ۋاقىئە سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 96 ئايەت
مەنىسى: زور ۋەقە. ئاتىلىش سەۋەبى: قىيامەت ئەھۋاللىرى بايان قىلىنغان
  1. (56-سۈرە ۋاقىئە، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا وَقَعَتِ الْوَاقِعَةُ
    قىيامەت قايىم بولغان چاغدا

    قىيامەت قايىم بولغان چاغدا [1]،

  2. (56-سۈرە ۋاقىئە، 2-ئايەت)
    لَيْسَ لِوَقْعَتِهَا كَاذِبَةٌ
    ھېچ ئادەم ئۇنى ئىنكار قىلالمايدۇ

    ئۇنى ئىنكار قىلىدىغان ھېچ ئادەم بولمايدۇ [2].

  3. (56-سۈرە ۋاقىئە، 3-ئايەت)
    خَافِضَةٌ رَافِعَةٌ
    زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت (بەزىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ، (بەزىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) كۆتۈرىدۇ

    زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت بەزىلەرنىڭ دەرىجىسىنى چۈشۈرىدۇ، بەزىلەرنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرىدۇ [3ـ6].

  4. (56-سۈرە ۋاقىئە، 4-ئايەت)
    إِذَا رُجَّتِ الْأَرْضُ رَجًّا
    زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت (بەزىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ، (بەزىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) كۆتۈرىدۇ

    زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت بەزىلەرنىڭ دەرىجىسىنى چۈشۈرىدۇ، بەزىلەرنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرىدۇ [3ـ6].

  5. (56-سۈرە ۋاقىئە، 5-ئايەت)
    وَبُسَّتِ الْجِبَالُ بَسًّا
    زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت (بەزىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ، (بەزىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) كۆتۈرىدۇ

    زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت بەزىلەرنىڭ دەرىجىسىنى چۈشۈرىدۇ، بەزىلەرنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرىدۇ [3ـ6].

  6. (56-سۈرە ۋاقىئە، 6-ئايەت)
    فَكَانَتْ هَبَاءً مُنْبَثًّا
    زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت (بەزىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) چۈشۈرىدۇ، (بەزىلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈش بىلەن دەرىجىسىنى) كۆتۈرىدۇ

    زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەن، تاغلار پارچىلىنىپ توزاندەك توزۇپ كەتكەن چاغدا، قىيامەت بەزىلەرنىڭ دەرىجىسىنى چۈشۈرىدۇ، بەزىلەرنىڭ دەرىجىسىنى كۆتۈرىدۇ [3ـ6].

  7. (56-سۈرە ۋاقىئە، 7-ئايەت)
    وَكُنْتُمْ أَزْوَاجًا ثَلَاثَةً
    سىلەر (قىيامەتتە) ئۈچ پىرقىغە بۆلۈنىسىلەر

    سىلەر بۇ چاغدا ئۈچ پىرقىغە بۆلۈنىسىلەر [7].

  8. (56-سۈرە ۋاقىئە، 8-ئايەت)
    فَأَصْحَابُ الْمَيْمَنَةِ مَا أَصْحَابُ الْمَيْمَنَةِ
    (بىرىنچى پىرقە) سائادەتمەنلەردۇر، سائادەتمەنلەر قانداق ئادەملەر؟ (ئۇلار نامە ـ ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلىدىغان) ئادەملەردۇر

    (بىرىنچى پىرقە) نامە ـ ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلەگەنلەردۇر، ئۇلار نېمىدېگەن سائادەتمەن كىشىلەر![8].

  9. (56-سۈرە ۋاقىئە، 9-ئايەت)
    وَأَصْحَابُ الْمَشْأَمَةِ مَا أَصْحَابُ الْمَشْأَمَةِ
    (ئىككىنچى پىرقە) بەختسىز ئادەملەردۇر، بەختسىز ئادەملەر قانداق ئادەملەر؟ (ئۇلار نامە ـ ئەمالى سول تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئادەملەردۇر)

    (ئىككىنچى پىرقە) نامە ـ ئەمالى سول قولىغا بېرىلگەنلەردۇر. ئۇلار نېمىدېگەن بەختسىز كىشىلەر! [9].

  10. (56-سۈرە ۋاقىئە، 10-ئايەت)
    وَالسَّابِقُونَ السَّابِقُونَ
    (ئۈچىنچى پىرقە ياخشى ئىشلارنى) ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلار بولۇپ، (ئۇلار جەننەتكە) ئەڭ ئالدىدا كىرگۈچىلەردۇر

    (ئۈچىنچى پىرقە) ياخشى ئىشلارنى ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلار بولۇپ، (جەننەتكە) ئەڭ ئالدىدا كىرگۈچىلەردۇر [10].

  11. (56-سۈرە ۋاقىئە، 11-ئايەت)
    أُولَٰئِكَ الْمُقَرَّبُونَ
    ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلاردۇر

    ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلاردۇر [11ـ12].

  12. (56-سۈرە ۋاقىئە، 12-ئايەت)
    فِي جَنَّاتِ النَّعِيمِ
    ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلاردۇر

    ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلاردۇر [11ـ12].

  13. (56-سۈرە ۋاقىئە، 13-ئايەت)
    ثُلَّةٌ مِنَ الْأَوَّلِينَ
    بۇلار ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئىچىدە كۆپتۇر، كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئازدۇر

    بۇلار ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئىچىدە كۆپتۇر، كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئازدۇر [13ـ14].

  14. (56-سۈرە ۋاقىئە، 14-ئايەت)
    وَقَلِيلٌ مِنَ الْآخِرِينَ
    بۇلار ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئىچىدە كۆپتۇر، كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئازدۇر

    بۇلار ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئىچىدە كۆپتۇر، كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدە ئازدۇر [13ـ14].

  15. (56-سۈرە ۋاقىئە، 15-ئايەت)
    عَلَىٰ سُرُرٍ مَوْضُونَةٍ
    ئۇلار (ئالتۇندىن) توقۇلغان تەختلەر ئۈستىگە يۆلەنگەن ھالدا بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇشىدۇ

    ئۇلار (ئالتۇندىن) توقۇلغان تەختلەرگە يۆلەنگەن ھالدا بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇىشىدۇ [15ـ16].

  16. (56-سۈرە ۋاقىئە، 16-ئايەت)
    مُتَّكِئِينَ عَلَيْهَا مُتَقَابِلِينَ
    ئۇلار (ئالتۇندىن) توقۇلغان تەختلەر ئۈستىگە يۆلەنگەن ھالدا بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇشىدۇ

    ئۇلار (ئالتۇندىن) توقۇلغان تەختلەرگە يۆلەنگەن ھالدا بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇىشىدۇ [15ـ16].

  17. (56-سۈرە ۋاقىئە، 17-ئايەت)
    يَطُوفُ عَلَيْهِمْ وِلْدَانٌ مُخَلَّدُونَ
    (قېرىماي) ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان غىلمانلار ئېقىپ تۇرغان شارابتىن تولدۇرۇلغان پىيالە، چەينەك، جاملارنى ئۇلارغا ئايلىنىپ سۇنۇپ تۇرىدۇ

    ھەمىشە ياش تۇرىدىغان غۇلاملار باش ئاغرىتمايدىغان، مەست قىلمايدىغان ئېقىن مەيدىن تولدۇرۇلغان پىيالە، چەينەك، جاملارنى ئۇلارغا ئايلىنىپ سۇنۇپ تۇرىدۇ [17ـ19].

  18. (56-سۈرە ۋاقىئە، 18-ئايەت)
    بِأَكْوَابٍ وَأَبَارِيقَ وَكَأْسٍ مِنْ مَعِينٍ
    (قېرىماي) ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان غىلمانلار ئېقىپ تۇرغان شارابتىن تولدۇرۇلغان پىيالە، چەينەك، جاملارنى ئۇلارغا ئايلىنىپ سۇنۇپ تۇرىدۇ

    ھەمىشە ياش تۇرىدىغان غۇلاملار باش ئاغرىتمايدىغان، مەست قىلمايدىغان ئېقىن مەيدىن تولدۇرۇلغان پىيالە، چەينەك، جاملارنى ئۇلارغا ئايلىنىپ سۇنۇپ تۇرىدۇ [17ـ19].

  19. (56-سۈرە ۋاقىئە، 19-ئايەت)
    لَا يُصَدَّعُونَ عَنْهَا وَلَا يُنْزِفُونَ
    ئۇ شارابنى ئىچىش بىلەن ئۇلارنىڭ بېشى ئاغرىمايدۇ، مەست بولمايدۇ

    ھەمىشە ياش تۇرىدىغان غۇلاملار باش ئاغرىتمايدىغان، مەست قىلمايدىغان ئېقىن مەيدىن تولدۇرۇلغان پىيالە، چەينەك، جاملارنى ئۇلارغا ئايلىنىپ سۇنۇپ تۇرىدۇ [17ـ19].

  20. (56-سۈرە ۋاقىئە، 20-ئايەت)
    وَفَاكِهَةٍ مِمَّا يَتَخَيَّرُونَ
    ئۇلارغا ئىختىيار قىلغان مېۋىلەر ۋە كۆڭۈللىرى تارتقان قۇش گۆشلىرى بېرىلىدۇ

    ئۇلارغا خالىغان مېۋىلەر ۋە كۆڭۈللىرى تارتقان قۇش گۆشلىرى بار [20ـ21].

  21. (56-سۈرە ۋاقىئە، 21-ئايەت)
    وَلَحْمِ طَيْرٍ مِمَّا يَشْتَهُونَ
    ئۇلارغا ئىختىيار قىلغان مېۋىلەر ۋە كۆڭۈللىرى تارتقان قۇش گۆشلىرى بېرىلىدۇ

    ئۇلارغا خالىغان مېۋىلەر ۋە كۆڭۈللىرى تارتقان قۇش گۆشلىرى بار [20ـ21].

  22. (56-سۈرە ۋاقىئە، 22-ئايەت)
    وَحُورٌ عِينٌ
    ئۇلارغا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى گۆھەرگە ئوخشايدىغان شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر بېرىلىدۇ

    ئۇلارغا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى مەرۋايىتتەك شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر بار [22-23].

  23. (56-سۈرە ۋاقىئە، 23-ئايەت)
    كَأَمْثَالِ اللُّؤْلُؤِ الْمَكْنُونِ
    ئۇلارغا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى گۆھەرگە ئوخشايدىغان شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر بېرىلىدۇ

    ئۇلارغا سەدەپنىڭ ئىچىدىكى مەرۋايىتتەك شەھلا كۆزلۈك ھۆرلەر بار [22-23].

  24. (56-سۈرە ۋاقىئە، 24-ئايەت)
    جَزَاءً بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
    بۇ ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر

    بۇ ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈندۇر [24].

  25. (56-سۈرە ۋاقىئە، 25-ئايەت)
    لَا يَسْمَعُونَ فِيهَا لَغْوًا وَلَا تَأْثِيمًا
    ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە ۋە يالغان سۆزلەرنى ئاڭلىمايدۇ

    ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە ۋە يالغان سۆزلەرنى ئاڭلىمايدۇ، پەقەت «سالام! سالام!» (ئامان بولۇڭلار) دېگەن سۆزىنىلا ئاڭلايدۇ [25ـ26].

  26. (56-سۈرە ۋاقىئە، 26-ئايەت)
    إِلَّا قِيلًا سَلَامًا سَلَامًا
    پەقەت «سالام! سالام!» سۆزىنىلا ئاڭلايدۇ

    ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە ۋە يالغان سۆزلەرنى ئاڭلىمايدۇ، پەقەت «سالام! سالام!» (ئامان بولۇڭلار) دېگەن سۆزىنىلا ئاڭلايدۇ [25ـ26].

  27. (56-سۈرە ۋاقىئە، 27-ئايەت)
    وَأَصْحَابُ الْيَمِينِ مَا أَصْحَابُ الْيَمِينِ
    سائادەتمەنلەرنىڭ (يەنى نامە ـ ئەمالى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلگەنلەرنىڭ) ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. سائادەتمەنلەر قانداق ئادەملەر؟

    نامە-ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەر نېمە دېگەن سائادەتمەن كىشىلەر! [27]

  28. (56-سۈرە ۋاقىئە، 28-ئايەت)
    فِي سِدْرٍ مَخْضُودٍ
    ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ

    ئۇلار تىكەنسىز سىدرى دەرەخىدىن، مىۋىسى سانجاق-سانجاق بولۇپ كەتكەن بانان دەرەخىدىن، دائىملىق سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مول مېۋىلەردىن، قېلىن (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ [28ـ34].

  29. (56-سۈرە ۋاقىئە، 29-ئايەت)
    وَطَلْحٍ مَنْضُودٍ
    ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ

    ئۇلار تىكەنسىز سىدرى دەرەخىدىن، مىۋىسى سانجاق-سانجاق بولۇپ كەتكەن بانان دەرەخىدىن، دائىملىق سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مول مېۋىلەردىن، قېلىن (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ [28ـ34].

  30. (56-سۈرە ۋاقىئە، 30-ئايەت)
    وَظِلٍّ مَمْدُودٍ
    ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ

    ئۇلار تىكەنسىز سىدرى دەرەخىدىن، مىۋىسى سانجاق-سانجاق بولۇپ كەتكەن بانان دەرەخىدىن، دائىملىق سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مول مېۋىلەردىن، قېلىن (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ [28ـ34].

  31. (56-سۈرە ۋاقىئە، 31-ئايەت)
    وَمَاءٍ مَسْكُوبٍ
    ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ

    ئۇلار تىكەنسىز سىدرى دەرەخىدىن، مىۋىسى سانجاق-سانجاق بولۇپ كەتكەن بانان دەرەخىدىن، دائىملىق سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مول مېۋىلەردىن، قېلىن (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ [28ـ34].

  32. (56-سۈرە ۋاقىئە، 32-ئايەت)
    وَفَاكِهَةٍ كَثِيرَةٍ
    ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ

    ئۇلار تىكەنسىز سىدرى دەرەخىدىن، مىۋىسى سانجاق-سانجاق بولۇپ كەتكەن بانان دەرەخىدىن، دائىملىق سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مول مېۋىلەردىن، قېلىن (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ [28ـ34].

  33. (56-سۈرە ۋاقىئە، 33-ئايەت)
    لَا مَقْطُوعَةٍ وَلَا مَمْنُوعَةٍ
    ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ

    ئۇلار تىكەنسىز سىدرى دەرەخىدىن، مىۋىسى سانجاق-سانجاق بولۇپ كەتكەن بانان دەرەخىدىن، دائىملىق سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مول مېۋىلەردىن، قېلىن (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ [28ـ34].

  34. (56-سۈرە ۋاقىئە، 34-ئايەت)
    وَفُرُشٍ مَرْفُوعَةٍ
    ئۇلار سىدرى دەرەخلىرىدىن، سانجاق ـ سانجاق بولۇپ كەتكەن مەۋز دەرەخلىرىدىن، ھەمىشە تۇرىدىغان سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مېۋىلەردىن، ئېگىز (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ

    ئۇلار تىكەنسىز سىدرى دەرەخىدىن، مىۋىسى سانجاق-سانجاق بولۇپ كەتكەن بانان دەرەخىدىن، دائىملىق سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مول مېۋىلەردىن، قېلىن (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ [28ـ34].

  35. (56-سۈرە ۋاقىئە، 35-ئايەت)
    إِنَّا أَنْشَأْنَاهُنَّ إِنْشَاءً
    شۈبھىسىزكى، بىز ھۆرلەرنى يېڭىدىن ياراتتۇق، ئۇلارنى پاكىز، ئەرلىرىگە ئامراق، تەڭتۇش قىلدۇق

    شۈبھىسىزكى، بىز ھۆرلەرنى يېڭىدىن ياراتتۇق، ئۇلارنى قىزلىق ھالىتىدە تۇرىدىغان، ئەرلىرىگە ئامراق، بىر-بىرى بىلەن تەڭتۇش قىلدۇق [35ـ37].

  36. (56-سۈرە ۋاقىئە، 36-ئايەت)
    فَجَعَلْنَاهُنَّ أَبْكَارًا
    شۈبھىسىزكى، بىز ھۆرلەرنى يېڭىدىن ياراتتۇق، ئۇلارنى پاكىز، ئەرلىرىگە ئامراق، تەڭتۇش قىلدۇق

    ئۇلار تىكەنسىز سىدرى دەرەخىدىن، مىۋىسى سانجاق-سانجاق بولۇپ كەتكەن بانان دەرەخىدىن، دائىملىق سايىدىن، ئېقىپ تۇرغان سۇدىن، تۈگىمەيدىغان ۋە چەكلەنمەيدىغان مول مېۋىلەردىن، قېلىن (يۇمشاق) تۆشەكلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ [28ـ34].

  37. (56-سۈرە ۋاقىئە، 37-ئايەت)
    عُرُبًا أَتْرَابًا
    شۈبھىسىزكى، بىز ھۆرلەرنى يېڭىدىن ياراتتۇق، ئۇلارنى پاكىز، ئەرلىرىگە ئامراق، تەڭتۇش قىلدۇق

    شۈبھىسىزكى، بىز ھۆرلەرنى يېڭىدىن ياراتتۇق، ئۇلارنى قىزلىق ھالىتىدە تۇرىدىغان، ئەرلىرىگە ئامراق، بىر-بىرى بىلەن تەڭتۇش قىلدۇق [35ـ37].

  38. (56-سۈرە ۋاقىئە، 38-ئايەت)
    لِأَصْحَابِ الْيَمِينِ
    بۇ ھۆرلەر سائادەتمەنلەر ئۈچۈندۇر

    بۇلار نامە-ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەر ئۈچۈندۇر [38].

  39. (56-سۈرە ۋاقىئە، 39-ئايەت)
    ثُلَّةٌ مِنَ الْأَوَّلِينَ
    بۇلار بولسا ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىچىدىن بىر جامائەدۇر

    بۇلار بولسا ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىچىدىمۇ كۆپتۇر [39].

  40. (56-سۈرە ۋاقىئە، 40-ئايەت)
    وَثُلَّةٌ مِنَ الْآخِرِينَ
    كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدىن بىر جامائەدۇر

    كېيىنكىلەرنىڭ ئىچىدىمۇ كۆپتۇر[40].

  41. (56-سۈرە ۋاقىئە، 41-ئايەت)
    وَأَصْحَابُ الشِّمَالِ مَا أَصْحَابُ الشِّمَالِ
    بەختسىزلەر (يەنى نامە ـ ئەمالى سول تەرىپىدىن بېرىلگەنلەر) (دوزىخىلاردۇر). بەختسىزلەر قانداق ئادەملەر؟

    نامە-ئەمالى سول قولىغا بېرىلگەنلەر نېمىدېگەن بەختسىز كىشىلەر! [41]

  42. (56-سۈرە ۋاقىئە، 42-ئايەت)
    فِي سَمُومٍ وَحَمِيمٍ
    ئۇلار (بەدەننىڭ تۆشۈكلىرىگە كىرىپ كېتىدىغان) ئاتەشلىك شامالنىڭ، زىيادە ھارارەتلىك قايناقسۇنىڭ ۋە قارا تۈتۈندىن بولغان سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ

    ئۇلار بەدەننىڭ تۆشۈكلىرىگە كىرىپ كېتىدىغان ئوت شامالنىڭ، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇنىڭ ۋە قارا تۈتۈندىن ھاسىل بولغان سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ [42ـ44].

  43. (56-سۈرە ۋاقىئە، 43-ئايەت)
    وَظِلٍّ مِنْ يَحْمُومٍ
    ئۇلار (بەدەننىڭ تۆشۈكلىرىگە كىرىپ كېتىدىغان) ئاتەشلىك شامالنىڭ، زىيادە ھارارەتلىك قايناقسۇنىڭ ۋە قارا تۈتۈندىن بولغان سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ

    ئۇلار بەدەننىڭ تۆشۈكلىرىگە كىرىپ كېتىدىغان ئوت شامالنىڭ، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇنىڭ ۋە قارا تۈتۈندىن ھاسىل بولغان سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ [42ـ44].

  44. (56-سۈرە ۋاقىئە، 44-ئايەت)
    لَا بَارِدٍ وَلَا كَرِيمٍ
    ئۇلار (بەدەننىڭ تۆشۈكلىرىگە كىرىپ كېتىدىغان) ئاتەشلىك شامالنىڭ، زىيادە ھارارەتلىك قايناقسۇنىڭ ۋە قارا تۈتۈندىن بولغان سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ

    ئۇلار بەدەننىڭ تۆشۈكلىرىگە كىرىپ كېتىدىغان ئوت شامالنىڭ، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇنىڭ ۋە قارا تۈتۈندىن ھاسىل بولغان سالقىنمۇ ئەمەس، كۆركەممۇ ئەمەس سايىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ [42ـ44].

  45. (56-سۈرە ۋاقىئە، 45-ئايەت)
    إِنَّهُمْ كَانُوا قَبْلَ ذَٰلِكَ مُتْرَفِينَ
    چۈنكى ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى (يەنى دۇنيادا) شەھۋەتكە چۆمگەن ئىدى

    چۈنكى ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى (يەنى دۇنيادا) راھەت-پاراغەتكە چۆمگەن ئىدى [45].

  46. (56-سۈرە ۋاقىئە، 46-ئايەت)
    وَكَانُوا يُصِرُّونَ عَلَى الْحِنْثِ الْعَظِيمِ
    ئۇلار چوڭ گۇناھتا (يەنى كۇفرىدا) چىڭ تۇرغان ئىدى

    ئۇلار چوڭ گۇناھنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى [46].

  47. (56-سۈرە ۋاقىئە، 47-ئايەت)
    وَكَانُوا يَقُولُونَ أَئِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَابًا وَعِظَامًا أَإِنَّا لَمَبْعُوثُونَ
    ئۇلار: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدا چوقۇم تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟» دەيتتى

    ئۇلار: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدىمۇ چوقۇم تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟» دەيتتى [47ـ48].

  48. (56-سۈرە ۋاقىئە، 48-ئايەت)
    أَوَآبَاؤُنَا الْأَوَّلُونَ
    ئۇلار: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدا چوقۇم تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟» دەيتتى

    ئۇلار: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق سۆڭەككە ئايلانغان چاغدىمۇ چوقۇم تىرىلدۈرۈلەمدۇق؟ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزمۇ تىرىلدۈرۈلەمدۇ؟» دەيتتى [47ـ48].

  49. (56-سۈرە ۋاقىئە، 49-ئايەت)
    قُلْ إِنَّ الْأَوَّلِينَ وَالْآخِرِينَ
    ئېيتقىنكى، «ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەر مەلۇم كۈننىڭ مۇئەييەن ۋاقتىدا (يەنى قىيامەتتە) توپلىنىدۇ

    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەر قىيامەت كۈنىدىكى مەلۇم ۋاقتىدا توپلىنىدۇ [49ـ50].

  50. (56-سۈرە ۋاقىئە، 50-ئايەت)
    لَمَجْمُوعُونَ إِلَىٰ مِيقَاتِ يَوْمٍ مَعْلُومٍ
    ئېيتقىنكى، «ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەر مەلۇم كۈننىڭ مۇئەييەن ۋاقتىدا (يەنى قىيامەتتە) توپلىنىدۇ

    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئىلگىرىكىلەر ۋە كېيىنكىلەر قىيامەت كۈنىدىكى مەلۇم ۋاقتىدا توپلىنىدۇ [49ـ50].

  51. (56-سۈرە ۋاقىئە، 51-ئايەت)
    ثُمَّ إِنَّكُمْ أَيُّهَا الضَّالُّونَ الْمُكَذِّبُونَ
    ئاندىن سىلەر، ئى قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلار!

    ئاندىن سىلەر- ئى قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلار! [51]

  52. (56-سۈرە ۋاقىئە، 52-ئايەت)
    لَآكِلُونَ مِنْ شَجَرٍ مِنْ زَقُّومٍ
    چوقۇم زەققۇم دەرىخىدىن يەيسىلەر

    چوقۇم زەققۇم دەرىخىدىن يەيسىلەر [52].

  53. (56-سۈرە ۋاقىئە، 53-ئايەت)
    فَمَالِئُونَ مِنْهَا الْبُطُونَ
    ئۇنىڭدىن قورساقلىرىڭلارنى تولدۇرىسىلەر

    ئۇنىڭدىن قورساقلىرىڭلارنى تولدۇرىسىلەر [53].

  54. (56-سۈرە ۋاقىئە، 54-ئايەت)
    فَشَارِبُونَ عَلَيْهِ مِنَ الْحَمِيمِ
    ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى بولغان قايناقسۇنى تەشنا بولغان تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر»

    ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى قايناقسۇنى سۇسىراپ كەتكەن تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر» [54ـ55].

  55. (56-سۈرە ۋاقىئە، 55-ئايەت)
    فَشَارِبُونَ شُرْبَ الْهِيمِ
    ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى بولغان قايناقسۇنى تەشنا بولغان تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر»

    ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارارىتى يۇقىرى قايناقسۇنى سۇسىراپ كەتكەن تۆگىلەردەك ئىچىسىلەر» [54ـ55].

  56. (56-سۈرە ۋاقىئە، 56-ئايەت)
    هَٰذَا نُزُلُهُمْ يَوْمَ الدِّينِ
    مانا بۇ، ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى زىياپىتىدۇر

    مانا بۇ، ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى زىياپىتىدۇر [56].

  57. (56-سۈرە ۋاقىئە، 57-ئايەت)
    نَحْنُ خَلَقْنَاكُمْ فَلَوْلَا تُصَدِّقُونَ
    (ئىنسانلار!) سىلەرنى بىز ياراتتۇق، سىلەر قايتا تىرىلىشكە ئىشەنمەمسىلەر؟

    (ئى ئىنسانلار!) سىلەرنى بىز ياراتقان تۇرساق، سىلەر (تىرىلىشكە) نىمىشقا ئىشەنمەيسىلەر؟ [57]

  58. (56-سۈرە ۋاقىئە، 58-ئايەت)
    أَفَرَأَيْتُمْ مَا تُمْنُونَ
    سىلەر (ئاياللارنىڭ بەچچىدانىغا) تۆكۈلگەن مەنىنى دەپ بېقىڭلارچۇ!

    سىلەر ئۆزۈڭلار (خوتۇنۇڭلارنىڭ بالىياتقۇسىغا) تۆكۈۋاتقان مەنىينى كۆردۈڭلارمۇ؟[58].

  59. (56-سۈرە ۋاقىئە، 59-ئايەت)
    أَأَنْتُمْ تَخْلُقُونَهُ أَمْ نَحْنُ الْخَالِقُونَ
    ئۇنى سىلەر (ئىنسان قىلىپ) يارىتامسىلەر؟ ياكى بىز (ئىنسان قىلىپ) يارىتامدۇق؟

    ئۇنى سىلەر (ئىنسان قىلىپ) يارىتامسىلەر؟ ياكى بىز يارىتامدۇق؟ [59].

  60. (56-سۈرە ۋاقىئە، 60-ئايەت)
    نَحْنُ قَدَّرْنَا بَيْنَكُمُ الْمَوْتَ وَمَا نَحْنُ بِمَسْبُوقِينَ
    بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بەلگىلىدۇق (يەنى ھەر بىرىڭلارنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بېكىتتۇق)، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان بىر شەكىلدە يارىتىشتىن ئاجىز ئەمەسمىز

    بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى تەقدىر قىلدۇق. سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان بىر شەكىلدە يارىتىشتىن ئاجىز ئەمەسمىز [60ـ61].

  61. (56-سۈرە ۋاقىئە، 61-ئايەت)
    عَلَىٰ أَنْ نُبَدِّلَ أَمْثَالَكُمْ وَنُنْشِئَكُمْ فِي مَا لَا تَعْلَمُونَ
    بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بەلگىلىدۇق (يەنى ھەر بىرىڭلارنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بېكىتتۇق)، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان بىر شەكىلدە يارىتىشتىن ئاجىز ئەمەسمىز

    بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى تەقدىر قىلدۇق. سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان بىر شەكىلدە يارىتىشتىن ئاجىز ئەمەسمىز [60ـ61].

  62. (56-سۈرە ۋاقىئە، 62-ئايەت)
    وَلَقَدْ عَلِمْتُمُ النَّشْأَةَ الْأُولَىٰ فَلَوْلَا تَذَكَّرُونَ
    شۈبھىسىزكى، سىلەر دەسلەپكى يارىتىشنى بىلدىڭلار (يەنى دەسلەپتە ئاللاھنىڭ سىلەرنى يوقتىن بار قىلغانلىقىنى تونۇدۇڭلار). سىلەر (ئاللاھنىڭ سىلەرنى دەسلەپ ياراتقاندەك قايتا يارىتىشىنى) ئويلىمامسىلەر؟

    سىلەر دەسلەپكى يارىتىشنى ھەقىقەتەن بىلدىڭلار. سىلەر نېمىشقا بۇنى ئويلىنىپ كۆرمەيسىلەر؟ [62]

  63. (56-سۈرە ۋاقىئە، 63-ئايەت)
    أَفَرَأَيْتُمْ مَا تَحْرُثُونَ
    سىلەر تېرىغان زىرائەتنى دەپ بېقىڭلارچۇ!

    سىلەر ئۆزۈڭلار تېرىغان زىرائەتكە قاراپ باقتىڭلارمۇ؟ [63].

  64. (56-سۈرە ۋاقىئە، 64-ئايەت)
    أَأَنْتُمْ تَزْرَعُونَهُ أَمْ نَحْنُ الزَّارِعُونَ
    ئۇنى سىلەر ئۈندۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز ئۈندۈرۈپ (دان چىقىدىغان زىرائەت قىلىپ ئۆستۈردۇقمۇ؟)

    ئۇنى سىلەر ئۈندۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز ئۈندۈردۈقمۇ؟ [64].

  65. (56-سۈرە ۋاقىئە، 65-ئايەت)
    لَوْ نَشَاءُ لَجَعَلْنَاهُ حُطَامًا فَظَلْتُمْ تَفَكَّهُونَ
    ئەگەر بىز خالىساق ئەلۋەتتە ئۇنى دانسىز قۇرۇق چۆپكە ئايلاندۇراتتۇق ـ دە، سىلەر ئەجەبلىنىپ قايغۇراتتىڭلار

    ئەگەر بىز خالىساق، ئۇنى ئەلۋەتتە دانسىز قۇرۇق چۆپكە ئايلاندۇرۋېتەتتۇق ـ دە، سىلەر گاڭگىراپ قالاتتىڭلار[65].

  66. (56-سۈرە ۋاقىئە، 66-ئايەت)
    إِنَّا لَمُغْرَمُونَ
    سىلەر: «بىز ھەقىقەتەن (ئەمگەك بىلەن ئۇرۇقنى) زىيان تارتتۇق، بەلكى بىز (رىزىقتىن) مەھرۇم قالدۇق» (دەيتتىڭلار)

    سىلەر:«بىز ھەقىقەتەن زىيان تارتىپتۇق،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىدىن قۇرۇق قاپتۇق) دەيتتىڭلار [66ـ67].

  67. (56-سۈرە ۋاقىئە، 67-ئايەت)
    بَلْ نَحْنُ مَحْرُومُونَ
    سىلەر: «بىز ھەقىقەتەن (ئەمگەك بىلەن ئۇرۇقنى) زىيان تارتتۇق، بەلكى بىز (رىزىقتىن) مەھرۇم قالدۇق» (دەيتتىڭلار)

    سىلەر:«بىز ھەقىقەتەن زىيان تارتىپتۇق،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىدىن قۇرۇق قاپتۇق) دەيتتىڭلار [66ـ67].

  68. (56-سۈرە ۋاقىئە، 68-ئايەت)
    أَفَرَأَيْتُمُ الْمَاءَ الَّذِي تَشْرَبُونَ
    سىلەر ئىچىۋاتقان سۇنى دەپ بېقىڭلارچۇ!

    سىلەر ئىچىۋاتقان سۇغا قاراپ باقتىڭلارمۇ؟ [68].

  69. (56-سۈرە ۋاقىئە، 69-ئايەت)
    أَأَنْتُمْ أَنْزَلْتُمُوهُ مِنَ الْمُزْنِ أَمْ نَحْنُ الْمُنْزِلُونَ
    ئۇنى بۇلۇتتىن سىلەر چۈشۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز چۈشۈردۇقمۇ؟

    ئۇنى بۇلۇتتىن سىلەر چۈشۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز چۈشۈردۇقمۇ؟ [69].

  70. (56-سۈرە ۋاقىئە، 70-ئايەت)
    لَوْ نَشَاءُ جَعَلْنَاهُ أُجَاجًا فَلَوْلَا تَشْكُرُونَ
    ئەگەر بىز خالىساق ئۇنى تۇزلۇق قىلىپ قوياتتۇق (پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ زور نېمەتلىرىگە) نېمىشقا شۈكۈر قىلمايسىلەر؟

    ئەگەر بىز خالىساق ئۇنى تۇزلۇق قىلىپ قوياتتۇق، سىلەر بۇ نېمەتلەرگە نېمىشقا شۈكۈر قىلمايسىلەر؟ [70].

  71. (56-سۈرە ۋاقىئە، 71-ئايەت)
    أَفَرَأَيْتُمُ النَّارَ الَّتِي تُورُونَ
    سىلەر ياندۇرۇۋاتقان ئوتنى دەپ بېقىڭلارچۇ!

    سىلەر ياندۇرۇۋاتقان ئوتقا قاراپ باقتىڭلارمۇ؟ [71].

  72. (56-سۈرە ۋاقىئە، 72-ئايەت)
    أَأَنْتُمْ أَنْشَأْتُمْ شَجَرَتَهَا أَمْ نَحْنُ الْمُنْشِئُونَ
    ئۇنىڭ دەرىخىنى سىلەر ئۆستۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز ئۆستۈردۇقمۇ؟

    ئۇنىڭغا يېقىلغان ئوتۇننىڭ دەرىخىنى سىلەر ئۆستۈردۈڭلارمۇ ياكى بىز ئۆستۈردۇقمۇ؟ [72]

  73. (56-سۈرە ۋاقىئە، 73-ئايەت)
    نَحْنُ جَعَلْنَاهَا تَذْكِرَةً وَمَتَاعًا لِلْمُقْوِينَ
    ئۇنى بىز ئىبرەت ۋە يولۇچىلار پايدىلىنىدىغان نەرسە قىلدۇق

    بىز ئۇنى كىشىلەرنى ئويلاندۇرىدىغان ۋە يولۇچىلار پايدىلىنىدىغان نەرسە قىلدۇق [73].

  74. (56-سۈرە ۋاقىئە، 74-ئايەت)
    فَسَبِّحْ بِاسْمِ رَبِّكَ الْعَظِيمِ
    ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى (مۇشرىكلارنىڭ ئىپتىرالىرىدىن) پاك ئېتىقاد قىلغىن

    شۇنىڭ ئۈچۈن (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن [74].

  75. (56-سۈرە ۋاقىئە، 75-ئايەت)
    فَلَا أُقْسِمُ بِمَوَاقِعِ النُّجُومِ
    يۇلتۇزلارنىڭ جايلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەن

    يۇلتۇزلارنىڭ جايلاشقان ئورۇنلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،ئەگەر بىلسەڭلار، ئۇ ئەلۋەتتە بۈيۈك قەسەمدۇر [75-76].

  76. (56-سۈرە ۋاقىئە، 76-ئايەت)
    وَإِنَّهُ لَقَسَمٌ لَوْ تَعْلَمُونَ عَظِيمٌ
    شۈبھىسىزكى، ئەگەر بىلسەڭلار، ئۇ (يۇلتۇزلار ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئۈچۈن) ئەلۋەتتە كاتتا قەسەمدۇر

    يۇلتۇزلارنىڭ جايلاشقان ئورۇنلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،ئەگەر بىلسەڭلار، ئۇ ئەلۋەتتە بۈيۈك قەسەمدۇر [75-76].

  77. (56-سۈرە ۋاقىئە، 77-ئايەت)
    إِنَّهُ لَقُرْآنٌ كَرِيمٌ
    شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاندۇر

    بۇ ھەقىقەتەن لەھۇلمەھفۇزغا پۈتۈلگەن ئۇلۇغ قۇرئاندۇر [77-78].

  78. (56-سۈرە ۋاقىئە، 78-ئايەت)
    فِي كِتَابٍ مَكْنُونٍ
    كىتابتا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) ساقلانغاندۇر

    بۇ ھەقىقەتەن لەھۇلمەھفۇزغا پۈتۈلگەن ئۇلۇغ قۇرئاندۇر [77-78].

  79. (56-سۈرە ۋاقىئە، 79-ئايەت)
    لَا يَمَسُّهُ إِلَّا الْمُطَهَّرُونَ
    ئۇنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ

    ئۇنى پەقەت تاھارەتلىك كىشىلەرلا تۇتۇشقا بولىدۇ [79].

  80. (56-سۈرە ۋاقىئە، 80-ئايەت)
    تَنْزِيلٌ مِنْ رَبِّ الْعَالَمِينَ
    ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر

    ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر [80].

  81. (56-سۈرە ۋاقىئە، 81-ئايەت)
    أَفَبِهَٰذَا الْحَدِيثِ أَنْتُمْ مُدْهِنُونَ
    (ئى كۇففارلار جامائەسى!) بۇ قۇرئاننى ئىنكار قىلامسىلەر؟

    (ئى كافىرلار) سىلەر بۇ قۇرئاننى كۆزگە ئىلمايۋاتامسىلەر؟ [81]

  82. (56-سۈرە ۋاقىئە، 82-ئايەت)
    وَتَجْعَلُونَ رِزْقَكُمْ أَنَّكُمْ تُكَذِّبُونَ
    (سىلەر ئاللاھنىڭ رىزىق بەرگەنلىكىگە) شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا (رىزىق بەرگۈچىنى) ئىنكار قىلامسىلەر؟

    سلەر ئۆزۈڭلارغا بېرىلگەن رىزىققا شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا (رىزىق بەرگۈچىنى) ئىنكار قىلىۋاتامسىلەر؟ [82]

  83. (56-سۈرە ۋاقىئە، 83-ئايەت)
    فَلَوْلَا إِذَا بَلَغَتِ الْحُلْقُومَ
    جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەر

    جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا سىلەر (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرۇپ، نېمىشقا ئۇنىڭ جېنىنى ساقلاپ قالالمايسىلەر؟ [83ـ84].

  84. (56-سۈرە ۋاقىئە، 84-ئايەت)
    وَأَنْتُمْ حِينَئِذٍ تَنْظُرُونَ
    جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەر

    جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا سىلەر (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرۇپ، نېمىشقا ئۇنىڭ جېنىنى ساقلاپ قالالمايسىلەر؟ [83ـ84].

  85. (56-سۈرە ۋاقىئە، 85-ئايەت)
    وَنَحْنُ أَقْرَبُ إِلَيْهِ مِنْكُمْ وَلَٰكِنْ لَا تُبْصِرُونَ
    بىز (ئىلمىمىز ۋە قۇدرىتىمىز بىلەن) ئۇنىڭغا سىلەردىن يېقىنمىز، لېكىن سىلەر (ئۇنى) كۆرمەيسىلەر (يەنى بىلمەيسىلەر)

    بىز ئۇنىڭغا سىلەردىنمۇ يېقىنمىز، لېكىن سىلەر كۆرمەيسىلەر [85].

  86. (56-سۈرە ۋاقىئە، 86-ئايەت)
    فَلَوْلَا إِنْ كُنْتُمْ غَيْرَ مَدِينِينَ
    ئەگەر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەلىڭلارغا قاراپ) جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار نېمىشقا ئۇنى (يەنى ئۇ مېيىتنىڭ جېنىنى بەدىنىگە) قايتۇرمايسىلەر؟ ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار

    ئەگەر سىلەر جازاغا تارتىلمايمىز دەيدىغان بولساڭلار ۋە سىلەرنىڭ بۇ سۆزۈڭلار راست بولىدىغان بولسا، سىلەر نېمىشقا ئۇ مېيتنىڭ جېنىنى تېنىگە قايتۇرۇۋالالمايسىلەر؟ [86ـ87].

  87. (56-سۈرە ۋاقىئە، 87-ئايەت)
    تَرْجِعُونَهَا إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
    ئەگەر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەلىڭلارغا قاراپ) جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار نېمىشقا ئۇنى (يەنى ئۇ مېيىتنىڭ جېنىنى بەدىنىگە) قايتۇرمايسىلەر؟ ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار

    ئەگەر سىلەر جازاغا تارتىلمايمىز دەيدىغان بولساڭلار ۋە سىلەرنىڭ بۇ سۆزۈڭلار راست بولىدىغان بولسا، سىلەر نېمىشقا ئۇ مېيتنىڭ جېنىنى تېنىگە قايتۇرۇۋالالمايسىلەر؟ [86ـ87].

  88. (56-سۈرە ۋاقىئە، 88-ئايەت)
    فَأَمَّا إِنْ كَانَ مِنَ الْمُقَرَّبِينَ
    ئەگەر ئۇ مېيىت مۇقەررەبلەردىن (يەنى تائەت ـ ئىبادەت ۋە ياخشى ئىشلارنى ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلاردىن) بولىدىغان بولسا، (ئۇنىڭ مۇكاپاتى) راھەت ـ پاراغەت، ياخشى رىزىق ۋە نازۇنېمەتلىك جەننەت بولىدۇ

    ئەگەر ئۇ مېيىت ئاللاھقا يېقىنلاردىن بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭ مۇكاپاتى راھەت ـ پاراغەت، ياخشى رىزىق ۋە نازۇنېمەتلىك جەننەت بولىدۇ [88ـ89].

  89. (56-سۈرە ۋاقىئە، 89-ئايەت)
    فَرَوْحٌ وَرَيْحَانٌ وَجَنَّتُ نَعِيمٍ
    ئەگەر ئۇ مېيىت مۇقەررەبلەردىن (يەنى تائەت ـ ئىبادەت ۋە ياخشى ئىشلارنى ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلاردىن) بولىدىغان بولسا، (ئۇنىڭ مۇكاپاتى) راھەت ـ پاراغەت، ياخشى رىزىق ۋە نازۇنېمەتلىك جەننەت بولىدۇ

    ئەگەر ئۇ مېيىت ئاللاھقا يېقىنلاردىن بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭ مۇكاپاتى راھەت ـ پاراغەت، ياخشى رىزىق ۋە نازۇنېمەتلىك جەننەت بولىدۇ [88ـ89].

  90. (56-سۈرە ۋاقىئە، 90-ئايەت)
    وَأَمَّا إِنْ كَانَ مِنْ أَصْحَابِ الْيَمِينِ
    ئەگەر ئۇ سائادەتمەنلەردىن بولىدىغان بولسا«ساڭا سالام، سەن سائادەتمەنلەردىن ئىكەنسەن» دېيىلىدۇ.

    ئەگەر ئۇ نامە-ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلىدىغانلاردىن بولىدىغان بولسا،(ئۇنىڭغا) «ساڭا سالام! سەن نامە-ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلىدىغانلاردىن ئىكەنسەن» دېيىلىدۇ [90ـ91]

  91. (56-سۈرە ۋاقىئە، 91-ئايەت)
    فَسَلَامٌ لَكَ مِنْ أَصْحَابِ الْيَمِينِ
    ئەگەر ئۇ سائادەتمەنلەردىن بولىدىغان بولسا«ساڭا سالام، سەن سائادەتمەنلەردىن ئىكەنسەن» دېيىلىدۇ.

    ئەگەر ئۇ نامە-ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلىدىغانلاردىن بولىدىغان بولسا،(ئۇنىڭغا) «ساڭا سالام! سەن نامە-ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلىدىغانلاردىن ئىكەنسەن» دېيىلىدۇ [90ـ91]

  92. (56-سۈرە ۋاقىئە، 92-ئايەت)
    وَأَمَّا إِنْ كَانَ مِنَ الْمُكَذِّبِينَ الضَّالِّينَ
    ئەگەر ئۇ تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلاردىن بولىدىغان بولسا، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ

    ئەگەر ئۇ تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلاردىن بولىدىغان بولسا، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ [92ـ93].

  93. (56-سۈرە ۋاقىئە، 93-ئايەت)
    فَنُزُلٌ مِنْ حَمِيمٍ
    ئەگەر ئۇ تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلاردىن بولىدىغان بولسا، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ

    ئەگەر ئۇ تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلاردىن بولىدىغان بولسا، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ [92ـ93].

  94. (56-سۈرە ۋاقىئە، 94-ئايەت)
    وَتَصْلِيَةُ جَحِيمٍ
    جەھەننەمدە كۆيدۈرۈلىدۇ

    جەھەننەمدە كۆيدۈرۈلىدۇ [94].

  95. (56-سۈرە ۋاقىئە، 95-ئايەت)
    إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ حَقُّ الْيَقِينِ
    شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇ ئېنىق ھەقىقەتتۇر

    شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇ ئېنىق ھەقىقەتتۇر [95].

  96. (56-سۈرە ۋاقىئە، 96-ئايەت)
    فَسَبِّحْ بِاسْمِ رَبِّكَ الْعَظِيمِ
    ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى (مۇشرىكلارنىڭ ئېتىرازلىرىدىن) پاك ئېتىقاد قىلغىن

    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن [96]