دۇخان سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 59 ئايەت
مەنىسى: تۈتۈن. ئاتىلىش سەۋەبى: ئاللاھ كۇففارلارنى رەسۇلۇللاھقا تەكزىب قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن تۈتۈن بىلەن قورقۇتقان (10-ئايەت)
  1. (44-سۈرە دۇخان، 1-ئايەت) ھەرپلەر
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ حم
    ھا، مىم — مۇھەممەد سالىھ

    ھا، مىيم — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھا، مىم. — ئەنەس ئالىم

    ھا، مىم. ئى ئىنكارچىلار! قۇرئان، سىلەر سۆزۈڭلارنى تۈزىدىغان مۇشۇنداق ھەرپلەردىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنداقتا، قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  2. وَالْكِتَابِ الْمُبِينِ
    روشەن قۇرئان بىلەن قەسەم قىلىمەن — مۇھەممەد سالىھ

    روشەن قۇرئان بىلەن قەسەمكى — تەرجىمە ھەيئىتى

    روشەن كىتاب بىلەن قەسەمكى، — ئەنەس ئالىم

    (2-3) ئى ئىنسانلار! ئەلچىمىز مۇھەممەد سىلەرگە يەتكۈزگەن روشەن كىتاب (لەۋزى راۋان، مەنىسى ئېنىق قۇرئان) بىلەن قەسەمكى، بىز ئۇ كىتابنى بەرىكەتلىك كېچىدە نازىل قىلىشقا باشلىدۇق، چۈنكى بىز ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە كىتاب نازىل قىلىپ ۋە ئەلچى ئەۋەتىپ ئىنسانلارنى يامان ئاقىۋەتتىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردۇق، شۇڭلاشقا بۇ ئادىتىمىز بويىچە ھازىر قۇرئاننى قىيامەتكە قەدەر بارلىق ئىنسانلارغا پايدا - زىياننى ئۆگىتىش ۋە زىياندىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن نازىل قىلدۇق. «بەرىكەتلىك كېچە» - رامىزان ئېيىنىڭ تاق كېچىلىرىدىن بىرى بولغان «قەدر كېچىسى»دۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا 2 - سۈرە (بەقەرە)نىڭ 185 - ئايىتىدە قۇرئان كەرىمنى رامىزان ئېيىدا، 97 - سۈرە (قەدر)نىڭ 1 - ئايىتىدە «قەدر كېچىسى»دە نازىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە قۇرئان كەرىمنى پارچە - پارچە ھالەتتە، تەدرىجىي (23 يىلدا) نازىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ ئايەت قۇرئان كەرىمنىڭ رامىزان ئېيىنىڭ بىر كېچىسى بولغان «قەدر كېچىسى»دە نازىل بولۇشقا باشلىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. إِنَّا أَنْزَلْنَاهُ فِي لَيْلَةٍ مُبَارَكَةٍ ۚ إِنَّا كُنَّا مُنْذِرِينَ
    بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن مۇبارەك كېچىدە (يەنى شەبى قەدردە) نازىل قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى (قۇرئان بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچى بولدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن مۇبارەك بىر كېچىدە نازىل قىلدۇق، بىز ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرغۇچى بولدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز قۇرئاننى مۇبارەك كېچىدە نازىل قىلدۇق. چۈنكى بىز ئاگاھلاندۇرغۇچىمىز. — ئەنەس ئالىم

  4. (44-سۈرە دۇخان، 4-ئايەت) ئىلاھىي ھېكمەت ئىلاھىي ھۆكۈم
    فِيهَا يُفْرَقُ كُلُّ أَمْرٍ حَكِيمٍ
    ئۇ كېچىدە ھەر بىر ھېكمەتلىك (يەنى ھېكمەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە قىلىنغان) ئىش (يەنى بەندىلەرنىڭ رىزقى، ئەجىلى ۋە باشقا ئەھۋالى) ئايرىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كېچىدە ھەر بىر ھېكمەتلىك ئىش ئايرىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كېچىدە ھەر ھېكمەتلىك ئەمر ئايرىلىدۇ، — ئەنەس ئالىم

    ئۇ بەرىكەتلىك كېچىدە ئاللاھ تەرىپىدىن ھۆكۈم قىلىنغان بىر يىللىق ئىشلار (ئەجەللەر، رىزىقلار ۋە باشقا ھادىسىلەر) بەلگىلىنىدۇ ۋە مەسئۇل پەرىشتىلەرگە ئۇقتۇرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرىشتىلەر ئۇ ئىشلارنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ چوڭى بولغان جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدا ئۇ كېچىدە زېمىنغا چۈشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. أَمْرًا مِنْ عِنْدِنَا ۚ إِنَّا كُنَّا مُرْسِلِينَ
    (شۇ كېچە تەقدىر قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن بولغان ئىشتۇر، بىز ھەقىقەتەن (ئىنسانلارغا پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتكۈچى بولدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن بولغان ئىشتۇر، بىز ھەقىقەتەن ئىنسانلارغا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكۈچى بولدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ بىز تەرەپتىن بولغان ئەمر[1]. شۈبھىسىزكى، بىز ئەلچى ئەۋەتكۈچىمىز، — ئەنەس ئالىم

    (5-8) ئۇ ئىشلار بىر يىل ئىچىدە ئىجرا قىلىشىنى ھېكمىتىمىز تەلەپ قىلغان ئىشلاردۇر. ئى مۇھەممەد! بىزنىڭ ئىنسانلار ئىچىدىن ئۆزىمىز خالىغان كىشىگە كىتاب نازىل قىلىپ، ئۇ كىشىنى ئۇلارغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىشىمىز، جۈملىدىن سېنى قىيامەتكىچە بارلىق ئىنسانلارغا قۇرئان بىلەن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىشىمىز بەندىلىرىمىزگە رەھمەت قىلىش ئۈچۈندۇر. شۈبھىسىزكى، بىز بارلىق سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرۇمىز، پۈتكۈل ئىشلارنى ۋە ئەھۋاللارنى بىلىپ تۇرۇمىز، بىز ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ ياراتقۇچىسىدۇرمىز ۋە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملارغۇچىسىدۇرمىز. ئى ئىنسانلار! ئەگەر بۇلارغا جەزمەن ئىشىنىدىغان بولساڭلار، بىزنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىمىزگە، جان بېرىپ تىرىلدۈرۈشكە ۋە جاننى ئېلىپ ئۆلتۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىمىزگە، سىلەرنىڭ يوقتىن ياراتقان، باشقۇرۇۋاتقان ۋە رىزىق بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئىگەڭلار ئىكەنلىكىمىزگە، بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنىمۇ ئۆز ۋاقتىدا يوقتىن ياراتقان، رىزىق بىلەن تەمىنلىگەن ۋە ئەجىلى توشقاندا جانلىرىنى ئېلىپ ئۆلتۈرگەن ئىگىسى ئىكەنلىكىمىزگە ئىشىنىڭلار؛ ئىبادەتنى بىزگىلا قىلىڭلار. ئەسكەرتىش: قۇرئان كەرىمدە «بىز، قىلدۇق، قىلىمىز» دېگەن كۆپلۈك مەنىسىدىكى سۆزلەر ئاللاھ ئۈچۈن ئىشلىتىلگەندە ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، كاتتىلىقىنى ۋە بۈيۈكلۈكىنى ئىپادىلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. رَحْمَةً مِنْ رَبِّكَ ۚ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
    (شۇ) پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىدىندۇر. ئۇ ھەقىقەتەن (بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر. (ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىڭدىن بىر رەھمەت بولغان ھالدا. ئۇ ھەقىقەتەن بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر. ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ رەببىڭدىن رەھمەتتۇر[2]. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  7. رَبِّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا ۖ إِنْ كُنْتُمْ مُوقِنِينَ
    ئەگەر سىلەر ھەقىقىي ئىشەنگۈچى بولساڭلار، (ئۇ) ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر سىلەر ھەقىقىي ئىشەنگۈچى بولساڭلار، ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ رەببىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ رەببىدۇر، ئەگەر جەزمەن ئىشىنىدىغان بولساڭلار. — ئەنەس ئالىم

  8. لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ يُحْيِي وَيُمِيتُ ۖ رَبُّكُمْ وَرَبُّ آبَائِكُمُ الْأَوَّلِينَ
    ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيدۇ، (تىرىكنىڭ) جېنىنى ئالالايدۇ، ئۇ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئىلگىرىكى ئاتا ـ بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ تىرىلدۈرەلەيدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ، ئۇ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ئىلگىرىكى ئاتا ـ بوۋاڭلارنىڭمۇ رەببىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ، ئۆلتۈرىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، بۇرۇنقى ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنىڭمۇ رەببىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  9. (44-سۈرە دۇخان، 9-ئايەت) كاپىرلىق غەپلەت
    بَلْ هُمْ فِي شَكٍّ يَلْعَبُونَ
    ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار ھەقىقىي ئىشەنگۈچى ئەمەس)، بەلكى ئۇلار (قىيامەتتىن) شەكتە بولۇپ (ھەقنى ئىستىھزا قىلىپ) ئوينايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    لېكىن ئۇلار شەك ئىچىدە ئوينايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بەلكى ئۇلار شۈبھە ئىچىدە ئويناۋاتىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ھەقىقەت ئەنە شۇنداق تۇرۇقلۇق مۇشرىكلار جەزمەن ئىشەنمەيدۇ، بەلكى ئۇلار بۇ بۇ ھەقىقەتتىن شۈبھە قىلىۋاتىدۇ، سېنىڭ دەۋىتىڭنى مەسخىرە قىلىۋاتىدۇ، سەن دەۋەت قىلغان توغرا يولنى ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرۈۋاتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. (44-سۈرە دۇخان، 10-ئايەت) قىيامەت ھادىسىلىرى
    فَارْتَقِبْ يَوْمَ تَأْتِي السَّمَاءُ بِدُخَانٍ مُبِينٍ
    (ئى مۇھەممەد!) سەن ئاسمان (ھەممە ئادەم) ئوچۇق (كۆرىدىغان) تۈتۈننى كەلتۈرىدىغان كۈندە (ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى) كۈتكىن — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- سەن ئاسمان ھەممە ئادەم ئوچۇق كۆرىدىغان تۈتۈننى كەلتۈرىدىغان كۈننى كۈتكىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئاسمان ئاشكارا تۈتۈن كەلتۈرىدىغان كۈننى كۈتكىن. — ئەنەس ئالىم

    (10-12) ئى مۇھەممەد! تەۋھىدتىن شۈبھە قىلغان ۋە سېنىڭ دەۋىتىڭنى مەسخىرە قىلغان بۇ تەرسا مۇشرىكلارنىڭ جازالىنىشى ئۈچۈن سەن ئۇلارغا ئاسمان ئاشكارا تۈتۈن كەلتۈرىدىغان كۈننى كۈتكىن. ئۇ كۈنى ئۇ تۈتۈن ئۇ ئىنكارچى ئىنسانلارنى ئورىۋالىدۇ. ئىنسانلار ئۇ كۈنى: «بۇ قاتتىق قىينىغۇچى ئازابتۇر، ئى بىزنى يوقتىن ياراتقان، بىزنى باشقۇرۇۋاتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ئىگىمىز - ئاللاھ! بىزدىن بۇ ئازابنى كۆتۈرۈۋەتكىن. بىز بۇ ئازابتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن چوقۇم ئىمان كەلتۈرىمىز» دەپ نالە قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. (44-سۈرە دۇخان، 11-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب
    يَغْشَى النَّاسَ ۖ هَٰذَا عَذَابٌ أَلِيمٌ
    (ئۇ تۈتۈن) كىشىلەرنى ئورىۋالىدۇ، بۇ قاتتىق ئازابتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ تۈتۈن كىشىلەرنى ئورىۋالىدۇ، بۇ قاتتىق ئازابتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ تۈتۈن ئىنسانلارنى ئورىۋالىدۇ. ئۇ ئەلەملىك ئازابتۇر. — ئەنەس ئالىم

  12. (44-سۈرە دۇخان، 12-ئايەت) ئىمان تەۋبە قىلىش
    رَبَّنَا اكْشِفْ عَنَّا الْعَذَابَ إِنَّا مُؤْمِنُونَ
    (ئۇلار) «پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتكىن، بىز ھەقىقەتەن ئىمان كەلتۈرگۈچىدۇرمىز» (دەيدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «رەببىمىز! بىزدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتكىن، بىز ھەقىقەتەن ئىمان كەلتۈرگۈچىدۇرمىز» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى ئۇلار: «رەببىمىز! بىزدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتكىن. بىز ھەقىقەتەن ئىشەنگۈچىلەرمىز» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

  13. أَنَّىٰ لَهُمُ الذِّكْرَىٰ وَقَدْ جَاءَهُمْ رَسُولٌ مُبِينٌ
    (ئازاب كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندە) ئۇلار قانداقمۇ ئىبرەت ئالسۇن، ھالبۇكى، ئۇلارغا روشەن پەيغەمبەر كەلدى (شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار ئىمان ئېيتمىدى) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار قانداقمۇ ئىبرەت ئالسۇن؟ ھالبۇكى، ئۇلارغا روشەن پەيغەمبەر كەلگەن ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار قانداقمۇ ئىبرەت ئالسۇن! ھالبۇكى، ئۇلارغا ئاشكارا ئەلچى كەلدى. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ مۇشرىكلار ئازابتىن قۇتۇلغاندا قانداقمۇ نەسىھەتنى قوبۇل قىلسۇن، بۇ ۋەدىسىدە قانداقمۇ تۇرۇپ ئىمان كەلتۈرسۇن! ھالبۇكى، ئۇلارغا بىزنىڭ ئەلچىمىز ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق بولغان ئەلچىمىز (مۇھەممەد) كەلگەن ۋە ئۇلار ئۇ ئەلچىمىزگە ئىمان كەلتۈرمىگەن ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشى مۇشۇنداق تۇرسا، ئەمدى ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىنىڭ قانداقمۇ ئېتىبارى بولسۇن! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. ثُمَّ تَوَلَّوْا عَنْهُ وَقَالُوا مُعَلَّمٌ مَجْنُونٌ
    ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى ۋە: «ئۇ ئۆگىتىلگەن (يەنى قۇرئاننى كىشىلەردىن ئۆگەنگەن) دۇر، مەجنۇندۇر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى ۋە: «ئۇ ئۆگىتىلگەندۇر، مەجنۇندۇر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۇ ئەلچىدىن يۈز ئۆرىدى ۋە: «بۇ ئۆگىتىلگەن، جىن چاپلىشىۋالغان ئادەمدۇر» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئۇ ئەلچىمىزنىڭ مۆجىزىسى بولغان قۇرئاندىن، ئۇنىڭ راستىنلا بىزنىڭ ئەلچىمىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلغان، قارشى چىققان ۋە: «بۇ مەھەممەد ‹قۇرئان› دەپ ئوقۇۋاتقان سۆزلىرىنى باشقىلاردىن ئۆگەنكەن، مۇھەممەد ئەقلىدىن ئازغان ئادەمدۇر، ساراڭدۇر» دەپ ھاقارەت قىلغان ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  15. (44-سۈرە دۇخان، 15-ئايەت) كاپىرلىق ئىلاھىي ھۆكۈم
    إِنَّا كَاشِفُو الْعَذَابِ قَلِيلًا ۚ إِنَّكُمْ عَائِدُونَ
    بىز ھەقىقەتەن ئازابنى (سىلەردىن) ئازغىنا ۋاقىت كۆتۈرۈۋېتىمىز، (ئاندىن) سىلەر ھەقىقەتەن (ئىلگىرىكى كاپىرلىق ھالىتىڭلارغا) قايتىۋالىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ھەقىقەتەن ئازابنى ئازغىنا ۋاقىت كۆتۈرۈۋېتىمىز، سىلەر چۇقۇم–ئىلگىرىكى ھالىتىڭلارغا- قايتىۋالىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئازابنى ئازغىنە ۋاقىت كۆتۈرۈۋېتىمىز. سىلەر چوقۇم يېنىۋالغۇچىلارسىلەر. — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار ئۇ ئازابقا دۇچار بولغاندا قىلغان بۇ ئىلتىجاغا ئاللاھ جاۋاب بېرىپ ئېيتىدۇ: «ئى مۇشرىكلار! سىلەردىن بۇ ئازابنى ئازغىنە ۋاقىت كۆتۈرۈۋېتىمىز، لېكىن سىلەر بۇ سۆزۈڭلاردىن چوقۇم يېنىۋالىسىلەر؛ ئىمان كەلتۈرۈش تۈگۈل، كۇفرىلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيسىلەر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. يَوْمَ نَبْطِشُ الْبَطْشَةَ الْكُبْرَىٰ إِنَّا مُنْتَقِمُونَ
    ئۇلارنى قاتتىق تۇتقان كۈنىمىزدە چوقۇم جازالايمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى قاتتىق تۇتقان كۈنىمىزدە چوقۇم جازالايمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز قاتتىق تۇتىدىغان كۈندە چوقۇم ئىنتىقام ئالىمىز. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز ئۇلارنى قاتتىق تۇتىدىغان كۈندە (قىيامەت كۈنى) ئۇلاردىن چوقۇم ئىنتىقام ئالىمىز؛ ئۇ كۈنى ئۇلارنى قاتتىق جازالايمىز، سەن ئۇلار ئۈچۈن بۇ كۈننىمۇ كۈتكىن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالا مەككە مۇشرىكلىرىنى ئىككى قېتىم ئازابقا دۇچار قىلغان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1) ھىجرەتنىڭ ئىككىنچى يىلى «بەدر غازىتى»دا مۇشرىكلار قوشۇنى مەغلۇپ بولۇپ، ئۇلاردىن 70 كىشى ئۆلگەن، 70 كىشى ئەسىرگە چۈشكەن. ئۇلارنىڭ تولىسى مۇشرىكلارنىڭ قوماندان، كاتتىباش ۋە مۆتىۋەرلىرى ئىدى. 2) ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئاچارچىلىققا دۇچار قىلغان، كېيىن ئۇلاردىن بۇ ئازابنى كۆتۈرۈۋەتكەن لېكىن ئۇلا يەنىلا ئادەم بولمىغان؛ شېرىك كەلتۈرۈشتىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلىشتىن يانمىغان. يۇقىرىدا (10 - ئايەتتە) بايان قىلىنغان تۈتۈن ئۇلارغا يەتكەن بۇ ئاچارچىلىق ئازابىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاچلىقتىن كۆزلىرى ئاجىزلىشىپ ئاسماندا (ئۈستۈن تەرىپىدە) تۈتۈن كۆرىدىغان ھالەتكە كەلگەن. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ يالۋۇرۇشى بىلەن ئۇلاردىن بۇ ئازابنى كۆتۈرۈۋەتكەن لېكىن ئۇلار يەنىلا ئىمان كەلتۈرمىگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۇلارنى قىيامەت كۈنى ئەسلىي جازاسى بىلەن جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. وَلَقَدْ فَتَنَّا قَبْلَهُمْ قَوْمَ فِرْعَوْنَ وَجَاءَهُمْ رَسُولٌ كَرِيمٌ
    ئۇلاردىن ئىلگىرى بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋننىڭ قەۋمىنى سىنىدۇق، ئۇلارغا ئېسىل بىر پەيغەمبەر كەلدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن ئىلگىرى بىز ھەقىقەتەن پىرئەۋننىڭ قەۋمىنى سىنىدۇق، ئۇلارغا ئېسىل بىر پەيغەمبەر كەلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز بۇلاردىن ئىلگىرى فىرئەۋننىڭ قەۋمىنى سىنىغان ئىدۇق. ئۇلارغا ھۆرمەتلىك ئەلچى كەلگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز سېنىڭ قەۋمىڭ بولغان بۇ مۇشرىكلاردىن ئىلگىرى، فىرئەۋننىڭ قەۋمىنى ئىمان كەلتۈرۈشكە ۋە زۇلۇمنى تەرك ئېتىشكە دەۋەت قىلىپ سىنىغان ئىدۇق. ئۇلارغا بىزنىڭ ھۆرمەتلىك ئەلچىمىز مۇسا كەلگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. أَنْ أَدُّوا إِلَيَّ عِبَادَ اللَّهِ ۖ إِنِّي لَكُمْ رَسُولٌ أَمِينٌ
    (مۇسا ئۇلارغا ئېيتتى) «ماڭا ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى (يەنى بەنى ئىسرائىلنى) تاپشۇرۇپ بېرىڭلار، مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئىشەنچلىك پەيغەمبەر — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا ئۇلارغا ئېيتتى: «ماڭا ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار، مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن ئىشەنچلىك بىر ئەلچىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەلچى ئۇلارغا: «ئاللاھنىڭ بەندىلىرىنى ماڭا تاپشۇرۇپ بېرىڭلار. مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئىشەنچىلىك ئەلچىمەن. — ئەنەس ئالىم

    (18-21) مۇسا ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېدى: «ئاللاھنىڭ بەندىلىرى (بەنى ئىسرائىل)نى ماڭا تاپشۇرۇپ بېرىڭلار. مەن سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئىشەنچلىك ئەلچىمەن؛ سىلەرنى نىجاتلىق يولىغا باشلاش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇپ كەلدىم، ئاللاھ ماڭا نازىل قىلغان ۋەھىينى سىلەرگە كەم - زىيادە قىلماستىن ئەينەن يەتكۈزىمەن. مېنى ئىنكار قىلىش بىلەن ئاللاھقا ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار. مەن سىلەرگە، مېنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم. سىلەرنىڭ مېنى چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭلاردىن، مېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەم بولغان، سىلەرنىمۇ يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە سىلەرنى ماڭا ئەگىشىشكە بۇيرۇغان ئىگەڭلار بولغان ئاللاھقا سېغىندىم؛ ئاللاھ مېنى سىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىڭلاردىن ساقلىغاي! ئەگەر مېنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمىسەڭلار مەندىن نېرى تۇرۇڭلار، مېنى ئۆز ھالىمغا قويۇۋېتىڭلار، ماڭا چېقىلماڭلار، ئاللاھ ئارىمىزنى ئايرىغانغا قەدەر سۈلھى ئىچىدە ياشايلى». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. وَأَنْ لَا تَعْلُوا عَلَى اللَّهِ ۖ إِنِّي آتِيكُمْ بِسُلْطَانٍ مُبِينٍ
    ئاللاھقا تەكەببۇرلۇق قىلماڭلار، مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن روشەن مۆجىزە بىلەن كەلدىم — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھقا تەكەببۇرلۇق قىلماڭلار، مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن روشەن مۆجىزە بىلەن كەلدىم — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھقا تەكەببۇرلۇق قىلماڭلار. مەن سىلەرگە روشەن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. — ئەنەس ئالىم

  20. (44-سۈرە دۇخان، 20-ئايەت) ھىجرەت ئاللاھقا ئىشىنىش
    وَإِنِّي عُذْتُ بِرَبِّي وَرَبِّكُمْ أَنْ تَرْجُمُونِ
    مەن ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلارغا سېغىنىپ، سىلەرنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشۈڭلاردىن پاناھ تىلەيمەن — مۇھەممەد سالىھ

    مەن ھەقىقەتەن مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلارغا سېغىنىپ، سىلەرنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈشۈڭلاردىن پاناھ تىلەيمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرنىڭ مېنى چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭلاردىن مېنىڭمۇ رەببىم، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا سېغىندىم. — ئەنەس ئالىم

  21. وَإِنْ لَمْ تُؤْمِنُوا لِي فَاعْتَزِلُونِ
    ئەگەر ماڭا ئىمان كەلتۈرمىسەڭلار مېنى (ئۆز ھالىمغا) قويۇۋېتىڭلار» — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر ماڭا ئىمان كەلتۈرمىسەڭلار مېنى ئۆز ھالىمغا قويۇۋېتىڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر ماڭا ئىشەنمىسەڭلار مەندىن نېرى تۇرۇڭلار» دېدى، — ئەنەس ئالىم

  22. فَدَعَا رَبَّهُ أَنَّ هَٰؤُلَاءِ قَوْمٌ مُجْرِمُونَ
    مۇسا پەرۋەردىگارىغا: «بۇلار گۇناھكار قەۋمدۇر» دەپ دۇئا قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا رەببىغا: «بۇلار گۇناھكار قەۋمدۇر» دەپ دۇئا قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن رەببىگە: «بۇلار گۇناھكار قەۋمدۇر» دەپ دۇئا قىلدى. — ئەنەس ئالىم

    مۇسا ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر مۇددەت تۇرۇپ ئۇلارنى تەۋھىدكە ۋە ئادالەتكە دەۋەت قىلدى، لېكىن ئۇلار تەرسالىق ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىپ كۇفرىلىقتا ۋە زالىملىقتا ئەزۋەيلىدى، شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىزگە ئىلتىجا قىلىپ: «ئى مېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەم - ئاللاھ! بۇلار گۇناھ - مەئسىيەتكە چۆمۈپ كەتكەن قەۋمدۇر، ئۇلارغا تېگىشلىك جازانى بەرگىن» دەپ دۇئا قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  23. (44-سۈرە دۇخان، 23-ئايەت) پىرئەۋن ۋە گۇرۇھى مۇسا
    فَأَسْرِ بِعِبَادِي لَيْلًا إِنَّكُمْ مُتَّبَعُونَ
    (ئاللاھ ئېيتتى) «مېنىڭ بەندىلىرىمنى كېچىدە ئېلىپ چىقىپ كەتكىن، سىلەر ھەقىقەتەن قوغلىنىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇنداق بولسا مېنىڭ بەندىلىرىمنى كېچىدە تىزدىن ئېلىپ چىقىپ كەتكىن، سىلەر ھەقىقەتەن قوغلىنىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببى ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «بەندىلىرىمنى ئېلىپ كېچىدە يولغا چىققىن. شۈبھىسىزكى، سىلەر قوغلىنىسىلەر[3]. — ئەنەس ئالىم

    (23-24) شۇنىڭ مۇسانىڭ ئىگىسى - ئاللاھ مۇساغا مۇنداق دېدى: «مۇئمىن بەندىلىرىم بولغان بەنى ئىسرائىلنى ئېلىپ كېچىدە مەخپىي ھالدا يولغا چىققىن، چۈنكى فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تۇيۇپ قالسا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، بىلگىنكى فىرئەۋن قوشۇنلىرى بىلەن سىلەرنى قوغلاپ كېلىدۇ. ئۇلارنى كۆرگەن چېغىڭدا ئالدىڭدىكى دېڭىزغا ھاساڭ بىلەن ئۇرغىن، سېنىڭ ئۇرۇشۇڭ بىلەن دېڭىزدىن يول ئېچىلىدۇ، سەن قەۋمىڭ بىلەن ئۇ يولغا كىرىپ قارشى تەرەپكە مېڭىڭلار، ۋە دېڭىزدا ئېچىلغان يولنى ئۆز ھالىتى بىلەن قويغىن، فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئارقاڭلاردىن كىرسۇن، چۈنكى ئۇلار شۇ يەردە غەرق قىلىنىدىغان قوشۇندۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  24. وَاتْرُكِ الْبَحْرَ رَهْوًا ۖ إِنَّهُمْ جُنْدٌ مُغْرَقُونَ
    دېڭىزنى تىپتىنچ (يەنى سەن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن قۇرۇق ھالىتى بويىچە) قويغىن، ئۇلار ھەقىقەتەن غەرق قىلىنغۇچى قوشۇندۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    دېڭىزنى تىپتىنچ قويغىن، ئۇلار ھەقىقەتەن غەرق قىلىنغۇچى قوشۇندۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    دېڭىزدا ئېچىلغان يولنى ئۆز ھالىتى بىلەن قويغىن. ئۇلار چوقۇم غەرق قىلىنغۇچى قوشۇندۇر». — ئەنەس ئالىم

  25. كَمْ تَرَكُوا مِنْ جَنَّاتٍ وَعُيُونٍ
    ئۇلار (غەرق بولۇپ) نۇرغۇن باغلارنى، بۇلاقلارنى، زىرائەتلەرنى، چىرايلىق جايلارنى قالدۇردى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار نۇرغۇن نەرسىلەرنى قالدۇردى؛ باغلارنى، بۇلاقلارنى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار نۇرغۇن نەرسىلەرنى قويۇپ كەتتى: باغلارنى، بۇلاقلارنى، — ئەنەس ئالىم

    (25-27) شۇنىڭ بىلەن مۇسا بەنى ئىسرائىلنى كېچىدە ئېلىپ يولغا چىقتى، فىرئەۋن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ دەرغەزەپ بولۇپ قوشۇنلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كەلدى ۋە كۈن چىقىۋاتقان ئەسنادا ئۇلارغا يېتىشتى، ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى كۆرگەن چاغدا مۇسا ھاسىسى بىلەن دېڭىزغا ئۇردى - دە، يول ئېچىلدى، شۇنىڭ بىلەن مۇسا قەۋمىنى باشلاپ ئېچىلغان يولغا كىرىپ قارشى تەرەپكە ماڭدى، فىرئەۋنمۇ ئۇلارنى قوغلاپ ئۇ يولغا كىردى، مۇسا قەۋمى بىلەن قارشى ساھىلغا چىقىپ بولۇشى بىلەن تەڭ فىرئەۋن قوشۇنلىرى بىلەن ئۇ يولغا كىرىپ بولدى. ئۇ ئەسنادا يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىككى تاغدەك تۇرۇۋاتقان ئىككى دولقۇن يېپىلدى، فىرئەۋن قوشۇنلىرى بىلەن ھالاك قىلىندى. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇنلىغان باغلار، بۇلاقلار، ئېكىنلەر، ئېسىل ماقاملار ۋە ئۇلار پەيزىنى سۈرگەن نېمەتلەر قالدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. وَزُرُوعٍ وَمَقَامٍ كَرِيمٍ
    ئۇلار (غەرق بولۇپ) نۇرغۇن باغلارنى، بۇلاقلارنى، زىرائەتلەرنى، چىرايلىق جايلارنى قالدۇردى — مۇھەممەد سالىھ

    زىرائەتلەرنى، چىرايلىق جايلارنى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېكىنلەرنى، ئېسىل ماقاملارنى — ئەنەس ئالىم

  27. وَنَعْمَةٍ كَانُوا فِيهَا فَاكِهِينَ
    ئۇلار بەھرىمەن بولۇۋاتقان نېمەتلەرنى قالدۇردى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار بەھرىمەن بولۇۋاتقان نېمەتلەرنى قالدۇردى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە ئۆزلىرى كەيپ - ساپا سۈرگەن نېمەتنى. — ئەنەس ئالىم

  28. كَذَٰلِكَ ۖ وَأَوْرَثْنَاهَا قَوْمًا آخَرِينَ
    شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنى باشقىلارغا (يەنى بەنى ئىسرائىلغا) مىراس قىلىپ بەردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنى باشقىلارغا مىراس قىلىپ بەردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىش ئەنە شۇنداق بولدى. بىز ئۇ نەرسىلەرنى باشقا قەۋمگە مىراس قىلىپ بەردۇق. — ئەنەس ئالىم

    بىز ئەلچىمىز مۇساغا قارشى چىققان فىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى ئەنە شۇنداق ھالاك قىلدۇق، بىز ئۇلاردىن قالغان ئۇ نەرسىلەرگە باشقا بىر قەۋمنى ئىگە قىلدۇق. ئەسكەرتىش: بۇ يەردىكى «باشقا بىر قەۋم» فىرئەۋندىن كېيىن مىسىرنىڭ ھاكىمىيىتىگە ئىگە بولغان مىللەتنى كۆرسىتىدۇ، بۇ مىللەت فىرئەۋننىڭ مىللىتىدىن ئەمەس، لېكىن فىرئەۋن قوشۇنلىرى بىلەن ھالاك بولغاندىن كېيىن مىسىرغا ھاكىم بولغان مىللەتتۇر. ئۇلار فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قۇشۇنلىرى تاشلاپ چىققان ۋە ئاللاھ تائالا ۋەيران قىلىۋەتكەن ساراي، باغ، خەزىنە ۋە ماقاملارغا ئىگە بولغان. بەنى ئىسرائىل بولسا، ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن دېڭىزدىن ساق - سالامەت ئۆتكەندىن كېيىن مىسىرغا قايتىپ بارمىغان، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى سىينا چۆلىدە 40 يىل ئاداشتۇرغاندىن كېيىن، ئۆزى بەرىكەتلىك قىلغان زېمىنغا ئورۇنلاشتۇرغان، شۇنداقلا ئۇلارغا فىرئەۋننىڭ ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ساراي، باغ - بوستان، بۇلاق، خەزىنە ۋە ئېسىل ماقاملىرىنىڭ ئوخشىشىنى ئاتا قىلغان. «بەرىكەتلىك زېمىن» - قىزىل دېڭىزنىڭ شەرقىي شىمال ساھىللىرىدىن باشلاپ ئاق دېڭىزنىڭ ساھىللىرىغا جايلاشقان ۋە ئاناتولىيەگە قەدەر بولغان جايلارنى (پەلەستىن، لىۋان، ئىئوردانىيە ۋە سۈرىيە قاتارلىق رايونلارنى) كۆرسىتىدۇ. ئۇ جايلارنىڭ بەنى ئىسرائىلغا ۋەتەن قىلىپ بېرىلىشى شەرتلىك بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىگە ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا توغرا، دۇرۇس مېڭىشىغا باغلىقتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  29. فَمَا بَكَتْ عَلَيْهِمُ السَّمَاءُ وَالْأَرْضُ وَمَا كَانُوا مُنْظَرِينَ
    ئۇلارغا ئاسمانمۇ، زېمىنمۇ يىغلىمىدى، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا ئاسمانمۇ، زېمىنمۇ يىغلىمىدى، ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا ئاسمان ۋە زېمىن يىغلىمىدى. ئۇلارغا مۆھلەتمۇ بېرىلمىدى. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ گەدەنكەشلەرنىڭ ھالاك قىلىنىشى كائىناتتا يۈز بەرگەن چوڭ بىر ھادىسە بولمىدى؛ ئۇلارنىڭ ھالاكى ئادەتتىكىدەك ھالاك بولدى. ئۇلارغا تەۋبە قىلىپ كەمچىلىكىنى تۈزىتىش ئۈچۈن مۆھلەت بېرىلمىدى، دەرھال ھالاك قىلىندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  30. (44-سۈرە دۇخان، 30-ئايەت) ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى مۇسا
    وَلَقَدْ نَجَّيْنَا بَنِي إِسْرَائِيلَ مِنَ الْعَذَابِ الْمُهِينِ
    شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى خار قىلغۇچى ئازابتىن – پىرئەۋن (ئازابى) دىن قۇتقۇزدۇق، پىرئەۋن ھەقىقەتەن مۇتەكەببىر ئىدى، ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى خار قىلغۇچى ئازابتىن قۇتقۇزدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى خورلىغۇچى ئازابتىن قۇتقۇزدۇق، — ئەنەس ئالىم

    (30-33) بىز بەنى ئىسرائىلنى خورلىغۇچى ئازابتىن، يەنى فىرئەۋننىڭ ئاسارىتى ۋە زۇلۇمىدىن قۇتقۇزدۇق. فىرئەۋن ھەقىقەتەن زوراۋان ئىدى، ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى. بىز بەنى ئىسرائىلنى لايىق بولغانلىقىنى بىلىپ زامانداشلىرىدىن ئۈستۈن قىلدۇق. ئۇلارغا مۇسا ئارقىلىق دېڭىزنىڭ يېرىلىشى، بۇلۇتنىڭ سايە قىلىنىشى، مۇسانىڭ ھاسىسىنى ئۇرۇش بىلەن تاشتىن سۇ ئېتىلىپ چىقىشى، مەننە ۋە بۆدۈنە چۈشۈرۈپ بېرىلىشى، تاغنىڭ قۇمۇرۇلۇپ بەنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە خۇددى سايىۋەندەك تۇرۇشى قاتارلىق مۆجىزىلەرنى بەردۇق. ئەسكەرتىش: بۇ قىسسەنىڭ خۇلاسىسى 28 - سۈرە قەسەس، 3 ~ 33 - ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە بايان قىلىندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  31. (44-سۈرە دۇخان، 31-ئايەت) كىبىر پىرئەۋن ۋە گۇرۇھى
    مِنْ فِرْعَوْنَ ۚ إِنَّهُ كَانَ عَالِيًا مِنَ الْمُسْرِفِينَ
    شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىنى خار قىلغۇچى ئازابتىن – پىرئەۋن (ئازابى) دىن قۇتقۇزدۇق، پىرئەۋن ھەقىقەتەن مۇتەكەببىر ئىدى، ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    يەنى پىرئەۋندىن قۇتقۇزدۇق. پىرئەۋن ھەقىقەتەن مۇتەكەببىر ۋە ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    فىرئەۋندىن قۇتقۇزدۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇ زومىگەر ئىدى، ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىدى. — ئەنەس ئالىم

  32. وَلَقَدِ اخْتَرْنَاهُمْ عَلَىٰ عِلْمٍ عَلَى الْعَالَمِينَ
    ئۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ (ئۆز زامانىدىكى) جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆز زامانىدىكى جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلغانىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئىسرائى ئەۋلادىنى، بىلىپ زامانداشلىرىدىن ئۈستۈن قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم

  33. (44-سۈرە دۇخان، 33-ئايەت) ئىلاھىي دەلىللەر ئىلاھىي سىناق
    وَآتَيْنَاهُمْ مِنَ الْآيَاتِ مَا فِيهِ بَلَاءٌ مُبِينٌ
    ئۇلارغا (يەنى تەپەككۇر قىلغۇچىلارغا) روشەن سىناق بار نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز ئۇلارغا روشەن سىناق بار نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا ئوچۇق سىناق ئۆز ئىچىگە ئالغان مۆجىزىلەرنى بەردۇق. — ئەنەس ئالىم

  34. (44-سۈرە دۇخان، 34-ئايەت) تىرىلىش كاپىرلىق
    إِنَّ هَٰؤُلَاءِ لَيَقُولُونَ
    بۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) چوقۇم ئېيتىدۇ: — مۇھەممەد سالىھ

    بۇلار چوقۇم ئېيتىدۇ: — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بۇ مۇشرىكلار مۇنداق دەيدۇ: — ئەنەس ئالىم

    (34-36) ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلار مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى ئۆلۈمىمىزدىن باشقا ئۆلۈم يوق، بىز ئۇ ئۆلۈمىمىزدىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلمەيمىز، ئەگەر سىلەر: ‹قىيامەت قايىم بولىدۇ، ئۇ كۈنى سىلەر قايتا تىرىلدۈرۈلىسىلەر› دېگەن سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ھازىرغىچە ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى تىرىلدۈرۈپ ئالدىمىزغا ئېلىپ كېلىڭلار». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  35. (44-سۈرە دۇخان، 35-ئايەت) تىرىلىش كاپىرلىق
    إِنْ هِيَ إِلَّا مَوْتَتُنَا الْأُولَىٰ وَمَا نَحْنُ بِمُنْشَرِينَ
    «پەقەت بىرلا قېتىم ئۆلىمىز، قايتا تىرىلمەيمىز، ئەگەر (ئاخىرەت بار دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنى (تىرىلدۈرۈپ) ئەكېلىپ بېقىڭلار» — مۇھەممەد سالىھ

    «بىز، پەقەت بىرلا قېتىم ئۆلىمىز، قايتا تىرىلمەيمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    «بىزنىڭ بىرىنچى ئۆلۈمىمىزدىن باشقا ئۆلۈم يوق. بىز قايتا تىرىلدۈرۈلمەيمىز. — ئەنەس ئالىم

  36. (44-سۈرە دۇخان، 36-ئايەت) تىرىلىش ھەقنى ئىنكار قىلىش
    فَأْتُوا بِآبَائِنَا إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
    «پەقەت بىرلا قېتىم ئۆلىمىز، قايتا تىرىلمەيمىز، ئەگەر (ئاخىرەت بار دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنى (تىرىلدۈرۈپ) ئەكېلىپ بېقىڭلار» — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر راستچىل بولساڭلار، بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنى تىرىلدۈرۈپ ئەكېلىپ بېقىڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر راستچىل بولساڭلار، ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى ئېلىپ كېلىڭلار». — ئەنەس ئالىم

  37. أَهُمْ خَيْرٌ أَمْ قَوْمُ تُبَّعٍ وَالَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ أَهْلَكْنَاهُمْ ۖ إِنَّهُمْ كَانُوا مُجْرِمِينَ
    ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) كۈچلۈكمۇ ياكى تۈببە قەۋمىمۇ؟ ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (نۇرغۇن) قەۋملەرنى ھالاك قىلدۇق. چۈنكى ئۇلار گۇناھكار ئىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ياخشىراقمۇ؟ ياكى تۈببە قەۋمىمۇ؟ ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن قەۋملەرنى ھالاك قىلدۇق. چۈنكى ئۇلار گۇناھكار ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇلار كۈچلۈكمۇ؟ ياكى تۇببەئـنىڭ قەۋمى[4] ۋە ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارمۇ؟ بىز ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق. چۈنكى ئۇلار گۇناھكار ئىدى. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! كۈچ - قۇۋۋەت، سەلتەنەت ۋە بايلىقتا بۇ مۇشرىكلار ئۈستۈنمۇ؟ ياكى «تۇببەئـ»نىڭ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن بۇرۇنقى كافىرلار ئۈستۈنمۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈستۈن، بۇ مۇشرىكلار ھەر جەھەتتە ئۇلاردىن تۆۋەن. بىز بۇلاردىن كۈچلۈك بولغان ئۇ قەۋملەرنى كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلىگەنلىكى ئۈچۈن ھالاك قىلدۇق. مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئالسۇن! «تۇببەئـ»- قەدىمكى يەمەن (ھەزرەمەۋت، سەبەئـ ۋە ھىميەر) پادىشاھىنىڭ نامىدۇر. بۇ ئايەتتە ۋە 50 - سۈرە (قاف)نىڭ 14 - ئايىتىدە «تۇببەئـ»نىڭ قەۋمى ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ھالاك قىلىنغانلىقى بايان قىلىنىپ، مۇشرىكلار ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  38. وَمَا خَلَقْنَا السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا لَاعِبِينَ
    ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناپ (يەنى بىكارغا) ياراتقىنىمىز يوق — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناپ - بىكارغا ياراتقىنىمىز يوق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناش ئۈچۈن ياراتمىدۇق. — ئەنەس ئالىم

    (38-39) بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناش ئۈچۈن ياراتمىدۇق. ئەكسىچە بىز ئۇلارنى ئىنسانلارغا ھايات كەچۈرۈش شارائىتى ھازىرلاش، ئۇلارغا تەۋھىدنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىش، ئۇلارغا ياخشى - ياماننى تاللاشتا ئىختىيار بېرىش، ئاندىن ئۇلارنى پەيغەمبەر ئەۋەتىش ئارقىلىق ياخشىغا بۇيرۇش ۋە ياماندىن توسۇش، ئاندىن ئۆز ئىختىيارى ۋە ئەركىن ئىرادىسى بىلەن شۈكۈر قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش، تۇزكورلۇق قىلغانلارنى جازالاش، شۇنداقلا قۇدرەت، ھېكمەت، رەھمەت ۋە ئادالىتىمىزنى نامايان قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتۇق. شۇڭلاشقا بىز ئىلگىرى ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىمىزگە ئەگەشكەنلەرنى مۇكاپاتلاپ ئۇلارغا نۇسرەت ئاتا قىلدۇق، ئەگەشمىگەنلەرنى جازالاپ ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق. جۈملىدىن بىز مۇھەممەدنىمۇ ئويۇن ئويناش ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتمىدۇق. ئەكسىچە ئۇنى ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە ئوخشاش ئىنسانلارنى ياخشىغا بۇيرۇشى ۋە ياماندىن توسۇشى ئۈچۈن ئەۋەتتۇق. ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر مۇكاپاتقا، ئەگەشمىگەنلەر جازاغا لايىق بولىدۇ. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇ ھەقىقەتنى بىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  39. مَا خَلَقْنَاهُمَا إِلَّا بِالْحَقِّ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
    ئۇلارنى بىز پەقەت ھەق ياراتتۇق ۋەلېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى بىز پەقەت ھەق ياراتتۇق ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئۇ ئىككىسىنى پەقەت ھەق بىلەن ياراتتۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

  40. (44-سۈرە دۇخان، 40-ئايەت) تىرىلىش قىيامەت ۋاقتى
    إِنَّ يَوْمَ الْفَصْلِ مِيقَاتُهُمْ أَجْمَعِينَ
    باتىل بىلەن ھەقنى ئايرىيدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ (ھېسابى ئۈچۈن) تەيىنلەنگەن ۋاقىتتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    باتىل بىلەن ھەقنى ئايرىيدىغان كۈن ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تەيىنلەنگەن ۋاقتىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياخشى - ياماننى ئايرىش كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ياخشىلار بىلەن يامانلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ ياخشىلارنى جەننەتكە، يامانلارنى دوزاخقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان قىيامەت كۈنى، بارلىق ئىنسانلار قايتا تىرىلىپ مەھشەرگە يىغىلىشى، دۇنيادىكى قىلمىشىغا ھېساب بېرىشى ۋە قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈشى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  41. يَوْمَ لَا يُغْنِي مَوْلًى عَنْ مَوْلًى شَيْئًا وَلَا هُمْ يُنْصَرُونَ
    ئۇ كۈندە دوست دوستقا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلار ياردەمگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كۈندە دوست دوستقا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلار ياردەمگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈن ھېچبىر دوست ھېچبىر دوستقا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ ۋە ھېچكىمگە ياردەم قىلىنمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ كۈن ھېچبىر يېقىن ھېچبىر يېقىنىغا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ ۋە ھېچكىم باشقىلاردىن ياردەم كۆرمەيدۇ؛ تۇغقانچىلىق ۋە يېقىنچىلىق مۇناسىىۋىتىنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى بولمايدۇ؛ ئاتا - ئانىلار، بالا - چاقىلار، قېرىنداش - ھەمشىرىلەر، ئەر - خوتۇنلار ۋە دوست - بۇرادەرلەر... بىرى - بىرىگە ھېسداشلىق قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇ كۈنى ھەر كىشى ئۆز ئەھۋالى بىلەن بولۇپ كېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  42. إِلَّا مَنْ رَحِمَ اللَّهُ ۚ إِنَّهُ هُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ
    پەقەت ئاللاھ رەھمەت قىلغان كىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    پەقەت ئاللاھ رەھمەت قىلغان كىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ مەرھەمەت قىلغان كىشى مۇستەسنا. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    لېكىن دۇنيادىكى چېغىدا لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى ئىخلاسمەنلىك بىلەن قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەن كىشىلەر نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. ئاللاھ دۈشمەنلىرىنى جازالاشقا قادىردۇر، دوستلىرىغا مەرھەمەت قىلىپ كۆپ ئىنئام ئاتا قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  43. (44-سۈرە دۇخان، 43-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى دوزاخ ئازابى
    إِنَّ شَجَرَتَ الزَّقُّومِ
    زەققۇم دەرىخى ھەقىقەتەن گۇناھكارلارنىڭ تامىقىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ھەقىقەتەن زەققۇم دەرىخى — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، زەققۇم دەرىخى — ئەنەس ئالىم

    (43-46) دوزاخنىڭ تېگىدىن ئۆسۈپ چىقىدىغان ۋە مېۋىلىرى سەتلىكىدىن شەيتانلارنىڭ باشلىرىغا ئوخشايدىغان زەققۇم دەرىخى دوزاختا گۇناھكارلارنىڭ تامىقى بولىدۇ. ئۇ دەرەخنىڭ مېۋىسى مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشايدۇ، يېگەنلەرنىڭ قورساقلىرىدا قايناق سۇنىڭ قاينىغىنىدەك قاينايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  44. (44-سۈرە دۇخان، 44-ئايەت) دوزاخ ئەھلى دوزاخ ئازابى
    طَعَامُ الْأَثِيمِ
    زەققۇم دەرىخى ھەقىقەتەن گۇناھكارلارنىڭ تامىقىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    گۇناھكارلارنىڭ تامىقىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    گۇناھكارلارنىڭ تامىقىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  45. (44-سۈرە دۇخان، 45-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى دوزاخ ئازابى
    كَالْمُهْلِ يَغْلِي فِي الْبُطُونِ
    ئۇ ئېرىتىلگەن مىستەك (قىزىق) دۇر، ئۇ قورساقلاردا قايناقسۇدەك قاينايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئېرىتىلگەن مىستەك قىزىقتۇر، ئۇ قورساقلاردا قاينايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشايدۇ، قورساقلاردا قاينايدۇ، — ئەنەس ئالىم

  46. (44-سۈرە دۇخان، 46-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى دوزاخ ئازابى
    كَغَلْيِ الْحَمِيمِ
    ئۇ ئېرىتىلگەن مىستەك (قىزىق) دۇر، ئۇ قورساقلاردا قايناقسۇدەك قاينايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    قايناقسۇدەكلا! — تەرجىمە ھەيئىتى

    قايناق سۇنىڭ قاينىغىنىدەك. — ئەنەس ئالىم

  47. (44-سۈرە دۇخان، 47-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى دوزاخ ئازابى
    خُذُوهُ فَاعْتِلُوهُ إِلَىٰ سَوَاءِ الْجَحِيمِ
    (دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە) «ئۇنى تۇتۇپ سۆرەپ دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ بېرىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭ بېشىغا قايناقسۇ قۇيۇپ ئازابلاڭلار» دېيىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    -دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە-: «ئۇنى تۇتۇپ سۆرەپ دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ بېرىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى دوزاخقا مەسئۇل پەرىشتىلەرگە مۇنداق دېيىلىدۇ: «بۇ گۇناھكارنى تۇتۇپ دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىغا سۆرەپ ئېلىپ بېرىڭلار. — ئەنەس ئالىم

    (47-50) ئۇ كۈنى ئاللاھ دوزاخقا مەسئۇل پەرىشتىلەرگە مۇنداق دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ: «بۇ گۇناھكارنى تۇتۇپ دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىغا سۆرەپ ئېلىپ بېرىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭ بېشى ئۈستىدىن قايناق سۇ ئازابىدىن تۆكۈڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا دەرد - ئەلىمىنى زىيادە قىلىش ئۈچۈن: ‹بۇ ئازابلارنى تېتىغىن، چۈنكى دۇنيادا سەن ئۆزۈڭچە بەك كۈچلۈك ۋە ناھايىتى ئۇلۇغ كىشى ئىدىڭ. ئى گۇناھكارلار! مانا بۇ سەنلەر دۇنيادا شۈبھىلەنگەن دوزاختۇر› دەڭلار». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  48. (44-سۈرە دۇخان، 48-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى دوزاخ ئازابى
    ثُمَّ صُبُّوا فَوْقَ رَأْسِهِ مِنْ عَذَابِ الْحَمِيمِ
    (دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە) «ئۇنى تۇتۇپ سۆرەپ دوزاخنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ بېرىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭ بېشىغا قايناقسۇ قۇيۇپ ئازابلاڭلار» دېيىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇنىڭ بېشىغا قايناقسۇ قۇيۇپ ئازابلاڭلار» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئۇنىڭ بېشىنىڭ ئۈستىگە قايناق سۇ ئازابىدىن تۆكۈڭلار». — ئەنەس ئالىم

  49. (44-سۈرە دۇخان، 49-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كىبىر
    ذُقْ إِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْكَرِيمُ
    (ئۇنىڭغا خارلاش ۋە مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن) «(بۇ ئازابنى) تېتىغىن، سەن ھەقىقەتەن ئىززەتلىك ئۇلۇغ زات ئىدىڭ — مۇھەممەد سالىھ

    -ئۇنىڭغا- : «بۇ ئازابنى تېتىغىن، سەن ھەقىقەتەن ئىززەتلىك ئۇلۇغ زات ئىدىڭ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «تېتىغىن، سەن ئۆزۈڭچە كۈچلۈك ۋە ئۇلۇغ ئىدىڭ. — ئەنەس ئالىم

  50. (44-سۈرە دۇخان، 50-ئايەت) دوزاخ ئازابى كاپىرلىق
    إِنَّ هَٰذَا مَا كُنْتُمْ بِهِ تَمْتَرُونَ
    بۇ (ئازاب) ھەقىقەتەن (ھايات ۋاقتىڭلاردا) سىلەر شەكلەنگەن نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ ھەقىقەتەن سىلەر شەكلىنىپ كەلگەن نەرسىدۇر» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    مانا بۇ سىلەر شۈبھىلەنگەن نەرسىدۇر». — ئەنەس ئالىم

  51. (44-سۈرە دۇخان، 51-ئايەت) جەننەتنىڭ تەسۋىرى تەقۋادارلىق
    إِنَّ الْمُتَّقِينَ فِي مَقَامٍ أَمِينٍ
    تەقۋادارلار ھەقىقەتەن بىخەتەر جايدا بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    تەقۋادارلار ھەقىقەتەن بىخەتەر جايدا بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار بىخەتەر جايدا بولىدۇ، — ئەنەس ئالىم

    (51-57) ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارنى تەرك ئېتىش ۋە ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلانغان (تەقۋادار)لار غەم - قايغۇدىن ۋە ئازابتىن خالىي جايدا، يەنى جەننەت باغچىلىرى ۋە بۇلاقلىرىنىڭ باشلىرىدا بولىدۇ؛ جەننەت دەرەخلىرىنىڭ سايىلىرى ۋە مېۋىلىرىدىن، جەننەت بۇلاقلىرىنىڭ ئىچىملىكلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇلار قېلىن ۋە نىپىز يىپەكلەردىن تىكىلگەن كىيىملەرنى كىيىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە تەختلەردە بىر - بىرىگە قاراپ ئولتۇرۇشىدۇ. بۇ نېمەتلەر بىلەن بىرلىكتە بىز ئۇلارغا شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەرنى ھەمراھ قىلىپ بېرىمىز. ئۇلار ئۇ باغلاردا كۆڭلى تارتقان ھەر مېۋىدىن تەلەپ قىلىدۇ ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە بولىدۇ؛ نېمەتلەرنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى، بىرەر كۆڭۈلسىزلىككە يولۇقۇش، ئاغرىپ قېلىش، ياشىنىش قاتارلىق ئىشلارغا يولۇقۇشتىن خاتىرجەم بولىدۇ. دۇنيادىكى چاغلىرىدا ئەجەللىرى توشقاندا تېتىغان ئۆلۈمدىن كېيىن ئۇ باغلاردا ئۆلۈمنى تېتىمايدۇ، يەنى ئۇلار جەننەتتە ئۆلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى باشتىلا دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغان ئىدى. قىيامەت كۈنى تەقۋادارلارنىڭ دوزاخ ئازابىدىن ساقلىنىشى ۋە جەننەتكە كىرىشى ئاللاھنىڭ ئۇلارغا قىلغان ئىلتىپاتى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئېرىشىش كاتتا بەختكە ئېرىشكەنلىكتۇر. يىغىپ ئېيتقاندا ئاللاھ تەقۋادار بەندىلىرىنى قىيامەت كۈنى دوزاختىن ساقلاپ جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا ئەبەدىي ھاياتلىق، مەڭگۈلۈك ياشلىق، تۈگىمەس بايلىق، ھەقىقىي خاتىرجەملىك، چەكسىز ئېھتىرام ۋە مىسلىسىز خۇشاللىق قاتارلىق ماددىي - مەنىۋى نېمەتلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  52. فِي جَنَّاتٍ وَعُيُونٍ
    باغلاردا، بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    باغلاردا، بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    باغلاردا ۋە بۇلاقلارنىڭ باشلىرىدا. — ئەنەس ئالىم

  53. يَلْبَسُونَ مِنْ سُنْدُسٍ وَإِسْتَبْرَقٍ مُتَقَابِلِينَ
    ئۇلار قېلىن، يۇپقا يىپەك كىيىملەرنى كىيىپ بىر ـ بىرىگە قاراپ ئولتۇرۇشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار قېلىن، يۇپقا يىپەك كىيىملەرنى كىيىپ بىر ـ بىرىگە قاراپ ئولتۇرۇشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار نىپىز ۋە قېلىن يىپەك كىيىملەرنى كىيىپ، بىر - بىرىگە قاراپ ئولتۇرۇشىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  54. كَذَٰلِكَ وَزَوَّجْنَاهُمْ بِحُورٍ عِينٍ
    (ئۇلارنى تۈرلۈك ھۆرمەتلەر بىلەن) مۇشۇنداق ئىكرام قىلدۇق، شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەرنى ئۇلارغا جۈپ قىلىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى تۈرلۈك ھۆرمەتلەر بىلەن مۇشۇنداق ئىكرام قىلدۇق، شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەرنى ئۇلارغا جۈپ قىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ مۇشۇنداق بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بىز ئۇلارغا شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەرنى ھەمراھ قىلىپ بېرىمىز. — ئەنەس ئالىم

  55. يَدْعُونَ فِيهَا بِكُلِّ فَاكِهَةٍ آمِنِينَ
    ئۇلار جەننەتتە (مەيدە ئېغىرلىشىش ۋە كېسەللىكلەردىن) ئەمىن بولغان ھالدا (خىزمەتچىلەردىن) ھەممە مېۋىلەرنى (كەلتۈرۈشنى) تەلەپ قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار جەننەتتە خاتىرجەمغا بولغان ھالدا ھەممە مېۋىلەردىن تەلەپ قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۇ جايدا خاتىرجەملىك ئىچىدە ھەر مېۋىدىن تەلەپ قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  56. لَا يَذُوقُونَ فِيهَا الْمَوْتَ إِلَّا الْمَوْتَةَ الْأُولَىٰ ۖ وَوَقَاهُمْ عَذَابَ الْجَحِيمِ
    ئۇلار ئىلگىرىكى (يەنى دۇنيادىكى) ئۆلۈمدىن باشقا (جەننەتتە) ھېچقانداق ئۆلۈمنى تېتىمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار جەننەتتە ئىلگىرىكى ئۆلۈمدىن باشقا ھېچقانداق ئۆلۈمنى تېتىمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۇ جايدا ئۆلۈمنى تېتىمايدۇ. دەسلەپكى ئۆلۈم مۇستەسنا. ئاللاھ ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىدى. — ئەنەس ئالىم

  57. فَضْلًا مِنْ رَبِّكَ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
    (بۇ) پەرۋەردىگارىڭنىڭ مەرھەمىتىدىندۇر، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ، رەببىڭنىڭ مەرھەمىتىدىندۇر، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇلار رەببىڭنىڭ ئىلتىپاتىدۇر. بۇ كاتتا مۇۋەپپەقىيەتتۇر. — ئەنەس ئالىم

  58. فَإِنَّمَا يَسَّرْنَاهُ بِلِسَانِكَ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ
    ئۇلارنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن ئاسانلاشتۇرۇپ بەردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن ئاسانلاشتۇرۇپ بەردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن ئاسانلاشتۇردۇق. ئۇلار ئويلانغاي! — ئەنەس ئالىم

    (58-59) ئى مۇھەممەد! بىز قۇرئاننى ئىنسانلارنىڭ چۈشىنىپ ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن، سېنىڭ تىلىڭ بولغان ئەرەبچە بىلەن ئاسانلاشتۇردۇق. شۇنداقتىمۇ بۇ قەۋمىڭ قۇرئاننى چۈشىنىش، ئىشىنىش ۋە بويسۇنۇشتىن باش تارتتى. ئۇنداقتا، سەن ئۇلار يولۇقىدىغان ئاقىۋەتنى كۈتكىن، ئۇلارمۇ سەن يولۇقىدىغان ئاقىۋەتنى كۈتمەكتە. ئۇلار كىمنىڭ نۇسرەت ۋە زەپەرگە ئېرىشىدىغانلىقىنى يېقىندا بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  59. فَارْتَقِبْ إِنَّهُمْ مُرْتَقِبُونَ
    (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا چۈشىدىغان ئازابنى) كۈتكىن، شۈبھىسىزكى، ئۇلار (سېنىڭ ھالاك بولۇشۇڭنى) كۈتكۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- كۈتكىن، شۈبھىسىزكى، ئۇلارمۇ كۈتكۈچىلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ھالدا كۈتۈپ تۇرغىن، ئۇلارمۇ كۈتمەكتە. — ئەنەس ئالىم