فەلەق سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 5 ئايەتمەنىسى: سۈبھى. ئاتىلىش سەۋەبى: سۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا سېغىنىپ مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەنگەن
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ الْفَلَقِ
«مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن، قاراڭغۇلۇقى بىلەن كىرگەن كېچىنىڭ شەررىدىن، تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھىرگەرلەرنىڭ شەررىدىن، ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى شەررىدىن سۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «بارلىق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «فەلەقنىڭ رەببىگە سېغىنىمەن[1]، — ئەنەس ئالىم
«فەلەق» - يارماق ۋە يارماق نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن نەرسە دېگەن بولىدۇ. مەسىلەن: قاراڭغۇلۇقنىڭ يېرىلىشىدىن چىققان سۈبھى، ئۇرۇقنىڭ يېرىلىشىدىن چىققان بىخ، ئۇرۇقچىنىڭ يېرىلىشىدىن چىققان نوتىلارنىڭ ھەر بىرى بىرەر فەلەقتۇر. بۇ تەقدىردە «فەلەق» جىمى مەخلۇقات دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ، چۈنكى كائىناتتىكى ھەر نەرسە يېرىلىش ئارقىلىق يارىتىلغان. «سېغىنىمەن» - ئى ئاللاھ! سەندىن مېنى ئۆز پاناھىڭغا ئېلىشىڭنى، مېنى ھىمايە قىلىشىڭنى، مېنى ساقلىشىڭنى تىلەيمەن دېگەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مِنْ شَرِّ مَا خَلَقَ
«مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن، قاراڭغۇلۇقى بىلەن كىرگەن كېچىنىڭ شەررىدىن، تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھىرگەرلەرنىڭ شەررىدىن، ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى شەررىدىن سۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
مەخلۇقاتنىڭ يامانلىقىدىن، — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇنىڭ مەخلۇقاتىنىڭ يامانلىقىدىن، — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ياراتقان نەرسە - ئىنسان، جىن، ھايۋان، ئۆسۈملۈك ۋە باشقا ئانئورگانىك ماددىلاردۇر، چۈنكى «ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر». ئۇلارنىڭ يامانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىختىيارىي ۋە ئىختىيارسىز يەتكۈزىدىغان پۈتۈن يامانلىقلىرىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى، «ئى ئاللاھ! مەن ئىنسانلارنىڭ، جىنلارنىڭ ۋە باشقا پۈتۈن مەخلۇقاتلىرىنىڭ تەرىپىدىن ماڭا ھەر قانداق يامانلىق يېتىشتىن قېچىپ ئۆزلىرىنىڭ پاناھىغا سېغىنىمەن» دېگەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمِنْ شَرِّ غَاسِقٍ إِذَا وَقَبَ
«مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن، قاراڭغۇلۇقى بىلەن كىرگەن كېچىنىڭ شەررىدىن، تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھىرگەرلەرنىڭ شەررىدىن، ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى شەررىدىن سۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچىدىكى يامانلىقتىن، — تەرجىمە ھەيئىتى
باسقان چاغدىكى كېچىنىڭ يامانلىقىدىن، — ئەنەس ئالىم
ئەسلىدە كېچە - كۈننىڭ پېتىشى بىلەن باشلىنىپ كۈننىڭ چىقىشى بىلەن ئاخىرلىشىدىغان ۋاقىت بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۈن پاتقاندىن تارتىپ غەربىي ئۇپۇقتىكى ئاقلىق يوق بولغۇچىلىق بولغان قىسمى ۋە تاڭ سۈزۈلگەندىن كېيىن كۈن چىققۇچىلىك بولغان قىسمى، ئۇنىڭ ئوتتۇرىدىكى قىسمىغا نىسبەتەن يورۇق بولىدۇ. كېچىنىڭ بۇ ئىككى قىسمىدا ئۇنچە يامانلىق بولمايدۇ. كېچىنىڭ يامانلىقلىرى ئاساسەن ئۇ ئىككى قىسمىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قاراڭغۇ قىسمىدا بولىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئايەتتە «قاراڭغۇلۇقى باسقان كېچە» دەپ كېچىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇ قىسمى ئىپادىلەنگەن. دەرۋەقە قاراڭغۇ كېچىدە يولۇچىلار يولدىن ئېزىپ قالىدۇ، دۈشمەنگە قارشى مۇداپىئەلىنىش قىيىنلىشىدۇ، جىن - شەيتانلار يەر يۈزىگە كۆپ تارقىلىدۇ، بەزى يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۇۋىلىرىدىن چىقىدۇ، زىيانلىق ھاشاراتلار يېيىلىدۇ، ئوغرى ۋە بۇلاڭچىلار ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ، ئوت كېتىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىدۇ. شۇنىڭدەك، پەرق ئەتمەي بىرەر نەرسىگە پۇتلىشىپ يىقىلىدىغان ياكى ئۈسۈپ سالىدىغان، ئازگالغا چۈشۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئەنە شۇ قاراڭغۇ كېچىدە بولىدۇ. پۈتۈن بۇ ئەھۋاللاردا ئىنسانغا يامانلىق يېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەتتە قاراڭغۇ كېچىدە كېلىدىغان ئەنە شۇ يامانلىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ پاناھىغا سېغىنىش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمِنْ شَرِّ النَّفَّاثَاتِ فِي الْعُقَدِ
«مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن، قاراڭغۇلۇقى بىلەن كىرگەن كېچىنىڭ شەررىدىن، تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھىرگەرلەرنىڭ شەررىدىن، ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى شەررىدىن سۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
چىگىكلەرگە دەم سالىدىغان سېھىرگەرلەرنىڭ يامانلىقىدىن، — تەرجىمە ھەيئىتى
تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچىلارنىڭ يامانلىقىدىن[2] — ئەنەس ئالىم
«تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچىلار» ئىپادىسى «ئايال سېھىرگەرلەر، سېھىرگەر نەپسلەر (ئەر - ئايال كىشىلەر)، سېھىرگەر گۇرۇھلار» دېگەن بولۇپ، سېھىر بىلەن مەشغۇل بولغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئايەت ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سېغىنىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئىنسانلارنى ئالدايدۇ، قايمۇقتۇرىدۇ، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش توغرىسىدا ھەقىقەتكە يۆنىلىشتىن ۋە ئىلمىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشتىن توسۇپ، خاتا يوللارغا ۋە ناتوغرا ئىشلارغا باشلايدۇ. تەپسىر ئالىملىرىنىڭ ئىچىدە، «تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچىلار» ئىپادىسىگە تۆۋەندىكى ئىككى تۈرلۈك مەنىنى بەرگەنلەرمۇ بار: 1) ئۇلار ھىيلىگەر ئاياللار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھىيلە- مىكىرلىرى سېھىرگەرلەرنىڭ سېھرىگە ئوخشىتىلغان. ئۇلار تۈرلۈك ھىيلىلەرنى قىلىپ ئەرلەرنىڭ پىكرىنى ئۆزگەرتىدۇ ۋە ئۇلارنى ئىرادىسىدىن ياندۇرىدۇ، قارارىدىن ۋاز كەچۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەتتە ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھنىڭ پاناھىغا سېغىنىش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن. باشقا بىر ئايەتتە ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىشقا بۇيرۇلغان. 2) ئۇلار ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن پۈتۈن سۇخەنچى ۋە چېقىمچىلارنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى سۇخەنچى ۋە چېقىمچىلار بىراۋنىڭ گىپىنى باشقىلارغا يەتكۈزىدۇ، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا گەپ توشۇيدۇ، نەتىجىدە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىكى دوستلۇقلار دۈشمەنلىكلەرگە ئايلىنىدۇ، مۇناسىۋەتلەر ئۈزۈلىدۇ، ئائىلىلەر ۋەيران بولىدۇ، تۇغقانلار تاشلىشىپ كېتىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار بۇ قىلمىشلىرى بىلەن سېھىرگەرلەرگە ئوخشىتىلغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمِنْ شَرِّ حَاسِدٍ إِذَا حَسَدَ
«مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن، قاراڭغۇلۇقى بىلەن كىرگەن كېچىنىڭ شەررىدىن، تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھىرگەرلەرنىڭ شەررىدىن، ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى شەررىدىن سۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى يامانلىقىدىن تاڭ نۇرىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» دېگىن. — تەرجىمە ھەيئىتى
ۋە ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى يامانلىقىدىن قاچىمەن». — ئەنەس ئالىم
ھەسەت - بىراۋنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى كۆرەلمەسلىك تۇيغۇسىنىڭ تەسىرىدە ئۇنىڭدىن ئۇ ئۈستۈنلۈكنىڭ يوق بولۇشىنى ئارزۇ قىلماق دېگەن بولۇپ ناچار ئىللەتلەردىن بىرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەتتە ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى (يەنى قىزغانچۇقلۇقى تۇتقان چاغدىكى) يامانلىقىدىن ئاللاھنىڭ پاناھىغا سېغىنىشقا بۇيرۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى