مۇرسەلات سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 50 ئايەت
مەنىسى: لەرزان (شاماللار). ئاتىلىش سەۋەبى: شاماللار بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالْمُرْسَلَاتِ عُرْفًا
    ئارقىمۇئارقا چىققۇچى (لەرزان) شاماللار بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    ئارقىمۇئارقا ئەۋەتىلگەنلەر بىلەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئارقىمۇئارقا ئەۋەتىلگۈچىلەر بىلەن — ئەنەس ئالىم

    (1-7) ئۈزۈلمەي چىققۇچى شاماللار ۋە قاتتىق چىققۇچى بورانلار بىلەن قەسەمكى، بۇلۇتلارنى ئاللاھ ئىرادە قىلغان جايلارغا يايغۇچى، ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى ۋەھىيلەرنى ئېلىپ چۈشكۈچى ۋە بەندىلەرنى ئۆزرە ئېيتالمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش ياكى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىينى پەيغەمبەرلەرگە يەتكۈزگۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان ئىشلار چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ؛ قىيامەت قايىم بولۇش، قايتا تىرىلىشىڭلار، مەھشەرگە كەلتۈرۈلۈشۈڭلار، ئاللاھقا ھېساب بېرىشىڭلار ۋە ھېساب نەتىجىسىدە لايىق بولغان يېرىڭلارغا مەڭگۈ قېلىشىڭلار ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇشىڭلار - بۇ ئىشلارنىڭ ھەر بىرى راستتىنلا مەيدانغا كېلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. فَالْعَاصِفَاتِ عَصْفًا
    قاتتىق چىققۇچى بورانلار بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    قاتتىق چىققۇچى بورانلار بىلەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە قاتتىق چىققۇچى بورانلار بىلەن قەسەمكى، — ئەنەس ئالىم

  3. وَالنَّاشِرَاتِ نَشْرًا
    (بۇلۇتلارنى ئاللاھ خالىغان تەرەپلەرگە) تارقاتقۇچى شاماللار بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    تارقاتقۇچى شاماللار بىلەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    يايغۇچىلار، — ئەنەس ئالىم

  4. (77-سۈرە مۇرسەلات، 4-ئايەت) پەرىشتىلەر قەسەملەر
    فَالْفَارِقَاتِ فَرْقًا
    (ھەق بىلەن باتىلنىڭ، ھارام بىلەن ھالالنىڭ) ئارىسىنى ئايرىغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    كەسكىن رەۋىشتە ئايرىغۇچىلار بىلەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئايرىغۇچىلار — ئەنەس ئالىم

  5. فَالْمُلْقِيَاتِ ذِكْرًا
    (بەندىلەرگە) ئۆزرە (قالدۇرماسلىق) ياكى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىينى (پەيغەمبەرلەرگە) ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    ۋەھىينى ئېلىپ چۈشكۈچىلەر بىلەن قەسەمكى، — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە زىكىر ئېلىپ چۈشكۈچىلەر بىلەن قەسەمكى - — ئەنەس ئالىم

  6. عُذْرًا أَوْ نُذْرًا
    (بەندىلەرگە) ئۆزرە (قالدۇرماسلىق) ياكى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىينى (پەيغەمبەرلەرگە) ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۆزرە ياكى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ زىكىر، ئۆزرە قالدۇرماسلىق ياكى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر - — ئەنەس ئالىم

  7. (77-سۈرە مۇرسەلات، 7-ئايەت) قىيامەت ۋاقتى ئىلاھىي ھۆكۈم
    إِنَّمَا تُوعَدُونَ لَوَاقِعٌ
    سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىش (يەنى قىيامەت، ھېساب ۋە جازا) چوقۇم مەيدانغا كەلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسە چوقۇم مەيدانغا كەلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  8. (77-سۈرە مۇرسەلات، 8-ئايەت) قىيامەت ھادىسىلىرى قىيامەت ۋاقتى
    فَإِذَا النُّجُومُ طُمِسَتْ
    يۇلتۇزلارنىڭ (نۇرى) ئۆچۈرۈلگەن چاغدا — مۇھەممەد سالىھ

    يۇلتۇزلار ئۆچۈرۈلگەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    يۇلتۇزلار ئۆچۈرۈلگەن چاغدا، — ئەنەس ئالىم

    (8-11) ئۇ ئىشلار يۇلتۇزلارنىڭ نۇرى ئۆچۈرۈلگەن چاغدا، ئاسمان يېرىلغان چاغدا، تاغلار سورۇلغان چاغدا، پەيغەمبەرلەرگە ئۇممەتلىرى ئۈچۈن شاھىت بولۇش ۋاقتى بەلگىلەنگەن چاغدا بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. (77-سۈرە مۇرسەلات، 9-ئايەت) قىيامەت ھادىسىلىرى قىيامەت ۋاقتى
    وَإِذَا السَّمَاءُ فُرِجَتْ
    ئاسمان يېرىلغان چاغدا — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمان يېرىلغان — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمان يېرىلغان چاغدا، — ئەنەس ئالىم

  10. (77-سۈرە مۇرسەلات، 10-ئايەت) قىيامەت ھادىسىلىرى قىيامەت ۋاقتى
    وَإِذَا الْجِبَالُ نُسِفَتْ
    تاغلار تىتىلىپ (شامالدا ئۇچۇپ يۈرگەن زەررىلەردەك) ئۇچۇپ يۈرگەن چاغدا — مۇھەممەد سالىھ

    تاغلار تىتىلىپ ئۇچۇپ يۈرگەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    تاغلار سورۇلغان چاغدا، — ئەنەس ئالىم

  11. وَإِذَا الرُّسُلُ أُقِّتَتْ
    پەيغەمبەرلەرگە (ئۇلار بىلەن ئۈممەتلىرى ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىشقا) ۋاقىت بەلگىلەنگەن چاغدا (ۋەدە قىلىنغان قىيامەت مەيدانغا كېلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    پەيغەمبەرلەرگە ۋاقىت بەلگىلەنگەن چاغدا — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەلچىلەرگە ۋاقىت بەلگىلەنگەن چاغدا[1]، — ئەنەس ئالىم

  12. (77-سۈرە مۇرسەلات، 12-ئايەت) ھىساب قىيامەت ۋاقتى
    لِأَيِّ يَوْمٍ أُجِّلَتْ
    (پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرىگە ئائىت ئىشلار) قايسى بۈيۈك كۈنگە كېچىكتۈرۈلدى؟ — مۇھەممەد سالىھ

    قايسى بۈيۈك كۈنگە كېچىكتۈرۈلدى؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار قايسى كۈنگە كېچىكتۈرۈلدى؟ — ئەنەس ئالىم

    (12-15) ئۇ چاغ قايسى كۈنگە كېچىكتۈرۈلدى؟ جاۋاب: خالايىقنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىپ ئۇلارنىڭ ياخشى - يامانلىرىنى بىر - بىرىدىن ئايرىش كۈنىگە كېچىكتۈرۈلدى. خالايىقنىڭ ئارىسىنى ئايرىش كۈنى قانداق كۈن، سەن نەدىن بىلىسەن؟ ئۇ كۈنى ئىنكارچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي؛ ھازىر - بۇ دۇنيادا ھەقنى ئىنكار قىلغانلار ئۇ كۈنى كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. (77-سۈرە مۇرسەلات، 13-ئايەت) ھىساب قىيامەت ۋاقتى
    لِيَوْمِ الْفَصْلِ
    خالايىقنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈن ئۈچۈن (تەخىر قىلىندى) — مۇھەممەد سالىھ

    خالايىقنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈنگىمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئايرىش كۈنىگە. — ئەنەس ئالىم

  14. (77-سۈرە مۇرسەلات، 14-ئايەت) ھىساب
    وَمَا أَدْرَاكَ مَا يَوْمُ الْفَصْلِ
    ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈننىڭ نېمىلىكىنى (يەنى ئۇنىڭ دەھشىتىنى) قانداق بىلەلەيسەن؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈننىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئايرىش كۈنى نېمە، سەن نەدىن بىلىسەن؟ — ئەنەس ئالىم

  15. (77-سۈرە مۇرسەلات، 15-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كاپىرلىق
    وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
    بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي! — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! — ئەنەس ئالىم

  16. أَلَمْ نُهْلِكِ الْأَوَّلِينَ
    (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئىلگىرىكىلەرنى ھالاك قىلمىدۇقمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئىلگىرىكىلەرنى ھالاك قىلمىدۇقمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئاۋۋالقىلارنى ھالاك قىلمىدۇقمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    (16-19) بىز ئاۋۋالقى ئاسىي ئۇممەتلەرنى ھالاك قىلمىدۇقمۇ؟ كېيىنكى ئىنكارچىلارنىمۇ ئۇلارغا ئەگەشتۈرىمىز؛ بۇ مۇشرىكلارنىمۇ تەۋبە قىلىپ يولغا كەلمىسە ھالاك قىلىمىز. بۇ، بىزنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىمىز بولۇپ، ئۇنى ھەر زامان ۋە ماكاندا ئاسىيلارغا ئىجرا قىلىمىز. ئۇ كۈنى ئىنكارچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي؛ ھازىر - بۇ دۇنيادا ھەقنى ئىنكار قىلغانلار ئۇ كۈنى كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. ثُمَّ نُتْبِعُهُمُ الْآخِرِينَ
    ئاندىن ئۇلارغا ئەگەشتۈرۈپ كېيىنكىلەرنى ھالاك قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇلارغا كېيىنكىلەرنى ئەگەشتۈرىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئۇلارغا كېيىنكىلەرنى ئەگەشتۈرىمىز. — ئەنەس ئالىم

  18. كَذَٰلِكَ نَفْعَلُ بِالْمُجْرِمِينَ
    گۇناھكارلارنى مۇشۇنداق قىلىمىز (يەنى جازالايمىز) — مۇھەممەد سالىھ

    گۇناھكارلارنى مۇشۇنداق قىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز گۇناھكارلارغا ئەنە شۇنداق مۇئامىلە قىلىمىز. — ئەنەس ئالىم

  19. (77-سۈرە مۇرسەلات، 19-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كاپىرلىق
    وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
    بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي! — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! — ئەنەس ئالىم

  20. أَلَمْ نَخْلُقْكُمْ مِنْ مَاءٍ مَهِينٍ
    سىلەرنى بىز ئاجىز مەنىدىن ياراتمىدۇقمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرنى بىز ھېقىر بىر سۇدىن ياراتمىدۇقمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز سىلەرنى ئاجىز سۇدىن ياراتمىدۇقمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    (20-24) بىز سىلەرنى ئەرزىمەس سۇدىن ياراتمىدۇقمۇ؟ ئاندىن ئۇ سۇنى مەلۇم ۋاقىتقىچە مۇستەھكەم قارارگاھتا قىلدۇق، دېمەك، بىز قادىر بولدۇق، بىز نېمىدېگەن ياخشى قادىر بولغۇچىمىز؛ سىلەرنى دەسلەپتە يوقتىن يارىتىشقا قۇدرىتىمىز يەتتى، ئۇنداقتا قىيامەت كۈنى سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈشكىمۇ قۇدرىتىمىز يېتىدۇ. ئۇ كۈنى ئىنكارچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي؛ ھازىر - بۇ دۇنيادا ھەقنى ئىنكار قىلغانلار ئۇ كۈنى كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  21. فَجَعَلْنَاهُ فِي قَرَارٍ مَكِينٍ
    ئۇنى بىز مەلۇم ۋاقىتقىچە (يەنى تۇغۇلغىچە) پۇختا ئارامگاھ (يەنى بەچچىدان) دا قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنى بىز پۇختا ئارامگاھ - بەچچىدان - دا قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئۇ سۇنى مۇستەھكەم قارارگاھتا قىلدۇق، — ئەنەس ئالىم

  22. (77-سۈرە مۇرسەلات، 22-ئايەت) ئىلاھىي ھۆكۈم ئىنساننىڭ يارىتىلىشى
    إِلَىٰ قَدَرٍ مَعْلُومٍ
    ئۇنى بىز مەلۇم ۋاقىتقىچە (يەنى تۇغۇلغىچە) پۇختا ئارامگاھ (يەنى بەچچىدان) دا قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    مەلۇم ۋاقىتقىچە — تەرجىمە ھەيئىتى

    مەلۇم ۋاقىتقىچە. — ئەنەس ئالىم

  23. فَقَدَرْنَا فَنِعْمَ الْقَادِرُونَ
    بىز (ئۇنى ئابىمەنىيدىن يارىتىشقا) قادىر بولدۇق، بىز (ئۇنى ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە يارىتىشقا) نېمىدېگەن ياخشى قادىر بولغۇچىمىز! — مۇھەممەد سالىھ

    بىز بۇلارنى قىلىشقا قادىر بولدۇق، بىز نېمىدېگەن ياخشى قادىر بولغۇچىمىز! — تەرجىمە ھەيئىتى

    دېمەك، بىز ئۆلچىدۇق، بىز نېمىدېگەن ياخشى ئۆلچىگۈچىمىز. — ئەنەس ئالىم

  24. (77-سۈرە مۇرسەلات، 24-ئايەت) ئىلاھىي دەلىللەر كاپىرلىق
    فَقَدَرْنَا فَنِعْمَ الْقَادِرُونَ
    بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي! — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! — ئەنەس ئالىم

  25. (77-سۈرە مۇرسەلات، 25-ئايەت) ئىلاھىي دەلىللەر زېمىن ۋە تاغلار
    وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
    زېمىننى بىز ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قىلمىدۇقمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    بىز زېمىننى تىرىكلەرگە ۋە ئۆلۈكلەرگە يىغىلىش ئورنى قىلمىدۇقمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز زېمىننى قوينىغا ئالىدىغان قىلمىدۇقمۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    (25-28) بىز زېمىننى، تىرىكلەر ئۈستىدە، ئۆلۈكلەر قوينىدا توپلىنىدىغان جاي قىلمىدۇقمۇ؟ بىز زېمىنغا مۇستەھكەم ۋە ئىگىز تاغلارنى ئورناتتۇق، سىلەرنى تاتلىق سۇ بىلەن سۇغاردۇق. ئۇ كۈنى ئىنكارچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي؛ ھازىر - بۇ دۇنيادا ھەقنى ئىنكار قىلغانلار ئۇ كۈنى كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. (77-سۈرە مۇرسەلات، 26-ئايەت) ئۆلۈم زېمىن ۋە تاغلار
    أَلَمْ نَجْعَلِ الْأَرْضَ كِفَاتًا
    (يەنى) تىرىكلەرنى ۋە ئۆلۈكلەرنى (ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان قىلمىدۇقمۇ؟) — مۇھەممەد سالىھ

    بىز زېمىننى تىرىكلەرگە ۋە ئۆلۈكلەرگە يىغىلىش ئورنى قىلمىدۇقمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    تىرىكلەرنى ۋە ئۆلۈكلەرنى. — ئەنەس ئالىم

  27. أَحْيَاءً وَأَمْوَاتًا
    بىز زېمىنغا ئېگىز تاغلارنى ئورناتتۇق، سىلەرنى تاتلىق سۇ بىلەن سۇغاردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    بىز زېمىنغا ئېگىز تاغلارنى ئورناتتۇق، سىلەرنى تاتلىق سۇ بىلەن سۇغاردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز زېمىنغا مۇستەھكەم ۋە ئىگىز تاغلارنى ئورناتتۇق، سىلەرنى تاتلىق سۇ بىلەن سۇغاردۇق. — ئەنەس ئالىم

  28. (77-سۈرە مۇرسەلات، 28-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كاپىرلىق
    وَجَعَلْنَا فِيهَا رَوَاسِيَ شَامِخَاتٍ وَأَسْقَيْنَاكُمْ مَاءً فُرَاتًا
    بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي! — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! — ئەنەس ئالىم

  29. (77-سۈرە مۇرسەلات، 29-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كاپىرلىق
    وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
    (ئۇلارغا دوزاخ مۇئەككەللىرى): «سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) ئىنكار قىلغان (دوزاخ) ئازابىغا بېرىڭلار، ئۈچ شاخلىق سايىگە بېرىڭلار» (دەيدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا دېيىلىدۇكى: «سىلەر ئىنكار قىلغان نەرسىگە بېرىڭلار؛ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا: «سىلەر ئۆزۈڭلار يالغان دېگەن نەرسىگە بېرىڭلار، — ئەنەس ئالىم

    (29-34) ئۇ چاغدا ئۇ ئىنكارچىلار: «سىلەر ئۆزۈڭلار يالغان دېگەن دوزاخقا بېرىڭلار، دوزاخنىڭ ئۈچكە ئايرىلىپ چىقىدىغان، سەگىدەتمەيدىغان، دوزاخىنىڭ يالقۇنىنى دەپئى قىلالمايدىغان تۈتۈنىدىن ئىبارەت سايىسىگە بېرىڭلار» دېيىلىدۇ. ئۇ يالقۇن سارايدەك ئۇچقۇنلارنى ئاتىدۇ. ئۇچقۇنلار خۇددى قارامتۇل سېرىق تۆگىلەردۇر. ئۇ كۈنى ئىنكارچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي؛ ھازىر - بۇ دۇنيادا ھەقنى ئىنكار قىلغانلار ئۇ كۈنى كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ. ئەسكەرتىش: دوزاخنىڭ ئۈچكە ئايرىلىدىغان تۈتۈنى، تۈتۈننىڭ ئوتتۇرىنى ۋە ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  30. (77-سۈرە مۇرسەلات، 30-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى دوزاخ ئازابى
    انْطَلِقُوا إِلَىٰ مَا كُنْتُمْ بِهِ تُكَذِّبُونَ
    (ئۇلارغا دوزاخ مۇئەككەللىرى): «سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) ئىنكار قىلغان (دوزاخ) ئازابىغا بېرىڭلار، ئۈچ شاخلىق سايىگە بېرىڭلار» (دەيدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    يەنى ئۈچ شاخلىق سايىگە بېرىڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۈچ شاخلىق سايىگە بېرىڭلار» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  31. (77-سۈرە مۇرسەلات، 31-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى دوزاخ ئازابى
    انْطَلِقُوا إِلَىٰ ظِلٍّ ذِي ثَلَاثِ شُعَبٍ
    ئۇ سايە (جەھەننەمنىڭ تۈتۈنى بولۇپ كىشىنى) سەگىدەتمەيدۇ، (جەھەننەمنىڭ) يالقۇنىنىمۇ توسمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ سايە سەگىدەتمەيدۇ ۋە يالقۇننى توسمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ سايە ھەم سايىداتمايدۇ، ھەم يالقۇندىن ساقلىمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  32. (77-سۈرە مۇرسەلات، 32-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى دوزاخ ئازابى
    لَا ظَلِيلٍ وَلَا يُغْنِي مِنَ اللَّهَبِ
    ئۇ يالقۇن قەسىردەك (چوڭ) ئۇچقۇنلارنى چىقىرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ يالقۇن قەسىردەك ئۇچقۇنلارنى چىقىرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ يالقۇن قەسىردەك ئۇچقۇنلارنى ئاتىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  33. (77-سۈرە مۇرسەلات، 33-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى دوزاخ ئازابى
    إِنَّهَا تَرْمِي بِشَرَرٍ كَالْقَصْرِ
    ئۇ ئۇچقۇنلار قارا ـ سېرىق تۆگىلەرگە ئوخشايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئۇچقۇنلار قارا ـ سېرىق تۆگىلەرگە ئوخشايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھەر ئۇچقۇن خۇددى بىرەر سېرىق تۆگىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  34. (77-سۈرە مۇرسەلات، 34-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كاپىرلىق
    كَأَنَّهُ جِمَالَتٌ صُفْرٌ
    بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي! — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! — ئەنەس ئالىم

  35. (77-سۈرە مۇرسەلات، 35-ئايەت) ھىساب كاپىرلىق
    وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
    بۇ كۈندە ئۇلار سۆز قىلالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ كۈندە ئۇلار سۆز قىلالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇ، ئۇلار سۆز قىلالمايدىغان كۈندۇر. — ئەنەس ئالىم

    (35-37) ئەنە شۇ، ئۇ ئىنكارچىلار سۆز قىلالمايدىغان كۈندۇر. ئۇ كۈندە ئۇلارغا ئۆزرە ئېيتىشلىرى ئۈچۈن رۇخسەت بېرىلمەيدۇ. ئۇ كۈنى ئىنكارچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي؛ ھازىر - بۇ دۇنيادا ھەقنى ئىنكار قىلغانلار ئۇ كۈنى كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  36. (77-سۈرە مۇرسەلات، 36-ئايەت) ھىساب كاپىرلىق
    هَٰذَا يَوْمُ لَا يَنْطِقُونَ
    ئۇلارنىڭ ئۆزرە ئېيتىشىغا ئىزنى بېرىلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنىڭ ئۆزرە ئېيتىشىغا ئىزنى بېرىلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆزرە ئېيتىشلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا رۇخسەت بېرىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

  37. (77-سۈرە مۇرسەلات، 37-ئايەت) ھىساب تىرىلىش
    وَلَا يُؤْذَنُ لَهُمْ فَيَعْتَذِرُونَ
    بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي! — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! — ئەنەس ئالىم

  38. (77-سۈرە مۇرسەلات، 38-ئايەت) ھىساب تىرىلىش
    وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
    بۇ (خالايىقنىڭ ئارىسىدا) ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈندۇر، (ئۇ كۈندە) سىلەرنى ۋە ئاۋۋالقىلارنى (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنى) (ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن) يىغىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ ھۆكۈم چىقىرىلىدىغان كۈندۇركى، سىلەرنى ۋە ئاۋۋالقىلارنى يىغدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا: «مانا بۇ ياخشى - ياماننى ئايرىش كۈنىدۇر. بىز سىلەرنى ۋە ئاۋۋالقىلارنى يىغدۇق. — ئەنەس ئالىم

    (38-40) ئۇ كۈندە ئاللاھ ئىنكارچىلارغا: «مانا بۇ ياخشىلار بىلەن يامانلارنىڭ ئوتتۇرىسدا ھۆكۈم چىقىرىپ ئۇلارنى ئايرىش كۈنىدۇر. بىز بۈگۈن بۇ يەرگە سىلەرنى ۋە ئاۋۋالقى ئىنكارچىلارنى يىغدۇق. ئەگەر بىرەر ھىيلەڭلار بولسا، ھەممىڭلار بىرلىشىپ ماڭا ھىيلە قىلىڭلار» دەيدۇ. ئۇ كۈنى ئىنكارچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي؛ ھازىر - بۇ دۇنيادا ھەقنى ئىنكار قىلغانلار ئۇ كۈنى كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  39. (77-سۈرە مۇرسەلات، 39-ئايەت) ھىساب كاپىرلىق
    هَٰذَا يَوْمُ الْفَصْلِ ۖ جَمَعْنَاكُمْ وَالْأَوَّلِينَ
    ئەگەر (ئازابتىن قۇتۇلۇشقا) بىرەر چارەڭلار بولسا، چارە قىلىپ بېقىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    ئەگەر بىرەر چارەڭلار بولسا، چارەڭلارنى ماڭا كۆرسىتىپ بېقىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەگەر بىرەر ھىيلەڭلار بولسا، ماڭا ھىيلە قىلىڭلار» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  40. (77-سۈرە مۇرسەلات، 40-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كاپىرلىق
    فَإِنْ كَانَ لَكُمْ كَيْدٌ فَكِيدُونِ
    بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي! — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! — ئەنەس ئالىم

  41. (77-سۈرە مۇرسەلات، 41-ئايەت) جەننەتنىڭ تەسۋىرى تەقۋادارلىق
    وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
    شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار سايىلەردىن، بۇلاقلاردىن ۋە كۆڭلى تارتقان مېۋىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار سايىلەرنىڭ ئاستىدا ۋە بۇلاقلارنىڭ يېنىدا بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار سايىلاردا، بۇلاقلارنىڭ باشلىرىدا — ئەنەس ئالىم

    (41-45) شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار سايىلاردا، بۇلاقلارنىڭ باشلىرىدا ۋە كۆڭلى تارتىدىغان مېۋىلەرنىڭ ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇلارغا: «بۇ يەردىكى يېمەكلەردىن يەڭلار، ئىچىملىكلەردىن ئىچىڭلار، مەززىلىك بولسۇن. چۈنكى سىلەر دۇنيادىكى چېغىڭلاردا ياخشى ئەمەل قىلغان ئىدىڭلار» دېيىلىدۇ. بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ئەنە شۇنداق مۇكاپاتلايمىز. ئۇ كۈنى ئىنكارچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي؛ ھازىر - بۇ دۇنيادا ھەقنى ئىنكار قىلغانلار ئۇ كۈنى كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  42. إِنَّ الْمُتَّقِينَ فِي ظِلَالٍ وَعُيُونٍ
    شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار سايىلەردىن، بۇلاقلاردىن ۋە كۆڭلى تارتقان مېۋىلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە ئۇلارغا كۆڭلى تارتقان مېۋىلەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ۋە كۆڭلى تارتىدىغان مېۋىلەرنىڭ ئەتراپىدا بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  43. وَفَوَاكِهَ مِمَّا يَشْتَهُونَ
    (ئۇلارغا) «دۇنيادا قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرىڭلار ئۈچۈن خۇشال ـ خۇرام يەڭلار ۋە ئىچىڭلار» (دېيىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    -ئۇلارغا-: «دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىڭلار ئۈچۈن خۇشال ـ خۇرام يەڭلار ۋە ئىچىڭلار» -دېيىلىدۇ- — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا: «يەڭلار، ئىچىڭلار، مەززىلىك بولسۇن. چۈنكى سىلەر ئەمەل قىلغان ئىدىڭلار» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  44. (77-سۈرە مۇرسەلات، 44-ئايەت) ئىلاھىي مۇكاپات تەقۋادارلىق
    كُلُوا وَاشْرَبُوا هَنِيئًا بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
    شۈبھىسىزكى، بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ئەنە شۇنداق مۇكاپاتلايمىز. — ئەنەس ئالىم

  45. (77-سۈرە مۇرسەلات، 45-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كاپىرلىق
    إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
    بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي! — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! — ئەنەس ئالىم

  46. (77-سۈرە مۇرسەلات، 46-ئايەت) كاپىرلىق ھاياتقا ھېرىسمەنلىك
    وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
    (كۇففارلارغا) «(دۇنيانىڭ لەززەتلىرىدىن) ۋاقىتلىق يەڭلار ۋە بەھرىمەن بولۇڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەر گۇناھكارسىلەر» (دېيىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    -كۇففارلارغا-: «ۋاقىتلىق يەڭلار ۋە بەھرىمەن بۇلۇڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەر گۇناھكارسىلەر» -دېيىلىدۇ- — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى كافىرلار! ھازىرچە يەڭلار ۋە بەھرىمەن بولۇڭلار. شۈبھىسىزكى، سىلەر گۇناھكارسىلەر. — ئەنەس ئالىم

    (46-50) ئى كافىرلار! ھازىرچە يەڭلار ۋە بەھرىمەن بولۇڭلار. شۈبھىسىزكى، سىلەر گۇناھكارسىلەر. ئۇ كۈنى ئىنكارچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي؛ ھازىر - بۇ دۇنيادا ھەقنى ئىنكار قىلغانلار ئۇ كۈنى كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ. ئۇلارغا: «رۇكۇ قىلىڭلار» دېيىلسە، رۇكۇ قىلمايدۇ. ئۇ كۈنى ئىنكارچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي؛ ھازىر - بۇ دۇنيادا ھەقنى ئىنكار قىلغانلار ئۇ كۈنى كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ. ئۇ كافىرلار ھەر جەھەتتىن مۆجىزە بولغان بۇ قۇرئانغا ئىشەنمىسە قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  47. (77-سۈرە مۇرسەلات، 47-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كاپىرلىق
    كُلُوا وَتَمَتَّعُوا قَلِيلًا إِنَّكُمْ مُجْرِمُونَ
    بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي! — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! — ئەنەس ئالىم

  48. (77-سۈرە مۇرسەلات، 48-ئايەت) كاپىرلىق پەرز ناماز سەجدە
    وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
    ئۇلارغا: «رۇكۇ قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار رۇكۇ قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا: «رۇكۇ قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار رۇكۇ قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا: «رۇكۇ قىلىڭلار» دېيىلسە، رۇكۇ قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  49. (77-سۈرە مۇرسەلات، 49-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كاپىرلىق
    وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ارْكَعُوا لَا يَرْكَعُونَ
    بۇ كۈندە (ئۇ كۈننى) ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي! — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ كۈندە ئىنكار قىلغۇچىلارغا ۋاي! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ھالىغا ۋاي! — ئەنەس ئالىم

  50. (77-سۈرە مۇرسەلات، 50-ئايەت) كاپىرلىق قۇرئاننىڭ ھىدايىتى
    وَيْلٌ يَوْمَئِذٍ لِلْمُكَذِّبِينَ
    ئۇلار (شانلىق دەلىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، پاساھەت ـ بالاغەتتە ئەڭ يۇقىرى بولغان بۇ قۇرئانغا ئىشەنمىسە) باشقا قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار بۇنىڭدىن كېيىن قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار قۇرئانغا ئىشەنمىسە، قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟ — ئەنەس ئالىم