ئەنبىيا سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 112 ئايەت
مەنىسى: پەيغەمبەرلەر. ئاتىلىش سەۋەبى: بىر بۆلۈك پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىدىن قىسقىچە ئومۇمى بايان بېرىلگەن
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ اقْتَرَبَ لِلنَّاسِ حِسَابُهُمْ وَهُمْ فِي غَفْلَةٍ مُعْرِضُونَ
    كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىنىدىغان ۋاقىت (يەنى قىيامەت) يېقىنلاشتى، ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر، (قىيامەت توغرۇلۇق ئويلىنىشتىن) يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېساب ئېلىنىدىغان ۋاقىت - قىيامەت- يېقىنلاشتى، ھالبۇكى ئۇلار غەپلەتتىدۇر ۋە يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنسانلارنىڭ ھېساب بېرىش ۋاقتى يېقىنلاشتى. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەت ئىچىدىدۇر، يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئىنسانلارغا، قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى ئاللاھقا بېرىش ۋاقتى يېقىنلاشتى؛ قىيامەت قايىم بولۇشقا ئاز قالدى. ھەقىقەت شۇنداق تۇرۇقلۇق مۇشرىكلار ئۇ ھېساب ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشتىن غاپىل ياشاۋاتىدۇ، قىيامەتكە ئىشىنىشتىن يۈز ئۆرۈۋاتىدۇ، ئاگاھلاندۇرشلارغا پەرۋا قىلمايۋاتىدۇ، ھېسابنىڭ نەتىجىسىدىن ئەندىشە قىلماي يۈرۈۋاتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. مَا يَأْتِيهِمْ مِنْ ذِكْرٍ مِنْ رَبِّهِمْ مُحْدَثٍ إِلَّا اسْتَمَعُوهُ وَهُمْ يَلْعَبُونَ
    ئۇلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن (قۇرئاندا) يېڭى ۋەز ـ نەسىھەت نازىل بولسىلا، ئۇلار ئۇنىڭغا مەسخىرە قىلغان ھالدا قۇلاق سېلىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا رەببى تەرىپىدىن يېڭى ۋەز ـ نەسىھەت نازىل بولسىلا، ئۇلار ئۇنىڭغا مەسخىرە قىلغان ھالدا قۇلاق سېلىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار رەببىدىن كەلگەن ھەر يېڭى زىكىرگە مەسخىرە قىلغان ھالدا قۇلاق سېلىشىدۇ، — ئەنەس ئالىم

    ئۇلارغا رەببى يېڭى نازىل قىلغان، ئۇلارغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشى ۋە زىيانلىق ئىشلاردىن ساقلىنىشى لازىملىقىنى ئەسلىتىدىغان ئايەت يەتكۈزۈلسە، ئۇلار ئايەتنى ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرۈپ تۇرۇپ ئاڭلايدۇ؛ مەسخىرە قىلىش، كەمسىتىش، مەنىسىنى ئويلىماسلىق ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلماسلىق بىلەن ئايەتكە قۇلاق سالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. لَاهِيَةً قُلُوبُهُمْ ۗ وَأَسَرُّوا النَّجْوَى الَّذِينَ ظَلَمُوا هَلْ هَٰذَا إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُكُمْ ۖ أَفَتَأْتُونَ السِّحْرَ وَأَنْتُمْ تُبْصِرُونَ
    ئۇلارنىڭ دىللىرى (ئاللاھنىڭ كالامىدىن) غەپلەتتىدۇر، كاپىرلار ئۆز ئارا: «بۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) پەقەت سىلەرگە ئوخشاش (ئاددىي) بىر ئىنسان، سىلەر سېھىرنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنى قوبۇل قىلامسىلەر؟» دەپ يوشۇرۇن سۆزلىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ دىللىرى غەپلەتتىدۇر، كاپىرلار ئۆز ئارا: «بۇ - مۇھەممەد- پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسان، سىلەر سېھىرنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنى قوبۇل قىلامسىلەر؟» دەپ يوشۇرۇن سۆزلىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ قەلبلىرى ئويۇن بىلەن مەشغۇلدۇر. ئۇ زالىملار ئۆزئارا: «شۇ مۇھەممەد سىلەرگە ئوخشاشلا ئىنسان. كۆزۈڭلار كۆرۈپ تۇرۇپ سېھىرگە ئەگىشەمسىلەر؟» دەپ پىچىرلىشىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار ئايەتنى ئاڭلىغاندا دىللىرى بىھۇدە ئىشلار بىلەن مەشغۇل ۋە ئەھمىيەتسىز ئوي - خىياللار بىلەن بەند بولغان ھالەتتىدۇر. ئۇ ئەسنادا ئۇ زالىملار ئۆزئارا: «مۇھەممەد سىلەرگە ئوخشاشلا ئىنسان، ئۇنىڭ ئوقۇغىنى سېھىردۇر. ئۇ، ئىنسانلارنى سېھىر بىلەن ئالداۋاتىدۇ. سىلەر ئۇنىڭ سېھىر كۆرسىتىش سورۇنىغا كېلىپ، بۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈۋاتىسىلەر، مۇھەممەدنىڭ بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭغا يەنىلا ئەگىشەمسىلەر؛ ئۇنىڭ سېھىرلىرىنىڭ راستلىقىغا ئىشىنەمسىلەر؟» دەپ پىچىرلىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. (21-سۈرە ئەنبىيا، 4-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئىلمى ھەق دۇئا
    قَالَ رَبِّي يَعْلَمُ الْقَوْلَ فِي السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ ۖ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
    (پەيغەمبەر) ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم ئاسمان، زېمىندا ئېيتىلغان سۆزلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ (سۆزلىرىڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    -پەيغەمبەر- ئېيتتى: «رەببىم ئاسمان، زېمىندا ئېيتىلغان سۆزلەرنى بىلىپ تۇرىدۇر، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئەھۋالىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەسۇلۇللاھ: «مېنىڭ رەببىم ئاسماندا ۋە زېمىندا ئېيتىلغان ھەر سۆزنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھنىڭ ئەلچىسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ مەخپىي سۆزلىرىدىن ۋاقىپ بولۇپ ئۇلارغا: «مېنىڭ رەببىم ئاللاھ ئاسمان - زېمىندا ئېيتىلغان ھەر سۆزنى، جۈملىدىن سىلەرنىڭ مەخپىي قىلىشقان سۆزلىرىڭلارنى بىلىدۇ. رەببىم ئاللاھ مەخپىي بولسۇن ئۈنلۈك بولسۇن ھەر سۆزنى ئاڭلاپ تۇرىدىغان، مەخپىي قىلىنسۇن، ئاشكارا قىلىنسۇن ھەر ئىشنى بىلىپ تۇرىدىغان زاتتۇر» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. بَلْ قَالُوا أَضْغَاثُ أَحْلَامٍ بَلِ افْتَرَاهُ بَلْ هُوَ شَاعِرٌ فَلْيَأْتِنَا بِآيَةٍ كَمَا أُرْسِلَ الْأَوَّلُونَ
    (كاپىرلار قۇرئان سېھرىدۇر دەپلا قالماستىن) «بەلكى ئۇ (مۇھەممەتنىڭ ) قالايمىقان چۈشلىرىدۇر، بەلكى ئۇنى ئۆزى ئويدۇرۇپ چىقارغاندۇر، بەلكى ئۇ شائىردۇر، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلتۈرسۇن» دېيىشتى — مۇھەممەد سالىھ

    بەلكى ئۇلار: «ئۇ شائىردۇر، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلتۈرسۇن» دېيىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بەلكى ئۇلار: «مۇھەممەدنىڭ سۆزلىرى قالايمىقان چۈشلەردۇر. بەلكى ئۇ سۆزلەرنى مۇھەممەد ئۆزى ئويدۇردى. بەلكى مۇھەممەد شائىردۇر. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئۇ بىزگە بۇرۇنقى ئەلچىلەرنىڭ مۆجىزىلىرىگە ئوخشاش بىرەر مۆجىزە كەلتۈرسۇن» دېيىشتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    (ئاللاھ ئېيتىدۇ) ئۇ كافىرلار ئەسلىدە قۇرئاننى ئىنكار قىلدى؛ ئۇلار قۇرئان ھەققىدە بىر تۇرۇپ: «قالايمىقان چۈشلەرنىڭ نەتىجىسىدۇر، ھەقىقىتى يوقتۇر؛ مۇھەممەد يامان چۈش كۆرۈپ، ئويغانغاندىن كېيىن چۈشىدە كۆرگەن نەرسىلەرنى ئايەت دەپ ئوقۇۋاتىدۇ» دېدى، بىر تۇرۇپ: «ياق، مۇھەممەد ئۆزى بىر نەرسىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئۇلارنى ئاللاھقا چاپلاۋاتىدۇ» دېدى، بىر تۇرۇپ: «ياق، مۇھەممەد ئۆزى شائىر، ئوقۇغىنى شېئىردۇر. ئەگەر ئۇ بىزنىڭ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشىنىشىمىزنى تەلەپ قىلىدىغان بولسا، بىزگە بۇرۇنقى پەيغەمەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرىدەك بىرەر كۆرۈنەرلىك مۆجىزە كەلتۈرسۇن؛ بىزگە مۇسا ۋە ئىيسانىڭ مۆجىزىلىرىدەك بىرەر مۆجىزە كۆرسەتسۇن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. مَا آمَنَتْ قَبْلَهُمْ مِنْ قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَاهَا ۖ أَفَهُمْ يُؤْمِنُونَ
    ئۇلاردىن ئىلگىرى، بىز ھالاك قىلغان شەھەرلەردىن (يەنى ئاھالىسىدىن) ھېچقايسىسى ئىمان ئېيتمىغان تۇرسا، (مۆجىزىلەرنى كۆرسەتسەڭ) ئۇلار ئىمان ئېيتامدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن ئىلگىرى، بىز ھالاك قىلغان شەھەرلەردىن ھېچقايسىسى ئىمان ئېيتمىغان تۇرسا، ئۇلار ئىمان ئېيتامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلاردىن ئىلگىرى بىز ھالاك قىلغان ئاھالىلەردىن ھېچبىرى ئىمان ئېيتمىغان تۇرسا، ئۇلار ئىمان ئېيتامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز ئىلگىرى ھالاك قىلىۋەتكەن ئۇممەتلەرنىڭ ھېچبىرى ئۆزلىرى تەلەپ قىلغان مۆجىزە كەلگەندە ئىمان كەلتۈرمىگەن ئىدى. ئەمدى بۇ مۇشرىكلار ئۆزلىرى تەلەپ قىلغان مۆجىزىنى كۆرسە ئىمان كەلتۈرەمدۇ؟ ياق، ئەسلا ئىمان كەلتۈرمەيدۇ. شۇڭلاشقا بۇلارغا باشقا مۆجىزە كۆرسىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. قۇرئان يېتەرلىك مۆجىزىدۇر. دەرۋەقە ئۆز ۋاقتىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككە ئاھالىسىگە قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىنى يەتكۈزسە، ئۇلارنىڭ تەرسالىرى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە ۋە يەتكۈزۈلگەن ئايەتلەر ھەققىدە ناشايان سۆزلەرنى قىلغان؛ ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە، «سېھىرگەر، كاززاپ، ئەقلىدىن ئازغان ئادەم»، ئۇنىڭغا نازىل بولغان ئايەتلەر ھەققىدە، «ئويدۇرما، سېھىر، بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى» دېگەن ناشايان سۆزلەرنى قىلغان. ئاللاھ تائالا بىرقانچە قېتىم ئايەت نازىل قىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارنىڭ بۇ ئەدەپسىزلىكى ۋە تەرسالىقىغا سەۋر قىلىشىنى ئېيتىدۇ، دەۋەت پائالىيىتىنى ئەينەن داۋاملاشتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەقنىڭ غالىب كېلىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتىنى بېرىپ تەسەللىي بېرىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇ تەرسا مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئۇلارغا رەددىيە بېرىدۇ. بۇ سۈرە (ئەنبىيا)نىڭ بېشىدىن تارتىپ بىرقانچە ئايەت (1 ~ 18 - ئايەتلەر) ئەنە شۇ ئايەتلەرنىڭ يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي ۋە بېشارەت، تەرسا مۇشرىكلارغا ئاگاھلاندۇرش ۋە شۇم خەۋەر ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئايەتلەردىندۇر. ئەسكەرتىش: قۇرئان كەرىمدىكى بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان ئايەتلەردىكى بېشارەت قىيامەتكە قەدەر ھەق ئۈسىتىدىكى بارلىق ياخشىلارغىمۇ، ئاگاھلاندۇرۇش ۋە شۇم خەۋەرلەر باتىل ئۈستىدىكى بارلىق يامانلارغىمۇ قارىتىلىدۇ، چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەت ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەردۇر. قۇرئان كەرىم قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە نازىل قىلىنغان ئىلاھىي كىتابتۇر. ئاللاھ تائالا 7 ~ 10 ئايەتلەردە مۇشرىكلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە بىر - بىرىگە قويۇشقان: «مۇھەممەد سىلەرگە ئوخشاش ئىنسان ئەمەسمۇ؟» دېگەن سوئالىغا رەددىيە بېرىدۇ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە ئۇلارنى قۇرئان كەرىمگە بويسۇنۇشقا، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشكە تەرغىب قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. (21-سۈرە ئەنبىيا، 7-ئايەت) پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى ۋەھىي
    وَمَا أَرْسَلْنَا قَبْلَكَ إِلَّا رِجَالًا نُوحِي إِلَيْهِمْ ۖ فَاسْأَلُوا أَهْلَ الذِّكْرِ إِنْ كُنْتُمْ لَا تَعْلَمُونَ
    (ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى (پەرىشتىلەرنى ئەمەس) پەقەت ئادەملەرنىلا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇلارغا ۋەھىي قىلدۇق. ئەگەر (بۇنى) بىلمىسەڭلار، ئەھلى ئىلىمدىن سوراڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد! سەندىن ئىلگىرىمۇ ـ پەقەت ئىنسانلارنىلا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئەگەر بىلمىسەڭلار، ئەھلى ئىلىمدىن[1] سوراڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ پەقەت ئەرلەرنىلا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق، بىز ئۇلارغا ۋەھىي قىلاتتۇق. ئى ئىنكارچىلار! ئەگەر بىلمىسەڭلار زىكىر ئەھلىدىن[1] سوراپ بېقىڭلار.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! تەرسا مۇشرىكلار سېنىڭ ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئىنسان ئىكەنلىكىڭنى باھانە قىلىپ، سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە ئىشەنمەيۋاتىدۇ. بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىن بەزى ئەرلەرنى تاللاپ، ئۇلارنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق؛ ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە كەلگەن بارلىق پەيغەمبەرلەر ئىنسانلاردىن تاللاپ ئەۋەتىلگەن. سەن بۇ ئىشنىڭ تۇنجىسى ئەمەس. ئى ئىنكارچىلار! بۇنى بىلمىسەڭلار ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارنى بىلىدىغان كىشىلەردىن (يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ ئۆلىمالىرىدىن) سوراپ بېقىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. وَمَا جَعَلْنَاهُمْ جَسَدًا لَا يَأْكُلُونَ الطَّعَامَ وَمَا كَانُوا خَالِدِينَ
    پەيغەمبەرلەرنى تاماق يېمەيدىغان جەسەت قىلغىنىمىز يوق (يەنى ئۇلار بارلىق كىشىلەرگە ئوخشاش يەيدۇ، ئىچىدۇ) ھەمدە ئۇلار (دۇنيادا ئۆلمەي) مەڭگۈ قالىدىغان بولغىنى يوق (يەنى ئۇلارمۇ بارلىق كىشىلەرگە ئوخشاش ۋاپات بولىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    پەيغەمبەرلەرنى تاماق يېمەيدىغان جەسەت قىلغىنىمىز يوق، ھەمدە ئۇلار مەڭگۈ قالغۇچىلار بولغىنىمۇ يوق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇ ئەلچىلەرنى تائام يېمەيدىغان جەسەت قىلمىدۇق. ئۇلار مەڭگۈ ياشىغۇچىلارمۇ ئەمەس ئىدى[2].‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئۆتمۈشتىكى پەيغەمبەرلەرنى ئادەتتىكى ئىنسان تەبىئىتىدىن چىقىرىپ يېمەك - ئىچمەككە ئېھتىياجى چۈشمەيدىغان ۋە ئۆلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرگىنىمىز يوق. ئەكسىچە ئۇلار ئادەتتىكى ئىنسانلاردىن تاللانغان ۋە پەيغەمبەر بولۇشتىن باشقا جەھەتتە ئادەتتىكى بىرەر ئىنسان ئىدى؛ تاماق يەيتتى، بازارلاردا ئايلىناتتى، ھەممىسىنىڭ ئائىلىسى ۋە بالا - چاقىلىرى بار ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. ثُمَّ صَدَقْنَاهُمُ الْوَعْدَ فَأَنْجَيْنَاهُمْ وَمَنْ نَشَاءُ وَأَهْلَكْنَا الْمُسْرِفِينَ
    ئاندىن ئۇلارغا (پەيغەمبەرلەرگە ياردەم بېرىش، ئۇلارنى ئىنكار قىلغانلارنى ھالاك قىلىشتىن ئىبارەت) ۋەدىمىزنى راست قىلىپ بەردۇق، ئۇلارنى ۋە بىز خالىغانلارنى قۇتقۇزدۇق، (كۇفرىدا ۋە گۇمراھلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ھالاك قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇلارغا ۋەدىمىزنى راست قىلىپ بەردۇق، ئۇلارنى ۋە بىز خالىغانلارنى قۇتقۇزدۇق، ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ھالاك قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارغا بەرگەن ۋەدىمىزدە تۇردۇق: ئۇلارنى ۋە ئۆزىمىز خالىغان كىشىنى قۇتقۇزۇپ، ھەددىدىن ئاشقانلارنى ھالاك قىلدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ پەيغەمبەرلەرنى قەۋملىرى ئىنكار قىلدى ۋە قارشى چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ پەيغەمبەلەرگە بەرگەن ۋەدىمىزدە تۇردۇق؛ ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا كىرگەن مۇئمىنلارنى قۇتقۇزدۇق. كۇفرىلىق، ئىنكارچىلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلىگەن كافىرلارنى ھالاك قىلىۋەتتۇق. ئى مۇھەممەد! بىزنىڭ، ھەق ئۈستىدىكى بەندىلىرىمىزگە نۇسرەت ئاتا قىلىش، باتىلدا ئەزۋەيلىگەنلەرنى ھالاك قىلىش توغرىسىدىكى سۆزىمىز قىيامەتكە قەدەر كۈچكە ئىگىدۇر؛ خاتىرجەم بولغىن: سەن ۋە سېنىڭ يولۇڭدىكىلەر غالىب كېلىسىلەر، زالىملار مەغلۇپ بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. لَقَدْ أَنْزَلْنَا إِلَيْكُمْ كِتَابًا فِيهِ ذِكْرُكُمْ ۖ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
    سىلەرنىڭ شان ـ شەرىپىڭلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) سىلەرگە ھەقىقەتەن نازىل قىلىپ بەردۇق. (بۇنى) چۈشەنمەمسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرنىڭ شان ـ شەرىپىڭلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب- قۇرئان- نى سىلەرگە ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلىپ بەردۇق. ئەقلىڭلارنى ئىشقا سالمامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز سىلەرگە كىتاب نازىل قىلدۇق. ئۇ كىتابتا سىلەرنىڭ زىكرىڭلار بار[3]. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنكارچىلار! بىز سىلەرگە شۇنداق بىر كىتاب نازىل قىلدۇقكى، ئۇ كىتاب، سىلەرنى ھەقىقەتكە يېتەكلەيدىغان ۋە ئەمەل قىلساڭلار سىلەرگە شان - شەرەپ كەلتۈرۈىدىغان ئالەمشۇمۇل ئىلىملەرنى، نەسىھەتلەرنى ۋە يوليورۇقلارنى، شۇنداقلا ئىككى دۇنيالىق بەخت - سائادىتىڭلارنىڭ يولىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇھەممەد سىلەرگە يەتكۈزۈۋاتقان كىتاب ئەنە شۇنداق ئالاھىدىلىكتىكى كىتاب بولغان تۇرۇقلۇق سىلەر ئۇنىڭدىن قانداقمۇ يۈز ئۆرۈيسىلەر؛ قانداقمۇ ئىنكار قىلىسىلەر، قانداقمۇ بويۇنتاۋلىق قىلىسىلەر؟! ئەقلىڭلارنى ئىشلەتسەڭلار بولمامدۇ؟ نېمانداق ھاماقەتلىك قىلىسىلەر؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. وَكَمْ قَصَمْنَا مِنْ قَرْيَةٍ كَانَتْ ظَالِمَةً وَأَنْشَأْنَا بَعْدَهَا قَوْمًا آخَرِينَ
    بىز (ئاھالىسى) كۇففار بولغان نۇرغۇن شەھەرلەرنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلاردىن كېيىن (ئورنىغا) باشقا قەۋمنى پەيدا قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز - ئاھالىسى- كۇففار بولغان نۇرغۇن شەھەرلەرنى ھالاك قىلدۇق. ئۇلاردىن كېيىن باشقا قەۋمنى پەيدا قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئاھالىسى زالىم بولغان نۇرغۇن يۇرتلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتۇق، ئاندىن كېيىن باشقا قەۋملەرنى پەيدا قىلدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنكارچىلار! بىز ئىلگىرى نۇرغۇنلىغان زالىم قەۋملەرنى كۇفرىلىقى، ئىنكارچىلىقى، ھەددىدىن ئېشىشى ۋە بۇزغۇنچىلىقى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلىپ تاشلىدۇق؛ يىلتىزىنى قۇرۇتۇۋەتتۇق، مىسلى كۆرۈلمىگەن ئازابلار بىلەن ئازابلاپ يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتۇق. ئۇلارنىڭ ئورنىغا باشقا قەۋملەرنى مەيدانغا كەلتۈردۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. فَلَمَّا أَحَسُّوا بَأْسَنَا إِذَا هُمْ مِنْهَا يَرْكُضُونَ
    ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنىڭ (كەلگەنلىكىنى) ھېس قىلغان چاغدا ئۇشتۇمتۇت قاچىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنى ھېس قىلغان چاغدا ئۇشتۇمتۇت قاچىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ زالىملار شىددەتلىك ئازابىمىزنىڭ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلغاندا دەرھال يۇرتلىرىدىن قېچىشقا ئۇرۇناتتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ زالىملار بىزنىڭ دەھشەتلىك ئازابىمىزنىڭ كېلىشىنى ھېس قىلغان چاغدا بىردىنلا قېچىشقا باشلىدى؛ ئازابتىن قۇتۇلىدىغانلىقىنى ئويلاپ يۇرتلىرىدىن تېزلا چىققىلى تۇردى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. لَا تَرْكُضُوا وَارْجِعُوا إِلَىٰ مَا أُتْرِفْتُمْ فِيهِ وَمَسَاكِنِكُمْ لَعَلَّكُمْ تُسْأَلُونَ
    (پەرىشتىلەر ئۇلارغا مەسخىرە قىلىپ ئېيتتى) « قاچماڭلار، باياشات تۇرمۇشۇڭلارغا، تۇرالغۇ جايلىرىڭلارغا قايتىڭلار، سىلەردىن (مۇھىم ئىشلاردا مەسلىھەت) سورىلىشى مۇمكىن» — مۇھەممەد سالىھ

    -ئۇلارغا-:«قاچماڭلار، باياشات تۇرمۇشۇڭلارغا، تۇرالغۇ جايلىرىڭلارغا قايتىڭلار، سىلەردىن -مۇھىم ئىشلاردا مەسلىھەت- سورىلىشى مۇمكىن»ـ دېيلىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا: «قاچماڭلار! سىلەرنى ئەركىلەتكەن باياشات تۇرمۇشۇڭلارغا ۋە يۇرتۇڭلارغا قايتىڭلار، سىلەردىن بىرەر نەرسە سورىلىشى مۇمكىن» دېيىلەتتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ ئەسنادا ئۇلارغا (پەرىشتىلەر ياكى شۇ يەردە بولغان مۇئمىنلار تەرىپىدىن مەسخىرە بىلەن)، «قاچماڭلار، سىلەرنى ئەركىلەتكەن باياشات تۇرمۇشىڭلارغا ۋە ئالىي ئۆي - ئىمارەتلىرىڭغا قايتىڭلار، يېقىن - يورۇقلىرىڭلار بۇ قىيىن پەيتتە سىلەردىن ياردەم ۋە مەسلىھەت سورىشى مۇمكىن؛ تەرەپدارلىرىڭلار ۋە خادىملىرىڭلار ئىلگىرى بېشى قاتقاندا سىلەردىن ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم سورىغاندەك، ھازىرمۇ سىلەردىن ياردەم سورىشى مۇمكىن! ئۇلارنى تاشلاپ نەگە قاچىسىلەر؟ ئۇنداق قىلماڭلار!» دەپ نىدا قىلىندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. قَالُوا يَا وَيْلَنَا إِنَّا كُنَّا ظَالِمِينَ
    ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! ھەقىقەتەن بىز زالىم بولۇپتۇق» دېيىشتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! ھەقىقەتەن بىز زالىم بولۇپتۇق» دېيىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «ۋاي بىزنىڭ ھالىمىزغا! بىز راستتىنلا زالىم ئىدۇق» دېيىشتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار بۇ مەسخىرىلىك نىدانى ئاڭلاپ، ئىشنىڭ جىددىيلىكىنى چۈشەندى، ئازابنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدى ۋە قېچىپ قۇتۇلالمايدىلىقىنى تونۇپ يەتتى - دە، «ۋاي بىزنىڭ ھالىمىزغا! ۋاي ئىسىت! بىز رەببىمىزنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنمەسلىك ۋە پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلىش بىلەن ھەقىقەتەن ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلغان ئىكەنمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  15. فَمَا زَالَتْ تِلْكَ دَعْوَاهُمْ حَتَّىٰ جَعَلْنَاهُمْ حَصِيدًا خَامِدِينَ
    ئۇلارنى ئورۇلغان زىرائەتتەك ھالاك قىلىپ، جانلىرىنى ئالغىنىمىزغا قەدەر، ئۇلار يۇقىرىقى پەريادىنى تەكرارلاپ تۇردى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى ئورۇلغان زىرائەتتەك ھالاك قىلىپ، جانلىرىنى ئالغىنىمىزغا قەدەر، ئۇلار يۇقىرىقى پەريادىنى تەكرارلاپ تۇردى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئورالغان زىرائەتتەك ۋە ئۆچۈرۈلگەن ئوتتەك بولۇپ كەتكەنگە قەدەر بۇ سۆزىنى تەكرارلىشىپ تۇردى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار بۇ سۆزنى ھالاك بولۇپ ئورالغانغان زىرائەتكە ۋە ئۆچۈرۈلگەن ئوتقا ئوخشاش بولۇپ كەتكۈچىلىك تەكرارلاپ تۇردى؛ تىنىقلىرى توختىغىچىلىك ھەسرەت - نادامەت چېكىپ تۇردى، ھالىغا ئېچىنىپ تۇردى. لېكىن جان ھەلقۇمغا كەلگەندە قىلغان بۇ پۇشايمان (تەۋبە)نىڭ ئۇلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى. بۇ ئايەتلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: ئى ئىنكارچىلار! شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى: بىز ئۆتمۈشتە نۇرغۇنلىغان يۇرت ئاھالىسىنى ئۆز پەيغەمبەرلىرىنىڭ دەۋەتلىرىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى شىددەتلىك ئازابىمىز كەلگەندە، خاتا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، لېكىن بۇنىڭ ئۇلارغا پايدىسى بولمىدى، چۈنكى ۋاقىت جازا چېكىش ۋاقتى ئىدى. بىز گۇناھكالارنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز. ئۇ قەۋملەر بىز ئاتا قىلغان نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا جىنايەتلەر ئۆتكۈزگەن، گۇناھلار قىلغان؛ ئۇلار ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان، يولىغا قارشى چىققان ۋە ھەددىدىن ئېشىشتا ئەزۋەيلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ھالاك قىلىۋېتىپ، ئورنىغا باشقا نەسىللەر پەيدا قىلغان. ئى ئىنكارچىلار! سىلەرمۇ تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىكنى تاشلاپ توغرا يولغا قايتمىساڭلار ئۆتمۈشتە ھالاك قىلىنغان ئۇ قەۋمىلەر بىلەن ئوخشاش ئاقىۋەتكە يولۇقىسىلەر. چۈنكى بىزنىڭ، ئەلچىلىرىمىزگە ۋە ئۇنىڭ يولىدىكى مۇئمىنلارغا ياردەم بېرىش، ئۇلارنى دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىب قىلىش، كۇفرىلىقتا ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرنى ھالاك قىلىش ھەققىدىكى قانۇنىمىزنىڭ ئۆزگەرگىنى يوق؛ قىيامەتكە قەدەر ئۇ قانۇن ھەر زاماندا، ھەر ماكاندا، شۇنداقلا ھەقىقەت تەرپدارلىرى بىلەن باتىل تەرەپدارلىرىغا ئەينەن ئىجرا قىلىنىدۇ. دەرۋەقە ئاللاھ تائالانىڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغان، ئۇنىڭ دەۋىتىگە قارشى چىققان ۋە ئۇنىڭغا ئۆز يۇرتىدا (مەككىدە) ياشاش ئىمكانىيىتى بەرمىگەن تەرسا مۇشرىكلار قىسقا مۇددەت (8 يىل) ئىچىدە تامامەن مەغلۇپ بولدى؛ ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلدى، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي كۈچى تۈگىدى، مەككە ۋە ئەتراپىدىكى رايونلار ئىسلام دىيارىغا ئايلاندى. ئۇلارنىڭ باتىل نىزامى تەلتۆكۈس يوقالدى. ئاللاھ تائالا 11 ~ 15 - ئايەتلەردە ئىلگىرى نۇرغۇنلىغان تەرسا كافىرلارنى، ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن ھالاك قىلىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىققانلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 16 ~ 20 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارنى ھالاك قىلىۋېتىشنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ ۋە ئۇ ئاگاھلاندۇرشنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. (21-سۈرە ئەنبىيا، 16-ئايەت) ئىلاھىي ھېكمەت يارىتىلىش مەقسىتى
    وَمَا خَلَقْنَا السَّمَاءَ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا لَاعِبِينَ
    بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناپ ياراتقىنىمىز يوق (يەنى ئۇلارنى بىكار ياراتماستىن، قۇدرىتىمىزنىڭ ئالامەتلىرى سۈپىتىدە ياراتتۇق) — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناپ ياراتقىنىمىز يوق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناش ئۈچۈن ياراتمىدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناش ئۈچۈن ياراتمىدۇق. ئەكسىچە ئۇلارنى ئىنسانلارغا ھايات كەچۈرۈش شارائىتى ھازىرلاش، ئۇلارغا ياخشى - ياماننى تاللاشتا ئىختىيار بېرىش، ئاندىن ئۇلارنى پەيغەمبەر ئەۋەتىش ئارقىلىق ياخشىغا بۇيرۇش ۋە ياماندىن توسۇش، ئاندىن ئۆز ئىختىيارى ۋە ئەركىن ئىرادىسى بىلەن شۈكۈر قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش، تۇزكورلۇق قىلغانلارنى جازالاش، شۇنداقلا قۇدرەت، ھېكمەت، رەھمەت ۋە ئادالىتىمىزنى نامايان قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتۇق. شۇڭلاشقا بىز ئىلگىرى ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىمىزگە ئەگەشكەنلەرنى مۇكاپاتلاپ ئۇلارغا نۇسرەت ئاتا قىلدۇق، ئەگەشمىگەنلەرنى جازالاپ ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق. جۈملىدىن بىز مۇھەممەدنىمۇ ئويۇن ئويناش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتمىدۇق. ئەكسىچە ئۇنى ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش ئىنسانلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇشى ۋە يامانلىقدىن توسۇشى ئۈچۈن ئەۋەتتۇق. ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر مۇكاپاتقا، ئەگەشمىگەنلەر جازاغا لايىق بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. لَوْ أَرَدْنَا أَنْ نَتَّخِذَ لَهْوًا لَاتَّخَذْنَاهُ مِنْ لَدُنَّا إِنْ كُنَّا فَاعِلِينَ
    ئەگەر بىز ئىچ پۇشۇقى قىلماقچى بولساق، قېشىمىزدىكى نەرسىلەر بىلەن قىلاتتۇق، ئەگەر (شۇنى) ئىرادە قىلغان بولساق (لېكىن بۇ ئۇلۇغ زاتىمىزغا مۇھال بولغانلىقتىن بۇنداق قىلىشنى ئىرادە قىلمىدۇق) — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر بىز ئىچ پۇشۇق چىقارماقچى، ئەلۋەتتە ئۇنى قېشىمىزدىن قىلاتتۇق، ئەگەر قىلماقچى بولساق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر بىز ئوينىماقچى بولغان بولساق، يېنىمىزدىكى نەرسىلەر بىلەن ئوينايتتۇق. لېكىن ئۇنداق قىلمىدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەگەر بىز ئويۇن ئويناشنى ئىرادە قىلغان بولساق ئىدۇق، ئاسمان، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى يارىتىشقا كېرەك يوق ئىدى، ھۇزۇرىمىزدىكى نەرسىلەر بىلەن ئوينىغان بولاتتۇق. لېكىن بىز ئويناشنى ئىرادە قىلمىدۇق، چۈنكى ئويناش بىزنىڭ شەنىمىزگە لايىق بولمايدۇ. شۇڭلاشقا بىز ياراتقان ھەر نەرسىمىزنى ۋە قىلغان ھەر ئىشىمىزنى ھېكمىتىمىزنىڭ تەلىپى بويىچە قۇدرەت ۋە ئادالىتىمىزنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ياراتتۇق. جۈملىدىن ئىنساننى ئويۇن بولسۇن دەپ ياراتمىدۇق. بىز ئۇنى بۇ قەدەر گۈزەل قامەت ۋە مۇكەممەل قابىلىيەتتە يارىتىپ، كائىناتتىكى بارلىق نېمەتلەرنى ئۇنىڭ خىزمىتىگە سۇنۇپ، ئاندىن ئۇنى ھېساب ئالمايلا تاشلىۋەتمەيمىز. ئەكسىچە بىز قىيامەت كۈنى مەھشەرگاھ دەپ بىر سوت مەيدانى قۇرۇپ بارلىق ئىنسانلارنى قايتا تىرىلدۈرۈپ شۇ مەيدانغا توپلايمىز، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدىن دۇنيادىكى چېغىدا قىلغان پۈتكۈل ئىشلىرىنىڭ ھېسابىنى ئالىمىز، ھېسابتىن كېيىن ئۇنى لايىق بولغان جايىغا (جەننەتكە ياكى دوزاخقا) مەڭگۈلۈك تۇرۇشى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرىمىز. نەتىجىدە ئۆز قۇدرەت، ھېكمەت ۋە ئادالىتىمىزنى نامايان قىلىمىز. بىز كائىناتنى ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەخلۇقاتنى مانا بۇ ھەقىقەت ئۈچۈن ياراتتۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. بَلْ نَقْذِفُ بِالْحَقِّ عَلَى الْبَاطِلِ فَيَدْمَغُهُ فَإِذَا هُوَ زَاهِقٌ ۚ وَلَكُمُ الْوَيْلُ مِمَّا تَصِفُونَ
    بىز ھەق ئارقىلىق باتىلغا ھۇجۇم قىلىمىز، ھەق باتىلنى يوقىتىدۇ، باتىل ناگاھان يوقىلىدۇ، (ئى كۇففارلار جامائەسى! ئاللاھنى بالىسى بار، خوتۇنى بار دەپ) سۈپەتلىگەن سۆزۈڭلاردىن سىلەرگە ۋاي! — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ھەق ئارقىلىق باتىلغا ھۇجۇم قىلىمىز، ھەق باتىلنى يوقىتىدۇ، باتىل ناگاھان يوقىلىدۇ، سۈپەتلىگەن سۆزۈڭلاردىن سىلەرگە ۋاي! — تەرجىمە ھەيئىتى

    بەلكى بىز ھەقنى باتىلنىڭ ئۈستىگە ئاتىمىز. ھەق باتىلنىڭ مېڭىسىنى ئېزىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن باتىل يوقىلىدۇ. ئى كافىرلار! ئاللاھقا بوھتان چاپلىغانلىقىڭلار ئۈچۈن ھالىڭلارغا ۋاي!‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنكارچىلار! شۇنداق، بىز ئويۇن ئويناشنى ئىرادە قىلمىدۇق - بىز بۇنداق ئىرادىدىن پاك ۋە ئۈستۈندۇرمىز -. ئەكسىچە بىز پەيغەمبەرلىرىمىز بىلەن ئەۋەتكەن ھەقنى سىلەر ئېسىلىۋالغان باتىلنىڭ ئۈستىگە ئېتىپ، باتىلىڭلارنىڭ مېڭىسىنى يانجىپ تاشلاش، بېشىنى ئېزىۋېتىش، شۇنداقلا ئۇنى يوق قىلىشنى ئىرادە قىلدۇق، ئىرادە قىلىۋاتىمىز. دەرۋەقە بۇ ئىرادىمىز بويىچە يۇقىرىدا (11 ~ 15 - ئايەتلەردە) بايان قىلغىنىمىزدەك، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلىرىمىزنى دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىپ قىلدۇق؛ ئۇلار ئېلىپ كەلگەن ھەق ئۇ دۈشمەنلەرنىڭ باتىلىنى يانجىپ تاشلىدى، ھەق ھاكىم بولدى، باتىل ۋە باتىل تەرەپدارلىرى يەر بىلەن يەكسان بولدى. ئى ئىنكارچىلار! بىز، ئاخىرقى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن ۋە سىلەر ئىنكار قىلغان ھەقنى سىلەرنىڭ باتىلىڭلار ئۈستىگە ئېتىپ، باتىلىڭلارنىڭ مېڭىسىنى ئېزىۋېتىشنى، شۇنداقلا ئۇنى يوق قىلىۋېتىشنىمۇ ئىرادە قىلدۇق. شۇڭلاشقا سىلەرنىڭ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ۋە كىتابىمىز قۇرئان توغرىسىدا قىلغان تۆھمەتلىرىڭلار سەۋەبلىك ھالىڭلارغا ۋاي؛ يېقىندا كۆرگۈلۈكۈڭلارنى كۆرىسىلەر! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. وَلَهُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَمَنْ عِنْدَهُ لَا يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِهِ وَلَا يَسْتَحْسِرُونَ
    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتمايدۇ ۋە ھېرىپمۇ قالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكىلەر ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن تەكەببۇرلۇق قىلىپ باش تارتمايدۇ ۋە ھېرىپمۇ قالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەرنىڭ ئىگىسى پەقەتلا ئاللاھتۇر. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكىلەر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا تەكەببۇرلۇقمۇ قىلمايدۇ، ھارغىنلىقمۇ ھېس قىلمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مەخلۇقىدۇر، ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقى ۋە باشقۇرۇشى ئاستىدىدۇر. يارىتىش ۋە باشقۇرۇشتا ئاللاھ يالغۇزدۇر. شۇڭلاشقا ئىبادەت قىلىنىشقا پەقەت ئاللاھلا لايىقتۇر. ئى مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلىۋاتىسىلەر. بۇ قىلمىشىڭلار ئاللاھقا تەكەببۇرلۇق قىلىشتۇر، ھاكاۋۇرلۇق قىلىشتۇر ۋە بويۇنتاۋلىق قىلىشتۇر. شۇنى بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشكەن پەرىشتىلەر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايدۇ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىپ ھارغىنلىق، زېرىكىش ۋە مالاللىق ھېس قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. يُسَبِّحُونَ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ لَا يَفْتُرُونَ
    ئۇلار كېچە ـ كۈندۈز تەسبىھ ئېيتىدۇ، بوشاشمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار كېچە ـ كۈندۈز تەسبىھ ئېيتىدۇ، بوشاشمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار كېچە - كۈندۈز تەسبىھ ئېيتىدۇ، بۇنىڭدىن ھېچ بوشاپ قالمايدۇ[4].‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار كېچە - كۈندۈز ھېچ بوشاشماستىن ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ. يەنى پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى، بولۇپمۇ ئاللاھقا ئەڭ يېقىن پەرىشتىلەر ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىپ، ئاللاھنى ئۇلۇغلاپ تۇرىدۇ، ئاللاھتىن قورقىدۇ ۋە ئەيمىنىدۇ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ. ئى مۇشرىكلار! ئاللاھتىن غەيرىي - ئاللاھنىڭ مەخلۇقى، ئاللاھنىڭ مۈلكى ۋە ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى بىرەر ئاجىز نەرسە ئىكەنلىكى ئەنە شۇنداق ھەقىقەت ۋە ئەمەلىيەت تۇرۇقلۇق سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ، ئاللاھتىن غەيرىينى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشىڭلار قانداقمۇ ئەقىلگە سىغىدۇ؟! ئاللاھ تائالا 1 ~ 20 - ئايەتلەردە نۇبۇۋۋەت (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى)نىڭ ھەق ئىكەنلەىكىنى ئىسپاتلاپ، ئۇنى ئىنكار قىلغان مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 21 ~ 33 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇ مۇشرىكلارنىڭ شېرىك كەلتۈرۈشىنى ئەيىبلەپ، ئۇلارغا تەۋھىدنىڭ دەلىلىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  21. (21-سۈرە ئەنبىيا، 21-ئايەت) تىرىلىش تاغۇت تەۋھىد
    أَمِ اتَّخَذُوا آلِهَةً مِنَ الْأَرْضِ هُمْ يُنْشِرُونَ
    ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) زېمىندىكى نەرسىلەرنى ئىلاھ قىلىۋالدى، ئۇلار (يەنى بۇ نەرسىلەر) ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەمدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى ئۇلار زېمىندىن ئىلاھلارنى قىلىۋالدىمۇ؟ ئۆلۈكلەرنى ئۇلار تىرىلدۈرەمدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇشرىكلار زېمىندىن بولغان بىر قىسىم نەرسىلەرنى ئىلاھلار قىلىۋالدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۇ ئىلاھلىرى ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەمدۇ؟ ‏ — ئەنەس ئالىم

    مۇشرىكلار پەرىشتىلەرنىڭ ئەكسىچە، ئاللاھنى قويۇپ زېمىننىڭ پارچىلىرىدىن بولغان ۋە زېمىننىڭ پارچىلىرىدىن ياسالغان نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈردىمۇ؟ كەلتۈردى! ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرەلەمدۇ؟ ياق! ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش تۈگۈل، ئۆزلىرىنىڭ قاچان قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار ئۇ نەرسىلەرنى قانداقمۇ ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئەقلى نەدە؟ ئۇلار يارىتىش، ياشىتىش، جان بېرىش، جېنىنى ئېلىش ۋە قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھېچبىرىنى قىلالمايدىغان نەرسىلەرنى قانداقمۇ ئاللاھ بىلەن ئوخشاش كۆرىدۇ؟! ئاللاھقا قىلىشى كېرەك بولغان ئىبادەتنى قانداقمۇ ئۇ نەرسىلەرگە قىلىدۇ؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  22. (21-سۈرە ئەنبىيا، 22-ئايەت) ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تەۋھىد
    لَوْ كَانَ فِيهِمَا آلِهَةٌ إِلَّا اللَّهُ لَفَسَدَتَا ۚ فَسُبْحَانَ اللَّهِ رَبِّ الْعَرْشِ عَمَّا يَصِفُونَ
    ئەگەر ئاسمان ـ زېمىندا ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، (كائىناتنىڭ تەرتىپى) ئەلۋەتتە بۇزۇلاتتى، ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئاسمان ـ زېمىندا ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، ئىككىسىنىڭ تەرتىپى ئەلۋەتتە بۇزۇلاتتى، ئەرشنىڭ رەببى ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئاسمان - زېمىندا ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، ھەر ئىككىلىسى بۇزۇلاتتى. ئەرشنىڭ رەببى ئاللاھ ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاكتۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەگەر ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بولسا ئىدى، ئاسمان - زېمىن ۋە ئۇلاردىكى نەرسىلەر بۇ پۇختا ۋە تەڭداشسىز ئىنتىزام ئۈستىدە بولمىغان بولاتتى. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئىنتىزامى ۋە تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ ئاللىقاچان ۋەيران بولۇپ كەتكەن بولاتتى. چۈنكى ھەر ئىلاھ ئۇلارنىڭ ئىنتىزامىنى ئۆزى چاغلاپ بېكىتىشكە تىرىشقان، ئۆزئارا توقۇنۇشقان ۋە ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋالغان، نەتىجىدە باشقۇرۇشنى تالىشىپ كائىناتنى ۋەيران قىلىۋەتكەن بولاتتى. ئاسمان - زېمىن ۋە ئۇلاردىكى نەرسىلەرنىڭ ئىنتىزامىنىڭ بۇزۇلماسلىقى، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئاللاھنىڭ بىردىنبىر رەب ۋە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەرشنىڭ ئىگىسى بولغان، يەنى كائىناتنى يوقتىن يارىتىپ ئۇلارنى باشقۇرۇۋاتقان ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ تۆھمەتلىرىدىن پاكتۇر. ئى مۇشرىكلار! ئاسمان، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى نەرسىلەرنىڭ بۇ قەدەر نازۇك، پۇختا ۋە مۇكەممەل سىستېما ۋە قانۇنىيەت بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۇلارنى ئەڭ مۇۋاپىق شەكىللەردە پىلانلىغان، يوقتىن ياراتقان، ھەربىرىنى ئۆزىگە لايىق جايغا ئورۇنلاشتۇرغان، ئەنە شۇ سىستېما ۋە قانۇنىيەتلەرنى بېكىتىپ باشقۇرۇۋاتقان زاتنىڭ يەككە - يېگانە ئاللاھ ئىكەنلىكىنى ۋە ئىبادەتكە شۇ ئاللاھنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئى مۇشرىكلار! سىلەر ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۆزۈڭلارنى ئاللاھنىڭ ياراتقانلىقىنى، قۇياشنى ۋە ئاينى ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئاللاھنىڭ بويسۇندۇرغانلىقىنى ئېتىقاد قىلىسىلەر. ئۆزۈڭلارغا ئاللاھنىڭ رىزىق بېرىۋاتقانلىقىنى، دۇنياغا كەلگەن جانلىقلارنى ئاللاھنىڭ يارىتىۋاتقانلىقىنى، ئۆلگەنلەرنى ئاللاھنىڭ ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقىنى، بارلىق مەخلۇقاتنىڭ ئىشلىرىنى ئاللاھنىڭ پىلانلاۋاتقانلىقىنى ۋە باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىسىلەر. «زېمىن ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر»، «يەتتە قات ئاسماننىڭ ۋە ئۇلۇغ ئەرشىنىڭ ئىگىسى ئاللاھتۇر»، «ھەر نەرسىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر» دەپ قارايسىلەر. ئى مۇشرىكلار! ئىبادەتنى نېمىشقا شۇ رۇبۇبىيەتتە شېرىكى يوق ئاللاھقىلا قىلمايسىلەر؟! سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردا بىر زىتلىق يوقمۇ؟ ئېتىقادىڭلاردا بىر قارىمۇقارشىلىق يوقمۇ؟ يولۇڭلاردا بىر ئەگرىلىك يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە بار! چۈنكى سىلەر يارىتىش، رىزىق بېرىش ۋە باشقۇرۇشتا ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق دەيسىلەر، لېكىن ئىبادەتكە لايىق بولۇشتا شېرىكى بار دەپ ئېتىقاد قىلىسىلەر ۋە شېرىك كەلتۈرىسىلەر. سىلەر ھەقىقەتەن ئەخمەقسىلەر، قىلمىشىڭلار ھەقىقەتەن ئەجەبلىنەرلىكتۇر ۋە ئاقىۋىتىڭلار خەتەرلىكتۇر.. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  23. لَا يُسْأَلُ عَمَّا يَفْعَلُ وَهُمْ يُسْأَلُونَ
    ئاللاھنىڭ قىلغانلىرىدىن سوئال ـ سوراق قىلىنمايدۇ، ئۇلاردىن سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ قىلغانلىرىدىن سوئال ـ سوراق قىلىنمايدۇ، ئىنسانلار بولسا سوئال ـ سوراق قىلىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ قىلمىشى توغرۇلۇق سوئال - سوراق قىلىنمايدۇ. ئۇلار سوئال - سوراق قىلىنىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ يەككە - يېگانە رەب ۋە بىردىنبىر ئىلاھ بولغانلىقى ئۈچۈن، ھېچكىم ئاللاھنى قىلمىشى توغرىسىدا سوئال - سوراق قىلالمايدۇ؛ ئاللاھ خالىغىنىنى ئەزىز خالىغىنىنى خار، خالىغىنىنى شاھ خالىغىنىنى گاداي، خالىغىنىنى پېقىر خالىغىنىنى باي،... قىلىدۇ، بۇلارنى ئۆز خاھىشى ۋە ئىرادىسى بىلەن قىلىدۇ، بۇ توغرۇلۇق ھېچكىمگە ھېساب بەرمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ ئىگىسىدۇر؛ ھەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسى، باشقۇرغۇچىسى ۋە لازىمەتلىك نەرسىلەر بىلەن تەمىنلىگۈچىسىدۇر. ئاللاھتىن غەيرىي ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر؛ ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقى ۋە باشقۇرۇشى ئاستىدىدۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھۇزۇرىغا كەلتۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى دۇنيادىكى چېغىدا قىلغان قىلمىشلىرى توغرۇلۇق سوئال - سوراق قىلىدۇ؛ ئۇلارنى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ. دۇنيادىكى چېغىدا ئاللاھ ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىپ ياشىغانلارنى مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ، ئازغۇنلۇقتا ئەزۋەيلەپ ياشىغانلارنى مەڭگۈ بەختسىزلىككە دۇچار قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  24. (21-سۈرە ئەنبىيا، 24-ئايەت) شېرىك تەۋھىد ھەق
    أَمِ اتَّخَذُوا مِنْ دُونِهِ آلِهَةً ۖ قُلْ هَاتُوا بُرْهَانَكُمْ ۖ هَٰذَا ذِكْرُ مَنْ مَعِيَ وَذِكْرُ مَنْ قَبْلِي ۗ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ الْحَقَّ ۖ فَهُمْ مُعْرِضُونَ
    ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، باشقا مەبۇدلارنى ئىلاھ قىلىۋالدىمۇ؟ ئېيتقىنكى: «(بۇنىڭغا) دەلىلىڭلارنى كۆرسىتىڭلار، مانا بۇ مەن بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ كىتابى (يەنى قۇرئان) دۇر ۋە مەندىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ (تەۋرات، ئىنجىل قاتارلىق) كىتابىدۇر، ئۇلارنىڭ تولىسى ھەقنى ئۇقمايدۇ، ئۇلار (تەۋھىد) تىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئاللاھ نى قويۇپ، باشقا مەبۇدلارنى ئىلاھ قىلىۋالدىمۇ؟ ئېيتقىنكى: «دەلىلىڭلارنى كۆرسىتىڭلار، مانا بۇ مەن بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ كىتابى -يەنى قۇرئان- دۇر ۋە مەندىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ كىتابىدۇر، ئۇلارنىڭ تولىسى ھەقنى ئۇقمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى ئۇلار ئاللاھتىن غەيرىينى ئىلاھلار قىلىۋالدىمۇ؟ ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار! مانا بۇ مەن بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ زىكرىدۇر ۋە مەندىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ زىكرىدۇر». لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى ھەقنى بىلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئىككى ئايەتتە تەۋھىدكە ئىككى دانە ئەقلىي دەلىل كەلتۈرگەندىن كېيىن بۇ ئايەتتە ئۇلارغا تەۋھىدنىڭ نەقلىي دەلىلىنى كەلتۈرىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانە رەب ۋە ئىلاھلىقى ئەنە شۇنداق ئەمەلىيەت تۇرۇقلۇق مۇشرىكلار ئۇ ئەمەلىيەتكە كۆز يۇمدى؛ ئاللاھتىن غەيرىنى ئىلاھ دەپ تونۇپ ئۇلارنى ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈردى؛ ئاللاھنى قويۇپ ئۇ نەرسىلەرگە چوقۇندى. ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «بۇ چوقۇنۇۋاتقان نەرسەڭلارنىڭ ئىلاھلىقىغا، شۇنداقلا ئىبادەتتە ئاللاھ شېرىك ئىكەنلىكىگە يەنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش بىلەن بىرلىكتە ئۇلارغىمۇ ئىبادەت قىلىشنىڭ توغرىلىقىغا دەلىل كەلتۈرۈڭلار، ھەرگىزمۇ كەلتۈرەلمەيسىلەر، چۈنكى مەندىن ئىلگىرى كەلگەن ھەر پەيغەمبەر تەۋھىدكە بۇيرۇپ شېرىكتىن توسقان. قۇرئاندىن ئىلگىرى نازىل بولغان ھەر ئىلاھىي كىتاب تەۋھىدكە بۇيرۇپ شېرىكتىن توسقان. مانا بۇ قۇرئان مەن بىلەن بىللە بولغان كىشىلەرگە نازىل قىلىنغان ئىلاھىي نەسىھەتنى ۋە مەندىن ئىلگىرىكىلەرگە نازىل قىلىنغان ئىلاھىي نەسىھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قۇرئان، ئاللاھنىڭ شېرىكتىن توسۇش ۋە تەۋھىدكە ئەمىر قىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابلارنىڭ مەزمۇمىنىنىڭمۇ شېرىكتىن توسۇش، تەۋھىدكە ئەمىر قىلىش ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلىدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ خەۋىرى بولۇپ، جەزمەن ھەق ۋە راستتۇر. شۇڭلاشقا سىلەر ئى مۇشرىكلار! نە ماڭا نازىل قىلىنغان قۇرئاندا، نە مەندىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلاردا سىلەرنىڭ دەۋا ۋە قىلمىشىڭلارغا ھەرگىزمۇ دەلىل يوقتۇر. مانا بۇ قۇرئان، ئەنە ئىلگىرى نازىل بولغان كىتابلار». ئى مۇھەممەد! ئەسلىدە ئۇ مۇشرىكلارنىڭ تولىسى ھەقنى بىلمەيدۇ؛ ئۇ كىتابلارنى ئوقۇمىغانلىقى ئۈچۈن مەزمۇنىنى چۈشەنمەيدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرۈشى بىر دەلىلگە ئاساسلانغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرۈشى جاھالەت ۋە تەقلىدچىلىكتىن بولغان. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار تەۋھىدتىن يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  25. وَمَا أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ مِنْ رَسُولٍ إِلَّا نُوحِي إِلَيْهِ أَنَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا أَنَا فَاعْبُدُونِ
    (ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە: «مەندىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە: «مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار» دەپ ۋەھيى قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن ھەر ئەلچىگە: «مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، شۇڭلاشقا ماڭا ئىبادەت قىلىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن ھەر ئەلچىمىزنى ئىنسانلارغا، «مەندىن باشقا ئىلاھ يوق، ئۇنداقتا ئىبادەتنى ماڭا قىلىڭلار» دېگەن ھەقىقەتنى ۋە بۇيرۇقنى يەتكۈزۈشى ئۈچۈن ئەۋەتتۇق. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە پەرىشتىلەرگە چوقۇنغان مۇشرىكلارغا رەددىيە بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. وَقَالُوا اتَّخَذَ الرَّحْمَٰنُ وَلَدًا ۗ سُبْحَانَهُ ۚ بَلْ عِبَادٌ مُكْرَمُونَ
    ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار): «ئاللاھنىڭ (پەرىشتىلەردىن) بالىسى بار» دېيىشتى، ئۇنداق ئەمەس. ئاللاھ (بۇنىڭدىن) پاكتۇر، (پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ) ھۆرمەتلىك بەندىلىرىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ئاللاھنىڭ - پەرىشتىلەردىن- بالىسى بار» دېيىشتى، ئۇنداق ئەمەس. ئاللاھ بۇنىڭدىن پاكتۇر، -پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ- ھۆرمەتلىك بەندىلىرىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنداقتىمۇ بەزىلەر: «پەرىشتىلەر رەھماننىڭ بالىلىرى» دېيىشتى. ياق، ئاللاھ بۇنىڭدىن پاكتۇر، ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس! بەلكى پەرىشتىلەر ھۆرمەتلىك بەندىلەردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    بەزى ئەرەب مۇشرىكلىرى ئۆزلىرىنىڭ: «پەرىشتىلەرنى ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دېگەن باتىل ئېتىقادى بىلەن، شۇنچە نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھقا بالا مەنسۇپ قىلىپ: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېدى. ئاللاھ بالىسى بولۇشتىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر. پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بالىلىرى ئەمەس، ئەكسىچە ئاللاھنىڭ ھۆرمەتلىك بەندىلىرىدۇر؛ ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىش، تائەت - ئىبادەت قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى ئىجرا قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان ۋە ئاللاھ ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇش بىلەن شەرەپلەندۈرگەن ئالاھىدە بەندىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  27. (21-سۈرە ئەنبىيا، 27-ئايەت) پەرىشتىلەر ئاللاھقا ئىتائەت
    لَا يَسْبِقُونَهُ بِالْقَوْلِ وَهُمْ بِأَمْرِهِ يَعْمَلُونَ
    ئۇلار (يەنى پەرىشتىلەر) ئاللاھقا ئالدى بىلەن سۆز قىلىشقا پېتىنالمايدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئاللاھقا ئالدى بىلەن سۆز قىلىشقا پېتىنىلمايدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئاللاھتىن ئىلگىرى سۆز قىلمايدۇ. ئۇلار پەقەت ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش قىلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز گەپ قىلمايدىغان؛ بىر نەرسە دېمەكچى بولسا، ئۇنى ئاللاھ رۇخسەت قىلغاندا ئېيتىدىغان، ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن قىلىدىغان، ئاللاھ بەلگىلىگەن دائىرىدىن ھېچ چىقمايدىغان ناھايىتى ئەدەپلىك بەندىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  28. يَعْلَمُ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَلَا يَشْفَعُونَ إِلَّا لِمَنِ ارْتَضَىٰ وَهُمْ مِنْ خَشْيَتِهِ مُشْفِقُونَ
    ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى ۋە قىلماقچى بولغانلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئاللاھ رازى بولغانلارغىلا شاپائەت قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ھەيۋىسىدىن تىترەپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى ۋە قىلماقچى بولغانلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلار ئاللاھ رازى بولغانلارغىلا شاپائەت قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ھەيۋىسىدىن تىترەپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى نەرسىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ كەينىدىكى نەرسىلەرنى بىلىدۇ. ئۇلار پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەنلەرگىلا شاپائەت قىلىدۇ. ئۇلار ئاللاھتىن قورقۇپ تىترەپ تۇرىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ئۇلارنىڭ چوڭ - كىچىك، ئۆتمۈشتىكى، كېلەچەكتىكى بارلىق ئەھۋالىنى ۋە پۈتكۈل ئىشلىرىنى بىلىدۇ. ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھ شافائەت قىلىنىشىغا رازى بولغان كىشىگىلا شافائەت قىلىدۇ. ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ ئازابى ۋە غەزىپىدىن قورقۇپ، ھەيۋىتى ۋە ئۇلۇغلۇقىدىن ئەيمىنىپ تىترەپ تۇرىدۇ، ئاللاھقا تەزىم ۋە ئېھتىرام قىلىپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  29. وَمَنْ يَقُلْ مِنْهُمْ إِنِّي إِلَٰهٌ مِنْ دُونِهِ فَذَٰلِكَ نَجْزِيهِ جَهَنَّمَ ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِي الظَّالِمِينَ
    ئۇلاردىن كىمكى، مەن ئاللاھتىن باشقا ئىلاھمەن، دەيدىكەن، ئۇنى دوزاخ بىلەن جازالايمىز، زالىملارنى شۇنداق جازالايمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن كىمكى، مەن ئاللاھتىن باشقا ئىلاھمەن، دەيدىكەن، ئۇنى دوزاخ بىلەن جازالايمىز، زالىملارنى شۇنداق جازالايمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلاردىن كىم: «مەنمۇ ئاللاھتىن باشقا بىر ئىلاھمەن» دېسە، بىز ئۇنى جەھەننەم بىلەن جازالايمىز. بىز زالىملارنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەگەردە ئۇ پەرىشتىلەردىن بىرى: «ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە مەنمۇ ئىلاھ» دەپ ئىلاھلىق دەۋاسى قىلسا، بىز ئەنە شۇ ئىلاھلىق دەۋاسى قىلغان پەرىشتىنى دوزاخ بىلەن جازالايمىز. بىز كۇفرىلىق قىلىش ۋە شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارنى ئەنە شۇ دوزاخ بىلەن جازالايمىز. ئەسكەرتىش: پەرىشتىلەر - «نۇردىن يارىتىلغان»، ئەركەكلىك ياكى چىشىلىك بىلەن سۈپەتلەنمەيدىغان، شۇنداقلا ئۆيلىنىش ۋە بالا - چاقىلىق بولۇشقا ئېھتىياجلىق بولمايدىغان، يېمەك - ئىچمەككە موھتاج بولمايدىغان، كېچە - كۈندۈز ئاللاھ تائالاغا تائەت - ئىبادەت قىلىپ ھارمايدىغان ۋە مالاللىق ھېس قىلمايدىغان، پەرقلىق مىقداردا قانىتى بولغان، ناھايىتى تېز ھەرىكەت قىلىش ۋە بىر يەردىن باشقا بىر يەرگە تېز يۆتكىلىش قابىليىتىگە ئىگە قىلىپ يارىتىلغان، پەرقلىق ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەن، ئاللاھنىڭ ئەرشىنى كۆتۈرۈش، ئىنسانلارنى كۆزىتىش، ئۇلارنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرىنى يېزىش، ئەجىلى توشقانلارنى ۋاپات قىلدۇرۇش، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كائىناتتا قىلىنىشى پىلانلانغان ئىشلارنى ئىجرا قىلىش، ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىن پەيغەمبەرلىككە تاللانغانلارغا ۋەھىي نازىل قىلىش، قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشى ۋە ئىنسانلارنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلۈشى ئۈچۈن سۇر چېلىش، خالايىقنى مەھشەرگاھقا كەلتۈرۈش، لايىق بولغانلارنى جەننەتكە، تېگىشلىك بولغانلارنى دوزاخقا ئېلىپ بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش، جەننەت ۋە دوزاختىكى ئىشلارنى ئىجرا قىلىش... قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدىغان ئالاھىدە بەندىلەردۇر . ئۇلارغا ئىشىنىش ئىماننىڭ بىر شەرتىدۇر⑪. ئاللاھ تائالا 21 ~ 29 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارنى ئەيىبلەيدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ . 30 ~ 33 - ئايەتلەردە بولسا، تەۋھىدنىڭ دەلىللىرىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  30. أَوَلَمْ يَرَ الَّذِينَ كَفَرُوا أَنَّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ كَانَتَا رَتْقًا فَفَتَقْنَاهُمَا ۖ وَجَعَلْنَا مِنَ الْمَاءِ كُلَّ شَيْءٍ حَيٍّ ۖ أَفَلَا يُؤْمِنُونَ
    كاپىرلار بىلمەمدۇكى، ئاسمانلار بىلەن زېمىن بىر ـ بىرىگە تۇتاش ئىدى، ئۇلارنى ئايرىۋەتتۇق، ھەممە جانلىق مەۋجۇداتنى سۇدىن ياراتتۇق، ئۇلار (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە) ئىشەنمەمدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    كاپىرلار بىلمەمدۇكى، ئاسمانلار بىلەن زېمىن بىر ـ بېرىگە تۇتاش ئىدى، ئۇلارنى ئايرىۋەتتۇق، ھەممە جانلىق مەۋجۇداتنى سۇدىن ياراتتۇق، ئۇلار ئىشەنمەمدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كافىرلار كۆرمىدىمۇ؟ ئاسمانلار بىلەن زېمىن تۇتاش ئىدى، ئۇ ئىككىسىنى بىز ئايرىدۇق. بىز ھەر جانلىق نەرسىنى سۇدىن ياراتتۇق. ئۇلار يەنىلا ئىشەنمەمدۇ؟‏ — ئەنەس ئالىم

    بىزگە كۇفرىلىق قىلىۋاتقانلارنىڭ كۆزلىرى كورمۇ؟ ئۇلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ باشتا بىر - بىرىگە تۇتاش ئىكەنلىكىنى، ئاندىن بىزنىڭ ئۇلارنى بىر – بىرىدىن ئايرىغانلىقىمىزنى ۋە ھەر جانلىق نەرسىنى سۇدىن ئاپىرىدە قىلغانلىقىمىزنى نېمىشقا كۆرمەيدۇ؟ ئۇلار شۇنچە روشەن دەلىللەرگە نېمىشقا كۆز يۇمىدۇ؟ بۇ ئايەت ئاسمانلارننىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئاخىرقى ھالىتىگە كەلتۈرۈلۈش جەريانىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەت ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر دالالەت قىلىدۇكى، ئاسمانلار ۋە زېمىن ئەسلىدە يوق ئىدى، ئاللاھ تائالا دەسلەپتە ئۇلارنىڭ ماددىلىرىنى يوقتىن ياراتتى، ئۇلار ئۇ چاغدا بىر پۈتۈن (كاللەك) ھالەتتە يارىتىلدى. ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى بىر - بىرىدىن ئايرىدى، ئاخىرىدا ئاسمانلارنى يەتتە قات ئاسمان قىلىپ زېمىننىڭ ئۈستۈن تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇردى، شۇنداقلا ئۇ ئاسمانلارنى سەييارە ۋە يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدى. شۇنىڭدەك، زېمىننى يارىتىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە تۈرلۈك نېمەتلەرنى ۋە جانلىقلارنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرى. نەتىجىدە ھەر ئىككىسى (ئاسمان - زېمىن) ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا مۇناسىپ مۇھىتنىڭ بەرپا بولۇشىغا ۋاسىتە بولىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلدى. ئاللاھ تائالا بۇ ئىشلارنى، مىقدارىنى پەقەت ئۆزى بىلىدىغان ئالتە كۈندە تاماملىدى. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارتىلىشىغا، ئۇلاردا مەيدانغا كېلىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر ۋە بولۇۋاتقان ئىشلارغا قارىغان ھەر ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىلمىي سەۋىيەسى ۋە دىققەت نىسبىتى بويىچە ئىلىمگە ئېرىشىدۇ، شۇنداقلا تەۋھىدنىڭ دەلىللىرىنى كۆرىدۇ. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە كۆپلىگەن ئايەتتە ئۇلاردا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋمگە، ئىشىنىدىغان قەۋمگە، ھەقىقەتكە قۇلاق سالىدىغان قەۋمگە، تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋمگە دەلىللەر بار دەپ، ھەر ئەقىل ئىگىسىنى ئۇلارغا ئەقىل كۆزلىرى بىلەن قاراشقا، ئۇلار ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشقا، ئىزدىنىشكە ۋە تەكشۈرۈشكە چاقىرىدۇ، ئۇلارغا قارىمىغانلارنى ئەيىبلەيدۇ. بۇ ھەقتە 91 - سۈرە (شەمس)نىڭ 5 - ۋە 6 - ئايەتلىرىنىڭ تەپسىرىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  31. (21-سۈرە ئەنبىيا، 31-ئايەت) ئىلاھىي ھېكمەت زېمىن ۋە تاغلار
    وَجَعَلْنَا فِي الْأَرْضِ رَوَاسِيَ أَنْ تَمِيدَ بِهِمْ وَجَعَلْنَا فِيهَا فِجَاجًا سُبُلًا لَعَلَّهُمْ يَهْتَدُونَ
    تەۋرەپ ئۇلارنىڭ خاتىرجەمسىز بولماسلىقى ئۈچۈن، بىز زېمىندا تاغلارنى ياراتتۇق، ئۇلارنى (سەپەردە) كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە يېتىۋالسۇن دەپ، تاغلاردا كەڭ يوللارنى ياراتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    يەر تەۋرەپ ئۇلارنىڭ خاتىرجەمسىز بولماسلىقى ئۈچۈن، بىز زېمىندا تاغلارنى ياراتتۇق، ئۇلارنى كۆزلىگەن مەقسەتلەرگە يېتىۋالسۇن دەپ، تاغلاردا كەڭ يوللارنى ياراتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز زېمىندا ئىنسانلارنى تەۋرىتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن مۇستەھكەم تاغلارنى ئورناتتۇق ۋە ئۇلارنى بارىدىغان يېرىگە بارالىسۇن دەپ ئۇ تاغلاردا كەڭ يوللارنى ئاچتۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز زېمىننىڭ، قالايمىقان ھەرىكەت قىلىپ ئۈستىدىكىلەرنى بىئارام قىلماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدا مۇستەھكەم تاغلارنى بار قىلدۇق. شۇنىڭدەك، بىز زېمىندا ئىنسانلارنىڭ بارىدىغان يەرلىرىگە بارالىشى، شۇنداقلا تىرىكچىلىك قىلالىشى ئۈچۈن كەڭ يوللارنى بار قىلدۇق. بۇلاردىمۇ بىزنىڭ يەككە - يېگانە رەب ۋە ئىلاھ ئىكەنلىكىمىزنىڭ دەلىللىرى بار. دەرۋەقە تاغلار، ئۆزلىرىنىڭ كۆركەم مەنزىرىسى ۋە ئىنسانلارغا سۇنۇۋاتقان مەنپەئەتلىرى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ھېكمىتى چوڭقۇر، ئىلمى چەكسىز ۋە رەھمىتى كەك، شۇنداقلا ئىبادەتكە لايىق بولۇشتا يالغۇز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. تاغلارنىڭ، زېمىننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش بىلەن بىرلىكتە، زېمىندا دەريا ۋە ئۈستەڭلەرنىڭ ھاسىل بولۇشى، ئىنسانلارنىڭ ۋە ھايۋانلارنىڭ تاتلىق سۇ بىلەن تەمىنلىنىشى ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئۈنۈپ تۈرلۈك - تۈرلۈك باغلار، خىلمۇخىل زىرائەتلەر، بىپايان ئوتلاقلار، رەڭگارەڭ گۈل - چېچەكلەرنىڭ يېتىشىشى ئۈچۈن رولى چوڭدۇر. شۇڭلاشقا قۇرئان كەرىمدە تاغلار زىكىر قىلىنغان ئاياتلەردە ئۇلارنىڭ بۇ رولىغا ئىشارەت قىلىنىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە تاغلارنىڭ مۇستەھكەم ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىلەن بىرلىكتە ئۆستەڭلەرنىڭ بار قىلىنىشى، ھەر تۈرلۈك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۈندۈرۈلۈشى، ھەر جانلىقنىڭ يارىتىلىپ يەر يۈزىگە تارقىتىلىشى، ئىنسانلارنىڭ تاتلىق سۇ بىلەن سۇغۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ زىكىر قىلىنىشى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. بۇ توغرىدا 88 - سۈرە (غاشىيە)نىڭ 19 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  32. وَجَعَلْنَا السَّمَاءَ سَقْفًا مَحْفُوظًا ۖ وَهُمْ عَنْ آيَاتِهَا مُعْرِضُونَ
    ئاسماننى بىز بىخەتەر ئۆگزە قىلدۇق، ھالبۇكى، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاسماندىكى (كۈن، ئاي، يۇلتۇزلارغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسماننى بىز بىخەتەر ئۆگزە قىلدۇق، ھالبۇكى، ئۇلار ئاسماندىكى ئالامەتلەردىن غەپلەتتىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز يەنە ئاسماننى مۇھاپىزەت قىلىنغان تورۇس قىلدۇق. ھالبۇكى، ئۇلار بۇنىڭدىكى ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئاسماننى ئىنسانلارنىڭ ئۈستىدە ئېگىز تۇرۇسقا ئوخشاش قىلدۇق، ئۇنى ۋە ئۇنىڭدىكى جىسىملارنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈشتىن ساقلىدۇق. بۇ ھەقىقەت ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرۇقلۇق ئۇلار ئاسمانغا ئەقىل كۆزلىرى بىلەن قاراشتىن، شۇنداقلا ئاسماننىڭ ۋە ئۇنىڭدىكى جىسىملارنىڭ چۈشۈپ كەتمەي تۇرۇشىدىن ئىبرەت ئالمايۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىدە خۇددى بۈيۈك بىر گۈمبەزدەك تۇرۇۋاتقان ئاسمانغا ۋە ئۇنىڭدا مېڭىپ تۇرۇۋاتقان جىسىملارغا (سەييارە ۋە يۇلتۇزلارغا) دىققەت بىلەن قارىغان بولسا ئىدى، قۇدرەت، ھېكمەت ۋە رەھمىتىمىزنىڭ دەلىللىرىنى كۆرگەن بولاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  33. وَهُوَ الَّذِي خَلَقَ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ ۖ كُلٌّ فِي فَلَكٍ يَسْبَحُونَ
    ئاللاھ كېچىنى ۋە كۈندۈزنى، كۈننى ۋە ئاينى ياراتتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى (ئۆزىگە خاس) پەلەكتە سەير قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ كېچىنى ۋە كۈندۈزنى، كۈننى ۋە ئاينى ياراتتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بىر پەلەكتە سەير قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ شۇنداق زاتكى، كېچىنى، كۈندۈزنى، قۇياشنى ۋە ئاينى ياراتتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بىر ئوربىتىدا ئۈزمەكتىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ كېچىنى، كۈندۈزنى، قۇياشنى ۋە ئاينى ياراتقان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە ئايرىم يول بەلگىلەپ ئۇنى شۇ يولدا ماڭدۇرۇپ تۇرۇۋاتقان زاتتۇر. ئاللاھنىڭ يارىتىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئوربىتىسىدا ئەجىلى توشقۇچىلىك مۇكەممەل ئىنتىزام بىلەن مېڭىپ تۇرىدۇ؛ ھېچبىرى ئۆز ئوربىتىسىدىن چىقمايدۇ، مېڭىش سۈرئىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، مەنزىلىدىن چەتنىمەيدۇ. بۇلاردىمۇ ئاللاھنىڭ قۇدرەت، ھېكمەت ۋە رەھمىتىنىڭ دەلىللىرى بار. بۇلار ئۈستىدە تەپەككۇر قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانە رەب ۋە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. دەرۋەقە ئاللاھ تائالا كېچىنى ئىنسانلارنىڭ ئارام ئېلىشى ئۈچۈن، كۈندۈزنى ئىشلەپ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تېپىشى ئۈچۈن ياراتقان. قۇياشنى يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق تارقىتىپ تۇرغۇچى، ئاينى قۇياشنىڭ نۇرىنى ئەكس ئەتتۈرگۈچى قىلىپ ياراتقان، شۇنداقلا ئۇلارنى ھېساب ۋاسىتىسى قىلغان. ئاللاھ تائالا 30 ~ 33 - ئايەتلەردە ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى بارلىق مەخلۇقاتنى ياراتقانلىقىنى ۋە ئۆزى بېكىتكەن قانۇنىيەت بىلەن ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يارىتىلىشىدا ۋە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ تۇرۇشىدا ئۆزىنىڭ قۇدرەت، ھېكمەت، ئىلىم ۋە رەھمەتلىرىنىڭ دەلىللىرى بارلىقىنى بايان قىلىدۇ. 34 - ۋە 35 ئايەتتە بولسا، بۇ دۇنياغا كەلگەن ھەر ئىنساننىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى، ئىنسانلارنى ياخشىلىق ۋە يامانلىق بىلەن سىنايدىغانلىقىنى، ئاخىرىدا ھەممەيلەننى ھۇزۇرىغا يىغىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇ مەخلۇقاتلارنى مەڭگۈ داۋاملىشىشى ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ھەربىرىگە مۇئەييەن ئەجەل بەلگىلەپ ياراتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ يارىتىلىش ھېكمىتىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  34. (21-سۈرە ئەنبىيا، 34-ئايەت) ئۆلۈم پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى
    وَمَا جَعَلْنَا لِبَشَرٍ مِنْ قَبْلِكَ الْخُلْدَ ۖ أَفَإِنْ مِتَّ فَهُمُ الْخَالِدُونَ
    (ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئىلگىرى (ئىنسانلاردىن) ھېچ كىشىنى مەڭگۈ ياشاتقىنىمىز يوق، سەن ئۆلسەڭ، ئۇلار مەڭگۈ ياشامدۇ؟ (بۇنداق بولۇشقا ئۇلار ھەرگىزمۇ مۇيەسسەر بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- سەندىن ئىلگىرى ھېچ كىشىنى مەڭگۈ ياشاتقىنىمىز يوق، سەن ئۆلسەڭ، ئۇلار مەڭگۈ ياشامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! بىز سەندىن ئىلگىرى ھېچكىمنى مەڭگۈ ياشايدىغان قىلمىدۇق. سەن ئۆلسەڭ، ئۇلار مەڭگۈ ياشامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز سەندىن ئىلگىرى ھېچكىمگە بۇ دۇنيادا مەڭگۈ ياشاش نېسىپ قىلمىدۇق. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق مۇشرىكلار گويا ئۆزلىرى ئۆلمەيدىغاندەك، سېنىڭ زاماننىڭ ھادىسىلىرىگە يولۇقۇپ ئۆلۈپ كېتىشىڭنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ. سەن ئۆلۈپ كەتسەڭ، ئۇلار مەڭگۈ ياشامدۇ؟ ياق! ئۇلارمۇ ئۆلىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭ سېنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىڭنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۆلمەستىن خۇشال - خۇرام ياشىشىنى ئويلىشى ھاماقەتلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  35. (21-سۈرە ئەنبىيا، 35-ئايەت) تىرىلىش ئۆلۈم ئىلاھىي سىناق
    كُلُّ نَفْسٍ ذَائِقَةُ الْمَوْتِ ۗ وَنَبْلُوكُمْ بِالشَّرِّ وَالْخَيْرِ فِتْنَةً ۖ وَإِلَيْنَا تُرْجَعُونَ
    ھەر بىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنى بىز يامانلىققا مۇپتىلا قىلىش، ياخشىلىق بېرىش ئارقىلىق سىنايمىز. سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر (ئەمەلىڭلارغا يارىشا جازالايمىز) — مۇھەممەد سالىھ

    ھەر بىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنى بىز يامانلىققا مۇپتىلا قىلىش، ياخشىلىق بېرىش ئارقىلىق سىنايمىز. سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھەر جانلىق ئۆلۈمنى تېتىغۇچىدۇر. بىز سىلەرنى ياخشىلىق ۋە يامانلىق بىلەن سىنايمىز. سىلەر ئاخىرىدا بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا قايتۇرۇلىسىلەر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ھەر جانلىق ئەلۋەتتە ئۆلۈمنى تېتىيدۇ. بىزنىڭ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق مەخلۇقاتنى ئىنسانلارنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىدا مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن يارىتىشىمىز، ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئەجىلىنى قىيامەتكە قەدەر قىلىشىمىز، ئىنسانلارنى بولسا قىيامەتكە قەدەر بىر تەرەپتىن تۇغۇلۇپ تۇرىدىغان بىر تەرەپتىن ئۆلۈپ تۇرىدىغان قىلىپ يارىتىشىمىز، ئىنسانلارنى، جۈملىدىن سىلەرنى يامانلىق ۋە ياخشىلىق بىلەن سىناش ئۈچۈندۇر؛ يامانلىققا سەۋر قىلغۇچىلارنى پەرياد قىلغۇچىلاردىن، ياخشىلىققا شۈكۈر قىلغۇچىلارنى تۇزكورلۇق قىلغۇچىلاردىن ئەمەلىيەتتە ئايرىش ئۈچۈندۇر. شۇڭلاشقا ئى ئىنسانلار! سىلەر دۇنيادا ۋاقىتلىق ياشايسىلەر، بۇ ھاياتىڭلاردا بايلىق، ساقلىق ۋە خاتىرجەملىكتەك ياخشىلىقلارغا ئېرىشىسىلەر، پېقىرلىق، كېسەللىك ۋە ئەنسىزلىكتەك يامانلىقلارغا يولۇقۇپ تۇرىسىلەر. ئاخىرىدا بىز ھەممىڭلارنى ھۇزۇرىمىزغا قايتۇرۇپ كېلىمىز ۋە قىلمىشىڭلارنىڭ ھېسابىنى سىلەردىن سورايمىز، سىنىقىمىزدىن ئۆتكەنلىرىڭلارنى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلايمىز، ئۆتەلمىگەنلىرىڭلارنى دوزاخ بىلەن جازالايمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  36. وَإِذَا رَآكَ الَّذِينَ كَفَرُوا إِنْ يَتَّخِذُونَكَ إِلَّا هُزُوًا أَهَٰذَا الَّذِي يَذْكُرُ آلِهَتَكُمْ وَهُمْ بِذِكْرِ الرَّحْمَٰنِ هُمْ كَافِرُونَ
    كاپىرلار سېنى كۆرگەن چاغدا: «سىلەرنىڭ مەبۇدلىرىڭلارنى ئەيىبلەيدىغان ئادەم مۇشۇمۇ؟ » (دېيىشىپ) سېنى مەسخىرە قىلىشىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار مەرھەمەتلىك ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان قۇرئاننى ئىنكار قىلىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كاپىرلار سېنى كۆرگەن چاغدا: «سىلەرنىڭ مەبۇدلىرىڭلارنى ئەيىبلەيدىغان ئادەم مۇشۇمۇ؟ » دېيىشىپ سېنى مەسخىرە قىلىشىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار مەرھەمەتلىك ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان قۇرئاننى ئىنكار قىلىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كافىرلار سېنى كۆرگەن چاغلىرىدا مەسخىرە قىلىشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلمايدۇ، بىر - بىرىگە: «ئىلاھلىرىڭلارغا تىل تەگكۈزۈۋاتقان ئادەم مۇشۇمۇ؟» دېيىشىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار رەھماننىڭ زىكرىگە كافىردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەن ئۇ مۇشرىكلار سېنى كۆرسە مەسخىرە قىلىدۇ ۋە بىر - بىرىگە: «ئىلاھلىرىڭلارغا تىل ئۇزارتىۋاتقان ئادەم شۇمۇ؟» دېيىشىدۇ. ئۇلار ئەسلىدە ئۆزلىرىنى چەكسىز مەرھەمىتى بىلەن بېقىۋاتقان ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ. مۇشرىكلار: «بىزنى ئاللاھقا يېېقىنلاشتۇرىدۇ»، «ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بىزگە شافائەت قىلىدۇ» دېگەن كۆزقاراش بىلەن بۇتلارنى ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرەتتى؛ ئاللاھقا قىلىنىشى كېرەك بولغان ئىبادەتنى بۇتلارغا قىلاتتى. ئۇلار بۇ قىلمىشىنى دىندارلىق، تەقۋادارلىق ۋە توغرا ئىش قىلغانلىق دەپ ئېتىقاد قىلاتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا، بۇتلارنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا شافائەت قىلىش تۈگۈل، ئۆزلىرىگىمۇ بىرەر پايدا يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى ياكى ئۆزلىرىدىن بىرەر زىياننى دەپئى قىلالمايغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان، بۇتلارغا چوقۇنۇشنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ۋە ئۇ مۇشرىكلارنىڭ بۇتلارغا چوقۇنغانلىقىنى ئەيىبلەيدىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەرنى ئوقۇسا ۋە يەتكۈزسە، ئۇلار: «مۇھەممەد ئىلاھلىرىمىزنى ئەيىبلىدى، تىللىدى ۋە ھاقارەتلىدى» دەپ چۈشىنەتتى - دە، بىر - بىرىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇراتتى، ئىلاھلىرىغا چوقۇنۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىشاتتى، ھەتتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئېزىپ كەتكەنلىك، كاھىنلىق قىلغانلىق ۋە ئەقلىدىن ئازغانلىق بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلاتتى ۋە ئۆزئارا ئۇنى مەسخىرە قىلىشاتتى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشمىگەنلىكىدىن سۆيۈنەتتى. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا بىرقانچە ئايەتتە رەددىيە بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، جۈملىدىن بۇ ئايەتتىمۇ ئۇلارنى كۇفرىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەيدۇ ۋە كېيىنكى ئايەتلەردە ئاگاھلاندۇرىدۇ: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  37. خُلِقَ الْإِنْسَانُ مِنْ عَجَلٍ ۚ سَأُرِيكُمْ آيَاتِي فَلَا تَسْتَعْجِلُونِ
    ئىنسان ئالدىراڭغۇ يارىتىلغان، سىلەرگە ئالامەتلىرىمنى (يەنى ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالىيالايدىغانلىقىمنى) كۆرسىتىمەن. (ئۇنىڭ ۋاقتى سائىتىدىن بۇرۇن) مېنى ئالدىرىتىپ كەتمەڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئىنسان ئالدىراڭغۇ يارىتىلغان، سىلەرگە ئايەتلىرىمنى كۆرسىتىمەن. مېنى ئالدىرىتىپ كەتمەڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنسان ئالدىراقسانلىقتىن يارىتىلغان[5]. مەن يېقىندا سىلەرگە ئايەتلىرىمنى كۆرسىتىمەن. مەندىن تېز كۆرسىتىشىمنى تەلەپ قىلماڭلار.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئىنساننىڭ ئەسلىي ماددىسى ئالدىراڭغۇلۇق بولغاندەك، ئالدىراڭغۇلۇق قىلىش ئۇنىڭ مىجەزىدە بار. شۇڭلاشقا ئىنسان ھەر ئىشقا ئالدىرايدۇ. جۈملىدىن ئىلاھىي جازانىڭ تېز ئەمەلگە ئېشىشىغا ئالدىرايدۇ؛ مۇئمىن ئىنسان كافىرلارغا ئازابنىڭ تېز كېلىشىگە، گۇناھكارلارنىڭ دەرھال جازالىنىشىغا ۋە ھەددىدىن ئاشقانلاردىن ھامان ئىنتىقام ئېلىنىشىغا ئالدىرايدۇ. كافىر ئىنسان بولسا كۇفرىلىق، ئاسىيلىق، تەرسالىق ۋە ھەددىدىن ئېشىش قاتارلىق گۇناھلىرىغا ئازاب كېلىدىغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەرنى ئاڭلىسا مەسخىرە قىلىپ: «قېنى ئازاب؟! نەدە جازا؟! كەلمىدىغۇ!» دەپ ھەددىدىن ئېشىشتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ. ئى ئالدىرىغۇچىلار! ئازابنىڭ تېزدىن كېلىشىنى تەلەپ قىلغۇچىلار! جازانىڭ دەرھال مەيدانغا كېلىشىنى ئارزۇ قىلغۇچىلار! ئالدىرىماڭلار، چوقۇم كېلىدىغان ئازابنىڭ ۋاقتىدىن بۇرۇن كېلىشىنى ئارزۇ قىلىش بىلەن ئۆزۈڭلارنى ئاۋارە قىلماڭلار، شۇنى بىلىڭلاركى: گۇناھكارلارنىڭ جازالىنىشى ئۈچۈن ۋاقىت بەلگىلەنگەن بولۇپ، شۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە ئۇلار جازالىنىدۇ؛ تېگىشلىك ئازابقا يولۇقىدۇ. مەن يېقىندا (ۋاقتى كەلگەندە) ھەددىدىن ئاشقانلارنى تېگىشلىك جازاغا دۇچار قىلىپ سىلەرگە قۇدرىتىمنى ۋە ھېكمىتىمنى كۆرسىتىمەن، ئىنتىقامىمنىڭ قانداقلىقىنى يېقىندا كۆرىسىلەر. شۇڭلاشقا مەندىن ئۇلارنى تېز كۆرسىتىشىمنى تەلەپ قىلماڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  38. (21-سۈرە ئەنبىيا، 38-ئايەت) ھىساب كاپىرلىق
    وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا الْوَعْدُ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
    ئۇلار: «(سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە (يەنى بىزگە ۋەدە قىلىنغان ئازابنىڭ يۈز بېرىدىغان ۋاقتى) قاچان؟ » دېيىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان؟ » دېيىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار بۇ ۋەدە قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟» دەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    كافىرلار ئۆزلىرىنىڭ جازاغا يولۇقىدىغانلىقى، قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ھېساب ئېلىنىدىغانلىقى، شۇنداقلا دوزاخقا تاشلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئايەتلەرنى ئاڭلىغان چاغلىرىدا ئۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئېھتىمالدىن يىراق ھېسابلاپ ۋە مەسخىرە قىلىپ مۇئمىنلارغا: «ئەگەر بۇ سۆزۈڭلار توغرا بولىدىغان بولسا، سىلەر بېشىمىزغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئۇ ئازاب قاچان كېلىدۇ؟» دەيدۇ. دەرۋەقە تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىكتە ئەزۋەيلىگەن كافىرلارغا، كافىرلارنىڭ بۇ دۇنيادا ئىلاھىي غەزەپكە يولۇقىدىغانلىقى ۋە قىيامەت كۈنى دوزاخ ئازابىغا مەھكۇم قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئايەتلەر يەتكۈزۈلسە، ئۇ كافىرلار ھەددىدىن ئېشىشتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە مۇئمىنلارغا، «سىلەر بىزنى، ئىمان كەلتۈرۈپ سېپىڭلارغا قوشۇلمىساق ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىمىزدىن ئاگاھلاندۇرۇۋاتىسىلەر. ئۇ ئازاب قاچان كېلىدۇ؟ ئەگەر راستچىل بولساڭلار، ئۇنىڭ ۋاقتىنى ئېيتىپ بېرىڭلار، قېنى!» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ سوئالىغا ھەر قېتىم تېگىشلىك جاۋاب بېرىلىدۇ. جۈملىدىن بۇ يەردىمۇ (تۆۋەندىكى ئىككى ئايەتتىمۇ) ئۇلارغا جاۋاب بېرىلىدۇ: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  39. لَوْ يَعْلَمُ الَّذِينَ كَفَرُوا حِينَ لَا يَكُفُّونَ عَنْ وُجُوهِهِمُ النَّارَ وَلَا عَنْ ظُهُورِهِمْ وَلَا هُمْ يُنْصَرُونَ
    ئەگەر كاپىرلار بۇ چاغدا يۈزلىرىدىن، دۈمبىلىرىدىن ئازابنى دەپئى قىلالمايدىغانلىقلىرىنى ۋە ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقلىرىنى بىلسە ئىدى (ئازابنىڭ بالدۇر يۈز بېرىشىنى تەلەپ قىلمايتتى) — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر كاپىرلار بۇ چاغدا يۈزلىرىدىن، دۈمبىلىرىدىن ئازابنى دەپئى قىلالمايدىغانلىقلىرىنى ۋە ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقلىرىنى بىلسە ئىدى -ئازابنىڭ بالدۇر يۈز بېرىشىنى تەلەپ قىلمايتتى- — تەرجىمە ھەيئىتى

    كاشكى، بۇ كافىرلار يۈزلىرىدىن ۋە دۈمبىلىرىدىن دوزاخ ئوتىنى توسالمايدىغان ۋە ھېچبىر ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغان ۋاقىتتىكى ئەھۋالىنى بىلگەن بولسىچۇ!‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەگەر ئۇ كافىرلار قىيامەت كۈنى دوزاخ ئازابىغا مەھكۇم قىلىنىپ دوزاخقا تاشلانغاندىن كېيىن دوزاخنىڭ ئوتىنى يۈزلىرىدىن ۋە دۈمبىلىرىدىن توسالمايدىغانلىقىنى ۋە ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلسە ئىدى، ئۇ ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلمىغان بولاتتى، ئەكسىچە دەرھال تەۋبە قىلىپ يامان يولدىن يانغان بولاتتى. چۈنكى«بىز تەرسالىق، تەقلىدچىلىك، شۇنداقلا كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارغا شۇنداق بىر ئوت تەييارلىدۇقكى، ئۇ ئوتنىڭ يالقۇنلىرى ئۇلارنى ئورىۋالىدۇ»، «ئۇلارنىڭ ئاستىدا ئوتتىن تۆشەكلەر، ئۈستىدە ئوتتىن يوتقانلار بولىدۇ»، «ئۇلارنىڭ ئۈستىدىمۇ قاتمۇقات ئوت، ئاستىدىمۇ قاتمۇقات ئوت بولىدۇ»، «دوزاخ ئوتى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئورىۋالىدۇ ۋە كۆيدۈرىدۇ». ئۇلارنىڭ ئوتنى ئۆزىدىن توسىدىغان ئۆزلىرىنىڭ كۈچىمۇ بولمايدۇ، ياردەمچىسىمۇ بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  40. بَلْ تَأْتِيهِمْ بَغْتَةً فَتَبْهَتُهُمْ فَلَا يَسْتَطِيعُونَ رَدَّهَا وَلَا هُمْ يُنْظَرُونَ
    لېكىن قىيامەت ئۇلارغا تۇيۇقسىز كېلىدۇ ـ دە، ئۇلارنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ، ئۇلار قىيامەتكە قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدۇ، ئۇلارغا (تەۋبە قىلىۋېلىش ۋە ئۆزرە بايان قىلىش ئۈچۈن) مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    لېكىن قىيامەت ئۇلارغا تۇيۇقسىز كېلىدۇ ـ دە، ئۇلارنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ، ئۇلار قىيامەتكە قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بەلكى ئۇ ۋەدە تۇيۇقسىز ئەمەلگە ئېشىپ، ئۇلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇلار ئۇنى قايتۇرۇۋېتەلمەيدۇ، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ ۋەدىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ۋاقتى، ئۇلارغا ئالدىنئالا بىلدۈرۈلۈپ ئاندىن كەلمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇشتۇمتۇت كېلىپ ئۇلارنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ ۋاقىتنى كەينىگە ياندۇرۇېىتەلمەيدۇ. ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمەيدۇ، چۈنكى ۋاقىت جازا چېكىش ۋاقتىدۇر. ئەسكەرتىش: قىيامەتنىڭ ۋاقتى، ھەر ئىنساننىڭ ئۆلۈم ۋاقتى ۋە زالىملارنىڭ ھالاك قىلىنىش ۋاقتى ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ. شۇڭلاشقا ھەر ئىنساننىڭ ھەر دائىم پاك ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن تۇرۇشى لازىم، بولۇپمۇ زالىملارنىڭ پۇرسەت بار چاغدا تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى تۈزىتىشى كېرەك. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  41. وَلَقَدِ اسْتُهْزِئَ بِرُسُلٍ مِنْ قَبْلِكَ فَحَاقَ بِالَّذِينَ سَخِرُوا مِنْهُمْ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
    سەندىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر مەسخىرە قىلىندى، ئۇلارنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا مەسخىرە قىلغانلىقنىڭ جازاسى بولغان ئازاب نازىل بولدى — مۇھەممەد سالىھ

    سەندىن ئىلگىرى ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر مەسخىرە قىلىندى، ئۇلارنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا مەسخىرە قىلغاننىڭ جازاسى بولغان ئازاب نازىل بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلەرمۇ مەسخىرە قىلىندى. مەسخىرە قىلغانلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسە قورشىۋالدى[6].‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىمۇ ئۆز قەۋملىرىنىڭ تەرسا كافىرلىرى مەسخىرە قىلغان ئىدى. ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرلەر ئاگاھلاندۇرغان ئازابنى مەسخىرە قىلغان ئۇ كافىرلار، ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازابقا يولۇقۇپ ھالاك بولدى. شۇڭلاشقا ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنىڭ سېنى مەسخىرە قىلىشىغا سەۋر قىلغىن، ئۇلار يېقىندا جازالاندۇرۇلىدۇ. سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلىمىزمۇ قەۋملىرى تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىنغان. ئەلچىلىرىمىز ئۇلارنى ئازابىمىزدىن ئاگاھلاندۇرسا، ئۇلار ئەلچىلىرىمىزنى، ئۇلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ۋە باشلىرىغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئازابنى مەسخىرە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازاب بىلەن ھالاك قىلىنغان. مەسىلەن: نۇھنىڭ قەۋمى مەسخىرە قىلىپ توپان بالاسى بىلەن ھالاك قىلىنغان، ھۇدنىڭ قەۋمى مەسخىرە قىلىپ شىددەتلىك شامال بىلەن ھالاك قىلىنغان، سالىھنىڭ قەۋمى مەسخىرە قىلىپ دەھشەتلىك ئاۋاز ۋە شىددەتلىك زىلزىلە بىلەن ھالاك قىلىنغان، لۇتنىڭ قەۋمى مەسخىرە قىلىپ دەھشەتلىك ئاۋاز، ئۈستىگە ياغقان تاش ۋە تۇرالغۇ جايلىرى بىلەن قوشۇپ كۆمتۈرۈۋېتىلىش ئارقىلىق ھالاك قىلىنغان، شۇئەيبنىڭ قەۋمى مەسخىرە قىلىپ بىرقانچە كۈن داۋاملاشقان قاتتىق ئىسسىققا مۇپتىلا بولغان، ئاندىن ھاۋادا بۇلۇت پەيدا بولغان، ئۇلار: «بۇلۇتنىڭ سايىسىدا سايىدايمىز» دەپ بۇلۇتنىڭ ئاستىغا يىغىلغاندا ئۈستۈن تەرىپىدىن دەھشەتلىك ئاۋاز، ئاستىن تەرىپىدىن شىددەتلىك زىلزىلە كەلگەن ۋە ھالاك بولغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  42. قُلْ مَنْ يَكْلَؤُكُمْ بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ مِنَ الرَّحْمَٰنِ ۗ بَلْ هُمْ عَنْ ذِكْرِ رَبِّهِمْ مُعْرِضُونَ
    (ئى مۇھەممەد! مەسخىرە قىلغۇچىلارغا) «سىلەرنى كېچىدە ۋە كۈندۈزدە مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئازابىدىن كىم ساقلايدۇ؟» دېگىن، بەلكى ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ كالامىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- «سىلەرنى كېچىدە ۋە كۈندۈزدە مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئازابىدىن كىم ساقلايدۇ؟» دېگىن، بەلكى ئۇلار رەببىنىڭ كالامىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «سىلەرنى كېچىدە ۋە كۈندۈزدە رەھماندىن كىم ساقلايدۇ؟» بەلكى ئۇلار رەببىنىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈمەكتىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سېنى ۋە ئايەتلەرنى مەسخىرە قىلىپ ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان بۇ ئەخمەقلەرگە ئېيتقىنكى: «ئى كافىرلار! سىلەرنى شۇنچە نېمەتلىرى بىلەن بەھرىمەن قىلىۋاتقان ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلساڭلار ۋە بۇ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن ئاللاھ كېچىدە ياكى كۈندۈزدە سىلەرگە ئازاب ئەۋەتسە، سىلەرنى ئۇ ئازابتىن كىم ساقلايدۇ؟ ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم ساقلىيالمايدۇ، شۇنداققۇ! ئۇنداقتا، نېمىشقا ئاللاھقا تۇزكورلۇق قىلىسىلەر؟ نېمىشقا تۇزكورلۇقتىن ۋاز كېچىپ ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلمايسىلەر؟؛ نازىل قىلغان كىتابىغا نېمىشقا بويسۇنمايسىلەر؟ ئەۋەتكەن ئەلچىسىگە نېمىشقا ئەگەشمەيسىلەر؟». ئى مۇھەممەد! ئۇ كافىرلار شۇنداق تۇزكور ۋە يۈزسىز مەخلۇقلاركى، ئۆزلىرىنى ياراتقان، ياشىتىۋاتقان ۋە باشقۇرۇۋاتقان ئىگىسىنىڭ نېمەتلىرى بىلەن ياشاۋاتقان تۇرۇقلۇق ئۇ نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلمايۋاتىدۇ، ھەتتا ئۇ رەببىنىڭ ئۆزلىرىنى پايدىلىق ئىشلارنى كۆرسىتىدىغان، ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتۈرىدىغان ۋە بەخت - سائادەت يولىغا باشلايدىغان كىتابىغا بويسۇنمايۋاتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  43. (21-سۈرە ئەنبىيا، 43-ئايەت) تاغۇت تەۋھىد
    أَمْ لَهُمْ آلِهَةٌ تَمْنَعُهُمْ مِنْ دُونِنَا ۚ لَا يَسْتَطِيعُونَ نَصْرَ أَنْفُسِهِمْ وَلَا هُمْ مِنَّا يُصْحَبُونَ
    ئۇلارنىڭ بىزدىن باشقا ئۆزلىرىنى (قوغدايدىغان) مەبۇدلىرى بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ (چوقۇنۇۋاتقان) مەبۇدلىرى ئۆزلىرىنى قوغداشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ، بىزنىڭ ياردىمىمىزگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى ئۇلارنىڭ بىزدىن باشقا ئۆزلىرىنى قوغدايدىغان مەبۇدلىرى بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى ئۆزلىرىنى قوغداشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ، بىزنىڭ ياردىمىمىزگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى ئۇلارنىڭ بىزگە قارشى ئۆزلىرىنى قوغدايدىغان ئىلاھلىرى بارمۇ؟ ئۇ باتىل ئىلاھلارنىڭ ئۆزلىرىگە ياردەم قىلىشقىمۇ كۈچى يەتمەيدۇ، ئۇلار بىزدىن يېقىنلىقمۇ كۆرمەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ياكى ئۇلارنىڭ، ئۆزلىرىنى بىزنىڭ ئازابىمىزدىن قوغدىيالايدىغان ئىلاھلىرى بارمۇ؟ يوق! ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى باشقىلارغا ياردەم بېرىش تۈگۈل، ئۆزلىرىگىمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ، بىز تەرەپتىن ياردەمگىمۇ ئېرىشمەيدۇ. مۇشرىكلار بۇنى بىلىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇ مۇشرىكلار نېمىشقا ئۇلارغا چوقۇنىدۇ؟. ئىشنىڭ ئەجەبلىنەرلىك تەرىپى شۇكى، مۇشرىكلار ئاللاھتىن غەيرىينىڭ پايدا - يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىغا، جۈملىدىن بېشىغا بىرەر ئېغىرچىلىق كەلگەندە ئۇنى ئاللاھتىن غەيرىينىڭ كۆتۈرۈۋېتەلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. يارىتىش، ياشىتىش ۋە باشقۇرۇشنى ئاللاھتىن غەيرىي قىلالمايدىغانلىقىنى ئېتىقاد قىلاتتى. شۇڭلاشقا ئۇلار بىرەر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن، بىرەر بالا - مۇسىبەتكە يولۇققان چاغلىرىدا پەقەت ئاللاھقىلا دۇئا قىلاتتى، لېكىن ئازادىچىلىككە ئېرىشكەن ھامان شېرىك كەلتۈرەتتى. بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە، جۈملىدىن بۇ ئايەتتە ئۇلارغا بۇ ئىقرار ۋە ئېتىقادىنى ئەسلىتىپ، ئۇلارنى ئىبادەتتە شېرىك كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئەيىبلەيدۇ ۋە ئۇلاردىن ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارلىقىغا دەلىل كەلتۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا 36 ~ 43 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارنىڭ تەرسالىقىنى، ھەددىدىن ئېشىشىنى ۋە ھاماقەتلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 44 ~ 47 - ئايەتلەردە ئۇلارنىڭ مەزكۇر يامانلىقلىرىنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  44. بَلْ مَتَّعْنَا هَٰؤُلَاءِ وَآبَاءَهُمْ حَتَّىٰ طَالَ عَلَيْهِمُ الْعُمُرُ ۗ أَفَلَا يَرَوْنَ أَنَّا نَأْتِي الْأَرْضَ نَنْقُصُهَا مِنْ أَطْرَافِهَا ۚ أَفَهُمُ الْغَالِبُونَ
    بۇلارنى (يەنى مۇشرىكلارنى) ۋە ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرىنى (دۇنيانىڭ مال ـ مۈلكىدىن) بەھرىمەن قىلدۇق، ھەتتا (شۇ نېمەت ئىچىدە) ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولدى. ئۇلار بىزنىڭ زېمىننىڭ ئەتراپىنى قەدەممۇ قەدەم تارايتىۋاتقانلىقىمىزنى بىلمەمدۇ؟ (ئەھۋال مۇشۇنداق ئىكەن) ئۇلار غالىب ھېسابلىنامدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    بۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرىنى دۇنيانىڭ مال ـ مۈلكىدىن بەھرىمەن قىلدۇق، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولدى. ئۇلارنىڭ زېمىننىڭ ئەتراپىنى قەدەممۇقەدەم تارايتىپ بېرىۋاتقانلىقىمىزنى ئۇلار بىلمەمدۇ؟ -ئەھۋال مۇشۇنداق ئىكەن- ئۇلار غالىب ھېسابلىنامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بەلكى بىز ئۇ كافىرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنى باياشاتچىلىق ئىچىدە ياشاتتۇق. بۇ، ئۇلار ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ ھەددىن ئاشقۇچىلىك داۋاملاشتى. ئۇلار بىزنىڭ زېمىننى ئەتراپىدىن كېمەيتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى كۆرمەمدۇ؟ يەنىلا ئۇلار غالىبمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇ كافىرلارنىڭ سېنى مەسخىرە قىلىش، ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىش ۋە چوقۇنغان نەرسىلىرىنىڭ ھېچقانداق پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنىلا ئۇلارغا چوقۇنۇش قاتارلىق قەبىھلىكلىرىنىڭ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ بىز بەرگەن مۆھلەتكە ئالدىنىشىدۇر؛ بىز ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىغا كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق قىلىپ تۇرسىمۇ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن كۈچ بەردۇق، ئۇلارنى مەمۇرچىلىق ۋە باياشاتچىلىقتا ئۇزۇن مۇددەت ياشاتتۇق. ئۇلار تاكى سەن پەيغەمبەر بولۇپ قۇرئاننى ئېلىپ كەلگۈچىلىك شۇنداق باياشاتچىلىقتا ياشىدى. ئۇلار بۇ مۆھلەتكە ئالدىنىپ ئۆزلىرىگە ھەق كەلگەندە ئۇنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئورنىغا كۇفرىلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىدى، قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى چەكمەيدىغانلىقىنى ئويلىدى، بىزنىڭ ئىلگىرىكى ئاسىي قەۋملەرگە ئىجرا قىلىپ كەلگەن ۋە قىيامەتكە قەدەر كۈچكە ئىگە بولغان ئۆزگەرمەس قانۇنىمىز (سۈننەتۇللاھ)نى ئېسىدىن چىقىرىۋەتتى. «ئۇ كافىرلار بىزنىڭ مۆھلەت بېرىشىمىزنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشىلىق دەپ ئويلاپ قالمىسۇن. بىز ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ گۇناھ قىلىپ خورلىغۇچى ئازابقا لايىق بولۇشى ئۈچۈن مۆھلەت بېرىۋاتىمىز». «بىز ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن ئادەملەرنى ئازابقا، ئۇلار بىلمەيدىغان يەردىن ئاستا - ئاستا يېقىنلاشتۇرىمىز. مەن ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن. مېنىڭ پىلانىم ھەقىقەتەن پۇختىدۇر». ئى مۇھەممەد! بۇ مەككە مۇشرىكلىرى بىزنىڭ كۈندىن - كۈنگە مۇسۇلمانلارنىڭ شەۋكىتىنى ئاشۇرۇپ، كۇفرى دىيارلىرىنى ئۇلارغا فەتھ قىلىپ بېرىۋاتقانلىقىمىزنى، شۇنداقلا كۇفرى دىيارىنى ئەتراپىدىن كېمەيتىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرمەيۋاتامدۇ؟ ئەلۋەتتە كۆرۈۋاتىدۇ، ئاڭلاۋاتىدۇ، بىلىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ ئەمەلىيەتنى كۆرگەن ۋە بىلگەن تۇرۇقلۇق ئۆزلىرىنىڭمۇ يېڭىلىپ تۈگىشىدىغانلىقىنى نېمىشقا ئويلىمايدۇ؟! ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى مۇشرىكلار، ھەتتا ئۆتمۈشتە ھەر جەھەتتىن ئۇلاردىنمۇ كۈچلۈك بولغان مۇشرىكلار بىزنىڭ قۇدرىتىمىز ئالدىدا يېڭىلىپ كەتكەن تۇرسا، بۇ مۇشرىكلار غالىب كېلەمدۇ؟ ياق، ھەرگىزمۇ غالىب كەلمەيدۇ! ئەكسىچە مەن غالىب كېلىمەن. شۇنىڭدەك، مېنىڭ ئەلچىلىرىم ۋە مېنىڭ يولۇمدا ماڭغان جامائە غالىب كېلىدۇ. ئۇ مۇشرىكلار بولسا، يېقىندا قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىغا يولۇقىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  45. قُلْ إِنَّمَا أُنْذِرُكُمْ بِالْوَحْيِ ۚ وَلَا يَسْمَعُ الصُّمُّ الدُّعَاءَ إِذَا مَا يُنْذَرُونَ
    (ئى مۇھەممەد!) «مەن سىلەرنى پەقەت ۋەھىي ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرىمەن» دېگىن. گاسلار ئاگاھلاندۇرۇلغان چاغدا دەۋەتنى ئاڭلىمايدۇ (ئى مۇشرىكلار! سىلەر سەركەشلىكىڭلارنىڭ قاتتىقلىقىدىن خۇددى گاسقا ئوخشاش دەۋەتنى ئاڭلىمايسىلەر، ۋەز ـ نەسىھەتنى قوبۇل قىلمايسىلەر) — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- «مەن سىلەرنى پەقەت ۋەھيى ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرىمەن» دېگىن. گاسلار ئاگاھلاندۇرۇلغان چاغدا دەۋەتنى ئاڭلىمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرنى پەقەت ۋەھىي بىلەنلا ئاگاھلاندۇرۇۋاتىمەن» لېكىن گاسلار ئاگاھلاندۇرۇلغان چاغلىرىدا چاقىرىقنى ئاڭلىمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۇ تەرسالارغا ئېيتقىنكى: «ئى ئىنكارچىلار! مەن سىلەرنى شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئۆز سۆزۈم بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە ئاللاھنىڭ ماڭا ۋەھىي قىلغان سۆزى بىلەن ئاگاھلاندۇرۇۋاتىمەن؛ ئاللاھ ۋەھىي نازىل قىلىپ مېنى، تەۋبە قىلمىساڭلار ئازابقا يولۇقىدىغانلىقىڭلارنى سىلەرگە يەتكۈزۈشكە ۋە سىلەرنى بۇ يامان ئاقىۋەتتىن ئاگاھلاندۇرۇشقا بۇيرىدى، مەن ئاللاھنىڭ كالامى بىلەن سىلەرنى ئاگاھلاندۇردۇم، سىلەر قوبۇل قىلمىدىڭلار، ئەمدى ھېسابنى ئاللاھقا بېرىشكە، شۇنداقلا يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇشقا تەييار بولساڭلار بولىدۇ!». ئى مۇھەممەد! ئۇلار قۇلاقلىرىنى ھەق سۆزگە ئېتىۋالغان گاسلار بولغاچقا ئازاب بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلغان چاغلىرىدا سېنىڭ چاقىرىقىڭنى ئاڭلىمايدۇ؛ سەن ئۆلۈكلەرگە، ئاۋازىڭنى ئاڭلىتالمايسەن، گاسلارغىمۇ ئاڭلىتالمايسەن، خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۆلۈكتەك بولۇۋېلىپ ھەقىقەتكە قىلىنغان چاقىرىقتىن تەسىرلەنمەيدىغان ۋە ئۇ چاقىرىققا قۇلىقىنى ئېتىۋېلىپ ئاڭلىغىلى ئۇنىمىغان تەرسالارغا ئاۋازىڭنى ئاڭلىتالمايسەن . چۈنكى بۇلار ئۆزلىرىنىڭ تەرسالىقى، تەقلىدچىلىكى ۋە تەكەببۇرلۇقى تۈپەيلىدىن مەنىۋى جەھەتتىن ئۆلۈك، كور ۋە گاسقا ئايلانغان ئادەملەر بولۇپ، جانلىقلارنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر. شۇڭلاشقا ئۇلار ئۈچۈن سېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ياكى ئاگاھلاندۇرماسلىقىڭ ئوخشاش، لېكىن سەن ئۈچۈن ئوخشاش ئەمەس؛ سەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن ۋەزىپەڭنى ئادا قىلغان بولىسەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  46. وَلَئِنْ مَسَّتْهُمْ نَفْحَةٌ مِنْ عَذَابِ رَبِّكَ لَيَقُولُنَّ يَا وَيْلَنَا إِنَّا كُنَّا ظَالِمِينَ
    ئەگەر ئۇلارغا پەرۋەردىگارىڭدىن ئازغىنا ئازاب يەتسىلا، ئۇلار چوقۇم: «ۋاي ئىسىت! (ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلىپ) ھەقىقەتەن (ئۆزىمىزگە) زۇلۇم قىلىپتۇق» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئۇلارغا رەببىڭدىن ئازغىنا ئازاب يەتسىلا، ئۇلار چوقۇم: «ۋاي ئىسىت! ھەقىقەتەن بىز ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلىپتۇق» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئۇلار رەببىڭنىڭ كىچىككىنە ئازابىغا يولۇقسا: «ۋاي بىزنىڭ ھالىمىزغا! بىز ھەقىقەتەن زالىم ئىكەنمىز» دەيدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇ مۇشرىكلارغا رەببىڭنىڭ ئازابىدىن ئازغىنە بىر نەرسە يەتسە، ئۇلار گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ ۋە ھەسرەت - نادامەت چېكىپ: «ۋاي بىزنىڭ ھالىمىزغا، ئىسىت! بىز ئاللاھقا كۇفرىلىق قىلىش ۋە شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلغان ئىكەنمىز، شۇڭا بۇ ئازابقا دۇچار قىلىنىپتىمىز» دەيدۇ. يەنى ئۇ مۇشرىكلارغا ئۆزلىرى ئاگاھلاندۇرۇلغان ۋە ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازابنىڭ ئۆزى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇ ئازابنىڭ ئاز بىر پۇرىقى، بوش بىر شامىلى كەلسە، ئۇلار دەرھال نالە - پەرياد قىلىشقا، ھالاك بولۇپ كېتىشنى تىلەشكە ۋە گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشقا باشلايدۇ. دەرۋەقە كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق قىلغانلارغا بۇ دۇنيادا كەلگەن ئازاب ئۇلار تېگىشلىك بولغان ئازابنىڭ ھەممىسى ئەمەس، ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ ئەسلىي جازاسى بولغان ئازابقا قىيامەت كۈنى دۇچار قىلىنىدۇ. زالىملار بۇ دۇنيادا ئازابنىڭ بىر پارچىسىغا يولۇققان چاغلىرىدا ئەنە شۇنداق نالە - پەرياد قىلىدۇ ۋە گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، ھەتتا تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ھەقنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ، لېكىن پايدىسى بولمايدۇ. چۈنكى ۋاقىت جازا چېكىش ۋاقتىدۇر. شۇڭلاشقا زالىملارنىڭ بۇ دۇنيادا ئىلاھىي ئازابقا يولۇققانلىقى زىكىر قىلىنغان ئايەتلەردىن كېيىن ئاخىرەت ئازابى زىكىر قىلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىشارەت قىلىنىدۇ. جۈملىدىن بۇ يەردىمۇ تۆۋەندىكى ئايەتتە ئاخىرەت ئازابىغا ئىشارەت قىلىنىدۇ: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  47. (21-سۈرە ئەنبىيا، 47-ئايەت) ھىساب ئاللاھنىڭ ئادالىتى
    وَنَضَعُ الْمَوَازِينَ الْقِسْطَ لِيَوْمِ الْقِيَامَةِ فَلَا تُظْلَمُ نَفْسٌ شَيْئًا ۖ وَإِنْ كَانَ مِثْقَالَ حَبَّةٍ مِنْ خَرْدَلٍ أَتَيْنَا بِهَا ۗ وَكَفَىٰ بِنَا حَاسِبِينَ
    قىيامەت كۈنى بىز (ئەمەللەر تارتىلىدىغان) ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز، ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ (يەنى ياخشى ئادەمنىڭ ياخشىلىقى كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ، يامان ئادەمنىڭ يامانلىقى ئاشۇرۇۋېتىلمەيدۇ)، ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ، ئۇنى ھازىر قىلىمىز، (بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىدىن) ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز — مۇھەممەد سالىھ

    قىيامەت كۈنى بىز ئادالەت تارازىسىنى ئورنىتىمىز، ھېچ ئادەمگە قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ قىچا چاغلىق ئەمەلى بولسىمۇ، ئۇنى ھازىر قىلىمىز، ھېساب ئېلىشقا بىز يېتەرلىكمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز قىيامەت كۈنى توغرا تارتىدىغان مىزانلارنى ئورنىتىمىز. ھېچكىم قىلچە زۇلۇمغا ئۇچرىمايدۇ. قىلىنغان ئىش بىر دانە قىچا چاغلىق بولسىمۇ، ئۇنى كەلتۈرۈپ تارتىمىز. بىز تولۇق ھېساب ئالغۇچىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز قىيامەت كۈنى قىلمىشلىرىڭلارنى تارتىش، باھالاش، ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتىنى ۋە يامانلىقنىڭ جازاسىنى بېكىتىش ئۈچۈن مەھشەرگاھقا ناھايىتى توغرا تارازىلەرنى قويىمىز. ھېچكىمگە ھېچقانداق ھەقسىزلىق قىلىنمايدۇ؛ بىرەر ياخشىلىقىمۇ بىرەر يامانلىقىمۇ تارتىلماي قالمايدۇ، شۇنداقلا بەدەلسىز قالمايدۇ. ئەگەر قىلىنغان ئىش بىر تال قىچىنىڭ ئېغىرلىقىچىلىك بولسىمۇ، بىز ئۇنى كەلتۈرۈپ تارتىمىز ۋە ھېسابىنى ئالىمىز. بىزنىڭ ھېساب ئالغۇچى بولۇشىمىز يېتەرلىكتۇر؛ چوڭ - كىچىك بارلىق ئەمەللەرنى ئادىل تارازىمىز بىلەن تارتىپ نەتىجىسىنى ئىگىسىگە كەم - كۈتسىز بېرىمىز. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى بەندىلىرىدىن ھېساب ئالغاندا ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى چاغلىرىدا قىلغان چوڭ - كىچىك بارلىق ئەمەللىرىنى ئۆزىنىڭ ئادىل تارازىسىدا تارتىپ، ياخشى ئەمەللىرى ئېغىر كەلگەنلەرنى مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىشلىرى ئۈچۈن جەننەتكە، ياخشى ئەمەللىرى يېنىك كەلگەنلەرنى مەڭگۈ ئازاب چېكىشلىرى ئۈچۈن دوزاخقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىرقانچە ئايەتتە بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەت ئەنە شۇ ئايەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىن تارتىپ تەۋھىد، نۇبۇۋۋەت (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى) ۋە قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىنىڭ دەلىللىرىنى بايان قىلىپ، مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 48 - ئايەتتىن باشلاپ 90 - ئايەتكىچە بىرقانچە پەيغەمبەرنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ ۋە ئۇ ئاگاھلاندۇرۇشىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  48. (21-سۈرە ئەنبىيا، 48-ئايەت) ئاللاھنىڭ ھىدايىتى مۇسا
    وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَىٰ وَهَارُونَ الْفُرْقَانَ وَضِيَاءً وَذِكْرًا لِلْمُتَّقِينَ
    بىز ھەقىقەتەن مۇسا بىلەن ھارۇنغا فۇرقاننى (يەنى ھەق بىلەن باتىلنى، ھالال بىلەن ھارامنى، ھىدايەت بىلەن گۇمراھلىقنى ئايرىغۇچى تەۋراتنى)، نۇرنى، تەقۋادارلارغا (پايدىلىنىدىغان) ۋەز ـ نەسىھەتنى بەردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ھەقىقەتەن موسا بىلەن ھارۇنغا فۇرقاننى[1]، نۇرنى، تەقۋادارلار ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتنى بەردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز مۇسا بىلەن ھارۇنغا ھەق - ناھەقنى ئايرىيدىغان، تەقۋادارلارنىڭ يولىنى يورۇتىدىغان ۋە ۋەزىپىسنى ئەسلىتىدىغان كىتابنى بەردۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    (48-49) ئى مۇھەممەد! بىز مۇسا بىلەن ھارۇنغا، ھەق بىلەن باتىلنى، ياخشى بىلەن ياماننى ۋە توغرا بىلەن خاتانى ئايرىپ بېرىدىغان، رەببىنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغان ۋە قىيامەتتىن قورقۇپ تۇرىدىغان تەقۋادارلارغا ياخشى يولنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ۋە ئۇ يولدا مېڭىشنى ئۆگىتىدىغان كىتاب (تەۋرات)نى بەردۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  49. الَّذِينَ يَخْشَوْنَ رَبَّهُمْ بِالْغَيْبِ وَهُمْ مِنَ السَّاعَةِ مُشْفِقُونَ
    تەقۋادارلارلا پەرۋەردىگارىنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قورقىدۇ ھەمدە ئۇلار قىيامەتنىڭ (دەھشىتىدىن) تىترىگۈچىلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    تەقۋادارلار رەببىنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قورقىدۇ ھەمدە ئۇلار قىيامەتنىڭ دەھشىتىدىن تىترىگۈچىلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ تەقۋادارلار رەببىنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغان ۋە قىيامەتنىڭ غېمىدە تىترەپ تۇرىدىغان كىشىلەردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

  50. (21-سۈرە ئەنبىيا، 50-ئايەت) قۇرئاننىڭ ھىدايىتى
    وَهَٰذَا ذِكْرٌ مُبَارَكٌ أَنْزَلْنَاهُ ۚ أَفَأَنْتُمْ لَهُ مُنْكِرُونَ
    بۇ بىز نازىل قىلغان مۇبارەك قۇرئاندۇر. سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ بىز نازىل قىلغان مۇبارەك قۇرئاندۇر. سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ قۇرئان بىز نازىل قىلغان بەرىكەتلىك زىكىردۇر. بۇنى قانداقمۇ ئىنكار قىلىسىلەر؟‏ — ئەنەس ئالىم

    بۇ قۇرئانمۇ بىز يۇقىرىدىكى كىتابنى نازىل قىلغاندەك، بىز نازىل قىلغان، ئىنسانىيەتكە ياخشىلىقى كۆپ ۋە پايدىسى بۈيۈك بولغان ئىلاھىي نەسىھەتتۇر. ئى ئىنكارچىلار! قۇرئاننىڭ ئەنە شۇنداق ئىلاھىي كىتاب ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق تۇرۇقلۇق سىلەر بۇنى قانداقمۇ ئىنكار قىىلىسىلەر؟! تەۋراتنىڭ مۇساغا نازىل قىلىنغانلىقىنى قوبۇل قىلىسىلەر، ئەينى شەكىلدە نازىل قىلىنغان قۇرئاننى نېمىشقا ئىنكار قىلىسىلەر؟! ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتە «ئىلاھىي نەسىھەت» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «زىكىر - ذكر»دۇر. باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بۇ كەلىمنىڭ ئورنىدا «كىتاب - كتاب» دېگەن كەلىمە كېلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ يەردىكى «ئىلاھىي نەسىھەت»نىڭ مەنىسى «ئىلاھىي كىتاب» دېگەن بولۇپ، نەتىجە ئۆزگەرمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ كىتابى ئىنسانلارغا قىلىنغان ئىلاھىي نەسىھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە، ئۆز ۋاقتىدىكى تەۋرات ئىنسانىيەت ئۈچۈن قانداق پايدىلىق ۋە ئەھمىيەتلىك كىتاب بولسا، قۇرئاننىڭمۇ قىيامەتكە قەدەر ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئەنە شۇنداق پايدىلىق ۋە ئەھمىيەتلىك كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن: 1) تەۋرات ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيدىغان، نازىل بولۇش ئېتىبارى بىلەن ئۆز ۋاقتىدا بارلىق ئىنسانلارغا ھىدايەت ۋە نۇردۇر. 2) تەۋرات نەتىجە ئېتىبارى بىلەن مۇئەييەن سۈپەتتىكى تەقۋادارلارغا ھىدايەت، نۇر ۋە نەسىھەتتۇر. مانا بۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان ۋە ئۆز ۋاقتىدا ئىلاھىي كىتاب سۈپىتىدە ئىنسانىيەتكە توغرا يولنى كۆرسەتكەن تەۋراتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدۇر. قۇرئانغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىمۇ ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1) قۇرئان ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيدىغان، نازىل بولۇش ئېتىبارى بىلەن قىيامەتكە قەدەر بارلىق ئىنسانلارغا ھىدايەت، پارلاق نۇر ۋە نەسىھەتتۇر. 2) قۇرئان نەتىجە ئېتىبارى بىلەن مۇئەييەن سۈپەتتىكى تەقۋادارلارغا ھىدايەت، شىپا، بېشارەت ۋە رەھمەتتۇر. بۇ ئۈچ ئايەتنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! بىز ئۆز ۋاقتىدا مۇسا بىلەن ھارۇنغا، ئىنسانىيەتكە توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان، ياخشى - ياماننى ئايرىپ بېرىدىغان ۋە بەخت - سائادەتكە يېتەكلەيدىغان تەۋراتنى نازىل قىلغىنىمىزدەك، ھازىر ئوخشاش ئالاھىدىلىكتىكى قۇرئاننى ساڭا نازىل قىلدۇق؛ سەن مۇسا ۋە ھارۇنغا ئوخشاشلا بىز ئەۋەتكەن پەيغەمبەر، قۇرئان تەۋراتقا ئوخشاشلا بىز نازىل قىلغان كىتابتۇر. ئۆز ۋاقتىدا تەۋراتقا، ھەقنى سۆيىدىغان، ھەقىقەتكە ئىنتىلىدىغان ۋە بىزدىن ئەيمىنىپ ئازابىمىزدىن ساقلىنىشنىڭ كويىدا بولغان ئىنسانلار ئىشەنگەندەك، بۇ قۇرئانغىمۇ شۇنداق كىشىلەر ئىشىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئىشەنمىگەنلەرنىڭ تەرسالىقىغا قاراپ مەيۈسلەنمىگىن، خاپا بولۇپ كەتمىگىن ۋە غەمكىن بولمىغىن. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تاللاش ئەركىنلىكى بىلەن ئازغۇنلۇقتا قېلىشنى تاللىغان ئادەملەردۇر. قۇرئان ئەسلدە ئۇلارغىمۇ نازىل بولغان، لېكىن ئۇلار قۇلاقلىرىنى، كۆزلىرىنى ۋە دىللىرىنى قۇرئاننىڭ ھەقىقىتىگە قارشى ئېتىۋالغانلىقى ئۈچۈن، قۇرئان ئۇلارغا پايدا قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئۈچ ئايەتتە مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارغا تەۋراتنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قۇرئاننى بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 51 - ئايەتتىن باشلاپ 73 - ئايەتكىچە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا توغرا - خاتانى ئايرىش قابىلىيىتى بەرگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ شېرىككە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشىنىڭ بىر قىسمىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  51. وَلَقَدْ آتَيْنَا إِبْرَاهِيمَ رُشْدَهُ مِنْ قَبْلُ وَكُنَّا بِهِ عَالِمِينَ
    (مۇسا، ھارۇنلاردىن بۇرۇن) بىز ئىبراھىمغا ھەقىقەتەن (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىق يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ھىدايەت ئاتا قىلغان ئىدۇق، بىز ئۇنىڭ (پەيغەمبەرلىكنىڭ ئەھلى) ئىكەنلىكىنى بىلەتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئىلگىرى بىز ئىبراھىمغا ھەقىقەتەن ھىدايەت ئاتا قىلغان ئىدۇق، بىز ئۇنى بىلەتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئىلگىرى ئىبراھىمغا ئەقلىي كامالىتىنى بەرگەن ئىدۇق. بىز ئۇنى بىلەتتۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز، مۇسا ۋە ھارۇنغا ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيدىغان، تەقۋادارلارغا نۇر ۋە نەسىھەت بولغان كىتابنى بېرىشتىن ئىلگىرى ئىبراھىمغا، توغرا - خاتانى ئايرىش، ھەق بىلەن باتىلنى پەرق ئېتىش ۋە ياخشى - ياماننى تونۇش قابىلىيىتىنى بەرگەن ئىدۇق. بىز ئۇنىڭ بۇ ئالاھىلىككە لايىق ئىكەنلىكىنى بىلەتتۇق. بۇ ئايەتتە «توغرا - خاتانى ئايرىش قابىلىيىتى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «رۇشد -رشد» بولۇپ، بۇ كەلىمە بۇ يەردە ئىبراھىمنى كۆرسىتىدىغان ئالماش بىلەن ئىزافەتلىك بىرىكمە بولۇپ كەلگەن. شۇڭلاشقا بۇ كەلىمە بۇ يەردە ئىبراھىمنىڭ توغرا پىكىر قىلىش قابىلىيىتىنى ۋە ئۆتكۈر ئەقىل - پاراسىتىنى كۆرسىتىدۇ. دېمەككى، ئاللاھ تائالا مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارغا مەزكۇر كىتابنى بېرىشتىن ئىلگىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا (پەيغەمبەرلىكتىن بۇرۇن) ئەنە شۇ قابىلىيەتنى بەرگەن. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇ قابىلىيىتى بىلەن ئۆسمۈرلۈك چېغىدىلا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ۋە ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىش لازىملىقىنى، ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇشنىڭ ئازغۇنلۇق ئىكەنلكىنى تونۇپ يەتكەن، شۇنداقلا شېرىككە قارشى كۈرەش قىلىشقا باشلىغان. تۆۋەندىكى ئايەتلەر ئۇنىڭ بۇ كۈرىشىنىڭ بىر قىسمىنى بايان قىلىدۇ: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  52. (21-سۈرە ئەنبىيا، 52-ئايەت) شېرىك تەۋھىد ئىبراھىم
    إِذْ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوْمِهِ مَا هَٰذِهِ التَّمَاثِيلُ الَّتِي أَنْتُمْ لَهَا عَاكِفُونَ
    ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم (كۇففارلار چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارنى مەنسىتمەي) ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: « سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇ بۇتلار نېمە؟ (يەنى نېمە ئۈچۈن بۇ بۇتلارغا چوقۇنىسىلەر؟)» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: «سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇ بۇتلار نېمە؟» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە: «شۇ ھەيكەللەرگە نېمە ئۈچۈن چوقۇنىسىلەر؟» دېگەن ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئىبراھىم ئۆز ۋاقتىدا ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە، ئۇلار چوقۇنۇۋاتقان ھەيكەللەرنى كەمسىتىپ ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇشىنى ئەيىبلەپ: «سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇ ھەيكەللەر نېمىدۇر؟ يەنى سىلەر بۇ ھەيكەللەرگە نېمىشقا چوقۇنۇسىلەر؟ ئۆزۈڭلار ياسىغان بۇ ھەيكەللەر سىلەرنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي چوقۇنۇشىڭلارغا لايىقمۇ؟ ھەيكەل دېگەن ئىلاھ بولالامدۇ؟!» دەپ سورىغان ئىدى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇ ھەيكەللەرنىڭ ياغاچ، تاش، گەج، مېتال ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەردىن ياسالغانلىقىنى ناھايىتى ئوبدان بىلگەن تۇرۇقلۇق، ئۇلارغا بۇتقا چوقۇنۇشنىڭ خاتالىقىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلاردىن يۇقىرىدىكى سوئالنى سورىغان ئىدى. ئۇنىڭ، بۇتلارنى «ھەيكەللەر» دەپ ئاتىشىمۇ ئۇلارغا بۇتلارنىڭ ماھىيىتىنى ئەسلىتىش، ئۇلارنىڭ ئاددىي نەرسە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا چوقۇنۇشقا ھەرگىزمۇ لايىق بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  53. (21-سۈرە ئەنبىيا، 53-ئايەت) شېرىك قارىغۇلارچە ئەگىشىش
    قَالُوا وَجَدْنَا آبَاءَنَا لَهَا عَابِدِينَ
    ئۇلار: «ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ ئۇلارغا ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز (يەنى ئۇلارغا ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزغا تەقلىد قىلىپ چوقۇنىمىز)» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ ئۇلارغا ئىبادەت قىلغانلىقىنى كۆردۇق» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئۇلارغا چوقۇنغان ئىكەن» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار ئىبراھىمنىڭ سوئالىغا، بۇتلارغا چوقۇنۇشتا ئاتا - بوۋىلىرىغا قارىغۇلارچە ئەگىشىشتىن باشقا ھېچبىر دەلىلىنىڭ يوقلىنى ئېيتىپ: «ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئۇلارغا چوقۇنۇپ كەلگەن ئىكەن. بىز ئۇلارغا ئەگەشتۇق؛ ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭدۇق» دەپ جاۋاب بەردى. بۇ جاۋاب ئۇلارنىڭ ئەقىللىرىنى ئىشلەتمىگەنلىكىنى، شۇنداقلا تەقلىدچىلىك بىلەن بۇتلارغا چوقۇنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، ئەينى ۋاقىتتا ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە ئۆتكەن بارلىق مۇشرىكلارنىڭ جاۋابىدۇر. چۈنكى ھېچبىر مۇشرىك ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇشىغا ئەقلىي ياكى نەقلىي دەلىل تاپالمايدۇ. شۇڭلاشقا قانداق مۇشرىكقا شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ خاتالىقى ئەسلىتىلسە ۋە تەۋھىدكە قايتىشى لازىملىقى چۈشەندۈرۈلسە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كونىلارغا، ئاتا - بوۋىلىرىغا ۋە بۇرۇنقىلارغا ئەگەشكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  54. قَالَ لَقَدْ كُنْتُمْ أَنْتُمْ وَآبَاؤُكُمْ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
    ئىبراھىم: «سىلەرمۇ، ئاتا ـ بوۋاڭلارمۇ (پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان، ئاڭلىمايدىغان، جانسىز بۇتلارغا چوقۇنغانلىقىڭلار ئۈچۈن) ھەقىقەتەن روشەن گۇمراھلىقتا سىلەر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئىبراھىم: «سىلەرمۇ، ئاتا ـ بوۋاڭلارمۇ ھەقىقەتەن روشەن گۇمراھلىقتا سىلەر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ: «سىلەرمۇ، ئاتا - بوۋاڭلارمۇ ھەقىقەتەن ئېزىپ كەتكەن ئىكەنسىلەر!» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئىبراھىم ئۇلارغا: «سىلەرمۇ ۋە ئاتا - بوۋىلىرىڭلارمۇ بۇ ھەيكەللەرگە چوقۇنۇپ ناھايىتى ئوچۇق ئازغۇنلۇققا چۆمگەن ئىكەنسىلەر» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  55. (21-سۈرە ئەنبىيا، 55-ئايەت) مۇنازىرە ۋە دەتالاش ھەق ئىبراھىم
    قَالُوا أَجِئْتَنَا بِالْحَقِّ أَمْ أَنْتَ مِنَ اللَّاعِبِينَ
    ئۇلار: «سەن راست دەۋاتامسەن ياكى چاقچاق قىلىۋاتامسەن؟» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «سەن بىزگە توغرىنى ئېلىپ كەلدىڭمۇ؟ ياكى چاقچاقچىلاردىن بىرىمۇسەن؟» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «سەن بىزگە ھەقنى ئېلىپ كەلدىڭمۇ ياكى چاقچاق قىلغۇچىلاردىنمۇسەن؟» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار ئىبراھىمنىڭ، ئۆزلىرىنى ۋە ئاتا - بوۋىلىرىنى ئازغۇنلۇق بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئىبراھىمنىڭ مەقسىتىنى بىلىش ئۈچۈن: «سەن ھەقىقەتنى سۆزلەۋاتامسەن؟ ياكى چاقچاق قىلىۋاتامسەن؟» دەپ سورىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  56. قَالَ بَلْ رَبُّكُمْ رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ الَّذِي فَطَرَهُنَّ وَأَنَا عَلَىٰ ذَٰلِكُمْ مِنَ الشَّاهِدِينَ
    ئىبراھىم ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، سىلەرنىڭ (ئىبادەت قىلىشىڭلارغا لايىق) پەرۋەردىگارىڭلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئۇلارنى ئۇ ياراتقان، مەنمۇ ئۇنىڭغا (قەتئىي دەلىللەر بىلەن) گۇۋاھلىق قىلغۇچىلاردىنمەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئىبراھىم ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى بولغان ۋە ئۇلارنى ئۇ ياراتقان زاتتۇر، مەنمۇ ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق قىلغۇچىلاردىنمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەقنى ئېلىپ كەلدىم، سىلەرنىڭ رەببىڭلار ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببىدۇر. ئۇلارنى ئۇ ياراتقان. مەن بولسام بۇ ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن بىرىمەن».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئىبراھىم مۇنداق دېدى: «ياق، چاقچاق قىلغىنىم يوق. ھەقىقەتنى سۆزلەۋاتىمەن؛ چوقۇنۇشۇڭلارغا بۇ ھەيكەللەر ئەمەس، ئەكسىچە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭمۇ رەببى بولغان ئاللاھ لايىقتۇر. ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئەنە شۇ ئاللاھ ياراتقان. ئىبادەت بۇ ھەيكەللەرگە ئەمەس، ئەنە شۇ يارىتالايدىغان قۇدرەتتىكى يېگانە ئاللاھقا قىلىنىشى لازىم. مەن بۇ ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىنمەن؛ بۇ ھەقىقەتنى دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلىغان، توغرىلىقىغا جەزمەن ئىشەنگەن ۋە ئۇنىڭغا ئەستايىدىل بويسۇنغانلاردىن بىرىمەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  57. (21-سۈرە ئەنبىيا، 57-ئايەت) ئىلاھىي ھېكمەت ئىبراھىم
    وَتَاللَّهِ لَأَكِيدَنَّ أَصْنَامَكُمْ بَعْدَ أَنْ تُوَلُّوا مُدْبِرِينَ
    ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر قايتىپ كەتكەندىن كېيىن چوقۇم بۇتلىرىڭلارنى (چېقىۋېتىشنىڭ) ئامالىنى قىلىمەن» — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر قايتىپ كەتكەندىن كېيىن چوقۇم بۇتلىرىڭلارنىڭ ئامالىنى قىلىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن كۆڭلىدە: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر كەتكەندىن كېيىن بۇتلىرىڭلارنى چېقىپ تاشلاش ئۈچۈن قولۇمدىن كەلگەننى قىلىمەن» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر بۇتلارنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ باشقا يەرگە كەتكەندىن كېيىن مەن بىر پىلان تۈزۈپ ئۇلارنى شۇ پىلان بويىچە چېقىپ تاشلايمەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  58. (21-سۈرە ئەنبىيا، 58-ئايەت) ئىبراھىم ۋەھىي
    فَجَعَلَهُمْ جُذَاذًا إِلَّا كَبِيرًا لَهُمْ لَعَلَّهُمْ إِلَيْهِ يَرْجِعُونَ
    ئىبراھىم بۇتلارنى چېقىپ پارچە ـ پارچە قىلىۋەتتى، ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىپ (بۇتلارنى كىمنىڭ چاققانلىقىنى سورىشى ئۈچۈن) پەقەت چوڭ بۇتنى (چاقماي) قالدۇردى — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم بۇتلارنى چېقىپ پارچە ـ پارچە قىلىۋەتتى، ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىپ بۇتلارنى كىمنىڭ چاققانلىقىنى سورىشى ئۈچۈن پەقەت چوڭ بۇتنى چاقماي قالدۇردى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كەتكەندىن كېيىن بۇتلارنى چېقىپ پارچە - پارچە قىلىۋەتتى. پەقەت ئۇلار قايتىپ كېلىپ سورىسۇن دەپ چوڭ بۇتنىلا چاقماي قالدۇرۇپ قويدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم ئۇلار كەتكەندىن كېيىن بۇتلارنىڭ يېنىغا باردى ۋە ھەممىسىنى چېقىپ پارچە - پارچە قىلىۋەتتى، پەقەت ئۇلارنىڭ چوڭ بۇتىنى چاقماي قويۇپ قويدى. ئىبراھىمنىڭ چوڭ بۇتنى چاقماي قويۇشى، ئۇلارنىڭ قايتىپ بۇتلىرىنىڭ يېنىغا كەلگەندە باشقا بۇتلارنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى شۇ چوڭ بۇتتىن سورىشى، ئۇنىڭ جاۋاب بېرەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، بۇتلارنىڭ چوقۇنۇشقا لايىق ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارغا چوقۇنۇپ خاتا قىلىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىشى ئۈچۈن ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  59. قَالُوا مَنْ فَعَلَ هَٰذَا بِآلِهَتِنَا إِنَّهُ لَمِنَ الظَّالِمِينَ
    (ئۇلار بايرىمىدىن قايتىپ كېلىپ بۇتلىرىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ) «بۇتلىرىمىزنى مۇنداق قىلغان كىم؟ ئۇ ھەقىقەتەن زالىم ئىكەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار:«بۇتلىرىمىزنى مۇنداق قىلغان كىم؟ ئۇ ھەقىقەتەن زالىملاردىن ئىكەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار بارغان يېرىدىن قايتىپ كېلىپ: «ئىلاھلىرىمىزغا بۇنى كىم قىلدى؟ كىم قىلغان بولسا ئۇنىڭ زالىملاردىن بىرى ئىكەنلىكىدە شەك يوق» دېيىشتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئىبراھىمنىڭ ئاتىسى ۋە قەۋمى، كەتكەن يېرىدىن قايتىپ كېلىپ ئۇدۇل بۇتخانىغا باردى ۋە بۇتلىرىنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقىنى كۆرۈپ: «بۇنى بىزنىڭ ئىلاھلىرىمىزغا كىم قىلدى؟ كىم قىلغان بولسا، ئۇ ھەقىقەتەن زالىملاردىن بىرىدۇر!» دەپ ۋارقىراشتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  60. قَالُوا سَمِعْنَا فَتًى يَذْكُرُهُمْ يُقَالُ لَهُ إِبْرَاهِيمُ
    (ئۇلارنىڭ بەزىسى) «ئىبراھىم ئاتلىق بىر يىگىتنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدۇق (يەنى شۇ قىلغان بولۇشى مۇمكىن)» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ بەزىسى :«ئىبراھىم ئاتلىق بىر يىگىتنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدۇق» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ بەزىسى: «بىز ‹ئىبراھىم› دېيىلىدىغان بىر يىگىتنىڭ ئۇلارغا تىل تەگكۈزىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان» دېدى. ‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلارنىڭ بەزىسى: «ئاڭلىشىمىزچە، بۇ ئىلاھلىرىمىزغا تىل ئۇزارتىدىغان بىر ياش بالا بار ئىكەن، ئۇنىڭ ئىسمى ئىبراھىم ئىكەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  61. (21-سۈرە ئەنبىيا، 61-ئايەت) مۇنازىرە ۋە دەتالاش ھەق ئىبراھىم
    قَالُوا فَأْتُوا بِهِ عَلَىٰ أَعْيُنِ النَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَشْهَدُونَ
    ئۇلار (يەنى نەمرۇد ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرى): «ئىبراھىمنى كىشىلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىڭلار، (ئىبراھىمنىڭ بۇتلارنى ئەيىبلىگەنلىكىگە) ئۇلار گۇۋاھلىق بەرسۇن» دېدى) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ئۇنداقتا ئىبراھىمنى دەرھال كىشىلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىڭلار، ئۇلارمۇ گۇۋاھلىق بېرىشى مۇمكىن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    يەنە بەزىسى: «ئۇنداقتا ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ، ئىنسانلارنىڭ كۆز ئالدىغا چىقىرىڭلار، شاھىتلىق قىلىشلىرى مۇمكىن» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلارنىڭ چوڭلىرى: «ئۇنداقتا، ئۇنى تۇتۇپ ئىنسانلارنىڭ كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈڭلار، ئۇنىڭ بۇ ئىشنى قىلغانلىقىغا ۋە ئۇنىڭغا بېرىدىغان جازايىمىزغا ھەممىسى گۇۋاھچى بولسۇن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  62. قَالُوا أَأَنْتَ فَعَلْتَ هَٰذَا بِآلِهَتِنَا يَا إِبْرَاهِيمُ
    ئۇلار: «ئى ئىبراھىم! بۇتلىرىمىزنى مۇشۇنداق قىلغان سەنمۇ؟» دېدى. — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «ئى ئىبراھىم! بۇتلىرىمىزنى مۇشۇنداق قىلغان سەنمۇ؟» دېدى. — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم كەلتۈرۈلدى، ئۇلار ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم! ئىلاھلىرىمىزغا بۇنى سەن قىلدىڭمۇ؟» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار بۇتخانىغا توپلاشتى ۋە ئىبراھىم تۇتۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلدى. ئۇلار ئىبراھىمدىن: «بۇتلىرىمىزنى چېقىۋەتكەن سەنمۇ؟ بۇ ئىشنى سەن قىلدىڭمۇ؟ ئى ئىبراھىم!» دەپ سورىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  63. قَالَ بَلْ فَعَلَهُ كَبِيرُهُمْ هَٰذَا فَاسْأَلُوهُمْ إِنْ كَانُوا يَنْطِقُونَ
    (ئىبراھىم: «(ياق) بەلكى ئۇلارنىڭ مۇنۇ چوڭى شۇنداق قىلدى، ئەگەر ئۇلار سۆزلىيەلىسە، (كىمنىڭ چاققانلىقىنى) ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن سوراپ بېقىڭلار!» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    -ئىبراھىم-: «-ياق-، بەلكى ئۇلارنىڭ مۇنۇ چوڭى شۇنداق قىلدى، ئۇلار سۆزلىيەلەيدىغان بولسا، كىمنىڭ چاققانلىقىنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن سوراپ بېقىڭلار!» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ: «ياق، بۇ ئىشنى ئاشۇ چوڭى قىلغان بولسا كېرەك. بۇنى ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن سوراڭلار، ئەگەر گەپ قىلالىسا!» دېدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئىبراھىم ئۇلارنى ئەيىبلەش ۋە سىلكىشلەش ئۈچۈن چېقىلمىغان چوڭ بۇتقا ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ: «ياق، بۇ ئىشنى ئاۋۇ چوڭ ئىلاھىڭلار قىلغاندۇ! ئىلاھلىرىڭلار گەپ قىلالايدىغان بولسا، ئۇلاردىن بۇنى سوراپ بېقىڭلار!» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  64. (21-سۈرە ئەنبىيا، 64-ئايەت) ئۆز مەسئۇلىيەت سەۋر تەۋبە قىلىش
    فَرَجَعُوا إِلَىٰ أَنْفُسِهِمْ فَقَالُوا إِنَّكُمْ أَنْتُمُ الظَّالِمُونَ
    ئۇلار بىر ـ بىرىنى ئەيىبلەپ: «(سىلەر بۇتلارغا چوقۇنۇشتا) ھەقىقەتەن زالىمسىلەر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار بىر ـ بىرىنى ئەيىبلەپ: «سىلەر ھەقىقەتەن زالىمسىلەر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزىگە كېلىپ ئۆزئارا: «ئەسلىدە زالىملار سىلەردۇرسىلەر» دېيىشتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار ئىبراھىمنىڭ بۇ جاۋابىنى ئاڭلاپ، ئۆزلىرىنىمۇ قوغدىيالمىغان نەرسىلەرگە چوقۇنۇپ خاتا قىلغانلىقلىرىنى تونۇپ يەتتى ۋە بىر - بىرىگە: «ئىبراھىم زالىم ئەمەس، ئەكسىچە چوقۇنۇشقا لايىق بولمىغان نەرسىلەرگە چوقۇنغان سىلەر زالىمدۇرسىلەر» دېدى، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  65. ثُمَّ نُكِسُوا عَلَىٰ رُءُوسِهِمْ لَقَدْ عَلِمْتَ مَا هَٰؤُلَاءِ يَنْطِقُونَ
    ئاندىن ئۇلار (خىجالەتچىلىكتىن) باشلىرىنى تۆۋەن سېلىپ: «ئۇلارنىڭ گەپ قىلالمايدىغانلىقىنى سەن ئوبدان بىلىسەنغۇ؟» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇلار خىجالەتچىلىكتىن باشلىرىنى تۆۋەن سېلىپ: «ئۇلارنىڭ گەپ قىلالمايدىغانلىقىنى سەن ئوبدان بىلىسەنغۇ؟» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇرۇنقى ئېتىقادىغا قايتىپ: «ئىبراھىم! سەنمۇ ئوبدان بىلىسەن، بۇلار گەپ قىلالمايدۇ ئەمەسمۇ!» دېيىشتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاندىن دەرھال تەرسالىقى تۇتۇپ كونا ئازغۇنلۇقىغا قايتتى ۋە ئىبراھىمغا: «ئى ئبراھىم! سەن ئوبدان بىلىسەن، ئۇلار گەپ قىلالمايدۇ، ئەمەسمۇ! سەن بۇنى بىلگەن تۇرۇقلۇق بىزدىن قانداقمۇ ئۇلاردىن بۇنى سورىشىمىزنى تەلەپ قىلىسەن؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  66. (21-سۈرە ئەنبىيا، 66-ئايەت) تەۋھىد ئىبراھىم
    قَالَ أَفَتَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَنْفَعُكُمْ شَيْئًا وَلَا يَضُرُّكُمْ
    ئىبراھىم ئېيتتى: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ سىلەرگە ھېچ پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان ۋە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟» — مۇھەممەد سالىھ

    ئىبراھىم ئېيتتى: «سىلەر ئاللاھ نى قويۇپ سىلەرگە ھېچ پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان ۋە زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىبراھىم مۇنداق دېدى: «ئۇنداقتا سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، سىلەرگە ھېچ پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    بۇ چاغدا ئىبراھىمنىڭ ئۇلارغا ھەقنى چۈشەندۈرۈش پۇرسىتى چىققان ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ، ئۇلارنىڭ بۇتلارغا چوقۇنغانلىقىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «دېمەك، سىلەر سوئال سورىساڭلار جاۋاب بېرەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىسىلەر! سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزۈڭلارغا ھېچقانداق پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان، ئۆزۈڭلاردىن ھېچقانداق زىياننى دەپئى قىلالمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنامسىلەر؟ بۇ ئەقىلگە سىغامدۇ؟ بۇنى ۋىجدان قوبۇل قىلامدۇ؟ سىلەرنىڭ كاللاڭلار يوقمۇ؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  67. أُفٍّ لَكُمْ وَلِمَا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ ۖ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
    سىلەرگە ۋە ئاللاھنى قويۇپ سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا تۈفى! سىلەر چۈشەنمەمسىلەر؟» — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرگە ۋە ئاللاھ نى قويۇپ سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلارغا تۈفى! سىلەر ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرگە ۋە ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلارغا تۈفى! ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟».‏ — ئەنەس ئالىم

    سىلەرگە ۋە ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىڭلەرگە تۈفى! ئەقلىڭلارنى ئىشلەتسەڭلار بولمامدۇ؟ سوئال سورىسا جاۋاب بېرەلمەيدىغان، ئۆزگىگە پايدا يەتكۈزۈش تۈگۈل، ئۆزىگىمۇ پايدا يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە قانداقمۇ چوقۇنىسىلەر؟!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  68. (21-سۈرە ئەنبىيا، 68-ئايەت) شېرىك ئىبراھىم ئىمان سىناقلىرى
    قَالُوا حَرِّقُوهُ وَانْصُرُوا آلِهَتَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ فَاعِلِينَ
    ئۇلار ئېيتتى: «ئىبراھىمنى كۆيدۈرۈڭلار، ئىلاھلىرىڭلارغا ياردەم بېرىڭلار، ئەگەر ئۇلارغا ھەقىقىي ياردەم بەرمەكچى بولساڭلار» — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئېيتتى: «ئىبراھىمنى كۆيدۈرۈڭلار ۋە ئىلاھلىرىڭلارغا ياردەم بېرىڭلار، ئەگەر ئۇلارغا ھەقىقىي ياردەم بەرمەكچى بولساڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «ئۇنى كۆيدۈرۈڭلار ۋە ئىلاھلىرىڭلارغا ياردەم بېرىڭلار. ئەگەر بىرەر ئىش قىلماقچى بولساڭلار» دېيىشتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئىبراھىمنىڭ بۇ ھەق سۆزلىرى ئالدىدا ئۇلارنىڭ زۇۋانى تۇتۇلدى؛ بۇتپەرەسلىكىگە دەلىل كەلتۈرەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي كۈچىنى ئىشلىتىپ، ئىبراھىمنىڭ قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىمايلا ئۇنى جازالىماقچى بولدى ۋە: «ئۇنى ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرۈڭلار، ئەگەر ئىلاھلىرىڭلارنىڭ ئىنتىقامىنى ئالماقچى بولساڭلار ئۇنى مۇشۇنداق كۆيدۈرۈپ جازالاڭلار» دېگەن قارارنى ئېلان قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  69. قُلْنَا يَا نَارُ كُونِي بَرْدًا وَسَلَامًا عَلَىٰ إِبْرَاهِيمَ
    بىز ئوتقا: «ئى ئوت! ئىبراھىمغا سالقىن ۋە ئامانلىق (بەخش ئېتىدىغان) بولۇپ بەرگىن» دېدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئوتقا: «ئى ئوت! ئىبراھىمغا سالقىن ۋە ئامانلىق بەخش ئېتىدىغان بولۇپ بەرگىن» دېدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئوتقا: «ئى ئوت! ئىبراھىم ئۈچۈن سوغۇق ۋە زىيانسىز بول» دېدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار بۇ قارارنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس بىر يەرگە ناھايىتى چوڭ ئوت قالىدى، ئوت كۆيۈپ قاتتىق لاۋۇلداۋاتقان چاغدا، ئىبراھىمنى ئوتنىڭ ئىچىگە ئاتتى. بىز ئوتقا: «ئىبراھىم ئۈچۈن سوغۇق ۋە بىخەتەر بولغىن» دېدۇق - دە، ئوت ئىبراھىمغا تەسىر قىلمىدى، كۆيدۈرمىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  70. وَأَرَادُوا بِهِ كَيْدًا فَجَعَلْنَاهُمُ الْأَخْسَرِينَ
    ئۇلار ئىبراھىمغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولدى، بىز ئۇلارنى ئەڭ زىيان تارتقۇچىلار قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئىبراھىمغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولدى، بىز ئۇلارنى ئەڭ زىيان تارتقۇچىلار قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئىبراھىمغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولدى، ئەمما بىز ئۇلارنى ناھايىتى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار ئىبراھىمغا سۇيىقەست قىلماقچى بولدى. بىز ئۇلارنى مەقسىتىگە يەتكۈزمىدۇق، ئۇلارنىڭ بۇ دەبدەبىلىك ھەرىكىتىنى نەتىجىسىز قويدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىبراھىمدىن قۇتۇلۇپ كېتىش ئۈچۈن قىلغان ئىشىدا ھېچبىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. تەپسىرلەردە بۇ ھادىسىنىڭ جەريانى ھەققىدە بىرقانچە تۈرلۈك رىۋايەت نەقىل قىلىنغان بولۇپ ئۇلارنىڭ خۇلاسىسى تۆۋەندىكىچە: ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ مەزكۇر بۇتپەرەس قەۋمىنىڭ بىر بايرىمى بولۇپ، ئۇلار بۇ بايرام ئۈچۈن شەھەرنىڭ تېشىغا چىقىپ مۇراسىم ئۆتكۈزەتتى. ئۇلار بۇ بايرام كۈنى يېتىپ كەلگەندە ئادىتى بويىچە شەھەرنىڭ تېشىغا چىقماقچى بولدى. ئۇلار يولغا چىقىش ئەسناسىدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ ئۆزلىرى بىلەن بىللە چىقىپ بايرام مۇراسىمىگە قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: «ئاغرىپ قالدىم» دەپ باھانە كۆرسىتىپ ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالدى ۋە بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ بۇتخانىغا باردى، شۇنداقلا بۇتلارنىڭ ھەممىسىنى چېقىپ، چوڭ بۇتنى چاقماي قويۇپ قويدى ۋە پالتىنى ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن كەتكەن يېرىدىن قايتىپ بۇتخانىغا بارغاندا بۇتلىرىنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن گۇمانلاندى ۋە ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ سوراق قىلدى. ئۇلار سوراق جەريانىدا بۇتلىرىنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ چاققانلىقىنى ئىسپاتلىيالمىسىمۇ، ئۇنىڭغا ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرۈش جازاسى بېرىپ ئىلاھلىرىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالماقچى بولۇشتى ۋە مەخسۇس بىر يەرگە ئالاھىدە ئوت قالىدى، ئوت كۆيۈپ تەلەپ قىلىنغان يۇقىرى دەرىجىگە يەتكەندە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قول - پۇتلىرىنى باغلاپ مانچاناق بىلەن يىراقتىن ئوتنىڭ ئىچىگە ئاتتى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئىنايىتى بىلەن ئوتتىن ساق - سالامەت قۇتۇلدى، ئۇلار بولسا مەقسىتىگە يېتەلمىدى؛ ئوت ئىبراھىمنىڭ قوللىرى ۋە پۇتلىرى باغلانغان ئارغامچىلارنىلا كۆيدۈردى، ئىبراھىمغا بولسا ھېچقانداق تەسىر قىلمىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  71. (21-سۈرە ئەنبىيا، 71-ئايەت) ئىبراھىم لۇت
    وَنَجَّيْنَاهُ وَلُوطًا إِلَى الْأَرْضِ الَّتِي بَارَكْنَا فِيهَا لِلْعَالَمِينَ
    بىز ئىبراھىم بىلەن لۇتنى قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى بىز ئەھلى جاھان ئۈچۈن بەرىكەتلىك قىلغان زېمىنغا كۆچۈردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئىبراھىم بىلەن لۇتنى قۇتقۇزدۇق، بىز ئۇلارنى ئەھلى جاھان ئۈچۈن بەرىكەتلىك زېمىنغا كۆچۈردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئىبراھىمنى ۋە لۇتنى قۇتقۇزۇپ، بىز ئالەملەر ئۈچۈن بەرىكەتلىك قىلغان يۇرتقا يەرلەشتۈردۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئىبراھىمنى ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشىنىڭ ئوغلى لۇتنى دۈشمەنلىرىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى بىز بارلىق جاھان ئەھلى ئۈچۈن بەرىكەتلىك قىلغان زېمىن (شام دىيارىغا) ئورۇنلاشتۇردۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  72. (21-سۈرە ئەنبىيا، 72-ئايەت) ئىبراھىم
    وَوَهَبْنَا لَهُ إِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ نَافِلَةً ۖ وَكُلًّا جَعَلْنَا صَالِحِينَ
    بىز ئۇنىڭغا (يەنى ئىبراھىمغا) ئىسھاقنى بەردۇق، (ئۇ پەرۋەردىگارىدىن سورىمىسىمۇ) يەئقۇبنى ئوشۇق بەردۇق (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنى نەۋرە قىلىپ ياكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىۋىدىن زىيادە قىلىپ بەردۇق)، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى ئادەملەر قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئۇنىڭغا ئىسھاقنى بەردۇق، يەئقۇبنى ئوشۇق بەردۇق[1]، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى ئادەملەر قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى ۋە ئارتۇق ھەدىيە سۈپىتىدە يەئقۇبنى بەردۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشىلار قىلدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى ۋە ئارتۇق ھەدىيە سۈپىتىدە يەقۇبنى بەخش ئەتتۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ياخشى ئادەملەر قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  73. وَجَعَلْنَاهُمْ أَئِمَّةً يَهْدُونَ بِأَمْرِنَا وَأَوْحَيْنَا إِلَيْهِمْ فِعْلَ الْخَيْرَاتِ وَإِقَامَ الصَّلَاةِ وَإِيتَاءَ الزَّكَاةِ ۖ وَكَانُوا لَنَا عَابِدِينَ
    ئۇلارنى بىزنىڭ ئەمرىمىز بويىچە (كىشىلەرنى بىزنىڭ دىنىمىزغا) يېتەكلەيدىغان پېشۋالار (يەنى پەيغەمبەرلەر) قىلدۇق، ئۇلارغا بىز ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى، ناماز ئوقۇشنى، زاكات بېرىشنى ۋەھىي قىلدۇق، ئۇلار بىزگە خالىس ئىبادەت قىلاتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى بىزنىڭ ئەمرىمىز بويىچە كىشىلەرنى بىزنىڭ دىنىمىزغا يېتەكلەيدىغان پېشۋالار قىلدۇق، ئۇلارغا بىز ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى، ناماز ئوقۇشنى، زاكات بېرىشنى ۋەھيى قىلدۇق، ئۇلار بىزگە خالىس ئىبادەت قىلاتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارنى ئەمرىمىز بويىچە توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان يېتەكچىلەر قىلدۇق، ئۇلارغا ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەشنى، زاكاتنى بېرىشنى ۋەھىي قىلدۇق. ئۇلار بىزگىلا ئىبادەت قىلغۇچىلار ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئۇلارنى، بىزنىڭ ئەمرىمىز بويىچە توغرا يولغا باشلايدىغان يېتەكچىلەر قىلدۇق. ئۇلارغا ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەشنى، زاكاتنى بېرىشنى ۋەھىي قىلدۇق (كۆڭلىگە سالدۇق). ئۇلار بىزگىلا ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەر ئىدى. ئەسكەرتىش: ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كىچىكىدە ئاللاھ تائالا بەرگەن بۇ قابىلىيىتى بىلەن ئاتىسىنىڭ ۋە قەۋمىنىڭ بۇتقا چوقۇنۇشىغا ئەنە شۇنداق قارشى چىققان، ئۇلارنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلغان. ئۇ، ئاللاھ تائالا ئۆزىگە پەيغەمبەرلىك بەرگەندىن كېيىنمۇ، بۇ كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرغان. يەنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كىچىكىدىن باشلاپ پەيغەمبەر بولغۇچىلىك ۋە پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىن ئۆلۈمىگىچىلىك ئىنسانلارنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلىش ۋە شېرىكتىن توسۇش بىلەن بولغان. يۇقىرىدىكى (51 ~ 73 -) ئايەتلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەنە شۇ كۈرەش ھاياتىنى خۇلاسىلەيدۇ. ئىىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىنىڭ بۇ خۇلاسىسى مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردىمۇ بايان قىلىنىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئەنە شۇ ئىخلاس، پىداكارلىق ۋە توختاۋسىز كۈرىشى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ: «ئىبراھىم، ھەقكە يۆنەلگۈچى، بىزگە بويسۇنغۇچى، بىزگە ئىتائەت قىلغۇچى، ئىنسانلارغا ئۈلگە، مۇشرىكلاردىن بولمىغان» دېگەن مەدھىيىلىرىگە نائىل بولغان، شۇنداقلا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئىلاھىي ئىنئامىغا ئېرىشكەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  74. وَلُوطًا آتَيْنَاهُ حُكْمًا وَعِلْمًا وَنَجَّيْنَاهُ مِنَ الْقَرْيَةِ الَّتِي كَانَتْ تَعْمَلُ الْخَبَائِثَ ۗ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمَ سَوْءٍ فَاسِقِينَ
    لۇتقا پەيغەمبەرلىكنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق (لۇت ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقان، ئەگەشكەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھىجرەت قىلغان ئىدى)، ئۇنى (ئاھالىسى بەچچىۋازلىق، قاراقچىلىق قاتارلىق) يامان قىلىقلارنى قىلىدىغان شەھەردىن قۇتقۇزدۇق، ھەقىقەتەن ئۇلار يامان، پاسىق قەۋم ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    لۇتقا پەيغەمبەرلىكنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق ۋە ئۇنى يامان قىلىقلارنى قىلىدىغان شەھەردىن قۇتقۇزدۇق، ھەقىقەتەن ئۇلار يامان پاسىق قەۋم ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز لۇتقا توغرا ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى ۋە ئىلىم ئاتا قىلدۇق، ئۇنى ئاھالىسى قەبىھ ئىشلارنى قىلىدىغان يۇرتتىن قۇتقۇزدۇق. ئۇلار ھەقىقەتەن يامان ۋە فاسىق قەۋم ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز لۇتقا دەۋا - دەستۇرلاردا توغرا ھۆكۈم قىلىش، تالاش - تارتىشلاردا ھەل قىلغۇچ سۆزنى قىلىش قابىلىيىتى ۋە ئىلىم ئاتا قىلدۇق. ئۇنى، ئاھالىسى قەبىھ ئىشلارنى قىلىدىغان يۇرتتىن قۇتقۇزدۇق. چۈنكى ئۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسى يامان ئىشلارنى قىلىدىغان ۋە يولدىن چىققان قەۋم ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  75. وَأَدْخَلْنَاهُ فِي رَحْمَتِنَا ۖ إِنَّهُ مِنَ الصَّالِحِينَ
    بىز ئۇنى رەھمىتىمىز دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق، ئۇ ھەقىقەتەن ياخشىلاردىن ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئۇنى رەھمىتىمىز دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق، ئۇ ھەقىقەتەن ياخشىلاردىن ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇنى رەھمىتىمىزگە چۆمدۈردۇق، چۈنكى ئۇ ياخشىلاردىن ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز لۇتنى ئۇلاردىن قۇتقۇزۇش بىلەن بىرلىكتە، باشقا قورقۇنچلاردىنمۇ قۇتقۇزۇپ ئۇنىڭغا دۇنيا ۋە ئاخىرەت بەخت - سائادىتىنى ئاتا قىلدۇق. چۈنكى ئۇ بىزگە ئىخلاسمەنلىكى ۋە ئىتائەتمەنلىكى بىلەن ئىنايەت ۋە ئىلتىپاتىمىزغا لايىق بولغان ياخشىلاردىن ئىدى. ئەسكەرتىش: لۇت ئەلەيھىسسالام ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىندىشىنىڭ ئوغلى بولۇپ، باشتا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بابىلدىن شام دىيارىغا ھىجرەت قىلغان ئىدى. ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇنى ئىئوردانىيە بىلەن پەلەستىن ئارىسىدىكى «لۇت كۆلى»نىڭ ساھىلىغا يەرلەشكەن سەدۇم رايونىغا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن. ئۇ جايلارنىڭ ئاھالىسى مۇشرىك ۋە ئەخلاقسىز كىشىلەر ئىدى؛ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرەتتى، يامان ئىشلارنى قىلاتتى، ھەتتا ئىلگىرى ھېچكىم قىلىپ باقمىغان قەبىھ ئىش(بەچچىۋازلىق)نى ئاشكارا ھالدا قىلاتتى. ئۇ يۇرتنىڭ ئاھالىسى لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسىھەتلىرىگە پەرۋا قىلماي كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلىگەن ئىدى، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتكەن. لۇت ئەلەيھىسسالامنى بولسا قۇتقۇزغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  76. (21-سۈرە ئەنبىيا، 76-ئايەت) دۇئا نوھ
    وَنُوحًا إِذْ نَادَىٰ مِنْ قَبْلُ فَاسْتَجَبْنَا لَهُ فَنَجَّيْنَاهُ وَأَهْلَهُ مِنَ الْكَرْبِ الْعَظِيمِ
    نۇھنىڭ (قىسسەسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (مەزكۇر پەيغەمبەرلەردىن) بۇرۇن (قەۋمىگە، پەرۋەردىگارىم يەر يۈزىدە كۇففارلاردىن بىرنىمۇ قويمىغىن، دەپ بەتدۇئا قىلغان ئىدى)، بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى (ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى) بۈيۈك بالادىن (يەنى توپان بالاسىدا غەرق بولۇشتىن) قۇتقۇزدۇق (يەنى نۇھنى قەۋمىنىڭ شەررىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق) — مۇھەممەد سالىھ

    نۇھنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ مەزكۇر پەيغەمبەرلەردىن بۇرۇن دۇئا قىلغان ئىدى، بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى بۈيۈك بالادىن قۇتقۇزدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز نۇھنىمۇ يېتەكچى قىلدۇق. ئۇ ئىلگىرى بىزگە دۇئا قىلغان ئىدى. بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغان ئىدۇق. ئۇنى ۋە ئائىلىسىنى چوڭ بالادىن قۇتقۇزدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بۇ كىتاب (قۇرئان)دا نۇھنىمۇ زىكىر قىلغىن؛ نۇھ ئۆز ۋاقتىدا بىزگە دۇئا قىلىپ، ئۆزىنى ۋە مۇئمىنلارنى قۇدۇلدۇرۇشىمىزنى، كۇفرىلقتا ئەزۋەيلىگەن قەۋمىنى ھالاك قىلىۋېتىشىمىزنى تىلىگەن ئىدى، بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇنى ۋە ئائىلىسىنى چوڭ غەم ۋە قاتتىق قورقۇنچتىن قۇتقۇزدۇق. ئەسكەرتىش: بۇ غەم ۋە قورقۇنچ، ئەسىرلەر بويى قەۋمى يەتكۈزگەن ئەزىيەت ۋە ھاقارەتلەرنىڭ ئىچ پۇشۇقى ۋە ئاللاھ تائالادىن قەۋمىنىڭ ھالاك قىلىنىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كىمنىڭ ھالاك بولۇپ كىمنىڭ قۇتۇلىدىغانلىقىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن دىلىدا پەيدا بولغان قورقۇنچ ئىدى. ئاللاھ تائالا بارلىق كافىرلارنى ھالاك قىلىۋېتىش بىلەن نۇھ ئەلەيھىسسالامنى بۇ ئىچ پۇشۇقى ۋە غەملەردىن قۇتقۇزغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  77. وَنَصَرْنَاهُ مِنَ الْقَوْمِ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمَ سَوْءٍ فَأَغْرَقْنَاهُمْ أَجْمَعِينَ
    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمگە قارشى ئۇنىڭغا ياردەم بەردۇق، ئۇلار ھەقىقەتەن يامان قەۋم ئىدى. ئۇلارنىڭ (بىرىنىمۇ قويماي) ھەممىسىنى غەرق قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمگە قارشى ئۇنىڭغا ياردەم بەردۇق، ئۇلار ھەقىقەتەن يامان قەۋم ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى غەرق قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنى ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمدىن قۇتقۇزدۇق. ئۇلار ھەقىقەتەن يامان قەۋم ئىدى. بۇ سەۋەبتىن بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى غەرق قىلدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز نۇھنى، ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمدىن ياردىمىمىز بىلەن قۇتقۇزدۇق. چۈنكى ئۇلار ھەقىقەتەن يامان قەۋم ئىدى؛ يامان ئىشلارنى قىلاتتى، ئەمىرلىرىمىزگە بويۇنتاۋلىق قىلاتتى، نۇھنىڭ ئەسىرلەر بويى قىلغان نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالمىغان ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا پەرۋا قىلمىغان ئىدى. بىز ئۇ قەۋمنىڭ تامامىنى توپان بالاسى بىلەن غەرق قىلىۋەتتۇق. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا نۇھ ئەلەيھىسسالامنى، ئىدرىس ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ۋە ھۇد ئەلەيھىسسالامدىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ بۇتپەرەس قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن. نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۆز قەۋمىنى 950 يىل بويىچە كېچە - كۈندۈز ۋە ئاشكارا - يوشۇرۇن ھەقكە دەۋەت قىلغان. قەۋمى بولسا، دەۋەتنى قوبۇل قىلماي كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەن، ھەتتا نۇھ ئەلەيھىسسالامغا جەڭ ئېلان قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئۆلتۈرۈۋېتىش بىلەن تەھدىت سالغان. ئۇ، 950 يىلدىن كېيىن، ئۆزىگە نۇسرەت، قەۋمىگە بالا تىلەپ ئاللاھقا دۇئا قىلغان. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئاسماندىن ناھايىتى ئۇلۇغ سۇ چۈشۈرگەن، زېمىندىن بۇلاقلار ئېتىلدۇرۇپ چىقارغان، شۇنىڭ بىلەن كۇفرى ئەھلى سۇغا غەرق قىلىنغان. نۇھ ئەلەيھىسسالامنى ۋە مۇئمىنلارنى بولسا، ئۆزىنىڭ ئەمرى بىلەن نۇھ ئەلەيھىسسالام ياسىغان كېمىدە قۇتقۇزغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  78. وَدَاوُودَ وَسُلَيْمَانَ إِذْ يَحْكُمَانِ فِي الْحَرْثِ إِذْ نَفَشَتْ فِيهِ غَنَمُ الْقَوْمِ وَكُنَّا لِحُكْمِهِمْ شَاهِدِينَ
    داۋۇت بىلەن سۇلايماننىڭ (قىسسەسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا بىر قەۋمنىڭ قويى كېچىسى زىرائەتنى يەپ (بۇزۇۋەتكەندە)، ئۇ ئىككىسى زىرائەت توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ھۆكمىگە بىز شاھىت ئىدۇق.(ئىزاھات:بىر ئادەمنىڭ قويلىرى كېچىسى يەنە بىر ئادەمنىڭ زىرائىتىنى پۈتۈنلەي يەپ كەتكەن ئىدى، ئۇلار دەۋالىشىپ داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، داۋۇد ئەلەيھىسسالام بۇزۇلغان زىرائەتنىڭ بەدىلىگە قوينى زىرائەتنىڭ ئىگىسىگە بېرىشنى بۇيرۇيدۇ، سۇلايمان ئەلەيھىسسالام مەسىلىگە باشقىچىراق قاراپ، قوي ئىگىسى زىرائەتنى قايتا تېرىپ بۇرۇنقىدەك ئۆستۈرۈپ بەرگەنگە قەدەر قوينىڭ زىرائەت ئىگىسىگە قالدۇرۇلۇشىنى، ئاڭغىچە زىرائەت ئىگىسىنىڭ قوينىڭ يۇڭى، تېرىسى ۋە تۆلىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇشىنى ئېيتىدۇ.) — مۇھەممەد سالىھ

    داۋۇت بىلەن سۇلايماننىڭ قىسسىسىنى بايان قىلغىن. ئۆز ۋاقتىدا بىر قەۋمنىڭ قويى كېچىسى زىرائەتنى يەپ بۇزۇۋەتكەندە، ئۇ ئىككىسى زىرائەت توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان ئىدى[1]. ئۇلارنىڭ ھۆكمىگە بىز شاھىت ئىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز داۋۇد بىلەن سۇلەيماننىمۇ يېتەكچى قىلدۇق. ئۆز ۋاقتىدا بۇ ئىككىيلەن كېچىسى بىر قەۋمنىڭ قويلىرى كىرىپ يەپ كەتكەن زىرائەت توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان ئىدى. بىز ئۇلارنىڭ بۇ ھۆكمىگە شاھىت ئىدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بۇ كىتاب (قۇرئان)دا ئۆتمۈشتىكى پەيغەمبەرلىرىمىزدىن بولغان داۋۇد ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلەيماننىمۇ زىكىر قىلغىن؛ ئۇ ئىككىسى ئۆز ۋاقتىدا، مەلۇم بىر قەۋمگە تەۋە قوي پادىسىنىڭ باشقىلارغا تەۋە بىر ئېتىزلىققا كېچىسى كىرىپ زىرائەتلەرنى نابۇت قىلىۋەتكەنلىكى مەسىلىسى ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغان ئىدى. بىز ئۇلارنىڭ ھۆكۈم قىلىشىنى كۆرۈپ تۇراتتۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  79. (21-سۈرە ئەنبىيا، 79-ئايەت) ئىلاھىي ھېكمەت داۋۇت ۋە سۇلايمان
    فَفَهَّمْنَاهَا سُلَيْمَانَ ۚ وَكُلًّا آتَيْنَا حُكْمًا وَعِلْمًا ۚ وَسَخَّرْنَا مَعَ دَاوُودَ الْجِبَالَ يُسَبِّحْنَ وَالطَّيْرَ ۚ وَكُنَّا فَاعِلِينَ
    قانداق ھۆكۈم قىلىشنى بىز سۇلايمانغا بىلدۈردۇق، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ھېكمەتنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق. تاغلارنى، قۇشلارنى داۋۇد بىلەن تەسبىھ ئېيتىشقا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، (شۇنداق قىلىشقا) بىز قادىر ئىدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    قانداق ھۆكۈم قىلىشنى بىز سۇلايمانغا بىلدۈردۇق، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە ھېكمەتنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق، تاغلارنى، قۇشلارنى داۋۇد بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىشقا بويسۇندۇردۇق، بۇلارنى بىز قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز بۇ مەسىلە توغرىسىدا قانداق ھۆكۈم قىلىشنى سۇلەيمانغا چۈشەندۈردۇق. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە توغرا ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى ۋە ئىلىم ئاتا قىلدۇق. بىز تاغلارنى ۋە قۇشلارنى داۋۇد بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىشقا بويسۇندۇردۇق. بۇلارنى بىز قىلدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئۇ مەسىلىنىڭ توغرا ھۆكمىنى سۇلەيمانغا چۈشەندۈرگەن ئىدۇق. سۇلەيمان بىز چۈشەندۈرگەن بويىچە ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلدى؛ ئۇنىڭ بۇ ھۆكمى بىلەن زىرائەت ئىگىلىرىنىڭ زىيىنى تولدۇرۇلدى، قوي ئىگىلىرى قويلىرىدىن تامامەن ئايرىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىپ قالدى. بىز ئۇ ئىككىسىنىڭ ھەر بىرىگە توغرا ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى ۋە ئىلىم ئاتا قىلغان ئىدۇق، لېكىن بۇ نۆۋەتتە سۇلەيماننىڭ ئىجتىھادى توغرا ئىدى. بىز تاغلارنى ۋە قۇشلارنى داۋۇد بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىشقا بويسۇندۇردۇق. ئى ئىنسانلار! بۇ ئىشلارنى بىز قۇدرىتىمىز بىلەن قىلدۇق؛ سىلەر ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە بىلىنىدىغان ۋە ئەجەبلىنەرلىك تۇيۇلىدىغان بۇ ئىشلارنى قىلىش بىزنىڭ قۇدرىتىمىز ئالدىدا ئاددىيلا ئىشتۇر. بىز بۇنداق ئىشلارنى بۇرۇنمۇ قىلغان. بۇ قېتىمىقى تۇنجىسى ئەمەس. بۇ مەسىلىنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە: داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا بىر قەۋمنىڭ قوي پادىسى كېچە ۋاقتىدا، يېنىدا باققۇچىسى يوق ھالەتتە باشقا بىر قەۋمنىڭ ئېتىزلىقىغا كىرىپ، زىرائەتلەرنى نابۇت قىلىۋەتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن زىرائەتلەرنىڭ ئىگىسى بىلەن قوي پادىسىنىڭ ئىگىسى دەۋالىشىپ داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدى. داۋۇد ئەلەيھىسسالام جاۋابكارلىقنى قوي پادىسىنىڭ ئىگىلىرىگە ئارتتى ۋە ئۇلارنىڭ قوي پادىسىنى، زىرائەتنىڭ ئىگىلىرىگە بېرىشىگە ھۆكۈم قىلدى. سۇلەيمان ئەلەيھىسسالام بولسا، جاۋابكارلىقنى قوي پادىسىنىڭ ئىگىلىرىگە ئارتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ زىرائەتنى قايتا تېرىپ بۇرۇنقى ھالىتىگە كەلتۈرۈپ بېرىشىگە ۋە ئۇ ۋاقىتقىچە قويلارنى زىرائەتنىڭ ئىگىلىرىگە بېرىشىگە، زىرائەتلەر ئەسلىگە كەلگەنگە قەدەر قويلارنىڭ سۈت، يۇڭ، قىغ ۋە قوزىلىرى زىرائەت ئىگىلىرىنىڭ بولۇشىغا، زىرائەتلەر ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ھەر تەرەپنىڭ مۈلكى ئۆزىگە قايتىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى. ئەسكەرتىش: تاغلارنىڭ ۋە قۇشلارنىڭ تەسبىھ ئېيتىشى ھەقىقىي مەنىدە تەسبىھ ئېيتىش بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلىنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى داۋۇد ئەلەيھىسسالام تەسبىھ ئېيتقاندا ئۇنىڭ بىلەن بىللە تەسبىھ ئېيتىشقا بۇيرۇغان. شۇڭلاشقا ئۇلارمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن داۋۇد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  80. وَعَلَّمْنَاهُ صَنْعَةَ لَبُوسٍ لَكُمْ لِتُحْصِنَكُمْ مِنْ بَأْسِكُمْ ۖ فَهَلْ أَنْتُمْ شَاكِرُونَ
    جەڭلەردە سىلەرنى (يارىدار بولۇشتىن) ساقلاش مەقسىتىدە، داۋۇدقا سىلەر ئۈچۈن ساۋۇت ياساشنى ئۆگەتتۇق، سىلەر (بۇنىڭغا) شۈكۈر قىلامسىلەر؟ (يەنى شۈكۈر قىلىڭلار ۋە نېمەتنىڭ قەدرىنى بىلىڭلار) — مۇھەممەد سالىھ

    جەڭلەردە سىلەرنى ساقلاش مەقسىتىدە، داۋۇدقا سىلەر ئۈچۈن ساۋۇت ياساشنى ئۆگەتتۇق، سىلەر شۈكۈر قىلامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز داۋۇدقا، ئۇرۇشتا سىلەرنى زەربىدىن ساقلىسۇن دەپ سىلەر ئۈچۈن ساۋۇت ياساشنى ئۆگەتتۇق. شۈكۈر قىلامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    بىز داۋۇدقا جەڭلەردە سىلەرنى قىلىچ ۋە نەيزە زەربىسىدىن ساقلايدىغان ئۇرۇش كىيىملىرىنى ياساشنى ئۆگەتتۇق. داۋۇد ئۇ كىيىملەرنى تۆمۈر پارچىلىرىنى بىر - بىرىگە ئۇلاپ توقۇپ تەييارلايتتى. ئۇ كىيىملەرنى بىزنىڭ ئۆگىتىشىمىز بىلەن تۇنجى بولۇپ داۋۇد ياسىدى، ئاندىن بۇ ئىش نەسىلدىن - نەسىلگە داۋاملىشىپ كەلدى. ئى ئىنسانلار! بىز بۇ نېمەتنى داۋۇد ئارقىلىق سىلەرگە ئاتا قىلدۇق. بۇ نېمەتكە شۈكۈر قىلىشىڭلار كېرەك. ئەسكەرتىش: تۆمۈر كىيىملەر - ئاللاھ تائالانىڭ داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئاتا قىلغان نېمىتى بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇنى ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان باشقا ئومۇمىي نېمەتلىرى قاتارىدا زىكىر قىلغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  81. وَلِسُلَيْمَانَ الرِّيحَ عَاصِفَةً تَجْرِي بِأَمْرِهِ إِلَى الْأَرْضِ الَّتِي بَارَكْنَا فِيهَا ۚ وَكُنَّا بِكُلِّ شَيْءٍ عَالِمِينَ
    سۇلايمانغا قاتتىق چىقىدىغان شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، شامال سۇلايماننىڭ ئەمرى بويىچە، بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىنغا (يەنى شامغا) باراتتى، بىز ھەممىنى بىلگۈچىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    سۇلايمانغا قاتتىق چىقىدىغان شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، شامال سۇلايماننىڭ ئەمرى بويىچە، بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىنغا باراتتى، بىز ھەممىنى بىلگۈچىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    سۇلەيمانغا قاتتىق چىقىدىغان شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شامال سۇلەيماننىڭ بۇيرۇقى بويىچە بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىن تەرەپكە قاراپ چىقاتتى. بىز ھەر نەرسىنى بىلەتتۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز سۇلەيمانغا قاتتىق چىقىدىغان شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شامال سۇلەيماننىڭ بۇيرۇقى بويىچە بىز بەرىكەتلىك قىلغان زېمىن تەرەپكە تېز ۋە سىلىق ماڭاتتى. بىز ھەر نەرسىنى بىلەتتۇق. سۇلەيماننىڭ قارارگاھى بەرىكەتلىك زېمىن بولغان شام دىيارىدا ئىدى. ئۇ، شامال ئارقىلىق يەر شارىنىڭ باشقا جايلىرىغا باراتتى؛ ئەتىگەندە يولغا چىقىپ كەچ كىرگەندە قارارگاھىغا يېنىپ كېلەتتى. شامال، سۇلەيماننى كۈندۈزنىڭ ئاۋۋىلىدە بىر ئايلىق، كۈندۈزنىڭ ئاخرىدا بىر ئايلىق يەرگە ئېلىپ باراتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  82. وَمِنَ الشَّيَاطِينِ مَنْ يَغُوصُونَ لَهُ وَيَعْمَلُونَ عَمَلًا دُونَ ذَٰلِكَ ۖ وَكُنَّا لَهُمْ حَافِظِينَ
    سۇلايمانغا يەنە بىر قىسىم شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلار دېڭىزلارغا چۆكۈپ ئۇنىڭغا ئۈنچە ـ مارجان (گۆھەرلەرنى سۈزۈپ چىقاتتى)، ئۇلار يەنە (شەھەرلەرنى، ئېگىز سارايلارنى سېلىشتەك) باشقا ئىشلارنىمۇ قىلاتتى، بىز ئۇلارنى (سۇلايماننىڭ ئىتائىتىدىن چىقىشتىن) ساقلايتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    سۇلايمانغا يەنە بىر قىسىم شەيتانلارنى مۇسەخخەر قىلىپ بەردۇق، ئۇلار دېڭىزلاردا چۆكۈپ ئۇنىڭغا ئۈنچە ـ مارجان - گۆھەرلەرنى- سۈزۈپ چىقاتتى، ئۇلار يەنە باشقا ئىشلارنىمۇ قىلاتتى، بىز ئۇلارنى كۆزىتەتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز يەنە سۇلەيمانغا بىر قىسىم شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. ئۇلار سۇلەيمان ئۈچۈن دېڭىزغا چۆكەتتى ۋە باشقا ئىشلارنىمۇ قىلاتتى. بىز ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇراتتۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭدەك، بىز سۇلەيمانغا بىر قىسىم شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. ئۇلار سۇلەيمان ئۈچۈن دېڭىزلارغا چۆكۈپ ئۈنچە - مارجان ۋە مەرۋايىتلارنى ئېلىپ چىقاتتى، سۇلەيمان ئۈچۈن بىناكارلىق، ھەيكەلتاراشلىق، پەۋقۇلئاددە چوڭ لېگەن ۋە قازان ياساش ئىشلىرىنىمۇ قىلاتتى. بىز ئۇ شەيتان ئىشچىلارنى كۆزىتىپ تۇراتتۇق، ئۇلار ئىشلىرىدا ھېچقانداق ھىيلە ۋە ساختىلىق قىلالمايتتى. داۋۇد ۋە سۇلەيمان ئەلەيھىسسالاملار ئىككىسى ئاتا - بالا ۋە ھەربىرى ھۆكۈمدار پەيغەمبەر بولۇپ ئۇلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھاللىرى تۆۋەندىكىچە: 1) داۋۇد ئەلەيھىسسالام يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسلىدىن بولۇپ، ئۇ بەنى ئىسرائىلنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلىرىنىڭ بىرى تەرىپىدىن تىكلەنگەن پادىشاھى «تالۇت»نىڭ قوشۇنى ئىچىدە جەسۇر ۋە جەڭگىۋار بىر ئەسكەر ئىدى. ئاللاھ تائالا تالۇتتىن كېيىن ئۇنى بەنى ئىسرائىلغا پادىشاھ قىلغان، ئاندىن كېيىن ئۇنى پەيغەمبەرمۇ قىلغان. ئۇنىڭغا زەبۇر ئاتلىق بىر كىتاب نازىل قىلغان. شۇنىڭدەك، ئۇنىڭغا مەسىلىلەر ھەققىدە توغرا ھۆكۈم چىقىرىش ۋە ئىنسانلارغا ياخشى سۆز قىلىش قابىلىيىتى ئاتا قىلغان. تاغلارنى ۋە قۇشلارنى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىشقا بويسۇندۇرغان ؛ ئۇ، ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتسا تاغلار ۋە قۇشلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتاتتى. ئۇنىڭغا تۆمۈرنى يۇمشىتىپ بەرگەن ۋە تۆمۈردىن ئۇرۇش كىيىملىرى ياساشنى ئۆگەتكەن. 2) سۇلەيمان ئەلەيھىسسالام داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنى پادىشاھلىق ۋە پەيغەمبەرلىكتە ئاتىسى داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا ۋارىس قىلغان. ئۇنىڭغىمۇ توغرا ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتى ۋە كاتتا ئىلىم ئاتا قىلغان، قۇشلارنىڭ تىلىنى ئۆگەتكەن ۋە ھەر نەرسىدىن بەرگەن، شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن، مىس بۇلىقىنى ئېقىتىپ بەرگەن، بىر قىسىم جىن ۋە شەيتانلارنى خىزمىتىگە سېلىپ بەرگەن. ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئىلتىپاتلىرى بىلەن جىن، ئىنسان ۋە قۇشلاردىن مۇنتىزىم قوشۇنلار تەشكىل قىلغان، شۇنداقلا ھېچكىمگە نېسىپ بولمىغان سەلتەنەتكە ئېرىشكەن. ئاللاھ تائالا سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامغا ئاتا قىلغان «كاتتا ئىلىم» ئۇ قەدەر كاتتا ئىدىكى، ئۇ ئىلىم بىلەن سەبەئـ مەلىكىسىنىڭ تەختى مىڭلارچە كىلومېتىرلىق يىراق جاي بولغان يەمەندىن كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ۋاقىتتا سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلگەن ئىدى. ئەينەكتىن، باشقىلار سۇ دەپ ئويلىغۇدەك دەرىجىدە ھېچقانداق قادىقى ۋە تۇتاشتۇرۇلغان يېرى يوق ھەشەمەتلىك سارايلار سېلىنغان ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  83. وَأَيُّوبَ إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ أَنِّي مَسَّنِيَ الضُّرُّ وَأَنْتَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ
    (ئەييۇبنىڭ قسسەسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ پەرۋەردىگارىغا: «ھەقىقەتەن مېنى بالا (يەنى قاتتىق كېسەل) ئورىۋالدى، سەن ئەڭ مەرھەمەتلىكسەن» دەپ دۇئا قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە ئەييۇب-نىڭ قسسسى-نى بايان قىلغىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ رەببىغا: «ھەقىقەتەن مېنى بالا ئورىۋالدى، سەن ئەڭ مەرھەمەتلىكسەن» دەپ دۇئا قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئەييۇبنىمۇ يېتەكچى قىلغان ئىدۇق. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىگە: «مېنى بالا ئورىۋالدى، سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ رەھىم قىلغۇچىسدۇرسەن» دەپ نىدا قىلدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد بۇ كىتاب (قۇرئان)دا ئەييۇبنىمۇ زىكىر قىلغىن: ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئېغىر كېسەللىك ۋە باشقا مۇسىبەتلەرگە گىرىپتار بولۇپ ئۇزۇن ئۆتكەندە بىزگە يالۋۇرۇپ: «رەببىم! مېنى بالا - مۇسىبەت ئورىۋالدى ۋە قىينىدى، سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ رەھىملىكىدۇرسەن» دەپ دۇئا قىلغان ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  84. فَاسْتَجَبْنَا لَهُ فَكَشَفْنَا مَا بِهِ مِنْ ضُرٍّ ۖ وَآتَيْنَاهُ أَهْلَهُ وَمِثْلَهُمْ مَعَهُمْ رَحْمَةً مِنْ عِنْدِنَا وَذِكْرَىٰ لِلْعَابِدِينَ
    ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن بالانى كۆتۈرۈۋەتتۇق، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغانلىقىمىز، ئىبادەت قىلغۇچىلارغا ئىبرەت قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئائىلىسىنى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر باراۋەرنى زىيادە ئاتا قىلدۇق (يەنى ئۇنىڭ ئۆلگەن بالىلىرىنىڭ ۋە يوقالغان ماللىرىنىڭ ئورنىغا بىر ھەسسە كۆپ بالا، بىر ھەسسە كۆپ مال بەردۇق) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن بالانى كۆتۈرۈۋەتتۇق، ئۇنىڭغا رەھىم قىلغانلىقىمىز، ئىبادەت قىلغۇچىلارغا ئىبرەت قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئائىلىسىنى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر باراۋەرنى زىيادە ئاتا قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، بېشىغا كەلگەن بالانى كۆتۈرۈۋەتتۇق، ئۇنىڭغا ئائىلىسىنى ۋە ئائىلىسىنىڭ بىر ئوخشىشىنى ئاتا قىلدۇق. بۇنى ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىش ۋە ئۇنى ئىبادەت قىلغۇچىلارغا ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن قىلدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن بالا - مۇسىبەتلەرنى كۆتۈرۈۋەتكەن، ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىش ئۈچۈن ۋە ئىبادەت قىلغۇچىلارغا مەرھەمىتىمىزنى ئەسلىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئائىلىسىنى ۋە ئۇلار بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ بىر ئوخشىشىنى بەرگەن ئىدۇق. ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنىڭ خۇلاسىسى تۆۋەندىكىچە: ئەييۇب ئەلەيھىسسالام ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ (ئوغلى ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ) نەسلىدىن كەلگەن بىر پەيغەمبەر بولۇپ، ئىسمى قۇرئان كەرىمدە تۆت قېتىم زىكىر قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا باشتا، نۇرغۇنلىغان بايلىق، كۆپ پەرزەنت ۋە تەن سالامەتلىك قاتارلىق نېمەتلەرنى ئاتا قىلدى. ئۇ، بۇ نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلدى؛ تائەت - ئىبادەت ۋە (پېقىر - مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىش، يېتىم - يېسىرلارغا خەيرخاھلىق قىلىش ۋە قېرى - چۈرىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش.. قاتارلىق) ياخشى ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولدى. ئاللاھ تائالا ئاندىن ئۇنى مال -مۈلۈكلىرىدىن ۋە پەرزەنتلىرىدىن ئايرىۋەتتى، ئېغىر كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا قىلدى. ئۇ، بۇ قېتىم بالا - مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلدى، بۇرۇنقى تائەت - ئىبادەتلەرنى ۋە باشقا ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن قىلچە بوشاشمىدى. ئەييۇب ئەلەيھىسسالام بالا - مۇسىبەتلىرى كۆپەيگەن ۋە ئېغىرلاشقان، شۇنداقلا قاتتىق قىيىنچىلىق ئىچىدە بىرقانچە يىل ياشىغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ، ئۆزىنى چىرمىۋالغان بالا - مۇسىبەتلەرنى كۆتۈرۈۋېتىشىنى تىلىدى. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇنىڭغا قايتا مال - مۈلۈك بەردى، پەرزەنتلىرىنى قايتۇرۇپ بەردى ۋە ئۇلارغا بىر باراۋىرىنى قوشۇپ بەردى. تەن سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بەردى. بۇ ئىككى (83 - ۋە 84 -) ئايەت ۋە 38 - سۈرە (ساد)نىڭ 41 ~ 43 - ئايەتلىرى ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائا تەرىپىدىن نېمەت بىلەن سىنالغاندىمۇ، كۈلپەت بىلەن سىنالغاندىمۇ ئىلاھىي سىناقتىن لايىقىدا ئۆتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  85. (21-سۈرە ئەنبىيا، 85-ئايەت) باشقا پەيغەمبەرلەر
    وَإِسْمَاعِيلَ وَإِدْرِيسَ وَذَا الْكِفْلِ ۖ كُلٌّ مِنَ الصَّابِرِينَ
    ئىسمائىل، ئىدرىس ۋە زۇلكىفللارنىڭ (قىسسەسىنى بايان قىلغىن). (ئۇلارنىڭ) ھەممىسى سەۋرلىك ئىدى (يەنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتا چىداملىق ئىدى ۋە گۇناھلار ئالدىدا ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالاتتى) — مۇھەممەد سالىھ

    ئىسمائىل، ئىدرىس ۋە زۇلكىفللار-نىڭ قىسسىسى-نى باياق قىلغىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سەۋرلىك ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئىسمائىل، ئىدرىس ۋە زۇلكىفللارنىمۇ يېتەكچىلەر قىلغان ئىدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى سەۋرلىك كىشىلەردىن ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بۇ كىتاب (قۇرئان)دا ئىسمائىل، ئىدرىس ۋە زۇلكفلىنىمۇ زىكىر قىلغىن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تائەت - ئىبادەتنىڭ مۇشەققەتلىرىگە، پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنىڭ كۈلپەتلىرىگە سەرۋ قىلغان، شۇنداقلا سەۋرچان بەندىلىرىمىزنىڭ قاتارىغا قوشۇلغان ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  86. وَأَدْخَلْنَاهُمْ فِي رَحْمَتِنَا ۖ إِنَّهُمْ مِنَ الصَّالِحِينَ
    ئۇلارنى رەھمىتىمىز دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق، ئۇلار ھەقىقەتەن ياخشىلاردىن ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى رەھمىتىمىز دائىرىسىگە كىرگۈزدۇق، ئۇلار ھەقىقەتەن ياخشىلاردىن ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇلارنى رەھمىتىمىزگە چۆمدۈردۇق، چۈنكى ئۇلار ياخشىلاردىن ئىدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەھمىتىمىزگە ئېرىشتۈردۇق، چۈنكى ئۇلار بەندىچىلىكىنى ۋە پەيغەمبەرلىكىنى لايىق رەۋىشتە ئادا قىلىش بىلەن ياخشىلارنىڭ قاتارىدىن بولغان ئىدى. ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى 19 - سۈرە مەريەمنىڭ 54 - ۋە 55 - ئايەتلىرىنىڭ تەپسىرىدە بايان قىلىنىدۇ. ئىدرىس ئەلەيھىسسالامغا كەلسەك، ئۇ قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەردىن بولۇپ، ئىسمى قۇرئان كەرىمدە ئىككى يەردە زىكىر قىلىنىدۇ: بىرى مۇشۇ يەردە، يەنە بىرى 19 - سۈرە (مەريەم)نىڭ 56 - ۋە 57 - ئايەتلىرىدە. بۇ ئىككى يەردە ئىدرىس ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكى، راستچىل كىشى ئىكەنلىكى، ئاللاھ تەرىپىدىن شان - شەرىپى ئۈستۈن ۋە مەرتىۋىسى يۇقىرى قىلىنغانلىقى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئوقۇلسا يىغلاپ سەجدىگە باش قويىدىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ، سەۋر قىلغۇچىلارنىڭ ۋە ئىلاھىي رەھمەتكە ئېرىشكەن ياخشىلارنىڭ قاتارىدىن ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. زۇلكىفل ئەلەيھىسسالام بولسا، ئۇنىڭ ئىسمى بىرى بۇ (85 -) ئايەتتە، يەنە بىرى 38 - سۈرە (ساد)نىڭ 48 - ئايىتىدە بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە ئىككى يەردە ئۆتىدۇ. ئۇ، بۇ يەردە (85 - ۋە 56 - ئايەتلەردە) ئىسمائىل ۋە ئىدرىس ئەلەيھىسسالاملار بىلەن بىرلىكتە زىكىر قىلىنىدۇ، شۇنداقلا ئۇلار بىلەن بىرلىكتە سەۋر قىلغۇچىلاردىن ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەن ياخشىلاردىن ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. يەنە بىر يەردە (38 - سۈرە سادنىڭ 48 - ئايىتىدە) ئىبراھىم، ئىسھاق، يەئقۇب، ئىسمائىل ۋە ئەليەسەئـ قاتارلىق پەيغەمبەرلەردىن كېيىن زىكىر قىلىنىدۇ ۋە ياخشى كىشىلەردىن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئىككى پەيغەمبەر (ئىدرىس بىلەن زۇلكىفل)نىڭ قەۋملىرىنىڭ كىملىكى، ياشىغان جايلىرى، دەۋەت پائالىيىتى ۋە قەۋملىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى توغرۇلۇق ھېچقانداق مەلۇمات يوق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  87. وَذَا النُّونِ إِذْ ذَهَبَ مُغَاضِبًا فَظَنَّ أَنْ لَنْ نَقْدِرَ عَلَيْهِ فَنَادَىٰ فِي الظُّلُمَاتِ أَنْ لَا إِلَٰهَ إِلَّا أَنْتَ سُبْحَانَكَ إِنِّي كُنْتُ مِنَ الظَّالِمِينَ
    يۇنۇسنىڭ (قىسسەسىنى بايان قىلغىن) . ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن) خاپا بولۇپ (شەھىرىدىن) چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بىزنى (بېلىقنىڭ قارنىدا) ئۆزىنى قىسمايدۇ دەپ ئويلىدى، ئۇ قاراڭغۇلۇقتا (يەنى بېلىقنىڭ قارنىدا): «(پەرۋەردىگارىم) سەندىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، سەن (جىمى كەمچىلىكلەردىن) پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن (ئۆز نەپسىمگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم» دەپ نىدا قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    يۇنۇس-نىڭ قىسسى-نى بايان قىلغىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ خاپا بولۇپ - شەھىرىدىن- چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بىزنى ئۆزىنى قىسمايدۇ دەپ ئويلىدى، ئۇ قاراڭغۇلۇقتا: «-رەببىم!- سەندىن بۆلەك ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، سەن جىمى كەمچىلىكلەردىن پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم» دەپ نىدا قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز يۇنۇسنىمۇ يېتەكچى قىلغان ئىدۇق. ئۇ غەزەپلىنىپ يۇرتىدىن ئايرىلغاندا، ئاللاھ مېنى قىيىنچىلىققا ئۇچراتمايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى. لېكىن ئۇ قاراڭغۇلۇقلارنىڭ ئىچىدە: «سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، سەن ئۇلۇغسەن، مەن زالىملاردىن بولدۇم!» دەپ نىدا قىلدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بۇ كىتاب (قۇرئان)دا بېلىقنىڭ ھەمراھىنىمۇ زىكىر قىلغىن: ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىنىڭ ئىمان كەلتۈرمگەنلىكىگە ئاچچىقلاپ ئۇلارنى تەرك ئەتكەن ۋە يىراق بىر جايغا كەتكەن ئىدى. ئۇ، قەۋمىنى تاشلاپ كېتىشىگە بىزنىڭ رۇخسەت بەرگەنلىكىمىزنى، شۇنداقلا ئۆزىنى جازالىمايدىغانلىقىمىزنى ئويلىغان ئىدى. لېكىن ئۇ، قاراڭغۇلۇقلارنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ خاتالاشقانلىقىنى تونۇپ يەتتى ۋە بىزگە: «ئى رەببىم! سەندىن باشقا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق ھېچ نەرسە يوقتۇر، سەن ھەرقانداق ئەيىب ۋە كەمچىلىكتىن پاكتۇرسەن، مەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلاردىن بولدۇم، خاتا قىلدىم يارەب!» دەپ نىدا قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  88. (21-سۈرە ئەنبىيا، 88-ئايەت) دوزاختىن قۇتۇلۇش ئىمان دۇئا
    فَاسْتَجَبْنَا لَهُ وَنَجَّيْنَاهُ مِنَ الْغَمِّ ۚ وَكَذَٰلِكَ نُنْجِي الْمُؤْمِنِينَ
    ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنى (بېلىق يۇتقان چاغدىكى) غەمدىن خالاس قىلدۇق، شۇنىڭدەك مۆمىنلەرنى (ئېغىرچىلىقلاردىن) خالاس تاپقۇزىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنى غەمدىن خالاس قىلدۇق، مۇئمىنلارنى ئېغىرچىلىقلاردىن مۇشۇنداق خالاس تاپقۇزىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى غەمدىن قۇتقۇزدۇق. بىز مۇئمىنلارنى ئەنە شۇنداق قۇتقۇزىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئۇنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلدۇق ۋە ئۇنى غەمدىن قۇتقۇزدۇق. بىز، خاتالىقىنى تونۇغان ۋە بىزگە ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلغان مۇئمىنلارنى ئەنە شۇنداق قۇتقۇزىمىز. «بېلىقنىڭ ھەمراھى» - قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەردىن يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ لەقىمىدۇر. يۇنۇس ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىمدە ئۆزىنىڭ «يۇنۇس» دېگەن ئىسمى بىلەن تۆت قېتىم، «بېلىقنىڭ ھەمراھى»دېگەن بۇ لەقىمى بىلەن ئىككى قېتىم زىكىر قىلىنىدۇ. يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنىڭ خۇلاسىسى، خۇسۇسەن «بېلىقنىڭ ھەمراھى» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىچە: يۇنۇس ئەلەيھىسسالام قەۋمىگە شۇنچە نەسىھەت قىلسىمۇ قەۋمى ئىمان ئېيتمىغان. ئۇ، سەۋر قىلالماي قەۋمىنى تەرك ئەتكەن؛ ئاللاھنىڭ رۇخسەت قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا جازالىمايدىغانلىقىنى ئويلاپ يۇرتىدىن چىقىپ بىر دېڭىز ساھىلىغا بارغان، ئۇ يەردىن باشقا بىر يەرگە كېتىش ئۈچۈن كېمىگە چىققان، كېمە يۈكى ئېغىر كېلىپ ئۇ ياققا - بۇ ياققا چايقالغىلى باشلىغان، كېمە ئەھلى چۆكۈپ كېتىشتىن قورقۇپ كېمىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ئارىلىرىدىن بىرقانچە كىشىنى دېڭىزغا تاشلىۋېتىشنى ۋە بۇ ئىشنى ئادالەت بىلەن قىلىش ئۈچۈن ئۆز ئارىلىرىدا چەك تاشلىشىشنى قارارلاشتۇرغان ، شۇنىڭ بىلەن چەك تاشلانغان، چەكتە يۇنۇس ئەلەيھىسسالاممۇ تاشلىۋېتىلىدىغانلارنىڭ قاتارىدا چىققان، ئاندىن يۇنۇس ئەلەيھىسسالام دېڭىزغا تاشلانغان ۋە ئۇنى بېلىق (كىت) يۇتۇپ كەتكەن. يۇنۇس ئەلەيھىسسالام كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى، دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقى ۋە بېلىقنىڭ قارنىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن ئىبارەت قاتمۇقات قاراڭغۇلۇقلارنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ (سەۋر قىلالماي قەۋمىنى تەرك ئەتكەنلىك) خاتالىقىنى تونۇغان، شۇنداقلا ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ تەسبىھ ئېيتقان، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىلتىجاسىنى قوبۇل قىلىپ ئۇنى بېلىقنىڭ قارنىدىن ساھىلغا چىقارغان ۋە ئۇنىڭغا كاۋا ئائىلىسىدىن بولغان بىر دەرەخ ئۈندۈرۈپ بەرگەن، ئۇ مەزكۇر دەرەخنىڭ سايىسىدا تۇرۇپ تەن سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن. ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇنى ئۇ قەۋمگە (يۈز مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە) قايتا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن. يۇنۇس ئەلەيھىسسالام قايتىپ كەلگەندە قەۋمىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ئەگەشكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قەۋم (نىنوۋا ئاھالىسى) پەيغەمبىرى ئىمان كەلتۈرۈشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەندىن كېيىن تامامى ئىمان كەلتۈرگەن بىرلا ئاھالە بولغان ۋە ئەجەللىرى توشقۇچە ياشىغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  89. (21-سۈرە ئەنبىيا، 89-ئايەت) دۇئا ۋارىسلىق زەكەرىيا ۋە يەھيا
    وَزَكَرِيَّا إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ رَبِّ لَا تَذَرْنِي فَرْدًا وَأَنْتَ خَيْرُ الْوَارِثِينَ
    زەكەرىيانىڭ (قىسسەسىنى بايان قىلغىن). ئۆز ۋاقتىدا ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى (بالىسىز، ۋارىسسىز) يالغۇز قويمىساڭ، سەن ئەڭ ياخشى ۋارىستۇرسەن (يەنى ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ، سەنلا باقىي قالىسەن)» دەپ نىدا قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    زەكەرىيا-نىڭ قىسسى-نى بايان قىلغىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ: «ئى رەببىم! مېنى يالغۇز قويمىساڭ، سەن ئەڭ ياخشى ۋارىستۇرسەن» دەپ نىدا قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز زەكەرىييانىمۇ يېتەكچى قىلغان ئىدۇق. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا رەببىگە: «رەببىم! مېنى يالغۇز قويمىغىن! سەن ئەڭ ياخشى ۋارىستۇرسەن» دەپ نىدا قىلدى.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بۇ كىتاب (قۇرئان)دا بۇرۇنقى ئەلچىلىرىمىزدىن بەندىمىز زەكەرىييانىمۇ زىكىر قىلغىن؛ ئۇ ئۆز ۋاقتىدا بىزگە: «رەببىم! مېنى يالغۇز قويمىغىن؛ مېنى ۋارىسسىز، نەسىلسىز ۋە ئىزباسارسىز قويمىغىن. ماڭا ئىلىمىم، يولۇم ۋە ھەر نەرسەمدە ۋارىس بولىدىغان بىر نەسىل ئاتا قىلغىن، رەببىم! سەن ئەڭ ياخشى ۋارىس بولغۇچىدۇرسەن» دەپ نىدا قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  90. (21-سۈرە ئەنبىيا، 90-ئايەت) دۇئا نىكاھ زەكەرىيا ۋە يەھيا
    فَاسْتَجَبْنَا لَهُ وَوَهَبْنَا لَهُ يَحْيَىٰ وَأَصْلَحْنَا لَهُ زَوْجَهُ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا يُسَارِعُونَ فِي الْخَيْرَاتِ وَيَدْعُونَنَا رَغَبًا وَرَهَبًا ۖ وَكَانُوا لَنَا خَاشِعِينَ
    بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنىڭغا يەھيانى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا خوتۇنىنى تۇغىدىغان قىلىپ بەردۇق. (يۇقىرىقى پەيغەمبەرلەرنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىشىمىز) شۇنىڭ ئۈچۈن ئىدىكى، ئۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايتتى، (رەھمىتىمىزنى) ئۈمىد قىلىپ، (ئازابىمىزدىن) قورقۇپ بىزگە دۇئا قىلاتتى، بىزگە كەمتەرلىك بىلەن ئىبادەت قىلاتتى — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۇنىڭغا يەھيانى ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا خوتۇنىنى ئىلاھ قىلىپ بەردۇق. چۈنكى ئۇلار، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايتتى، رەھمىتىمىزنى ئۈمىد قىلىپ، ئازابىمىزدىن قورقۇپ بىزگە دۇئا قىلاتتى، بىزگە كەمتەرلىك بىلەن ئىبادەت قىلاتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭغا يەھيانى ئاتا قىلدۇق ۋە ئايالىنى تۇغىدىغان قىلىپ بەردۇق. ئۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايتتى، ئۈمىد ۋە ئەندىشە ئىچىدە بىزگە دۇئا قىلاتتى، كەمتەرلىك بىلەن بىزگە ئىتائەت قىلاتتى.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئۇنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلدۇق، ئۈمىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بەردۇق، ئۇ قېرىپ كەتكەن چاغدا ئۇنىڭغا يەھيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل بالا بەخش ئەتتۇق؛ ئۇنىڭ تۇغماس ئايالىنى تۇغىدىغان قىلىپ بەردۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال قورساق كۆتۈردى ۋە زەكەرىييا ئىككىسى بالىسى بولۇشتىن ئۈمىدى ئۈزۈلۈپ كەتكەن چاغدا يەھيا ئىسىملىك ئوغۇلغا ئىگە بولدى. يۇقىرىدىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ، جۈملىدىن زەكەرىييانىڭ تىلەكلىرىنى ئىجابەت قىلىشىمىز، ئارزۇلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىشمىز ۋە ئۇلارغا تۈرلۈك ئىنئاملارنى ئاتا قىلىشىمىز، ئۇلارنىڭ ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغانلىقى، بىزگە رەھمىتىمىزنى ئۈمىد قىلىپ ۋە غەزىپىمىزدىن قورقۇپ دۇئا قىلغانلىقى، بىزگە سەمىمىي ئىتائەت قىلغانلىقى قاتارلىق ياخشى ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر. زەكەرىييا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنىڭ خۇلاسىسى تۆۋەندىكىچە: زەكەرىييا ئەلەيھىسسالام - ئاللاھ تائالا بەنى ئىسرائىلغا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقى ئۈچىنىڭ بىرى ۋە ئۇلارنىڭ چوڭىدۇر، چۈنكى ئۇ مەزكۇر ئۈچ پەيغەمبەرنىڭ بىرى بولغان يەھيا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسى ۋە يەنە بىرى بولغان ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى مەريەمنىڭ كىچىكىدىكى تەربىيەچىسىدۇر. ئۇ، ياشىنىپ كەتكەن چېغىدا ئۆزىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان بىرەر بالىسى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ بىر بالا تىلەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇنىڭغا پەرىشتىلەر ئارقىلىق، مەلۇم سۈپەتلەرگە ئىگە، يەھيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل بالىسى بولىدىغانلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى بېرىدۇ. ئۇ، ئۆزى بەك ياشىنىپ كەتكەن ۋە ئايالى تۇغماس ھالەتتە بولغان ئەھۋال ئاستىدا، ئاللاھ تائالادىن بۇ بالىنى قانداق شەكىلدە بېرىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆز قۇدرىتى ئالدىدا بۇ ئىشنىڭ ئاسانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، ئاللاھ تائالادىن ئايالىنىڭ بويىدا قالغانلىقىغا بىرەر ئالامەت قىلىپ بېرىشىنى تىلەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بۇ تىلىكىنىمۇ ئىجابەت قىلىدۇ. نەتىجىدە يەھيا ئەلەيھىسسالام تۇغۇلۇپ چوڭ بولىدۇ ۋە ئاتىسى زەكەرىييا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورۇنباسارى بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  91. (21-سۈرە ئەنبىيا، 91-ئايەت) پەيغەمبەر مۆجىزىلىرى مەريەم
    وَالَّتِي أَحْصَنَتْ فَرْجَهَا فَنَفَخْنَا فِيهَا مِنْ رُوحِنَا وَجَعَلْنَاهَا وَابْنَهَا آيَةً لِلْعَالَمِينَ
    نومۇسىنى ساقلىغان ئايالنىڭ (يەنى مەريەمنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلغىن) ئۇنىڭغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن بولغان روھنى پۈۋلىدۇق (پۈۋلەنگەن روھ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۇ ئىيساغا ھامىلدار بولدى)، ئۇنى ۋە ئوغلىنى (يەنى ئىيسا بىلەن مەريەمنى) ئەھلى جاھان ئۈچۈن (بىزنىڭ قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    نومۇسىنى ساقلىغان ئايال-مەريەمنىڭ قىسسى-نى بايان قىلغىن. ئۇنىڭغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن بولغان روھنى پۈۋلىدۇق، ئۇنى ۋە ئوغلىنى ئەھلى جاھان ئۈچۈن دەلىل قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىپپىتىنى ساقلىغان قىزنى زىكىر قىلغىن. بىز ئۇنىڭغا روھىمىزدىن پۈۋلىدۇق، ئۇنى ۋە ئوغلىنى ئالەملەر ئۈچۈن ئايەت قىلدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بۇ كىتاب (قۇرئان)دا ئىپپىتىنى ساقلىغان قىزنىمۇ زىكىر قىلغىن، بىز ئۇنىڭغا روھىمىز (جىبرىئىل) ئارقىلىق پۈۋلىگەن، ئۇنى ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنى بارلىق جاھان ئەھلى ئۈچۈن قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان دەلىل قىلغان ئىدۇق. «ئىپپىتىنى ساقلىغان قىز» ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى مەريەم بولۇپ، ئىپپىتىنى ساقلاش ئۇنىڭ ئۆز پاكلىقىنى ھالالدىنمۇ ھارامدىنمۇ ساقلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئۇ تويمۇ قىلمىغان ۋە ئەسلا بۇزۇقچىلىقمۇ قىلمىغان. ئۇ، بەنى ئىسرائىل ئۆلىمالىرىدىن «ئىمران»نىڭ قىزى بولۇپ، ئانىسى ئۇنىڭغا ھامىلىدار چاغدا ئاتىسى ئىمران ۋاپات بولۇپ كەتكەن. ئانىسى ئۇنى تېخى تۇغماي تۇرۇپلا ئاللاھ تائالانىڭ يولىغا ئاتىۋەتكەن ۋە تۇغقان چېغىدا ئىبادەتخانىغا (بەيتىلمەقدىسكە) ئاپىرىپ بەرگەن. ئىبادەتخانا خادىملىرى ۋە بەنى ئىسرائىلنىڭ چوڭلىرى ئۇنى كىمنىڭ تەربىيەلىشى توغرىسىدا كېلىشەلمەي ئۆزئارا چەك تاشلاشقان. چەك شۇ چاغدىكى پەيغەمبەر زەكەرىييا ئەلەيھىسسالامغا چىققان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى بېقىش ۋە تەربىيەلەشكە زەكەرىييا ئەلەيھىسسالام مەسئۇل بولغان، زەكەرىييا ئەلەيھىسسالام ئىبادەتخانىغا تۇتاش بىر ھۇجرا سېلىپ ئۇنى شۇ ھۇجرىغا ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇ، شۇ ھۇجرىدا يېتىپ - قوپۇپ ئىبادەتخانىدا ياخشى ئۆسۈپ چوڭ بولغان. كېيىن بويىغا يەتكەندە ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا مۆجىزىلىك شەكىلدە قورساق كۆتۈرۈپ ئۇنى تۇغقان. ئەسكەرتىش: قۇرئان كەرىمنىڭ 19 - سۈرىسى «مەريەم سۈرىسى» دەپ ئاتىلىدۇ، قۇرئان كەرىمدە «مەريەم» كەلىمىسى 31 قېتىم زىكىر قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا 48 - ئايەتتىن باشلاپ ئالدىنقى (90 -) ئايەتكىچە مۇسا، ھارۇن، ئىبراھىم، لۇت، ئىسھاق، يەئقۇب، نۇھ، داۋۇد، سۇلەيمان، ئەييۇب، ئىسمائىل، ئىدرىس، زۇلكفل، يۇنۇس، زەكەرىييا، يەھيا (ئەلەيھىمۇسسالام) قاتارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنى قىسقىچە بايان قىلىدۇ، ئاندىن بىر (91 -) ئايەتتە ئۆزى مۇئمىنلارغا مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن ئىككى ئايالنىڭ بىرى بولغان مەريەمنىڭ قىسسىنى قىسقىلا بايان قىلىپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىگە ئىشارەت قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن تۆۋەندىكى (92 ~ 100 -) ئايەتلەردە ئۆز ۋاقتىدا ئۇ پەيغەمبەرلەرگە ۋە ئۇلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قەۋملىرىگە، ئۆزىنىڭ ئوخشاشلا بىر دىننى ئۆگەتكەنلىكىنى، ئۇلارغا ئۇ دىنغا ئەمەل قىلىشىنى ۋە ئۇ دىن بىرلىكىنى ساقلىشى لازىملىقىنى ئېيتقانلىقىنى، لېكىن ئۇ پەيغەمبەرلەردىن كېيىن ئۇلارنىڭ قەۋملىرىنىڭ ئۇ دىندا پارچىلىنىپ گۇرۇھلارغا ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قىيامەت كۈنى ھۇزۇرىغا چىقىپ ھېساب بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ ۋە قۇرئان نازىل بولغاندىن تارتىپ قىيامەتكە قەدەر بارلىق ئىنكارچىلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. بۇ مەنىنى 23 - سۈرە (مۇئمىنۇن)نىڭ 23 - ئايىتىدىن باشلاپ 56 - ئايەتكىچە بولغان ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىمۇ تەكىتلەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇ ئايەتلەردىمۇ باشتا (23 ~ 50 - ئايەتكىچە) بىرقانچە پەيغەمبەرنىڭ قىسسىسىنى بايان قىلىدۇ، ئاندىن (51 ~ 53 - ئايەتلەردە) ئۇ پەيغەمبەرلەرنى ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان دىنغا ئۆزلىرى ئەمەل قىلىشقا ۋە ئۇنى قەۋملىرىگە يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغانلىقىنى، ھەممە پەيغەمبەرگە دىنىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ بىرلىككە ئەھمىيەت بېرىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەنلىكىنى، شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ قەۋملىرىنىڭ دىندا پارچىلىنىپ كەتكەتلىكىنى بىلدۈرىدۇ ۋە (54 - 56 - ئايەتلەردە) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن باشلاپ قىيامەتكە قەدەر بارلىق ئىنكارچىلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. دەرۋەقە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بىرلا دىن بار بولۇپ، ئۇ بولسا ئىسلام (ئاللاھتىن باشقا ھېچ نەرسىگە ئىبادەت قىلماسلىق)دۇر. ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە ئەۋەتكەن بارلىق پەيغەمبەرلىرىگە بۇ ئىسلامنى نازىل قىلىپ، ئۇلارنى ئىنسانلارغا شۇ ئىسلامنى يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. جۈملىدىن بۇ يەردىمۇ (92 - ئايەتتە) ۋە 23 - سۈرە (مۇئمىنۇن)نىڭ 51 - ۋە 52 - ئايەتلىرىدىمۇ بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگە بۇ دىننى نازىل قىلغانلىقىنى، ئۇلارنى قەۋملىرىگە شۇ دىننى يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغانلىقىنى ۋە ئۇ پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئۇ قەۋملەرنى ئۇ دىندا پارچىلىنىشتىن ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  92. إِنَّ هَٰذِهِ أُمَّتُكُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَأَنَا رَبُّكُمْ فَاعْبُدُونِ
    ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ دىنىڭلار ھەقىقەتەن بىر دىندۇر. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇرمەن، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى ئىنسانلار!- سىلەرنىڭ دىنىڭلار ھەقىقەتەن بىر دىندۇر. مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇرمەن، شۇڭا ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى ئىنسانلار! ئەنە شۇلارنىڭ دىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلاردۇر. ھەممىڭلارنىڭ دىنى بىردۇر. مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇرمەن. ئۇ ھالدا ماڭا ئىبادەت قىلىڭلار.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز يۇقىرىدا (48 ~ 90 - ئايەتلەردە) زىكىر قىلىنغان ھەر پەيغەمبەرگە ۋە ئۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ قەۋمىگە مۇنداق دېدۇق: «ئى پەيغەمبەر! بىز ھەممىڭلارغا ۋەھىي نازىل قىلىپ ئۆگەتكەن ئەنە شۇ دىنىي يول سىلەرنىڭ يولۇڭلاردۇر؛ مېڭىشىڭلارغا تېگىشلىك بولغان دىنىي يولۇڭلاردۇر. مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار (ياراتقۇچىڭلار، باشقۇرچىڭلار ۋە رىزىق بىلەن تەمىنلىگۈچىڭلار)دۇرمەن، ئۇنداقتا، ئىبادەتنى ماڭىلا قىلىڭلار؛ رۇبۇبىيەت ۋە ئۇلۇھىيەتتە ماڭا شېرىك كەلتۈرمەڭلار». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  93. وَتَقَطَّعُوا أَمْرَهُمْ بَيْنَهُمْ ۖ كُلٌّ إِلَيْنَا رَاجِعُونَ
    ئۇلار (دىندا ئىختىلاپ قىلىشىپ) پىرقە ـ پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ كەتتى، ھەممىسى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتقۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشىپ پىرقە ـ پىرقىلەرگە بۆلۈنۈپ كەتتى، ھەممىسى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتقۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    لېكىن ئىنسانلار بۇ بىرلىكنى بۇزدى. ھەممىسى ھۇزۇرىمىزغا قايتقۇچىلاردۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز ئىنسانلارغا پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق ئەنە شۇنداق دېگەن تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەيغەمبەرلىرىدىن كېيىن نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ دىنىي ئىشىدا پارچىلاندى؛ پەرقلىق گۇرۇھلارغا ئايرىلدى، ئايرىم - ئايرىم پىرقىلەرگە بۆلۈندى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىيامەت كۈنى ھۇزۇرىمىزغا كەلتۈرۈلىدۇ ۋە بىزگە قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  94. فَمَنْ يَعْمَلْ مِنَ الصَّالِحَاتِ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَا كُفْرَانَ لِسَعْيِهِ وَإِنَّا لَهُ كَاتِبُونَ
    كىمكى مۆمىن بولۇپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئەمەلىنىڭ (ساۋابى) زايا كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئەمەلىنى (يەنى نامە ـ ئەمالىنى) چوقۇم خاتىرىلەپ قويىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    كىمكى مۇئمىن بولۇپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭ قىلغان سەئيى زايا كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئەمەلىنى چوقۇم خاتىرىلەپ قويىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    كىم مۇئمىن ھالدا ياخشى ئەمەللەردىن قىلسا، ئۇنىڭ ئەمىلى ھەرگىزمۇ زايە كەتمەيدۇ. بىز ئۇنىڭ ئەمىلىنى يېزىپ تۇرىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كىم مۇئمىن ھالىتىدە تۇرۇپ ياخشى ئەمەللەردىن كۈچى يەتكەنلىرىنى قىلغان بولسا، بىز ئۇنىڭ قىلغان تىرىشچانلىقىنى ۋە كۆرسەتكەن غەيرىتىنى ھەرگىزمۇ زايە قىلىۋەتمەيمىز، ئەكسىچە بىز ئۇنىڭ ھەر ياخشىلىقىغا مۇكاپات بېرىمىز. چۈنكى بىز مەخسۇس پەرىشتىلىرىمىز ئارقىلىق ئۇنىڭ بارلىق ئەمەللىرىنى يېزىپ تۇرۇمىز، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ھېچبىر ئەمىلى زايە بولۇپ كەتمەيدۇ. ئۇ، قىيامەت كۈنى ئەمەل دەپتىرىدە ھەممە قىلمىشىنى تولۇق كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  95. وَحَرَامٌ عَلَىٰ قَرْيَةٍ أَهْلَكْنَاهَا أَنَّهُمْ لَا يَرْجِعُونَ
    بىز ھالاك قىلغان شەھەر (ئاھالىسى) نىڭ دۇنياغا قايتىشى مۇمكىن ئەمەس — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ھالاك قىلغان شەھەر ئاھالىسىنىڭ دۇنياغا قايتىشى مۇمكىن ئەمەس — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ھالاك قىلغان يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرىنىڭ ھۇزۇرىمىزغا كېلىپ ھېساب بەرمەسلىكى مۇمكىن ئەمەستۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلىۋەتكەن يۇرت ئاھالىلىرىنىڭ قىيامەت كۈنى ھۇزۇرىمىزغا كېلىپ بىزگە قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى بەرمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس، ئۇلارنىڭ جازاسى بۇ دۇنيادىكى ھالاك بىلەن تۈگىمەيدۇ، ئەسلىي جازا ئاخىرەتتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  96. (21-سۈرە ئەنبىيا، 96-ئايەت) قىيامەت ھادىسىلىرى
    حَتَّىٰ إِذَا فُتِحَتْ يَأْجُوجُ وَمَأْجُوجُ وَهُمْ مِنْ كُلِّ حَدَبٍ يَنْسِلُونَ
    يەجۇج ـ مەجۈج (توسمىسى) ئېچىۋېتىلگەندە، ئۇلار زېمىننىڭ ھەر بىر تۆپىلىكلىرىدىن ئالدىراپ چىقىپ كېلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    يەجۇج ـ مەجۈج -توسمىسى- ئېچىۋېتىلگەندە، ئۇلار زېمىننىڭ ھەر بىر تۆپىلىكلىرىدىن ئالدىراپ چىقىپ كېلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاخىرى يەئجۇج ۋە مەئجۇج ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدىكى توسما ئېچىلىپ، ھەر تۆپىلىكتىن ئېقىپ كەلگىلى باشلىغاندا — ئەنەس ئالىم

    ئىلگىرى ھالاك قىلىنغان ئۇ قەۋملەر، يەئجۇج ۋە مەئجۇج قەۋملىرىنىڭ ئالدىغا «زۇلقەرنەين» سالغان مۇستەھكەم توسما ئېچىلىپ، ئۇلار ھەر تۆپىلىكتىن ئېقىپ كەلگىلى باشلىغان ۋە قىيامەت قايىم بولغانغا قەردەر ھالاك بولغان پېتى قالىدۇ، قىيامەت قايىم بولغاندا قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ھۇزۇرىمىزغا كەلتۈرۈلىدۇ ۋە بىزگە قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى بېرىدۇ، شۇنداقلا ھەقىقىي جازاسىنى چېكىشلىرى ئۈچۈن دوزاخقا تاشلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  97. (21-سۈرە ئەنبىيا، 97-ئايەت) ھىساب غەيبكە ئىشىنىش
    وَاقْتَرَبَ الْوَعْدُ الْحَقُّ فَإِذَا هِيَ شَاخِصَةٌ أَبْصَارُ الَّذِينَ كَفَرُوا يَا وَيْلَنَا قَدْ كُنَّا فِي غَفْلَةٍ مِنْ هَٰذَا بَلْ كُنَّا ظَالِمِينَ
    راست ۋەدە (يەنى قىيامەتنىڭ ۋاقتى) يېقىنلاشتى، ئۇ كۈندە كاپىرلارنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ قالىدۇ، (ئۇلار) «ۋاي ئىسىت! بۇنىڭدىن بىز غەپلەتتە قاپتۇق، بەلكى بىز ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىپتۇق» (دېيىشىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە راست ۋەدە -قىيامەتنىڭ ۋاقتى- يېقىنلاشقاندا، كاپىرلارنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ قالىدۇ، -ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! بۇنىڭدىن بىز غەپلەتتە قېلىپتۇق، بەلكى بىز ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلىپتۇق» -دېيىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە توغرا ۋەدىنىڭ ۋاقتى يېقىنلاشقاندا كافىرلارنىڭ كۆزلىرى بىردىنلا چەكچىيىپ كېتىدۇ. ئۇلار: «ۋاي بىزنىڭ ھالىمىزغا! بىز بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىدۇق. بەلكى بىز زالىملار ئىدۇق» دېيىشىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    يەئجۇج ۋە مەئجۇج كەلگىلى باشلىغان ۋە خالايىقنىڭ دۇنيادا قىلغان ئىشلىرىغا ھېساب بېرىش ۋاقتى يېقىنلاشقان چاغدا قىيامەت قايىم بولىدۇ ۋە كافىرلار قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ مەھشەرگاھقا ئېلىپ مېڭىلىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇ كافىرلارنىڭ كۆزلىرى بىردىنلا چەكچىيىپ كېتىدۇ ۋە ئۇلار: «ۋاي بىزنىڭ ھالىمىزغا! بىز بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىدۇق. ئەسلىدە بىز كۇفرىلىق ۋە تەرسالىق قىلىش بىلەن ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلغانلار ئىدۇق، ئىسىت بىزگە!» دېيىشىدۇ. يەنى ئۇلار قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ دۇنيادا ئۆزلىرى ئىشەنمىگەن قىيامەتنىڭ ئەمەلىيەتتە قايىم بولغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ قايتا تىلدۈرۈلگەنلىكىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، لېكىن بۇ ئېتىراپنىڭ ئۇلارغا پايدىسى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ، خاتالىقىنى تونۇپ تۈزىتىشنىڭ ئەمەس، خاتالىقىنىڭ جازاسىغا دۇچار بولۇشنىڭ ۋاقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  98. إِنَّكُمْ وَمَا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ حَصَبُ جَهَنَّمَ أَنْتُمْ لَهَا وَارِدُونَ
    (ئى مۇشرىكلار!) ھەقىقەتەن سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلغان نەرسەڭلار بىلەن دوزاخقا يېقىلغۇ بولىسىلەر، سىلەر دوزاخقا كىرىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇشرىكلار!- ھەقىقەتەن سىلەر ئاللاھ نى قويۇپ ئىبادەت قىلغان نەرسەڭلار بىلەن دوزاخقا يېقىلغۇ بولىسىلەر، سىلەر دوزاخقا كىرىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى ئۇلارغا: «سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسەڭلار بىلەن دوزاخقا يېقىلغۇ بولىسىلەر. دوزاخقا كىرىسىلەر!» دېيىلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇ چاغدا ئۇ كافىرلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئى كافىرلار! ھازىر گۇناھىڭلارنى ئېتىراپ قىلغانلىقىڭلارنىڭ پايدىسى يوق، بۇنى ئالدىڭلاردا پۇرسەت بار ۋاقىتتا قىلىشىڭلار لازىم ئىدى. ئەمدى سىلەر ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلەر دوزاخقا يېقىلغۇ بولىسىلەر ۋە دوزاخقا تاشلىنىسىلەر. سىلەر دوزاخقا كىرىسىلەر ۋە مەڭگۈ ئازاب چېكىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  99. لَوْ كَانَ هَٰؤُلَاءِ آلِهَةً مَا وَرَدُوهَا ۖ وَكُلٌّ فِيهَا خَالِدُونَ
    ئەگەر سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان مەبۇدلار ئىلاھلار بولىدىغان بولسا، دوزاخقا كىرمىگەن بولاتتى (ئىبادەت قىلغۇچى ۋە ئىبادەت قىلىنغۇچىلارنىڭ) ھەممىسى دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلار ئىلاھلار بولىدىغان بولسا، دوزاخقا كىرمىگەن بولاتتى. ھالبۇكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئۇلار ئىلاھ بولسا ئىدى، دوزاخقا كىرمىگەن بولاتتى. ھالبۇكى، ھەممىسى دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىدۇر.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئەگەر سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان ئۇ نەرسىلەر راستتىنىلا ئىلاھ بولغان بولسا دوزاخقا كىرمەس ئىدى». كافىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرى، ھەممىسى دوزاخقا تاشلىنىدۇ ۋە دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. دەرۋەقە كافىرلار ئۆلگەندىن كېيىنلا، قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلگەندە، مەھشەرگاھقا ، دوزاخنى كۆرگەندە ۋە دوزاخنىڭ ئىچىدە ئازاب چېكىۋېتىپ ئەنە شۇنداق ھەسرەت - نادامەتلەرنى چېكىدۇ، تەۋبە قىلىدۇ ۋە دۇنياغا قايتىپ ياخشى ئەمەل قىلىپ قايتا كېلىشنى تىلەيدۇ، لېكىن ھېچبىر تىلىكى قوبۇل قىلىنمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  100. لَهُمْ فِيهَا زَفِيرٌ وَهُمْ فِيهَا لَا يَسْمَعُونَ
    ئۇلار دوزاختا ھەمىشە پەرياد چېكىدۇ، (ئازابنىڭ قاتتىقلىقىدىن) ئۇلار دوزاختا ھېچ نەرسىنى ئاڭلىمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار دوزاختا ھەمىشە پەرياد چېكىدۇ ۋە ئۇلار ئۇ يەردە ھېچ نەرسىنى ئاڭلىمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار دوزاخنىڭ ئىچىدە توختىماي پەرياد چېكىپ تۇرىدۇ ۋە ھېچ نەرسە ئاڭلىمايدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار دوزاختا داۋاملىق ئىڭراپ تۇرىدۇ ۋە سۆيۈندۈرىدىغان ھېچ قانداق گەپ ئاڭلىمايدۇ. ئۇلار پەقەت پەرىشتىلەرنىڭ تاپا - تەنە، قاتتىق گەپ، ئەيىبلەش ۋە سىلكىشلەشلىرىنى ئاڭلايدۇ، ئۆزئارا بىر - بىرىگە ئېيتىشقان لەنەت قاتارلىق يامان گەپلەرنى ئاڭلايدۇ. ئاللاھ تائالا 97 ~ 100 - ئايەتلەردە كافىرىلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئەھۋالىنى ۋە ئۇلارغا دېيىلىدىغان سۆزنى بىلدۈرىدۇ، 101 ~ 103 - ئايەتلەردە بولسا مۇئمىنلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئەھۋالىنى ۋە ئۇلارغا دېيىلىدىغان سۆزنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  101. إِنَّ الَّذِينَ سَبَقَتْ لَهُمْ مِنَّا الْحُسْنَىٰ أُولَٰئِكَ عَنْهَا مُبْعَدُونَ
    بىز تەرەپتىن بېرىلگەن بەخت ـ سائادەتكە تېگىشلىك بولغانلار (يەنى تائەت ـ ئىبادەتكە تەۋپىق بېرىلىپ توغرا يولدا ئىبادەت قىلغان سائادەتمەن بەندىلەر) دوزاختىن يىراق قىلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بىز تەرەپتىن بېرىلگەن بەخت ـ سائادەتكە تېگىشلىك بولغانلار بارغۇ، ئەنە ئاشۇلار دوزاختىن يىراق قىلىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز تەرەپتىن ئەڭ ياخشى مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەنلەرگە كەلسەك، ئەنە شۇلار دوزاختىن يىراق قىلىنىدۇ، — ئەنەس ئالىم

    بىز، دۇنيادا چېغىدا توغرا يولنى تاللىغانلىقى ۋە توغرا يولدا ماڭغانلىقى ئۈچۈن ياخشى ئىشلارغا مۇيەسسەر قىلغان، ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ۋە ئەڭ ياخشى مۇكاپاتقا لايىق كۆرگەن كىشىلەر قىيامەت كۈنى دوزاختىن يىراق قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  102. لَا يَسْمَعُونَ حَسِيسَهَا ۖ وَهُمْ فِي مَا اشْتَهَتْ أَنْفُسُهُمْ خَالِدُونَ
    ئۇلار دوزاخنىڭ شەپىسىنى ئاڭلىمايدۇ، كۆڭلى تارتقان نازۇ - نېمەتلەر ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار دوزاخنىڭ شەپىسىنى ئاڭلىمايدۇ، كۆڭلى تارتقان نازۇنېمەتلەر ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    دوزاخنىڭ شەپىسىنىمۇ ئاڭلىمايدۇ. ئۇلار كۆڭلى تارتقان نازۇنېمەتلەر ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ،‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار دوزاخنىڭ شەپىسىنىمۇ ئاڭلىمايدۇ. ئۇلار كۆڭلى تارتقان نازۇنېمەتلەر ماكانى بولغا جەننەتتە مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدۇ. بۇ ئىككى ئايەت ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر كۆرسىتىدۇكى، دۇنيادا چېغىدا ئۆزلىرىنىڭ خاتا يولنى تاللىشى ۋە ئۇ يولدا ئەزۋەيلىشى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ تاشلىۋېتىشىگە، ھىدايىتى ۋە ياردىمىدىن مەھرۇم قىلىشىغا لايىق بولغان (كافىر)لار قىيامەت كۈنى تىرىلىپلا ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادىكى چېغىدا خاتا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا، ئۆزلىرىنىڭ مەبۇدلىرى بىلەن بىرلىكتە دوزاخقا تاشلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. ئەمما ئۆزلىرىنىڭ توغرا يولنى تاللىشى ۋە ئۇ يولغا كېلىپ ئۇدۇل مېڭىشى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ياخشى ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشىغا لايىق بولغان، شۇنداقلا ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان كىشىلەر قىيامەت كۈنى دوزاختىن يىراق قىلىنىدۇ، ئۇلار دوزاخنىڭ گۈلدۈرلىگەن ۋە قاينىغان ئاۋازلىرى تۈگۈل، ئۇنىڭ ئەڭ پەس ئاۋازى بولغان شەپىسىنىمۇ ئاڭلىمايدۇ، چۈنكى ئۇلار دوزاختىن يىراق تۇتۇلىدۇ؛ مەھشەرگاھتا جەننەت تەرەپكە يېقىن جايدا تۇرغۇزۇلىدۇ ۋە كافىرلار دوزاخقا تاشلىنىشتىن ئىلگىرى جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  103. لَا يَحْزُنُهُمُ الْفَزَعُ الْأَكْبَرُ وَتَتَلَقَّاهُمُ الْمَلَائِكَةُ هَٰذَا يَوْمُكُمُ الَّذِي كُنْتُمْ تُوعَدُونَ
    چوڭ قورقۇنچ (يەنى قىيامەتنىڭ دەھشىتى) ئۇلارنى قايغۇغا سالمايدۇ. پەرىشتىلەر: «ئاللاھ سىلەرگە ۋەدە قىلغان كۈن مۇشۇ» (دەپ)، ئۇلارنى (جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرى ئالدىدا) قارشى ئالىدۇ(103). — مۇھەممەد سالىھ

    چوڭ قورقۇنچ -قىيامەتنىڭ دەھشىتى- ئۇلارنى قايغۇغا سالمايدۇ، پەرىشتىلەر: «سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان كۈن مۇشۇ» دەپ، ئۇلارنى قارشى ئالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    چوڭ قورقۇنچ ئۇلارنى غەمگە سالمايدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارنى «بۇ سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر» دەپ قارشى ئالىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئۇلارنى ئەڭ بۈيۈك قورقۇنچ غەمكىن قىلمايدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارنى «بۇ سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان كۈندۇر» دەپ قارشى ئالىدۇ. قىيامەت كۈنى ئىككىنچى قېتىم سۇر چېلىنغاندا خالايىقلار قايتا تىرىلىپ ھەممەيلەن قاتتىق قورقۇپ كېتىدۇ. لېكىن مۇئمىنلار قورقمايدۇ، چۈنكى ئۇلار تىرىلگەن ھامان يېنىغا مەسئۇل پەرىشتىلەر كېلىپ ئۇلارنى تەبرىكلەيدۇ ۋە ئۇلارغا ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىش ۋاقتىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ خاتىرجەم قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇئمىنلارنىڭ بۇ چوڭ قورقۇنچتىن ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىنى باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىمۇ بايان قىلىدۇ. ئۇ ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە: ﴿وَيَوۡمَ يُنفَخُ فِي ٱلصُّورِ فَفَزِعَ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَن فِي ٱلۡأَرۡضِ إِلَّا مَن شَآءَ ٱللَّهُۚ وَكُلٌّ أَتَوۡهُ دَٰخِرِينَ ٨٧﴾ «سۇر چېلىنغان كۈنى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەرنى قاتتىق قورقۇنچ باسىدۇ. ئاللاھ خالىغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ھەممىسى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بويۇن ئەگكەن ھالدا كېلىدۇ». بۇ ئايەتتە قىيامەت كۈنى ھەممەيلەننىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىشى ئۈچۈن سۇر چېلىنغان كۈنى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەر (قايتا تىرىلگەن بارلىق پەرىشتىلەر، جىنلار ۋە ئىنسانلار)نىڭ قورقۇپ كېتىدىغانلىقى، لېكىن ئاللاھ خالىغان كىشىلەرنىڭ قورقمايدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئايەتتە ئىستىسنا قىلىنغان كىشىلەر يۇقىرىدىكى (103 -) ئايەتتە بۈيۈك قورقۇنچ غەمكىن قىلمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن مۇئمىنلاردۇر. چۈنكى ھەر ئىككى ئايەتتىكى قورقۇنچ، ئىككىنچى قېتىم سۇر چېلىنغاندىكى قورقۇنچنى كۆرسىتىدۇ ۋە قورقۇنچ مەنىسىدىكى كەلىمىلەرنىڭ سۆز تومۇرى (مەسدىرى)مۇ بىردۇر. ﴿مَن جَآءَ بِٱلۡحَسَنَةِ فَلَهُۥ خَيۡرٞ مِّنۡهَا وَهُم مِّن فَزَعٖ يَوۡمَئِذٍ ءَامِنُونَ ٨٩﴾ «كىم بىر ياخشىلىقنى ئېلىپ كېلىدىكەن تېخىمۇ ياخشىسىغا ئېرىشىدۇ. ئۇلار ئۇ كۈندىكى قورقۇنچتىن ئامان قالىدۇ». بۇ ئايەتتە قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ياخشى ئەمەل بىلەن كەلگەنلەرنىڭ ئېلىپ كەلگەن ياخشىلىقىدىن ياخشىراق مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى ۋە ئۇ كۈندىكى قورقۇنچتىن ئامان قالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ ئايەتتىكى «ئېلىپ كەلگىنىدىنمۇ ياخشى» دېگەن مەنىدىكى «خەيرۇن مىنھا - خير منها» بىلەن، ئالدىنقى (101 -) ئايەتتىكى «ئەڭ ياخشى» مەنىسىدىكى ئاشۇرما دەرىجە سۈپەتداش «ھۇسنا - الحسنى»نىڭ گرامماتىك فورمىلىرىمۇ ئوخشاشتۇر، مەنىلىرىمۇ ئوخشاشتۇر. ﴿أَلَآ إِنَّ أَوۡلِيَآءَ ٱللَّهِ لَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ ٦٢ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَكَانُواْ يَتَّقُونَ ٦٣ لَهُمُ ٱلۡبُشۡرَىٰ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَفِي ٱلۡأٓخِرَةِۚ لَا تَبۡدِيلَ لِكَلِمَٰتِ ٱللَّهِۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ ٦٤﴾ «بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ۋەلىيلىرىگە ھېچقانداق قورقۇنچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ. ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغان كىشىلەردۇر. ئۇلارغا دۇنيا ھاياتىدا ۋە ئاخىرەتتە خۇش خەۋەر بار. ئاللاھنىڭ سۆزلىرىدە ھېچ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. مانا بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر». ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ دوستلىرىنىڭ قورقۇنچ ۋە غەمكىنلىككە يولۇقمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ۋە ئۇلارغا دۇنيا - ئاخىرەتتە خۇش خەۋەر بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئايەتلەر دۇنيادا لايىق رەۋىشتە مۇئمىن بولغانلارنىڭ ئاخىرەتتە قورقۇنچ ۋە غەمكىنلىكلەردىن ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇ مۇئمىنلارنىڭ، دۇنيادا ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى بېرىدۇ، قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلگەن ھامان پەرىشتىلەر يېنىغا كېلىپ تەبرىكلەيدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. دەرۋەقە كافىرلار بىلەن مۇئمىنلار، دۇنيادىكى ھاياتلىرى، ئۆلۈملىرى، قەبرە ھاياتلىرى، قىيامەت كۈنى قايتا تىلدۈرۈلگەندىن تارتىپ مەھشەرگاھقا كەلتۈرۈلۈش، ھېساب ئېلىنىش، ئاخىرقى مەنزىللىرىگە ئېلىپ مېڭىلىش ۋە ئاخىرقى مەنزىللىرىنىڭ ئايرىم بولۇشى... قاتارلىق بارلىق ئىشلىرىدا پەرقلىق بولىدۇ. ئۇلار قىسقىچە مۇنداق: 1) كافىرلار دۇنيادا يامان يولنى تاللىغان ۋە ئۇ يولدا ماڭغان، بۇ سەۋەپتىن ئاللاھ تائالا ياردىمىدىن مەھرۇم قىلغان ۋە يامان ئاقىۋەتكە يولۇقىدىغانلىقىنى پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق شۇم خەۋەر قىلغان كىشىلەردۇر. مۇئمىنلار بولسا، ياخشى يولنى تاللىغان ۋە ئۇ يولدا ماڭغان، بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالا ياخشى ئىشلارغا مۇيەسسەر قىلغان ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق خۇش خەۋەر قىلغان كىشىلەردۇر. 2) كافىر ئۆلۈمى ئەسناسىدا پەرىشتىلەردىن قاتتىق گەپ ئاڭلايدۇ ۋە تاياق يەيدۇ. مۇئمىنلار ئۆلۈمى ئەسناسىدا پەرىشتىلەردىن چىرايلىق سۆز ۋە خۇش خەۋەر ئاڭلايدۇ، سىلىق مۇئامىلە كۆرىدۇ. 3) كافىرلارنىڭ قەبرىلىرى دوزاخ چوقۇرلىرىدىن بىر چوقۇر، مۇئمىنلارنىڭ قەبرىلىرى جەننەت باغچىلىرىدىن بىر باغچە بولىدۇ. 4) كافىرلار قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىپلا قورقۇشقا ۋە شۇم خەۋەر ئاڭلاشقا باشلايدۇ. مۇئمىنلار بولسا، قايتا تىرىلىپلا سۆيۈنۈشكە ۋە خۇش خەۋەر ئاڭلاشقا باشلايدۇ. يۇقىرىدىكى ئايەتلەر بۇنى كۆرسىتىدۇ. 5) كافىرلارنىڭ يۈزلىرى قارا ۋە سولغۇن بولىدۇ. مۇئمىنلارنىڭ يۈزلىرى بولسا ئاق ۋە يورۇق بولىدۇ. 6) كافىرلارنىڭ كىتابلىرى سول قوللىرىغا، مۇئمىنلارنىڭ كىتابلىرى ئوڭ قوللىرىغا بېرىلىدۇ. 7) كافىرلار دوزاخقا تاشلىنىدۇ. مۇئمىنلار جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا كافىرلار بىلەن مۇئمىنلاردىن ئىبارەت ئىككى پىرقىنىڭ دۇنيادا تاللىغان يوللىرى ئوخشاش بولمىغاندەك، ئۇلار قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلگەندىن تارتىپ ئاخىرقى مەنزىللىرىگە ئورۇنلاشقۇچىلىك بولغان ئارىلىقتىكى جەرياندا دۇچ كېلىدىغان بارلىق ئەھۋاللار، كۆرىدىغان مۇئامىلىلەر ۋە يولۇقىدىغان ھادىسىلەرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ ئاخىرقى مەنزىللىرى ۋە ئۇ مەنزىللەردىكى ھاياتىمۇ ئوخشىمايدۇ؛ كافىرلار دوزاخقا كىرىپ مەڭگۈ ئازاب چېكىدۇ ، مۇئمىنلار جەننەتكە كىرىپ مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا 97 ~ 106 - ئايەتلەردە كافىرلارنىڭ ۋە مۇئمىنلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئەھۋاللىرىنى بىلدۈرىدۇ. 104 - ئايەتتە قىيامەت كۈنى كائىنات ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەرنى يوق قىلىپ يەنە بۇرۇنقىدەك يوقتىن قايتا يارىتىدىغانلىقىنى ۋە بۇنى ئۆزىگە ئۆزى ۋەدە قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ ۋەدىسىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  104. يَوْمَ نَطْوِي السَّمَاءَ كَطَيِّ السِّجِلِّ لِلْكُتُبِ ۚ كَمَا بَدَأْنَا أَوَّلَ خَلْقٍ نُعِيدُهُ ۚ وَعْدًا عَلَيْنَا ۚ إِنَّا كُنَّا فَاعِلِينَ
    ئۇ كۈندە ئاسماننى (پۈتۈكچى) خەت يېزىلغان قەغەزنى يۆگىگەندەك يۆگەيمىز. مەخلۇقاتلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالىتىدە ئەسلىگە قايتۇرىمىز. (بۇ) بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر، (ئۇنى) چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ كۈندە ئاسماننى - پۈتۈكچى- نەرسە يېزىلغان قەغەزنى يۆگىگەندەك يۆگەيمىز. مەخلۇقاتلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالىتىدە ئەسلىگە قايتۇرىمىز. بۇ بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر، ئۇنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى بىز ئاسماننى كىتابلارنىڭ ۋاراقلىرىنى تۈرىگەندەك تۈرىمىز. دەسلەپتە يوقتىن ياراتقىنىمىزدەك قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىمىز. بۇ بىزنىڭ ۋەدىمىزدۇر. بىز ۋەدىمىزنى ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! سىلەرگە شۇنچە چوڭ ۋە كەڭ كۆرۈنگەن ئاسمانلارنى، قىيامەت كۈنى بىز كىتابلارنىڭ ۋاراقلىرىنى تۈرگەندەك تۈرىمىز، ئۇ چاغدا ئۇلاردىكى قۇياش، ئاي ۋە باشقا سەييارىلەر چېچىلىپ كېتىدۇ، يۇلتۇزلار ئۆچۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاسمانلار ۋە ئۇلاردىكى بارلىق جىسىملار يوق بولۇپ كېتىدۇ. ئاندىن بىز، بارلىق مەخلۇقاتنىڭ يارىتىلىشىنى دەسلەپتە قانداق يوقتىن قىلغان بولساق، بۇ قېتىممۇ يەنە يوقتىن قىلىمىز؛ ھەر نەرسىنى دەسلەپ يوقتىن ياراتقىنىمىزدەك، بۇ نۆۋەت يەنە يوقتىن يارىتىپ ئەسلىگە كەلتۈرىمىز. ئاندىن ئىنسانلارنى ھۇزۇرىمىزغا كەلتۈرۈپ ھېساب ئالىمىز. بۇنداق قىلىشنى بىز ئۆزىمىزگە ۋەدە قىلدۇق. بىز بۇ ۋەدىمىزنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. ئاللاھ 97 ~ 104 - ئايەتلەردە قىيامەتنىڭ قايىم بولىدىغانلىقىنى، قىيامەتتىن كېيىن باشقا بىر دۇنيانىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۇ دۇنيادا بەختسىزلىككە دۇچار بولىدىغانلار بىلەن بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدىغانلارنىڭ كىملىكلىرىنى بىلدۈرىدۇ، بەختسىزلىككە دچار بولۇشنىڭ ۋە بەخت - سائادەتكە ئېرىشىشنىڭ سەۋەبلىرىنى بايان قىلىدۇ. 105 ~ 112 - ئايەتلەردە بولسا، بۇ دۇنيادا بەختسىزلىككە دۇچار بولىدىغانلار بىلەن بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدىغانلارنىڭ كىملىكلىرىنى بىلدۈرىدۇ، بەختسىزلىككە دۇچار بولۇش بىلەن بەخت - سائادەتكە ئېرىشىشنىڭ سەۋەبلىرىنى بايان قىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ ماھىيىتىنى ئۇقتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىش لازىملىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن ئۇ سەۋەبلەرنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۆزى (ئاللاھ)نىڭ ئىلمىنىڭ چەكسىز، ھۆكمىنىڭ ئادىل ۋە قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئەسلىتىپ، مەزكۇر ئىككى تۈرلۈك پىرقە يولۇققان ئاقىۋەتنىڭ، ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرى بىلەن لايىق بولغان ئاقىۋەت ئىكەنلىكىنى، بۇ ئىشتا قىلچە ھەقسىزلىق بولمايدىغانلىقىنى ۋە ئىشنىڭ جەزمەن ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  105. وَلَقَدْ كَتَبْنَا فِي الزَّبُورِ مِنْ بَعْدِ الذِّكْرِ أَنَّ الْأَرْضَ يَرِثُهَا عِبَادِيَ الصَّالِحُونَ
    بىز لەۋھۇلمەھپۇزدا (ئەزەلدە) يازغاندىن كېيىن، (داۋۇدقا نازىل قىلىنغان) زەبۇردا زېمىنغا ھەقىقەتەن مېنىڭ ياخشى (يەنى ۋارىسلىق قىلىشقا لاياقەتلىك) بەندىلىرىم ۋارىسلىق قىلىدۇ دەپ يازدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز لەۋھۇلمەھپۇزدا يازغاندىن كېيىن، -داۋۇدقا نازىل قىلىنغان- زەبۇردا «زېمىنغا ھەقىقەتەن مېنىڭ ياخشى بەندىلىرىم ۋارىسلىق قىلىدۇ» دەپ يازدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز زىكىر[7]دىن كېيىن زەبۇردا: «زېمىنغا ياخشى بەندىلىرىم ئىگە بولىدۇ» دەپ يازدۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    بىز زىكىردىن كېيىن زەبۇردا: «زېمىنغا ياخشى بەندىلىرىم ئىگە بولىدۇ» دەپ يازدۇق. تەپسىرلەردە بۇ ئايەتتىكى «زىكىر» ۋە «زەبۇر» توغرىسىدا بىرقانچە ئېھتىمال قەيت قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ كۈچلۈك بولغىنى مۇنۇ ئىككى ئېھتىمالدۇر: 1) «زىكىر» - لەۋھى مەھفۇز، «زەبۇر» - ئاللاھ نازىل قىلغان بارلىق كىتابلار. 2) «زىكىر» - تەۋرات، «زەبۇر» - داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان كىتاب. بۇ ئايەت، مەزكۇر ئىككى ئېھتىمالدا، ھەتتا باشقا ئېھتىماللاردا ئاللاھ تائالانىڭ، بىرەر قەۋمگە يەر شارىنىڭ مۇئەييەن بىر يېرىدە ھاكىمىيەت بېرىشى، شۇنداقلا ئۇ يەرنىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بارلىق نېمەتلىرىدىن بەھرىمەن قىلىشى ئۈچۈن بېكىتكەن قانۇنىنى كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇ قانۇننى باشتا ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئاساسىي كىتاب «لەۋھى مەھفۇز»دا يازغانلىقىنى، ئاندىن نازىل قىلغان كىتابلىرىدا يېزىپ ئىنسانلارغا بىلدۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ (105 -) ئايەتتە قۇرئان كەرىمدە، قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بۇنى (مەزكۇر قانۇنىنى بارلىق كىتابلىرىدا يازغانلىقىنى) بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە قۇرئان كەرىمدىمۇ ئالاھىدە بىلدۈرىدۇ. ئايەتنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: ئى ئىنسانلار! ئۇ دۇنيادا (ئاخىرەتتە) جەننەتكە ياخشىلار ئىگە بولۇپ ئۇنىڭدىكى نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولغاندەك، بۇ دۇنيادا زېمىنغا ياخشىلار ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدىكى نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇ دۇنيادا يامانلار دوزاخقا كىرىپ مەڭگۈ ئازاب چەككەندەك، بۇ دۇنيادا يامانلار ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان يەرگە ئۆزلىرى ئىگە بولالمايدۇ، شۇنداقلا ئۇ يەرنىڭ ھېچبىر نېمىتىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ. بۇ، بىز بېكىتكەن قانۇن بولۇپ، بىز بۇ قانۇننى بارلىق كىتابلىرىمىزغا يازدۇق، شۇنداقلا سىلەرگە ئۇقتۇردۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  106. إِنَّ فِي هَٰذَا لَبَلَاغًا لِقَوْمٍ عَابِدِينَ
    بۇ (قۇرئان) دا ئاللاھقا ئىبادەت قىلغۇچى قەۋم ئۈچۈن (خەۋەرلەر، ۋەز ـ نەسىھەتلەردىن) ئەلۋەتتە يېتەرلىك بار — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ قۇرئاندا ئاللاھقا ئىبادەت قىلغۇچى قەۋم ئۈچۈن -خەۋەرلەر، ۋەز ـ نەسىھەتلەردىن- ئەلۋەتتە يېتەرلىك بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئاندا ئاللاھقا ئىبادەت قىلغۇچى قەۋم ئۈچۈن ئۇقتۇرۇش بار.‏ — ئەنەس ئالىم

    شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئاندا، جۈملىدىن بۇ سۈرىدە بايان قىلىنغان ئەھكام، قىسسە ۋە نەسىھەتلەردە، ئاللاھنىڭ بۇ قۇرئاندا ۋە بۇ سۈرىدە چۈشۈرگەن ئەمىر - پەرمانلىرىغا ئەستايىدىل بويسۇنغان، بايان قىلغان قىسسەلەردىن لايىق رەۋىشتە ئىبرەت ئالغان ۋە بەرگەن نەسىھەتلەرگە ئىخلاس بىلەن قۇلاق سالغان قەۋم ئۈچۈن، ئۇلارنى دۇنيادا باياشات تۇرمۇشقا، ئاخىرەتتە جەننەتكە يەتكۈزۈشكە يېتەرلىك كۆرسەتمە، ئۇقتۇرۇش ۋە يوليورۇقلار بار. شۇڭلاشقا ئى ئىنسانلار! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت - سائادەتكە ئېرىشىشىڭلار قۇرئانغا بويسۇنۇشىڭلارغا باغلىق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  107. وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا رَحْمَةً لِلْعَالَمِينَ
    (ئى مۇھەممەد!) سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- سېنى بىز پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز سېنى ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتتۇق.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز سېنى ئەنە شۇ قۇرئان بىلەن قىيامەتكە قەدەر پۈتكۈل جاھان ئەھلىگە پەقەتلا بىر رەھمەت سۈپىتىدە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق؛ سېنىڭ ئەلچىلىكىڭ بىزنىڭ جىنلارغا ۋە ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان رەھمىتىمىزدۇر. شۇڭلاشقا ئۇلار (جىن ۋە ئىنسانلار)دىن سېنىڭ ئەلچىلىكىڭدىن ئىبارەت بولغان رەھمىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مۇكاپات سۈپىتىدىكى رەھمىتىمىزگە ئېرىشىدۇ، قوبۇل قىلمىغانلار مەھرۇم قالىدۇ. چۈنكى سەن بىزنىڭ ئەلچىمىز بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن بىزنىڭ كىتابىمىزنى يەتكۈزگەنلىكىڭ ئۈچۈن ساڭا ئىتائەت قىلغانلار بىزگە ئىتائەت قىلغان بولىدۇ، ساڭا ئىتائەت قىلمىغان كىشى مۇئمىن ھېسابلانمايدۇ، بىزگە ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ. دەرۋەقە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ قىيامەتكە قەدەر جىنلارنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتكەن پەيغەمبىرىدۇر. ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك مۆجىزىسى ۋە پەيغەمبەر سۈپىتىدە يەتكۈزۈشى، ئەمەل قىلىپ ئۈلگە بولۇشى كېرەك بولغان كىتاب قۇرئان كەرىمدۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك ھاياتى قۇرئان كەرىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ كۆرسىتىلىشىدۇر، يەنى قۇرئان كەرىمنىڭ جانلاندۇرۇلۇپ كۆرسىتىلىشىدۇر. شۇڭلاشقا قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزىمۇ، ئۇنىڭ جانلاندۇرۇلغان ھالىتى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك ھاياتى)مۇ ئىلاھىي رەھمەتتۇر. بۇ رەھمەت ئەسلىدە بارلىق جىنلارغا ۋە ئىنسانلارغا ئوخشاش ھالدا سۇنۇلغان بولسىمۇ، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئۇنى ئىلاھىي رەھمەت دەپ قوبۇل قىلغانلارغىلا پايدىلىقتۇر. قوبۇل قىلمىغانلارغا بولسا زىيانلىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ (107 -) ئايەتتىكى «ئالەملەرگە رەھمەت» ئىپادىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ ئۆز دەۋرىدىن تارتىپ قىيامەتكىچە ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا ياشىغان بارلىق جىنلارغا ۋە پۈتكۈل ئىنسانلارغا رەھمەت ئىكەنلىكىنى، لېكىن نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئۇلاردىن ئىمان كەلتۈرگەنلەرگىلا رەھمەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرمۇ تەكىتلەيدۇ. ئەسكەرتىش: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ جىنلارغىمۇ رەھمەت ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرى تۆۋەندىكىچە: 1) ئاللاھ تائالانىڭ، 55 - سۈرە (رەھمان)، 2 - ئايەتتە ئۆزىنىڭ قۇرئاننى ئۆگەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى، ئاندىن سۈرىنىڭ ئاخىرىغىچە جىنلارغا ۋە ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ئورتاق نېمەتلىرىنى بۇ ئىككى تائىپىگە ئەسلىتىشى، ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئاننى ئۆگىتىشىنىڭمۇ ھەر ئىككى تائىپىگە ئورتاق نېمەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 2) ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈشكە ۋە ئەگىشىشكە بۇيرۇغان. شۇنىڭدەك، جىنلاردىن بىر جامائەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قۇرئان ئوقۇغان سورۇنغا ھازىر قىلىپ، ئۇلارنى ئىمان كەلتۈرۈشكە مۇيەسسەر قىلغان، ئاندىن ئۇلارنى باشقا جىنلارنىڭ يېنىغا بېرىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلغىلى سالغان. بۇ ئەمەلىيەت ۋە ھەقىقەتلەر، قۇرئان كەرىمنىڭ جىنلارغىمۇ نازىل قىلىنغان كىتاب، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ جىنلارغىمۇ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن قۇرئان كەرىمگە بويسۇنۇش ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش جىنلارغىمۇ ئوخشاشلا پەرزدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  108. قُلْ إِنَّمَا يُوحَىٰ إِلَيَّ أَنَّمَا إِلَٰهُكُمْ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ ۖ فَهَلْ أَنْتُمْ مُسْلِمُونَ
    (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) «ماڭا ۋەھىي قىلىندىكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، سىلەر بويسۇنامسىلەر؟» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- :«ماڭا ۋەھيى قىلىندىكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، سىلەر بويسۇنامسىلەر؟» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «ماڭا ئىلاھىڭلارنىڭ يالغۇز بىر ئىلاھ ئىكەنلىكى ۋەھىي قىلىندى. تەسلىم بولامسىلەر؟».‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ماڭا پەقەت ئىلاھىڭلارنىڭ يالغۇز بىر ئىلاھ ئىكەنلىكى ۋەھىي قىلىنماقتىدۇر. ئۇنداقتا بۇ ھەقىقەت (تەۋھىد)كە بۇيسۇنۇڭلار؛ ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىڭلار، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار». بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق دېگەن بولىدۇ: «ئى ئىنسانلار! ماڭا نازىل قىلىنغان ۋەھىينىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئىبادەتكە ئاللاھنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ۋە ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىش لازىملىقىنى بىلدۈرۈش ئەتراپىدا مەركەزلىشىدۇ؛ ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىنى پەقەت ئاللاھقىلا بويسۇنۇپ ياشاش كېرەكلىكىنى بايان قىلىدۇ. بۇيرۇلغان ئىبادەتلەر، بەلگىلەنگەن قانۇنلار، قىلىنغان تەۋسىيەلەر ، بېرىلگەن نەسىھەتلەر ۋە بايان قىلىنغان قىسسىلەر ئەنە شۇ تەۋھىدنىڭ مەنىسىنى ئىنسانىي ھاياتقا ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈندۇر». ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالانىڭ، ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە ئەۋەتكەن بارلىق پەيغەمبەرلەرگە، جۈملىدىن ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان ۋەھىيلىرىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى ئەنە شۇ تەۋھىدكە بۇيرۇش، شېرىكتىن چەكلەشتە خۇلاسىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقىقەتنى قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئايەتتە بايان قىلىدۇ، جۈملىدىن بىر ئايەتتە مۇسا ئەلەيھىسسالامغا كىتاب (تەۋرات)نى بەرگەنلىكىنى ۋە ئۇ كىتابنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا يېتەكچى قىلغانلىقىنى ۋە ئۇ كىتابتا ئۇلارغا: «مەندىن غەيرىينى مەبۇد، تايانچۇق ۋە ھامىي قىلىماڭلار» دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. دېمەككى، بارلىق ئىلاھىي كىتابلار ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەھكاملار، نەسىھەتلەر ۋە تەۋسىيەلەرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى، تەۋھىدكە بۇيرۇش ۋە شېرىكتىن چەكلەشتە خۇلاسىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  109. فَإِنْ تَوَلَّوْا فَقُلْ آذَنْتُكُمْ عَلَىٰ سَوَاءٍ ۖ وَإِنْ أَدْرِي أَقَرِيبٌ أَمْ بَعِيدٌ مَا تُوعَدُونَ
    ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە (ھەقىقەتنى ھېچ كىشىنى ئايرىماستىن) ئوخشاش ئۇقتۇردۇم، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان (ئازاب) يېقىنمۇ، يىراقمۇ؟ ئۇقمايمەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە، ئېيتقىنكى: «مەن ماڭا ۋەھىي قىلىنغاننى سىلەرگە ئۆزئەينى ئۇقتۇردۇم، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان - ئازاب- يېقىنمۇ، يىراقمۇ؟ ئۇقمايمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرۈسە ئېيتقىنكى: «مەن ھەقىقەتنى ھەممىڭلارغا ئوخشاش ئۇقتۇردۇم، بېشىڭلارغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئازاب يېقىنمۇ ياكى يىراقمۇ؟ بىلمەيمەن.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلار سېنىڭ دەۋەتىڭنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئى ئىنكارچىلار! ئى تەرسالار! مەن سىلەرنى رەببىم ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن ھەقىقەتكە دەۋەت قىلدىم. دەۋىتىمنى قوبۇل قىلمىدىڭلار، ھەقىقەتتىن باش تارتتىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويۇنتاۋلىق قىلدىڭلار. ئەمدى مەن سىلەرگە شۇنى ئېلان قىلىمەنكى: بۇنىڭدىن ئېتىبارەن سىلەر بىلەن مەن - ئككى تەرەپ بىر - بىرىمىزدىن ئادا - جۇدامىز، يولىمىز ئايرىم، ئەمەلىمىز پەرقلىقتۇر. سىلەر بويۇنتاۋلىقىڭلارنىڭ جازاسى بولغان ئازابقا دۇچار قىلىنىسىلەر. بۇ ئازابنى ئاللاھ سىلەرگە كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقىڭلار سەۋەبلىك ۋەدە قىلدى. سىلەر بۇ ئازابقا چوقۇم دۇچار قىلىنىسىلەر، لېكىن مەن ئۇنىڭغا قاچان دۇچار قىلىنىدىغانلىقىڭلارنى بىلمەيمەن. چۈنكى ئاللاھ ماڭا بۇ ھەقتە بىر نەرسە بىلدۈرمىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  110. (21-سۈرە ئەنبىيا، 110-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئىلمى
    إِنَّهُ يَعْلَمُ الْجَهْرَ مِنَ الْقَوْلِ وَيَعْلَمُ مَا تَكْتُمُونَ
    ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاشكارا سۆزنىمۇ، سىلەرنىڭ يوشۇرغانلىرىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاشكارا سۆزنىمۇ، سىلەرنىڭ يوشۇرغانلىرىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئاشكارا سۆزنىمۇ بىلىدۇ، يوشۇرغان سىرلىرىڭلارنىمۇ بىلىدۇ.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ئۈنلۈك ئېيتقان سۆزلىرىڭلارنى، مەخپىي قىلغان سۆز، ئىچىڭلاردا ساقلىغان سىر ۋە يوشۇرۇن قىلغان ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئۈچۈن مەخپىي - ئاشكارا، يوشۇرۇن - ئوچۇق ۋە يىراق - يېقىن پەرقى يوقتۇر؛ دىللاردىكى سىر، كۆڭۈلگە كەلگەن خىيال، مەخپىي تۇتقان ئەھۋال، پەس ياكى ئۈنلۈك ئېيتقان بارلىق سۆزلەر، ھېچكىم كۆرمەيدىغان يەردە قىلغان ياكى بىراۋ كۆرىدىغان يەردە قىلغان بارلىق ئىش - ھەرىكەتلەر ئاللاھقا ئاشكارىدۇر، جۈملىدىن سىلەرنىڭ ئىسلامغا قارشى قىلغان ئاشكارا ھاقارەت ۋە دۈشمەنلىكىڭلار، ئىچىڭلاردا ساقلىغان نەپرەت ۋە ئاداۋىتىڭلار، مەخپىي تۈزۈشكەن پىلانلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ئاشكارىدۇر. ئاللاھ يېقىندا سىلەردىن نىيەت، سۆز ۋە ئەمەللىرىڭلارنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ، سىلەرگە لايىق بولغان نەتىجەڭلارنى بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  111. وَإِنْ أَدْرِي لَعَلَّهُ فِتْنَةٌ لَكُمْ وَمَتَاعٌ إِلَىٰ حِينٍ
    بىلمەسمەنكى، ئۇ (يەنى سىلەرگە بېرىلىدىغان جازانىڭ كېچىكىشى) سىلەر ئۈچۈن سىناق ۋە ۋاقىتلىق پايدىلىنىش بولۇشى مۇمكىن» — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە مەن بىلمەيمەنكى بەلكى ئۇ، سىلەر ئۈچۈن بىر سىناق ۋە ۋاقىتلىق پايدىلىنىش بولۇشى مۇمكىن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىلمەيمەن، بەلكى ئۇ ئازابنىڭ كېچىكىشى سىلەرنى سىناش ۋە بىر مۇددەتكىچە بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن بولسا كېرەك.‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنكارچىلار! ئازابنىڭ كېچىكىش ھېكمىتىنى مەن بىلمەيمەن. بەلكى بۇ كېچىكىش سىلەر ئۈچۈن سىناق بولۇشى مۇمكىن، ياكى تېخىمۇ چوڭ ئازابقا لايىق بولۇشىڭلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ گۇناھ قىلىشىڭلارغا بېرىلگەن مۆھلەت بولۇشى مۇمكىن. مەن بۇنىمۇ بىلمەيمەن». دەرۋەقە ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى بەزىدە نېمەت بىلەن بەزىدە كۈلپەت بىلەن سىنايدۇ. ئىنسانلار يامان ئىشلارنى قىلىپ تۇرسىمۇ ئۇلارغا سىناش ئۈچۈن مۆھلەت بېرىدۇ، ئۇلار بۇ مۆھلەت ئىچىدە تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى تۈزەتسە تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە بۇرۇنقى يامانلىقلىرىغا جازا بەرمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار بېرىلگەن پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ سىناقتىن ئۆتكەن بولىدۇ. بۇ، گۇناھكارلار ئۈچۈن ئاخىرقى پۇرسەتتۇر. ئاللاھ تائالا بەزىدە يامان ئىش قىلىۋاتقانلارغا تېخىمۇ كۆپ يامان ئىش قىلىپ ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ قاتتىق ئازابقا لايىق بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى بىر مۇددەت مەيلىگە قويۇۋېتىدۇ، ئۇلارغا نېمەتلىرىنى ئاتا قىلىۋېرىدۇ. بۇنداقلار ھەددىدىن ئېشىشتا ئەزۋەيلەپ كۆرەڭلىگىلى باشلىغاندا ئۇلارنى تۇيۇقسىزلا جازالايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  112. قَالَ رَبِّ احْكُمْ بِالْحَقِّ ۗ وَرَبُّنَا الرَّحْمَٰنُ الْمُسْتَعَانُ عَلَىٰ مَا تَصِفُونَ
    (پەيغەمبەر ئېيتتى) «پەرۋەردىگارىم! (مېنىڭ بىلەن مەككە كۇففارلىرىنىڭ ئارىسىدا) ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز مەرھەمەتلىك ئاللاھتۇر، سىلەرنىڭ بوھتان سۆزلىرىڭلارغا قارشى ئاللاھتىن ياردەم تىلەيمەن» — مۇھەممەد سالىھ

    -پەيغەمبەر ئېيتتى- :«رەببىم! سەن ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، بىزنىڭ رەببىمىز مەرھەمەتلىك ئاللاھدۇر، سىلەرنىڭ بوھتان سۆزلىرىڭلارغا قارشى ئاللاھتىن ياردەم تىلەيمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەسۇلۇللاھ: «رەببىم! ھەق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، بىزنىڭ رەببىمىز رەھماندۇر، سىلەرنىڭ بوھتانلىرىڭلارغا قارشى ياردەم تەلەپ قىلىنىدىغان زاتتۇر» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    مۇھەممەد ئېيتتى: «رەببىم! بىز بىلەن ھەقنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئارىسىنى ئادالەت بىلەن ئايرىغىن. ئى كافىرلار! بىزنىڭ رەببىمىز ئاللاھ، مەخلۇقاتىغا چەكسىز رەھمەت ۋە سان - ساناقسىز نېمەت ئاتا قىلغۇچىدۇر، سىلەرنىڭ تۆھمەتلىرىڭلارغا قارشى ياردەم تىلىنىدىغان زاتتۇر؛ بىز ئەنە شۇ رەببىمىزگە تايىنىمىز، سىلەرنىڭ بالىسى بار دېيىش، شېرىك كەلتۈرۈش ۋە نەپسى خاھىشىڭلار ئەگىشىپ ھالال - ھارام بەلگىلەش، ئاندىن بۇنىڭغا ئاللاھ ئەمىر قىلدى دەپ دەۋا قىلىش ئارقىلىق ئۇ رەببىمىزگە چاپلىغان بوھتانلىرىڭلارغا ۋە بىزگە قىلغان تەھدىتلىرىڭلارغا قارشى ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەيمىز». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى