مائارىج سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 44 ئايەت
مەنىسى: ئاسمان شوتىلىرى. ئاتىلىش سەۋەبى: ئاللاھنىڭ ئاسمان شوتىلىرىغا ئىگە ئىكەنلىگى بايان قىلىنغان (3-ئايەت)
  1. (70-سۈرە مائارىج، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ سَأَلَ سَائِلٌ بِعَذَابٍ وَاقِعٍ
    بىر تىلىگۈچى (يەنى نەزر ئىبن ھارىس) كاپىرلارغا چوقۇم بولىدىغان ئازابنىڭ (چۈشۈشىنى) تىلىدى

    (كافىرلاردىن) بىرەيلەن ئۆرلەش يوللىرىنىڭ ئىگىسى ئاللاھ تەرىپىدىن كافىرلارغا چوقۇم چۈشىدىغان، ھېچ ئادەم توسۇپ قالالمايدىغان بىر ئازابنى تەلەپ قىلدى [1-3].

  2. (70-سۈرە مائارىج، 2-ئايەت)
    لِلْكَافِرِينَ لَيْسَ لَهُ دَافِعٌ
    ئۇ (ئازاب) نى ھېچ ئادەم قايتۇرالمايدۇ

    (كافىرلاردىن) بىرەيلەن ئۆرلەش يوللىرىنىڭ ئىگىسى ئاللاھ تەرىپىدىن كافىرلارغا چوقۇم چۈشىدىغان، ھېچ ئادەم توسۇپ قالالمايدىغان بىر ئازابنى تەلەپ قىلدى [1-3].

  3. (70-سۈرە مائارىج، 3-ئايەت)
    مِنَ اللَّهِ ذِي الْمَعَارِجِ
    ئۇ (ئازاب) ئۆرلەش يوللىرىنىڭ ئىگىسى ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان

    (كافىرلاردىن) بىرەيلەن ئۆرلەش يوللىرىنىڭ ئىگىسى ئاللاھ تەرىپىدىن كافىرلارغا چوقۇم چۈشىدىغان، ھېچ ئادەم توسۇپ قالالمايدىغان بىر ئازابنى تەلەپ قىلدى [1-3].

  4. (70-سۈرە مائارىج، 4-ئايەت)
    تَعْرُجُ الْمَلَائِكَةُ وَالرُّوحُ إِلَيْهِ فِي يَوْمٍ كَانَ مِقْدَارُهُ خَمْسِينَ أَلْفَ سَنَةٍ
    پەرىشتىلەر ۋە روھ (يەنى جىبرىئىل) ئاللاھقا شۇنداق بىر كۈندە ئۆرلەيدۇكى، كۈننىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مىڭ يىل كېلىدۇ

    پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا شۇنداق بىر كۈندە ئۆرلەيدۇكى، ئۇ كۈننىڭ ئۇزاقلىقى 50 مىڭ يىلغا تەڭ كېلىدۇ [4].

  5. (70-سۈرە مائارىج، 5-ئايەت)
    فَاصْبِرْ صَبْرًا جَمِيلًا
    (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىگە) چىرايلىقچە سەۋر قىلغىن

    (ئى مۇھەممەد!) سەن چىرايلىقچە سەۋر قىلىپ تۇرغىن [5].

  6. (70-سۈرە مائارىج، 6-ئايەت)
    إِنَّهُمْ يَرَوْنَهُ بَعِيدًا
    ئۇلار ئۇ ئازابنى يىراق دەپ قارايدۇ

    ئۇ كافىرلار قىيامەت كۈنىنى يىراق (يەنى كەلمەيدۇ) دەپ قاراۋاتىدۇ [6].

  7. (70-سۈرە مائارىج، 7-ئايەت)
    وَنَرَاهُ قَرِيبًا
    بىز ئۇنى يېقىن دەپ قارايمىز

    بىز بولساق ئۇنى يېقىن دەپ قارايمىز [7].

  8. (70-سۈرە مائارىج، 8-ئايەت)
    يَوْمَ تَكُونُ السَّمَاءُ كَالْمُهْلِ
    ئۇ كۈندە ئاسمان ئېرىتىلگەن مىستەك بولۇپ قالىدۇ

    ئۇ كۈندە ئاسمان ئېرىتىلگەن مىستەك بولۇپ كېتىدۇ [8].

  9. (70-سۈرە مائارىج، 9-ئايەت)
    وَتَكُونُ الْجِبَالُ كَالْعِهْنِ
    تاغلار ئېتىلغان رەڭلىك يۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ

    تاغلار ئېتىلغان رەڭلىك يۇڭدەك بولۇپ كېتىدۇ [9].

  10. (70-سۈرە مائارىج، 10-ئايەت)
    وَلَا يَسْأَلُ حَمِيمٌ حَمِيمًا
    (ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم ـ قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ

    (بىر-بىرىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ) دوست دوستىدىن ھال سورىمايدۇ [10].

  11. (70-سۈرە مائارىج، 11-ئايەت)
    يُبَصَّرُونَهُمْ ۚ يَوَدُّ الْمُجْرِمُ لَوْ يَفْتَدِي مِنْ عَذَابِ يَوْمِئِذٍ بِبَنِيهِ
    (ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم ـ قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ

    گۇناھكار ئادەم ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم-قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى ھەممە ئادەمنى تۇتۇپ بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ [11ـ14].

  12. (70-سۈرە مائارىج، 12-ئايەت)
    وَصَاحِبَتِهِ وَأَخِيهِ
    (ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم ـ قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ

    گۇناھكار ئادەم ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم-قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى ھەممە ئادەمنى تۇتۇپ بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ [11ـ14].

  13. (70-سۈرە مائارىج، 13-ئايەت)
    وَفَصِيلَتِهِ الَّتِي تُؤْوِيهِ
    (ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم ـ قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ

    گۇناھكار ئادەم ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم-قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى ھەممە ئادەمنى تۇتۇپ بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ [11ـ14].

  14. (70-سۈرە مائارىج، 14-ئايەت)
    وَمَنْ فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا ثُمَّ يُنْجِيهِ
    (ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن) دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم ـ قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ

    گۇناھكار ئادەم ئۆزىنىڭ ئورنىغا ئوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم-قېرىنداشلىرىنى ۋە يەر يۈزىدىكى ھەممە ئادەمنى تۇتۇپ بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ [11ـ14].

  15. (70-سۈرە مائارىج، 15-ئايەت)
    كَلَّا ۖ إِنَّهَا لَظَىٰ
    ياق، ئۇ مۇقەررەر دوزاختۇر

    ئىش ھەرگىز ئۇلار ئارزۇ قىلغاندەك بولمايدۇ. جەھەننەم ئەلۋەتتە يالقۇنجاپ كۆيىدىغان ئوتتۇر [15].

  16. (70-سۈرە مائارىج، 16-ئايەت)
    نَزَّاعَةً لِلشَّوَىٰ
    (يەنى بۇ گۇناھكار كاپىر مۇنداق ئارزۇدىن يانسۇن، پىدا قىلىنغان ھېچقانداق نەرسە ئۇنى ئازابتىن قۇتقۇزالمايدۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا دوزاخ يېنىپ تۇرىدۇ). (ئۇ ھارارىتىنىڭ قاتتىقلىقىدىن) باشنىڭ تېرىسىنى شىلىدۇ

    ئۇنىڭ ھارارىتى باشنىڭ تېرىسىنى شىلىدۇ [16].

  17. (70-سۈرە مائارىج، 17-ئايەت)
    تَدْعُو مَنْ أَدْبَرَ وَتَوَلَّىٰ
    ئۇ (ھەقتىن) يۈز ئۆرۈپ بۇرالغان ۋە پۇل ـ مال يىغىپ ساقلىغان (ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ۋە مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىغان) لارنى چاقىرىدۇ

    ئۇ دوزاخ ھەقىقەتتىن باش تارتقان ۋە پۇل-مال يىغىپ زاكىتىنى بەرمەي ساقلىغان كىشىلەرنى چاقىرىدۇ [17ـ18].

  18. (70-سۈرە مائارىج، 18-ئايەت)
    وَجَمَعَ فَأَوْعَىٰ
    ئۇ (ھەقتىن) يۈز ئۆرۈپ بۇرالغان ۋە پۇل ـ مال يىغىپ ساقلىغان (ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ ۋە مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىغان) لارنى چاقىرىدۇ

    ئۇ دوزاخ ھەقىقەتتىن باش تارتقان ۋە پۇل-مال يىغىپ زاكىتىنى بەرمەي ساقلىغان كىشىلەرنى چاقىرىدۇ [17ـ18].

  19. (70-سۈرە مائارىج، 19-ئايەت)
    إِنَّ الْإِنْسَانَ خُلِقَ هَلُوعًا
    ئىنسان ھەقىقەتەن چىدامسىز يارىتىلدى

    ئىنسان ھەقىقەتەن چىدامسىز يارىتىلدى [19].

  20. (70-سۈرە مائارىج، 20-ئايەت)
    إِذَا مَسَّهُ الشَّرُّ جَزُوعًا
    ئۇنىڭغا (يوقسۇزلۇق، ياكى كېسەللىك، يا قورقۇنچتەك) بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتكەن چاغدا، زارلانغۇچىدۇر

    ئۆزىگە بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتكەندە زارلىنىدۇ [20].

  21. (70-سۈرە مائارىج، 21-ئايەت)
    وَإِذَا مَسَّهُ الْخَيْرُ مَنُوعًا
    بىرەر ياخشىلىق يەتكەن چاغدا، بېخىللىق قىلغۇچىدۇر

    بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشكەندە ياخشىلىق قىلىشنى بىلمەيدۇ [21].

  22. (70-سۈرە مائارىج، 22-ئايەت)
    إِلَّا الْمُصَلِّينَ
    پەقەت (تۆۋەندىكىلەر بۇنىڭدىن) مۇستەسنا: ئۇلار نامازغا ھەمىشە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر

    پەقەت ناماز ئوقۇغۇچىلارلا بۇنداق ئەمەس، ئۇلار نامازغا ھەمىشە ئەھمىيەت بېرىدىغان، پۇل-ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) بېرىدىغان، قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ھېچكىم خاتىرجەم بولالمايدىغان ئازابىدىن قورقىدىغان،جىنسى ئەزالىرىنى (ھارامدىن) ساقلايدىغان كىشىلەردۇر [22-29].

  23. (70-سۈرە مائارىج، 23-ئايەت)
    الَّذِينَ هُمْ عَلَىٰ صَلَاتِهِمْ دَائِمُونَ
    پەقەت (تۆۋەندىكىلەر بۇنىڭدىن) مۇستەسنا: ئۇلار نامازغا ھەمىشە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر

    پەقەت ناماز ئوقۇغۇچىلارلا بۇنداق ئەمەس، ئۇلار نامازغا ھەمىشە ئەھمىيەت بېرىدىغان، پۇل-ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) بېرىدىغان، قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ھېچكىم خاتىرجەم بولالمايدىغان ئازابىدىن قورقىدىغان،جىنسى ئەزالىرىنى (ھارامدىن) ساقلايدىغان كىشىلەردۇر [22-29].

  24. (70-سۈرە مائارىج، 24-ئايەت)
    وَالَّذِينَ فِي أَمْوَالِهِمْ حَقٌّ مَعْلُومٌ
    ئۇلار ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) بېرىدۇ

    پەقەت ناماز ئوقۇغۇچىلارلا بۇنداق ئەمەس، ئۇلار نامازغا ھەمىشە ئەھمىيەت بېرىدىغان، پۇل-ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) بېرىدىغان، قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ھېچكىم خاتىرجەم بولالمايدىغان ئازابىدىن قورقىدىغان،جىنسى ئەزالىرىنى (ھارامدىن) ساقلايدىغان كىشىلەردۇر [22-29].

  25. (70-سۈرە مائارىج، 25-ئايەت)
    لِلسَّائِلِ وَالْمَحْرُومِ
    ئۇلار ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) بېرىدۇ

    پەقەت ناماز ئوقۇغۇچىلارلا بۇنداق ئەمەس، ئۇلار نامازغا ھەمىشە ئەھمىيەت بېرىدىغان، پۇل-ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) بېرىدىغان، قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ھېچكىم خاتىرجەم بولالمايدىغان ئازابىدىن قورقىدىغان،جىنسى ئەزالىرىنى (ھارامدىن) ساقلايدىغان كىشىلەردۇر [22-29].

  26. (70-سۈرە مائارىج، 26-ئايەت)
    وَالَّذِينَ يُصَدِّقُونَ بِيَوْمِ الدِّينِ
    ئۇلار قىيامەت كۈنىگە تەستىق قىلىدىغانلاردۇر

    پەقەت ناماز ئوقۇغۇچىلارلا بۇنداق ئەمەس، ئۇلار نامازغا ھەمىشە ئەھمىيەت بېرىدىغان، پۇل-ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) بېرىدىغان، قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ھېچكىم خاتىرجەم بولالمايدىغان ئازابىدىن قورقىدىغان،جىنسى ئەزالىرىنى (ھارامدىن) ساقلايدىغان كىشىلەردۇر [22-29].

  27. (70-سۈرە مائارىج، 27-ئايەت)
    وَالَّذِينَ هُمْ مِنْ عَذَابِ رَبِّهِمْ مُشْفِقُونَ
    ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابىدىن قورققۇچىلاردۇر

    پەقەت ناماز ئوقۇغۇچىلارلا بۇنداق ئەمەس، ئۇلار نامازغا ھەمىشە ئەھمىيەت بېرىدىغان، پۇل-ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) بېرىدىغان، قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ھېچكىم خاتىرجەم بولالمايدىغان ئازابىدىن قورقىدىغان،جىنسى ئەزالىرىنى (ھارامدىن) ساقلايدىغان كىشىلەردۇر [22-29].

  28. (70-سۈرە مائارىج، 28-ئايەت)
    إِنَّ عَذَابَ رَبِّهِمْ غَيْرُ مَأْمُونٍ
    شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئازابى (ئاللاھ ئەمىن قىلغاندىن باشقا ھېچبىر ئادەم ئۈچۈن) ئەمىن بولغىلى بولمايدىغان نەرسىدۇر

    پەقەت ناماز ئوقۇغۇچىلارلا بۇنداق ئەمەس، ئۇلار نامازغا ھەمىشە ئەھمىيەت بېرىدىغان، پۇل-ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) بېرىدىغان، قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ھېچكىم خاتىرجەم بولالمايدىغان ئازابىدىن قورقىدىغان،جىنسى ئەزالىرىنى (ھارامدىن) ساقلايدىغان كىشىلەردۇر [22-29].

  29. (70-سۈرە مائارىج، 29-ئايەت)
    وَالَّذِينَ هُمْ لِفُرُوجِهِمْ حَافِظُونَ
    ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچىلاردۇر

    پەقەت ناماز ئوقۇغۇچىلارلا بۇنداق ئەمەس، ئۇلار نامازغا ھەمىشە ئەھمىيەت بېرىدىغان، پۇل-ماللىرىدىن تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) بېرىدىغان، قىيامەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ھېچكىم خاتىرجەم بولالمايدىغان ئازابىدىن قورقىدىغان،جىنسى ئەزالىرىنى (ھارامدىن) ساقلايدىغان كىشىلەردۇر [22-29].

  30. (70-سۈرە مائارىج، 30-ئايەت)
    إِلَّا عَلَىٰ أَزْوَاجِهِمْ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُمْ فَإِنَّهُمْ غَيْرُ مَلُومِينَ
    پەقەت خوتۇنلىرى ۋە چۆرىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا، (ئۆزلىرىنىڭ خوتۇنلىرى ۋە چۆرىلىرى بىلەن يېقىنچىلىق قىلغانلار) مالامەت قىلىنمايدۇ

    پەقەت ئۆزىنىڭ خوتۇنى ۋە چۆرىلىرى بىلەن يېقىنچىلىق قىلغانلارغا تاپا-تەنە قىلىنمايدۇ [30]،

  31. (70-سۈرە مائارىج، 31-ئايەت)
    فَمَنِ ابْتَغَىٰ وَرَاءَ ذَٰلِكَ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْعَادُونَ
    (جىنسىي تەلىپىنى قاندۇرۇشنى) بۇنىڭ سىرتىدىن تىلىگۈچىلەر ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر

    كىمكى بۇنىڭ سىرتىدىن(جىنسىي تەلىپىنى قاندۇرۇشنى) ئىزدەيدىكەن، ئەنە شۇلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر [31].

  32. (70-سۈرە مائارىج، 32-ئايەت)
    وَالَّذِينَ هُمْ لِأَمَانَاتِهِمْ وَعَهْدِهِمْ رَاعُونَ
    ئۇلار ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر

    ئۇ ناماز ئوقۇغۇچىلار يەنە ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ۋەدىسىگە رىئايە قىلىدىغان، توغرا گۇۋاھلىق بېرىدىغان، نامىزىنى ۋاقتىدا ئادا قىلىدىغان كىشىلەردۇر[32-34].

  33. (70-سۈرە مائارىج، 33-ئايەت)
    وَالَّذِينَ هُمْ بِشَهَادَاتِهِمْ قَائِمُونَ
    ئۇلار توغرا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردۇر

    ئۇ ناماز ئوقۇغۇچىلار يەنە ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ۋەدىسىگە رىئايە قىلىدىغان، توغرا گۇۋاھلىق بېرىدىغان، نامىزىنى ۋاقتىدا ئادا قىلىدىغان كىشىلەردۇر[32-34].

  34. (70-سۈرە مائارىج، 34-ئايەت)
    وَالَّذِينَ هُمْ عَلَىٰ صَلَاتِهِمْ يُحَافِظُونَ
    ئۇلار نامىزىنى ئادا قىلغۇچىلاردۇر

    ئۇ ناماز ئوقۇغۇچىلار يەنە ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ۋەدىسىگە رىئايە قىلىدىغان، توغرا گۇۋاھلىق بېرىدىغان، نامىزىنى ۋاقتىدا ئادا قىلىدىغان كىشىلەردۇر[32-34].

  35. (70-سۈرە مائارىج، 35-ئايەت)
    أُولَٰئِكَ فِي جَنَّاتٍ مُكْرَمُونَ
    ئەنە شۇلار جەننەتلەردە ھۆرمەت قىلىنغۇچىلاردۇر

    ئەنە شۇلار جەننەتلەردە ھۆرمەت قىلىنغۇچىلاردۇر [35].

  36. (70-سۈرە مائارىج، 36-ئايەت)
    فَمَالِ الَّذِينَ كَفَرُوا قِبَلَكَ مُهْطِعِينَ
    (ئى مۇھەممەد) كاپىرلارغا نېمە بولدىكىن، ئۇلار سەن تەرەپكە تېز كېلىشىپ، ئوڭ ـ سول تەرىپىڭدە توپ ـ توپ بولۇپ ئولتۇرۇشىدۇ

    (ئى مۇھەممەد!) كافىرلارغا نېمە بولدىكىن، ئۇلار سەن تەرەپكە تېز كېلىشىپ، ئوڭ ـ سول تەرىپىڭدە توپ-توپ بولۇپ ئولتۇرۇشىدۇ [36ـ37].

  37. (70-سۈرە مائارىج، 37-ئايەت)
    عَنِ الْيَمِينِ وَعَنِ الشِّمَالِ عِزِينَ
    (ئى مۇھەممەد) كاپىرلارغا نېمە بولدىكىن، ئۇلار سەن تەرەپكە تېز كېلىشىپ، ئوڭ ـ سول تەرىپىڭدە توپ ـ توپ بولۇپ ئولتۇرۇشىدۇ

    (ئى مۇھەممەد!) كافىرلارغا نېمە بولدىكىن، ئۇلار سەن تەرەپكە تېز كېلىشىپ، ئوڭ ـ سول تەرىپىڭدە توپ-توپ بولۇپ ئولتۇرۇشىدۇ [36ـ37].

    ?
  38. (70-سۈرە مائارىج، 38-ئايەت)
    أَيَطْمَعُ كُلُّ امْرِئٍ مِنْهُمْ أَنْ يُدْخَلَ جَنَّةَ نَعِيمٍ
    ئۇلاردىن ھەر بىر ئادەم نازۇنېمەتلىك جەننەتكە كىرگۈزۈلۈشنى تەمە قىلامدۇ؟(ئىزاھات:مۇشرىكلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چۆرىسىگە ھەلقە ـ ھەلقە بولۇپ توپلىشىۋېلىپ، ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالاتتى. ئۇنى ۋە ساھابىلىرىنى مەسخىرە قىلاتتى، ئۇلار: «مۇھەممەد ئېيتقاندەك بۇلار جەننەتكە كىرىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە بۇلاردىن ئىلگىرى بىز كىرىمىز» دەيتتى، بۇ ئايەت شۇلار ھەققىدە نازىل بولغان.)

    ئۇلارنىڭ ھەربىرى تېخى نازۇنېمەتلىك جەننەتكە كىرگۈزۈلۈشنى تەمە قىلىۋاتامدۇ؟ [38]

  39. (70-سۈرە مائارىج، 39-ئايەت)
    كَلَّا ۖ إِنَّا خَلَقْنَاهُمْ مِمَّا يَعْلَمُونَ
    ياق (يەنى ئۇلار جەننەتكە مەڭگۈ كىرەلمەيدۇ). شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنى ئۇلار بىلىدىغان نەرسىلەردىن ياراتتۇق

    ئۇلار جەننەتكە مەڭگۈ كىرەلمەيدۇ. شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنى ئۇلار بىلىدىغان نەرسىدىن (مەنىيدىن) ياراتتۇق [39].

  40. (70-سۈرە مائارىج، 40-ئايەت)
    فَلَا أُقْسِمُ بِرَبِّ الْمَشَارِقِ وَالْمَغَارِبِ إِنَّا لَقَادِرُونَ
    مەشرىقلەرنىڭ ۋە مەغرىبلەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنى ئۇلاردىن ياخشىراق ئادەملەر بىلەن ئالماشتۇرۇشقا (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلىپ ئورنىغا ئۇلاردىن ئارتۇق ۋە ئاللاھقا ئىتائەتچان بىر قەۋمنى كەلتۈرۈشكە) بىز ئەلۋەتتە قادىرمىز. بىز (بۇنىڭدىن) ئاجىز ئەمەسمىز

    مەشرىقلەرنىڭ ۋە مەغرىبلەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەم قىلىمەن، بىز ئۇلارنى ئۇلاردىن ياخشىراق ئادەملەر بىلەن ئالماشتۇرۇشقا ئەلۋەتتە قادىرمىز، بىز ئاجىز ئەمەسمىز [40ـ41].

  41. (70-سۈرە مائارىج، 41-ئايەت)
    عَلَىٰ أَنْ نُبَدِّلَ خَيْرًا مِنْهُمْ وَمَا نَحْنُ بِمَسْبُوقِينَ
    مەشرىقلەرنىڭ ۋە مەغرىبلەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنى ئۇلاردىن ياخشىراق ئادەملەر بىلەن ئالماشتۇرۇشقا (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلىپ ئورنىغا ئۇلاردىن ئارتۇق ۋە ئاللاھقا ئىتائەتچان بىر قەۋمنى كەلتۈرۈشكە) بىز ئەلۋەتتە قادىرمىز. بىز (بۇنىڭدىن) ئاجىز ئەمەسمىز

    مەشرىقلەرنىڭ ۋە مەغرىبلەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەم قىلىمەن، بىز ئۇلارنى ئۇلاردىن ياخشىراق ئادەملەر بىلەن ئالماشتۇرۇشقا ئەلۋەتتە قادىرمىز، بىز ئاجىز ئەمەسمىز [40ـ41].

  42. (70-سۈرە مائارىج، 42-ئايەت)
    فَذَرْهُمْ يَخُوضُوا وَيَلْعَبُوا حَتَّىٰ يُلَاقُوا يَوْمَهُمُ الَّذِي يُوعَدُونَ
    (ئى مۇھەممەد) ئۇلارنى قويۇۋەتكىن، تاكى ئۇلار ۋەدە قىلىنغان كۈنگە مۇلاقات بولغانغا قەدەر (باتىلغا) چۆمسۇن، (دۇنياسىدا) ئوينىسۇن

    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ تۇرغىن، ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇلغان قىيامەت كۈنىگىچە باتىلغا چۆمۈپ ئويناپ تۇرسۇن [42].

  43. (70-سۈرە مائارىج، 43-ئايەت)
    يَوْمَ يَخْرُجُونَ مِنَ الْأَجْدَاثِ سِرَاعًا كَأَنَّهُمْ إِلَىٰ نُصُبٍ يُوفِضُونَ
    ئۇ كۈندە ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ، خۇددى تىكلەپ قويغان بۇتلىرىغا قاراپ يۈگۈرگەندەك (مەھشەرگاھقا) يۈگۈرىدۇ

    ئۇ كۈندە ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ، كۆزلىرى چەكچەيگەن، خورلۇق باسقان ھالدا، خۇددى تىكلەپ قويۇلغان بۇتلىرىغا قاراپ يۈگۈرگەندەك (مەھشەرگاھقا) يۈگۈرىدۇ، ئەنە شۇ ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر [43-44].

  44. (70-سۈرە مائارىج، 44-ئايەت)
    خَاشِعَةً أَبْصَارُهُمْ تَرْهَقُهُمْ ذِلَّةٌ ۚ ذَٰلِكَ الْيَوْمُ الَّذِي كَانُوا يُوعَدُونَ
    ئۇلار (ئاللاھتىن ئۇيىلىپ) يۇقىرى قارىيالمايدۇ، ئۇلارنى خورلۇق ئورىۋالىدۇ، ئەنە شۇ ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر