نەمىل سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 93 ئايەتمەنىسى: چۈمۈلە. ئاتىلىش سەۋەبى: چۈمۈلە قىسسىسى بايان قىلىنغان (18-، 19- ئايەتلەر)
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ طس ۚ تِلْكَ آيَاتُ الْقُرْآنِ وَكِتَابٍ مُبِينٍ
تا، سىن. بۇ، قۇرئاننىڭ ۋە روشەن كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
طا، سىن. بۇ، قۇرئاننىڭ ۋە روشەن كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
تا، سىن. بۇ قۇرئاننىڭ ۋە روشەن كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر. — ئەنەس ئالىم
تا، سىن. ئى ئىنكارچىلار! قۇرئان، سىلەر سۆزۈڭلارنى تۈزىدىغان مۇشۇنداق ھەرپلەردىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنداقتا، قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار! (بۇ خىل «ئۈزۈك ھەرپلەر» توغرىسىدا 2 - سۈرە بەقەرەنىڭ بىرىنچى ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى). بۇلار، ئاللاھ بەندىسى ۋە ئەلچىسى مۇھەممەدكە نازىل قىلغان مۆجىزە قۇرئان - روشەن كىتابنىڭ ئايەتلىرىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
هُدًى وَبُشْرَىٰ لِلْمُؤْمِنِينَ
مۆمىنلەر ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە خۇشخەۋەردۇر — مۇھەممەد سالىھ
مۇئمىنلار ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە خۇش خەۋەردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇئمىنلارغا توغرا يولنى كۆرسەتكۈچىدۇر ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
(2-3) روشەن كىتاب بولغان ئۇ مۆجىزە قۇرئان، بەش ۋاخ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدىغان، زاكاتنى بېرىدىغان، قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىپ بۇ دۇنيادىكى قىلمىشىغا ھېساب بېرىشىگە جەزمەن ئىشىنىدىغان مۇئمىنلارغا (قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن كىشىلەرگە) توغرا يولنى كۆرسەتكۈچى ۋە نىجاتلىقنىڭ خۇش خەۋىرىنى بەرگۈچىدۇر. دەرۋەقە قۇرئان كەرىم، نازىل بولۇش ئېتىبارى بىلەن بارلىق ئىنسانلارغا ھىدايەتتۇر، لېكىن نەتىجە ئېتىبارى بىلەن پەقەت مۇئمىنلارغا ھىدايەت، رەھمەت ۋە بېشارەتتۇر؛ قۇرئان كەرىم ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنلەرگە ھەر ئىككى ئالەمدە بەخت - سائادەتكە ئېرىشىش يولىنى كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇ يولغا كىرىپ ئوڭ - سولغا بۇرۇلماستىن ئۇدۇل ماڭغان (ھۆكۈملىرىگە بويسۇنغان، نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالغان ۋە قىسسەلىرىدىن ئىبرەت ئالغان)لارغا ياخشى مەنزىلگە يېتىپ بارىدىغانلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى بېرىدۇ. ئەمما ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىگەنلەرگە بولسا، ئۇلارنىڭ كۆپ زىيان تارتىشىغا، مەنىۋى گاسلىق ۋە كورلۇقىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِينَ يُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَيُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَهُمْ بِالْآخِرَةِ هُمْ يُوقِنُونَ
(شۇنداق مۆمىنلەركى) ئۇلار نامازنى ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ ۋە ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شۇنداق مۇئمىنلاركى، ئۇلار نامازنى تەلەكپە لايىق ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ ۋە ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەيدۇ، زاكاتنى بېرىدۇ ۋە ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ زَيَّنَّا لَهُمْ أَعْمَالَهُمْ فَهُمْ يَعْمَهُونَ
ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارغا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ھەقىقەتەن چىرايلىق كۆرسەتتۇق، ئۇلار (گۇمراھلىقلىرىدا) تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارغا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ھەقىقەتەن چىرايلىق كۆرسەتتۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار -گۇمراھلىقلىرىدا- تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار بولسا، بىز ئۇلارغا ئۆز قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتۇق. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار تېڭىرقاپ يۈرۈيدۇ. — ئەنەس ئالىم
قىيامەت قايىم بولۇشىغا ۋە ئۇ كۈنى قايتا تىرىلىپ قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى بېرىشكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ تەرسالىقى ۋە كۇفرىلىقى سەۋەبلىك، بىز ئۇلارغا ئۆز قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتۇق. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار جاھالەت قاراڭغۇلۇقلىرىدا ۋە ئازغۇنلۇق چۆللىرىدە تېڭىرقاپ يۈرۈيدۇ، شۇنداقلا ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ ھېسابلايدۇ ۋە قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ لَهُمْ سُوءُ الْعَذَابِ وَهُمْ فِي الْآخِرَةِ هُمُ الْأَخْسَرُونَ
ئۇلار (دۇنيادا) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئاخىرەتتە ئۇلار ئەڭ زىيان تارتقۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار -دۇنيادا- قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئاخىرەتتە بولسا ئۇلار ئەڭ زىيان تارتقۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەنە شۇلار ئەڭ يامان ئازابقا دۇچار بولىدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار ئاخىرەتتىمۇ ئەڭ ئېغىر زىيان تارتقۇچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئەنە شۇ ئادەملەر دۇنيادا ئۆلتۈرۈلۈش ۋە ئەسىرگە ئېلىنىشتەك يامان ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئاخىرەتتە مەڭگۈ ئازاب چېكىشلىرى ئۈچۈن دوزاخقا تاشلىنىدۇ، شۇنداقلا ئەڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ. چۈنكى ئىككى ئالەمدە نىجاتلىققا ئېرىشىشنىڭ شەرتى، ئاللاھنىڭ كىتابىغا بويسۇنۇش ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئەگىشىشتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنَّكَ لَتُلَقَّى الْقُرْآنَ مِنْ لَدُنْ حَكِيمٍ عَلِيمٍ
ساڭا قۇرئان ئەلۋەتتە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى سەن بۇ قۇرئاننى ئەلۋەتتە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ تەرىپىدىن ئېلىۋاتىسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، قۇرئان ساڭا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ۋە ھەر نەرسىنى بىلگۈچى ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلمەكتىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇ قۇرئاننى ساڭا ھەر ئىشىنى ھېكمەت بىلەن قىلىدىغان ۋە ھەر نەرسىنى بىلىدىغان ئاللاھ، پەرىشتە جىبرىئىل ئارقىلىق نازىل قىلىپ سېنىڭ قەلبىڭگە ئورۇنلاشتۇردى؛ ساڭا يادلاتتى ۋە ئۆگەتتى. دېمەككى، بۇ قۇرئان ئاللاھنىڭ كىتابى، سەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىسەن؛ بۇ قۇرئان، ئىچىدىكى ھۆكۈملەرنىڭ ئادىل، قىسسەلەرنىڭ توغرا، خەۋەرلەرنىڭ راست، بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەرنىڭ ھېكمەتكە مۇۋاپىق، شۇنداقلا ھەر جەھەتتىن مۆجىزە كىتاب بولۇشى بىلەن، ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە سېنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىڭنى ئىسپاتلايدىغان ئالاھىدىلىكتە بولۇپ، ئۇ قىيامەتكە قەدەر ئىنسانىيەتكە نىجاتلىق يولىنى كۆرسىتىدىغان «روشەن دەلىل ۋە پارلاق نۇر»دۇر ۋە سېنىڭ مۆجىزەڭدۇر. ئاللاھ تائالا 1 ~ 6 - ئايەتلەردە قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى، قۇرئان كەرىمگە ئىشەنگەنلەرنىڭ ۋە ئىشەنمىگەنلەرنىڭ سۈپەتلىرىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمەرلىكىنىڭ راستلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، 7 ~ 58 - ئايەتلەردە بىرقانچە پەيغەمبەرنىڭ (مۇسا، داۋۇد، سۇلەيمان، سالىھ ۋە لۇت ئەلەيھىمۇسسەلام قاتارلىق بەش پەيغەمبەرنىڭ) قىسسەسىنى بايان قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىلىنى مۇستەھكەملەيدۇ، مۇئمىنلارغا نەسىھەت قىلىدۇ، كافىرلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. دەرۋەقە بايان قىلىنغان قىسسەلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىلىنى كۈچەيتىپ ئەلچىلىكنىڭ مۇشەققەتلىرىگە چىدايدىغان ھالەتكە كېلىشىگە ۋە ئۆزى دەۋەت قىلغان ھەقنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىگە، شۇنداقلا ئۇنىڭ غالىب كېلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنچ قىلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇ قىسسەلەر مۇئمىنلارغا ھەقنىڭ غالىب، باتىلنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، كافىرلارغا يامان ئاقىۋەتنى ئەسلىتىدۇ؛ پۇرسەت بار چاغدا قىسسەلەردىن ئىبرەت ئېلىپ يامان يولدىن يانمىسا بۇرۇن پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىققان قەۋملەر بىلەن ئوخشاش ئاقىۋەتكە يولۇقىدىغانلىقىنى سەمىگە سالىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِأَهْلِهِ إِنِّي آنَسْتُ نَارًا سَآتِيكُمْ مِنْهَا بِخَبَرٍ أَوْ آتِيكُمْ بِشِهَابٍ قَبَسٍ لَعَلَّكُمْ تَصْطَلُونَ
ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئەھلىسىگە: «مەن ھەقىقەتەن ئوت كۆردۈم، مەن ئوتنىڭ يېنىغا بېرىپ (يول توغرۇلۇق) بىرەر خەۋەر ئۇقۇپ كېلەي ياكى سىلەرنىڭ ئىسىنىشىڭلار ئۈچۈن ئوتتىن بىر چوغ ئېلىپ كېلەي» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئائىلىسىگە: «مەن ھەقىقەتەن ئوت كۆردۈم، مەن ئوتنىڭ يېنىغا بېرىپ بىرەر خەۋەر ئۇقۇپ كېلەي، ياكى سىلەرنىڭ ئىسسىنىشىڭلار ئۈچۈن ئوتتىن بىر چوغ ئېلىپ كېلەي» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئائىلىسىگە: «مەن بىر ئوت كۆردۈم. بېرىپ ئۇنىڭ يېنىدىن سىلەرگە خەۋەر ئېلىپ كېلەي، ياكى سىلەرگە ئۇنىڭدىن بىر پارچە چوغ ئېلىپ كېلەي، ئىسسىنارسىلەر» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە مۇسانىڭ قىسسەسىنى بايان قىلغىن: مۇسا ئۆز ۋاقتىدا ئايالى ۋە باشقا ئائىلە ئەزالىرى بىلەن مەديەندىن مىسىرغا قاراپ مېڭىۋاتقان ئەسنادا، قاراڭغۇ ۋە سوغۇق بىر كېچىدە تۇر تېغى تەرەپتە يېنىۋاتقان بىر ئوت كۆردى ۋە ئائىلىسىگە: «مەن بىر ئوت كۆردۈم. سىلەر مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن ئوتنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇ يەردىكى كىشىلەردىن سىلەرگە بىرەر خەۋەر ئېلىپ كېلەي، ياكى سىلەرگە ئوتتىن بىرەر پارچە چوغ ئېلىپ كېلەي ئىسسىنارسىلەر» دېدى، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلَمَّا جَاءَهَا نُودِيَ أَنْ بُورِكَ مَنْ فِي النَّارِ وَمَنْ حَوْلَهَا وَسُبْحَانَ اللَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە (مۇنداق) نىدا ئاڭلاندى: «ئاللاھ ئوتنىڭ يېنىدىكى كىشىنى ۋە ئوتنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنى مۇبارەك قىلدى. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ پاكتۇر — مۇھەممەد سالىھ
مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە نىدا قېلىندىكى، : «ئوتنىڭ يېنىدىكى كىشى ۋە ئوتنىڭ ئەتراپىدىكىلەر مۇبارەك قىلىندى. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ پاكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەن ئىدى، مۇنداق دەپ نىدا قىلىندى: «ئوتنىڭ يېنىدىكىلەر ۋە ئەتراپىدىكىلەر مۇبارەك قىلىندى. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ پاكتۇر. — ئەنەس ئالىم
(8-9) مۇسا ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ ئوت كۆرگەن يېرىگە كەلگەن ئىدى، ئۇنىڭغا بەرىكەتلىك جايدىكى ۋادىنىڭ ئوڭ گىرۋىكىدىكى دەرەختىن مۇنداق نىدا كەلدى: «ئوتنىڭ يېنىدىكىلەر ۋە ئەتراپىدىكىلەر مۇبارەك قىلىندى؛ ئۇلۇغلۇق ۋە ياخشىلىققا ئېرىشتۈرۈلدى، پەيغەمبەرلىككە تاللاندى. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ پاكتۇر. ئى مۇسا! مەن يېڭىلمەس قۇدرەت ۋە چوڭقۇر ھېكمەت ئىگىسى بولغان ئاللاھتۇرمەن؛ ھەر نەرسىنى قۇدرەت ۋە ھىمايىسى ئاستىدا تۇتۇۋاتقان ، ھەر ئىشىنى ھېكمەت بىلەن قىلىۋاتقان يەككە - يېگانە رەب ۋە ئىلاھتۇرمەن». ئەسكەرتىش: 8 - ئايەتنىڭ «ئوتنىڭ يېنىدىكىلەر مۇبارەك قىلىندى» دېگەن مەنىدىكى جۈملىسىنىڭ مەزمۇنى، «ئى مۇسا! سەن ھازىر مۇقەددەس ۋادى - ‹تۇۋا›دا بولۇشۇڭ ۋە مېنىڭ سېنى ئەلچىم بولۇشقا تاللىشىم بىلەن ئۇلۇغلاندىڭ، ئىززەت - ھۆرمەتكە ئېرىشتىڭ، ئىلاھىي ئىلتىپاتقا نائىل بولدۇڭ، بۇنىڭدىن ئېتىبارەن پەيغەمبەر بولۇش بىلەن ياخشىلىقلارغا ئېرىشتىڭ» دېگەن بولىدۇ، چۈنكى باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇ يەرگە كەلگەندە، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا «ئى مۇسا! مەن سېنىڭ رەببىڭدۇرمەن، كەشلىرىڭنى سېلىۋەتكىن، چۈنكى سەن مۇقەددەس ۋادى - تۇۋادىسەن. مەن سېنى تاللىدىم» دەپ نىدا قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا مُوسَىٰ إِنَّهُ أَنَا اللَّهُ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، مەن غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھتۇرمەن — مۇھەممەد سالىھ
ئى مۇسا! شۈبھىسىزكى، مەن غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھدۇرمەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇسا! مەن ئەزىز ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھتۇرمەن. — ئەنەس ئالىم
-
وَأَلْقِ عَصَاكَ ۚ فَلَمَّا رَآهَا تَهْتَزُّ كَأَنَّهَا جَانٌّ وَلَّىٰ مُدْبِرًا وَلَمْ يُعَقِّبْ ۚ يَا مُوسَىٰ لَا تَخَفْ إِنِّي لَا يَخَافُ لَدَيَّ الْمُرْسَلُونَ
ھاساڭنى تاشلىغىن!» مۇسا ھاسىسىنىڭ گويا ئەجدىھادەك تېز ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ چېكىندى، كەينىگە (يەنى قورققىنىدىن ئەجدىھاغا) قارىيالمىدى. (ئاللاھ ئېيتتى) «ئى مۇسا! قورقمىغىن، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا پەيغەمبەرلەر ئەلۋەتتە قورقمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ھاساڭنى تاشلىغىن!» مۇسا ھاسىسىنىڭ گويا ئەجدىھادەك تېز ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ چېكىندى، كەينىگە قارىيالمىدى. -ئاندىن نېدا قىلىندىكى- :«ئى مۇسا! قورقمىغىن، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا پەيغەمبەرلەر ئەلۋەتتە قورقمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ھاساڭنى تاشلىغىن». مۇسا يەرگە چۈشكەن ھاسىسىنىڭ خۇددى يىلاندەك تولغىنىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قېچىشقا باشلىدى ۋە كەينىگە قايتمىدى. بۇ ئەسنادا ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىلدى: «ئى مۇسا! قورقمىغىن، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئەلچىلىرىم قورقمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
مۇساغا قىلىنغان نىدانىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭغا «ھاساڭنى تاشلىغىن» دېيىلدى، مۇسا ھاسىسىنى دەرھال يەرگە تاشلىدى، ھاسا يەرگە چۈشۈپلا چوڭ يىلانغا ئايلىنىپ تېز مېڭىشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن مۇسا يەرگە چۈشكەن ھاسىسىنىڭ خۇددى يىلاندەك تولغىنىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاچتى ۋە كەينىگە قايتمىدى. بۇ ئەسنادا ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىلدى: «ئى مۇسا! قورقمىغىن، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئەلچىلىرىم قورقمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِلَّا مَنْ ظَلَمَ ثُمَّ بَدَّلَ حُسْنًا بَعْدَ سُوءٍ فَإِنِّي غَفُورٌ رَحِيمٌ
لېكىن كىمكى (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلسا، ئاندىن يامان ئەمەللىرىنى ياخشى ئەمەلگە ئۆزگەرتسە، مەن (ئۇنىڭغا) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇرمەن، ناھايىتى مېھرىباندۇرمەن — مۇھەممەد سالىھ
لېكىن كىمكى -ئۆزىگە- زۇلۇم قىلغاندىن كېيىن يامان ئەمەللىرىنى ياخشى ئەمەلگە ئۆزگەرتسە، مەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇرمەن، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
مەندىن قورقىدىغانلار زالىملاردۇر. لېكىن بۇلارمۇ يامانلىقتىن كېيىن ئۇنى ياخشىلىققا ئۆزگەرتسە، مەن ئۇلارغا مەغپىرەت قىلغۇچىمەن، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىمەن. — ئەنەس ئالىم
مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا پەقەت چەكلەنگەن بىرەر ئىشنى قىلىش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان كىشى قورقىدۇ، لېكىن بۇنداق كىشى يامانلىقتىن كېيىن ياخشىلىق قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتسە، مەن ئۇنى ئەپۇ قىلىمەن ۋە ئۇنىڭغا ئىنئام ئاتا قىلىمەن، چۈنكى مېنىڭ تەۋبە قىلغۇچىغا مەغپىرىتىم كۆپ، ئىنئامىم بۈيۈكتۇر». ئەسكەرتىش: مۇسا ئەلەيھىسسالام ئوت كۆرگەن يېرىگە كەلگەندە، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا قىلغان نىداسى ۋە ئۇنىڭ ئاللاھقا بەرگەن جاۋابى باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. ئۇ ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: «ئى مۇسا! مەن سېنىڭ رەببىڭدۇرمەن، كەشلىرىڭنى سېلىۋەتكىن، چۈنكى سەن مۇقەددەس ۋادى - «تۇۋا»دىسەن. مەن سېنى تاللىدىم، ساڭا ھازىر ۋەھىي قىلىنىدىغان سۆزلەرگە قۇلاق سالغىن: شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھتۇرمەن، مەندىن باشقا ئىلاھ يۇقتۇر. ئۇنداقتا، ماڭا ئىبادەت قىلغىن، نامازنى مېنىڭ زىكرىم ئۈچۈن ئۆتىگىن. قىيامەت چوقۇم قايىم بولىدۇ، مەن ئۇنىڭ ۋاقتىنى ھەر كىشى قىلمىشىنىڭ جازا ۋە مۇكاپاتىغا ئېرىشسۇن دەپ مەخپىي تۇتۇۋاتىمەن. قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىغا ئىشەنمەيدىغان ۋە نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەنلەر سېنى قىيامەتكە ئىشىنىشتىن توسمىسۇن. ئى مۇسا! ئوڭ قۇلۇڭدىكى نېمە؟»، مۇسا جاۋاب بېرىپ ئېيتىدۇ: «ئوڭ قۇلۇمدىكى ھاسامدۇر، ئۇنىڭغا تايىنىمەن، ئۇنىڭ بىلەن قويلىرىمغا غازاڭ قېقىپ بېرىمەن، ئۇنىڭ بىلەن يەنە باشقا ئېھتىياجلىرىمنى قامدايمەن»، ئاللاھ ئېيتىدۇ: «ئۇنى تاشلىغىن، ئى مۇسا!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَدْخِلْ يَدَكَ فِي جَيْبِكَ تَخْرُجْ بَيْضَاءَ مِنْ غَيْرِ سُوءٍ ۖ فِي تِسْعِ آيَاتٍ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَقَوْمِهِ ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمًا فَاسِقِينَ
قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ ھېچقانداق ئىللەتسىز ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، (بۇ) مېنىڭ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە ئېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن بەرگەن توققۇز مۆجىزەمنىڭ ئىچىدىدۇر، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى » — مۇھەممەد سالىھ
قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن، ئۇ ھېچقانداق ئىللەتسىز ئاپئاق بولۇپ چىقىدۇ، -بۇ- مېنىڭ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە ئېلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن بەرگەن توققۇز مۆجىزەمنىڭ ئىچىدىدۇر، ئۇلار ھەقىقەتەن پاسىق قەۋم ئىدى» — تەرجىمە ھەيئىتى
قولۇڭنى قوينۇڭغا تىققىن، نۇقسانسىز ھالدا ئاپئاق چىقىپ فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە كۆرسىتىلىدىغان توققۇز مۆجىزىنىڭ بىرى بولسۇن. شۈبھىسىزكى، ئۇلار ھەقىقەتەن فاسىق قەۋمدۇر». — ئەنەس ئالىم
«ئى مۇسا! قولۇڭنى كىيىمڭنىڭ مەيدەڭدىكى يوچۇق يېرىدىن قولتۇقىڭنىڭ ئاستىغا تىقىپ چىقارغىن، بىرەر كېسەللىك سەۋەبىدىن ئەمەس، ئەكسىچە مۆجىزىگە ئايلانغانلىقتىن ئاپئاق چىقىپ فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە كۆرسىتىلىدىغان توققۇز مۆجىزىنىڭ بىرى بولسۇن. ھاساڭنىڭ يىلانغا ئايلىنىشى ۋە قولۇڭنىڭ قوينۇڭدىن ئاپئاق نۇرلۇق ھالەتتە چىقىشى، ئۇ مۆجىزىلەرنىڭ ئىككىسىدۇر. بىز بۇ ئىككى مۆجىزىنى ساڭا بىزنىڭ ئەلچىمىز بولغانلىقىڭغا جەزمەن ئىشىنىشىڭ ۋە ئۇلارنى كۆرۈپ تەجرىبە قىلىۋېلىشىڭ ئۈچۈن ھازىر كۆرسەتتۇق، سەن بۇ ئىككى مۆجىزىنى ئېلىپ فىرئەۋننىڭ ۋە ئۇنىڭ ئادملىرىنىڭ يېنىغا بارىسەن، ئۇلارنى كۆرسىتىپ ئۆزۈڭنىڭ بىزنىڭ ئەلچىمىز ئىكەنلىكىڭنى ئىسپاتلايسەن. شۈبھىسىزكى، فىرئەۋن ئىلاھلىق دەۋاسى قىلىش. ئادەملىرى ئۇنىڭغا چوقۇنۇش، فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى زومىگەرلىك قىلىش بىلەن ھەقىقەتەن توغرا يولدىن چىقتى». ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بەرگەن بۇ «توققۇز مۆجىزە»، ھاسىسىنىڭ يىلانغا ئايلىنىشى، قولىنىڭ قوينىدىن ئاپئاق چىقىشى، قۇرغاقچىلىق ۋە قەھەتچىلىك ئاپەتلىرى، كەلكۈن، چېكەتكە ، پىت، پاقا ۋە قان بالالىلىرى قاتارلىق توققۇز مۆجىزىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇلار فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە كۆرسىتىلگەن مۆجىزىلەردۇر. ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا مەزكۇر توققۇز مۆجىزىدىن باشقا يەنە بىرقانچە مۆجىزە بەرگەن بولۇپ، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى بەنى ئىسرائىلغا كۆرسەتكەن. ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئەنە شۇ ئىككى چوڭ مۆجىزىنى بېرىپ، ئۇنى فىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىشقا بۇيرۇيدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن، ئۆزىنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى ئۆزىگە ياردەمچى پەيغەمبەر قىلىپ بېرىشنى تىلەيدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بۇ تىلىكىنى ئىجابەت قىلىدۇ، نەتىجىدە مۇسا ۋە ھارۇن - ئىككى قېرىنداش ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن ئىككى پەيغەمبەر سۈپىتىدە فىرئەۋننىڭ يېنىغا بارىدۇ ۋە ئۇنى توغرا يولغا دەۋەت قىلىدۇ. 13 - ۋە 14 - ئايەتلەر ئۇ زالىملارنىڭ مۆجىزلەرگە قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلَمَّا جَاءَتْهُمْ آيَاتُنَا مُبْصِرَةً قَالُوا هَٰذَا سِحْرٌ مُبِينٌ
ئۇلارغا بىزنىڭ نۇرغۇن روشەن ئايەتلىرىمىز نازىل بولغان چاغدا، ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز نازىل بولغان چاغدا، ئۇلار: «بۇ روشەن سېھىردۇر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ھەقنى كۆرسىتىدىغان مۆجىزىلىرىمىز ئۇلارغا كەلگەندە، ئۇلار: «بۇ ئوچۇق - ئاشكارا سېھىردۇر» دېيىشتى. — ئەنەس ئالىم
مۇسا بىلەن ھارۇن ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىدىغان مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ يېنىغا كەلگەن ۋە ئۇ مۆجىزىلەرنى ئۇلارغا كۆرسەتكەن ئىدى، ئۇلار «بۇ ئوچۇق - ئاشكارا سېھىردۇر» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَجَحَدُوا بِهَا وَاسْتَيْقَنَتْهَا أَنْفُسُهُمْ ظُلْمًا وَعُلُوًّا ۚ فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُفْسِدِينَ
ئۇلار ئۇ ئايەتلەرنى ئىچىدە ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ئۇلار ئۇنى زۇلۇم ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىش يۈزىسىدىن ئىنكار قىلدى. بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئۇ ئايەتلەرنى ئىچىدە ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا زۇلۇم ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىش يۈزىسىدىن تاندى. بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئىچىدە ئۇ مۆجىزىلەرگە قەتئىي ئىشىنىپ تۇرۇپ، زالىملىقىدىن ۋە ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقانلىقىدىن ئۇلارنى ئىنكار قىلدى. قارىغىنا، ئۇ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار ئۇ مۆجىزىلەرنى زالىملىقىدىن ۋە ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقانلىقتىن ئىنكار قىلدى. ھالبۇكى، ئۇلار مۆجىزىلەرنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە، ئۇلارنى ئېلىپ كېلىپ كۆرسەتكەن مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە دىللىرىدا جەزمەن ئىشىنەتتى. ئى مۇھەممەد! قارىغىنا، ئۇ ئىنكارچى ۋە بۇزغۇنچى ئادەملەرنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؛ ھەممىسى ھالاك قىلىندى، پەيغەمبەرگە قارشى چىققانلارنىڭ ئاقىۋىتى ئەنە شۇنداق بولىدۇ. بۇ ئىككى ئايەتتە مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارنىڭ فىرئەۋننىڭ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ يېنىغا تۇنجى قېتىم بېرىپ ئۇلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلغانلىقىدىن باشلاپ، فىرئەۋننىڭ ئۆز قوشۇنلىرى بىلەن ھالاك قىلىنىدىغانغا قەدەر بولغان جەريان خۇلاسىلىنىدۇ. باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بۇ جەرياننىڭ تەپسىلاتى بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَقَدْ آتَيْنَا دَاوُودَ وَسُلَيْمَانَ عِلْمًا ۖ وَقَالَا الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي فَضَّلَنَا عَلَىٰ كَثِيرٍ مِنْ عِبَادِهِ الْمُؤْمِنِينَ
بىز ھەقىقەتەن داۋۇدقا، سۇلايمانغا (دۇنيا ۋە دىن ئىلىملىرىدىن كەڭ) ئىلىم ئاتا قىلدۇق، ئۇلار ئېيتتى: «جىمى ھەمدۇسانا بىزنى نۇرغۇن بەندىلىرىدىن ئارتۇق قىلغان ئاللاھقا خاستۇر!» — مۇھەممەد سالىھ
بىز ھەقىقەتەن داۋۇدقا، سۇلايمانغا ئىلىم ئاتا قىلدۇق، ئۇلار ئېيتتى: «ھەمدۇسانا بىزنى نۇرغۇن مۇئمىن بەندىلىرىدىن ئارتۇق قىلغان ئاللاھقا خاستۇر!» — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز داۋۇدقا ۋە سۇلەيمانغا ئىلىم ئاتا قىلدۇق. ئۇ ئىككىسى: «بىزنى مۇئمىن بەندىلىرىنىڭ تولىسىدىن ئۈستۈن قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز داۋۇد ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلەيمانغا ئىلىم ئاتا قىلغان ئىدۇق. ئۇلار نېمەتلىرىمىزگە شۈكۈر قىلىپ: «بىزنى مۇئمىن بەندىلىرىنىڭ تولىسىدىن ئۈستۈن قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!» دەپ بىزگە شۈكۈر ئېيتقان ئىدى. ئەسكەرتىش: بۇ ئىككى پەيغەمبەرنىڭ قىسسەلىرىنىڭ خۇلاسىسى ئىلگىرى ئۆتكەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بايان قىلىندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَوَرِثَ سُلَيْمَانُ دَاوُودَ ۖ وَقَالَ يَا أَيُّهَا النَّاسُ عُلِّمْنَا مَنْطِقَ الطَّيْرِ وَأُوتِينَا مِنْ كُلِّ شَيْءٍ ۖ إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ الْفَضْلُ الْمُبِينُ
سۇلايمان (پەيغەمبەرلىكتە، ئىلىمدە، پادىشاھلىقتا ئاتىسى) داۋۇدقا ۋارىسلىق قىلدى. ئۇ: «ئى ئىنسانلار! بىزگە قۇشلارنىڭ تىلى تەلىم بېرىلدى. (دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) ھەممە نەرسە ئاتا قىلىندى، بۇ ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ) روشەن ئېھسانىدۇر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
سۇلايمان داۋۇدقا ۋارىسلىق قىلدى. ئۇ: «ئى ئىنسانلار! بىزگە قۇشلارنىڭ تىلى تەلىم بېرىلدى ۋە ھەممە نەرسىدىن ئاتا قىلىندى، شۈبھىسىزكى، بۇ ئەلۋەتتە روشەن ئېھساندۇر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
سۇلەيمان داۋۇدقا ۋارىس بولدى ۋە مۇنداق دېدى: «ئى ئىنسانلار! بىزگە قۇشلارنىڭ تىلى ئۆگىتىلدى، بىزگە ھەر نەرسىدىن بېرىلدى. بۇ ئاشكارا ئىلتىپاتتۇر». — ئەنەس ئالىم
سۇلەيمان ئاتىسى داۋۇدقا ئىلىم، پەيغەمبەرلىك ۋە پادىشاھلىقتا ۋارىس بولدى. ئۇ بىر كۈنى قەۋمىگە مۇنداق دېدى: «ئى ئىنسانلار! بىزگە ئاللاھ تەرىپىدىن قۇشلارنىڭ تىلى ئۆگىتىلدى ۋە ئېھتىياجلىق ھەر نەرسىدىن بېرىلدى. بۇ نېمەتلەر ئاللاھنىڭ بىزگە ئالاھىدە ئاتا قىلغان ئاشكارا ئىلتىپاتىدۇر، ئېنىق ئېھسانىدۇر، روشەن ياخشىلىقىدۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَحُشِرَ لِسُلَيْمَانَ جُنُودُهُ مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ وَالطَّيْرِ فَهُمْ يُوزَعُونَ
سۇلايماننىڭ جىنلاردىن، ئىنسانلاردىن ۋە قۇشلاردىن بولغان قوشۇنلىرى توپلاندى (سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئالدىدا دەبدەبە بىلەن ماڭاتتى). ئۇلار تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى — مۇھەممەد سالىھ
سۇلايماننىڭ جىنلاردىن، ئىنسانلاردىن ۋە قۇشلاردىن بولغان قوشۇنلىرى توپلاندى ئۇنىڭ ئۈچۈن توپلاندى، ئۇلار تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
سۇلەيماننىڭ جىنلاردىن، ئىنسانلاردىن ۋە قۇشلاردىن بولغان قوشۇنلىرى ھۇزۇرىدا توپلىنىپ، قىسىملارغا ئايرىلغان ئىدى. — ئەنەس ئالىم
بىر كۈنى سۇلەيماننىڭ سەپىرى ئۈچۈن ئۇنىڭ جىنلاردىن، ئىنسانلاردىن ۋە قۇشلاردىن تەركىب تاپقان قوشۇنلىرى ھۇزۇرىدا توپلاندى، ئۇلار تولۇق قوراللانغان ھالەتتە قىسىملارغا ئايرىلىپ ئىنتىزاملىق شەكىلدە ئېلىپ مېڭىلغان ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
حَتَّىٰ إِذَا أَتَوْا عَلَىٰ وَادِ النَّمْلِ قَالَتْ نَمْلَةٌ يَا أَيُّهَا النَّمْلُ ادْخُلُوا مَسَاكِنَكُمْ لَا يَحْطِمَنَّكُمْ سُلَيْمَانُ وَجُنُودُهُ وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
ئۇلار (شامدىكى بىر) چۈمۈلىلەر ۋادىسىغا يېتىپ كەلگەندە، بىر (چىشى) چۈمۈلە ئېيتتى: «ئى چۈمۈلىلەر! ئۇۋىلىرىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى ئۇقماستىن سىلەرنى يەنچىۋەتمىسۇن» — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار چۈمۈلىلەر ۋادىسىغا يېتىپ كەلگەندە، بىر چۈمۈلە ئېيتتى: «ئى چۈمۈلىلەر! ئۇۋىلىرىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى ئۇقماستىن سىلەرنى يەنچىۋەتمىسۇن» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئىنتىزاملىق ھالدا مېڭىپ، چۈمۈلىلەر ۋادىسىغا كەلگەندە، بىر چىشى چۈمۈلە مۇنداق دېدى: «ئى چۈمۈلىلەر! ئۇۋىلىرىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، سۇلەيمان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى تۇيماستىن سىلەرنى ئېزىۋەتمىسۇن». — ئەنەس ئالىم
ئۇلار شۇنداق مېڭىپ چۈمۈلىلەر ۋادىسىغا كەلگەندە، بىر چۈمۈلە مۇنداق دېدى: «ئى چۈمۈلىلەر! ئۇۋىلىرىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، سۇلەيمان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى بۇ يەردە بارلىقىڭلارنى بىلمەستىن سىلەرنى يانجىپ ئۆلتۈرۈۋەتمىسۇن». ئەسكەرتىش: بۇ ئايەت سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنىڭ بىر تەرىپىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، بىرەر خەتەرگە يولۇقۇش ئالدىدا تۇرغانلارنىڭ ئۇ خەتەرگە قارشى ئالدىنئالا تەدبىر ئېلىشىنىڭ لازىملىقىغىمۇ ئىشارەت قىلىدۇ. ئۇ تەدبىر، ھەممەيلەننىڭ خەتەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆيلىرىگە كىرىۋېلىشىدىن ئىبارەتتۇر. بۇنى تۆۋەندىكى ھەدىسلەر تەكىتلەيدۇ: رىۋايەت قىلىنىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «بىرەر جايدا ۋابا يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىساڭلار، ئۇ جايغا كىرمەڭلار، ئۇ يەردە بولساڭلار چىقماڭلار». «زىيان سېلىشقا ۋە زىيان تارتىشقا بولمايدۇ»، «جۇزام (ماخاۋ) كېسىلىدىن، يولۋاستىن قاچقاندەك قاچقىن». سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ بەزى كېسەللەرنى كارانتىن قىلىشقا بۇيرۇشىمۇ ئەنە شۇ تەدبىرنىڭ بىر تۈرىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَتَبَسَّمَ ضَاحِكًا مِنْ قَوْلِهَا وَقَالَ رَبِّ أَوْزِعْنِي أَنْ أَشْكُرَ نِعْمَتَكَ الَّتِي أَنْعَمْتَ عَلَيَّ وَعَلَىٰ وَالِدَيَّ وَأَنْ أَعْمَلَ صَالِحًا تَرْضَاهُ وَأَدْخِلْنِي بِرَحْمَتِكَ فِي عِبَادِكَ الصَّالِحِينَ
سۇلايمان چۈمۈلىنىڭ سۆزىدىن تەبەسسۇم قىلىپ كۈلدى ۋە ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! سەن مېنى ماڭا ۋە ئاتا ـ ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشقا، سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەلنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، رەھمىتىڭ بىلەن مېنى ياخشى بەندىلىرىڭ قاتارىغا كىرگۈزگىن» — مۇھەممەد سالىھ
سۇلايمان چۈمۈلىنىڭ سۆزىدىن تەبەسسۇم قىلىپ كۈلدى ۋە ئېيتتى: «رەببىم! سەن مېنى ماڭا ۋە ئاتا ـ ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشقا، سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەلنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، رەھمىتىڭ بىلەن مېنى ياخشى بەندىلىرىڭ قاتارىغا كىرگۈزگىن» — تەرجىمە ھەيئىتى
سۇلەيمان چۈمۈلىنىڭ بۇ سۆزىدىن تەبەسسۇم قىلىپ كۈلدى ۋە مۇنداق دېدى: «رەببىم! مېنى، ماڭا ۋە ئاتا - ئانامغا ئىنئام قىلغان نېمىتىڭگە شۈكۈر ئېيتىشقا، سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەلنى قىلىشقا قىزىقتۇرغىن. مېنى ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن ياخشى بەندىلىرىڭ قاتارىغا كىرگۈزگىن». — ئەنەس ئالىم
سۇلەيمان چۈمۈلىنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ چۈشەندى، ئۇنىڭ ئېھتىياتچانلىقى ۋە ئۆز خەلقىگە بولغان كۆيۈمچانلىقى، ئۆزىنىڭ ھايۋانلار ئارىسىدا نامىنىڭ مەشھۇرلۇقى، ئۆزىنىڭ ۋە قوشۇنلىرىنىڭ شەپقەتلىك بولۇش بىلەن بىلىنىدىغانلىقى قاتارلىقلار سەۋەبلىك كۈلۈپ تەبەسسۇم قىلدى، چۈنكى چۈمۈلىنىڭ «سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى بىلمەستىن سىلەرنى يانجىۋەتمىسۇن» دېگەن مەنىدىكى سۆزى، «ئۇلار سىلەرنىڭ بۇ يەردە بارلىقىڭلارنى پەرق ئەتسە ھەرگىزمۇ يانجىۋەتمەيدۇ، ئۇلار تەقۋادار، ھېچبىر جانلىققا زىيان سالمايدىغان ياخشى ئادەملەر» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيتتى. سۇلەيمان چۈمۈلىنىڭ سۆزىدىكى بۇ مەنىلەرنى چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئالاھىدە ئىلتىپات قىلىپ ئۆزىگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ھېس قىلىپ مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئى مېنى يوقتىن ياراتقان، ماڭا پەيغەمبەرلىك ۋە پادىشاھلىق ئاتا قىلغان ئىگەم - ئاللاھ! سەن ماڭا ۋە ئاتا - ئانامغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىڭگە شۈكۈر قىلىشنى، سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەلنى قىلىشنى كۆڭلۈمگە سالغىن؛ مېنى بۇ ئىشلارغا قىزىقتۇرغىن ۋە مۇيەسسەر قىلغىن. مېنى ئۆز ئىلتىپاتىڭ بىلەن ياخشى بەندىلىرىڭنىڭ قاتارىغا قوشقىن، يارەب!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَتَفَقَّدَ الطَّيْرَ فَقَالَ مَا لِيَ لَا أَرَى الْهُدْهُدَ أَمْ كَانَ مِنَ الْغَائِبِينَ
ئۇ قۇشلارنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئېيتتى: «ماڭا نېمە بولدى؟ ھۆپۆپنى كۆرمەيمەنغۇ! ياكى ئۇ يوقاپ كەتتىمۇ.(ئىزاھات:سۇلايمان ئەلەيھىسسالام قوشۇنى بىلەن چۈمۈلىلەر ۋادىسىدىن ئايرىلىپ سۇسىز بىر قاقاس چۆلگە كېلىپ چۈشتى، قوشۇنى تەشنا بولۇپ ئۇنىڭدىن سۇ سورىدى، ھۆپۈپ سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا سۇ بار جاينى تېپىپ بېرەتتى. شۇ كۈنى ئۇ ھۆپۈپنى ئىزدەپ تاپالمىدى.) — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ قۇشلارنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئېيتتى: «ماڭا نېمە بولدى؟ ھۆپۆپنى كۆرمەيمەنغۇ! يا ئۇ يوقاپ كەتكەنلەردىن بولدىمۇ[1] — تەرجىمە ھەيئىتى
سۇلەيمان قۇشلارنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە مۇنداق دېدى: «ماڭا نېمە بولدىكىن، ھۆپۈپنى كۆرمەيۋاتىمەنغۇ! ياكى ئۇ غايىب بولغۇچىلاردىن بولدىمۇ؟ — ئەنەس ئالىم
(20-21) سۇلەيمان قۇشلارنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆپۈپنى كۆرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئەجەبلىنىپ ئېيتتى: «ھۆپۈپنى كۆرمەيۋاتىمەنغۇ! ئۇ ئارىمىزدا بولۇپ مەن كۆرەلمىدىممۇ، ياكى ئۇ يوقاپ كەتتىمۇ؟! ناۋادا ئۇ يوقاپ كەتكەن بولسا ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئۇ يوقاپ كەتكەنلىكىگە ئۆزرىسى بارلىقىنى روشەن دەلىل كەلتۈرۈپ ئىسپاتلىيالمىسا، ئۇنى قاتتىق ئازابلايمەن ياكى بوغۇزلاپ تاشلايمەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَأُعَذِّبَنَّهُ عَذَابًا شَدِيدًا أَوْ لَأَذْبَحَنَّهُ أَوْ لَيَأْتِيَنِّي بِسُلْطَانٍ مُبِينٍ
ئۇنى چوقۇم قاتتىق جازالايمەن، يا ئۇنى چوقۇم بوغۇزلايمەن، يا چوقۇم (يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئاقلايدىغان) بىر روشەن دەلىل كەلتۈرىدۇ» — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنى چوقۇم قاتتىق جازالايمەن؛ يا ئۇنى چوقۇم بوغۇزلايمەن ياكى چوقۇم بىر روشەن دەلىل كەلتۈرىدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇنى چوقۇم قاتتىق ئازابلايمەن ياكى ئۇنى چوقۇم بوغۇزلىۋېتىمەن ياكى ئۇ ماڭا چوقۇم روشەن دەلىل كەلتۈرىدۇ». — ئەنەس ئالىم
-
فَمَكَثَ غَيْرَ بَعِيدٍ فَقَالَ أَحَطْتُ بِمَا لَمْ تُحِطْ بِهِ وَجِئْتُكَ مِنْ سَبَإٍ بِنَبَإٍ يَقِينٍ
ئۇزاق ئۆتمەي ھۆپۈپ كەلدى، ئۇ ئېيتتى: «مەن سەن بىلمىگەن ئىشنى بىلىپ (كەلدىم)، ساڭا مەن سەبەدىن (يەنى يەمەندىكى سەبە شەھرىدىن) مۇھىم بىر خەۋەر ئېلىپ كەلدىم — مۇھەممەد سالىھ
ئۇزاق ئۆتمەي ھۆپۆپ كېلىپ: «مەن سەن بىلمىگەن ئىشنى بىلىپ كەلدىم ۋە ساڭا مەن سەبەدىن مۇھىم بىر خەۋەر ئېلىپ كەلدىم — تەرجىمە ھەيئىتى
ھۆپۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كېلىپ مۇنداق دېدى: «سەن ئەتراپلىق بىلمىگەن بىر نەرسىنى مەن ئەتراپلىق بىلدىم ۋە ساڭا سەبەئدىن توغرا خەۋەر ئېلىپ كەلدىم: — ئەنەس ئالىم
ھۆپۈپنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، ئۇ يېقىن بىر يەردە قوشۇندىن ئايرىلىپ قالغان ئىدى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا كېلىپ سۇلەيمانغا مۇنداق دېدى: «سەن بىلمىگەن بىر نەرسىنى مەن بىلدىم ۋە ساڭا سەبەئـ مەملىكىتىدىن مۇھىم ۋە ئىشەنچلىك خەۋەر ئېلىپ كەلدىم: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنِّي وَجَدْتُ امْرَأَةً تَمْلِكُهُمْ وَأُوتِيَتْ مِنْ كُلِّ شَيْءٍ وَلَهَا عَرْشٌ عَظِيمٌ
مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا (يەنى سەبە ئاھالىسىگە) بىر ئايالنىڭ (يەنى بىلقىسنىڭ) پادىشاھلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇنىڭغا (ئۆزىگە ۋە سەلتەنەتىگە كېرەكلىك) ھەممە نەرسە بېرىلگەن ئىكەن، ئۇ چوڭ تەختكە ئىگە ئىكەن — مۇھەممەد سالىھ
مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا پادىشاھلىق قىلىۋاتقان بىر ئايالنى كۆردۈم، ئۇنىڭغا ھەممە نەرسىدىن بېرىلگەن ئىكەن، ئۇنىڭ چوڭ بىر تەختى بار ئىكەن — تەرجىمە ھەيئىتى
مەن ئۇ يەرنىڭ ئاھالىسىگە پادىشاھلىق قىلىۋاتقان بىر ئايالنى ئۇچراتتىم، ئۇنىڭغا ھەر نەرسىدىن بېرىلگەن ئىكەن، ئۇنىڭ چوڭ تەختى بار ئىكەن. — ئەنەس ئالىم
(23-26) مەن ئۇ يەرنىڭ ئاھالىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان، كۈچلۈك بىر پادىشاھقا كېرەكلىك بولغان ھەر نەرسىدىن بېرىلگەن ۋە چوڭ تەختى بولغان بىر ئايالنى ئۇچراتتىم. بايقىشىمچە، ئۇ ئايال ۋە ئۇ ئايالنىڭ قەۋمى قۇياشقا چوقۇنىدىكەن، ئاللاھقا چوقۇنمايدىكەن. شەيتان ئۇلارغا ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ، ئۇلارنى توغرا يولدىن توسۇپتۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ھىدايەت تاپالمايۋېتىپتۇ؛ ئۇلار ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى سىرلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان، سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا قىلىۋاتقان پۈتۈن قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھقا سەجدە قىلمايۋېتىپتۇ. ئاللاھ يەككە - يېگانە ئىلاھتۇر، ئاللاھتىن باشقا چوقۇنۇلۇشقا لايىق ھېچكىم ۋە ھېچ نەرسە يوقتۇر. ئاللاھ بۈيۈك ئەرشنىڭ رەببىدۇر؛ كائىناتتا مۇتلەق ھاكىمىيەت ۋە ھەقىقىي سەلتەنەت ئىگىسىدۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَجَدْتُهَا وَقَوْمَهَا يَسْجُدُونَ لِلشَّمْسِ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَزَيَّنَ لَهُمُ الشَّيْطَانُ أَعْمَالَهُمْ فَصَدَّهُمْ عَنِ السَّبِيلِ فَهُمْ لَا يَهْتَدُونَ
ئۇنىڭ ۋە قەۋمىنىڭ ئاللاھنى قويۇپ قۇياشقا چوقۇنىدىغانلىقىنى بايقىدىم، شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى (يەنى ئاللاھنى قويۇپ، قۇياشقا چوقۇنغانلىقلىرىنى) چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارنى توغرا يولدىن توستى، ئۇلار ھىدايەت تاپمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
مەن ئۇنىڭ ۋە قەۋمىنىڭ ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن قۇياشقا چوقۇنىدىغانلىقىنى بايقىدىم، شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ، ئۇلارنى توغرا يولدىن توساپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار توغرا يولنى تاپالمايۋېتىپتۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بايقىشىمچە، ئۇ ۋە ئۇنىڭ قەۋمى ئاللاھنى قويۇپ قۇياشقا سەجدە قىلىدىكەن. شەيتان ئۇلارغا ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ، ئۇلارنى توغرا يولدىن توسۇپتۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار ھىدايەت تاپالمايۋېتىپتۇ، — ئەنەس ئالىم
-
أَلَّا يَسْجُدُوا لِلَّهِ الَّذِي يُخْرِجُ الْخَبْءَ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَيَعْلَمُ مَا تُخْفُونَ وَمَا تُعْلِنُونَ
ئۇلار ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى سىرلارنى ئاشكارىلىغۇچى، سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھقا سەجدە قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
يەنە ئۇلار ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى سىرلەرنى ئاشكارىلىغۇچى، سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھقا سەجدە قىلمايۋېتىپتۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى سىرلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان، سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا قىلىۋاتقان پۈتۈن قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھقا سەجدە قىلمايۋېتىپتۇ. — ئەنەس ئالىم
-
اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ ۩
ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ رەببىدۇر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ يەككە - يېگانە ئىلاھتۇر، بۈيۈك ئەرشنىڭ رەببىدۇر». — ئەنەس ئالىم
-
قَالَ سَنَنْظُرُ أَصَدَقْتَ أَمْ كُنْتَ مِنَ الْكَاذِبِينَ
سۇلايمان ئېيتتى: «سەن راست دەۋاتامسەن، يا يالغانمۇ؟ قارايمىز — مۇھەممەد سالىھ
سۇلايمان ئېيتتى: «سەن راست دەۋاتامسەن، يا يالغانچىلاردىنمۇسەن؟ قارايمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
سۇلەيمان مۇنداق دېدى: «راست سۆزلىدىڭمۇ ياكى يالغانچىلاردىن بولدۇڭمۇ؟ كۆرىمىز. — ئەنەس ئالىم
(27-28) سۇلەيمان ھۆپۈپنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا: «راست ئېيتتىڭمۇ ياكى جازالىشىمدىن قورقۇپ يالغان ئېيتتىڭمۇ؟ قاراپ باقىمىز» دېدى، ئاندىن ئۇ مەلىكىگە بىر پارچە خەت يازدى ۋە ھۆپۈپكە: «بۇ خېتىمنى ئېلىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا تاشلىغىن، ئاندىن ئۇلاردىن يىراقلىشىپ بىر چەتتە تۇرغىن، ئۇلار خېتىم ھەققىدە نېمە دېيىشىدۇ ۋە قانداق جاۋاب قايتۇرىدۇ؟ كۆزەتكىن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
اذْهَبْ بِكِتَابِي هَٰذَا فَأَلْقِهْ إِلَيْهِمْ ثُمَّ تَوَلَّ عَنْهُمْ فَانْظُرْ مَاذَا يَرْجِعُونَ
بۇ خېتىمنى ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا تاشلىغىن، ئاندىن ئۇلاردىن نېرىراق (جايدا يوشۇرۇنۇپ) تۇر، ئۇلارنىڭ قانداق جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقىغا قارىغىن» — مۇھەممەد سالىھ
بۇ خېتىمنى ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا تاشلىغىن، ئاندىن ئۇلاردىن نېرىراق تۇر، ئۇلارنىڭ قانداق جاۋاپ قايتۇرىدىغانلىقىغا قارىغىن» — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ خېتىمنى ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا تاشلىغىن، ئاندىن ئۇلاردىن يىراقلىشىپ نېمە دېيىشىدىغانلىقىغا قارىغىن». — ئەنەس ئالىم
-
قَالَتْ يَا أَيُّهَا الْمَلَأُ إِنِّي أُلْقِيَ إِلَيَّ كِتَابٌ كَرِيمٌ
ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: «ئى ئۇلۇغلار! ماڭا ھەقىقەتەن سۇلايماندىن بىر پارچە قىممەتلىك خەت كەلدى. (ئۇنىڭ مەزمۇنى شۇكى) ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ -بىلقىس- ئېيتتى: «ئى ئۇلۇغلار! ماڭا ھەقىقەتەن بىر پارچە قىممەتلىك خەت كەلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ مەلىكە مۇنداق دېدى: «ئى دۆلەت ئەركانلىرى! ماڭا ناھايىتى قىممەتلىك بىر پارچە خەت تاشلاندى. — ئەنەس ئالىم
(29-31) ھۆپۈپ سۇلەيماننىڭ خېتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، بۇيرۇلغان بويىچە ئۇنى ئېلىپ بېرىپ مەلىكىنىڭ ئالدىغا تاشلىدى، مەلىكە خەتنى ئېچىپ ئوقۇدى ۋە خەتنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە كېڭىشىش ئۈچۈن دەرھال دۆلەتنىڭ كېڭەش ئەزالىرىنى ۋە ئاھالىنىڭ مۆتىۋەرلىرىنى چاقىرتىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «ئى جانابلار! ماڭا ناھايىتى قىممەتلىك بىر پارچە خەت تاشلاندى. ئۇ خەت سۇلەيماندىن كەلدى ۋە مۇنداق يېزىلغان ئىكەن: ‹بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم. ماڭا ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار، تەسلىم بولۇپ يېنىمغا كېلىڭلار›». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّهُ مِنْ سُلَيْمَانَ وَإِنَّهُ بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: «ئى ئۇلۇغلار! ماڭا ھەقىقەتەن سۇلايماندىن بىر پارچە قىممەتلىك خەت كەلدى. (ئۇنىڭ مەزمۇنى شۇكى) ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن — مۇھەممەد سالىھ
خەت سۈلايماندىن بولۇپ، ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلانغان — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ خەت سۇلەيماندىن كەلدى ۋە مۇنداق يېزىلغان ئىكەن: ‹بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم. — ئەنەس ئالىم
-
أَلَّا تَعْلُوا عَلَيَّ وَأْتُونِي مُسْلِمِينَ
سىلەر ماڭا ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار، مېنىڭ ئالدىمغا مۇسۇلمان بولغان ھالدا كېلىڭلار» — مۇھەممەد سالىھ
-ئۇنىڭدا- سىلەر ماڭا ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار، مېنىڭ ئالدىمغا تەسلىم بولغان ھالدا كېلىڭلار» دېيىلىپتۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ماڭا ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار، تەسلىم بولۇپ يېنىمغا كېلىڭلار›». — ئەنەس ئالىم
-
قَالَتْ يَا أَيُّهَا الْمَلَأُ أَفْتُونِي فِي أَمْرِي مَا كُنْتُ قَاطِعَةً أَمْرًا حَتَّىٰ تَشْهَدُونِ
ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: «ئى ئۇلۇغلار! مېنىڭ (بۇ) ئىشىمدا مەسلىھەت بېرىڭلار، سىلەرنى ئۈستىدە قويماي تۇرۇپ ھېچ ئىشنى بېكىتكىنىم يوق» — مۇھەممەد سالىھ
بىلقىس ئېيتتى: «ئى ئۇلۇغلار! مېنىڭ بۇ ئىشىمدا ماڭا مەسلىھەت بېرىڭلار، مەن سىلەرنى شاھىت قىلماي تۇرۇپ ھېچ ئىشنى بېكىتكىنىم يوق» — تەرجىمە ھەيئىتى
مەلىكە يەنە: «ئى دۆلەت ئەركانلىرى! ماڭا يول كۆرسىتىڭلار، نېمە قىلىشىم كېرەك؟ مەن ھازىرغىچە سىلەر بىلەن كېڭەشمەستىن ھېچبىر ئىش توغرىسىدا كەسكىن قارار بەرمىدىم» دېدى. — ئەنەس ئالىم
مەلىكە يىغىلغان ئەربابلارغا سۇلەيماننىڭ خېتىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئۇلارغا: «ئى جانابلار! خەتنىڭ مەزمۇنىدىن ۋاقىپ بولدۇڭلار، مەن دۇچ كەلگەن بۇ مۇھىم ئىش توغرۇلۇق پىكىر بايان قىلىڭلار، ماڭا يول كۆرسىتىڭلار، سىلەرنىڭچە مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ مەن ھازىرغىچە سىلەر بىلەن يىغىلىپ ئۆزئارا كېڭەشمەستىن ھېچبىر ئىش توغرىسىدا كەسكىن قارار بەرمىدىم. بۇ ئىش توغرۇلۇقمۇ ئورتاق قارار بېرەيلى، مەن شۇ بويىچە ئىش قىلاي» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالُوا نَحْنُ أُولُو قُوَّةٍ وَأُولُو بَأْسٍ شَدِيدٍ وَالْأَمْرُ إِلَيْكِ فَانْظُرِي مَاذَا تَأْمُرِينَ
ئۇلار ئېيتتى: «بىز كۈچلۈك ۋە جەڭگىۋارمىز، ئىش سېنىڭ ئىختىيارىڭدىدۇر، (بىزنى) نېمىگە بۇيرۇيدىغانلىقىڭنى (ئويلاپ) كۆرگىن» — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئېيتتى: «بىز كۈچلۈك ۋە جەڭگىۋارمىز، ئىش سېنىڭ ئىختىيارىڭدىدۇر، بىزنى نېمىگە بۇيرۇيدىغانلىقىڭنى ئويلاپ كۆرگىن» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «بىز كۈچلۈك ۋە جەڭگىۋار خەلقمىز، ھوقۇق سىزدە، نېمىگە بۇيرۇيدىغانلىقىڭىزنى ئۆزىڭىز ئويلاپ كۆرۈڭ» دېدى. — ئەنەس ئالىم
يىغىلغان دۆلەت ئەركانلىرى، كېڭەش ئەزالىرى ۋە ئاھالە مۆتىۋەرلىرى مەلىكىنىڭ سۆزىگە: «بىز كۈچلۈك ۋە جەڭگىۋار خەلقمىز؛ ئەسكەر ۋە قورال - ياراقلىرىمىز تولۇق، كۈرەش قىلىش روھىغا ئىگە خەلقمىز، ئۇرۇشتىن قورقمايمىز، زۆرۈر تېپىلسا ئۇرۇشىمىز. لېكىن ھوقۇق سىزدە، سىز نېمىگە بۇيرۇيدىغانلىقىڭىزنى ئۆزىڭىز ئويلاپ كۆرۈڭ، بىز بۇيرۇقىڭىزغا بويسۇنىمىز ۋە ئىجرا قىلىمىز» دەپ جاۋاب بەردى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَتْ إِنَّ الْمُلُوكَ إِذَا دَخَلُوا قَرْيَةً أَفْسَدُوهَا وَجَعَلُوا أَعِزَّةَ أَهْلِهَا أَذِلَّةً ۖ وَكَذَٰلِكَ يَفْعَلُونَ
ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى، پادىشاھلار بىرەر شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرسە، ئۇنى خاراب قىلىدۇ، شەھەرنىڭ مۆتىۋەر ئادەملىرىنى (ئۆلتۈرۈش، ئەسىرگە ئېلىش ۋە سۈرگۈن قىلىش بىلەن) خار قىلىدۇ، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بىلقىس ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى، پادىشاھلار بىرەر شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرسە، ئۇنى خاراب قىلىدۇ، شەھەرنىڭ مۆتىۋەر ئادەملىرىنى خار قىلىدۇ، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
مەلىكە مۇنداق دېدى: «شۈبھىسىزكى، پادىشاھلار بىرەر يۇرتقا كىرسە ئۇ يەرنى بۇزىدۇ ۋە ئۇ يەرنىڭ ئەزىز كىشىلىرىنى خار قىلىدۇ. ئۇلارمۇ شۇنداق قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
(34-35) مەلىكە تەمكىنلىك بىلەن ئۆزىنىڭ سۈلھىلىشىش تەرەپتارى بولغانلىقى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «شۈبھىسىزكى، پادىشاھلار بىرەر يۇرتقا قوشۇن باشلاپ كىرسە ئۇ يەرنى بۇزۇپ خارابىگە ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ ۋە ئۇ يەرنىڭ ئەزىز ئادەملىرىنى خار ئادەملەر ھالىتىگە كەلتۈرىدۇ. ماڭا خەت يوللىغان بۇ ئادەملەرمۇ شۇنداق قىلىدۇ؛ ناۋادا ئۇلار مەملىكىتىمىزگە ھۇجۇم بىلەن كىرىپ قالسا شەھەرلىرىمىزنى خارابە، بىزنى خار قىلىۋېتىدۇ. شۇڭلاشقا مەن ئۇلار بىلەن سۈلھى ۋە تىنچلىق ئىچىدە بولۇشنى خالايمەن، ئۇلارغا سوۋغات بىلەن ئەلچىلەر ئەۋەتىمەن ۋە ئەلچىلەرنىڭ قانداق جاۋاب ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا قارايمەن، ئەلچىلەر ئېلىپ كەلگەن جاۋابقا قاراپ ئىش تۇتۇشنى مۇۋاپىق كۆرىمەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنِّي مُرْسِلَةٌ إِلَيْهِمْ بِهَدِيَّةٍ فَنَاظِرَةٌ بِمَ يَرْجِعُ الْمُرْسَلُونَ
مەن چوقۇم ئۇلارغا سوۋغا ئەۋەتىمەن، ئەلچىلەرنىڭ نېمە خەۋەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا قارايمەن» — مۇھەممەد سالىھ
مەن چوقۇم ئۇلارغا سوۋغا ئەۋەتىمەن، ئاندىن ئەلچىلەرنىڭ نېمە خەۋەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا قارايمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى
مەن ئۇلارغا سوۋغات ئەۋەتىمەن ۋە ئەلچىلەرنىڭ قانداق جاۋاب ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا قارايمەن». — ئەنەس ئالىم
-
فَلَمَّا جَاءَ سُلَيْمَانَ قَالَ أَتُمِدُّونَنِ بِمَالٍ فَمَا آتَانِيَ اللَّهُ خَيْرٌ مِمَّا آتَاكُمْ بَلْ أَنْتُمْ بِهَدِيَّتِكُمْ تَفْرَحُونَ
ئەلچى سۇلايماننىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلگەندە، سۇلايمان ئېيتتى: «سىلەر ماڭا مال بىلەن ياردەم قىلماقچىمۇ؟ ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەنلىرى سىلەرنىڭ بەرگەنلىرىڭلاردىن ياخشىدۇر، بەلكى سىلەر سوۋغاڭلار بىلەن كۆرەڭلەپ كېتىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
ئەلچى سۇلايماننىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلگەندە، سۇلايمان ئېيتتى: «سىلەر ماڭا مال بىلەن ياردەم قىلماقچىمۇ؟ ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەنلىرى سىلەرنىڭ بەرگەنلىرىڭلاردىن ياخشىدۇر، بەلكى سىلەر سوغاڭلار بىلەن خۇشال بولۇسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەلچى سۇلەيماننىڭ ھۇزۇرىغا كەلگەندە، سۇلەيمان مۇنداق دېدى: «سىلەر ماڭا ئىقتىسادىي ياردەم قىلماقچىمۇ؟ ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگىنى، سىلەرگە بەرگىنىدىن ياخشىدۇر. سوۋغىتىڭلار بىلەن مەن ئەمەس، سىلەر سۆيۈنىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن مەلىكىنىڭ بۇ پىكرىگە قوشۇلدى، مەلىكە بىر ھەيئەت تەشكىللەپ ئۇ ھەيئەتنى سوۋغات بىلەن سۇلەيمانغا ئەۋەتتى. ئەلچىلەر سوۋغاتنى ئېلىپ سۇلەيماننىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەن ئىدى، سۇلەيمان سوۋغاتقا ئېتىبار قىلماستىن ھەيئەتنىڭ باشلىقىغا مۇنداق دېدى: «سىلەر - سەبەئـ خەلقى ماڭا ئىقتىسادىي ياردەم قىلماقچىمۇ؟ ئاللاھ ماڭا بەرگەن پەيغەمبەرلىك، پادىشاھلىق ۋە باشقا نېمەتلەر، ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن نەرسىلەردىن ياخشىدۇر، بۈيۈكتۇر ۋە كۆپتۇر. سوۋغىتىڭلار بىلەن مەن ئەمەس، سىلەر سۆيۈنىسىلەر؛ سىلەر سوۋغاتلارغا ئەھمىيەت بېرىسىلەر، سوۋغاتلار بىلەن ئىش قىلىسىلەر، بىر يەردىن سوۋغات ئالساڭلار سۆيۈنۈپ كېتىسىلەر، لېكىن مەن سىلەرنىڭ تەسلىم بولۇشىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ارْجِعْ إِلَيْهِمْ فَلَنَأْتِيَنَّهُمْ بِجُنُودٍ لَا قِبَلَ لَهُمْ بِهَا وَلَنُخْرِجَنَّهُمْ مِنْهَا أَذِلَّةً وَهُمْ صَاغِرُونَ
سەن قايتىپ كەتكىن، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۇلار تاقابىل تۇرالمايدىغان بىر قوشۇن بىلەن چوقۇم بارىمىز، ئۇلارنى يۇرتىدىن خار، كەمسىتىلگەن ھالدا چوقۇم چىقىرىۋېتىمىز» — مۇھەممەد سالىھ
سەن ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەتكىن، بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۇلار تاقابىل تۇرالمايدىغان بىر قوشۇن بىلەن چوقۇم بارىمىز ۋە ئۇلارنى يۇرتىدىن خار، كەمسىتىلگەن ھالدا چوقۇم چىقىرىۋېتىمىز» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى ئەلچى! ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتقىن. ئۇلار شۇنى بىلىپ قويسۇنكى، بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئۇلار تاقابىل تۇرالمايدىغان قوشۇنلار بىلەن كېلىمىز، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن خار ۋە بوينى پۈكۈك ھالدا چىقىرىۋېتىمىز». — ئەنەس ئالىم
سۇلەيمان ئاندىن ھەيئەتنىڭ باشلىقىغا بۇرۇلۇپ ئېيتتى: «ئى ئەلچى! سەن سېنى ئەۋەتكەن چوڭلىرىڭنىڭ يېنىغا قايتقىن ۋە ئۇلارغا، «تەسلىم بولۇپ ھۇزۇرۇمغا كەلمىگەن تەقدىردە، ئۇلار تاقابىل تۇرالمايدىغان قوشۇنلار بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كېلىدىغانلىقىمىزنى، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن خار ۋە بوينى پۈكۈك ھالدا چىقىرىۋېتىدىغانلىقىمىزنى يەتكۈزگىن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئەلچى مەملىكىتىگە قايتتى ۋە سۇلەيماننىڭ جاۋابىنى مەلىكىگە يەتكۈزدى. مەلىكە ئەلچىسىدىن سۇلەيماننىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ دۆلەت ئەركانلىرى ۋە قوشۇنلىرى بىلەن سۇلەيماننىڭ يېنىغا قاراپ ماڭدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ يَا أَيُّهَا الْمَلَأُ أَيُّكُمْ يَأْتِينِي بِعَرْشِهَا قَبْلَ أَنْ يَأْتُونِي مُسْلِمِينَ
سۇلايمان ئېيتتى: «ئى ئۇلۇغلار! ئۇلار مېنىڭ قېشىمغا مۇسۇلمان بولۇپ كېلىشتىن بۇرۇن، (سىلەردىن) كىم ئۇنىڭ تەختىنى ئېلىپ كېلىدۇ» — مۇھەممەد سالىھ
سۇلايمان ئېيتتى: «ئى ئۇلۇغلار! ئۇلار مېنىڭ قېشىمغا تەسلىم بولۇپ كېلىشتىن بۇرۇن، قايسىڭلار ئۇنىڭ تەختىنى ئېلىپ كېلىدۇ؟» — تەرجىمە ھەيئىتى
سۇلەيمان: «ئى دۆلەت ئەركانلىرى! ئۇلار تەسلىم بولۇپ يېنىمغا كېلىشتىن بۇرۇن قايسىڭلار ئۇ ئايالنىڭ تەختىنى ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كېلىسىلەر؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم
سۇلەيمان مەلىكىنىڭ كلېىۋاتقانلىدىن خەۋەردار بولۇپ، جىن ۋە ئىنسانلاردىن تەركىپ تاپقان ئەمەلدارلىرىغا مۇنداق دېدى: «ئى جانابلار! مەلىكە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بىزگە تەسلىم بولۇش ئۈچۈن بۇ تەرەپكە قاراپ يولغا چىقىپتۇ، ئۇلار تەسلىم بولۇپ يېنىمغا كېلىشتىن بۇرۇن قايسىڭلار ئۇ ئايالنىڭ تەختىنى ھۇزۇرىمغا ئېلىپ كېلىسىلەر؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ عِفْرِيتٌ مِنَ الْجِنِّ أَنَا آتِيكَ بِهِ قَبْلَ أَنْ تَقُومَ مِنْ مَقَامِكَ ۖ وَإِنِّي عَلَيْهِ لَقَوِيٌّ أَمِينٌ
جىندىن بولغان ئىفرىت ئېيتتى: «مەن ئۇنى ئورنۇڭدىن تۇرۇشتىن بۇرۇن ساڭا ئېلىپ كېلىمەن، مەن ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە ئەلۋەتتە قادىرمەن، ئىشەنچلىكمەن» — مۇھەممەد سالىھ
جىندىن بولغان ئىفرىت ئېيتتى: «مەن ئۇنى ئورنۇڭدىن تۇرۇشتىن بۇرۇن ساڭا ئېلىپ كېلىمەن، مەن ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە ئەلۋەتتە قادىرمەن، ئىشەنچلىكمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى
جىنلاردىن يامان بىرى: «مەن ئۇنى سەن ئورنۇڭدىن تۇرغۇچە ھۇزۇرۇڭغا ئېلىپ كېلىمەن. بۇنىڭغا كۈچۈم يېتىدۇ، ئۇنى زايە قىلماستىن ساق - سالامەت ئېلىپ كېلەلەيدىغان ئىشەنچلىك بىرىمەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم
جىنلاردىن كۈچلۈك ۋە چاققان بىرى: «مەن ئۇ تەختنى سىز مۇشۇ ئولتۇرغان يېرىڭىزدىن تۇرغۇچىلىك ھۇزۇرىڭىزغا ئېلىپ كېلىمەن. مېنىڭ بۇنىڭغا كۈچۈم يېتىدۇ، مەن ئۇنى زايە قىلماستىن ساق - سالامەت ئېلىپ كېلەلەيدىغان ئىشەنچلىك بىرىمەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ الَّذِي عِنْدَهُ عِلْمٌ مِنَ الْكِتَابِ أَنَا آتِيكَ بِهِ قَبْلَ أَنْ يَرْتَدَّ إِلَيْكَ طَرْفُكَ ۚ فَلَمَّا رَآهُ مُسْتَقِرًّا عِنْدَهُ قَالَ هَٰذَا مِنْ فَضْلِ رَبِّي لِيَبْلُوَنِي أَأَشْكُرُ أَمْ أَكْفُرُ ۖ وَمَنْ شَكَرَ فَإِنَّمَا يَشْكُرُ لِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ كَفَرَ فَإِنَّ رَبِّي غَنِيٌّ كَرِيمٌ
(نازىل بولغان) كىتابنى چوڭقۇر بىلىدىغان زات (يەنى ئاسەف ئىبن بۇرخىيا): «ئۇنى مەن ساڭا كۆزۈڭنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئېلىپ كېلىمەن» دېدى (ئۇ دۇئا قىلىۋېدى، تەخت دەرھال ئالدىدا ھازىر بولدى). سۇلايمان تەختنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەندە: «بۇ پەرۋەردىگارىمنىڭ (ماڭا قىلغان) ئېھسانىدۇر، ئۇ شۈكۈر قىلامدىم، يا تۇزكورلۇق قىلامدىم، بۇنىڭ بىلەن مېنى سىنىدى، كىمكى شۈكۈر قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن شۈكۈر قىلىدۇ، كىمكى تۇزكورلۇق قىلىدىكەن، (بىلىش كېرەككى) ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم (ئۇنىڭ شۈكۈر قىلىشىدىن بىھاجەتتۇر)، (ئاللاھنىڭ) كەرىمى كەڭدۇر» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
كىتابتىن ئىلمى بار بىر زات[1]: «مەن ئۇنى ساڭا كۆزۈڭنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئېلىپ كېلىمەن» دېدى. سۇلايمان تەختنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەندە: «بۇ رەببىمنىڭ ئېھسانىدىندۇركى، شۈكۈر قىلامدىم، يا تۇزكورلۇق قىلامدىم، بۇنىڭ بىلەن مېنى سىناش ئۈچۈندۇر، كىمكى شۈكۈر قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن شۈكۈر قىلىدۇ، كىمكى تۇزكورلۇق قىلىدىكەن، ھەقىقەتەن رەببىم بىھاجەتتۇر، كەرىمى كەڭدۇر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
كىتابتىن ئىلمى بولغان زات: «مەن ئۇنى سەن كۆزۈڭنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئېلىپ كېلىمەن» دېدى. سۇلەيمان ئۇ ئاندا تەختنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ رەببىمنىڭ پەزلىدىندۇر. رەببىم ماڭا ئۇنى شۈكۈر قىلامدىمەن ياكى تۇزكورلۇق قىلامدىمەن، مېنى سىناش ئۈچۈن ئاتا قىلدى. كىم شۈكۈر قىلسا ئۆزى ئۈچۈن شۈكۈر قىلىدۇ، كىم تۇزكورلۇق قىلسا بىلسۇنكى رەببىم غەنىيدۇر، سېخىيدۇر». — ئەنەس ئالىم
كىتابتىن ئىلمى بولغان بىر كىشى: «مەن ئۇ تەختنى سىز كۆزىڭىزنى يۇمۇپ ئېچىپ بولغۇچىلىك ئېلىپ كېلىمەن» دېدى ۋە دەرھال تەختنى سۇلەيماننىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈردى. سۇلەيمان ئۇ ئاندا تەختنىڭ ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ، مېنى يوقتىن ياراتقان ۋە ماڭا سان - ساناقسىز نېمەتلەر ئاتا قىلغان ئىگەم - ئاللاھنىڭ بىر ئىلتىپاتىدۇر. رەببىم ماڭا بۇ ئىلتىپاتنى شۈكۈر قىلامدىمەن ياكى تۇزكورلۇق قىلامدىمەن، مېنى سىناش ئۈچۈن ئاتا قىلدى. كىم شۈكۈر قىلسا ئۆزى ئۈچۈن شۈكۈر قىلىدۇ، كىم تۇزكورلۇق قىلسا رەببىم ئۇنىڭ شۈكۈر قىلىشىغا موھتاج ئەمەستۇر، كەرەملىكتۇر، يەنى دۇنيادا شۈكۈر قىلمىغانلارغىمۇ نېمەت ئاتا قىلىدۇ، تۇزكورلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلاردىكى نېمەتلىرىنى تارتىۋالمايدۇ». ئەسكەرتىش: بۇ ئىككى ئايەتتە جىسمانىي كۈچتىن ئىلىمىي كۈچنىڭ ئارتۇقلۇقىغا ئىشارەت قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ نَكِّرُوا لَهَا عَرْشَهَا نَنْظُرْ أَتَهْتَدِي أَمْ تَكُونُ مِنَ الَّذِينَ لَا يَهْتَدُونَ
سۇلايمان (بىلقىسنىڭ يېتىپ كېلىشى يېقىنلاشقان ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەقلىنى سىناش يۈزىسىدىن) ئېيتتى: «ئۇنىڭ (يەنى بىلقىسنىڭ) تەختىنىڭ (شەكلىنى) ئۆزگەرتىڭلار، ئۇ تەختىنى تونۇمدۇ، تونىمامدۇ؟ قارايمىز» — مۇھەممەد سالىھ
سۇلايمان ئېيتتى: «ئۇنىڭ تەختىنى ئۆزگەرتىڭلار، ئۇ تەختىنى تونۇمدۇ، ياكى تونىمامدۇ، قارايمىز» — تەرجىمە ھەيئىتى
سۇلەيمان يەنە: «ئۇنىڭ تەختىنى ئۆزگەرتىڭلار. تونۇيالامدۇ، تونۇيالمامدۇ؟ قارايلى» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئاندىن سۇلەيمان چۆرىسىدىكى كىشىلەرگە: «ئۇ ئايالنىڭ تەختىنى بەزى ئۆزگەرتىشلەر بىلەن تونۇلمايدىغان قىلىپ قويۇڭلار. ئۇ كەلگەندە كۆرۈپ تونۇيالامدۇ، تونۇيالمامدۇ؟ قاراپ باقايلى» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلَمَّا جَاءَتْ قِيلَ أَهَٰكَذَا عَرْشُكِ ۖ قَالَتْ كَأَنَّهُ هُوَ ۚ وَأُوتِينَا الْعِلْمَ مِنْ قَبْلِهَا وَكُنَّا مُسْلِمِينَ
بىلقىس كەلگەندە (ئۇنىڭغا): «سېنىڭ تەختىڭ مۇشۇنداقمۇ؟» دېيىلدى. ئۇ: «شۇدەك تۇرىدۇ» دېدى. (سۇلايمان ئاللاھنىڭ نېمىتىنى سۆزلەش يۈزىسىدىن ئېيتتى.) ئۇنىڭدىن (يەنى بىلقىستىن) بۇرۇن بىزگە (ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى بىلدۈرىدىغان) ئىلىم بېرىلدى، بىز مۇسۇلمان بولدۇق — مۇھەممەد سالىھ
بىلقىس كەلگەندە ئۇنىڭغا: «سېنىڭ تەختىڭ مۇشۇنداقمۇ؟» دېيىلدى. ئۇ: «شۇدەك تۇرىدۇ» دېدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن بىزگە ئىلىم بېرىلگەنىدى، شۇڭا بىز تەسلىم بولغانىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
مەلىكە كەلگەندە: «سېنىڭ تەختىڭ مۇشۇنداقمۇ؟» دېيىلدى. ئۇ: «بەئەينى شۇ! بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۈچۈڭلارنىڭ نېمىلەرگە يېتىدىغانلىقىدىن ۋاقىپلانغان ئىدۇق ۋە تەسلىم بولدۇق» دېدى. — ئەنەس ئالىم
مەلىكە كېلىپ تەختكە قارىغان ئىدى، ئۇنىڭغا: «سىزنىڭ تەختىڭىز مۇشۇنداقمۇ؟» دېيىلدى. ئۇ: «مېنىڭ تەختىم خۇددى مۇشۇ تەختكە ئوخشاشتۇر» دېدى، ئاندىن ئۆزىنىڭ سۇلەيمان تەرىپىدىن سىنالغانلىقىنى ھېس قىلىپ: «بىز بۇ مۆجىزىدىن ئىلگىرى سىلەرنىڭ كىملىكىڭلاردىن ۋە كۈچۈڭلارنىڭ نېمىلەرگە يېتىدىغانلىقىدىن ۋاقىپلانغان، شۇنداقلا تەسلىم بولغان ئىدۇق» دېدى. ئەسكەرتىش: تەپسىرلەردە كېيىنكى جۈملىنىڭ سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىمۇ زىكىر قىلىنىدۇ. ئۇ تەقدىردە مەنە مۇنداق بولىدۇ: «مەلىكە توغرا جاۋاب بەردى، لېكىن بىز مەلىكىدىن بۇرۇن ھەقىقەتنى تونۇغان ۋە ئاللاھقا بويسۇنغان ئىدۇق». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَصَدَّهَا مَا كَانَتْ تَعْبُدُ مِنْ دُونِ اللَّهِ ۖ إِنَّهَا كَانَتْ مِنْ قَوْمٍ كَافِرِينَ
ئۇنى ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرى (ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن) توستى. چۈنكى ئۇ كاپىر قەۋمدىن ئىدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنى ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن چوقۇنغان نەرسىلىرى توستى. چۈنكى ئۇ كاپىر قەۋمدىن ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
مەلىكىنى، ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرى ئازدۇرغان ئىدى. چۈنكى ئۇ كافىر قەۋمدىن ئىدى. — ئەنەس ئالىم
مەلىكىنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان قۇياش ۋە باشقا نەرسىلىرى، ئۇنىڭ ھازىرغىچە توغرا يولغا كەلمەسلىكىگە سەۋەبچى بولغان ئىدى. چۈنكى ئۇ كافىر قەۋمدىن ئىدى؛ كافىرلارنىڭ نەسلىدىن بولۇش، كافىرلارنىڭ ئارىسىدا چوڭ بولۇش ۋە كىچىكىدىن باشلاپ ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇپ ئادەتلىنىش، ئۇنى ئەقلىنى ئىشلىتىپ توغرا يولنى تېپىشتىن توسۇپ كەلگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قِيلَ لَهَا ادْخُلِي الصَّرْحَ ۖ فَلَمَّا رَأَتْهُ حَسِبَتْهُ لُجَّةً وَكَشَفَتْ عَنْ سَاقَيْهَا ۚ قَالَ إِنَّهُ صَرْحٌ مُمَرَّدٌ مِنْ قَوَارِيرَ ۗ قَالَتْ رَبِّ إِنِّي ظَلَمْتُ نَفْسِي وَأَسْلَمْتُ مَعَ سُلَيْمَانَ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
ئۇنىڭغا (يەنى بىلقىسقا): «سارايغا كىرگىن» دېيىلدى، ئۇ (يەنى بىلقىس) ساراينى چوڭ سۇ دەپ گۇمانلىنىپ (كىيىمىنى كۆتۈرۈپ) ئىككى پاچىقىنى ئاچتى، سۇلايمان ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى، ئۇ ئەينەكتىن ياسالغان سارايدۇر». ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم، مەن ھەقىقەتەن (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ، قۇياشقا چوقۇنۇش بىلەن) ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، سۇلايمان بىلەن بىللە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا بويسۇندۇم (يەنى سۇلايماننىڭ دىنىغا ئەگىشىپ ئىسلامغا كىردىم)» — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنىڭغا: «سارايغا كىرگىن» دېيىلدى، بىلقىس ساراينى كۆرۈپ ئۇنى چوڭ سۇ دەپ گۇمانلىنىپ ئىككى پاچىقىنى ئاچتى، سۇلايمان ئېيتتى: «شۈبھىسىزكى، ئۇ ئەينەكتىن ياسالغان سارايدۇر». بىلقىس ئېيتتى: «رەببىم، مەن ھەقىقەتەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، سۇلايمان بىلەن بىللە ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا بويسۇندۇم» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇنىڭغا: «سارايغا كىرگىن» دېيىلدى. ئۇ ساراينى كۆرۈپ، چوڭقۇر سۇ دەپ ئويلىدى ۋە ئىككى پاچىقىنى ئاچتى. سۇلەيمان: «بۇ ئەينەكتىن ياسالغان سارايدۇر» دېدى. ئۇ: «رەببىم! مەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم. مەن سۇلەيمان بىلەن بىرلىكتە ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا تەسلىم بولدۇم» دېدى. — ئەنەس ئالىم
مەلىكە سۇلەيماننىڭ ھۇزۇرىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن تەخت ھەققىدە سوئال - جاۋاب بولۇپ ئۆتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا: «سارايغا كىرىڭ» دېيىلدى، مەلىكە ساراينى كۆرۈپ، چوڭقۇر سۇ دەپ ئويلىدى ۋە ئېتىكىنى كۆتۈرۈپ ئىككى پاچىقىنى ئاچتى. سۇلەيمان: «بۇ، ئەينەكتىن ياسالغان سارايدۇر؛ يەرلەر سۇ ئەمەس ئەينەكتۇر» دەپ ئۇنى ئاگاھلاندۇردى. مەلىكە ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە تۆۋەن مۈلكىگە ئالدىنىپ كۇفرىلىق قىلغانلىقىنى تونۇپ يەتتى ۋە سۇلەيماننىڭ ھۇزۇرىدا ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ ئېيتتى: «ئى مېنى يوقتىن ياراتقان، سان - ساناقسىز نېمەتلەرنى بېرىپ ياشاتقان ۋە ماڭا سەلتەنەت ئاتا قىلغان ئىگەم ئاللاھ! مەن ھازىرغىچە سېنى قويۇپ قوياشقا ۋە باشقا نەرسىلەرگە چوقۇنۇش بىلەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلىپتىمەن، كەچۈرگىن يارەب! ئەمدى مەن سۇلەيمان بىلەن بىللە، ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى باشقۇرغۇچىسى ۋە لازىمەتلىك نەرسىلەرنى بېرىپ ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرغۇچى بولغان ساڭا بويسۇندۇم؛ مۇسۇلمان بولدۇم» دېدى. خۇلاسە سەبەئـ - ئۆز ۋاقتىدا ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىغا (ھازىرقى يەمەن تەۋەلىكىگە) جايلاشقان كۈچلۈك بىر دۆلەت بولۇپ، ئۇ دۆلەتنىڭ سۇلەيمان ئەلەيھىسسالام زامانىدىكى پادىشاھى بىر ئايال ئىدى، ئاھالىسى قۇياشقا چوقۇناتتى. سۇلەيمان ئەلەيھىسسالام بىر سەپىرى ئەسناسىدا ئەسكەرلىرىنىڭ بىرى بولغان «ھۆپۈپ» ئاتلىق قۇشنىڭ خەۋەر قىلىشى بىلەن ئۇلاردىن خەۋەردار بولۇپ، ئۇلارغا تەسلىم بولۇپ ھۇزۇرىغا كېلىشى توغرۇلۇق خەت ئەۋەتكەن، مەلىكە دۆلىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەربابلىرى بىلەن كېڭەشكەندىن كېيىن خەتكە سوۋغات ئەۋەتىپ جاۋاب قايتۇرغان بولسىمۇ، سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا سوۋغاتنى ئېلىپ بارغان ئەلچىلەر مەلىكىنىڭ ئالدىدا يا تەسلىم بولۇش ياكى ئۇرۇش قىلىشتىن باشقا يول قالمىغانلىق خەۋىرىنى ئېلىپ كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن مەلىكە ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەركانلىرى ۋە قوشۇنلىرى بىلەن پەلەستىنگە كېلىپ سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامغا تەسلىم بولغان، شۇنداقلا كۆرۈشۈش ئەسناسىدا سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ راستتىنلا پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئىمان كەلتۈرگەن. ئەسكەرتىش: تەپسىرلەردە ئۇ مەلىكىنىڭ ئىسمىنىڭ «بەلقىس» ئىكەنلىكى زىكىر قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا إِلَىٰ ثَمُودَ أَخَاهُمْ صَالِحًا أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ فَإِذَا هُمْ فَرِيقَانِ يَخْتَصِمُونَ
بىز ھەقىقەتەن سەمۇدقا (يەنى سەمۇد قەبىلىسىگە نەسەب جەھەتتىن) قېرىندىشى سالىھنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، (سالىھ) «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار» (دېدى)، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار جېدەللىشىدىغان (يەنى دىن بارىسىدا جىدەللىشىدىغان مۆمىنلەر ۋە كاپىرلاردىن ئىبارەت) ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتتى — مۇھەممەد سالىھ
بىز ھەقىقەتەن سەمۇدقا قېرىنداشلىرى سالىھنى «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار» دېيىشى ئۈچۈن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ناگاھان ئۇلار جېدەللىشىدىغان ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتتى — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز سەمۇد قەۋمىگە قېرىندىشى سالىھنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار» دېگەن ئىدى، ئۇلار بىردىنلا ئۆزئارا جېدەللىشىدىغان ئىككى پىرقە بولدى. — ئەنەس ئالىم
بىز سەمۇد قەۋمىگە ئۆزلىرىنىڭ مىللەتدىشى سالىھنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار» دېگەن ئىدى، ئۇلار بىردىنلا ئۆزئارا جېدەللىشىدىغان ئىككى پىرقىگە ئايلاندى؛ ئۇلار سالىھ ئۆزلىرىنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلغاندىن كېيىن، بىرى ئۇنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلغان پىرقە، يەنە بىرى رەت قىلغان پىرقە بولۇپ ئىككى پىرقىگە ئايرىلدى، شۇنداقلا سالىھنىڭ پەيغەمبەرلىكى ۋە يولىنىڭ توغرىلىقى ھەققىدە بىر - بىرى بىلەن دەتالاش قىلىشتى ۋە بىر - بىرىگە قارشى چىقتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ يَا قَوْمِ لِمَ تَسْتَعْجِلُونَ بِالسَّيِّئَةِ قَبْلَ الْحَسَنَةِ ۖ لَوْلَا تَسْتَغْفِرُونَ اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
سالىھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم، سىلەر نېمىشقا رەھمەتتىن بۇرۇن ئازابنىڭ كېلىشىنى تىلەيسىلەر؟ سىلەر رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن نېمىشقا ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلمايسىلەر؟» — مۇھەممەد سالىھ
سالىھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم، سىلەر نېمىشقا رەھمەتتىن بۇرۇن ئازابنىڭ كېلىشىنى تىلەيسىلەر؟ سىلەر رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن نېمىشقا ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلمايسىلەر؟» — تەرجىمە ھەيئىتى
سالىھ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! نېمىشقا ياخشىلىقنى قويۇپ يامانلىققا ئالدىرايسىلەر؟ نېمىشقا رەھمەتكە ئېرىشىش ئۈمىدى بىلەن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىمەيسىلەر؟». — ئەنەس ئالىم
سالىھ ئۇ ئىنكارچى پىرقىگە نەسىھەت قىلىپ: «ئى قەۋمىم! نېمىشقا كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەپ ئازابقا دۇچار بولۇشقا ئالدىرايسىلەر؟ نېمىشقا كۇفرىلىقتىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىمەيسىلەر؟ نېمىشقا ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھتىن رەھمەت ئۇمىد قىلمايسىلەر؟! نېمىشقا نىجاتلىق يولىغا كىرىپ ئىلاھىي رەھمەتكە لايىق بولۇشنى ئەمەس، گۇمراھلىقتا قېلىپ ئىلاھىي ئازابقا تېگىشلىك بولۇشنى ئەلا كۆرىسىلەر؟! ئالدىڭلاردا پۇرسەت بار چاغدا ئىمان كەلتۈرۈپ سېپىمىزگە قوشۇلساڭلار، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ مەغپىرەت ۋە مەرھەمىتىگە ئېرىشسەڭلار بولمامدۇ!» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالُوا اطَّيَّرْنَا بِكَ وَبِمَنْ مَعَكَ ۚ قَالَ طَائِرُكُمْ عِنْدَ اللَّهِ ۖ بَلْ أَنْتُمْ قَوْمٌ تُفْتَنُونَ
ئۇلار ئېيتتى: «(بىزگە كەلگەن قەھەتچىلىك) سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بولغان كىشىلەرنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى». سالىھ ئېيتتى: «سىلەرگە كېلىدىغان ياخشى -يامانلىق ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدۇ، بەلكى سىلەرنى ئاللاھ سىنايدۇ» — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئېيتتى: «سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بولغان كىشىلەرنىڭ شۇملۇقىغا ئۇچرىدۇق». سالىھ ئېيتتى: «سىلەرگە كەلگەن شۇملۇق ئاللاھ تەرىپىدىندۇر، بەلكى سىلەر سىنىلىۋاتقان بىر قەۋمسىلەر» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «سەن ۋە تەرەپدارلىرىڭ بىزگە شۇملۇق ئېلىپ كەلدىڭلار» دېدى. سالىھ: «شۇملۇقۇڭلارنى ئاللاھتىن بىلىڭلار. بەلكى سىلەر سىناق قىلىنىۋاتقان قەۋمسىلەر» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار سالىھنىڭ بۇ نەسىھەتىگە : «ئى سالىھ! سەن ۋە تەرەپدارلىرىڭ بىزگە شۇملۇق ئېلىپ كەلدىڭلار؛ ھەرقايسىڭنىڭ شۇملۇقىدىن بىز قۇرغاقچىلىق ۋە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدۇق» دەپ جاۋاب بەردى، سالىھ ئۇلارغا: «شۇملۇقۇڭلار ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدۇ؛ ئاللاھ ھەر ئىنساننىڭ بەختىنى ۋە بەختسىزلىكىنى ئۆز قىلمىشىغا باغلىق قىلغان. شۇڭلاشقا بېشىڭلارغا كەلگەن بالا - مۇسىبەتلەرنىڭ سەۋەبى بىز ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزۈڭلارنىڭ يامان قىلمىشىدۇر. بەلكى ئاللاھ سىلەرنى توغرا يولغا قايتسۇن دەپ يامانلىق بىلەن سىنىغان بولسا كېرەك» دېدى. ئەسكەرتىش: ھەر ئىنساننىڭ بەختىنىڭ ئۆز قىلمىىشغا باغلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك بىر ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَكَانَ فِي الْمَدِينَةِ تِسْعَةُ رَهْطٍ يُفْسِدُونَ فِي الْأَرْضِ وَلَا يُصْلِحُونَ
شەھەردە (يەنى ھىجرىدە) يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىسلاھ قىلمايدىغان توققۇز نەپەر كىشى بار ئىدى — مۇھەممەد سالىھ
شەھەردە يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىسلاھ قىلمايدىغان توققۇز نەپەر كىشى بار ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
شەھەردە توققۇز گۇرۇھ بار ئىدى. ئۇلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلاتتى، ئىسلاھ قىلمايتتى. — ئەنەس ئالىم
سالىھنىڭ قەۋمى ياشايدىغان شەھەردە، يەنى سەمۇد قەۋمىنىڭ ئىچىدە يامان مەقسەتلىك توققۇز ئادەمدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇھ بار ئىدى، ئۇلار كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەش ۋە يامانلىقنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئۇ يەردە پەقەت بۇزغۇنچىلىق بىلەنلا مەشغۇل ئىدى، ئۇلار بىرەر - يېرىم تال بولسىمۇ تۈزۈك ئىش قىلمايتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالُوا تَقَاسَمُوا بِاللَّهِ لَنُبَيِّتَنَّهُ وَأَهْلَهُ ثُمَّ لَنَقُولَنَّ لِوَلِيِّهِ مَا شَهِدْنَا مَهْلِكَ أَهْلِهِ وَإِنَّا لَصَادِقُونَ
ئۇلار: «ئۆز ئارا ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىڭلار» دېدى. ئۇلار ئېيتتى: «بىر كېچىدە سالىھنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى چوقۇم ئۆلتۈرەيلى، ئاندىن چوقۇم ئۇنىڭ (يەنى ئۇلارنىڭ) ئىگىسىگە، ئۇ ئۆلتۈرۈلگەن چاغدا بىز ئۈستىدە ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن راستچىلمىز، دەيلى» — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئۆز ئارا ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىشىپ دېيىشتىكى، «بىر كېچىدە سالىھنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى چوقۇم ئۆلتۈرەيلى، ئاندىن چوقۇم ئۇنىڭ ئىگىسىگە، ئۇ ئۆلتۈرۈلگەن چاغدا بىز ئۈستىدە ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن راستچىلمىز دەيلى» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىشىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىز بىر كېچىدە سالىھنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ، ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى ئۆلتۈرەيلى، ئاندىن ئۇنىڭ ۋەلىيسىگە ‹ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن خەۋىرىمىز يوق. بىز ھەقىقەتەن راست سۆزلەۋاتىمىز› دەيلى». — ئەنەس ئالىم
بىر كۈنى ئەنە شۇ گۇرۇھنىڭ شايكىلىرى ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىشىپ تۇرۇپ بىر - بىرىگە مۇنداق دېدى: «بىز بىر كېچىدە سالىھنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ، ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتەيلى، ئاندىن ئۇنىڭ قان قىساسىنى تەلەپ قىلغان يېقىنىغا، ‹ئۇنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن بىزنىڭ خەۋىرىمىز يوق. بىز ھەقىقەتەن راست ئېيتىۋاتىمىز› دەيلى». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَكَرُوا مَكْرًا وَمَكَرْنَا مَكْرًا وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
ئۇلار (سالىھقا قارشى) سۇيىقەست پىلانلىدى. ئۇلارنى (ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن)سۇيىقەستى ئۈچۈن تۇيۇقسىز جازالىدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار سۇيىقەست پىلانلىدى. بىز ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلدۇق ھالبۇكى ئۇلار بۇنى بىلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار بىر پىلان تۈزدى. بىزمۇ بىر پىلان تۈزۈپ ئەمەلگە ئاشۇردۇق. ئۇلار تۇيماي قالدى. — ئەنەس ئالىم
(ئاللاھ ئېيتىدۇ) «ئۇلار سالىھنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈۋېتىش توغرىسىدا ئەنە شۇنداق پىلان تۈزدى. بىز بولساق سالىھنى، ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ۋە مۇئمىنلارنى قۇتقۇزۇپ، ئۇ گۇرۇھنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەگشكۈچىلىرىنى ھالاك قىلىۋېتىش توغرىسىدا پىلان تۈزۈپ ئۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇردۇق؛ ئۇلارنى جازالىدۇق، ئۇلار تۇيماي قالدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَانْظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ مَكْرِهِمْ أَنَّا دَمَّرْنَاهُمْ وَقَوْمَهُمْ أَجْمَعِينَ
ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىنكى، ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىنكى، ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
قارىغىنا! ئۇلارنىڭ پىلانىنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ بىز ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! قارىغىنا! ئۇلارنىڭ پىلانىنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى: بىز ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىۋەتتۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَتِلْكَ بُيُوتُهُمْ خَاوِيَةً بِمَا ظَلَمُوا ۗ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
ئۇلار زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئەنە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى (ئادەمزاتتىن) خالىي بولۇپ قالدى. ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا (چوڭ) ئىبرەت بار — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئەنە ئۇلارنىڭ چۆكۈپ كەتكەن ئۆيلىرى. بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ئىبرەت بار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەنە شۇلار ئۇلارنىڭ، زالىملىقلىرى تۈپەيلىدىن خارابىگە ئايلانغان ئۆيلىرى. بۇنىڭدا بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن چوقۇم ئايەت بار. — ئەنەس ئالىم
ئەنە شۇلار، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدۇر؛ ئۇلار كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەش ۋە پەيغەمبەرگە قارشى چىقىش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۆيلەر خارابىگە ئايلىنىپ كەتكەن ھالەتتىدۇر. سېنىڭ قەۋمىڭ شامغا قىلغان سەپەرلىرىدە ئۇ خارابىلىكلەرنى كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ ھالاك قىلىنىشى ۋە ئۆيلىرىنىڭ خارابىگە ئايلىنىشىدا تەپەككۇر قىلىدىغان كىشىلەرگە قۇدرىتىمىزنىڭ ئۇلۇغ، ھېكمىتىمىزنىڭ چوڭقۇر ۋە پىلانىمىز پۇختا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەت بار». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَنْجَيْنَا الَّذِينَ آمَنُوا وَكَانُوا يَتَّقُونَ
(سالىھ بىلەن) ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلارنى (ئازابتىن) قۇتقۇزدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلارنى ئازابتىن قۇتقۇزدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادار بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق. — ئەنەس ئالىم
بىز ئەلچىمىز سالىھنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىپ ئىمان كەلتۈرگەن ۋە بىزگە ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلانغان پىرقىنى قۇتقۇزدۇق؛ ئۇلارنى ئۇ ئىنكارچى قەۋم يولۇققان ئازابتىن ساقلىدۇق. ئەسكەرتىش: سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسى ھازىرغىچە بىرقانچە قېتىم بايان قىلىنغان بولۇپ، قىسسەنىڭ خۇلاسىسى، بۇ قىسسە دەسلەپتە بايان قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىدە زىكىر قىلىندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلُوطًا إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ أَتَأْتُونَ الْفَاحِشَةَ وَأَنْتُمْ تُبْصِرُونَ
(لۇتنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلغىن) ئەينى زاماندا لۇت ئۆزىنىڭ قەۋمىگە ئېيتتى: «سىلەر بىلىپ تۇرۇپ قەبىھ ئىشلارنى قىلامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ
لۇتنىمۇ، ئەينى زاماندا لۇت ئۆزىنىڭ قەۋمىگە ئېيتتى: «سىلەر بىلىپ تۇرۇپ قەبىھ ئىشلارنى قىلامسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز لۇتنىمۇ ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «سىلەر بىلىپ تۇرۇپ قەبىھ ئىشنى قىلامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم
(54-55) ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە بۇرۇنقى ئەلچىلىرىمىزدىن لۇتنىڭ قىسسەسىنىمۇ بايان قىلغىن: لۇت ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىگە نەسىھەت قىلىپ ۋە ئۇلارنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «سىلەر كۆرۈپ تۇرۇپ (ئاشكارا ھالدا، باشقىلارنىڭ كۆز ئالدىدا) قەبىھ ئىشنى قىلامسىلەر؟ ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن يارىتىپ بەرگەن ئاياللىرىڭلارنى قويۇپ شەھۋىتىڭلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئەرلەر بىلەن بىر يەردە بولامسىلەر! سىلەر بۇرۇن ھېچكىم قىلىپ باقمىغان بۇ قەبىھ ئىشنى قىلىۋاتىسىلەر! دېمەك، سىلەر جاھىللىق قىلىۋاتقان قەۋمسىلەر». ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتىكى «كۆرۈپ تۇرۇپ» دېگەن مەنىدىكى ئىپادە «بۇ ئىشنىڭ قەبىھلىكىنى ۋە ئاقىۋىتىنىڭ يامانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ» دېگەن بولۇش ئېھتىمالىمۇ بار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَئِنَّكُمْ لَتَأْتُونَ الرِّجَالَ شَهْوَةً مِنْ دُونِ النِّسَاءِ ۚ بَلْ أَنْتُمْ قَوْمٌ تَجْهَلُونَ
سىلەر ئاياللارنى قويۇپ، جىنسىي تەلىۋىڭلارنى ئەرلەر بىلەن قاندۇرامسىلەر؟ بەلكى سىلەر نادان قەۋمسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر ئاياللارنى قويۇپ، جىنسىي تەلىۋىڭلارنى ئەرلەر بىلەن قاندۇرامسىلەر؟ بەلكى سىلەر نادان قەۋمسىلەر» — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەر ئاياللىرىڭلارنى قويۇپ، شەھۋەت ئۈچۈن ئەرلەر بىلەن بىر يەردە بولامسىلەر؟ دېمەك، سىلەر جاھىللىق قىلىۋاتقان قەۋمسىلەر». — ئەنەس ئالىم
-
فَمَا كَانَ جَوَابَ قَوْمِهِ إِلَّا أَنْ قَالُوا أَخْرِجُوا آلَ لُوطٍ مِنْ قَرْيَتِكُمْ ۖ إِنَّهُمْ أُنَاسٌ يَتَطَهَّرُونَ
ئۇلارنىڭ بىردىن بىر جاۋابى: «لۇتنىڭ تەۋەلىرىنى شەھرىڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىڭلار، ئۇلار پاك كىشىلەردۇر» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ بىردىن ـ بىر جاۋابى: «لۇتنىڭ تەۋەلىرىنى شەھىرىڭلاردىن ھەيدەپ چىقىرىڭلار، ئۇلار پاك كىشىلەردۇر» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى
قەۋمىنىڭ لۇتقا بىردىنبىر جاۋابى شۇ بولدى: «لۇتنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار. چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى پاك تۇتۇشقا بەك ھېرىس ئىنسانلاردۇر![1]». — ئەنەس ئالىم
(56-58) لۇتنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ بۇ نەسىھەتلىرىگە باشتا «ناۋادا بۇ ئەيىبلەش ۋە نەسىھەت قىلىشلاردىن يانمىساڭ سېنى يۇرتىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىمىز» دەپ تەھدىت سېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇردى. لۇت ئۇلارنىڭ بۇ تەھدىتىگە پەرۋا قىلماي نەسىھەت ۋە ئەيىبلەشنى داۋاملاشتۇرۇۋەرگەن ئىدى، ئۇلار بىر - بىرىگە «لۇتنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار. چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى پاك تۇتۇشقا بەك ھېرىس ئىنسانلاردۇر» دېدى (ئۇلار ئاخىرقى جۈملىسىنى، لۇت ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەسىنى ئۆزلىرىچە مەسخىرە قىلىشىپ ئېيتاتتى)، ئاندىن لۇتقا «سېنىڭچە بىز بۇ ئىشتىن يانمىساق ئاللاھ بىزگە ئازاب ئەۋەتىدۇ، شۇنداقمۇ؟ ناۋادا بو سۆزۈڭ توغرا بولىدىغان بولسا، بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابىنى كەلتۈرگىن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن لۇت بىزدىن ياردەم تىلەپ دۇئا قىلدى، بىز ئۇنى ۋە موماي خوتۇنىدىن باشقا بارلىق ئائىلىسىنى قۇتقۇزدۇق، ئۇنىڭ بۇ ئايالىنى ۋە باشقا ئىنكارچىلارنى ھالاك قىلىۋەتتۇق؛ بىز ئۇلارغا دەھشەتلىك ئاۋاز ئەۋەتتۇق، تۇرغان يەرلىرىنى كۆمتۈرۈۋەتتۇق ۋە ئۈستىگە تاش ياغدۇردۇق. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بېشىدا قۇرئان كەرىمنى ئۆزىنىڭ نازىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ راستلىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، 58 - ئايەتكىچە بىرقانچە پەيغەمبەرنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي ۋە بېشارەت بېرىدۇ، مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 59 ~ 64 - ئايەتلەردە بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىگە ھەمدۇسانا ئېيتىشقا ۋە ئۇ پەيغەمبەرلەرگە سالام يوللاشقا بۇيرۇيدۇ، مۇشرىكلاردىن بىرقانچە سوئال سوراپ ئۇلارغا شېرىكنىڭ باتىل، تەۋھىدنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىشكە بۇيرۇيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَأَنْجَيْنَاهُ وَأَهْلَهُ إِلَّا امْرَأَتَهُ قَدَّرْنَاهَا مِنَ الْغَابِرِينَ
بىز ئۇنى ۋە خوتۇنىدىن باشقا تەۋەلىرىنى قۇتقۇزدۇق، تەقدىرىمىز بىلەن ئۇنى (يەنى سالىھنىڭ خوتۇنىنى ئازابقا) قالغۇچىلاردىن قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
بىز ئۇنى ۋە خوتۇنىدىن باشقا تەۋەلىرىنى قۇتقۇزدۇق، لېكىن خۇتۇنىنىڭ ئازاپقا قالغۇچىلاردىن بولۇشىنى تەقدىر قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ بىلەن بىز لۇتنى ۋە ئائىلىسىنى قۇتقۇزدۇق، ئايالى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇنىڭ ئارقىدا قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولۇشىنى ئالدىن بېكىتتۇق. — ئەنەس ئالىم
-
وَأَمْطَرْنَا عَلَيْهِمْ مَطَرًا ۖ فَسَاءَ مَطَرُ الْمُنْذَرِينَ
ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىز يامغۇر (يەنى تاش) ياغدۇردۇق. ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارغا ياغدۇرۇلغان يامغۇر نېمىدېگەن يامان! — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىز يامغۇر ياغدۇردۇق. ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارغا ياغدۇرۇلغان يامغۇر نېمىدېگەن يامان! — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر تۈرلۈك يامغۇر ياغدۇردۇق. ئاگاھلاندۇرۇلغان ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە ياغدۇرۇلغان يامغۇر نېمىدېگەن يامان! — ئەنەس ئالىم
-
قُلِ الْحَمْدُ لِلَّهِ وَسَلَامٌ عَلَىٰ عِبَادِهِ الَّذِينَ اصْطَفَىٰ ۗ آللَّهُ خَيْرٌ أَمَّا يُشْرِكُونَ
«جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر! ئۇنىڭ (پەيغەمبەرلىككە) تاللىغان بەندىلىرىگە ئامانلىق تىلەيمەن!» دېگىن. ئاللاھ ياخشىمۇ ياكى ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرى ياخشىمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ
«جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر! ئۇنىڭ تاللىغان بەندىلىرىگە ئامانلىق بولسۇن!» دېگىن. ئاللاھ ياخشىمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرى ياخشىمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىككە تاللىغان بەندىلىرىگە سالام بولسۇن! ئاللاھ ياخشىمۇ، ياكى مۇشرىكلار ئاللاھقا شېرىك قىلغان نەرسىلەرمۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «بەندىلىرىگە سان - ساناقسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان، ئۆز ئەلچىلىرىنى قۇتقۇزغان ۋە ئۇلارغا قارشى چىققانلارنى ھالاك قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىككە تاللىغان بەندىلىرىگە سالام بولسۇن». ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلاردىن سورىغىنكى: «ئى مۇشرىكلار! دوستلىرىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ۋە دۈشمەنلىرىنى ھالاك قىلىشقا قادىر بولغان ئەنە شۇ ئاللاھ ياخشىمۇ، ياكى سىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ۋە ھېچ نەرسىگە كۈچى يەتمەيدىغان، بولۇپمۇ چوقۇنغۇچىلىرىغا پايدا، ئىنكار قىلغۇچىلارغا زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلار ياخشىمۇ؟». ئەلۋەتتە ئاللاھ ياخشى، لېكىن مۇشرىكلار ئەقىللىرىنى ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەنە شۇ قۇدرەتلىك ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا چوقۇنۇۋاتىدۇ. ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىش - ئاللاھ تائالانىڭ بىرەر نېمىتىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكنى ياكى بىرەر ياخشى ئىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانى ماختىغانلىقنى ئىپادىلەيدىغان سۆزنى قىلىشتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتلىرى سان - ساناقسىز، قىلغان ھەر ئىشى ياخشى ۋە مۇكەممەل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئايەتتە بەندىلىرىنى ئۆزىگە ھەمدۇسانا ئېيتىشقا بۇيرۇغان. ھەمدۇسانىڭ مەنىسى توغرۇلۇق ئەڭ باشتىكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىلىككە تاللىغان بەندىلىرىگە سالام يوللاش بولسا، پەيغەمبەرلەرگە ئاللاھ تائالادىن روھانىي ئالەمدە ياخشى نام، ئۈستۈن دەرىجە ۋە يۇقىرى مەرتىۋە ئاتا قىلىشىنى تىلىگەنلىكتۇر. نەتىجىدە بۇ ئىككى ئىش ئاللاھ تائالاغا تىل بىلەن ئىبادەت قىلغانلىقتۇر، چۈنكى ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتقانلىق ئاللاھ تائالانىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلغانلىق ۋە ئاللاھ تائالاغا (ھەر ئىشى ياخشى ۋە مۇكەممەل بولغانلىقى ئۈچۈن) مەدھىيە ئوقۇغانلىقتۇر. پەيغەمبەرلەرگە سالام يوللىغانلىق بولسا، ئۇلارغا ياخشىلىق تىلەپ ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلغانلىقتۇر. بۇ ئىككى ئىشنىڭ ھەر ئىككىسى مۇھىمدۇر، شۇڭلاشقا بۇ ئايەتتە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىش بىلەن پەيغەمبەرلەرگە سالام يوللاش بىللە زىكىر قىلىنىدۇ. ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئوقۇش ۋە سالام يوللاشقا كەلسەك، دۇرۇت ئوقۇش ئاللاھ تائالادىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا رەھمەت تىلىگەنلىك، سالام يوللاش ئاللاھ تائالادىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا يۇقىرى مەرتىۋە تىلىگەنلىك بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇئمىنلارنى بۇ ئىككى ئىشقا بۇيرۇيدۇ. شۇڭلاشقا مۇئمىنلارنىڭ ئارىسىدا خۇتبىلەر، نەسىھەتلەر، نۇتۇقلار ۋە دۇئالار ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىش، پەيغەمبەرگە دۇرۇت ۋە سالام يوللاش بىلەن باشلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَمَّنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَأَنْزَلَ لَكُمْ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَنْبَتْنَا بِهِ حَدَائِقَ ذَاتَ بَهْجَةٍ مَا كَانَ لَكُمْ أَنْ تُنْبِتُوا شَجَرَهَا ۗ أَإِلَٰهٌ مَعَ اللَّهِ ۚ بَلْ هُمْ قَوْمٌ يَعْدِلُونَ
ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۇنىڭ بىلەن گۈزەل باغلارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن كىم؟ ئۇ باغلارنىڭ دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈش سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئۇلار (ھەقىقەتتىن) بۇرۇلۇپ كەتكەن قەۋمدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن، ئۇنىڭ بىلەن گۈزەل باغلارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن كىم؟ ئۇ باغلارنىڭ دەرەخلىرىنى ئۆستۈرۈش سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ، ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ ئۇلار ھەقىقەتتىن بۇرۇلۇپ كەتكەن قەۋمدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ نەرسىلەر ياخشىمۇ؟ ياكى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، سىلەرگە ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ بەرگەن زات ياخشىمۇ؟ بىز ئۇ سۇ بىلەن گۈزەل باغلارنى يېتىشتۈردۇق. سىلەر ئۈچۈن ئۇ باغلارنىڭ دەرىخىنى يېتىشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ بەلكى ئۇلار ھەقتىن يىراقلىشىپ كەتكەن قەۋمدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلاردىن سورىغىنكى: «ئى مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ۋە سىلەرگە ھېچقانداق پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلار ياخشىمۇ؟ ياكى ئاسمانلارنى، ئاسمانلاردىكى يۇلتۇزلارنى، قۇياش، ئاي ۋە باشقا سەييارىلەرنى، زېمىننى ۋە زېمىندىكى تاغ - تاش، دەل - دەرەخ، دېڭىز - ئوكيان، كۆل - دەريا، زىرائەت ۋە ئوت - چۆپ... قاتارلىق مەخلۇقاتنى ياراتقان، سىلەرگە ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ ئۇ سۇ بىلەن گۈزەل باغلارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن ئاللاھ ياخشىمۇ؟ ئەگەر ئاللاھ ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ يېتىشتۈرمىگەن بولسا، سىلەر ئۈچۈن ئۇ باغلارنىڭ دەرىخىنى يېتىشتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، شۇنداققۇ! بۇنىڭغا سىلەرمۇ قايىل. ئەنە شۇ ئاللاھ بىلەن بىللە ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق باشقا بىرەر نەرسە بارمۇ؟» يوق. لېكىن ئۇلار شۇنداق جامائەدۇركى، ئەقىللىرىنى ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆزلىرى ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە رىزىق بىلەن تەمىنلەپ تۇرغۇچى دەپ قوبۇل قىلىدىغان ئاللاھقا ئۇ نەرسىلەرنى تەڭ قىلىۋاتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَمَّنْ جَعَلَ الْأَرْضَ قَرَارًا وَجَعَلَ خِلَالَهَا أَنْهَارًا وَجَعَلَ لَهَا رَوَاسِيَ وَجَعَلَ بَيْنَ الْبَحْرَيْنِ حَاجِزًا ۗ أَإِلَٰهٌ مَعَ اللَّهِ ۚ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
زېمىننى (ئىنسانلارغا ۋە ھايۋانلارغا) تۇرالغۇ قىلغان، ئۇنىڭ تۈرلۈك تەرەپلىرىدە دەريالارنى ئاققۇزغان، ئۇنىڭ ئۈستىدە (تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى ئورناتقان، ئىككى دېڭىز ئارىسىدا (يەنى تاتلىق سۇ بىلەن شورلۇق سۇ ئارىسىدا ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) توساقلارنى قىلغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ (باشقا ئىلاھ يوق) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تولىسى بىلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
زېمىننى تۇرالغۇ قىلغان، ئۇنىڭ تۈرلۈك تەرەپلىرىدە دەريالارنى ئاققۇزغان، ئۇنىڭ ئۈستىدە تاغلارنى ئورناتقان، ئىككى دېڭىز ئارىسىدا توساقلارنى قىلغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ نەرسىلەر ياخشىمۇ؟ ياكى زېمىننى ياشاشقا لايىق قىلغان، زېمىننىڭ ئىچىدە دەريالار بار قىلغان، زېمىن ئۈچۈن مۇستەھكەم تاغلار ئورناتقان ۋە ئىككى دېڭىز ئارىسىدا توسۇق قويغان زات ياخشىمۇ؟ ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلاردىن سورىغىنكى: «ئى مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈۋاتقان ۋە سىلەرگە ھېچقانداق پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلار ياخشىمۇ؟ ياكى زېمىننى سىلەرگە ۋە باشقا جانلىقلارغا قارارگاھ قىلىپ بەرگەن، زېمىننىڭ ئىچىدە دەريا ئېقىنلىرىنى ئېقىتىپ ئۆسۈملۈكلەرنى، جانلىقلارنى، خۇسۇسەن ئىنسانلارنى تاتلىق سۇ بىلەن تەمىنلەۋاتقان، زېمىندا مۇستەھكەم تاغلار ئورنىتىپ ئۇنى قالايمىقان ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلاۋاتقان، بىرىنىڭ سۈيى ئاچچىق، بىرىنىڭ سۈيى تاتلىق بولغان ئىككى دېڭىزنى ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان، لېكىن قوشۇلۇپ كەتمەيدىغان قىلىپ ياراتقان ئاللاھ ياخشىمۇ؟ ئاللاھ بىلەن بىللە باشقا ئىلاھ بارمۇ؟» يوق، ئەلۋەتتە ئاللاھ ياخشى ۋە ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق ھېچ نەرسە يوق. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بۇ ھەقىقەتنى بىلمەيدۇ، بىلمەسكە سالىدۇ، بىلىشكە ئىنتىلمەيدۇ، باشقىلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىپ شېرىك كەلتۈرىدۇ. ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئىككى دېڭىز ھەققىدە 25 - سۈرە (فۇرقان)، 53 - ئايەتنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَمَّنْ يُجِيبُ الْمُضْطَرَّ إِذَا دَعَاهُ وَيَكْشِفُ السُّوءَ وَيَجْعَلُكُمْ خُلَفَاءَ الْأَرْضِ ۗ أَإِلَٰهٌ مَعَ اللَّهِ ۚ قَلِيلًا مَا تَذَكَّرُونَ
بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا (ئۇنىڭ دۇئاسىنى) ئىجابەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ سىلەر ئازغىنا ۋەز ـ نەسىھەت ئالىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ سىلەر ئازغىنا ۋەز ـ نەسىھەت ئالىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ نەرسىلەر ياخشىمۇ؟ ياكى بېشىغا ئېغىرچىلىق كەلگەن كىشى دۇئا قىلسا دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان زات ياخشىمۇ؟ ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ بەكمۇ ئاز ئويلىنىسىلەر! — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈۋاتقان ۋە سىلەرگە ھېچقانداق پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلار ياخشىمۇ؟ ياكى بېشىغا ئېغىرچىلىق كەلگەن كىشى دۇئا قىلسا، ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئېغىرچىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان ۋە سىلەرنى بىر كىشى (ئادەم)دىن يارىتىپ، دۇنيانىڭ ئەجىلى توشقۇچىلىك بەزىڭلارنى بەزىڭلارنىڭ ئورۇنباسارى قىلغان، شۇنداقلا سىلەرنىڭ يەر يۈزىدىكى مەۋجۇتلۇقۇڭلارنى جەمەت، قەبىلە، ۋە مىللەت ھالىتىڭلاردا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئاللاھ ياخشىمۇ؟ ئەنە شۇ قۇدرەتلىك ۋە مەرھەمەتلىك ئاللاھ بىلەن بىللە ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق بىرەر نەرسە بارمۇ؟ يوق، شۇنداققۇ! لېكىن سىلەر بەكمۇ ئاز ئويلىنىسىلەر! ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئەسلىمەيسىلەر، غەزەپ ۋە ئازابىنى ياد ئەتمەيسىلەر، شۇڭلاشقا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن تۇزكورلۇق قىلىۋاتىسىلەر، ھەددىڭلاردىن ئېشىشتا ئەزۋەيلەۋاتىسىلەر». دەرۋەقە مۇشرىكلار بىرەر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن، بېشىغا كۈن چۈشكەن، بالا - مۇسىبەتتىن چىقىش يولى قالمىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن چاغلىرىدا ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاللاھ تائالاغا تېۋىنىدۇ ۋە يېلىنىپ - يالۋۇرىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قويسا، ئۇلار يەنىلا شېرىك كەلتۈرۈشكە باشلايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا بۇتلارنىڭ ھېچ ئىشقا ئەسقاتمايدىغانلىقىنى ئۆزلىرىنىڭمۇ بىلىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ھەر دائىم تەۋھىدتە تۇرۇشى لازىملىقىنى ئۇقتۇرىدۇ، قىيىنچىلىقتا ئەسقاتمىغان بۇتنىڭ ئازادىچىلىكتىمۇ ئەسقاتمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، قىيىنچىلىق ، ئازادىچىلىك، شادلىق، خاپىلىق،... قاتارلىق پۈتكۈل ھالەتلەردە دۇئانى ئۆزىگىلا (ئاللاھقىلا) قىلىش كېرەكلىكىنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَمَّنْ يَهْدِيكُمْ فِي ظُلُمَاتِ الْبَرِّ وَالْبَحْرِ وَمَنْ يُرْسِلُ الرِّيَاحَ بُشْرًا بَيْنَ يَدَيْ رَحْمَتِهِ ۗ أَإِلَٰهٌ مَعَ اللَّهِ ۚ تَعَالَى اللَّهُ عَمَّا يُشْرِكُونَ
قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا سىلەرگە يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان، رەھمىتىدىن (يەنى يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىشتىن) ئىلگىرى شاماللارنى بېشارەت قىلىپ ئەۋەتىدىغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ (ھېچ ئىلاھ يوقتۇر) ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر — مۇھەممەد سالىھ
قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا سىلەرگە يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان، رەھمىتىدىن ئىلگىرى شاماللارنى بېشارەت قىلىپ ئەۋەتىدىغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ نەرسىلەر ياخشىمۇ؟ ياكى قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا سىلەرگە يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان، شاماللارنى رەھمىتىنىڭ ئالدىدا خۇش خەۋەرچى قىلىپ ئەۋەتىدىغان زات ياخشىمۇ؟ ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ شېرىك قىلغان نەرسىلىرىدىن ئۈستۈندۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلاردىن سورىغىنكى: «ئى مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈۋاتقان ۋە سىلەرگە ھېچقانداق پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلار ياخشىمۇ؟ ياكى قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا سىلەرگە ئاسماندىكى ۋە زېمىندىكى دەلىللىرى بىلەن يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان، شاماللارنى ئۆزىنىڭ بىر تۈرلۈك رەھمىتى بولغان يامغۇرنىڭ ئالدىدا خۇش خەۋەرچى قىلىپ ئەۋەتىدىغان ئاللاھ ياخشىمۇ؟ ئاللاھ بىلەن بىللە ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق بىرەر نەرسە بارمۇ؟» يوق! ئاللاھ مۇشرىكلار شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەرىدىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر؛ ئاللاھ رەب ۋە ئىلاھلىقتا يەككە - يېگانە زاتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَمَّنْ يَبْدَأُ الْخَلْقَ ثُمَّ يُعِيدُهُ وَمَنْ يَرْزُقُكُمْ مِنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ ۗ أَإِلَٰهٌ مَعَ اللَّهِ ۚ قُلْ هَاتُوا بُرْهَانَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
(ئىنساننى) دەسلەپتە خەلق ئەتكەن، ئاندىن ئۇنى تىرىلدۈرىدىغان كىم؟ سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىدىغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ (ھېچ ئىلاھ يوقتۇر) ئېيتقىنكى، «(ئەگەر دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولىدىغان بولساڭلار، دەلىللىرىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار» — مۇھەممەد سالىھ
ئىنساننى دەسلەپتە خەلق ئەتكەن، ئاندىن ئۇنى تىرىلدۈرىدىغان كىم؟ سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىدىغان كىم؟ ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ ئېيتقىنكى: «راستچىل بولىدىغان بولساڭلار، دەلىللىرىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ نەرسىلەر ياخشىمۇ؟ ياكى دەسلەپتە يوقتىن يارىتىدىغان، ياراتقىنى يوقالغاندىن كېيىن ئۇنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان، سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىدىغان زات ياخشىمۇ؟ ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھ بارمۇ؟» ئېيتقىنكى: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلاردىن سورىغىنكى: «ئى مۇشرىكلار! سىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈۋاتقان ۋە سىلەرگە ھېچقانداق پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلار ياخشىمۇ؟ ياكى ياراتقىنىنى دەسلەپتە يوقتىن يارىتىدىغان، ياراتقىنىنى خالىغان چېغىدا يوق قىلىۋېتىپ ئاندىن يەنە خالىغان چېغىدا ئۇنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان، سىلەرگە ئاسماندىن سۈ چۈشۈرۈپ، زېمىندىن ئۆسۈملۈك ئۈندۈرۈپ رىزىق بېرىدىغان ئاللاھ ياخشىمۇ؟ ئاللاھ بىلەن بىللە باشقا ئىلاھ بارمۇ؟ يوق! ئەگەر سىلەر ‹ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ بار› دېگەن سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، بۇنىڭغا دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار! ھەرگىزمۇ كەلتۈرەلمەيسىلەر، چۈنكى شېرىكنىڭ دەلىلى يوق». ئاللاھ تائالا 59 ~ 64 - ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى بىلدۈرىدۇ، 65 ~ 75 - ئايەتلەردە بولسا ئۆزىنىڭ ئىلمىنىڭ چەكسىزلىكىنى بىلدۈرىدۇ، قىيامەتنى ئىنكار قىلغانلارغا رەددىيە بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ لَا يَعْلَمُ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ الْغَيْبَ إِلَّا اللَّهُ ۚ وَمَا يَشْعُرُونَ أَيَّانَ يُبْعَثُونَ
ئاللاھتىن بۆلەك ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەر غەيبنى بىلمەيدۇ، ئۇلار (يەنى خالايىق) قاچان تىرىلىدىغانلىقلىرىنى بىلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھتىن بۆلەك ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەر غەيبنى بىلمەيدۇ، ئۇلار قاچان تىرىلىدىغانلىقلىرىنى بىلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «غەيبنى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەردىن ھېچكىم بىلمەيدۇ، غەيبنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ». ئۇلار قاچان تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى تۇيمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ساڭا قىيامەتنىڭ قايىم بولۇش ۋاقتىنى سورىغانلارغا ئېيتقىنكى: «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەردىن ھېچكىم غەيىبنى، جۈملىدىن قىيامەتنىڭ قايىم بولۇش ۋاقتىنى بىلمەيدۇ، ئۇنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. ئۇلار قىيامەتنىڭ قايىم بولۇش ۋاقتىنى بىلىش تۈگۈل، قىيامەت كۈنى ئۆزلىرىنىڭ قاچان قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنىمۇ تۇيمايدۇ، ھېس قىلمايدۇ، ئۇقمايدۇ». ئەسكەرتىش: ئاللاھقا غەيب دەپ بىرەر نەرسە يوق، ھەممە نەرسە ئاللاھقا ئاشكارىدۇر. شۇڭلاشقا ئاشكارا ۋە غەيب دېگەن ئىككى ئۇقۇم ئىنسانلار ئۈچۈندۇر؛ ئىنسان بەش سەزگۈ ئەزاسىنىڭ بىرى بىلەن بىلەلمىگەن نەرسە ئۇنىڭ ئۈچۈن غەيىب، ئۇ ئەزالىرىنىڭ بىرى بىلەن بىلەلىگەن نەرسە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاشكارا دەپ ئاتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزى خالىغان غەيبنى ئۆزى خالىغان ئەلچىسىگە مۇئەييەن شەكىلدە بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، لېكىن قىيامەتنىڭ قايىم بولۇش ۋاقتىنى ھېچكىمگە بىلدۈرمىگەنلىكىنى ۋە بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
بَلِ ادَّارَكَ عِلْمُهُمْ فِي الْآخِرَةِ ۚ بَلْ هُمْ فِي شَكٍّ مِنْهَا ۖ بَلْ هُمْ مِنْهَا عَمُونَ
ئۇلارنىڭ ئاخىرەت توغرىسىدىكى ئىلمى پىشىپ يېتىلدىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئاخىرەت توغرۇلۇق گۇماندىدۇر، ئۇلار ئاخىرەت توغرۇلۇق كوردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ ئاخىرەت توغرىسىدىكى ئىلمى پىشىپ يېتىلدىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئاخىرەت توغرۇلۇق گۇماندىدۇر، ئۇلار ئاخىرەت توغرۇلۇق كوردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بەلكى ئۇلارنىڭ ئاخىرەت توغرىسىدىكى ئىلمى يېتەرلىك ئەمەس، بەلكى ئۇلار ئاخىرەت توغرىسىدا گۇماندىدۇر، بەلكى ئۇلار ئاخىرەت توغرىسىدا كوردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئەسلىدە بۇ كافىرلار ئاخىرەت ھاياتىنى بىلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاخىرەت ھاياتى توغرىسىدا شۈبھە قىلىۋاتىدۇ، ھەتتا ئۇلار بۇ توغرىدا كورلۇق قىلىۋاتىدۇ؛ ئاخىرەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەقىقەتلەرگە كۆز يۇمىدۇ، كۆرۈشتىن، ئويلاشتىن ۋە بىلىشكە ئىنتىلىشتىن باش تارتىۋاتىدۇ. دەرۋەقە كافىرلار بۇ دۇنيادىكى چاغلىرىدا ئاخىرەت ھاياتىنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئاخىرەت ھەققىدە بىر نەرسە بىلمەيدۇ، ھەتتا شۈبھە قىلىدۇ. ئەمما ئۇلار قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلگەن ۋە ئازابنى كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن چاغلىرىدا ئاخىرەت ھاياتىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە جەزمەن ئىشىنىدۇ، چۈنكى ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ چالا - پۇچۇق ئىلمى تولۇقلىنىدۇ، يېرىم - يارتا مەلۇماتى پۈتۈنلىدۇ، دۇنيادىكى چاغلىرىدا شۈبھە قىلغان ئەھۋاللارنىڭ ھەر بىرى بىرەر ھەقىقەت بولۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا نامايان بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا أَإِذَا كُنَّا تُرَابًا وَآبَاؤُنَا أَئِنَّا لَمُخْرَجُونَ
كاپىرلار (يەنى قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى مەككە مۇشرىكلىرى) ئېيتتى: «بىز ۋە بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن (قەبرىمىزدىن تىرىلىپ) چوقۇم چىقىرىلامدۇق؟ — مۇھەممەد سالىھ
كاپىرلار ئېيتتى: «بىز ۋە بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز توپا بولۇپ كەتكەندىن كېيىن قەبرىمىزدىن تىرىلىپ چوقۇم چىقىرىلامدۇق؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
كافىرلار مۇنداق دېدى: «بىز ۋە ئاتا -بوۋىلىرىمىز ئۆلۈپ توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ قەبرىمىزدىن چىقىرىلامدۇق؟ — ئەنەس ئالىم
(67-68) قىيامەت كۈنىنى ۋە ئۇ كۈندە ئۆزلىرىنىڭ قايتا تىرىلىپ ئاللاھقا ھېساب بېرىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغان، شۇنداقلا ئۇ توغرىدىكى ھەقىقەتلەرنى كۆرۈشتىن باش تارتقان ئۇ كافىرلار مۇنداق دېدى: «بىز ۋە ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئۆلۈپ ۋۇجۇدىمىز چىرىگەن ۋە توپىغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، بىز يەنە قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ قەبرىمىزدىن چىقىرىلامدۇق؟ ياق، ھازىر مۇھەممەد بىزگە سالغان بۇ تەھدىتنى، ئۆتمۈشتە ئۆزلىرىنى پەيغەمبەر داۋالغانلار ئاتا - بوۋىلىرىمىزغا سالغان ئىكەن، لېكىن ھېچكىمنىڭ تىرىلگىنى يوق، بۇ تەھدىتلەر پەقەت بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرىدۇر، قەدىمكىلەرنىڭ يالغانلىرىدۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَقَدْ وُعِدْنَا هَٰذَا نَحْنُ وَآبَاؤُنَا مِنْ قَبْلُ إِنْ هَٰذَا إِلَّا أَسَاطِيرُ الْأَوَّلِينَ
ھەقىقەتەن بىزگە ۋە ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزغا ئىلگىرى (قايتا تىرىلىش) ۋەدە قىلىنغان ئىدى. بۇ پەقەت بۇرۇنقىلارنىڭ قىسسەلىرىدۇر» — مۇھەممەد سالىھ
ھەقىقەتەن بىزگە ۋە ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزغا ئىلگىرىمۇ قايتا تىرىلىش ۋەدە قىلىنغان ئىدى. بۇ پەقەت بۇرۇنقىلارنىڭ قىسسىلىرىدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى
بىزگە سېلىنغان بۇ تەھدىت، بۇرۇن ئاتا - بوۋىلىرىمىزغىمۇ سېلىنغان ئىدى. بۇ قەدىمكىلەرنىڭ ئەپسانىلىرى، خالاس!». — ئەنەس ئالىم
-
قُلْ سِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَانْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُجْرِمِينَ
سەن (بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىن: «زېمىندا سەير قىلىڭلار، گۇناھكارلار (يەنى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغۇچىلار) نىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار» (ئۇلارنى ئاللاھ ھالاك قىلمىدىمۇ؟ ئىلگىرىكى كۇففارلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن كېيىنكى كۇففارلارنىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
سەن ئېيتقىنكى: «زېمىندا سەير قىلىڭلار، گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار!». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئى ئىنكارچىلار! يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار؛ پەيغەمبەرگە قارشى چىققان ۋە قىيامەتنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ھالاك بولغان جايلىرىدىكى خارابىلىكلەردىن ئىبرەت ئېلىڭلار». مەككە مۇشرىكلىرى ئىبادەت قىلىنىشقا پەقەت ئاللاھ تائالانىڭلا لايىق ئىكەنلىكىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە، قىيامەت كۈنى خالايىقنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغانلىقىنىمۇ ئىنكار قىلاتتى، بۇنى ئېھتىمالدىن يىراق ھېسابلايتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقىقەتلەرنى يەتكۈزسە ۋە چۈشەندۈرسە ئۇلار مەسخىرە قىلاتتى، قارشى چىقاتتى ۋە كەلسە - كەلمەس گەپلەرنى قىلاتتى. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە نۇرغۇنلىغان ئايەتتە ئۇلارغا ئۇ ئۈچ مەسىلىنىڭ ھەر بىرىنى دەلىللىرى بىلەن چۈشەندۈرىدۇ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئۆتمۈشتىكى ئىنكارچىلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئېلىشقا بۇيرۇيدۇ. جۈملىدىن بۇ ئايەتتە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنى، ئاخىرەت ھاياتى، قايتا تىرىلىش، قىلىمشقا ھېساب بېرىش... ھەققىدىكى شۈبھىلىرىگە جاۋاب بېرىدۇ، ئىنكارلىرىغا رەددىيە بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا تَحْزَنْ عَلَيْهِمْ وَلَا تَكُنْ فِي ضَيْقٍ مِمَّا يَمْكُرُونَ
(ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ (ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن) قايغۇرمىغىن، ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىدىن ئىچىڭ پۇشمىسۇن (ئاللاھ سېنى ئۇلارنىڭ شەررىدىن ساقلايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
-ئى مۇھەمممەد!- سەن ئۇلارغا قايغۇرمىغىن، ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىدىن ئىچىڭ پۇشمىسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا قايغۇرمىغىن، ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرىدىن ئىچىڭنى پۇشۇرمىغىن! — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەن كافىرلارغا قاراپ قايغۇرمىغىن، ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرىدىن يۈرىكىڭ سىقىلمىسۇن، شۇنى بىلگىنكى: سېنى ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن رەببىڭ سېنى دۈشمەنلىرىڭنىڭ يامانلىقىدىن ساقلايدۇ، ساڭا ياردەم قىلىدۇ، زەپەر نېسىپ قىلىدۇ ۋە سېنىڭ دىنىڭنى بارلىق دىنلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب قىلىدۇ. شۇڭلاشقا سەن ئۇلارنىڭ تەرسالىقىغا ۋە ناشايان سۆزلىرىگە پەرۋا قىلماستىن دەۋىتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن، چۈنكى سېنىڭ ۋەزىپەڭ ھەقىقەتنى يەتكۈزۈشتۇر، ھېساب ئېلىش بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا الْوَعْدُ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
ئۇلار: «ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، (سىلەر بىزگە ۋەدە قىلغان) ئازاب قاچان چۈشىدۇ؟» دېيىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، ئۇ ۋەدە قاچان؟» دېيىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ تەرسالىرى كۇفرىلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ: «ئى مۇھەممەد! ئى مۇھەممەدنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى! سىلەرنىڭچە بىز ئىمان كەلتۈرمىسەڭ ئازابقا دۇچار بولىمىز، شۇنداقمۇ! سىلەر بۇ دەۋايىڭلاردا راستچىل بولىدىغان بولساڭلار، ئۇ ئازاب بېشىمىزغا قاچان كېلىدۇ؟ بۇنى ئېيتىپ بېرىڭلار!» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ عَسَىٰ أَنْ يَكُونَ رَدِفَ لَكُمْ بَعْضُ الَّذِي تَسْتَعْجِلُونَ
«سىلەر ئالدىراپ كەتكەن ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە يېقىنلاشقان بولۇشى مۇمكىن» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى: «سىلەر ئالدىراپ كەتكەن ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە يېقىنلاشقان بولۇشى مۇمكىن» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «سىلەر تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغان ئازابنىڭ ئۈستۈڭلارغا كېلىشى يېقىندۇر». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا جاۋابەن ئېيتقىنكى: «سىلەر تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغان ئازابنىڭ بەزىسى سىلەرگە يېقىندۇر؛ ئۇ ئازاب سىلەرگە، خۇددى بىر ئۇلاغقا مىنگەشكەن ئىككى ئادەمنىڭ، كەينىدىكىسى ئالدىدىكىسىگە يېقىن بولغاندەك يېقىندۇر». ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرىغا يېقىنلاشقان، كەينىگە مىنگىشىپ تۇرۇۋاتقان ۋە قىسقا مۇددەتتىن كېيىن ئۇلار دۇچار بولىدىغان ئازابلار تۆۋەندىكىچە: 1) ئۆلتۈرۈلۈش ۋە ئەسىرگە چۈشۈش ئازابى؛ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ قوشۇنى «بەدر غازىتى»دا مۇسۇلمانلار قوشۇنىغا مەغلۇپ بولۇپ، ئۇلاردىن 70 كىشى ئۆلگەن، 70 كىشى ئەسىرگە چۈشكەن. ئۇلارنىڭ تولىسى مۇشرىكلارنىڭ قوماندان، كاتىۋاش ۋە مۆتىۋەرلىرى ئىدى. 2) ئاچارچىلىق ئازابى؛ ھىجرەتنىڭ ئالتىنچى يىلى «بەنى ھەنىفە» قەبىلىسىنىڭ رەئىسى «سۇمامە ئىبنى ئۇسال» دېگەن كىشىنىڭ ئىمان كەلتۈرۈپ مۇسۇلمانلارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇشى بىلەن ئۇ قەبىلىنىڭ يۇرتى بولغان «يەمامە»دىن كېلىدىغان بۇغداي ئۈزۈلۈپ قېلىپ مەككىدە ئاچارچىلىق بولغان. 3) ئاخىرەت ئازابى؛ قىيامەتكە قەدەر كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەن ۋە شېرىك كەلتۈرۈشتىن يانمىغان ۋە بارلىق كافىرلار، جۈملىدىن ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرى قىيامەت كۈنى مەڭگۈ ئازاب چېكىشلىرى ئۈچۈن دوزاخقا تاشلىنىدۇ. بۇ ئازاب بەك قاتتىق، ناھايىتى ئېغىر ۋە مەڭگۈ باقىيدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنَّ رَبَّكَ لَذُو فَضْلٍ عَلَى النَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَشْكُرُونَ
ەرۋەردىگارىڭ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (پەرۋەردىگارىغا) شۈكۈر قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
رەببىڭ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
سېنىڭ رەببىڭ ئىنسانلارغا ئىلتىپات قىلغۇچىدۇر. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سېنىڭ رەببىڭ ئىنسانلارغا ئېھسان قىلىدۇ، ئىلتىپات قىلىدۇ ۋە رەھمەت قىلىدۇ؛ ئۇلار گۇناھ قىلىپ تۇرسىمۇ ئۇلارنى رىزىق ۋە باشقا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ، جۈملىدىن جازالاشقا تېگىشلىك بولغانلارنى دەرھال جازالىماي ئۇلارغا مۆھلەت بېرىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى ئاللاھنىڭ بۇ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلمايدۇ؛ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەيدۇ، پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ تەۋبە قىلمايدۇ. مەسىلەن: بۇ مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ ئالدىدا پۇرسەت بار چاغدا ئىمان كەلتۈرۈپ ياخشى ئادەم بولۇشنىڭ ئورنىغا، تەۋبە قىلمىغان تەقدىردە يولۇقىدىغانلىقى ئېيتىلغان ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىچە سېنى ئاجىز قالدۇرۇش ۋە سۆزلىرىڭنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ شۇنى بىلىشى لازىمكى: ئازاب ئۇلار تەلەپ قىلغاندا ئەمەس، ئەكسىچە بىز خالىغاندا كېلىدۇ. بىز ھېكمىتىمىزنىڭ تەلىپى بويىچە گۇناھكارلارغا باشتا مۆھلەت بېرىشنى، مۆھلەت توشقاندا جازالاشنى ئىرادە قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنَّ رَبَّكَ لَيَعْلَمُ مَا تُكِنُّ صُدُورُهُمْ وَمَا يُعْلِنُونَ
پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغانلىرىنى ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىنى (يەنى ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارىتا ئاداۋىتىنى ۋە سۇيىقەستىنى) شەك ـ شۈبھىسىز بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
رەببىڭ ئۇلارنىڭ دىللىرىدا يوشۇرغانلىرىنى ۋە ئاشكارا قىلغانلىرىنى شەك ـ شۈبھىسىز بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
سېنىڭ رەببىڭ ئۇلارنىڭ دىللىرى مەخپىي ساقلىغان نەرسىلەرنى ۋە ئۇلار ئاشكارا قىلغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سېنىڭ رەببىڭ ئۇلار دىللىرىدا مەخپىي تۇتۇۋاتقان سىرلارنى ۋە ئۇلار ئېيتىۋاتقان بارلىق سۆز ۋە قىلىۋاتقان پۈتكۈل قىلمىشلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ھەممىسىنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ. چۈنكى رەببىڭنىڭ ئىلمى چەكسىزدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا مِنْ غَائِبَةٍ فِي السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ إِلَّا فِي كِتَابٍ مُبِينٍ
ئاسمان - زېمىندا لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلمىغان ھېچبىر سىر يوق — مۇھەممەد سالىھ
ئاسمان زېمىندا روشەن كىتاب - لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلمىغان ھېچبىر سىر يوق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاسمان - زېمىندا بولغان ھەر قانداق سىر ئەلۋەتتە روشەن كىتابقا يېزىلغان. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئاسماندا بولسۇن زېمىندا بولسۇن مەخلۇقاتقا يوشۇرۇن بولغان ھەر نەرسە ۋە مەخلۇقاتقا مەخپىي بولغان ھەر سىر سېنىڭ رەببىڭ ئاللاھقا ئاشكارىدۇر، ھەر نەرسە رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدىكى كىتابتا يېزىلغان ھالەتتىدۇر. ئۇنداقتا، بۇ مۇشرىكلارنىڭ تەرسالىقىغا ۋە كۇفرىلىقىغا قاراپ غەمكىن بولمىغىن، قايغۇرمىغىن ۋە ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى ئارزۇ قىلىپ ئۆزۈڭنى ئاۋارە قىلمىغىن، ئەكسىچە ھەقىقەتنى يەتكۈزۈش بىلەن كۇپايىلەنگىن، چۈنكى سېنىڭ ۋەزىپە پەقەتلا تەبلىغدۇر، ھېساب ئېلىش بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر. ئاللاھ تائالا 59 ~ 75 - ئايەتلەردە تەۋھىدنىڭ ۋە قىيامەتنىڭ دەلىللىرىنى بايان قىلىدۇ، مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ. 76 ~ 81 - ئايەتلەردە بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيەيغەمبەرلىكىنىڭ دەلىلىنى بايان قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ هَٰذَا الْقُرْآنَ يَقُصُّ عَلَىٰ بَنِي إِسْرَائِيلَ أَكْثَرَ الَّذِي هُمْ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
(پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان) بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرىنىڭ كۆپىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بۇ قۇرئان، ھەقىقەتەن ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلغان نەرسىلىرىنىڭ كۆپىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ قۇرئان ئىسرائىل ئەۋلادىغا، ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرىنىڭ تولىسىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! مۇھەممەد سىلەرگە يەتكۈزۈۋاتقان بۇ قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە مۇھەممەدنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى شۇكى، بۇ قۇرئان بەنى ئىسرائىل ئىختىلاپ قىلىشقان مەسىلىلەرنىڭ تولىسىنى ئۇلارغا بايان قىلىپ بېرىدۇ. مەسىلەن: بەنى ئىسرائىلنىڭ يەھۇدىي پىرقىسى ئىيسانى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئانىسىغا تۆھمەت چاپلايدۇ. ئۇلارنىڭ ناسارا پىرقىسى بولسا، ئىيسانى «ئاللاھ، ئاللاھنىڭ ئوغلى»، ئىيسانىڭ ئانىسىنى «ئىلاھ» دەيدۇ ۋە ئۇلارغا چوقۇنىدۇ. قۇرئان بولسا، ھەر ئىككى پىرقىگە ئىيسانىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى، مەريەمنىڭ تەقۋادار بىر ئايال بەندە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئىشنىڭ ئەسلىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدەك، قۇرئان ئۇلارنىڭ كىتابلىرى بولغان تەۋرات ۋە ئىنجىلدا بار بولۇپ، ئۇلار يوشۇرغان، بۇرمىلىۋەتكەن، ئۆزگەرتىۋەتكەن ۋە ئالماشتۇرۇۋەتكەن ھەقىقەتلەرنىڭ تولىسىنى بايان قىلىدۇ، تولىسى ھەققىدە بىر نەرسە دېمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئورنىغا يېڭى مەزمۇنلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، چۈنكى ئاللاھ بۇ قۇرئاننى ئىلگىرى نازىل قىلغان كىتابلىرىنى تەستىقلايدىغان ۋە ئۇلارنى كونترول قىلىدىغان ھالەتتە نازىل قىلغان. ئەنە شۇ ئالاھىدىلىكتىكى قۇرئاننىڭ، ئوقۇش - يېزىشنى بىلمەيدىغان بىر كىشىنىڭ 40 ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئويدۇرۇپ چىققان ياكى بىرەر جىن ۋە بىرەر ئىنساندىن ئۆگەنگەن كىتاب بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ ياق، ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداقتا، بۇ قۇرئان ئاللاھنىڭ كىتابى، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر. بۇنىڭ ئەكسىنى دەۋا قىلىۋاتقان ئى ئىنكارچىلار! ھەممىڭلار بىرلىشىپ، ھەتتا بارلىق ياردەمچىلىرىڭلار ۋە پۈتكۈل جىن ۋە ئىنسانلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ قۇرئاننىڭ سۈرىلىرىگە ئوخشايدىغان بىرەر سۈرە كەلتۈرۈپ بېقىڭلار، ھەرگىزمۇ كەلتۈرەلمەيسىلەر. ئى ئىنكارچىلار! شۇنى ئېسىڭلاردىن چىقارماڭلاركى، ئۆزۈڭلارنى دوزاختىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئالدىڭلاردا قۇرئانغا بويسۇنۇش ۋە مۇھەممەدكە ئەگىشىشتىن باشقا يول يوق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنَّهُ لَهُدًى وَرَحْمَةٌ لِلْمُؤْمِنِينَ
قۇرئان مۆمىنلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ۋە قۇرئان ھەقىقەتەن مۇئمىنلار ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئۇ قۇرئان مۇئمىنلارغا ھىدايەت ۋە رەھمەتتۇر. — ئەنەس ئالىم
قۇرئاننىڭ ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر دەلىلى، قۇرئاننىڭ مۇئمىنلارنى توغرا يولغا باشلىشى ۋە ئۇلارنى ئىلاھىي رەھمەتكە ئېرىشتۈرۈشىدۇر؛ قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنلەر قۇرئان بىلەن دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخت - سائادەت يولىنى تاپىدۇ، شۇنداقلا ئۇ يولدا مېڭىپ دۇنيادا بەختلىك ھاياتقا، ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشىدۇ. قۇرئان ناۋادا ئاللاھنىڭ كىتابى بولمىغان بولسا ئىدى، ئۇ ھەرگىزمۇ دۇنيادا ئاللاھنىڭ يولىغا باشلىمىغان، ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ جەننىتىگە ئېرىشتۈرمىگەن بولاتتى. ئۇنداقتا، ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان ۋەھىي قىلىنغان كىشى ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر. ئەسكەرتىش: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىكى ۋە قۇرئان كەرىم بارلىق ئىنسانلارغا رەھمەت بولسىمۇ، ئۇ رەھمەتتىن پايدىلىنىش ئىمان كەلتۈرۈش ۋە بويسۇنۇش شەرتىگە باغلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىكى ۋە قۇرئان كەرىم پەقەت مۇئمىنلارغىلا رەھمەت بولغان بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ رَبَّكَ يَقْضِي بَيْنَهُمْ بِحُكْمِهِ ۚ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْعَلِيمُ
شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ ئۇلار (يەنى بەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) نىڭ ئارىسىدا (قىيامەت كۈنى) ئادىل ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، (بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى) بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
رەببىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆز ھۆكمى بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇ ئەزىزدۇر، بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! رەببىڭ قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنىڭ، جۈملىدىن بەنى ئىسرائىلنىڭ ئارىسىنى ئۆزىنىڭ ھۆكمى بىلەن ئايرىيدۇ؛ يامانلارنى جازالايدۇ، ياخشىلارنى مۇكاپاتلايدۇ. رەببىڭ يېڭىلمەس قۇدرەتكە ئىگە زات بولۇپ، كىمگە قانداق ھۆكۈم قىلسا ئۇنى ئىجرا قىلىدۇ. رەببىڭ ھەر نەرسىنى بىلگۈچى زات بولۇپ، ھېچكىمگە ناھەق ھۆكۈم قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئۆز ئادالىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ھەر كىشى ئۆز قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ، ھېچكىم ھەقسىزلىقكە ئۇچرىمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ ۖ إِنَّكَ عَلَى الْحَقِّ الْمُبِينِ
ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن (يەنى ئىشىڭنى ئاللاھقا تاپشۇرغىن، ھەممە ئىشىڭدا ئاللاھقا يۆلەنگىن، ئاللاھ ساڭا مەدەتكاردۇر)، (ئى مۇھەممەد!) شۈبھىسىزكى، سەن روشەن ھەق (دىن) ئۈستىدەدۇرسەن — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن، -ئى مۇھەممەد!- شۈبھىسىزكى، سەن روشەن ھەق ئۈستىدىسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ھالدا ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن. شۈبھىسىزكى، سەن روشەن ھەق ئۈستىدىسەن. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇنداقتا، سەن دەۋىتىڭنى دادىللىق بىلەن داۋاملاشتۇرغىن، بۇ يولدا قولۇڭدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى قىلىپ نەتىجىنى ئاللاھقا تاپشۇرغىن، ئاللاھقا تايانغىن، قارشى چىققانلارغا پەرۋا قىلمىغىن. شۈبھىسىزكى، سەن روشەن ھەق ئۈستىدىسەن. رەببىڭ سېنى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە رەھمىتى بىلەن زەپەرگە ئېرىشتۈرىدۇ، دۈشمەنلىرىڭنى ئۆزىنىڭ ئادالىتى بىلەن دۇنيادا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىپ، ئاخىرەتتە دوزاخقا تاشلاپ جازالايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّكَ لَا تُسْمِعُ الْمَوْتَىٰ وَلَا تُسْمِعُ الصُّمَّ الدُّعَاءَ إِذَا وَلَّوْا مُدْبِرِينَ
سەن ئۆلۈكلەرگە ۋە يۈز ئۆرۈگەن گاسلارغا (يەنى دىللىرىنىڭ ئۆلۈكلىكىدە ئۆلۈكلەرگە ۋە ھەقنى ئاڭلىماسلىقتا گاسلارغا ئوخشايدىغان كۇففارلارغا) دەۋەتنى ئاڭلىتالمايسەن — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى سەن ئۆلۈكلەرگە ئاڭلىتالمايسەن، گاسلارغىمۇ يۈز ئۆرۈگەن ۋاقىتلىرىدا دەۋەتنى ئاڭلىتالمايسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
سەن ئۆلۈكلەرگە ئاڭلىتالمايسەن، ئارقىسىنى قىلىپ كەتكەن گاسلارغىمۇ دەۋەتنى ئاڭلىتالمايسەن. — ئەنەس ئالىم
(80-81) ئى مۇھەممەد! سەن بۇ تەرسا مۇشرىكلارغا ئاۋازىڭنى ئاڭلىتالمايسەن، چۈنكى ئۇلار ئۆلۈكلەرگە ۋە ئارقىسىنى قىلىپ كەتكەن گاسلارغا ئوخشاش ئۆزلىرىگە قىلىنغان سۆزنى ئاڭلىمايدۇ. ئاۋازنى ئىشىتمەيدۇ، ساڭا كەينىنى قىلىپ تۇرغانلىقى (يۈز ئۆرۈشتە ئەزۋەيلىگەنلىكى) ئۈچۈن نېمە دېگەنلىكىڭنى چۈشەنمەيدۇ. شۇنىڭدەك، سەن كورلارنى كېتىۋاتقان خاتا يۆنىلىشلىرىدىن قايتۇرۇپ توغرا يۆنىلىشكە باشلىيالمايسەن، خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش بۇ تەرسا مۇشرىكلارنىمۇ ئۆزلىرى چوڭقۇرلاشقان ۋە چىقىشنى خالىمىغان ئازغۇنلۇقتىن چىقىرىپ توغرا يولغا باشلىيالمايسەن، سەن پەقەت بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشىنىپ بويسۇنغانلارغىلا ئاڭلىتالايسەن، چۈنكى ئۆزىنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قابىلىيەتلىرىنى يوقىتىۋەتمىگەن، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ فىترىتىنى بۇزىۋەتمىگەن كىشىلەرلا توغرا سۆزنى ئاڭلايدۇ، ھەقىقەتنى كۆرىدۇ ۋە چۈشىنىدۇ، شۇنداقلا بويسۇنىدۇ. تەرسالىقتا ئەزۋەيلىگەن ۋە تەقلىدچىلىككە چۆمگەن ئادملەر بولسا مەنىۋى جەھەتتىن ئۆلۈكتۇر، گاستۇر، كوردۇر. شۇڭلاشقا ئۇلار ئايەتلەردىن تەسىرلەنمەيدۇ، ئايەتلەرگە ئىشىنىشكە ۋە بويسۇنۇشقا قىلىنغان چاقىرىقنى ئاڭلىمايدۇ، ھەقىقەتنىڭ دەلىللىرىنى كۆرمەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن بۇلارغا سەن ھەقىقەتنى ئاڭلىتالمايسەن. ئى مۇھەممەد! ھىدايەت تېپىش بەندىلەرنىڭ ئىرادىسى ۋە قارارىغا باغلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ھىدايەت تاپمىغانلار ھىدايەت تېپىشنى خالىمىغانلاردۇر، سەن بۇلارغا قاراپ غەمكىن بولمىغىن، خاپا بولۇپ كەتمىگىن، قايغۇرمىغىن. سەن دەۋىتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن ۋە شۇنى بىلگىنكى، سەن ھىدايەت تېپىشنى خالىمىغانلارنى توغرا يولغا باشلىيالمايسەن. ئەسكەرتىش: ئايەتلەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ھىدايەت (توغرا يولنى كۆرسەتكۈچى) بولۇپ نازىل قىلىنغان بولسىمۇ نەتىجە ئېتىبارى بىلەن پەقەت ئاللاھتىن ئەيمىنىدىغان (تەقۋادار)لارغىلا توغرا يولنى كۆرسەتكەن بولىدۇ. دەۋەتتىن يۈز ئۆرۈگەن، توغرا يول تېپىشقا ئىنتىلمىگەن ۋە ئۆزىنىڭ كەلگۈسى بەخت - سائادىتىنىڭ يولىنى ئىزدىمىگەن ئادەملەر ئايەتلەرنى ئىنكار قىلىپ تېخىمۇ كۆپ زىيان تارتىدۇ. شۇنىڭدەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام نەتىجە ئېتىبارى بىلەن قۇرئانغا ئەگەشكەن، ئاللاھنىڭ ھەيۋىتىدىن ئەيمەنگەن ۋە ئاگاھلاندۇرۇشتىن قورققان كىشىلەرگە قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلغان بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى: ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى يارىتىپ، ئۇلارغا ياخشى يولنى ياكى يامان يولنى تاللاش توغرىسىدا ئىختىيار بەرگەن. ھىدايەت قىلىش ۋە ئازدۇرۇۋېتىش ئۈچۈن ئالدىنئالا بىر قانۇن بەلگىلىگەن بولۇپ بۇ قانۇنى بويىچە ھىدايەتكە لايىق بولغانلارنى ھىدايەت قىلىدىغانلىقىنى، ئازدۇرۇۋېتىشكە تېگىشلىك بولغانلارنى ئازدۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. شۇڭلاشقا ئىمان ۋە ئەمەلدە ئالدىدا ماڭغانلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئەزىز بەندە، كەينىدە قالغانلار خار بەندە بولىدۇ؛ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدىغانلار لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن، ھەقىقەت ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغان ۋە بەخت - سائادەتنىڭ شەرتلىرىنى ئورۇندىغان كىشىلەردۇر. ئاللاھ تائالا 60 ~ 81 - ئايەتلەردە تەۋھىدنىڭ، نۇبۇۋۋەت (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى)نىڭ ۋە قىيامەتنىڭ دەلىللىرىنى بايان قىلىپ ئىنسانلارغا نەسىھەت قىلىدۇ. 82 ~ 90 - ئايەتلەردە بولسا، قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ ئالدىدا، قىيامەت قايىم بولغاندا ۋە مەھشەردە بولىدىغان ئىشلارنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا أَنْتَ بِهَادِي الْعُمْيِ عَنْ ضَلَالَتِهِمْ ۖ إِنْ تُسْمِعُ إِلَّا مَنْ يُؤْمِنُ بِآيَاتِنَا فَهُمْ مُسْلِمُونَ
سەن (دىلى) كورلارنى گۇمراھلىقتىن ئايرىپ، ھىدايەت قىلالمايسەن، سەن (دەۋىتىڭنى) پەقەت بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغانلارغىلا ئاڭلىتالايسەن — مۇھەممەد سالىھ
سەن كورلارنى گۇمراھلىقتىن ئايرىپ، ھىدايەت قىلالمايسەن، سەن دەۋىتىڭنى پەقەت بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغانلارغىلا ئاڭلىتالايسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
سەن كورلارنى گۇمراھلىقلىرىدىن قۇتقۇزالمايسەن. سەن پەقەت ئايەتلىرىمىزگە ئىشىنىپ تەسلىم بولغانلارغىلا ئاڭلىتالايسەن. — ئەنەس ئالىم
-
وَإِذَا وَقَعَ الْقَوْلُ عَلَيْهِمْ أَخْرَجْنَا لَهُمْ دَابَّةً مِنَ الْأَرْضِ تُكَلِّمُهُمْ أَنَّ النَّاسَ كَانُوا بِآيَاتِنَا لَا يُوقِنُونَ
ئۇلار (يەنى كۇففارلار) غا ئالدىنئالا ئېيتىلغان سۆز ئىشقا ئاشقاندا (يەنى ئازاپ ۋە قىيامەت يېقىنلاشقاندا)، ئۇلارغا زېمىندىن بىر تۈرلۈك ھايۋاننى چىقىرىمىزكى، ئۇ ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشەنمىگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا ئالدىنئالا ئېيتىلغان ھېلىقى سۆز ئىشقا ئاشقاندا، ئۇلارغا زېمىندىن بىر تۈرلۈك ھايۋاننى چىقىرىمىزكى، ئۇ ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشەنمىگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتىلغان سۆز ئۇلارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، ئۇلارغا زېمىندىن بىر جانلىق چىقىرىمىز. جانلىق ئۇلارغا، ئىنسانلارنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ھەقىقىي ئىشەنمىگەنلىكىنى سۆزلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
مەنىۋى جەھەتتىن ئۆلۈك، گاس ۋە كور بولغان تەرسالار تەۋبە قىلمىغان تەقدىردە ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېيتىلغان ۋە ئۇ تەرسالار مەسخىرە قىلغان سۆز ئەمەلىيەتكە ئايلىنىپ (تەۋبە دەرۋازىسى ئېتىلىپ)، ئۇ كافىرلارنىڭ ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى قەتئىيلەشكەندە، بىز ئۇلارغا زېمىندىن بىر جانلىق چىقىرىمىز. ئۇ جانلىق ئۇلارغا: «كافىرلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىگە ۋە ئۇلار ئارقىلىق يەتكۈزگەن ئايەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرمىگەن ۋە بويسۇنمىغان» دەيدۇ. ئەسكەرتىش: دۇنيانىڭ ئەجىلى توشۇپ قىيامەت قايىم بولۇشقا باشلاشنىڭ ئالدىدا زېمىندىن بىر تۈرلۈك جانلىق چىقىپ ئىنسانلارغا مۆجىزىلىك شەكىلدە گەپ قىلىدۇ. بۇ قىيامەت قايىم بولۇشقا ناھايىتى يېقىنلاشقانلىقنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ چاغدا قىلغان تەۋبە قوبۇل قىلىنمايدۇ. كەلتۈرگەن ئىماننىڭ پايدىسى بولمايدۇ. بۇ ھايۋاننىڭ شەكلى، چىقىدىغان ئورنى ۋە گەپ قىلىش ئۇسۇلى توغرىسىدا باشقا ئايەتلەردە ياكى بىرەر سەھىھ ھەدىستە مەلۇمات يوق. شۇڭلاشقا بۇلارنى ئاللاھقا تاپشۇرۇش لازىم. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَوْمَ نَحْشُرُ مِنْ كُلِّ أُمَّةٍ فَوْجًا مِمَّنْ يُكَذِّبُ بِآيَاتِنَا فَهُمْ يُوزَعُونَ
ئۇ كۈندە ھەر ئۈممەتنىڭ ئىچىدىن بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلاردىن بىر توپ ئادەمنى (ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن) يىغىمىز (ئالدى ـ كەينى يىغىلغىچە) ئۇلار توختىتىپ تۇرۇلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ كۈندە ھەر ئۈممەتنىڭ ئىچىدىن بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلاردىن بىر توپ ئادەمنى يىغىمىز، ئاندىن ئۇلار توختىتىلىپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ كۈنى بىز ھەر ئۇممەتنىڭ ئىچىدىن ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگۈچىلەردىن بىر جامائە چىقىرىمىز. ئاندىن ئۇلار ئىنتىزاملىق ھالدا ئېلىپ مېڭىلىدۇ، — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز قىيامەت كۈنى بارلىق ئىنسانلارنى قايتا تىرىلدۈرۈپ مەھشەرگە ئېلىپ مېڭىشنىڭ ئالدىدا، دۇنيادىكى چېغىدا ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ھەر جامائەنىڭ كاتتىباشلىرىنى يىغىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى باتىل يولغا يېتەكلىگەن گۇرۇھلارنىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇىمىز، ئاندىن ئۇلارنى ھېساب ئۈچۈن مەھشەرگە ئىنتىزاملىق ھالەتتە ئېلىپ ماڭىمىز؛ باشلىقلار، كاتتىباشلار ۋە يېتەكچىلەر ئالدىدا، ئەگەشكۈچىلەر ۋە تۆۋەن تەبىقىدىكىلەر كەينىدە، رەتلىك ھالەتتە ئېلىپ مېڭىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
حَتَّىٰ إِذَا جَاءُوا قَالَ أَكَذَّبْتُمْ بِآيَاتِي وَلَمْ تُحِيطُوا بِهَا عِلْمًا أَمَّاذَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
ئۇلار (ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا) كەلگەن چاغلىرىدا، ئاللاھ ئۇلارغا: «سىلەر تولۇق بىلمەي تۇرۇپ مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئىنكار قىلدىڭلارمۇ؟ سىلەر (ئەمرى قىلىنغان نەرسىلەردىن) زادى نېمىلەرنى قىلدىڭلار؟ » دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
تاكى، ئۇلار كەلگەن چاغلىرىدا، ئاللاھ ئۇلارغا: «سىلەر تولۇق بىلمەي تۇرۇپ مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئىنكار قىلدىڭلارمۇ؟ سىلەر زادى نېمىلەرنى قىلدىڭلار؟ » دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
تاكى مەھشەرگاھقا كەلگەن چاغلىرىدا، ئاللاھ ئۇلارغا: «سىلەر مېنىڭ ئايەتلىرىمنى تولۇق بىلمەي تۇرۇپ يالغان دېدىڭلارمۇ؟ ياكى قىلغىنىڭلار نېمە ئىدى؟» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار شۇنداق مېڭىپ تاكى مەھشەرگە كەلگەن ۋە ھېساب بېرىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغۇزۇلغان چاغدا، ئاللاھ ئۇلارنى ئەيىبلەش ۋە سىلكىشلەش ئۈچۈن ئۇلارغا: «سىلەر مېنىڭ ئايەتلىرىم ئۈستىدە تەپەككۇر قىلماستىن ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشەنمەستىن ئىنكار قىلدىڭلارمۇ؟ ئەگەر ئۇنداق قىلمىغان بولساڭلار ئايەتلىرىم ھەققىدە نېمە ئىش قىلدىڭلار؟ ئىنكار قىلدىڭلارمۇ ياكى قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟ بويسۇندۇڭلارمۇ ياكى بويسۇنمىدىڭلارمۇ؟ ئەمەلىيەت شۇكى: سىلەر ئىنكار قىلدىڭلار ۋە بويسۇنمىدىڭلار، شۇڭلاشقا سىلەر مەڭگۈ ئازاب چېكىش ئۈچۈن دوزاخقا تاشلىنىشقا لايىق بولدۇڭلار» دەيدۇ. دەرۋەقە ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنگەن ۋە بويسۇنغان كىشىلەر دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ، ئۇنداق قىلمىغانلار بولسا ئازابقا دۇچار بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَوَقَعَ الْقَوْلُ عَلَيْهِمْ بِمَا ظَلَمُوا فَهُمْ لَا يَنْطِقُونَ
ئۇلار (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئازاب ھەقلىق بولدى. ئۇلار (ئۆزرىلىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن) سۆز قىلالمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا ئازاب ھەقلىق بولدى. ئاندىن ئۇلار سۆز قىلالمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتىلغان سۆز ئۇلارنىڭ باشلىرىغا كەلدى، چۈنكى ئۇلار زۇلۇم قىلغان ئىدى. بۇندىن ئېتىبارەن ئۇلار سۆز قىلالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلەش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ يامان يولنى تاللىغانلارنى قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلاپ مەڭگۈ ئازاب چېكىشكە مەھكۇم قىلىش ھەققىدىكى سۆزى ئۇلارغا ئەمەلىيلىشىدۇ؛ ئۇلار دوزاخقا تاشلىنىدۇ ۋە مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاقلاش ۋە ئۆزرە ئېيتىش ئۈچۈن ھېچقانداق سۆز قىلالمايدۇ. ئەسكەرتىش: قىيامەت كۈنى دوزاخقا لايىق بولغانلارنىڭ گەپ قىلالماسلىقى مەجازىي مەنىدە بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن دەلىل كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۆزرە ئېيتالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى بىرقانچە ئايەتتە ئۇلارنىڭ ئۆلۈم ئەسناسىدا، مەھشەر يولىدا، مەھشەردە ۋە دوزاختا گەپ قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
أَلَمْ يَرَوْا أَنَّا جَعَلْنَا اللَّيْلَ لِيَسْكُنُوا فِيهِ وَالنَّهَارَ مُبْصِرًا ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
ئۇلارغا كېچىنى ئارام ئالىدىغان (ۋاقىت) قىلغانلىقىمىزنى، كۈندۈزنى (ھاياتلىق يولىدا ھەرىكەتلىنىش ئۈچۈن) يورۇق قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟ بۇنىڭدا ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا كېچىنى ئارام ئالىدىغان ۋاقىت قىلغانلىقىمىزنى، كۈندۈزنى يورۇق قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟ بۇنىڭدا ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار بىزنىڭ كېچىنى راھەتلەندۈرگۈچى، كۈندۈزنى كۆرسەتكۈچى قىلغانلىقىمىزنى كۆرمەمدۇ؟ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار. — ئەنەس ئالىم
كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلەش بىلەن قىيامەت كۈنى دوزاخ ئازابىغا لايىق بولغان بۇ تەرسالار تەۋھىدنىڭ دەلىللىرىنى، بولۇپمۇ ئۇ دەلىللەرنىڭ ئىچىدىن بىزنىڭ كېچىنى ئۆزلىرىگە ئارام ئېلىش ۋاقتى قىلىپ بەرگەنلىكىمىزنى، كۈندۈزنى يورۇق قىلىپ ئۆزلىرىگە تىرىكچىلىك قىلىش ۋاقتى قىلىپ بەرگەنلىكىمىزنى كۆرمىدىمۇ؟ ئەلۋەتتە كۆردى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرى كۆرگەن ھەقىقەتلەرنى بىزنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىمىزگە دەلىل قىلمىدى، شۇڭلاشقا شېرىك كەلتۈردى. ئەسلىدە كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ بارلىقى، ئالمىشىپ تۇرۇشى ۋە ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پەرقلىق ئىككى ۋاقىت بولۇپ داۋاملىشىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرى تەپەككۇر قىلىدىغان، دەلىلگە قايىل بولىدىغان، شۇنداقلا ئىشىنىشنى خالايدىغانلارغا بىرەر روشەن دەلىل بولۇپ، ئۇ دەلىللەر بىزنىڭ كامالى قۇدرەت، چوڭقۇر ھېكمەت، چەكسىز رەھمەت ۋە يەككە - يېگانە ئىلاھ (ئىبادەت قىلىنىشقا بىردىنبىر لايىق زات) ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن بۇ تەرسا مۇشرىكلار كۆرگىنىدىن ئىبرەت ئالمايدىغان، دەلىللەرگە پەرۋا قىلمايدىغان ۋە نېمەتلەرگە تۇزكورلۇق قىلىشقا ئادەتلەنگەن ئادەملەر بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنچە روشەن دەلىللەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇلاردىن پايدىلانمىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَوْمَ يُنْفَخُ فِي الصُّورِ فَفَزِعَ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَمَنْ فِي الْأَرْضِ إِلَّا مَنْ شَاءَ اللَّهُ ۚ وَكُلٌّ أَتَوْهُ دَاخِرِينَ
ئۇ كۈندە سۇر چېلىنىدۇ، ئاللاھ خالىغانلاردىن باشقا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى قورقۇنچ باسىدۇ، ھەممە ئاللاھقا بويسۇنغان ھالدا كېلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ كۈندە سۇر چېلىنىدۇ، ئاللاھ خالىغانلاردىن باشقا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممىنى قورقۇنچ باسىدۇ، ھەممە ئاللاھقا بويسۇنغان ھالدا كېلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
سۈر چېلىنغان كۈنى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەرنى قاتتىق قورقۇنچ باسىدۇ. ئاللاھ خالىغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ھەممىسى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بويۇن ئەگكەن ھالدا كېلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! قىيامەت كۈنى ئىككىنچى قېتىم سۇر چېلىنغاندا قايتا تىرىلگەن بارلىق مەخلۇقات قاتتىق قورقۇپ كېتىدۇ. لېكىن مۇئمىنلار قورقمايدۇ، چۈنكى ئۇلار تىرىلگەن ھامان يېنىغا مەسئۇل پەرىشتىلەر كېلىپ ئۇلارنى تەبرىكلەيدۇ ۋە ئۇلارغا ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىش ۋاقتىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ خاتىرجەم قىلىدۇ. ئۇ چاغدا پۈتكۈل خالايىق قايتا تىرىلىپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بويۇن ئەگكەن ۋە خارلىققا چۆمگەن ھالدا كېلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَتَرَى الْجِبَالَ تَحْسَبُهَا جَامِدَةً وَهِيَ تَمُرُّ مَرَّ السَّحَابِ ۚ صُنْعَ اللَّهِ الَّذِي أَتْقَنَ كُلَّ شَيْءٍ ۚ إِنَّهُ خَبِيرٌ بِمَا تَفْعَلُونَ
تاغلارنى تۇرغۇن ھالەتتە گۇمان قىلىسەن، ھالبۇكى، ئۇلار بۇلۇتتەك چۆگىلەپ تۇرىدۇ، (بۇ) ھەممە نەرسىنى پۇختا ياراتقان ئاللاھنىڭ ھۈنىرىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر — مۇھەممەد سالىھ
تاغلارنى تۇرغۇن ھالەتتە گۇمان قىلىسەن، ھالبۇكى، ئۇلار بۇلۇتتەك چۆگىلەپ تۇرىدۇ، بۇ، ھەممە نەرسىنى پۇختا ياراتقان ئاللاھنىڭ ھۈنىرىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
سەن تاغلارنى كۆرۈپ، ئۇلارنى ئورنىدا مۇقىم تۇرۇۋاتىدۇ دەپ ئويلايسەن. ھالبۇكى، ئۇلار بۇلۇت ئۆتكەندەك ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ ھەر نەرسىنى پۇختا قىلغان ئاللاھنىڭ قىلغان ئىشىدۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. — ئەنەس ئالىم
سەن تاغلارنى كۆرۈپ، ئۇلارنى ئورنىدا مۇقىم تۇرۇۋاتىدۇ دەپ ئويلايسەن. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇ تاغلار بۇلۇت ھەرىكەت قىلغاندەك ناھايىتى تېز ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ. مانا بۇ، ياراتقان ھەر نەرسىسىنى پۇختا ياراتقان ئاللاھنىڭ قىلغان ئىشىدۇر. ئى ئىنسانلار! ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھېسابىنى قىيامەت كۈنى سىلەردىن تولۇق ئالىدۇ. تاغلارنىڭ بۇلۇتتەك ھەرىكەت قىلىشىنىڭ ئىككى ئېھتىمالى بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1) بۇ، بىرىنچى قېتىملىق سۇر چېلىنغاندا بولىدىغان ئەھۋالدۇر، چۈنكى بىرىنچى قېتىملىق سۇر چېلىنىشى بىلەن زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلىدۇ - دە، زېمىن ۋە تاغلار بىر - بىرىگە ئۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە تاغلار ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىدۇ، باشتا پارچىلىنىپ قۇم دۆۋىلىرىگە ئايلىنىدۇ، ئاندىن كۇكۇم - تالقان قىلىنىدۇ، ئاندىن ئېتىلغان رەڭگارەڭ يۇڭدەك ھالەتكە كېلىدۇ؛ پارچىلىرى ناھايىتى يەڭگىل، رەڭلىك ۋە ئۇچۇپ كېتىشكە تەييار ھالەتتە بولىدۇ، ئاندىن سورۇۋېتىلىدۇ ۋە چاڭ - توزانغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تاغلارنىڭ ئورنى خۇددى سەراپتەك بولۇپ قالىدۇ. 2) بۇ، تاغلارنىڭ يارىتىلغاندىن تارتىپ قىيامەت قايىم بولغۇچىلىك يەر شارى بىلەن بىللە ئايلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى بىرىنچى قېتىملىق سۇر چېلىنغاندا ھەممەيلەن ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن تاغلارنى كۆرۈپ، ئۇلارنى مۇقىم تۇرۇۋاتقان ھالەتتە دەپ ئويلايدىغان ھېچكىم قالمايدۇ. ئەمما ئىنسانلار يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان چاغدا، يەنى مۇشۇ دۇنيادا نورمال ھايات كەچۈرۈۋاتقان ئەسنادا تاغلارغا قارىغان ھەر كىشى ئۇلارنى مۇقىم تۇرۇۋاتىدۇ دەپ ئويلايدۇ. ھالبۇكى، تاغلار زېمىن بىلەن بىللە ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ئېھتىماللارنىڭ ئىككىنچىسى كۈچلۈكتۇر. چۈنكى تاغلارنىڭ بۇلۇتتەك مېڭىۋاتقان تۇرۇقلۇق قارىغان كىشىگە مۇقىم تۇرغاندەك كۆرۈنىدىغانلىقىنىڭ زىكىر قىلىنىشى، ئاندىن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغ ۋە ئىلمىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنىڭ بايان قىلىنىشى بۇنى تەكىتلەيدۇ. بۇ تەقدىردە بۇ ئايەت 86 - ئايەتكە ئوخشاش قىيامەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ ئارىسىدا، ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى ئەسلىتىش ئۈچۈن كەلگەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَنْ جَاءَ بِالْحَسَنَةِ فَلَهُ خَيْرٌ مِنْهَا وَهُمْ مِنْ فَزَعٍ يَوْمَئِذٍ آمِنُونَ
ياخشى ئىش قىلغانلار قىلغان ياخشىلىقىدىن ئوبدانراق مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، ئۇلار بۇ كۈندە قورقۇنچتىن ئەمىن بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ياخشى ئىش قىلغانلار، قىلغان ياخشىلىقىدىن ئوبدانراق مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، ئۇلار بۇ كۈندە قورقۇنجىدىن ئەمىن بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
كىم بىر ياخشىلىقنى ئېلىپ كېلىدىكەن، ئۇ تېخىمۇ ياخشىسىغا ئېرىشىدۇ ۋە ئۇ كۈنى ھېچ قورقمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
كىمكى دۇنيادىكى چېغىدا ئىمان ۋە ياخشى ئەمەلدىن ئىبارەت بولغان ياخشىلىقنى ئاخىرقى تىنىقىغىچە ئىخلاس بىلەن قىلىپ، ئۇنى قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىدىكەن، ئۇ كىشى ئېلىپ كەلگىنىدىنمۇ ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ياخشىلىق ئېلىپ كەلگەن كىشىلەر ئۇ كۈندىكى قورقۇنچتىن ئامان قالىدۇ. بۇ ئايەتتىكى «ياخشى مۇكاپات»نىڭ مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە بىر ياخشىلىققا ئون ياخشىلىقنىڭ، ھەتتا بەزى بىر ياخشىلىققا 700 (يەتتە يۈز) ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتى ئىكەنلىكى ۋە بۇ مۇكاپاتنىڭ جەننەتنىڭ ئالىي سارايلىرىدا مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىش ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَنْ جَاءَ بِالسَّيِّئَةِ فَكُبَّتْ وُجُوهُهُمْ فِي النَّارِ هَلْ تُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
يامان ئىش قىلغانلار دوزاخقا يۈزى بىلەن تاشلىنىدۇ، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالىنىسىلەر ياكى مۇكاپاتلىنىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
يامان ئىش قىلغانلار دوزاخقا يۈزى بىلەن تاشلىنىدۇ، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازالىنىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
كىم يامانلىقنى ئېلىپ كېلىدىكەن، ئۇلار يۈزلىرى بىلەن دوزاخقا تاشلىنىدۇ. ئۇلارغا: «پەقەت ئۆز قىلمىشىڭلار بىلەنلا جازالاندۇرۇلىسىلەر ئەمەسمۇ!» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
كىمكى دۇنيادىكى چېغىدا كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتىن ئىبارەت بولغان يامانلىقنى قىلىپ ، تەۋبە قىلماستىن ئۆلۈپ قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئۇ يامانلىقنى ئېلىپ كېلىدىكەن، ئۇنداق كىشىلەر يۈزلىرى بىلەن دوزاخقا تاشلىنىدۇ. ئۇلارغا: «سىلەرگە پەقەت ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭلا جازاسى بېرىلىدۇ» دېيىلىدۇ ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا ياخشىلىقنى ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن كۆپەيتىپ مۇكاپات بېرىدۇ، يامانلىقنى ئۆز ئادالىتى بىلەن ئۆز پېتى قويۇپ جازا بېرىدۇ. ياخشىلىقنىڭ كۆپەيتىپ بېرىلگەن مۇكاپاتى مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇش، يامانلىقنىڭ كەم - زىيادە قىلىنماستىن بېرىلگەن جازاسى مەڭگۈ ئازاب چېكىش ئۈچۈن دوزاخقا تاشلىنىشتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىن تارتىپ ئالدىنقى (90 -) ئايەتكىچە تەۋھىد، نۇبۇۋۋەت ۋە قىيامەتتىن ئىبارەت ئۈچ ھەقىقەتنى ۋە ئۇلارنىڭ دەلىللىرىنى بايان قىلىدۇ، ئۇلارنى ئىنكار قىلغان مۇشرىكلارنىڭ ئېتىرازلىرىغا رەددىيە بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ. ئاندىن بۇ سۈرىنىڭ ئاخىرقى ئۈچ ئايىتى بولغان 91 ~ 93 - ئايەتلەردە باشتىكى ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّمَا أُمِرْتُ أَنْ أَعْبُدَ رَبَّ هَٰذِهِ الْبَلْدَةِ الَّذِي حَرَّمَهَا وَلَهُ كُلُّ شَيْءٍ ۖ وَأُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ مِنَ الْمُسْلِمِينَ
(ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى) «مەن پەقەت ئاللاھ ھۆرمەتلىك قىلغان بۇ شەھەر (يەنى مەككە مۇكەررەمە) نىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا بۇيرۇلدۇم». كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، كىمكى ئازىدىكەن (ئۇنىڭ ۋابالى ئۆزىگە بولىدۇ). سەن (ئۇنىڭغا) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىنمەن» — مۇھەممەد سالىھ
-ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى-: «مەن پەقەت ئاللاھ ھۈرمەتلىك قىلغان بۇ شەھەر - مەككە مۇكەررەمە- نىڭ رەببىغا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم، ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، يەنە مەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مەن پەقەت بۇ شەھەرنىڭ رەببىگە ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. ئۇ، بۇ شەھەرنى ھۆرمەتلىك قىلغان زاتتۇر. ھەر نەرسە ئۇنىڭدۇر. مەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم. — ئەنەس ئالىم
(91-92) ئى مۇھەممەد! ئازۇغۇنلۇقتا ئەزۋەيلىگەن بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «بۇ شەھەرنىڭ ئىگىسى بولغان، بۇ شەھەرنى ھۆرمەتلىك قىلغان، ھەر نەرسىنىڭ ئىگىسى ۋە باشقۇغۇچىسى بولغان ئاللاھ مېنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشقا ۋە ئۆزىگە بويسۇنغانلاردىن بولۇشقا بۇيرۇدى. شۇنىڭدەك، قۇرئانغا ئەمەل قىلىشقا ۋە ئۇنى يەتكۈزۈشكە بۇيرۇدى. شۇڭلاشقا مەن، ئاللاھ سىلەرگە ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ ۋاقتىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەلمەيمەن، ئۇ ئازابنى سىلەرگە تېز كەلتۈرەلمەيمەن، چۈنكى ئاللاھ مېنى بۇ توغرىدا ۋەزىپىگە تەيىنلىمىدى. مەن پەقەت ماڭا چۈشۈرۈلگەن مەزكۇر بۇيرۇق بويىچە ئاللاھقا ئىبادەت ۋە ئىتائەت قىلىشنى، قۇرئاننى يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىمەن. مەن قۇرئاننى يەتكۈزگەندىن كېيىن مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلىپ توغرا يولغا كەلگەنلەر ئۆزلىرى پايدا ئالىدۇ، ئازغۇنلۇقتا ئەزۋەيلىگەنلەر ئۆزلىرى زىيان تارتىدۇ، مەن پەقەت ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن؛ ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەردەك ئازغۇنلۇقتا ئەزۋەيلىگەنلەرنى يامان ئاقىۋەتتىن ئاگاھلاندۇرىمەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَنْ أَتْلُوَ الْقُرْآنَ ۖ فَمَنِ اهْتَدَىٰ فَإِنَّمَا يَهْتَدِي لِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ ضَلَّ فَقُلْ إِنَّمَا أَنَا مِنَ الْمُنْذِرِينَ
(ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى) «مەن پەقەت ئاللاھ ھۆرمەتلىك قىلغان بۇ شەھەر (يەنى مەككە مۇكەررەمە) نىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. ھەممە نەرسە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، مەن مۇسۇلمانلاردىن بولۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا بۇيرۇلدۇم». كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، كىمكى ئازىدىكەن (ئۇنىڭ ۋابالى ئۆزىگە بولىدۇ). سەن (ئۇنىڭغا) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىنمەن» — مۇھەممەد سالىھ
ۋە قۇرئان ئوقۇشقا بۇيرۇلدۇم». كىمكى توغرا يولغا كىرىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، كىمكى ئازىدىكەن سەن ئېيتقىنكى: «مەن پەقەت ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىنمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى
مەن يەنە قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. كىم ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزىنىڭ پادىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپىدۇ، كىم ئېزىپ كېتىدىكەن، ئېيتقىنكى: ‹مەن ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىنمەن›». — ئەنەس ئالىم
-
وَقُلِ الْحَمْدُ لِلَّهِ سَيُرِيكُمْ آيَاتِهِ فَتَعْرِفُونَهَا ۚ وَمَا رَبُّكَ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ سىلەرگە (قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، سىلەر ئۇلارنى (تونۇش پايدا بەرمەيدىغان چاغدا) تونۇيسىلەر، پەرۋەردىگارىڭ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى: «جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، سىلەر ئۇلارنى تونۇيسىلەر، رەببىڭ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. ئاللاھ سىلەرگە يېقىندا ئايەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، سىلەر ئۇ ئايەتلەرنى تونۇيسىلەر». رەببىڭ قىلمىشىڭلاردىن ھەرگىزمۇ خەۋەسىز ئەمەستۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا يەنە ئېيتقىنكى: «ماڭا توغرا دىننى نېسىپ قىلغان، قۇرئاننى نازىل قىلىش ۋە يەتكۈزۈشكە بۇيرۇش بىلەن پەيغەمبەرلىرىنىڭ قاتارىدىن قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن؛ ئاللاھنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان ئىلتىپاتى نېمىدېگەن كاتتا، ئىنئامى نېمىدېگەن بۈيۈك ۋە ئالاھىدە رەھمىتى نېمىدېگەن ياخشى. ئى تەرسالار! ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر؛ ئاللاھ تەۋبە قىلمىساڭلار سىلەرنى دۇچار قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئازابنى چوقۇم بېشىڭلارغا كەلتۈرىدۇ. ئۇ چاغدا سىلەر مەن ھازىر يەتكۈزگەن خەۋەرنىڭ راستلىقىنى تونۇپ يېتىسىلەر ۋە راستلىقىغا ئىشىنىسىلەر، لېكىن ئۇ ئىشىنىشىڭلارنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى ۋاقىت جازا چېكىش ۋاقتىدۇر». ئى مۇھەممەد! سېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەڭ (ئاللاھ) بۇ تەرسالارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرماقتىدۇر، شۇڭلاشقا سەن دەۋەت پائالىيىتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن ۋە شۇنى بىلگىنكى: سەن ۋە ساڭا ئەگەشكەنلەر ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىسىلەر، ساڭا قارشى چىققانلار يامان ئاقىۋەتكە يولۇقىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى