زۇخرۇف سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 89 ئايەتمەنىسى: زىبۇ-زىننەت. ئاتىلىش سەۋەبى: باقىيسى يوق دۇنيا نېئمەتلىرى پارقىراق زىبۇ-زىننەتكە ئوخشىتىلغان ۋە ئۇنىڭدىن دۇنيادا كۇففارلارمۇ بەھىرلىنەلەيدىغانلىقى، ئاخىرەتتە مۆئمىنلەرگىلا خاس بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ حم
ھا، مىم — مۇھەممەد سالىھ
ھا، مىيم — تەرجىمە ھەيئىتى
ھا، مىم. — ئەنەس ئالىم
ھا، مىم. ئى ئىنكارچىلار! قۇرئان، سىلەر سۆزۈڭلارنى تۈزىدىغان مۇشۇنداق ھەرپلەردىن تەركىپ تاپىدۇ. ئۇنداقتا، قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار! بۇ خىل «ئۈزۈك ھەرپلەر» توغرىسىدا 2 - سۈرە (بەقەرە)نىڭ بىرىنچى ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالْكِتَابِ الْمُبِينِ
روشەن كىتاب بىلەن قەسەمكى، سىلەرنى (ئۇنىڭ مەنىسىنى) چۈشەنسۇن دەپ، بىز ئۇنى ھەقىقەتەن ئەرەبچە قۇرئان قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
بۇ روشەن كىتاب بىلەن قەسەمكى — تەرجىمە ھەيئىتى
روشەن كىتاب بىلەن قەسەمكى، — ئەنەس ئالىم
(2-4) ئى ئىنسانلار! بىز ئەلچىمىز مۇھەممەد ئارقىلىق سىلەرگە يەتكۈزگەن روشەن كىتاب (لەۋزى راۋان، مەنىسى ئېنىق) كىتاب بىلەن قەسەمكى، بىز ئۇ كىتابنى ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىپ چۈشىنىشىڭلار، راستلىقىغا ئىشىنىشىڭلار ۋە بويسۇنۇشىڭلار ئۈچۈن ئەرەبچە قۇرئان ھالىتىدە تۈزۈپ نازىل قىلدۇق. ئۇ قۇرئان، ھۇزۇرىمىزدىكى ئاساسىي كىتاب بولغان «لەۋھى مەھفۇز»دا مەۋجۇتتۇر، ئۈستۈن مەرتىۋىلىك، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ۋە ئىنتايىن شەرەپلىكتۇر، چوڭقۇر ھېكمەت، توغرا ھۆكۈم ۋە پايدىلىق ئىلىم ئۆز ئىچىگە ئالغۇچىدۇر، ئايەتلىرى ئاللاھ تەرىپىدىن پۇختا ۋە بىر - بىرىنى تەپسىر قىلىدىغان ھالەتتە تۈزۈلگەن كىتابتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّا جَعَلْنَاهُ قُرْآنًا عَرَبِيًّا لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
روشەن كىتاب بىلەن قەسەمكى، سىلەرنى (ئۇنىڭ مەنىسىنى) چۈشەنسۇن دەپ، بىز ئۇنى ھەقىقەتەن ئەرەبچە قۇرئان قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
سىلەرنى ئۇنى چۈشەنسۇن دەپ، بىز ئۇنى ھەقىقەتەن ئەرەبچە قۇرئان قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئۇنى ئەرەبچە قۇرئان قىلدۇق. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتكەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم
-
وَإِنَّهُ فِي أُمِّ الْكِتَابِ لَدَيْنَا لَعَلِيٌّ حَكِيمٌ
ھەقىقەتەن ئۇ لەۋھۇلمەھپۇزدا بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا (مۇقىملاشقان) يۇقىرى مەرتىۋىلىك ھېكمەتلىك (كىتاب) دۇر — مۇھەممەد سالىھ
ھەقىقەتەن ئۇ لەۋھۇلمەھپۇزدا بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا مۇقىملاشقان يۇقىرى مەرتىۋىلىك، ھېكمەتلىك بىر كىتابتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ يېنىمىزدىكى ئاساسىي كىتابتا مەۋجۇتتۇر، ئۇلۇغدۇر، ھېكمەتلىكتۇر. — ئەنەس ئالىم
-
أَفَنَضْرِبُ عَنْكُمُ الذِّكْرَ صَفْحًا أَنْ كُنْتُمْ قَوْمًا مُسْرِفِينَ
سىلەر (گۇمراھلىقتا) ھەددىدىن ئاشقان قەۋم بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىشنى (يەنى قۇرئاننى نازى قىلىشنى) تەرك قىلامدۇق؟ — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر ھەددىدىن ئاشقان قەۋم بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىشنى تەرك قىلامدۇق؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋم بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن بىز سىلەرنى قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشتىن ۋاز كېچەمدۇق؟ — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنكارچىلار! سىلەر قوبۇل قىلمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن بىز ئايەتلەرنى نازىل قىلىپ سىلەرگە نەسىھەت قىلىشتىن ۋاز كېچەمدۇق؟ ياق، ئەسلا ۋاز كەچمەيمىز! سىلەرنىڭ يۈز ئۆرۈشىڭلار، بويۇنتاۋلىق قىلىشىڭلار ۋە قارشى چىقىشىڭلار بىزنىڭ ئايەت نازىل قىلىپ سىلەرگە بۇ دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى، ئۇ دۇنيانىڭ ھەقىقىتىنى ۋە ئۆزۈڭلارنىڭ نېمىلىكىنى ئەسلىتىشىمىزگە توسالغۇ بولمايدۇ؛ بىز ئەلچىمىز مۇھەممەدكە ۋەھىي نازىل قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز، سىلەرنىڭ ۋە سىلەرگە ئوخشاشلارنىڭ ياقتۇرماسلىقىڭلاردىن قەتئىينەزەر نۇرىمىزنى تاماملايمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَكَمْ أَرْسَلْنَا مِنْ نَبِيٍّ فِي الْأَوَّلِينَ
ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئىلگىرىكىلەرگە نۇرغۇن نەبىي ئەۋەتتۇق. — ئەنەس ئالىم
(6-8) بىز ئىلگىرىكى قەۋملەرگە نۇرغۇنلىغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق، ئۇ قەۋملەر ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەر پەيغەمبەرنى مەسخىرە ۋە ئىنكار قىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز بۇ مۇشرىكلاردىنمۇ كۈچلۈك بولغان ئۇ قەۋملەرنى ھالاك قىلىۋەتتۇق، ئى مۇھەممەد! دېمەككى، بۇرۇنقى ئىنكارچىلار بۇ مەككە مۇشرىكلىرىدىن كۈچلۈك ئىدى، ئۆز ۋاقتىدا بىز ئۇلارنى ھالاك قىلغان ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ئىبرەتلىك قىسسەلىرى قۇرئاندا زىكىر قىلىندى. شۇڭلاشقا بۇ مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ كۈچ - قۇۋۋىتىگە ئالدانمىسۇن، ئۇلارنىڭ قىسسەلىرىدىن ئىبرەت ئالسۇن. ئاللاھ تائالا 1 ~ 8 - ئايەتلەردە قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ۋە ئۇنى نازىل قىلىش سەۋەبىنى بىلدۈرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللى بېرىدۇ، مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 9 ~ 25 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇ مۇشرىكلارنىڭ بۇزۇق ئېتىقاد ۋە قەبىھ ئىشلىرىنى بايان قىلىپ ئۇلارنى ئەيىبلەيدۇ ۋە ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئۇلارغا ئۆز قۇدرىتىنىڭ بىر قىسىم دەلىللىرىنى ئەسلىتىپ قىيامەتنىڭ قايىم بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ قايتا تىرىلىپ ھېساب بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئۇلارنى ئۆتمۈشتە ھالاك قىلىنغان قەۋەملەرنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئېلىشقا تەرغىب قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا يَأْتِيهِمْ مِنْ نَبِيٍّ إِلَّا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
ئۇلارغا قانداق بىر پەيغەمبەر كەلمىسۇن، ئۇلار ئۇنى (قەۋمىڭ سېنى مەسخىرە قىلغاندەك) مەسخىرە قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا قانداق بىر پەيغەمبەر كەلمىسۇن، ئۇلار ئۇنى مەسخىرە قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەر نەبىينى مەسخىرە قىلاتتى. — ئەنەس ئالىم
-
فَأَهْلَكْنَا أَشَدَّ مِنْهُمْ بَطْشًا وَمَضَىٰ مَثَلُ الْأَوَّلِينَ
ئۇلار (يەنى مەككە كاپىرلىرى) دىن كۈچ ـ قۇۋۋەتتە ئۈستۈن بولغانلارنى ھالاك قىلدۇق، ئىلگىرىكىلەرنىڭ قىسسەلىرى قۇرئاندا ئۆتتى — مۇھەممەد سالىھ
بىز ئۇلاردىن كۈچ ـ قۇۋۋەتتە ئۈستۈن بولغانلارنى ھالاك قىلدۇق، ئىلگىرىكىلەرنىڭ قىسسىلىرى قۇرئاندا ئۆتتى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ بىلەن بىز بۇ مۇشرىكلاردىنمۇ كۈچلۈك بولغانلارنى ھالاك قىلدۇق[1]. ئىلگىرىكىلەرنىڭ مىسالى قۇرئاندا زىكىر قىلىندى. — ئەنەس ئالىم
-
وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ مَنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ لَيَقُولُنَّ خَلَقَهُنَّ الْعَزِيزُ الْعَلِيمُ
ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلار ۋە زېمىننى كىم ياراتتى» دەپ سورىساڭ، ئۇلار: «ئەلۋەتتە ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى (ئاللاھ) ياراتتى» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر سەن ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى» دەپ سورىساڭ، ئۇلار: «ئەلۋەتتە ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ ياراتتى» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئۇلاردىن: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئۇلارنى ئەزىز ۋە بىلگۈچى زات ياراتتى» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈۋاتقان بۇ مۇشرىكلاردىن ئەگەر: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يوقتىن ياراتقان كىمدۇر؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار ھېچ ئىككىلەنمەستىن چوقۇم: «ئۇلارنى قۇدرىتى ئۇلۇغ، ئىلمى چەكسىز ئاللاھ ياراتتى» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ ياراتقۇچى ۋە باشقۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىپ تۇرۇپ ئىبادەتنى ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ مَهْدًا وَجَعَلَ لَكُمْ فِيهَا سُبُلًا لَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ
ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن زېمىننى قارارگاھ قىلدى، (سەپەردە كۆزلىگەن يېرىڭلارغا) بېرىۋېلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە زېمىندا نۇرغۇن يوللارنى ياراتتى — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن زېمىننى قارارگاھ قىلدى، كۆزلىگەن يېرىڭلارغا بېرىۋېلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە زېمىندا نۇرغۇن يوللارنى ياراتتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ، زېمىننى سىلەر ئۈچۈن بۆشۈك قىلغان، بارىدىغان يېرىڭلارغا بارالىشىڭلار ئۈچۈن زېمىندا يوللار پەيدا قىلغان زاتتۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ئاللاھ، ئارام تېپىشىڭلار ۋە پايدىلىنىشڭلار ئۈچۈن سىلەرگە زېمىننى خۇددى بۆشۈكتەك قىلىپ بەرگەن، بارىدىغان يېرىڭلارغا بارالىشىڭلار ئۈچۈن زېمىندا يوللارنى تەييارلاپ بەرگەن زاتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالَّذِي نَزَّلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً بِقَدَرٍ فَأَنْشَرْنَا بِهِ بَلْدَةً مَيْتًا ۚ كَذَٰلِكَ تُخْرَجُونَ
ئاللاھ بۇلۇتتىن (سىلەرگە زىيان يەتكۈزمەي، پايدا يەتكۈزىدىغان) ئۆلچەمدە يامغۇر ياغدۇردى، ئۇنىڭ بىلەن بىز (گىيا ئۈنمەس قاقاس) ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈردۇق، سىلەر مۇشۇنداق (يەنى ئۆلۈك يەردىن ئۆسۈملۈك چىقىرىلغاندەك) (قەبرەڭلاردىن) چىقىرىلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئاسماندىن ئۆلچەم بىلەن يامغۇر ياغدۇردى، ئۇنىڭ بىلەن بىز ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈردۇق، سىلەر مۇشۇنداق چىقىرىلىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ئاسماندىن ئۆلچەم بىلەن سۇ چۈشۈرگەن زاتتۇر. بىز ئۇ سۇ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى كۆكەرتتۇق. سىلەرمۇ قەبىرلىرىڭلاردىن ئەنە شۇنداق چىقىرىلىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ئاللاھ ئاسماندىن زېمىنغا ئۆلچەم بىلەن سۇ چۈشۈرگەن، ئۇ سۇ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى جانلاندۇرغان زاتتۇر. قىيامەت كۈنى سىلەرمۇ قەبرىڭلاردىن ئەنە شۇنداق چىقىرىلىسىلەر؛ ئاللاھنىڭ قاغجىراپ كەتكەن يەرنىڭ ئۈستىگە سۇ چۈشۈرۈپ جانلاندۇرۇشى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ ئۇ يەرنى كۆركەملەشتۈرۈشى، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ھېكمىتى چوڭقۇر، ئىلمى چەكسىز ۋە رەھمىتى كەڭ، شۇنداقلا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق يەككە - يېگانە مەبۇد ئىكەنلىكىنى ۋە قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەردۇر، چۈنكى ئۆلۈك ھالەتتىكى زېمىننى تىرىلدۈرگەن زات ئۆلۈك ھالەتتىكى خالايىقنىمۇ تىرىلدۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالَّذِي خَلَقَ الْأَزْوَاجَ كُلَّهَا وَجَعَلَ لَكُمْ مِنَ الْفُلْكِ وَالْأَنْعَامِ مَا تَرْكَبُونَ
ئاللاھ مەخلۇقاتلارنىڭ پۈتۈن تۈرلىرىنى ياراتتى، سىلەرگە ئۈستىگە چىقىشىڭلار ئۈچۈن كېمە ۋە مىنىشىڭلار ئۈچۈن ھايۋان قاتارلىقلارنى ياراتتى. ئاندىن سىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چىققانلىرىڭلاردا پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ نېمىتىنى ئەسلەپ: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا (مىنىشكە) قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز» دېگەيسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ تۈرلىرىنى ياراتتى، سىلەرگە ئۈستىگە چىقىشىڭلار ئۈچۈن كېمە ۋە مىنىشىڭلار ئۈچۈن ھايۋان قاتارلىقلارنى ياراتتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ پۈتكۈل جۈپلەرنى ياراتقان، سىلەرگە كېمىلەرنى ۋە بىر قىسىم ھايۋانلارنى قاتناش ۋاسىتىسى قىلىپ بەرگەن زاتتۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ زېمىن ئۈندۈرىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى، ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىنى ۋە ئىنسانلار بىلمەيدىغان بارلىق نەرسىلەرنى جۈپ قىلىپ ياراتقان، سىلەرگە كېمىلەرنى، تۆگە، بوقا ۋە ئۆكۈز... قاتارلىق ھايۋانلارنى قاتناش ۋاسىتىسى قىلىپ بەرگەن زاتتۇر؛ ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىنى جۈپ يارىتىشى كۆرسىتىدۇكى، ئاللاھ قىيامەت كۈنى خالايىقنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر، بەندىلەرنىڭ ئىبادەت قىلىشىغا لايىق يەككە - يېگانە مەبۇدتۇر. شۇنىڭدەك، ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا كېمە - پاراخوت، تۆگە، بوقا، ئۆكۈز، ئات، ئېشەك، قېچىر، پىل، بوغا، ھەر تۈرلۈك ماشىنا، كېمە، پويىز ۋە ئايروپىلان قاتارلىق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يارىتىپ بېرىشى ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، رەھمىتى چەكسىز ۋە ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق يېگانە مەبۇد ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لِتَسْتَوُوا عَلَىٰ ظُهُورِهِ ثُمَّ تَذْكُرُوا نِعْمَةَ رَبِّكُمْ إِذَا اسْتَوَيْتُمْ عَلَيْهِ وَتَقُولُوا سُبْحَانَ الَّذِي سَخَّرَ لَنَا هَٰذَا وَمَا كُنَّا لَهُ مُقْرِنِينَ
ئاللاھ مەخلۇقاتلارنىڭ پۈتۈن تۈرلىرىنى ياراتتى، سىلەرگە ئۈستىگە چىقىشىڭلار ئۈچۈن كېمە ۋە مىنىشىڭلار ئۈچۈن ھايۋان قاتارلىقلارنى ياراتتى. ئاندىن سىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چىققانلىرىڭلاردا پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ نېمىتىنى ئەسلەپ: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا (مىنىشكە) قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز» دېگەيسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
ئاندىن سىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چىققانلىرىڭلاردا پەرەۋردىگارىڭلارنىڭ نېمىتىنى ئەسلەپ: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا قادىر ئەمەس ئىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ئۇلاغلارنىڭ ئۇچىلىرىغا مىنگەيسىلەر، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۈستىلىرىگە يەرلىشىپ بولغان چېغىڭلاردا رەببىڭلارنىڭ نېمىتىنى ئەسلىگەيسىلەر ۋە مۇنداق دېگەيسىلەر: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات ئۇلۇغدۇر. ئۇ بويسۇندۇرۇپ بەرمىسە ئىدى، بىزنىڭ بۇنىڭغا كۈچىمىز يەتمەيتتى. — ئەنەس ئالىم
(13-14) ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە مەزكۇر قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يارىتىپ بېرىشى، ئۇلارنىڭ ئۈستىلىرىگە چىقىپ يەرلىشىپ بولغان چېغىڭلاردا رەببىڭلارنىڭ نېمىتىنى ئەسلەپ: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن ئاللاھ ھەرقانداق كەمچىلىك ۋە نۇقساندىن پاكتۇر. ئاللاھ بويسۇندۇرۇپ بەرمىسە ئىدى بىزنىڭ بۇنىڭغا كۈچىمىز يەتمەيتتى. بىز ئۆلگەندىن كېيىن قىيامەت كۈنى چوقۇم قايتا تىرىلىپ رەببىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىمىز» دېيىشىڭلار ئۈچۈندۇر. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە بىرەر يەرگە بېرىش ئۈچۈن ھەرقانداق بىر ئۇلاغقا مىنگەن ياكى بىرەر قاتناش ۋاسىتىسىگە چىققان كىشىگە، ئۇنىڭغا مىنىپ ياكى چىقىپ ئورۇنلىشىپ بولغان چېغىدا يۇقىرىدىكى زىكىر - تەسبىھنى ئېيتىشى لازىملىقىنى ئۆگىتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ، ھەمراھلىرىنى كېمىگە «بىسمىللاھ...» دەپ چىقىشقا بۇيرۇغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۆزىنىڭ نۇھ ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى كېمىگە چىقىپ ئورۇنلىشىپ بولغاندا، «بىزنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن» دېيىشكە ۋە ئۆزلىرىنى بەرىكەتلىك جايغا چۈشۈرۈشىنى تىلەشكە بۇيرۇيدۇ. دېمەككى، ھەرقانداق قاتناش ۋاسىتىسىگە چىققان كىشى بۇ تەرتىپ بويىچە زىكىر، تەسبىھ ئېيتىشى، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا مۇۋاپىق ھەمدۇسانا ۋە دۇئا - تىلەكلەردە بولۇشى ياخشى بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنَّا إِلَىٰ رَبِّنَا لَمُنْقَلِبُونَ
ئاللاھ مەخلۇقاتلارنىڭ پۈتۈن تۈرلىرىنى ياراتتى، سىلەرگە ئۈستىگە چىقىشىڭلار ئۈچۈن كېمە ۋە مىنىشىڭلار ئۈچۈن ھايۋان قاتارلىقلارنى ياراتتى. ئاندىن سىلەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چىققانلىرىڭلاردا پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ نېمىتىنى ئەسلەپ: «بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات پاكتۇر، بىز ئۇنىڭغا (مىنىشكە) قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز» دېگەيسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
بىز ھەقىقەتەن رەببىمىزنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز» دېگەيسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بىز رەببىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقۇچىلارمىز». — ئەنەس ئالىم
-
وَجَعَلُوا لَهُ مِنْ عِبَادِهِ جُزْءًا ۚ إِنَّ الْإِنْسَانَ لَكَفُورٌ مُبِينٌ
ئۇلار (پەرىشتىلەرنى ئاللاھنىڭ قىزلىرى دېيىش بىلەن) ئاللاھنىڭ بىر قىسىم بەندىلىرىنى ئاللاھنىڭ بىر جۈزئى قىلىۋالدى. (مۇنداق دېگۈچى) ئىنسان ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئاشكارا ناشۈكۈرلۈك قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئاللاھنىڭ بىر قىسىم بەندىلىرىنى ئاللاھنىڭ بىر جۈزئىييى قىلىۋالدى. شۈبھىسىزكى بۇنداق ئىنسان ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئاشكارا ناشۈكۈرلۈك قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنداقتىمۇ مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ بەزى بەندىلىرىنى ئاللاھنىڭ بىر پارچىسى ھېسابلىدى. شۈبھىسىزكى، ئىنسان ھەقىقەتەن ئاشكارا تۇزكوردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ئەنە شۇنداق قۇدرەتلىك ۋە مەرھەمەتلىك بىردىنبىر مەبۇد تۇرۇقلۇق مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ بەزى بەندىلىرىنى ئاللاھنىڭ بىر پارچىسى ھېسابلىدى؛ «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دېگەن تۆھمەتنى ئويدۇرۇپ چىقتى. ئۇ ئىنسانلار بۇ نالايىق سۆزنى قىلىش بىلەن كۇفرىلىق ۋە تۇزكورلۇقتا ئوچوق - ئاشكارا ھەددىدىن ئاشقۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَمِ اتَّخَذَ مِمَّا يَخْلُقُ بَنَاتٍ وَأَصْفَاكُمْ بِالْبَنِينَ
ئاللاھ مەخلۇقاتتىن ئۆزى ئۈچۈن قىزلارنى (بالا) تۇتۇپ، سىلەرنى ئوغۇللارغا خاس قىلدىمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ مەخلۇقاتتىن ئۆزى ئۈچۈن قىزلارنى بالا تۇتۇپ، سىلەرگە ئوغۇللارنى خاس قىلدىمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ياكى ئاللاھ مەخلۇقاتىنىڭ ئىچىدىن قىزلارنى ئۆزىگە ئېلىپ، ئوغۇللارنى سىلەرگە ئايرىدىمۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئى مۇشرىكلار! سىلەر ئۆزۈڭلار قىز بالىلارنى ياقتۇرمايسىلەر، لېكىن «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دەپ، ئۆزۈڭلار ياقتۇرمىغان قىز بالىنى ئاللاھقا مەنسۇپ قىلىسىلەر. ئېيتىپ بېقىڭلار قېنى! ئاللاھ ياراتقان مەخلۇقاتىنىڭ ئىچىدىن قىزلارنى ئۆزى ئۈچۈن بالا قىلىپ ئوغۇللارنى سىلەرگە تاللىدىمۇ؟ قىزلارنى ئۆزىگە بالا بولۇشقا ئېلىپ قېلىش ۋە ئوغۇللارنى تاللاپ سىلەرگە بالا قىلىپ بېرىش بىلەن سىلەرنى ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇتتىمۇ؟ ياق، ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلمىدى!. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا بُشِّرَ أَحَدُهُمْ بِمَا ضَرَبَ لِلرَّحْمَٰنِ مَثَلًا ظَلَّ وَجْهُهُ مُسْوَدًّا وَهُوَ كَظِيمٌ
ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرىگە مەرھەمەتلىك ئاللاھقا مەسەل قىلغان نەرسە (يەنى قىز بالا) بىلەن بېشارەت بېرىلسە (يەنى خوتۇنىنىڭ قىز تۇغقانلىقى خەۋەر قىلىنسا)، قايغۇغا چۆمگەن ھالدا ئۇنىڭ يۈزى قارىداپ كېتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرىگە مەرھەمەتلىك ئاللاھقا مەسەل قىلغان نەرسە بىلەن بېشارەت بېرىلسە، قايغۇغا چۆمگەن ھالدا ئۇنىڭ يۈزى قارىداپ كېتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنىڭ بىرىگە، ئۆزى رەھمانغا لايىق كۆرگەن قىز بالىنىڭ خۇش خەۋىرى بېرىلسە، ئاچچىقىدىن يۈزى قاپقارا بولۇپ كېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۇ مۇشرىكلار ئۆزلىرى ياقتۇرمايدىغان قىزلارنى ئاللاھقا مەنسۇپ قىلىپ: «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دەيدۇ - ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ بوھتانىدىن پاكتۇر - ۋە ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان ئوغۇللارنى ئۆزلىرىگە مەنسۇپ قىلىدۇ. ئۇلار قىز بالىدىن شۇ قەدەر نەپرەت قىلىدۇكى، ئۇلارنىڭ بىرىگە بالىسىنىڭ قىز تۇغۇلغانلىقى خۇش خەۋەر قىلىنسا، ئىچ پۇشۇقىدىن يۈزى قارىداپ كېتىدۇ، كۈن بويى خاپا چىراي ۋە غەمكىن بولۇپ يۈرۈيدۇ. ئۇ، ئەسلىدە سۆيۈنۈشى كېرەك بولغان بۇ خۇش خەۋەرنى شۇم خەۋەر دەپ چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئىزا تارتىپ ئىنسانلاردىن يوشۇرۇنۇشقا تىرىشىدۇ ۋە ئۇ قىزىنى «نومۇسقا چىداپ باقايمۇ» ياكى «تىرىك كۆمۈۋېتەيمۇ» دەپ ئويلايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَوَمَنْ يُنَشَّأُ فِي الْحِلْيَةِ وَهُوَ فِي الْخِصَامِ غَيْرُ مُبِينٍ
(ئۇلار ئاللاھقا) زىبۇزىننەت ئىچىدە چوڭ بولىدىغان، مۇنازىرىدە مەقسىتىنى ئوچۇق بايان قىلالمايدىغان (قىزلارنى مەنسۇپ قىلامدۇ؟) — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئاللاھقا زىبۇزىننەت ئىچىدە چوڭ بولىدىغان، مۇنازىرىدە مەقسىتىنى ئوچۇق بايان قىلالمايدىغان قىزلارنى مەنسۇپ قىلامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار زىبۇزىننەت ئىچىدە تەربىيەلىنىپ ئۆسىدىغان ۋە مۇنازىرىدە مەقسىتىنى ئۇقتۇرالمايدىغان قىزلارنى ئاللاھنىڭ بىر پارچىسى ھېسابلامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئۇ مۇشرىكلار ئادەتتە زىبۇزىننەت ئىچىدە تەربىيەلىنىپ ئۆسىدىغان، مۇنازىرىدە مەقسىتىنى ئېنىق ئۇقتۇرالمايدىغان نازۇك ۋە ئاجىز قىزلارنى ئاللاھنىڭ بىر پارچىسى ھېسابلامدۇ؟! ئۇلارنىڭ قىزلارنى ئاللاھنىڭ «بالىسى» دېيىشى ئەقىلگە سىغامدۇ؟! ئۇلارنىڭ قىزلارنى ئاللاھقا مەنسۇپ قىلىشى، ئۆزلىرىنىڭ قىزلاردىن نەپرەت قىلىشى نېمىدېگەن ئەجەبلىنەرلىك ئىش، نېمىدېگەن غەلىتە ئەھۋال! چۈنكى ئاللاھ زاتى، سۈپەتلىرى ۋە ئىشلىرىدا ئوخشىشى، تەڭدىشى ۋە شېرىك يوق بىردىنبىر مەبۇدتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَجَعَلُوا الْمَلَائِكَةَ الَّذِينَ هُمْ عِبَادُ الرَّحْمَٰنِ إِنَاثًا ۚ أَشَهِدُوا خَلْقَهُمْ ۚ سَتُكْتَبُ شَهَادَتُهُمْ وَيُسْأَلُونَ
ئۇلار مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ بەندىلىرى بولغان پەرىشتىلەرگە قىز دەپ ئېتىقاد قىلدى، ئاللاھ پەرىشتىلەرنى ياراتقاندا، ئۇلار ئۈستىدە بارمىدى؟ (يەنى ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى قەيەردىن بىلىدۇ؟) ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقى (ئۇلارنىڭ نامە ـ ئەمالىغا) يېزىلىدۇ، (قىيامەت كۈنى) ئۇلار سوراققا تارتىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ بەندىلىرى بولغان پەرىشتىلەرگە قىز دەپ ئېتىقاد قىلدى، ئاللاھ پەرىشتىلەرنى ياراتقاندا، ئۇلار ئۈستىدە بارمىدى؟ ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقى يېزىلىدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار سوراققا تارتىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار رەھماننىڭ بەندىلىرى بولغان پەرىشتىلەرنى چىشى دەپ دەۋا قىلىشتى. ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ يارىتىلىشىنى كۆزلىرى بىلەن كۆردىمۇ؟ ئۇلارنىڭ بۇ دەۋالىرى يېقىندا يېزىلىدۇ ۋە ئۇلار سوراققا تارتىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۇ مۇشرىكلار چەكسىز مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ بەندىلىرى بولغان پەرىشتىلەرنى «قىزلار» دەپ دەۋا قىلىشتى. ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ يارىتىلىشىنى كۆزلىرى بىلەن كۆردىمۇ؟ ياق، ھەرگىزمۇ كۆرمىدى. ئۇلارنىڭ بۇ تۆھمىتى مەسئۇل پەرىشتىلەر تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ ئەمەل دەپتەرلىرىگە يېزىلىپ تۇرىدۇ ۋە ئۇلاردىن بۇ تۆھمەتنىڭ ھېسابى قىيامەت كۈنى سورىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَالُوا لَوْ شَاءَ الرَّحْمَٰنُ مَا عَبَدْنَاهُمْ ۗ مَا لَهُمْ بِذَٰلِكَ مِنْ عِلْمٍ ۖ إِنْ هُمْ إِلَّا يَخْرُصُونَ
ئۇلار: «مەرھەمەتلىك ئاللاھ خالىسا، بىز ئۇلارغا (يەنى پەرىشتىلەرگە) چوقۇنمايتتۇق» دېدى. بۇ توغرۇلۇق ئۇلارنىڭ بىلىمى (يەنى ئاساسى) يوق، ئۇلار پەقەت جۆيلۈيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «مەرھەمەتلىك ئاللاھ خالىسا، بىز ئۇلارغا چوقۇنمايتتۇق» دېدى. بۇ توغرۇلۇق ئۇلارنىڭ بىلىمى يوق، ئۇلار پەقەت جۆيلۈيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «ئەگەر رەھمان خالىسا ئىدى، بىز بۇلارغا چوقۇنمايتتۇق» دېدى. ئۇلار بۇ سۆزىدە ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانمايدۇ. ئۇلار پەقەت بىلجىرلايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ مۇشرىكلىقىغا، «ئاللاھ خالىغان بولسا بىز ئۇ مەبۇدلىرىمىزغا چوقۇنمايتتۇق، ئاللاھ مۇشۇنداق خالىغان ئىكەن بىز چوقۇندۇق، يەنى بىزنىڭ مۇشرىك بولۇشىمىز ئاللاھنىڭ تەقدىرى» دەپ باھانە كۆرسەتتى. ئۇلارنىڭ بۇ دەۋاسىغا ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق، ئۇلار دەلىلسىز گەپ قىلىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىگە ئاللاھنىڭ كۈچلۈك دەلىلى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ تۆۋەندىكىچە: ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ تائالا سىلەرگە ئىرادە قىلىش ئەركىنلىكى بەردى ۋە ئىرادە قىلغىنىڭلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كۈچى ئاتا قىلدى، سىلەرنى بىرەر ئىشنى قىلىشقا ياكى بىرەر ئىشنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر قىلمىدى. سىلەردە ئىرادە ئەركىنلىكى بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەۋەتىش ۋە كىتاب نازىل قىلىش ئارقىلىق سىلەرنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇدى، يامان ئىشلاردىن توستى. ناۋادا سىلەردە بۇ ئەركىنلىك بولمىسا ئىدى، ئىلاھىي بۇيرۇق ۋە چەكلىمىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايتتى. شۇڭلاشقا خالىغان كىشى بۇيرۇققا بۇيسۇنىدۇ، خالىغان كىشى بويۇنتاۋلىق قىلىدۇ. بۇ، مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت. ئەگەر ھىدايەت تېپىش ياكى ئېزىپ كېتىش ئاللاھنىڭ خالىشى بىلەن بولسا ئىدى، ئاللاھ ھەممىڭلارنى ھىدايەت قىلغان بولاتتى. بۇ تەقدىردە ھىدايەت تېپىش مەجبۇرىي بولغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ ھىدايەت تېپىشنى سىلەرنىڭ تاللىشىڭلارغا باغلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋە سىلەر ئازغۇنلۇقنى تاللىغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى ئۆزۈڭلار تاللىغان ئازغۇنلۇقۇڭلاردا قويۇپ قويدى. ئاللاھنىڭ ھىدايەت قىلىشى - ھەق يولنى تاللىغانلارنى ھەق يولغا قوبۇل قىلىشىنى ۋە ئۇ يولدا مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھنىڭ ئازدۇرۇۋېتىشى بولسا، خاتا يولنى تاللىغانلارنى ئۆزلىرى تاللىغان خاتا يولدا تاشلىۋېتىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارنى ھىدايەت قىلىش ۋە ئازدۇرۇۋېتىشتىكى ئۆزگەرمەس قانۇنىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئاخىرقى كىتابى قۇرئان كەرىم نازىل بولۇش ئېتىبارى بىلەن ‹پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ھىدايەت› بولسىمۇ، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ‹تەقۋادارلارغا ھىدايەتتۇر›، ‹ئاللاھقا تەسلىم بولغۇچىلارغا ھىدايەت، رەھمەت ۋە بېشارەتتۇر›، ‹ئىشەنگۈچىلەرگە شىپا ۋە رەھمەتتۇر›، ‹ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا ھىدايەت ۋە رەھمەتتۇر›». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَمْ آتَيْنَاهُمْ كِتَابًا مِنْ قَبْلِهِ فَهُمْ بِهِ مُسْتَمْسِكُونَ
ئۇلارغا بىز قۇرئاندىن ئىلگىرى (قانداقتۇر) بىر كىتاب بەرگەن بولۇپ، ئۇلار شۇ كىتابقا مەھكەم ئىسىلامدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا بىز قۇرئاندىن ئىلگىرى بىر كىتاب بەرگەن بولۇپ، ئۇلار شۇ كىتابقا مەھكەم ئېسىلامدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ياكى بىز ئۇلارغا قۇرئاندىن ئىلگىرى كىتاب بەرگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇ كىتابنى چىڭ تۇتۇۋاتامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ياكى بىز بۇ مۇشرىكلارغا قۇرئاندىن ئىلگىرى بىرەر كىتاب بەرگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ كەلسە - كەلمەس سۆزلەرنى ئېيتىشتا ۋە: «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرى، ئاللاھ خالىغان بولسا بىز شېرىك كەلتۈرمىگەن بولاتتۇق» دېگەن تۆھمەتلەرنى قىلىشتا ئۇ كىتابقا ئاساسلىنامدۇ؟! ياق، بىزنىڭ ئۇلارغا بۇرۇن بىرەر كىتاب بەرگىنىمىز يوق، يەنى ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرۈشى ۋە تۆھمەت توقۇشىغا ھېچقانداق دەلىلى يوق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
بَلْ قَالُوا إِنَّا وَجَدْنَا آبَاءَنَا عَلَىٰ أُمَّةٍ وَإِنَّا عَلَىٰ آثَارِهِمْ مُهْتَدُونَ
ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار: «ھەقىقەتەن ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلىمىز، بىز ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ ھىدايەت تاپقۇچىدۇرمىز» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار: «ھەقىقەتەن ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلىمىز، بىز ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ ھىدايەت تاپقۇچىدۇرمىز» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ياق! ئۇلار: «بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى بىر يول ئۈستىدە بىلدۇق. بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن مېڭىپ ھىدايەت تاپقۇچى كىشىلەرمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم
مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ قەبىھ قىلمىشلىرى ۋە ناشايان سۆزلىرىگە ئەقلىي ۋە نەقلىي ھېچقانداق دەلىل كەلتۈرەلمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلار: «بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى بىر دىنىي يول ئۈستىدە بىلدۇق. بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن مېڭىپ ھىدايەت تاپقۇچى كىشىلەرمىز» دەپ ئۆزلىرىنىڭ تەقلىدچىلىكىنى ئۆزلىرىچە «دەلىل» قىلىپ كۆرسەتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(43-سۈرە زۇخرۇف، 23-ئايەت) قارىغۇلارچە ئەگىشىش ھالاك قىلىنغان قەۋملەر پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنكار قىلىنىشىوَكَذَٰلِكَ مَا أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ فِي قَرْيَةٍ مِنْ نَذِيرٍ إِلَّا قَالَ مُتْرَفُوهَا إِنَّا وَجَدْنَا آبَاءَنَا عَلَىٰ أُمَّةٍ وَإِنَّا عَلَىٰ آثَارِهِمْ مُقْتَدُونَ
شۇنىڭدەك سەندىن ئىلگىرى ھەر قاچان بىرەر شەھەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) ئەۋەتسەكلا، ئۇنىڭ دۆلەتمەن ئادەملىرى: «بىز ھەقىقەتەن ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلىمىز، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن ماڭىمىز» دېيىشتى — مۇھەممەد سالىھ
شۇنىڭدەك سەندىن ئىلگىرى ھەر قاچان بىرەر شەھەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتسەكلا، ئۇنىڭ دۆلەتمەن ئادەملىرى: «بىز ھەقىقەتەن ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى بىلىمىز، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن ماڭىمىز» دېيىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭدەك، بىز سەندىن ئىلگىرى قانداقلا يۇرتقا ئاگاھلاندۇرغۇچى ئەۋەتسەك، ئۇ يۇرتنىڭ كۆرەڭلەپ تېرىسىگە سىغماي قالغان ئەركە ئادەملىرى: «بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى بىر يول ئۈستىدە بىلدۇق. بىز ئۇلارنىڭ ئىزلىرىدىن ماڭغۇچى كىشىلەرمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارنىڭ تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىكتىكى ئەھۋالى، ئىلگىرىكى قەۋملەرنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر؛ بىز سەندىن ئىلگىرى قانداقلا بىر يۇرتقا ئاگاھلاندۇرغۇچى (پەيغەمبەر) ئەۋەتسەك، ئۇ يەرنىڭ باياشاتچىلىققا چۆمۈپ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن كاتتىباشلىرى: «بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى بىر دىنىي يول ئۈستىدە بىلدۇق. بىز ئۇلارغا ئەگىشىمىز، ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭىمىز» دېدى. دېمەككى، ئاتا - بوۋىلىرىغا قارىغۇلارچە ئەگىشىش، ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە پەيغەمبەرگە ئەگىشىشنى رەت قىلغان ئازغۇن قەۋملەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ أَوَلَوْ جِئْتُكُمْ بِأَهْدَىٰ مِمَّا وَجَدْتُمْ عَلَيْهِ آبَاءَكُمْ ۖ قَالُوا إِنَّا بِمَا أُرْسِلْتُمْ بِهِ كَافِرُونَ
(ھەر پەيغەمبەر ئۆز قەۋمىگە) «ئاتا ـ بوۋاڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىنغا قارىغاندا ئەڭ توغرا بىر دىننى كەلتۈرسەم يەنىلا ئاتا ـ بوۋاڭلارغا ئەگىشەمسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «سىلەر ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمەيمىز» دېيىشتى — مۇھەممەد سالىھ
-ھەر پەيغەمبەر ئۆز قەۋمىگە-: «ئاتا ـ بوۋاڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىنغا قارىغاندا ئەڭ توغرا بىر دىننى كەلتۈرسەم يەنىلا ئاتا ـ بوۋاڭلارغا ئەگىشەمسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «سىلەر ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمەيمىز» دېيىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەۋەتىلگەن ئاگاھلاندۇرغۇچى ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنىڭ يولىدىنمۇ توغرا يول ئېلىپ كەلگەن بولساممۇ شۇنداق قىلامسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «بىز سىلەر ئېلىپ كەلگەن يولغا ئىشەنمەيمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئەۋەتىلگەن ئاگاھلاندۇرغۇچى ئۇ قەۋملەرگە نەسىھەت قىلىپ: «مەن سىلەرگە ئاللاھتىن، ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنىڭ يولىدىنمۇ توغرا يول ئېلىپ كەلگەن بولساممۇ، سىلەر يەنىلا ئۇلارغا ئەگىشىشنى داۋاملاشتۇرامسىلەر؟» دېگەن ئىدى، ئۇلار: «بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ يولىدا ماڭىمىز، سىلەر ئېلىپ كەلگەن يولغا ئىشەنمەيمىز، سىلەرنىڭ يولۇڭلارنى قوبۇل قىلمايمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَانْتَقَمْنَا مِنْهُمْ ۖ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ
بىز ئۇلارنى جازالىدۇق، (توغرا يولنى) ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن — مۇھەممەد سالىھ
شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى جازالىدۇق، توغرا يولنى ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالدۇق. قارىغىنا، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ — ئەنەس ئالىم
شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ قەۋملەردىن ئىنتىقام ئالدۇق؛ ئۇلارنى مۇشۇ دۇنيادا قاتتىق جازالىدۇق. ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان ئۇ قەۋملەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن: ئۆزلىرى ھالاك، يۇرتلىرى خاراب قىلىندى. سېنىڭ قەۋمىڭمۇ ناۋادا تەۋبە قىلمىسا ئۇلار يولۇققان يامان ئاقىۋەتنىڭ ئوخشىشىغا يولۇقىدۇ. ئاللاھ تائالا 22 - ئايەتتە مۇشرىكلارنىڭ شېرىك كەلتۈرۈشتە ۋە پەرىشتىلەرنى «ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دېيىشتە، ئۆزلىرىنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىغا ئەگەشكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 26 ~ 35 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنى ئەسلىتىپ ئۇلارغا رەددىيە بېرىدۇ، ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىقىشىنىڭ ئەسلىي سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدا دۇنيا مەنپەئەتلىرىنىڭ ئېتىبارى يوق ئىكەنلىكىنى، ئاخىرەتتە پەقەت تەقۋادارلارنىڭ ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ لِأَبِيهِ وَقَوْمِهِ إِنَّنِي بَرَاءٌ مِمَّا تَعْبُدُونَ
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە ئېيتتى: «سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلاردىن مەن راستتىنلا ئادا ـ جۇدامەن — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە ئېيتتى: «مەن سىلەرنىڭ چوقۇنۇۋاتقىنىڭلاردىن راستتىنلا ئادا ـ جۇدامەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ۋە قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەن سىلەر چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەردىن ئادا - جۇدامەن. — ئەنەس ئالىم
(26-27) ئى مۇھەممەد! ئۆزلىرىنى ئىبراھىمنىڭ نەسلى دەپ دەۋا قىلىدىغان، لېكىن ئۇنىڭ يولىنى تەرك ئەتكەن بۇ قەۋمىڭگە ئىبراھىمنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلغىن: ئىبراھىم ئۆز ۋاقتىدا مۇشرىك ئاتىسىغا ۋە مۇشرىك قەۋمىگە: «مەن سىلەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلاردىن ئادا - جۇدامەن؛ ئۇلارغا چوقۇنمايمەن، مەن پەقەت مېنى ياراتقان ئاللاھقا چوقۇنىمەن. چۈنكى ئاللاھ مېنى توغرا يولغا ئېرىشتۈردى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرغۇزىدۇ» دەپ ئۆزىنىڭ دىنىي مەيدانىنى ئېلان قىلغان ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِلَّا الَّذِي فَطَرَنِي فَإِنَّهُ سَيَهْدِينِ
پەقەت مېنى ياراتقان ئاللاھ مېنى (توغرا يولغا) باشلايدۇ» — مۇھەممەد سالىھ
پەقەت مېنى ياراتقان ئاللاھ مېنى توغرا يولغا باشلايدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى
مېنى ياراتقان زات مۇستەسنا. چۈنكى ئۇ مېنى چوقۇم توغرا يولغا باشلايدۇ». — ئەنەس ئالىم
-
وَجَعَلَهَا كَلِمَةً بَاقِيَةً فِي عَقِبِهِ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
ئىبراھىم كەلىمە تەۋھىدنى ئەۋلادىدىن (شېرىك كەلتۈرگەنلەر) ئىمانغا قايتسۇن دەپ ئەۋلادى ئىچىدە قالدۇرۇپ كەتتى — مۇھەممەد سالىھ
ئىبراھىم كەلىمە تەۋھىدنى ئىمانغا قايتىپ قېلىشلىرى ئۈمىدى بىلەن ئۆزىدىن كېيىن قالدۇرۇپ كەتتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىبراھىم بۇ سۆزىنى ئۆزىنىڭ نەسلى ئىچىدە داۋاملاشقۇچى سۆز سۈپىتىدە قالدۇردى. ئۇ كېيىنكىلەرنى توغرا يولغا قايتار دەپ شۇنداق قىلدى. — ئەنەس ئالىم
ئىبراھىم ئۆزىنىڭ شېرىكتىن ئادا - جۇدا بولغانلىقىنى، شۇنداقلا تەۋھىدتە چىڭ تۇرغانلىقىنى، ئۆزىدىن كېيىنكى نەسلى ئەسلەپ توغرا يولغا قايتىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە داۋاملىق سۆزلىنىپ تۇرىدىغان سۆزگە ئايلاندۇردى. چۈنكى ئىبراھىم ئۆزى ھاياتى بويىچە شېرىككە قارشى كۈرەش قىلدى ۋە تەۋھىد ئۈستىدە ياشىدى، ئەۋلادىغا بۇ تەۋھىد سۆزىگە ئەمەل قىلىشنى ۋەسىيەت قىلدى، ئەۋلادىمۇ بۇنى ئۆز ئەۋلادلىرىغا ۋەسىيەت قىلدى، نەتىجىدە ئىبراھىمدىن كېيىن كەلگەن بارلىق پەيغەمبەلەرنىڭ ئىچىدە تەۋھىد، «ئىبراھىمنىڭ يولى» دەپ تونۇلدى، ئىبراھىمدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەر ئىبراھىمنىڭ نەسلىدىن تاللانغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ مەزكۇر سۆزى (تەۋھىد كەلىمىسى) ئۆز نەسلىنىڭ ئىچىدە قىيامەتكىچە ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرۈيدىغان سۆزگە ئايلاندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
بَلْ مَتَّعْتُ هَٰؤُلَاءِ وَآبَاءَهُمْ حَتَّىٰ جَاءَهُمُ الْحَقُّ وَرَسُولٌ مُبِينٌ
بەلكى مەن بۇلار (يەنى مەككە ئاھالىسى) نى ۋە بۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىنى (ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە نېمەتتىن) بەھرىمەن قىلدىم، تاكى ئۇلارغا ھەق (يەنى قۇرئان) ۋە روشەن پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) كەلگۈچە — مۇھەممەد سالىھ
بەلكى مەن بۇلارنى ۋە بۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىنى نېمەتتىن بەھرىمەن قىلدىم، تاكى ئۇلارغا ھەق -قۇرئان- ۋە روشەن پەيغەمبەر كەلگۈچە — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىبراھىمنىڭ نەسلىگە كەلسەك، مەن ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولغان بۇ مەككە ئاھالىسىنى ۋە بۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىنى، تاكى ئۇلارغا ھەق ۋە ھەقنى بايان قىلغۇچى ئەلچى كەلگەنگە قەدەر دۇنيا مەنپەئەتلىرىدىن بەھرىمەن قىلدىم. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئىبراھىمنىڭ نەسلىدىن بولغان بۇ مۇشرىكلار (ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە ئاھالىسى) ۋە بۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى ئۆز ئاتىسى بولغان ئىبراھىمنىڭ يولىنى تەرك ئېتىپ شېرىك كەلتۈردى، شۇنداقتىمۇ مەن ئۇلارنى جازالىمىدىم، ئەكسىچە مەن ئۇلارنى تۈرلۈك نېمەتلەردىن بەھرىمەن قىلدىم. مېنىڭ ئۇلارنى نېمەتلەردىن بەھرىمەن قىلىشىم تاكى ئۇلارغا قۇرئان ۋە قۇرئاننى بايان قىلغۇچى ئەلچى بولغان سەن كەلگەنگە قەدەر داۋاملاشتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَمَّا جَاءَهُمُ الْحَقُّ قَالُوا هَٰذَا سِحْرٌ وَإِنَّا بِهِ كَافِرُونَ
ئۇلارغا ھەق (يەنى قۇرئان) كەلگەندە، ئۇلار: «بۇ سېھىردۇر، بىز ھەقىقەتەن ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىمىز» دېيىشتى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا قۇرئان كەلگەندە، ئۇلار: «بۇ سېھىردۇر، بىز ھەقىقەتەن ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىمىز» دېيىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۆزلىرىگە ھەق كەلگەندە: «بۇ سېھىردۇر. بىز بۇنى قەتئىي ئىنكار قىلغۇچىلارمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا قۇئاننى نازىل قىلغان ۋە سەن قۇرئاننى ئۇلارغا يەتكۈزگەن چاغدا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەپ: «مۇھەممەد ئوقۇۋاتقان سۆزلەر سېھىردۇر. بىز ئۇ سۆزلەرنى ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ نازىل قىلغانلىقىغا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَالُوا لَوْلَا نُزِّلَ هَٰذَا الْقُرْآنُ عَلَىٰ رَجُلٍ مِنَ الْقَرْيَتَيْنِ عَظِيمٍ
ئۇلار: «بۇ قۇرئان نېمىشقا ئىككى شەھەر (يەنى مەككە بىلەن تائىف ئادەملىرىدىن) بىر كاتتا ئادەمگە نازىل قىلىنمىدى؟ » دېيىشتى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «بۇ قۇرئان نېمىشقا ئىككى شەھەر -مەككە بىلەن تائىف ئادەملىرىدىن- بىر كاتتا ئادەمگە نازىل قىلىنمىدى؟» دېيىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار يەنە: «بۇ قۇرئان نېمىشقا شۇ ئىككى يۇرتتىن كاتتا بىر ئادەمگە نازىل قىلىنمىدى؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار قۇرئان ھەققىدە ئەنە شۇ ناشايان سۆزنى قىلغاندىن كېيىن، قۇرئاننى يەتكۈزگەن ئەلچىگە (ساڭا) ھاقارەت قىلىپ: «ئاللاھ ۋەھىي نازىل قىلماقچى بولسا مۇھەممەدكە نازىل قىلامدۇ؟ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇش يۇقىرى مەرتىۋە، بۇ مەرتىۋىگە مەككىدىن ياكى تائىفتىن باي ۋە نوپۇزلۇق ئادەملەردىن بىرى لايىق بولىدۇ. بۇ قۇرئان نېمىشقا شۇنداق بىرەر ئادەمگە نازىل قىلىنمىدى؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَهُمْ يَقْسِمُونَ رَحْمَتَ رَبِّكَ ۚ نَحْنُ قَسَمْنَا بَيْنَهُمْ مَعِيشَتَهُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۚ وَرَفَعْنَا بَعْضَهُمْ فَوْقَ بَعْضٍ دَرَجَاتٍ لِيَتَّخِذَ بَعْضُهُمْ بَعْضًا سُخْرِيًّا ۗ وَرَحْمَتُ رَبِّكَ خَيْرٌ مِمَّا يَجْمَعُونَ
پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىنى ئۇلار تەقسىم قىلىپ بېرەمدۇ؟ بىز ئۇلارنىڭ ھاياتىي دۇنيادىكى رىزقىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى (ھەق بېرىپ) ئىشقا سالسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ دەرىجىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق، پەرەۋردىگارىڭنىڭ رەھمىتى ئۇلارنىڭ توپلىغان نەرسىلىرى (يەنى پۇل ـ ماللىرى) دىن ياخشىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
پەرەۋردىگارىڭنىڭ رەھمىتىنى ئۇلار تەقسىم قىلىپ بېرەمدۇ؟ بىز ئۇلارنىڭ ھاياتىي دۇنيادىكى رىزقىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى -ھەق بېرىپ- ئىشقا سالسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ دەرىجىسىنى بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق، پەرەۋردىگارىڭنىڭ رەھمىتى ئۇلارنىڭ توپلىغان نەرسىلىرىدىن ياخشىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! رەببىڭنىڭ رەھمىتىنى ئۇلار تەقسىم قىلامدۇ؟ ئۇلارنىڭ دۇنيا ھاياتىدىكى تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىز تەقسىم قىلدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ دەرىجىسىنى بەزىسىنىڭ دەرىجىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق. بۇنى ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى ھەق بېرىپ ئىشقا سالسۇن دەپ قىلدۇق. رەببىڭنىڭ رەھمىتى ئۇلارنىڭ يىغقان نەرسىلىرىدىن ياخشىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەڭ - ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۇلار تەقسىم قىلامدۇ؟ ياق، چۈنكى ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى باشقۇرۇش ئۇلارنىڭ ئىلكىدە ئەمەس. ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى باشقۇرۇش تۈگۈل، ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداشتىنمۇ ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىز پىلانلاپ تارقاتتۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى ھەق بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىغا سالسۇن، شۇنداقلا ئىجتىمائىي ھايات ساھەلىرىدە ھەمكارلاشسۇن ۋە ئىتتىپاقلىقىنى چىڭىتسۇن دەپ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى رىزىقتا، قابىلىيەتتە ۋە ئىمكانىيەتكە بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق. ئى مۇھەممەد! سېنىڭ ئىگەڭ - ئاللاھ مۇئمىنلارغا دۇنيادا ئاتا قىلغان نۇسرەت، قىيامەت كۈنى ئاتا قىلىدىغان جەننەت، جۈملىدىن ساڭا ئاتا قىلغان پەيغەمبەرلىك ئۇلار يىغقان مال - مۈلۈكتىن ۋە ئېرىشكەن ئېتىباردىن ياخشىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَوْلَا أَنْ يَكُونَ النَّاسُ أُمَّةً وَاحِدَةً لَجَعَلْنَا لِمَنْ يَكْفُرُ بِالرَّحْمَٰنِ لِبُيُوتِهِمْ سُقُفًا مِنْ فِضَّةٍ وَمَعَارِجَ عَلَيْهَا يَظْهَرُونَ
ئىنسانلار (كۇففارلارنىڭ باياشات تۇرمۇشىنى كۆرۈپ كۇفرىغا قىزىقىپ ئۇلارغا قوشۇلۇپ) ھەممىسى (كۇفرىدا) بىر ئۈممەت بولۇپ قالمايدىغان بولسا ئىدى، مەرھەمەتلىك ئاللاھنى ئىنكار قىلغان كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا چىقىدىغان شوتىلىرىنى كۈمۈشتىن قىلىپ بېرەتتۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى -كۇفرىدا - بىر ئۈممەت بولۇپ قالمايدىغان بولسا ئىدى، مەرھەمەتلىك ئاللاھنى ئىنكار قىلغان كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا چىقىدىغان شوتىلىرىنى كۈمۈشتىن قىلىپ بېرەتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئىنسانلار بىر ئۇممەت بولۇپ قالمايدىغان بولسا ئىدى، رەھمانغا كافىر بولغانلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ تورۇسلىرىنى كۈمۈشتىن قىلاتتۇق. ئۇلارنىڭ يۇقىرىغا چىقىدىغان شوتىلىرىنى، — ئەنەس ئالىم
(33-35) ئەگەر ئىنسانلار كافىرلارنى باياشاتچىلىق ئىچىدە كۆرۈپ كۇفرىلىق ئۈستىدە بىرلەشكەن بىر ئۇممەت بولۇپ قالمايدىغان بولسا ئىدى، بىز كافىرلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ تورۇسلىرىنى، ئۆگزىگە چىقىدىغان شوتىلىرىنى، ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكلىرىنى ۋە يۆلىنىپ ئولتۇرىدىغان تەختلىرىنى كۈمۈشتىن قىلاتتۇق. شۇنىڭدەك، ئۇلارغا كۆپلىگەن ئالتۇن زىبۇزىننەتلەر بېرەتتۇق، چۈنكى بۇلارنىڭ بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدا ئېتىبارى يوق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دۇنيا ھاياتىنىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتلىرىدىنلا ئىبارەتتۇر. ئاخىرەت نېمەتلىرى بولسا، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تەقۋادارلارغا خاستۇر؛ بۇ دۇنيادا ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلانغانلار ئۇ دۇنيادا جەننەت نېمەتلىرىگە ئېرىشىدۇ ۋە ئۇلاردىن مەڭگۈ بەھرىمەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلِبُيُوتِهِمْ أَبْوَابًا وَسُرُرًا عَلَيْهَا يَتَّكِئُونَ
ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكلىرىنى ۋە تەختلىرىنىمۇ كۈمۈشتىن قىلىپ بېرەتتۇق، ئۇلار تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇراتتى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكلىرىنى ۋە تەختلىرىنىمۇ كۈمۈشتىن قىلىپ بېرەتتۇق، ئۇلار تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇراتتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكلىرىنى ۋە ئۇلار يۆلەنچۈكلىرىگە يۆلىنىپ ئارام ئالىدىغان كارۋاتلارنىمۇ كۈمۈشتىن قىلاتتۇق. — ئەنەس ئالىم
-
وَزُخْرُفًا ۚ وَإِنْ كُلُّ ذَٰلِكَ لَمَّا مَتَاعُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۚ وَالْآخِرَةُ عِنْدَ رَبِّكَ لِلْمُتَّقِينَ
(يۇقىرىقىلارنىڭ بەزىسىنى) ئالتۇندىن قىلىپ بېرەتتۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر. پەرەۋردىگارىڭنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئاخىرەت (يەنى جەننەت ۋە ئۇنىڭدىكى نازۇنېمەتلەر) تەقۋادارلارغا خاستۇر — مۇھەممەد سالىھ
ۋە ئالتۇندىن قىلىپ بېرەتتۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر. پەرەۋردىگارىڭنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئاخىرەت تەقۋادارلارغا خاستۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا زىننەت بۇيۇملىرى بېرەتتۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دۇنيا ھاياتىنىڭ مەنپەئەتلىرىدىنلا ئىبارەتتۇر. رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئاخىرەت نېمەتلىرى تەقۋادارلارغا خاستۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَمَنْ يَعْشُ عَنْ ذِكْرِ الرَّحْمَٰنِ نُقَيِّضْ لَهُ شَيْطَانًا فَهُوَ لَهُ قَرِينٌ
كىمكى مېھرىبان ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن (يەنى قۇرئاندىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىز ئۇنىڭغا شەيتاننى ھۆكۈمران قىلىمىز (شەيتان ئۇنى ۋەسۋەسە قىلىدۇ)، شەيتان ئۇنىڭغا ھەمىشە ھەمراھ بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
كىمكى مېھرىبان ئاللاھنىڭ زىكرى - قۇرئان - دىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىز ئۇنىڭغا شەيتاننى مۇسەللەت قىلىمىز، شۇنىڭ بىلەن شەيتان ئۇنىڭغا ھەمىشە ھەمراھ بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
كىم رەھماننىڭ كىتابىدىن يۈز ئۆرۈسە، ئۇنىڭغا بىر شەيتان ھەمراھ قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بۇ شەيتان ئۇنىڭ يېقىنى بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
كىمكى چەكسىز مەرھەمەتلىك ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا ئەمەل قىلىشتىن باش تارتىدىكەن، ئاللاھنىڭ ئۇ كىتابتىكى ئەمر - پەرمانلىرىنى كۆرمەسكە سالىدىكەن، نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالمايدىكەن ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا پەرۋا قىلمايدىكەن، ئاللاھ ئۇ كىشىگە جىن ۋە ئىنسان شەيتانلىرىدىن بىرنى ھەمراھ قىلىپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ شەيتان ئۇ كىشىنىڭ يېقىنى بولىدۇ؛ بۇ شەيتان ئۇ كىشىنىڭ يېنىدىن ئايرىلمايدۇ، ئۇنىڭغا ياخشى ئىشلارنى يامان، يامان ئىشلارنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇنى يامان ئىشلارنى قىلىشقا كۈشكۈرتۈپ تۇرىدۇ، ئۇ كىشى بۇ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ كەيپ - ساپاغا بېرىلىدۇ، گۇناھ - مەئسىيەتكە چۆمىدۇ، نەتىجىدە ئاللاھنىڭ غەزەپ ۋە ئازابىغا يولۇقىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنَّهُمْ لَيَصُدُّونَهُمْ عَنِ السَّبِيلِ وَيَحْسَبُونَ أَنَّهُمْ مُهْتَدُونَ
شەك ـ شۈبھىسىزكى، شەيتانلار ئۇلارنى (يەنى ئازغۇن كۇففارلارنى) توغرا يولدىن توسىدۇ، ئۇلار بولسا ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ گۇمان قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شەك ـ شۈبھىسىزكى، شەيتانلار ئۇلارنى توغرا يولدىن توسىدۇ، ئۇلار بولسا ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ گۇمان قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شەيتانلار ئۇلارنى توغرا يولدىن توسىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ ھېسابلايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ئۆز كىتابىغا ئەمەل قىلىشتىن يۈز ئۆرۈگەن كىشىلەرگە ھەمراھ قىلىپ قويغان ئۇ شەيتانلار ئۇ كىشىلەرنى توغرا يولدىن توسىدۇ؛ ھەقتىن توسۇپ باتىلغا، راستتىن توسۇپ يالغانغا ۋە ياخشى ئىشتىن توسۇپ يامان ئىشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىلەر گۇمراھلىققا چۆمىدۇ، لېكىن ئۆزلىرىنى توغرا يولدا مېڭىۋاتقان كىشىلەر، باشقا ئىنسانلارنى توغرا يولدىن ئاداشقان كىشىلەر دەپ ھېسابلايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
حَتَّىٰ إِذَا جَاءَنَا قَالَ يَا لَيْتَ بَيْنِي وَبَيْنَكَ بُعْدَ الْمَشْرِقَيْنِ فَبِئْسَ الْقَرِينُ
كاپىر ئادەم (ھەمراھى بىلەن قىيامەت كۈنى) دەرگاھىمىزغا كەلگەن چاغدا (ھەمراھىغا): «كاشكى سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدا شەرق بىلەن غەربنىڭ ئارىسىدەك ئارىلىق بولسا ئىكەن. (سەن) نېمىدېگەن يامان ھەمراھ! (چۈنكى سەن مېنىڭ بەختسىزلىكىمگە سەۋەبچى بولدۇڭ)» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
كاپىر ئادەم دەرگاھىمىزغا كەلگەن چاغدا ھەمراھىغا: «كاشكى سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدا شەرق بىلەن غەربنىڭ ئارىسىدەك ئارىلىق بولسا ئىكەن. سەن نېمىدېگەن يامان ھەمراھ!» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ كىشى قىيامەت كۈنى ھۇزۇرىمىزغا كەلگەندە يېقىنىغا: «كاشكى سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدا مەشرىق بىلەن مەغرىب ئارسىدەك يىراقلىق بولسا ئىدى! سەن نېمىدېگەن يامان يېقىن!» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
دۇنيادا ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئەمەل قىلىشتىن باش تارتقان كىشى قىيامەت كۈنى ھۇزۇرىمىزغا كەلگەن ۋە ئۆزىنىڭ گەدەنكەشلىكىنىڭ جازاسىنى كۆرگەن چاغدا پۇشايمان قىلىپ، شەيتان يېقىنىغا: «كاشكى دۇنيادا سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدا مەشرىق بىلەن مەغرىب ئارىسىدەك يىراقلىق بولسا ئىدى، سەن مەن ئۈچۈن نېمىدېگەن يامان ھەمراھ! سەن دۇنيادا مېنى ئازدۇرۇپ بۈگۈن دوزاخقا مەھكۇم قىلىنىشىمغا سەۋەبچى بولدۇڭ!» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَنْ يَنْفَعَكُمُ الْيَوْمَ إِذْ ظَلَمْتُمْ أَنَّكُمْ فِي الْعَذَابِ مُشْتَرِكُونَ
(ئۇلارغا) «(دۇنيادىكى چاغدا) زۇلۇم قىلغانلىقىڭلار (يەنى شېرىك كەلتۈرگەنلىكىڭلار) ئۈچۈن بۈگۈن سىلەرنىڭ ئازابتا ئورتاق بولغانلىقىڭلار سىلەرگە پايدا بەرمەيدۇ» دېيىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا: «دۇنيادىكى چاغدا زۇلۇم قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن بۈگۈن سىلەرنىڭ ئازابتا ئورتاق بولغانلىقىڭلار سىلەرگە پايدا بەرمەيدۇ» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا: «بۈگۈنكى پۇشايمىنىڭلار سىلەرگە ھېچ پايدا بەرمەيدۇ. چۈنكى سىلەر زۇلۇم قىلدىڭلار. سىلەر ئازابتا ئورتاق بولىسىلەر» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۇ ئەسنادا ئاللاھ ئۇلارغا: «بۈگۈنكى پۇشايمىنىڭلار سىلەرگە ھېچ پايدا بەرمەيدۇ، سىلەردىن ئازاب قايتۇرۇلمايدۇ ۋە يەڭگىللىتىلمەيدۇ. چۈنكى سىلەر دۇنيادا شېرىك كەلتۈرۈش ۋە ئاسىيلىق قىلىش بىلەن ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلدىڭلار. بۈگۈن سىلەر ۋە شەيتانلىرىڭلار ئازابتا ئورتاق بولىسىلەر» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَفَأَنْتَ تُسْمِعُ الصُّمَّ أَوْ تَهْدِي الْعُمْيَ وَمَنْ كَانَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
(ئى مۇھەممەد!) سەن گاسلارغا ئاڭلىتالامسەن؟ يا كورلارنى توغرا يولغا سالالامسەن؟ (يەنى كۇففارلار گاسلارغا، كورلارغا ئوخشايدۇ) ئاشكارا گۇمراھلىقتا بولغان كىشىنى ھىدايەت قىلالامسەن؟ — مۇھەممەد سالىھ
-ئى مۇھەممەد!- سەن گاسلارغا ئاڭلىتالامسەن؟ ياكى كورلارنى توغرا يولغا سالالامسەن؟ ياكى بولمىسا ئاشكارا گۇمراھلىقتا بولغان كىشىنى ھىدايەت قىلالامسەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! سەن گاسلارغا ئاڭلىتالامسەن؟ ياكى كورلارنى ۋە ئاشكارا گۇمراھلىقتا بولغانلارنى ھىدايەت قىلالامسەن؟ — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سەن بۇ تەرسا مۇشرىكلارغا ئاۋازىڭنى ئاڭلىتالمايسەن، ئۇلارغا يول كۆرسىتەلمەيسەن، ئۇلارنى گۇمراھلىقتىن چىقىرالمايسەن، چۈنكى ئۇلار ئۆلۈكلەرگە ئوخشاش ئۆزلىرىگە قىلىنغان سۆزنى ئاڭلىمايدۇ. ئاۋازنى ئىشىتمەيدۇ، كورلارغا ئوخشاش يول كۆرسىتىشىڭنى كۆرمەيدۇ. شۇنىڭدەك، سەن ئازغۇنلۇققا چۆمۈپ كەتكەن كىشىلەرنىمۇ توغرا يولغا چىقىرالمايسەن، چۈنكى بۇنداق كىشىلەر كۇفرىلىقتا بەك چوڭقۇرلىشىپ كەتكەنلىكى ۋە ئۇنىڭدىن چىقىشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن ئاڭلىغان نەسىھەتتىن ۋە كۆرگەن دەلىلدىن پايدىلانمايدۇ. سەن ئاۋازىڭنى پەقەت بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشىنىپ بويسۇنغانلارغىلا ئاڭلىتالايسەن، چۈنكى ئۆزلىرىنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيەتلىرىنى يوقىتىۋەتمىگەن، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ فىترىتىنى بۇزۇۋەتمىگەن كىشىلەرلا توغرا سۆزنى ئاڭلايدۇ، ھەقىقەتنى كۆرىدۇ ۋە چۈشىنىدۇ، شۇنداقلا بويسۇنىدۇ. تەرسالىقتا ئەزۋەيلىگەن ۋە تەقلىدچىلىككە چۆمگەن ئادملەر بولسا مەنىۋى جەھەتتىن ئۆلۈكتۇر، گاستۇر، كوردۇر. شۇڭلاشقا ئۇلار ئايەتلەردىن تەسىرلەنمەيدۇ، ئايەتلەرگە ئىشىنىشكە ۋە بويسۇنۇشقا قىلىنغان چاقىرىقنى ئاڭلىمايدۇ، ھەقىقەتنىڭ دەلىللىرىنى كۆرمەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن سەن ئۇلارغا ھەقىقەتنى ئاڭلىتالمايسەن. ئى مۇھەممەد! ھىدايەت تېپىش بەندىلەرنىڭ ئىرادىسى ۋە قارارىغا باغلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ھىدايەت تاپمىغانلار ھىدايەت تېپىشنى خالىمىغانلاردۇر، سەن بۇلارغا قاراپ غەمكىن بولمىغىن، خاپا بولۇپ كەتمىگىن، قايغۇرمىغىن. سەن دەۋىتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن ۋە شۇنى بىلگىنكى: سەن ھىدايەت تېپىشنى خالىمىغانلارنى توغرا يولغا باشلىيالمايسەن. ئەسكەرتىش: ئايەتلەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ھىدايەت (توغرا يولنى كۆرسەتكۈچى) بولۇپ نازىل قىلىنغان بولسىمۇ نەتىجە ئېتىبارى بىلەن پەقەت ئاللاھتىن ئەيمىنىدىغان (تەقۋادار)لارغىلا توغرا يولنى كۆرسەتكەن بولىدۇ. دەۋەتتىن يۈز ئۆرۈگەن، توغرا يول تېپىشقا ئىنتىلمىگەن ۋە ئۆزىنىڭ كەلگۈسى بەخت - سائادىتىنىڭ يولىنى ئىزدىمىگەن ئادەملەر ئايەتلەرنى ئىنكار قىلىپ تېخىمۇ كۆپ زىيان تارتىدۇ. شۇنىڭدەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام نەتىجە ئېتىبارى بىلەن قۇرئانغا ئەگەشكەن، ئاللاھنىڭ ھەيۋىتىدىن ئەيمەنگەن ۋە ئاگاھلاندۇرۇشتىن قورققان كىشىلەرگە قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلغان بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى: ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى يارىتىپ، ئۇلارغا ياخشى يولنى ياكى يامان يولنى تاللاش توغرىسىدا ئىختىيار بەرگەن. ھىدايەت قىلىش ۋە ئازغۇنلۇقتا قويۇش ئۈچۈن ئالدىنئالا بىر قانۇن بەلگىلىگەن بولۇپ بۇ قانۇنى بويىچە ھىدايەتكە لايىق بولغانلارنى ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى، ئازغۇنلۇقتا قېلىشقا تېگىشلىك بولغانلارنى ئازدۇرۇۋېتىدىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. شۇڭلاشقا ئىمان ۋە ئەمەلدە ئالدىدا ماڭغانلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئەزىز بەندە، كەينىدە قالغانلار خار بەندە بولىدۇ؛ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدىغانلار لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن، ھەقىقەت ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغان ۋە بەخت - سائادەتنىڭ شەرتلىرىنى ئورۇندىغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَإِمَّا نَذْهَبَنَّ بِكَ فَإِنَّا مِنْهُمْ مُنْتَقِمُونَ
(ئۇلارنى جازالاشتىن ئىلگىرى) سېنى ئېلىپ كەتسەك (يەنى ۋاپات قىلدۇرساق ۋاپاتىڭدىن كېيىن) ئۇلارنى چوقۇم جازالايمىز — مۇھەممەد سالىھ
بۇ ئەھۋالدا بىز سېنى ئېلىپ كەتسەك، ئۇلارنى چوقۇم جازالايمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز يا سېنى ۋاپات قىلدۇرغاندىن كېيىن ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالىمىز، — ئەنەس ئالىم
(41-42) ئى مۇھەممەد! بىز ئۇ تەرسالارنى يا سېنى ۋاپات قىلدۇرغاندىن كېيىن جازالايمىز ياكى سەن ھاياتتىكى چاغدا ئۇلارنى جازالاپ بۇنى ساڭا كۆرسىتىمىز، بىز ئۇلارنى خالىغان چېغىمىزدا جازالاشقا ئەلۋەتتە قادىرمىز، يەنى ئى مۇھەممەد! بىز، ئۇ تەرسالارغا ۋەدە قىلغان ئازابقا ئۇلارنى چوقۇم دۇچار قىلىمىز. ئۇ چاغدا سەن ھاياتتا بولۇشىڭمۇ مۇمكىن، ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشىڭمۇ مۇمكىن. ئۇلار ھەر ئېھتىمالدا جازالىنىدۇ، ئاندىن قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ھۇزۇرىمىزغا كەلتۈرۈلىدۇ ۋە قىلمىشلىرىنىڭ ئەسلىي جازاسىنى چېكىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَوْ نُرِيَنَّكَ الَّذِي وَعَدْنَاهُمْ فَإِنَّا عَلَيْهِمْ مُقْتَدِرُونَ
ياكى بىز ساڭا (ھاياتىڭدا) ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى كۆرسىتىمىز، بىز، شۈبھىسىزكى، ئۇلارغا (يەنى ئۇلارغا ئازاب قىلىشقا) قادىرمىز — مۇھەممەد سالىھ
ياكى بىز ساڭا ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى كۆرسىتىمىز، شۈبھە يوقكى، بىزنىڭ ئۇلارغا كۈچىمىز يېتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ياكى بىز ئۇلارنىڭ بېشىغا كېلىشنى ۋەدە قىلغان ئازابنى ساڭا كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلتۈرىمىز. شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارغا خالىغىنىمىزنى قىلىشقا قادىرمىز. — ئەنەس ئالىم
-
فَاسْتَمْسِكْ بِالَّذِي أُوحِيَ إِلَيْكَ ۖ إِنَّكَ عَلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
(ئى مۇھەممەد!) ساڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا چىڭ ئېسىلغىن، سەن ھەقىقەتەن توغرا يولدىدۇرسەن — مۇھەممەد سالىھ
-ئى مۇھەممەد!- ساڭا ۋەھيى قىلىنغان قۇرئانغا چىڭ ئېسىلغىن، سەن ھەقىقەتەن توغرا يولدىدۇرسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ھالدا سەن ئۆزۈڭگە ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا چىڭ ئېسىلغىن. سەن ھەقىقەتەن توغرا يولدىسەن. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز ئۇ تەرسالارنى چوقۇم جازالايمىز. ئۇنداقتا، سەن ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈشىگە پەرۋا قىلمىغىن، ئۆزۈڭ ساڭا ۋەھىي قىلىنغان بۇ قۇرئاننى ئىنسانلارغا يەتكۈزگىن، ئۆگەتكىن ۋە ھۆكۈملىرىنى ئىجرا قىلغىن. شۇنداق قىلساڭ توغرا يولدا ماڭغان بولىسەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنَّهُ لَذِكْرٌ لَكَ وَلِقَوْمِكَ ۖ وَسَوْفَ تُسْأَلُونَ
قۇرئان ساڭا ۋە سېنىڭ قەۋمىڭگە ئەلۋەتتە (ئۇلۇغ) شەرەپتۇر، سىلەر كەلگۈسىدە (بۇ نېمەت ئۈستىدە) سورىلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
قۇرئان ساڭا ۋە سېنىڭ قەۋمىڭگە ئەلۋەتتە ۋەز-نەسىھەتتۇر، سىلەر كەلگۈسىدە ئۇنىڭدىن مەسئۇلىيەتكە تارتىلىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئان سەن ئۈچۈن ۋە قەۋمىڭ ئۈچۈن ئەستە تۇتۇشقا تېگىشلىك ئىلىمدۇ. يېقىندا سوئال - سوراق قىلىنىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بۇ قۇرئان، سېنى ۋە سېنىڭ قەۋمىڭنى ھەقىقەتكە يېتەكلەيدىغان ۋە ئەمەل قىلساڭلار سىلەرگە شان - شەرەپ كەلتۈرۈىدىغان ئالەمشۇمۇل ئىلىملەرنى، نەسىھەتلەرنى ۋە يوليورۇقلارنى، شۇنداقلا ئىككى دۇنيالىق بەخت - سائادىتىڭلارنىڭ يولىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېقىندا قۇرئانغا ئەمەل قىلىپ قىلمىغانلىقىڭلار توغرۇلۇق سوئال - سوراق قىلىنىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاسْأَلْ مَنْ أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ مِنْ رُسُلِنَا أَجَعَلْنَا مِنْ دُونِ الرَّحْمَٰنِ آلِهَةً يُعْبَدُونَ
سەندىن بۇرۇن بىز ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىمىزدىن سوراپ باققىنكى، مېھرىبان ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىنىدىغان ئىلاھلارنى بەلگىلىدۇقمۇ؟ (پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلغىنى بارمۇ؟) — مۇھەممەد سالىھ
سەندىن بۇرۇن بىز ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىمىزدىن سوراپ باققىنكى، مېھرىبان ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىنىدىغان ئىلاھلارنى بەلگىلىدۇقمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! بىزنىڭ سەندىن بۇرۇن ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىمىزدىن سوراپ باققىن[2]: بىز رەھماندىن غەيرىينى ئىبادەت قىلىنىدىغان ئىلاھلار قىلىپتىمىزمۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىزنىڭ سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىمىزنىڭ دەۋىتى توغرىسىدا ئىزدەنگىن، ئۇلارنىڭ شەرىئەتلىرىگە قاراپ باققىن: ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىنسانلارنى شېرىك كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلغان بىرەر ئەلچىمىز بارمۇ كۆزەتكىن، بىز ئۆزىمىزدىن غەيرىينى ئىبادەت قىلىنىدىغان ئىلاھلار قىلىپتىمىزمۇ تەكشۈرگىن، شۇ بىر ھەقىقەتكى: بىز تارىخ بويىچە ئەۋەتكەن بارلىق پەيغەمبەرلەر بىزنىڭ ئەمرىمىز بويىچە ئىنسانلارنى سەن توسقان شېرىكتىن توسقان، سەن دەۋەت قىلغان تەۋھىدكە دەۋەت قىلغان. دېمەككى، مۇشرىكلار ھېچبىر دەلىلگە ئاساسلانمايدۇ. ئاللاھ تائالا 31 - ئايەتتە مۇشرىكلارنىڭ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پېقىر ۋە ئادەتتىكى بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى دەلىل قىلىپ ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە قارشى چىققانلىقىنى زىكىر قىلىدۇ. 46 ~ 56 - ئايەتلەردە بولسا، ئۆز ۋاقتىدا فىرئەۋننىڭ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئەنە شۇنداق باھانىلەرنى كۆرسىتىپ قارشى چىققانلىقىنى ۋە ھالاك قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۇ مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللى بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ بِآيَاتِنَا إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ فَقَالَ إِنِّي رَسُولُ رَبِّ الْعَالَمِينَ
بىز ھەقىقەتەن مۇسانى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىگە (ئۇنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان شانلىق) مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق، مۇسا (پىرئەۋنگە): «مەن ھەقىقەتەن جىمى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ (سېنى ۋە قەۋمىڭنى بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن) ئەلچىسىمەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
بىز ھەقىقەتەن مۇسانى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىگە مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق، مۇسا پىرئەۋنگە: «مەن ھەقىقەتەن جىمى ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىسىمەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز مۇسانى فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ مەرتىۋىلىك ئادەملىرىگە مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق. مۇسا ئۇلارغا: «مەن ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىسىمەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم
بىز ئۆز ۋاقتىدا مۇساغا ھاسىسىنىڭ يىلانغا ئايلىنىشى، قولىنىڭ قوينىدىن ئاپئاق چىقىشى، قۇرغاقچىلىق ۋە قەھەتچىلىك ئاپەتلىرى، كەلكۈن، چېكەتكە، پىت، پاقا ۋە قان بالالىلىرى قاتارلىق «روشەن توققۇز مۆجىزە»نى بېرىپ، ئۇ مۆجىزىلەر بىلەن ئۇنى فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ مەرتىۋىلىك ئادەملىرىگە، ئەۋەتكەن ئىدۇق. مۇسا ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ: «مەن ئالەملەرنى يوقتىن ياراتقان، ئۇلارنى باشقۇرۇۋاتقان ۋە ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاۋاتقان ئاللاھنىڭ ئەلچىسىمەن» دېدى ۋە مۆجىزە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇسادىن ئېلىپ كەلگەن مۆجىزىسىنى كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا مەزكۇر توققۇز مۆجىزىدىن باشقا يەنە بىرقانچە مۆجىزە بەرگەن بولۇپ، ئۇلار دېڭىزنىڭ يېرىلىشى، بۇلۇتنىڭ سايە قىلىنىشى، ھاسىسىنى ئۇرۇش بىلەن تاشتىن سۇ ئېتىلىپ چىقىشى، مەننە ۋە بۆدۈنە چۈشۈرۈپ بېرىلىشى، تاغنىڭ قۇمۇرۇلۇپ بەنى ئىسرائىلنىڭ ئۈستىدە خۇددى سايىۋەندەك تۇرۇشى قاتارلىق مۆجىزىلەردۇر. مۇسا ئەلەيھىسسالام بۇ مۆجىزىلەرنى بەنى ئىسرائىلغا كۆرسەتكەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلَمَّا جَاءَهُمْ بِآيَاتِنَا إِذَا هُمْ مِنْهَا يَضْحَكُونَ
مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇلار ناگاھان مۆجىزىلەرنى (مەسخىرە قىلىپ) كۈلدى — مۇھەممەد سالىھ
مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇلار ناگاھان مۆجىزىلەرنى مەسخىرە قىلىپ كۈلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇسا ئۇلارغا مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار بىردىنلا مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشتى. — ئەنەس ئالىم
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۇلارغا بىز بەرگەن مۆجىزىلەردىن ھاسىسىنىڭ يىلانغا ئايلىنىشى ۋە قولىنىڭ قوينىدىن ئاپئاق چىقىشىدىن ئىبارەت ئىككى مۆجىزىنى كۆرسەتكەن ئىدى، ئۇلار ھېچ تەپەككۇر قىلماستىن مۆجىزىلەرنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشتى، شۇنداقلا مۇسانىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىمان كەلتۈرمىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا نُرِيهِمْ مِنْ آيَةٍ إِلَّا هِيَ أَكْبَرُ مِنْ أُخْتِهَا ۖ وَأَخَذْنَاهُمْ بِالْعَذَابِ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ
ئۇلارغا بىر ـ بىرىدىن كاتتا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتۇق، ئۇلارنى (كۇفرىدىن) قايتسۇن دەپ (تۈرلۈك) ئازابلار بىلەن جازالىدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا بىر ـ بىرىدىن كاتتا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتۇق، ئۇلارنى كۇفرىدىن قايتسۇن دەپ تۈرلۈك ئازابلار بىلەن جازالىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئۇلارغا كۆرسەتكەن ھەر مۆجىزە ئىلگىرىكسىدىن چوڭ ئىدى. بىز ئۇلارنى توغرا يولغا قايتسۇن دەپ ئازابلار بىلەن جازالىدۇق. — ئەنەس ئالىم
بىز مۇسا ئارقىلىق ئۇلارغا بىر - بىرىدىن چوڭ مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتۇق، ئۇلارنى توغرا يولغا قايتسۇن دەپ قۇرغاقچىلىق ۋە قەھەتچىلىك ئاپەتلىرى، كەلكۈن، چېكەتكە ، پىت، پاقا ۋە قان بالالىلىرى بىلەن جازالىدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَالُوا يَا أَيُّهَ السَّاحِرُ ادْعُ لَنَا رَبَّكَ بِمَا عَهِدَ عِنْدَكَ إِنَّنَا لَمُهْتَدُونَ
(ئۇلار ئازابنى كۆرگەندە) «ئى سېھىرگەر! پەرەۋردىگارىڭغا ئۇنىڭ ساڭا بەرگەن (دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىشتىن ئىبارەت) ئەھدى بويىچە بىز ئۈچۈن دۇئا قىلساڭ (ئەگەر ئۇ دۇئايىڭ بىلەن بىزدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتسە)، بىز چوقۇم ئىمان ئېيتىمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئازابنى كۆرگەندە: «ئى سېھىرگەر! پەرەۋردىگارىڭغا ئۇنىڭ ساڭا بەرگەن ئەھدى بويىچە بىز ئۈچۈن دۇئا قىلغىن، بىز چوقۇم توغرا يول تاپىمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «ئى سېھىرگەر! رەببىڭنىڭ ساڭا بەرگەن ئەھدىسى بويىچە بىز ئۈچۈن ئۇنىڭغا دۇئا قىلغىن، بىز ئەلۋەتتە توغرا يولغا كېلىمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار ھەر قېتىم بالاغا يولۇققان چېغىدا مۇساغا: «ئى ئۇستاز! رەببىڭنىڭ دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلىش توغرىسىدا ساڭا بەرگەن ئەھدىسى بويىچە بىز ئۈچۈن ئۇنىڭغا دۇئا قىلغىن، بىز بۇ بالادىن قۇتۇلساق چوقۇم سەن دەۋەت قىلغان يولنى قوبۇل قىلىمىز» دېدى. ئەسكەرتىش: بۇ يەردە «ئۇستاز» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «ساھىر» بولۇپ، ئۇلار بۇ كەلىمىنى ئۆز ئارىسىدا «ئالىم، ئۆلىما، مۇئەللىم» دېگەن مەنىلەردە ئىشلىتەتتى. ئۇلار بالاغا يولۇققان چاغلىرىدا بۇ ئادىتى بويىچە مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بۇ سۆز بىلەن يالۋۇرغان ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلَمَّا كَشَفْنَا عَنْهُمُ الْعَذَابَ إِذَا هُمْ يَنْكُثُونَ
(مۇسانىڭ دۇئاسى بىلەن) ئۇلاردىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتكىنىمىزدە، ناگاھان ئۇلار (ئەھدىنى) بۇزۇپ (كۇفرىدا) چىڭ تۇردى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلاردىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتكىنىمىزدە، ناگاھان ئۇلار ئەھدىنى بۇزۇپ كۇفرىدا چىڭ تۇردى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلاردىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتكەن ئىدۇق، ئۇلار بىردىنلا سۆزلىرىدىن يېنىۋالدى. — ئەنەس ئالىم
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئۇلاردىن بالانى كۆتۈرۈۋېتىشىمىز ھەققىدە بىزگە دۇئا قىلدى، بىز مۇسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇلاردىن بالانى كۆتۈرۈۋەتكەن ئىدۇق، ئۇلار بالادىن قۇتۇلۇپلا سۆزىدىن يېنىۋالدى؛ ئىمان كەلتۈرمىدى، ئەكسىچە كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَنَادَىٰ فِرْعَوْنُ فِي قَوْمِهِ قَالَ يَا قَوْمِ أَلَيْسَ لِي مُلْكُ مِصْرَ وَهَٰذِهِ الْأَنْهَارُ تَجْرِي مِنْ تَحْتِي ۖ أَفَلَا تُبْصِرُونَ
پىرئەۋن ئۆز قەۋمى ئىچىدە (پەخىرلەنگەن ھالدا) نىدا قىلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى، ئاستىمدىن ئېقىپ تۇرغان بۇ دەريالار مېنىڭ ئەمەسمۇ؟ (مېنىڭ بۇ بۈيۈكلۈكۈمنى) كۆرمەمسىلەر؟ بەلكى مەن ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان بۇ ئەرزىمەس ئادەمدىن (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن) ياخشىمەن» — مۇھەممەد سالىھ
پىرئەۋن ئۆز قەۋمى ئىچىدە پەخىرلەنگەن ھالدا نىدا قىلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى، ئاستىمدىن ئېقىپ تۇرغان بۇ دەريالار مېنىڭ ئەمەسمۇ؟ كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
فىرئەۋن قەۋمىنىڭ ئىچىدە نىدا قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى مەندە ئەمەسمۇ؟ بۇ ئۆستەڭلەر مېنىڭ ئاستىمدىن ئېقىۋاتمامدۇ؟ كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم
(51-53) فىرئەۋن قەۋمىنىڭ مۇساغا ئىشىنىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇنداق نىدا قىلدى: «ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى مەندە ئەمەسمۇ؟ نىل دەرياسىنىڭ تارماقلىرى مېنىڭ سارىيىمنىڭ ئاستىدىن ئېقىۋاتمامدۇ؟ بۇلارنى كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ بەلكى مەن ئەرزىمەس ۋە ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان بۇ ئادەمدىن ياخشى ئەمەسمۇ؟ ئەگەر بۇ ئادەم راستتىنلا پەيغەمبەر بولىدىغان بولسا، نېمە ئۈچۈن ئۇنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگىسى (ئاللاھ) ئۇنىڭغا ئالتۇن بىلەزۈكلەر تاشلاپ بەرمىدى؟ ياكى نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بىللە پەرىشتىلەر ھەمراھ بولۇپ كەلمىدى؟». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَمْ أَنَا خَيْرٌ مِنْ هَٰذَا الَّذِي هُوَ مَهِينٌ وَلَا يَكَادُ يُبِينُ
پىرئەۋن ئۆز قەۋمى ئىچىدە (پەخىرلەنگەن ھالدا) نىدا قىلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى، ئاستىمدىن ئېقىپ تۇرغان بۇ دەريالار مېنىڭ ئەمەسمۇ؟ (مېنىڭ بۇ بۈيۈكلۈكۈمنى) كۆرمەمسىلەر؟ بەلكى مەن ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان بۇ ئەرزىمەس ئادەمدىن (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن) ياخشىمەن» — مۇھەممەد سالىھ
ياكى بولمىسا، مەن ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان بۇ ئەرزىمەس ئادەم- مۇسا- دىن ياخشىراق ئەمەسمۇ؟» — تەرجىمە ھەيئىتى
ياكى مەن بۇ ئەرزىمەس ۋە ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان ئادەمدىن ياخشى ئەمەسمۇ؟ — ئەنەس ئالىم
-
فَلَوْلَا أُلْقِيَ عَلَيْهِ أَسْوِرَةٌ مِنْ ذَهَبٍ أَوْ جَاءَ مَعَهُ الْمَلَائِكَةُ مُقْتَرِنِينَ
نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا (ئاسماندىن) ئالتۇن بىلەيزۈكلەر تاشلانمىدى؟ ياكى نېمىشقا (ئۇنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن) ئۇنىڭ بىلەن بىللە پەرىشتىلەر ھەمراھ بولۇپ كەلمىدى؟» — مۇھەممەد سالىھ
نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئاسماندىن ئالتۇن بىلەيزۈكلەر تاشلانمىدى؟ ياكى نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن بىللە پەرىشتىلەر ھەمراھ بولۇپ كەلمىدى؟» — تەرجىمە ھەيئىتى
نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالتۇن بىلەزۈكلەر تاشلاپ بېرىلمىدى؟ ياكى نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بىللە پەرىشتىلەر ھەمراھ بولۇپ كەلمىدى؟». — ئەنەس ئالىم
-
فَاسْتَخَفَّ قَوْمَهُ فَأَطَاعُوهُ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمًا فَاسِقِينَ
پىرئەۋن قەۋمىنى گوللىغانلىقتىن، قەۋمى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى — مۇھەممەد سالىھ
پىرئەۋن قەۋمىنى گوللىغانلىقتىن، قەۋمى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
فىرئەۋن قەۋمىنى بۇ شەكىلدە ئەخمەق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار فىرئەۋنگە ئىتائەت قىلدى. چۈنكى ئۇلار ھەقىقەتەن فاسىق قەۋم ئىدى. — ئەنەس ئالىم
(54-56) فىرئەۋن قەۋمىنى ئەنە شۇ سۆزلەر بىلەن ئەخمەق قىلدى، ئالدىدى ۋە كۇفرىلىقتا چىڭ تۇرۇشقا چاقىردى، ئۇلار فىرئەۋننىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلدى ۋە مۇساغا ئىمان كەلتۈرمىدى، چۈنكى ئۇلار ھەقىقەتەن توغرا يولدىن چىققان قەۋم ئىدى. ئۇلار تەرسالىق، تەكەببۇرلۇق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن بىزنى غەزەپلەندۈرگەن ئىدى، بىز ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالدۇق؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى دېڭىزدا سۇغا غەرق قىلىۋەتتۇق، ئۇلارنى كېينكى ئىنكارچىلار ئۈچۈن، ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئېلىنىدىغان ئەجداد ۋە ئىلاھىي جازاغا يولۇقۇشتا مىسال قىلىنىدىغان ئۆرنەك قىلدۇق. ئەسكەرتىش: بۇ قىسسەنىڭ خۇلاسىسى 28 - سۈرە (قەسەس)، 3 ~ 43 - ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە بايان قىلىندى. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىن تارتىپ 56 - ئايەتكىچە مۇشرىكلارنىڭ تەرسالىقىنى ۋە قەبىھلىكلىرىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارغا نەسىھەت قىلىدۇ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 57 ~ 65 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارنىڭ باشقا بىر قەبىھلىكىنى بايان قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا رەددىيە بېرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللى بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلَمَّا آسَفُونَا انْتَقَمْنَا مِنْهُمْ فَأَغْرَقْنَاهُمْ أَجْمَعِينَ
ئۇلار بىزنى دەرغەزەپ قىلغاندا، ئۇلارنى بىز (ئەڭ قاتتىق جازالار بىلەن) جازالىدۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى (دېڭىزدا) غەرق قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار بىزنى دەرغەزەپ قىلغاندا، ئۇلارنى بىز جازالىدۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى دېڭىزدا غەرق قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار بىزنى غەزەپلەندۈرگەن ئىدى، بىز ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى غەرق قىلىۋەتتۇق. — ئەنەس ئالىم
-
فَجَعَلْنَاهُمْ سَلَفًا وَمَثَلًا لِلْآخِرِينَ
ئۇلارنى بىز (كۇففارلارنىڭ ئازابقا تېگىشلىك بولۇشىدا) كېيىنكىلەرگە نەمۇنە ۋە ئىبرەت قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنى بىز كېيىنكىلەرگە نەمۇنە ۋە ئىبرەت قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنى كېينكىلەرگە ئىبرەت ئېلىنىدىغان ئەجداد ۋە مىسال قىلىنىدىغان ئۈلگە قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم
-
وَلَمَّا ضُرِبَ ابْنُ مَرْيَمَ مَثَلًا إِذَا قَوْمُكَ مِنْهُ يَصِدُّونَ
(قۇرئاندا) مەريەمنىڭ ئوغلى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالام) مىسال كەلتۈرۈلسە، ناگاھان سېنىڭ قەۋمىڭ (خۇشاللىقتىن) سۈرەن سېلىشىپ كېتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
قۇرئاندا مەريەمنىڭ ئوغلى - ئىسا - مىسال كەلتۈرۈلسە، ناگاھان سېنىڭ قەۋمىڭ -خۇشاللىقتىن- سۈرەن سېلىشىپ كېتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! قۇرئاندا مەريەم ئوغلى مىسال قىلىپ كۆرسىتىلسە، سېنىڭ قەۋمىڭ ئۇ مىسالدىن خۇشال بولۇپ بىردىنلا سۈرەن سېلىشىپ كېتىدۇ — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرى مەريەم ئوغلى ئىيساغا ئوخشىتىلسا، سېنىڭ قەۋمىڭ ئۇ ئوخشىتىشتىن خۇشال بولۇپ بىردىنلا سۈرەن سېلىشىپ كېتىدۇ. كۆپچىلىك مۇفەسسىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە: ئاللاھ تائالا «ئى مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىڭلار بىلەن دوزاخقا تاشلىنىپ يېقىلغۇ بولىسىلەر، سىلەر دوزاخقا كىرىسىلەر!» دېگەن مەنىدىكى ئايەت نازىل قىلغان ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايەتنى يەتكۈزگەن چاغدا «ئابدۇللاھ ئىبنى زىبەئرا» دېگەن كىشى (بۇ كېيىن مۇسۇلمان بولغان) مۇشرىكلارنىڭ ئىلاھلىرىنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاتقان ۋە: «مۇھەممەد ئاللاھتىن باشقا ھەر مەئبۇدنىڭ دوزاخقا يېقىلغۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ، بىزنىڭ ۋە بۇتلىرىمىزنىڭ دوزاخقا يېقىلغۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ. ناسارالار ئاللاھنى قويۇپ مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيساغا چوقۇنىدۇ، مۇھەممەدنىڭ سۆزىچە بولغاندا ئىيسامۇ ۋە ناسارالارمۇ دوزاختا بولىدۇ. ئەگەر ئىيسا ۋە ناسارالار دوزاختا بولىدىغان بولسا، بىز بۇتلىرىمىز بىلەن دوزاختا بولۇشقا رازى» دېگەن، شۇنىڭ بىلەن باشقا مۇشرىكلار خۇشال بولۇپ ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلىشىپ كەتكەن، ئاندىن 21 - سۈرە (ئەنبىيا)نىڭ 101 - ئايىتى ۋە بۇ ئايەت نازىل بولۇپ ئۇلارغا رەددىيە بېرىلگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَالُوا أَآلِهَتُنَا خَيْرٌ أَمْ هُوَ ۚ مَا ضَرَبُوهُ لَكَ إِلَّا جَدَلًا ۚ بَلْ هُمْ قَوْمٌ خَصِمُونَ
ئۇلار: «بىزنىڭ ئىلاھلىرىمىز ياخشىمۇ ياكى ئىيسامۇ؟» دېدى. ئۇلار بۇ مىسالنى پەقەت خۇسۇمەت قىلىش ئۈچۈنلا كەلتۈردى، بەلكى ئۇلار جېدەلخور قەۋمدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «بىزنىڭ ئىلاھلىرىمىز ياخشىمۇ ياكى ئىسامۇ؟» دېدى. ئۇلار بۇ مىسالنى پەقەت خۇسۇمەت قىلىش ئۈچۈنلا كەلتۈردى، بەلكى ئۇلار جېدەلخور قەۋمدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ۋە مۇنداق دېيىشىدۇ: «بىزنىڭ ئىلاھلىرىمىز ياخشىمۇ؟ ياكى ئۇمۇ؟». ئۇلار جېدەل قىلىش ئۈچۈنلا مۇشۇنداق دەيدۇ. ئۇلار ھەقىقەتەن جېدەلخور قەۋمدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلار: «بىزنىڭ ئىلاھلىرىمىز ياخشىمۇ؟ ياكى ئىيسامۇ؟ چۈنكى سېنىڭ سۆزۈڭدىن قارىغاندا بىز، ئىلاھلىرىمىز، ئىيسا ۋە ناسارالار - ھەممىمىز دوزاختا بولىمىز» دېدى. ئۇلار ساڭا بۇ سۆزنى ھەقنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەمەس ئەكسىچە سەن بىلەن مۇنازىرىلىشىش، جېدەل قىلىش ۋە ئۆزلىرىنى ھەقلىق چىقىرىش ئۈچۈنلا بايان قىلدى. دېمىسىمۇ ئۇلار ھەقىقەتەن جېدەلخور ۋە دەتالاش قىلىشىشقا ئامراق قەۋمدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنْ هُوَ إِلَّا عَبْدٌ أَنْعَمْنَا عَلَيْهِ وَجَعَلْنَاهُ مَثَلًا لِبَنِي إِسْرَائِيلَ
ئۇ (يەنى ئىيسا) (ناسارالار گۇمان قىلغاندەك ئىلاھ ياكى ئىلاھنىڭ ئوغلى ئەمەس) پەقەت پەيغەمبەرلىك نېمىتىمىزگە ئېرىشكەن بىر بەندىدۇر، ئۇنى بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) بىر دەلىل قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئىسا پەقەت پەيغەمبەرلىك نېمىتىمىزگە ئېرىشكەن بىر بەندىدۇر، ئۇنى بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا بىر دەلىل قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
مەريەمنىڭ ئوغلى بىز ئىنئام قىلغان بىر بەندىدىنلا ئىبارەتتۇر. بىز ئۇنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئۈلگە قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇشرىكلار! ناسارالار: «ئاللاھ، ئىلاھ، ئاللاھنىڭ ئوغلى» دەپ چوقۇنۇۋاتقان ئىيسا بىز ئاتىسىز يارىتىش، پەيغەمبەر قىلىش، نۇرغۇنلىغان مۆجىزىلەرنى بېرىش، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئېتىبارلىق قىلىش،... قاتارلىق نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان، ئىسرائىل ئەۋلادى ئۈچۈن ياخشىلىقنىڭ ئۈلگىسى ۋە قۇدرىتىمىزنىڭ بىر دەلىلى قىلغان بىر بەندىدىنلا ئىبارەتتۇر. بىز يوقتىن ياراتقان ۋە ئەلچىمىز قىلىپ ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئەۋەتكەن بەندىمىز ئىيسا ئىبادەت قىلىنىشقا قانداقمۇ لايىق بولسۇن؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَوْ نَشَاءُ لَجَعَلْنَا مِنْكُمْ مَلَائِكَةً فِي الْأَرْضِ يَخْلُفُونَ
ئەگەر بىز خالىساق، ئەلۋەتتە سىلەرگە زېمىندا ئورۇنباسار بولىدىغان پەرىشتىلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرەتتۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر بىز خالىساق، ئەلۋەتتە سىلەرگە زېمىندا ئورۇنباسار بولىدىغان پەرىشتىلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرەتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر بىز خالىغان بولساق، زېمىندا سىلەرگە ئورۇنباسار بولىدىغان پەرىشتىلەرنى بار قىلاتتۇق. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇشرىكلار! سىلەر: «ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دەپ چوقۇنۇۋاتقان پەرىشتىلەرمۇ بىزنىڭ بەندىلىرىمىزدۇر. ئەگەر بىز خالىغان بولساق ئۇ بەندىلىرىمىزنى، سىلەرنىڭ ئورنۇڭلاردا زېمىننىڭ ئاھالىسى قىلاتتۇق. بىز ئىيسانى يوقتىن ياراتقاندەك پەرىشتىلەرنىمۇ يوقتىن ياراتتۇق، بىزنىڭ يارىتىشىمىز بىلەن ئاپىرىدە بولغان ۋە بىز بەلگىلىگەن ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىۋاتقان پەرىشتىلەر چوقۇنۇشۇڭلارغا قانداقمۇ لايىق بولسۇن؟! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنَّهُ لَعِلْمٌ لِلسَّاعَةِ فَلَا تَمْتَرُنَّ بِهَا وَاتَّبِعُونِ ۚ هَٰذَا صِرَاطٌ مُسْتَقِيمٌ
ئۇ (يەنى ئىيسا) ئەلۋەتتە قىيامەتنىڭ ئالامىتىدۇر، ئۇنىڭغا (يەنى قىيامەتكە) شەك كەلتۈرمەڭلار. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى) «ماڭا ئەگىشىڭلار، بۇ (مېنىڭ دەۋەت قىلغىنىم) توغرا يولدۇر — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى ئۇ ئەلۋەتتە قىيامەت ئۈچۈن بىر ئالامەتتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن قىيامەتكە شەك كەلتۈرمەڭلار ۋە ماڭا ئەگىشىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
مەريەمنىڭ ئوغلى قىيامەت ئۈچۈن بىر ئىلىمدۇر[3]. ئۇ ھالدا قىيامەت توغرۇلۇق شۈبھىلەنمەڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلار. مانا بۇ توغرا يولدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئىيسانىڭ ئاتىسىز يارىتىلىشى قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنىڭ بەدەنلىرىنىڭ تۇپراقنىڭ ئاستىدا ئاتىسىز ھەم ئانىسىز قايتا يارىتىلىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئىلىمدۇر. ئۇنداقتا، قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشى توغرۇلۇق شۈبھىلەنمەڭلار، مەن كىتاب نازىل قىلىش ۋە ئەلچى ئەۋەتىش ئارقىلىق قىلغان دەۋىتىمنى قوبۇل قىلىڭلار، مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلىش سىلەرنى دۇنيادا بەختكە، ئاخىرەتتە جەننەتكە يەتكۈزىدىغان توغرا يولدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا يَصُدَّنَّكُمُ الشَّيْطَانُ ۖ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُبِينٌ
سىلەرنى شەيتان (توغرا يولدا) مېڭىشتىن توسمىسۇن (يەنى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئالدانماڭلار)، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر» — مۇھەممەد سالىھ
سىلەرنى شەيتان بۇ توغرا يولدا مېڭىشتىن توسمىسۇن، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى
شەيتان سىلەرنى توسمىسۇن. ئۇ سىلەرنىڭ ئاشكارا دۈشمىنىڭلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! شەيتان سىلەرنى مەن دەۋەت قىلغان يولغا كىرىپ ماڭا ئىتائەت قىلىشتىن توسمىسۇن؛ سىلەر شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار، بىلىڭلاركى: شەيتان سىلەرنىڭ ئاشكارا دۈشمىنىڭلار بولۇپ، ئۇ سىلەرنى ھەرگىزمۇ ياخشىلىققا باشلىمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَمَّا جَاءَ عِيسَىٰ بِالْبَيِّنَاتِ قَالَ قَدْ جِئْتُكُمْ بِالْحِكْمَةِ وَلِأُبَيِّنَ لَكُمْ بَعْضَ الَّذِي تَخْتَلِفُونَ فِيهِ ۖ فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَطِيعُونِ
ئىيسا روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كېلىپ ئېيتتى: «سىلەرگە مەن ھېكمەت ئېلىپ كەلدىم. سىلەرگە ئىختىلاپ قىلىۋاتقان نەرسەڭلارنىڭ (يەنى دىنىي ئىشلارنىڭ) بەزىسىنى بايان قىلىپ بېرىمەن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
ئىسا روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كېلىپ ئېيتتى: «سىلەرگە مەن ھېكمەت ئېلىپ كەلدىم. سىلەرگە ئىختىلاپ قىلىۋاتقان نەرسەڭلارنىڭ بەزىسىنى بايان قىلىپ بېرىمەن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىيسا روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كېلىپ مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە ھېكمەتنى ئېلىپ كەلدىم. سىلەر ئىختىلاپ قىلىشىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ بەزىسىنى سىلەرگە بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن كەلدىم. ئۇ ھالدا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم
(63-64) ئىيسا بىز بەرگەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ يېنىغا كەلگەن چېغىدا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇپ ئادىل ھۆكۈم، پايدىلىق ئىلىم ۋە توغرا نەسىھەتلەرنى ئېلىپ كەلدىم. ۋەزىپەم سىلەرنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلىش ۋە سىلەر ئىختىلاپ قىلىشىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بەزىسىنىڭ ھۆكمىنى سىلەرگە بايان قىلىشتۇر. ئۇنداقتا، سىلەر ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار ۋە مەن باشلىغان يولغا كىرىپ مەن بىلەن بىللە مېڭىڭلار، بىلىڭلاركى: ئاللاھ مېنىڭمۇ ياراتقان، ياشاتقان ۋە باشقۇرۇۋاتقان ئىگەمدۇر، سىلەرنىڭمۇ ياراتقان، ياشاتقان ۋە باشقۇرۇۋاتقان ئىگەڭلاردۇر. ئۇنداقتا، ھەممىمىزنىڭ ئىگىسى بولغان شۇ ئاللاھقا چوقۇنۇڭلار، ئاللاھقا چوقۇنۇش توغرا يولدۇر». ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى ئايەتتە ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادىغا بەزى نەرسىلەرنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئىسرائىل ئەۋلادىنى تەۋھىدكە بۇيرۇغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، كېيىن مەدىنىدە نازىل بولغان سۈرىلەنىڭ بەزى ئايەتلىرىدە بۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ اللَّهَ هُوَ رَبِّي وَرَبُّكُمْ فَاعْبُدُوهُ ۚ هَٰذَا صِرَاطٌ مُسْتَقِيمٌ
ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر ۋە سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ رەببىمدۇر ۋە سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مېنىڭمۇ رەببىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر. ئۇنداقتا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. مانا بۇ توغرا يولدۇر». — ئەنەس ئالىم
-
فَاخْتَلَفَ الْأَحْزَابُ مِنْ بَيْنِهِمْ ۖ فَوَيْلٌ لِلَّذِينَ ظَلَمُوا مِنْ عَذَابِ يَوْمٍ أَلِيمٍ
(ناسارالار) نىڭ پىرقىلىرى (ئىيسا توغرىسىدا) ئۆز ـ ئارا ئىختىلاپ قىلىشتى، زالىملارغا قاتتىق كۈن (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىدىن ۋاي! — مۇھەممەد سالىھ
ناسارالارنىڭ پىرقىلىرى ئۆز ـ ئارا ئىختىلاپ قىلىشتى، زالىملارغا قاتتىق كۈننىڭ ئازابىدىن ۋاي! — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىققان گۇرۇھلار يەنىلا ئىختىلاپ قىلىشتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ زالىملارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار ئەلەملىك كۈننىڭ ئازابىغا دۇچار قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم
(65-66) ئىيسا ئىسرائىل ئەۋلادىنى ئۆز ۋاقتىدا ئەنە شۇنداق تەۋھىدكە دەۋەت قىلغان، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى (يەھۇدىيلار) ئىيسانىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەنمىدى، بىر قىسمى (ناسارلار) ئىشەندى. ئىيسانىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەنگەنلەر ئىيسادىن كېيىن، ئىيسا توغرىسىدا گۇرۇھلارغا ئايرىلىپ ئۇ دەۋەت قىلغان يولدىن يىراقلاشتى ۋە ئۇنىڭ ھەققىدە پەرقلىق دەۋالارنى قىلىشتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ زالىملارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار قىيامەت كۈنى ئەلەملىك ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ. ئۇ زالىملار كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەپ، تۇيماي قالغان چاغلىرىدا قىيامەتنىڭ ئۇشتۇمتۇت قايىم بولۇشىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئەسكەرتىش: ئۆز ۋاقتىدا ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەنگەنلەرنىڭ كېيىنكى نەسىللىرى گۇرۇھلارغا ئايرىلىپ ئۇلار ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە: «ئاللاھ، ئاللاھنىڭ ئوغلى، ئىلاھ» دېگەن پەرقلىق تۆھمەتلەرنى ئويدۇرۇپ چىقتى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا چوقۇنۇپ كافىر بولدى ۋە ئەلەملىك ئازابقا لايىق بولدى.. ئاللاھ تائالا 65 - ۋە 66 - ئايەتلەردە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەققىدە گۇرۇھلارغا ئايرىلغان زالىملارنىڭ قىيامەت كۈنى ئەلەملىك ئازابقا دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە قىيامەتنىڭ ئۇشتۇمتۇت قايىم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 67 ~ 80 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇ (قىيامەت) كۈننىڭ دەھشىتىنى، ئۇ كۈنى مۇئمىنلارنىڭ جەننەتكە كىرىپ تۈرلۈك نازۇنېمەتلەرگە ئېرىشىدىغانلىقىنى، كافىرلارنىڭ دوزاخقا تاشلىنىپ ئازاب چېكىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرگە ئۆزىنىڭ ئىلمىنىڭ چەكسىزلىكىنى ئەسلىتىپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
هَلْ يَنْظُرُونَ إِلَّا السَّاعَةَ أَنْ تَأْتِيَهُمْ بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
ئۇلار پەقەت قىيامەتنىڭ ئۆزلىرى تۇيمىغان ھالدا ئۇشتۇمتۇت كېلىشىنىلا كۈتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار پەقەت قىيامەتنىڭ ئۆزلىرى تۇيمىغان ھالدا ئۇشتۇمتۇت كېلىشىنىلا كۈتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار قىيامەتنىلا - قىيامەتنىڭ تۇيماي قالغان چاغلىرىدا ئۆزلىرىگە ئۇشتۇمتۇت كېلىشىنىلا - ساقلاۋاتىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
الْأَخِلَّاءُ يَوْمَئِذٍ بَعْضُهُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ إِلَّا الْمُتَّقِينَ
بۇ كۈندە دوستلار بىر ـ بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ، پەقەت (خۇدالىق ئۈچۈن دوستلاشقان) تەقۋادارلارلا (ئۇنداق ئەمەستۇر) — مۇھەممەد سالىھ
بۇ كۈندە دوستلار بىر ـ بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ، پەقەت تەقۋادارلار مۇستەسنا — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ كۈنى دوستلار بىر - بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ. تەقۋادارلار مۇستەسنا. — ئەنەس ئالىم
بۇ دۇنيادا بىر - بىرى بىلەن دوستلىشىلىپ ئۆتكەن كىشىلەر، قىيامەت قايىم بولغان كۈنى بىر - بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۇ دۇنيادا دوستلۇق سەۋەبى بولغان مۇناسىۋەتلەر ئۇ كۈنى ئازابقا دۇچار بولۇش سەۋەبى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزئارا تاپا - مالامەت قىلىشىدۇ، تىللىشىدۇ ۋە بىر - بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ، لېكىن دۇنيادا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش يولىدا ئۆزئارا دوست بولغانلارنىڭ دوستلۇقى ئۇ دۇنيادىمۇ داۋاملىشىدۇ. دەرۋەقە كافىرلار، مۇشرىكلار ۋە مۇنافىقلار ئۆزئارىلىرىدا باتىل ئېتىقاد ئۈستىگە دوستلۇق قۇرىدۇ ۋە قۇرغان دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، كۇفرىلىق ئاساسىدا ئورنىتىلغان مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىش ۋە بىر - بىرىنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ئازغۇنلار گۇرۇھىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈنلا بۇ دۇنيا ھاياتىدا يامان يولدا ماڭىدۇ، ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ بۇتقا چوقۇنۇشقا ۋە كۇفرىلىق قىلىشقا دەلىلى يوق، لېكىن دوستلۇق بۇزۇلمىسۇن، مۇناسىۋەتكە دەخلى يەتمىسۇن ۋە گۇرۇپپىدىن ئايرىلىپ قالمايلى دەپ بىر - بىرىگە قارشى چىقمايدۇ، بۇتپەرەسلىككە ۋە كۇفرىلىققا دەلىل سوراشمايدۇ ۋە ئازغۇنلۇقنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەمما ئۇلار قىيامەت كۈنى بىر - بىرىنى ئىنكار قىلىدۇ، بىر - بىرىگە لەنەت ئوقۇيدۇ؛ يېتەكچىلەر ئەگەشكەنلەردىن بىزار بولىدۇ، ئەگەشكۈچىلەر يېتەكچىلەرگە لەنەت ئوقۇيدۇ، ھەر ئىككى تەرەپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغۇزۇلغان ۋە دوزاخقا تاشلانغان چېغىدا، قىيامەتنىڭ ھەر ساھەسىدە ھەسرەت - نادامەت چېكىدۇ ۋە ھەر پۇرسەتتە دەتالاش قىلىشىدۇ، لېكىن ئۇ ھەسرەت - نادامەت ۋە دەتالاشلارنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا عِبَادِ لَا خَوْفٌ عَلَيْكُمُ الْيَوْمَ وَلَا أَنْتُمْ تَحْزَنُونَ
(ئۇلارغا) «بەندىلىرىم! بۈگۈن سىلەرگە قورقۇنچ يوق، سىلەر غەم ـ ئەندىشە قىلمايسىلەر » (دېيىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا: «بەندىلىرىم! بۈگۈن سىلەرگە قورقۇنچ يوق، غەم ـ قايغۇمۇ يوق» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ تەقۋادارلارغا مۇنداق دەيدۇ: «ئى بەندىلىرىم! بۈگۈن سىلەرگە ھېچقانداق قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئەسلا غەمكىن بولمايسىلەر. — ئەنەس ئالىم
(68-70) بۇ دۇنيادا تەقۋادارلىق ئاساسىدا بىر - بىرى بىلەن دوستلاشقان ۋە دوستلۇقنى تەقۋادارلىق ئۈستىدە داۋملاشتۇرغان كىشىلەرگە ئاللاھ قىيامەت كۈنى مۇنداق دەيدۇ: «ئى مېنىڭ ئايەتلىرىمگە ئىشەنگەن ۋە بويسۇنغان بەندىلىرىم! بۈگۈن سىلەر كېلەچىكىڭلار ئۈچۈن ئەندىشە قىلماڭلار، ئۆتمۈشۈڭلارغا قايغۇماڭلار، جەننەتكە كىرىڭلار، سىلەر ۋە جۈپتىلىرىڭلار جەننەتتە ئىززەت - ھۆرمەت بىلەن كۈتۈلىسىلەر». ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتلەردە ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئەنە شۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، بۇ دۇنيادا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشىنىشنىڭ ۋە بويسۇنۇشنىڭ شەرت ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلىدۇ. ئايەتلەرگە ئىشىنىش - قۇرئان كەرىمنى ئاللاھنىڭ نازىل قىلغانلىقىغا، ئىككى دۇنيالىق بەخت - سائادەتنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىگە بويسۇنۇش بىلەن ھاسىل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش ۋە ئىشەنچ قىلىش دېمەكتۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىگە بويسۇنۇش بولسا، قۇرئان كەرىمدە بۇيرۇلغان ئىشلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئادا قىلىش، چەكلەنگەن ئىشلاردىن كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن ساقلىنىش، قىلىنغان نەسىھەتلەرگە چىن ئىخلاس بىلەن قۇلاق سېلىش ۋە بايان قىلىنغان قىسسەلەردىن لايىق رەۋىشتە ئىبرەت ئېلىش قاتارلىقلار بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِينَ آمَنُوا بِآيَاتِنَا وَكَانُوا مُسْلِمِينَ
ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتقان ۋە مۇسۇلمان بولغانلار ئىدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتقان ۋە مۇسۇلمان بولغانلار ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى ئايەتلىرىمىزگە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە مۇسۇلمان بولغان كىشىلەر! — ئەنەس ئالىم
-
ادْخُلُوا الْجَنَّةَ أَنْتُمْ وَأَزْوَاجُكُمْ تُحْبَرُونَ
(ئۇلارغا) «سىلەر ئاياللىرىڭلار بىلەن بىللە خۇشال ـ خۇرام ھالدا جەننەتكە كىرىڭلار» (دېيىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا: «سىلەر جۈپتىلىرىڭلار بىلەن بىللە خۇشال ـ خۇرام ھالدا جەننەتكە كىرىڭلار» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
جەننەتكە كىرىڭلار. سىلەر ۋە جۈپلىرىڭلار كۈتۈلىسىلەر». — ئەنەس ئالىم
-
يُطَافُ عَلَيْهِمْ بِصِحَافٍ مِنْ ذَهَبٍ وَأَكْوَابٍ ۖ وَفِيهَا مَا تَشْتَهِيهِ الْأَنْفُسُ وَتَلَذُّ الْأَعْيُنُ ۖ وَأَنْتُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
ئۇلارغا ئالتۇن لېگەنلەردە (تائام)، ئالتۇن جاملاردا (شاراب) تۇتۇلىدۇ. جەننەتتە كۆڭۈللەر تارتىدىغان، كۆزلەر لەززەتلىنىدىغان نەرسىلەر بار، سىلەر جەننەتتە مەڭگۈ قالىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا ئالتۇن لېگەنلەردە تائام، ئالتۇن جاملاردا شاراب تۇتۇلىدۇ. جەننەتتە كۆڭۈللەر تارتىدىغان، كۆزلەر لەززەتلىنىدىغان نەرسىلەر بار، سىلەر جەننەتتە مەڭگۈ قالىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىن ئالتۇن لېگەنلەر ۋە پىيالىلەر ئايلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ. جەننەتتە كۆڭۈللەر تارتىدىغان ۋە كۆزلەر بەھرىلىنىدىغان ھەر نەرسە بار. سىلەر ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
ئۇ تەقۋادارلار جەننەتكە كىرىپ بولغاندىن كېيىن، خىزمەتچىلەر ئالتۇن لېگەنلەردە تۈرلۈك يېمەكلىكلەر ۋە ئالتۇن، كۈمۈش پىيالىلەردە ھەر خىل ئىچىملىكلەرنى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىن ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇلار جەننەتتە كۆڭۈللىرى تارتىدىغان ۋە كۆزلىرى بەھرە ئالىدىغان ھەر نەرسىگە ئېرىشىدۇ، ئۇلارغا: «سىلەر جەننەتنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىسىلەر ۋە نېمەتلەردىن دائىم پايدىلىنىسىلەر» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَتِلْكَ الْجَنَّةُ الَّتِي أُورِثْتُمُوهَا بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
سىلەر (دۇنيادا) قىلغان (ياخشى) ئەمەلىڭلار بىلەن ۋارىس بولغان جەننەت ئەنە شۇدۇر — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەلىڭلار بىلەن ۋارىس بولغان جەننەت ئەنە شۇدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەنە شۇ سىلەرگە ئەمىلىڭلار ئۈچۈن بېرىلگەن جەننەتتۇر. — ئەنەس ئالىم
(72-73) شۇنىڭدەك، ئۇلارغا: «ئەنە شۇ جەننەت، دۇنيادىكى چېغىڭلاردا قىلغان ئەمەلىڭلار ئۈچۈن بۈگۈن سىلەرگە بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر. سىلەر ئۈچۈن بۇ جەننەتتە تۈرى، تەمى ۋە رەڭگى ھەر خىل مېۋىلەر بار بولۇپ، سىلەر ئۇ مېۋىلەردىن يەيسىلەر» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَكُمْ فِيهَا فَاكِهَةٌ كَثِيرَةٌ مِنْهَا تَأْكُلُونَ
جەننەتتە نۇرغۇن (تۈرلۈك) مېۋىلەر بار، ئۇنىڭدىن يەيسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
جەننەتتە نۇرغۇن تۈرلۈك مېۋىلەر بار، ئۇنىڭدىن يەيسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەرگە جەننەتتە كۆپ مېۋە بار. ئۇنىڭدىن يەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ الْمُجْرِمِينَ فِي عَذَابِ جَهَنَّمَ خَالِدُونَ
گۇناھكارلار (يەنى كۇففارلار) ھەقىقەتەن دوزاخ ئازابىدا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
گۇناھكارلار بولسا، ئۇلار ھەقىقەتەن دوزاخ ئازابىدا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، گۇناھكارلار جەھەننەم ئازابى ئىچىدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
بۇ دۇنيادا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە بويسۇنمىغان گەدەنكەشلەر قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىپ قەبرىلىرىدىن چىقىدۇ ۋە قورقۇنچتىن رەڭگىرويى ئۆزگىرىپ كەتكەن، چىرايى - شەكلى تاتىرىپ كەتكەن ۋە يۈز - كۆزلىرى كۆكۈرۈپ كەتكەن ھالەتتە مەھشەرگاھقا كەلتۈرۈلىدۇ، كىتابلىرى بېرىلگەندە قاتتىق قورقۇپ كېتىدۇ، دوزاخقا چاڭقىغان پادىدەك ھەيدىلىدۇ، زەنجىرلەر بىلەن باغلىنىپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ ۋە دوزاختا مەڭگۈ قېلىپ تۈرلۈك ئازابلارنى دائىم چېكىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَا يُفَتَّرُ عَنْهُمْ وَهُمْ فِيهِ مُبْلِسُونَ
ئۇلاردىن ئازاب (بىردەممۇ) يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلار دوزاختا (ھەر قانداق ياخشىلىقتىن) ئۈمىدسىزلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلاردىن ئازاب بىردەممۇ يېنىكلىتىلمەيدۇ، ئۇلار دوزاختا ئۈمىدسىزلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلاردىن ئازاب يىنىكلىتىلمەيدۇ. ئۇلار ئازابنىڭ ئىچىدە ئۈمىدسىز بولغۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئۇلاردىن ئازاب يىنىكلىتىلمەيدۇ، ئەكسىچە دوزاخنىڭ ئوتى بارغانسېرى ئۇلغايتىلىدۇ، ئوت ئۇلارنىڭ تېرە ۋە گۆشلىرىنى كۆيدۈرسە قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويۇش بىلەن ئۇلارغا ئازاب تېخىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە ھېس قىلدۇرۇلىدۇ، ئۇلارغا قىلچە مۆھلەت بېرىلمەيدۇ، ئۇلار ئازابنىڭ ئىچىدە قۇتۇلۇشتىن ۋە ئازابىنىڭ يەڭگىللىشىشىدىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن ھالەتتە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ئۈمىدسىزلىكى قايتا تىرىلگەندە باشلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا ظَلَمْنَاهُمْ وَلَٰكِنْ كَانُوا هُمُ الظَّالِمِينَ
ئۇلارغا بىز زۇلۇم قىلمىدۇق ۋەلېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا بىز زۇلۇم قىلمىدۇق ۋە لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق. لېكىن ئۇلار زالىم كىشىلەر ئىدى. — ئەنەس ئالىم
بىز ئۇ گەندەنكەشلەرگە دوزاخقا تاشلاش ۋە ئۇ ئازابلارنى قىلىش بىلەن ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدۇق. لېكىن ئۇلار دۇنيادىكى چېغىدا ئايەتلىرىمىزگە بويۇنتاۋلىق قىلىش، ئەلچىلىرىمىزگە ئەگەشمەسلىك، شۇنداقلا گۇناھ - مەئسىيەتكە چۆمۈش بىلەن ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَنَادَوْا يَا مَالِكُ لِيَقْضِ عَلَيْنَا رَبُّكَ ۖ قَالَ إِنَّكُمْ مَاكِثُونَ
ئۇلار (يەنى كۇففارلار) (دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىگە): «ئى مالىك! پەرۋەردىگارىڭ بىزگە ئۆلۈم ھۆكۈم قىلسۇن» دەپ توۋلايدۇ. مالىك: «سىلەر ئازابتا چوقۇم قالىسىلەر» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار -دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىگە- : «ئى مالىك! رەببىڭ بىزگە ئۆلۈم ھۆكۈم قىلسۇن» دەپ توۋلايدۇ. مالىك: «سىلەر ئازابتا چوقۇم قالىسىلەر» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار جەھەننەمنىڭ كۆزەتچىسىگە: «ئى مالىك! رەببىڭ بىزنى ئۆلتۈرۈپ ئىشىمىزنى تۈگەتسۇن» دەپ توۋلايدۇ. كۆزەتچى: «سىلەر مەڭگۈ قالغۇچىلارسىلەر» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
(77-78) ئۇلار دوزاخنىڭ ئىچىدە ئازاب چېكىۋېتىپ دوزاخقا مەسئۇل پەرىشتىگە: «ئى مالىك! سېنى يوقتىن ياراتقان ۋە بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ئىگەڭ - ئاللاھقا ئېيتقىن، بىزنى ئۆلتۈرۈپ ئىشىمىزنى تۈگىتىۋەتسۇن» دەپ نالە - پەرياد قىلىدۇ. ئۇ پەرىشتە ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپىگە: «سىلەر دوزاخنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قېلىپ ئازاب چېكىسىلەر، سىلەرنىڭ بۇ يەردىن چىقىشىڭلار ياكى بۇ يەردە ئۆلۈپ ئازابتىن قۇتۇلۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى بىز سىلەرگە دۇنيادىكى چېغىڭلاردا ھەقنى ئېلىپ كەلگەن ئىدۇق، ئۆز ئىچىڭلاردىن كەلگەن پەيغەمبەرلەر سىلەرگە ئۇ ھەقنى يەتكۈزگەن ئىدى، لېكىن سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار ئۇ ھەقنى يامان كۆرۈپ قوبۇل قىلمىغان ئىدىڭلار» دەيدۇ، نەتىجىدە ئۇلار دوزاختا يا ئۆلۈپ قۇتۇلالمايدۇ ياكى ئازابلىرى يەڭگىللەپ ئارام تاپمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَقَدْ جِئْنَاكُمْ بِالْحَقِّ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَكُمْ لِلْحَقِّ كَارِهُونَ
بىز سىلەرگە ھەقىقەتەن ھەق (دىن) نى كەلتۈردۇق ۋەلېكىن سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار ھەق (دىن) نى يامان كۆرگۈچىلەردۇر — مۇھەممەد سالىھ
بىز سىلەرگە ھەقىقەتەن ھەقنى كەلتۈردۇق ۋە لېكىن سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار ھەقنى يامان كۆرگۈچىلەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا: «بىز سىلەرگە ھەقنى ئېلىپ كەلگەن ئىدۇق. لېكىن سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار ھەقنى يامان كۆرگەن» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
أَمْ أَبْرَمُوا أَمْرًا فَإِنَّا مُبْرِمُونَ
ئۇلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا سۇيىقەست قىلىشتا) بىر ئىشنى قارار قىلغان بولسا، بىز (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ياردەم بېرىشتە بىر ئىشنى قارار قىلىمىز — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار بىر ئىشنى قارار قىلدىمۇ؟ ئىشنى بىز قارار قىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
ياكى ئۇلار بىر ئىشنى قارار قىلدىمۇ؟ بىزمۇ قارار قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم
بۇ تەرسا كافىرلار مۇھەممەدنى ئۆلتۈرۈشنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ دىنىنى يوق قىلىشنى قارارلاشتۇردىمۇ؟ قارارلاشتۇردى، بىزمۇ ئۇلارنى جازالاش، ئۇلارنىڭ دىنىنى يوق قىلىش، مۇھەممەدنى غالىب قىلىش ۋە ئۇنىڭ دىنىنى ئۈستۈن قىلىشنى قارارلاشتۇردۇق. دەرۋەقە مۇشرىكلار كېڭەش ئېچىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن قارار ئالدى ۋە ئىشقا كىرىشتى، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلاپ مەدىنىگە ساق - سالامەت بارغىلى نېسىپ قىلدى، ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇلارنىڭ كاتتىباشلىرىنى «بەدر غازىتى»دا ھالاك قىلدى، ھىجرەتنىڭ سەككىزىنچى يىلى مەككىنى فەتھ قىلىپ ھەقنى ھاكىم قىلدى، ئاندىن ھىجرەتنىڭ 10 - يىلى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ تامامىنى ئىسلام دىيارىغا ئايلاندۇردى، نەتىجىدە مۇشرىكلارنىڭ ھېچبىر پىلانى ئەمەلگە ئاشمىدى، ئەكسىچە ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئەمەلگە ئېشىپ ئىسلام ھاكىم بولدى ۋە كامالەتكە يەتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَمْ يَحْسَبُونَ أَنَّا لَا نَسْمَعُ سِرَّهُمْ وَنَجْوَاهُمْ ۚ بَلَىٰ وَرُسُلُنَا لَدَيْهِمْ يَكْتُبُونَ
ئۇلار گۇمان قىلامدۇكى، بىز ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى ۋە پىچىرلاشقانلىقلىرىنى ئاڭلىمايمىز، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (ئۇنى ئاڭلاپ تۇرىمىز)، بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز (يەنى پەرىشتىلىرىمىز) ئۇلارنىڭ ئالدىدا (ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى) يېزىپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ياكى بولمىسا ئۇلار گۇمان قىلامدۇكى، بىز ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى ۋە پىچىرلاشقانلىقلىرىنى ئاڭلىمايمىز، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا يېزىپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئاللاھ بىزنىڭ سىرلىرىمىزنى ۋە يوشۇرۇن قىلىشقان سۆزلىرىمىزنى ئاڭلىمايدۇ دەپ ئويلامدۇ؟ ئەمەلىيەت ئۇلار ئويلىغاندەك ئەمەس، بىز ئەلۋەتتە ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەلچىلىرىمىز بار. ئۇ ئەلچىلىرىمىز يېزىپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۇ كافىرلار ئۆز كۆڭلىدە يوشۇرغان سىرلىرىنى بىلمەيدىغانلىقىمىزنى ۋە مەخپىي قىلىشقان سۆزلىرىنى بىزنىڭ ئاڭلىمايدىغانلىقىمىزنى ئويلامدۇ؟ ئەمەلىيەت ئۇلار ئويلىغاندەك ئەمەس، بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قىلىشقان بارلىق سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇمىز، سىرلىرىنى بىلىپ تۇرۇمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەلچىلىرىمىز بار. ئۇ ئەلچىلىرىمىز ئۇلارنىڭ سۆز ھەرىكەتلىرىنى يېزىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا 15 ~ 23 - ۋە 57 ~ 65 - ئايەتلەردە، «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېگەن مۇشرىكلارغا ۋە ناسارالارغا رەددىيە بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 81 ~ 89 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇ ئىككى تائىپىگە قايتا رەددىيە بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى قايتا ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ إِنْ كَانَ لِلرَّحْمَٰنِ وَلَدٌ فَأَنَا أَوَّلُ الْعَابِدِينَ
«ئەگەر مېھرىبان ئاللاھنىڭ بالىسى بولىدىغان بولسا، مەن (ئۇ بالىغا) ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەۋۋىلى بولاتتىم» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى: «ئەگەر مېھرىبان ئاللاھنىڭ بالىسى بولغان بولسا، مەن ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەۋۋىلى بولغان بولاتتىم» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «ئەگەر رەھماننىڭ بالىسى بولسا ئىدى، ئۇنىڭغا چوقۇنغۇچىلارنىڭ ئاۋۋىلى مەن بولاتتىم». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دېگەن مۇشرىكلارغا، «ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلى» دېگەن ناسارالارغا ئېيتقىنكى: «چەكسىز مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ قىزىمۇ يوق، ئوغلىمۇ يوق. ئەگەر رەھماننىڭ بالىسى بولسا ئىدى، ئۇ بالىغا چوقۇنغۇچىلارنىڭ ئاۋۋىلى مەن بولاتتىم، چۈنكى بولغان تەقدىردە ئۇ بالا ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە ئىلاھ بولغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ بالىسى بولۇشتىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر، ئاللاھ ھېچكىمنىڭ ئاتىسىمۇ ئەمەس، ھېچكىمنىڭ بالىسىمۇ ئەمەس، ھېچكىم ئاللاھقا تەڭ ئەمەس». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
سُبْحَانَ رَبِّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ رَبِّ الْعَرْشِ عَمَّا يَصِفُونَ
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى، ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن پاكتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى، ئەرشنىڭ رەببى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن پاكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى، ئەرشنىڭ رەببى ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاكتۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يوقتىن ياراتقان، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاۋاتقان، ئەرشنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھ ئۇ مۇشرىكلارنىڭ ۋە ناسارلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاكتۇر؛ بالىسى بولۇش ئاللاھنىڭ شەنىگە لايىق ئەمەستۇر، شۇڭلاشقا ئاللاھنىڭ بالىسى يوقتۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەر، جۈملىدىن پەرىشتىلەر ۋە مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَذَرْهُمْ يَخُوضُوا وَيَلْعَبُوا حَتَّىٰ يُلَاقُوا يَوْمَهُمُ الَّذِي يُوعَدُونَ
ئۇلارنى (يەنى مەككە كۇففارلىرىنى) (گۇمراھلىقلىرىدا ۋە نادانلىقلىرىدا) قويۇپ بەرگىن، ئۇلار ۋەدە قىلىنغان كۈنىگە مۇلاقات بولغانغا قەدەر (باتىللىرىغا) چۆمسۇن ۋە (دۇنياسى بىلەن) ئوينىسۇن — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنى قويۇپ بەرگىن، ئۇلار ۋەدە قىلىنغان كۈنىگە مۇلاقات بولغانغا قەدەر باتىللىرىغا چۆمسۇن ۋە دۇنياسى بىلەن ئوينىسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنى تەرك ئەتكىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ باشلىرىغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان كۈنىگە مۇلاقات بولغانغا قەدەر گۇناھقا چۆمسۇن ۋە ئوينىسۇن. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئاللاھقا بوھتان چاپلىغان ئۇ ئادەملەرنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكىن، ئازابقا دۇچار بولىدىغان كۈن يېتىپ كەلگۈچىلىك ئۆزلىرىنىڭ گۇمراھلىقىدا تېڭىرقاپ يۈرسۇن، گۇناھ - مەئسىيەتكە چۆمسۇن، ئويناپ تۇرسۇن. ئەسكەرتىش: «ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكىن، ئۆزلىرىنىڭ گۇمراھلىقىدا تېڭىرقاپ يۈرسۇن، گۇناھ - مەئسىيەتكە چۆمسۇن، ئويناپ تۇرسۇن» دېگەن ئىپادە ئۇلارغا قىلىنغان تەھدىت بولۇپ، بۇ خىل ئىپادە قۇرئان كەرىمدە باشقا بىرقانچە ئايەتتىمۇ ئۆتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَهُوَ الَّذِي فِي السَّمَاءِ إِلَٰهٌ وَفِي الْأَرْضِ إِلَٰهٌ ۚ وَهُوَ الْحَكِيمُ الْعَلِيمُ
ئاللاھ ئاسماندىمۇ ئىلاھتۇر، زېمىندىمۇ ئىلاھتۇر، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئاسماندىمۇ ئىلاھتۇر، زېمىندىمۇ ئىلاھتۇر، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئاسماندىمۇ ئىلاھ، زېمىندىمۇ ئىلاھ بولغان زاتتۇر. ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ئاسماندىمۇ مەبۇد بەرھەق، زېمىندىمۇ مەبۇد بەرھەق بولغان زاتتۇر، يەنى ئاللاھ ئاسمان ئەھلىنىڭ ۋە زېمىن ئەھلىنىڭ يېگانە مەبۇدىدۇر. ئاللاھنىڭ ھېكمىتى چوڭقۇر، ئىلمى چەكسىزدۇر؛ ئاللاھنىڭ ھەر سۆزى راست، ھەر ئىشى مۇكەممەل ۋە ھەر ھۆكمى ئادىلدۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَتَبَارَكَ الَّذِي لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا وَعِنْدَهُ عِلْمُ السَّاعَةِ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئىلكىدە بولغان زات كاتتىدۇر، قىيامەتنىڭ (بولىدىغان ۋاقتى) توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن (يالغۇر) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئىلكىدە بولغان زات كاتتىدۇر، قىيامەتنىڭ توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن يالغۇر ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر. سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھى بولغان زات نېمىدېگەن ئۇلۇغ! قىيامەتنىڭ قاچان قايىم بولىدىغانلىقىنى پەقەتلا ئۇ بىلىدۇ. سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى مەخلۇقاتنىڭ پادىشاھى بولغان، قىيامەتنىڭ قاچان قايىم بولىدىغانلىقىنى پەقەتلا ئۆزى بىلىدىغان ۋە قىيامەت كۈنى سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھۇزۇرىغا كەلتۈرىدىغان، شۇنداقلا سىلەردىن قىلمىشىڭلارنىڭ ھېسابىنى ئېلىپ لايىق بولغان يېرىڭلارغا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئاللاھنىڭ شەنى نېمىدېگەن ئۇلۇغ، بەرىكىتى نېمىدېگەن چەكسىزدۇر! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا يَمْلِكُ الَّذِينَ يَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ الشَّفَاعَةَ إِلَّا مَنْ شَهِدَ بِالْحَقِّ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرى شاپائەت قىلالمايدۇ. پەقەت ھەق بىلەن گۇۋاھلىق بەرگەن (يەنى لائىلاھە ئىللەللاھ دېگەن، تىلى بىلەن ئېيتقاننى دىلى بىلەن) ھەقىقىي بىلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن چوقۇنغان نەرسىلىرى شاپائەت قىلالمايدۇ، لېكىن بىلگەن ھالدا ھەق بىلەن گۇۋاھلىق بەرگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلغان ئىلاھلىرى شاپائەت قىلالمايدۇ. بىلگەن ھالدا ھەقكە گۇۋاھلىق بەرگەنلەر مۇستەسنا. — ئەنەس ئالىم
مۇشرىكلارنىڭ «بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ»، «ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بىزگە شافائەت قىلىدۇ» دەپ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان، ئۆزلىرىگە پايدا يەتكۈزۈشى ياكى زىياندىن ساقلىشى ۋە قۇتۇلدۇرۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتقان ئىلاھلىرى ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا شافائەت قىلالمايدۇ. لېكىن ئاللاھنىڭ بىردىنبىر رەب ۋە يەككە - يېگانە مەبۇد ئىكەنلىكىنى جەزمەن بىلگەن ھالدا ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئىخلاسمەنلىك بىلەن تائەت - ئىبادەت قىلغانلار ئاللاھ رۇخسەت بەرگەندىن كېيىن ئاللاھ رازى بولغان كىشىلەرگە شافائەت قىلالايدۇ، چۈنكى «شافائەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشى ۋە ئىگىدارچىلىقىدىدۇر؛ ئاللاھ رۇخسەت بەرمەستىن ھېچكىم شافائەت قىلالمايدۇ، ئاللاھ رازى بولمىغان ھېچكىم شافائەتكە ئېرىشەلمەيدۇ. شافائەتنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك بىر ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ مَنْ خَلَقَهُمْ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ ۖ فَأَنَّىٰ يُؤْفَكُونَ
ئەگەر سەن ئۇلاردىن ئۇلارنى كىم خەلق ئەتكەنلىكلىرىنى سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «ئاللاھ» دەيدۇ، ئۇلار قانداقمۇ (ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشقا) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر سەن ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى كىمنىڭ ياراتقانلىقىنى سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم «ئاللاھ» دەيدۇ، شۇنداق تۇرۇغلۇق ئۇلار قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئۇلاردىن «سىلەرنى كىم ياراتتى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغاندۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇ مۇشرىكلاردىن «سىلەرنى كىم ياراتتى؟» دەپ سورىساڭ، ئۇلار ھېچ ئىككىلەنمەستىن دەرھال: «ئاللاھ ياراتتى» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ ئاسمان - زېمىننى ۋە باشقا بارلىق مەخلۇقاتنى، جۈملىدىن ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ياراتقانلىقىنى، ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە رىزىق بېرىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق ئىبادەتنى ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىدۇ، ئۇلار نېمىشقا ھەقىقەتتىن بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟ نېمىشقا ئەقىلسىزلىك قىلىدۇ؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقِيلِهِ يَا رَبِّ إِنَّ هَٰؤُلَاءِ قَوْمٌ لَا يُؤْمِنُونَ
(ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ) «ئى پەرۋەردىگارىم! بۇلار ھەقىقەتەن ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمدۇر» دېگەن سۆزىنى (بىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
پەيغەمبەرنىڭ سۆزى شۇدۇر: «ئى رەببىم! بۇلار ھەقىقەتەن ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئەلچىسىنىڭ: «ئى رەببىم! شۈبھىسىزكى، بۇلار ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋمدۇر» دېگەن سۆزىنىمۇ بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
(88-89) ئى مۇھەممەد! ئاللاھ سېنىڭ تەرسا مۇشرىكلاردىن شىكايەت قىلىپ: «ئى مېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەم - ئاللاھ! بۇ تەرسالار ئىمان كەلتۈرمەيدىغان ۋە ئىمان كەلتۈرۈشى ئۈمىد قىلىنمايدىغان قەۋمدۇر» دېگەن سۆزۈڭنى بىلىپ تۇرىدۇ، شۇڭلاشقا سەن دەۋەت پائالىيىتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن، ئۇلارنى ئۆز ھالىغا قويۇۋەتكىن، ئۇلار بىلەن تەڭ بولمىغىن، ئۇلارنىڭ قوپال سۆزلىرىگە سەن سىلىق جاۋاب قايتۇرغىن ۋە «خەير - خوش» دەپ ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئالىيجانابلىق بىلەن يىراقلاشقىن، ئۇلار تەرسالىقىنىڭ، كۇفرىلىقىنىڭ ۋە ئەدەپسىزلىكىنىڭ جازاسىنى يېقىندا بىلىدۇ؛ كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَاصْفَحْ عَنْهُمْ وَقُلْ سَلَامٌ ۚ فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ
سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، سالام دېگىن (يەنى ئۇلارغا بەتدۇئامۇ قىلمىغىن، دىنغا دەۋەتمۇ قىلمىغىن)، ئۇلار كەلگۈسىدە (كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن ۋە سالام دېگىن، ئۇلار كەلگۈسىدە كۇفرىنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇڭا ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن ۋە «سالام» دېگىن. ئۇلار يېقىندا بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم