لەيل سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 21 ئايەت
مەنىسى: كېچە. ئاتىلىش سەۋەبى: كېچە بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
  1. (92-سۈرە لەيل، 1-ئايەت) كېچە-كۈندۈز قەسەملەر
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَاللَّيْلِ إِذَا يَغْشَىٰ
    قاراڭغۇلۇقى ئالەمنى قاپلىغان كېچە بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    ناھايىتى شەپقەتلىك، مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن). قاراڭغۇلۇقى ئالەمنى قاپلىغان كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    يۆگىگەن چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى[1]، — ئەنەس ئالىم

    (1-2) ئاللاھ تائالا بۇ يەردە كائىناتنى يۆگىگەن كېچە، يورۇغان كۈندۈز ۋە ئۆز زاتى بىلەن قەسەم قىلىپ ئىنسانلارنىڭ خىلمۇخىل ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقى، قايسى ئىش بىلەن مەشغۇل بولغانلارنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىدىغانلىقى، قايسى ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغانلارنىڭ يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقى قاتارلىق بىر يۈرۈش ھەقىقەتلەرنى بايان قىلىدۇ. بۇ قەسەم كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن زۆرۈرلۈكىنى، ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ۋە قەسەملەردىن كېيىنكى مەزمۇنلارنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. كېچە بىلەن كۈندۈز بىرەر نېمەت ۋە بىرەر ئايەتتۇر، چۈنكى كېچىدە ھەر جانلىق ئۇۋىسىغا قايتىدۇ، ھەرىكەتتىن توختايدۇ ۋە ئۇخلاپ ئارام ئالىدۇ. كۈندۈزدە كائىناتتىن قاراڭغۇلۇق پەردىسى كۆتۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنسان، ھايۋان، قۇش ۋە بارلىق جان - جانىۋارلار تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇۋىلىرىدىن چىقىپ يەر يۈزىگە تارقىلىدۇ. ئەگەر داۋاملىق كېچە بولسا ئىدى، جانلىقلارنىڭ ھاياتى قىيىنلىشاتتى. ئەگەر داۋاملىق كۈندۈز بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارام ئېلىشى قىيىنلىشاتتى. لېكىن ئاللاھ تائالا كېچە - كۈندۈزنى ئالمىشىپ تۇرىدىغان قىلىپ ياراتقان. بۇنى خۇسۇسەن ئىنسانلار ئۈچۈن قىلغان. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى، ھېكمىتىنى ۋە مەرھەمىتىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. (92-سۈرە لەيل، 2-ئايەت) كېچە-كۈندۈز قەسەملەر
    وَالنَّهَارِ إِذَا تَجَلَّىٰ
    يورۇغان چاغدىكى كۈندۈز بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    يوپيورۇق كۈندۈز بىلەن قەسەم قىلىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاشكارا بولغان چاغدىكى كۈندۈز بىلەن قەسەمكى، — ئەنەس ئالىم

  3. وَمَا خَلَقَ الذَّكَرَ وَالْأُنْثَىٰ
    ئەر ـ ئايالنى ياراتقان زات ئاللاھ بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    ئەر ـ ئايالنى ياراتقان زات بىلەن قەسەم قىلىمەنكى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەركەكنى ۋە چىشىنى ياراتقان زات بىلەن قەسەمكى، — ئەنەس ئالىم

    «ئەركەك ۋە چىشى» - جانلىقلارنىڭ ئەركىكى ۋە چىشىسى دېمەكتۇر. بۇ ئىپادە بۇ يەردە ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىدىن تارتىپ ئىنسانلارنىڭ ئەر ۋە ئاياللىرىنى، ئوغۇل ۋە قىزلىرىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇ ئايەتتە «ئەركەكنى ۋە چىشىنى ياراتقان زات بىلەن قەسەمكى» دېيىلگەندىن كېيىن «سىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىڭلار خىلمۇخىلدۇر» دېيىلىدۇ. «تىرىشچانلىقى خىلمۇخىل» بولغان ئىنسانلار بىر ئەر ۋە بىر ئايالدىن يارىتىلغان، شۇنداقلا ئەر - ئاياللاردىن تەركىب تاپىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ يەردە ئۆزىنى «ئەركەكنى ۋە چىشىنى ياراتقان زات» دېيىشى، ئىنسانلارغا ئۆزلىرىنىڭ يارىتىلىشىدىكى ئىلاھىي قۇدرەتنى ئەسلىتىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ ئەسلىدىكى ئاتا - ئانىسى تۇپراقتىن يارىتىلغان، ئۆزلىرى بىر خىل ماددىدىن ئەر - ئاياللار سۈپىتىدە پەرقلىق يارىتىلغان. يوقتىن ۋە بىر خىل ماددىدىن ئەر - ئايال ئىنسان يارىتىشنى ئاللاھتىن باشقىسى قىلالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. إِنَّ سَعْيَكُمْ لَشَتَّىٰ
    سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلار شەك ـ شۈبھىسىز خىلمۇخىلدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلار ھەقىقەتەن خىلمۇخىلدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىڭلار ھەقىقەتەن خىلمۇخىلدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! ئەمەلىڭلار نىيەت، غايە، تۈر ۋە ماھىيەت جەھەتتىن بىر - بىرىدىن پەرقلىق ۋە بىر - بىرىدىن يىراق ئىككى قىسىمدۇر. شەكىل، مىقدار ۋە سۈپەت جەھەتتىن ھەر خىلدۇر. بۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئايەتلەر بۇ پەرقلەرنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. (92-سۈرە لەيل، 5-ئايەت) سەدىقە ئاللاھتىن قورقۇش
    فَأَمَّا مَنْ أَعْطَىٰ وَاتَّقَىٰ
    (پۇل ـ مېلىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك — مۇھەممەد سالىھ

    #نامى؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كىمكى بېرىدىكەن، تەقۋادارلىق قىلىدىكەن — ئەنەس ئالىم

    بۇ يەردە «بېرىش» پېئىلىنىڭ تولدۇرغۇچىسى يوق. بۇ، تولدۇرغۇچىنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بايان قىلىنغان چىقىملار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. «كىم بېرىدىكەن» دېگەن ئىپادىنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: كىم مېلىنىڭ زاكىتىنى بېرىدىكەن، مېلىدىكى ھەقنى ئادا قىلىدىكەن ۋە تەرغىب قىلىنغان خەير - سەدىقىلەرنى قىلىدىكەن. «تەقۋادار بولىدىكەن» دېگەن ئىپادىنىڭ مەنىسى، ئاللاھ تائالانىڭ «ئى ئىنسانلار! رەببىڭلارغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار» دېگەن مەنىدىكى بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىپ، ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلاردىن ساقلانسا ۋە بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلسا دېگەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. (92-سۈرە لەيل، 6-ئايەت) ئىلاھىي مۇكاپات ئىمان
    وَصَدَّقَ بِالْحُسْنَىٰ
    (پۇل ـ مېلىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) سەرپ قىلغان، تەقۋادارلىق قىلغان، (كەلىمە تەۋھىدنى) تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە تەستىق قىلغان ئادەمگە كەلسەك — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە ئەڭ ياخشىنى تەستىقلايدىكەن، — ئەنەس ئالىم

    «ئەڭ ياخشىنىڭ راستلىقىنى قوبۇل قىلىدىكەن». بۇ «ئەڭ ياخشى»- قىلىنغان خەير - سەدىقىلەرنىڭ ئورنىغا ئاللاھ تائالا مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىدىغان نەرسە دېمەكتۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا بېرىلگەن ھەر خەير - سەدىقىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى، ھەتتا ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. فَسَنُيَسِّرُهُ لِلْيُسْرَىٰ
    ئۇنىڭغا بىز ياخشى يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭغا بىز ياخشى يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇنىڭغا ئەڭ ئاساننى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا ئىنساننى ياراتقاندا ئۇنىڭ فىترىتىگە (روھىنىڭ ئەسلىدىكى تەبىئىي ھالىتىگە) ھەقنى سىڭدۈرۈپ ياراتقان. ئاندىن كىتاب نازىل قىلىش ۋە پەيغەمبەر ئەۋەتىش ئارقىلىق ئۇنى ئۇ ھەقكە چاقىرغان ۋە ئۇ ھەقنى قوبۇل قىلىش ياكى قوبۇل قىلماسلىق توغرىسىدا ئىختىيار بەرگەن. ئىنساننىڭ فىترىدىكى ھەق بىلەن پەيغەمبەرلەر چاقىرغان ھەق ئوخشاش بىر ھەق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھەق «ئەڭ ئاسان»، باتىل «ئەڭ تەس» كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە، ئۆز ئىختىيارى بىلەن يۇقىرىدىكى ئۈچ ئىشنى قىلغان كىشىنى تېخىمۇ كۆپ ياخشى ئىش قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىشنى ۋەدە قىلىدۇ، يەنى كىم ئاللاھنىڭ يولىدا بېرىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنى بەرسە، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلسا ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە راست دەپ ئىشەنسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دىلىنى تېخىمۇ يورۇتۇپ دائىم ياخشىنى تاللايدىغان قىلىدۇ، ياخشىلىق يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ ۋە مۇۋەپپەق قىلىدۇ. نەتىجىدە سېخىيلىق ، تەقۋادارلىق ۋە توغرىنى تاللاش ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە سۈپىتى بولۇپ قالىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھ تەرىپىدىن «ئەڭ ئاسان»غا مۇيەسسەر قىلىنغان بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. (92-سۈرە لەيل، 8-ئايەت) كىبىر ئاچكۆزلۈك
    وَأَمَّا مَنْ بَخِلَ وَاسْتَغْنَىٰ
    بېخىللىق قىلىپ (ئاللاھنىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك — مۇھەممەد سالىھ

    بېخىللىق قىلىپ، ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان ئادەمگە كەلسەك — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەمما كىمكى بېخىللىق قىلىدىكەن، ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلايدىكەن — ئەنەس ئالىم

    (8-10) كىمكى ئاللاھنىڭ يولىدا بېرىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنى بەرمەيدىكەن ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلاپ، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلمايدىكەن، ئاللاھ تائالانىڭ يولىدا بېرىلگەن نەرسىنىڭ ئورنىغا، ئاللاھ تائالا بېرىدىغان مۇكاپاتنى يالغان دەپ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدىكەن، ئۇ كىشى باشتا ئۆز ئىختىيارى بىلەن بۇ يامانلىقلارنى قىلىپ دىلىنى قارايتىدۇ - دە، ئاللاھ تائالا ئۇ دىلنى پېچەتلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ فىترىتى ۋە ئەقلىنىڭ ئۈندەشلىرىگە پەرۋا قىلماستىن دىلىنىڭ خاتا قارارلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ. بۇ ئەسنادا ئۇنى ئۆز فىترىتى ۋە ئەقلى تەنقىد قىلىدۇ، ھەتتا ئەتراپىدىكى ئىنسانلارمۇ ئۇنى سۆز - ھەرىكەتلىرى بىلەن ئەيىبلەيدۇ. بۇ ئەھۋال ئاستىدا خاتا يولدا مېڭىش ئۇنىڭغا «ئەڭ تەس» كەلسىمۇ ئۇ ئاسانلا بۇ يولدا ماڭىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاللاھتىن ھايا قىلمايدىغان، ئىنساندىن خىجىل بولمايدىغان ھالەتكە ئاللىبۇرۇن كېلىپ بولغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. (92-سۈرە لەيل، 9-ئايەت) كاپىرلىق ھەقنى ئىنكار قىلىش
    وَأَمَّا مَنْ بَخِلَ وَاسْتَغْنَىٰ
    بېخىللىق قىلىپ (ئاللاھنىڭ ساۋابىدىن) ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلىغان، كەلىمە تەۋھىدنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە ئەڭ چىرايلىق زاتنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە ئەڭ ياخشىنى يالغان دەيدىكەن، — ئەنەس ئالىم

  10. (92-سۈرە لەيل، 10-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب ئازغۇنلۇق
    وَكَذَّبَ بِالْحُسْنَىٰ
    بىز ئۇنىڭغا يامان يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئۇنىڭغا يامان يولنى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇنىڭغا ئەڭ قىيىننى مۇيەسسەر قىلىپ بېرىمىز. — ئەنەس ئالىم

  11. (92-سۈرە لەيل، 11-ئايەت) ئازغۇنلۇق بايلىق باشقۇرۇش
    فَسَنُيَسِّرُهُ لِلْعُسْرَىٰ
    ئۇ (دوزاخقا) تاشلانغان چاغدا، ئۇنىڭ مېلى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ تۆۋەنگە يۇمۇلانغان چاغدا، ئۇنىڭ مېلى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ تاشلانغان چاغدا[2]، مېلى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ كىشىنىڭ ئاۋايلاپ ئاللاھنىڭ يولىدا چىقىم قىلمىغان ماللىرى قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلانغان چېغىدا ئۇ كىشىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇنى قۇتقۇزمايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئازاب چېكىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. وَمَا يُغْنِي عَنْهُ مَالُهُ إِذَا تَرَدَّىٰ
    توغرا يولنى كۆرسىتىشكە شەك ـ شۈبھىسىز بىز مەسئۇلمىز — مۇھەممەد سالىھ

    توغرا يولنى كۆرسىتىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، توغرا يولنى كۆرسىتىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە ئىنسانلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنىڭ خىلمۇخىل ئىكەنلىكىنى، كىمنىڭ ياخشى، كىمنىڭ يامان ئادەم ئىكەنلىكىنى ۋە ياخشىلارنى «ئەڭ ئاسان»غا، يامانلارنى «ئەڭ تەس»كە مۇيەسسەر قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بۇ ئايەتتە ئىنسانلارغا توغرا - خاتانى تونۇتۇش، ئۇلارنى پايدىغا يېتەكلەش ۋە زىياندىن ئاگاھلاندۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ئىبادەت ئۈچۈن ياراتقان، ئىبادەت ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا ئەستايىدىللىق بىلەن بويسۇنۇپ ياشاش دېمەكتۇر. ئىبادەت ئۈچۈن يارىتىلغان ئىنساننىڭ ئىبادەت قىلىشنى يەنى گۇناھنى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىشىنى، ساۋابنى ۋە ئۇنى ئادا قىلىشنى بىلىشى كېرەك. ئىنساننى ئىبادەت ئۈچۈن ياراتقان ۋە ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇغان ئاللاھ تائالا ئىنسانغا بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. ئاللاھ تائالا بۇنى ئىنسانلارنىڭ ھېچ باھانىسى بولمىسۇن دەپ قىلغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. (92-سۈرە لەيل، 13-ئايەت) ھىساب ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى
    إِنَّ عَلَيْنَا لَلْهُدَىٰ
    دۇنيا ۋە ئاخىرەت شەك ـ شۈبھىسىز بىزنىڭ ئىلكىمىزدىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    دۇنيا ۋە ئاخىرەت شەك ـ شۈبھىسىز بىزنىڭ ئىلكىمىزدىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتمۇ، دۇنيامۇ بىزنىڭ ئىلكىمىزدىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    بۇ ئالەمدىكى ھەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسى، ئىگىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى ئاللاھتۇر. بۇنى، 1 - سۈرە (فاتىھە)نىڭ 2 - ئايىتىدىكى «ئالەملەرنىڭ رەببىدۇر» دېگەن مەنىدىكى ئىپادە بىلدۈرىدۇ، «ئاسمان، زېمىن ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر» دېگەن مەزمۇندىكى ئايەتلەر تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭدەك، ئاخىرەتتە شەكىللىنىدىغان ئالەمنىڭ ۋە ئۇ ئالەمدىكى ھەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسى، ئىگىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى ئاللاھتۇر. ئىنسانلارنى قايتا تىرىلدۈرۈش، مەھشەرگاھقا يىغىش، ھېساب ئېلىش ۋە بىر پىرقىنى جەننەتكە، بىر پىرقىنى دوزاخقا ئورۇنلاشتۇرۇش، جەننەتتىكىلەرنى كۈتۈش، دوزاختىكىلەرنى ئازابلاش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە باشقۇرۇشى ئاستىدا بولىدۇ. بۇنى، 1 - سۈرە (فاتىھە)نىڭ 4 - ئايىتىدىكى «جازا ۋە مۇكاپات كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر» دېگەن مەنىدىكى ئىپادە بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. وَإِنَّ لَنَا لَلْآخِرَةَ وَالْأُولَىٰ
    سىلەرنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتتىن ئاگاھلاندۇردۇم — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتتىن ئاگاھلاندۇردۇم — تەرجىمە ھەيئىتى

    مەن سىلەرنى لاۋۇلداپ كۆيىدىغان ئوتتىن ئاگاھلاندۇردۇم. — ئەنەس ئالىم

    «يالقۇنجاپ تۇرىدىغان ئوت - لظى»- دوزاخنىڭ قەۋەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ «ئەڭ بەختسىز»لەر گۇرۇھىغا خاس قىلىنىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئازاب چېكىش ئورنى بولىدۇ. دوزاخىنىڭ بۇ قەۋىتى 70 - سۈرە (مەئارىج)نىڭ 15 - ۋە 16 - ئايەتلىرىدىمۇ زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى ئىنسانلار! مەن يۇقىرىدا، ياخشىلارنىڭ كىملىكىنى ۋە ئاقىۋىتىنى، يامانلارنىڭ كىملىكىنى ۋە ئاقىۋىتىنى، ھەر ئىككى دۇنيادا ھەر نەرسىنىڭ ئىلكىمدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن سىلەرنى قىيامەت كۈنىنىڭ بۈيۈك ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرغان بولدۇم، لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان بۈيۈك ئوتقا چۈشۈپ كېتىشتىن قورقۇتقان بولدۇم. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  15. (92-سۈرە لەيل، 15-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى كاپىرلىق
    فَأَنْذَرْتُكُمْ نَارًا تَلَظَّىٰ
    ئۇنىڭغا پەقەت (ھەقنى) ئىنكار قىلغان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ئادەملا كىرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭغا بەخىتسىزدىن باشقىسى كىرمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭغا بەختسىز كىشىدىن باشقىسى كىرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (15-16) «ئەڭ بەختسىز كىشى» ھەقنى ئىنكار قىلغان ۋە ھەقكە بويسۇنۇشتىن يۈز ئۆرۈگەن، شۇنداقلا كۇفرىلىق ۋە ناشۈكۈرلۈك يولىدا ئەزۋەيلەپ ئۆلگەن كىشىدۇر. بۇنى 16 - ئايەت كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. (92-سۈرە لەيل، 16-ئايەت) كاپىرلىق ئازغۇنلۇق
    لَا يَصْلَاهَا إِلَّا الْأَشْقَى
    ئۇنىڭغا پەقەت (ھەقنى) ئىنكار قىلغان، (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەن ئادەملا كىرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ، ئىنكار قىلغان ۋە ئىماندىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ راستنى يالغان دېگەن ۋە يۈز ئۆرۈگەن كىشىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  17. الَّذِي كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰ
    پاكلىنىش ئۈچۈن مال ـ مۈلكىنى (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدىغان ئادەم ئۇنىڭدىن (يەنى ئوتتىن) يىراق قىلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭدىن ساقلانغانلار يىراق قىلىنىدۇكى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭدىن تەقۋادار كىشى يىراق قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    بۇ ئايەتتە «ئەڭ تەقۋادار كىشى»نىڭ، «ئەڭ بەختسىز كىشى» كىرىپ ئازاب چېكىدىغان «يالقۇنجاپ تۇرىدىغان ئوت»تىن يىراق قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئۈچ ئايەتتە ئۇ كىشىنىڭ سۈپەتلىرى بايان قىلىنىدۇ. ئاخىرقى (21 -) ئايەتتە ئۇ كىشىنىڭ رازى بولىدىغانلىقى يەنى ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان نېمەتلەردىن خۇرسەن بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. باشقا بىر ئايەتتە بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك كىشىنىڭ «ئەڭ تەقۋادار كىشى» ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. پۈتۈن بۇ ئىلاھىي بايانلار بىلەن، «ئەڭ تەقۋادار كىشى دوزاخنىڭ ئەڭ بەختسىز كىشى كىرىدىغان يېرىدىن يىراقلاشتۇرۇلىدىكەن، لېكىن قالغان يەرلىرىدىن يېراقلاشتۇرۇلمايدىغانمىدۇ!» دېگەندەك شۈبھىلەر يوقىتىلىدۇ. چۈنكى بىر ئايەتتە ئۇ كىشىنىڭ مەزكۇر ئوتتىن يىراقلاشتۇرۇلىدىغانلىقى، باشقا بىرقانچە ئايەتتە ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ھۆكۈم، مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئېلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. (92-سۈرە لەيل، 18-ئايەت) سەدىقە قەلبىنى پاكلاش
    وَسَيُجَنَّبُهَا الْأَتْقَى
    پاكلىنىش ئۈچۈن مال ـ مۈلكىنى (ياخشىلىق يوللىرىغا) سەرپ قىلىدىغان ئادەم ئۇنىڭدىن (يەنى ئوتتىن) يىراق قىلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ، پاكلىنىش ئۈچۈن مال ـ مۈلكىنى سەرپ قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ پاكلىنىش ئۈچۈن مېلىنى بېرىدىغان كىشىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاخىرەتتە مۇرادىغا يېتىش ئۈچۈن دۇنيادا ئۆزىنى پاكلاش كېرەك. ئاللاھنىڭ يولىدا مېلىنى بېرىش پاكلىنىش سەۋەبلىرىنىڭ بىرىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. (92-سۈرە لەيل، 19-ئايەت) ئىخلاس سەدىقە
    الَّذِي يُؤْتِي مَالَهُ يَتَزَكَّىٰ
    ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭ يېنىدا ھېچكىمنىڭ ياندۇرۇلىدىغان ياخشىلىقى يوق[3]. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھنىڭ يولىدا پاكلىنىش ئۈچۈن مال بېرىش، خالىس بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۆزىنى كۆرسىتىش، قەرزىنى تۆلەش، ئۆتنىنى قايتۇرۇش، ياخشىلىقنى ياندۇرۇش قاتارلىقلار ئاللاھنىڭ يولىدا مال بەرگەنلىك ھېسابلانمايدۇ، چۈنكى بۇلارنىڭ بىرىنچىسى رىياكارلىق، قالغانلىرى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغانلىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ «ئەڭ تەقۋادار كىشى» مېلىنى بىراۋنىڭ ئۆزىگە قىلغان بىرەر ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت پاكلىنىش ئۈچۈن بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. وَمَا لِأَحَدٍ عِنْدَهُ مِنْ نِعْمَةٍ تُجْزَىٰ
    ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    پەقەت ئۇلۇغ رەببىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئۇلۇغ رەببىنىڭ رازىلىقىنى تىلىگەنلىكى ئۈچۈنلا بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    قىلىنغان چىقىمدىن پەقەت ئاللاھ رىزاسى كۆزلەنگەندىلا چىقىم قىلغۇچى مۇكاپاتلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ «ئەڭ تەقۋادار كىشى» مېلىنى پەقەت ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلىگەنلىكى ئۈچۈنلا ئاللاھنىڭ يولىدا بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  21. (92-سۈرە لەيل، 21-ئايەت) ئىلاھىي مۇكاپات رازىمەنلىك
    إِلَّا ابْتِغَاءَ وَجْهِ رَبِّهِ الْأَعْلَىٰ
    ئۇ (يەنى ئېھسان قىلغۇچى ئادەم) (پەرۋەردىگارىنىڭ بەرگەن مۇكاپاتىدىن) چوقۇم رازى بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ چوقۇم رازى بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئۇ يېقىندا رازىلىققا ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا يېقىندا كۆپ ئەجىر ئاتا قىلىپ رازى قىلىدۇ - دە، ئۇ خۇرسەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى