نەجم سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 62 ئايەت
مەنىسى: يۇلتۇز. ئاتىلىش سەۋەبى: يۇلتۇز بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
  1. (53-سۈرە نەجم، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالنَّجْمِ إِذَا هَوَىٰ
    ساقىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەمكى

    سارقىۋاتقان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەنكى [1]،

  2. (53-سۈرە نەجم، 2-ئايەت)
    مَا ضَلَّ صَاحِبُكُمْ وَمَا غَوَىٰ
    سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) گۇمراھ بولمىدى ۋە يولدىن ئاداشمىدى

    سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (مۇھەممەد) گۇمراھ بولمىدى ۋە يولدىن ئاداشمىدى [2].

  3. (53-سۈرە نەجم، 3-ئايەت)
    وَمَا يَنْطِقُ عَنِ الْهَوَىٰ
    (ئۇ) ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ

    ئۇ ئۆز خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ [3].

  4. (53-سۈرە نەجم، 4-ئايەت)
    إِنْ هُوَ إِلَّا وَحْيٌ يُوحَىٰ
    پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھىينىلا سۆزلەيدۇ

    پەقەت ئۆزىگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىنىلا سۆزلەيدۇ [4].

  5. (53-سۈرە نەجم، 5-ئايەت)
    عَلَّمَهُ شَدِيدُ الْقُوَىٰ
    ۋەھىينى ئۇنىڭغا كۈچلۈك پەرىشتە (جىبرىئىل) تەلىم بەردى

    ۋەھىينى ئۇنىڭغا كۈچلۈك پەرىشتە (جىبرىئىل) ئۆگەتتى [5].

  6. (53-سۈرە نەجم، 6-ئايەت)
    ذُو مِرَّةٍ فَاسْتَوَىٰ
    ئۇنىڭ (يەنى جىبرىئىلنىڭ) كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولۇپ، يۇقىرى ئۇپۇقتا (ئۆز شەكلىدە) تۇردى

    ئۇ (جىبرىئىل)نىڭ كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولۇپ، يۇقىرى ئۇپۇقتا (ئۆز شەكلىدە) تۇردى [6ـ7].

  7. (53-سۈرە نەجم، 7-ئايەت)
    وَهُوَ بِالْأُفُقِ الْأَعْلَىٰ
    ئۇنىڭ (يەنى جىبرىئىلنىڭ) كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولۇپ، يۇقىرى ئۇپۇقتا (ئۆز شەكلىدە) تۇردى

    ئۇ (جىبرىئىل)نىڭ كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولۇپ، يۇقىرى ئۇپۇقتا (ئۆز شەكلىدە) تۇردى [6ـ7].

  8. (53-سۈرە نەجم، 8-ئايەت)
    ثُمَّ دَنَا فَتَدَلَّىٰ
    ئاندىن ئۇ ئاستا ـ ئاستا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) يېقىنلىشىپ تۆۋەنگە ساڭگىلىدى

    ئاندىن ئۇ ئاستا ـ ئاستا پەسلەپ (مۇھەممەدكە) ئىككى ياچاق مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئازراق ئارلىق قالغۇچە يېقىنلاشتى [8-9].

  9. (53-سۈرە نەجم، 9-ئايەت)
    فَكَانَ قَابَ قَوْسَيْنِ أَوْ أَدْنَىٰ
    ئۇ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا) ئىككى ياچاق مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېقىنراق يېقىنلاشتى

    ئاندىن ئۇ ئاستا ـ ئاستا پەسلەپ (مۇھەممەدكە) ئىككى ياچاق مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئازراق ئارلىق قالغۇچە يېقىنلاشتى [8-9].

  10. (53-سۈرە نەجم، 10-ئايەت)
    فَأَوْحَىٰ إِلَىٰ عَبْدِهِ مَا أَوْحَىٰ
    ئاللاھ بەندىسىگە (جىبرىئىل ئارقىلىق تېگىشلىك) ۋەھىيلەرنى ۋەھىي قىلدى

    ئاندىن ئاللاھ بەندىسى ( مۇھەممەد)گە (جىبرىئىل ئارقىلىق) ۋەھيىلەرنى چۈشۈردى [10].

  11. (53-سۈرە نەجم، 11-ئايەت)
    مَا كَذَبَ الْفُؤَادُ مَا رَأَىٰ
    ئۇنىڭ كۆرگىنىنى دىلى ئىنكار قىلمىدى (يەنى راست كۆردى)

    ئۇنىڭ كۆرگىنىنى دىلى ئىنكار قىلمىدى [11].

  12. (53-سۈرە نەجم، 12-ئايەت)
    أَفَتُمَارُونَهُ عَلَىٰ مَا يَرَىٰ
    (ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) ئۇنىڭ كۆرگەنلىرى ئۈستىدە ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشامسىلەر؟

    (ئى مۇشرىكلار!) ئۇنىڭ كۆرگەنلىرى توغرىسىدا سىلەر (ئىنكار قىلىپ) ئۇنىڭ بىلەن جىدەللەشسەڭلار بولامدۇ؟ [12]

  13. (53-سۈرە نەجم، 13-ئايەت)
    وَلَقَدْ رَآهُ نَزْلَةً أُخْرَىٰ
    ئۇ جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن ئىككىنچى قېتىم سىدرەتۇلمۇنتەھا (دەرىخىنىڭ) يېنىدا كۆردى

    ئۇ مۇھەممەد جىبرىئىلنى ئالدىدا-جەننەتۇلمەئۋا بار سىدرەتۇلمۇنتەھا دەرىخىنىڭ يېنىدا ئىككى قېتىم كۆردى [13ـ15].

  14. (53-سۈرە نەجم، 14-ئايەت)
    عِنْدَ سِدْرَةِ الْمُنْتَهَىٰ
    ئىككىنچى قېتىم سىدرەتۇلمۇنتەھا (دەرىخىنىڭ) يېنىدا كۆردى

    ئۇ مۇھەممەد جىبرىئىلنى ئالدىدا-جەننەتۇلمەئۋا بار سىدرەتۇلمۇنتەھا دەرىخىنىڭ يېنىدا ئىككى قېتىم كۆردى [13ـ15].

  15. (53-سۈرە نەجم، 15-ئايەت)
    عِنْدَهَا جَنَّةُ الْمَأْوَىٰ
    جەننەتۇلمەئۋا بولسا سىدرەتۇلمۇنتەھانىڭ يېنىدىدۇر

    ئۇ مۇھەممەد جىبرىئىلنى ئالدىدا-جەننەتۇلمەئۋا بار سىدرەتۇلمۇنتەھا دەرىخىنىڭ يېنىدا ئىككى قېتىم كۆردى [13ـ15].

    .
  16. (53-سۈرە نەجم، 16-ئايەت)
    إِذْ يَغْشَى السِّدْرَةَ مَا يَغْشَىٰ
    (ئۇ) سىدرەتۇلمۇنتەھانى (ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى) قاپلىغان چاغدا (كۆردى)

    شۇ چاغدا سىدرەتۇلمۇنتەھانى ئاجايىباتلار قاپلىغان ئىدى[16].

    .
  17. (53-سۈرە نەجم، 17-ئايەت)
    مَا زَاغَ الْبَصَرُ وَمَا طَغَىٰ
    (پەيغەمبەر) نىڭ كۆزى (ئوڭ ـ سولغا) بۇرالمىدى، (كۆزلەنگەن نەرسىدىن) ئۆتۈپ كەتمىدى

    مۇھەممەدنىڭ كۆزى (كۆرۈشكە تېگىشلىك نەرسىلەردىن) قايمىدى ۋە ئۆتۈپمۇ كەتمىدى [17].

  18. (53-سۈرە نەجم، 18-ئايەت)
    لَقَدْ رَأَىٰ مِنْ آيَاتِ رَبِّهِ الْكُبْرَىٰ
    شۈبھىسىزكى، ئۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ (قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان بۈيۈك ئالامەتلەرنى) كۆردى

    شۈبھىسىزكى، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ بۈيۈك ئالامەتلىرىنى كۆرگەن ئىدى [18].

  19. (53-سۈرە نەجم، 19-ئايەت)
    أَفَرَأَيْتُمُ اللَّاتَ وَالْعُزَّىٰ
    ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! لات، ئۇززا ۋە ئۈچىنچىسى بولغان ماناتلار (ئاللاھتائالادەك كۈچ ـ قۇۋۋەتكە ئىگىمۇ؟)

    سىلەر لات، ئۇززا ۋە ئۈچىنچىسى بولغان ماناتلار (بۇلار ئەينى ۋاقىتتا ئەرەبلەر چوقۇنىدىغان بۇتلارنىڭ ئىسمى) دېگەن بۇتلار توغرىلىق ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ [19ـ20].

  20. (53-سۈرە نەجم، 20-ئايەت)
    وَمَنَاةَ الثَّالِثَةَ الْأُخْرَىٰ
    ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! لات، ئۇززا ۋە ئۈچىنچىسى بولغان ماناتلار (ئاللاھتائالادەك كۈچ ـ قۇۋۋەتكە ئىگىمۇ؟)

    سىلەر لات، ئۇززا ۋە ئۈچىنچىسى بولغان ماناتلار (بۇلار ئەينى ۋاقىتتا ئەرەبلەر چوقۇنىدىغان بۇتلارنىڭ ئىسمى) دېگەن بۇتلار توغرىلىق ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ [19ـ20].

  21. (53-سۈرە نەجم، 21-ئايەت)
    أَلَكُمُ الذَّكَرُ وَلَهُ الْأُنْثَىٰ
    (ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) (سىلەرچە ياخشى ھېسابلانغان) ئوغۇل بالا سىلەرگە خاس بولۇپ، (سىلەرچە يامان ھېسابلانغان) قىز بالا ئاللاھقا خاسمۇ؟

    (ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) ئوغۇل بالا سىلەرگە خاس بولۇپ، قىز بالا ئاللاھقا خاسمۇ؟ [21]

  22. (53-سۈرە نەجم، 22-ئايەت)
    تِلْكَ إِذًا قِسْمَةٌ ضِيزَىٰ
    ئۇنداقتا بۇ ئادالەتسىز تەقسىماتتۇر

    ئۇنداقتا بۇ ئادالەتسىز تەقسىماتتۇر [22].

  23. (53-سۈرە نەجم، 23-ئايەت)
    إِنْ هِيَ إِلَّا أَسْمَاءٌ سَمَّيْتُمُوهَا أَنْتُمْ وَآبَاؤُكُمْ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ بِهَا مِنْ سُلْطَانٍ ۚ إِنْ يَتَّبِعُونَ إِلَّا الظَّنَّ وَمَا تَهْوَى الْأَنْفُسُ ۖ وَلَقَدْ جَاءَهُمْ مِنْ رَبِّهِمُ الْهُدَىٰ
    بۇ بۇتلار پەقەت سىلەر ۋە ئاتا ـ بوۋاڭلار ئاتىۋالغان قۇرۇق ناملاردىنلا ئىبارەت، ئاللاھ بۇنى ئىسپاتلايدىغان ھېچبىر دەلىل ـ پاكىت چۈشۈرگىنى يوق، ئۇلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن شەك ـ شۈبھىسىز ھىدايەت (يەنى پەيغەمبەر ۋە قۇرئان) كەلگەن تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ۋە نەپسىلىرىنىڭ خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ

    بۇ بۇتلار پەقەت سىلەر ۋە ئاتا-بوۋاڭلار ئاتىۋالغان قۇرۇق ناملاردىنلا ئىبارەت، ئاللاھ بۇنى ئىسپاتلايدىغان ھېچبىر دەلىل-پاكىت چۈشۈرگىنى يوق، ئۇلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن شەك-شۈبھىسىز يول كۆرسەتكۈچى كەلگەن تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ۋە ئۆزىنىڭ خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ [23].

  24. (53-سۈرە نەجم، 24-ئايەت)
    أَمْ لِلْإِنْسَانِ مَا تَمَنَّىٰ
    ئىنسان نېمىنى ئارزۇ قىلسا شۇ بولامدۇ؟

    ئىنسان ئۆزى ئۈچۈن نېمىنى ئارزۇ قىلسا شۇ بولامدۇ؟ [24].

  25. (53-سۈرە نەجم، 25-ئايەت)
    فَلِلَّهِ الْآخِرَةُ وَالْأُولَىٰ
    ئاخىرەت ۋە دۇنيا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر (يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ خاھىشى بويىچە بولىدۇ)

    ئاخىرەت ۋە دۇنيا ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر [25].

  26. (53-سۈرە نەجم، 26-ئايەت)
    وَكَمْ مِنْ مَلَكٍ فِي السَّمَاوَاتِ لَا تُغْنِي شَفَاعَتُهُمْ شَيْئًا إِلَّا مِنْ بَعْدِ أَنْ يَأْذَنَ اللَّهُ لِمَنْ يَشَاءُ وَيَرْضَىٰ
    ئاسمانلاردا نۇرغۇن پەرىشتىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، پەقەت ئاللاھ ئۆزى خالىغان ۋە رازى بولغان ئادەمگە شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلسىلا (ئاندىن) ئۇلارنىڭ شاپائىتى ئەسقاتىدۇ

    ئاسمانلاردا نۇرغۇن پەرىشتىلەر بار، ئۇلارنىڭ شاپائىتى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، پەقەت ئاللاھ ئۆزى خالىغان ۋە رازى بولغان ئادەمگە شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلسىلا (ئاندىن) ئۇلارنىڭ شاپائىتى ئەسقاتىدۇ [26].

  27. (53-سۈرە نەجم، 27-ئايەت)
    إِنَّ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ لَيُسَمُّونَ الْمَلَائِكَةَ تَسْمِيَةَ الْأُنْثَىٰ
    شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمايدىغانلار پەرىشتىلەرنى (ئاللاھنىڭ قىزلىرى دەپ) چىشى جىنس نامى بىلەن ئاتايدۇ

    شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمايدىغانلار پەرىشتىلەرنى (ئاللاھنىڭ قىزلىرى دەپ) چىشى جىنس نامى بىلەن ئاتايدۇ [27].

  28. (53-سۈرە نەجم، 28-ئايەت)
    وَمَا لَهُمْ بِهِ مِنْ عِلْمٍ ۖ إِنْ يَتَّبِعُونَ إِلَّا الظَّنَّ ۖ وَإِنَّ الظَّنَّ لَا يُغْنِي مِنَ الْحَقِّ شَيْئًا
    ئۇلار مۇنداق ئاتاشتا ھېچقانداق ئىلىمگە ئىگە ئەمەس، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، گۇمان دېگەن ھەقنى ئىسپاتلاشتا ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ

    ئۇلار مۇنداق ئاتاشتا ھېچقانداق ئىلىمگە ئىگە ئەمەس، ئۇلار پەقەت پەرەزگىلا ئاساسلىنىدۇ، پەرەزگە تايىنىپ ھېچقانداق ھەقىقەتنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ [28].

  29. (53-سۈرە نەجم، 29-ئايەت)
    فَأَعْرِضْ عَنْ مَنْ تَوَلَّىٰ عَنْ ذِكْرِنَا وَلَمْ يُرِدْ إِلَّا الْحَيَاةَ الدُّنْيَا
    بىزنىڭ زىكرىمىز (يەنى ئىمان بىلەن قۇرئان) دىن باش تارتقان، پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكنىلا كۆزلىگەنلەردىن يۈز ئۆرۈگىن

    (ئى مۇھەممەد!) بىزنىڭ نەسىھەتىمىز (قۇرئان) دىن باش تارتقان، پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكنىلا كۆزلىگەنلەر بىلەن كارىڭ بولمىسۇن [29].

  30. (53-سۈرە نەجم، 30-ئايەت)
    ذَٰلِكَ مَبْلَغُهُمْ مِنَ الْعِلْمِ ۚ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِمَنْ ضَلَّ عَنْ سَبِيلِهِ وَهُوَ أَعْلَمُ بِمَنِ اهْتَدَىٰ
    ئۇلارنىڭ ئىلىمدىن يەتكەن يېرى ئەنە شۇ، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقان ئادەمنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ

    ئۇلارنىڭ بىلىدىغىنى شۇنچىلىك، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقان ئادەمنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ [30].

  31. (53-سۈرە نەجم، 31-ئايەت)
    وَلِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ لِيَجْزِيَ الَّذِينَ أَسَاءُوا بِمَا عَمِلُوا وَيَجْزِيَ الَّذِينَ أَحْسَنُوا بِالْحُسْنَى
    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، (ئاللاھ) يامانلىق قىلغانلارنى قىلمىشلىرىغا قاراپ جازالايدۇ، ياخشىلىق قىلغانلارغا چىرايلىق مۇكاپات بېرىدۇ

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھ يامانلىق قىلغانلارنى قىلمىشلىرىغا قاراپ جازالايدۇ، ياخشىلىق قىلغانلارغا ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىدۇ [31].

  32. (53-سۈرە نەجم، 32-ئايەت)
    الَّذِينَ يَجْتَنِبُونَ كَبَائِرَ الْإِثْمِ وَالْفَوَاحِشَ إِلَّا اللَّمَمَ ۚ إِنَّ رَبَّكَ وَاسِعُ الْمَغْفِرَةِ ۚ هُوَ أَعْلَمُ بِكُمْ إِذْ أَنْشَأَكُمْ مِنَ الْأَرْضِ وَإِذْ أَنْتُمْ أَجِنَّةٌ فِي بُطُونِ أُمَّهَاتِكُمْ ۖ فَلَا تُزَكُّوا أَنْفُسَكُمْ ۖ هُوَ أَعْلَمُ بِمَنِ اتَّقَىٰ
    ئۇلار چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ ئىشلاردىن يىراق بولىدۇ. كىچىك گۇناھلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ مەغپىرىتى كەڭدۇر، ئاللاھ سىلەرنى زېمىندىن ياراتقان چاغدىكى (ۋاقتىڭلاردىن تارتىپ، ئاناڭلارنىڭ قورساقلىرىدىكى بالا) ۋاقتىڭلاردىن تارتىپ ئوبدان بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاك ھېسابلىماڭلار، ئاللاھ تەقۋادار بولغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ

    ئۇلار سەۋەنلىكلەردىن خالىي بولالمىسىمۇ، چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ ئىشلاردىن يىراق بولىدىغانلاردۇر. ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ مەغپىرىتى كەڭدۇر، ئاللاھ سىلەرنى زېمىندىن ياراتقان چاغدىكى ۋاقتىڭلاردىن تارتىپ، ئاناڭلارنىڭ قورساقلىرىدىكى بالا ۋاقتىڭلاردىن تارتىپ ئوبدان بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاك ھېسابلىماڭلار، ئاللاھ تەقۋادار بولغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ [32].

  33. (53-سۈرە نەجم، 33-ئايەت)
    أَفَرَأَيْتَ الَّذِي تَوَلَّىٰ
    (ئى مۇھەممەد!) ئىماندىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىن خەۋەر بەرگىن

    (ئى مۇھەممەد!) ئىمان ئېيتىشتىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىن خەۋەر بەرگىن [33].

  34. (53-سۈرە نەجم، 34-ئايەت)
    وَأَعْطَىٰ قَلِيلًا وَأَكْدَىٰ
    ئۇ (شەرت قىلىنغان مالدىن) ئازغىنا بەردى، قالغىنىنى بەرمىدى

    ئۇ (بېرىمەن دېگەن مال-مۈلۈكتىن) ئازغىنا بەردى، قالغىنىنى بەرمىدى [34].

  35. (53-سۈرە نەجم، 35-ئايەت)
    أَعِنْدَهُ عِلْمُ الْغَيْبِ فَهُوَ يَرَىٰ
    ئۇنىڭ دەرگاھىدا ئىلمىي غەيب بولۇپ، ئۇ غەيبنى بىلەمدۇ؟

    ئۇنىڭدا غەيب ئىلمى بارمۇ؟ شۇڭا، ئۇ غەيبنى كۆرۈپ تۇرامدۇ؟ [35]

  36. (53-سۈرە نەجم، 36-ئايەت)
    أَمْ لَمْ يُنَبَّأْ بِمَا فِي صُحُفِ مُوسَىٰ
    ئۇ مۇسانىڭ ۋە ئىبراھىمنىڭ سەھىپىلىرىدىكى سۆزدىن خەۋەردار بولمىدىمۇ؟

    ئۇ مۇسانىڭ ۋە ۋاپادار ئىبراھىمنىڭ سەھىپىلىرىدىكى تۆۋەندىكى سۆزلەردىن خەۋەردار بولمىدىمۇ: «بىر گۇناھكار ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ [36 ـ 38].

  37. (53-سۈرە نەجم، 37-ئايەت)
    وَإِبْرَاهِيمَ الَّذِي وَفَّىٰ
    ئىبراھىم ۋاپادار كىشى ئىدى، بىر گۇناھكار ئادەم يەنە بىراۋنىڭ گۇناھىنى كۆتەرمەيدۇ (يەنى بىراۋ باشقا بىراۋنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن جازاغا تارتىلمايدۇ)

    ئۇ مۇسانىڭ ۋە ۋاپادار ئىبراھىمنىڭ سەھىپىلىرىدىكى تۆۋەندىكى سۆزلەردىن خەۋەردار بولمىدىمۇ: «بىر گۇناھكار ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ [36 ـ 38].

  38. (53-سۈرە نەجم، 38-ئايەت)
    أَلَّا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَىٰ
    ئىبراھىم ۋاپادار كىشى ئىدى، بىر گۇناھكار ئادەم يەنە بىراۋنىڭ گۇناھىنى كۆتەرمەيدۇ (يەنى بىراۋ باشقا بىراۋنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن جازاغا تارتىلمايدۇ)

    ئۇ مۇسانىڭ ۋە ۋاپادار ئىبراھىمنىڭ سەھىپىلىرىدىكى تۆۋەندىكى سۆزلەردىن خەۋەردار بولمىدىمۇ: «بىر گۇناھكار ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ [36 ـ 38].

  39. (53-سۈرە نەجم، 39-ئايەت)
    وَأَنْ لَيْسَ لِلْإِنْسَانِ إِلَّا مَا سَعَىٰ
    ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ

    ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ [39].

  40. (53-سۈرە نەجم، 40-ئايەت)
    وَأَنَّ سَعْيَهُ سَوْفَ يُرَىٰ
    ئۇنىڭ قىلغان ئىشى كەلگۈسىدە كۆرۈلىدۇ (يەنى ئۇنىڭ ئەمەلى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا توغرىلىنىدۇ)

    ئۇنىڭ قىلغان ئىشى كەلگۈسىدە (يەنى قىيامەت كۈنىدە)كۆرۈلىدۇ [40].

  41. (53-سۈرە نەجم، 41-ئايەت)
    ثُمَّ يُجْزَاهُ الْجَزَاءَ الْأَوْفَىٰ
    ئاندىن ئۇنىڭغا تولۇق مۇكاپات (ياكى) تولۇق جازا بېرىلىدۇ

    ئاندىن ئۇنىڭغا تولۇق مۇكاپات ياكى تولۇق جازا بېرىلىدۇ [41].

  42. (53-سۈرە نەجم، 42-ئايەت)
    وَأَنَّ إِلَىٰ رَبِّكَ الْمُنْتَهَىٰ
    ھەممىنىڭ ئاخىر بارىدىغان جايى پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر

    ھەممىنىڭ ئاخىر بارىدىغان جايى پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر» [42].

  43. (53-سۈرە نەجم، 43-ئايەت)
    وَأَنَّهُ هُوَ أَضْحَكَ وَأَبْكَىٰ
    ئاللاھ ئىنساننى كۈلدۈرەلەيدۇ ۋە يىغلىتالايدۇ

    ئاللاھ ئىنساننى كۈلدۈرەلەيدۇ ۋە يىغلىتالايدۇ [43].

  44. (53-سۈرە نەجم، 44-ئايەت)
    وَأَنَّهُ هُوَ أَمَاتَ وَأَحْيَا
    ئاللاھ ئۆلتۈرۈشكە ۋە تىرىلدۈرۈشكە قادىر

    ئاللاھ ئۆلتۈرەلەيدۇ ۋە تىرىلدۈرەلەيدۇ [44].

  45. (53-سۈرە نەجم، 45-ئايەت)
    وَأَنَّهُ خَلَقَ الزَّوْجَيْنِ الذَّكَرَ وَالْأُنْثَىٰ
    ئاللاھ بىر جۈپنى ـ ئەركەك بىلەن چىشىنى ياراتتى

    ئاللاھ بىر جۈپنى ـ ئەركەك بىلەن چىشىنى ئېتىلىپ چىققان مەنىيدىن ياراتتى [45-46].

  46. (53-سۈرە نەجم، 46-ئايەت)
    مِنْ نُطْفَةٍ إِذَا تُمْنَىٰ
    ئېتىلىپ چىققان مەنىدىن (ياراتتى)

    ئاللاھ بىر جۈپنى ـ ئەركەك بىلەن چىشىنى ئېتىلىپ چىققان مەنىيدىن ياراتتى [45-46].

  47. (53-سۈرە نەجم، 47-ئايەت)
    وَأَنَّ عَلَيْهِ النَّشْأَةَ الْأُخْرَىٰ
    (ھېساب ئۈچۈن ئىنسانلارنى) ئىككىنچى قېتىم يارىتىشنى ئۈستىگە ئالدى

    ئىككىنچى قېتىم يارىتىشمۇ ئاللاھنىڭ ئىشى[47].

  48. (53-سۈرە نەجم، 48-ئايەت)
    وَأَنَّهُ هُوَ أَغْنَىٰ وَأَقْنَىٰ
    ئاللاھ ئىنساننى باي قىلالايدۇ ۋە (ئاز بىلەنمۇ) مەمنۇن قىلالايدۇ

    ئاللاھ ئىنساننى باي قىلالايدۇ ۋە مەمنۇن قىلالايدۇ [48].

  49. (53-سۈرە نەجم، 49-ئايەت)
    وَأَنَّهُ هُوَ رَبُّ الشِّعْرَىٰ
    ئاللاھ شىئرا يۇلتۇزىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر

    ئاللاھ شىئرا يۇلتۇزىنىڭمۇ پەرۋەردىگارىدۇر [49].

  50. (53-سۈرە نەجم، 50-ئايەت)
    وَأَنَّهُ أَهْلَكَ عَادًا الْأُولَىٰ
    ئۇ (يەنى ئاللاھ) قەدىمكى ئادنى ھالاك قىلدى

    ئاللاھ قەدىمكى ئاد قەۋمىنىمۇ، سەمۇد قەۋمىنىمۇ بىرىنى قويماي ھالاك قىلدى [50-51].

  51. (53-سۈرە نەجم، 51-ئايەت)
    وَثَمُودَ فَمَا أَبْقَىٰ
    سەمۇدنىمۇ (ھالاك قىلدى، ئۇلاردىن بىرىنىمۇ) قويمىدى

    ئاللاھ قەدىمكى ئاد قەۋمىنىمۇ، سەمۇد قەۋمىنىمۇ بىرىنى قويماي ھالاك قىلدى [50-51].

  52. (53-سۈرە نەجم، 52-ئايەت)
    وَقَوْمَ نُوحٍ مِنْ قَبْلُ ۖ إِنَّهُمْ كَانُوا هُمْ أَظْلَمَ وَأَطْغَىٰ
    ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنى (ھالاك قىلغان ئىدى)، شۈبھىسىزكى، ئۇلار تېخىمۇ زالىم، تېخىمۇ سەركەش ئىدى

    ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنىمۇ ھالاك قىلغان ئىدى، ئۇلار زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقتا ھەقىقەتەن چەكتىن ئاشقانلار ئىدى [52].

  53. (53-سۈرە نەجم، 53-ئايەت)
    وَالْمُؤْتَفِكَةَ أَهْوَىٰ
    . لۇت قەۋمىنىڭ شەھەرلىرىنى دۈم كۆمتۈرىۋەتتى، ئۇنى (دەھشەتلىك تاشلار) قاپلىۋالدى

    ئاللاھ لۇت قەۋمىنىڭ شەھرىنى دۈم كۆمتۈرىۋەتتى، ئۇ شەھەرنى دەھشەتلىك ئازاب قاپلىۋالدى [53 ـ 54].

  54. (53-سۈرە نەجم، 54-ئايەت)
    فَغَشَّاهَا مَا غَشَّىٰ
    . لۇت قەۋمىنىڭ شەھەرلىرىنى دۈم كۆمتۈرىۋەتتى، ئۇنى (دەھشەتلىك تاشلار) قاپلىۋالدى

    ئاللاھ لۇت قەۋمىنىڭ شەھرىنى دۈم كۆمتۈرىۋەتتى، ئۇ شەھەرنى دەھشەتلىك ئازاب قاپلىۋالدى [53 ـ 54].

  55. (53-سۈرە نەجم، 55-ئايەت)
    فَبِأَيِّ آلَاءِ رَبِّكَ تَتَمَارَىٰ
    ئىنسان!) پەرۋەردىگارىڭنىڭ قايسىبىر نېمىتىدىن گۇمانلىنىسەن؟

    (ئى ئىنسان!) پەرۋەردىگارىڭنىڭ قايسىبىر نېمىتىدىن گۇمانلىنىسەن؟ [55]

  56. (53-سۈرە نەجم، 56-ئايەت)
    هَٰذَا نَذِيرٌ مِنَ النُّذُرِ الْأُولَىٰ
    بۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئىلگىرىكى ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ جۈملىسىدىن بولغان بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر

    بۇ مۇھەممەد ئىلگىرىكى ئاگاھلاندۇرغۇچىلار قاتارىدىكى بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر [56].

  57. (53-سۈرە نەجم، 57-ئايەت)
    أَزِفَتِ الْآزِفَةُ
    قىيامەت يېقىنلاشتى

    قىيامەت يېقىنلاشتى [57].

  58. (53-سۈرە نەجم، 58-ئايەت)
    لَيْسَ لَهَا مِنْ دُونِ اللَّهِ كَاشِفَةٌ
    ئۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا كەشىپ قىلغۇچى (يەنى ئۇنىڭ ۋاقتىنى بىلگۈچى ياكى ئۇنىڭ ئازابىنى دەپئى قىلغۇچى) يوقتۇر

    ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى ئاللاھتىن باشقا ئاشكارلىيالىغۇچى يوقتۇر [58].

  59. (53-سۈرە نەجم، 59-ئايەت)
    أَفَمِنْ هَٰذَا الْحَدِيثِ تَعْجَبُونَ
    (ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) مەسخىرە قىلىپ بۇ قۇرئاندىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟

    (ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) بۇ قۇرئاندىن ئەجەبلىنىۋاتامسىلەر؟ [59].

  60. (53-سۈرە نەجم، 60-ئايەت)
    وَتَضْحَكُونَ وَلَا تَبْكُونَ
    (ئۇنى ئاڭلىغان چاغدا) كۈلەمسىلەر؟ يىغلىمامسىلەر؟

    (ئۇنى ئاڭلىغان چاغدا) سىلەر يىغلىماي، غاپىللارچە كۈلىۋاتامسىلەر؟ [60-61].

  61. (53-سۈرە نەجم، 61-ئايەت)
    وَأَنْتُمْ سَامِدُونَ
    سىلەر غاپىلدۇرسىلەر

    (ئۇنى ئاڭلىغان چاغدا) سىلەر يىغلىماي، غاپىللارچە كۈلىۋاتامسىلەر؟ [60-61].

  62. (53-سۈرە نەجم، 62-ئايەت)
    فَاسْجُدُوا لِلَّهِ وَاعْبُدُوا ۩
    ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار ۋە (ئۇنىڭغا) ئىبادەت قىلىڭلار

    سىلەر ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار ۋە ئىبادەت قىلىڭلار [62].