شۇرا سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 53 ئايەت
مەنىسى: كېڭەش. ئاتىلىش سەۋەبى: كېڭەشنىڭ ئىسلامدىكى ئالاھىدە ئورنى بايان قىلىنغان (48-ئايەت)
  1. (42-سۈرە شۇرا، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ حم
    ھامىم

    ھام، مىم [1]

    .
  2. (42-سۈرە شۇرا، 2-ئايەت)
    عسق
    ئەين، سىين، قاف

    ئەين، سىن، قاف (بۇ قۇرئاننىڭ سىرلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ) [2].

    .
  3. (42-سۈرە شۇرا، 3-ئايەت)
    كَذَٰلِكَ يُوحِي إِلَيْكَ وَإِلَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكَ اللَّهُ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
    غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەر) لەرگە مۇشۇنداق ۋەھىي قىلىدۇ

    ھەممىگە غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە مۇشۇنداق ۋەھىي قىلىدۇ [3].

  4. (42-سۈرە شۇرا، 4-ئايەت)
    لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۖ وَهُوَ الْعَلِيُّ الْعَظِيمُ
    ئاسمانلاردىكى شەيئىلەر ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھنىڭ تەسەررۇپى ئاستىدىدۇر)، ئاللاھ ئۈستۈندۇر، كاتتىدۇر

    ئاسمانلاردىكى شەيئىلەر ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ھەممىدىن ئۈستۈندۇر ۋە كاتتىدۇر [4].

  5. (42-سۈرە شۇرا، 5-ئايەت)
    تَكَادُ السَّمَاوَاتُ يَتَفَطَّرْنَ مِنْ فَوْقِهِنَّ ۚ وَالْمَلَائِكَةُ يُسَبِّحُونَ بِحَمْدِ رَبِّهِمْ وَيَسْتَغْفِرُونَ لِمَنْ فِي الْأَرْضِ ۗ أَلَا إِنَّ اللَّهَ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ
    (ئاللاھنىڭ كاتتىلىقىدىن) ئاسمانلار يۇقىرى تەرىپىدىن يېرىلىپ كېتىشكە تاس قالىدۇ، پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمدى ئېيتىدۇ، يەر يۈزىدىكىلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر

    (ئاللاھنىڭ كاتتىلىقىدىن ئەيمىنىپ) ئاسمانلار يۇقىرى تەرىپىدىن يېرىلىپ كېتىشكە تاس قالىدۇ، پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىنى مەدھىيەلەپ تەسبىھ ئېيتىدۇ، يەر يۈزىدىكىلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر [5].

  6. (42-سۈرە شۇرا، 6-ئايەت)
    وَالَّذِينَ اتَّخَذُوا مِنْ دُونِهِ أَوْلِيَاءَ اللَّهُ حَفِيظٌ عَلَيْهِمْ وَمَا أَنْتَ عَلَيْهِمْ بِوَكِيلٍ
    ئاللاھنى قويۇپ (باشقىلارنى) ئىگە قىلىۋالغانلارنىڭ (ئەمەللىرىنى) ئاللاھ كۈزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، سەن ئۇلارغا ھامىي ئەمەسسەن

    ئاللاھتىن باشقىنى ئۆزىگە ئىگە قىلىۋالغانلارنى ئاللاھ كۈزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارغا ھەرگىز ھامىي ئەمەسسەن [6].

  7. (42-سۈرە شۇرا، 7-ئايەت)
    وَكَذَٰلِكَ أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ قُرْآنًا عَرَبِيًّا لِتُنْذِرَ أُمَّ الْقُرَىٰ وَمَنْ حَوْلَهَا وَتُنْذِرَ يَوْمَ الْجَمْعِ لَا رَيْبَ فِيهِ ۚ فَرِيقٌ فِي الْجَنَّةِ وَفَرِيقٌ فِي السَّعِيرِ
    مەككە ئاھالىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، (كىشىلەرنى) قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، ساڭا بىز مۇشۇنداق ئەرەبچە قۇرئاننى نازىل قىلدۇق. ئۇ كۈندە ھېچ شەك يوقتۇر، (ئۇ كۈندە) بىر پىرقە (كىشىلەر) جەننەتتە ۋە بىر پىرقە كىشىلەر جەھەننەمدە بولىدۇ

    مەككە ئاھالىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، كىشىلەرنى قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، ساڭا بىز مۇشۇنداق ئەرەبچە قۇرئاننى نازىل قىلدۇق. ئۇ كۈننىڭ كېلىشىدە ھېچقانداق شەك يوقتۇر، ئۇ كۈندە بىر پىرقە جەننەتتە ۋە بىر پىرقە جەھەننەمدە بولىدۇ [7].

  8. (42-سۈرە شۇرا، 8-ئايەت)
    وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَجَعَلَهُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَلَٰكِنْ يُدْخِلُ مَنْ يَشَاءُ فِي رَحْمَتِهِ ۚ وَالظَّالِمُونَ مَا لَهُمْ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
    ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئۇلارنى (يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى) ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت (يەنى بىر دىندا) قىلاتتى، لېكىن ئاللاھ خالىغان ئادەمنى رەھمىتىگە داخىل قىلىدۇ، زالىملارغا ھېچقانداق ئىگە، ھېچقانداق مەدەتكار بولمايدۇ

    ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت (يەنى بىر دىندا) قىلاتتى، لېكىن ئاللاھ خالىغان ئادەمنى رەھمىتىگە داخىل قىلىدۇ. مۇشرىكلارغا ھېچقانداق ئىگە، ھېچقانداق مەدەتكار بولمايدۇ [8].

  9. (42-سۈرە شۇرا، 9-ئايەت)
    أَمِ اتَّخَذُوا مِنْ دُونِهِ أَوْلِيَاءَ ۖ فَاللَّهُ هُوَ الْوَلِيُّ وَهُوَ يُحْيِي الْمَوْتَىٰ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
    بەلكى ئۇلار ئاللاھتىن باشقىلارنى ئىگە قىلىۋالدى، پەقەت ئاللاھ ئىگىدۇر، ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىر

    ئۇلارنىڭ ئاللاھتىن باشقىنى ئۆزىگە ئىگە قىلىۋالغىنى نېمىسى؟ پەقەت ئاللاھلا ھەقىقىي ئىگىدۇر. ئاللاھ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر [9].

  10. (42-سۈرە شۇرا، 10-ئايەت)
    وَمَا اخْتَلَفْتُمْ فِيهِ مِنْ شَيْءٍ فَحُكْمُهُ إِلَى اللَّهِ ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبِّي عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَإِلَيْهِ أُنِيبُ
    سىلەر (دىن ئۈستىدە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا) ھەر قانداق نەرسە ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، ئۇنىڭغا ئاللاھ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى) ئەنە شۇ ئاللاھ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم، (ھەممە ئىشتا) ئاللاھقا مۇراجىئەت قىلىمەن

    (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى) «سىلەر ھەر قانداق نەرسە ئۈستىدە ئىختىلاپ قىلىشساڭلار، ئۇنىڭغا ئاللاھ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، مەن ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم، (ھەممە ئىشتا) ئاللاھقا مۇراجىئەت قىلىمەن [10].

  11. (42-سۈرە شۇرا، 11-ئايەت)
    فَاطِرُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ جَعَلَ لَكُمْ مِنْ أَنْفُسِكُمْ أَزْوَاجًا وَمِنَ الْأَنْعَامِ أَزْوَاجًا ۖ يَذْرَؤُكُمْ فِيهِ ۚ لَيْسَ كَمِثْلِهِ شَيْءٌ ۖ وَهُوَ السَّمِيعُ الْبَصِيرُ
    ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھ سىلەرگە ئۆز جىنسىڭلاردىن جۈپتىلەرنى (يەنى ئاياللارنى) ياراتتى. ھايۋانلارغىمۇ ئۆز تىپىدىن جۈپتىلەرنى ياراتتى. بۇ ئارقىلىق ئاللاھ سىلەرنى كۆپەيتىدۇ، ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر

    ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھ سىلەرگە ئۆز تىپىڭلاردىن جۈپلەرنى يارىتىپ بەردى. ھايۋانلارغىمۇ ئۆز تىپىدىن جۈپلەرنى يارىتىپ بەردى. بۇ ئارقىلىق ئاللاھ سىلەرنى كۆپەيتىدۇ، ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر [11].

  12. (42-سۈرە شۇرا، 12-ئايەت)
    لَهُ مَقَالِيدُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ يَبْسُطُ الرِّزْقَ لِمَنْ يَشَاءُ وَيَقْدِرُ ۚ إِنَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
    ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (خەزىنىلىرىنىڭ) ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھ خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى (سىناش يۈزىسىدىن) كەڭ قىلىدۇ، خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى (بالاغا مۇپتىلا قىلىپ سىناش يۈزىسىدىن) تار قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

    ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (خەزىنىلىرىنىڭ) ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر [12].

  13. (42-سۈرە شۇرا، 13-ئايەت)
    شَرَعَ لَكُمْ مِنَ الدِّينِ مَا وَصَّىٰ بِهِ نُوحًا وَالَّذِي أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ وَمَا وَصَّيْنَا بِهِ إِبْرَاهِيمَ وَمُوسَىٰ وَعِيسَىٰ ۖ أَنْ أَقِيمُوا الدِّينَ وَلَا تَتَفَرَّقُوا فِيهِ ۚ كَبُرَ عَلَى الْمُشْرِكِينَ مَا تَدْعُوهُمْ إِلَيْهِ ۚ اللَّهُ يَجْتَبِي إِلَيْهِ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي إِلَيْهِ مَنْ يُنِيبُ
    ئاللاھ سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى، ساڭا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز ۋەھىي قىلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا بىز تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار، مۇشرىكلارغا سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە (يەنى تەۋھىد) ئېغىر كەلدى، ئاللاھ تەۋھىدكە خالىغان ئادەمنى تاللايدۇ، ئاللاھنىڭ (تائىتىگە) قايتىدىغان ئادەمنى تەۋھىدكە باشلايدۇ

    (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھ سىلەرگە دىندىن نۇھقا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى، ساڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنى، ئىبراھىمغا، مۇساغا ۋە ئىيساغا تەۋسىيە قىلغان نەرسىنى بايان قىلدى. يەنى سىلەر دىننى بەرپا قىلىڭلار، دىندا تەپرىقىچىلىك قىلماڭلار، دەپ تەۋسىيە قىلدى. مۇشرىكلارغا سەن ئۇلارنى دەۋەت قىلغان نەرسە ئېغىر كەلدى، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئۆزى خالىغان ئادەمنى تاللايدۇ ھەمدە ئۆزىگە يۈزلەنگەن ئادەمنى ئۇنىڭغا باشلايدۇ [13].

  14. (42-سۈرە شۇرا، 14-ئايەت)
    وَمَا تَفَرَّقُوا إِلَّا مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَهُمُ الْعِلْمُ بَغْيًا بَيْنَهُمْ ۚ وَلَوْلَا كَلِمَةٌ سَبَقَتْ مِنْ رَبِّكَ إِلَىٰ أَجَلٍ مُسَمًّى لَقُضِيَ بَيْنَهُمْ ۚ وَإِنَّ الَّذِينَ أُورِثُوا الْكِتَابَ مِنْ بَعْدِهِمْ لَفِي شَكٍّ مِنْهُ مُرِيبٍ
    (يەھۇدىي، ناسارا قاتارلىقلار) ئۇلارغا ئىلىم كەلگەندىن كېيىن (يەنى ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ھەق پەيغەمبەرلىكىنى بىلگەندىن كېيىن)، ئاندىن ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ پىرقىلەرگە بۆلۈندى. ئەگەر پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارنى جازالاشنى) قىيامەتكىچە تەخىر قىلىشتىن ئىبارەت سۆزى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلىپ بولغان بولاتتى (يەنى ئۇلار تېز ھالاك قىلىنغان بولاتتى). ئۇلاردىن كېيىن كىتابقا ۋارىسلىق قىلغانلار (يەنى رەسۇلۇللاھ بىلەن زامانداش بولغان ئەھلى كىتاب) (كىتاب ھەققىدە) قاتتىق دەرگۇماندىدۇر

    ئۇلار (يەنى يەھۇدىي، ناسارالار) ئۆزىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىنلا ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ پىرقىلەرگە بۆلۈندى. ئەگەر پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارنى جازالاشنى) مەلۇم ۋاقىتقىچە كېچىكتۈرىمەن دېگەن سۆزى ئالدىن دېيىلمىگەن بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا) ئەلۋەتتە ھۆكۈم چىقىرىلىپ بولغان بولاتتى (يەنى ئۇلار ھالاك قىلىنغان بولاتتى). ئۇلاردىن كېيىن كىتابقا ۋارىسلىق قىلغانلار (كىتاب ھەققىدە) قاتتىق گۇماندا بولدى [14].

  15. (42-سۈرە شۇرا، 15-ئايەت)
    فَلِذَٰلِكَ فَادْعُ ۖ وَاسْتَقِمْ كَمَا أُمِرْتَ ۖ وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَاءَهُمْ ۖ وَقُلْ آمَنْتُ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ مِنْ كِتَابٍ ۖ وَأُمِرْتُ لِأَعْدِلَ بَيْنَكُمُ ۖ اللَّهُ رَبُّنَا وَرَبُّكُمْ ۖ لَنَا أَعْمَالُنَا وَلَكُمْ أَعْمَالُكُمْ ۖ لَا حُجَّةَ بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمُ ۖ اللَّهُ يَجْمَعُ بَيْنَنَا ۖ وَإِلَيْهِ الْمَصِيرُ
    شۇنىڭ ئۈچۈن (يەنى دىندا ئىختىلاپ قىلىشقانلىقى ئۈچۈن) (ئى مۇھەممەد! بارلىق ئىنسانلارنى توغرا دىن ئاساسىدا ئىتتىپاق بولۇشقا) چاقىرغىن، بۇيرۇلغىنىڭ بويىچە توغرا يولدا چىڭ تۇرغىن، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن ۋە ئېيتقىن: «ئاللاھ نازىل قىلغان (بارلىق) كىتابلارغا ئىمان ئېيتتىم، ئاراڭلاردا ئادىل بولۇشقا بۇيرۇلدۇم، ئاللاھ بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزلىرىڭلار ئۈچۈندۇر، سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا جېدەللىشىشكە (ئورۇن) يوق (چۈنكى ھەقىقەت ئاشكارىدۇر)، ئاللاھ (قىيامەت كۈنى) بىزنى (ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن) يىغىدۇ، ئاخىر قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر»

    (ئى مۇھەممەد!) ئىنسانلارنى ئاشۇ يولغا چاقىرغىن، بۇيرۇلغىنىڭ بويىچە توغرا يولدا چىڭ تۇرغىن، مۇشرىكلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن ۋە ئېيتقىن: «ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا ئىمان ئېيتتىم، ئاراڭلاردا ئادىل بولۇشقا بۇيرۇلدۇم، ئاللاھ بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، سىلەر بىلەن بىزنىڭ مۇنازىرىلىشىپ يۈرۈشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئاللاھ (قىيامەت كۈنى) بىزنى يىغىدۇ، ئاخىر قايتىدىغان جايىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر» [15].

  16. (42-سۈرە شۇرا، 16-ئايەت)
    وَالَّذِينَ يُحَاجُّونَ فِي اللَّهِ مِنْ بَعْدِ مَا اسْتُجِيبَ لَهُ حُجَّتُهُمْ دَاحِضَةٌ عِنْدَ رَبِّهِمْ وَعَلَيْهِمْ غَضَبٌ وَلَهُمْ عَذَابٌ شَدِيدٌ
    كىشىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، (كىشىلەرنى ئىماندىن توسۇش ئۈچۈن) ئاللاھنىڭ دىنىدا خۇسۇمەت قىلىشقانلارنىڭ دەلىللىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا باتىلدۇر، ئۇلار (دۇنيادا) غەزەپكە ئۇچرايدۇ، (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ

    كىشىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، باشقىلارنى ئىماندىن توسۇش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنى ھەققىدە بەس-مۇنازىرە قىلىشقانلارنىڭ دەلىللىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىكاردۇر. ئۇلار (دۇنيادا) غەزەپكە ئۇچرايدۇ، (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ [16].

  17. (42-سۈرە شۇرا، 17-ئايەت)
    اللَّهُ الَّذِي أَنْزَلَ الْكِتَابَ بِالْحَقِّ وَالْمِيزَانَ ۗ وَمَا يُدْرِيكَ لَعَلَّ السَّاعَةَ قَرِيبٌ
    ئاللاھ كىتاب (يەنى قۇرئان) نى ھەق بىلەن نازىل قىلدى ۋە ئادالەتنى نازىل قىلدى. سەن نېمە بىلىسەن؟ قىيامەت يېقىن بولۇشى مۇمكىن

    ئاللاھ قۇرئاننى ۋە ئادالەتنى ھېكمەت بىلەن نازىل قىلدى. سەن بىلەمسەن؟ قىيامەت يېقىن بولۇشى مۇمكىن [17].

  18. (42-سۈرە شۇرا، 18-ئايەت)
    يَسْتَعْجِلُ بِهَا الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِهَا ۖ وَالَّذِينَ آمَنُوا مُشْفِقُونَ مِنْهَا وَيَعْلَمُونَ أَنَّهَا الْحَقُّ ۗ أَلَا إِنَّ الَّذِينَ يُمَارُونَ فِي السَّاعَةِ لَفِي ضَلَالٍ بَعِيدٍ
    قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ئۇنىڭ بولۇشىنى ئالدىرىتىدۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلار بولسا قىيامەتتىن قورقىدۇ، قىيامەتنى ھەق دەپ بىلىدۇ، بىلىڭلاركى، قىيامەت توغرۇلۇق مۇجادىلە قىلىدىغانلار ئەلۋەتتە چوڭقۇر گۇمراھلىقتىدۇر

    قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ئۇنىڭ تېز بولۇشىغا ئالدىرايدۇ، قىيامەتكە ئىشىنىدىغانلار بولسا ئۇنىڭدىن قورقىدۇ، قىيامەتنى ھەق دەپ بىلىدۇ. بىلىڭلاركى، قىيامەت توغرۇلۇق جىدەللىشىدىغانلار ئەلۋەتتە چوڭقۇر گۇمراھلىقتىدۇر [18].

  19. (42-سۈرە شۇرا، 19-ئايەت)
    اللَّهُ لَطِيفٌ بِعِبَادِهِ يَرْزُقُ مَنْ يَشَاءُ ۖ وَهُوَ الْقَوِيُّ الْعَزِيزُ
    ئاللاھ بەندىلىرىگە كۆيۈنگۈچىدۇر، ئۇ خالىغان ئادەمگە (كەڭ) رىزىق بېرىدۇ، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر

    ئاللاھ بەندىلىرىگە كۆيۈنگۈچىدۇر، ئۇ خالىغان ئادەمگە كەڭ رىزىق بېرىدۇ، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر [19].

  20. (42-سۈرە شۇرا، 20-ئايەت)
    مَنْ كَانَ يُرِيدُ حَرْثَ الْآخِرَةِ نَزِدْ لَهُ فِي حَرْثِهِ ۖ وَمَنْ كَانَ يُرِيدُ حَرْثَ الدُّنْيَا نُؤْتِهِ مِنْهَا وَمَا لَهُ فِي الْآخِرَةِ مِنْ نَصِيبٍ
    كىمكى (ئۆزىنىڭ ئەمەلى بىلەن) ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭ ساۋابىنى زىيادە بېرىمىز، كىمكى (ئەمەلى بىلەن) دۇنيانىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلىسە، (ئۇنىڭ تىلىگەن) مەنپەئىتىنىڭ بەزىسىنى بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ساۋابتىن) ھېچ نېسىۋە يوق

    كىمكى (ئۆزىنىڭ ياخشى ئىشى بىلەن) ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭ ساۋابىنى ئاشۇرۇپ بېرىمىز، كىمكى (ياخشى ئىشى بىلەن) دۇنيا مەنپەئەتىنىلا كۆزلىسە، ئۇنىڭغا ئۇ كۆزلىگەن مەنپەئىتىنىڭ بەزىسىنى بېرىمىز، ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە (ساۋابتىن) ھېچ نېسىۋە بېرىلمەيدۇ [20].

  21. (42-سۈرە شۇرا، 21-ئايەت)
    أَمْ لَهُمْ شُرَكَاءُ شَرَعُوا لَهُمْ مِنَ الدِّينِ مَا لَمْ يَأْذَنْ بِهِ اللَّهُ ۚ وَلَوْلَا كَلِمَةُ الْفَصْلِ لَقُضِيَ بَيْنَهُمْ ۗ وَإِنَّ الظَّالِمِينَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
    ئۇلارنىڭ ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەرنى دىن قىلىپ بېكەتكەن مەبۇدلىرى بارمۇ؟ (ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازابنى قىيامەتكىچە تەخىر قىلىش توغرىسىدىكى) ھۆكمى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە (دۇنيادىلا) ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى، (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلار (يەنى كاپىرلار) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ

    ئۇلارنىڭ ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان نەرسىنى دىن قىلىپ بېكىتكەن مەبۇدلىرى بارمۇ؟ ئاللاھنىڭ (ئازابنى كېچىكتۈرۈش توغرىسىدىكى) ھۆكمى بولمىسا ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلۋەتتە (دۇنيادىلا) ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى. كافىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ [21].

  22. (42-سۈرە شۇرا، 22-ئايەت)
    تَرَى الظَّالِمِينَ مُشْفِقِينَ مِمَّا كَسَبُوا وَهُوَ وَاقِعٌ بِهِمْ ۗ وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فِي رَوْضَاتِ الْجَنَّاتِ ۖ لَهُمْ مَا يَشَاءُونَ عِنْدَ رَبِّهِمْ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْفَضْلُ الْكَبِيرُ
    كاپىرلارنىڭ (قىيامەت كۈنى دۇنيادا) قىلغان گۇناھلىرىنىڭ جازاسىدىن قورقۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن، (ئۇلار مەيلى قورقسۇن، قورقمىسۇن) جازا ئۇلارغا (چوقۇم) نازىل بولغۇسىدۇر، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار جەننەتلەرنىڭ باغچىلىرىدا بولىدۇ، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا خالىغان نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، بۇ كاتتا ئىنئامدۇر

    (ئى مۇھەممەد!) كافىرلارنىڭ بېشىغا ئۆز گۇناھلىرىنىڭ ئازابى چۈشۈۋاتقاندا، سەن ئۇلارنىڭ قورقۇپ تىترەۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بولسا جەننەتلەرنىڭ باغچىلىرىدا بولىدۇ، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا خالىغان نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ. بۇ كاتتا ئىنئامدۇر [22].

  23. (42-سۈرە شۇرا، 23-ئايەت)
    ذَٰلِكَ الَّذِي يُبَشِّرُ اللَّهُ عِبَادَهُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ ۗ قُلْ لَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ أَجْرًا إِلَّا الْمَوَدَّةَ فِي الْقُرْبَىٰ ۗ وَمَنْ يَقْتَرِفْ حَسَنَةً نَزِدْ لَهُ فِيهَا حُسْنًا ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ شَكُورٌ
    ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بەندىلىرىگە ئەنە شۇ ئىنئام بىلەن خۇشخەۋەر بېرىدۇ. «(دىننى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن، پەقەت تۇغقانچىلىق ھەققى ئۈچۈن مېنى دوست تۇتۇشۇڭلارنى (يەنى پەرۋەردىگارىمنىڭ دەۋىتىنى يەتكۈزۈشۈمگە چېقىلماسلىقىڭلارنى) تىلەيمەن» دېگىن، كىمكى بىرەر ياخشى ئىش قىلسا، ئۇنىڭغا بىز ساۋابنى زىيادە بېرىمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بەندىلىرىگە ئاللاھ ئەنە شۇ ئىنئام بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ. (ئى مۇھەممەد!) «مەن تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايمەن، پەقەت تۇغقانچىلىق ھەققى ئۈچۈن مېنى دوست تۇتۇشۇڭلارنى (ماڭا چېقىلماسلىقىڭلارنى) تىلەيمەن» دېگىن، كىمكى بىرەر ياخشى ئىش قىلسا، ئۇنىڭغا بىز ساۋابنى ئاشۇرۇپ بېرىمىز. ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر [23].

  24. (42-سۈرە شۇرا، 24-ئايەت)
    أَمْ يَقُولُونَ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا ۖ فَإِنْ يَشَإِ اللَّهُ يَخْتِمْ عَلَىٰ قَلْبِكَ ۗ وَيَمْحُ اللَّهُ الْبَاطِلَ وَيُحِقُّ الْحَقَّ بِكَلِمَاتِهِ ۚ إِنَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
    ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار): «ئۇ (يەنى مۇھەممەد) ئاللاھقا يالغاننى توقۇدى» دەمدۇ؟ ئەگەر ئاللاھ خالىسا (يەنى ئۇلار گۇمان قىلغاندەك، ئاللاھقا يالغاننى توقۇغان بولساڭ) سېنىڭ قەلبىڭنى پېچەتلىۋەتكەن بولاتتى، ئاللاھ باتىلنى يوق قىلىدۇ، (پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان) سۆزلىرى ئارقىلىق ھەقنى ھەق قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

    مۇشرىكلار: «مۇھەممەد ئاللاھنىڭ نامىدا يالغاننى توقۇدى» دەمدۇ؟ ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سېنىڭ قەلبىڭنى پېچەتلىۋەتكەن بولاتتى، ئاللاھ باتىلنى يوق قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ سۆزلىرى ئارقىلىق ھەقنى دەلىللەيدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر [24].

  25. (42-سۈرە شۇرا، 25-ئايەت)
    وَهُوَ الَّذِي يَقْبَلُ التَّوْبَةَ عَنْ عِبَادِهِ وَيَعْفُو عَنِ السَّيِّئَاتِ وَيَعْلَمُ مَا تَفْعَلُونَ
    ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبىنى قوبۇل قىلىدۇ، يامان ئىشلارنى ئەپۇ قىلىدۇ، قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ

    ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، يامان ئىشلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ، سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ [25].

  26. (42-سۈرە شۇرا، 26-ئايەت)
    وَيَسْتَجِيبُ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَيَزِيدُهُمْ مِنْ فَضْلِهِ ۚ وَالْكَافِرُونَ لَهُمْ عَذَابٌ شَدِيدٌ
    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ دۇئاسىنى ئاللاھ ئىجابەت قىلىدۇ، (كامالى) پەزلىدىن ئۇلارغا ساۋابنى زىيادە بېرىدۇ، كاپىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ دۇئاسىنى ئاللاھ ئىجابەت قىلىدۇ، ئۆز مەرھەمىتىدىن ئۇلارغا ساۋابنى ئاشۇرۇپ بېرىدۇ. كافىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ [26].

  27. (42-سۈرە شۇرا، 27-ئايەت)
    وَلَوْ بَسَطَ اللَّهُ الرِّزْقَ لِعِبَادِهِ لَبَغَوْا فِي الْأَرْضِ وَلَٰكِنْ يُنَزِّلُ بِقَدَرٍ مَا يَشَاءُ ۚ إِنَّهُ بِعِبَادِهِ خَبِيرٌ بَصِيرٌ
    ئەگەر ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلسا، ئۇلار ئەلۋەتتە زېمىندا پىتنە ـ پاسات تېرىيتتى. لېكىن ئاللاھ خالىغان نەرسىنى ئۆلچەم بىلەن چۈشۈرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ (ئەھۋالىدىن) تولۇق خەۋەرداردۇر، (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر

    ئەگەر ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلسا، ئۇلار ئەلۋەتتە زېمىندا ھەددىدىن ئاشاتتى. لېكىن، ئاللاھ خالىغان نەرسىنى ئۆلچەم بىلەن چۈشۈرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر، ئۇنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر [27].

  28. (42-سۈرە شۇرا، 28-ئايەت)
    وَهُوَ الَّذِي يُنَزِّلُ الْغَيْثَ مِنْ بَعْدِ مَا قَنَطُوا وَيَنْشُرُ رَحْمَتَهُ ۚ وَهُوَ الْوَلِيُّ الْحَمِيدُ
    ئۇلار (يامغۇرنىڭ يېغىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن) ئاللاھ يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ، رەھمىتىنى يايىدۇ، ئاللاھ (ھەممىنىڭ) ئىگىسىدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر

    ئۇلار (يامغۇردىن) ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن، ئاللاھ يامغۇر ياغدۇرۇپ رەھمىتىنى چاچىدۇ. ئاللاھ ھەممىنىڭ ئىگىسىدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر [28].

  29. (42-سۈرە شۇرا، 29-ئايەت)
    وَمِنْ آيَاتِهِ خَلْقُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَثَّ فِيهِمَا مِنْ دَابَّةٍ ۚ وَهُوَ عَلَىٰ جَمْعِهِمْ إِذَا يَشَاءُ قَدِيرٌ
    ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ يارىتىلىشى ۋە ئۇ ئىككىسىدە جاندارلارنىڭ يېيىلىشى ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىدىندۇر، ئاللاھ ئەگەر خالىسا، ئۇلارنى جەمئى قىلىشقا قادىردۇر

    ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ يارىتىلىشى ۋە ئۇ ئىككىسىدە جاندارلارنىڭ تارقىلىپ يۈرۈشى ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىدىندۇر، ئاللاھ ئۆزى خالىغان ۋاقىتتا ئۇلارنى توپلاشقىمۇ قادىردۇر [29].

  30. (42-سۈرە شۇرا، 30-ئايەت)
    وَمَا أَصَابَكُمْ مِنْ مُصِيبَةٍ فَبِمَا كَسَبَتْ أَيْدِيكُمْ وَيَعْفُو عَنْ كَثِيرٍ
    سىلەرگە (يەنى جېنىڭلار ياكى مېلىڭلارغا) ھەرقانداق بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ، ئاللاھ نۇرغۇن گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ (ئەپۇ قىلمايدىغان بولسا، بالا ۋە مۇسىبەتتىن ھېچ قۇتۇلماس ئىدىڭلار)

    سىلەرگە ھەرقانداق بىر كېلىشمەسلىك كەلسە، ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن بولىدۇ، ئاللاھ نۇرغۇن گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ [30].

  31. (42-سۈرە شۇرا، 31-ئايەت)
    وَمَا أَنْتُمْ بِمُعْجِزِينَ فِي الْأَرْضِ ۖ وَمَا لَكُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
    (ئى مۇشرىكلار!) سىلەر زېمىندا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىگە ۋە مەدەتكار يوق

    (ئى مۇشرىكلار!) سىلەر زېمىندا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىگە ۋە مەدەتكار يوق [31].

  32. (42-سۈرە شۇرا، 32-ئايەت)
    وَمِنْ آيَاتِهِ الْجَوَارِ فِي الْبَحْرِ كَالْأَعْلَامِ
    دېڭىزدا قاتنىغۇچى تاغدەك كېمىلەر ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىدىندۇر

    تاغدەك كېمىلەرنىڭ دېڭىزدا مېڭىپ تۇرۇشى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىدىندۇر [32].

  33. (42-سۈرە شۇرا، 33-ئايەت)
    إِنْ يَشَأْ يُسْكِنِ الرِّيحَ فَيَظْلَلْنَ رَوَاكِدَ عَلَىٰ ظَهْرِهِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِكُلِّ صَبَّارٍ شَكُورٍ
    ئەگەر ئاللاھ خالىسا، شامالنى توختىتىۋېتىدۇ ـ دە، كېمىلەر دېڭىزنىڭ ئۈستىدە توختاپ قالىدۇ، بۇنىڭدا (قاتتىقلىقتا) سەۋر قىلغۇچى، (كەڭچىلىكتە) شۈكۈر قىلغۇچى ھەر مۆمىن ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار

    ئەگەر ئاللاھ خالىسا، شامالنى توختىتىۋېتىدۇ ـ دە، كېمىلەر دېڭىزنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ قالىدۇ. بۇنىڭدا سەۋر قىلغۇچى، شۈكۈر قىلغۇچى ھەربىر مۆمىن ئۈچۈن نۇرغۇن ھېكمەت بار [33].

  34. (42-سۈرە شۇرا، 34-ئايەت)
    أَوْ يُوبِقْهُنَّ بِمَا كَسَبُوا وَيَعْفُ عَنْ كَثِيرٍ
    ياكى ئاللاھ خالىسا، ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن كېمىلەرنى (بوران بىلەن) ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھ نۇرغۇن كىشلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ

    ياكى ئاللاھ خالىسا، ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، بوران ئەۋەتىپ كېمىلەرنى ھالاك قىلىدۇ. ئاللاھ كۆپ كىشىنىڭ گۇناھىنى ئەپۇ قىلىدۇ [34].

  35. (42-سۈرە شۇرا، 35-ئايەت)
    وَيَعْلَمَ الَّذِينَ يُجَادِلُونَ فِي آيَاتِنَا مَا لَهُمْ مِنْ مَحِيصٍ
    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ھەققىدە دەتالاش قىلىدىغانلار ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلىدىغان جاي يوق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ

    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۈستىدە دەتالاش قىلىدىغان كافىرلار ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلىدىغان جاينىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ [35].

  36. (42-سۈرە شۇرا، 36-ئايەت)
    فَمَا أُوتِيتُمْ مِنْ شَيْءٍ فَمَتَاعُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَمَا عِنْدَ اللَّهِ خَيْرٌ وَأَبْقَىٰ لِلَّذِينَ آمَنُوا وَعَلَىٰ رَبِّهِمْ يَتَوَكَّلُونَ
    (دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) سىلەرگە بېرىلگەن ھەر قانداق نەرسە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر، ئىمان ئېيتقان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرگە، گۇناھى كەبىرلەردىن، قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلارغا، دەرغەزەپ بولغانلىرىدا كەچۈرەلەيدىغانلارغا، پەرۋەردىگارىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشالايدىغانلارغا، نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئۆتەيدىغانلارغا، ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىدىغانلارغا، ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر

    سىلەرگە بېرىلگەن ھەر قانداق نەرسە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر. ئىمان ئېيتقان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرگە، گۇناھىكەبىرلەردىن، قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلارغا، ئاچچىقى كەلگەندە كەچۈرەلەيدىغانلارغا، پەرۋەردىگارىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشىدىغانلارغا، نامازنى مۇكەممەل ئۆتەيدىغانلارغا، ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىدىغانلارغا، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى مۇكاپات تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ مەڭگۈلۈكتۇر [36ـ39].

  37. (42-سۈرە شۇرا، 37-ئايەت)
    وَالَّذِينَ يَجْتَنِبُونَ كَبَائِرَ الْإِثْمِ وَالْفَوَاحِشَ وَإِذَا مَا غَضِبُوا هُمْ يَغْفِرُونَ
    (دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) سىلەرگە بېرىلگەن ھەر قانداق نەرسە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر، ئىمان ئېيتقان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرگە، گۇناھى كەبىرلەردىن، قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلارغا، دەرغەزەپ بولغانلىرىدا كەچۈرەلەيدىغانلارغا، پەرۋەردىگارىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشالايدىغانلارغا، نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئۆتەيدىغانلارغا، ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىدىغانلارغا، ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر

    سىلەرگە بېرىلگەن ھەر قانداق نەرسە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر. ئىمان ئېيتقان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرگە، گۇناھىكەبىرلەردىن، قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلارغا، ئاچچىقى كەلگەندە كەچۈرەلەيدىغانلارغا، پەرۋەردىگارىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشىدىغانلارغا، نامازنى مۇكەممەل ئۆتەيدىغانلارغا، ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىدىغانلارغا، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى مۇكاپات تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ مەڭگۈلۈكتۇر [36ـ39].

  38. (42-سۈرە شۇرا، 38-ئايەت)
    وَالَّذِينَ اسْتَجَابُوا لِرَبِّهِمْ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَأَمْرُهُمْ شُورَىٰ بَيْنَهُمْ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ
    (دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) سىلەرگە بېرىلگەن ھەر قانداق نەرسە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر، ئىمان ئېيتقان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرگە، گۇناھى كەبىرلەردىن، قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلارغا، دەرغەزەپ بولغانلىرىدا كەچۈرەلەيدىغانلارغا، پەرۋەردىگارىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشالايدىغانلارغا، نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئۆتەيدىغانلارغا، ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىدىغانلارغا، ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر

    سىلەرگە بېرىلگەن ھەر قانداق نەرسە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر. ئىمان ئېيتقان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرگە، گۇناھىكەبىرلەردىن، قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلارغا، ئاچچىقى كەلگەندە كەچۈرەلەيدىغانلارغا، پەرۋەردىگارىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشىدىغانلارغا، نامازنى مۇكەممەل ئۆتەيدىغانلارغا، ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىدىغانلارغا، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى مۇكاپات تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ مەڭگۈلۈكتۇر [36ـ39].

  39. (42-سۈرە شۇرا، 39-ئايەت)
    وَالَّذِينَ إِذَا أَصَابَهُمُ الْبَغْيُ هُمْ يَنْتَصِرُونَ
    (دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) سىلەرگە بېرىلگەن ھەر قانداق نەرسە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر، ئىمان ئېيتقان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرگە، گۇناھى كەبىرلەردىن، قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلارغا، دەرغەزەپ بولغانلىرىدا كەچۈرەلەيدىغانلارغا، پەرۋەردىگارىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشالايدىغانلارغا، نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئۆتەيدىغانلارغا، ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىدىغانلارغا، ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر

    سىلەرگە بېرىلگەن ھەر قانداق نەرسە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر. ئىمان ئېيتقان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرگە، گۇناھىكەبىرلەردىن، قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلارغا، ئاچچىقى كەلگەندە كەچۈرەلەيدىغانلارغا، پەرۋەردىگارىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشىدىغانلارغا، نامازنى مۇكەممەل ئۆتەيدىغانلارغا، ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىدىغانلارغا، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى مۇكاپات تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ مەڭگۈلۈكتۇر [36ـ39].

  40. (42-سۈرە شۇرا، 40-ئايەت)
    وَجَزَاءُ سَيِّئَةٍ سَيِّئَةٌ مِثْلُهَا ۖ فَمَنْ عَفَا وَأَصْلَحَ فَأَجْرُهُ عَلَى اللَّهِ ۚ إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الظَّالِمِينَ
    بىر يامانلىقنىڭ جازاسى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر يامانلىقتۇر (يەنى ساڭا بىر كىشى قانچىلىك چېقىلسا، شۇنچىلىك چېقىلماي ئاشۇرۇۋەتسەڭ بولمايدۇ)، كىمكى (ئىنتىقام ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئەپۇ قىلسا ۋە (ئۆزى بىلەن يامانلىق قىلغۇچىنىڭ ئارىسىنى) تۈزىسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ

    بىر يامانلىققا شۇنىڭغا ئوخشاش بىر جازا بېرىلىدۇ، كىمكى (ئىنتىقام ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق) ئەپۇ قىلسا ۋە (ئۆزى بىلەن يامانلىق قىلغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتىنى) ياخشىلىسا، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ [40].

  41. (42-سۈرە شۇرا، 41-ئايەت)
    وَلَمَنِ انْتَصَرَ بَعْدَ ظُلْمِهِ فَأُولَٰئِكَ مَا عَلَيْهِمْ مِنْ سَبِيلٍ
    زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى ئادەم ئىنتىقامنى ئالسا ئۇنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ

    زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى ئادەم ئىنتىقام ئالسا، ئۇنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ [41].

  42. (42-سۈرە شۇرا، 42-ئايەت)
    إِنَّمَا السَّبِيلُ عَلَى الَّذِينَ يَظْلِمُونَ النَّاسَ وَيَبْغُونَ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ ۚ أُولَٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
    ئەيىبلىنىدىغانلار پەقەت كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىدىغان، زېمىندا ناھەق رەۋىشتە پىتنە ـ پاسات تېرىيدىغان ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ

    ئەيىبلىنىدىغانلار پەقەت كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىدىغان، زېمىندا ناھەق زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىدىغان ئادەملەردۇر. ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ [42].

  43. (42-سۈرە شۇرا، 43-ئايەت)
    وَلَمَنْ صَبَرَ وَغَفَرَ إِنَّ ذَٰلِكَ لَمِنْ عَزْمِ الْأُمُورِ
    كىمكى (ئەزىيەتكە) سەۋر قىلسا، (ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) ئىنتىقام ئالمىسا، بۇ ئەلۋەتتە مەرغۇپ ئىشلاردىندۇر

    كىمكى سەۋرچان، ئەپۇچان بولسا، بۇ ئەلۋەتتە ئىرادە باغلاپ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىندۇر [43].

  44. (42-سۈرە شۇرا، 44-ئايەت)
    وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ وَلِيٍّ مِنْ بَعْدِهِ ۗ وَتَرَى الظَّالِمِينَ لَمَّا رَأَوُا الْعَذَابَ يَقُولُونَ هَلْ إِلَىٰ مَرَدٍّ مِنْ سَبِيلٍ
    ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە شۇنىڭدىن كېيىن ھېچ ئىگە يوقتۇر، زالىملار ئازابنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ «(دۇنياغا) قايتىشقا يول بارمىدۇ؟» دېگەنلىكىنى كۆرىسەن

    ئاللاھ كىمنى گۇمراھلىقىدا قويسا، ئۇ ئادەمگە شۇنىڭدىن كېيىن ھېچ ئىگە يوقتۇر. زالىملار ئازابنى كۆرگەن چاغدا، «(دۇنياغا) قايتىشقا يول بارمىدۇ؟» دەۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن [44].

  45. (42-سۈرە شۇرا، 45-ئايەت)
    وَتَرَاهُمْ يُعْرَضُونَ عَلَيْهَا خَاشِعِينَ مِنَ الذُّلِّ يَنْظُرُونَ مِنْ طَرْفٍ خَفِيٍّ ۗ وَقَالَ الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّ الْخَاسِرِينَ الَّذِينَ خَسِرُوا أَنْفُسَهُمْ وَأَهْلِيهِمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ أَلَا إِنَّ الظَّالِمِينَ فِي عَذَابٍ مُقِيمٍ
    ئۇلارنىڭ قورققان، خارلانغان ھالدا، (دوزاخقا) كۆزىنىڭ قۇيرۇقى بىلەن قارىغان ھالدا دوزاخقا توغرىلىنىدىغانلىقىنى كۆرىسەن، مۆمىنلەر: «شۈبھىسىزكى، زىيان تارتقۇچىلار قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىگە ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە زىيان سالغۇچىلاردۇر» دەيدۇ، بىلىڭلاركى، زالىملار ھەقىقەتەن دائىملىق ئازابتىدۇر

    ئۇلارنىڭ قورققان، خارلانغان ھالدا، (دوزاخقا) كۆزىنىڭ قۇيرۇقى بىلەن قارىغان ھالدا دوزاخقا توغرىلىنىدىغانلىقىنى كۆرىسەن، بۇ چاغدا مۆمىنلەر: «شۈبھىسىزكى، زىيان تارتقۇچىلار قىيامەت كۈنى ئۆزىگە ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە زىيان سالغۇچىلاردۇر» دەيدۇ، بىلىڭلاركى، (ئىماي ئېيتماي) ئۆزىگە زۇلۇم سالغۇچىلار ھەقىقەتەن دائىملىق ئازابتىدۇر [45].

  46. (42-سۈرە شۇرا، 46-ئايەت)
    وَمَا كَانَ لَهُمْ مِنْ أَوْلِيَاءَ يَنْصُرُونَهُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ ۗ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ سَبِيلٍ
    ئۇلارغا ئاللاھتىن باشقا ياردەم بېرىدىغان دوستلار بولمايدۇ، ئاللاھ كىمنى گۇمراھ قىلسا، ئۇنىڭغا (ئۇنى دۇنيادا ھەقكە، ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشتۈرگۈچى) ھېچ يول بولمايدۇ

    ئۇلارغا ئاللاھتىن باشقا ياردەم بېرىدىغان دوستلار بولمايدۇ. ئاللاھ كىمنى گۇمراھلىقىدا قويسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن نىجادلىق يولى بولمايدۇ [46].

  47. (42-سۈرە شۇرا، 47-ئايەت)
    اسْتَجِيبُوا لِرَبِّكُمْ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَ يَوْمٌ لَا مَرَدَّ لَهُ مِنَ اللَّهِ ۚ مَا لَكُمْ مِنْ مَلْجَإٍ يَوْمَئِذٍ وَمَا لَكُمْ مِنْ نَكِيرٍ
    ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان بىر كۈن كېلىشتىن بۇرۇن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار، بۇ كۈندە سىلەرگە قاچىدىغان جاي تېپىلماي قالىدۇ. (قىلمىشىڭلار نامە ـ ئەمالىڭلارغا يېزىقلىق بولغانلىقى، ئەزايىڭلار ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولغانلىقى ئۈچۈن) سىلەر (ئۇنى) ئىنكار قىلالمايسىلەر

    ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان قىيامەت كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىڭلار، بۇ كۈندە سىلەرگە قاچىدىغان جاي تېپىلمايدۇ، سىلەر (قىلمىشىڭلارنى) ئىنكار قىلالمايسىلەر [47].

  48. (42-سۈرە شۇرا، 48-ئايەت)
    فَإِنْ أَعْرَضُوا فَمَا أَرْسَلْنَاكَ عَلَيْهِمْ حَفِيظًا ۖ إِنْ عَلَيْكَ إِلَّا الْبَلَاغُ ۗ وَإِنَّا إِذَا أَذَقْنَا الْإِنْسَانَ مِنَّا رَحْمَةً فَرِحَ بِهَا ۖ وَإِنْ تُصِبْهُمْ سَيِّئَةٌ بِمَا قَدَّمَتْ أَيْدِيهِمْ فَإِنَّ الْإِنْسَانَ كَفُورٌ
    ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە، بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلىپ ئەۋەتكىنىمىز يوق، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر، ئەگەر ئىنسانغا بىزنىڭ رەھمىتىمىزنى تېتىتساق خۇش بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن (بېشىغا) بىرەر ھادىسە كەلسە، ئىنسان تولىمۇ كۇفرانە نېمەت قىلغۇچىدۇر

    (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتسا، بىلگىنكى، بىز سېنى ئۇلارغا نازارەتچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. ئەگەر ئىنسانغا بىزنىڭ رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ خۇش بولۇپ كېتىدۇ، قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا بىرەر ھادىسە كەلسە، (بۇنداق چاغدا) ئىنسان تولىمۇ تۇزكورلۇق قىلىدۇ [48].

  49. (42-سۈرە شۇرا، 49-ئايەت)
    لِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ يَخْلُقُ مَا يَشَاءُ ۚ يَهَبُ لِمَنْ يَشَاءُ إِنَاثًا وَيَهَبُ لِمَنْ يَشَاءُ الذُّكُورَ
    ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ نېمىنى خالىسا شۇنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمگە قىز پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ

    ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ نېمىنى خالىسا شۇنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمگە قىز پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىدۇ [49]

  50. (42-سۈرە شۇرا، 50-ئايەت)
    أَوْ يُزَوِّجُهُمْ ذُكْرَانًا وَإِنَاثًا ۖ وَيَجْعَلُ مَنْ يَشَاءُ عَقِيمًا ۚ إِنَّهُ عَلِيمٌ قَدِيرٌ
    ياكى ئۇلارغا ئوغۇل، قىزنى ئارىلاش بېرىدۇ، خالىغان ئادەمنى تۇغماس قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر

    ياكى ئۇلارغا ئوغۇل، قىزنى ئارىلاش بېرىدۇ، خالىغان ئادەمنى پەرزەنت كۆرمەيدىغان قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر [50].

  51. (42-سۈرە شۇرا، 51-ئايەت)
    وَمَا كَانَ لِبَشَرٍ أَنْ يُكَلِّمَهُ اللَّهُ إِلَّا وَحْيًا أَوْ مِنْ وَرَاءِ حِجَابٍ أَوْ يُرْسِلَ رَسُولًا فَيُوحِيَ بِإِذْنِهِ مَا يَشَاءُ ۚ إِنَّهُ عَلِيٌّ حَكِيمٌ
    ئاللاھ ھەر قانداق ئادەمگە پەقەت ۋەھىي ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىنلا ياكى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىزنى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغان ۋەھىينى قىلىش ئارقىلىقلا سۆز قىلغان. ئاللاھ ھەقىقەتەن (مەخلۇقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن) ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

    ئاللاھنىڭ بىرەر ئىنسانغا بىۋاسىتە گەپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، پەقەت ئىلھام ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىن، ياكى بىرەر پەرىشتىنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىرادىسى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغان ۋەھيىنى يەتكۈزۈش ئارقىلىقلا گەپ قىلىشى مۇمكىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىدىن ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [51].

  52. (42-سۈرە شۇرا، 52-ئايەت)
    وَكَذَٰلِكَ أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ رُوحًا مِنْ أَمْرِنَا ۚ مَا كُنْتَ تَدْرِي مَا الْكِتَابُ وَلَا الْإِيمَانُ وَلَٰكِنْ جَعَلْنَاهُ نُورًا نَهْدِي بِهِ مَنْ نَشَاءُ مِنْ عِبَادِنَا ۚ وَإِنَّكَ لَتَهْدِي إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
    شۇنىڭدەك (يەنى باشقا پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي قىلغاندەك) ئەمرىمىز بويىچە ساڭا قۇرئاننى ۋەھىي قىلدۇق، سەن (ۋەھىيدىن ئىلگىرى) قۇرئاننىڭ ۋە ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇقمايتتىڭ، لېكىن بىز قۇرئاننى بىر نۇر قىلدۇقكى، ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىمىزدىن خالىغان كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىمىز. شەك ـ شۈبھىسىزكى سەن توغرا يولغا باشلايسەن

    شۇنداق قىلىپ (ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭىمۇ ئەمرىمىز بىلەن قۇرئاننى ۋەھيى قىلدۇق، سەن ئىلگىرى قۇرئاننىڭ ۋە ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇقمايتتىڭ، لېكىن بىز قۇرئاننى بەندىلىرىمىزدىن خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدىغان بىر نۇر قىلدۇق. شەك ـ شۈبھىسىزكى، سەن ئەلۋەتتە توغرا يولغا — ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئىلكىدە بولغان ئاللاھنىڭ يولىغا باشلايسەن. بىلىڭلاركى، ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتىدۇ [5352-].

  53. (42-سۈرە شۇرا، 53-ئايەت)
    صِرَاطِ اللَّهِ الَّذِي لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۗ أَلَا إِلَى اللَّهِ تَصِيرُ الْأُمُورُ
    (ئۇ) ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە خاس بولغان ئاللاھنىڭ يولىدۇر. بىلىڭلاركى، ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتىدۇ

    شۇنداق قىلىپ (ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭىمۇ ئەمرىمىز بىلەن قۇرئاننى ۋەھيى قىلدۇق، سەن ئىلگىرى قۇرئاننىڭ ۋە ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇقمايتتىڭ، لېكىن بىز قۇرئاننى بەندىلىرىمىزدىن خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدىغان بىر نۇر قىلدۇق. شەك ـ شۈبھىسىزكى، سەن ئەلۋەتتە توغرا يولغا — ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئىلكىدە بولغان ئاللاھنىڭ يولىغا باشلايسەن. بىلىڭلاركى، ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتىدۇ [5352-].