مۆئمىنۇن سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 118 ئايەت
مەنىسى: مۆئمىنلەر. ئاتىلىش سەۋەبى: مۆئمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرى بىلەن باشلانغان
  1. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ قَدْ أَفْلَحَ الْمُؤْمِنُونَ
    مۆمىنلەر ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى

    مۆمىنلەر ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يەتتى [1].

  2. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 2-ئايەت)
    الَّذِينَ هُمْ فِي صَلَاتِهِمْ خَاشِعُونَ
    (شۇنداق مۆمىنلەركى) ئۇلار نامازلىرىدا (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن سۈر بېسىپ كەتكەنلىكتىن) ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر

    ئۇ مۆمىنلەر نامىزىدا ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر [2].

  3. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 3-ئايەت)
    وَالَّذِينَ هُمْ عَنِ اللَّغْوِ مُعْرِضُونَ
    ئۇلار بىھۇدە سۆز، بىھۇدە ئىشتىن يىراق بولغۇچىلاردۇر

    ئۇلار بىھۇدە سۆز-ھەرىكەتتىن يىراق بولغۇچىلاردۇر [3].

  4. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 4-ئايەت)
    وَالَّذِينَ هُمْ لِلزَّكَاةِ فَاعِلُونَ
    ئۇلار زاكات بەرگۈچىلەردۇر

    ئۇلار زاكات بەرگۈچىلەردۇر [4].

  5. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 5-ئايەت)
    وَالَّذِينَ هُمْ لِفُرُوجِهِمْ حَافِظُونَ
    ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى (ھارامدىن) ساقلىغۇچىلاردۇر

    ئۇلار ئەۋرەتلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچىلاردۇر [5].

  6. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 6-ئايەت)
    إِلَّا عَلَىٰ أَزْوَاجِهِمْ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُمْ فَإِنَّهُمْ غَيْرُ مَلُومِينَ
    (يەنى ئەۋرەتلىرىنى) پەقەت خوتۇنلىرىدىن، چۆرىلىرىدىن باشقىلاردىن ساقلىغۇچىلاردۇر (بۇلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغۇچىلار مالامەت قىلىنمايدۇ)

    ئۇلار پەقەت خوتۇنلىرى ۋە چۆرىلىرى بىلەن يېقىنچىلىق قىلسا ھەرگىز مالامەت قىلىنمايدۇ [6].

  7. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 7-ئايەت)
    فَمَنِ ابْتَغَىٰ وَرَاءَ ذَٰلِكَ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْعَادُونَ
    بۇنىڭ سىرتىدىن (جىنسىي تەلەپنى قاندۇرۇشنى) تەلەپ قىلغۇچىلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر

    كىمكى باشقىلاردىن بۇنى (جىنسىي تەلىپىنى قاندۇرۇشنى) ئىزدەيدىكەن، ئەنە شۇلار چەكتىن ئاشقۇچىلاردۇر [7].

  8. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 8-ئايەت)
    وَالَّذِينَ هُمْ لِأَمَانَاتِهِمْ وَعَهْدِهِمْ رَاعُونَ
    ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر

    ئۇ مۆمىنلەر يەنە ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر [8].

  9. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 9-ئايەت)
    وَالَّذِينَ هُمْ عَلَىٰ صَلَوَاتِهِمْ يُحَافِظُونَ
    ئۇلار نامازلىرىنى (ۋاقتىدا، تەئدىل ئەركان بىلەن) ئادا قىلغۇچىلاردۇر

    ئۇلار نامازلىرىغا تولۇق ئەھمىيەت بەرگۈچىلەردۇر [9].

  10. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 10-ئايەت)
    أُولَٰئِكَ هُمُ الْوَارِثُونَ
    ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە مۆمىنلەر نازۇ- نېمەتلىك جەننەتنىڭ) ۋارىسلىرىدۇر

    ئەنە شۇ سۈپەتلەرگە ئىگە مۆمىنلەر ۋارىسلاردۇر [10].

  11. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 11-ئايەت)
    الَّذِينَ يَرِثُونَ الْفِرْدَوْسَ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
    ئۇلار (يۇقىرى دەرىجىلىك جەننەت) فىردەۋسكە ۋارىسلىق قىلىدۇ، فىردەۋستە مەڭگۈ قالىدۇ

    ئۇلار فىردەۋس جەننىتىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ، شۇ جەننەتتە مەڭگۈ تۇرىدۇ [11].

  12. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 12-ئايەت)
    وَلَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ مِنْ سُلَالَةٍ مِنْ طِينٍ
    بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن لاينىڭ جەۋھىرىدىن ياراتتۇق

    بىز ئىنساننى (ئادەمئاتىنى) ھەقىقەتەن لاينىڭ جەۋھىرىدىن ياراتتۇق [12].

  13. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 13-ئايەت)
    ثُمَّ جَعَلْنَاهُ نُطْفَةً فِي قَرَارٍ مَكِينٍ
    ئاندىن ئۇنى بىر پۇختا قارارگاھ (يەنى بەچچىدان) دا (جايلاشقان) ئابىمەنىي قىلدۇق

    ئاندىن ئۇ (ئادەمنىڭ ئەۋلادى) نى بىز پۇختا قارارگاھقا جايلاشقان ئابىمەنىي قىلدۇق [13].

  14. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 14-ئايەت)
    ثُمَّ خَلَقْنَا النُّطْفَةَ عَلَقَةً فَخَلَقْنَا الْعَلَقَةَ مُضْغَةً فَخَلَقْنَا الْمُضْغَةَ عِظَامًا فَكَسَوْنَا الْعِظَامَ لَحْمًا ثُمَّ أَنْشَأْنَاهُ خَلْقًا آخَرَ ۚ فَتَبَارَكَ اللَّهُ أَحْسَنُ الْخَالِقِينَ
    ئاندىن ئابىمەنىينى لەختە قانغا ئايلاندۇردۇق، ئاندىن لەختە قاننى پارچە گۆشكە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن پارچە گۆشنى سۆڭەككە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن سۆڭەككە گۆش قوندۇردۇق، ئاندىن ئۇنى (جان كىرگۈزۈپ) باشقا مەخلۇققا ئايلاندۇردۇق، ئەڭ ماھىر ياراتقۇچى ئاللاھ (ھېكمەت ۋە قۇدرەت جەھەتتىن) ئۇلۇغدۇر

    ئاندىن ئابىمەنىينى لەختە قانغا ئايلاندۇردۇق، ئاندىن لەختە قاننى پارچە گۆشكە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن پارچە گۆشنى سۆڭەككە ئايلاندۇردۇق، ئاندىن سۆڭەككە گۆش قوندۇردۇق، ئاندىن ئۇنى بىر پۈتۈن ئىنسانغا ئايلاندۇردۇق، ئەڭ ماھىر ياراتقۇچى ئاللاھ ئۇلۇغدۇر [14].

  15. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 15-ئايەت)
    ثُمَّ إِنَّكُمْ بَعْدَ ذَٰلِكَ لَمَيِّتُونَ
    ئاندىن سىلەر چوقۇم ئۆلۈسىلەر

    ئاندىن سىلەر چوقۇم ئۆلىسىلەر [15].

  16. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 16-ئايەت)
    ثُمَّ إِنَّكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ تُبْعَثُونَ
    ئاندىن سىلەر ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى (قەبرەڭلاردىن) تۇرغۇزۇلىسىلەر

    ئاندىن سىلەر ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى تىرىلدۈرۈلىسىلەر [16].

  17. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 17-ئايەت)
    وَلَقَدْ خَلَقْنَا فَوْقَكُمْ سَبْعَ طَرَائِقَ وَمَا كُنَّا عَنِ الْخَلْقِ غَافِلِينَ
    بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا يەتتە قەۋەت ئاسماننى ياراتتۇق، بىز مەخلۇقاتتىن غاپىل ئەمەسمىز

    بىز ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا يەتتە قەۋەت ئاسماننى ياراتتۇق، بىز مەخلۇقاتتىن خەۋەرسىز ئەمەسمىز [17].

  18. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 18-ئايەت)
    وَأَنْزَلْنَا مِنَ السَّمَاءِ مَاءً بِقَدَرٍ فَأَسْكَنَّاهُ فِي الْأَرْضِ ۖ وَإِنَّا عَلَىٰ ذَهَابٍ بِهِ لَقَادِرُونَ
    بىز بۇلۇتتىن ھاجەتكە قاراپ يامغۇر ياغدۇردۇق، ئۇنى زېمىندا توختاتتۇق، ئۇنى قۇرۇتۇۋېتىشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز

    بىز بۇلۇتتىن ئۆلچەملىك مىقداردا يامغۇر ياغدۇردۇق، ئۇنى زېمىندا توختاتتۇق. ئۇنى قۇرۇتۇۋېتىشقا ئەلۋەتتە قادىرمىز [18].

  19. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 19-ئايەت)
    فَأَنْشَأْنَا لَكُمْ بِهِ جَنَّاتٍ مِنْ نَخِيلٍ وَأَعْنَابٍ لَكُمْ فِيهَا فَوَاكِهُ كَثِيرَةٌ وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ
    شۇ يامغۇر بىلەن سىلەرگە خورما باغچىلىرى ۋە ئۈزۈم باغچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەردۇق، سىلەر ئۈچۈن ئۇ باغلاردا نۇرغۇن مېۋىلەر بار، ئۇلاردىن يەيسىلەر

    شۇ يامغۇر بىلەن سىلەرگە خورما باغچىلىرى ۋە ئۈزۈم باغچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەردۇق. سىلەر ئۈچۈن ئۇ باغلاردا نۇرغۇن مېۋىلەر بار، ئۇلاردىن يەيسىلەر [19].

  20. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 20-ئايەت)
    وَشَجَرَةً تَخْرُجُ مِنْ طُورِ سَيْنَاءَ تَنْبُتُ بِالدُّهْنِ وَصِبْغٍ لِلْآكِلِينَ
    شۇ يامغۇر بىلەن تۇرسىنادىن چىقىدىغان (زەيتۇن) دەرىخىنى (ئۆستۈرۈپ بەردۇق)، ئۇنىڭدىن ماي چىقىدۇ، يېگۈچىلەر (نانلىرىنى شۇ ماي بىلەن) مايلايدۇ

    يەنە شۇ يامغۇر بىلەن (مىسىردىكى) تۇرسىنادىن چىقىدىغان زەيتۇن دەرىخىنى يېتىشتۈرۈپ بەردۇق، ئۇنىڭدىن ماي چىقىدۇ ۋە تاماق يېگۈچىلەر ئۈچۈن تېتىتقۇ چىقىدۇ [20].

  21. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 21-ئايەت)
    وَإِنَّ لَكُمْ فِي الْأَنْعَامِ لَعِبْرَةً ۖ نُسْقِيكُمْ مِمَّا فِي بُطُونِهَا وَلَكُمْ فِيهَا مَنَافِعُ كَثِيرَةٌ وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ
    چارۋىلاردا ھەقىقەتەن سىلەرگە ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكى نەرسىلەر (يەنى سۈتلەر) بىلەن سىلەرنى سۇغىرىمىز، ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار، ئۇلارنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر

    چارۋىلاردا ھەقىقەتەن سىلەرگە ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكى نەرسە (يەنى سۈت) بىلەن سىلەرنى سۇغىرىمىز؛ ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار، ئۇلارنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر [21].

  22. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 22-ئايەت)
    وَعَلَيْهَا وَعَلَى الْفُلْكِ تُحْمَلُونَ
    ئۇلار (يەنى تۆگە ۋە ئۆكۈزلەر) بىلەن (قۇرۇقلۇقتا)، كېمە بىلەن (دېڭىزدا) يۈك توشۇيسىلەر

    قۇرۇقلۇقتا ئۇلارغا مىنىسىلەر، دېڭىزدا كېمىلەرگە ئولتۇرىسىلەر [22].

  23. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 23-ئايەت)
    وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِ فَقَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ أَفَلَا تَتَّقُونَ
    بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! (يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوق، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟»

    بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. سىلەر ئاللاھتىن قورقمامسىلەر؟» [23]

  24. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 24-ئايەت)
    فَقَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ قَوْمِهِ مَا هَٰذَا إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُكُمْ يُرِيدُ أَنْ يَتَفَضَّلَ عَلَيْكُمْ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَأَنْزَلَ مَلَائِكَةً مَا سَمِعْنَا بِهَٰذَا فِي آبَائِنَا الْأَوَّلِينَ
    ئۇنىڭ قەۋمىدىكى ئىمانسىز كاتتىلار ئېيتتى: «بۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئۇ سىلەردىن ئۈستۈن بولۇۋالماقچى، ئەگەر ئاللاھ (پەيغەمبەر ئەۋەتىشنى) خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، پەرىشتىلەرنى ئەۋەتەتتى، بۇنداق سۆزنى بۇرۇنقى ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزدىن ئاڭلىغان ئەمەسمىز

    ئۇنىڭ قەۋمىدىكى ئىمانسىز كاتتىباشلار ئېيتىشتى: «بۇ نۇھ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئۇ سىلەردىن ئۈستۈن بولۇۋالماقچى. ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئەلۋەتتە، پەرىشتىلەرنى ئەۋەتكەن بولاتتى. بۇنداق سۆزنى بىز بۇرۇنقى ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزدىن ئاڭلىغان ئەمەسمىز [24].

  25. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 25-ئايەت)
    إِنْ هُوَ إِلَّا رَجُلٌ بِهِ جِنَّةٌ فَتَرَبَّصُوا بِهِ حَتَّىٰ حِينٍ
    ئۇ پەقەت بىر مەجنۇندۇر، سىلەر ئۇنى بىر مەزگىل كۈتۈڭلار»

    ئۇ پەقەت بىر مەجنۇندۇر، سىلەر ئۇنى بىر مەزگىل كۈتۈڭلار» [25].

  26. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 26-ئايەت)
    قَالَ رَبِّ انْصُرْنِي بِمَا كَذَّبُونِ
    نۇھ (ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەندىن كېيىن): «پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى يالغانغا چىقارغانلىقلىرى ئۈچۈن ماڭا ياردەم بەرگىن» دېدى

    نۇھ (ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەندىن كېيىن): «ئى رەببىم! ئۇلار مېنى يالغانچى دېگەنلىكى ئۈچۈن ماڭا ياردەم بەرگىن» دېدى [26].

  27. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 27-ئايەت)
    فَأَوْحَيْنَا إِلَيْهِ أَنِ اصْنَعِ الْفُلْكَ بِأَعْيُنِنَا وَوَحْيِنَا فَإِذَا جَاءَ أَمْرُنَا وَفَارَ التَّنُّورُ ۙ فَاسْلُكْ فِيهَا مِنْ كُلٍّ زَوْجَيْنِ اثْنَيْنِ وَأَهْلَكَ إِلَّا مَنْ سَبَقَ عَلَيْهِ الْقَوْلُ مِنْهُمْ ۖ وَلَا تُخَاطِبْنِي فِي الَّذِينَ ظَلَمُوا ۖ إِنَّهُمْ مُغْرَقُونَ
    بىز نۇھقا: «بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋەھىيمىز بويىچە كېمە ياسىغىن، بىزنىڭ بۇيرۇقىمىز يېتىپ كەلگەن ۋە تونۇردىن سۇ ئېتىلىپ چىققان چاغدا، ھايۋانلاردىن (ئەركەك ـ چىشى بولۇپ) بىر جۈپتىن ئېلىۋالغىن، ئائىلەڭدىكىلەرنىمۇ ئېلىۋالغىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھالاك بولۇشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلار توغرىسىدا ماڭا سۆز ئاچمىغىن (يەنى ئۇلارغا شاپائەت قىلمىغىن)، ئۇلار چوقۇم (توپان بالاسىدا) غەرق قىلىنىدۇ» دەپ ۋەھىي قىلدۇق

    بىز نۇھقا: «بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا ۋەھيىمىز بويىچە كېمە ياسىغىن، بىزنىڭ بۇيرۇقىمىز يېتىپ كەلگەن ۋە تونۇردىن سۇ ئېتىلىپ چىققان چاغدا، ھايۋانلاردىن (ئەركەك ـ چىشى بولۇپ) بىر جۈپتىن ئېلىۋالغىن، ئائىلەڭدىكىلەرنىمۇ ئېلىۋالغىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھالاك بولۇشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار بۇنىڭ سىرتىدا. ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارنى قوغداپ قېلىش توغرىسىدا ماڭا سۆز ئاچمىغىن، ئۇلار چوقۇم غەرق قىلىنىدۇ» دەپ ۋەھيى قىلدۇق [27].

  28. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 28-ئايەت)
    فَإِذَا اسْتَوَيْتَ أَنْتَ وَمَنْ مَعَكَ عَلَى الْفُلْكِ فَقُلِ الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي نَجَّانَا مِنَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
    سەن بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەر بىلەن كېمىگە چىققان چېغىڭدا: «جىمى ھەمدۇسانا بىزنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغان ئاللاھقا خاستۇر» دېگىن

    سەن بىللە بولغان مۆمىنلەر بىلەن كېمىگە چىققان چېغىڭدا: «بارلىق ھەمدۇسانا بىزنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغان ئاللاھقا خاستۇر» دېگىن [28].

  29. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 29-ئايەت)
    وَقُلْ رَبِّ أَنْزِلْنِي مُنْزَلًا مُبَارَكًا وَأَنْتَ خَيْرُ الْمُنْزِلِينَ
    ھەمدە: «ئى پەرۋەردىگارىم! مېنى مۇبارەك مەنزىلگە چۈشۈرگىن، سەن (دوستلىرىڭنى) ئەڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرغۇچىسەن» دېگىن

    ھەمدە: «ئى رەببىم! مېنى بەركەتلىك بىر ئورۇنغا چۈشۈرگىن، سەن ئەڭ ياخشى ئورۇنلاشتۇرغۇچىسەن» دېگىن [29].

  30. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 30-ئايەت)
    إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ وَإِنْ كُنَّا لَمُبْتَلِينَ
    ھەقىقەتەن بۇنىڭدا (يەنى نۇھنىڭ ئۈممىتىنىڭ ئىشلىرىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن) نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار، بىز بەندىلەرنى (پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش بىلەن) ئەلۋەتتە سىنايمىز

    ھەقىقەتەن بۇنىڭدا (ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن) نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار. بىز بەندىلەرنى ئەلۋەتتە مۇشۇنداق سىنايمىز [30].

  31. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 31-ئايەت)
    ثُمَّ أَنْشَأْنَا مِنْ بَعْدِهِمْ قَرْنًا آخَرِينَ
    ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن باشقا بىر قەۋم پەيدا قىلدۇق

    ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن باشقا بىر قەۋمنى پەيدا قىلدۇق [31].

  32. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 32-ئايەت)
    فَأَرْسَلْنَا فِيهِمْ رَسُولًا مِنْهُمْ أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ أَفَلَا تَتَّقُونَ
    بىز ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر پەيغەمبەرنى (يەنى ھۇدنى) ئەۋەتتۇق. (ئۇ ئېيتتى): «ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھنىڭ (ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟»

    بىز ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر پەيغەمبەرنى (يەنى ھۇد)نى ئەۋەتتۇق. (ئۇ ئېيتتى) «ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئاللاھتىن قورقمامسىلەر؟» [32].

  33. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 33-ئايەت)
    وَقَالَ الْمَلَأُ مِنْ قَوْمِهِ الَّذِينَ كَفَرُوا وَكَذَّبُوا بِلِقَاءِ الْآخِرَةِ وَأَتْرَفْنَاهُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا مَا هَٰذَا إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُكُمْ يَأْكُلُ مِمَّا تَأْكُلُونَ مِنْهُ وَيَشْرَبُ مِمَّا تَشْرَبُونَ
    ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاپىر بولغان، ئاخىرەت مۇلاقاتىنى يالغانغا چىقارغان ۋە بۇ دۇنيادا بىز تەرەپتىن باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قىلىنغان كاتتىلىرى ئېيتتى: «بۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئۇ سىلەر يېگەننى يەيدۇ، سىلەر ئىچكەننى ئىچىدۇ.

    ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئىچىدىكى كافىر بولغان، ئاخىرەتتە (بىز بىلەن) ئۇچرىشىشنى يالغانغا چىقارغان ۋە بۇ دۇنيادا بىز تەرەپتىن باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قىلىنغان كاتتىباشلىرى ئېيتتى: «ئۇ پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنساندۇر، ئۇ سىلەر يېگەننى يەيدۇ، سىلەر ئىچكەننى ئىچىدۇ. [33].

  34. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 34-ئايەت)
    وَلَئِنْ أَطَعْتُمْ بَشَرًا مِثْلَكُمْ إِنَّكُمْ إِذًا لَخَاسِرُونَ
    ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش بىر ئىنسانغا ئىتائەت قىلساڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ چاغدا سىلەر چوقۇم زىيان تارتقۇچىلارسىلەر

    ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئوخشاش بىر ئىنسانغا ئىتائەت قىلساڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ چاغدا سىلەر چوقۇم زىيان تارتىپ قالىسىلەر [34].

  35. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 35-ئايەت)
    أَيَعِدُكُمْ أَنَّكُمْ إِذَا مِتُّمْ وَكُنْتُمْ تُرَابًا وَعِظَامًا أَنَّكُمْ مُخْرَجُونَ
    ئۇ سىلەرنى، سىلەر ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق ئۇستىخانغا ئايلانغاندىن كېيىن تىرىلىسىلەر، دەپ ئاگاھلاندۇرامدۇ؟

    ئۇ سىلەرنى <سىلەر ئۆلۈپ توپىغا ۋە قۇرۇق ئۇستىخانغا ئايلانغاندىن كېيىن تىرىلىسىلەر> دەپ ئاگاھلاندۇرامدۇ؟ [35].

  36. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 36-ئايەت)
    هَيْهَاتَ هَيْهَاتَ لِمَا تُوعَدُونَ
    سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىش تولىمۇ يىراقتۇر

    سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىش تولىمۇ يىراقتۇر [36].

  37. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 37-ئايەت)
    إِنْ هِيَ إِلَّا حَيَاتُنَا الدُّنْيَا نَمُوتُ وَنَحْيَا وَمَا نَحْنُ بِمَبْعُوثِينَ
    بىزنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىن باشقا ھايات يوقتۇر، بىز ئۆلىمىز ۋە تىرىلىمىز (يەنى بىر تەرەپتىن ئۆلۈپ تۇرىمىز ۋە بىر تەرەپتىن تۇغۇلۇپ تۇرىمىز)، بىز قايتا تىرىلمەيمىز

    بىزنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىن باشقا ھايات يوقتۇر. بىز ئۆلۈپ تۇرىمىز ۋە تۇغۇلۇپ تۇرىمىز، بىز ئۆلگەندىن كېيىن ھەرگىز تىرىلمەيمىز [37].

  38. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 38-ئايەت)
    إِنْ هُوَ إِلَّا رَجُلٌ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا وَمَا نَحْنُ لَهُ بِمُؤْمِنِينَ
    ئۇ پەقەت ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ئادەمدۇر، بىز ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمىز»

    ئۇ پەقەت ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ئادەمدۇر، بىز ئۇنىڭغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» [38].

  39. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 39-ئايەت)
    قَالَ رَبِّ انْصُرْنِي بِمَا كَذَّبُونِ
    ھۇد ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ئۇلار مېنى يالغانغا چىقارغانلىقلىرى ئۈچۈن ماڭا ياردەم بەرگىن»

    ھۇد ئېيتتى: «ئى رەببىم! ئۇلار مېنى يالغانچى دېگەنلىكى ئۈچۈن ماڭا ياردەم بەرگىن» [39].

  40. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 40-ئايەت)
    قَالَ عَمَّا قَلِيلٍ لَيُصْبِحُنَّ نَادِمِينَ
    ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇلار ئۇزۇنغا قالماي (كاپىر بولغانلىقلىرىغا) نادامەت چېكىدۇ»

    ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇلار ئۇزۇنغا قالماي پۇشايمان قىلىدۇ» [40].

  41. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 41-ئايەت)
    فَأَخَذَتْهُمُ الصَّيْحَةُ بِالْحَقِّ فَجَعَلْنَاهُمْ غُثَاءً ۚ فَبُعْدًا لِلْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
    ئۇلار ھەقلىق رەۋىشتە قاتتىق ئاۋاز بىلەن ھالاك بولدى. ئۇلارنى بىز لۆجە قىلىۋەتتۇق، زالىم قەۋم ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولسۇن

    قاتتىق بىر ئاۋاز ئۇلارنى ئادىللىق بىلەن ھالاك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى بىز ئەخلەت-چاۋار(دەك) قىلىۋەتتۇق. بۇ زالىم قەۋم (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) يىراق بولسۇن [41].

  42. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 42-ئايەت)
    ثُمَّ أَنْشَأْنَا مِنْ بَعْدِهِمْ قُرُونًا آخَرِينَ
    ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، باشقا بىر قەۋملەرنى پەيدا قىلدۇق

    ئۇلارنى ھالاك قىلغاندىن كېيىن، باشقا قەۋملەرنى پەيدا قىلدۇق [42].

  43. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 43-ئايەت)
    مَا تَسْبِقُ مِنْ أُمَّةٍ أَجَلَهَا وَمَا يَسْتَأْخِرُونَ
    ھەر قانداق ئۈممەت ھالاك بولۇش ۋاقتى كەلمەي تۇرۇپ ھالاك بولمايدۇ، ھالاك بولۇش ۋاقتىدىن ئۆتۈپمۇ كەتمەيدۇ

    ھەر قانداق ئۈممەت ھالاك بولۇش ۋاقتى كەلمەي تۇرۇپ ھالاك بولمايدۇ، ھالاك بولۇش ۋاقتىدىن ئۆتۈپمۇ كەتمەيدۇ [43].

  44. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 44-ئايەت)
    ثُمَّ أَرْسَلْنَا رُسُلَنَا تَتْرَىٰ ۖ كُلَّ مَا جَاءَ أُمَّةً رَسُولُهَا كَذَّبُوهُ ۚ فَأَتْبَعْنَا بَعْضَهُمْ بَعْضًا وَجَعَلْنَاهُمْ أَحَادِيثَ ۚ فَبُعْدًا لِقَوْمٍ لَا يُؤْمِنُونَ
    ئاندىن بىزنىڭ پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئارقىمۇ ئارقا ئەۋەتتۇق، ھەر ئۈممەتكە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى كەلگەن چاغدا، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقتىن، ئۇلارنى ئارقىمۇ ئارقا ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنى (كىشىلەرگە) ھېكايە قىلىپ قالدۇردۇق، ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋم ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق بولسۇن

    ئاندىن بىزنىڭ پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئارقىمۇئارقا ئەۋەتتۇق. ھەر ئۈممەتكە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى كەلگەن چاغدا، ئۇلار ئۇنى يالغانچى دېگەنلىكتىن، ئۇلارنى ئارقىمۇ ئارقا ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ قىسسىسىنى (كىشىلەرگە) قالدۇردۇق. ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋم (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) يىراق بولسۇن [44].

  45. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 45-ئايەت)
    ثُمَّ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ وَأَخَاهُ هَارُونَ بِآيَاتِنَا وَسُلْطَانٍ مُبِينٍ
    ئاندىن مۇسا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە روشەن پاكىت بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ (ئىماندىن) باش تارتتى، ئۇلارمۇ تەكەببۇر قەۋم ئىدى

    ئاندىن مۇسانى ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە روشەن پاكىت بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاتتىباشلىرىغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئىماندىن باش تارتتى. ئۇلار تەكەببۇر قەۋم ئىدى [45ـ46].

  46. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 46-ئايەت)
    إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ فَاسْتَكْبَرُوا وَكَانُوا قَوْمًا عَالِينَ
    ئاندىن مۇسا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە روشەن پاكىت بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ (ئىماندىن) باش تارتتى، ئۇلارمۇ تەكەببۇر قەۋم ئىدى

    ئاندىن مۇسانى ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە روشەن پاكىت بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاتتىباشلىرىغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئىماندىن باش تارتتى. ئۇلار تەكەببۇر قەۋم ئىدى [45ـ46].

  47. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 47-ئايەت)
    فَقَالُوا أَنُؤْمِنُ لِبَشَرَيْنِ مِثْلِنَا وَقَوْمُهُمَا لَنَا عَابِدُونَ
    ئۇلار: «بىزگە ئوخشاش ئىككى ئاددى ئىنسانغا ئىمان ئېيتامدۇق، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ قەۋمى بىزنىڭ (قۇلغا ئوخشاش) خىزمەتچىلىرىمىزدۇر» دېيىشتى

    ئۇلار: «ئۆزىمىزگە ئوخشاش ئىككى ئىنسانغا ئىمان ئېيتامدۇق؟ ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ قەۋمى بىزنىڭ خىزمەتكارلىرىمىزدۇر» دېيىشتى [47].

  48. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 48-ئايەت)
    فَكَذَّبُوهُمَا فَكَانُوا مِنَ الْمُهْلَكِينَ
    ئۇلار بۇ ئىككىسىنى (يەنى مۇسا بىلەن ھارۇننى) ئىنكار قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھالاك بولدى

    ئۇلار ئۇ ئىككىسىنى يالغانچى دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھالاك بولدى [48].

  49. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 49-ئايەت)
    وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ لَعَلَّهُمْ يَهْتَدُونَ
    ئۇلار (يەنى بەنى ئىسرائىل) نى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، بىز ھەقىقەتەن مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق

    ئىسرائىل ئەۋلادىنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، بىز ھەقىقەتەن مۇساغا تەۋراتنى ئاتا قىلدۇق [49].

  50. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 50-ئايەت)
    وَجَعَلْنَا ابْنَ مَرْيَمَ وَأُمَّهُ آيَةً وَآوَيْنَاهُمَا إِلَىٰ رَبْوَةٍ ذَاتِ قَرَارٍ وَمَعِينٍ
    بىز مەريەمنىڭ ئوغلىنى (يەنى ئىيسانى) ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنى (يەنى مەريەمنى) (كامالى قۇدرىتىمىزنىڭ) دەلىلى قىلدۇق، ئۇلارنى تۈپتۈز، ئېقىن سۇلۇق بىر ئېگىز جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق

    بىز مەريەم ئوغلىنى ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنى قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىلى قىلدۇق، ئۇلارنى تۈپتۈز، ئېقىن سۇلۇق بىر ئېگىز جايغا ئورۇنلاشتۇردۇق [50].

  51. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 51-ئايەت)
    يَا أَيُّهَا الرُّسُلُ كُلُوا مِنَ الطَّيِّبَاتِ وَاعْمَلُوا صَالِحًا ۖ إِنِّي بِمَا تَعْمَلُونَ عَلِيمٌ
    ئى پەيغەمبەرلەر! ھالال نەرسىلەرنى يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئوبدان بىلىمەن

    ئى پەيغەمبەرلەر! ھالال نەرسىلەرنى يەڭلار، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىلغان ئىشىڭلارنى ئوبدان بىلىمەن [51].

  52. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 52-ئايەت)
    وَإِنَّ هَٰذِهِ أُمَّتُكُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَأَنَا رَبُّكُمْ فَاتَّقُونِ
    (ئى پەيغەمبەرلەر جامائەسى!) سىلەرنىڭ دىنىڭلار ھەقىقەتەن بىر دىندۇر، مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇرمەن، (مېنىڭ ئازابىمدىن) قورقۇڭلار

    (ئى پەيغەمبەرلەر!) سىلەرنىڭ دىنىڭلار ھەقىقەتەن بىر دىندۇر، مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇرمەن، ماڭا تەقۋادارلىق قىلىڭلار [52].

  53. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 53-ئايەت)
    فَتَقَطَّعُوا أَمْرَهُمْ بَيْنَهُمْ زُبُرًا ۖ كُلُّ حِزْبٍ بِمَا لَدَيْهِمْ فَرِحُونَ
    ئۇلار (يەنى ئۈممەتلەر) دىنىي جەھەتتە نۇرغۇن پىرقىلەرگە بۆلۈندى، ھەر پىرقە ئۆز دىنى بىلەن خۇشالدۇر

    ئۇلار (يەنى ئۈممەتلەر) ئۆز ئىشلىرىدا نۇرغۇن پىرقىلەرگە بۆلۈندى. ھەر پىرقە ئۆز ئەقىدىسى بىلەن خۇشالدۇر [53].

  54. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 54-ئايەت)
    فَذَرْهُمْ فِي غَمْرَتِهِمْ حَتَّىٰ حِينٍ
    ئۇلارنى ئۆلگەنلىرىگە قەدەر گۇمراھلىقتا تەرك ئەتكىن

    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى ئۆلگەنلىرىگە قەدەر ئۆز گۇمراھلىقىدا قويغىن [54].

  55. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 55-ئايەت)
    أَيَحْسَبُونَ أَنَّمَا نُمِدُّهُمْ بِهِ مِنْ مَالٍ وَبَنِينَ
    (ئۇلار) بىزنىڭ ئۇلارغا مال ـ مۈلۈك ۋە ئەۋلادلارنى بەرگەنلىكىمىزنى ئۆزلىرىگە تېز ياخشىلىق قىلغانلىق دەپ ئويلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئۇقمايدۇ

    ئۇلار بىزنىڭ ئۇلارغا مال ـ مۈلۈك ۋە ئەۋلادلارنى بەرگەنلىكىمىزنى ئۆزلىرىگە تېز ياخشىلىق قىلغانلىق دەپ ئويلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئۇقمايدۇ [55ـ56].

  56. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 56-ئايەت)
    نُسَارِعُ لَهُمْ فِي الْخَيْرَاتِ ۚ بَلْ لَا يَشْعُرُونَ
    (ئۇلار) بىزنىڭ ئۇلارغا مال ـ مۈلۈك ۋە ئەۋلادلارنى بەرگەنلىكىمىزنى ئۆزلىرىگە تېز ياخشىلىق قىلغانلىق دەپ ئويلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئۇقمايدۇ

    ئۇلار بىزنىڭ ئۇلارغا مال ـ مۈلۈك ۋە ئەۋلادلارنى بەرگەنلىكىمىزنى ئۆزلىرىگە تېز ياخشىلىق قىلغانلىق دەپ ئويلامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار ئۇقمايدۇ [55ـ56].

  57. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 57-ئايەت)
    إِنَّ الَّذِينَ هُمْ مِنْ خَشْيَةِ رَبِّهِمْ مُشْفِقُونَ
    ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ ھەيۋىسىدىن قورققۇچى كىشىلەر

    ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ ھەيۋىسىدىن قورققۇچى كىشىلەر [57]،

  58. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 58-ئايەت)
    وَالَّذِينَ هُمْ بِآيَاتِ رَبِّهِمْ يُؤْمِنُونَ
    پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنگۈچى كىشىلەر

    پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنگۈچى كىشىلەر [58]،

  59. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 59-ئايەت)
    وَالَّذِينَ هُمْ بِرَبِّهِمْ لَا يُشْرِكُونَ
    پەرۋەردىگارىغا شېرىك كەلتۈرمەيدىغان كىشىلەر

    پەرۋەردىگارىغا شېرىك كەلتۈرمەيدىغان كىشىلەر [59]،

  60. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 60-ئايەت)
    وَالَّذِينَ يُؤْتُونَ مَا آتَوْا وَقُلُوبُهُمْ وَجِلَةٌ أَنَّهُمْ إِلَىٰ رَبِّهِمْ رَاجِعُونَ
    سەدىقە بېرىدىغان ئەمما پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) قايتىپ بارىدىغانلىقىدىن دىللىرى قورقۇپ تۇرىدىغان كىشىلەردۇر

    پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) قايتىپ بارىدىغانلىقىدىن دىللىرى قورقۇپ تۇرۇپ سەدىقە بېرىدىغان كىشىلەر [60]

  61. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 61-ئايەت)
    أُولَٰئِكَ يُسَارِعُونَ فِي الْخَيْرَاتِ وَهُمْ لَهَا سَابِقُونَ
    ئەنە شۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغۇچىلاردۇر، ياخشى ئىشلارنى (باشقىلارنىڭ) ئالدىدا قىلىشقا تىرىشقۇچىلاردۇر

    ئەنە شۇلار ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغۇچىلاردۇر، ياخشى ئىشلارنى ھەممىنىڭ ئالدىدا قىلىشقا تىرىشقۇچىلاردۇر [61].

  62. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 62-ئايەت)
    وَلَا نُكَلِّفُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا ۖ وَلَدَيْنَا كِتَابٌ يَنْطِقُ بِالْحَقِّ ۚ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
    بىز ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان (ئىش) قىلا تەكلىپ قىلىمىز، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقنى سۆزلەيدىغان كىتاب (يەنى بەندىلەرنىڭ ياخشى ـ يامان ئىشلىرى خاتىرىلەنگەن نامە ـ ئەمال بار، ئۇلارغا (ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىش ياكى ئازابنى ئاشۇرۇۋېتىش بىلەن) قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ

    بىز ئىنساننى پەقەت ئىقتىدارى يېتىدىغان ئىشقىلا بۇيرۇيمىز. بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا راست سۆزلەيدىغان نامە ـ ئەمال بار، ئۇلارغا قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ [62].

  63. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 63-ئايەت)
    بَلْ قُلُوبُهُمْ فِي غَمْرَةٍ مِنْ هَٰذَا وَلَهُمْ أَعْمَالٌ مِنْ دُونِ ذَٰلِكَ هُمْ لَهَا عَامِلُونَ
    ئۇلار (يەنى گۇناھكار كۇففارلار) نىڭ دىللىرى بۇنىڭدىن (يەنى قۇرئاندىن) غەپلەتتىدۇر، ئۇنىڭدىن (يەنى كۇفرىدىن) باشقا ئۇلار كېلەچەكتە نۇرغۇن (يامان) ئىشلارنى قىلىدۇ

    كافىرلارنىڭ دىللىرى بۇ قۇرئاندىن غەپلەتتىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار كېلەچەكتە يەنە نۇرغۇن يامان ئىشلارنى قىلىدۇ [63].

  64. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 64-ئايەت)
    حَتَّىٰ إِذَا أَخَذْنَا مُتْرَفِيهِمْ بِالْعَذَابِ إِذَا هُمْ يَجْأَرُونَ
    ئۇلارنىڭ بايلىرىنى ئازاب بىلەن جازالىغان ۋاقتىمىزدا ناگاھ ئۇلار پەرياد قىلىدۇ

    ئۇلارنىڭ بايلىرىنى ئازاب بىلەن جازالىغان ۋاقتىمىزدا، ئۇلار شۇ ھامان پەرياد قىلىدۇ [64].

  65. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 65-ئايەت)
    لَا تَجْأَرُوا الْيَوْمَ ۖ إِنَّكُمْ مِنَّا لَا تُنْصَرُونَ
    (ئۇلارغا ئېيتىلىدۇ): «بۈگۈن پەرياد قىلماڭلار، ھەقىقەتەن سىلەر بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ئېرىشەلمەيسىلەر»

    (ئۇلارغا ئېيتىلىدۇ) «بۈگۈن پەرياد قىلماڭلار، ھەقىقەتەن سىلەر بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ئېرىشەلمەيسىلەر» [65].

  66. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 66-ئايەت)
    قَدْ كَانَتْ آيَاتِي تُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ فَكُنْتُمْ عَلَىٰ أَعْقَابِكُمْ تَنْكِصُونَ
    مېنىڭ ئايەتلىرىم سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلەتتى، (ئۇنى ئاڭلاشتىن يۈز ئۆرۈپ) ئارقاڭلارغا چېكىنىۋالاتتىڭلار

    مېنىڭ ئايەتلىرىم سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلگەندە، (مەككىلىك بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن)، ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئارقاڭلارغا چېكىنىۋالاتتىڭلار؛ كېچىلىك پاراڭلىرىڭلاردا (قۇرئان ھەققىدە) بىھۇدە سۆزلەرنى قىلاتتىڭلار [66]-[67].

  67. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 67-ئايەت)
    مُسْتَكْبِرِينَ بِهِ سَامِرًا تَهْجُرُونَ
    ئۇلار ھەرەم ئەھلى بولغانلىقى بىلەن پەخىرلىنىپ ئىماندىن يۈز ئۆرۈيدۇ، كەچلىك پاراڭلىرىدا يامان سۆزلەرنى قىلىدۇ، (يەنى قۇرئانغا تەنە قىلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سۆكىدۇ)

    مېنىڭ ئايەتلىرىم سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلگەندە، (مەككىلىك بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن)، ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئارقاڭلارغا چېكىنىۋالاتتىڭلار؛ كېچىلىك پاراڭلىرىڭلاردا (قۇرئان ھەققىدە) بىھۇدە سۆزلەرنى قىلاتتىڭلار [66]-[67].

  68. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 68-ئايەت)
    أَفَلَمْ يَدَّبَّرُوا الْقَوْلَ أَمْ جَاءَهُمْ مَا لَمْ يَأْتِ آبَاءَهُمُ الْأَوَّلِينَ
    ئۇلار (ھەق) كالام (يەنى ئۇلۇغ قۇرئان) ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر قىلمىدىمۇ؟ ياكى ئۇلارغا (ئاللاھ تەرىپىدىن) ئاتا ـ بوۋىلىرىغا كەلمىگەن (يېڭى) نەرسە كەلدىمۇ؟

    ئۇلار قۇرئان ئۈستىدە چوڭقۇر تەپەككۇر قىلمىدىمۇ؟ ياكى ئۇلارغا ئاتا ـ بوۋىلىرىغا كەلمىگەن نەرسە كەلدىمۇ؟ [68].

  69. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 69-ئايەت)
    أَمْ لَمْ يَعْرِفُوا رَسُولَهُمْ فَهُمْ لَهُ مُنْكِرُونَ
    ياكى ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ئەلچىنى تونۇماي ئۇنى ئىنكار قىلىۋاتامدۇ؟

    ياكى ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ئەلچىنى تونۇماي ئۇنى ئىنكار قىلىۋاتامدۇ؟ [69].

  70. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 70-ئايەت)
    أَمْ يَقُولُونَ بِهِ جِنَّةٌ ۚ بَلْ جَاءَهُمْ بِالْحَقِّ وَأَكْثَرُهُمْ لِلْحَقِّ كَارِهُونَ
    ياكى ئۇلار ئۇنى مەجنۇن دېيىشەمدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارغا ئۇ ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ تولىسى ھەقىقەتنى يامان كۆرىدۇ

    ياكى ئۇلار ئۇنى مەجنۇن دېيىشەمدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ئەمەلىيەتتە پەيغەمبەر ئۇلارغا ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ھەقىقەتنى يامان كۆرىدۇ [70].

  71. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 71-ئايەت)
    وَلَوِ اتَّبَعَ الْحَقُّ أَهْوَاءَهُمْ لَفَسَدَتِ السَّمَاوَاتُ وَالْأَرْضُ وَمَنْ فِيهِنَّ ۚ بَلْ أَتَيْنَاهُمْ بِذِكْرِهِمْ فَهُمْ عَنْ ذِكْرِهِمْ مُعْرِضُونَ
    ئەگەر ھەقىقەت (يەنى قۇرئان) ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا بويسۇنىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلار خاراب بولغان بولاتتى، ئۇنداق بولغىنى يوق، ئۇلارغا (ۋەز ـ نەسىھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) قۇرئاننى ئاتا قىلدۇق، ئۇلار ئۆزلىرىگە (ۋەز ـ نەسىھەت بولغان) قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈيدۇ

    ئەگەر ھەقىقەت (يەنى قۇرئان) ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا بويسۇنىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئاسمان-زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلار خاراب بولغان بولاتتى. ئۇنداق بولغىنى يوق. ئەمەلىيەتتە بىز ئۇلارغا شەرەپ كەلتۈرىدىغان قۇرئاننى ئاتا قىلدۇق، ئۇلار ئۆزلىرىگە شەرەپ كەلتۈرىدىغان بۇ قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈمەكتە [71].

  72. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 72-ئايەت)
    أَمْ تَسْأَلُهُمْ خَرْجًا فَخَرَاجُ رَبِّكَ خَيْرٌ ۖ وَهُوَ خَيْرُ الرَّازِقِينَ
    ياكى سەن ئۇلاردىن (ئەلچىلىكنى يەتكۈزگەنلىكىڭگە) ھەق تەلەپ قىلامسەن؟ (يەنى ئۇلار شۇنداق گۇمان قىلامدۇ؟) پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ساڭا بەرگەن) ئەجرى ياخشىدۇر، ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر

    (ئى مۇھەممەد!) ياكى سەن ئۇلاردىن (ئەلچىلىكنى يەتكۈزگەنلىكىڭگە) ھەق بېرىشنى تەلەپ قىلامسەن؟ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ساڭا بېرىدىغان ئەجرى ياخشىدۇر، ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىدۇر [72].

  73. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 73-ئايەت)
    وَإِنَّكَ لَتَدْعُوهُمْ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
    سەن ئەلۋەتتە ئۇلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلىسەن

    سەن ئەلۋەتتە ئۇلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلىسەن [73].

    .
  74. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 74-ئايەت)
    وَإِنَّ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ عَنِ الصِّرَاطِ لَنَاكِبُونَ
    ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ھەقىقەتەن توغرا يولدىن چەتنىگۈچىلەردۇر

    ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ھەقىقەتەن توغرا يولدىن چەتلىگۈچىلەردۇر [74].

  75. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 75-ئايەت)
    وَلَوْ رَحِمْنَاهُمْ وَكَشَفْنَا مَا بِهِمْ مِنْ ضُرٍّ لَلَجُّوا فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ
    ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) غا رەھىم قىلساق، ئۇلارغا كەلگەن كۈلپەتنى كۆتۈرۈۋەتسەك، چوقۇم گۇمراھلىقلىرىدا داۋاملىق تېڭىرقاپ يۈرۈشەتتى

    ئەگەر مۇشرىكلارغا رەھىم قىلىپ، ئۇلارغا كەلگەن كۈلپەتنى كۆتۈرۈۋەتكەن بولساق، ئۇلار چوقۇم گۇمراھلىقىدا داۋاملىق تېڭىرقاپ يۈرۈشەتتى [75].

  76. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 76-ئايەت)
    وَلَقَدْ أَخَذْنَاهُمْ بِالْعَذَابِ فَمَا اسْتَكَانُوا لِرَبِّهِمْ وَمَا يَتَضَرَّعُونَ
    ئۇلارنى بىز ھەقىقەتەن ئازاب (يەنى قەھەتچىلىك) بىلەن جازالىدۇق، ئۇلار پەرۋەردىگارىغا بويسۇنمىدى، ئىلتىجا قىلىپ دۇئامۇ قىلمىدى

    ئۇلارنى بىز ھەقىقەتەن قەھەتچىلىك ئازابى بىلەن جازالىدۇق، ئۇلار پەرۋەردىگارىغا بويسۇنمىدى، ئىلتىجا قىلىپ دۇئامۇ قىلمىدى [76].

  77. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 77-ئايەت)
    حَتَّىٰ إِذَا فَتَحْنَا عَلَيْهِمْ بَابًا ذَا عَذَابٍ شَدِيدٍ إِذَا هُمْ فِيهِ مُبْلِسُونَ
    تاكى ئۇلارغا قاتتىق ئازابنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقان چېغىمىزدا ناگاھان ئۇلار ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ

    ئۇلارغا قاتتىق ئازابنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقان چېغىمىزدا، ئۇلار شۇ زامان ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ [77].

  78. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 78-ئايەت)
    وَهُوَ الَّذِي أَنْشَأَ لَكُمُ السَّمْعَ وَالْأَبْصَارَ وَالْأَفْئِدَةَ ۚ قَلِيلًا مَا تَشْكُرُونَ
    ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە دىللارنى ياراتتى، سىلەر ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر

    ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن قۇلاقلارنى، كۆزلەرنى ۋە دىللارنى ياراتتى، سىلەر ناھايىتى ئاز شۈكۈر قىلىسىلەر [78].

  79. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 79-ئايەت)
    وَهُوَ الَّذِي ذَرَأَكُمْ فِي الْأَرْضِ وَإِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
    ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا (نەسىللەندۈرۈش يولى بىلەن) ياراتتى، (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) ئۇنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر

    ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا كۆپەيتىپ تارقىتىۋەتتى، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر [79].

  80. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 80-ئايەت)
    وَهُوَ الَّذِي يُحْيِي وَيُمِيتُ وَلَهُ اخْتِلَافُ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ ۚ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
    ئاللاھ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرىدۇ، (تىرىكنىڭ) جېنىنى ئالىدۇ، كېچە ـ كۈندۈزنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، چۈشەنمەمسىلەر؟

    ئاللاھ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىدۇ، تىرىكنىڭ جېنىنى ئالىدۇ. كېچە ـ كۈندۈزنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر. بۇلارنى ئويلاپ باقمامسىلەر؟ [80].

  81. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 81-ئايەت)
    بَلْ قَالُوا مِثْلَ مَا قَالَ الْأَوَّلُونَ
    (ئۇلار ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئويلاپ كۆرمىدى) بەلكى ئۇلار بۇرۇنقىلار نېمىدېگەن بولسا شۇنى دېدى

    ئەكسىچە ئۇلار بۇرۇنقىلار نېمىدېگەن بولسا شۇنى دېدى [81].

  82. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 82-ئايەت)
    قَالُوا أَإِذَا مِتْنَا وَكُنَّا تُرَابًا وَعِظَامًا أَإِنَّا لَمَبْعُوثُونَ
    ئۇلار ئېيتتى: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە (ئۇۋۇلۇپ كەتكەن) سۆڭەككە ئايلانغاندىن كېيىن، چوقۇم قايتا تىرىلەمدۇق؟

    ئۇلار ئېيتتى: «بىز ئۆلۈپ توپىغا ۋە سۆڭەككە ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، چوقۇم تىرىلەمدۇق؟ [82].

  83. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 83-ئايەت)
    لَقَدْ وُعِدْنَا نَحْنُ وَآبَاؤُنَا هَٰذَا مِنْ قَبْلُ إِنْ هَٰذَا إِلَّا أَسَاطِيرُ الْأَوَّلِينَ
    ھەقىقەتەن بىز ۋە بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى مۇشۇنداق ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدۇق، بۇ پەقەت قەدىمكىلەردىن قالغان ئەپسانىلەردۇر»

    ھەقىقەتەن بىز ۋە بىزنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز ئىلگىرى مۇشۇنداق ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدۇق، بۇ پەقەت قەدىمكىلەردىن قالغان ئەپسانىلاردۇر» [83].

  84. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 84-ئايەت)
    قُلْ لِمَنِ الْأَرْضُ وَمَنْ فِيهَا إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
    ئېيتقىنكى، «زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى مەخلۇقاتلار كىمنىڭ؟ ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ماڭا بۇنى ئېيتىپ بېرىڭلار)»

    (ئى مۇھەممەد!) ئېيىتقىنكى، «ئەگەر سىلەر بىلىدىغان بولساڭلار، ئېيتىڭلارچۇ! زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى مەخلۇقاتلار كىمنىڭ؟» [84].

  85. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 85-ئايەت)
    سَيَقُولُونَ لِلَّهِ ۚ قُلْ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
    ئۇلار: «ئاللاھنىڭ» دەيدۇ. (بۇنىڭدىن) پەند ـ نەسىھەت ئالمامسىلەر؟

    ئۇلار: «ئاللاھنىڭ» دەيدۇ. «ئۇنداقتا، سىلەر بۇنىڭدىن پەند ـ نەسىھەت ئالمامسىلەر؟» دېگىن [85]

  86. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 86-ئايەت)
    قُلْ مَنْ رَبُّ السَّمَاوَاتِ السَّبْعِ وَرَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ
    ئېيىتقىنكى، «يەتتە ئاسماننىڭ ۋە ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى كىم؟»

    ئېيتقىنكى، «يەتتە ئاسماننىڭ ۋە ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى كىم؟» [86]

  87. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 87-ئايەت)
    سَيَقُولُونَ لِلَّهِ ۚ قُلْ أَفَلَا تَتَّقُونَ
    ئۇلار «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇنىڭ (ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟»

    ئۇلار «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇنىڭدىن قورقمامسىلەر؟» [87]

  88. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 88-ئايەت)
    قُلْ مَنْ بِيَدِهِ مَلَكُوتُ كُلِّ شَيْءٍ وَهُوَ يُجِيرُ وَلَا يُجَارُ عَلَيْهِ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
    ئېيتقىنكى، «ھەممە شەيئىنىڭ پادىشاھلىقى كىمنىڭ قولىدا؟ (ئىلتىجا قىلغانلارغا) پاناھ بولالايدىغان ۋە ئۇنىڭغا قارشى ھېچ نەرسە پاناھ بولالمايدىغان كىم؟ ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ماڭا بۇنى ئېيتىپ بېرىڭلار)»

    ئېيتقىنكى، «ھەممە شەيئىنىڭ پادىشاھلىقى كىمنىڭ قولىدا؟ (ئىلتىجا قىلغانلارغا) پاناھ بولالايدىغان ۋە ئۇنىڭ ھۆكمى ئالدىدا ھېچ نەرسە پاناھ بولالمايدىغان كىم؟ ئەگەر سىلەر بىلىدىغان بولساڭلار، ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟!» [88].

  89. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 89-ئايەت)
    سَيَقُولُونَ لِلَّهِ ۚ قُلْ فَأَنَّىٰ تُسْحَرُونَ
    ئۇلار: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «سىلەر قانداقمۇ قايمۇقتۇرۇلىسىلەر؟»

    ئۇلار: «ئاللاھ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇنداق بولسا، سىلەر نېمىدەپ ئالجىپ يۈرىسىلەر؟» [89].

  90. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 90-ئايەت)
    بَلْ أَتَيْنَاهُمْ بِالْحَقِّ وَإِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ
    ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارغا بىز ھەق سۆزنى ئېلىپ كەلدۇق، ئۇلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر

    ئەمەلىيەتتە بىز ئۇلارغا ھەقىقەتنى كەلتۈرگەن ئىدۇق، ئۇلار ئەلۋەتتە يالغانچىلاردۇر [90].

  91. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 91-ئايەت)
    مَا اتَّخَذَ اللَّهُ مِنْ وَلَدٍ وَمَا كَانَ مَعَهُ مِنْ إِلَٰهٍ ۚ إِذًا لَذَهَبَ كُلُّ إِلَٰهٍ بِمَا خَلَقَ وَلَعَلَا بَعْضُهُمْ عَلَىٰ بَعْضٍ ۚ سُبْحَانَ اللَّهِ عَمَّا يَصِفُونَ
    ئاللاھنىڭ بالىسى يوق، ئۇنىڭغا باراۋەر باشقا بىر ئىلاھمۇ يوق، ئەگەر بۇنداق بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ھەر ئىلاھ ئۆزى ياراتقان مەخلۇقنى يالغۇز ئىگىلەيتتى، بەزىسى بەزىسىدىن غالىب كېلەتتى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئاللاھقا نىسبەت بەرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر

    ئاللاھ بالىدىن خالىي، ئۇنىڭغا باراۋەر كېلىدىغان باشقا بىر ئىلاھمۇ يوق. ئەگەر بۇنداق بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ھەر ئىلاھ ئۆزى ياراتقان مەخلۇقنى يالغۇز ئىگىلەيتتى-دە، بەزىسى بەزىسىدىن ئەلۋەتتە ئۈستۈن كېلەتتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىدىن پاكتۇر [91].

  92. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 92-ئايەت)
    عَالِمِ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ فَتَعَالَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ
    ئاللاھ غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، مۇشرىكلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن ئۈستۈندۇر

    ئاللاھ غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، مۇشرىكلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن ئۈستۈندۇر [92].

  93. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 93-ئايەت)
    قُلْ رَبِّ إِمَّا تُرِيَنِّي مَا يُوعَدُونَ
    ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم! ئەگەر ماڭا ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى (دۇنيادا) كۆرسىتىدىغان بولساڭ

    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى رەببىم! ئەگەر سەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان ئازابنى چوقۇم ماڭا كۆرسىتىدىغان بولساڭ [93].

  94. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 94-ئايەت)
    رَبِّ فَلَا تَجْعَلْنِي فِي الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
    ئېيتقىنكى: «پەرۋەردىگارىم! مېنى زالىم قەۋملەر ئىچىدە قىلمىغىن»

    ئى رەببىم! ئۇ ھالدا مېنى ئۇ زالىم قەۋم ئىچىدە قىلمىغىن» [94].

  95. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 95-ئايەت)
    وَإِنَّا عَلَىٰ أَنْ نُرِيَكَ مَا نَعِدُهُمْ لَقَادِرُونَ
    بىز ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى ساڭا كۆرسىتىشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز

    بىز ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان ئازابنى ساڭا كۆرسىتىشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز [95].

  96. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 96-ئايەت)
    ادْفَعْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ السَّيِّئَةَ ۚ نَحْنُ أَعْلَمُ بِمَا يَصِفُونَ
    (ئۇلارنىڭ قىلغان) يامانلىقىغا (ئەپۇ قىلىش بىلەن) ياخشىلىق قىلغىن، ئۇلارنىڭ (سېنى) سۈپەتلەشلىرىنى (يەنى ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغان مەسخىرىسىنى) بىز ئوبدان بىلىمىز

    سەن (باشقىلاردىن كېلىدىغان) يامانلىقنى ئەڭ ياخشى خىسلىتىڭ بىلەن توسقىن. ئۇلارنىڭ (سېنىڭ ھەققىڭدە) دەيدىغانلىرىنى بىز ئوبدان بىلىمىز [96].

  97. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 97-ئايەت)
    وَقُلْ رَبِّ أَعُوذُ بِكَ مِنْ هَمَزَاتِ الشَّيَاطِينِ
    ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم! ساڭا سىغىنىپ شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن پاناھ تىلەيمەن

    ئېيتقىنكى، «ئى رەببىم! ساڭا سېغىنىپ شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن پاناھ تىلەيمەن [97].

  98. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 98-ئايەت)
    وَأَعُوذُ بِكَ رَبِّ أَنْ يَحْضُرُونِ
    پەرۋەردىگارىم! ساڭا سىغىنىپ شەيتانلارنىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇشىدىن پاناھ تىلەيمەن»

    ئى رەببىم! ساڭا سېغىنىپ شەيتانلارنىڭ ماڭا يېقىن يولىشىدىن پاناھ تىلەيمەن» [98].

  99. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 99-ئايەت)
    حَتَّىٰ إِذَا جَاءَ أَحَدَهُمُ الْمَوْتُ قَالَ رَبِّ ارْجِعُونِ
    ئۇلارنىڭ (يەنى كاپىرلارنىڭ) بىرىگە ئۆلۈم كەلسە ئېيتىدۇكى، «پەرۋەردىگارىم! مېنى (دۇنياغا) قايتۇرغىن

    مۇشرىكلارنىڭ بىرىگە ئۆلۈم كەلسە، ئۇ: «ئى رەببىم! مېنى دۇنياغا قايتۇرغىن [99].

  100. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 100-ئايەت)
    لَعَلِّي أَعْمَلُ صَالِحًا فِيمَا تَرَكْتُ ۚ كَلَّا ۚ إِنَّهَا كَلِمَةٌ هُوَ قَائِلُهَا ۖ وَمِنْ وَرَائِهِمْ بَرْزَخٌ إِلَىٰ يَوْمِ يُبْعَثُونَ
    مەن قويۇپ كەلگەن مال ـ مۈلكۈم بىلەن ياخشىلىق قىلىشىم مۇمكىن». (ئۇنىڭ دۇنياغا قايتىشى) مۇمكىن ئەمەس، ئۇ چوقۇم شۇ سۆزنى قىلغۇچىدۇر، ئۇلار قەبرىلىرىدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا (ئۇلارنى دۇنياغا قايتىشتىن توسىدىغان) بىر توسما بولىدۇ

    مەن قويۇپ كەلگەن مال ـ مۈلكۈم بىلەن ياخشىلىق قىلىشىم مۇمكىن» دەيدۇ. ئۇنىڭ دۇنياغا قايتىشى مۇمكىن ئەمەس، بۇ ئۇنىڭ قۇرۇق گېپىدۇر. ئۇلار قەبرىلىرىدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنگە قەدەر، ئۇلارنىڭ ئالدىدا (ئۇلارنى دۇنياغا قايتىشتىن توسىدىغان) بىر توسما بولىدۇ [100].

  101. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 101-ئايەت)
    فَإِذَا نُفِخَ فِي الصُّورِ فَلَا أَنْسَابَ بَيْنَهُمْ يَوْمَئِذٍ وَلَا يَتَسَاءَلُونَ
    سۇر چېلىنغان كۈندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تۇغقانچىلىق مەۋجۇت بولماي قالىدۇ. بىر ـ بىرىنىڭ (ئەھۋالىنىمۇ) سوراشمايدۇ

    سۇر چېلىنغان كۈندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تۇغقانچىلىق مەۋجۇت بولمايدۇ، ئۇلار بىر ـ بىرىدىن ھال-ئەھۋالمۇ سوراشمايدۇ [101].

  102. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 102-ئايەت)
    فَمَنْ ثَقُلَتْ مَوَازِينُهُ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
    تارازىسى ئېغىر كەلگەنلەر (يەنى ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەنلەر) بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر

    ياخشى ئەمەللىرى (تارازا-مىزاندا) ئېغىر كەلگەنلەر بەختكە ئېرىشكۈچىلەردۇر [102].

  103. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 103-ئايەت)
    وَمَنْ خَفَّتْ مَوَازِينُهُ فَأُولَٰئِكَ الَّذِينَ خَسِرُوا أَنْفُسَهُمْ فِي جَهَنَّمَ خَالِدُونَ
    تارازىسى يېنىك كەلگەنلەر (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەنلەر) زىيان تارتقۇچىلاردۇر، جەھەننەمدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر

    ياخشى ئەمەللىرى يېنىك كەلگەنلەر زىيان تارتقۇچىلاردۇر، جەھەننەمدە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر [103].

  104. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 104-ئايەت)
    تَلْفَحُ وُجُوهَهُمُ النَّارُ وَهُمْ فِيهَا كَالِحُونَ
    ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئوت كۆيدۈرىدۇ، كالپۇكلىرى قورۇلۇپ، چىشلىرى ئېچىلىپ (بەت چىراي) بولۇپ قالىدۇ

    ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئوت كۆيدۈرىدۇ، جەھەننەمدە ئۇلارنىڭ كالپۇكلىرى قورۇلۇپ، چىشلىرى ئېچىلىپ قالىدۇ [104].

  105. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 105-ئايەت)
    أَلَمْ تَكُنْ آيَاتِي تُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ فَكُنْتُمْ بِهَا تُكَذِّبُونَ
    (ئۇلارغا) «سىلەرگە (دۇنيادا) مېنىڭ ئايەتلىرىم ئوقۇپ بېرىلگەن، سىلەر ئۇنى (شۇنچە روشەن تۇرۇقلۇق) ئىنكار قىلغان ئەمەسمىدىڭلار» دېيىلىدۇ

    (ئۇلارغا) «سىلەرگە مېنىڭ ئايەتلىرىم ئوقۇپ بېرىلگەن، سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلغان ئەمەسمىدىڭلار» (دېيىلىدۇ) [105].

  106. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 106-ئايەت)
    قَالُوا رَبَّنَا غَلَبَتْ عَلَيْنَا شِقْوَتُنَا وَكُنَّا قَوْمًا ضَالِّينَ
    ئۇلار ئېيتىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! بەتبەختلىكىمىز ئۈستىمىزدىن غالىب كېلىپ گۇمراھ قەۋم بولۇپ قالغان ئىدۇق

    ئۇلار ئېيتىدۇ: «ئى رەببىمىز! بەتبەختلىكىمىز بىزگە غالىب كېلىپ گۇمراھ قەۋم بولۇپ قالغان ئىكەنمىز [106].

  107. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 107-ئايەت)
    رَبَّنَا أَخْرِجْنَا مِنْهَا فَإِنْ عُدْنَا فَإِنَّا ظَالِمُونَ
    پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى دوزاختىن چىقارغىن (ئاندىن دۇنياغا قايتۇرغىن)، ئەگەر بىز (شۇنىڭدىن كېيىن) يەنە گۇناھ قىلساق، بىز ھەقىقەتەن زالىم بولۇپ قالىمىز»

    ئى رەببىمىز! بىزنى دوزاختىن چىقارغىن، ئەگەر بىز يەنە گۇناھ قىلساق، بىز ھەقىقەتەن ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز ئۇۋال قىلغان بولىمىز» [107].

  108. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 108-ئايەت)
    قَالَ اخْسَئُوا فِيهَا وَلَا تُكَلِّمُونِ
    ئاللاھ ئېيتىدۇ: «جەھەننەمدە خار ھالدا قېلىڭلار، (ئۈستۈڭلاردىن ئازابنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى ھەققىدە) ماڭا سۆز ئاچماڭلار»

    ئاللاھ ئېيتىدۇ: «جەھەننەمدە خار ھالدا قىلىڭلار، بۇ ھەقتە ماڭا سۆز ئاچماڭلار [108].

  109. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 109-ئايەت)
    إِنَّهُ كَانَ فَرِيقٌ مِنْ عِبَادِي يَقُولُونَ رَبَّنَا آمَنَّا فَاغْفِرْ لَنَا وَارْحَمْنَا وَأَنْتَ خَيْرُ الرَّاحِمِينَ
    شۈبھىسىزكى، بەندىلىرىمدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن بولساڭ ئەڭ رەھىم قىلغۇچىسەن» دەيتتى.(ئىزاھات:ئۇلار بىلال، خەبباب، سۇھەيبلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنى ئەبۇجەھىل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى مەسخىرە قىلاتتى.)

    شۈبھىسىزكى، بەندىلىرىمدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر : «ئى رەببىمىز! بىز ئىمان ئېيتتۇق، بىزنىڭ گۇناھىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە رەھىم قىلغىن، سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىدۇرسەن» دەيتتى [109].

  110. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 110-ئايەت)
    فَاتَّخَذْتُمُوهُمْ سِخْرِيًّا حَتَّىٰ أَنْسَوْكُمْ ذِكْرِي وَكُنْتُمْ مِنْهُمْ تَضْحَكُونَ
    ئۇلارنى مەسخىرە قىلدىڭلار، ھەتتا ئۇلار سىلەرگە مېنىڭ زىكرىمنى ئۇنتۇلدۇردى (يەنى ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ ماڭا ئىتائەت قىلىشنى ئۇنتۇدۇڭلار)، سىلەر ئۇلاردىن كۈلەتتىڭلار

    سىلەر بولساڭلار، ئۇلارنى مەسخىرە قىلاتتىڭلار، ھەتتا ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، مېنى ياد ئېتىشنى ئۇنتۇغان ئىدىڭلار، سىلەر ئۇلارنى زاڭلىق قىلىپ كۈلەتتىڭلار [110].

  111. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 111-ئايەت)
    إِنِّي جَزَيْتُهُمُ الْيَوْمَ بِمَا صَبَرُوا أَنَّهُمْ هُمُ الْفَائِزُونَ
    (سىلەردىن يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنى بۈگۈن مۇكاپاتلىدىم، ئۇلار ھەقىقەتەن مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر

    ئۇلار سەۋر قىلغانلىقى ئۈچۈن، مەن بۈگۈن ئۇلارنى مۇكاپاتلىدىم. ئۇلار ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يەتكۈچىلەردۇر» [111].

  112. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 112-ئايەت)
    قَالَ كَمْ لَبِثْتُمْ فِي الْأَرْضِ عَدَدَ سِنِينَ
    ئاللاھ (ئۇلارغا): «زېمىندا قانچىلىك تۇردۇڭلار؟» دەيدۇ

    ئاللاھ (مۇشرىكلارغا ): «زېمىندا قانچە يىل تۇردۇڭلار؟» دەيدۇ [112].

  113. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 113-ئايەت)
    قَالُوا لَبِثْنَا يَوْمًا أَوْ بَعْضَ يَوْمٍ فَاسْأَلِ الْعَادِّينَ
    ئۇلار: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇردۇق، (ئاي ـ كۈنلەرنى) ھېسابلىغۇچى (پەرىشتە) دىن سورىغىن» دەيدۇ (ئۇلار دوزاختا چېكىۋاتقان ئازاب تۈپەيلىدىن، زېمىندا قانچىلىك تۇرغانلىقىنى ئۇنتۇيدۇ)

    ئۇلار: «بىر كۈن ياكى بىر كۈندىنمۇ ئاز تۇرغان بولۇشىمىز مۇمكىن، بۇنى ھېسابلاپ تۇرغۇچىلاردىن سورىغىن» دەيدۇ [113].

  114. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 114-ئايەت)
    قَالَ إِنْ لَبِثْتُمْ إِلَّا قَلِيلًا ۖ لَوْ أَنَّكُمْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
    ئاللاھ: «ئەگەر سىلەر بىلسەڭلەر (دۇنيادا) پەقەت ئازغىنا تۇردۇڭلار» دەيدۇ

    ئاللاھ: «ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار پەقەت ئازغىنا تۇردۇڭلار» دەيدۇ [114].

  115. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 115-ئايەت)
    أَفَحَسِبْتُمْ أَنَّمَا خَلَقْنَاكُمْ عَبَثًا وَأَنَّكُمْ إِلَيْنَا لَا تُرْجَعُونَ
    ئى ئىنسانلار! بىزنى سىلەر ئۆزۈڭلارنى بىكار ياراتتى (يەنى سىلەر بىزنى ھايۋاناتلارنى ياراتقىنىمىزدەك ھېچقانداق ساۋابمۇ بەرمەيدىغان، جازامۇ بەرمەيدىغان قىلىپ ياراتتى). ئۆزۈڭلارنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلمايدۇ، دەپ ئويلامسىلەر؟

    ئى ئىنسانلار! سىلەرچە، بىز سىلەرنى بىكار ياراتقانمۇ؟ ئۆزۈڭلارنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلمايمىز دەپ ئويلامسىلەر؟ [115].

  116. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 116-ئايەت)
    فَتَعَالَى اللَّهُ الْمَلِكُ الْحَقُّ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْكَرِيمِ
    ھەق پادىشاھ _ ئاللاھ ئۈستۈندۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر

    ھەق پادىشاھ - ئاللاھ ئۈستۈندۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلۇغ ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر [116].

  117. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 117-ئايەت)
    وَمَنْ يَدْعُ مَعَ اللَّهِ إِلَٰهًا آخَرَ لَا بُرْهَانَ لَهُ بِهِ فَإِنَّمَا حِسَابُهُ عِنْدَ رَبِّهِ ۚ إِنَّهُ لَا يُفْلِحُ الْكَافِرُونَ
    كىمكى ھېچقانداق دەلىلى بولمىغان ھالدا ئاللاھقا قوشۇپ يەنە بىر مەبۇدقا ئىبادەت قىلىدىكەن، پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ھېساب بېرىدۇ، كاپىرلار ھەقىقەتەن نىجات تاپمايدۇ

    كىمكى ھېچقانداق دەلىلى بولمىغان ھالدا ئاللاھقا قوشۇپ يەنە بىر مەبۇدقا ئىبادەت قىلىدىكەن، پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ھېساب بېرىدۇ. كافىرلار ھەقىقەتەن نىجات تاپمايدۇ [117].

  118. (23-سۈرە مۆئمىنۇن، 118-ئايەت)
    وَقُلْ رَبِّ اغْفِرْ وَارْحَمْ وَأَنْتَ خَيْرُ الرَّاحِمِينَ
    «پەرۋەردىگارىم ! مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن، سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ياخشىسىسەن» دېگىن

    (ئى مۇھەممەد!) «ئى رەببىم ! مەغپىرەت قىلغىن، رەھىم قىلغىن، سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇرسەن» دېگىن [118].