فۇسسىلەت سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 54 ئايەت
مەنىسى: مۇپەسسەل بايانات. ئاتىلىش سەۋەبى: قۇدرىتى ئىلاھىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەر مۇپەسسەل بايان قىلىنغان
  1. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ حم
    ھامىم

    ھام، مىم (بۇ قۇرئاننىڭ سىرلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ) [1].

  2. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 2-ئايەت)
    تَنْزِيلٌ مِنَ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
    (بۇ) ناھايىتى شەپقەتلىك، مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان (ۋەھىيدۇر)

    ناھايىتى شەپقەتلىك، مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان، بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلىرى ئوچۇق بايان قىلىنغان بۇ كىتاب ئەرەبچە قۇرئاندۇر [32-].

  3. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 3-ئايەت)
    كِتَابٌ فُصِّلَتْ آيَاتُهُ قُرْآنًا عَرَبِيًّا لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
    ئايەتلىرى ئوچۇق بايان قىلىنغان كىتابتۇر، بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن نازىل بولغان ئەرەبچە قۇرئاندۇر

    ناھايىتى شەپقەتلىك، مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان، بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلىرى ئوچۇق بايان قىلىنغان بۇ كىتاب ئەرەبچە قۇرئاندۇر [32-].

  4. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 4-ئايەت)
    بَشِيرًا وَنَذِيرًا فَأَعْرَضَ أَكْثَرُهُمْ فَهُمْ لَا يَسْمَعُونَ
    (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچىدۇر، (كاپىرلارنى دوزاخ بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر. ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تولىسى (ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى پىكىر قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈدى. ئۇلار (ئۇنىڭغا) قۇلاق سالمايدۇ

    ئۇ خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر. لېكىن، ئىنسانلارنىڭ نۇرغۇنى ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى. شۇڭا، ئۇلار ئۇنىڭغا قۇلاق سالمايدۇ [4].

  5. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 5-ئايەت)
    وَقَالُوا قُلُوبُنَا فِي أَكِنَّةٍ مِمَّا تَدْعُونَا إِلَيْهِ وَفِي آذَانِنَا وَقْرٌ وَمِنْ بَيْنِنَا وَبَيْنِكَ حِجَابٌ فَاعْمَلْ إِنَّنَا عَامِلُونَ
    ئۇلار (پەيغەمبەرگە): «بىزنىڭ دىللىرىمىز سەن بىزنى دەۋەت قىلغان نەرسىلەردىن پەردىلەنگەن، قۇلاقلىرىمىز ئېغىر، سەن بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا پەردە (يەنى دىنىي جەھەتتە ئوخشىماسلىق) بار، سەن ئۆز ئىشىڭنى قىل، بىزمۇ ھەقىقەتەن ئۆز ئىشىمىزنى قىلايلى (يەنى سەنمۇ ئۆز دىنىڭ بىلەن بول، بىزمۇ ئۆز دىنىمىز بىلەن بولايلى)» دەيدۇ

    ئۇلار (پەيغەمبەرگە): «بىزنىڭ دىللىرىمىز سەن بىزنى دەۋەت قىلىۋاتقان نەرسىلەردىن پەردىلەنگەن، قۇلاقلىرىمىز ئېغىر، سەن بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا پەردە بار، سەن ئۆز ئىشىڭنى قىل، بىزمۇ ھەقىقەتەن ئۆز ئىشىمىزنى قىلايلى» دەيدۇ [5].

  6. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 6-ئايەت)
    قُلْ إِنَّمَا أَنَا بَشَرٌ مِثْلُكُمْ يُوحَىٰ إِلَيَّ أَنَّمَا إِلَٰهُكُمْ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ فَاسْتَقِيمُوا إِلَيْهِ وَاسْتَغْفِرُوهُ ۗ وَوَيْلٌ لِلْمُشْرِكِينَ
    سەن (ئۇ مۇشرىكلارغا): «مەن سىلەرگە ئوخشاش ئىنسانمەن، ماڭا، ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، دەپ ۋەھىي قىلىنىدۇ، ئۇنىڭغا (ئىمان ۋە تائەت ـ ئىبادەت بىلەن) يۈزلىنىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار!» دېگىن، مۇشرىكلارغا ۋاي!

    (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە ئوخشاش ئىنسانمەن، بىراق ماڭا، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار پەقەت بىر ئىلاھتۇر، دەپ ۋەھيى قىلىنىدۇ. ئۇنىڭغا يۈزلىنىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار!» دېگىن. زاكات بەرمەيدىغان، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان مۇشرىكلارنىڭ ھالىغا ۋاي! [6-7].

  7. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 7-ئايەت)
    الَّذِينَ لَا يُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَهُمْ بِالْآخِرَةِ هُمْ كَافِرُونَ
    ئۇلار زاكات بەرمەيدۇ، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ

    (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە ئوخشاش ئىنسانمەن، بىراق ماڭا، سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار پەقەت بىر ئىلاھتۇر، دەپ ۋەھيى قىلىنىدۇ. ئۇنىڭغا يۈزلىنىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار!» دېگىن. زاكات بەرمەيدىغان، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان مۇشرىكلارنىڭ ھالىغا ۋاي! [6-7].

  8. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 8-ئايەت)
    إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَهُمْ أَجْرٌ غَيْرُ مَمْنُونٍ
    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئەلۋەتتە ئۈزلۈكسىز ساۋاب بېرىلىدۇ

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا ئەلۋەتتە داۋاملىق ساۋاب بېرىلىدۇ [8]

  9. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 9-ئايەت)
    قُلْ أَئِنَّكُمْ لَتَكْفُرُونَ بِالَّذِي خَلَقَ الْأَرْضَ فِي يَوْمَيْنِ وَتَجْعَلُونَ لَهُ أَنْدَادًا ۚ ذَٰلِكَ رَبُّ الْعَالَمِينَ
    (سەن ئۇلارغا) «سىلەر زېمىننى ئىككى كۈندە ياراتقان ئاللاھنى ئىنكار قىلامسىلەر ۋە ئۇنىڭغا شېرىكلەر كەلتۈرەمسىلەر؟ ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» دېگىن

    سەن ئۇلارغا: «سىلەر زېمىننى ئىككى كۈندە ياراتقان ئاللاھنى ئىنكار قىلساڭلار ۋە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرسەڭلار بولامدۇ؟ ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارىدۇر» دېگىن [9].

  10. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 10-ئايەت)
    وَجَعَلَ فِيهَا رَوَاسِيَ مِنْ فَوْقِهَا وَبَارَكَ فِيهَا وَقَدَّرَ فِيهَا أَقْوَاتَهَا فِي أَرْبَعَةِ أَيَّامٍ سَوَاءً لِلسَّائِلِينَ
    ئۇ زېمىننىڭ ئۈستىدە نۇرغۇن تاغلارنى ياراتتى، زېمىننى بەرىكەتلىك قىلدى، ئەھلى زېمىننىڭ رىزقىنى بەلگىلىدى، (زېمىننى يارىتىش بىلەن ئاھالىسىنىڭ رىزقىنى بەلگىلەشنى كەم ـ زىيادىسىز) باراۋەر تۆت كۈندە (تاماملىدى)، (زېمىننىڭ ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنىڭ يارىتىلىش مۇددىتىنى) سورىغۇچىلار ئۈچۈن (بۇ جاۋابتۇر)

    ئۇ تولۇق تۆت كۈندە زېمىننىڭ ئۈستىدە نۇرغۇن تاغلارنى ياراتتى، زېمىننى بەرىكەتلىك قىلدى، زېمىن ئەھلىنىڭ رىزقىنى تەقدىر قىلدى. مانا بۇ سورىغۇچىلار ئۈچۈن جاۋابتۇر [10].

  11. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 11-ئايەت)
    ثُمَّ اسْتَوَىٰ إِلَى السَّمَاءِ وَهِيَ دُخَانٌ فَقَالَ لَهَا وَلِلْأَرْضِ ائْتِيَا طَوْعًا أَوْ كَرْهًا قَالَتَا أَتَيْنَا طَائِعِينَ
    ئاندىن ئۇ ئاسماننى (يارىتىشقا) يۈزلەندى، ھالبۇكى، ئۇ تۇمان ھالىتىدە ئىدى، ئاسمان بىلەن زېمىنغا: «ئىختىيارىي ياكى ئىختىيارسىز ھالدا كېلىڭلار (يەنى ئەمرىمنى قوبۇل قىلىڭلار)» دېدى. ئىككىلىسى «ئىختىيارىي كەلدۇق» دېدى

    ئاندىن ئۇ ئاسماننى يارىتىشقا يۈزلەندى. ھالبۇكى، ئۇ چاغدا ئاسمان تۇمان ھالىتىدە ئىدى، ئاسمان بىلەن زېمىنغا: «ئىختىيارىي ياكى مەجبۇرىي ھالدا بارلىققا كېلىڭلار» دېگەن ئىدى. ئۇ ئىككىسى «بىز ئىختىيارىي ھالدا كەلدۇق» دېدى [11].

  12. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 12-ئايەت)
    فَقَضَاهُنَّ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ فِي يَوْمَيْنِ وَأَوْحَىٰ فِي كُلِّ سَمَاءٍ أَمْرَهَا ۚ وَزَيَّنَّا السَّمَاءَ الدُّنْيَا بِمَصَابِيحَ وَحِفْظًا ۚ ذَٰلِكَ تَقْدِيرُ الْعَزِيزِ الْعَلِيمِ
    ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ئىككى كۈندە ياراتتى. ھەر ئاسماننىڭ ئىشىنى ئۆزىگە بىلدۈردى (يەنى ھەر ئاسماننىڭ ئېھتىياجلىق ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى). ئەڭ تۆۋەنكى ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇق ۋە قوغدىدۇق، بۇ ئەنە شۇ غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر

    ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ئىككى كۈندە ياراتتى، ھەر ئاسمان ھەققىدە ئۇنىڭغا مۇناسىپ ھۆكۈم چۈشۈردى. ئەڭ تۆۋەنكى ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلىدۇق ۋە قوغدىدۇق. بۇ ئەنە شۇ ھەممىدىن غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ تەقدىرىدۇر [12].

  13. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 13-ئايەت)
    فَإِنْ أَعْرَضُوا فَقُلْ أَنْذَرْتُكُمْ صَاعِقَةً مِثْلَ صَاعِقَةِ عَادٍ وَثَمُودَ
    ئەگەر ئۇلار (بۇ بايانلاردىن كېيىن ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە (سەن ئۇلارغا): «سىلەرنى ئاد ۋە سەمۇد قەۋمىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابقا ئوخشاش ئازابتىن ئاگاھلاندۇرىمەن» دېگىن

    ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن) باش تارتسا، سەن ئۇلارغا: «مەن سىلەرنى ئاد ۋە سەمۇد قەۋمىلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابقا ئوخشاش ئازابتىن ئاگاھلاندۇرىمەن» دېگىن [13].

  14. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 14-ئايەت)
    إِذْ جَاءَتْهُمُ الرُّسُلُ مِنْ بَيْنِ أَيْدِيهِمْ وَمِنْ خَلْفِهِمْ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا اللَّهَ ۖ قَالُوا لَوْ شَاءَ رَبُّنَا لَأَنْزَلَ مَلَائِكَةً فَإِنَّا بِمَا أُرْسِلْتُمْ بِهِ كَافِرُونَ
    ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئالدى ـ كەينىدىن (يەنى ھەممە تەرەپتىن) پەيغەمبەرلەر كېلىپ: «بىر ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماڭلار!» دېسە، ئۇلار: «ئەگەر پەرۋەردىگارىمىز خالىسا، چوقۇم پەرىشتىلەرنى چۈشۈرگەن بولاتتى، بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلىمىز» دېدى

    ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا ھەر تەرەپتىن كېلىپ: «بىر ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماڭلار!» دېسە، ئۇلار: «ئەگەر پەرۋەردىگارىمىز (پەيغەمبەر ئەۋەتىشنى) خالىسا ئىدى، چوقۇم پەرىشتىلەرنى چۈشۈرگەن بولاتتى، بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارنى ھەقىقەتەن ئىنكار قىلىمىز» دېگەن ئىدى [14].

  15. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 15-ئايەت)
    فَأَمَّا عَادٌ فَاسْتَكْبَرُوا فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَقَالُوا مَنْ أَشَدُّ مِنَّا قُوَّةً ۖ أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّ اللَّهَ الَّذِي خَلَقَهُمْ هُوَ أَشَدُّ مِنْهُمْ قُوَّةً ۖ وَكَانُوا بِآيَاتِنَا يَجْحَدُونَ
    ئاد بولسا زېمىندا (ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ھۇد ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىمان ئېيتقانلارغا) ھەقسىز رەۋىشتە يوغانچىلىق قىلدى. ئۇلار: «كۈچ ـ قۇۋۋەتتە بىزدىن كىم ئارتۇق؟» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاللاھنىڭ كۈچ ـ قۇۋۋەتتە ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلمىدىمۇ؟ ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى

    ئاد قەۋمى بولسا زېمىندا ئورۇنسىز يوغانچىلىق قىلدى. ئۇلار: «كۈچ ـ قۇۋۋەتتە كىم بىزدىن ئېشىپ چۈشىدۇ؟» دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاللاھنىڭ كۈچ ـ قۇۋۋەتتە ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى بىلمىدىمۇ؟ ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى [15].

  16. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 16-ئايەت)
    فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ رِيحًا صَرْصَرًا فِي أَيَّامٍ نَحِسَاتٍ لِنُذِيقَهُمْ عَذَابَ الْخِزْيِ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَلَعَذَابُ الْآخِرَةِ أَخْزَىٰ ۖ وَهُمْ لَا يُنْصَرُونَ
    ئۇلارغا بۇ دۇنيادىلا خار قىلغۇچى ئازابنى تېتىتىشىمىز ئۈچۈن، شۇم كۈنلەردە قاتتىق سوغۇق شامالنى ئەۋەتتۇق، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ خار قىلغۇچىدۇر، ئۇلار (ئازابنى دەپئى قىلىدىغان) ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ

    ئۇلارغا بۇ دۇنيادىلا خار قىلغۇچى ئازابنى تېتىتىشىمىز ئۈچۈن، شۇم كۈنلەردە قاتتىق سوغۇق شامالنى ئەۋەتتۇق. ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ خار قىلغۇچىدۇر، ئۇلار ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ [16].

  17. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 17-ئايەت)
    وَأَمَّا ثَمُودُ فَهَدَيْنَاهُمْ فَاسْتَحَبُّوا الْعَمَىٰ عَلَى الْهُدَىٰ فَأَخَذَتْهُمْ صَاعِقَةُ الْعَذَابِ الْهُونِ بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
    سەمۇدقا بولسا توغرا يولنى كۆرسەتتۇق، ئۇلار ھىدايەتتىن كورلۇق (يەنى گۇمراھلىق) نى ئارتۇق بىلدى. قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنى خار قىلغۇچى چاقماق ئازابى ھالاك قىلدى

    سەمۇد قەۋمىگە بولسا توغرا يولنى كۆرسەتكەن ئىدۇق، لېكىن ئۇلار ھىدايەتتىن گۇمراھلىقنى ئارتۇق بىلدى. قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنى خار قىلغۇچى چاقماق ئازابى ھالاك قىلدى [17].

  18. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 18-ئايەت)
    وَنَجَّيْنَا الَّذِينَ آمَنُوا وَكَانُوا يَتَّقُونَ
    ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە تەقۋادارلارنى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنى ئازابتىن) قۇتقۇزدۇق

    بىز ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە تەقۋادارلارنى قۇتقۇزدۇق [18].

  19. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 19-ئايەت)
    وَيَوْمَ يُحْشَرُ أَعْدَاءُ اللَّهِ إِلَى النَّارِ فَهُمْ يُوزَعُونَ
    ئۇ كۈندە ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى دوزاخقا توپلىنىدۇ، ئالدى ـ ئارقىسى يىغىلىپ بولغىچە توختىتىپ قويۇلىدۇ

    ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى دوزاخ تەرەپكە توپلىنىدىغان شۇ كۈندە، ئۇلار (ئالدى ـ ئارقىسى يىغىلىپ بولغۇچە) توختىتىپ تۇرۇلىدۇ [19].

  20. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 20-ئايەت)
    حَتَّىٰ إِذَا مَا جَاءُوهَا شَهِدَ عَلَيْهِمْ سَمْعُهُمْ وَأَبْصَارُهُمْ وَجُلُودُهُمْ بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
    ئۇلار دوزاخقا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى، كۆزلىرى ۋە تېرىلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ

    ئۇلار دوزاخ ئالدىغا كەلگەندە قۇلاقلىرى، كۆزلىرى ۋە تېرىلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈستىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ [20].

  21. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 21-ئايەت)
    وَقَالُوا لِجُلُودِهِمْ لِمَ شَهِدْتُمْ عَلَيْنَا ۖ قَالُوا أَنْطَقَنَا اللَّهُ الَّذِي أَنْطَقَ كُلَّ شَيْءٍ وَهُوَ خَلَقَكُمْ أَوَّلَ مَرَّةٍ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
    ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تېرىلىرىگە: «نېمىشقا بىزنىڭ زىيىنىمىزغا گۇۋاھلىق بەردىڭلار؟» دەيدۇ، تېرىلىرى: «ھەر نەرسىنى سۆزلەتكەن ئاللاھ بىزنى سۆزلەتتى، ئۇ دەسلەپتە سىلەرنى ياراتتى. ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر» دەيدۇ

    ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تېرىلىرىگە: «نېمىشقا بىزنىڭ زىيىنىمىزغا گۇۋاھلىق بەردىڭلار؟» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ تېرىلىرى: «ھەر نەرسىنى سۆزلەتكەن ئاللاھ بىزنىمۇ سۆزلەتتى، ئۇ دەسلەپتە سىلەرنى ياراتقان. سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر» دەيدۇ [21].

  22. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 22-ئايەت)
    وَمَا كُنْتُمْ تَسْتَتِرُونَ أَنْ يَشْهَدَ عَلَيْكُمْ سَمْعُكُمْ وَلَا أَبْصَارُكُمْ وَلَا جُلُودُكُمْ وَلَٰكِنْ ظَنَنْتُمْ أَنَّ اللَّهَ لَا يَعْلَمُ كَثِيرًا مِمَّا تَعْمَلُونَ
    سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) قۇلىقىڭلارنىڭ، كۆزۈڭلارنىڭ، تېرىلىرىڭلارنىڭ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىشىدىن ساقلانمىغان ئىدىڭلار (يەنى يامان ئىشلارنى قىلغان چېغىڭلاردا، رەسۋا بولۇشتىن قورقۇپ، كىشىلەردىن يوشۇرغان ئىدىڭلار، ۋەھالەنكى، ئەزالىرىڭلارنىڭ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقىنى گۇمان قىلمىغان ئىدىڭلار)، لېكىن سىلەر قىلمىشىڭلاردىن نۇرغۇن ئىشلارنى «ئاللاھ بىلمەيدۇ» دەپ گۇمان قىلدىڭلار

    سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) قۇلىقىڭلارنىڭ، كۆزۈڭلارنىڭ، تېرەڭلارنىڭ سىلەرنىڭ زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىشىدىن ساقلانمىغان ئىدىڭلار، بەلكى سىلەر قىلمىشىڭلاردىن نۇرغۇن ئىشلارنى «ئاللاھ بىلمەيدۇ» دەپ قارىغان ئىدىڭلار [22].

  23. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 23-ئايەت)
    وَذَٰلِكُمْ ظَنُّكُمُ الَّذِي ظَنَنْتُمْ بِرَبِّكُمْ أَرْدَاكُمْ فَأَصْبَحْتُمْ مِنَ الْخَاسِرِينَ
    پەرۋەردىگارىڭلارغا قىلغان ئەنە شۇ (قەبىھ) گۇمانىڭلار سىلەرنى ھالاك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدۇڭلار

    پەرۋەردىگارىڭلارغا بولغان ئەنە شۇ قارىشىڭلار سىلەرنى ھالاك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سىلەر زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدۇڭلار [23].

  24. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 24-ئايەت)
    فَإِنْ يَصْبِرُوا فَالنَّارُ مَثْوًى لَهُمْ ۖ وَإِنْ يَسْتَعْتِبُوا فَمَا هُمْ مِنَ الْمُعْتَبِينَ
    ئەگەر ئۇلار (ئازابقا) چىدىسا، (چىدامچانلىقنىڭ پايدىسى يوق) دوزاخ ئۇلارنىڭ جايىدۇر، ئەگەر ئۇلار (ئاللاھتىن) رازىلىق تىلىسە، ھەرگىز رازىلىققا ئېرىشەلمەيدۇ

    ئەگەر ئۇلار قانچە چىداملىق بولسىمۇ، دوزاخ يەنىلا ئۇلارنىڭ جايىدۇر، ئەگەر ئۇلار دۇنياغا قايتىشنى تىلىسە، ھەرگىز قايتۇرۇلمايدۇ [24].

  25. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 25-ئايەت)
    وَقَيَّضْنَا لَهُمْ قُرَنَاءَ فَزَيَّنُوا لَهُمْ مَا بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَمَا خَلْفَهُمْ وَحَقَّ عَلَيْهِمُ الْقَوْلُ فِي أُمَمٍ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِهِمْ مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ ۖ إِنَّهُمْ كَانُوا خَاسِرِينَ
    ئۇلارغا بىز (شەيتانلاردىن) دوستلارنى مۇسەللەت قىلدۇق، ئۇلار (يەنى شەيتانلار) ئۇلارغا ئالدى ـ كەينىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى ئۇلارنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى قەبىھ ئەمەللىرىنى) چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلارغا ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بولغان (گۇناھكار، شەقى) ئۈممەتلەر قاتارىدا ئازاب سۆزى تېگىشلىك بولدى، چۈنكى ئۇلار زىيان تارتقۇچىلار ئىدى

    بىز ئۇلارغا شەيتان ھەمراھلارنى تەيىنلەپ قويدۇق، ئۇلار (يەنى شەيتانلار) بۇلارغا ئالدى ـ كەينىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى چىرايلىق كۆرسەتتى. ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىنسانلار ۋە جىنلار جامائەسىگە تېگىشلىك بولغان ئازاب بۇيرۇقى ئۇلارغىمۇ تېگىشلىك بولدى، چۈنكى ئۇلار ھەقىقەتەن زىيان تارتقۇچىلار ئىدى [25].

  26. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 26-ئايەت)
    وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لَا تَسْمَعُوا لِهَٰذَا الْقُرْآنِ وَالْغَوْا فِيهِ لَعَلَّكُمْ تَغْلِبُونَ
    كاپىرلار: «بۇ قۇرئانغا قۇلاق سالماڭلار، ئۇنى ئېلىشتۇرۇۋېتىڭلار، سىلەر غەلىبە قىلىشىڭلار مۇمكىن» دەيدۇ

    كافىرلار: «سىلەر بۇ قۇرئانغا قۇلاق سالماڭلار، قۇرئان ئوقۇلغاندا غەلۋە قىلىپ ئۇنى ئېلىشتۇرۇۋېتىڭلار، سىلەرنىڭ ئاۋازىڭلار بېسىپ كېتىشى مۇمكىن» دەيدۇ [26].

  27. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 27-ئايەت)
    فَلَنُذِيقَنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا عَذَابًا شَدِيدًا وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَسْوَأَ الَّذِي كَانُوا يَعْمَلُونَ
    بىز كاپىرلارغا چوقۇم قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز، بىز ئۇلارنىڭ يامان قىلمىشلىرىغا ئەڭ قاتتىق جازا بېرىمىز

    بىز ئۇ كافىرلارغا چوقۇم قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز، بىز ئۇلارنىڭ يامان قىلمىشلىرىغا ئەڭ قاتتىق جازا بېرىمىز [27].

  28. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 28-ئايەت)
    ذَٰلِكَ جَزَاءُ أَعْدَاءِ اللَّهِ النَّارُ ۖ لَهُمْ فِيهَا دَارُ الْخُلْدِ ۖ جَزَاءً بِمَا كَانُوا بِآيَاتِنَا يَجْحَدُونَ
    ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە بېرىلىدىغان جازا ئەنە شۇ دوزاختۇر، ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك تۇرىدىغان جايى دوزاختۇر، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن (ئۇلارغا) شۇنداق جازا بېرىلىدۇ

    ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە بېرىلىدىغان جازا ئەنە شۇ دوزاختۇر، ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك تۇرىدىغان جايى دوزاختۇر. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا شۇنداق جازا بېرىلىدۇ [28].

  29. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 29-ئايەت)
    وَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا رَبَّنَا أَرِنَا اللَّذَيْنِ أَضَلَّانَا مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ نَجْعَلْهُمَا تَحْتَ أَقْدَامِنَا لِيَكُونَا مِنَ الْأَسْفَلِينَ
    كاپىرلار: «پەرۋەردىگارىمىز! ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بىزنى ئازدۇرغانلارنى بىزگە كۆرسەتكىن، (ئۇلارنىڭ) ئەڭ خارلاردىن بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئاياغلىرىمىزنىڭ ئاستىدا چەيلەيمىز» دېدى

    كافىرلار: «ئى رەببىمىز! بىزنى ئازدۇرغان ئىنسانلارنى ۋە جىنلارنى بىزگە كۆرسەتكىن، ئۇلارنىڭ ئەڭ خارلانغۇچىلاردىن بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاياغلىرىمىزنىڭ ئاستىدا قالدۇرايلى» دېيىشىدۇ [29].

  30. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 30-ئايەت)
    إِنَّ الَّذِينَ قَالُوا رَبُّنَا اللَّهُ ثُمَّ اسْتَقَامُوا تَتَنَزَّلُ عَلَيْهِمُ الْمَلَائِكَةُ أَلَّا تَخَافُوا وَلَا تَحْزَنُوا وَأَبْشِرُوا بِالْجَنَّةِ الَّتِي كُنْتُمْ تُوعَدُونَ
    شۈبھىسىزكى، «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر» دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادا، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار، (ئۇلار) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان (ئاللاھ) تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتۇر» دەيدۇ

    شۈبھىسىزكى، «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر» دېگەن، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار، بۇلار ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن تەييارلانغان زىياپەتتۇر» دەيدۇ [30ـ32].

  31. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 31-ئايەت)
    نَحْنُ أَوْلِيَاؤُكُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَفِي الْآخِرَةِ ۖ وَلَكُمْ فِيهَا مَا تَشْتَهِي أَنْفُسُكُمْ وَلَكُمْ فِيهَا مَا تَدَّعُونَ
    شۈبھىسىزكى، «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر» دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادا، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار، (ئۇلار) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان (ئاللاھ) تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتۇر» دەيدۇ

    شۈبھىسىزكى، «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر» دېگەن، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار، بۇلار ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن تەييارلانغان زىياپەتتۇر» دەيدۇ [30ـ32].

  32. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 32-ئايەت)
    نُزُلًا مِنْ غَفُورٍ رَحِيمٍ
    شۈبھىسىزكى، «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر» دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادا، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار، (ئۇلار) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان (ئاللاھ) تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتۇر» دەيدۇ

    شۈبھىسىزكى، «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر» دېگەن، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار، بۇلار ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن تەييارلانغان زىياپەتتۇر» دەيدۇ [30ـ32].

  33. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 33-ئايەت)
    وَمَنْ أَحْسَنُ قَوْلًا مِمَّنْ دَعَا إِلَى اللَّهِ وَعَمِلَ صَالِحًا وَقَالَ إِنَّنِي مِنَ الْمُسْلِمِينَ
    ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ تەۋھىدىگە ۋە تائىتىگە) دەۋەت قىلغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە «مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېگەن كىشىدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك ئادەم بارمۇ؟

    ئاللاھنىڭ يولىغا دەۋەت قىلغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ۋە «مەن ھەقىقەتەن مۇسۇلمان» دېگەن كىشىدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك كىشى بارمۇ؟ [33]

  34. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 34-ئايەت)
    وَلَا تَسْتَوِي الْحَسَنَةُ وَلَا السَّيِّئَةُ ۚ ادْفَعْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ فَإِذَا الَّذِي بَيْنَكَ وَبَيْنَهُ عَدَاوَةٌ كَأَنَّهُ وَلِيٌّ حَمِيمٌ
    ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ، ياخشى خىسلەت ئارقىلىق (يامان خىسلەتكە) تاقابىل تۇرغىن، (شۇنداق قىلساڭ) سەن بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا ئاداۋەت بار ئادەم گويا سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ

    ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىش باراۋەر بولمايدۇ، ياخشى خىسلەت ئارقىلىق يامان خىسلەتكە تاقابىل تۇرغىن، شۇنداق قىلساڭ، سەن بىلەن ئاداۋىتى بار ئادەممۇ بەئەينى سىرداش دوستۇڭدەك بولۇپ كېتىدۇ [34].

  35. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 35-ئايەت)
    وَمَا يُلَقَّاهَا إِلَّا الَّذِينَ صَبَرُوا وَمَا يُلَقَّاهَا إِلَّا ذُو حَظٍّ عَظِيمٍ
    بۇ خىسلەتكە پەقەت سەۋرچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نېسىۋە ئىگىسىلا ئېرىشەلەيدۇ

    بۇ خىسلەتكە پەقەت سەۋرچان ئادەملەرلا ئېرىشەلەيدۇ، بۇ خىسلەتكە پەقەت بۈيۈك نېسىۋە ئىگىسىلا ئېرىشەلەيدۇ [35].

  36. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 36-ئايەت)
    وَإِمَّا يَنْزَغَنَّكَ مِنَ الشَّيْطَانِ نَزْغٌ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ ۖ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
    ئەگەر شەيتان سېنى ۋەسۋەسە قىلىپ (يۇقىرىقى خىسلەتنى ئۆزلەشتۈرمەسلىككە كۈشكۈرتسە) ئاللاھقا سىغىنىپ (شەيتاننىڭ شەررىدىن) پاناھ تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

    ئەگەر شەيتان سېنى ۋەسۋەسىگە سالسا، ئاللاھقا سېغىنىپ (شەيتاننىڭ يامانلىقىدىن) پاناھ تىلىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر [36].

  37. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 37-ئايەت)
    وَمِنْ آيَاتِهِ اللَّيْلُ وَالنَّهَارُ وَالشَّمْسُ وَالْقَمَرُ ۚ لَا تَسْجُدُوا لِلشَّمْسِ وَلَا لِلْقَمَرِ وَاسْجُدُوا لِلَّهِ الَّذِي خَلَقَهُنَّ إِنْ كُنْتُمْ إِيَّاهُ تَعْبُدُونَ
    كېچە بىلەن كۈندۈز، كۈن بىلەن ئاي ئاللاھنىڭ (بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، قۇياشقا سەجدە قىلماڭلار، ئايغىمۇ سەجدە قىلماڭلار، ئۇلارنى ياراتقان ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار، ئەگەر پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار

    كېچە بىلەن كۈندۈز، كۈن بىلەن ئاي ئاللاھنىڭ (بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللىرىدىندۇر. قۇياشقىمۇ سەجدە قىلماڭلار، ئايغىمۇ سەجدە قىلماڭلار، ئەگەر سىلەر (ھەقىقىي رەۋىشتە) ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلماقچى بولساڭلار، نەرسىلەرنى ياراتقان ئاللاھقا سەجدە قىلىڭلار [37].

  38. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 38-ئايەت)
    فَإِنِ اسْتَكْبَرُوا فَالَّذِينَ عِنْدَ رَبِّكَ يُسَبِّحُونَ لَهُ بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَهُمْ لَا يَسْأَمُونَ ۩
    ئەگەر كۇففارلار چوڭچىلىق قىلىپ (ئاللاھقا سەجدە قىلىشتىن) باش تارتسا، پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) كېچە ـ كۈندۈز ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇلار مالال بولۇپ قالمايدۇ

    ئەگەر كافىرلار چوڭچىلىق قىلسا (يەنى ئاللاھقا سەجدە قىلىشتىن باش تارتسا، بىلىپ قويسۇنكى) پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكى پەرىشتىلەر زېرىكمەي كېچە ـ كۈندۈز ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ [38].

  39. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 39-ئايەت)
    وَمِنْ آيَاتِهِ أَنَّكَ تَرَى الْأَرْضَ خَاشِعَةً فَإِذَا أَنْزَلْنَا عَلَيْهَا الْمَاءَ اهْتَزَّتْ وَرَبَتْ ۚ إِنَّ الَّذِي أَحْيَاهَا لَمُحْيِي الْمَوْتَىٰ ۚ إِنَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
    (بۇمۇ) ئاللاھنىڭ (بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇركى، سەن زېمىننى قاقاس كۆرىسەن، ئۇنىڭغا يامغۇر ياغدۇرغان ۋاقتىمىزدا، زېمىن كۆتۈرۈلىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ، شۈبھىسىزكى، زېمىننى تىرىلدۈرگەن زات ئۆلۈكلەرنى ئەلۋەتتە تىرىلدۈرگۈچىدۇر، ئۇ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر

    سەن زېمىننى قاقاس ھالەتتە كۆرىسەن، ئۇنىڭغا يامغۇر ياغدۇرغان ۋاقتىمىزدا، ئۇ ھەرىكەتلىنىپ كۆپۈشىدۇ (يەنى كۆكىرىشكە باشلايدۇ). بۇمۇ ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللىرىدىندۇر. شۈبھىسىزكى، زېمىننى تىرىلدۈرگەن زات ئۆلۈكلەرنى ئەلۋەتتە تىرىلدۈرگۈچىدۇر، ئۇ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر [39].

  40. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 40-ئايەت)
    إِنَّ الَّذِينَ يُلْحِدُونَ فِي آيَاتِنَا لَا يَخْفَوْنَ عَلَيْنَا ۗ أَفَمَنْ يُلْقَىٰ فِي النَّارِ خَيْرٌ أَمْ مَنْ يَأْتِي آمِنًا يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ اعْمَلُوا مَا شِئْتُمْ ۖ إِنَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
    شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغانلار بىزگە مەخپىي قالمايدۇ، قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىدىغان ئادەم ياخشىمۇ ياكى قىيامەت كۈنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئەمىن بولغان ھالدا كېلىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟ خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر

    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغانلار بىزدىن ھەرگىز يوشۇرۇنۇۋالالمايدۇ. دوزاخقا تاشلىنىدىغان ئادەم ياخشىمۇ ياكى قىيامەت كۈنى خاتىرجەم كېلىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟ خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار، شەكسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر [40].

  41. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 41-ئايەت)
    إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا بِالذِّكْرِ لَمَّا جَاءَهُمْ ۖ وَإِنَّهُ لَكِتَابٌ عَزِيزٌ
    شۈبھىسىزكى، قۇرئان كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغانلار (قاتتىق جازاغا ئۇچرايدۇ)، شۈبھىسىزكى، قۇرئان غالىب كىتابتۇر

    شۈبھىسىزكى، قۇرئان كەلگەندە ئۇنى ئىنكار قىلغانلار (قاتتىق جازاغا ئۇچرايدۇ)، قۇرئان ھەقىقەتەن غالىب كىتابتۇر [41].

  42. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 42-ئايەت)
    لَا يَأْتِيهِ الْبَاطِلُ مِنْ بَيْنِ يَدَيْهِ وَلَا مِنْ خَلْفِهِ ۖ تَنْزِيلٌ مِنْ حَكِيمٍ حَمِيدٍ
    ئۇنىڭغا ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ (يەنى ھېچقايسى تەرىپىدىن) باتىل يۈزلەنمەيدۇ، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيەگە لايىق ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر

    قۇرئانغا ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ (يەنى ھېچقايسى تەرىپىدىن) باتىللىق يۈزلەنمەيدۇ، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيەگە لايىق ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر [42].

  43. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 43-ئايەت)
    مَا يُقَالُ لَكَ إِلَّا مَا قَدْ قِيلَ لِلرُّسُلِ مِنْ قَبْلِكَ ۚ إِنَّ رَبَّكَ لَذُو مَغْفِرَةٍ وَذُو عِقَابٍ أَلِيمٍ
    ساڭا (مۇشرىكلار تەرىپىدىن) ئېيتىلىدىغان سۆزلەر پەقەت ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە (قەۋملىرى تەرىپىدىن) ئېيتىلغان سۆزلەردۇر. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ مەغپىرەت ئىگىسىدۇر ۋە قاتتىق ئازاب ئىگىسىدۇر

    (ئى مۇھەممەد!) ساڭا (مۇشرىكلار تەرىپىدىن) ئېيتىلغان سۆزلەر ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگىمۇ (قەۋملىرى تەرىپىدىن) ئېيتىلغان سۆزلەردۇر، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ مەغپىرەت ئىگىسىدۇر ۋە قاتتىق ئازاب ئىگىسىدۇر [43].

  44. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 44-ئايەت)
    وَلَوْ جَعَلْنَاهُ قُرْآنًا أَعْجَمِيًّا لَقَالُوا لَوْلَا فُصِّلَتْ آيَاتُهُ ۖ أَأَعْجَمِيٌّ وَعَرَبِيٌّ ۗ قُلْ هُوَ لِلَّذِينَ آمَنُوا هُدًى وَشِفَاءٌ ۖ وَالَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ فِي آذَانِهِمْ وَقْرٌ وَهُوَ عَلَيْهِمْ عَمًى ۚ أُولَٰئِكَ يُنَادَوْنَ مِنْ مَكَانٍ بَعِيدٍ
    مۇبادا بىز ئۇنى ئەجەم تىلىدىكى قۇرئان قىلىپ نازىل قىلغان بولساق، ئۇلار ئەلۋەتتە: «نېمىشقا ئۇنىڭ ئايەتلىرى (بىز چۈشىنىدىغان تىلدا) روشەن بايان قىلىنمىدى؟ پەيغەمبەر ئەرەب، كىتاب ئەجەمچىمۇ؟» دەيتتى. ئۇ ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە (دىللاردىكى شەك ـ شۈبھىگە) شىپادۇر، ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ قۇلاقلىرى (قۇرئاننى ئاڭلاشتىن) ئېغىردۇر (يەنى قۇرئاننىڭ دەۋىتىگە قۇلاق سالمىغانلارنىڭ ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنىڭ گويا قۇلاقلىرى ئېغىردۇر)، قۇرئان ئۇلارنىڭ (دىللىرىغا) كورلۇقتۇر (يەنى ئۇلار ھىدايەت نۇرىنى كۆرمەيدۇ)، ئەنە شۇلار يىراقتىن نىدا قىلىنغۇچىلاردۇر (يەنى ئۇلار ھەقنى قوبۇل قىلماسلىقتا ئىمانغا يىراقتىن چاقىرىلغان، مۇساپىنىڭ يىراقلىقىدىن چاقىرىقنى ئاڭلىمىغان كىشىلەرگە ئوخشايدۇ)

    مۇبادا بىز قۇرئاننى ئەرەب تىلىدىن باشقا تىلدا نازىل قىلغان بولساق، ئۇلار ئەلۋەتتە: «نېمىشقا ئۇنىڭ ئايەتلىرى (بىز چۈشىنىدىغان تىلدا) بايان قىلىنمىدى؟ پەيغەمبەر ئەرەب تۇرسا، كىتابى باشقا تىلدا بولامدۇ؟» دەيتتى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «قۇرئان ئىمان كەلتۈرگەنلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە شىپادۇر. ئىمان ئېيتمايدىغانلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى (قۇرئاننى ئاڭلاشقا نىسبەتەن) ئېغىردۇر، قۇرئان ئۇلارغا قاراڭغۇ كۆرۈنىدۇ (يەنى ئۇلار ھىدايەت نۇرىنى كۆرمەيدۇ). ئەنە شۇلار يىراقتىن چاقىرىلىۋاتقان (ئەمما نېمىگە چاقىرىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمايۋاتقان ) ئادەمگە ئوخشاشتۇر» [44].

  45. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 45-ئايەت)
    وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ فَاخْتُلِفَ فِيهِ ۗ وَلَوْلَا كَلِمَةٌ سَبَقَتْ مِنْ رَبِّكَ لَقُضِيَ بَيْنَهُمْ ۚ وَإِنَّهُمْ لَفِي شَكٍّ مِنْهُ مُرِيبٍ
    بىز ھەقىقەتەن مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق، ئۇ ھەقتە ئىختىلاپ بولدى. ئەگەر پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارنى جازالاشنى قىيامەتكىچە كېچىكتۈرۈش) ۋەدىسى بولمىسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىلاتتى، ئۇلار ھەقىقەتەن قۇرئاندىن زىيادە شەكتىدۇر

    بىز ھەقىقەتەن مۇساغا تەۋراتنى ئاتا قىلغان ئىدۇق، ئۇ ھەقتە ئىختىلاپ بولدى. ئەگەر پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئۇلارنى كېيىن جازالايمەن دېگەن) سۆزى ئالدىن دېيىلمىگەن بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا) ھۆكۈم چىقىرىلاتتى، ئۇلار ھەقىقەتەن قۇرئانغا قارىتا قاتتىق گۇماندىدۇر [45].

  46. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 46-ئايەت)
    مَنْ عَمِلَ صَالِحًا فَلِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ أَسَاءَ فَعَلَيْهَا ۗ وَمَا رَبُّكَ بِظَلَّامٍ لِلْعَبِيدِ
    كىمكى ياخشى ئىش قىلىدىكەن، پايدىسى ئۆزىگىدۇر، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن زىيىنىمۇ ئۆزىگىدۇر. پەرۋەردىگارىڭ بەندىلەرگە زۇلۇم قىلغۇچى ئەمەستۇر

    كىمكى ياخشى ئىش قىلىدىكەن، پايدىسى ئۆزىگىدۇر، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن، زىيىنى ئۆزىگىدۇر. پەرۋەردىگارىڭ بەندىلەرگە ئۇۋال قىلغۇچى ئەمەستۇر [46].

  47. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 47-ئايەت)
    إِلَيْهِ يُرَدُّ عِلْمُ السَّاعَةِ ۚ وَمَا تَخْرُجُ مِنْ ثَمَرَاتٍ مِنْ أَكْمَامِهَا وَمَا تَحْمِلُ مِنْ أُنْثَىٰ وَلَا تَضَعُ إِلَّا بِعِلْمِهِ ۚ وَيَوْمَ يُنَادِيهِمْ أَيْنَ شُرَكَائِي قَالُوا آذَنَّاكَ مَا مِنَّا مِنْ شَهِيدٍ
    قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بىلىش پەقەت ئاللاھقا خاستۇر (يەنى قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى ئاللاھتىن باشقا كىشى بىلمەيدۇ). مېۋىلەرنىڭ بوغۇنلىرىدىن چىقىشى، ھەر قانداق چىشىنىڭ ھامىلدار بولۇشى ۋە تۇغۇشى ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ سىرتىدا ئەمەستۇر، ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا: «مېنىڭ شېرىكلىرىم (يەنى سىلەر ماڭا شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەر) قەيەردە؟» دەپ نىدا قىلىدۇ، ئۇلار: «ساڭا مەلۇم قىلىمىزكى، ئارىمىزدا ھېچ كىشى (سېنىڭ شېرىكىڭ بار دەپ) گۇۋاھلىق بېرەلمەيدۇ» دەيدۇ

    قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى بىلىش پەقەت ئاللاھقا خاستۇر. مېۋىلەرنىڭ بوغۇنلىرىدىن چىقىشى، ھەر قانداق چىشى جنسنىڭ ھامىلدار بولۇشى ۋە تۇغۇشى ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ سىرتىدا ئەمەستۇر. ئۇ كۈندە (قىيامەت كۈنىدە) ئاللاھ ئۇلارغا: «مېنىڭ شېرىكلىرىم (يەنى سىلەر ماڭا شېرىك قىلىۋالغان نەرسىلەر) قېنى؟» دەپ نىدا قىلىدۇ. ئۇلار: «ساڭا مەلۇم قىلىمىزكى، ئارىمىزدا ھېچ كىشى (سېنىڭ شېرىكىڭ بار دەپ) گۇۋاھلىق بېرەلمەيدۇ» دەيدۇ [47].

  48. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 48-ئايەت)
    وَضَلَّ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَدْعُونَ مِنْ قَبْلُ ۖ وَظَنُّوا مَا لَهُمْ مِنْ مَحِيصٍ
    ئۇلار ئىلگىرى (يەنى دۇنيادىكى چاغدا) چوقۇنغان مەبۇدلىرى ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالىدۇ، ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قاچىدىغان جاي يوق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ

    ئۇلارنىڭ ئىلگىرى چوقۇنغان بۇتلىرى ئۇلاردىن ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ، ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) قاچىدىغان جاينىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ [48].

  49. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 49-ئايەت)
    لَا يَسْأَمُ الْإِنْسَانُ مِنْ دُعَاءِ الْخَيْرِ وَإِنْ مَسَّهُ الشَّرُّ فَيَئُوسٌ قَنُوطٌ
    ئىنسان (ئۆزىگە) ياخشىلىق تىلەشتىن زېرىكمەيدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر يامانلىق يېتىپ قالسا (ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن) تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ

    ئىنسان ئۆزىگە ياخشىلىق تىلەشتىن زېرىكمەيدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر يامانلىق يېتىپ قالسا، ئۇ تولىمۇ ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ [49].

  50. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 50-ئايەت)
    وَلَئِنْ أَذَقْنَاهُ رَحْمَةً مِنَّا مِنْ بَعْدِ ضَرَّاءَ مَسَّتْهُ لَيَقُولَنَّ هَٰذَا لِي وَمَا أَظُنُّ السَّاعَةَ قَائِمَةً وَلَئِنْ رُجِعْتُ إِلَىٰ رَبِّي إِنَّ لِي عِنْدَهُ لَلْحُسْنَىٰ ۚ فَلَنُنَبِّئَنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا بِمَا عَمِلُوا وَلَنُذِيقَنَّهُمْ مِنْ عَذَابٍ غَلِيظٍ
    ئەگەر بىز ئۇنىڭغا كۈلپەتتىن كېيىن رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «بۇ ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقىمدىن كەلگەن، قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن، مۇبادا (قىيامەت بولۇپ) مەن پەرۋەردىگارىمغا قايتۇرۇلغاندىمۇ ئۇنىڭ دەرگاھىدا چوقۇم جەننەتكە ئېرىشىمەن» دەيدۇ. ئەلۋەتتە كاپىرلارغا قىلمىشلىرىنى خەۋەر قىلىمىز ۋە ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز

    ئەگەر بىز ئۇنىڭغا كۈلپەتتىن كېيىن رەھمىتىمىزنى تېتىتساق، ئۇ چوقۇم: «بۇ ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقىمدىن كەلگەن، قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن، مۇبادا مەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلسام، ئۇنىڭ دەرگاھىدا چوقۇم جەننەتكە ئېرىشىمەن» دەيدۇ. ئەلۋەتتە كافىرلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىمىز ۋە ئۇلارغا قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز [50].

  51. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 51-ئايەت)
    وَإِذَا أَنْعَمْنَا عَلَى الْإِنْسَانِ أَعْرَضَ وَنَأَىٰ بِجَانِبِهِ وَإِذَا مَسَّهُ الشَّرُّ فَذُو دُعَاءٍ عَرِيضٍ
    ئىنسانغا نېمەت ئاتا قىلساق (پەرۋەردىگارىغا شۈكۈر قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ) ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا يامانلىق يەتسە (ئاللاھقا يۈزلىنىپ) ئۈزلۈكسىز دۇئا قىلىدۇ

    ئىنسانغا نېمەت ئاتا قىلساق، ئۇ بۇنىڭغا شۈكۈر قىلىشتىن باش تارتىپ ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا يامانلىق يەتسە، (ئاللاھقا يۈزلىنىپ) توختىماي دۇئا قىلىدۇ [51].

  52. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 52-ئايەت)
    قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ كَانَ مِنْ عِنْدِ اللَّهِ ثُمَّ كَفَرْتُمْ بِهِ مَنْ أَضَلُّ مِمَّنْ هُوَ فِي شِقَاقٍ بَعِيدٍ
    (ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى) «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ (قۇرئان مەن ئېيتقاندەك) ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان بولسا، سىلەر (ئويلىماستىنلا ئۇنى ئىنكار قىلساڭلار، ھالىڭلار قانداق بولىدۇ). (ھەقتىن) يىراق ئىختىلاپتا بولغان كىشىدىنمۇ گۇمراھ ئادەم بارمۇ؟ (يەنى سىلەردىنمۇ گۇمراھ ئادەم يوق)»

    (ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى) «دەپ بېقىڭلارچۇ، قۇرئان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان بولسا، ئاندىن سىلەر (ئويلىماستىنلا) ئۇنى ئىنكار قىلغان بولساڭلار، سىلەرگە ئوخشاش ئىختىلاپ قىلىشىپ ھەقتىن يىراقلاپ كەتكەن ئادەمدىنمۇ گۇمراھ ئادەم بارمۇ؟» [52].

  53. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 53-ئايەت)
    سَنُرِيهِمْ آيَاتِنَا فِي الْآفَاقِ وَفِي أَنْفُسِهِمْ حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَهُمْ أَنَّهُ الْحَقُّ ۗ أَوَلَمْ يَكْفِ بِرَبِّكَ أَنَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ
    ئۇلارغا بىز تاكى ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغىچە، (ئاسمان ـ زېمىن) ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىپ تۇرىمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى (سېنىڭ راستلىقىڭنىڭ دەلىلى بولۇشقا) ئۇلارغا كۇپايە ئەمەسمۇ؟

    ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغانغا قەدەر، بىز ئۇلارغا ئاسمان-زېمىن ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىپ تۇرىمىز. پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى ئۇلارغا يېتەرلىك دەلىل ئەمەسمۇ؟ [53].

  54. (41-سۈرە فۇسسىلەت، 54-ئايەت)
    أَلَا إِنَّهُمْ فِي مِرْيَةٍ مِنْ لِقَاءِ رَبِّهِمْ ۗ أَلَا إِنَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ مُحِيطٌ
    بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشتىن شەكلىنىدۇ، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ھەقىقەتەن تولۇق بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

    بىلىڭلاركى، ئۇلار ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىغا بېرىشتىن شەكلىنىدۇ، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ھەقىقەتەن تولۇق بىلىپ تۇرغۇچىدۇر [54].