قىيامەت سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 40 ئايەت
مەنىسى: قىيامەت. ئاتىلىش سەۋەبى: قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
  1. (75-سۈرە قىيامەت، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ لَا أُقْسِمُ بِيَوْمِ الْقِيَامَةِ
    قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەمكى

    قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەم قىلىمەن[1]،

  2. (75-سۈرە قىيامەت، 2-ئايەت)
    وَلَا أُقْسِمُ بِالنَّفْسِ اللَّوَّامَةِ
    ئۆزىنى مالامەت قىلغۇچى نەپسى بىلەن قەسەمكى، (سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر، سىلەردىن چوقۇم ھېساب ئېلىنىدۇ)

    ئۆزىنى ئەيىبلەپ تۇرىدىغان جان ئىگىسى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى [2].

  3. (75-سۈرە قىيامەت، 3-ئايەت)
    أَيَحْسَبُ الْإِنْسَانُ أَلَّنْ نَجْمَعَ عِظَامَهُ
    ئىنسان بىزنى ئۆزىنىڭ (چىرىپ تارقىلىپ كەتكەن) سۆڭەكلىرىنى جەمئى قىلالمايدۇ دەپ گۇمان قىلامدۇ؟

    ئىنسان بىزنى ئۆزىنىڭ (چىرىپ چېچىلىپ كەتكەن) سۆڭەكلىرىنى ھەرگىز يىلغالمايدۇ دەپ ئويلامدۇ؟ [3]

  4. (75-سۈرە قىيامەت، 4-ئايەت)
    بَلَىٰ قَادِرِينَ عَلَىٰ أَنْ نُسَوِّيَ بَنَانَهُ
    ئىنسان بىزنى ئۆزىنىڭ (چىرىپ تارقىلىپ كەتكەن) سۆڭەكلىرىنى جەمئى قىلالمايدۇ دەپ گۇمان قىلامدۇ؟

    ئۇنداق ئەمەس، بىز ئۇنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئۇچىنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز [4].

  5. (75-سۈرە قىيامەت، 5-ئايەت)
    بَلْ يُرِيدُ الْإِنْسَانُ لِيَفْجُرَ أَمَامَهُ
    ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنى جەمئى قىلىمىز)، ئۇنىڭ (ئەڭ ئىنچىكە، ئەڭ نازۇك بولغان) بارماقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيمىز

    شۇنداق تۇرسىمۇ، ئۆز ئالدىدىكى قىيامەتنى يالغان دىمەكچى بولۇپ: «قىيامەت كۈنى قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ [5-6].

  6. (75-سۈرە قىيامەت، 6-ئايەت)
    يَسْأَلُ أَيَّانَ يَوْمُ الْقِيَامَةِ
    بەلكى ئىنسان كەلگۈسى ھاياتىدا گۇناھتا ئەزۋەيلىمەكچى بولىدۇ

    شۇنداق تۇرسىمۇ، ئۆز ئالدىدىكى قىيامەتنى يالغان دىمەكچى بولۇپ: «قىيامەت كۈنى قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ [5-6].

  7. (75-سۈرە قىيامەت، 7-ئايەت)
    فَإِذَا بَرِقَ الْبَصَرُ
    ئۇ (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «قىيامەت كۈنى قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ

    كۆزلەر قاماشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن بۇ قىيامەت كۈنىدە، ئىنسان: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەپ كېتىدۇ [7ـ10].

  8. (75-سۈرە قىيامەت، 8-ئايەت)
    وَخَسَفَ الْقَمَرُ
    كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ

    كۆزلەر قاماشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن بۇ قىيامەت كۈنىدە، ئىنسان: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەپ كېتىدۇ [7ـ10].

  9. (75-سۈرە قىيامەت، 9-ئايەت)
    وَجُمِعَ الشَّمْسُ وَالْقَمَرُ
    كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ

    كۆزلەر قاماشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن بۇ قىيامەت كۈنىدە، ئىنسان: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەپ كېتىدۇ [7ـ10].

  10. (75-سۈرە قىيامەت، 10-ئايەت)
    يَقُولُ الْإِنْسَانُ يَوْمَئِذٍ أَيْنَ الْمَفَرُّ
    كۆزلەر تورلاشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن چاغدا، ئىنسان بۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ

    كۆزلەر قاماشقان، ئاينىڭ نۇرى ئۆچكەن، كۈن بىلەن ئاي بىرلەشتۈرۈلگەن بۇ قىيامەت كۈنىدە، ئىنسان: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەپ كېتىدۇ [7ـ10].

  11. (75-سۈرە قىيامەت، 11-ئايەت)
    كَلَّا لَا وَزَرَ
    ياق، (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قاچىدىغان پاناھگاھ يوقتۇر

    ئۇ بۇ خىيالدىن يانسۇن! قاچىدىغان ھېچقانداق پاناھگاھ يوقتۇر [11].

  12. (75-سۈرە قىيامەت، 12-ئايەت)
    إِلَىٰ رَبِّكَ يَوْمَئِذٍ الْمُسْتَقَرُّ
    بۇ كۈندە قارارگاھ پەرۋەردىگارىڭنىڭ تەرىپىدۇر

    بۇ كۈندە بارىدىغان قارارگاھ پەقەتلا پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر [12].

  13. (75-سۈرە قىيامەت، 13-ئايەت)
    يُنَبَّأُ الْإِنْسَانُ يَوْمَئِذٍ بِمَا قَدَّمَ وَأَخَّرَ
    بۇ كۈندە ئىنسانغا (چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن، ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن) ئىلگىرى ئاخىرى قىلغان ئەمەللىرى ئۇقتۇرۇلىدۇ

    بۇ كۈندە ئىنسانغا ئىلگىرى ئاخىرى قىلغان ئەمەللىرى ئۇقتۇرۇلىدۇ [13].

  14. (75-سۈرە قىيامەت، 14-ئايەت)
    بَلِ الْإِنْسَانُ عَلَىٰ نَفْسِهِ بَصِيرَةٌ
    بەلكى ئىنسان ئۆزىگە (يەنى قىلغان يامان ئىشلىرىغا) ئۆزى گۇۋاھتۇر

    ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنسان ئۆزىنىڭ زىيىنىغا ئۆزى گۇۋاھ بولىدۇ [14].

  15. (75-سۈرە قىيامەت، 15-ئايەت)
    وَلَوْ أَلْقَىٰ مَعَاذِيرَهُ
    ئۇ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن قانچە ئۆزرە ئېيتقان تەقدىردىمۇ (ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ)

    ئۇ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن قانچە ئۆزرە ئېيتقان تەقدىردىمۇ (ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ) [15].

  16. (75-سۈرە قىيامەت، 16-ئايەت)
    لَا تُحَرِّكْ بِهِ لِسَانَكَ لِتَعْجَلَ بِهِ
    (ساڭا جىبرىئىل ئارقىلىق ۋەھىي نازىل بولۇۋاتقاندا، ئۇنى ئېسىڭغا ئېلىۋېلىش ئۈچۈن) ئالدىراپ تىلىڭنى مىدىرلاتما

    (ئى مۇھەممەد! ساڭا ۋەھيى نازىل بولۇۋاتقاندا) ئۇنى ئېسىڭگە ئېلىۋېلىشقا ئالدىراپ تىلىڭنى مىدىرلاتما [16].

  17. (75-سۈرە قىيامەت، 17-ئايەت)
    إِنَّ عَلَيْنَا جَمْعَهُ وَقُرْآنَهُ
    ئۇنى توپلاش ۋە ئوقۇپ بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر

    ئۇ ۋەھينى (سېنىڭ دىلىڭغا) توپلاش ۋە سېنى ئۇنى ئوقۇيالايدىغان قىلىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر [17].

  18. (75-سۈرە قىيامەت، 18-ئايەت)
    فَإِذَا قَرَأْنَاهُ فَاتَّبِعْ قُرْآنَهُ
    ساڭا ئۇنى ئوقۇپ بەرگىنىمىزدە (يەنى جىبرىئىل ساڭا ئوقۇپ بەرگەندە)، ئۇنىڭ ئوقۇشىغا ئەگەشكىن

    شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ساڭا ئۇنى(پەرىشتە ئارقىلىق) ئوقۇپ بەرگەندە سەن ئۇنى (قۇلاق سېلىپ) ئاڭلىغىن[18].

  19. (75-سۈرە قىيامەت، 19-ئايەت)
    ثُمَّ إِنَّ عَلَيْنَا بَيَانَهُ
    ئاندىن ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر

    ئاندىن ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر [19].

  20. (75-سۈرە قىيامەت، 20-ئايەت)
    كَلَّا بَلْ تُحِبُّونَ الْعَاجِلَةَ
    ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، ھېساب بېرىش سىلەر گۇمان قىلغاندەك يوق ئىش ئەمەس)، بەلكى سىلەر بۇ دۇنيانى دوست تۇتىسىلەر

    (ئى مۇشرىكلار!) ھەقىقەت شۇكى، سىلەر بۇ دۇنيانى بەكمۇ دوست تۇتىسىلەر [20].

  21. (75-سۈرە قىيامەت، 21-ئايەت)
    وَتَذَرُونَ الْآخِرَةَ
    ئاخىرەتكە كۆڭۈل بۆلمەيسىلەر

    ئاخىرەتنى بولسا بىر ياققا قايرىپ قويىسىلەر [21].

  22. (75-سۈرە قىيامەت، 22-ئايەت)
    وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ نَاضِرَةٌ
    بۇ كۈندە، (سائادەتمەنلەرنىڭ) يۈزلىرى نۇرلۇق بولىدۇ

    قىيامەت كۈنىدە نۇرغۇن يۈزلەر نۇرلۇق بولىدۇ [22].

  23. (75-سۈرە قىيامەت، 23-ئايەت)
    إِلَىٰ رَبِّهَا نَاظِرَةٌ
    (ئۇلار) پەرۋەردىگارىغا قاراپ تۇرىدۇ

    پەرۋەردىگارىغا قاراپ تۇرىدۇ [23].

  24. (75-سۈرە قىيامەت، 24-ئايەت)
    وَوُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ بَاسِرَةٌ
    بۇ كۈندە، نۇرغۇن يۈزلەر تۇتۇق بولىدۇ

    بۇ كۈندە، نۇرغۇن يۈزلەر خاپا چىراي بولىدۇ [24].

  25. (75-سۈرە قىيامەت، 25-ئايەت)
    تَظُنُّ أَنْ يُفْعَلَ بِهَا فَاقِرَةٌ
    ئۆزلىرىنىڭ چوڭ مۈشكۈللۈككە دۇچار بولىدىغانلىقىغا ئۇلار جەزمەن ئىشىنىدۇ

    ئۇلار چوڭ قىيىنچىلىققا دۇچار بولىدىغان بولدۇق دەپ ئويلايدۇ [25].

  26. (75-سۈرە قىيامەت، 26-ئايەت)
    كَلَّا إِذَا بَلَغَتِ التَّرَاقِيَ
    راستتىنلا جان ھەلقۇمىغا يەتكەندە، «(بۇ كېسەلگە) كىم ئىلاج قىلالايدۇ» دېيىلىدۇ

    ھەقىقەت شۇكى، جان ھەلقۇمغا كەلگەندە [26].

  27. (75-سۈرە قىيامەت، 27-ئايەت)
    وَقِيلَ مَنْ ۜ رَاقٍ
    راستتىنلا جان ھەلقۇمىغا يەتكەندە، «(بۇ كېسەلگە) كىم ئىلاج قىلالايدۇ» دېيىلىدۇ

    «(بۇنىڭغا) كىم ئىلاج قىلالايدۇ؟» دېيىلگەندە [27].

  28. (75-سۈرە قىيامەت، 28-ئايەت)
    وَظَنَّ أَنَّهُ الْفِرَاقُ
    (سەكراتتا ياتقان ئادەم) بۇنىڭ (دۇنيادىن) ئايرىلىش ئىكەنلىكىنى جەزمەن بىلىدۇ

    سەكراتتا ياتقان ئادەم بۇ«دۇنيادىن جەزمەن ئايرىلىش ئىكەن» دەپ بىلگەندە [28].

  29. (75-سۈرە قىيامەت، 29-ئايەت)
    وَالْتَفَّتِ السَّاقُ بِالسَّاقِ
    (سەكراتنىڭ قاتتىقلىقىدىن) پاچاق پاچاققا كىرىشىپ كېتىدۇ

    (سەكراتنىڭ قاتتىقلىقىدىن) پاچاق پاچاققا چىرمىشىپ كەتكەندە[29].

  30. (75-سۈرە قىيامەت، 30-ئايەت)
    إِلَىٰ رَبِّكَ يَوْمَئِذٍ الْمَسَاقُ
    بۇ كۈندە ھەيدەپ بېرىلىدىغان جاي پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر

    دەل شۇ كۈندە ھەيدەپ بېرىلىدىغان جاي پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر [30].

  31. (75-سۈرە قىيامەت، 31-ئايەت)
    فَلَا صَدَّقَ وَلَا صَلَّىٰ
    (كاپىر قۇرئانغا) ئىشەنمىدى، ناماز ئوقۇمىدى

    كافىر قۇرئانغا ئىشەنمىدى، ناماز ئوقۇمىدى [31].

  32. (75-سۈرە قىيامەت، 32-ئايەت)
    وَلَٰكِنْ كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰ
    لېكىن ئۇ (قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى ۋە (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈدى

    ئەكسىچە قۇرئاننى يالغان دېدى ۋە ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتتى [32].

  33. (75-سۈرە قىيامەت، 33-ئايەت)
    ثُمَّ ذَهَبَ إِلَىٰ أَهْلِهِ يَتَمَطَّىٰ
    ئاندىن كېرىلگەن ھالدا ئۆيىگە قايتتى

    ئاندىن كېرىلگەن ھالدا ئۆيىگە قايتتى [33].

  34. (75-سۈرە قىيامەت، 34-ئايەت)
    أَوْلَىٰ لَكَ فَأَوْلَىٰ
    ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا! ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا!

    ساڭا ھالاكەت تېگىشلىك! تېگىشلىك بولغاندىمۇ تازا تېگىشلىك [34]

  35. (75-سۈرە قىيامەت، 35-ئايەت)
    ثُمَّ أَوْلَىٰ لَكَ فَأَوْلَىٰ
    يەنە ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا! ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا!

    يەنە ساڭا ھالاكەت تېگىشلىك! تېگىشلىك بولغاندىمۇ تازا تېگىشلىك [35]

  36. (75-سۈرە قىيامەت، 36-ئايەت)
    أَيَحْسَبُ الْإِنْسَانُ أَنْ يُتْرَكَ سُدًى
    ئىنسان ئۆزىنى بىكار قويۇپ بېرىلىدۇ (يەنى شەرىئەت ئىشلىرىغا تەكلىپ قىلىنماي، مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن ھايۋانغا ئوخشاش) دەپ ئويلامدۇ؟

    ئىنسان «بىز ئۆز مەيلىمىزگە قويۇۋېتىلىمىز» دەپ ئويلامدۇ؟ [36]

  37. (75-سۈرە قىيامەت، 37-ئايەت)
    أَلَمْ يَكُ نُطْفَةً مِنْ مَنِيٍّ يُمْنَىٰ
    ئۇ (بەچچىدانلارغا) تۆكىلىدىغان (ئاجىز مەنىي) ئەمەسمىدى؟

    ئۇ ئەسلىدە بالىياتقۇغا تۆكۈلىدىغان مەنىي ئەمەسمىدى؟ [37]

  38. (75-سۈرە قىيامەت، 38-ئايەت)
    ثُمَّ كَانَ عَلَقَةً فَخَلَقَ فَسَوَّىٰ
    ئاندىن ئۇ لەختە قان بولدى، ئاندىن ئاللاھ ئۇنى چىرايلىق شەكىلدە ياراتتى

    ئاندىن ئۇ لەختە قانغا ئايلانغاندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇنى چىرايلىق شەكىلدە ئادەم قىلىپ يارىتىپ، ئۇنىڭدىن ئەر-ئايال ئىككى جىنىسنى پەيدا قىلغان ئەمەسمىدى؟ [38-39].

  39. (75-سۈرە قىيامەت، 39-ئايەت)
    فَجَعَلَ مِنْهُ الزَّوْجَيْنِ الذَّكَرَ وَالْأُنْثَىٰ
    ئۇ مەنىيدىن ئەر ـ ئايال (ئىككى تىپنى) ياراتتى

    ئاندىن ئۇ لەختە قانغا ئايلانغاندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇنى چىرايلىق شەكىلدە ئادەم قىلىپ يارىتىپ، ئۇنىڭدىن ئەر-ئايال ئىككى جىنىسنى پەيدا قىلغان ئەمەسمىدى؟ [38-39].

  40. (75-سۈرە قىيامەت، 40-ئايەت)
    أَلَيْسَ ذَٰلِكَ بِقَادِرٍ عَلَىٰ أَنْ يُحْيِيَ الْمَوْتَىٰ
    (يەنى يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى قىلالىغان ئاللاھ) ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟

    يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى قىلالىغان ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟ [40]