مۇتەففىفىن سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 36 ئايەت
مەنىسى: تارازىدا كەم بەرگۈچىلەر. ئاتىلىش سەۋەبى: تارازىدا كەم بەرگۈچىلەر ئاگاھلاندۇرۇلۇپ باشلانغان
  1. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَيْلٌ لِلْمُطَفِّفِينَ
    (ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا) كەم بەرگۈچىلەرگە ۋاي!

    ئۆلچەمدە ئادىل بولمىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! [1]

  2. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 2-ئايەت)
    الَّذِينَ إِذَا اكْتَالُوا عَلَى النَّاسِ يَسْتَوْفُونَ
    ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغدا، تولۇق ئالىدۇ

    ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغدا تولۇق ئالىدۇ [2].

  3. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 3-ئايەت)
    وَإِذَا كَالُوهُمْ أَوْ وَزَنُوهُمْ يُخْسِرُونَ
    كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا، كەم بېرىدۇ

    كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا كەم بېرىدۇ [3].

  4. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 4-ئايەت)
    أَلَا يَظُنُّ أُولَٰئِكَ أَنَّهُمْ مَبْعُوثُونَ
    ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ

    ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ؟ [4ـ5].

  5. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 5-ئايەت)
    لِيَوْمٍ عَظِيمٍ
    ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ

    ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ؟ [4ـ5].

  6. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 6-ئايەت)
    يَوْمَ يَقُومُ النَّاسُ لِرَبِّ الْعَالَمِينَ
    ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا تىك تۇرىدۇ

    ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارىنىڭ ھۇزۇرىدا تىك تۇرىدۇ [6].

  7. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 7-ئايەت)
    كَلَّا إِنَّ كِتَابَ الْفُجَّارِ لَفِي سِجِّينٍ
    ئۇلار (تارازىدا، ئۆلچەمدە) كەم بېرىشتىن يانسۇن، يامان ئادەملەرنىڭ نامە ـ ئەمالى چوقۇم سىججىندا بولىدۇ

    ھەقىقەت شۇكى، يامان ئادەملەر (يەنى كافىرلار) نىڭ نامە ـ ئەمالى چوقۇم سىججىندا بولىدۇ [7].

  8. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 8-ئايەت)
    وَمَا أَدْرَاكَ مَا سِجِّينٌ
    سىججىن دېگەن نېمە؟ ئۇنى قانداق بىلەلەيسەن؟

    سىججىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ [8]

  9. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 9-ئايەت)
    كِتَابٌ مَرْقُومٌ
    ئۇ (يامان ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرى) خاتىرىلەنگەن بىر دەپتەردۇر

    ئۇ يامان ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرى خاتىرىلەنگەن دەپتەردۇر [9].

  10. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 10-ئايەت)
    وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
    بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي!

    ھەقنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ بۇ كۈندىكى ھالىغا ۋاي! [10]

  11. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 11-ئايەت)
    الَّذِينَ يُكَذِّبُونَ بِيَوْمِ الدِّينِ
    ئۇلار قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدۇ

    ئۇلار قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلىدۇ [11].

  12. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 12-ئايەت)
    وَمَا يُكَذِّبُ بِهِ إِلَّا كُلُّ مُعْتَدٍ أَثِيمٍ
    ئۇنى پەقەت (كۇفرىدا) ھەددىدىن ئاشقان، ئىنتايىن گۇناھكار ئادەملا ئىنكار قىلىدۇ

    ئۇنى پەقەت ھەددىدىن ئاشقان، ئىنتايىن گۇناھكار ئادەملا ئىنكار قىلىدۇ [12].

  13. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 13-ئايەت)
    إِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِ آيَاتُنَا قَالَ أَسَاطِيرُ الْأَوَّلِينَ
    ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، ئۇ: «(بۇ) قەدىمكىلەرنىڭ ھېكايىلىرىدۇر» دەيدۇ

    ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلسە،ئۇ: «بۇ قەدىمكىلەرنىڭ ھېكايىلىرىدۇر» دەيدۇ [13].

  14. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 14-ئايەت)
    كَلَّا ۖ بَلْ ۜ رَانَ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ مَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
    ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەن

    ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئۇلار گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن كۆڭلى قارا بولۇپ كەتكەنلەردۇر [14].

  15. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 15-ئايەت)
    كَلَّا إِنَّهُمْ عَنْ رَبِّهِمْ يَوْمَئِذٍ لَمَحْجُوبُونَ
    ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ھەقىقەتەن ئۇلار بۇ كۈندە پەرۋەردىگارىنى كۆرۈشتىن مەنئى قىلىنغان

    ھەقىقەت شۇكى، ئۇلار قىيامەت كۈنىدە پەرۋەردىگارىنى كۆرۈشتىن مەنئى قىلىنغانلاردۇر [15].

  16. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 16-ئايەت)
    ثُمَّ إِنَّهُمْ لَصَالُو الْجَحِيمِ
    ئاندىن ئۇلار ھەقىقەتەن دوزاخقا داخىل بولغۇچىلاردۇر

    ئاندىن ئۇلار ھەقىقەتەن دوزاخقا داخىل بولغۇچىلاردۇر [16].

  17. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 17-ئايەت)
    ثُمَّ يُقَالُ هَٰذَا الَّذِي كُنْتُمْ بِهِ تُكَذِّبُونَ
    ئاندىن (ئۇلارغا): «مانا بۇ سىلەر ئىنكار قىلغان نەرسە (يەنى ئازاب) دۇر» دېيىلىدۇ

    ئاندىن (ئۇلارغا): «مانا بۇ-سىلەر ئىنكار قىلغان ئازاب» دېيىلىدۇ [17].

  18. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 18-ئايەت)
    كَلَّا إِنَّ كِتَابَ الْأَبْرَارِ لَفِي عِلِّيِّينَ
    راستتىنلا ياخشى بەندىلەرنىڭ نامە ـ ئەمالى شەك ـ شۈبھىسىز ئىللىيوندا بولىدۇ

    ھەقىقەت شۇكى، ياخشى بەندىلەرنىڭ نامە ـ ئەمالى چوقۇم ئىللىييۇندا بولىدۇ [18].

  19. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 19-ئايەت)
    وَمَا أَدْرَاكَ مَا عِلِّيُّونَ
    ئىللىيوننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سەن قانداق بىلەلەيسەن؟

    ئىللىييوننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سەن بىلەمسەن؟ [19].

  20. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 20-ئايەت)
    كِتَابٌ مَرْقُومٌ
    (ئۇ) ياخشىلارنىڭ ئەمەللىرى خاتىرىلەنگەن دەپتەردۇر

    ئۇ ياخشىلارنىڭ ئەمەللىرى خاتىرىلەنگەن دەپتەردۇر [20].

  21. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 21-ئايەت)
    يَشْهَدُهُ الْمُقَرَّبُونَ
    ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ يېقىن پەرىشتىلىرى گۇۋاھ بولىدۇ

    ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ يېقىن پەرىشتىلىرى گۇۋاھ بولىدۇ [21].

  22. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 22-ئايەت)
    يَشْهَدُهُ الْمُقَرَّبُونَ
    ياخشىلار نېمەت ئىچىدە (يەنى جەننەتتە) بولىدۇ

    ياخشىلار نېمەت ئىچىدە بولىدۇ [22].

  23. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 23-ئايەت)
    إِنَّ الْأَبْرَارَ لَفِي نَعِيمٍ
    ئۇلار تەختلەر ئۈستىدە تۇرۇپ (ئاللاھنىڭ جەننەتتە ئۇلارغا بەرگەن تۈرلۈك نېمەتلىرىگە) قارايدۇ

    ئۇلار تەختلەردە تۇرۇپ (بۇ نېمەتلىرىگە) نەزەر سالىدۇ [23].

  24. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 24-ئايەت)
    إِنَّ الْأَبْرَارَ لَفِي نَعِيمٍ
    ئۇلارغا قارايدىغان بولساڭ، نېمەتنىڭ (ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدىن چىقىپ تۇرغان) ئەسىرىنى تونۇيسەن

    ئۇلارنىڭ چىرايىدىن نېمەتنىڭ خوشاللىق ئىپادىلىرىنى كۆرىسەن [24].

  25. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 25-ئايەت)
    عَلَى الْأَرَائِكِ يَنْظُرُونَ
    ئۇلارغا ئاغزى پېچەتلەنگەن ساپ شاراب سۇنۇلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىقى يۇتۇمىدىمۇ ئۇنىڭدىن ئىپارنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ. قىزىققۇچىلار شۇنىڭغا قىزىقسۇن!

    ئۇلار ئاغزى پېچەتلەنگەن، ئەڭ ئاخىرقى يۇتۇممۇ ئىپار پۇرايدىغان ساپ شاراب بىلەن سۇغىرىلىدۇ، (ياخشى ئىشتا) رىقابەتلەشمەكچى بولغانلار (مۇشۇلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن) رىقابەتلەشسۇن![25ـ26]

  26. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 26-ئايەت)
    عَلَى الْأَرَائِكِ يَنْظُرُونَ
    ئۇلارغا ئاغزى پېچەتلەنگەن ساپ شاراب سۇنۇلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىقى يۇتۇمىدىمۇ ئۇنىڭدىن ئىپارنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ. قىزىققۇچىلار شۇنىڭغا قىزىقسۇن!

    ئۇلار ئاغزى پېچەتلەنگەن، ئەڭ ئاخىرقى يۇتۇممۇ ئىپار پۇرايدىغان ساپ شاراب بىلەن سۇغىرىلىدۇ، (ياخشى ئىشتا) رىقابەتلەشمەكچى بولغانلار (مۇشۇلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن) رىقابەتلەشسۇن![25ـ26]

  27. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 27-ئايەت)
    تَعْرِفُ فِي وُجُوهِهِمْ نَضْرَةَ النَّعِيمِ
    ئۇنىڭغا (يەنى ساپ شارابقا) تەسنىمنىڭ (سۈيى) ئارىلاشتۇرۇلغان

    ئۇ شارابقا تەسنىمنىڭ سۈيى ئارىلاشتۇرۇلغان [27].

  28. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 28-ئايەت)
    يُسْقَوْنَ مِنْ رَحِيقٍ مَخْتُومٍ
    تەسنىم جەننەتتىكى بىر بۇلاق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرى ئىچىدۇ

    تەسنىم جەننەتتىكى بىر بۇلاق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرى ئىچىدۇ [28].

  29. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 29-ئايەت)
    خِتَامُهُ مِسْكٌ ۚ وَفِي ذَٰلِكَ فَلْيَتَنَافَسِ الْمُتَنَافِسُونَ
    كاپىرلار ھەقىقەتەن مۆمىنلەرنى (مەسخىرە قىلىپ) كۈلەتتى

    كافىرلار ھەقىقەتەن مۆمىنلەرنى مەسخىرە قىلىپ كۈلەتتى [29].

  30. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 30-ئايەت)
    وَمِزَاجُهُ مِنْ تَسْنِيمٍ
    ئۆيلىرىگە قايتقاندا (مۆمىنلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ) مەززە قىلغان ھالدا قايتىشاتتى

    مۆمىنلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئۇلار ئۆزئارا كۆز قىسىشاتتى [30]،

  31. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 31-ئايەت)
    عَيْنًا يَشْرَبُ بِهَا الْمُقَرَّبُونَ
    مۆمىنلەرنى كۆرگەندە: «بۇلار شەكسىز ئاداشقانلار» دېيىشەتتى

    ئۆيلىرىگە قايتقاندا قىلمىشلىرىدىن ھوزۇرلانغان ھالدا قايتىشاتتى [31].

  32. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 32-ئايەت)
    إِنَّ الَّذِينَ أَجْرَمُوا كَانُوا مِنَ الَّذِينَ آمَنُوا يَضْحَكُونَ
    ئۇلار مۆمىنلەرنى كۈزىتىشكە ئەۋەتىلگىنى يوق

    مۆمىنلەرنى كۆرگەندە:«بۇلار شەكسىز ئاداشقانلار» دېيىشەتتى [32].

  33. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 33-ئايەت)
    وَإِذَا مَرُّوا بِهِمْ يَتَغَامَزُونَ
    ئۇلار مۆمىنلەرنى كۈزىتىشكە ئەۋەتىلگىنى يوق

    ئۇلار مۆمىنلەرنى كۈزىتىشكە ئەۋەتىلمىگەن [33].

  34. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 34-ئايەت)
    وَإِذَا انْقَلَبُوا إِلَىٰ أَهْلِهِمُ انْقَلَبُوا فَكِهِينَ
    بۈگۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) مۆمىنلەر كاپىرلاردىن كۈلىدۇ

    قىيامەت كۈنى بولسا مۆمىنلەر تەختلەر ئۈستىدە كافىرلارنىڭ ھالىغا قاراپ ئولتۇرۇپ،«كافىرلار قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىۋاتامدۇ؟» دەپ ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشىدۇ [34-36].

  35. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 35-ئايەت)
    وَإِذَا رَأَوْهُمْ قَالُوا إِنَّ هَٰؤُلَاءِ لَضَالُّونَ
    (كاپىرلار) نىڭ ھالىغا (ئېسىل) تەختلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ نەزەر تاشلايدۇ

    قىيامەت كۈنى بولسا مۆمىنلەر تەختلەر ئۈستىدە كافىرلارنىڭ ھالىغا قاراپ ئولتۇرۇپ،«كافىرلار قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىۋاتامدۇ؟» دەپ ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشىدۇ [34-36].

  36. (83-سۈرە مۇتەففىفىن، 36-ئايەت)
    وَمَا أُرْسِلُوا عَلَيْهِمْ حَافِظِينَ
    (كاپىرلار مۆمىنلەرنى) مەسخىرە قىلغان قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتتىمۇ؟

    قىيامەت كۈنى بولسا مۆمىنلەر تەختلەر ئۈستىدە كافىرلارنىڭ ھالىغا قاراپ ئولتۇرۇپ،«كافىرلار قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىۋاتامدۇ؟» دەپ ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشىدۇ [34-36].