رەھمان سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 78 ئايەت
مەنىسى: ناھايىتى شەپقەتلىك. ئاتىلىش سەۋەبى: ئاللاھنىڭ مەزكۇر گۈزەل ئىسمى بىلەن باشلانغان
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الرَّحْمَٰنُ
    مېھرىبان ئاللاھ — مۇھەممەد سالىھ

    مېھرىبان ئاللاھ — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەھمان[1] — ئەنەس ئالىم

    (1-4) بارلىق جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى يوقتىن يارىتىش ۋە ئۇلارغا ماددىي، مەنىۋى نېمەتلەرنى ئاتا قىلىشتىن ئىبارەت چەكسىز مەرھەمەت قىلغۇچى ئاللاھ، ئۇلارغا قۇرئاننى پەرىشتە جىبرىئىل ئارقىلىق ئەلچىسى مۇھەممەدكە، مۇھەممەد ئارقىلىق ئۇلارغا ئۆگەتتى؛ ئىنسانلارغا مۇھەممەد ئارقىلىق، جىنلارغا ئۇلاردىن بىر جامائەنى قۇرئان ئوقۇلغان سورۇنغا ھازىر قىلىش ۋە بۇ جامائەنى باشقا جىنلارغا يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق ئۆگەتتى. ئىنساننى لاي، ئۇرۇقلانغان تۇخۇم، لەختە قان، بىر چاينام گۆش، سۆڭەكلەر يىغىندىسى، گۆش قونغان سۆڭەكلەر قاتارلىق باسقۇچلاردىن ئۆتكۈزۈپ چىرايلىق قامەتتە ۋە مۇكەممەل قابىلىيەتتە يوقتىن ياراتتى. ئىنسانغا چۈشىنەلەيدىغان ئەقىل، گەپ قىلالايدىغان تىل بېرىش ۋە خالىغىنىنى سۆزلەش ئارقىلىق ئۆز مەقسىتىنى ئىپادىلەشنى ئۆگەتتى. ئەسكەرتىش: «رەھمان قۇرئاننى ئۆگەتتى» دېگەن ئىپادە ئەينى ۋاقىتتا مۇشرىكلارغا بىر رەددىيەدۇر، چۈنكى ئۇلار قۇرئان كەرىم ھەققىدە: «ئۇنى مۇھەممەدكە بىر ئىنسان ئۆگەتمەكتىدۇر»، «نەقىل قىلىنىپ كەلگەن سېھىر»، «قەدىمكىلەرنىڭ ئەپسانىلىرى» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىشقان، بۇ ئىپادە جىنلارغا ۋە ئىنسانلارغا ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئاننى ئۆگىتىش نېمىتىنى ئەسلىتىش بىلەن بىرگە مۇنۇ مەنىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ: ئى مۇشرىكلار! ئەمەلىيەت سىلەر ئېيتقاندەك ئەمەس، ئەكسىچە قۇرئاننى مۇھەممەدكە ئاللاھ ئۆگەتكەن ۋە ئۆگەتمەكتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. عَلَّمَ الْقُرْآنَ
    قۇرئاننى تەلىم بەردى (ئۇنى ھىپزى قىلىشنى ۋە چۈشىنىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى) — مۇھەممەد سالىھ

    قۇرئاننى ئۆگەتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    قۇرئاننى ئۆگەتتى[2]، — ئەنەس ئالىم

  3. خَلَقَ الْإِنْسَانَ
    ئىنساننى ياراتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئىنساننى ياراتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنساننى ياراتتى، — ئەنەس ئالىم

  4. عَلَّمَهُ الْبَيَانَ
    ئۇنىڭغا (مەقسىتىنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن) سۆزلەشنى ئۆگەتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭغا سۆز ئارقىلىق مەخسىتىنى ئىپادىلەشنى ئۆگەتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭغا باياننى ئۆگەتتى. — ئەنەس ئالىم

  5. الشَّمْسُ وَالْقَمَرُ بِحُسْبَانٍ
    كۈن بىلەن ئاي (ئۆز بۇرجلىرىدا) مۇئەييەن ھېساب بويىچە سەير قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كۈن بىلەن ئاي ئۆز بۇرجلىرىدا مۇئەييەن ھېساب بويىچە سەير قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كۈن ۋە ئاي ھېساب بىلەندۇر. — ئەنەس ئالىم

    كۈن ۋە ئاي ئۆز بۇرجلىرى، مەنزىللىرى ۋە ئوربىتىلىرىدا ناھايىتى ئىنچىكە ھېساب بىلەن ئايلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇلار بۇ ئايلىنىشى بىلەن كېچە، كۈندۈز، ھەپتە، ئاي. تۆت پەسىل ۋە قىش، ياز قاتارلىق ۋاقىتلارنى ھاسىل قىلىپ پۈتكۈل مەخلۇقاتنىڭ، بولۇپمۇ جىنلارنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھايات كەچۈرۈشىگە شارائىت تەييارلايدۇ. شۇڭلاشقا كۈن ۋە ئاي، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىنتىزاملىق ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە كائىناتتا مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر ئاللاھنىڭ جىنلارغا ۋە ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان بۈيۈك نېمەتلىرىدىندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. وَالنَّجْمُ وَالشَّجَرُ يَسْجُدَانِ
    ئوت ـ چۆپلەر، دەل ـ دەرەخلەر سەجدە قىلىدۇ (يەنى ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئوت ـ چۆپلەر ۋە دەل ـ دەرەخلەر سەجدە قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆسۈملۈكلەر ۋە دەرەخلەر سەجدە قىلماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    چەكسىز مەرھەمەتلىك ئاللاھ كۈن بىلەن ئاينى يوقتىن يارىتىپ ناھايىتى ئىنچىكە ئىنتىزام بىلەن ئايلىنىپ تۇرىدىغان قىلىپ، ئۇلارنى بارلىق مەخلۇقاتنىڭ مەنپەئەتىگە بويسۇندۇرغاندەك، يۇلتۇزلارنى ۋە دەرەخلەرنىمۇ يوقتىن يارىتىپ مەخلۇقاتنىڭ مەنپەئەتىگە بويسۇندۇرغان، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇپ ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىپ تۇرماقتىدۇر. ئەسكەرتىش: «ئاللاھقا سەجدە قىلىش»نىڭ لۇغەت مەنىسى ئاللاھقا بويسۇنماق، باش ئەگمەك ۋە ئىتائەت قىلماق دېگەن بولىدۇ. ئىستىلاھىي (ئاتالغۇ) مەنىسى بولسا، ئىككى پۇتنىڭ ئۇچلىرى، ئىككى تىز، ئىككى قول ۋە پېشانىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ ئاللاھقا ئېھتىرام قىلماق دېگەن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرىشتىلەرنىڭ ۋە مۇئمىنلارنىڭ سەجدىسى كەلىمىنىڭ ئىستىلاھىي مەنىسىدىكى سەجدىنى، باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ سەجدىسى لۇغەت مەنىسىدىكى سەجدىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. وَالسَّمَاءَ رَفَعَهَا وَوَضَعَ الْمِيزَانَ
    ئاللاھ ئاسماننى ئېگىز ياراتتى. ئۆلچەمدە زۇلۇم قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ تارازىنى بېكىتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئاسماننى ئېگىز ياراتتى ۋە تارازىنى بېكىتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەھمان ئاسماننى كۆتۈردى ۋە مىزاننى قويدى. — ئەنەس ئالىم

    مەرھەمىتى چەكسىز ئاللاھ ئاسماننى يوقتىن يارىتىپ ئۇنى يۇقىرىغا ئىنسانلار كۆرەلمەيدىغان تۈۋرۈكلەر بىلەن كۆتۈردى؛ يۇقىرىغا ئورۇنلاشتۇردى. شۇنىڭدەك، مەرھەمەتلىك ئاللاھ كائىناتتا ئادالەت ئۆلچىمىنى بېكىتتى، يەنى كائىنات ۋە تەبىئەتتىكى ھەر نەرسىنى ئۆزىگە يارىشىدىغان شەكىلدە ياراتتى، ھەر نەرسىگە ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى ئۆزىنىڭ دائىرىسىدە داۋاملاشتۇرۇش يولىنى كۆرسەتتى ۋە مۇۋاپىق ۋەزىپىگە بەلگىلىدى، باشقىسىنىڭ ساھەسىگە چېقىلىشتىن توستى، شۇنداقلا كائىناتتا ۋە ئۇنىڭدىكى مەخلۇقات ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇق ئورناتتى. بۇ ئايەتتىكى ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردىكى «مىزان» ئەنە شۇ ئادالەتنى (تەڭپۇڭلۇقنى) كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. أَلَّا تَطْغَوْا فِي الْمِيزَانِ
    ئاللاھ ئاسماننى ئېگىز ياراتتى. ئۆلچەمدە زۇلۇم قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ تارازىنى بېكىتتى — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ، ئۆلچەمدە زۇلۇم قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ھالدا مىزاندا ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار، — ئەنەس ئالىم

    (8-9) ئى ئىنسانلار! ئۇنداقتا، سۆز - ھەرىكەت ۋە ھۆكۈملىرىڭلاردا ئادالەت ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىڭلار، ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار، ھەر سۆزدە ۋە ھەر ئىشتا ھەققانىيەتتىن ئايرىلماڭلار، كائىناتتىكى ھېچبىر نەرسىنىڭ مەۋجۇتلۇق ھوقۇقىغا چېقىلماڭلار. ئادالەتنى ھەققانىيەت بىلەن ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە بەرپا قىلىڭلار، ئادالەت ئۆلچىمىگە دەخلى يەتكۈزمەڭلار؛ باشقىلارغا قىلىدىغان گەپ - سۆز ۋە مۇئامىلە - مۇناسىۋەتتە ئادالەت ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. وَأَقِيمُوا الْوَزْنَ بِالْقِسْطِ وَلَا تُخْسِرُوا الْمِيزَانَ
    ئۆلچەمدە ئادىل بولۇڭلار، تارازىدا كەم بەرمەڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆلچەمدە ئادىل بۇلۇڭلار، تارازىدا كەم بەرمەڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆلچەشنى توغرا ئېلىپ بېرىڭلار، مىزاننى كېمەيتىۋەتمەڭلار. — ئەنەس ئالىم

  10. وَالْأَرْضَ وَضَعَهَا لِلْأَنَامِ
    زېمىننى كىشىلەرنىڭ (پايدىلىنىشى) ئۈچۈن (يايپاڭ) قىلدى — مۇھەممەد سالىھ

    زېمىننى ئىنسانلار ئۈچۈن قويدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەھمان زېمىننى مەخلۇقاتنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قويدى[3]. — ئەنەس ئالىم

    (10-12) مەرھەمىتى چەكسىز ئاللاھ زېمىننى پەسكە ئورۇنلاشتۇردى، ئۇنى پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ تۇرالغۇ جايى ۋە ئارامگاھى، يېمەك - ئىچمەكلىرىنىڭ مەنبەسى قىلدى، باشقا ئېھتىياجلىرىنىڭ چارىسىنى ئۇنىڭدا بار قىلدى؛ زېمىندا تۈرلۈك مېۋىلەر، پوستلىق خورمىلار، سامانلىق ئاشلىقلار ۋە خۇشبۇي ئۆسۈملۈكلەر (دورا - دەرمەكلەر) بار. ئەسكەرتىش: مېۋىلىك دەرەخلەر باشتا چېچەكلەيدۇ، ھەر چېچەكتە بىر مېۋە دانىسى بولىدۇ، چېچەك ئېچىلغاندا مېۋە دانىسى چىقىدۇ، ئاندىن كۈن ئۆتكەنسېرى يوغىناپ «فاكىھە (ئىنسانلار يەپ زوق ئالىدىغان مېۋە)» ھالىتىگە كېلىدۇ. ئەنە شۇ چېچەك شۇ مېۋىنىڭ پوستى (سىرتىنى ئوراپ تۇرغان قەۋىتى) بولىدۇ. خورمىغا كەلسەك، خورما دەرىخى باشتا ئۇزۇنچاق بىر خالتىغا ئوخشاش پورەك چىقىرىدۇ، ئاندىن ئۇ پورەك ئېچىلىپ (پوست يېرىلىپ)، ئىچىدىن خورما مېۋىسىنىڭ دەسلەپكى كىچىك دانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ساپاق چىقىدۇ. بۇ يەردىكى «پوستلىق» دېگەن سۆز، ئەنە شۇ ساپاقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پوستلارنى ئىپادىلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. فِيهَا فَاكِهَةٌ وَالنَّخْلُ ذَاتُ الْأَكْمَامِ
    زېمىندا مېۋىلەر، بوغۇنلۇق خورمىلار بار — مۇھەممەد سالىھ

    زېمىندا مېۋىلەر، بوغۇنلۇق خورمىلار بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنىڭدا مېۋىلەر، پوستلۇق خورمىلار[4]، — ئەنەس ئالىم

  12. (55-سۈرە رەھمان، 12-ئايەت) ئاللاھنىڭ نىمەتلىرى رىزىق
    وَالْحَبُّ ذُو الْعَصْفِ وَالرَّيْحَانُ
    سامىنى بار دانلىق زىرائەتلەر، خۇش بۇي ئۆسۈملۈكلەر بار — مۇھەممەد سالىھ

    سامىنى بار دانلىق زىرائەتلەر ۋە خۇش بۇي ئۆسۈملۈكلەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    سامانلىق ئاشلىقلار ۋە خۇشبۇي ئۆسۈملۈكلەر بار. — ئەنەس ئالىم

  13. فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
    (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەنە شۇلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان مەرھەمەتلىك ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ نېمەتلەرنىڭ قايسىسىنى يالغان دېيەلەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. خَلَقَ الْإِنْسَانَ مِنْ صَلْصَالٍ كَالْفَخَّارِ
    (ئاللاھ) ئىنساننى (يەنى ئاتاڭلار ئادەمنى) (چەكسە جاراڭلايدىغان) ساپالدەك قۇرۇق لايدىن ياراتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئىنساننى چەكسە جاراڭلايدىغان ساپالدەك قۇرۇق لايدىن ياراتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەھمان ئىنساننى ساپالدەك قۇرۇق لايدىن ياراتتى، — ئەنەس ئالىم

    (14-15) مەرھەمىتى چەكسىز ئاللاھ ئىنسانىيەتنىڭ ئاتىسى ئادەمنىڭ بەدىنىنى تۇپراق، لاي، پۇرىقى ئۆزگەرگەن قارا لاي ۋە ساپالغا ئوخشاش قۇرۇق لاي قاتارلىق باسقۇچلاردىن ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئىچىگە روھ پۈۋلەپ ياراتتى. ئادەمنى يارىتىشتىن ئىلگىرى جان (جىنلارنىڭ ئاتىسى)نى ئوتنىڭ تۈتۈنسىز يالقۇنىدىن ياراتقان ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  15. وَخَلَقَ الْجَانَّ مِنْ مَارِجٍ مِنْ نَارٍ
    جىنلارنى ئوتنىڭ يالقۇنىدىن ياراتتى — مۇھەممەد سالىھ

    جىنلارنى ئوتنىڭ يالقۇنىدىن ياراتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    جاننى[5] ئوتنىڭ يالقۇنىدىن ياراتتى. — ئەنەس ئالىم

  16. فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
    (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەنە شۇلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان مەرھەمەتلىك ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ نېمەتلەرنىڭ قايسىسىنى يالغان دېيەلەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. رَبُّ الْمَشْرِقَيْنِ وَرَبُّ الْمَغْرِبَيْنِ
    ئۇ ئىككى مەشرىق (يەنى كۈن بىلەن ئاينىڭ چىقىدىغان ئىككى جايى) نىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئىككى مەغرىب (يەنى كۈن بىلەن ئاينىڭ پاتىدىغان ئىككى جايى) نىڭ پەرۋەردىگارىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئىككى مەشرىقنىڭ رەببىدۇر ۋە ئىككى مەغرىبنىڭ رەببىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەھمان ئىككى مەشرىقنىڭ رەببىدۇر ۋە ئىككى مەغرىبنىڭ رەببىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    مەرھەمىتى چەكسىز ئاللاھ كۈننىڭ ياز ۋە قىشتا چىقىدىغان، ياز ۋە قىشتا پاتىدىغان يەرلىرىنىڭ ئىگىسىدۇر؛ ياراتقۇچى، بەلگىلىگۈچى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى دۋاملاشتۇرغۇچىدۇر. ئەسكەرتىش: ئاللاھ ئۆزىنىڭ چەكسىز مەرھەمىتىنىڭ بىر ئىپادىسى سۈپىتىدە كۈن ئۈچۈن ھەر كۈنى چىقىدىغان يېرى بىلەن پاتىدىغان يېرىنى پەرقلىق قىلغان. شۇنىڭدەك، يازدا چىقىدىغان يەرلىرى بىلەن قىشتا چىقىدىغان يەرلىرىنىمۇ، يازدا پاتىدىغان يەرلىرى بىلەن قىشتا پاتىدىغان يەرلىرىنىمۇ پەرقلىق قىلغان، شۇڭلاشقا قۇرئان كەرىمدە ئۇلارغا ئىشارەت قىلىش ئۈچۈن «مشارق - مەشرىقلەر»، «مغارب - مەغرىبلەر»، «مشرقين - ئىككى مەشرىق» ۋە «مغربين - ئىككى مەغرىب» دېگەن كەلىمىلەر ئۆتىدۇ. ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈننىڭ چىقىش ۋە پېتىش يەرلىرىنى ئەنە شۇنداق پەرقلىق قىلغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
    (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەنە شۇلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان مەرھەمەتلىك ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ نېمەتلەرنىڭ قايسىسىنى يالغان دېيەلەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. مَرَجَ الْبَحْرَيْنِ يَلْتَقِيَانِ
    ئۇ ئىككى دېڭىزنى (بىرى تاتلىق، بىرى ئاچچىق) ئاققۇزدى، ئۇلار ئۇچرىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئىككى دېڭىزنى ئاققۇزدى، ئۇلار ئۇچرىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەھمان ئىككى دېڭىزنى بىر - بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ھالەتتە قويۇۋەتتى. — ئەنەس ئالىم

    (19-20) مەرھەمىتى چەكسىز ئاللاھ بىرىنىڭ سۈيىنى تاتلىق، يەنە بىرىنىڭ سۈيىنى ئاچچىق ياراتقان ئىككى دېڭىزنى بىر - بىرىگە تۇتاش ھالەتتە قويۇۋەتتى، ئۇ ئىككى دېڭىزنىڭ ئارىسىغا توسما قويدى؛ ئۇ ئىككى دېڭىزنىڭ ئېقىمىنى يانمۇيان ۋە بىر - بىرىگە تۇتاش، لېكىن ئىككىسىنىڭ سۇلىرىنى بىر - بىرىگە قوشۇلۇپ كەتمەيدىغان قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. بَيْنَهُمَا بَرْزَخٌ لَا يَبْغِيَانِ
    ئۇلارنىڭ ئارىسىدا توسما بولۇپ، بىر ـ بىرىگە قوشۇلۇپ كەتمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ ئارىسىدا توسما بولۇپ، بىر ـ بىرىگە قوشۇلۇپ كەتمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئىككى دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا توسما بار. ئۇلار بىر - بىرىگە قوشۇلۇپ كەتمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

  21. فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
    (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەنە شۇلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان مەرھەمەتلىك ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ نېمەتلەرنىڭ قايسىسىنى يالغان دېيەلەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  22. (55-سۈرە رەھمان، 22-ئايەت) ئاللاھنىڭ نىمەتلىرى رىزىق
    يَخْرُجُ مِنْهُمَا اللُّؤْلُؤُ وَالْمَرْجَانُ
    ئۇلاردىن مەرۋايىت بىلەن مارجان چىقىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن مەرۋايىت بىلەن مارجان چىقىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئىككى دېڭىزدىن مەرۋايىت ۋە مارجان چىقىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ ئىككى دېڭىزدىن مەرۋايىت ۋە مارجان چىقىدۇ؛ ئى ئىنسانلار! سىلەر ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدىن - ئۈنچە مەرۋايىت ۋە مارجانلارنى چىقىرىپ پايدىلىنىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  23. فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
    (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەنە شۇلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان مەرھەمەتلىك ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ نېمەتلەرنىڭ قايسىسىنى يالغان دېيەلەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  24. وَلَهُ الْجَوَارِ الْمُنْشَآتُ فِي الْبَحْرِ كَالْأَعْلَامِ
    دېڭىزلاردا قاتناۋاتقان تاغدەك كېمىلەر ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    دېڭىزلاردا قاتناۋاتقان تاغدەك كېمىلەر ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەھمان دېڭىزدا ئۈزۈۋاتقان تاغلاردەك ئىگىز كېمىلەرنىڭ ئىگىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    مەرھەمىتى چەكسىز ئاللاھ دېڭىزدا ئۈزۈۋاتقان تاغلاردەك ئېگىز كېمىلەرنىڭ ئىگىسىدۇر؛ ئاللاھنىڭ دېڭىز - ئوكيانلارنى ۋە شامالنى ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتىگە بويسۇندۇرۇشى بىلەن ئۇ كېمىلەر رايوندىن رايونغا، قىتئەدىن قىتئەگە ئىنسان ۋە يۈك توشۇۋاتىدۇ. ئاللاھ ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن ئۇ كېمىلەرنى سىلەرگە ماڭدۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ.. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  25. فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
    (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەنە شۇلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان مەرھەمەتلىك ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ نېمەتلەرنىڭ قايسىسىنى يالغان دېيەلەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. كُلُّ مَنْ عَلَيْهَا فَانٍ
    زېمىننىڭ ئۈستىدىكى ھەممە يوقىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    زېمىننىڭ ئۈستىدىكى ھەممە يوقىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    يەر يۈزىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى يوقىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (26-27) ئى مۇھەممەد! يەر يۈزىدىكى ۋە ئاسماندىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يوقىلىدۇ، سېنىڭ ئۇلۇغ ۋە كەرەملىك رەببىڭنىڭ زاتى مەڭگۈ قالىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ بارلىقى ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي بولۇپ ئۇ مەڭگۈ باقىيدۇر. ئاللاھ ئاسمان - زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلارنى، ئەجەللىرىنى بەلگىلەپ ياراتقان. شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادا ئەجىلى توشقان جانلىقلار ئۆلۈپ يەنە بىر تەرەپتىن يېڭىسى تۇغۇلۇپ تۇرىدۇ، ئەجىلى توشقان ئۆسۈملۈكلەر يوق بولۇپ يەنە بىر تەرەپتىن يېڭىسى ياشىرىپ تۇرىدۇ. بۇ ئىش ئاسمان - زېمىننىڭ ئەجىلى توشقۇچە بۇ شەكىلدە داۋاملىشىدۇ. جۈملىدىن ئىنسانمۇ شۇنداق بولىدۇ. تاكى قىيامەتنىڭ باشلىنىشى بولغان «سۇر چېلىنىش» ئەمەلىيلەشكەندە، ھايات بولغان ئىنسانلار قورقۇنچتىن تۇرغان يەرلىرىدە ئۆلىدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى قايتا يارىتىدۇ، ئاندىن كېيىن خالايىقنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھۇزۇرىغا كەلتۈرىدۇ ۋە ئۇلاردىن ھېساب ئالىدۇ. ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار سىلەر قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىسىلەر، ئاللاھ سىلەردىن قىلمىشىڭلارنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ ۋە ھەربىرىڭلارنى لايىق بولغان يېرىگە (جەننەتكە ياكى دوزاخقا) ئورۇنلاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا ئادالىتىنى نامايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  27. وَيَبْقَىٰ وَجْهُ رَبِّكَ ذُو الْجَلَالِ وَالْإِكْرَامِ
    ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ زاتى مەڭگۈ قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك رەببىڭنىڭ زاتى مەڭگۈ قالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    سېنىڭ ئۇلۇغ ۋە سېخىي رەببىڭنىڭ زاتى مەڭگۈ قالىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  28. فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
    (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەنە شۇلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان مەرھەمەتلىك ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ نېمەتلەرنىڭ قايسىسىنى يالغان دېيەلەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  29. يَسْأَلُهُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ كُلَّ يَوْمٍ هُوَ فِي شَأْنٍ
    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە ئاللاھتىن (مەدەت ۋە رىزىق) تىلەيدۇ (يەنى ھەممە ئاللاھقا موھتاجدۇر)، ئاللاھ ھەر كۈنى بىر ھالەتتىدۇر (يەنى ئاللاھ ھەر ۋاقىت ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان ئىشلار بىلەن بولۇپ، ئۇلارنى يارىتىپ تۇرىدۇ، ئەھۋاللارنى يېڭىلاپ تۇرىدۇ، مەخلۇقاتلارنى پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە ئاللاھتىن سورايدۇ، ئاللاھ ھەر كۈنى بىر ھالەتتىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەر ئۇنىڭدىن تىلەيدۇ. ئۇ ھەر كۈنى بىر ئىشتىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بارلىق ئېھتىياجلىرىنى ئاللاھتىن سورايدۇ؛ بارلىق مەخلۇقات ئۆزلىرىنىڭ بارلىقىدا ۋە بارلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشىدا ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى سۆز - ھەرىكەتلىرى بىلەن ئىپادىلەيدۇ، ئېھتىياجلىق نەرسىلىرىنى تىلەيدۇ. ئاللاھ ھەر ۋاقىت ئۆز ھېكمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە مەخلۇقاتىنىڭ تىلەكلىرىنى ئىجابەت قىلىش، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش ۋە ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىش،... قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  30. فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
    (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەنە شۇلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان مەرھەمەتلىك ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ نېمەتلەرنىڭ قايسىسىنى يالغان دېيەلەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  31. (55-سۈرە رەھمان، 31-ئايەت) جىن ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى
    سَنَفْرُغُ لَكُمْ أَيُّهَ الثَّقَلَانِ
    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار جامائەسى! سىلەردىن (يەنى سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن) ھېساب ئېلىشقا يۈزلىنىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار جامائەسى! سىلەردىن ھېساب ئېلىشقا يۈزلىنىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى ئىككى يۈك بولغان جىن ۋە ئىنسانلار! سىلەردىن يېقىندا ھېساب ئالىمىز. — ئەنەس ئالىم

    ئى كائىناتتا ئېغىر ئىككى يۈك بولغان جىنلار ۋە ئىنسانلار! بىز يېقىندا دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى تۈگىتىپ سىلەردىن ھېساب ئېلىشقا، شۇنداقلا ياخشىلىرىڭلارنى مۇكاپاتلاشقا ۋە يامانلىرىڭلارنى جازالاشقا كىرىشىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  32. فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
    (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەنە شۇلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان مەرھەمەتلىك ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ نېمەتلەرنىڭ قايسىسىنى يالغان دېيەلەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  33. يَا مَعْشَرَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ إِنِ اسْتَطَعْتُمْ أَنْ تَنْفُذُوا مِنْ أَقْطَارِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ فَانْفُذُوا ۚ لَا تَنْفُذُونَ إِلَّا بِسُلْطَانٍ
    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! ئەگەر سىلەر ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ چېگرىلىرىدىن ئۆتۈپ كېتەلىسەڭلار، ئۆتۈپ كېتىڭلار، سىلەر پەقەت قۇۋۋەت بىلەن ئۆتۈپ كېتەلەيسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! ئەگەر سىلەر ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ چېگرىلىرىدىن ئۆتۈپ كېتەلىسەڭلار، ئۆتۈپ كېتىڭلار، سىلەر پەقەت قۇۋۋەت بىلەن ئۆتۈپ كېتەلەيسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار جامائەسى! ئەگەر ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئەتراپىدىن ئۆتۈپ كېتىشكە كۈچۈڭلار يەتسە، ئۆتۈپ كېتىڭلار. پەقەت كۈچ بىلەن ئۆتۈپ كېتەلەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم

    سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈپ مەھشەرگە توپلىغان چېغىمىزدا سىلەرگە: «ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! ئەگەر ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئەتراپىدىن ئۆتۈپ كېتىشكە كۈچۈڭلار يەتسە ئۆتۈپ كېتىڭلار، شۇنداقلا ھېسابتىن قېچىپ قۇتۇلۇڭلار. پەقەت كۈچ بىلەن ئۆتۈپ كېتەلەيسىلەر، لېكىن سىلەردە كۈچ يوق، شۇڭلاشقا ئەسلا ئۆتۈپ كېتەلمەيسىلەر» دەيمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  34. فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
    (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەنە شۇلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان مەرھەمەتلىك ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ نېمەتلەرنىڭ قايسىسىنى يالغان دېيەلەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  35. (55-سۈرە رەھمان، 35-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب جىن
    يُرْسَلُ عَلَيْكُمَا شُوَاظٌ مِنْ نَارٍ وَنُحَاسٌ فَلَا تَنْتَصِرَانِ
    (قىيامەت كۈنى) سىلەرگە قىزىق ئوتنىڭ يالقۇنى ۋە تۈتۈنى ئەۋەتىلىدۇ، سىلەر ئۆزۈڭلارنى قوغدىيالمايسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرگە قىزىق ئوتنىڭ يالقۇنى ۋە تۈتۈنى ئەۋەتىلىدۇ، سىلەر ئۆزۈڭلارنى قوغدىيالمايسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! سىلەرگە ئوتنىڭ يالقۇنى ۋە مىس ئېرىتمىسى ئەۋەتىلىدۇ. ئۆزۈڭلارنى قوغدىيالمايسىلەر. — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! قىيامەت كۈنى سىلەرگە تۈرلۈك ئوتلار ئەۋەتىلىدۇ؛ سىلەرگە ئوتنىڭ خالىس يالقۇنى ۋە تۈتۈنگە ئېلىشقان يالقۇنى ئەۋەتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىلەر قاچالمايسىلەر ۋە ئۆزۈڭلارنى قوغدىيالمايسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  36. فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
    (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەنە شۇلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان مەرھەمەتلىك ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ نېمەتلەرنىڭ قايسىسىنى يالغان دېيەلەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  37. فَإِذَا انْشَقَّتِ السَّمَاءُ فَكَانَتْ وَرْدَةً كَالدِّهَانِ
    (قىيامەت كۈنى پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن) ئاسمان يېرىلغان چاغدا، ئاسمان (دوزاخنىڭ قىزىقلىقىدىن) قىزىل گۈلدەك، قىزىل چەمدەك بولۇپ قالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمان يېرىلغان چاغدا ئاسمان قىزىل گۈلدەك، قىزىل چەمدەك بولۇپ قالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمان يېرىلىپ، گۈلدەك قىزارغان ۋە مايدەك ئېرىگەن چاغدا، — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھنىڭ بەندىلەردىن ھېساب ئېلىشقا، پەرىشتىلەر بىلەن بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىدە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە مەھشەر مەيدانىغا كېلىشى ئۈچۈن، ئاسمان يېرىلىپ گۈلدەك قىزارغان ۋە مايدەك ئېرىگەن چاغدا دەھشەتلىك ئىشلار بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  38. فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
    (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەنە شۇلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان مەرھەمەتلىك ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ نېمەتلەرنىڭ قايسىسىنى يالغان دېيەلەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  39. (55-سۈرە رەھمان، 39-ئايەت) ھىساب
    فَيَوْمَئِذٍ لَا يُسْأَلُ عَنْ ذَنْبِهِ إِنْسٌ وَلَا جَانٌّ
    بۇ كۈندە ھېچبىر ئىنسان ۋە جىن ئۆزىنىڭ گۇناھىدىن سورالمايدۇ (يەنى گۇناھلىرىنىڭ ئالاھىدە ئالامىتى بولغانلىقتىن مۇنداق سوراشقا ھاجەت بولمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ كۈندە ھېچبىر ئىنسان ۋە جىن ئۆزىنىڭ گۇناھىدىن سورالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇ كۈندە ھېچبىر ئىنسان ۋە ھېچبىر جىن ئۆز گۇناھىدىن سورالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئەنە شۇ كۈندە ئاللاھ ھېچبىر ئىنساندىن ۋە ھېچبىر جىندىن قانداق گۇناھ قىلغانلىقىنى سورىمايدۇ، چۈنكى بۇنى ئوبدان بىلىدۇ. ئەسكەرتىش: بەزى ئايەتلەردە قىيامەت كۈنى گۇناھكارلارنىڭ ئۆز قىلمىشلىرى توغرۇلۇق سوئال - سوراق قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. دېمەككى، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن قانداق گۇناھلارنى قىلغانلىقىنى سورىمايدۇ، لېكىن ئۇلارنى ئەيىبلەش ۋە سىلكىشلەش ئۈچۈن ئۇلاردىن: «بۇ گۇناھنى نېمىشقا قىلدىڭ؟! ئۇ جىنايەتنى نېمىشقا ئۆتكۈزدۈڭ؟!» دېگەن شەكىلدە سوئال سورايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  40. فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
    (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەنە شۇلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان مەرھەمەتلىك ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ نېمەتلەرنىڭ قايسىسىنى يالغان دېيەلەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  41. (55-سۈرە رەھمان، 41-ئايەت) ھىساب تىرىلىش دوزاخ ئەھلى
    يُعْرَفُ الْمُجْرِمُونَ بِسِيمَاهُمْ فَيُؤْخَذُ بِالنَّوَاصِي وَالْأَقْدَامِ
    گۇناھكارلار ئۆزلىرىنىڭ (يۈزلىرى قارا، كۆزلىرى كۆك بولۇشتىن ئىبارەت) بەلگىلىرىدىن تونۇلىدۇ، ئۇلار كوكۇلىلىرىدىن ۋە پۇتلىرىدىن تۇتۇلۇپ (دوزاخقا تاشلىنىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    گۇناھكارلار ئۆزلىرىنىڭ بەلگىلىرىدىن تونۇلىدۇ، ئاندىن ئۇلار كوكۇلىلىرىدىن ۋە پۇتلىرىدىن تۇتۇلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    گۇناھكارلار سېيماسىدىن تونۇلۇپ، كوكۇلىلىرىدىن ۋە پۇتلىرىدىن تۇتۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    قىيامەت كۈنى گۇناھكارلار يۈزلىرىدىكى قارىلىق، خارلىق، كۆزلىرىدىكى كۆكلۈك ۋە چارىسىزلىك بىلەن تونۇلىدۇ، ئۇلار كوكۇلىلىرىدىن ۋە پۇتلىرىدىن تۇتۇلىدۇ، زەنجىرلەر بىلەن باغلىنىپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  42. فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
    (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەنە شۇلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان مەرھەمەتلىك ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ نېمەتلەرنىڭ قايسىسىنى يالغان دېيەلەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  43. (55-سۈرە رەھمان، 43-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى كاپىرلىق
    هَٰذِهِ جَهَنَّمُ الَّتِي يُكَذِّبُ بِهَا الْمُجْرِمُونَ
    بۇ، گۇناھكارلار ئىنكار قىلىدىغان جەھەننەمدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ، گۇناھكارلار ئىنكار قىلىدىغان جەھەننەمدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا: «ئەنە شۇ، گۇناھكارلار يالغان دېگەن جەھەننەمدۇر!» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (43-44) ئۇلارنى ئەيىبلەش، سىلكىشلەش ۋە دەرد - ئەلىمىنى زىيادە قىلىش ئۈچۈن: «مانا بۇ، سەن گۇناھكارلار دۇنيادىكى چاغلىرىڭدا يالغان سۆز ۋە يامان ئىشلىرىڭ بىلەن ‹يالغان› دەپ ئىنكار قىلغان جەھەننەمدۇر!» دېيىلىدۇ. ئۇلار جەھەننەمنىڭ ئىچىدە بويۇنلىرىغا تاقاقلار سېلىنغان، قول - پۇتلىرى زەنجىرلەر بىلەن باغلانغان ھالەتتە سۆرىلىدۇ ۋە ئۇلارغا، ئوت بىلەن ناھايىتى ھارارەتلىك قايناق سۇ ئارىسىدا ئايلاندۇرۇلۇپ ئازاب چەكتۈرۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  44. (55-سۈرە رەھمان، 44-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى دوزاخ ئازابى
    يَطُوفُونَ بَيْنَهَا وَبَيْنَ حَمِيمٍ آنٍ
    ئۇلار دوزاخ بىلەن قايناقسۇ ئارىسىدا بېرىپ ـ كېلىپ تۇرىدۇ (يەنى گاھىدا ئوت بىلەن، گاھىدا قايناقسۇ بىلەن ئازابلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار دوزاخ بىلەن قايناقسۇ ئارىسىدا بېرىپ ـ كېلىپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن ناھايىتى ھارارەتلىك قايناق سۇ ئارىسىدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ[6]. — ئەنەس ئالىم

  45. فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
    (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەنە شۇلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان مەرھەمەتلىك ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ نېمەتلەرنىڭ قايسىسىنى يالغان دېيەلەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  46. وَلِمَنْ خَافَ مَقَامَ رَبِّهِ جَنَّتَانِ
    پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ (ھېساب بېرىشتىن) قورققان ئادەمگە ئىككى جەننەت بار — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىڭنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ -ھېساب بېرىشتىن- قورققان ئادەمگە ئىككى جەننەت بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىنىڭ ماقامىدىن[7] قورققانلار ئۈچۈن ئىككى جەننەت بار. — ئەنەس ئالىم

    بۇ دۇنيادىكى چېغىدا، ئۆزىنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ھەر ئىشىنى باشقۇرۇۋاتقان ئىگىسى - ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇپ ھېساب بېرىشتىن قورقۇپ، ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلانغان كىشىگە، ئۇ دۇنيادا جەننەتتە ئىككى باغچە مۇكاپات بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  47. فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
    (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەنە شۇلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان مەرھەمەتلىك ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ نېمەتلەرنىڭ قايسىسىنى يالغان دېيەلەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  48. ذَوَاتَا أَفْنَانٍ
    ئۇ ئىككى جەننەتتە تۈرلۈك مېۋىلىك دەرەخلەر بار — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئىككى جەننەتتە تۈرلۈك مېۋىلىك دەرەخلەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھەر ئىككىلىسى تۈرلۈك دەرەخلەرگە ئىگىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ھەر ئىككى جەننەتتە تۈرلۈك دەرەخلەر بار. ئۇ دەرەخلەر بىلەن باغلار ھاسىل بولىدۇ، باغلاردا تىكەنسىز گىلاس، سانجاق - سانجاق بانان ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك مېۋىلەر بولىدۇ، باغلارنىڭ ھاۋاسى سالقىن، مۇھىتى پاك، سۈيى ئېقىن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  49. فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
    (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەنە شۇلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان مەرھەمەتلىك ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ نېمەتلەرنىڭ قايسىسىنى يالغان دېيەلەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  50. فِيهِمَا عَيْنَانِ تَجْرِيَانِ
    ئۇ ئىككى جەننەتتە ئېقىپ تۇرغان ئىككى بۇلاق بار — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئىككى جەننەتتە ئېقىپ تۇرغان ئىككى بۇلاق بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئىككى جەننەتتە ئېقىپ تۇرىدىغان ئىككى بۇلاق بار. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ ئىككى جەننەتنىڭ ھەربىرىدە تاتلىق ۋە شېرىن سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان بىر بۇلاق بار؛ ئۇ ئىككى جەننەتتە ئىككى بۇلاق بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۇلىرى دەرەخلەرنى سۇغىرىدۇ، سارايلارنىڭ ئاستىدىن ۋە دەرەخلەرنىڭ تۈۋىلىرىدىن ئېقىپ تۇرۇپ جەننەت ئەھلىنىڭ سۇ ئېھتىياجىنى قامدايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  51. فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
    (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەنە شۇلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان مەرھەمەتلىك ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ نېمەتلەرنىڭ قايسىسىنى يالغان دېيەلەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  52. فِيهِمَا مِنْ كُلِّ فَاكِهَةٍ زَوْجَانِ
    ئۇ ئىككى جەننەتتە ھەر مېۋىدىن ئىككى خىلدىن بار — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئىككى جەننەتتە ھەر مېۋىدىن ئىككى خىلدىن بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئىككى جەننەتتە ھەر مېۋىدىن ئىككى تۈرلۈك بار. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ ئىككى جەننەتتە ھەر تۈرلۈك مېۋىدىن ئىككى تۈرلۈك بار؛ جەننەت ئەھلى كۆرۈنۈشىدىن ھۇزۇر، پۇرىقىدىن زوق ۋە تەمىدىن لەززەت ئالىدىغان خىلمۇخىل مېۋىلەر بار بولۇپ، ئۇلار ھۆل، قۇرۇق ھالەتتە يېيىلىدىغان تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  53. فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
    (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەنە شۇلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان مەرھەمەتلىك ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ نېمەتلەرنىڭ قايسىسىنى يالغان دېيەلەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    ?
  54. مُتَّكِئِينَ عَلَىٰ فُرُشٍ بَطَائِنُهَا مِنْ إِسْتَبْرَقٍ ۚ وَجَنَى الْجَنَّتَيْنِ دَانٍ
    ئۇلار ئەستەرلىرى قېلىن تاۋاردىن بولغان تۆشەكلەرگە يۆلىنىدۇ، ئىككى جەننەتنىڭ مېۋىسى (تۇرغان، ئولتۇرغان، ياتقان ئادەممۇ ئۈزەلەيدىغان دەرىجىدە) يېقىندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئەستەرلىرى قېلىن تاۋاردىن بولغان تۆشەكلەرگە يۆلىنىدۇ، ئىككى جەننەتنىڭ مېۋىسى يېقىندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ جەننەتلەرگە كىرگەنلەر ئەستەرلىرى تاۋاردىن بولغان تۆشەكلەرگە يۆلىنىدۇ. ئىككى جەننەتنىڭ ئۈزۈلمەكچى بولغان مېۋىسى يېقىندۇر. — ئەنەس ئالىم

    قىيامەت كۈنى ئۇ جەننەتلەر بىلەن مۇكاپاتلانغان كىشىلەر ئۇ جەننەتلەردە، ئەستەرلىرى قېلىن تاۋاردىن بولغان تۆشەكلەرگە يۆلىنىدۇ. ئۇ كىشىلەر ئۇ جەننەتلەردە قايسى ھالەتتە بولسا بولسۇن، ھەر ئىككى جەننەتنىڭ مېۋىلىرى ئۇلارغا يېقىن بولىدۇ، ئۇلار خالىغان چاغلىرىدا ئۇ مېۋىلەرنى ئۈزۈپ يېيەلەيدۇ. ئەسكەرتىش: تۆشەكلەرنىڭ ئەستەرلىرىنىڭ قېلىن تاۋاردىن بولۇشى، ئۇلارنىڭ تاشقى قىسىملىرىنىڭ تېخىمۇ ئېسىل رەختلەردىن بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  55. فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
    (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەنە شۇلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان مەرھەمەتلىك ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ نېمەتلەرنىڭ قايسىسىنى يالغان دېيەلەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  56. فِيهِنَّ قَاصِرَاتُ الطَّرْفِ لَمْ يَطْمِثْهُنَّ إِنْسٌ قَبْلَهُمْ وَلَا جَانٌّ
    ئۇ جەننەتلەردە ئەرلىرىدىن باشقىلارغا قارىمايدىغان، ئەرلىرىدىن بۇرۇن ئۇلار بىلەن ھېچ ئىنسان ۋە جىن يېقىنچىلىق قىلمىغان خوتۇنلار بار — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ جەننەتلەردە ئەرلىرىدىن باشقىلارغا قارىمايدىغان، ئەرلىرىدىن بۇرۇن ئۇلار بىلەن ھېچ ئىنسان ۋە جىن يېقىنچىلىق قىلمىغان خوتۇنلار بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ جەننەتلەردە كۆزلىرىنى ئۇلاردىن ئايرىمايدىغان، ئۇلاردىن ئىلگىرى ھېچبىر ئىنسان ۋە جىن بىر يەردە بولمىغان قىزلار بار. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ جەننەتلەردە كۆزلىرىنى ئۇلاردىن ئايرىمايدىغان، شەھلا كۆزلۈك، تەڭتۇش، ئۇلاردىن ئىلگىرى ھېچبىر ئىنسان ۋە ھېچبىر جىن بىر يەردە بولمىغان خىزمەتچى قىزلار بار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  57. فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
    (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەنە شۇلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان مەرھەمەتلىك ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ نېمەتلەرنىڭ قايسىسىنى يالغان دېيەلەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  58. كَأَنَّهُنَّ الْيَاقُوتُ وَالْمَرْجَانُ
    گويا ئۇلار (سۈزۈكلۈكتە) ياقۇتتۇر، (ئاقلىقتا) مەرۋايىتتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار گويا ياقۇت ۋە مەرۋايىتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار خۇددى ياقۇتتۇر، مارجاندۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ قىزلار گۈزەللىكتە خۇددى ياقۇتقا ۋە مارجانغا، ھېچكىمنىڭ قولى تەگمىگەن ۋە چاڭ - توزان قونمىغان ئاپئاق تۇخۇملارغا، ساقلانغان مەرۋايىتلارغا ئوخشايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  59. فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
    (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەنە شۇلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان مەرھەمەتلىك ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ نېمەتلەرنىڭ قايسىسىنى يالغان دېيەلەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  60. هَلْ جَزَاءُ الْإِحْسَانِ إِلَّا الْإِحْسَانُ
    ياخشى ئىش قىلغۇچى پەقەت ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ياخشى ئىش قىلغۇچى پەقەت ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياخشىلىقنىڭ، ياخشىلىقتىن باشقا مۇكاپاتى بولامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھنىڭ جەننەتكە قىلغان دەۋىتىنى لايىق رەۋىشتە ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن قوبۇل قىلغانلار ئاخىرەتتە ئەنە شۇ ياخشى مۇكاپاتلارغا ئېرىشىدۇ، چۈنكى ياخشىلىقنىڭ، ياخشىلىقتىن باشقا مۇكاپاتى بولمايدۇ، ئەمەسمۇ! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  61. فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
    (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەنە شۇلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان مەرھەمەتلىك ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ نېمەتلەرنىڭ قايسىسىنى يالغان دېيەلەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  62. وَمِنْ دُونِهِمَا جَنَّتَانِ
    ئۇ ئىككى جەننەتتىن تۆۋەنرەك ئىككى جەننەت بار — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئىككى جەننەتتىن تۆۋەنرەك ئىككى جەننەت بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئىككى جەننەتتىن باشقا يەنە ئىككى جەننەت بار. — ئەنەس ئالىم

    بۇ دۇنيادىكى چېغىدا، ئۆزىنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ھەر ئىشىنى باشقۇرۇۋاتقان ئىگىسى - ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇپ ھېساب بېرىشتىن قورقۇپ، ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلانغان كىشىگە، ئۇ دۇنيادا يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئىككى باغچىدىن باشقا يەنە ئىككى باغچە مۇكاپات بېرىلىدۇ، چۈنكى ياخشى ئىش قىلغان كىشىگە ياخشى مۇكاپات بېرىلىدۇ ۋە ئاللاھ ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى زىيادە قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  63. فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
    (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەنە شۇلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان مەرھەمەتلىك ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ نېمەتلەرنىڭ قايسىسىنى يالغان دېيەلەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  64. (55-سۈرە رەھمان، 64-ئايەت) جەننەتنىڭ تەسۋىرى
    مُدْهَامَّتَانِ
    ئۇ ئىككى جەننەت ياپيېشىلدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئىككى جەننەت ياپيېشىلدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ ئىككى جەننەت ياپيېشىلدۇر. — ئەنەس ئالىم

    بۇ ئىككى جەننەتتىكى دەل - دەرەخ، گۈل - گىياھ ۋە باشقا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياپراقلىرى توق يېشىل بولغانلىقى ئۈچۈن قارامتۇل شەكىلدىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  65. فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
    (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەنە شۇلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان مەرھەمەتلىك ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ نېمەتلەرنىڭ قايسىسىنى يالغان دېيەلەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  66. فِيهِمَا عَيْنَانِ نَضَّاخَتَانِ
    ئۇ ئىككى جەننەتتە قايناپ چىقىپ تۇرغان ئىككى بۇلاق بار — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئىككى جەننەتتە قايناپ چىقىپ تۇرغان ئىككى بۇلاق بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ ئىككى جەننەتتە قايناپ تۇرىدىغان ئىككى بۇلاق بار. — ئەنەس ئالىم

    بۇ ئىككى جەننەتتە تاتلىق ۋە سۈزۈك سۇلىرى قايناپ چىقىپ تۇرىدىغان ئىككى بۇلاق بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۇلىرى دەرەخلەرنى سۇغىرىدۇ، بۇ جەننەتتىكى سارايلارنىڭ ئاستىدىن ۋە دەرەخلەرنىڭ تۈۋىلىرىدىن ئېقىپ تۇرۇپ ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئىگىلىرى بۇ ئىككى جەننەتتىكى چاغدا ئۇلارنىڭ سۇ ئېھتىياجىنى قامدايدۇ. ئەسكەرتىش: دۇنيادا ئاللاھتىن قورقۇپ ياشىغان كىشىگە ئاخىرەتتە جەننەتنىڭ ئىچىدە جەمئىي تۆت باغچە بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىدە تۈرلۈك نازۇنېمەتلەر بولىدۇ، جۈملىدىن ئۇ تۆت جەننەتتە تۆت دانە بۇلاق بولىدۇ. بۇلاقلار ھەققىدە 88 - سۈرە (غاشىيە)نىڭ 12 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  67. فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
    (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەنە شۇلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان مەرھەمەتلىك ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ نېمەتلەرنىڭ قايسىسىنى يالغان دېيەلەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  68. فِيهِمَا فَاكِهَةٌ وَنَخْلٌ وَرُمَّانٌ
    ئۇ ئىككى جەننەتتە مېۋىلەر، خورمىلار ۋە ئانارلار بار — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئىككى جەننەتتە مېۋىلەر، خورمىلار ۋە ئانارلار بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ ئىككى جەننەتتە مېۋە، خورما ۋە ئانار بار. — ئەنەس ئالىم

    بۇ ئىككى جەننەتتە تۈرلۈك مېۋە، بولۇپمۇ خورمىلار ۋە ئانارلار بار بولۇپ، بۇ جەننەتلەرنىڭ ئىگىلىرى بۇ جەننەتلەردىكى چاغدا ئۇلاردىن يەپ زوق ئالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  69. فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
    (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەنە شۇلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان مەرھەمەتلىك ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ نېمەتلەرنىڭ قايسىسىنى يالغان دېيەلەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    ?
  70. فِيهِنَّ خَيْرَاتٌ حِسَانٌ
    ئۇ جەننەتلەردە چىرايلىق خوتۇنلار بار — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ جەننەتلەردە چىرايلىق دىلبەرلەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ جەننەتلەردە ياخشى خۇيلۇق، چىرايلىق قىزلار بار. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ جەننەتلەردە قەددى - قامىتى كېلىشكەن، چىرايلىق ۋە ياخشى خۇيلۇق قىزلار بار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  71. فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
    (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەنە شۇلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان مەرھەمەتلىك ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ نېمەتلەرنىڭ قايسىسىنى يالغان دېيەلەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  72. حُورٌ مَقْصُورَاتٌ فِي الْخِيَامِ
    ئۇلار (جەننەتنىڭ) چېدىرلىرىدا مەستۇرە ھۆرلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار جەننەتنىڭ چېدىرلىرىدا مەستۇرە ھۆرلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار چېدىرلاردا توختىتىلغان ھۆرلەردۇر[8]. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ نازىنىن قىزلار ئۇ جەننەتلەردىكى چېدىرلاردا تورغۇزۇلغان ئاق يۈزلۈك ۋە شەھلا كۆزلۈك خانىملاردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  73. فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
    (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەنە شۇلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان مەرھەمەتلىك ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ نېمەتلەرنىڭ قايسىسىنى يالغان دېيەلەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  74. لَمْ يَطْمِثْهُنَّ إِنْسٌ قَبْلَهُمْ وَلَا جَانٌّ
    ئەرلىرىدىن ئىلگىرى ئۇلارغا ھېچ ئىنسان ۋە جىن يېقىنچىلىق قىلمىغان — مۇھەممەد سالىھ

    ئەرلىرىدىن ئىلگىرى ئۇلارغا ھېچبىر ئىنسان ۋە جىن يېقىنچىلىق قىلمىغان — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۇ قىزلار بىلەن ھېچبىر ئىنسان ۋە جىن بىر يەردە بولمىغان. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ نازىنىن قىزلار بىلەن، ئۇ جەننەتكە كىرگەنلەردىن ئىلگىرى ھېچبىر ئىنسان ۋە ھېچبىر جىن بىر يەردە بولمىغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  75. فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
    (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەنە شۇلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان مەرھەمەتلىك ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ نېمەتلەرنىڭ قايسىسىنى يالغان دېيەلەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  76. مُتَّكِئِينَ عَلَىٰ رَفْرَفٍ خُضْرٍ وَعَبْقَرِيٍّ حِسَانٍ
    ئۇلار يېشىل ياستۇقلارغا، چىرايلىق بىساتلارغا يۆلەنگەن ھالدا ئىستىراھەت قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار يېشىل ياستۇقلارغا، چىرايلىق بىساتلارغا يۆلەنگەن ھالدا ئىستىراھەت قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ جەننەتلەرگە كىرگەنلەر يېشىل ياستۇق ۋە چىرايلىق تۆشەكلەرگە يۆلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ جەننەتلەرگە كىرگەنلەر يېشىل ياستۇقلارغا، يۇمشاق ۋە چىرايلىق تۆشەكلەرگە يۆلەنگەن ھالەتتە ھۇزۇر ئالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  77. فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
    (ئى ئىنسانلار! جىنلار!) سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! سىلەر رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئەنە شۇلار سىلەرنى يوقتىن ياراتقان مەرھەمەتلىك ئىگەڭلار - ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدۇر، سىلەر ئۇ نېمەتلەرنىڭ قايسىسىنى يالغان دېيەلەيسىلەر، ئۇلارنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  78. تَبَارَكَ اسْمُ رَبِّكَ ذِي الْجَلَالِ وَالْإِكْرَامِ
    ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى مۇبارەكتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئەزىمەتلىك ۋە كەرەملىك رەببىڭنىڭ نامى ئۇلۇغدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سېنىڭ ئۇلۇغ ۋە سېخىي رەببىڭنىڭ ئىسمى نېمىدېگەن ئۇلۇغ! — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن بولۇپمۇ جىنلارغا ۋە ئىنسانلارغا يۇقىرىدىكى نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئۇلۇغ ۋە كەرەملىك ئىگەڭ - ئاللاھنىڭ ئىسمى نېمىدېگەن ئۇلۇغ! نېمىدېگەن بەرىكەتلىك! ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنى ئۆزىنىڭ چىرايلىق ئىسىملىرىدىن «چەكسىز مەرھەمەت قىلغۇچى، ھېسابسىز ياخشىلىق قىلغۇچى ۋە سان - ساناقسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلغۇچى ئاللاھ» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان «ئەررەھمان - الرَّحْمنُ» ئىسمى بىلەن باشلايدۇ، ئاندىن بۇ سۈرىنىڭ ئىچىدە «رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمىتىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟» دېگەن مەنىدىكى ئايەتنى 31 قېتىم تەكرارلايدۇ. دېمەككى، بۇ سۈرە ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر نەسىھەت، ھەر ئاگاھلاندۇرۇش، ھەر ئەسلىتىش، ھەر بايان ۋە ھەر نەرسە ئاللاھ تائالانىڭ «ئەررەھمان» ئىسمىنىڭ بىر ئىپادىسى، شۇنداقلا جىنلار بىلەن ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان بىرەر نېمىتىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى