بەييىنە سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 8 ئايەت
مەنىسى: بۇرھان، ھۆججەت. ئاتىلىش سەۋەبى: ئەھلى كىتابتىن كاپىر بولغانلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ «قۇرئان كەرىم» كەلگەنگە قەدەر كۇفرىدىن يانمىغانلىقى بايان قىلىنغان
  1. (98-سۈرە بەييىنە، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ لَمْ يَكُنِ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ وَالْمُشْرِكِينَ مُنْفَكِّينَ حَتَّىٰ تَأْتِيَهُمُ الْبَيِّنَةُ
    ئەھلى كىتابتىن (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردىن) كاپىر بولغانلار ۋە مۇشرىكلار ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەنگە قەدەر كۇفرىدىن ئايرىلغۇچى بولمىدى

    ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كافىرلار ئۆزىگە پاك سەھىپىلەرنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن پەيغەمبەردىن ئىبارەت روشەن دەلىل كەلگەنگە قەدەر (كۇفرىدىن) ئايرىلمىدى [1-2].

  2. (98-سۈرە بەييىنە، 2-ئايەت)
    رَسُولٌ مِنَ اللَّهِ يَتْلُو صُحُفًا مُطَهَّرَةً
    (ئۇ روشەن دەلىل) پاك سەھىپىلەرنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن پەيغەمبەردۇر

    ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كافىرلار ئۆزىگە پاك سەھىپىلەرنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن پەيغەمبەردىن ئىبارەت روشەن دەلىل كەلگەنگە قەدەر (كۇفرىدىن) ئايرىلمىدى [1-2].

  3. (98-سۈرە بەييىنە، 3-ئايەت)
    فِيهَا كُتُبٌ قَيِّمَةٌ
    ئۇ سەھىپىلەر توغرا ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان

    ئۇ سەھىپىلەر توغرا ئەھكاملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان [3].

  4. (98-سۈرە بەييىنە، 4-ئايەت)
    وَمَا تَفَرَّقَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ إِلَّا مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَتْهُمُ الْبَيِّنَةُ
    كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئۆزلىرىگە روشەن دەلىل كەلگەندىن كېيىنلا ئىختىلاپ قىلىشتى

    كىتاب بېرىلگەنلەر پەقەت ئۆزىگە روشەن دەلىل كەلگەندىن كېيىنلا ئاندىن ئىختىلاپ قىلىشتى [4].

  5. (98-سۈرە بەييىنە، 5-ئايەت)
    وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ حُنَفَاءَ وَيُقِيمُوا الصَّلَاةَ وَيُؤْتُوا الزَّكَاةَ ۚ وَذَٰلِكَ دِينُ الْقَيِّمَةِ
    ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى. نامازنى ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە (بۇيرۇلدى)، ئەنە شۇلار (يەنى ئىبادەت، ئىخلاس ناماز، زاكاتلار) توغرا دىندۇر

    ئۇلار پەقەت دىننى ئاللاھقا خاس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلىشقا، زاكاتنى بېرىشكە بۇيرۇلغان ئىدى. ئەنە شۇ توغرا دىندۇر [5].

  6. (98-سۈرە بەييىنە، 6-ئايەت)
    إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ وَالْمُشْرِكِينَ فِي نَارِ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ أُولَٰئِكَ هُمْ شَرُّ الْبَرِيَّةِ
    ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن كاپىر بولغانلار ھەقىقەتەن دوزاخقا كىرىدۇ. دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئەنە شۇلار مەخلۇقاتلارنىڭ يامىنىدۇر

    ئەھلى كىتابتىن ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كافىرلار ھەقىقەتەن دوزاخقا كىرىپ، ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالىدۇ. ئەنە شۇلار بارچە مەخلۇقاتنىڭ يامىنىدۇر [6].

  7. (98-سۈرە بەييىنە، 7-ئايەت)
    إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ أُولَٰئِكَ هُمْ خَيْرُ الْبَرِيَّةِ
    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ـ ئەنە شۇلار مەخلۇقاتلارنىڭ ياخشىسىدۇر

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ـ ئەنە شۇلار بارچە مەخلۇقاتنىڭ ياخشىسىدۇر [7].

  8. (98-سۈرە بەييىنە، 8-ئايەت)
    جَزَاؤُهُمْ عِنْدَ رَبِّهِمْ جَنَّاتُ عَدْنٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۖ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا عَنْهُ ۚ ذَٰلِكَ لِمَنْ خَشِيَ رَبَّهُ
    ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا بېرىلىدىغان مۇكاپات (ئۇلارنىڭ) تۇرار جايى بولغان، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇركى، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ. بۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن قورققان ئادەم ئېرىشىدۇ

    ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا بېرىلىدىغان مۇكاپات مەڭگۈلۈك بولغان، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەردۇركى، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولىدۇ. بۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن قورققان ئادەملا ئېرىشىدۇ [8].