كەھف سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 110 ئايەت
مەنىسى: غار. ئاتىلىش سەۋەبى: ئەسھابۇل كەھف قىسسىسى بايان قىلىنغان (9~26-ئايەتلەر)
  1. (18-سۈرە كەھف، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي أَنْزَلَ عَلَىٰ عَبْدِهِ الْكِتَابَ وَلَمْ يَجْعَلْ لَهُ عِوَجًا ۜ
    جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، (ئاللاھ ئىنسانلارنى) ئۆز تەرىپىدىن بولغان قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىنلەرگە ئوبدان مۇكاپات (يەنى جەننەت) بېرىدىغانلىقى بىلەن خۇشخەۋەر بېرىش ئۈچۈن، بەندىسى (يەنى پەيغەمبىرى مۇھەممەد) گە توغرا، ھېچقانداق قىڭغىرلىق (يەنى ئىختىلاپ، زىددىيەت) بولمىغان قۇرئاننى نازىل قىلدى

    بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، ئۇ ئۆز تەرىپىدىن كېلىدىغان ئېغىر ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىنلەرگە مەڭگۈ تۇرىدىغان (جەننەتتىن ئىبارەت) ئوبدان مۇكاپات بېرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىش، ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگەنلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، بەندىسى مۇھەممەدكە ھەرقانداق ئەيىبتىن خالىي توغرا قۇرئاننى نازىل قىلدى [1] ـ [4].

  2. (18-سۈرە كەھف، 2-ئايەت)
    قَيِّمًا لِيُنْذِرَ بَأْسًا شَدِيدًا مِنْ لَدُنْهُ وَيُبَشِّرَ الْمُؤْمِنِينَ الَّذِينَ يَعْمَلُونَ الصَّالِحَاتِ أَنَّ لَهُمْ أَجْرًا حَسَنًا
    جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، (ئاللاھ ئىنسانلارنى) ئۆز تەرىپىدىن بولغان قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىنلەرگە ئوبدان مۇكاپات (يەنى جەننەت) بېرىدىغانلىقى بىلەن خۇشخەۋەر بېرىش ئۈچۈن، بەندىسى (يەنى پەيغەمبىرى مۇھەممەد) گە توغرا، ھېچقانداق قىڭغىرلىق (يەنى ئىختىلاپ، زىددىيەت) بولمىغان قۇرئاننى نازىل قىلدى

    بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، ئۇ ئۆز تەرىپىدىن كېلىدىغان ئېغىر ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىنلەرگە مەڭگۈ تۇرىدىغان (جەننەتتىن ئىبارەت) ئوبدان مۇكاپات بېرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىش، ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگەنلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، بەندىسى مۇھەممەدكە ھەرقانداق ئەيىبتىن خالىي توغرا قۇرئاننى نازىل قىلدى [1] ـ [4].

  3. (18-سۈرە كەھف، 3-ئايەت)
    مَاكِثِينَ فِيهِ أَبَدًا
    ئۇلار (يەنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىنلەر) جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ

    بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، ئۇ ئۆز تەرىپىدىن كېلىدىغان ئېغىر ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىنلەرگە مەڭگۈ تۇرىدىغان (جەننەتتىن ئىبارەت) ئوبدان مۇكاپات بېرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىش، ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگەنلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، بەندىسى مۇھەممەدكە ھەرقانداق ئەيىبتىن خالىي توغرا قۇرئاننى نازىل قىلدى [1] ـ [4].

  4. (18-سۈرە كەھف، 4-ئايەت)
    وَيُنْذِرَ الَّذِينَ قَالُوا اتَّخَذَ اللَّهُ وَلَدًا
    ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگۈچىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدۇ

    بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، ئۇ ئۆز تەرىپىدىن كېلىدىغان ئېغىر ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىنلەرگە مەڭگۈ تۇرىدىغان (جەننەتتىن ئىبارەت) ئوبدان مۇكاپات بېرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىش، ئاللاھنىڭ بالىسى بار دېگەنلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، بەندىسى مۇھەممەدكە ھەرقانداق ئەيىبتىن خالىي توغرا قۇرئاننى نازىل قىلدى [1] ـ [4].

  5. (18-سۈرە كەھف، 5-ئايەت)
    مَا لَهُمْ بِهِ مِنْ عِلْمٍ وَلَا لِآبَائِهِمْ ۚ كَبُرَتْ كَلِمَةً تَخْرُجُ مِنْ أَفْوَاهِهِمْ ۚ إِنْ يَقُولُونَ إِلَّا كَذِبًا
    ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرى بۇ بوھتانلىرىدا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىققان سۆز نېمىدېگەن چوڭ! ئۇلار پەقەت يالغاننىلا ئېيتىدۇ

    ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرى (ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ) چاپلىغان بۇ بوھتان توغرىسىدا ھېچقانداق بىلىمگە ئىگە ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن چىققان سۆز نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق! ئۇلار پەقەت يالغاننىلا ئېيتىدۇ [5].

  6. (18-سۈرە كەھف، 6-ئايەت)
    فَلَعَلَّكَ بَاخِعٌ نَفْسَكَ عَلَىٰ آثَارِهِمْ إِنْ لَمْ يُؤْمِنُوا بِهَٰذَا الْحَدِيثِ أَسَفًا
    ئەگەر ئۇلار قۇرئانغا ئىمان ئېيتمىسا، ئەپسۇسلىنىپ، ئۇلارنىڭ (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈگەنلىكىدىن ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋېتىشىڭ مۇمكىن

    (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار قۇرئانغا ئىمان ئېيتمىسا، سەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئەپسۇسلىنىپ، ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋالىدىغاندەك تۇرىسەن [6].

  7. (18-سۈرە كەھف، 7-ئايەت)
    إِنَّا جَعَلْنَا مَا عَلَى الْأَرْضِ زِينَةً لَهَا لِنَبْلُوَهُمْ أَيُّهُمْ أَحْسَنُ عَمَلًا
    ئىنسانلارنىڭ قايسىسىنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەر يۈزىنىڭ زىننىتى قىلدۇق

    ئىنسانلارنىڭ قايسىسىنىڭ قىلغان ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن، بىز يەر يۈزىدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھەقىقەتەن يەر يۈزىنىڭ زىننىتى قىلدۇق [7].

  8. (18-سۈرە كەھف، 8-ئايەت)
    وَإِنَّا لَجَاعِلُونَ مَا عَلَيْهَا صَعِيدًا جُرُزًا
    بىز چوقۇم يەر يۈزىدىكى (دەل ـ دەرەخ، تاغ ۋە بىنا قاتارلىق) نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىپ، يەر يۈزىنى تۈپتۈز باياۋانغا ئايلاندۇرىمىز

    بىز چوقۇم يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يوق قىلىپ، يەر يۈزىنى تۈپتۈز باياۋانغا ئايلاندۇرىمىز [8].

  9. (18-سۈرە كەھف، 9-ئايەت)
    أَمْ حَسِبْتَ أَنَّ أَصْحَابَ الْكَهْفِ وَالرَّقِيمِ كَانُوا مِنْ آيَاتِنَا عَجَبًا
    ئەسھابۇلكەھفنى ۋە رەقىم (يەنى ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغان تاختا) نى (بىزنىڭ قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئالامەتلىرىمىز ئىچىدىكى ئەڭھەيران قالارلىقى دەپ قارىدىڭمۇ؟

    ئەسھابۇلكەھفنى — تاختىغا ئىسمى يېزىلغانلارنى بىزنىڭ (قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىمىز ئىچىدىكى ئەڭ ھەيران قالارلىقى دەپ قارىدىڭمۇ؟ [9].

  10. (18-سۈرە كەھف، 10-ئايەت)
    إِذْ أَوَى الْفِتْيَةُ إِلَى الْكَهْفِ فَقَالُوا رَبَّنَا آتِنَا مِنْ لَدُنْكَ رَحْمَةً وَهَيِّئْ لَنَا مِنْ أَمْرِنَا رَشَدًا
    ئۆز ۋاقتىدا بىر قانچە يىگىت غارنى پاناھ جاي قىلىۋالدى، ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە رەھمەت خەزىنىلىرىڭدىن ئاتا قىلغىن، بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى تۈزەپ، بىزنى ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن قىلغىن» دېدى

    ئۆز ۋاقتىدا بىر قانچە يىگىت غارغا يوشۇرۇنۇپ: «ئى رەببىمىز! بىزگە ئۆز دەرگاھىڭدىن رەھمەت ئاتا قىلغىن، بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى تۈزەپ، بىزنى ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن قىلغىن» دېگەن ئىدى [10].

  11. (18-سۈرە كەھف، 11-ئايەت)
    فَضَرَبْنَا عَلَىٰ آذَانِهِمْ فِي الْكَهْفِ سِنِينَ عَدَدًا
    ئۇلارنى بىز غاردا ئۇزۇن يىللار ئۇخلىتىپ قويدۇق

    ئۇلارنى بىز غاردا ئۇزۇن يىللار ئۇخلىتىپ قويدۇق [11].

  12. (18-سۈرە كەھف، 12-ئايەت)
    ثُمَّ بَعَثْنَاهُمْ لِنَعْلَمَ أَيُّ الْحِزْبَيْنِ أَحْصَىٰ لِمَا لَبِثُوا أَمَدًا
    ئاندىن ئىككى گۇرۇھ (يەنى ئەسھابۇلكەھف ئىچىدىكى قانچىلىك ئۇخلىغانلىقلىرى ھەققىدە ئىختىلاپ قىلىشقان ئىككى گۇرۇھ) تىن قايسىسىنىڭ غاردا قانچىلىك ئۇزاق تۇرۇشقانلىرىنى ئىنچىكە ھېسابلايدىغانلىقىنى سىناش ئۈچۈن ئۇلارنى ئويغاتتۇق

    ئاندىن (ئەسھابۇلكەھف ئىچىدىكى) ئىككى گۇرۇھتىن قايسىسىنىڭ غاردا قانچىلىك ئۇزاق تۇرغانلىقىنى ئىنچىكە ھېسابلايدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن بىز ئۇلارنى ئويغاتتۇق [12].

  13. (18-سۈرە كەھف، 13-ئايەت)
    نَحْنُ نَقُصُّ عَلَيْكَ نَبَأَهُمْ بِالْحَقِّ ۚ إِنَّهُمْ فِتْيَةٌ آمَنُوا بِرَبِّهِمْ وَزِدْنَاهُمْ هُدًى
    بىز ساڭا ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى راستلىقى بىلەن ئېيتىپ بېرىمىز، ئۇلار ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتقان، بىز ھىدايەتنى زىيادە قىلغان يىگىتلەردۇر

    (ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا ئۇلارنىڭ ۋەقەلىكىنى ئەينەن ئېيتىپ بېرىمىز. ئۇلار ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتقان يىگىتلەر ئىدى. بىز ئۇلارنىڭ ھىدايىتىنى كۈچەيتكەن ئىدۇق [13].

  14. (18-سۈرە كەھف، 14-ئايەت)
    وَرَبَطْنَا عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ إِذْ قَامُوا فَقَالُوا رَبُّنَا رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ لَنْ نَدْعُوَ مِنْ دُونِهِ إِلَٰهًا ۖ لَقَدْ قُلْنَا إِذًا شَطَطًا
    ئۇلارنىڭ دىللىرىنى (يەنى ئىرادىسىنى) مۇستەھكەم قىلدۇق، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (ئىمانسىز زالىم پادىشاھ ئالدىدا) دەس تۇرۇپ ئېيتتى: «بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، بىز ئۇنى قويۇپ ھەرگىزمۇ باشقا ئىلاھقا ئىبادەت قىلمايمىز، ئەگەر بىز (ئاللاھنىڭ شېرىكى بار) دەيدىغان بولساق، بۇ چاغدا ھەقىقەتتىن تولىمۇ يىراقلاشقان بولىمىز

    بىز ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى مۇستەھكەم قىلغان ئىدۇق. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئېيتتى: «بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، بىز ئۇنى قويۇپ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدىن باشقىنى ئىلاھ دەپ ئاتىمايمىز، ئەگەر ئاتاپ قالساق، ھەقىقەتەن چېكىدىن ئاشقان سۆزنى قىلغان بولىمىز [14].

  15. (18-سۈرە كەھف، 15-ئايەت)
    هَٰؤُلَاءِ قَوْمُنَا اتَّخَذُوا مِنْ دُونِهِ آلِهَةً ۖ لَوْلَا يَأْتُونَ عَلَيْهِمْ بِسُلْطَانٍ بَيِّنٍ ۖ فَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا
    بىزنىڭ قەۋمىمىز ئاللاھنى قويۇپ (بۇتلارنى) ئىلاھ قىلىۋالدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىگە نېمىشقا ئېنىق دەلىل كەلتۈرمەيدۇ، ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان ئادەمدىنمۇ زالىم كىم بار؟»

    بىزنىڭ بۇ قەۋمىمىز ئاللاھتىن باشقىنى ئىلاھ قىلىۋالدى، ئۇلار نېمىشقا ئۆز ئېتىقادىنىڭ توغرىلىقىغا ئېنىق دەلىل كەلتۈرمەيدۇ؟ ئاللاھقا بوھتان چاپلىغان ئادەمدىنمۇ قەبىھ كىم بار؟» [15].

  16. (18-سۈرە كەھف، 16-ئايەت)
    وَإِذِ اعْتَزَلْتُمُوهُمْ وَمَا يَعْبُدُونَ إِلَّا اللَّهَ فَأْوُوا إِلَى الْكَهْفِ يَنْشُرْ لَكُمْ رَبُّكُمْ مِنْ رَحْمَتِهِ وَيُهَيِّئْ لَكُمْ مِنْ أَمْرِكُمْ مِرْفَقًا
    (ئى يىگىتلەر!) سىلەر ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىدىن ئايرىلغان ئىكەنسىلەر، غارنى پاناھ جاي قىلىڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە كەڭ رەھمەت قىلىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىشلىرىڭلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ

    (ئى يىگىتلەر!) سىلەر ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىدىن ئايرىلغان ئىكەنسىلەر، غارنى پاناھ جاي قىلىڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە ئۆز رەھمىتىنى كەڭ قىلىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىشلىرىڭلارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ [16].

  17. (18-سۈرە كەھف، 17-ئايەت)
    وَتَرَى الشَّمْسَ إِذَا طَلَعَتْ تَزَاوَرُ عَنْ كَهْفِهِمْ ذَاتَ الْيَمِينِ وَإِذَا غَرَبَتْ تَقْرِضُهُمْ ذَاتَ الشِّمَالِ وَهُمْ فِي فَجْوَةٍ مِنْهُ ۚ ذَٰلِكَ مِنْ آيَاتِ اللَّهِ ۗ مَنْ يَهْدِ اللَّهُ فَهُوَ الْمُهْتَدِ ۖ وَمَنْ يُضْلِلْ فَلَنْ تَجِدَ لَهُ وَلِيًّا مُرْشِدًا
    كۈن چىققان چاغدا ئۇلارنىڭ غارنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، كۈن پاتقان چاغدا ئۇلارنىڭ غارنىڭ شىمال تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈسەن (يەنى غارنىڭ ئىشىكى شىمال تەرەپتە بولغانلىقتىن كۈننىڭ نۇرى غارنىڭ ئىككى تەرىپىگە چۈشۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ھۆرمەتلىگەنلىكتىن، كۈن چىققاندىمۇ، پاتقاندىمۇ ئۇنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشمەيدۇ)، ئۇلار بولسا غارنىڭ (ئوتتۇرىسىدىكى) بوشلۇقتىدۇر، بۇ ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئالامەتلەردىندۇر، كىمنىكى ئاللاھ ھىدايەت قىلىدىكەن، ئۇ (ھەقىقىي) ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، كىمنىكى (قىلغان يامان ئەمەلى تۈپەيلىدىن) ئاللاھ ئازدۇرىدىكەن، ئۇنىڭغا يول كۆرسەتكۈچى دوستنى ھەرگىز تاپالمايسەن

    كۈن چىققان چاغدا، كۈننىڭ ئۇلار تۇرغان غارنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، كۈن پاتىدىغان چاغدا، كۈننىڭ غارنىڭ سول تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈسەن، ئۇلار بولسا غارنىڭ (ئوتتۇرىسىدىكى) بوشلۇقتىدۇر. بۇ ۋەقە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىدىن بىرىدۇر. ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلىدىكەن، ئۇ ھەقىقىي ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ كىمنى گۇمراھلىقىدا قويىدىكەن، سەن ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىدىغان يېقىن كىشىنى ھەرگىز تاپالمايسەن [17].

  18. (18-سۈرە كەھف، 18-ئايەت)
    وَتَحْسَبُهُمْ أَيْقَاظًا وَهُمْ رُقُودٌ ۚ وَنُقَلِّبُهُمْ ذَاتَ الْيَمِينِ وَذَاتَ الشِّمَالِ ۖ وَكَلْبُهُمْ بَاسِطٌ ذِرَاعَيْهِ بِالْوَصِيدِ ۚ لَوِ اطَّلَعْتَ عَلَيْهِمْ لَوَلَّيْتَ مِنْهُمْ فِرَارًا وَلَمُلِئْتَ مِنْهُمْ رُعْبًا
    (مۇبادا ئۇلارنى كۆرىدىغان بولساڭ، كۆزلىرىنىڭ ئوچۇقلۇقى ۋە ئۆرۈلۈپ تۇرىدىغانلىقتىن) ئۇلارنى ئويغاق دەپ ئويلايسەن. ھالبۇكى، ئۇلار ئۇيقۇدىدۇر، ئۇلارنى بىز ئوڭ ۋە سول تەرەپكە ئۆرۈپ تۇرىمىز. ئۇلارنىڭ ئىتى (غار) نىڭ بوسۇغىسىدا ئىككى پۇتىنى سوزۇپ ياتىدۇ، ئەگەر ئۇلارنى كۆرىدىغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ئۇلاردىن قاتتىق قورقۇپ، يۈز ئۆرۈپ چوقۇم قاچقان بولاتتىڭ

    (ئۇلارنى كۆرىدىغان بولساڭ) ئۇلارنى ئويغاق دەپ ئويلايسەن. ھالبۇكى، ئۇلار ئۇيقۇدىدۇر. ئۇلارنى بىز ئوڭ ۋە سول تەرەپكە ئۆرۈپ تۇرىمىز. ئۇلارنىڭ ئىتى غارنىڭ بوسۇغىسىدا ئىككى پۇتىنى سوزۇپ ياتىدۇ. ئەگەر ئۇلارنى كۆرىدىغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ئۇلاردىن قاتتىق قورقۇپ، چوقۇم ئارقاڭغا بۇرىلىپ قاچقان بولاتتىڭ [18].

  19. (18-سۈرە كەھف، 19-ئايەت)
    وَكَذَٰلِكَ بَعَثْنَاهُمْ لِيَتَسَاءَلُوا بَيْنَهُمْ ۚ قَالَ قَائِلٌ مِنْهُمْ كَمْ لَبِثْتُمْ ۖ قَالُوا لَبِثْنَا يَوْمًا أَوْ بَعْضَ يَوْمٍ ۚ قَالُوا رَبُّكُمْ أَعْلَمُ بِمَا لَبِثْتُمْ فَابْعَثُوا أَحَدَكُمْ بِوَرِقِكُمْ هَٰذِهِ إِلَى الْمَدِينَةِ فَلْيَنْظُرْ أَيُّهَا أَزْكَىٰ طَعَامًا فَلْيَأْتِكُمْ بِرِزْقٍ مِنْهُ وَلْيَتَلَطَّفْ وَلَا يُشْعِرَنَّ بِكُمْ أَحَدًا
    ئۇلارنى ئۇخلاتقىنىمىزدەك، (غاردا قانچىلىك تۇرغانلىقلىرىنى) ئۆز ئارا سوراشسۇن دەپ (ئۆلۈمگە ئوخشاش ئۇزاق ئۇيقۇدىن) ئۇلارنى ئويغاتتۇق، ئۇلارنىڭ بىرى «(بۇ غاردا) قانچە ئۇزۇن تۇردۇڭلار؟» دېدى. ئۇلار: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق» دېيىشتى. ئۇلارنىڭ (بەزىسى) دېدىكى، «قانچە ئۇزاق تۇرغانلىقىڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار ئوبدان بىلىدۇ (بۇنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ پايدىسى يوق، بىز ھازىر ئاچ)، بىرىڭلارنى بۇيرۇڭلار، بۇ تەڭگىلەرنى شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ، كىمنىڭ تامىقى ئەڭ پاكىز بولسا، ئۇنىڭدىن سىلەرگە سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەلسۇن، ئۇ (شەھەرگە كىرىشتە ۋە تاماق سېتىۋېلىشتا) ئېھتىيات قىلسۇن، سىلەرنى ھېچ كىشىگە تۇيدۇرمىسۇن

    شۇنىڭدەك ئۆزئارا سوراشسۇن دەپ ئۇلارنى ئويغاتتۇق، ئۇلارنىڭ بىرى «(بۇ غاردا) قانچە ئۇزاق تۇردۇڭلار؟» دېدى. ئۇلار: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق» دېيىشتى. ئۇلار دېدىكى، «قانچە ئۇزاق تۇرغانلىقىڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار ئوبدان بىلىدۇ، بىرىڭلارنى بۇيرۇڭلار، بۇ تەڭگىلەرنى شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ، قاراب بېقىپ، قايسى تاماق ئەڭ پاكىز بولسا شۇنىڭدىن سىلەرگە بىر ئاز ئېلىپ كەلسۇن. ئۇ ئاۋايلىسۇن، سىلەرنى ھېچ كىشىگە تۇيدۇرمىسۇن [19].

  20. (18-سۈرە كەھف، 20-ئايەت)
    إِنَّهُمْ إِنْ يَظْهَرُوا عَلَيْكُمْ يَرْجُمُوكُمْ أَوْ يُعِيدُوكُمْ فِي مِلَّتِهِمْ وَلَنْ تُفْلِحُوا إِذًا أَبَدًا
    ئەگەر شەھەردىكى كىشىلەر سىلەرنى تۇتۇۋالسا، سىلەرنى چالما - كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ ياكى سىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىغا كىرىشكە مەجبۇرلايدۇ، مۇنداقتا ھەرگىزمۇ مەقسىتىڭلارغا ئېرىشەلمەيسىلەر»

    ئەگەر شەھەردىكى كىشلەر سىلەرنى سىزىپ قالسا، سىلەرنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ ياكى سىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىغا كىرىشكە مەجبۇرلايدۇ، بۇ چاغدا سىلەر ھەرگىزمۇ مەقسىتىڭلارغا يېتەلمەيسىلەر» [20].

  21. (18-سۈرە كەھف، 21-ئايەت)
    وَكَذَٰلِكَ أَعْثَرْنَا عَلَيْهِمْ لِيَعْلَمُوا أَنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ وَأَنَّ السَّاعَةَ لَا رَيْبَ فِيهَا إِذْ يَتَنَازَعُونَ بَيْنَهُمْ أَمْرَهُمْ ۖ فَقَالُوا ابْنُوا عَلَيْهِمْ بُنْيَانًا ۖ رَبُّهُمْ أَعْلَمُ بِهِمْ ۚ قَالَ الَّذِينَ غَلَبُوا عَلَىٰ أَمْرِهِمْ لَنَتَّخِذَنَّ عَلَيْهِمْ مَسْجِدًا
    ئۇلارنى ئۇخلىتىپ ئويغاتقىنىمىزدەك، كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ (قايتا تىرىلدۈرۈش توغرىسىدىكى) ۋەدىسىنىڭ ھەقلىقىنى ۋە قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىدا شەك ـ شۈبھە يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلدۇق. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئىشى ئۈستىدە دەتالاش قىلىشتى، بەزى كىشىلەر: «(ئۇلارنىڭ يېنىغا ھېچ كىشىنىڭ كىرمەسلىكى ئۈچۈن) ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئەتراپىغا (يەنى غارنىڭ ئىشىكىگە) بىر تام ئېتىڭلار» دېدى. ئاللاھ ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئەھۋالىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ، گېپى ئۆتىدىغان باشلىقلار (يەنى پادىشاھ ۋە شەھەر كاتتىباشلىرى): «غارنىڭ ئەتراپىغا (يەنى غارنىڭ ئىشىكى ئالدىغا) ئەلۋەتتە بىر مەسجىد سالايلى» دېدى

    شۇنىڭدەك يەنە كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەقلىقىنى ۋە قىيامەتنىڭ شەك ـ شۈبھىسىز بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلدۇق. ئۆز ۋاقتىدا كىشىلەر ئەسھابۇلكەھف ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىش توغرىسىدا دەتالاش قىلىشقان ئىدى. بەزى كىشلەر: «ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئەتراپىغا بىر تام سېلىڭلار» دېدى، ئاللاھ ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئەھۋالىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ. گېپى ئۆتىدىغانلار: «غارنىڭ ئەتراپىغا چوقۇم بىر مەسجىد سالايلى» دېدى [21].

  22. (18-سۈرە كەھف، 22-ئايەت)
    سَيَقُولُونَ ثَلَاثَةٌ رَابِعُهُمْ كَلْبُهُمْ وَيَقُولُونَ خَمْسَةٌ سَادِسُهُمْ كَلْبُهُمْ رَجْمًا بِالْغَيْبِ ۖ وَيَقُولُونَ سَبْعَةٌ وَثَامِنُهُمْ كَلْبُهُمْ ۚ قُلْ رَبِّي أَعْلَمُ بِعِدَّتِهِمْ مَا يَعْلَمُهُمْ إِلَّا قَلِيلٌ ۗ فَلَا تُمَارِ فِيهِمْ إِلَّا مِرَاءً ظَاهِرًا وَلَا تَسْتَفْتِ فِيهِمْ مِنْهُمْ أَحَدًا
    ئۇلار (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى ناسارالار): «ئۇلار (يەنى ئەسھابۇلكەھف) ئۈچ بولۇپ، تۆتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ. بەزىلەر: «ئۇلار بەش بولۇپ، ئالتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ. بۇ پۈتۈنلەي ئاساسسىز، قارىسىغا (ئېيتىلغان سۆزدۇر). يەنە بەزىلەر: «ئۇلار يەتتە بولۇپ، سەككىزىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇلارنىڭ سانىنى پەرۋەردىگارىم ئوبدان بىلىدۇ، ئۇندىن باشقا ئازغىنا كىشىلەر بىلىدۇ». ئۇلار توغرىسىدا (ناسارالار بىلەن) پەقەت يۈزەگىنە مۇنازىرىلەشكىن (يەنى بۇ ھەقتە مۇنازىرىلەشكۈچىلەرنى تەستىقمۇ قىلمايدىغان، يالغانغىمۇ چىقارمايدىغان دەرىجىدە مۇنازىرىلەشكىن). ئۇلارنىڭ ھېچبىرىدىن ئەسھابۇلكەھف قىسسەسىنى سورىمىغىن

    بەزىلەر: «ئەسھابۇلكەھف ئۈچ بولۇپ، تۆتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، بەزىلەر: «ئۇلار بەش بولۇپ، ئالتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ. بۇ پۈتۈنلەي قارىسىغا ئېيتىلغان سۆزدۇر. يەنە بەزىلەر: «ئۇلار يەتتە بولۇپ، سەككىزىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، (ئى مۇھەممەد!) «ئۇلارنىڭ سانىنى پەرۋەردىگارىم ئوبدان بىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئازغىنا كىشىلەر بىلىدۇ» دېگىن. ئۇلار توغرىسىدا پەقەت يۈزەكىلا مۇنازىرىلەشكىن. ئۇلارنىڭ ھېچبىرىدىن ئەسھابۇلكەھف قىسسىسىنى سورىمىغىن [22].

  23. (18-سۈرە كەھف، 23-ئايەت)
    وَلَا تَقُولَنَّ لِشَيْءٍ إِنِّي فَاعِلٌ ذَٰلِكَ غَدًا
    سەن بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولساڭ، «ئەتە شۇ ئىشنى چوقۇم قىلىمەن» دېمەي

    سەن بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولساڭ، «ئەتە ئۇ ئىشنى چوقۇم قىلىمەن» دېمەي [23]

  24. (18-سۈرە كەھف، 24-ئايەت)
    إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ ۚ وَاذْكُرْ رَبَّكَ إِذَا نَسِيتَ وَقُلْ عَسَىٰ أَنْ يَهْدِيَنِ رَبِّي لِأَقْرَبَ مِنْ هَٰذَا رَشَدًا
    «خۇدا خالىسا» دېگەن سۆزنى قوشۇپ دېگىن (يەنى خۇدا خالىسا قىلىمەن دېگىن)، (خۇدا خالىسا دېگەن سۆزنى ئۇنتۇپ قالساڭ، پەرۋەردىگارىڭنى تىلغا ئالغىن (يەنى «خۇدا خالىسا» نى ئېسىڭگە كەلگەندە ئېيتقىن) ھەمدە: «پەرۋەردىگارىمنىڭ مېنى بۇنىڭدىنمۇ يېقىن توغرا يولغا باشلىشىنى (يەنى دىنىم، دۇنيايىمدا مېنى ئەڭ دۇرۇس ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى) ئۈمىد قىلىمەن» دېگىن

    «ئاللاھ خالىسا» دېگەن سۆزنى قوشۇپ دېگىن؛ ئەگەر ئۇنتۇپ قالساڭ، (ئېسىڭگە كەلگەندە) پەرۋەردىگارىڭنى ياد ئەتكىن ھەمدە: «پەرۋەردىگارىمنىڭ مېنى بۇنىڭدىنمۇ يېقىن توغرا يولغا باشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگىن [24].

    !
  25. (18-سۈرە كەھف، 25-ئايەت)
    وَلَبِثُوا فِي كَهْفِهِمْ ثَلَاثَ مِائَةٍ سِنِينَ وَازْدَادُوا تِسْعًا
    ئۇلار (يەنى ئەسھابۇلكەھف) ئۆز غارىدا ئۈچيۈز توققۇز يىل تۇردى

    (بەزىلەر) ئۇلار ئۆز غارىدا ئۈچيۈز يىل تۇردى (دەيدۇ)، (بەزىلەر) ئۈچ يۈز توققۇز يىل تۇردى (دەيدۇ) [25].

  26. (18-سۈرە كەھف، 26-ئايەت)
    قُلِ اللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا لَبِثُوا ۖ لَهُ غَيْبُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ أَبْصِرْ بِهِ وَأَسْمِعْ ۚ مَا لَهُمْ مِنْ دُونِهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا يُشْرِكُ فِي حُكْمِهِ أَحَدًا
    ئېيتقىنكى، «ئۇلارنىڭ تۇرغان ۋاقتىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى غەيبنى (بىلىش) ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ كۆرۈشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! ئاللاھنىڭ ئاڭلىشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! ئۇلارغا ئاللاھتىن بۆلەك ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ، ئاللاھ ئۆز ھۆكمىدە ھېچ كىشىنى شېرىك قىلمايدۇ»

    ئېيىتقىنكى، «ئۇلارنىڭ تۇرغان ۋاقتىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى غەيبنى بىلىش ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ كۆرۈشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! ئاللاھنىڭ ئاڭلىشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! ئۇلارغا ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ياردەمچى بولمايدۇ، ئاللاھ ئۆز ھۆكمىگە ھېچ كىشىنى شېرىك قىلمايدۇ» [26].

  27. (18-سۈرە كەھف، 27-ئايەت)
    وَاتْلُ مَا أُوحِيَ إِلَيْكَ مِنْ كِتَابِ رَبِّكَ ۖ لَا مُبَدِّلَ لِكَلِمَاتِهِ وَلَنْ تَجِدَ مِنْ دُونِهِ مُلْتَحَدًا
    (ئى مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ كىتابىدىن ساڭا ۋەھىي قىلىنغاننى ئوقۇغىن، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ھېچ كىشى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، سەن ھەرگىزمۇ ئاللاھتىن بۆلەك ئىلتىجاگاھ تاپالمايسەن

    (ئى مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ كىتابىدىن ئىبارەت ساڭا قىلىنغان ۋەھيىنى ئوقۇغىن. ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ھېچ كىشى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، سەن ھەرگىزمۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن باشقا پاناھ جاي تاپالمايسەن [27].

  28. (18-سۈرە كەھف، 28-ئايەت)
    وَاصْبِرْ نَفْسَكَ مَعَ الَّذِينَ يَدْعُونَ رَبَّهُمْ بِالْغَدَاةِ وَالْعَشِيِّ يُرِيدُونَ وَجْهَهُ ۖ وَلَا تَعْدُ عَيْنَاكَ عَنْهُمْ تُرِيدُ زِينَةَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَلَا تُطِعْ مَنْ أَغْفَلْنَا قَلْبَهُ عَنْ ذِكْرِنَا وَاتَّبَعَ هَوَاهُ وَكَانَ أَمْرُهُ فُرُطًا
    سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغانلار بىلەن سەۋرچان بولغان ھالدا بىللە بولغىن، ھاياتى دۇنيانىڭ زىبۇ - زىننىتىنى دەپ، ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي قالمىغىن، بىز دىلىنى زىكرىمىزدىن غەپلەتتە قالدۇرغان، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن، داۋاملىق ئاشقۇنلۇق قىلىدىغان ئادەمگە ئەگەشمىگىن

    سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئەتىگەن ـ ئاخشامدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغانلار بىلەن كۆڭلۈڭنى توختاتقىن؛ دۇنيا ھاياتىنىڭ زىبۇ-زىننىتى (يەنى دۇنيانىڭ شان-شەرىپى) نى دەپ، ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي قالمىغىن. بىز دىلىنى زىكرىمىزدىن غەپلەتتە قالدۇرغان، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن، ئىشى ھەددىدىن ئاشقان ئادەمگە ئەگەشمىگىن [28].

  29. (18-سۈرە كەھف، 29-ئايەت)
    وَقُلِ الْحَقُّ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ فَمَنْ شَاءَ فَلْيُؤْمِنْ وَمَنْ شَاءَ فَلْيَكْفُرْ ۚ إِنَّا أَعْتَدْنَا لِلظَّالِمِينَ نَارًا أَحَاطَ بِهِمْ سُرَادِقُهَا ۚ وَإِنْ يَسْتَغِيثُوا يُغَاثُوا بِمَاءٍ كَالْمُهْلِ يَشْوِي الْوُجُوهَ ۚ بِئْسَ الشَّرَابُ وَسَاءَتْ مُرْتَفَقًا
    (ئى مۇھەممەد!) «(بۇ) ھەق (قۇرئان) پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نازىل بولىدۇ، خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان ئادەم كاپىر بولسۇن» دېگىن، بىز ھەقىقەتەن كاپىرلار ئۈچۈن تۈتۈن پەردىلىرى ئۇلارنى ئورىۋالىدىغان ئوتنى تەييارلىدۇق، ئۇلار (تەشنالىقتىن) سۇ تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشاش، يۈزلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان (ناھايىتى قىزىق) سۇ بېرىلىدۇ، بۇ نېمىدېگەن يامان شاراب! جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!

    (ئى مۇھەممەد!) «بۇ قۇرئان پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نازىل بولغان ھەقىقەتتۇر. قېنى، خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن، خالىغان ئادەم كافىر بولسۇن» دېگىن. بىز ھەقىقەتەن كافىرلار ئۈچۈن تۈتۈن پەردىلىرى ئۇلارنى ئورىۋالىدىغان ئوتنى تەييارلىدۇق. ئۇلار سۇ تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا قىزىتىلغان ياغقا ئوخشاش، يۈزلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدىغان ناھايىتى قىزىق سۇ بېرىلىدۇ. بۇ نېمىدېگەن يامان شاراب! جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي! [29].

  30. (18-سۈرە كەھف، 30-ئايەت)
    إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ إِنَّا لَا نُضِيعُ أَجْرَ مَنْ أَحْسَنَ عَمَلًا
    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كېلىدىغان بولساق، بىز ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنى ھەقىقەتەن يوققا چىقىرىۋەتمەيمىز

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كېلىدىغان بولساق، بىز ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنى ھەقىقەتەن يوققا چىقىرىۋەتمەيمىز [30].

  31. (18-سۈرە كەھف، 31-ئايەت)
    أُولَٰئِكَ لَهُمْ جَنَّاتُ عَدْنٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهِمُ الْأَنْهَارُ يُحَلَّوْنَ فِيهَا مِنْ أَسَاوِرَ مِنْ ذَهَبٍ وَيَلْبَسُونَ ثِيَابًا خُضْرًا مِنْ سُنْدُسٍ وَإِسْتَبْرَقٍ مُتَّكِئِينَ فِيهَا عَلَى الْأَرَائِكِ ۚ نِعْمَ الثَّوَابُ وَحَسُنَتْ مُرْتَفَقًا
    ئەنە شۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۇلار دائىم تۇرىدىغان جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، جەننەتتە ئۇلار ئالتۇن بىلەيزۈكلەرنى سالىدۇ، نېپىز ۋە قېلىن يىپەكتىن ئىشلەنگەن يېشىل كىيىملەرنى كىيىدۇ. (ئالتۇن ۋە ئېسىل رەختلەر بىلەن قاپلانغان) تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. بۇ نېمىدېگەن ياخشى مۇكاپات! جەننەت نېمىدېگەن گۈزەل جاي!

    ئەنە شۇلار ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۆزلىرى دائىم تۇرىدىغان ئەدنى جەننەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. جەننەتتە ئۇلار ئالتۇن بىلەيزۈكلەرنى سالىدۇ، نېپىز ۋە قېلىن يىپەكتىن ئىشلەنگەن يېشىل كىيىملەرنى كىيىدۇ، تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. بۇ نېمىدېگەن ياخشى مۇكاپات! جەننەت نېمىدېگەن گۈزەل جاي [31]

  32. (18-سۈرە كەھف، 32-ئايەت)
    وَاضْرِبْ لَهُمْ مَثَلًا رَجُلَيْنِ جَعَلْنَا لِأَحَدِهِمَا جَنَّتَيْنِ مِنْ أَعْنَابٍ وَحَفَفْنَاهُمَا بِنَخْلٍ وَجَعَلْنَا بَيْنَهُمَا زَرْعًا
    ئۇلارغا مۇنداق (بىرى مۆمىن، بىرى كاپىر بولغان) ئىككى ئادەمنى مىسال قىلىپ كەلتۈرگىن: ئۇلارنىڭ بىرىگە (يەنى كاپىرغا) بىز ئەتراپى خورمىزارلىق، (ئىككى باغنىڭ) ئوتتۇرىسى ئېكىنزارلىق بولغان تاللىق ئىككى باغ ئاتا قىلدۇق

    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا مۇنداق ئىككى ئادەمنى مىسال قىلىپ كەلتۈرگىن: ئۇلارنىڭ بىرىگە بىز ئەتراپى خورمىزارلىق، ئوتتۇرىسىدا ئېكىنزارلىق بولغان تاللىق ئىككى باغ ئاتا قىلدۇق [32].

  33. (18-سۈرە كەھف، 33-ئايەت)
    كِلْتَا الْجَنَّتَيْنِ آتَتْ أُكُلَهَا وَلَمْ تَظْلِمْ مِنْهُ شَيْئًا ۚ وَفَجَّرْنَا خِلَالَهُمَا نَهَرًا
    ھەر ئىككىلىسى كەم ـ كۈتىسىز، تولۇق مېۋە بېرىدىغان باغلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئېقىپ تۇرىدىغان ئۆستەڭنى بەرپا قىلدۇق

    ھەر ئىككىلىسى كەم ـ كوتىسىز، تولۇق مېۋە بېرىدىغان باغلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئېقىپ تۇرىدىغان ئۆستەڭنى بەرپا قىلدۇق [33].

  34. (18-سۈرە كەھف، 34-ئايەت)
    وَكَانَ لَهُ ثَمَرٌ فَقَالَ لِصَاحِبِهِ وَهُوَ يُحَاوِرُهُ أَنَا أَكْثَرُ مِنْكَ مَالًا وَأَعَزُّ نَفَرًا
    ئۇ (يەنى باغ ئىگىسى) نۇرغۇن مال ـ مۈلۈككە ئىگە ئىدى، ئۇ بۇرادىرىگە پەخىرلىنىپ: « مەن سەندىن باي، ئادەملىرىم (يەنى خىزمەتچىلىرىم، بالىلىرىم، ياردەمچىلىرىم) سېنىڭدىن كۆپ» دېدى

    باغ ئىگىسى نۇرغۇن مەھسۇلاتقا ئىگە ئىدى، ئۇ بۇرادىرى بىلەن سۆزلىشىۋېتىپ: «مەن سەندىن باي، ئادەملىرىم سېنىڭدىن كۆپ» دېدى [34].

  35. (18-سۈرە كەھف، 35-ئايەت)
    وَدَخَلَ جَنَّتَهُ وَهُوَ ظَالِمٌ لِنَفْسِهِ قَالَ مَا أَظُنُّ أَنْ تَبِيدَ هَٰذِهِ أَبَدًا
    ئۇ (مۆمىن بۇرادىرىنى يېتىلەپ) بېغىغا كىرىپ (كۇفرىلىق قىلىش بىلەن) ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ھالدا ئېيتتى: «بۇ باغ مەڭگۈ يوقالمايدۇ دەپ ئويلايمەن

    ئۇ بېغىغا كىرىپ كۆرەڭلىگەن ھالدا ئېيتتى: «بۇ باغ مەڭگۈ يوقالمايدۇ دەپ ئويلايمەن [35].

  36. (18-سۈرە كەھف، 36-ئايەت)
    وَمَا أَظُنُّ السَّاعَةَ قَائِمَةً وَلَئِنْ رُدِدْتُ إِلَىٰ رَبِّي لَأَجِدَنَّ خَيْرًا مِنْهَا مُنْقَلَبًا
    شۇنىڭدەك قىيامەت بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ (يەنى قىيامەت بولغاندىمۇ) ئەلۋەتتە بۇ باغدىن ياخشىراق جاينى تاپىمەن»

    شۇنىڭدەك قىيامەتمۇ بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن، ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ، چوقۇم بۇ باغدىنمۇ ياخشىراق جاينى تاپالايمەن» [36].

  37. (18-سۈرە كەھف، 37-ئايەت)
    قَالَ لَهُ صَاحِبُهُ وَهُوَ يُحَاوِرُهُ أَكَفَرْتَ بِالَّذِي خَلَقَكَ مِنْ تُرَابٍ ثُمَّ مِنْ نُطْفَةٍ ثُمَّ سَوَّاكَ رَجُلًا
    ئۇنىڭغا (مۆمىن) بۇرادىرى مۇنازىرىلەشكەن ھالدا ئېيتتى: «سېنى (ئەسلىدە) تۇپراقتىن، ئاندىن ئابىمەنىيدىن يارىتىپ، ئاندىن سېنى راۋۇرۇس ئىنسان قىلغان زاتنى ئىنكار قىلامسەن؟

    ئۇنىڭغا بۇرادىرى مۇنازىرىلەشكەن ھالدا ئېيتتى: «سېنى تۇپراقتىن، ئاندىن ئابىمەنىيدىن يارىتىپ، ئاندىن سېنى راۋۇرۇس بىر ئەر قىلغان زاتنى ئىنكار قىلامسەن؟ [37]

  38. (18-سۈرە كەھف، 38-ئايەت)
    لَٰكِنَّا هُوَ اللَّهُ رَبِّي وَلَا أُشْرِكُ بِرَبِّي أَحَدًا
    لېكىن مەن پەرۋەردىگارىم بولغان ئۇ ئاللاھنى (ئېتىراپ قىلىمەن)، پەرۋەردىگارىمغا ھېچ ئەھەدىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن

    لېكىن، مەن ئۇ ئاللاھنى پەرۋەردىگارىم دەيمەن، پەرۋەردىگارىمغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيمەن [38]؛

  39. (18-سۈرە كەھف، 39-ئايەت)
    وَلَوْلَا إِذْ دَخَلْتَ جَنَّتَكَ قُلْتَ مَا شَاءَ اللَّهُ لَا قُوَّةَ إِلَّا بِاللَّهِ ۚ إِنْ تَرَنِ أَنَا أَقَلَّ مِنْكَ مَالًا وَوَلَدًا
    سەن بېغىڭغا كىرگەن چېغىڭدا: ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ، دېسەڭچۇ! سېنىڭ قارىشىڭچە، مېنىڭ مېلىم ۋە ئەۋلادىم سېنىڭدىن ئاز بولسىمۇ

    سەن بېغىڭغا كىرگەن چېغىڭدا: «ئاللاھنىڭ خالىغىنى بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ» دېسەڭچۇ! سېنىڭ قارىشىڭچە، مېنىڭ مېلىم ۋە ئەۋلادىم سېنىڭكىدىن ئاز بولسىمۇ [39]،

  40. (18-سۈرە كەھف، 40-ئايەت)
    فَعَسَىٰ رَبِّي أَنْ يُؤْتِيَنِ خَيْرًا مِنْ جَنَّتِكَ وَيُرْسِلَ عَلَيْهَا حُسْبَانًا مِنَ السَّمَاءِ فَتُصْبِحَ صَعِيدًا زَلَقًا
    ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىم ماڭا سېنىڭ بېغىڭدىن ياخشىراق نەرسە ئاتا قىلغاي. بېغىڭغا ئاسماندىن بىر ئاپەت يۈزلەندۈرۈش بىلەن بېغىڭ تۈپتۈز قاقاس يەرگە ئايلىنىپ قالغاي

    پەرۋەردىگارىم ماڭا سېنىڭ بېغىڭدىن ياخشىراق نەرسە ئاتا قىلىشى، سېنىڭ بېغىڭغا بولسا ئاسماندىن بىر ئاپەت يۈزلەندۈرۈش بىلەن بېغىڭ تۈپتۈز قاقاس يەرگە ئايلىنىپ كېتىشى [40]،

  41. (18-سۈرە كەھف، 41-ئايەت)
    أَوْ يُصْبِحَ مَاؤُهَا غَوْرًا فَلَنْ تَسْتَطِيعَ لَهُ طَلَبًا
    ياكى ئۇنىڭ سۈيى سىڭىپ كېتىپ ئۇنى ئىزدەش (يەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش) سېنىڭ قولۇڭدىن كەلمىگەي»

    ياكى ئۇنىڭ سۈيى سىڭىپ كېتىپ، ئۇنى ئىزدەپ تېپىش سېنىڭ قولۇڭدىن كەلمەسلىكى مۇمكىن» [41].

  42. (18-سۈرە كەھف، 42-ئايەت)
    وَأُحِيطَ بِثَمَرِهِ فَأَصْبَحَ يُقَلِّبُ كَفَّيْهِ عَلَىٰ مَا أَنْفَقَ فِيهَا وَهِيَ خَاوِيَةٌ عَلَىٰ عُرُوشِهَا وَيَقُولُ يَا لَيْتَنِي لَمْ أُشْرِكْ بِرَبِّي أَحَدًا
    ئۇنىڭ مېۋىلىرى (يەنى بېغى) ۋەيران بولدى، ئۈزۈم بىدىشلىرى يەرگە يىقىلدى، ئۇ باغقا سەرپ قىلغان چىقىملىرىغا (ھەسرەت چېكىپ) ئىككى ئالقىنىنى ئۇۋۇلىغىلى تۇردى ھەمدە ئۇ: «مەن پەرۋەردىگارىمغا ھېچ ئەھەدىنى شېرىك كەلتۈرمىسەمچۇ» دېدى

    ئۇنىڭ مېۋىلىرى (يەنى بېغى) ۋەيران بولدى، تېلىنىڭ بىدىشلىرى يەرگە يىقىلدى، ئۇ باغقا سەرپ قىلغان چىقىملىرىغا چىدىماي ئىككى ئالقىنىنى ئۇۋۇلىغىلى تۇردى ھەمدە ئۇ: «مەن پەرۋەردىگارىمغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىگەن بولسامچۇ» دەپ كەتتى [42].

  43. (18-سۈرە كەھف، 43-ئايەت)
    وَلَمْ تَكُنْ لَهُ فِئَةٌ يَنْصُرُونَهُ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَمَا كَانَ مُنْتَصِرًا
    ئۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا ياردەم قىلىدىغان (يەنى ئۇنىڭدىن بۇ بالانى دەپئى قىلىدىغان) ھېچ جامائە بولمىدى، ئۆزىگىمۇ ئۆزى ياردەم قىلالمىدى

    ئۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا ياردەم قىلىدىغان ھېچ جامائە بولمىدى، ئۆزىمۇ ئۆزىگە ياردەم قىلالمىدى [43].

  44. (18-سۈرە كەھف، 44-ئايەت)
    هُنَالِكَ الْوَلَايَةُ لِلَّهِ الْحَقِّ ۚ هُوَ خَيْرٌ ثَوَابًا وَخَيْرٌ عُقْبًا
    بۇ يەردە (يەنى مۇنداق ھالەتتە) مەدەتكار بولۇش پەقەت بەرھەق ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ (ئۆزىگە ئىمان ئېيتقۇچىلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) ياخشى مۇكاپات بەرگۈچىدۇر، (ئۇنىڭغا يۆلەنگەن ۋە ئۇنى ئۈمىد قىلغانلارنىڭ) ئاقىۋىتىنى ياخشى قىلغۇچىدۇر

    بۇنداق ھالەتتە مەدەتكار بولۇش پەقەت ھەقىقىي ئىلاھ بولغان ئاللاھقىلا خاستۇر. ئاللاھ (ئۆزىگە ئىمان ئېيتقۇچىلارغا) ياخشى مۇكاپات بەرگۈچىدۇر، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ياخشى قىلغۇچىدۇر [44].

  45. (18-سۈرە كەھف، 45-ئايەت)
    وَاضْرِبْ لَهُمْ مَثَلَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا كَمَاءٍ أَنْزَلْنَاهُ مِنَ السَّمَاءِ فَاخْتَلَطَ بِهِ نَبَاتُ الْأَرْضِ فَأَصْبَحَ هَشِيمًا تَذْرُوهُ الرِّيَاحُ ۗ وَكَانَ اللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ مُقْتَدِرًا
    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا (يەنى كىشىلەرگە) دۇنيا تىرىكچىلىكى ھەققىدە مۇنداق مىسالنى كەلتۈرگىن: (ئۇ شۇنىڭغا) ئوخشايدۇكى، بىز ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردۇق، شۇ سۇ بىلەن زېمىننىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بىر ـ بىرىگە چىرمىشىپ بولۇق ئۆستى، كېيىن ئۇ قۇرۇپ تۆكۈلدى، شاماللار ئۇنى (تەرەپ ـ تەرەپكە) ئۇچۇرۇپ كەتتى، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر

    (ئى مۇھەممەد!) كىشىلەرگە دۇنيا تىرىكچىلىكى ھەققىدە مۇنداق مىسالنى كەلتۈرگىن: بىز ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردۇق، شۇ يامغۇر بىلەن زېمىننىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بىر ـ بىرىگە چىرمىشىپ بولۇق ئۆستى، كېيىن ئۇ قۇرۇپ تۆكۈلدى، بوران ئۇنى ئۇچۇرۇپ كەتتى. دۇنيا تىرىكچىلىكى ئەنە شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر [45].

  46. (18-سۈرە كەھف، 46-ئايەت)
    الْمَالُ وَالْبَنُونَ زِينَةُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَالْبَاقِيَاتُ الصَّالِحَاتُ خَيْرٌ عِنْدَ رَبِّكَ ثَوَابًا وَخَيْرٌ أَمَلًا
    ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر، باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ساۋابى پەرۋەردىگارىڭنىڭ نەزىرىدە تېخىمۇ ياخشىدۇر. ئۈمىد تېخىمۇ چوڭدۇر

    پۇل-ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر. مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان ياخشى ئەمەللەر پەرۋەردىگارىڭنىڭ نەزىرىدە ساۋاب ۋە ئۈمىد جەھەتتە تېخىمۇ ياخشىدۇر [46].

  47. (18-سۈرە كەھف، 47-ئايەت)
    وَيَوْمَ نُسَيِّرُ الْجِبَالَ وَتَرَى الْأَرْضَ بَارِزَةً وَحَشَرْنَاهُمْ فَلَمْ نُغَادِرْ مِنْهُمْ أَحَدًا
    ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) بىز تاغلارنى يوق قىلىمىز، زېمىننى ئوچۇق، تۈپتۈز كۆرىسەن (يەنى ئۇنى توسۇپ تۇرىدىغان تاغ، دەرەخ، بىنالار بولمايدۇ)، ئۇلارنى (يەنى ئىنسانلارنى) (مەھشەرگاھقا) يىغىمىز، ئۇلاردىن بىر كىشىنىمۇ قالدۇرۇپ قويمايمىز

    قىيامەت كۈنىدە بىز تاغلارنى يوق قىلىمىز، زېمىننىڭ تاپتاقىر بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرىسەن. بىز ئىنسانلارنى مەھشەرگاھقا يىغىمىز، ئۇلاردىن بىر كىشىنىمۇ قالدۇرۇپ قويمايمىز [47].

  48. (18-سۈرە كەھف، 48-ئايەت)
    وَعُرِضُوا عَلَىٰ رَبِّكَ صَفًّا لَقَدْ جِئْتُمُونَا كَمَا خَلَقْنَاكُمْ أَوَّلَ مَرَّةٍ ۚ بَلْ زَعَمْتُمْ أَلَّنْ نَجْعَلَ لَكُمْ مَوْعِدًا
    ئۇلار (يەنى جىمى خالايىق) سەپ ـ سەپ بولۇشۇپ پەرۋەردىگارىڭغا توغرىلىنىدۇ، (كاپىرلارغا) «سىلەر بىزنىڭ ئالدىمىزغا سىلەرنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالەتتە (مالسىز، بالىسىز، يالىڭاچ) كەلدىڭلار، بەلكى سىلەر، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان چاغنى بېكىتمەيدۇ، دەپ ئويلىغانسىلەر (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، ھېساپ بېرىش، جازاغا تارتىلىش يوق دەپ ئويلىغانسىلەر)» دەيمىز

    ئۇلار سەپ ـ سەپ بولۇپ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈلىدۇ، (شۇ چاغدا كافىرلارغا دېيىلىدۇ) «سىلەر بىزنىڭ ئالدىمىزغا بىز سىلەرنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق شۇ ھالەتتە كەلدىڭلار، ئەمەلىيەتتە سىلەر پەرۋەردىگارىمىز بىزنىڭ تىرىلىدىغان ۋاقتىمىزنى بېكىتمەيدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدىڭلار» [48].

  49. (18-سۈرە كەھف، 49-ئايەت)
    وَوُضِعَ الْكِتَابُ فَتَرَى الْمُجْرِمِينَ مُشْفِقِينَ مِمَّا فِيهِ وَيَقُولُونَ يَا وَيْلَتَنَا مَالِ هَٰذَا الْكِتَابِ لَا يُغَادِرُ صَغِيرَةً وَلَا كَبِيرَةً إِلَّا أَحْصَاهَا ۚ وَوَجَدُوا مَا عَمِلُوا حَاضِرًا ۗ وَلَا يَظْلِمُ رَبُّكَ أَحَدًا
    كىشىلەرنىڭ نامە ـ ئەمالى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، گۇناھكارلارنىڭ ئۇنىڭدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار: «ۋاي بىزگە! بۇ نامە ـ ئەمالغا چوڭ ـ كىچىك گۇناھنىڭ ھەممىسى خاتىرىلىنىپتىغۇ؟ » دەيدۇ، ئۇلار قىلغان ـ ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامە ـ ئەمالىغا خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھېچ ئادەمگە زۇلۇم قىلمايدۇ

    كىشىلەرنىڭ نامە ـ ئەمالى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، گۇناھكارلارنىڭ ئۇنىڭدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! بۇ نامە ـ ئەمالغا چوڭ ـ كىچىك ئىشنىڭ ھەممىسى چالا قالماي خاتىرىلىنىپتىغۇ؟» دەيدۇ. ئۇلار قىلغان ـ ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامە ـ ئەمالغا خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ. پەرۋەردىگارىڭ ھېچ ئادەمگە ئۇۋال قىلمايدۇ [49].

  50. (18-سۈرە كەھف، 50-ئايەت)
    وَإِذْ قُلْنَا لِلْمَلَائِكَةِ اسْجُدُوا لِآدَمَ فَسَجَدُوا إِلَّا إِبْلِيسَ كَانَ مِنَ الْجِنِّ فَفَسَقَ عَنْ أَمْرِ رَبِّهِ ۗ أَفَتَتَّخِذُونَهُ وَذُرِّيَّتَهُ أَوْلِيَاءَ مِنْ دُونِي وَهُمْ لَكُمْ عَدُوٌّ ۚ بِئْسَ لِلظَّالِمِينَ بَدَلًا
    ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس جىنلاردىن ئىدى. شۇڭا ئۇ (سەجدە قىلمىغانلىقتىن) پەرۋەردىگارىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقتى. مېنى قويۇپ ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنى دوست قىلىۋالامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇلار سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئىبلىس زالىملار ئۈچۈن نېمىدېگەن يامان بەدەل! (يەنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئورنىغا شەيتانغا چوقۇنۇش نېمىدېگەن يامان!)

    ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى. ئىبلىس جىنلاردىن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ ئىتائىتىدىن چىقتى. مېنى قويۇپ ئىبلىسنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادىنى دوست قىلىۋالامسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇلار سىلەرگە دۈشمەندۇر. ئىبلىسنى دوستلۇققا تاللاش زالىملار ئۈچۈن نېمىدېگەن يامان! [50].

  51. (18-سۈرە كەھف، 51-ئايەت)
    مَا أَشْهَدْتُهُمْ خَلْقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَلَا خَلْقَ أَنْفُسِهِمْ وَمَا كُنْتُ مُتَّخِذَ الْمُضِلِّينَ عَضُدًا
    ئۇلار (يەنى شەيتانلار) غا ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىنىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يارىتىلىشىنىمۇ كۆرسەتكىنىم يوق (يەنى مەزكۇرلارنى خەلق ئەتكەن چېغىمدا ئۇلارنى ھازىر قىلغىنىم يوق)، (كىشىلەرنى) ئازدۇرغۇچىلارنى ياردەمچى قىلىۋالغىنىممۇ يوق

    ئۇلار (يەنى شەيتانلار) غا ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىنىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يارىتىلىشىنىمۇ كۆرسەتكىنىم يوق، ئازدۇرغۇچىلارنى ياردەمچى قىلىۋالغىنىممۇ يوق [51].

  52. (18-سۈرە كەھف، 52-ئايەت)
    وَيَوْمَ يَقُولُ نَادُوا شُرَكَائِيَ الَّذِينَ زَعَمْتُمْ فَدَعَوْهُمْ فَلَمْ يَسْتَجِيبُوا لَهُمْ وَجَعَلْنَا بَيْنَهُمْ مَوْبِقًا
    شۇ كۈندە ئاللاھ (ئۇلارغا) ئېيتىدۇ: «سىلەر مېنىڭ شېرىكلىرىم دەپ ئويلىغىنىڭلارنى چاقىرىڭلار». ئۇلار چاقىرىدۇ، لېكىن ئۇلار (نىڭ شېرىكلىرى) جاۋاب بېرەلمەيدۇ، بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (ئۇلار ئۆتەلمەيدىغان) ھالاكەتلىك جاينى پەيدا قىلدۇق

    شۇ كۈندە ئاللاھ ئېيتىدۇ: (ئى مۇشرىكلار!) سىلەر ماڭا شېرىك قىلىۋالغان نەرسەڭلارنى چاقىرىڭلار. ئۇلار چاقىرىدۇ، لېكىن ئۇ نەرسىلەر جاۋاب بېرەلمەيدۇ، بىز ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھالاكەتلىك جاينى پەيدا قىلىمىز [52].

  53. (18-سۈرە كەھف، 53-ئايەت)
    وَرَأَى الْمُجْرِمُونَ النَّارَ فَظَنُّوا أَنَّهُمْ مُوَاقِعُوهَا وَلَمْ يَجِدُوا عَنْهَا مَصْرِفًا
    گۇناھكارلار دوزاخنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا كىرىدىغانلىقىغا جەزم قىلىدۇ، دوزاختىن قاچىدىغان جاي تاپالمايدۇ

    گۇناھكارلار دوزاخنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا كىرىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىدۇ، دوزاختىن قاچىدىغان جاي تاپالمايدۇ [53].

  54. (18-سۈرە كەھف، 54-ئايەت)
    وَلَقَدْ صَرَّفْنَا فِي هَٰذَا الْقُرْآنِ لِلنَّاسِ مِنْ كُلِّ مَثَلٍ ۚ وَكَانَ الْإِنْسَانُ أَكْثَرَ شَيْءٍ جَدَلًا
    بۇ قۇرئاندا ئىنسانلارغا تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق. ئىنسان كۆپ دەتالاش قىلىدۇ (يەنى كۆپ جېدەللىشىش ئىنساننىڭ تەبىئىتىدۇر)

    بىز ھەقىقەتەن بۇ قۇرئاندا ئىنسانلارغا تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق. كۆپ جېدەللىشىش ئىنساننىڭ تەبىئىتىدۇر [54].

  55. (18-سۈرە كەھف، 55-ئايەت)
    وَمَا مَنَعَ النَّاسَ أَنْ يُؤْمِنُوا إِذْ جَاءَهُمُ الْهُدَىٰ وَيَسْتَغْفِرُوا رَبَّهُمْ إِلَّا أَنْ تَأْتِيَهُمْ سُنَّةُ الْأَوَّلِينَ أَوْ يَأْتِيَهُمُ الْعَذَابُ قُبُلًا
    ئىنسانلارغا ھىدايەت كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتماسلىقلىرى ۋە پەرۋەردىگارىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلماسلىقلىرى پەقەت (ئاللاھنىڭ) بۇرۇنقىلارغا تۇتقان يولىنى (يەنى ھالاك قىلىشنى كۈتىدىغانلىقلىرى) ياكى ئۆزلىرىگە كېلىدىغان ئازابنى كۆزلىرى بىلەن كۆرۈشنى (كۈتىدىغانلىقلىرى) ئۈچۈندۇر

    ئىنسانلارغا قۇرئان كەلگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتماسلىقى ۋە پەرۋەردىگارىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلماسلىقى پەقەت ئاللاھنىڭ بۇرۇنقىلارغا تۇتقان يولىنىڭ ئۆزلىرىگە كېلىشى ياكى ئۆزلىرىگە كېلىدىغان ئازابنى كۆزلىرى بىلەن كۆرۈش ئۈچۈندۇر [55].

  56. (18-سۈرە كەھف، 56-ئايەت)
    وَمَا نُرْسِلُ الْمُرْسَلِينَ إِلَّا مُبَشِّرِينَ وَمُنْذِرِينَ ۚ وَيُجَادِلُ الَّذِينَ كَفَرُوا بِالْبَاطِلِ لِيُدْحِضُوا بِهِ الْحَقَّ ۖ وَاتَّخَذُوا آيَاتِي وَمَا أُنْذِرُوا هُزُوًا
    بىز پەيغەمبەرلەرنى پەقەت (ئىمان ئېيتقۇچىلارغا) خوشخەۋەر بەرگۈچى، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىمىز. كاپىرلار (پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن) ھەقىقەتنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن بىھۇدە سۆزلەرنى قىلىپ مۇنازىرىلىشىدۇ، ئۇلار مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ۋە ئۇلارغا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇشلارنى مەسخىرە (يەنى ئويۇنچۇق) قىلىۋالدى

    بىز پەيغەمبەرلەرنى پەقەت خوش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىمىز. كافىرلار ھەقىقەتنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن بىھۇدە سۆزلەرنى قىلىپ مۇنازىرىلىشىدۇ، ئۇلار مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ۋە ئۇلارغا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇشلارنى مەسخىرە قىلىدىغان ئويۇنچۇق قىلىۋالدى [56].

  57. (18-سۈرە كەھف، 57-ئايەت)
    وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنْ ذُكِّرَ بِآيَاتِ رَبِّهِ فَأَعْرَضَ عَنْهَا وَنَسِيَ مَا قَدَّمَتْ يَدَاهُ ۚ إِنَّا جَعَلْنَا عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ أَكِنَّةً أَنْ يَفْقَهُوهُ وَفِي آذَانِهِمْ وَقْرًا ۖ وَإِنْ تَدْعُهُمْ إِلَى الْهُدَىٰ فَلَنْ يَهْتَدُوا إِذًا أَبَدًا
    پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن پەند ـ نەسىھەت قىلىنغان، ئۇ ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈگەن ۋە ئۆزىنىڭ قىلغان گۇناھلىرىنى ئۇنتۇغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قۇرئاننى چۈشىنىشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان پەردىلەرنى تارتتۇق، قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق، ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلساڭ، ئۇلار ھەرگىز ھىدايەت تاپمايدۇ (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا، قۇرئانغا دەۋەت قىلساڭ، ئۇلار دەۋىتىڭنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ)

    پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن پەند ـ نەسىھەت قىلىنغان تۇرۇپمۇ ئۇ ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈگەن ۋە ئۆزىنىڭ ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرىنى ئۇنتۇغان كىشىدىنمۇ قەبىھ كىشى بارمۇ؟ شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قۇرئاننى چۈشىنىشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان پەردىلەرنى تارتتۇق، قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق، ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلساڭ، ئۇ ھالدا ئۇلار ھەرگىز ھىدايەت تاپمايدۇ [57].

  58. (18-سۈرە كەھف، 58-ئايەت)
    وَرَبُّكَ الْغَفُورُ ذُو الرَّحْمَةِ ۖ لَوْ يُؤَاخِذُهُمْ بِمَا كَسَبُوا لَعَجَّلَ لَهُمُ الْعَذَابَ ۚ بَلْ لَهُمْ مَوْعِدٌ لَنْ يَجِدُوا مِنْ دُونِهِ مَوْئِلًا
    پەرۋەردىگارىڭ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە رەھىم قىلغۇچىدۇر. ئەگەر ئاللاھ ئۇلارنى قىلمىشىغا قاراپ جازالايدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇلارغا قىلىنىدىغان ئازابنى تېزلەتكەن بولاتتى، لېكىن ئۇلارغا بەلگىلەنگەن بىر ۋاقىت بار، (ئۇ ۋاقىت كەلگەندە) ئۇلار ئاللاھتىن بۆلەك ھېچ پاناھگاھ تاپالمايدۇ

    پەرۋەردىگارىڭ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە رەھىم قىلغۇچىدۇر. ئەگەر ئاللاھ ئۇلارنى قىلمىشىغا قاراپ جازالايدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇلارغا قىلىنىدىغان ئازابنى تېزلەتكەن بولاتتى، لېكىن، ئۇلارغا بەلگىلەنگەن بىر ۋاقىت بار، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن باشقا پاناھ جاي تاپالمايدۇ [58].

  59. (18-سۈرە كەھف، 59-ئايەت)
    وَتِلْكَ الْقُرَىٰ أَهْلَكْنَاهُمْ لَمَّا ظَلَمُوا وَجَعَلْنَا لِمَهْلِكِهِمْ مَوْعِدًا
    شۇ شەھەرلەرنىڭ ئاھالىلىرى (يەنى ھۇد، سالىھ، لۇت، شۇئەيب پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرىگە ئوخشاش ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا مۇئەييەن ۋاقىتنى بەلگىلىدۇق

    شۇ شەھەرلەرنىڭ ئاھالىلىرى ھەقنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا مۇئەييەن ۋاقىتنى بەلگىلىدۇق [59].

  60. (18-سۈرە كەھف، 60-ئايەت)
    وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِفَتَاهُ لَا أَبْرَحُ حَتَّىٰ أَبْلُغَ مَجْمَعَ الْبَحْرَيْنِ أَوْ أَمْضِيَ حُقُبًا
    ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ياش خادىمىغا (يەنى يۇشەئ ئىبنى نۇنغا): «ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان جايىغا يەتمىگۈچە مېڭىشىمنى توختاتمايمەن، (شۇ جايغا يەتكەنگە قەدەر) ئۇزاققىچە مېڭىۋېرىمەن» دېدى

    ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ياش خادىمىغا: «ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان جايىغا يەتمىگۈچە مېڭىشتىن توختىمايمەن ياكى ئۇزاققىچە مېڭىۋېرىمەن» دېگەن ئىدى [60].

  61. (18-سۈرە كەھف، 61-ئايەت)
    فَلَمَّا بَلَغَا مَجْمَعَ بَيْنِهِمَا نَسِيَا حُوتَهُمَا فَاتَّخَذَ سَبِيلَهُ فِي الْبَحْرِ سَرَبًا
    ئۇلار ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان جايىغا يېتىپ بارغاندا، بېلىقىنى ئۇنتۇپ قالدى، بېلىق دەرياغا يول ئېلىپ كىرىپ كەتتى

    ئۇلار ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان جايىغا يېتىپ بارغاندا بېلىقىنى ئۇنتۇپ قالدى، بېلىق دەرياغا يول ئېلىپ كىرىپ كەتتى [61].

    .
  62. (18-سۈرە كەھف، 62-ئايەت)
    فَلَمَّا جَاوَزَا قَالَ لِفَتَاهُ آتِنَا غَدَاءَنَا لَقَدْ لَقِينَا مِنْ سَفَرِنَا هَٰذَا نَصَبًا
    ئۇلار (ئىككى دەريانىڭ قوشۇلىدىغان جايىدىن) ئۆتكەندە، مۇسا ياش خادىمىغا: «ئەتىگەنلىك تامىقىمىزنى ئېلىپ كەلگىن، بۇ سەپىرىمىزدە ھەقىقەتەن چارچاپ كەتتۇق» دېدى

    ئۇلار ئۇ جايدىن ئۆتۈپ بولغاندا، مۇسا ياش خادىمىغا: «ئەتىگەنلىك تامىقىمىزنى ئېلىپ كەلگىن، بۇ سەپىرىمىزدە ھەقىقەتەن چارچاپ كەتتۇق» دېدى [62].

  63. (18-سۈرە كەھف، 63-ئايەت)
    قَالَ أَرَأَيْتَ إِذْ أَوَيْنَا إِلَى الصَّخْرَةِ فَإِنِّي نَسِيتُ الْحُوتَ وَمَا أَنْسَانِيهُ إِلَّا الشَّيْطَانُ أَنْ أَذْكُرَهُ ۚ وَاتَّخَذَ سَبِيلَهُ فِي الْبَحْرِ عَجَبًا
    ياش خادىم: «بىز چوڭ تاش ئاستىدا ئارام ئېلىۋاتقاندا (يۈز بەرگەن ئىشتىن يەنى پىشۇرۇلغان بېلىقنىڭ تىرىلىپ، سېۋەتتىن سەكرەپ چىقىپ دەرياغا كىرىپ كەتكەنلىكىدىن ئىبارەت قىزىق ئىشتىن) خەۋىرىڭ بارمۇ؟ مەن راستتىنلا بېلىقنى ئۇنتۇپتىمەن. بېلىقنىڭ (ئاجايىپ ۋەقەسى) نى ساڭا ئېيتىشنى پەقەت شەيتان ماڭا ئۇنتۇلدۇرۇپتۇ، بېلىق دەرياغا ئاجايىپ يول ئالغان ئىدى» دېدى

    ياش خادىم: «بىز چوڭ تاشنىڭ يېنىدا ئارام ئېلىۋاتقاندا (يۈز بەرگەن قىزىق ئىشتىن) خەۋىرىڭ بارمۇ؟ مەن راستتىنلا بېلىقنى ئۇنتۇپتىمەن. بېلىقنىڭ (ئاجايىپ) ۋەقەسىنى ساڭا ئېيتىشنى پەقەت شەيتان ماڭا ئۇنتۇلدۇرۇپتۇ، بېلىق دەرياغا ھەيران قالارلىق يول ئېلىپ كىرىپ كەتكەن ئىدى» دېدى [63].

    .
  64. (18-سۈرە كەھف، 64-ئايەت)
    قَالَ ذَٰلِكَ مَا كُنَّا نَبْغِ ۚ فَارْتَدَّا عَلَىٰ آثَارِهِمَا قَصَصًا
    مۇسا: «بىزنىڭ ئىزدەيدىغىنىمىز دەل مۇشۇ ئىدى» دېدى ـ دە، ئىككىسى كەلگەن ئىزى بويىچە كەينىگە يېنىشتى

    مۇسا: «بىزنىڭ ئىزدەيدىغىنىمىز دەل مۇشۇ ئىدى» دېدى ـ دە، ئىككىسى كەلگەن ئىزى بويىچە كەينىگە ياندى [64].

    .
  65. (18-سۈرە كەھف، 65-ئايەت)
    فَوَجَدَا عَبْدًا مِنْ عِبَادِنَا آتَيْنَاهُ رَحْمَةً مِنْ عِنْدِنَا وَعَلَّمْنَاهُ مِنْ لَدُنَّا عِلْمًا
    ئۇ ئىككىسى (بېلىقنى ئۇنتۇغان چوڭ تاشنىڭ يېنىدا) بىزنىڭ بەندىلىرىمىزدىن چوڭ مەرھەمىتىمىزگە ئېرىشكەن ۋە بىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس ئىلمىمىزنى (يەنى ئىلمىي غەيبنى) بىز بىلدۈرگەن بىر بەندىنى (يەنى خىزىر ئەلەيھىسسالامنى) ئۇچراتتى

    ئاندىن ئۇ ئىككىسى بىزنىڭ بەندىلىرىمىزدىن چوڭ مەرھەمىتىمىزگە ئېرىشكەن ۋە بىز ئۆزىمىزگە خاس ئىلىم (ئىلمى غەيبنى) نى بىلدۈرگەن بىر بەندە (خىزىر ئەلەيھىسسالامنى) نى ئۇچراتتى [65].

  66. (18-سۈرە كەھف، 66-ئايەت)
    قَالَ لَهُ مُوسَىٰ هَلْ أَتَّبِعُكَ عَلَىٰ أَنْ تُعَلِّمَنِ مِمَّا عُلِّمْتَ رُشْدًا
    مۇسا ئۇنىڭغا: «ئاللاھ ساڭا بىلدۈرگەن توغرا ئىلىمنى ماڭا ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن ساڭا ئەگىشەيمۇ؟ (يەنى سۆھبىتىڭدە بولايمۇ؟)» دېدى

    مۇسا ئۇنىڭغا: «ئاللاھ ساڭا بىلدۈرگەن توغرا ئىلىمنى ماڭا ئۆگىتىشىڭ ئۈچۈن ساڭا ئەگىشەيمۇ؟» دېدى [66].

    .
  67. (18-سۈرە كەھف، 67-ئايەت)
    قَالَ إِنَّكَ لَنْ تَسْتَطِيعَ مَعِيَ صَبْرًا
    ئۇ ئېيتتى: «سەن مەن بىلەن بىللە بولۇشقا سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن

    ئۇ ئېيتتى: «سەن مەن بىلەن بىللە بولۇشقا سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن [67].

    .
  68. (18-سۈرە كەھف، 68-ئايەت)
    وَكَيْفَ تَصْبِرُ عَلَىٰ مَا لَمْ تُحِطْ بِهِ خُبْرًا
    سەن چوڭقۇر تونۇپ يەتمىگەن (يەنى قارىماققا يامان، ئەمما ماھىيىتىنى سەن چۈشەنمىگەن) ئىشقا قانداقمۇ سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالايسەن؟»

    سەن ئىچكى سىرىنى تولۇق ئۇقمىغان ئىشقا قانداقمۇ سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالايسەن؟» [68].

  69. (18-سۈرە كەھف، 69-ئايەت)
    قَالَ سَتَجِدُنِي إِنْ شَاءَ اللَّهُ صَابِرًا وَلَا أَعْصِي لَكَ أَمْرًا
    مۇسا ئېيتتى: «ئاللاھ خالىسا مېنى سەۋر قىلغۇچى كۆرىسەن، سېنىڭ بۇيرۇقۇڭغا خىلاپلىق قىلمايمەن»

    مۇسا ئېيتتى: «ئاللاھ خالىسا، مېنىڭ سەۋرچان ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالىسەن، سېنىڭ بۇيرۇقۇڭغا خىلاپلىق قىلمايمەن» [69].

  70. (18-سۈرە كەھف، 70-ئايەت)
    قَالَ فَإِنِ اتَّبَعْتَنِي فَلَا تَسْأَلْنِي عَنْ شَيْءٍ حَتَّىٰ أُحْدِثَ لَكَ مِنْهُ ذِكْرًا
    (خىزىر) ئېيتتى: «ئەگەر سەن ماڭا ئەگەشسەڭ، (يولۇققان ئىش توغرىسىدا) مەن ئۇنى ساڭا سۆزلەپ بەرگۈچە ئۇنىڭدىن سورىما (يەنى ئۆزۈم سۆزلەپ بەرمىگۈچە قىلغان ئىشلىرىمدىن سورىما)»

    ئۇ ئېيىتتى: «ئەگەر سەن ماڭا ئەگەشسەڭ، مەن ساڭا دەپ بەرمىگۈچە مەندىن ھېچنىمىنى سورىما» [70].

    .
  71. (18-سۈرە كەھف، 71-ئايەت)
    فَانْطَلَقَا حَتَّىٰ إِذَا رَكِبَا فِي السَّفِينَةِ خَرَقَهَا ۖ قَالَ أَخَرَقْتَهَا لِتُغْرِقَ أَهْلَهَا لَقَدْ جِئْتَ شَيْئًا إِمْرًا
    شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى بىرلىكتە مېڭىپ كېلىپ بىر كېمىگە چىقىشتى، (خىزىر) كېمىنى تېشىۋەتتى (يەنى كېمىنىڭ بىر تاختىسىنى سۇغۇرۇۋەتتى)، مۇسا (ئۇنىڭغا): «كېمىدىكىلەرنى غەرق بولۇپ كەتسۇن، دەپ كېمىنى تەشتىڭمۇ؟ سەن ھەقىقەتەن (قورقۇنچلۇق) چوڭ بىر ئىشنى قىلدىڭ» دېدى

    شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككىسى بىرلىكتە مېڭىپ كېلىپ بىر كېمىگە چىقتى، ئۇ (يەنى خىزىر) كېمىنى تېشىۋەتتى، مۇسا: «كېمىدىكىلەرنى غەرق بولۇپ كەتسۇن دەپ كېمىنى تېشىۋەتتىڭمۇ؟ سەن ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق بىر ئىشنى قىلدىڭ» دېدى [71].

  72. (18-سۈرە كەھف، 72-ئايەت)
    قَالَ أَلَمْ أَقُلْ إِنَّكَ لَنْ تَسْتَطِيعَ مَعِيَ صَبْرًا
    (خىزىر) سەن ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە بولۇشتا سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن، دېمىدىممۇ؟» دېدى

    ئۇ: «ساڭا ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە بولۇشقا سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن دېمىدىممۇ؟» دېدى [72].

    .
  73. (18-سۈرە كەھف، 73-ئايەت)
    قَالَ لَا تُؤَاخِذْنِي بِمَا نَسِيتُ وَلَا تُرْهِقْنِي مِنْ أَمْرِي عُسْرًا
    مۇسا ئېيتتى: «ئەھدىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمغا مېنى ئەيىبلىمە، سەن بىلەن بىللە بولۇشتا مېنى قىيىن ھالغا چۈشۈرۈپ قويما»

    مۇسا ئېيتتى: «ۋدەمنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن سەن مېنى ئەيىبلىمە، مېنىڭ سورىغانلىقىم تۈپەيلىدىن مېنى قىيىن ھالغا چۈشۈرۈپ قويما» [73].

    .
  74. (18-سۈرە كەھف، 74-ئايەت)
    فَانْطَلَقَا حَتَّىٰ إِذَا لَقِيَا غُلَامًا فَقَتَلَهُ قَالَ أَقَتَلْتَ نَفْسًا زَكِيَّةً بِغَيْرِ نَفْسٍ لَقَدْ جِئْتَ شَيْئًا نُكْرًا
    ئۇ ئىككىسى يەنە بىرلىكتە ماڭدى، ئۇلار بىر بالىنى ئۇچراتتى، (خىزىر) ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويدى. مۇسا: «سەن بىر بىگۇناھ جاننى ناھەق ئۆلتۈردۈڭ، سەن ھەقىقەتەن ياۋۇز ئىشنى قىلدىڭ»

    ئۇ ئىككىسى يەنە بىرلىكتە ماڭدى. ئۇلار بىر بالىنى ئۇچراتتى، ئۇ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويدى. مۇسا: «سەن بىر بىگۇناھ جاننى ناھەق ئۆلتۈردۈڭ، سەن ھەقىقەتەن يامان بىر ئىشنى قىلدىڭ» دېدى [74].

    .
  75. (18-سۈرە كەھف، 75-ئايەت)
    قَالَ أَلَمْ أَقُلْ لَكَ إِنَّكَ لَنْ تَسْتَطِيعَ مَعِيَ صَبْرًا
    (خىزىر) ئېيتتى: «ساڭا مەن ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە بولۇشقا سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن، دېمىدىممۇ؟ »

    ئۇ ئېيتتى: «ساڭا ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە بولۇشقا سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمايسەن دېمىدىممۇ؟» [75].

    .
  76. (18-سۈرە كەھف، 76-ئايەت)
    قَالَ إِنْ سَأَلْتُكَ عَنْ شَيْءٍ بَعْدَهَا فَلَا تُصَاحِبْنِي ۖ قَدْ بَلَغْتَ مِنْ لَدُنِّي عُذْرًا
    مۇسا ئېيتتى: «بۇنىڭدىن كېيىن يەنە سەندىن بىرەر ئىش توغرۇلۇق سورىسام (يەنى قىلغان ئىشىڭغا ئېتىراز بىلدۈرسەم)، مېنى ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىلمىغىن، (ساڭا بەرگەن ۋەدەمگە ئۈچ قېتىم خىلاپلىق قىلغانلىقىم ئۈچۈن مېنىڭ ئالدىمدا (ماڭا ھەمراھ بولماسلىقتا) مەزۇرسەن»

    مۇسا ئېيتتى: «بۇنىڭدىن كېيىن يەنە سەندىن بىرەر ئىش توغرۇلۇق سورىسام، سەن مېنى ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىلمىغىن، (چۈنكى) سەن مېنىڭ سۇئاللىرىمدىن (زېرىكىپ) ئۆزرە ئېيتىدىغان يەرگە يەتتىڭ» [76].

    .
  77. (18-سۈرە كەھف، 77-ئايەت)
    فَانْطَلَقَا حَتَّىٰ إِذَا أَتَيَا أَهْلَ قَرْيَةٍ اسْتَطْعَمَا أَهْلَهَا فَأَبَوْا أَنْ يُضَيِّفُوهُمَا فَوَجَدَا فِيهَا جِدَارًا يُرِيدُ أَنْ يَنْقَضَّ فَأَقَامَهُ ۖ قَالَ لَوْ شِئْتَ لَاتَّخَذْتَ عَلَيْهِ أَجْرًا
    ئۇ ئىككىسى يەنە بىللە مېڭىپ بىر شەھەرگە يېتىپ كەلدى، شەھەر ئاھالىسىدىن تاماق سورىدى، شەھەر ئاھالىسى ئۇلارنى مېھمان قىلىشتىن باش تارتتى، ئۇلار بۇ شەھەردە ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان بىر تامنى ئۇچراتتى، تۈزلەپ قويدى. مۇسا ئېيتتى: «ئەگەر خالىساڭ بۇ ئىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىش ھەققى ئالغان بولاتتىڭ»

    ئۇ ئىككىسى يەنە بىللە مېڭىپ بىر شەھەرگە يېتىپ كېلىپ، شەھەر ئاھالىسىدىن تاماق سورىۋىدى، شەھەر ئاھالىسى ئۇلارنى مېھمان قىلغىلى ئۇنىمىدى. ئۇلار بۇ شەھەردە ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان بىر تامنى ئۇچراتتى، ئۇنى ئۇ (خىزىر) تۈزلەپ قويدى. مۇسا ئېيتتى: «ئەگەر خالىساڭ، بۇ ئىش ئۈچۈن سەن ئەلۋەتتە ئىش ھەققى ئالغان بولاتتىڭ» [77].

    .
  78. (18-سۈرە كەھف، 78-ئايەت)
    قَالَ هَٰذَا فِرَاقُ بَيْنِي وَبَيْنِكَ ۚ سَأُنَبِّئُكَ بِتَأْوِيلِ مَا لَمْ تَسْتَطِعْ عَلَيْهِ صَبْرًا
    (خىزىر) ئېيتتى: «بۇ، سەن بىلەن مېنىڭ ئايرىلىش (ۋاقتىمىز)، سەن سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان (يۇقىرىقى ئۈچ ئىشنىڭ) ھەقىقىتىنى ساڭا چۈشەندۈرۈپ بېرەي

    ئۇ ئېيتتى: «بۇ ئىككىمىزنىڭ ئايرىلىدىغان ۋاقتىمىزدۇر، سەن سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان ئىشلارنىڭ ھەقىقىتىنى ساڭا چۈشەندۈرۈپ قوياي [78].

    .
  79. (18-سۈرە كەھف، 79-ئايەت)
    أَمَّا السَّفِينَةُ فَكَانَتْ لِمَسَاكِينَ يَعْمَلُونَ فِي الْبَحْرِ فَأَرَدْتُ أَنْ أَعِيبَهَا وَكَانَ وَرَاءَهُمْ مَلِكٌ يَأْخُذُ كُلَّ سَفِينَةٍ غَصْبًا
    كېمىگە كەلسەك، ئۇ دېڭىزدا ئىشلەيدىغان بىرقانچە نەپەر كەمبەغەلنىڭ كېمىسى ئىدى، مەن ئۇنى تېشىپ ئەيبناك قىلماقچى بولدۇم، (چۈنكى) ئۇلارنىڭ ئالدىدا (يەنى بارىدىغان يوللىرىدا) ھەرقانداق ساق كېمىنى ئىگىسىدىن (زورلۇق بىلەن) تارتىۋالىدىغان بىر پادىشاھ بار ئىدى

    كېمىگە كەلسەك، ئۇ دېڭىزدا ئىشلەيدىغان بىرقانچە نەپەر كەمبەغەلنىڭ كېمىسى ئىدى، مەن ئۇنى (تېشىپ) ئەيىبناك قىلىپ قويماقچى بولدۇم. (چۈنكى) ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھەرقانداق (ساق) كېمىنى ئىگىسىدىن زورلۇق بىلەن تارتىۋالىدىغان بىر پادىشاھ بار ئىدى [79].

  80. (18-سۈرە كەھف، 80-ئايەت)
    وَأَمَّا الْغُلَامُ فَكَانَ أَبَوَاهُ مُؤْمِنَيْنِ فَخَشِينَا أَنْ يُرْهِقَهُمَا طُغْيَانًا وَكُفْرًا
    (ئۆلتۈرۈلگەن) بالىغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسى مۆمىن ئىدى. ئۇنىڭ گۇمراھلىق بىلەن كۇفرىنى ئاتا ـ ئانىسىغا تېڭىشىدىن قورقتۇق

    ھېلىقى بالىغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسى مۆمىن ئىدى. ئۇنىڭ (چوڭ بولغاندا) گۇمراھلىق بىلەن كۇفرلىقنى ئاتا ـ ئانىسىغا تېڭىشىدىن ئەنسىرىدۇق [80].

  81. (18-سۈرە كەھف، 81-ئايەت)
    فَأَرَدْنَا أَنْ يُبْدِلَهُمَا رَبُّهُمَا خَيْرًا مِنْهُ زَكَاةً وَأَقْرَبَ رُحْمًا
    شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇلارغا ئۇ بالىغا قارىغاندا پاك ۋە كۆيۈملۈك پەرزەنت ئاتا قىلىشىنى ئىرادە قىلدۇق

    شۇنىڭ ئۈچۈن بىز پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇلارغا ئۇ بالىدىنمۇ پاك ۋە بەك كۆيۈملۈك پەرزەنت ئاتا قىلىشىنى مەقسەت قىلدۇق [81].

  82. (18-سۈرە كەھف، 82-ئايەت)
    وَأَمَّا الْجِدَارُ فَكَانَ لِغُلَامَيْنِ يَتِيمَيْنِ فِي الْمَدِينَةِ وَكَانَ تَحْتَهُ كَنْزٌ لَهُمَا وَكَانَ أَبُوهُمَا صَالِحًا فَأَرَادَ رَبُّكَ أَنْ يَبْلُغَا أَشُدَّهُمَا وَيَسْتَخْرِجَا كَنْزَهُمَا رَحْمَةً مِنْ رَبِّكَ ۚ وَمَا فَعَلْتُهُ عَنْ أَمْرِي ۚ ذَٰلِكَ تَأْوِيلُ مَا لَمْ تَسْطِعْ عَلَيْهِ صَبْرًا
    تامغا كەلسەك، ئۇ شەھەردىكى ئىككى يېتىم بالىنىڭ ئىدى، تام ئاستىدا ئۇلارنىڭ (ھەققى بولغان) خەزىنىسى بار ئىدى (تام ئۆرۈلۈپ كەتسە، خەزىنىسى ئېچىلىپ قېلىپ كىشىلەر ئۇنى ئېلىپ كېتەتتى)، ئۇلارنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ياخشى ئادەم ئىدى. پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا تام ئاستىدىكى خەزىنىسىنى چىقىرىۋېلىشىنى ئىرادە قىلدى، بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارغا قىلغان) رەھمىتىدۇر، ئۇنى (يەنى يۇقىرىقى ئۈچ ئىشنى) مەن ئۆز خاھىشىم بويىچە قىلغىنىم يوق (بەلكى ئۇنى ئاللاھنىڭ ئەمرى ۋە ئىلھامى بىلەن قىلدىم)، سەن سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان نەرسىلەرنىڭ ھەقىقىتى ئەنە شۇ»

    تامغا كەلسەك، ئۇ تام شەھەردىكى ئىككى يېتىم بالىنىڭ بولۇپ، تام ئاستىدا ئۇلارنىڭ خەزىنىسى بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئاتىسى ياخشى ئادەم ئىدى. پەرۋەردىگارىڭ رەھىم قىلىپ، ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا تام ئاستىدىكى خەزىنىسىنى چىقىرىۋېلىشىنى ئىرادە قىلدى. ئۇ ئىشلارنى مەن ئۆز خاھىشىم بويىچە قىلمىدىم. سەن سەۋر ـ تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان ئىشلارنىڭ ھەقىقىتى ئەنە شۇ» [82].

  83. (18-سۈرە كەھف، 83-ئايەت)
    وَيَسْأَلُونَكَ عَنْ ذِي الْقَرْنَيْنِ ۖ قُلْ سَأَتْلُو عَلَيْكُمْ مِنْهُ ذِكْرًا
    ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) سەندىن زۇلقەرنەين توغرۇلۇق سورىشىدۇ. «سىلەرگە مەن ئۇنىڭ قىسسەسىنى (ۋەھىي ئاساسىدا) بايان قىلىمەن» دېگىن

    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن زۇلقەرنەين توغرۇلۇق سورىشىدۇ. «مەن سىلەرگە مەن ئۇنىڭغا ئائىت ئايەتلەرنى ئوقۇپ بېرەي» دېگىن [83].

  84. (18-سۈرە كەھف، 84-ئايەت)
    إِنَّا مَكَّنَّا لَهُ فِي الْأَرْضِ وَآتَيْنَاهُ مِنْ كُلِّ شَيْءٍ سَبَبًا
    ئۇنىڭغا بىز زېمىندا ھەقىقەتەن كۈچ ـ قۇدرەت ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ئۆز مەقسىتىگە يېتىشنىڭ پۈتۈن يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردۇق

    ئۇنىڭغا بىز زېمىندا ھەقىقەتەن كۈچ ـ قۇدرەت ئاتا قىلدۇق، ئۇنىڭغا ھەر ئىشتا قولايلىق يول ھازىرلاپ بەردۇق [84].

  85. (18-سۈرە كەھف، 85-ئايەت)
    فَأَتْبَعَ سَبَبًا
    زۇلقەرنەين (ئاللاھ ئۇنىڭغا ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن) يولغا ماڭدى

    زۇلقەرنەين بىر يولغا ماڭدى [85].

  86. (18-سۈرە كەھف، 86-ئايەت)
    حَتَّىٰ إِذَا بَلَغَ مَغْرِبَ الشَّمْسِ وَجَدَهَا تَغْرُبُ فِي عَيْنٍ حَمِئَةٍ وَوَجَدَ عِنْدَهَا قَوْمًا ۗ قُلْنَا يَا ذَا الْقَرْنَيْنِ إِمَّا أَنْ تُعَذِّبَ وَإِمَّا أَنْ تَتَّخِذَ فِيهِمْ حُسْنًا
    ئۇ كۈنپېتىش تەرەپكە يېتىپ بارغاندا، كۈننىڭ قارا لايلىق بۇلاققا پېتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ بۇلاقنىڭ يېنىدا بىر تۈرلۈك قەۋمنى ئۇچراتتى. بىز: «ئى زۇلقەرنەين! سەن ئۇلارنى جازالىغىن ياكى ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن» دېدۇق.(ئىزاھات:ئەمەلىيەتتە بۇنداق بولمىسىمۇ، كىشىگە كۈن خۇددى دېڭىزغا، تاغقا كىرىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ.)

    ئۇ كۈنپېتىش تەرەپكە يېتىپ بارغاندا، كۈننى قارا لايلىق بۇلاققا پېتىپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلدى . بۇلاقنىڭ يېنىدا ئۇ بىر قەۋمنى ئۇچراتتى. بىز: «ئى زۇلقەرنەين! سەن ئۇلارنى جازالىغىن ياكى ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن» دېدۇق [86].

    .
  87. (18-سۈرە كەھف، 87-ئايەت)
    قَالَ أَمَّا مَنْ ظَلَمَ فَسَوْفَ نُعَذِّبُهُ ثُمَّ يُرَدُّ إِلَىٰ رَبِّهِ فَيُعَذِّبُهُ عَذَابًا نُكْرًا
    زۇلقەرنەين ئېيتتى: «كىمكى زۇلۇم قىلغان بولسا، بىز ئۇنى جازالايمىز، ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ، پەرۋەردىگارى ئۇنى قاتتىق جازالايدۇ

    زۇلقەرنەين ئېيتتى: «كىمكى گۇناھ ئىش قىلغان بولسا، بىز ئۇنى جازالايمىز، ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ، پەرۋەردىگارى ئۇنى قاتتىق جازالايدۇ [87].

    .
  88. (18-سۈرە كەھف، 88-ئايەت)
    وَأَمَّا مَنْ آمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا فَلَهُ جَزَاءً الْحُسْنَىٰ ۖ وَسَنَقُولُ لَهُ مِنْ أَمْرِنَا يُسْرًا
    كىمكى ئىمان ئېيتسا ۋە ياخشى ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇنى قولاي ئىشقا بۇيرۇيمىز»

    كىمكى ئىمان ئېيتسا ۋە ياخشى ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇنى ئاسان ئىشقا بۇيرۇيمىز» [88].

  89. (18-سۈرە كەھف، 89-ئايەت)
    ثُمَّ أَتْبَعَ سَبَبًا
    ئاندىن زۇلقەرنەين (ئاللاھ ئۇنىڭغا قولايلىق قىلىپ بەرگەن) يولغا ماڭدى

    ئاندىن زۇلقەرنەين يەنە بىر يولغا ماڭدى [89].

  90. (18-سۈرە كەھف، 90-ئايەت)
    حَتَّىٰ إِذَا بَلَغَ مَطْلِعَ الشَّمْسِ وَجَدَهَا تَطْلُعُ عَلَىٰ قَوْمٍ لَمْ نَجْعَلْ لَهُمْ مِنْ دُونِهَا سِتْرًا
    زۇلقەرنەين كۈنچىقىش تەرەپكە بارغاندا، كۈن نۇرىنىڭ شۇنداق بىر قەۋمنىڭ ئۈستىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردىكى، ئۇ قەۋمگە بىز (كۈننىڭ ھارارىتىدىن) ساقلىنىدىغان (كىيىم، ئىمارەت قاتارلىق) نەرسىلەرنى ئاتا قىلمىدۇق

    ئۇ كۈنچىقىش تەرەپكە يېتىپ بارغاندا، كۈننىڭ شۇنداق بىر قەۋمنىڭ ئۈستىگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردىكى، ئۇ قەۋمگە بىز كۈننىڭ ھارارىتىدىن ساقلىنىدىغان نەرسىلەرنى ئاتا قىلمىغان ئىدۇق [90].

    .
  91. (18-سۈرە كەھف، 91-ئايەت)
    كَذَٰلِكَ وَقَدْ أَحَطْنَا بِمَا لَدَيْهِ خُبْرًا
    ئەھۋال شۇنداق بولدى (يەنى زۇلقەرنەين كۈنچىقىش تەرەپتىكى كىشىلەرگىمۇ كۈنپېتىش تەرەپتىكى كىشىلەرگە قىلغان مۇئامىلىنى قىلدى). بىز ئۇنىڭ قولىدىكى نەرسىلەردىن تولۇق خەۋەردار ئىدۇق

    ئەھۋال بۇ يەردىمۇ شۇنداق بولدى. بىز ئۇنىڭ ئىلكىدىكى نەرسىلەردىن تولۇق خەۋەردار ئىدۇق [91]

  92. (18-سۈرە كەھف، 92-ئايەت)
    ثُمَّ أَتْبَعَ سَبَبًا
    ئاندىن ئۇ (ئاللاھ ئۇنىڭغا قولايلىق قىلىپ بەرگەن) يولغا ماڭدى

    ئاندىن ئۇ يەنە بىر يولغا ماڭدى [92].

    .
  93. (18-سۈرە كەھف، 93-ئايەت)
    حَتَّىٰ إِذَا بَلَغَ بَيْنَ السَّدَّيْنِ وَجَدَ مِنْ دُونِهِمَا قَوْمًا لَا يَكَادُونَ يَفْقَهُونَ قَوْلًا
    زۇلقەرنەين ئىككى تاغ ئارىسىغا يېتىپ بارغاندا، ئىككى تاغ ئالدىدا ھېچقانداق سۆزنى چۈشەنمەيدىغان (يەنى ئۆزىنىڭ تىلىدىن غەيرى تىلنى بىلمەيدىغان) بىر قەۋمنى ئۇچراتتى

    زۇلقەرنەين ئىككى تاغ ئارىسىغا يېتىپ بارغاندا، ئۇ يەردە (ئۆز تىلىدىن باشقا) ھېچقانداق تىلنى چۈشەنمەيدىغان بىر قەۋمنى ئۇچراتتى [93].

    .
  94. (18-سۈرە كەھف، 94-ئايەت)
    قَالُوا يَا ذَا الْقَرْنَيْنِ إِنَّ يَأْجُوجَ وَمَأْجُوجَ مُفْسِدُونَ فِي الْأَرْضِ فَهَلْ نَجْعَلُ لَكَ خَرْجًا عَلَىٰ أَنْ تَجْعَلَ بَيْنَنَا وَبَيْنَهُمْ سَدًّا
    ئۇلار: «ئى زۇلقەرنەين! يەجۇج بىلەن مەجۇج يەر يۈزىدە ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلاردۇر، بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر توسما سېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا بىر قىسىم مېلىمىزنى (باجغا ئوخشاش) تۆلىسەك بولامدۇ؟» دېدى

    ئۇلار: «ئى زۇلقەرنەين! يەجۇج بىلەن مەجۇج يەر يۈزىدە ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلاردۇر. بىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر توسما سېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا بىر قىسىم مېلىمىزنى تاپشۇرساق بولامدۇ؟» دېدى [94].

  95. (18-سۈرە كەھف، 95-ئايەت)
    قَالَ مَا مَكَّنِّي فِيهِ رَبِّي خَيْرٌ فَأَعِينُونِي بِقُوَّةٍ أَجْعَلْ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَهُمْ رَدْمًا
    زۇلقەرنەين ئېيتتى: «ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن نەرسىلىرى (يەنى كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە پادىشاھلىق سىلەرنىڭ ماڭا بېرىدىغان مېلىڭلاردىن) ئارتۇقتۇر، ماڭا ئادەم كۈچى ياردەم قىلىڭلار، ئۇلار بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا مۇستەھكەم بىر توسما سېلىپ بېرەي

    زۇلقەرنەين ئېيتتى: «ئاللاھ ماڭا بەرگەن نەرسىلەر سىلەر بەرمەكچى بولغان نەرسىلەردىن ياخشىدۇر. ماڭا ئادەم كۈچى ياردەم قىلىڭلار، ئۇلار بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلارغا مۇستەھكەم بىر توسما سېلىپ بېرەي [95].

  96. (18-سۈرە كەھف، 96-ئايەت)
    آتُونِي زُبَرَ الْحَدِيدِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا سَاوَىٰ بَيْنَ الصَّدَفَيْنِ قَالَ انْفُخُوا ۖ حَتَّىٰ إِذَا جَعَلَهُ نَارًا قَالَ آتُونِي أُفْرِغْ عَلَيْهِ قِطْرًا
    ماڭا تۆمۈر پارچىلىرىنى ئېلىپ كېلىڭلار، (تۆمۈر پارچىلىرى دۆۋىلىنىپ) ئىككى تاغنىڭ ئارىسى تەكشى بولغاندا، كۆيۈكلەرنى بېسىڭلار». تۆمۈر پارچىلىرى (قىزىپ) ئوتتەك بولغاندا، ئۇ: «ماڭا (ئېرىتىلگەن مىسنى) بېرىڭلار، ئۈستىگە تۆكەي» دېدى

    سىلەر ماڭا تۆمۈر پارچىلىرىنى ئەكىلىپ بېرىڭلار». ئىككى تاغنىڭ ئارىسى تۆمۈر پارچىلىرى بىلەن توشقاندا، زۇلقەرنەين: «كۆرۈكلەر بىلەن پۈۋلەڭلار» دېدى. تۆمۈر پارچىلىرى قىزىپ ئوتتەك بولغاندا، ئۇ: «ئېرىتىلگەن مىسنى ماڭا بېرىڭلار، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆكەي» دېدى [96].

  97. (18-سۈرە كەھف، 97-ئايەت)
    فَمَا اسْطَاعُوا أَنْ يَظْهَرُوهُ وَمَا اسْتَطَاعُوا لَهُ نَقْبًا
    ئۇلار (يەنى يەجۇج ـ مەجۇج) ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىشقىمۇ، ئۇنى تېشىشكىمۇ قادىر بولالمىدى

    ئۇلار (يەنى يەجۇج ـ مەجۇج) ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىشقىمۇ، ئۇنى تېشىشكىمۇ قادىر بولالمىدى [97].

    .
  98. (18-سۈرە كەھف، 98-ئايەت)
    قَالَ هَٰذَا رَحْمَةٌ مِنْ رَبِّي ۖ فَإِذَا جَاءَ وَعْدُ رَبِّي جَعَلَهُ دَكَّاءَ ۖ وَكَانَ وَعْدُ رَبِّي حَقًّا
    زۇلقەرنەين ئېيتتى: «بۇ (يەنى توسمىنىڭ بەرپا قىلىنىشى) پەرۋەردىگارىمنىڭ نېمىتىدۇر، پەرۋەردىگارىمنىڭ ۋەدىسى ئىشقا ئاشقاندا، ئۇ ئۇنى تۈپتۈز قىلىۋېتىدۇ، پەرۋەردىگارىمنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر»

    زۇلقەرنەين ئېيتتى: «بۇ توسمىنىڭ پۈتۈشى) پەرۋەردىگارىمنىڭ نېمىتىدۇر، پەرۋەردىگارىمنىڭ ۋەدىسى ئىشقا ئاشقاندا، ئۇ ئۇنى تۈپتۈز قىلىۋېتىدۇ. پەرۋەردىگارىمنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر» [98].

  99. (18-سۈرە كەھف، 99-ئايەت)
    وَتَرَكْنَا بَعْضَهُمْ يَوْمَئِذٍ يَمُوجُ فِي بَعْضٍ ۖ وَنُفِخَ فِي الصُّورِ فَجَمَعْنَاهُمْ جَمْعًا
    ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە، قىستاڭچىلىقتىن) كىشىلەرنى بىر ـ بىرىگە گىرەلەشتۈرۈۋېتىمىز، سۇر چېلىنىدۇ، ئۇلارنى (ھېساب ئۈچۈن) يېغىمىز

    ئۇ كۈندە كىشىلەرنى بىر ـ بىرىگە گىرەلەشتۈرۈۋېتىمىز، سۇر چېلىنىدۇ، ئۇلارنى مەھشەرگاھقا قويماي يېغىمىز [99].

  100. (18-سۈرە كەھف، 100-ئايەت)
    وَعَرَضْنَا جَهَنَّمَ يَوْمَئِذٍ لِلْكَافِرِينَ عَرْضًا
    ئۇ كۈندە كاپىرلارغا جەھەننەمنى ئاشكارا كۆرسىتىمىز

    ئۇ كۈندە كافىرلارغا جەھەننەمنى ئاشكارا كۆرسىتىمىز [100].

  101. (18-سۈرە كەھف، 101-ئايەت)
    الَّذِينَ كَانَتْ أَعْيُنُهُمْ فِي غِطَاءٍ عَنْ ذِكْرِي وَكَانُوا لَا يَسْتَطِيعُونَ سَمْعًا
    ئۇلارنىڭ (بۇ دۇنيادىكى چاغلىرىدا دىللىرىنىڭ) كۆزلىرى مېنى ياد قىلىشتىن پەردىلەنگەن ئىدى، (ئۇلارنىڭ دىللىرىنى زۇلمەت باسقانلىقى ئۈچۈن كالامۇللاھنى) ئاڭلاشقا قادىر ئەمەس ئىدى

    ئۇلارنىڭ كۆزلىرى مېنى يادىغا سالىدىغان دەلىللەرنى كۆرۈشتىن پەردىلەنگەن ئىدى، ئۇلار ھەق گەپنى ئاڭلاشقا قادىر ئەمەس ئىدى [101].

  102. (18-سۈرە كەھف، 102-ئايەت)
    أَفَحَسِبَ الَّذِينَ كَفَرُوا أَنْ يَتَّخِذُوا عِبَادِي مِنْ دُونِي أَوْلِيَاءَ ۚ إِنَّا أَعْتَدْنَا جَهَنَّمَ لِلْكَافِرِينَ نُزُلًا
    كاپىرلار مېنى قويۇپ بەندىلىرىمنى مەبۇد قىلىۋېلىشسا بولىدۇ دەپ ئويلامدۇ؟ بىز جەھەننەمنى كاپىرلارغا ھەقىقەتەن مەنزىلگاھ قىلىپ تەييارلىدۇق

    كافىرلار مېنى قويۇپ بەندىلىرىمنى مەبۇد قىلىۋېلىشنى توغرا دەپ ئويلامدۇ؟ بىز ھەقىقەتەن جەھەننەمنى كافىرلارغا چۈشىدىغان جاي قىلىپ تەييارلىدۇق [102].

  103. (18-سۈرە كەھف، 103-ئايەت)
    قُلْ هَلْ نُنَبِّئُكُمْ بِالْأَخْسَرِينَ أَعْمَالًا
    سىلەرگە ئەمەللىرى جەھەتتىن ئەڭ زىيان تارتقۇچىلارنى ئېيتىپ بېرەيلىمۇ؟

    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى: «سىلەرگە (ياخشى) ئەمەللەرنى قىلىپ تورۇپمۇ ئەڭ كۆپ زىيان تارتىدىغانلارنى ئېيتىپ بېرەيلىمۇ؟ [103].

  104. (18-سۈرە كەھف، 104-ئايەت)
    الَّذِينَ ضَلَّ سَعْيُهُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَهُمْ يَحْسَبُونَ أَنَّهُمْ يُحْسِنُونَ صُنْعًا
    ئۇلار ھاياتى دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرى يوققا چىققان، ئەمما ئۆزلىرى ئوبدان ئىش قىلدۇق دەپ ئويلىغان ئادەملەردۇر

    ]. ئۇلار دۇنيا ھاياتىدا قىلغان ئەمەللىرى يوققا چىققان، ئەمما ئۆزلىرى ئوبدان ئىش قىلدۇق دەپ ئويلىغان ئادەملەردۇر [104].

  105. (18-سۈرە كەھف، 105-ئايەت)
    أُولَٰئِكَ الَّذِينَ كَفَرُوا بِآيَاتِ رَبِّهِمْ وَلِقَائِهِ فَحَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فَلَا نُقِيمُ لَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَزْنًا
    ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغان، نەتىجىدە قىلغان ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتكەن كىشىلەردۇر، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى (يەنى مۇنداق كىشىلەرنى) قىلچە ئېتىبارغا ئالمايمىز

    ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى ئىنكار قىلغان، نەتىجىدە قىلغان ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتكەن كىشىلەردۇر». قىيامەت كۈنى ئۇلارنى قىلچە ئېتىبارغا ئالمايمىز [105].

  106. (18-سۈرە كەھف، 106-ئايەت)
    ذَٰلِكَ جَزَاؤُهُمْ جَهَنَّمُ بِمَا كَفَرُوا وَاتَّخَذُوا آيَاتِي وَرُسُلِي هُزُوًا
    كاپىر بولغانلىقلىرى، مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ۋە پەيغەمبەرلىرىمنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ جازاسى جەھەننەمدۇر

    كافىر بولغانلىقلىرى، مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ۋە پەيغەمبەرلىرىمنى مەسخىرە قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ جازاسى جەھەننەمدۇر [106].

  107. (18-سۈرە كەھف، 107-ئايەت)
    إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ كَانَتْ لَهُمْ جَنَّاتُ الْفِرْدَوْسِ نُزُلًا
    شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ مەنزىلگاھى فىردەۋس جەننەتلىرى بولىدۇ

    شۈبھىسىزكى، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ جايى فىردەۋس جەننەتلىرى بولىدۇ [107].

  108. (18-سۈرە كەھف، 108-ئايەت)
    خَالِدِينَ فِيهَا لَا يَبْغُونَ عَنْهَا حِوَلًا
    ئۇلار فىردەۋس جەننەتلىرىدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن يۆتكىلىشنى خالىمايدۇ

    ئۇلار فىردەۋس جەننەتلىرىدە مەڭگۈ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن يۆتكىلىشنى خالىمايدۇ [108].

  109. (18-سۈرە كەھف، 109-ئايەت)
    قُلْ لَوْ كَانَ الْبَحْرُ مِدَادًا لِكَلِمَاتِ رَبِّي لَنَفِدَ الْبَحْرُ قَبْلَ أَنْ تَنْفَدَ كَلِمَاتُ رَبِّي وَلَوْ جِئْنَا بِمِثْلِهِ مَدَدًا
    ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىمنىڭ سۆزلىرىنى يېزىش ئۈچۈن، ئەگەر دېڭىز (سۈيى) سىياھ بولۇپ كەتسە، پەرۋەردىگارىمنىڭ سۆزلىرى تۈگىمەي تۇرۇپ، دېڭىز (سۈيى) چوقۇم تۈگەپ كەتكەن بولاتتى، مۇبادا يەنە شۇنچىلىك دېڭىز (سۈيىنى) كەلتۈرسەكمۇ».(ئىزاھات:ئاللاھنىڭ كالامى خۇددى ئاللاھنىڭ ئىلمىدەك چەكسىز، بۇ، ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ كەڭلىكىنىڭ مىسالىدۇر.)

    ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىمنىڭ سۆزلىرىنى يېزىش ئۈچۈن، ئەگەر دېڭىز سۈيى سىياھ بولغان ۋە بىز يەنە شۇنچىلىك دېڭىز سۈيىنى سىياھ قىلىپ كەلتۈرگەن تەقدىردىمۇ، پەرۋەردىگارىمنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپ، دېڭىز سۈيى چوقۇم تۈگەپ كەتكەن بولاتتى» [109].

  110. (18-سۈرە كەھف، 110-ئايەت)
    قُلْ إِنَّمَا أَنَا بَشَرٌ مِثْلُكُمْ يُوحَىٰ إِلَيَّ أَنَّمَا إِلَٰهُكُمْ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ ۖ فَمَنْ كَانَ يَرْجُو لِقَاءَ رَبِّهِ فَلْيَعْمَلْ عَمَلًا صَالِحًا وَلَا يُشْرِكْ بِعِبَادَةِ رَبِّهِ أَحَدًا
    (ئى مۇھەممەد‍!) ئېيتقىنكى، مەن پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن. ماڭا ۋەھىي قىلىنىدۇكى، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر. كىمكى، پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن (ساۋابىنى ئۈمىد قىلىپ ئازابىدىن قورقىدىكەن)، ياخشى ئىش قىلسۇن. پەرۋەردىگارىغا قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمىسۇن»

    (ئى مۇھەممەد