    تىلىمدىن ئېغىرلىقنى كۆتۈرۈۋەتكىن [27].

  28. (20-سۈرە تاھا، 28-ئايەت)
    يَفْقَهُوا قَوْلِي
    ئۇلار مېنىڭ سۆزۇمنى چۈشەنسۇن

    ئۇلار مېنىڭ سۆزۇمنى چۈشەنسۇن [28].

  29. (20-سۈرە تاھا، 29-ئايەت)
    وَاجْعَلْ لِي وَزِيرًا مِنْ أَهْلِي
    ماڭا ئائىلەمدىن قېرىندىشىم ھارۇننى ياردەمچى قىلىپ بەرگىن

    ماڭا ئائىلەمدىن قېرىندىشىم ھارۇننى ياردەمچى قىلىپ بەرگىن [30 ـ 29].

  30. (20-سۈرە تاھا، 30-ئايەت)
    هَارُونَ أَخِي
    ماڭا ئائىلەمدىن قېرىندىشىم ھارۇننى ياردەمچى قىلىپ بەرگىن

    ماڭا ئائىلەمدىن قېرىندىشىم ھارۇننى ياردەمچى قىلىپ بەرگىن [30 ـ 29].

  31. (20-سۈرە تاھا، 31-ئايەت)
    اشْدُدْ بِهِ أَزْرِي
    ئۇنىڭ بىلەن مېنى تېخىمۇ كۈچەيتكىن

    ئۇنىڭ بىلەن مېنى تېخىمۇ كۈچەيتكىن [31].

  32. (20-سۈرە تاھا، 32-ئايەت)
    وَأَشْرِكْهُ فِي أَمْرِي
    مېنىڭ ئىشىمغا ئۇنى شېرىك قىلغىن

    مېنىڭ ئىشىمغا ئۇنى شېرىك قىلغىن [32].

  33. (20-سۈرە تاھا، 33-ئايەت)
    كَيْ نُسَبِّحَكَ كَثِيرًا
    بۇنىڭ بىلەن بىز ساڭا كۆپ تەسبىھ ئېيتقايمىز

    بۇنىڭ بىلەن بىز ساڭا كۆپ تەسبىھ ئېيتقايمىز [33].

  34. (20-سۈرە تاھا، 34-ئايەت)
    وَنَذْكُرَكَ كَثِيرًا
    ساڭا كۆپ زىكرى ئېيتقايمىز

    ساڭا كۆپ زىكرى ئېيتقايمىز [34].

  35. (20-سۈرە تاھا، 35-ئايەت)
    إِنَّكَ كُنْتَ بِنَا بَصِيرًا
    سەن ھەقىقەتەن بىزنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن»

    سەن ھەقىقەتەن بىزنى كۆرۈپ تۇرغۇچىسەن» [35].

  36. (20-سۈرە تاھا، 36-ئايەت)
    قَالَ قَدْ أُوتِيتَ سُؤْلَكَ يَا مُوسَىٰ
    ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مۇسا! سېنىڭ سورىغان نەرسىلىرىڭ ساڭا بېرىلدى

    ئاللاھ ئېيتتى: «ئى مۇسا! سېنىڭ سورىغان نەرسىلىرىڭ ساڭا بېرىلدى. [36]

  37. (20-سۈرە تاھا، 37-ئايەت)
    وَلَقَدْ مَنَنَّا عَلَيْكَ مَرَّةً أُخْرَىٰ
    (بۇنىڭدىن باشقا) ساڭا يەنە بىر قېتىم ئىنئام قىلغان ئىدۇق

    بىز ھەقىقەتەن ساڭا بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بىر قېتىم ئىنئام قىلغان ئىدۇق [37].

  38. (20-سۈرە تاھا، 38-ئايەت)
    إِذْ أَوْحَيْنَا إِلَىٰ أُمِّكَ مَا يُوحَىٰ
    ئۆز ۋاقتىدا ئاناڭنىڭ كۆڭلىگە پەقەت ۋەھىي ئارقىلىق بىلىنىدىغان نەرسىلەرنى سالدۇق»

    ئۆز ۋاقتىدا ئاناڭنىڭ كۆڭلىگە مۇنۇلارنى سالغان ئىدۇق [38]:

  39. (20-سۈرە تاھا، 39-ئايەت)
    أَنِ اقْذِفِيهِ فِي التَّابُوتِ فَاقْذِفِيهِ فِي الْيَمِّ فَلْيُلْقِهِ الْيَمُّ بِالسَّاحِلِ يَأْخُذْهُ عَدُوٌّ لِي وَعَدُوٌّ لَهُ ۚ وَأَلْقَيْتُ عَلَيْكَ مَحَبَّةً مِنِّي وَلِتُصْنَعَ عَلَىٰ عَيْنِي
    (ئېيتتۇقكى) «ئۇنى (يەنى بالىنى) ساندۇققا سالغىن، ئاندىن ئۇنى (ساندۇق بىلەن) دەرياغا تاشلىغىن، دەريا ئۇنى قىرغاققا تاشلىسۇن، ئۇنى مېنىڭ دۈشمىنىم ۋە ئۇنىڭ دۈشمىنى بولغان (پىرئەۋن) ئېلىپ (باقسۇن)». مېنىڭ قوغدىشىم ئاستىدا تەربىيەلىنىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا مەن تەرەپتىن بولغان مۇھەببەتنى سالدىم

    <ئۇ مۇسانى ساندۇققا سېلىپ دەرياغا قويۇپ بەرگىن، دەريا ئۇنى قىرغاققا چىقىرىپ قويسۇن، ئۇنى مېنىڭ دۈشمىنىم ۋە ئۇنىڭ دۈشمىنى (پىرئەۋن) ئېلىۋالسۇن>. مېنىڭ ھىمايەم ئاستىدا تەربىيەلىنىشىڭ ئۈچۈن، سېنى مېھرى ئىسسىق قىلدىم [39].

  40. (20-سۈرە تاھا، 40-ئايەت)
    إِذْ تَمْشِي أُخْتُكَ فَتَقُولُ هَلْ أَدُلُّكُمْ عَلَىٰ مَنْ يَكْفُلُهُ ۖ فَرَجَعْنَاكَ إِلَىٰ أُمِّكَ كَيْ تَقَرَّ عَيْنُهَا وَلَا تَحْزَنَ ۚ وَقَتَلْتَ نَفْسًا فَنَجَّيْنَاكَ مِنَ الْغَمِّ وَفَتَنَّاكَ فُتُونًا ۚ فَلَبِثْتَ سِنِينَ فِي أَهْلِ مَدْيَنَ ثُمَّ جِئْتَ عَلَىٰ قَدَرٍ يَا مُوسَىٰ
    ئۆز ۋاقتىدا سېنىڭ ھەمشىرەڭ (پىرئەۋىننىڭ ئائىلىسىگە) بېرىپ: «سىلەرگە ئۇنى باقىدىغان بىر كىشىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟» دېدى. بىز سېنىڭ ئاناڭنى خۇش بولسۇن، قايغۇرمىسۇن دەپ سېنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردۇق، سەن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇڭ، سېنى بىز غەمدىن خالاس قىلدۇق، سېنى تۈرلۈك بالالار بىلەن سىنىدۇق، سەن مەديەنلىكلەر ئارىسىدا كۆپ يىللار تۇردۇڭ، ئاندىن، ئى مۇسا! تەقدىر بىلەن (بۇ يەرگە) كەلدىڭ

    ئۆز ۋاقتىدا سېنىڭ ھەمشىرەڭ (پىر ئەۋىننىڭ ئائىلىسىگە) بېرىپ: <سىلەرگە ئۇنى باقىدىغان بىر كىشىنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟> دېگەن ئىدى. بىز سېنىڭ ئاناڭنى خۇش بولسۇن، قايغۇرمىسۇن دەپ سېنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردۇق. سەن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويغان ئىدىڭ، سېنى بىز غەمدىن خالاس قىلدۇق، سېنى تۈرلۈك سىناقلار بىلەن سىنىدۇق، سەن مەديەنلىكلەر ئارىسىدا كۆپ يىللار تۇرغان ئىدىڭ، كېيىن، ئى مۇسا! سەن تەقدىر بىلەن بۇ يەرگە كەلدىڭ [40].

  41. (20-سۈرە تاھا، 41-ئايەت)
    وَاصْطَنَعْتُكَ لِنَفْسِي
    سېنى مېنىڭ مۇھەببىتىمگە (يەنى پەيغەمبەر قىلىپ ۋەھىي نازىل قىلىشىمغا) تاللىدىم

    مەن سېنى ئۆزۈم ئۈچۈن يېتىشتۈرۈپ چىقتىم [41].

  42. (20-سۈرە تاھا، 42-ئايەت)
    اذْهَبْ أَنْتَ وَأَخُوكَ بِآيَاتِي وَلَا تَنِيَا فِي ذِكْرِي
    (ئى مۇسا!) سەن ۋە سېنىڭ قېرىندىشىڭ (ھارۇن) مېنىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، مېنىڭ زىكرىمگە سۇسلۇق قىلىپ قالماڭلار

    (ئى مۇسا!) سەن ۋە سېنىڭ قېرىندىشىڭ (ھارۇن) مېنىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، مېنى ياد ئېتىشتە سۇسلۇق قىلىپ قالماڭلار [42].

  43. (20-سۈرە تاھا، 43-ئايەت)
    اذْهَبَا إِلَىٰ فِرْعَوْنَ إِنَّهُ طَغَىٰ
    پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى

    سىلەر پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى [43].

  44. (20-سۈرە تاھا، 44-ئايەت)
    فَقُولَا لَهُ قَوْلًا لَيِّنًا لَعَلَّهُ يَتَذَكَّرُ أَوْ يَخْشَىٰ
    ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، ئۇ ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى ياكى (ھەددىدىن ئاشقانلىقنىڭ ئاقىۋىتىدىن) قورقۇشى مۇمكىن

    ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، ئۇ ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى ياكى قورقۇنچقا چۈشۈشى مۇمكىن» [44].

  45. (20-سۈرە تاھا، 45-ئايەت)
    قَالَا رَبَّنَا إِنَّنَا نَخَافُ أَنْ يَفْرُطَ عَلَيْنَا أَوْ أَنْ يَطْغَىٰ
    ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن ئۇنىڭ بىزنى ئالدىراپ جازالىشىدىن ياكى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشىدىن قورقىمىز» دېيىشتى

    ئۇلار: «ئى رەببىمىز! بىز ھەقىقەتەن ئۇنىڭ بىزنى ئالدىراپ جازالىشىدىن ياكى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشىدىن ئەندىشە قىلىمىز» دېيىشتى [45].

  46. (20-سۈرە تاھا، 46-ئايەت)
    قَالَ لَا تَخَافَا ۖ إِنَّنِي مَعَكُمَا أَسْمَعُ وَأَرَىٰ
    ئاللاھ ئېيتتى: «سىلەر قورقماڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە (ئۇنىڭ سىلەرگە بەرگەن جاۋابىنى) ئاڭلاپ تۇرىمەن، (ئۇنىڭ سىلەرگە قىلىدىغانلىرىنى) كۆرۈپ تۇرىمەن

    ئاللاھ ئېيتتى: «سىلەر ئەندىشە قىلماڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە، مەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىمەن [46].

  47. (20-سۈرە تاھا، 47-ئايەت)
    فَأْتِيَاهُ فَقُولَا إِنَّا رَسُولَا رَبِّكَ فَأَرْسِلْ مَعَنَا بَنِي إِسْرَائِيلَ وَلَا تُعَذِّبْهُمْ ۖ قَدْ جِئْنَاكَ بِآيَةٍ مِنْ رَبِّكَ ۖ وَالسَّلَامُ عَلَىٰ مَنِ اتَّبَعَ الْهُدَىٰ
    سىلەر پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ، بىز ئىككىمىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىسى بولىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى قويۇۋەتكىن، بىز بىلەن كەتسۇن، ئۇلارنى قىينىمىغىن. ساڭا بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ مۆجىزىسىنى ئېلىپ كەلدۇق، توغرا يولغا ئەگەشكەن ئادەم (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئامان قالىدۇ

    سىلەر پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ، <بىز ئىككىمىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىسى بولىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى قويۇۋەتكىن، بىز بىلەن كەتسۇن، ئۇلارنى قىينىمىغىن. بىز ساڭا ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ مۆجىزىسىنى ئېلىپ كەلدۇق. توغرا يولغا ئەگەشكەن ئادەم ئامان قالىدۇ [47].

  48. (20-سۈرە تاھا، 48-ئايەت)
    إِنَّا قَدْ أُوحِيَ إِلَيْنَا أَنَّ الْعَذَابَ عَلَىٰ مَنْ كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰ
    بىزگە شەك ـ شۈبھىسىز ۋەھىي قىلىندىكى، (ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ئادەم (قاتتىق) ئازابقا دۇچار بولىدۇ، دەڭلار»

    بىزگە شەك ـ شۈبھىسىز ۋەھيى قىلىندىكى، ھەقنى يالغان دېگەن ۋە ئۇنىڭدىن باش تارتقان ئادەم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ> دەڭلار» [48].

  49. (20-سۈرە تاھا، 49-ئايەت)
    قَالَ فَمَنْ رَبُّكُمَا يَا مُوسَىٰ
    (ئۇلار پىرئەۋنگە كېلىپ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ۋەھىي قىلىنغان نەرسىلەرنى يەتكۈزگەندىن كېيىن) پىرئەۋن: «ئى مۇسا، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار كىم؟» دېدى

    (ئۇلار پىرئەۋننىڭ يېنىغا كېلىپ يۇقىرىقى سۆزلەرنى يەتكۈزگەندىن كېيىن) پىرئەۋن: «ئى مۇسا، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار كىم؟» دېدى [49].

  50. (20-سۈرە تاھا، 50-ئايەت)
    قَالَ رَبُّنَا الَّذِي أَعْطَىٰ كُلَّ شَيْءٍ خَلْقَهُ ثُمَّ هَدَىٰ
    مۇسا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىمىز شۇنداق زاتتۇركى، ھەممە نەرسىگە (ئۆزىگە مۇناسىپ) شەكىل ئاتا قىلدى، (ئاندىن ئۇلارغا ياشاش يوللىرىنى، پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنى) كۆرسەتتى»

    مۇسا ئېيتتى: «بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز شۇنداق زاتتۇركى، ھەممە نەرسىگە مۇئەييەن شەكىل ئاتا قىلىپ، ئۇنى مۇناسىپ يولغا سالدى» [50].

  51. (20-سۈرە تاھا، 51-ئايەت)
    قَالَ فَمَا بَالُ الْقُرُونِ الْأُولَىٰ
    پىرئەۋن ئېيتتى: «ئۆتۈپ كەتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ھالى قانداق؟ (يەنى قانداق بولغان؟) »

    پىرئەۋن ئېيتتى: «ئۆتۈپ كەتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ھالى قانداق بولغان؟» [51].

  52. (20-سۈرە تاھا، 52-ئايەت)
    قَالَ عِلْمُهَا عِنْدَ رَبِّي فِي كِتَابٍ ۖ لَا يَضِلُّ رَبِّي وَلَا يَنْسَى
    مۇسا ئېيتتى: «ئۇلار توغرىسىدىكى مەلۇمات پەرۋەردىگارىمنىڭ دەرگاھىدا لەۋھۇلمەھپۇزدا (خاتىرىلەكلىكتۇر)، پەرۋەردىگارىم ھەم خاتالاشمايدۇ ھەم ئۇنتۇمايدۇ

    مۇسا ئېيتتى: «ئۇلار توغرىسىدىكى مەلۇمات پەرۋەردىگارىمنىڭ دەرگاھىدا لەۋھۇلمەھفۇزدا خاتىرىلەنگەندۇر. پەرۋەردىگارىم ھەم خاتالاشمايدۇ ھەم ئۇنتۇمايدۇ [52].

  53. (20-سۈرە تاھا، 53-ئايەت)
    الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ مَهْدًا وَسَلَكَ لَكُمْ فِيهَا سُبُلًا وَأَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَخْرَجْنَا بِهِ أَزْوَاجًا مِنْ نَبَاتٍ شَتَّىٰ
    ئۇ زېمىننى سىلەرگە بىسات قىلىپ بەردى، سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن يوللارنى ئېچىپ بەردى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، ئۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى»

    ئۇ زېمىننى سىلەرگە بىسات قىلىپ بەردى، سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن يوللارنى ئېچىپ بەردى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردى» [53].

  54. (20-سۈرە تاھا، 54-ئايەت)
    كُلُوا وَارْعَوْا أَنْعَامَكُمْ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِأُولِي النُّهَىٰ
    (ئۇلاردىن) يەڭلار ۋە مال - چارۋىلىرىڭلارنى بېقىڭلار، ئۇنىڭدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار

    سىلەر (ئۇلاردىن) يەڭلار ۋە مال چارۋىلىرىڭلارنى بېقىڭلار، ئۇنىڭدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن دەلىللەر بار [54].

  55. (20-سۈرە تاھا، 55-ئايەت)
    مِنْهَا خَلَقْنَاكُمْ وَفِيهَا نُعِيدُكُمْ وَمِنْهَا نُخْرِجُكُمْ تَارَةً أُخْرَىٰ
    سىلەرنى زېمىندىن خەلق ئەتتۇق، (ئۆلگۈنۈڭلاردىن كېيىن) سىلەرنى يەنە زېمىنغا قايتۇرىمىز (توپىغا ئايلىنىسىلەر)، سىلەرنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يەنە بىر قېتىم زېمىندىن چىقىرىمىز

    بىز سىلەرنى تۇپراقتىن ياراتتۇق، سىلەرنى يەنە تۇپراققا قايتۇرىمىز، سىلەرنى يەنە بىر قېتىم تۇپراقتىن چىقىرىمىز [55].

  56. (20-سۈرە تاھا، 56-ئايەت)
    وَلَقَدْ أَرَيْنَاهُ آيَاتِنَا كُلَّهَا فَكَذَّبَ وَأَبَىٰ
    شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ ھەممە مۆجىزىلىرىمىزنى كۆرسەتتۇق. ئۇ ئىنكار قىلدى ۋە (ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتتى

    شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز پىرئەۋنگە بىزنىڭ مۇساغا بەرگەن ھەممە مۆجىزىلىرىمىزنى كۆرسەتكەن ئىدۇق. ئۇ ئىنكار قىلدى ۋە (ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتتى [56].

  57. (20-سۈرە تاھا، 57-ئايەت)
    قَالَ أَجِئْتَنَا لِتُخْرِجَنَا مِنْ أَرْضِنَا بِسِحْرِكَ يَا مُوسَىٰ
    پىرئەۋن ئېيتتى: «ئى مۇسا ! سېھرىڭ بىلەن بىزنى زېمىنىمىز (مىسىر) دىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟

    پىرئەۋن ئېيتتى: «ئى مۇسا ! سەن سېھرىڭگە تايىنىپ بىزنى زېمىنىمىزدىن چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن كەلدىڭمۇ؟ [57].

  58. (20-سۈرە تاھا، 58-ئايەت)
    فَلَنَأْتِيَنَّكَ بِسِحْرٍ مِثْلِهِ فَاجْعَلْ بَيْنَنَا وَبَيْنَكَ مَوْعِدًا لَا نُخْلِفُهُ نَحْنُ وَلَا أَنْتَ مَكَانًا سُوًى
    ساڭا بىز شۇنىڭغا ئوخشاش سېھىر بىلەن تاقابىل تۇرىمىز، سەن بىزگە ئۆز ئارا يىغىلىدىغان ۋاقىتنى ۋە مۇئەييەن جاينى بەلگىلەپ بەرگىن، سەنمۇ، بىزمۇ ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلمايلى»

    ساڭا بىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش سېھىر بىلەن تاقابىل تۇرىمىز، سەن بىزگە ئۆزئارا يىغىلىدىغان ۋاقىتنى ۋە مۇئەييەن جاينى بەلگىلەپ بەرگىن، سەنمۇ، بىزمۇ ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلمايلى» [58].

  59. (20-سۈرە تاھا، 59-ئايەت)
    قَالَ مَوْعِدُكُمْ يَوْمُ الزِّينَةِ وَأَنْ يُحْشَرَ النَّاسُ ضُحًى
    مۇسا ئېيتتى: «سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان چاغ بايرام كۈنى بولۇپ، كىشىلەر چاشكا ۋاقتىدا يىغىلسۇن»

    مۇسا ئېيتتى: «سىلەر بىلەن كېلىشكەن ۋاقتىمىز بايرام كۈنى بولسۇن، كىشىلەر چاشگاھ ۋاقتىدا يىغىلسۇن» [59].

  60. (20-سۈرە تاھا، 60-ئايەت)
    فَتَوَلَّىٰ فِرْعَوْنُ فَجَمَعَ كَيْدَهُ ثُمَّ أَتَىٰ
    پىرئەۋن قايتىپ كېتىپ ھىيلە ـ مىكرنى (يەنى سېھىرگەرلەرنى) توپلىدى. ئاندىن ئۇ (سېھىرگەرلەرنى ۋە سېھرىدە ئىشلىنىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ ۋەدىلەشكەن ۋاقىتتا) كەلدى

    پىرئەۋن قايتىپ كېتىپ، ھىيلە ـ مىكىر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سېھىرگەرلەرنى توپلاپ ئېلىپ كەلدى [60].

  61. (20-سۈرە تاھا، 61-ئايەت)
    قَالَ لَهُمْ مُوسَىٰ وَيْلَكُمْ لَا تَفْتَرُوا عَلَى اللَّهِ كَذِبًا فَيُسْحِتَكُمْ بِعَذَابٍ ۖ وَقَدْ خَابَ مَنِ افْتَرَىٰ
    مۇسا ئۇلارغا ئېيتتى: «سىلەرگە ۋاي! ئاللاھقا يالغاننى چاپلىماڭلار (يەنى سېھرىڭلار ئارقىلىق مۆجىزىلىرىمگە تاقابىل تۇرۇشنى دەۋا قىلماڭلار)، ئاللاھ سىلەرنى قاتتىق ئازاب بىلەن ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھقا بوھتان چاپلىغان ئادەم مەغلۇب بولىدۇ»

    مۇسا ئۇلارغا ئېيتتى: «سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇماڭلار، ئۇنداق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرنى قاتتىق ئازاب بىلەن ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ئادەم چوقۇم زىيان تارتىدۇ» [61].

  62. (20-سۈرە تاھا، 62-ئايەت)
    فَتَنَازَعُوا أَمْرَهُمْ بَيْنَهُمْ وَأَسَرُّوا النَّجْوَىٰ
    ئۇلار ئۆز ئىشى (يەنى مۇسا ۋە ھارۇننىڭ ئىشى) ئۈستىدە دەتالاش قىلىشتى، قىلغان دەتالىشىنى يوشۇرۇشتى

    ئۇلار (مۇسا ۋە ھارۇنغا قوللىنىدىغان) تەدبىرى ئۈستىدە ئۆز ئارا دەتالاش قىلىشتى ۋە يۇشۇرۇن مەسلىھەتلەشتى [62].

  63. (20-سۈرە تاھا، 63-ئايەت)
    قَالُوا إِنْ هَٰذَانِ لَسَاحِرَانِ يُرِيدَانِ أَنْ يُخْرِجَاكُمْ مِنْ أَرْضِكُمْ بِسِحْرِهِمَا وَيَذْهَبَا بِطَرِيقَتِكُمُ الْمُثْلَىٰ
    ئۇلار ئېيتتى: «بۇ ئىككىسى راستتىنلا سېھىرگەر بولۇپ، سېھىر بىلەن سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن چىقىرىۋەتمەكچى ۋە توغرا دىنىڭلارنى يوقاتماقچى بولىدۇ

    ئۇلار ئېيتتى: «بۇ ئىككىسى راستتىنلا سېھرىگەر بولۇپ، سېھىر بىلەن سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن چىقىرىۋەتمەكچى ۋە توغرا دىنىڭلارنى يوقاتماقچى [63].

  64. (20-سۈرە تاھا، 64-ئايەت)
    فَأَجْمِعُوا كَيْدَكُمْ ثُمَّ ائْتُوا صَفًّا ۚ وَقَدْ أَفْلَحَ الْيَوْمَ مَنِ اسْتَعْلَىٰ
    ھىيلەڭلارنىڭ ھەممىسىنى جەملەڭلار (يەنى پۈتۈن چارە ـ تەدبىرلىرىڭلارنى بىر نۇقتىغا يىغىپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىڭلار)، ئاندىن (قارىغۇچىلارغا ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش ئۈچۈن مەيدانغا) سەپ تارتىپ كېلىڭلار، بۈگۈن ئۈستۈنلۈك قازانغان ئادەم راستتىنلا مەقسىتىگە ئېرىشىدۇ»

    سىلەر ھىيلەڭلارنىڭ ھەممىسىنى جەملەپ، ئاندىن سەپ تارتىپ كېلىڭلار. بۈگۈن ئۈستۈنلۈك قازانغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ» [64].

  65. (20-سۈرە تاھا، 65-ئايەت)
    قَالُوا يَا مُوسَىٰ إِمَّا أَنْ تُلْقِيَ وَإِمَّا أَنْ نَكُونَ أَوَّلَ مَنْ أَلْقَىٰ
    ئۇلار ئېيتتى: «ئى مۇسا! (ھاساڭنى) سەن ئاۋۋال تاشلامسەن؟ ياكى (ئارغامچا، ھاسىلىرىمىزنى) بىز ئاۋۋال تاشلامدۇق؟»

    ئۇلار ئېيتتى: «ئى مۇسا! ھاساڭنى سەن ئاۋۋال تاشلامسەن ياكى بىز ئاۋۋال تاشلامدۇق؟» [65].

  66. (20-سۈرە تاھا، 66-ئايەت)
    قَالَ بَلْ أَلْقُوا ۖ فَإِذَا حِبَالُهُمْ وَعِصِيُّهُمْ يُخَيَّلُ إِلَيْهِ مِنْ سِحْرِهِمْ أَنَّهَا تَسْعَىٰ
    مۇسا: «ئۇنداقتا سىلەر ئالدىدا تاشلاڭلار!» دېدى. (ئۇلار تاشلىغان ئىدى) ناگاھان ئۇلارنىڭ ئاغامچىلىرى، ھاسىلىرى ئۇلارنىڭ سېھىرىدىن (يەنى سېھىرنىڭ تەسىرىدىن) ئۇنىڭغا ھەرىكەتلىنىپ مېڭىۋاتقاندەك تۇيۇلدى

    مۇسا: «ياق، سىلەر ئالدىدا تاشلاڭلار!» دېدى. (ئۇلار تاشلىغان ئىدى) شۇ زامان ئۇلارنىڭ ئاغامچىلىرى، ھاسىلىرى ئۇلارنىڭ سېھىرنىڭ تەسىرىدە ئۇنىڭغا ھەرىكەتلىنىپ مېڭىۋاتقاندەك تۇيۇلدى [66].

  67. (20-سۈرە تاھا، 67-ئايەت)
    فَأَوْجَسَ فِي نَفْسِهِ خِيفَةً مُوسَىٰ
    (بۇنىڭدىن) مۇسا ئۆزىدە قورقۇنچ ھېس قىلدى

    (بۇنىڭدىن) مۇسا ئۆزىدە قورقۇنچ ھېس قىلدى [67].

  68. (20-سۈرە تاھا، 68-ئايەت)
    قُلْنَا لَا تَخَفْ إِنَّكَ أَنْتَ الْأَعْلَىٰ
    بىز (ئۇنىڭغا) ئېيتتۇقكى، «قورقمىغىن، سەن چوقۇم ئۈستۈنلۈك قازىنىسەن

    بىز ئۇنىڭغا ئېيتتۇقكى، «قورقمىغىن، سەن چوقۇم ئۈستۈنلۈك قازىنىسەن [68]،

  69. (20-سۈرە تاھا، 69-ئايەت)
    وَأَلْقِ مَا فِي يَمِينِكَ تَلْقَفْ مَا صَنَعُوا ۖ إِنَّمَا صَنَعُوا كَيْدُ سَاحِرٍ ۖ وَلَا يُفْلِحُ السَّاحِرُ حَيْثُ أَتَىٰ
    قولۇڭدىكىنى تاشلىغىن، ئۇ ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرىنى دەم تارتىپ يۇتۇۋېتىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكىنى سېھىرگەرلەرنىڭ ھىيلىسىدۇر، سېھىرگەرلەر قەيەرگە بارسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ»

    قولۇڭدىكىنى تاشلىغىن، ئۇ ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرىنى دەم تارتىپ يۇتۇۋېتىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆرسەتكىنى سېھىرگەرلەرنىڭ ھىيلىسىدۇر، سېھىرگەرلەر قەيەرگە بارسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ» [69].

  70. (20-سۈرە تاھا، 70-ئايەت)
    فَأُلْقِيَ السَّحَرَةُ سُجَّدًا قَالُوا آمَنَّا بِرَبِّ هَارُونَ وَمُوسَىٰ
    (مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرىنى دەم تارتىپ يۇتۇۋەتتى) شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەرلەر (سەجدە قىلغان ھالدا يىقىلىپ): «ھارۇن بىلەن مۇسانىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشتى

    (مۇسا ھاسىسىنى تاشلىۋىدى، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن سېھىرلىرىنى دەم تارتىپ يۇتۇۋەتتى) شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەرلەر دەرھال سەجدە قىلىپ: «ھارۇن بىلەن مۇسانىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق» دېيىشتى [70].

  71. (20-سۈرە تاھا، 71-ئايەت)
    قَالَ آمَنْتُمْ لَهُ قَبْلَ أَنْ آذَنَ لَكُمْ ۖ إِنَّهُ لَكَبِيرُكُمُ الَّذِي عَلَّمَكُمُ السِّحْرَ ۖ فَلَأُقَطِّعَنَّ أَيْدِيَكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ مِنْ خِلَافٍ وَلَأُصَلِّبَنَّكُمْ فِي جُذُوعِ النَّخْلِ وَلَتَعْلَمُنَّ أَيُّنَا أَشَدُّ عَذَابًا وَأَبْقَىٰ
    پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەرگە مەن رۇخسەت بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ چوقۇم سىلەرگە سېھىرنى ئۆگەتكەن چوڭۇڭلار ئىكەن، مەن چوقۇم سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى، پۇتلىرىڭلارنى ئوڭ ـ چەپ قىلىپ (يەنى ئوڭ قول بىلەن سول پۇتنى، ئوڭ پۇت بىلەن سول قولنى) كېسىپ تاشلايمەن، سىلەرنى چوقۇم خورما دەرەخلىرىگە ئاسىمەن، سىلەر قايسىمىزنىڭ (يەنى مېنىڭ ياكى مۇسانىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ) ئازابىنىڭ ئەڭ قاتتىق ۋە ئەڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىسىلەر»

    پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەر مەن رۇخسەت بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ چوقۇم سىلەرگە سېھىرنى ئۆگەتكەن چوڭۇڭلار ئىكەن، مەن چوقۇم سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى، پۇتلىرىڭلارنى ئوڭ ـ سول قىلىپ (يەنى ئوڭ قول بىلەن سول پۇتنى، ياكى ئوڭ پۇت بىلەن سول قولنى) كېسىپ تاشلايمەن، سىلەرنى چوقۇم خورما دەرەخلىرىگە ئاسىمەن، سىلەر (مەن بىلەن مۇسانىڭ پەرۋەردىگارىدىن) قايسىمىزنىڭ ئازابىنىڭ ئەڭ قاتتىق ۋە ئەڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىپ قالىسىلەر» [71].

  72. (20-سۈرە تاھا، 72-ئايەت)
    قَالُوا لَنْ نُؤْثِرَكَ عَلَىٰ مَا جَاءَنَا مِنَ الْبَيِّنَاتِ وَالَّذِي فَطَرَنَا ۖ فَاقْضِ مَا أَنْتَ قَاضٍ ۖ إِنَّمَا تَقْضِي هَٰذِهِ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا
    ئۇلار ئېيتتى: «سېنى (يەنى ساڭا ئەگىشىشنى) ئىختىيار قىلىپ، بىزگە كەلگەن (مۇسانىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان) روشەن دەلىللەرنى ۋە بىزنى خەلق ئەتكەن ئاللاھنى ھەرگىز تاشلىمايمىز. (بىزنىڭ ھەققىمىزدە) نېمىنى ھۆكۈم قىلساڭ، شۇنى ھۆكۈم قىلغىن، سېنىڭ ھۆكمىڭ پەقەت بۇ دۇنيادىلا ئۆتىدۇ

    ئۇلار ئېيتتى: «سېنى دەپ، بىزگە كەلگەن روشەن دەلىللەردىن ۋە بىزنى ياراتقان ئاللاھتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز. سەن قانداق ھۆكۈم قىلغۇڭ كەلسە، شۇنداق ھۆكۈم قىلىۋەر. سېنىڭ ھۆكمۈڭ پەقەت بۇ دۇنيادىلا ئۆتىدۇ [72].

  73. (20-سۈرە تاھا، 73-ئايەت)
    إِنَّا آمَنَّا بِرَبِّنَا لِيَغْفِرَ لَنَا خَطَايَانَا وَمَا أَكْرَهْتَنَا عَلَيْهِ مِنَ السِّحْرِ ۗ وَاللَّهُ خَيْرٌ وَأَبْقَىٰ
    بىزنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى، سېنىڭ مەجبۇرلىشىڭ ئارقىسىدا بىزنىڭ سېھىر كۆرسەتكەنلىكىمىزدىن ئىبارەت گۇناھىمىزنى مەغپىرەت قىلسۇن دەپ بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزغا ئىمان ئېيتتۇق، ئاللاھنىڭ (ساۋابى سېنىڭ مۇكاپاتىڭدىن) ئارتۇقتۇر؛ ئاللاھنىڭ (ئازابى سېنىڭ جازايىڭدىن) دائىمىيدۇر»

    بىزنىڭ ھەقىقەتەن خاتالىقلىرىمىزنى، سېنىڭ مەجبۇرلىشىڭ ئارقىسىدا سېھىر كۆرسەتكەنلىكىمىزدىن ئىبارەت گۇناھىمىزنى مەغپىرەت قىلسۇن دەپ پەرۋەردىگارىمىزغا ئىمان ئېيتتۇق، ئاللاھ ئەڭ ياخشىدۇر، ئەڭ مەڭگۈلۈكتۇر» [73].

  74. (20-سۈرە تاھا، 74-ئايەت)
    إِنَّهُ مَنْ يَأْتِ رَبَّهُ مُجْرِمًا فَإِنَّ لَهُ جَهَنَّمَ لَا يَمُوتُ فِيهَا وَلَا يَحْيَىٰ
    كىمكى گۇناھكار ھالدا ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىكەن، ئۇ دوزاخقا كىرىدۇ، دوزاختا ئۇ ئۆلمەيدۇ ۋە (ئوبدان) ياشىمايدۇ

    كىمكى گۇناھكار ھالدا ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارىدىكەن، ئۇ دوزاخقا كىرىدۇ، دوزاختا ئۇ يا ئۆلمەيدۇ، يا تىرىلمەيدۇ [74].

  75. (20-سۈرە تاھا، 75-ئايەت)
    وَمَنْ يَأْتِهِ مُؤْمِنًا قَدْ عَمِلَ الصَّالِحَاتِ فَأُولَٰئِكَ لَهُمُ الدَّرَجَاتُ الْعُلَىٰ
    كىمكى مۆمىن بولۇپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىكەن، ئۇ (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) يۇقىرى دەرىجىلەرگە ئېرىشىدۇ

    كىمكى مۆمىن بولۇپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارىدىكەن، ئۇ يۇقىرى دەرىجىلەرگە ئېرىشىدۇ [75].

  76. (20-سۈرە تاھا، 76-ئايەت)
    جَنَّاتُ عَدْنٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ وَذَٰلِكَ جَزَاءُ مَنْ تَزَكَّىٰ
    ئۇ (دەرىجىلەر) دائىمىي تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇ يەرلەردە ئۇ مەڭگۈ قالىدۇ، ئەنە شۇ (كۇفرىدىن ۋە گۇناھلاردىن) پاك بولغان ئادەمگە بېرىلىدىغان مۇكاپاتتۇر

    ئۇ دەرىجىلەر دائىمىي تۇرالغۇ بولغان ئەدنى جەننەتلەر بولۇپ، ئۇلار جەننەتلەرنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدۇ، شۇ جەننەتلەردە ئۇ مەڭگۈ تۇرىدۇ. ئەنە شۇ پاك ئادەمگە بېرىلىدىغان مۇكاپاتتۇر [76].

  77. (20-سۈرە تاھا، 77-ئايەت)
    وَلَقَدْ أَوْحَيْنَا إِلَىٰ مُوسَىٰ أَنْ أَسْرِ بِعِبَادِي فَاضْرِبْ لَهُمْ طَرِيقًا فِي الْبَحْرِ يَبَسًا لَا تَخَافُ دَرَكًا وَلَا تَخْشَىٰ
    بىز شەك ـ شۈبھىسىز مۇساغا ۋەھىي قىلدۇقكى، «سەن مېنىڭ بەندىلىرىمنى كېچىدە (مىسىردىن) ئېلىپ چىقىپ كەت، سەن (ھاساڭنى) دېڭىزغا ئۇرۇپ ئۇلارغا بىر قۇرۇق يول ئېچىپ بەرگىن، (پىرئەۋننىڭ ئارقاڭدىن قوغلاپ) يېتىۋېلىشىدىن قورقمىغىن، (دېڭىزدا غەرق بولۇپ كېتىشتىنمۇ) قورقمىغىن»

    بىز شەك ـ شۈبھىسىز مۇساغا ۋەھيى قىلدۇقكى، «سەن مېنىڭ بەندىلىرىمنى كېچىدە (مىسىردىن) ئېلىپ چىقىپ كەتكىن، سەن ھاساڭنى دېڭىزغا ئۇرۇپ ئۇلارغا بىر قۇرۇق يول ئېچىپ بەرگىن، پىرئەۋننىڭ قوغلاپ يېتىۋېلىشىدىن قورقمىغىن، (دېڭىزغا غەرق بولۇپ كېتىشتىنمۇ) قورقمىغىن» [77].

  78. (20-سۈرە تاھا، 78-ئايەت)
    فَأَتْبَعَهُمْ فِرْعَوْنُ بِجُنُودِهِ فَغَشِيَهُمْ مِنَ الْيَمِّ مَا غَشِيَهُمْ
    پىرئەۋن لەشكەرلىرى بىلەن ئۇلارنى قوغلىدى، ئۇلارنى (يەنى پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ لەشكىرىنى) دېڭىزدا دەھشەتلىك ھالەت ئورىۋالدى (يەنى ئۇلار دېڭىزدا غەرق بولدى)

    پىرئەۋن لەشكەرلىرى بىلەن قوغلاپ كېلىۋىدى، ئۇلار دەھشەتلىك دېڭىزدا غەرق بولدى [78].

  79. (20-سۈرە تاھا، 79-ئايەت)
    وَأَضَلَّ فِرْعَوْنُ قَوْمَهُ وَمَا هَدَىٰ
    پىرئەۋن ئۆز قەۋمىنى ئازدۇردى، (ئۇلارنى) توغرا يولغا باشلىمىدى

    پىرئەۋن ئۆز قەۋمىنى ئازدۇردى، ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىمىدى [79].

  80. (20-سۈرە تاھا، 80-ئايەت)
    يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ قَدْ أَنْجَيْنَاكُمْ مِنْ عَدُوِّكُمْ وَوَاعَدْنَاكُمْ جَانِبَ الطُّورِ الْأَيْمَنَ وَنَزَّلْنَا عَلَيْكُمُ الْمَنَّ وَالسَّلْوَىٰ
    ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرنى ھەقىقەتەن دۈشمىنىڭلاردىن قۇتقۇزدۇق، (مۇناجات ئۈچۈن ۋە مۇساغا تەۋراتنى نازىل قىلىش ئۈچۈن) سىلەرگە (تۇرسىنا) نىڭ ئوڭ تەرىپىنى ۋەدە قىلدۇق، سىلەرگە تەرەنجىبىن بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق

    ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەرنى ھەقىقەتەن دۈشمىنىڭلاردىن قۇتقۇزدۇق، سىلەرگە تۇر تېغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە (تەۋراتنى يەتكۈزۈشنى) ۋەدە قىلدۇق، سىلەرگە تەرەنجىۋىل بىلەن بۆدۈنىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق [80].

  81. (20-سۈرە تاھا، 81-ئايەت)
    كُلُوا مِنْ طَيِّبَاتِ مَا رَزَقْنَاكُمْ وَلَا تَطْغَوْا فِيهِ فَيَحِلَّ عَلَيْكُمْ غَضَبِي ۖ وَمَنْ يَحْلِلْ عَلَيْهِ غَضَبِي فَقَدْ هَوَىٰ
    (ئېيتتۇقكى) «بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك ـ ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار، بۇ ھەقتە چەكتىن ئاشماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) سىلەرگە غەزىپىم نازىل بولىدۇ، كىمگە مېنىڭ غەزىپىم نازىل بولىدىكەن، ئۇ چوقۇم ھالاك بولىدۇ

    (ئېيتتۇقكى) «بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك، ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار. بۇ ھەقتە چەكتىن ئاشماڭلار، ئۇنداق قىلساڭلار سىلەرگە غەزىپىم ياغىدۇ. كىمگە مېنىڭ غەزىپىم ياغىدىكەن، ئۇ چوقۇم ھالاك بولىدۇ [81].

  82. (20-سۈرە تاھا، 82-ئايەت)
    وَإِنِّي لَغَفَّارٌ لِمَنْ تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا ثُمَّ اهْتَدَىٰ
    تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنى مەن ئەلۋەتتە ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىمەن»

    تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، ئاندىن توغرا يولدا ماڭغان ئادەمنىڭ گۇناھىنى مەن ئەلۋەتتە ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇرمەن» [82].

  83. (20-سۈرە تاھا، 83-ئايەت)
    وَمَا أَعْجَلَكَ عَنْ قَوْمِكَ يَا مُوسَىٰ
    «ئى مۇسا! ئالدىراپ (تۇرسىناغا) قەۋمىڭدىن ئىلگىرى كېلىشىڭنىڭ سەۋەبى نېمە؟» دېدۇق

    «ئى مۇسا! ئالدىراپ تۇر تېغىغا قەۋمىڭدىن ئىلگىرى كېلىشىڭنىڭ سەۋەبى نېمە؟» دېدۇق [83].

  84. (20-سۈرە تاھا، 84-ئايەت)
    قَالَ هُمْ أُولَاءِ عَلَىٰ أَثَرِي وَعَجِلْتُ إِلَيْكَ رَبِّ لِتَرْضَىٰ
    مۇسا ئېيتتى: «ئۇلار ئىزىمنى قوغلىشىپ كېلىۋاتىدۇ، پەرۋەردىگارىم! سېنى رازى بولسۇن دەپ بۇ يەرگە ئالدىراپ كەلدىم»

    مۇسا ئېيتتى: «ئۇلار مېنىڭ كەينىمدىن كېلىۋاتىدۇ. ئى رەببىم! سېنىڭ رازىلىقىڭنى دەپ بۇ يەرگە ئالدىراپ كەلدىم» [84].

  85. (20-سۈرە تاھا، 85-ئايەت)
    قَالَ فَإِنَّا قَدْ فَتَنَّا قَوْمَكَ مِنْ بَعْدِكَ وَأَضَلَّهُمُ السَّامِرِيُّ
    ئاللاھ ئېيتتى: «سەندىن (يەنى سەن كەتكەندىن) كېيىن قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن سىنىدۇق، ئۇلارنى سامىرى ئازدۇردى»

    ئاللاھ ئېيتتى: «سەن قەۋمىڭنىڭ يېنىدىن كەتكەندىن كېيىن بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى سىنىدۇق، ئۇلارنى سامىرى ئازدۇردى» [85].

  86. (20-سۈرە تاھا، 86-ئايەت)
    فَرَجَعَ مُوسَىٰ إِلَىٰ قَوْمِهِ غَضْبَانَ أَسِفًا ۚ قَالَ يَا قَوْمِ أَلَمْ يَعِدْكُمْ رَبُّكُمْ وَعْدًا حَسَنًا ۚ أَفَطَالَ عَلَيْكُمُ الْعَهْدُ أَمْ أَرَدْتُمْ أَنْ يَحِلَّ عَلَيْكُمْ غَضَبٌ مِنْ رَبِّكُمْ فَأَخْلَفْتُمْ مَوْعِدِي
    مۇسا قەۋمىگە غەزەپلەنگەن ھالدا خاپا قايتتى، ئۇ ئېيتتى: «سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار چىرايلىق ۋەدە قىلمىغانمىدى؟ (سىلەر ئەھدىنى ئۇنتۇغۇدەك) ۋاقىت شۇنچە ئۇزۇن بولۇپ كەتتىمۇ؟ ياكى سىلەر ئۆزۈڭلار پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ غەزىپى چۈشۈشىنى ئىرادە قىلدىڭلارمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارغا خىلاپلىق قىلدىڭلارمۇ؟»

    (بۇنى ئاڭلاپ) مۇسا قەۋمىنىڭ يېنىغا غەزەپلەنگەن ۋە ئەپسۇسلانغان ھالدا قايتىپ كەلدى. ئۇ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم، سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار چىرايلىق ۋەدە قىلمىغانمىدى؟ بۇنىڭغا شۇنچە ئۇزاق ۋاقىت بولۇپ كەتتىمۇ ياكى سىلەر ئۆزۈڭلارغا پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ غەزىپى چۈشۈشىنى خالاپ، ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارغا خىلاپلىق قىلدىڭلارمۇ؟» [86].

  87. (20-سۈرە تاھا، 87-ئايەت)
    قَالُوا مَا أَخْلَفْنَا مَوْعِدَكَ بِمَلْكِنَا وَلَٰكِنَّا حُمِّلْنَا أَوْزَارًا مِنْ زِينَةِ الْقَوْمِ فَقَذَفْنَاهَا فَكَذَٰلِكَ أَلْقَى السَّامِرِيُّ
    ئۇلار ئېيتتى: «ساڭا بەرگەن ۋەدىگە ئۆزلۈكىمىزدىن خىلاپلىق قىلغىنىمىز يوق، لېكىن بىز (پىرئەۋن) قەۋمىنىڭ زىننەتلىرىدىن نۇرغۇن ئېلىپ چىققان ئىدۇق، (سامىرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە) ئۇلارنى (ئوتقا) تاشلىدۇق، سامىرىمۇ (ئۆزى ئېلىپ چىققان زىبۇ- زىننەتلىرىنى) تاشلىدى»

    ئۇلار ئېيتتى: «ساڭا بەرگەن ۋەدىگە بىز ئۆزلۈكىمىزدىن خىلاپلىق قىلغىنىمىز يوق، لېكىن بىز پىرئەۋن قەۋمىنىڭ زىننەت بويۇملىرىدىن نۇرغۇن ئېلىپ چىققان ئىدۇق، (سامىرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە) ئۇلارنى (ئوتقا) تاشلىدۇق، سامىرىمۇ تاشلىدى» [87].

  88. (20-سۈرە تاھا، 88-ئايەت)
    فَأَخْرَجَ لَهُمْ عِجْلًا جَسَدًا لَهُ خُوَارٌ فَقَالُوا هَٰذَا إِلَٰهُكُمْ وَإِلَٰهُ مُوسَىٰ فَنَسِيَ
    سامىرى (ئېرىتىلگەن زىبۇ - زىننەتلەردىن) ئۇلار ئۈچۈن بىر موزاي ھەيكەل ياسىدى، ئۇنىڭدىن موزاينىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز چىقاتتى، ئۇلار (يەنى سامىرى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرى) ئېيتتى: «بۇ سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلاردۇر ۋە مۇسانىڭ ئىلاھىدۇر، مۇسا (ئىلاھنى بۇ يەردە) ئۇنتۇپ قېلىپ (ئۇنى ئىزدەپ تۇرسىناغا كەتتى)»

    سامىرى (ئېرىتىلگەن زىننەت بۇيۇملىرىدىن) ئۆز قەۋمى ئۈچۈن بىر موزاي ھەيكىلى ياسىدى، ئۇنىڭدىن موزاينىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز چىقاتتى. ئۇلار (يەنى سامىرى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى) ئېيتتى: «بۇ سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلاردۇر ۋە مۇسانىڭمۇ ئىلاھىدۇر، مۇسا ئۇنى ئۇنتۇپ قاپتۇ» [88].

  89. (20-سۈرە تاھا، 89-ئايەت)
    أَفَلَا يَرَوْنَ أَلَّا يَرْجِعُ إِلَيْهِمْ قَوْلًا وَلَا يَمْلِكُ لَهُمْ ضَرًّا وَلَا نَفْعًا
    ئۇ موزاينىڭ ئۇلارنىڭ سۆزىگە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارغا پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟

    ئۇلار ئۇ موزاينىڭ ئۆزلىرىنىڭ سۆزىگە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى ئۇقمامدۇ؟ [89].

  90. (20-سۈرە تاھا، 90-ئايەت)
    وَلَقَدْ قَالَ لَهُمْ هَارُونُ مِنْ قَبْلُ يَا قَوْمِ إِنَّمَا فُتِنْتُمْ بِهِ ۖ وَإِنَّ رَبَّكُمُ الرَّحْمَٰنُ فَاتَّبِعُونِي وَأَطِيعُوا أَمْرِي
    شەك ـ شۈبھىسىزكى، ھارۇن ئۇلارغا (مۇسا قايتىپ كېلىشتىن) بۇرۇن: «ئى قەۋمىم! سىلەر موزاي بىلەن قايمۇقتۇرۇلدۇڭلار، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار مەرھەمەتلىك ئاللاھتۇر، ماڭا بويسۇنۇڭلار، (موزايغا چوقۇنۇشنى تەرك ئېتىش بىلەن) بۇيرۇقىمغا ئىتائەت قىلىڭلار!» دېدى

    شەك ـ شۈبھىسىزكى، ھارۇن ئۇلارغا مۇسا قايتىپ كېلىشتىن بۇرۇن: «ئى قەۋمىم! سىلەر موزاينىڭ سەۋەبىدىن قايمۇقۇپ كەتتىڭلار، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار مەرھەمەتلىك ئاللاھتۇر، ماڭا ئەگىشىڭلار، بۇيرۇقۇمغا ئىتائەت قىلىڭلار!» دېگەن ئىدى [90].

  91. (20-سۈرە تاھا، 91-ئايەت)
    قَالُوا لَنْ نَبْرَحَ عَلَيْهِ عَاكِفِينَ حَتَّىٰ يَرْجِعَ إِلَيْنَا مُوسَىٰ
    ئۇلار: «مۇسا قايتىپ كەلگەنگە قەدەر ئۇنىڭغا چوقۇنىۋېرىمىز» دېيىشتى

    ئۇلار: «مۇسا قايتىپ كەلگەنگە قەدەر ئۇنىڭغا چوقۇنۇۋېرىمىز» دېيىشتى [91].

  92. (20-سۈرە تاھا، 92-ئايەت)
    قَالَ يَا هَارُونُ مَا مَنَعَكَ إِذْ رَأَيْتَهُمْ ضَلُّوا
    مۇسا ئېيتتى: «ئى ھارۇن! ئۇلارنىڭ ئازغانلىقىنى كۆرگەن چېغىڭدا (خۇدالىق ئۈچۈن غەزەپلىنىشتە) ماڭا ئەگىشىشتىن نېمە توسالغۇ بولدى؟ مېنىڭ بۇيرۇقىمغا خىلاپلىق قىلدىڭمۇ؟»

    مۇسا ئېيتتى: «ئى ھارۇن! ئۇلارنىڭ ئازغانلىقىنى كۆرگەن چېغىڭدا سېنىڭ ماڭا ئەگىشىشىڭگە نېمە توسالغۇ بولدى؟ مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا خىلاپلىق قىلدىڭمۇ؟» [92 ـ 93].

  93. (20-سۈرە تاھا، 93-ئايەت)
    أَلَّا تَتَّبِعَنِ ۖ أَفَعَصَيْتَ أَمْرِي
    مۇسا ئېيتتى: «ئى ھارۇن! ئۇلارنىڭ ئازغانلىقىنى كۆرگەن چېغىڭدا (خۇدالىق ئۈچۈن غەزەپلىنىشتە) ماڭا ئەگىشىشتىن نېمە توسالغۇ بولدى؟ مېنىڭ بۇيرۇقىمغا خىلاپلىق قىلدىڭمۇ؟»

    مۇسا ئېيتتى: «ئى ھارۇن! ئۇلارنىڭ ئازغانلىقىنى كۆرگەن چېغىڭدا سېنىڭ ماڭا ئەگىشىشىڭگە نېمە توسالغۇ بولدى؟ مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا خىلاپلىق قىلدىڭمۇ؟» [92 ـ 93].

  94. (20-سۈرە تاھا، 94-ئايەت)
    قَالَ يَا ابْنَ أُمَّ لَا تَأْخُذْ بِلِحْيَتِي وَلَا بِرَأْسِي ۖ إِنِّي خَشِيتُ أَنْ تَقُولَ فَرَّقْتَ بَيْنَ بَنِي إِسْرَائِيلَ وَلَمْ تَرْقُبْ قَوْلِي
    ھارۇن ئېيتتى: « ئى قېرىندىشىم! مېنىڭ ساقىلىمنى ۋە چېچىمنى تارتمىغىن، مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ، ئىسرائىل ئەۋلادىنى بۆلۈۋېتىپسەن، سۆزۈمگە دىققەت قىلماپسەن، دېيىشىڭدىن قورقتۇم»

    ھارۇن ئېيتتى: «ئى قېرىندىشىم! مېنىڭ ساقىلىمنى ۋە چېچىمنى تارتمىغىن، مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ مېنى <سەن ئىسرائىل ئەۋلادىنى بۆلۈۋېتىپسەن، مېنىڭ بىر نېمە دېيىشىمنى كۈتمەپسەن> دېيىشىڭدىن قورقتۇم» [94].

  95. (20-سۈرە تاھا، 95-ئايەت)
    قَالَ فَمَا خَطْبُكَ يَا سَامِرِيُّ
    مۇسا ئېيتتى: «ئى سامىرى! سەن نېمە بولدۇڭ؟ (يەنى مۇنداق يامان ئىشنى قىلىشىڭدىن غەرىزىڭ نېمە؟)»

    مۇسا ئېيتتى: «ئى سامىرى! سېنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى غەرىزىڭ نېمە؟» [95].

    ?
  96. (20-سۈرە تاھا، 96-ئايەت)
    قَالَ بَصُرْتُ بِمَا لَمْ يَبْصُرُوا بِهِ فَقَبَضْتُ قَبْضَةً مِنْ أَثَرِ الرَّسُولِ فَنَبَذْتُهَا وَكَذَٰلِكَ سَوَّلَتْ لِي نَفْسِي
    سامىرى ئېيتتى: «مەن ئۇلار كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئەلچى (يەنى جىبرىئىل) نىڭ ئىزىدىن بىر چاڭگال توپىنى ئالدىم ـ دە، ئۇنى (موزايغا) چاچتىم، (شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن موزاينىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز چىقتى)، شۇنىڭدەك (بۇنى) ماڭا نەپسىم چىرايلىق كۆرسەتتى»

    سامىرى ئېيتتى: «مەن ئۇلار كۆرمىگەننى كۆردۈم، ئەلچى (يەنى جىبرىئىل) نىڭ ئىزىدىن بىر چاڭگال توپىنى ئالدىم ـ دە، ئۇنى (موزايغا) چاچتىم، (ئۇنىڭدىن موزاينىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز چىقتى)، مۇشۇنداق قىلىشنى ماڭا نەپسى شەيتىنىم چىرايلىق كۆرسەتتى» [96].

  97. (20-سۈرە تاھا، 97-ئايەت)
    قَالَ فَاذْهَبْ فَإِنَّ لَكَ فِي الْحَيَاةِ أَنْ تَقُولَ لَا مِسَاسَ ۖ وَإِنَّ لَكَ مَوْعِدًا لَنْ تُخْلَفَهُ ۖ وَانْظُرْ إِلَىٰ إِلَٰهِكَ الَّذِي ظَلْتَ عَلَيْهِ عَاكِفًا ۖ لَنُحَرِّقَنَّهُ ثُمَّ لَنَنْسِفَنَّهُ فِي الْيَمِّ نَسْفًا
    مۇسا (سامىرىغا) ئېيتتى: «سەن بارغىن! سەن ئۆمۈرۋايەت (كۆرگەنلا كىشىگە) ماڭا يېقىنلاشماڭلار! دېگەيسەن (يەنى سېنىڭ كىشىگە يېقىنلاشماسلىقىڭ، كىشىنىڭ ساڭا يېقىنلاشماسلىقى بۇ دۇنيادا ساڭا بېرىلگەن جازادۇر)، شۈبھىسىزكى (ئاخىرەتتە جازالىنىدىغان) مۇئەييەن بىر ۋاقتىڭ بار، ئاللاھ ساڭا قىلغان بۇ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ، سەن ھامان چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان ئىلاھىڭغا قارىغىن، بىز ئۇنى چوقۇم (ئوتتا) كۆيدۈرىمىز، ئاندىن ئۇنىڭ (كۈلىنى) دېڭىزغا چېچىۋېتىمىز»

    مۇسا (سامىرىغا) ئېيتتى: «سەن كەت! سەن ئۆمۈرۋايەت (كۆرگەنلا كىشىگە) ماڭا يېقىنلاشماڭلار! دېگەيسەن. شۈبھىسىزكى ساڭا ۋەدە قىلىنغان مۇئەييەن بىر ۋاقىت بار، ئاللاھ ساڭا قىلغان بۇ ۋەدىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. سەن چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان ئىلاھىڭغا قارىغىن، بىز ئۇنى چوقۇم كۆيدۈرۈپ، ئاندىن ئۇنى دېڭىزغا سورۇۋېتىمىز» [97].

  98. (20-سۈرە تاھا، 98-ئايەت)
    إِنَّمَا إِلَٰهُكُمُ اللَّهُ الَّذِي لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۚ وَسِعَ كُلَّ شَيْءٍ عِلْمًا
    سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئاللاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ ھەر نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر

    سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار پەقەت ئاللاھتۇركى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئۇ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر [98].

  99. (20-سۈرە تاھا، 99-ئايەت)
    كَذَٰلِكَ نَقُصُّ عَلَيْكَ مِنْ أَنْبَاءِ مَا قَدْ سَبَقَ ۚ وَقَدْ آتَيْنَاكَ مِنْ لَدُنَّا ذِكْرًا
    (ئى مۇھەممەد!) شۇنىڭدەك، ساڭا ئۆتكەنكىلەرنىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى بايان قىلىمىز، ساڭا ئۆز تەرىپىمىزدىن قۇرئاننى ئاتا قىلدۇق

    (ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ئۆتكەنكىلەرنىڭ بەزى خەۋەرلىرىنى مانا مۇشۇنداق بايان قىلىمىز. بىز ساڭا ئۆز دەرگاھىمىزدىن قۇرئاننى ئاتا قىلدۇق [99].

  100. (20-سۈرە تاھا، 100-ئايەت)
    مَنْ أَعْرَضَ عَنْهُ فَإِنَّهُ يَحْمِلُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وِزْرًا
    كىمكى قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭغا قىيامەت كۈنى (چوڭ گۇناھتىن) ئېغىر يۈك يۈكلىنىدۇ

    كىمكى قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇ قىيامەت كۈنى (چوڭ گۇناھتىن ئىبارەت) ئېغىر يۈكنى كۆتۈرىدۇ [100].

  101. (20-سۈرە تاھا، 101-ئايەت)
    خَالِدِينَ فِيهِ ۖ وَسَاءَ لَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ حِمْلًا
    (ئۇ گۇناھى ئۈچۈن بېرىلگەن ئازابنى مەڭگۈ تارتىدۇ) قىيامەت كۈنى ئۇلارغا يۈكلەنگەن بۇ يۈك نېمىدېگەن يامان!

    ئۇ گۇناھى ئۈچۈن بېرىلگەن ئازابنى مەڭگۈ تارتىدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇلارغا يۈكلەنگەن بۇ يۈك نېمىدېگەن يامان! [101].

  102. (20-سۈرە تاھا، 102-ئايەت)
    يَوْمَ يُنْفَخُ فِي الصُّورِ ۚ وَنَحْشُرُ الْمُجْرِمِينَ يَوْمَئِذٍ زُرْقًا
    بۇ سۇر چىلىنىدىغان كۈندۇر، بۇ كۈندە (شەكلى ئۆزگەرگەن) كۆك كۆزلۈك (قارا يۈزلۈك) گۇناھكارلارنى يىغىمىز

    بۇ سۇر چىلىنىدىغان كۈندۇر. بۇ كۈندە گۇناھكارلارنى كۆك كۆز، قارا يۈزلۈك قىلىپ يىغىمىز [102].

  103. (20-سۈرە تاھا، 103-ئايەت)
    يَتَخَافَتُونَ بَيْنَهُمْ إِنْ لَبِثْتُمْ إِلَّا عَشْرًا
    (قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرۈپ دۇنيادا تۇرغان ۋاقتى قىسقا بىلىنگەنلىكتىن) (ئۇلار) «(دۇنيادا) پەقەت ئون كۈنلا تۇردۇڭلار» دېيىشىپ پىچىرلىشىدۇ

    (قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرۈپ دۇنيادا تۇرغان ۋاقتى قىسقا بىلىنگەنلىكتىن) ئۇلار ئۆزئارا «(دۇنيادا) پەقەت ئون كۈنلا تۇردۇڭلار» دېيىشىپ پىچىرلىشىدۇ [103].

  104. (20-سۈرە تاھا، 104-ئايەت)
    نَحْنُ أَعْلَمُ بِمَا يَقُولُونَ إِذْ يَقُولُ أَمْثَلُهُمْ طَرِيقَةً إِنْ لَبِثْتُمْ إِلَّا يَوْمًا
    ئۇلارنىڭ دەيدىغانلىرىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئەينى زاماندا ئۇلارنىڭ ئەڭ توغرا سۆزلەيدىغىنى: «سىلەر پەقەت بىر كۈن تۇردۇڭلار» دەيدۇ

    ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇلارنىڭ ئەڭ توغرا سۆزلەيدىغىنىمۇ: «سىلەر پەقەت بىر كۈن تۇردۇڭلار» دەيدۇ [104].

  105. (20-سۈرە تاھا، 105-ئايەت)
    وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الْجِبَالِ فَقُلْ يَنْسِفُهَا رَبِّي نَسْفًا
    ئۇلار سەندىن تاغلار توغرۇلۇق (يەنى تاغنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق) سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم ئۇلارنى كۈكۈم - تالقان قىلىپ (ئاندىن شامالنى ئەۋەتىپ ئۇنى سورۇيدۇ)

    ئۇلار سەندىن تاغلار توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم ئۇلارنى راسا توزۇتۇپ، ئاندىن تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرىدۇ [105]-[106].

  106. (20-سۈرە تاھا، 106-ئايەت)
    فَيَذَرُهَا قَاعًا صَفْصَفًا
    ئۇلارنى تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرىدۇ

    ئۇلار سەندىن تاغلار توغرۇلۇق سورايدۇ. ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم ئۇلارنى راسا توزۇتۇپ، ئاندىن تۈزلەڭلىككە ئايلاندۇرىدۇ [105]-[106].

  107. (20-سۈرە تاھا، 107-ئايەت)
    لَا تَرَىٰ فِيهَا عِوَجًا وَلَا أَمْتًا
    ئۇ يەرلەردە نە چوڭقۇرلۇقنى، نە ئېگىزلىكنى كۆرمەيسەن»

    سەن ئۇ تۈزلەڭلىكتە نە ئوينى، نە دۆڭنى كۆرمەيسەن» [107].

  108. (20-سۈرە تاھا، 108-ئايەت)
    يَوْمَئِذٍ يَتَّبِعُونَ الدَّاعِيَ لَا عِوَجَ لَهُ ۖ وَخَشَعَتِ الْأَصْوَاتُ لِلرَّحْمَٰنِ فَلَا تَسْمَعُ إِلَّا هَمْسًا
    بۇ كۈندە (كىشىلەر ئاللاھنىڭ مەھشەرگاھقا) دەۋەت قىلغۇچىسىغا ئەگىشىدۇ، قىڭغىر كەتمەيدۇ، مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ھەيۋىتىدىن قورقۇپ، بارلىق ئاۋازلار بېسىقىدۇ، پىچىرلاشقاندىن باشقىنى ئاڭلىمايسەن

    بۇ كۈندە كىشىلەر (مەھشەرگاھقا) چاقىرغۇچىغا ئەگىشىپ ئۇدۇل ماڭىدۇ، شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ھەيۋىتىدىن قورقۇپ، بارلىق ئاۋازلار بېسىقىدۇ، پىچىرلىشىشتىن باشقىنى ئاڭلىمايسەن [108].

  109. (20-سۈرە تاھا، 109-ئايەت)
    يَوْمَئِذٍ لَا تَنْفَعُ الشَّفَاعَةُ إِلَّا مَنْ أَذِنَ لَهُ الرَّحْمَٰنُ وَرَضِيَ لَهُ قَوْلًا
    بۇ كۈندە مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئىزىن بەرگەن ۋە سۆزىدىن ئاللاھ رازى بولغان ئادەمنىڭ شاپائىتىدىن باشقا ھېچقانداق شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ

    بۇ كۈندە شەپقەتلىك شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت بەرگەن ۋە سۆزىدىن رازى بولغان ئادەمدىن باشقا ھېچقانداق ئادەمنىڭ شاپائىتى پايدا بەرمەيدۇ [109].

  110. (20-سۈرە تاھا، 110-ئايەت)
    يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَلَا يُحِيطُونَ بِهِ عِلْمًا
    ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكىنى ۋە كەينىدىكىنى بىلىدۇ، ئۇلار بولسا ئۇنى بىلمەيدۇ

    ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكىنى ۋە كەينىدىكىنى بىلىدۇ، ئۇلار بولسا ئاللاھنى تولۇق بىلمەيدۇ [110].

  111. (20-سۈرە تاھا، 111-ئايەت)
    وَعَنَتِ الْوُجُوهُ لِلْحَيِّ الْقَيُّومِ ۖ وَقَدْ خَابَ مَنْ حَمَلَ ظُلْمًا
    گۇناھكارلار مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى(مەڭگۈ) ھايات ئاللاھقا ئېگىلىدۇ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلەر شەكسىز زىيان تارتىدۇ

    گۇناھكارلار مەخلۇقاتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى مەڭگۈ ھايات ئاللاھقا ئېگىلىدۇ. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلەر شەكسىز زىيان تارتىدۇ [111].

  112. (20-سۈرە تاھا، 112-ئايەت)
    وَمَنْ يَعْمَلْ مِنَ الصَّالِحَاتِ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَا يَخَافُ ظُلْمًا وَلَا هَضْمًا
    مۆمىن تۇرۇپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار يامانلىقلىرىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ۋە ياخشىلىقلىرىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىدىن قورقمايدۇ

    ئاللاھقا ئىشىنىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئۇۋالچىلىققا ئۇچراشتىن ۋە ساۋابىنىڭ كېمىيىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەيدۇ [112].

  113. (20-سۈرە تاھا، 113-ئايەت)
    وَكَذَٰلِكَ أَنْزَلْنَاهُ قُرْآنًا عَرَبِيًّا وَصَرَّفْنَا فِيهِ مِنَ الْوَعِيدِ لَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ أَوْ يُحْدِثُ لَهُمْ ذِكْرًا
    ئۇلارنىڭ تەقۋادار بولۇشلىرى ئۈچۈن ياكى ئۇلارنى ۋەز ـ نەسىھەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ساڭا ئەرەبچە قۇرئاننى نازىل قىلدۇق ۋە ئۇنىڭدا تۈرلۈك ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بايان قىلدۇق

    بىز شۇنىڭدەك ئۇلارنى تەقۋادار بولسۇن ياكى ئۇلارنى ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، قۇرئاننى ساڭا ئەرەب تىلىدا نازىل قىلدۇق ۋە ئۇنىڭدا تۈرلۈك ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بايان قىلدۇق [113].

  114. (20-سۈرە تاھا، 114-ئايەت)
    فَتَعَالَى اللَّهُ الْمَلِكُ الْحَقُّ ۗ وَلَا تَعْجَلْ بِالْقُرْآنِ مِنْ قَبْلِ أَنْ يُقْضَىٰ إِلَيْكَ وَحْيُهُ ۖ وَقُلْ رَبِّ زِدْنِي عِلْمًا
    ئاللاھ (زاتى، سۈپىتى جەھەتتە پۈتۈن مەخلۇقاتتىن) ئۈستۈندۇر، ھەق پادىشاھتۇر، (ئى مۇھەممەد!) ساڭا قۇرئاننىڭ ۋەھىيسى تاماملىنىشتىن بۇرۇن ئوقۇشقا ئالدىراپ كەتمىگىن، (يەنى جىبرىئىل ساڭا قۇرئاننى ئوقۇپ بېرىۋاتقاندا، بىللە ئوقۇشقا ئالدىراپ كەتمەي، ئۇ تىلاۋىتىدىن فارىغ بولغىچە تىڭشاپ تۇرغىن). «ئى پەرۋەردىگارىم! ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن!» دېگىن

    ھەق پادىشاھ بولغان ئاللاھ ھەممىدىن ئۈستۈندۇر. (ئى مۇھەممەد!) قۇرئاننىڭ ساڭا چۈشۈۋاتقان بۆلىكى تولۇق چۈشۈپ بولمىغۇچە، ئۇنى ئوقۇشقا ئالدىراپ كەتمىگىن. «ئى رەببىم! ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن!» دېگىن [114].

  115. (20-سۈرە تاھا، 115-ئايەت)
    وَلَقَدْ عَهِدْنَا إِلَىٰ آدَمَ مِنْ قَبْلُ فَنَسِيَ وَلَمْ نَجِدْ لَهُ عَزْمًا
    بىز ئىلگىرى ئادەمگە (دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېمەسلىكنى) تەۋسىيە قىلدۇق، ئۇ (بۇ تەۋسىيەنى) يادىدىن چىقاردى، ئۇنىڭدا ھېچقانداق چىڭ ئىرادە كۆرمىدۇق

    بىز ئىلگىرى ھەقىقەتەن ئادەمگە (مەلۇم دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېمەسلىكنى) تەۋسىيە قىلغان ئىدۇق، ئۇ بۇنى يادىدىن چىقاردى. بىز ئۇنىڭدا ھېچقانداق مۇستەھكەم ئىرادە كۆرمىدۇق [115].

  116. (20-سۈرە تاھا، 116-ئايەت)
    وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ أَبَىٰ
    ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا) سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقىسى سەجدە قىلدى، ئۇ (سەجدە قىلىشتىن) باش تارتتى

    ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق، ئۇلار سەجدە قىلدى، لېكىن ئىبلىس سەجدە قىلغىلى ئۇنىمىدى [116].

  117. (20-سۈرە تاھا، 117-ئايەت)
    فَقُلْنَا يَا آدَمُ إِنَّ هَٰذَا عَدُوٌّ لَكَ وَلِزَوْجِكَ فَلَا يُخْرِجَنَّكُمَا مِنَ الْجَنَّةِ فَتَشْقَىٰ
    بىز دېدۇق: «ئى ئادەم! بۇ ھەقىقەتەن سېنىڭ دۈشمىنىڭدۇر، خوتۇنۇڭنىڭ دۈشمىنىدۇر، ئۇ سىلەر ئىككىڭلارنىڭ جەننەتتىن چىقىپ كېتىشىڭلارغا سەۋەبچى بولۇپ قالمىسۇن، (ئۇ چاغدا) سىلەر جاپا - مۇشەققەتتە قالىسىلەر

    بىز دېدۇق: «ئى ئادەم! بۇ ھەقىقەتەن سېنىڭ ۋە خوتۇنۇڭنىڭ دۈشمىنىدۇر. ئۇ سىلەر ئىككىڭلارنىڭ جەننەتتىن چىقىپ كېتىشىڭلارغا سەۋەبچى بولۇپ قالمىسۇن، ئۇ چاغدا سىلەر جاپا مۇشەققەتتە قالىسىلەر [117].

  118. (20-سۈرە تاھا، 118-ئايەت)
    إِنَّ لَكَ أَلَّا تَجُوعَ فِيهَا وَلَا تَعْرَىٰ
    جەننەتتە سەن ھەقىقەتەن ئاچ قالمايسەن ۋە يالىڭاچ قالمايسەن

    جەننەتتە سەن ھەقىقەتەن ئاچ قالمايسەن ۋە يالىڭاچ قالمايسەن [118].

  119. (20-سۈرە تاھا، 119-ئايەت)
    وَأَنَّكَ لَا تَظْمَأُ فِيهَا وَلَا تَضْحَىٰ
    ھەمدە ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن ئۇسساپ كەتمەيسەن، ئىسسىپ كەتمەيسەن»

    ھەمدە ئۇ جەننەتتە ھەقىقەتەن ئۇسساپ كەتمەيسەن، ئىسسىپ كەتمەيسەن» [119].

  120. (20-سۈرە تاھا، 120-ئايەت)
    فَوَسْوَسَ إِلَيْهِ الشَّيْطَانُ قَالَ يَا آدَمُ هَلْ أَدُلُّكَ عَلَىٰ شَجَرَةِ الْخُلْدِ وَمُلْكٍ لَا يَبْلَىٰ
    شەيتان ئۇنىڭغا ۋەسۋەسە قىلىپ: «ئى ئادەم! ساڭا (مەن يېگەن ئادەم) ئۆلمەيدىغان دەرەخنى ۋە زاۋال تاپماس پادىشاھلىقنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟» دېدى

    شەيتان ئۇنىڭغا ۋەسۋەسە قىلىپ: «ئى ئادەم! مەن ساڭا مېۋىسىنى يېگەن ئادەم ئۆلمەيدىغان دەرەخنى ۋە قولدىن كەتمەس پادىشاھلىقنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟» دېدى [120].

  121. (20-سۈرە تاھا، 121-ئايەت)
    فَأَكَلَا مِنْهَا فَبَدَتْ لَهُمَا سَوْآتُهُمَا وَطَفِقَا يَخْصِفَانِ عَلَيْهِمَا مِنْ وَرَقِ الْجَنَّةِ ۚ وَعَصَىٰ آدَمُ رَبَّهُ فَغَوَىٰ
    ئۇلار ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەت (دەرەخلىرىنىڭ) يوپۇرماقلىرى بىلەن سەترى ئەۋرەت قىلىشقا كىرىشتى، ئادەم پەرۋەردىگارىنىڭ (ئەمرىگە) خىلاپلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئازدى

    ئۇلار ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرى ئېچىلىپ قالدى، ئۇلار جەننەت دەرەخلىرىنىڭ يوپۇرماقلىرى بىلەن ئۇ يەرلىرىنى يېپىشقا كىرىشتى. ئادەم پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئازدى [121].

  122. (20-سۈرە تاھا، 122-ئايەت)
    ثُمَّ اجْتَبَاهُ رَبُّهُ فَتَابَ عَلَيْهِ وَهَدَىٰ
    ئاندىن پەرۋەردىگارى ئۇنى تاللىدى، ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنى ھىدايەت قىلدى

    ئاندىن پەرۋەردىگارى ئۇنى پاكلاپ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنى ھىدايەت قىلدى [122].

  123. (20-سۈرە تاھا، 123-ئايەت)
    قَالَ اهْبِطَا مِنْهَا جَمِيعًا ۖ بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ ۖ فَإِمَّا يَأْتِيَنَّكُمْ مِنِّي هُدًى فَمَنِ اتَّبَعَ هُدَايَ فَلَا يَضِلُّ وَلَا يَشْقَىٰ
    ئاللاھ ئېيتتى: «سىلەر ھەممىڭلار جەننەتتىن بىر-بىرىڭلارغا دۈشمەن بولغان ھالدا چۈشۈڭلار، ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ تەرىپىمدىن ھىدايەت كەلسە، كىمكى مېنىڭ ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇ ئازمايدۇ ۋە ئاخىرەتتە شەقىي بولمايدۇ

    ئاللاھ (ئۇلارغا) ئېيتتى: «سىلەر ھەممىڭلار جەننەتتىن بىر-بىرىڭلار ئۆچەكەشكەن ھالدا چۈشۈڭلار! (ئى ئادەم ئەۋلادى!) ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ تەرىپىمدىن ھىدايەت كەلگەندىن كېيىن، كىمكى مېنىڭ ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇ ئازمايدۇ ۋە بەختسىزلىككە ئۇچرىمايدۇ [123].

  124. (20-سۈرە تاھا، 124-ئايەت)
    وَمَنْ أَعْرَضَ عَنْ ذِكْرِي فَإِنَّ لَهُ مَعِيشَةً ضَنْكًا وَنَحْشُرُهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ أَعْمَىٰ
    كىمكى مېنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى تار (يەنى خاتىرجەمسىز) بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنى بىز كور قوپۇرىمىز»

    كىمكى مېنىڭ ھىدايىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى جاپالىق بولىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇنى بىز كور ھالەتتە تىرىلدۈرىمىز» [124].

  125. (20-سۈرە تاھا، 125-ئايەت)
    قَالَ رَبِّ لِمَ حَشَرْتَنِي أَعْمَىٰ وَقَدْ كُنْتُ بَصِيرًا
    ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! نېمىشقا مېنى كور قوپۇردۇڭ، ۋاھالەنكى، (دۇنيادىكى چاغدا) مېنىڭ كۆزۈم كۆرەتتىغۇ؟» دەيدۇ

    ئۇ: «ئى رەببىم! نېمىشقا مېنى كور ھالەتتە تىرىلدۈردۈڭ، ۋاھالەنكى، (دۇنيادىكى چاغدا) مېنىڭ كۆزۈم كۆرەتتىغۇ؟» دەيدۇ [125].

  126. (20-سۈرە تاھا، 126-ئايەت)
    قَالَ كَذَٰلِكَ أَتَتْكَ آيَاتُنَا فَنَسِيتَهَا ۖ وَكَذَٰلِكَ الْيَوْمَ تُنْسَىٰ
    ئاللاھ ئېيتىدۇ: «شۇنىڭدەك ساڭا (روشەن) ئايەتلىرىمىز كەلدى، سەن ئۇلارنى تەرك ئەتتىڭ، سەن بۈگۈن شۇنىڭغا ئوخشاش تەرك ئېتىلىسەن»

    ئاللاھ ئېيتىدۇ: «ئەمەلىيەت شۇنداق ئىدى، ساڭا ئايەتلىرىمىز كەلگەن ئىدى، سەن ئۇلارنى (كۆرمەسكە سېلىپ) تاشلاپ قويغان ئىدىڭ، سەنمۇ بۈگۈن شۇنىڭغا ئوخشاش تاشلاپ قويۇلىسەن» [126].

  127. (20-سۈرە تاھا، 127-ئايەت)
    وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي مَنْ أَسْرَفَ وَلَمْ يُؤْمِنْ بِآيَاتِ رَبِّهِ ۚ وَلَعَذَابُ الْآخِرَةِ أَشَدُّ وَأَبْقَىٰ
    ھەددىدىن ئاشقان ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتمىغانلارغا شۇنىڭغا ئوخشاش جازا بېرىمىز، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر

    ھەددىدىن ئاشقان ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتمىغانلارغا ئاشۇنداق جازا بېرىمىز. ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر، تېخىمۇ مەڭگۈلۈكتۇر [127].

  128. (20-سۈرە تاھا، 128-ئايەت)
    أَفَلَمْ يَهْدِ لَهُمْ كَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُمْ مِنَ الْقُرُونِ يَمْشُونَ فِي مَسَاكِنِهِمْ ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِأُولِي النُّهَىٰ
    ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان) نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟ ئۇلار شۇ ئۈممەتلەرنىڭ ماكانلىرىدا مېڭىپ يۈرىدۇ، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار

    ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟ ئۇلار شۇ ئۈممەتلەرنىڭ ماكانلىرىدا مېڭىپ يۈرىدۇ. ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار ئىدى [128].

  129. (20-سۈرە تاھا، 129-ئايەت)
    وَلَوْلَا كَلِمَةٌ سَبَقَتْ مِنْ رَبِّكَ لَكَانَ لِزَامًا وَأَجَلٌ مُسَمًّى
    ئەگەر پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئازابنى ئۇلاردىن كېچىكتۈرۈشكە) قىلىۋەتكەن ھۆكمى ۋە ئالدىنئالا بەلگىلەپ قويغان ۋاقتى بولمىسا ئىدى، ئۇ چاغدا (ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشى) چوقۇم ئىدى

    ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ مۇئەييەن ۋاقىتتا ھالاك بولۇشىغا ھۆكۈم قىلىۋەتمىگەن بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ئۇلار ھازىرلا ھالاك بولغان بولاتتى [129].

  130. (20-سۈرە تاھا، 130-ئايەت)
    فَاصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ غُرُوبِهَا ۖ وَمِنْ آنَاءِ اللَّيْلِ فَسَبِّحْ وَأَطْرَافَ النَّهَارِ لَعَلَّكَ تَرْضَىٰ
    ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋرى قىلغىن، مەمنۇن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، كېچە ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن) ۋە ھەمدە ئېيتقىن

    (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋرى قىلغىن. سەن كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، پەرۋەردىگارىڭنى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيتقىن، كېچىلەردە ۋە كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى، ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن، شۇنداق قىلساڭ، مەمنۇن بولۇشۇڭ مۇمكىن [130].

  131. (20-سۈرە تاھا، 131-ئايەت)
    وَلَا تَمُدَّنَّ عَيْنَيْكَ إِلَىٰ مَا مَتَّعْنَا بِهِ أَزْوَاجًا مِنْهُمْ زَهْرَةَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا لِنَفْتِنَهُمْ فِيهِ ۚ وَرِزْقُ رَبِّكَ خَيْرٌ وَأَبْقَىٰ
    بىز (كۇففارلاردىن) تۈرلۈك جامائەنى بەھرىمەن قىلغان دۇنيانىڭ نېمەتلىرى ۋە زىبۇ - زىننەتلىرىگە كۆز سالمىغىن، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى سىنايمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ رىزقى (يەنى ساۋابى بۇ پانىي نېمەتتىن) ياخشىدۇر ۋە ئەڭ باقىيدۇر

    بىز كافىرلاردىن تۈرلۈك جامائەنى سىناش ئۈچۈن بەھرىمەن قىلغان دۇنيانىڭ نېمەتلىرى ۋە زىبۇزىننەتلىرىگە سەن كۆز سالمىغىن. پەرۋەردىگارىڭ بەرگەن رىزىق ياخشىدۇر ۋە مەڭگۈلۈكتۇر [131].

  132. (20-سۈرە تاھا، 132-ئايەت)
    وَأْمُرْ أَهْلَكَ بِالصَّلَاةِ وَاصْطَبِرْ عَلَيْهَا ۖ لَا نَسْأَلُكَ رِزْقًا ۖ نَحْنُ نَرْزُقُكَ ۗ وَالْعَاقِبَةُ لِلتَّقْوَىٰ
    (ئى مۇھەممەد!) ئائىلەڭدىكىلەرنى (ۋە ئۈممىتىڭنى) نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشقا چىداملىق بولغىن، سەندىن بىز رىزىق تەلەپ قىلمايمىز. ساڭا بىز رىزىق بېرىمىز، ياخشى ئاقىۋەت پەقەت تەقۋادارلارغا خاستۇر

    (ئى مۇھەممەد!) ئائىلەڭدىكىلەرنى نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشقا چىداملىق بولغىن، سەندىن بىز رىزىق تەلەپ قىلمايمىز. ساڭا بىز رىزىق بېرىمىز، ياخشى ئاقىۋەت پەقەت تەقۋادارلارغا خاستۇر [132].

  133. (20-سۈرە تاھا، 133-ئايەت)
    وَقَالُوا لَوْلَا يَأْتِينَا بِآيَةٍ مِنْ رَبِّهِ ۚ أَوَلَمْ تَأْتِهِمْ بَيِّنَةُ مَا فِي الصُّحُفِ الْأُولَىٰ
    ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار): «(مۇھەممەد) پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلتۈرسىچۇ!» دەيدۇ، ئۇلارغا بۇرۇنقى ئۈممەتلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان كەلمىدىمۇ؟

    مۇشرىكلار: «مۇھەممەد پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلتۈرسىچۇ!» دەيدۇ، ئۇلارغا بۇرۇنقى ئۈممەتلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان كەلمىدىمۇ؟ [133].

  134. (20-سۈرە تاھا، 134-ئايەت)
    وَلَوْ أَنَّا أَهْلَكْنَاهُمْ بِعَذَابٍ مِنْ قَبْلِهِ لَقَالُوا رَبَّنَا لَوْلَا أَرْسَلْتَ إِلَيْنَا رَسُولًا فَنَتَّبِعَ آيَاتِكَ مِنْ قَبْلِ أَنْ نَذِلَّ وَنَخْزَىٰ
    ئەگەر بىز ئۇلارنى ئۇنىڭدىن (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتىشتىن) ئىلگىرى ھالاك قىلغان بولساق، ئۇلار چوقۇم: «نېمىشقا بىزگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتمىدىڭ؟ بىز خار ۋە رەسۋا بولۇشتىن ئىلگىرى سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشەتتۇق» دەيتتى

    ئەگەر بىز ئۇلارنى مۇھەممەدنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىشتىن ئىلگىرى ھالاك قىلغان بولساق، ئۇلار چوقۇم: «نېمىشقا بىزگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتمىدىڭ؟ شۇنداق قىلغان بولساڭ، بىز خار ۋە رەسۋا بولۇشتىن ئىلگىرى سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشەتتۇق ئەمەسمۇ؟» دەيتتى [134].

  135. (20-سۈرە تاھا، 135-ئايەت)
    قُلْ كُلٌّ مُتَرَبِّصٌ فَتَرَبَّصُوا ۖ فَسَتَعْلَمُونَ مَنْ أَصْحَابُ الصِّرَاطِ السَّوِيِّ وَمَنِ اهْتَدَىٰ
    ئېيتقىنكى، ھەممە (سىلەرنىڭ ۋە بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنىڭ ئاقىۋىتىنى) كۈتمەكتە. سىلەرمۇ كۈتۈڭلار، كىملەرنىڭ توغرا يول ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى ۋە كىملەرنىڭ ھىدايەت تاپقانلىقىنى (ئۇزاققا قالماي) بىلىسىلەر»

    ئېيتقىنكى، ھەممە كۈتمەكتە. سىلەرمۇ كۈتۈڭلار، كىملەرنىڭ توغرا يول ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى ۋە كىملەرنىڭ ھىدايەت تاپقانلىقىنى ئۇزاققا قالماي بىلىپ قالىسىلەر» [135].