ھۇمەزە سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 9 ئايەتمەنىسى: بوھتان چاپلىغۇچىلار. ئاتىلىش سەۋەبى: بوھتان چاپلىغۇچىلارنىڭ دوزاخقا كىرىدىغانلىقى سۆزلەنگەن
-
(104-سۈرە ھۇمەزە، 1-ئايەت)بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَيْلٌ لِكُلِّ هُمَزَةٍ لُمَزَةٍ
(كىشىلەرنى) ئەيىبلىگۈچى سۇخەنچىگە ۋاي!
ھەربىر كەمسىتكۈچى، غەيۋەتخورنىڭ ھالىغا ۋاي! [1].
-
(104-سۈرە ھۇمەزە، 2-ئايەت)الَّذِي جَمَعَ مَالًا وَعَدَّدَهُ
ئۇ مال توپلىدى ۋە ئۇنى (ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلماي ساقلاش ئۈچۈن) سانىدى
ئۇ مال-مۈلكۈم مېنى مەڭگۈ ھايات قالدۇرىدۇ دەپ ئويلاپ، مال-مۈلۈك توپلاش ۋە ئۇنى ساناش بىلەنلا بولۇپ كەتتى [2-3].
-
(104-سۈرە ھۇمەزە، 3-ئايەت)يَحْسَبُ أَنَّ مَالَهُ أَخْلَدَهُ
ئۇ مېلى ئۆزىنى (دۇنيادا مەڭگۈ قالدۇرىدۇ دەپ ئويلايدۇ)
ئۇ مال-مۈلكۈم مېنى مەڭگۈ ھايات قالدۇرىدۇ دەپ ئويلاپ، مال-مۈلۈك توپلاش ۋە ئۇنى ساناش بىلەنلا بولۇپ كەتتى [2-3].
-
(104-سۈرە ھۇمەزە، 4-ئايەت)كَلَّا ۖ لَيُنْبَذَنَّ فِي الْحُطَمَةِ
ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ چوقۇم ھۇتەمەگە تاشلىنىدۇ
ئەمەلىيەت ھەرگىز ئۇ ئويلىغاندەك بولمايدۇ، ئۇ چوقۇم ھۆتەمەگە تاشلىنىدۇ [4].
-
(104-سۈرە ھۇمەزە، 5-ئايەت)وَمَا أَدْرَاكَ مَا الْحُطَمَةُ
ھۇتەمەنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
سەن ھۆتەمەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ [5].
-
(104-سۈرە ھۇمەزە، 6-ئايەت)نَارُ اللَّهِ الْمُوقَدَةُ
ئۇ، ئاللاھنىڭ ياندۇرغان ئوتىدۇركى، (ئۇنىڭ ئەلىمى) يۈرەكلەرگە يېتىپ بارىدۇ
ئۇ ئاللاھ ياندۇرغان يۈرەكلەرگىمۇ تۇتىشىدىغان ئوتتۇر [6ـ7].
-
(104-سۈرە ھۇمەزە، 7-ئايەت)الَّتِي تَطَّلِعُ عَلَى الْأَفْئِدَةِ
ئۇ، ئاللاھنىڭ ياندۇرغان ئوتىدۇركى، (ئۇنىڭ ئەلىمى) يۈرەكلەرگە يېتىپ بارىدۇ
سەن ھۆتەمەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ [5]. ئۇ ئاللاھ ياندۇرغان يۈرەكلەرگىمۇ تۇتىشىدىغان ئوتتۇر [6ـ7].
-
(104-سۈرە ھۇمەزە، 8-ئايەت)إِنَّهَا عَلَيْهِمْ مُؤْصَدَةٌ
ئۇلار چوقۇم دوزاخقا سولىنىدۇ
ئۇلار چوقۇم ئۇزۇن دەملەر بىلەن تاقىلىدىغان دوزاخقا سولىنىدۇ [8-9].
-
(104-سۈرە ھۇمەزە، 9-ئايەت)فِي عَمَدٍ مُمَدَّدَةٍ
ئېگىز تۈۋرۈكلەرگە باغلىنىدۇ
ئۇلار چوقۇم ئۇزۇن دەملەر بىلەن تاقىلىدىغان دوزاخقا سولىنىدۇ [8-9].