تەۋبە سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 129 ئايەت
مەنىسى: تۆۋبە. ئاتىلىش سەۋەبى: تۆۋبە ياكى ئازابنى تاللاش كىرەكلىكى بايان قىلىنغان( بۇ سۈرىنىڭ جەمئىي 14 ئىسمى بار)
  1. (9-سۈرە تەۋبە، 1-ئايەت)
    بَرَاءَةٌ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ إِلَى الَّذِينَ عَاهَدْتُمْ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
    (بۇ) ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سىلەر بىلەن مۇئاھىدە تۈزۈشكەن مۇشرىكلارغا قاراتقان ئادا ـ جۇدا بولۇش (يەنى مۇئاھىدىنى بىكار قىلىش) ئېلانىدۇر

    (بۇ) ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سىلەر بىلەن (تىنچ ئۆتۈش توغرۇلۇق) كېلىشىم تۈزۈشكەن مۇشرىكلارغا قاراتقان كېلىشىمنى بىكار قىلىش ئېلانىدۇر [1].

  2. (9-سۈرە تەۋبە، 2-ئايەت)
    فَسِيحُوا فِي الْأَرْضِ أَرْبَعَةَ أَشْهُرٍ وَاعْلَمُوا أَنَّكُمْ غَيْرُ مُعْجِزِي اللَّهِ ۙ وَأَنَّ اللَّهَ مُخْزِي الْكَافِرِينَ
    (ئى مۇشرىكلار!) يەر يۈزىدە (خالىغىنىڭلارچە) تۆت ئاي يۈرۈڭلار، بىلىڭلاركى، سىلەر ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، (بىلىڭلاركى) ئاللاھ كاپىرلارنى خار قىلغۇچىدۇر

    (ئى مۇشرىكلار!) يەر يۈزىدە تۆت ئاي يۈرۈۋېلىڭلار، بىلىڭلاركى، سىلەر ئاللاھ (نىڭ جازاسى) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، (بىلىڭلاركى) ئاللاھ كافىرلارنى رەسۋا قىلغۇچىدۇر [2].

  3. (9-سۈرە تەۋبە، 3-ئايەت)
    وَأَذَانٌ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ إِلَى النَّاسِ يَوْمَ الْحَجِّ الْأَكْبَرِ أَنَّ اللَّهَ بَرِيءٌ مِنَ الْمُشْرِكِينَ ۙ وَرَسُولُهُ ۚ فَإِنْ تُبْتُمْ فَهُوَ خَيْرٌ لَكُمْ ۖ وَإِنْ تَوَلَّيْتُمْ فَاعْلَمُوا أَنَّكُمْ غَيْرُ مُعْجِزِي اللَّهِ ۗ وَبَشِّرِ الَّذِينَ كَفَرُوا بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
    (بۇ) چوڭ ھەج كۈنىدە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى تەرىپىدىن كىشىلەرگە چىقىرىلغان ئېلاندۇركى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇشرىكلاردىن ئادا ـ جۇدادۇر. ئەگەر (كۇفرىدىن) تەۋبە قىلساڭلار، بۇ سىلەرگە (گۇمراھلىقتا كېتىۋېرىشتىن) ياخشىدۇر، ئەگەر (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. كاپىرلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن

    (بۇ) چوڭ ھەج كۈنىدە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى تەرىپىدىن كىشىلەرگە چىقىرىلغان ئېلاندۇركى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى مۇشرىكلاردىن بىزاردۇر. ئەگەر (كۇفردىن) تەۋبە قىلساڭلار، بۇ سىلەرگە ياخشىدۇر، ئەگەر (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ (نىڭ جازاسى) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. (ئى مۇھەممەد!) كافىرلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن [3].

  4. (9-سۈرە تەۋبە، 4-ئايەت)
    إِلَّا الَّذِينَ عَاهَدْتُمْ مِنَ الْمُشْرِكِينَ ثُمَّ لَمْ يَنْقُصُوكُمْ شَيْئًا وَلَمْ يُظَاهِرُوا عَلَيْكُمْ أَحَدًا فَأَتِمُّوا إِلَيْهِمْ عَهْدَهُمْ إِلَىٰ مُدَّتِهِمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُتَّقِينَ
    ئەمما مۇشرىكلار ئىچىدىكى سىلەر بىلەن مۇئاھىدە تۈزگەن، مۇئاھىدىگە ھېچقانداق خىلاپلىق قىلمىغان، سىلەرگە قارشى ھېچقانداق ئادەمگە ياردەم بەرمىگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلار بىلەن تۈزگەن بۇ مۇئاھىدىگە ئۇنىڭ ۋاقتى توشقانغا قەدەر رىئايە قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەقۋادارلارنى دوست تۇتىدۇ

    ئەمما مۇشرىكلار ئىچىدىكى سىلەر بىلەن كېلىشىم تۈزگەن، كېلىشىمگە ھېچقانداق خىلاپلىق قىلمىغان، سىلەرگە قارشى تۇرىدىغان ھېچقانداق ئادەمگە ياردەم بەرمىگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلار بىلەن تۈزگەن بۇ كېلىشىمگە ئۇنىڭ ۋاقتى توشقانغا قەدەر رىئايە قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەقۋادارلارنى دوست تۇتىدۇ [4].

  5. (9-سۈرە تەۋبە، 5-ئايەت)
    فَإِذَا انْسَلَخَ الْأَشْهُرُ الْحُرُمُ فَاقْتُلُوا الْمُشْرِكِينَ حَيْثُ وَجَدْتُمُوهُمْ وَخُذُوهُمْ وَاحْصُرُوهُمْ وَاقْعُدُوا لَهُمْ كُلَّ مَرْصَدٍ ۚ فَإِنْ تَابُوا وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ فَخَلُّوا سَبِيلَهُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
    (ئۇرۇش قىلىش) ھارام قىلىنغان ئايلار ئۆتۈپ كەتكەندە، (كېلىشىمنىڭ بوزۇلۇشىغا سەۋەبچى بولغان) مۇشرىكلارنى قەيەردە ئۇچراتساڭلار، شۇ يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، ئەسىرگە ئېلىڭلار، قورشاڭلار، ئۇلارنىڭ ئۆتىدىغان يوللىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇڭلار. ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا، ناماز ئوقۇسا، زاكات بەرسە، ئۇلارنى قويۇپ بېرىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، رەھىم قىلغۇچىدۇر

    (ئۇرۇش قىلىش) ھارام قىلىنغان ئايلار ئۆتۈپ كەتكەندە مۇشرىكلارنى قەيەردە ئۇچراتساڭلار، شۇ يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، ئەسىرگە ئېلىڭلار، قورشاڭلار؛ ئۇلارنىڭ ئۆتىدىغان يوللىرىنى كۆزىتىپ تۇرۇڭلار، ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا، نامازنى مۇكەممەل ئوقۇسا، زاكات بەرسە، ئۇلارنى قويۇپ بېرىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر [5].

  6. (9-سۈرە تەۋبە، 6-ئايەت)
    وَإِنْ أَحَدٌ مِنَ الْمُشْرِكِينَ اسْتَجَارَكَ فَأَجِرْهُ حَتَّىٰ يَسْمَعَ كَلَامَ اللَّهِ ثُمَّ أَبْلِغْهُ مَأْمَنَهُ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لَا يَعْلَمُونَ
    ئەگەر مۇشرىكلاردىن بىرەر كىشى سەندىن ئامانلىق تىلىسە، تاكى ئۇ ئاللاھنىڭ كالامىنى (يەنى قۇرئاننى) ئاڭلىغانغا (يەنى پىكىر قىلىپ، ئۇنىڭ ھەقىقىتىگە يەتكەنگە) قەدەر، ئۇنىڭغا ئامانلىق بەرگىن، ئاندىن (ئۇ ئىمان ئېيتمىسا)، ئۇنى (جېنى، مېلى) ئامان تاپىدىغان جايغا يەتكۈزۈپ قويغىن. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار (ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىتىنى) ئۇقمايدىغان قەۋمدۇر

    ئەگەر مۇشرىكلاردىن بىرەر كىشى سەندىن ئامانلىق تىلىسە، تاكى ئۇ ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلىغانغا (يەنى ئۇنىڭ ھەقىقىتىگە يەتكەنگە) قەدەر، ئۇنىڭغا ئامانلىق بەرگىن، ئاندىن (ئۇ ئىمان ئېيتمىسا)، ئۇنى ئامان تاپىدىغان جايغا يەتكۈزۈپ قويغىن، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار (ئىسلام ھەقىقىتىنى) ئۇقمايدىغان قەۋمدۇر [6].

  7. (9-سۈرە تەۋبە، 7-ئايەت)
    كَيْفَ يَكُونُ لِلْمُشْرِكِينَ عَهْدٌ عِنْدَ اللَّهِ وَعِنْدَ رَسُولِهِ إِلَّا الَّذِينَ عَاهَدْتُمْ عِنْدَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ ۖ فَمَا اسْتَقَامُوا لَكُمْ فَاسْتَقِيمُوا لَهُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُتَّقِينَ
    ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ قارىشىچە، (ئەھدىسىگە ۋاپا قىلمايدىغان) مۇشرىكلاردا قانداقمۇ مۇئاھىدە دېگەن نەرسە بولسۇن؟ ئەمما مەسجىدى ھەرەم قېشىدا سىلەر بىلەن ئەھدە تۈزۈشكەن مۇشرىكلار ئەگەر ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىدىكەن، سىلەرمۇ ۋاپا قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەقۋادارلارنى (يەنى پەرۋەردىگاردىن قورققان، ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغان، خىيانەت قىلمىغانلارنى) دوست تۇتىدۇ

    ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ نەزىرىدە، مۇشرىكلاردا قانداقمۇ ئەھدە دېگەن نەرسە بولسۇن؟ ئەمما، ھەرەم مەسجىدى قېشىدا سىلەر بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكەن مۇشرىكلار كېلىشىمگە ۋاپا قىلسىلا، سىلەرمۇ ۋاپا قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تەقۋادارلارنى دوست تۇتىدۇ [7].

  8. (9-سۈرە تەۋبە، 8-ئايەت)
    كَيْفَ وَإِنْ يَظْهَرُوا عَلَيْكُمْ لَا يَرْقُبُوا فِيكُمْ إِلًّا وَلَا ذِمَّةً ۚ يُرْضُونَكُمْ بِأَفْوَاهِهِمْ وَتَأْبَىٰ قُلُوبُهُمْ وَأَكْثَرُهُمْ فَاسِقُونَ
    مۇشرىكلار ئەھدىسىگە قانداقمۇ ۋاپا قىلسۇن؟ ئەگەر ئۇلار سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن غەلىبە قىلسا، سىلەرنىڭ ھەققىڭلاردا نە تۇغقانچىلىققا، نە ئەھدىگە رىئايە قىلمايدۇ. سىلەرنى ئېغىزلىرىدا خۇش قىلىدۇ، دىللىرىدا (ۋەدىسىدە تۇرۇشنى) خالىمايدۇ (يەنى ئاغزىدا چىرايلىق سۆزلىگىنى بىلەن، كۆڭۈللىرى ئاداۋەت، نىفاق بىلەن تولغان). ئۇلارنىڭ تولىسى پاسىقلاردۇر

    مۇشرىكلار كېلىشىمگە قانداقمۇ ۋاپا قىلسۇن؟ ئەگەر ئۇلار سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن غەلىبە قىلسا، سىلەرنىڭ توغراڭلاردا نە تۇغقانچىلىققىمۇ، كېلىشىمگىمۇ رىئايە قىلمايدۇ. سىلەرنى شېرىن گەپلەر بىلەن خۇش قىلىدۇ، دىللىرىدا بولسا (ئۇنداق قىلىشنى) خالىمايدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى پاسىقلاردۇر [8].

  9. (9-سۈرە تەۋبە، 9-ئايەت)
    اشْتَرَوْا بِآيَاتِ اللَّهِ ثَمَنًا قَلِيلًا فَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِهِ ۚ إِنَّهُمْ سَاءَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
    ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى (دۇنيانىڭ مال ـ مۈلۈكلىرىدىن) ئەرزىمەس نەرسىلەرگە تېگىشتى، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى. ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!

    ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئەرزىمەس نەرسىلەرگە سېتىۋەتتى، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى. ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان! [9].

  10. (9-سۈرە تەۋبە، 10-ئايەت)
    لَا يَرْقُبُونَ فِي مُؤْمِنٍ إِلًّا وَلَا ذِمَّةً ۚ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُعْتَدُونَ
    ئۇلار مۆمىنلەر ھەققىدە نە تۇغقانچىلىققا، نە ئەھدىگە رىئايە قىلمايدۇ. ئەنە شۇلار (سىلەرگە زۇلۇم قىلىشتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر

    ئۇلار مۆمىنلەر ھەققىدە تۇغقانچىلىققىمۇ، كېلىشىمگىمۇ رىئايە قىلمايدۇ. ئەنە شۇلار ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر [10].

  11. (9-سۈرە تەۋبە، 11-ئايەت)
    فَإِنْ تَابُوا وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ فَإِخْوَانُكُمْ فِي الدِّينِ ۗ وَنُفَصِّلُ الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
    ئەگەر ئۇلار (كۇفرىدىن) تەۋبە قىلسا، ناماز ئۆتىسە، زاكات بەرسە، دىنىي جەھەتتە سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار بولىدۇ (يەنى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتتە ئۇلار سىلەر بىلەن ئوخشاشتۇر). ئۇقىدىغان قەۋم ئۈچۈن، ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىمىز

    ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا، نامازنى مۇكەممەل ئۆتىسە، زاكات بەرسە، دىنىي جەھەتتە سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار ھېسابلىنىدۇ. ئۇقىدىغان قەۋم ئۈچۈن بىز ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىمىز [11].

  12. (9-سۈرە تەۋبە، 12-ئايەت)
    وَإِنْ نَكَثُوا أَيْمَانَهُمْ مِنْ بَعْدِ عَهْدِهِمْ وَطَعَنُوا فِي دِينِكُمْ فَقَاتِلُوا أَئِمَّةَ الْكُفْرِ ۙ إِنَّهُمْ لَا أَيْمَانَ لَهُمْ لَعَلَّهُمْ يَنْتَهُونَ
    ئەگەر ئۇلار ئەھدە بەرگەندىن كېيىن، قەسەملىرىنى بۇزسا ۋە دىنىڭلارنى ئەيىبلىسە، ئۇلارنىڭ (بۇنىڭدىن) چەكلىنىشلىرى ئۈچۈن، كۇفرىنىڭ كاتتىباشلىرىغا ئۇرۇش ئېچىڭلار. ئۇلارنىڭ قەسىمىنىڭ ھەقىقەتەن ئېتىبارى يوق

    ئەگەر ئۇلار ۋەدە بەرگەندىن كېيىن قەسەملىرىنى بۇزسا ۋە دىنىڭلارنى ئەيىبلىسە، ئۇلارنىڭ (بۇنىڭدىن) چەكلىنىشى ئۈچۈن، كۇفرغا يېتەكلەيدىغان كاتتىباشلارغا ئۇرۇش ئېچىڭلار. ئۇلارنىڭ قەسىمىنىڭ ھەقىقەتەن ئېتىبارى يوق [12].

  13. (9-سۈرە تەۋبە، 13-ئايەت)
    أَلَا تُقَاتِلُونَ قَوْمًا نَكَثُوا أَيْمَانَهُمْ وَهَمُّوا بِإِخْرَاجِ الرَّسُولِ وَهُمْ بَدَءُوكُمْ أَوَّلَ مَرَّةٍ ۚ أَتَخْشَوْنَهُمْ ۚ فَاللَّهُ أَحَقُّ أَنْ تَخْشَوْهُ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
    (ئى مۆمىنلەر جامائەسى! ئەھدە بەرگەندە) ئىچكەن قەسىمىنى بۇزغان، پەيغەمبەرنى (مەككە) دىن ھەيدەپ چىقىرىشنى قەستلىگەن ۋە سىلەرگە ئالدى بىلەن ھۇجۇم قىلغان قەۋمگە ئۇرۇش ئاچمامسىلەر؟ ئۇلاردىن قورقامسىلەر؟ ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، قورقۇشۇڭلارغا ئاللاھ ئەڭ لايىقتۇر

    (ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) سىلەر (ۋەدە بەرگەندە) ئىچكەن قەسىمىنى بۇزغان، پەيغەمبەرنى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقىرىشقا ئۇرۇنغان، سىلەرگە ئالدى بىلەن ھۇجۇم قىلغان قەۋمگە ئۇرۇش ئاچمامسىلەر؟ ئۇلاردىن قورقامسىلەر؟ ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قورقۇشۇڭلارغا ئەڭ لايىقتۇر [13].

  14. (9-سۈرە تەۋبە، 14-ئايەت)
    قَاتِلُوهُمْ يُعَذِّبْهُمُ اللَّهُ بِأَيْدِيكُمْ وَيُخْزِهِمْ وَيَنْصُرْكُمْ عَلَيْهِمْ وَيَشْفِ صُدُورَ قَوْمٍ مُؤْمِنِينَ
    ئۇلارغا ئۇرۇش ئېچىڭلار، ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلار بىلەن جازالايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى خار قىلىدۇ، ئاللاھ سىلەرنى ئۇلار ئۈستىدىن غالىب قىلىدۇ. (ئىسلام دىنىنى ئۈستۈن قىلىپ، كاپىرلارنى جازالاپ) مۆمىن قەۋمنىڭ كۆڭلىگە شىپالىق (يەنى تەسەللى) بېرىدۇ

    ئۇلارغا ئۇرۇش ئېچىڭلار، ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلار بىلەن جازالايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى رەسۋا قىلىدۇ، سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب قىلىدۇ. (شۇنىڭ بىلەن) مۆمىن قەۋمنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بېرىدۇ [14].

  15. (9-سۈرە تەۋبە، 15-ئايەت)
    وَيُذْهِبْ غَيْظَ قُلُوبِهِمْ ۗ وَيَتُوبُ اللَّهُ عَلَىٰ مَنْ يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
    ھەم ئۇلارنى دىللىرىدىكى ئاچچىقتىن خالاس قىلىدۇ. ئاللاھ خالىغان ئادەمنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

    ھەم ئۇلارنى دىللىرىدىكى ئاچچىقتىن خالاس قىلىدۇ. ئاللاھ خالىغان ئادەمنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [15].

  16. (9-سۈرە تەۋبە، 16-ئايەت)
    أَمْ حَسِبْتُمْ أَنْ تُتْرَكُوا وَلَمَّا يَعْلَمِ اللَّهُ الَّذِينَ جَاهَدُوا مِنْكُمْ وَلَمْ يَتَّخِذُوا مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلَا رَسُولِهِ وَلَا الْمُؤْمِنِينَ وَلِيجَةً ۚ وَاللَّهُ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ
    ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى جىھاد قىلغانلارنى، ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە مۆمىنلەردىن باشقىنى سىرداش قىلىۋالمىغانلارنى بىلمەي (يەنى ئوتتۇرىغا چىقارماي) تۇرۇپ سىلەر ئۆز ھالىمىزغا قويۇپ بېرىلىمىز، (يەنى سىنالمايمىز) دەپ ئويلامسىلەر؟ ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر

    ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى جىھاد قىلغانلارنى، ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە مۆمىنلەردىن باشقىنى سىرداش قىلىۋالمىغانلارنى بىلمەي (يەنى ئوتتۇرىغا چىقارماي) تۇرۇپ سىلەر ئۆز ھالىمىزغا قويۇپ بېرىلىمىز (يەنى سىنالمايمىز) دەپ ئويلامسىلەر؟ ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر [16].

  17. (9-سۈرە تەۋبە، 17-ئايەت)
    مَا كَانَ لِلْمُشْرِكِينَ أَنْ يَعْمُرُوا مَسَاجِدَ اللَّهِ شَاهِدِينَ عَلَىٰ أَنْفُسِهِمْ بِالْكُفْرِ ۚ أُولَٰئِكَ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ وَفِي النَّارِ هُمْ خَالِدُونَ
    مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ كۇفرىنى ئىقرار قىلىپ تۇرۇقلۇق (يەنى كاپىرلىق بىلەن ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى ئاۋات قىلىش بىر ـ بىرى بىلەن سىغىشالمايدۇ)، (ئۇلارنىڭ) ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى ئاۋات قىلىشى توغرا ئەمەس، ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسى بولمايدۇ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ

    مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ كۇفرلىقىنى ئىقرار قىلىپ تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى ئاۋات قىلىشى مۇۋاپىق ئەمەس، ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ [17].

  18. (9-سۈرە تەۋبە، 18-ئايەت)
    إِنَّمَا يَعْمُرُ مَسَاجِدَ اللَّهِ مَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَأَقَامَ الصَّلَاةَ وَآتَى الزَّكَاةَ وَلَمْ يَخْشَ إِلَّا اللَّهَ ۖ فَعَسَىٰ أُولَٰئِكَ أَنْ يَكُونُوا مِنَ الْمُهْتَدِينَ
    ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى پەقەت ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان، ناماز ئۆتىگەن، زاكات بەرگەن، ئاللاھتىن باشقىدىن قورقمىغان كىشىلەرلا ئاۋات قىلىدۇ (يەنى مەسجىدنى رېمونت قىلىش، سەرەمجانلاشتۇرۇش، تازىلاش، مەسجىدتە داۋاملىق ناماز ئۆتەش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ)، ئەنە شۇلارنىڭ ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولۇشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ

    ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى پەقەت ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان، نامازنى مۇكەممەل ئۆتىگەن، زاكات بەرگەن، ئاللاھتىن باشقىدىن قورقمىغان كىشىلەرلا ئاۋات قىلىدۇ، ئەنە شۇلارنىڭ ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولۇشىدا ئۈمىد بار [18].

  19. (9-سۈرە تەۋبە، 19-ئايەت)
    أَجَعَلْتُمْ سِقَايَةَ الْحَاجِّ وَعِمَارَةَ الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ كَمَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَجَاهَدَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ۚ لَا يَسْتَوُونَ عِنْدَ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
    سىلەر ھاجىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەشنى، مەسجىدى ھەرەمنى ئاۋات قىلىشنى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلارنىڭ (ئىمانىغا) ئوخشاش ھېسابلامسىلەر؟ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئوخشاش ئەمەس. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ

    سىلەر ھاجىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلىگەنلەرنى،ھەرەم مەسجىدىنى ئاۋات قىلغانلارنى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلار بىلەن ئوخشاش دەپ ھېسابلامسىلەر؟ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئوخشاش ئەمەس. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ [19].

  20. (9-سۈرە تەۋبە، 20-ئايەت)
    الَّذِينَ آمَنُوا وَهَاجَرُوا وَجَاهَدُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ أَعْظَمُ دَرَجَةً عِنْدَ اللَّهِ ۚ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْفَائِزُونَ
    ئىمان ئېيتقانلارنىڭ، ھىجرەت قىلغانلارنىڭ ۋە ماللىرى ھەم جانلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلارنىڭ دەرىجىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ كاتتىدۇر؛ ئەنە شۇلار (ساۋاب تېپىش بىلەن) مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر

    ئىمان ئېيتقان، ھىجرەت قىلغان ۋە پۇل-ماللىرى ھەم جانلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغانلارنىڭ دەرىجىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ كاتتىدۇر؛ ئەنە شۇلار ئۇتۇق قازانغۇچىلاردۇر [20].

  21. (9-سۈرە تەۋبە، 21-ئايەت)
    يُبَشِّرُهُمْ رَبُّهُمْ بِرَحْمَةٍ مِنْهُ وَرِضْوَانٍ وَجَنَّاتٍ لَهُمْ فِيهَا نَعِيمٌ مُقِيمٌ
    پەرۋەردىگارى ئۇلارغا ئۆزىنىڭ رەھمىتى، رازىلىقى ۋە جەننەتلىرى بىلەن خۇشخەۋەر بېرىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈلۈك نېمەتكە ئېرىشىدۇ

    پەرۋەردىگارى ئۇلارغا ئۆزىنىڭ رەھمىتى، رازىلىقى ۋە جەننەتلىرى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈلۈك نېمەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ [21].

  22. (9-سۈرە تەۋبە، 22-ئايەت)
    خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۚ إِنَّ اللَّهَ عِنْدَهُ أَجْرٌ عَظِيمٌ
    ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (ئۇلارغا) كاتتا ساۋاب بار

    ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. شۈبھىسىزكى، (ئۇلارغا) ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كاتتا ساۋاب بار [22].

  23. (9-سۈرە تەۋبە، 23-ئايەت)
    يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا آبَاءَكُمْ وَإِخْوَانَكُمْ أَوْلِيَاءَ إِنِ اسْتَحَبُّوا الْكُفْرَ عَلَى الْإِيمَانِ ۚ وَمَنْ يَتَوَلَّهُمْ مِنْكُمْ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ
    ئى مۆمىنلەر! ئەگەر ئاتىلىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار ئىماندىن كۇفرىنى ئارتۇق كۆرسە (كۇفرىدا مەھكەم تۇرسا)، ئۇلارنى دوست تۇتماڭلار. ئىچىڭلاردىن كىملەركى، ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر (يەنى ئۇلارغا ئوخشاش مۇشرىكتۇر، چۈنكى مۇشرىكلىككە رازى بولغان ئادەممۇ مۇشرىك ھېسابلىنىدۇ)

    ئى مۆمىنلەر! ئەگەر ئاتىلىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار ئىماندىن كۇفرنى ياخشى كۆرسە، ئۇلارنى يېقىن كىشىلەر ھېسابلىماڭلار. سىلەردىن كىمكى ئۇلارنى يېقىن كىشىلەر ھېسابلايدىكەن، ئەنە شۇلار ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر [23].

  24. (9-سۈرە تەۋبە، 24-ئايەت)
    قُلْ إِنْ كَانَ آبَاؤُكُمْ وَأَبْنَاؤُكُمْ وَإِخْوَانُكُمْ وَأَزْوَاجُكُمْ وَعَشِيرَتُكُمْ وَأَمْوَالٌ اقْتَرَفْتُمُوهَا وَتِجَارَةٌ تَخْشَوْنَ كَسَادَهَا وَمَسَاكِنُ تَرْضَوْنَهَا أَحَبَّ إِلَيْكُمْ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ وَجِهَادٍ فِي سَبِيلِهِ فَتَرَبَّصُوا حَتَّىٰ يَأْتِيَ اللَّهُ بِأَمْرِهِ ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ
    ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتاڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىندىشىڭلار، خوتۇنلىرىڭلار ، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىڭلار (ھەمدە ئۇلاردىن باشقىلار)، تاپقان پۇل ـ ماللىرىڭلار، ئاقماي قېلىشىدىن قورققان تىجارىتىڭلار، ياخشى كۆرۈدىغان ئۆيلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ سۆيۈملۈك بولسا (يەنى شۇلار بىلەن بولۇپ كېتىپ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بەرمىسەڭلار)، ئۇ ھالدا سىلەر تاكى ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگۈچە كۈتۈڭلار، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ چەك ـ چېگرىسىدىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنى) ھىدايەت قىلمايدۇ»

    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتىلىرىڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىنداشلىرىڭلار، خوتۇنلىرىڭلار، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىڭلار، تاپقان پۇل ـ ماللىرىڭلار، ئاقماي قېلىشىدىن ئەنسىرگەن تىجارىتىڭلار، ياخشى كۆرۈدىغان ئۆيلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشتىنمۇ سۆيۈملۈك بولسا، ئۇ ھالدا سىلەر تاكى ئاللاھ ئۆز ئەمرىنى كەلتۈرگىچە كۈتۈپ تۇرۇڭلار. ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ» [24].

  25. (9-سۈرە تەۋبە، 25-ئايەت)
    لَقَدْ نَصَرَكُمُ اللَّهُ فِي مَوَاطِنَ كَثِيرَةٍ ۙ وَيَوْمَ حُنَيْنٍ ۙ إِذْ أَعْجَبَتْكُمْ كَثْرَتُكُمْ فَلَمْ تُغْنِ عَنْكُمْ شَيْئًا وَضَاقَتْ عَلَيْكُمُ الْأَرْضُ بِمَا رَحُبَتْ ثُمَّ وَلَّيْتُمْ مُدْبِرِينَ
    ئاللاھ سىلەرگە نۇرغۇن جەڭ مەيدانلىرىدا ۋە ھۈنەين كۈنىدە (يەنى جېڭىدە) ھەقىقەتەن ياردەم بەردى. ئەينى ۋاقىتتا سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكىدىن خۇشاللىنىپ كەتتىڭلار (يەنى بۈگۈن بىزنىڭ سانىمىز كۆپ، مەغلۇپ بولمايمىز دېدىڭلار، بۇ چاغدا سىلەرنىڭ سانىڭلار 12 مىڭ، دۈشمىنىڭلارنىڭ سانى 4000 ئىدى)، سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكى سىلەرگە قىلچە ئەسقاتمىدى. (قاتتىق قورققىنىڭلاردىن) كەڭ زېمىن سىلەرگە تار تۇيۇلدى. ئاندىن (مەغلۇپ بولۇپ، رەسۇلۇللاھنى ئازغىنا مۆمىنلەر بىلەن تاشلاپ) ئارقاڭلارغا قاراپ قاچتىڭلار

    ئاللاھ سىلەرگە نۇرغۇن جەڭ مەيدانلىرىدا ۋە ھۇنەين جېڭى كۈنىدە ھەقىقەتەن ياردەم بەردى. ئەينى ۋاقىتتا سانىڭلارنىڭ كۆپلۈكى سىلەرنى مەغرۇرلاندۇرغان ئىدى، بۇ سىلەرگە قىلچە ئەسقاتمىدى. شۇنچە كەڭ زېمىن سىلەرگە تار تۇيۇلدى. ئاندىن ئارقاڭلارغا قاراپ قاچتىڭلار [25].

  26. (9-سۈرە تەۋبە، 26-ئايەت)
    ثُمَّ أَنْزَلَ اللَّهُ سَكِينَتَهُ عَلَىٰ رَسُولِهِ وَعَلَى الْمُؤْمِنِينَ وَأَنْزَلَ جُنُودًا لَمْ تَرَوْهَا وَعَذَّبَ الَّذِينَ كَفَرُوا ۚ وَذَٰلِكَ جَزَاءُ الْكَافِرِينَ
    ئاندىن ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە (مەرھەمەت قىلىپ) خاتىرجەملىك بېغىشلىدى، سىلەرگە قوشۇنلارنى (يەنى سىلەرگە ياردەمگە پەرىشتىلەرنى) چۈشۈردى، ئۇلارنى سىلەر كۆرمىدىڭلار (شۇنىڭ بىلەن سىلەر غەلىبە قىلدىڭلار)، ئاللاھ كاپىرلارنى (ئۆلتۈرۈش ۋە ئەسىر ئېلىنىش بىلەن) ئازابلىدى، كاپىرلارنىڭ جازاسى ئەنە شۇ

    ئاندىن ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە خاتىرجەملىك بېغىشلىدى، سىلەرگە سىلەر كۆرۈپ باقمىغان قوشۇنلارنى (يەنى ياردەمچى پەرىشتىلەرنى) چۈشۈردى، ئاللاھ كافىرلارنى ئازابلىدى، كافىرلارنىڭ جازاسى ئەنە شۇدۇر [26].

  27. (9-سۈرە تەۋبە، 27-ئايەت)
    ثُمَّ يَتُوبُ اللَّهُ مِنْ بَعْدِ ذَٰلِكَ عَلَىٰ مَنْ يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
    شۇنىڭدىن كېيىن، ئاللاھ خالىغان ئادەمگە تەۋبىنى نېسىپ قىلىدۇ (يەنى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە مۇۋەپپەق قىلىدۇ). ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر

    شۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ خالىغان ئادەمگە تەۋبىنى نېسىپ قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر [27].

  28. (9-سۈرە تەۋبە، 28-ئايەت)
    يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّمَا الْمُشْرِكُونَ نَجَسٌ فَلَا يَقْرَبُوا الْمَسْجِدَ الْحَرَامَ بَعْدَ عَامِهِمْ هَٰذَا ۚ وَإِنْ خِفْتُمْ عَيْلَةً فَسَوْفَ يُغْنِيكُمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ إِنْ شَاءَ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
    ئى مۆمىنلەر! مۇشرىكلار (ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى، ئېتىقادى بوزۇق بولغانلىقلىرى ئۈچۈن) پەقەت نىجىستۇر. مۇشۇ يىلدىن (يەنى ھىجرىيەنىڭ 9 ـ يىلىدىن) كېيىن ئۇلار مەسجىدى ھەرەمغا (ھەرەمگە) يېقىنلاشمىسۇن (يەنى ھەج قىلمىسۇن، ئۆمرە قىلمىسۇن). ئەگەر سىلەر (ئى مۆمىنلەر! مۇشرىكلارنىڭ ھەرەمگە كىرىشتىن مەنئى قىلىنىشى بىلەن) پېقىرلىقتىن قورقساڭلار، ئاللاھ خالىسا ئۆز پەزلى بىلەن سىلەرنى باي قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (سىلەرگە پايدىلىق ئىشلارنى) بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

    ئى مۆمىنلەر! پەقەت مۇشرىكلار نىجىستۇر، مۇشۇ يىلدىن (يەنى ھىجرىيىنىڭ 9 ـ يىلىدىن) كېيىن ئۇلار ھەرەم مەسجىدىگە يېقىنلاشمىسۇن. (ئى مۆمىنلەر!) ئەگەر سىلەر (مۇشرىكلارنىڭ ھەرەمگە كىرمەسلىكى بىلەن) پېقىر بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىسەڭلار، ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى ئۇزاققا قالماي ئۆز پەزلى بىلەن باي قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [28].

  29. (9-سۈرە تەۋبە، 29-ئايەت)
    قَاتِلُوا الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَلَا بِالْيَوْمِ الْآخِرِ وَلَا يُحَرِّمُونَ مَا حَرَّمَ اللَّهُ وَرَسُولُهُ وَلَا يَدِينُونَ دِينَ الْحَقِّ مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ حَتَّىٰ يُعْطُوا الْجِزْيَةَ عَنْ يَدٍ وَهُمْ صَاغِرُونَ
    سىلەر ئەھلى كىتابتىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلار (يەھۇدىيلار ئۇزەيرىنى ئاللاھنىڭ ئوغلى، ناسارالار ئىيسانى ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ ئېتىقاد قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئېتىقاد قىلىمىز دېگەن بىلەنمۇ ئېتىقاد قىلمىغاننىڭ ئورنىدىدۇر) بىلەن، ئاللاھ (ئۆزىنىڭ كىتابىدا) ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ (سۈننىتىدە) ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھارام بىلمەيدىغانلار ۋە ھەق دىن (يەنى ئىسلام دىنى) غا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار بىلەن، تاكى ئۇلار سىلەرگە بويسۇنۇپ خار ھالدا جىزىيە تۆلىگەنگە قەدەر، ئۇرۇش قىلىڭلار

    سىلەر ئەھلى كىتابتىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلار بىلەن، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھارام دەپ بىلمەيدىغانلار ۋە ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار بىلەن، تاكى ئۇلار سىلەرگە بويسۇنۇپ ياۋاشلىق بىلەن كېچىكتۈرمەي جىزيە تۆلىگەنگە قەدەر ئۇرۇش قىلىڭلار [29].

  30. (9-سۈرە تەۋبە، 30-ئايەت)
    وَقَالَتِ الْيَهُودُ عُزَيْرٌ ابْنُ اللَّهِ وَقَالَتِ النَّصَارَى الْمَسِيحُ ابْنُ اللَّهِ ۖ ذَٰلِكَ قَوْلُهُمْ بِأَفْوَاهِهِمْ ۖ يُضَاهِئُونَ قَوْلَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ قَبْلُ ۚ قَاتَلَهُمُ اللَّهُ ۚ أَنَّىٰ يُؤْفَكُونَ
    يەھۇدىيلار: «ئۈزەير ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر» دېدى، ناسارالار: «مەسىھ (يەنى ئىيسا) ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر» دېدى. بۇ، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكى (دەلىلسىز) سۆزىدۇر، (ئۇلارنىڭ سۆزلىرى) ئىلگىرىكى كاپىرلارنىڭ (يەنى مۇشرىكلارنىڭ: «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرىدۇر» دېگەن) سۆزلىرىگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلسۇنكى، (ئاللاھنىڭ بالىسى يوقلۇقىغا روشەن دەلىل تۇرسا، ھەقىقەتتىن باتىلغا بۇرۇلۇپ) ئۇلار قانداقمۇ (ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ) ئاللاھقا يالغان چاپلايدۇ

    يەھۇدىيلار: «ئۇزەير ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر» دېدى، ناسارالار: «مەسىھ (يەنى ئىيسا) ئاللاھنىڭ ئوغلىدۇر» دېدى، بۇ ئۇلارنىڭ ئاغزىدىكىلا سۆزدۇر، (بۇ) ئىلگىرىكى كافىرلارنىڭ: («پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرىدۇر» دېگەن) سۆزلىرىگە ئوخشايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلسۇنكى، (ئاللاھنىڭ بالىسى يوقلۇقى ئېنىق تۇرسا) ئۇلار قانداقمۇ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ؟ [30].

  31. (9-سۈرە تەۋبە، 31-ئايەت)
    اتَّخَذُوا أَحْبَارَهُمْ وَرُهْبَانَهُمْ أَرْبَابًا مِنْ دُونِ اللَّهِ وَالْمَسِيحَ ابْنَ مَرْيَمَ وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا إِلَٰهًا وَاحِدًا ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۚ سُبْحَانَهُ عَمَّا يُشْرِكُونَ
    ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھىبرىلىرىنى، راھىبلىرىنى (يەھۇدىيلار بىلەن ناسارالارنىڭ دىنىي باشلىقلىرىنى، ئۆلىمالىرىنى) ۋە مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى. (ھالبۇكى) ئۇلار (پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق) پەقەت بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا (يەنى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن باشقا) ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرىدىن پاكتۇر

    ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىمالىرىنى، ئابىدلىرىنى ۋە مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى. (ھالبۇكى) ئۇلار پەقەت بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىرىدىن پاكتۇر [31].

  32. (9-سۈرە تەۋبە، 32-ئايەت)
    يُرِيدُونَ أَنْ يُطْفِئُوا نُورَ اللَّهِ بِأَفْوَاهِهِمْ وَيَأْبَى اللَّهُ إِلَّا أَنْ يُتِمَّ نُورَهُ وَلَوْ كَرِهَ الْكَافِرُونَ
    ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار، يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) ئاللاھنىڭ نۇرىنى (يەنى ئىسلام دىنىنى) ئېغىزلىرى (يەنى يالغان ـ ياۋىداق بوھتانلىرى) بىلەن ئۆچۈرمەكچى بولىدۇ، ئاللاھ ئۆز نۇرىنى ئۈستۈن قىلماي قالمايدۇ، كاپىرلار (بۇنى) يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ

    ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى (يەنى ئىسلام دىنىنى) ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرمەكچى بولىدۇ، كافىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ئۆز نۇرىنى بەركامال قىلماي قالمايدۇ [32].

  33. (9-سۈرە تەۋبە، 33-ئايەت)
    هُوَ الَّذِي أَرْسَلَ رَسُولَهُ بِالْهُدَىٰ وَدِينِ الْحَقِّ لِيُظْهِرَهُ عَلَى الدِّينِ كُلِّهِ وَلَوْ كَرِهَ الْمُشْرِكُونَ
    ئاللاھ ھەق دىن (ئىسلام) نى بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تولۇق) ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى، مۇشرىكلار ئۇنىڭ (ئۈستۈن بولۇشىنى) يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ

    مۇشرىكلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ھەق دىننى بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)نى ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى. [33].

  34. (9-سۈرە تەۋبە، 34-ئايەت)
    يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِنَّ كَثِيرًا مِنَ الْأَحْبَارِ وَالرُّهْبَانِ لَيَأْكُلُونَ أَمْوَالَ النَّاسِ بِالْبَاطِلِ وَيَصُدُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۗ وَالَّذِينَ يَكْنِزُونَ الذَّهَبَ وَالْفِضَّةَ وَلَا يُنْفِقُونَهَا فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَبَشِّرْهُمْ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
    ئى مۆمىنلەر! ھىبرىلەر ۋە راھىبلاردىن (يەھۇدىي ۋە ناسارا ئۆلىمالىرىدىن) نۇرغۇنلىرى كىشىلەرنىڭ پۇل ـ ماللىرىنى ھەقىقەتەن ھارام يەيدۇ، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشتىن توسىدۇ، ئالتۇن ـ كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا (دوزاختا بولىدىغان) قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن

    ئى مۆمىنلەر! يەھۇدىي ۋە ناسارا ئۆلىمالىرىدىن نۇرغۇنلىرى كىشىلەرنىڭ پۇل ـ ماللىرىنى ھەقىقەتەن ھارام يەيدۇ، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشتىن توسىدۇ، (ئى مۇھەممەد!) ئالتۇن ـ كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن [34].

  35. (9-سۈرە تەۋبە، 35-ئايەت)
    يَوْمَ يُحْمَىٰ عَلَيْهَا فِي نَارِ جَهَنَّمَ فَتُكْوَىٰ بِهَا جِبَاهُهُمْ وَجُنُوبُهُمْ وَظُهُورُهُمْ ۖ هَٰذَا مَا كَنَزْتُمْ لِأَنْفُسِكُمْ فَذُوقُوا مَا كُنْتُمْ تَكْنِزُونَ
    ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇ ئالتۇن ـ كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پېشانىلىرى ، يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا: «بۇ سىلەرنىڭ ئۆزەڭلار ئۈچۈن يىغقان ئالتۇن ـ كۈمۈشۈڭلار (سىلەر بۇ دۇنيالىرىڭلاردىكى ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىدىڭلار). يىغقان ئالتۇن ـ كۈمۈشۈڭلارنىڭ ۋابالىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ

    ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇ ئالتۇن ـ كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پېشانىلىرى، بىقىنىلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا: «بۇ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يىغقان ئالتۇن ـ كۈمۈشۈڭلار، يىغقان ئالتۇن ـ كۈمۈشۈڭلارنىڭ دەردىنى تارتىڭلار» دېيىلىدۇ [35].

  36. (9-سۈرە تەۋبە، 36-ئايەت)
    إِنَّ عِدَّةَ الشُّهُورِ عِنْدَ اللَّهِ اثْنَا عَشَرَ شَهْرًا فِي كِتَابِ اللَّهِ يَوْمَ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ مِنْهَا أَرْبَعَةٌ حُرُمٌ ۚ ذَٰلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ ۚ فَلَا تَظْلِمُوا فِيهِنَّ أَنْفُسَكُمْ ۚ وَقَاتِلُوا الْمُشْرِكِينَ كَافَّةً كَمَا يُقَاتِلُونَكُمْ كَافَّةً ۚ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ مَعَ الْمُتَّقِينَ
    شۈبھىسىزكى، ئاسمان ۋە زېمىن يارىتىلغاندىن تارتىپ (قەمەرى) ئايلارنىڭ سانى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) 12 دۇر، ئۇلاردىن تۆتى (يەنى زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم، رەجەپ) ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان ئايلاردۇر، بۇ توغرا دىندۇر (يەنى مەزكۇر تۆت ئايدا ئۇرۇشنىڭ ھارام قىلىنىشى ئاللاھنىڭ توغرا دىنىدۇر)، بۇ ئايلاردا (ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق بىلەن، ئاللاھ چەكلىگەن گۇناھ ئىشلارنى قىلىش بىلەن) ئۆزۈڭلارغا زىيان سالماڭلار، مۇشرىكلار سىلەرگە بىرلىكتە ھۇجۇم قىلغاندەك، سىلەرمۇ ئۇلارغا قارشى بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈش، مەنئى قىلغان ئىشلىرىدىن چەكلىنىش بىلەن ئاللاھتىن قورققۇچىلارغا ئاللاھنىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىدە بولۇڭلار)

    شۈبھىسىزكى، ئاسمان ۋە زېمىن يارىتىلغاندىن تارتىپ ئايلارنىڭ سانى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) ئون ئىككىدۇر، ئۇلاردىن تۆتى (يەنى زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم، رەجەپ) ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان ئايلاردۇر، بۇ توغرا دىندۇر، بۇ ئايلاردا (ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىپ) ئۆزۈڭلارغا زىيان سالماڭلار. مۇشرىكلار سىلەرگە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلغاندەك، سىلەرمۇ ئۇلارغا قارشى ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر [36].

  37. (9-سۈرە تەۋبە، 37-ئايەت)
    إِنَّمَا النَّسِيءُ زِيَادَةٌ فِي الْكُفْرِ ۖ يُضَلُّ بِهِ الَّذِينَ كَفَرُوا يُحِلُّونَهُ عَامًا وَيُحَرِّمُونَهُ عَامًا لِيُوَاطِئُوا عِدَّةَ مَا حَرَّمَ اللَّهُ فَيُحِلُّوا مَا حَرَّمَ اللَّهُ ۚ زُيِّنَ لَهُمْ سُوءُ أَعْمَالِهِمْ ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْكَافِرِينَ
    ئاينى ئارقىغا سۈرۈش (يەنى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئاينى باشقا بىر ئايغا ئۆزگەرتىپ، يىلنىڭ 12 ئېيىنى 13 ئايغا كۆپەيتىش) كۇفرىنى زىيادە قىلىشتۇر، بۇنىڭ بىلەن كاپىرلار ئازدۇرۇلىدۇ؛ ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان ئايلارنىڭ سانىغا مۇۋاپىقلىشىش ئۈچۈن، ئۇنى بىر يىل ھالال قىلسا، ئىككىنچى يىل ھارام قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان ئاينى ھالال قىلىدۇ. ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ يامان ئەمەللىرى چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئاللاھ كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ

    (ئۇرۇش قىلىش ھارام قىلىنغان) ئاينى ئارقىغا سۈرۈش ھەقىقەتەن كۇفردا ھەددىدىن ئېشىشتۇر، بۇنىڭ بىلەن كافىرلار ئازدۇرۇلىدۇ؛ ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان ئايلارنىڭ سانىغا مۇۋاپىقلىشىش ئۈچۈن، ئۇنى بىر يىل ھالال قىلسا، ئىككىنچى يىلى ھارام قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان ئاينى ھالال قىلىدۇ، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ يامان ئەمەللىرى چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئاللاھ كافىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ [37].

  38. (9-سۈرە تەۋبە، 38-ئايەت)
    يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا مَا لَكُمْ إِذَا قِيلَ لَكُمُ انْفِرُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ اثَّاقَلْتُمْ إِلَى الْأَرْضِ ۚ أَرَضِيتُمْ بِالْحَيَاةِ الدُّنْيَا مِنَ الْآخِرَةِ ۚ فَمَا مَتَاعُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا فِي الْآخِرَةِ إِلَّا قَلِيلٌ
    ئى مۆمىنلەر! سىلەرگە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىشقا چىقىڭلار دېيىلسە، نېمىشقا يۇرتۇڭلاردىن ئايرىلغىڭلار كەلمەيدۇ؟ دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەتتىكى (بەخت) بىلەن تېگىشىشكە رازى بولدۇڭلارمۇ؟ دۇنيا ھاياتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئاخىرەتنىڭ نېمەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، (پايدىسى) ئاز نەرسىدۇر

    ئى مۆمىنلەر! سىلەرگە ئاللاھنىڭ يولىدا جىھادقا چىقىڭلار دېيىلسە، نېمىشقا يۇرتۇڭلاردىن ئايرىلغۇڭلار كەلمەيدۇ؟ دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەتتىكى بەخت بىلەن تېگىشىشكە رازى بولدۇڭلارمۇ؟ دۇنيا ھاياتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئاخىرەتنىڭ نېمەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا پەقەت ئەرزىمەس نەرسىدۇر [38].

  39. (9-سۈرە تەۋبە، 39-ئايەت)
    إِلَّا تَنْفِرُوا يُعَذِّبْكُمْ عَذَابًا أَلِيمًا وَيَسْتَبْدِلْ قَوْمًا غَيْرَكُمْ وَلَا تَضُرُّوهُ شَيْئًا ۗ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
    ئەگەر سىلەر جىھادقا چىقمىساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە قاتتىق ئازاب قىلىدۇ. (سىلەرنى ھالاك قىلىپ) ئورنۇڭلارغا سىلەردىن باشقا قەۋمنى كەلتۈرىدۇ، سىلەر ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر

    ئەگەر سىلەر جىھادقا چىقمىساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە قاتتىق ئازاب قىلىدۇ. (سىلەرنى ھالاك قىلىپ) ئورنۇڭلارغا سىلەردىن باشقا قەۋمنى كەلتۈرىدۇ. سىلەر ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر. چۈنكى، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر [39].

  40. (9-سۈرە تەۋبە، 40-ئايەت)
    إِلَّا تَنْصُرُوهُ فَقَدْ نَصَرَهُ اللَّهُ إِذْ أَخْرَجَهُ الَّذِينَ كَفَرُوا ثَانِيَ اثْنَيْنِ إِذْ هُمَا فِي الْغَارِ إِذْ يَقُولُ لِصَاحِبِهِ لَا تَحْزَنْ إِنَّ اللَّهَ مَعَنَا ۖ فَأَنْزَلَ اللَّهُ سَكِينَتَهُ عَلَيْهِ وَأَيَّدَهُ بِجُنُودٍ لَمْ تَرَوْهَا وَجَعَلَ كَلِمَةَ الَّذِينَ كَفَرُوا السُّفْلَىٰ ۗ وَكَلِمَةُ اللَّهِ هِيَ الْعُلْيَا ۗ وَاللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
    ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم قىلمىساڭلار (ئاللاھ ياردەم قىلىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا كاپىرلار ئۇنى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقارغان ئىدى. ئۇنىڭغا پەقەت بىر كىشى (يەنى ئەبۇبەكرى سىددىق) ھەمراھ ئىدى. ئەينى زاماندا ئۇ ئىككىسى غاردا ئىدى. (رەسۇلۇللاھ) ھەمراھىغا: «غەم قىلمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بىز بىلەن بىللە» دەيتتى، ئاللاھ ئۇنىڭغا (يەنى پەيغەمبىرىگە) خاتىرجەملىك بېغىشلىدى، ئۇنىڭغا (پەرىشتىلەردىن بولغان) قوشۇنلار بىلەن مەدەت بەردى، ئۇلارنى سىلەر كۆرمىدىڭلار، كاپىرلارنىڭ سۆزىنى (يەنى شېرىك كەلىمىسىنى) پەس قىلدى، ئاللاھنىڭ سۆزى (يەنى كەلىمە تەۋھىد) ئۈستۈندۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

    ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم قىلمىساڭلار (ئاللاھ ياردەم قىلىدۇ)، ئۆز ۋاقتىدا كافىرلار ئۇنى (مەككىدىن) پەقەت بىرلا كىشىنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەيدەپ چىقارغاندا، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ياردەم قىلغان ئىدى. ئۇ ئىككىسى غاردىكى ۋاقتىدا (رەسۇلۇللاھ) ھەمراھىغا: «غەم قىلمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بىز بىلەن بىللە» دېگەندە، ئاللاھ ئۇنىڭغا خاتىرجەملىك بېغىشلىغان، ئۇنىڭغا سىلەر كۆرمىگەن (پەرىشتىلەردىن بولغان) قوشۇنلار بىلەن مەدەت بەرگەن، كافىرلارنىڭ سۆزىنى ئەڭ پەس قىلغان ئىدى. ئاللاھنىڭ سۆزى بولسا ئەڭ ئۈستۈندۇر. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [40].

  41. (9-سۈرە تەۋبە، 41-ئايەت)
    انْفِرُوا خِفَافًا وَثِقَالًا وَجَاهِدُوا بِأَمْوَالِكُمْ وَأَنْفُسِكُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ۚ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
    (ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) سىلەر يىنىك بولغان ياكى ئېغىر بولغان ھالەتتە (يەنى مەيلى ياش ـ قېرى، پىيادە، ئۇلاغلىق بولۇڭلار ، ئوڭۇشلۇق ۋە قىيىن شارائىتتا بولۇڭلار ، ئىختىيارىي ۋە ئىختىيارسىز بولۇڭلار ، ھەممە ئەھۋالدا) جىھادقا چىقىڭلار، ئاللاھنىڭ يولىدا مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار مۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر

    (ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) سىلەر يەڭگىل بولغان ھالەتتىمۇ، ئېغىر بولغان ھالەتتىمۇ جىھادقا چىقىڭلار، ئاللاھنىڭ يولىدا پۇل-مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار، مۇشۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر [41].

  42. (9-سۈرە تەۋبە، 42-ئايەت)
    لَوْ كَانَ عَرَضًا قَرِيبًا وَسَفَرًا قَاصِدًا لَاتَّبَعُوكَ وَلَٰكِنْ بَعُدَتْ عَلَيْهِمُ الشُّقَّةُ ۚ وَسَيَحْلِفُونَ بِاللَّهِ لَوِ اسْتَطَعْنَا لَخَرَجْنَا مَعَكُمْ يُهْلِكُونَ أَنْفُسَهُمْ وَاللَّهُ يَعْلَمُ إِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ
    ئەگەر (ئۇلارنىڭ دەۋەت قىلىنغىنى) ئاسان قولغا كېلىدىغان غەنىيمەت ۋە (يىراق ئەمەس) ئوتتۇراھال سەپەر بولىدىغان بولسا، ئۇلار چوقۇم ساڭا ئەگىشىپ (غەنىيمەت ئېلىش مەقسىتىدە) چىقاتتى. لېكىن، بۇ ئارىلىق ئۇلارغا يىراق بىلىندى. ئۇلار ئاللاھ بىلەن قەسەم ئىچىپ: «ئەگەر چىقىشقا قادىر بولالىغان بولساق، ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىللە چىقاتتۇق» دەيدۇ، ئۇلار (يالغان قەسەملىرى تۈپەيلىدىن) ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ھالاك قىلىدۇ. ئاللاھ بىلىدۇكى، ئۇلار شەك ـ شۈبھىسىز يالغانچىلاردۇر

    ئەگەر ئۇلار دەۋەت قىلىنغان بۇ ئىش ئاسان قولغا كېلىدىغان غەنىيمەت ۋە ئوتتۇراھال (ئۇزاق بولمىغان) سەپەر بولىدىغان بولسا، ئۇلار چوقۇم ساڭا ئەگىشىپ چىقاتتى. لېكىن، بۇ ئارىلىق ئۇلارغا يىراق بىلىندى. ئۇلار: «ئەگەر چىقىشقا قادىر بولالىغان بولساق، ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىللە چىقاتتۇق» دەپ ئاللاھنىڭ نامىدا قەسەم ئىچىپ، ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلىدۇ. ئاللاھ بىلىدۇكى، ئۇلار شەك ـ شۈبھىسىز يالغانچىلاردۇر [42].

  43. (9-سۈرە تەۋبە، 43-ئايەت)
    عَفَا اللَّهُ عَنْكَ لِمَ أَذِنْتَ لَهُمْ حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَكَ الَّذِينَ صَدَقُوا وَتَعْلَمَ الْكَاذِبِينَ
    (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھ سېنى كەچۈردى، (ئۆزرىسىدە) راستچىللار بىلەن يالغانچىلار (ساڭا ئېنىق بولمىغىچە نېمىشقا ئۇلارغا چىقماسلىققا) رۇخسەت بەردىڭ

    (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھ سېنى كەچۈردى، (ئۆزرىسىدە) راستچىللار ساڭا ئېنىق بولمىغۇچە ۋە سەن يالغانچىلارنى بىلمىگۈچە، نېمىشقا ئۇلارغا (چىقماسلىققا) رۇخسەت بەردىڭ؟ [43].

  44. (9-سۈرە تەۋبە، 44-ئايەت)
    لَا يَسْتَأْذِنُكَ الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ أَنْ يُجَاهِدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِالْمُتَّقِينَ
    (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغانلار سەندىن ماللىرى بىلەن ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلىشقا رۇخسەت سورىمايدۇ. ئاللاھ تەقۋادارلارنى ئوبدان بىلىدۇ

    (ئى مۇھەممەد!) ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغانلار سەندىن پۇل-ماللىرى بىلەن ۋە جانلىرى بىلەن جىھادقا چىقىشتىن رۇخسەت سورىمايدۇ. ئاللاھ تەقۋادارلارنى ئوبدان بىلىدۇ [44].

  45. (9-سۈرە تەۋبە، 45-ئايەت)
    إِنَّمَا يَسْتَأْذِنُكَ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَارْتَابَتْ قُلُوبُهُمْ فَهُمْ فِي رَيْبِهِمْ يَتَرَدَّدُونَ
    (ئى مۇھەممەد!) پەقەت ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلار، دىللىرىدا (ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ۋە سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە) گۇمانى بارلار سەندىن رۇخسەت سورايدۇ، ئۇلار ئۆز گۇمانىدا تېڭىرقاپ يۈرىدۇ

    (ئى مۇھەممەد) سەندىن پەقەت ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان ھەم دىلىدا گۇمانى بار كىشىلەرلا رۇخسەت سورايدۇ، ئۇلار ئۆز گۇمانىدا تېڭىرقاپ يۈرىدۇ [45].

  46. (9-سۈرە تەۋبە، 46-ئايەت)
    وَلَوْ أَرَادُوا الْخُرُوجَ لَأَعَدُّوا لَهُ عُدَّةً وَلَٰكِنْ كَرِهَ اللَّهُ انْبِعَاثَهُمْ فَثَبَّطَهُمْ وَقِيلَ اقْعُدُوا مَعَ الْقَاعِدِينَ
    ئەگەر ئۇلارنىڭ جىھادقا چىقىش نىيىتى بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلاتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ چىقىشىنى ياقتۇرمىدى، (ئۇلارنىڭ دىللىرىغا ھۇرۇنلۇقنى سېلىپ) ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇردى. (ئۇلارغا) «ئۆيلىرىدە قېلىپ قالغۇچىلار (يەنى ئاياللار، كىچىك بالىلار، ئاجىزلار) بىلەن قېلىڭلار» دېيىلدى

    ئەگەر ئۇلارنىڭ جىھادقا چىقىش نىيىتى بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا تولۇق تەييارلىق قىلاتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ چىقىشىنى ياقتۇرمىدى، شۇڭا ئۇلارنى (جىھادقا چىقىشتىن) توختىتىپ قويدى. (ئۇلارغا) «ئۆيلىرىدە قېلىپ قالغۇچىلار (يەنى ئاياللار، كىچىك بالىلار، ئاجىزلار) بىلەن قېلىڭلار» دېيىلدى [46].

  47. (9-سۈرە تەۋبە، 47-ئايەت)
    لَوْ خَرَجُوا فِيكُمْ مَا زَادُوكُمْ إِلَّا خَبَالًا وَلَأَوْضَعُوا خِلَالَكُمْ يَبْغُونَكُمُ الْفِتْنَةَ وَفِيكُمْ سَمَّاعُونَ لَهُمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِالظَّالِمِينَ
    ئەگەر ئۇلار سىلەر بىلەن بىرلىكتە چىققان بولسا، ئاراڭلاردا پەقەت پىتنە ـ پاساتنى كۆپەيتەتتى، ئاراڭلارغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش ئۈچۈن چوقۇم سۇخەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىناتتى، ئاراڭلاردا ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغانلار بار. ئاللاھ زالىملارنى (يەنى مۇناپىقلارنىڭ ئىچى ـ تېشىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر

    ئەگەر ئۇلار سىلەر بىلەن بىرلىكتە چىققان بولسا، ئاراڭلاردا پەقەت پىتنە ـ پاساتنى كۆپەيتەتتى، ئاراڭلارغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش ئۈچۈن چوقۇم سۇخەنچىلىك قىلاتتى. ئاراڭلاردا ئۇلارنىڭ كۆز-قۇلاقلىرى بار، ئاللاھ (ئۇنداق) زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر [47].

  48. (9-سۈرە تەۋبە، 48-ئايەت)
    لَقَدِ ابْتَغَوُا الْفِتْنَةَ مِنْ قَبْلُ وَقَلَّبُوا لَكَ الْأُمُورَ حَتَّىٰ جَاءَ الْحَقُّ وَظَهَرَ أَمْرُ اللَّهِ وَهُمْ كَارِهُونَ
    ئىلگىرى ئۇلار تاكى ئاللاھنىڭ ياردىمى كەلگەنگە، ئاللاھنىڭ دىنى ئۈستۈنلۈك قازانغانغا قەدەر، ھەقىقەتەن، بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ئۇرۇنغان، ساڭا ھىيلە ـ مىكىرلەرنى ئىشلەتكەن ئىدى. ھالبۇكى، ئۇلار بۇنداق بولۇشىنى (يەنى دىننىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنى) يامان كۆرگۈچىلەردۇر

    (ئى مۇھەممەد!) ئىلگىرى ئۇلار تاكى ئاللاھنىڭ ياردىمى كەلگەنگە، ئاللاھنىڭ دىنى ئۈستۈنلۈك قازانغانغا قەدەر، ھەقىقەتەن، بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا ئورۇنغان، ساڭا ھىيلە ـ مىكىرلەرنى ئىشلەتكەن ئىدى، ھالبۇكى، ئۇلار بۇنداق بولۇشىنى (يەنى دىننىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنى) يامان كۆرگۈچىلەردۇر [48].

  49. (9-سۈرە تەۋبە، 49-ئايەت)
    وَمِنْهُمْ مَنْ يَقُولُ ائْذَنْ لِي وَلَا تَفْتِنِّي ۚ أَلَا فِي الْفِتْنَةِ سَقَطُوا ۗ وَإِنَّ جَهَنَّمَ لَمُحِيطَةٌ بِالْكَافِرِينَ
    ئۇلارنىڭ ئارىسىدا: «ماڭا (يەنى مېنىڭ قېلىشىمغا) رۇخسەت قىلغىن، مېنى بالاغا گىرىپتار قىلمىغىن» دېگۈچىلەرمۇ بار. ئەمەلدە ئۇلار (مۇناپىقلىقتىن ئىبارەت چوڭ) بالاغا گىرىپتار بولدى. شۈبھىسىزكى، جەھەننەم كاپىرلارنى ئوراپ تۇرغۇچىدۇر

    ئۇلارنىڭ ئارىسىدا: «ماڭا رۇخسەت قىلغىن، مېنى بالاغا گىرىپتار قىلمىغىن» دېگۈچىلەرمۇ بار. ئەمەلىيەتتە ئۇلار (مۇناپىقلىقتىن ئىبارەت) بالاغا گىرىپتار بولغان ئىدى. شۈبھىسىزكى، جەھەننەم كافىرلارنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر [49].

  50. (9-سۈرە تەۋبە، 50-ئايەت)
    إِنْ تُصِبْكَ حَسَنَةٌ تَسُؤْهُمْ ۖ وَإِنْ تُصِبْكَ مُصِيبَةٌ يَقُولُوا قَدْ أَخَذْنَا أَمْرَنَا مِنْ قَبْلُ وَيَتَوَلَّوْا وَهُمْ فَرِحُونَ
    ئەگەر سەن بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسەڭ، ئۇلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ؛ ئەگەر ساڭا بىرەر مۇسىبەت كەلسە: «ئىشنىڭ ئالدىنى ئالغان ئىكەنمىز» دېيىشىپ خۇشال قايتىشىدۇ

    ئەگەر سەن بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسەڭ، ئۇلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ؛ ئەگەر ساڭا بىرەر مۇسىبەت كەلسە، ئۇلار: «ئىشنىڭ ئالدىنى ئالغان ئىكەنمىز» دېيىشىپ خۇشال قايتىشىدۇ [50].

  51. (9-سۈرە تەۋبە، 51-ئايەت)
    قُلْ لَنْ يُصِيبَنَا إِلَّا مَا كَتَبَ اللَّهُ لَنَا هُوَ مَوْلَانَا ۚ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُؤْمِنُونَ
    ئېيتقىنكى، «بىزگە پەقەت ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان نەرسىسى يېتىدۇ، ئۇ بىزنىڭ مەدەتكارىمىزدۇر. مۆمىنلەر ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن (يەنى مۆمىنلەر ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن، ئۇندىن باشقا ھېچ ئەھەدىگە يۆلەنمىسۇن)»

    ئېيتقىنكى، «بىزگە پەقەت ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان نەرسىسى كېلىدۇ، ئاللاھ بىزنىڭ مەدەتكارىمىزدۇر. مۆمىنلەر ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن» [51].

  52. (9-سۈرە تەۋبە، 52-ئايەت)
    قُلْ هَلْ تَرَبَّصُونَ بِنَا إِلَّا إِحْدَى الْحُسْنَيَيْنِ ۖ وَنَحْنُ نَتَرَبَّصُ بِكُمْ أَنْ يُصِيبَكُمُ اللَّهُ بِعَذَابٍ مِنْ عِنْدِهِ أَوْ بِأَيْدِينَا ۖ فَتَرَبَّصُوا إِنَّا مَعَكُمْ مُتَرَبِّصُونَ
    ئېيتقىنكى، «سىلەر پەقەت بىزنىڭ (غەلىبە قىلىش ياكى شېھىت بولۇشتىن ئىبارەت) ئىككى خىل ياخشى ئاقىۋەتنىڭ بىرىگە ئېرىشىشىمىزنى كۈتۈۋاتىسىلەر، بىزمۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئۆز دەرگاھىدىن ئازاب چۈشۈرۈشنى ياكى بىزنىڭ قولىمىز ئارقىلىق سىلەرنى جازالىشىنى كۈتۈۋاتىمىز، سىلەرمۇ كۈتۈڭلار، بىزمۇ سىلەر بىلەن بىللە كۈتەيلى»

    ئېيتقىنكى، «سىلەر پەقەت بىزنىڭ (غەلىبە قىلىش ياكى شېھىت بولۇشتىن ئىبارەت) ئىككى خىل ياخشى ئاقىۋەتنىڭ بىرىگە ئېرىشىشىمىزنى كۈتۈۋاتىسىلەر، بىزمۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئۆز دەرگاھىدىن ئازاب چۈشۈرۈشىنى ياكى بىزنىڭ قولىمىز ئارقىلىق سىلەرنى جازالىشىنى كۈتۈۋاتىمىز، سىلەرمۇ كۈتۈڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە سىلەر بىلەن بىللە كۈتەيلى» [52].

  53. (9-سۈرە تەۋبە، 53-ئايەت)
    قُلْ أَنْفِقُوا طَوْعًا أَوْ كَرْهًا لَنْ يُتَقَبَّلَ مِنْكُمْ ۖ إِنَّكُمْ كُنْتُمْ قَوْمًا فَاسِقِينَ
    ئېيتقىنكى، «(ئى مۇناپىقلار جامائەسى!) سىلەر ئىختىيارىي ياكى مەجبۇرىي يوسۇندا (قانچىلىك پۇل ـ مال سەرپ قىلساڭلارمۇ) ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ، چۈنكى سىلەر ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان قەۋم بولدۇڭلار»

    ئېيتقىنكى، «(ئى مۇناپىقلار جامائەسى!) سىلەر ئىختىيارىي ياكى مەجبۇرىي يوسۇندا قانچىلىك پۇل ـ مال سەرپ قىلساڭلار، ئۇ ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ، چۈنكى سىلەر ئاللاھقا ئىتائەت قىلمىغان قەۋمسىلەر» [53].

  54. (9-سۈرە تەۋبە، 54-ئايەت)
    وَمَا مَنَعَهُمْ أَنْ تُقْبَلَ مِنْهُمْ نَفَقَاتُهُمْ إِلَّا أَنَّهُمْ كَفَرُوا بِاللَّهِ وَبِرَسُولِهِ وَلَا يَأْتُونَ الصَّلَاةَ إِلَّا وَهُمْ كُسَالَىٰ وَلَا يُنْفِقُونَ إِلَّا وَهُمْ كَارِهُونَ
    ئۇلارنىڭ بەرگەن نەپىقىلىرى شۇنىڭ ئۈچۈن قوبۇل بولمايدۇكى، ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىدۇ، نامازنى خۇش ياقماسلىق بىلەن ئوقۇيدۇ، (پۇل ـ مېلىنى) رازىلىق بىلەن بەرمەيدۇ

    ئۇلارنىڭ سەرپ قىلغانلىرى شۇنىڭ ئۈچۈن قوبۇل بولمايدۇكى، ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىدۇ، ناماز ئوقۇمايدۇ، ئوقۇسىمۇ خۇشياقمىغاندەك ئوقۇيدۇ؛ پۇل ـ مال سەرپ قىلمايدۇ، سەرپ قىلسىمۇ خالىمىغان ھالدا سەرپ قىلىدۇ [54].

  55. (9-سۈرە تەۋبە، 55-ئايەت)
    فَلَا تُعْجِبْكَ أَمْوَالُهُمْ وَلَا أَوْلَادُهُمْ ۚ إِنَّمَا يُرِيدُ اللَّهُ لِيُعَذِّبَهُمْ بِهَا فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَتَزْهَقَ أَنْفُسُهُمْ وَهُمْ كَافِرُونَ
    ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلكى ۋە ئەۋلادلىرى سېنى ئەجەبلەندۈرمىسۇن، ئاللاھ ئۇلارنى بۇ دۇنيادا شۇ نەرسىلەر بىلەن ئازابلاشنى ۋە ئۇلارنىڭ كاپىر پېتى جان ئۈزۈشىنى ئىرادە قىلىدۇ

    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلكى ۋە ئەۋلادى سېنى ئەجەبلەندۈرمىسۇن، ئاللاھ ئۇلارنى بۇ دۇنيادا شۇ نەرسىلەر بىلەن ئازابلاشنى ۋە ئۇلارنىڭ كافىر پېتى جان ئۈزۈشىنى ئىرادە قىلىدۇ [55].

  56. (9-سۈرە تەۋبە، 56-ئايەت)
    وَيَحْلِفُونَ بِاللَّهِ إِنَّهُمْ لَمِنْكُمْ وَمَا هُمْ مِنْكُمْ وَلَٰكِنَّهُمْ قَوْمٌ يَفْرَقُونَ
    ئۇلار: «بىز چوقۇم سىلەر (يەنى سىلەرگە ئوخشاش مۇسۇلمانلار) دىن» دەپ، ئاللاھ بىلەن قەسەم ئىچىدۇ. ئۇلار سىلەردىن ئەمەس، لېكىن ئۇلار (زىيان ـ زەخمەتكە ئۇچراشتىن قورقۇپ، ئاغزىدا مۇسۇلمان بولغان) قورقۇنچاق قەۋمدۇر

    ئۇلار: «بىز ئەلۋەتتە سىلەردىنمىز (يەنى سىلەرگە ئوخشاش مۇسۇلمان)» دەپ، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم ئىچىدۇ. ئۇلار ھەرگىز سىلەردىن ئەمەس، بەلكى ئۇلار قورقۇنچاق بىر قەۋمدۇر [56].

  57. (9-سۈرە تەۋبە، 57-ئايەت)
    لَوْ يَجِدُونَ مَلْجَأً أَوْ مَغَارَاتٍ أَوْ مُدَّخَلًا لَوَلَّوْا إِلَيْهِ وَهُمْ يَجْمَحُونَ
    ئەگەر ئۇلار بىرەر قورغان ياكى غار ۋە ياكى گەمىنى تاپسا ئىدى، ئۇلار شۇ تەرەپكە قاراپ ئەلۋەتتە يۈگۈرۈشكەن بولاتتى

    ئەگەر ئۇلار بىرەر پاناھگاھ ياكى غار ۋە ياكى گەمىنى تاپسا ئىدى، ئەلۋەتتە شۇ تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈشكەن بولاتتى [57].

  58. (9-سۈرە تەۋبە، 58-ئايەت)
    وَمِنْهُمْ مَنْ يَلْمِزُكَ فِي الصَّدَقَاتِ فَإِنْ أُعْطُوا مِنْهَا رَضُوا وَإِنْ لَمْ يُعْطَوْا مِنْهَا إِذَا هُمْ يَسْخَطُونَ
    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ بەزىسى سېنىڭ سەدىقە (ۋە غەنىيمەت) لەرنى تەقسىم قىلىشىڭنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇلارغا ئۇنىڭدىن بېرىلسە خۇش بولۇشىدۇ، بېرىلمىسە خاپا بولۇشىدۇ

    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ بەزىسى سېنىڭ سەدىقىلەرنى تەقسىم قىلىشىڭنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇلارغا ئۇنىڭدىن بېرىلسە، خۇش بولۇشىدۇ، بېرىلمىسە، خاپا بولۇشىدۇ [58].

  59. (9-سۈرە تەۋبە، 59-ئايەت)
    وَلَوْ أَنَّهُمْ رَضُوا مَا آتَاهُمُ اللَّهُ وَرَسُولُهُ وَقَالُوا حَسْبُنَا اللَّهُ سَيُؤْتِينَا اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ وَرَسُولُهُ إِنَّا إِلَى اللَّهِ رَاغِبُونَ
    ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارغا بەرگىنىگە رازى بولسا ۋە: «ئاللاھ بىزگە كۇپايە قىلىدۇ، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلىدۇ، بىز ھەقىقەتەن ئاللاھتىن (ئاللاھنىڭ پەزلىنى، ئېھسانىنى) ئۆتۈنۈپ سورىغۇچىلارمىز» دېسە، ئەلۋەتتە، ئۇلار ئۈچۈن ياخشى بولاتتى

    ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارغا بەرگىنىگە رازى بولسا ۋە: «ئاللاھ بىزگە كۇپايە قىلىدۇ، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلىدۇ، بىز ھەقىقەتەن ئاللاھتىن يېلىنىپ سورىغۇچىلارمىز» دېسە، ئەلۋەتتە، ئۇلار ئۈچۈن ياخشى بولاتتى [59].

  60. (9-سۈرە تەۋبە، 60-ئايەت)
    إِنَّمَا الصَّدَقَاتُ لِلْفُقَرَاءِ وَالْمَسَاكِينِ وَالْعَامِلِينَ عَلَيْهَا وَالْمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمْ وَفِي الرِّقَابِ وَالْغَارِمِينَ وَفِي سَبِيلِ اللَّهِ وَابْنِ السَّبِيلِ ۖ فَرِيضَةً مِنَ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
    زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، ئىنسانلارنى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈشكە، قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، ئىبن سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

    زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، (قايتۇرۇش ئىقتىدارى يوق) قەرزدارلارغا، ئاللاھنىڭ يولىغا، يول خىراجىتىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇساپىرلارغا بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [60].

  61. (9-سۈرە تەۋبە، 61-ئايەت)
    وَمِنْهُمُ الَّذِينَ يُؤْذُونَ النَّبِيَّ وَيَقُولُونَ هُوَ أُذُنٌ ۚ قُلْ أُذُنُ خَيْرٍ لَكُمْ يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَيُؤْمِنُ لِلْمُؤْمِنِينَ وَرَحْمَةٌ لِلَّذِينَ آمَنُوا مِنْكُمْ ۚ وَالَّذِينَ يُؤْذُونَ رَسُولَ اللَّهِ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
    ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پەيغەمبەرگە (سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق) ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ ۋە (پەيغەمبەرنى) «ئاڭلىغان نەرسىسىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىدۇ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «(دۇرۇس، ئۇ) سىلەرگە پايدىلىق سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئىشىنىدۇ، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىدۇ، مۆمىنلەرنىڭ سۆزىگە (ئۇلارنىڭ ئىخلاسىنى بىلگەنلىكتىن) ئىشىنىدۇ، ئۇ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن رەھمەتتۇر». ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ

    ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پەيغەمبەرگە ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ ۋە (پەيغەمبەرنى) «ئاڭلىغىنىغا ئىشىنىۋېرىدىغان قۇلاق» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «ئۇ سىلەرگە پايدىلىق بولغان ياخشى سۆزلەرنى ئاڭلايدىغان قۇلاقتۇر، ئۇ ئاللاھنىڭ سۆزىگە ئىشىنىدۇ، مۆمىنلەرنىڭ سۆزىگە ئىشىنىدۇ، ئۇ سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن رەھمەتتۇر» ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ [61].

  62. (9-سۈرە تەۋبە، 62-ئايەت)
    يَحْلِفُونَ بِاللَّهِ لَكُمْ لِيُرْضُوكُمْ وَاللَّهُ وَرَسُولُهُ أَحَقُّ أَنْ يُرْضُوهُ إِنْ كَانُوا مُؤْمِنِينَ
    ئۇلار سىلەرنى رازى قىلىش ئۈچۈن (پەيغەمبەرگە تېگىدىغان گەپنى قىلمىدۇق دەپ) ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلار راستىنلا مۆمىن بولىدىغان بولسا، ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رازى قىلىشلىرى كېرەك ئىدى

    ئۇلار سىلەرنى رازى قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلار راستتىنلا مۆمىن بولىدىغان بولسا، ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رازى قىلىشى تېخىمۇ لازىم ئىدى [62].

  63. (9-سۈرە تەۋبە، 63-ئايەت)
    أَلَمْ يَعْلَمُوا أَنَّهُ مَنْ يُحَادِدِ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَأَنَّ لَهُ نَارَ جَهَنَّمَ خَالِدًا فِيهَا ۚ ذَٰلِكَ الْخِزْيُ الْعَظِيمُ
    (بۇ مۇناپىقلار) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە كىمكى قارشىلىق كۆرسىتىدىكەن، ئۇنىڭ دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى، دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ئەنە شۇ چوڭ رەسۋالىقتۇر

    كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشىلىق كۆرسىتىدىكەن، ئۇنىڭ دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى، دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلىقىنى ئۇلار بىلمەمدۇ؟ ئەنە شۇ چوڭ رەسۋالىقتۇر [63].

  64. (9-سۈرە تەۋبە، 64-ئايەت)
    يَحْذَرُ الْمُنَافِقُونَ أَنْ تُنَزَّلَ عَلَيْهِمْ سُورَةٌ تُنَبِّئُهُمْ بِمَا فِي قُلُوبِهِمْ ۚ قُلِ اسْتَهْزِئُوا إِنَّ اللَّهَ مُخْرِجٌ مَا تَحْذَرُونَ
    مۇناپىقلار ئۆزلىرى توغرىسىدا بىرەر سۈرە نازىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى (يەنى نىفاقنى) مۆمىنلەرگە پاش قېلىشىدىن قورقىدۇ. ئېيتقىنكى، «سىلەر (ئاللاھنىڭ دىنىنى خالىغىنىڭلارچە) مەسخىرە قىلىڭلار، سىلەر (پاش بولۇشتىن) قورقىدىغان نەرسىنى (يەنى مۇناپىقلىقنى) ئاللاھ چوقۇم ئاشكارا قىلىدۇ»

    مۇناپىقلار ئۆزى توغرىسىدا بىرەر سۈرە نازىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى مۆمىنلەرگە پاش قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «سىلەر (ئاللاھنىڭ دىنىنى) مەسخىرە قىلىۋېرىڭلار، سىلەر ئەنسىرەيدىغان نەرسىنى ئاللاھ چوقۇم ئاشكارا قىلىدۇ» [64].

  65. (9-سۈرە تەۋبە، 65-ئايەت)
    وَلَئِنْ سَأَلْتَهُمْ لَيَقُولُنَّ إِنَّمَا كُنَّا نَخُوضُ وَنَلْعَبُ ۚ قُلْ أَبِاللَّهِ وَآيَاتِهِ وَرَسُولِهِ كُنْتُمْ تَسْتَهْزِئُونَ
    (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ (مەسخىرە قىلغانلىقىنى) سورىساڭ، ئۇلار: «بىز پەقەت ئىچ پۇشۇقى قىلىپ ئوينىشىپ دەپ قويدۇق» دەيدۇ. (بۇ مۇناپىقلارغا) «سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى (يەنى كىتابىنى) ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟» دېگىن

    (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر سەن ئۇلاردىن سۈرۈشتە قىلساڭ، ئۇلار: «بىز پەقەت چاقچاق قىلىپ ۋە ئوينىشىپ دەپ قويدۇق» دەيدۇ. ئۇلارغا: «سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟» دېگىن [65].

  66. (9-سۈرە تەۋبە، 66-ئايەت)
    لَا تَعْتَذِرُوا قَدْ كَفَرْتُمْ بَعْدَ إِيمَانِكُمْ ۚ إِنْ نَعْفُ عَنْ طَائِفَةٍ مِنْكُمْ نُعَذِّبْ طَائِفَةً بِأَنَّهُمْ كَانُوا مُجْرِمِينَ
    سىلەر (يالغان قەسەم ئىچىپ) ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقىنىڭلاردىن كېيىن، (پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن) كاپىر بولدۇڭلار، سىلەردىن بىر گۇرۇھنى (راست تەۋبە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئەپۇ قىلساق، يەنە بىر گۇرۇھنى گۇناھكار بولغانلىقلىرى (يەنى مۇناپىقلىق بىلەن گۇناھنى داۋاملاشتۇرغانلىقلىرى) ئۈچۈن جازالايمىز

    (ئى مەسخىرە قىلغۇچىلار!) سىلەر ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن كافىر بولدۇڭلار، سىلەردىن بىر گۇرۇھنى ئەپۇ قىلساق، يەنە بىر گۇرۇھنى گۇناھكار بولغانلىقى ئۈچۈن جازالايمىز [66].

  67. (9-سۈرە تەۋبە، 67-ئايەت)
    الْمُنَافِقُونَ وَالْمُنَافِقَاتُ بَعْضُهُمْ مِنْ بَعْضٍ ۚ يَأْمُرُونَ بِالْمُنْكَرِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ الْمَعْرُوفِ وَيَقْبِضُونَ أَيْدِيَهُمْ ۚ نَسُوا اللَّهَ فَنَسِيَهُمْ ۗ إِنَّ الْمُنَافِقِينَ هُمُ الْفَاسِقُونَ
    مۇناپىق ئەرلەر بىلەن مۇناپىق ئاياللار (مۇناپىقلىقتا ۋە ئىماندىن يىراق بولۇشتا) بىر ـ بىرىگە ئوخشايدۇ، ئۇلار يامانلىققا بۇيرۇيدۇ، ياخشىلىقتىن توسىدۇ، ئۇلار قوللىرىنى يۇمۇۋالىدۇ (يەنى بېخىللىق قىلىپ سەدىقە بەرمەيدۇ). ئۇلار ئاللاھنى ئۇنتۇدى (يەنى ئاللاھنىڭ تائىتىنى تەرك ئەتتى)، ئاللاھمۇ ئۇلارنى ئۇنتۇدى (يەنى ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ پەزلىدىن ۋە رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلدى). شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار پاسىقلاردۇر

    مۇناپىق ئەرلەر بىلەن مۇناپىق ئاياللار بىر ـ بىرىگە ئوخشايدۇ، ئۇلار يامانلىققا بۇيرۇيدۇ، ياخشىلىقتىن توسىدۇ، ئۇلار قوللىرىنى يۇمۇۋالىدۇ (يەنى بېخىللىق قىلىپ سەدىقە بەرمەيدۇ). ئۇلار ئاللاھنى ئۇنتۇدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھمۇ ئۇلارنى ئۇنتۇدى. شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار پاسىقلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر [67].

  68. (9-سۈرە تەۋبە، 68-ئايەت)
    وَعَدَ اللَّهُ الْمُنَافِقِينَ وَالْمُنَافِقَاتِ وَالْكُفَّارَ نَارَ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ هِيَ حَسْبُهُمْ ۚ وَلَعَنَهُمُ اللَّهُ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ مُقِيمٌ
    ئاللاھ مۇناپىق ئەرلەرگە، مۇناپىق ئاياللار ۋە كۇففارلارغا دوزاخنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. دوزاخ ئۇلارنى (ئازابلاشقا) يېتەرلىكتۇر، ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلدى، ئۇلار مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار بولىدۇ

    ئاللاھ مۇناپىق ئەرلەرنى، مۇناپىق ئاياللارنى ۋە كافىرلارنى دوزاخ بىلەن ئاگاھلاندۇردى، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. دوزاخ ئۇلارغا يېتەرلىكتۇر، ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلدى. ئۇلار مەڭگۈلۈك ئازابقا دۇچار بولىدۇ [68].

  69. (9-سۈرە تەۋبە، 69-ئايەت)
    كَالَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ كَانُوا أَشَدَّ مِنْكُمْ قُوَّةً وَأَكْثَرَ أَمْوَالًا وَأَوْلَادًا فَاسْتَمْتَعُوا بِخَلَاقِهِمْ فَاسْتَمْتَعْتُمْ بِخَلَاقِكُمْ كَمَا اسْتَمْتَعَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ بِخَلَاقِهِمْ وَخُضْتُمْ كَالَّذِي خَاضُوا ۚ أُولَٰئِكَ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
    (ئى مۇناپىقلار، سىلەرنىڭ ھالىڭلار) سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن (ھالاك بولغان ئۈممەتلەرنىڭ ھالىغا) ئوخشايدۇ، ئۇلار كۈچ ـ قۇۋۋەتتە سىلەردىن كۈچلۈك، مال ـ مۈلكى ۋە ئەۋلادى سىلەرنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ ئىدى. سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەر (دۇنيانىڭ لەززەتلىرى جەھەتتىكى) نېسىۋىسىدىن بەھرىمەن بولغاندەك، سىلەرمۇ (دۇنيانىڭ لەززەتلىرى جەھەتتىكى) نېسىۋەڭلاردىن بەھرىمەن بولدۇڭلار؛ ئۇلار باتىلغا چۆمگەندەك، سىلەرمۇ باتىلغا چۆمدۈڭلار؛ ئەنە شۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئېتىبارسىزدۇر، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر

    (ئى مۇناپىقلار) سىلەر بۇرۇن ئۆتكەنلەرگە ئوخشايسىلەر. ئۇلار كۈچ ـ قۇۋۋەتتە سىلەردىن كۈچلۈك ئىدى، ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلكى ۋە ئەۋلادى سىلەرنىڭكىدىن كۆپ ئىدى. ئۇلار نېسىۋىسىدىن بەھرىمەن بولغان ئىدى. سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەر نېسىۋىسىدىن بەھرىمەن بولغاندەك، سىلەرمۇ نېسىۋەڭلاردىن بەھرىمەن بولدۇڭلار؛ ئۇلار باتىلغا پېتىپ كەتكەندەك، سىلەرمۇ باتىلغا پېتىپ كەتتىڭلار. ئەنە شۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر [69].

  70. (9-سۈرە تەۋبە، 70-ئايەت)
    أَلَمْ يَأْتِهِمْ نَبَأُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ قَوْمِ نُوحٍ وَعَادٍ وَثَمُودَ وَقَوْمِ إِبْرَاهِيمَ وَأَصْحَابِ مَدْيَنَ وَالْمُؤْتَفِكَاتِ ۚ أَتَتْهُمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ ۖ فَمَا كَانَ اللَّهُ لِيَظْلِمَهُمْ وَلَٰكِنْ كَانُوا أَنْفُسَهُمْ يَظْلِمُونَ
    ئۇلارغا ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ نۇھ، ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنىڭ، ئىبراھىم قەۋمىنىڭ، مەديەن ئاھالىسىنىڭ، كۆمتۈرۈۋېتىلگەن قىشلاقلارنىڭ (يەنى لۇت ئەلەيھىسسالام قەۋمى قىشلاقلىرىنىڭ) خەۋەرلىرى كەلمىدىمۇ؟ ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەر ئېلىپ كەلدى (بۇ مۆجىزىلەرنى ئۇلار ئىنكار قىلدى). ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلغىنى يوق، لېكىن ئۇلار (كاپىر بولۇش ۋە گۇناھ قىلىش بىلەن) ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى

    ئۇلارغا ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ، نۇھ، ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنىڭ، ئىبراھىم قەۋمىنىڭ، مەديەن ئاھالىسىنىڭ، كۆمتۈرۈۋېتىلگەن قىشلاقلارنىڭ (لۇت قەۋمىنىڭ) خەۋەرلىرى كەلمىدىمۇ؟ ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى (ئۇلار بۇ مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى). ئاللاھ ئۇلارغا ئۇۋال قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزىگە ئۆزى ئۇۋال قىلدى [70].

  71. (9-سۈرە تەۋبە، 71-ئايەت)
    وَالْمُؤْمِنُونَ وَالْمُؤْمِنَاتُ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ ۚ يَأْمُرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ الْمُنْكَرِ وَيُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَيُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَيُطِيعُونَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ ۚ أُولَٰئِكَ سَيَرْحَمُهُمُ اللَّهُ ۗ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
    مۆمىن ئەرلەر، مۆمىن ئاياللار بىر ـ بىرى بىلەن دوستتۇر، ئۇلار (كىشىلەرنى) ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، نامازنى (تولۇق) ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ، ئەنە شۇلارغا ئاللاھ رەھىم قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

    مۆمىن ئەرلەر، مۆمىن ئاياللار بىر ـ بىرى بىلەن دوستتۇر، ئۇلار (كىشىلەرنى) ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، نامازنى تولۇق ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ، ئەنە شۇلارغا ئاللاھ رەھىم قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [71].

  72. (9-سۈرە تەۋبە، 72-ئايەت)
    وَعَدَ اللَّهُ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا وَمَسَاكِنَ طَيِّبَةً فِي جَنَّاتِ عَدْنٍ ۚ وَرِضْوَانٌ مِنَ اللَّهِ أَكْبَرُ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
    ئاللاھ مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى ۋەدە قىلدى. ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ھەمىشە تۇرىدىغان جەننەتلەردە گۈزەل جايلارنى ۋەدە قىلدى. (ئۇلار ئېرىشىدىغان) ئاللاھنىڭ رازىلىقى (جەننەت نېمەتلىرىنىڭ ھەممىسىدىن) كاتتىدۇر، بۇ چوڭ بەختتۇر

    ئاللاھ مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان، ئۇلار مەڭگۈ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى ۋە ئەدنى جەننەتلىرىدىكى ئېسىل تۇرالغۇلارنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھنىڭ رازىلىقى تېخىمۇ كاتتىدۇر، مانا بۇ چوڭ بەختتۇر [72].

  73. (9-سۈرە تەۋبە، 73-ئايەت)
    يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ جَاهِدِ الْكُفَّارَ وَالْمُنَافِقِينَ وَاغْلُظْ عَلَيْهِمْ ۚ وَمَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
    ئى پەيغەمبەر! كاپىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا قارشى جىھاد قىلغىن، ئۇلارغا (قارشى غازات قىلىش ۋە قورقۇنچ سېلىش بىلەن) قاتتىق مۇئامىلە قىلغىن، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!

    ئى پەيغەمبەر! كافىرلارغا ۋە مۇناپىقلارغا قارشى جىھاد قىلغىن، ئۇلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلغىن، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، ئۇلارنىڭ بارار جايى نېمىدېگەن يامان! [73].

  74. (9-سۈرە تەۋبە، 74-ئايەت)
    يَحْلِفُونَ بِاللَّهِ مَا قَالُوا وَلَقَدْ قَالُوا كَلِمَةَ الْكُفْرِ وَكَفَرُوا بَعْدَ إِسْلَامِهِمْ وَهَمُّوا بِمَا لَمْ يَنَالُوا ۚ وَمَا نَقَمُوا إِلَّا أَنْ أَغْنَاهُمُ اللَّهُ وَرَسُولُهُ مِنْ فَضْلِهِ ۚ فَإِنْ يَتُوبُوا يَكُ خَيْرًا لَهُمْ ۖ وَإِنْ يَتَوَلَّوْا يُعَذِّبْهُمُ اللَّهُ عَذَابًا أَلِيمًا فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۚ وَمَا لَهُمْ فِي الْأَرْضِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
    ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ھېچنېمە دېمىگەنلىكى توغرىسىدا ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن كۇفرى سۆزىنى ئېيتتى، ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن كاپىر بولدى، ئۇلار ئىشقا ئاشمايدىغان ئىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇندى (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىدى)، ئۇلارنىڭ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى) يامان كۆرۈشى پەقەت ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارنى ئۆز پەزلىدىن باي قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر، ئەگەر ئۇلار (مۇناپىقلىقتىن) تەۋبە قىلسا، ئۆزلىرىگە ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن داۋاملىق) يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بىلەن جازالايدۇ، يەر يۈزىدە ئۇلارغا (ئۇلارنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان) بىرەر دوست ۋە بىرەر مەدەتكار تېپىلمايدۇ

    ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ھېچنېمە دېمىگەنلىكى توغرىسىدا ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن كۇفر سۆزىنى ئېيتتى، ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن كافىر بولدى؛ ئۇلار ئىشقا ئاشۇرالمىغان ئىشقا يەنە ئۇرۇندى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئۇلارنى ئۆز پەزلىدىن باي قىلغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇلار (پەيغەمبەرگە) دۈشمەن بولدى. ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلسا، ئۆزىگە ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن داۋاملىق) يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بىلەن جازالايدۇ. يەر يۈزىدە ئۇلارغا بىرەر دوست ۋە بىرەر مەدەتكار تېپىلمايدۇ [74].

  75. (9-سۈرە تەۋبە، 75-ئايەت)
    وَمِنْهُمْ مَنْ عَاهَدَ اللَّهَ لَئِنْ آتَانَا مِنْ فَضْلِهِ لَنَصَّدَّقَنَّ وَلَنَكُونَنَّ مِنَ الصَّالِحِينَ
    ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەر: «ئەگەر ئاللاھ بىزگە ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلسا (يەنى رىزقىمىزنى كەڭ قىلسا) ئەلۋەتتە سەدىقە بېرەتتۇق، ئەلۋەتتە ياخشىلاردىن بولاتتۇق» دەپ ئاللاھقا ئەھدە قىلدى

    ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەر: «ئەگەر ئاللاھ بىزگە ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلسا، بىز ئەلۋەتتە سەدىقە بېرەتتۇق، ئەلۋەتتە ياخشىلاردىن بولاتتۇق» دەپ ئاللاھقا ئەھدە قىلدى [75].

  76. (9-سۈرە تەۋبە، 76-ئايەت)
    فَلَمَّا آتَاهُمْ مِنْ فَضْلِهِ بَخِلُوا بِهِ وَتَوَلَّوْا وَهُمْ مُعْرِضُونَ
    ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلغان (يەنى باي قىلغان) چاغدا، بېخىللىق قىلىشتى (يەنى ئەھدىنى بۇزۇپ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈشتى)

    ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلغان چاغدا، ئۇلار بېخللىق قىلىشتى، يۈز ئۆرۈپ ئەھدىسىدىن يېنىۋالدى [76].

  77. (9-سۈرە تەۋبە، 77-ئايەت)
    فَأَعْقَبَهُمْ نِفَاقًا فِي قُلُوبِهِمْ إِلَىٰ يَوْمِ يَلْقَوْنَهُ بِمَا أَخْلَفُوا اللَّهَ مَا وَعَدُوهُ وَبِمَا كَانُوا يَكْذِبُونَ
    ئۇلار (سەدىقە قىلىمىز، ياخشىلاردىن بولىمىز دەپ) ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقلىرى، (ئىمانىنى، ئېھسانىنى دەۋا قىلىشتىكى) يالغانچىلىقلىرى ئۈچۈن، ئاللاھقا مۇلاقات بولىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) گە قەدەر مۇناپىقلىقنىڭ دىللىرىدا (يىلتىز تارتىپ) تۇرۇشىنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ (ئىشىنىڭ) ئاقىۋىتى قىلدى

    ئۇلار ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى، يالغانچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارىدىغان قىيامەت كۈنىگە قەدەر ئۇلارنىڭ دىللىرىدا مۇناپىقلىقنىڭ داۋاملىق تۇرۇشىنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى قىلدى [77].

  78. (9-سۈرە تەۋبە، 78-ئايەت)
    أَلَمْ يَعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ سِرَّهُمْ وَنَجْوَاهُمْ وَأَنَّ اللَّهَ عَلَّامُ الْغُيُوبِ
    ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ ئىچكى سىرلىرىنى، (ئۆزئارا قىلىشقان) يوشۇرۇن سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، پۈتۈن غەيبلەرنى چوڭقۇر بىلىدىغانلىقىنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟

    ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ ئىچكى سىرلىرىنى، يوشۇرۇن سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، پۈتۈن غەيبلەرنى تولۇق بىلىدىغانلىقىنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟ [78].

  79. (9-سۈرە تەۋبە، 79-ئايەت)
    الَّذِينَ يَلْمِزُونَ الْمُطَّوِّعِينَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ فِي الصَّدَقَاتِ وَالَّذِينَ لَا يَجِدُونَ إِلَّا جُهْدَهُمْ فَيَسْخَرُونَ مِنْهُمْ ۙ سَخِرَ اللَّهُ مِنْهُمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
    (مۇناپىقلار) مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدىكى مەردلىك بىلەن (كۆپ) سەدىقە قىلغۇچىلارنى، تاقىتىنىڭ يېتىشىچە (يەنى كەمبەغەل بولغانلىقتىن ئاز) سەدىقە قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ

    ئۇلار مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدىكى مەردلىك بىلەن سەدىقە قىلغۇچىلارنى، قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە (ئاز) سەدىقە قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىدۇ؛ ئۇلار مەسخىرە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى جازالايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ [79].

  80. (9-سۈرە تەۋبە، 80-ئايەت)
    اسْتَغْفِرْ لَهُمْ أَوْ لَا تَسْتَغْفِرْ لَهُمْ إِنْ تَسْتَغْفِرْ لَهُمْ سَبْعِينَ مَرَّةً فَلَنْ يَغْفِرَ اللَّهُ لَهُمْ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَفَرُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ
    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۈچۈن مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىل، مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىلما (بەرىبىر ئوخشاش)، ئۇلار ئۈچۈن 70 قېتىم مەغپىرەت تەلەپ قىلساڭمۇ ئاللاھ ھەرگىز ئۇلارنى مەغپىرەت قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ

    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلار ئۈچۈن مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىل، مەيلى مەغپىرەت تەلەپ قىلما (بەرىبىر ئوخشاش)، ئۇلار ئۈچۈن يەتمىش قېتىم مەغپىرەت تەلەپ قىلساڭمۇ، ئاللاھ ھەرگىز ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرمەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى، ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ [80].

  81. (9-سۈرە تەۋبە، 81-ئايەت)
    فَرِحَ الْمُخَلَّفُونَ بِمَقْعَدِهِمْ خِلَافَ رَسُولِ اللَّهِ وَكَرِهُوا أَنْ يُجَاهِدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَقَالُوا لَا تَنْفِرُوا فِي الْحَرِّ ۗ قُلْ نَارُ جَهَنَّمَ أَشَدُّ حَرًّا ۚ لَوْ كَانُوا يَفْقَهُونَ
    رەسۇلۇللاھقا خىلاپلىق قىلىپ (تەبۈك غازىتىغا چىقماي) قېلىپ قالغانلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆيلىرىدە بەخىرامان ئولتۇرغانلىقلىرى بىلەن خۇشال بولۇشتى. ئۇلار ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن جىھاد قىلىشنى ياقتۇرمىدى. ئۇلار (بىر ـ بىرىگە): «ئىسسىقتا چىقماڭلار» دېيىشتى. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «جەھەننەمنىڭ ئوتى تېخىمۇ قىزىقتۇر. ئەگەر ئۇلار چۈشىنىدىغان بولسا، (ئەلۋەتتە ئىسسىقتا رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرگە چىقاتتى)»

    رەسۇلۇللاھقا خىلاپلىق قىلىپ (جىھادقا چىقماي) قېلىپ قالغانلار ئۆيلىرىدە قېلىپ قالغىنىغا خۇشال بولۇشتى، ئۇلار ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن جىھاد قىلىشنى ياقتۇرمىدى؛ ئۇلار (بىر ـ بىرىگە): «ئىسسىقتا چىقماڭلار» دېيىشتى. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «جەھەننەمنىڭ ئوتى تېخىمۇ قىزىقتۇر. كاشكى ئۇلار بۇنى چۈشەنگەن بولسىچۇ!» [81].

  82. (9-سۈرە تەۋبە، 82-ئايەت)
    فَلْيَضْحَكُوا قَلِيلًا وَلْيَبْكُوا كَثِيرًا جَزَاءً بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
    ئۇلار قىلمىش (گۇناھ) لىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن، ئاز كۈلسۇن، كۆپ يىغلىسۇن

    ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ بەدىلى ئۈچۈن، ئاز كۈلسۇن، كۆپ يىغلىسۇن [82].

  83. (9-سۈرە تەۋبە، 83-ئايەت)
    فَإِنْ رَجَعَكَ اللَّهُ إِلَىٰ طَائِفَةٍ مِنْهُمْ فَاسْتَأْذَنُوكَ لِلْخُرُوجِ فَقُلْ لَنْ تَخْرُجُوا مَعِيَ أَبَدًا وَلَنْ تُقَاتِلُوا مَعِيَ عَدُوًّا ۖ إِنَّكُمْ رَضِيتُمْ بِالْقُعُودِ أَوَّلَ مَرَّةٍ فَاقْعُدُوا مَعَ الْخَالِفِينَ
    ئەگەر ئاللاھ سېنى (تەبۈك غازىتىدىن) قايتۇرۇپ (ئۆزرىسىز قېلىپ قالغان مۇناپىقلاردىن) بىر تۈركۈمنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارسا، ئۇلار (ئىككىنچى بىر غازاتقا) چىقىشقا سەندىن ئىزنى سورىسا، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر مەن بىلەن بىللە مەڭگۈ (غازاتقا) چىقماڭلار، ھەرگىز مەن بىلەن بىللە چىقىپ ئۇرۇش قىلماڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەر دەسلەپكى قېتىمدا (چىقماي، ئۆيۈڭلاردا بەخىرامان) ئولتۇرۇشقا رازى بولدۇڭلار، ئەمدى (غازاتقا چىقماي) قېلىپ قالغۇچىلار (يەنى ئاياللار، كىچىك بالىلار) بىلەن ئولتۇرۇڭلار»

    ئەگەر ئاللاھ سېنى جىھادتىن قايتۇرۇپ (جىھادقا چىقمىغان مۇناپىقلاردىن) بىر تۈركۈمنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارسا، ئۇلار (ئىككىنچى بىر جىھادقا) چىقىشقا سەندىن ئىجازەت سورىسا، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر مەن بىلەن بىللە مەڭگۈ (جىھاتقا چىقمايسىلەر)، ھەرگىز مەن بىلەن چىقىپ دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇش قىلمايسىلەر. شۈبھىسىزكى، سىلەر دەسلەپكى قېتىمدا ئۇرۇشقا چىقماسلىققا رازى بولدۇڭلار، ئەمدى (ئۇرۇشقا چىقماي) قېلىپ قالغۇچىلار بىلەن ئولتۇرۇڭلار» [83].

  84. (9-سۈرە تەۋبە، 84-ئايەت)
    وَلَا تُصَلِّ عَلَىٰ أَحَدٍ مِنْهُمْ مَاتَ أَبَدًا وَلَا تَقُمْ عَلَىٰ قَبْرِهِ ۖ إِنَّهُمْ كَفَرُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَمَاتُوا وَهُمْ فَاسِقُونَ
    (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلگەن ھېچبىر ئادەمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمىگىن، (دەپنە قىلىش، زىيارەت ياكى دۇئا ئۈچۈن) ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىمۇ تۇرمىغىن، چۈنكى ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار پاسىق ھالىتى بىلەن ئۆلدى

    (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلگەن ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ نامىزىنى ھەرگىز چۈشۈرمىگىن، (دەپنە ياكى دۇئا ئۈچۈن) ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىمۇ تۇرمىغىن، چۈنكى، ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار پاسىق ھالىتى بىلەن ئۆلدى [84].

  85. (9-سۈرە تەۋبە، 85-ئايەت)
    وَلَا تُعْجِبْكَ أَمْوَالُهُمْ وَأَوْلَادُهُمْ ۚ إِنَّمَا يُرِيدُ اللَّهُ أَنْ يُعَذِّبَهُمْ بِهَا فِي الدُّنْيَا وَتَزْهَقَ أَنْفُسُهُمْ وَهُمْ كَافِرُونَ
    ئۇلارنىڭ ماللىرى ۋە ئەۋلادلىرى سېنى ئەجەبلەندۈرمىسۇن. ئاللاھ دۇنيادا بۇلار ئارقىلىق ئۇلارنى جازالاشنى، ئۇلارنىڭ كاپىر پېتى جان ئۈزۈشىنى ئىرادە قىلىدۇ

    ئۇلارنىڭ ماللىرى ۋە ئەۋلادلىرى سېنى مەپتۇن قىلمىسۇن. ئاللاھ دۇنيادا پەقەت بۇ (ماللار ۋە بالىلار) ئارقىلىق ئۇلارنى جازالاشنى، ئۇلارنىڭ كافىر پېتى جان ئۈزۈشىنى ئىرادە قىلىدۇ [85].

  86. (9-سۈرە تەۋبە، 86-ئايەت)
    وَإِذَا أُنْزِلَتْ سُورَةٌ أَنْ آمِنُوا بِاللَّهِ وَجَاهِدُوا مَعَ رَسُولِهِ اسْتَأْذَنَكَ أُولُو الطَّوْلِ مِنْهُمْ وَقَالُوا ذَرْنَا نَكُنْ مَعَ الْقَاعِدِينَ
    بىرەر سۈرە نازىل قىلىنىپ: «ئاللاھقا ئىمان ئېيتىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن بىللە جىھاد قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مالدارلار سەندىن (غازاتتىن قېلىپ قېلىشقا) رۇخسەت سورايدۇ. ئۇلار: «بىزنى قوي، (غازاتقا چىقماي، ئۆيلىرىدە بەخىرامان) ئولتۇرغۇچىلار بىلەن بىللە بولايلى» دەيدۇ

    بىرەر سۈرە نازىل قىلىنىپ: «ئاللاھقا ئىمان ئېيتىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن بىللە جىھاد قىلىڭلار» دېيىلسە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بايلار سەندىن (قېلىپ قېلىشقا) رۇخسەت سورايدۇ، ئۇلار: «بىزنى قوي، بىز جىھادقا چىقماي قېلىپ قالغۇچىلار بىلەن بىللە بولايلى» دەيدۇ [86].

  87. (9-سۈرە تەۋبە، 87-ئايەت)
    رَضُوا بِأَنْ يَكُونُوا مَعَ الْخَوَالِفِ وَطُبِعَ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَهُمْ لَا يَفْقَهُونَ
    ئۇلار ئۆيلىرىدە قالغۇچىلار (يەنى ئاياللار، كېسەللەر ۋە ئاجىزلار) بىلەن بىللە بولۇشقا رازى بولدى، ئۇلارنىڭ دىللىرى پېچەتلەندى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار (جىھادتىكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشتىن كېلىدىغان بەختنى) چۈشەنمەيدۇ

    ئۇلار ئۆيلىرىدە قالغۇچىلار بىلەن بىللە قېلىشقا رازى بولدى، ئۇلارنىڭ دىللىرى پېچەتلەندى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار (ھەقىقەتنى) چۈشەنمەيدۇ [87].

  88. (9-سۈرە تەۋبە، 88-ئايەت)
    لَٰكِنِ الرَّسُولُ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ جَاهَدُوا بِأَمْوَالِهِمْ وَأَنْفُسِهِمْ ۚ وَأُولَٰئِكَ لَهُمُ الْخَيْرَاتُ ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ
    لېكىن، پەيغەمبەر ۋە پەيغەمبەر بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلار ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن جىھاد قىلدى، ئەنە شۇلار (ئىككىلا دۇنيانىڭ) ياخشىلىقلىرىغا نائىل بولىدۇ، ئەنە شۇلار مەقسەتكە يەتكۈچىلەردۇر

    لېكىن، پەيغەمبەر ۋە پەيغەمبەر بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلار پۇل-ماللىرى بىلەن، جانلىرى بىلەن جىھاد قىلدى، ئەنە شۇلار ياخشىلىقلارغا نائىل بولىدۇ، ئەنە شۇلار مەقسەتكە يەتكۈچىلەردۇر [88].

  89. (9-سۈرە تەۋبە، 89-ئايەت)
    أَعَدَّ اللَّهُ لَهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا ۚ ذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
    ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى. ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر

    ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى. ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ تۇرىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر [89].

  90. (9-سۈرە تەۋبە، 90-ئايەت)
    وَجَاءَ الْمُعَذِّرُونَ مِنَ الْأَعْرَابِ لِيُؤْذَنَ لَهُمْ وَقَعَدَ الَّذِينَ كَذَبُوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ ۚ سَيُصِيبُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
    ئەئرابىيلاردىن ئۆزرە بايان قىلغۇچىلار (جىھادقا چىقماسلىققا) رۇخسەت سوراپ كەلدى. (ئىماننى دەۋا قىلىپ) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە يالغانچىلىق قىلغانلار جىھادقا چىقمىدى (يەنى ئەئرابىيلاردىن يەنە بىر تۈركۈمى جىھادقىمۇ چىقمىدى، ئۆزرە بايان قىلىپمۇ كەلمىدى). ئۇلاردىن كاپىر بولغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ

    سەھرالىق ئەرەبلەردىن ئۆزرە ئېيتقۇچىلار (جىھادقا چىقماسلىققا) رۇخسەت سوراپ كەلدى. ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە يالغانچىلىق قىلغانلار جىھادقا چىقمىدى. ئۇلاردىن كافىر بولغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ [90].

  91. (9-سۈرە تەۋبە، 91-ئايەت)
    لَيْسَ عَلَى الضُّعَفَاءِ وَلَا عَلَى الْمَرْضَىٰ وَلَا عَلَى الَّذِينَ لَا يَجِدُونَ مَا يُنْفِقُونَ حَرَجٌ إِذَا نَصَحُوا لِلَّهِ وَرَسُولِهِ ۚ مَا عَلَى الْمُحْسِنِينَ مِنْ سَبِيلٍ ۚ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
    ئاجىزلار (يەنى ياشانغان بوۋايلار)، كېسەللەر، (جىھادقا چىقىشقا) خىراجەت تاپالمىغانلار ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە سادىق بولسىلا، جىھادقا چىقمىسا گۇناھ بولمايدۇ، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەشكە يول يوقتۇر، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر

    ئاجىزلار، كېسەللەر، (جىھادقا چىقىشقا) خىراجەت تاپالمىغانلار ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە سادىق بولسىلا، جىھادقا چىقمىسا گۇناھ بولمايدۇ، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى ئەيىبلەشكە يول يوقتۇر، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر [91].

  92. (9-سۈرە تەۋبە، 92-ئايەت)
    وَلَا عَلَى الَّذِينَ إِذَا مَا أَتَوْكَ لِتَحْمِلَهُمْ قُلْتَ لَا أَجِدُ مَا أَحْمِلُكُمْ عَلَيْهِ تَوَلَّوْا وَأَعْيُنُهُمْ تَفِيضُ مِنَ الدَّمْعِ حَزَنًا أَلَّا يَجِدُوا مَا يُنْفِقُونَ
    يەنە مۇنداق كىشىلەرنىمۇ ئەيىبلەشكە يول يوقتۇركى، ئۇلار (جىھادقا چىقىش ئۈچۈن) سەندىن ئۇلاغ سوراپ كەلگەندە، (ئۇلارغا سەن) «مېنىڭ سىلەرنى تەمىنلەيدىغان ئۇلاغلىرىم يوق» دېدىڭ. ئۇلار (جىھادقا چىقىشقا) سەرپ قىلىدىغان نەرسە تاپالمىغانلىقلىرى ئۈچۈن غەمكىن، كۆزلىرىدىن ياش تۆككەن ھالدا قايتىشتى

    يەنە مۇنداق كىشىلەرنىمۇ ئەيىبلەشكە يول يوقتۇركى، ئۇلار (جىھادقا چىقىش ئۈچۈن) سەندىن ئۇلاغ سوراپ كەلگەندە، (ئۇلارغا سەن) «مېنىڭ سىلەرنى تەمىنلەيدىغان ئۇلاغلىرىم يوق» دېدىڭ؟ ئۇلار (جىھادقا چىقىشقا) سەرپ قىلىدىغان نەرسە تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن غەمكىن، كۆزلىرىدىن ياش تۆككەن ھالدا قايتىشتى [92].

  93. (9-سۈرە تەۋبە، 93-ئايەت)
    إِنَّمَا السَّبِيلُ عَلَى الَّذِينَ يَسْتَأْذِنُونَكَ وَهُمْ أَغْنِيَاءُ ۚ رَضُوا بِأَنْ يَكُونُوا مَعَ الْخَوَالِفِ وَطَبَعَ اللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
    ئۆزلىرى باي تۇرۇپ، (جىھادقا چىقماسلىققا) رۇخسەت سورىغانلار ئەيىبلىنىشى كېرەك، ئۇلار (جىھادقا چىقمىغان ئاياللار، كېسەللەر، ئاجىزلار) بىلەن بىللە بولۇشقا رازى بولدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتتى، (شۇنىڭ ئۈچۈن) ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) بىلمەيدۇ

    ئۆزى باي تۇرۇپ، (جىھادقا چىقماسلىققا) رۇخسەت سورىغانلار ئەيىبلىنىشى كېرەك، ئۇلار ئۆيلىرىدە قالغۇچىلار بىلەن بىللە قېلىشقا رازى بولدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار (ھەقىقەتنى) بىلمەيدۇ [93].

  94. (9-سۈرە تەۋبە، 94-ئايەت)
    يَعْتَذِرُونَ إِلَيْكُمْ إِذَا رَجَعْتُمْ إِلَيْهِمْ ۚ قُلْ لَا تَعْتَذِرُوا لَنْ نُؤْمِنَ لَكُمْ قَدْ نَبَّأَنَا اللَّهُ مِنْ أَخْبَارِكُمْ ۚ وَسَيَرَى اللَّهُ عَمَلَكُمْ وَرَسُولُهُ ثُمَّ تُرَدُّونَ إِلَىٰ عَالِمِ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ فَيُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
    ئۇلارنىڭ يېنىغا (يەنى مەدىنىگە تەبۈك غازىتىدىن) قايتىپ كەلگەن چېغىڭلاردا، ئۇلار سىلەرگە (غازاتتىن قېلىپ قالغانلىقلىرى توغرىسىدا) ئۆزرە بايان قىلىدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا: «ئۆزرە بايان قىلماڭلار، سىلەرنىڭ (سۆزۈڭلارغا) ئىشەنمەيمىز، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى (ۋە دىلىڭلاردىكى مۇناپىقلىقنى) بىزگە خەۋەر قىلدى. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنىڭ (بۇنىڭدىن كېيىنكى) ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. (مۇناپىقلىقتىن تەۋبە قىلامسىلەر ياكى ئۇنىڭدا چىڭ تۇرامسىلەر؟)، ئاندىن كېيىن (يەنى ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن)، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلارنى بىلگۈچى (ئاللاھ) نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە پۈتۈن قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگىن

    سىلەر ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار سىلەرگە ئۆزرە ئېيتىدۇ، (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا: «سىلەر ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەرگە ھەرگىز ئىشەنمەيمىز. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى بىزگە خەۋەر قىلدى؛ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاندىن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلارنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە پۈتۈن قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگىن [94].

  95. (9-سۈرە تەۋبە، 95-ئايەت)
    سَيَحْلِفُونَ بِاللَّهِ لَكُمْ إِذَا انْقَلَبْتُمْ إِلَيْهِمْ لِتُعْرِضُوا عَنْهُمْ ۖ فَأَعْرِضُوا عَنْهُمْ ۖ إِنَّهُمْ رِجْسٌ ۖ وَمَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ جَزَاءً بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
    ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) نىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىڭلاردا، ئۇلار سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلىمەسلىكىڭلار ئۈچۈن (يالغان ئۆزرىلەر بايان قىلىپ)، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ. ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈڭلار ، ئۇلار ھەقىقەتەن نىجىستۇر، قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر

    ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىڭلاردا، ئۇلار سىلەرنىڭ ئەيىبلىمەسلىكىڭلار ئۈچۈن (يالغان ئۆزرىلەرنى ئېيتىپ)، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىدۇ. ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈڭلار، ئۇلار ھەقىقەتەن نىجىستۇر، قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر [95].

  96. (9-سۈرە تەۋبە، 96-ئايەت)
    يَحْلِفُونَ لَكُمْ لِتَرْضَوْا عَنْهُمْ ۖ فَإِنْ تَرْضَوْا عَنْهُمْ فَإِنَّ اللَّهَ لَا يَرْضَىٰ عَنِ الْقَوْمِ الْفَاسِقِينَ
    سىلەرنىڭ رازىلىقىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇلار سىلەرگە قەسەم ئىچىپ بېرىدۇ، سىلەر ئۇلاردىن رازى بولساڭلار (بۇ ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ)، چۈنكى ئاللاھ پاسىق قەۋمدىن رازى بولمايدۇ

    سىلەرنىڭ رازىلىقىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇلار سىلەرگە قەسەم ئىچىپ بېرىدۇ، سىلەر ئۇلاردىن رازى بولغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھ بۇنداق پاسىق قەۋمدىن ھەرگىز رازى بولمايدۇ [96].

  97. (9-سۈرە تەۋبە، 97-ئايەت)
    الْأَعْرَابُ أَشَدُّ كُفْرًا وَنِفَاقًا وَأَجْدَرُ أَلَّا يَعْلَمُوا حُدُودَ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ عَلَىٰ رَسُولِهِ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
    ئەئرابىيلارنىڭ (يەنى قىر ئەرەبلىرىنىڭ) كۇفرى ۋە مۇناپىقلىقى تېخىمۇ زىيادىدۇر. ئاللاھ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بىلمەسلىككە ئۇلار ئەڭ لايىقتۇر، ئاللاھ (مەخلۇقاتنىڭ ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

    سەھرالىق ئەرەبلەرنىڭ كۇفرلىقى ۋە مۇناپىقلىقى تېخىمۇ زىيادىدۇر، ئاللاھ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئۇلار تېخىمۇ بىلمەيدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [97].

  98. (9-سۈرە تەۋبە، 98-ئايەت)
    وَمِنَ الْأَعْرَابِ مَنْ يَتَّخِذُ مَا يُنْفِقُ مَغْرَمًا وَيَتَرَبَّصُ بِكُمُ الدَّوَائِرَ ۚ عَلَيْهِمْ دَائِرَةُ السَّوْءِ ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
    ئەئرابىيلاردىن بەزىلىرى (ئاللاھ يولىدا) بەرگەن نەرسىلىرىنى سېلىق ھېسابلايدۇ، سىلەرنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىشىڭلارنى كۈتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ھالاكەتكە ئۇچرىسۇن، ئاللاھ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچى، (ئىشلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

    سەھرالىق ئەرەبلەردىن بەزىلىرى (ئاللاھ يولىدا) بەرگەن نەرسىلىرىنى سېلىق ھېسابلايدۇ، سىلەرنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىشىڭلارنى كۈتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئەڭ ئېغىر ھالاكەتكە ئۇچرىسۇن، ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر [98].

  99. (9-سۈرە تەۋبە، 99-ئايەت)
    وَمِنَ الْأَعْرَابِ مَنْ يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَيَتَّخِذُ مَا يُنْفِقُ قُرُبَاتٍ عِنْدَ اللَّهِ وَصَلَوَاتِ الرَّسُولِ ۚ أَلَا إِنَّهَا قُرْبَةٌ لَهُمْ ۚ سَيُدْخِلُهُمُ اللَّهُ فِي رَحْمَتِهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
    ئەئرابىيلارنىڭ بەزىلىرى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدۇ، (ئاللاھ يولىدا) بەرگەن نەرسىلىرىنى ئاللاھقا يېقىن بولۇشنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسىغا ئېرىشىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىدۇ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق راستتىنلا ئاللاھقا بولغان يېقىنچىلىققا ئېرىشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (مۆمىن بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) تولىمۇ مېھرىباندۇر

    سەھرالىق ئەرەبلەرنىڭ بەزىلىرى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدۇ، (ئاللاھ يولىدا) بەرگەن نەرسىلىرىنى ئاللاھقا يېقىن بولۇشنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسىغا ئېرىشىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىدۇ. بىلىڭلاركى ئۇلار بۇ ئارقىلىق راستتىنلا ئاللاھقا يېقىن بولىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزىنىڭ رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر [99].

  100. (9-سۈرە تەۋبە، 100-ئايەت)
    وَالسَّابِقُونَ الْأَوَّلُونَ مِنَ الْمُهَاجِرِينَ وَالْأَنْصَارِ وَالَّذِينَ اتَّبَعُوهُمْ بِإِحْسَانٍ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا عَنْهُ وَأَعَدَّ لَهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي تَحْتَهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا أَبَدًا ۚ ذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
    ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر (يەنى تابىئىنلار ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغانلار) دىن ئاللاھ رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر

    ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەردىن ئاللاھ رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ تۇرىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر [100].

  101. (9-سۈرە تەۋبە، 101-ئايەت)
    وَمِمَّنْ حَوْلَكُمْ مِنَ الْأَعْرَابِ مُنَافِقُونَ ۖ وَمِنْ أَهْلِ الْمَدِينَةِ ۖ مَرَدُوا عَلَى النِّفَاقِ لَا تَعْلَمُهُمْ ۖ نَحْنُ نَعْلَمُهُمْ ۚ سَنُعَذِّبُهُمْ مَرَّتَيْنِ ثُمَّ يُرَدُّونَ إِلَىٰ عَذَابٍ عَظِيمٍ
    ئەتراپىڭلاردا ئەئرابىيلاردىن مۇناپىقلار بار، مەدىنە ئاھالىسىدىنمۇ مۇناپىقلىقتا چىڭ تۇرغانلار بار، ئۇلارنى سەن بىلمەيسەن، بىز بىلىمىز. ئۇلارنى ئىككى قېتىم (يەنى دۇنيادا قەتل قىلىش ۋە ئەسىر ئېلىش بىلەن، ئۆلگەندە گۆر ئازابى بىلەن) جازالايمىز. ئاندىن ئۇلار (ئاخىرەتتە) چوڭ ئازابقا (يەنى دوزاخ ئازابىغا) قايتۇرۇلىدۇ

    ئەتراپىڭلاردىكى سەھرالىق ئەرەبلەردىن مۇناپىقلار بار، مەدىنە ئاھالىسى ئىچىدىمۇ مۇناپىقلىقتا چىڭ تۇرغانلار بار. ئۇلارنى سەن بىلمەيسەن، بىز بىلىمىز. ئۇلارنى ئىككى قېتىم (دۇنيادا رەسۋالىق، ئاخىرەتتە گۆر ئازابى بىلەن) جازالايمىز. ئاندىن ئۇلار چوڭ ئازابقا قايتۇرۇلىدۇ [101].

  102. (9-سۈرە تەۋبە، 102-ئايەت)
    وَآخَرُونَ اعْتَرَفُوا بِذُنُوبِهِمْ خَلَطُوا عَمَلًا صَالِحًا وَآخَرَ سَيِّئًا عَسَى اللَّهُ أَنْ يَتُوبَ عَلَيْهِمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
    يەنە بىر قىسىم كىشىلەر گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلدى (يەنى باشقىلارغا ئوخشاش جىھادقا چىقمىغانلىقىغا يالغان ئۆزرە ئېيتمىدى). ئۇلار ياخشى ئىشقا يامان ئىشنى ئارىلاشتۇرۇپ قويدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر

    يەنە بىر قىسىم كىشىلەر گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇلار ياخشى ئىش بىلەن يامان ئىشنى ئارىلاشتۇرۇپ قىلدى. ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشى ئۈمىدلىكتۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر [102].

  103. (9-سۈرە تەۋبە، 103-ئايەت)
    خُذْ مِنْ أَمْوَالِهِمْ صَدَقَةً تُطَهِّرُهُمْ وَتُزَكِّيهِمْ بِهَا وَصَلِّ عَلَيْهِمْ ۖ إِنَّ صَلَاتَكَ سَكَنٌ لَهُمْ ۗ وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسىمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىغايسەن ۋە (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتكەيسەن، ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (سۆزىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچى، (نىيەتلىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

    (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسىمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى (گۇناھلىرىدىن) پاكلىغايسەن ۋە (ياخشىلىقلىرىنى) كۆپەيتكەيسەن، ئۇلارغا دۇئا قىلغىن. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر [103].

  104. (9-سۈرە تەۋبە، 104-ئايەت)
    أَلَمْ يَعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ هُوَ يَقْبَلُ التَّوْبَةَ عَنْ عِبَادِهِ وَيَأْخُذُ الصَّدَقَاتِ وَأَنَّ اللَّهَ هُوَ التَّوَّابُ الرَّحِيمُ
    ئۇلار (يەنى تەۋبە قىلغۇچىلار) ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، (خالىس نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ) سەدىقىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ؟

    ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، سەدىقىسىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئاللاھنىڭ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، ناھايىتى مېھرىبان ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ؟ [104].

  105. (9-سۈرە تەۋبە، 105-ئايەت)
    وَقُلِ اعْمَلُوا فَسَيَرَى اللَّهُ عَمَلَكُمْ وَرَسُولُهُ وَالْمُؤْمِنُونَ ۖ وَسَتُرَدُّونَ إِلَىٰ عَالِمِ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ فَيُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
    (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «(خالىغان) ئەمەللەرنى قىلىڭلار، قىلغان ئەمەلىڭلارنى ئاللاھ ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە مۆمىنلەر كۆرۈپ تۇرىدۇ. يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا (نەرسىلەرنى) بىلگۈچى (ئاللاھ) نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى سىلەرگە خەۋەر قىلىدۇ»

    (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر (خالىغىنىڭلارنى) قىلىۋېرىڭلار، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى ئاللاھ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە مۆمىنلەر كۆرۈپ تۇرىدۇ، سىلەر ئۇزاققا قالماي يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا نەرسىلەرنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر، شۇ چاغدا ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ» [105].

  106. (9-سۈرە تەۋبە، 106-ئايەت)
    وَآخَرُونَ مُرْجَوْنَ لِأَمْرِ اللَّهِ إِمَّا يُعَذِّبُهُمْ وَإِمَّا يَتُوبُ عَلَيْهِمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
    يەنە بىر قىسىم (جىھادقا چىقمىغان) كىشىلەر (نىڭ ئىشى) ئاللاھنىڭ ئەمرىگە قالدۇرۇلدى، ئاللاھ يا ئۇلارنى (تەۋبە قىلمىسا) جازالايدۇ، يا ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ (ۋە مەغپىرەت قىلىدۇ). ئاللاھ ئۇلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

    يەنە بىر قىسىم (جىھادقا چىقمىغان) كىشىلەرنىڭ ئىشى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە قالدۇرۇلدى، ئاللاھ ئۇلارنى يا جازالايدۇ، يا تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [106].

  107. (9-سۈرە تەۋبە، 107-ئايەت)
    وَالَّذِينَ اتَّخَذُوا مَسْجِدًا ضِرَارًا وَكُفْرًا وَتَفْرِيقًا بَيْنَ الْمُؤْمِنِينَ وَإِرْصَادًا لِمَنْ حَارَبَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ مِنْ قَبْلُ ۚ وَلَيَحْلِفُنَّ إِنْ أَرَدْنَا إِلَّا الْحُسْنَىٰ ۖ وَاللَّهُ يَشْهَدُ إِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ
    بەزى كىشىلەر مۆمىنلەرگە زىيان يەتكۈزۈش، كۇفرىنى كۈچەيتىش، مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىنى بوزۇش، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى تۇرغان ئادەم (يەنى ئەبۇئامر راھىب) نىڭ كېلىشىنى كۈتۈش مەقسىتىدە مەسجىد بىنا قىلدى. ئۇلار: «بىز پەقەت ياخشىلىقنىلا ئىرادە قىلدۇق» دەپ چوقۇم قەسەم قىلىدۇ، ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ئۇلار شەك ـ شۈبھىسىز يالغانچىلاردۇر

    بەزى كىشىلەر مۆمىنلەرگە زىيان يەتكۈزۈش، كۇفرلىقنى كۈچەيتىش، مۆمىنلەرنى پارچىلاش، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى تۇرغان ئادەم (يەنى راھىب ئەبۇئامر) نىڭ كېلىشىنى كۈتۈش مەقسىتىدە مەسجىد سالدى. ئۇلار: «بىز پەقەت ياخشىلىقنىلا ئىرادە قىلدۇق» دەپ چوقۇم قەسەم قىلىدۇ. ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ئۇلار شەك ـ شۈبھىسىز يالغانچىلاردۇر [107].

  108. (9-سۈرە تەۋبە، 108-ئايەت)
    لَا تَقُمْ فِيهِ أَبَدًا ۚ لَمَسْجِدٌ أُسِّسَ عَلَى التَّقْوَىٰ مِنْ أَوَّلِ يَوْمٍ أَحَقُّ أَنْ تَقُومَ فِيهِ ۚ فِيهِ رِجَالٌ يُحِبُّونَ أَنْ يَتَطَهَّرُوا ۚ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُطَّهِّرِينَ
    ئۇ مەسجىدتە مەڭگۈ ناماز ئوقۇمىغىن، بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپلا تەقۋالىق ئاساسىغا قۇرۇلغان مەسجىد ھەقىقەتەن سېنىڭ ناماز ئوقۇشۇڭغا ئەڭ لايىقتۇر ، ئۇنىڭدا (گۇناھلاردىن) پاك بولۇشنى سۆيىدىغان كىشىلەر بار، ئاللاھ (ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن) پاك بولغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ

    (ئى مۇھەممەد!) ئۇ مەسجىدتە مەڭگۈ ناماز ئوقۇمىغىن. تۇنجى كۈنىدىن تارتىپلا تەقۋالىق ئاساسىغا سېلىنغان مەسجىد ھەقىقەتەن سېنىڭ ناماز ئوقۇشۇڭغا ئەڭ لايىقتۇر، ئۇنىڭدا پاكلىقنى سۆيىدىغان كىشىلەر بار. ئاللاھ پاكلىقنى سۆيىدىغان كىشىلەرنى دوست تۇتىدۇ [108].

  109. (9-سۈرە تەۋبە، 109-ئايەت)
    أَفَمَنْ أَسَّسَ بُنْيَانَهُ عَلَىٰ تَقْوَىٰ مِنَ اللَّهِ وَرِضْوَانٍ خَيْرٌ أَمْ مَنْ أَسَّسَ بُنْيَانَهُ عَلَىٰ شَفَا جُرُفٍ هَارٍ فَانْهَارَ بِهِ فِي نَارِ جَهَنَّمَ ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
    (دىننىڭ) بىناسىنى ئاللاھنىڭ تەقۋادارلىق ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئاساسىغا قۇرغان ئادەم ياخشىمۇ ياكى ئۇنى يىقىلاي دەپ قالغان يارنىڭ گىرۋىكىگە قۇرۇپ، ئۆزىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە دوزاخ ئوتىغا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئادەم ياخشىمۇ؟ ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ

    ئۆزىنىڭ بىناسىنى ئاللاھتىن قورقۇش ۋە ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش ئاساسىغا سالغان ئادەم ياخشىمۇ ياكى ئۇنى يىقىلاي دەپ قالغان يارنىڭ لېۋىگە سېلىپ، ئۆزىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە دوزاخ ئوتىغا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئادەم ياخشىمۇ؟ ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ [109].

  110. (9-سۈرە تەۋبە، 110-ئايەت)
    لَا يَزَالُ بُنْيَانُهُمُ الَّذِي بَنَوْا رِيبَةً فِي قُلُوبِهِمْ إِلَّا أَنْ تَقَطَّعَ قُلُوبُهُمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
    تاكى ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى پارە ـ پارە بولۇپ ئۆلمىگۈچە، ئۇلارنىڭ سالغان مەسجىدى (يەنى مەسجىدى زىرار) دىللىرىدىكى گۇمان (مۇناپىقلىق) نىڭ يىلتىزى بولۇپ قىلىۋېرىدۇ، ئاللاھ (مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ يامان نىيىتىگە ئاساسەن، ئۇلارنى جازالاشتا) ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

    تاكى ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى پارە ـ پارە بولۇپ ئۆلمىگۈچە، ئۇلارنىڭ سالغان مەسجىدى (يەنى مەسجىدى زىرار) دىللىرىدىكى گۇماننىڭ يىلتىزى بولۇپ قىلىۋېرىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [110].

  111. (9-سۈرە تەۋبە، 111-ئايەت)
    إِنَّ اللَّهَ اشْتَرَىٰ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ أَنْفُسَهُمْ وَأَمْوَالَهُمْ بِأَنَّ لَهُمُ الْجَنَّةَ ۚ يُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَيَقْتُلُونَ وَيُقْتَلُونَ ۖ وَعْدًا عَلَيْهِ حَقًّا فِي التَّوْرَاةِ وَالْإِنْجِيلِ وَالْقُرْآنِ ۚ وَمَنْ أَوْفَىٰ بِعَهْدِهِ مِنَ اللَّهِ ۚ فَاسْتَبْشِرُوا بِبَيْعِكُمُ الَّذِي بَايَعْتُمْ بِهِ ۚ وَذَٰلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۆمىنلەردىن ئۇلارنىڭ جانلىرىنى، ماللىرىنى ئۇلارغا جەننەتنى بېرىپ سېتىۋالدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ (دۈشمەنلەرنى) ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ (يەنى دۈشمەنلەر بىلەن جىھاد قىلىپ شېھىت بولىدۇ)، (جىھاد قىلغۇچىلارغا جەننەتنى ۋەدە قىلىش) تەۋراتتا، ئىنجىلدا ۋە قۇرئاندا زىكرى قىلىنغان (ئاللاھنىڭ) راست ۋەدىسىدۇر، ۋەدىسىگە ئاللاھتىنمۇ بەك ۋاپا قىلغۇچى كىم بار؟ قىلغان بۇ سوداڭلاردىن خۇشال بولۇڭلار ، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ جانلىرىنى، پۇل-ماللىرىنى ئۇلارغا جەننەتنى بېرىپ سېتىۋالدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ (دۈشمەنلەرنى) ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ (يەنى شېھىت بولىدۇ)، بۇ جەھەتتىكى ھەق ۋەدە تەۋراتتا، ئىنجىلدا ۋە قۇرئاندا بايان قىلىنغاندۇر. ۋەدىسىگە ئاللاھتىنمۇ بەك ۋاپا قىلغۇچى كىم بار؟ ئاللاھ بىلەن قىلغان بۇ سوداڭلاردىن خۇشال بولۇڭلار، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر [111].

  112. (9-سۈرە تەۋبە، 112-ئايەت)
    التَّائِبُونَ الْعَابِدُونَ الْحَامِدُونَ السَّائِحُونَ الرَّاكِعُونَ السَّاجِدُونَ الْآمِرُونَ بِالْمَعْرُوفِ وَالنَّاهُونَ عَنِ الْمُنْكَرِ وَالْحَافِظُونَ لِحُدُودِ اللَّهِ ۗ وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ
    ئۇلار (گۇناھلىرىدىن) تەۋبە قىلغۇچىلار، (ئىخلاس بىلەن) ئىبادەت قىلغۇچىلار، (ئاللاھقا) ھەمدۇسانا ئېيتقۇچىلار، روزا تۇتقۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار، سەجدە قىلغۇچىلار، ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىپ، يامان ئىشلاردىن توسقۇچىلار، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلغۇچىلار (يەنى ئاللاھنىڭ بېكىتكەن پەرزلىرىنى ئادا قىلىپ، چەكلىگەنلىرىدىن يانغۇچىلار)دۇر. (ئى مۇھەممەد! يۇقىرىدىكى سۈپەتلەرگە ئىگە) مۆمىنلەرگە (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگىن

    ئۇلار تەۋبە قىلغۇچىلار، ئىبادەت قىلغۇچىلار، ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتقۇچىلار، روزا تۇتقۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار، سەجدە قىلغۇچىلار، ياخشى ئىشلارغا دەۋەت قىلىپ، يامان ئىشلاردىن توسقۇچىلار، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر؛ (ئى مۇھەممەد! يۇقىرىقىدەك) مۆمىنلەرگە (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن [112].

  113. (9-سۈرە تەۋبە، 113-ئايەت)
    مَا كَانَ لِلنَّبِيِّ وَالَّذِينَ آمَنُوا أَنْ يَسْتَغْفِرُوا لِلْمُشْرِكِينَ وَلَوْ كَانُوا أُولِي قُرْبَىٰ مِنْ بَعْدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمْ أَنَّهُمْ أَصْحَابُ الْجَحِيمِ
    پەيغەمبەرگە ۋە مۆمىنلەرگە مۇشرىكلارنىڭ ئەھلى دوزاخ ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى دۇرۇس ئەمەس

    پەيغەمبەرگە ۋە مۆمىنلەرگە مۇشرىكلارنىڭ ئەھلى دوزاخ ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ مۇشرىكلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى دۇرۇس ئەمەس [113].

  114. (9-سۈرە تەۋبە، 114-ئايەت)
    وَمَا كَانَ اسْتِغْفَارُ إِبْرَاهِيمَ لِأَبِيهِ إِلَّا عَنْ مَوْعِدَةٍ وَعَدَهَا إِيَّاهُ فَلَمَّا تَبَيَّنَ لَهُ أَنَّهُ عَدُوٌّ لِلَّهِ تَبَرَّأَ مِنْهُ ۚ إِنَّ إِبْرَاهِيمَ لَأَوَّاهٌ حَلِيمٌ
    ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى ئۇنىڭغا ئىلگىرى قىلغان ۋەدىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئىدى. ئۇنىڭغا ئاتىسىنىڭ ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئاتىسى بىلەن ئادا ـ جۇدا بولدى. ئىبراھىم بولسا ھەقىقەتەن كۆپ ئاھ چەككۈچى (يەنى كۆڭلى يۇمشاق)، (يەتكەن ئەزىيەتلەرگە) چىداملىق ئىدى

    ئىبراھىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئاتىسىغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى ئۇنىڭغا ئىلگىرى قىلغان ۋەدىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئىدى. ئۇنىڭغا ئۆز ئاتىسىنىڭ ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئاتىسى بىلەن بولغان (ئەقىدە جەھەتتىكى) ئالاقىنى ئۈزدى. ئىبراھىم بولسا ھەقىقەتەن بەك كۆڭلى يۇمشاق، چىداملىق ئىدى [114].

  115. (9-سۈرە تەۋبە، 115-ئايەت)
    وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُضِلَّ قَوْمًا بَعْدَ إِذْ هَدَاهُمْ حَتَّىٰ يُبَيِّنَ لَهُمْ مَا يَتَّقُونَ ۚ إِنَّ اللَّهَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
    ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بايان قىلماي تۇرۇپ، ئۇلارنى گۇمراھ قىلمايدۇ (يەنى گۇمراھلىققا ھۆكۈم قىلمايدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر

    ئاللاھ بىر قەۋمنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بايان قىلماي تۇرۇپ، ئۇلارنى گۇمراھ قىلمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر [115].

  116. (9-سۈرە تەۋبە، 116-ئايەت)
    إِنَّ اللَّهَ لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ يُحْيِي وَيُمِيتُ ۚ وَمَا لَكُمْ مِنْ دُونِ اللَّهِ مِنْ وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
    شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرىدۇ، (تىرىكنى) ئۆلتۈرىدۇ، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ دوست ۋە مەدەتكار يوق

    شۈبھىسىزكى، ئاسماننىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرىدۇ، (تىرىكنى) ئۆلتۈرىدۇ. سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ھېچ دوست ۋە مەدەتكار يوقتۇر [116].

  117. (9-سۈرە تەۋبە، 117-ئايەت)
    لَقَدْ تَابَ اللَّهُ عَلَى النَّبِيِّ وَالْمُهَاجِرِينَ وَالْأَنْصَارِ الَّذِينَ اتَّبَعُوهُ فِي سَاعَةِ الْعُسْرَةِ مِنْ بَعْدِ مَا كَادَ يَزِيغُ قُلُوبُ فَرِيقٍ مِنْهُمْ ثُمَّ تَابَ عَلَيْهِمْ ۚ إِنَّهُ بِهِمْ رَءُوفٌ رَحِيمٌ
    ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرنىڭ ۋە ئۇنىڭغا قىيىنچىلىق پەيتىدە ئەگەشكەن مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. (ئەينى زاماندا) ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ دىللىرى ھەقتىن بۇرۇلۇپ كېتىشكە تاس قالغاندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاللاھ ئۇلارغا تولىمۇ مەرھەمەتلىك، ناھايىتى مېھرىباندۇر

    ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرنىڭ ۋە ئۇنىڭغا قىيىنچىلىق پەيتىدە ئەگەشكەن مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. (ئەينى چاغدا) ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ دىللىرى ھەقتىن بۇرىلىپ كېتىشىگە تاس قالغاندىن كېيىن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئاللاھ ئۇلارغا ناھايىتى كۆيۈمچان، ناھايىتى مېھرىباندۇر [117].

  118. (9-سۈرە تەۋبە، 118-ئايەت)
    وَعَلَى الثَّلَاثَةِ الَّذِينَ خُلِّفُوا حَتَّىٰ إِذَا ضَاقَتْ عَلَيْهِمُ الْأَرْضُ بِمَا رَحُبَتْ وَضَاقَتْ عَلَيْهِمْ أَنْفُسُهُمْ وَظَنُّوا أَنْ لَا مَلْجَأَ مِنَ اللَّهِ إِلَّا إِلَيْهِ ثُمَّ تَابَ عَلَيْهِمْ لِيَتُوبُوا ۚ إِنَّ اللَّهَ هُوَ التَّوَّابُ الرَّحِيمُ
    جىھادقا چىقمىغان ئۈچ كىشىنىڭ تەۋبىسىنىمۇ ئاللاھ قوبۇل قىلدى. شۇنچە كەڭ زېمىن ئۇلارغا تار تۇيۇلغان، ئۇلارنىڭ جانلىرى سىقىلغان، ئۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلماي تۇرۇپ ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىگە ئىشەنگەن ئىدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلغۇچىلاردىن بولۇشى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلدى. ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر

    جىھادقا چىقمىغان ئۈچ كىشىنىڭ تەۋبىسىنىمۇ ئاللاھ قوبۇل قىلدى. شۇنچە كەڭ زېمىن ئۇلارغا تار تۇيۇلغان، ئۇلارنىڭ ئىچى سىقىلغان، ئۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلماي تۇرۇپ ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىگە ئىشەنگەن ئىدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلغۇچىلاردىن بولۇشى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر [118].

  119. (9-سۈرە تەۋبە، 119-ئايەت)
    يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَكُونُوا مَعَ الصَّادِقِينَ
    ئى مۆمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار

    ئى مۆمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار، راستچىللار بىلەن بىللە بۇلۇڭلار [119].

  120. (9-سۈرە تەۋبە، 120-ئايەت)
    مَا كَانَ لِأَهْلِ الْمَدِينَةِ وَمَنْ حَوْلَهُمْ مِنَ الْأَعْرَابِ أَنْ يَتَخَلَّفُوا عَنْ رَسُولِ اللَّهِ وَلَا يَرْغَبُوا بِأَنْفُسِهِمْ عَنْ نَفْسِهِ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ لَا يُصِيبُهُمْ ظَمَأٌ وَلَا نَصَبٌ وَلَا مَخْمَصَةٌ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَلَا يَطَئُونَ مَوْطِئًا يَغِيظُ الْكُفَّارَ وَلَا يَنَالُونَ مِنْ عَدُوٍّ نَيْلًا إِلَّا كُتِبَ لَهُمْ بِهِ عَمَلٌ صَالِحٌ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ الْمُحْسِنِينَ
    مەدىنە ئاھالىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئەئرابىيلارنىڭ رەسۇلۇللاھ بىلەن جىھادقا بىللە چىقماي قېلىپ قېلىشى، ئۆزلىرىنىڭ ئارامى بىلەنلا بولۇپ، جاپادا رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە بولماسلىقى توغرا ئەمەس ئىدى. بۇ (يەنى ئۇلارنى جىھادقا چىقماي قېلىپ قېلىشتىن مەنئى قىلىش) شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇچرىغان ئۇسسۇزلۇق، تارتقان جاپا ـ مۇشەققەت ۋە ئاچلىق، ئۇلارنىڭ كاپىرلارنى خاپىلىققا سالىدىغان ھەر بىر قەدىمى، دۈشمەنلەر ئۈستىدىن ئېرىشكەن (ئۇلارنى ئۆلتۈرۈش، ئەسىر ئېلىش، مەغلۇپ قىلىش قاتارلىق) ھەر بىر نەرسىسى ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) ئۇلارغا ياخشىلىق (يەنى ساۋاب) يېزىلىدۇ، ئاللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ

    مەدىنە ئاھالىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى سەھرالىق ئەرەبلەرنىڭ رەسۇلۇللاھ بىلەن جىھادقا بىللە چىقماي قېلىپ قېلىشى، ئۆزىنىڭ ئارامى بىلەنلا بولۇپ، جاپادا رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە بولماسلىقى توغرا ئەمەس ئىدى. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇچرىغان ئۇسسۇزلۇق، تارتقان جاپا ـ مۇشەققەت ۋە ئاچلىق، ئۇلارنىڭ كافىرلارنى خاپىلىققا سالىدىغان ھەربىر قەدىمى، دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غالىب بولۇپ ئېرىشكەن ھەربىر نەرسىسى ئۈچۈن ئۇلارغا ياخشىلىق (يەنى ساۋاب) يېزىلىدۇ. ئاللاھ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ [120].

  121. (9-سۈرە تەۋبە، 121-ئايەت)
    وَلَا يُنْفِقُونَ نَفَقَةً صَغِيرَةً وَلَا كَبِيرَةً وَلَا يَقْطَعُونَ وَادِيًا إِلَّا كُتِبَ لَهُمْ لِيَجْزِيَهُمُ اللَّهُ أَحْسَنَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
    ئۇلارنىڭ (ئاللاھنىڭ يولىدا) مەيلى كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن، سەرپ قىلغان نەرسىسى ۋە جىھاد ئۈچۈن باسقان ھەر بىر مۇساپىسى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە ئەڭ ياخشى مۇكاپات بېرىش يۈزىسىدىن ئۇلارغا يېزىلىدۇ

    ئۇلارنىڭ (ئاللاھنىڭ يولىدا) مەيلى كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن، سەرپ قىلغان نەرسىسى ۋە جىھاد ئۈچۈن باسقان ھەربىر قەدىمى ئۇلارنىڭ ئاللاھ مۇكاپاتلايدىغان ئەڭ ياخشى ئەمەللىرى سۈپىتىدە يېزىپ قويۇلىدۇ [121].

  122. (9-سۈرە تەۋبە، 122-ئايەت)
    وَمَا كَانَ الْمُؤْمِنُونَ لِيَنْفِرُوا كَافَّةً ۚ فَلَوْلَا نَفَرَ مِنْ كُلِّ فِرْقَةٍ مِنْهُمْ طَائِفَةٌ لِيَتَفَقَّهُوا فِي الدِّينِ وَلِيُنْذِرُوا قَوْمَهُمْ إِذَا رَجَعُوا إِلَيْهِمْ لَعَلَّهُمْ يَحْذَرُونَ
    مۆمىنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جىھادقا چىقىشى شەرت ئەمەس (ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى جىھادقا چىققان ئىكەن)، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر جامائەدىن يەنە بىر تۈركۈمى دىنىي ئالىم بولۇپ، ئۇلار قەۋمىنىڭ قېشىغا قايتقاندىن كېيىن، قەۋمىنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتىدە نېمىشقا (ئىلىم تەلەپ قىلىشقا) چىقمىدى؟

    مۆمىنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا جىھادقا چىقىشى شەرت ئەمەس. شۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇلارنىڭ ھەربىر جامائەسىدىن بىر تۈركۈمى جىھادقا چىقىپ، يەنە بىر تۈركۈمى ئۆز قەۋمى قايتىپ كەلگەندە يامان ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلىسۇن دەپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتىدە دىنىي ئىلىم ئۆگەنسە بولمامدۇ؟ [122].

    .
  123. (9-سۈرە تەۋبە، 123-ئايەت)
    يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قَاتِلُوا الَّذِينَ يَلُونَكُمْ مِنَ الْكُفَّارِ وَلْيَجِدُوا فِيكُمْ غِلْظَةً ۚ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ مَعَ الْمُتَّقِينَ
    ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئۆزۈڭلارغا يېقىن جايدىكى كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار (يەنى سىلەرگە خەتەر بولماسلىق ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئەتراپىڭلاردىكى سىلەرگە ئورۇش ئاچقان كۇففارلارنى ئۇجۇقتۇرۇڭلار)، سىلەرنى ئۇلار قاتتىق ھېس قىلسۇن (يەنى ئۇرۇش ئۈستىدە ئۇلارغا قاتتىق قول بولۇڭلار ، ئۇلارغا ئىچىڭلار ئاغرىمىسۇن)، بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر (يەنى ئاللاھ تەقۋادارلارغا مەدەتكاردۇر)

    ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئۆزۈڭلارغا يېقىن جايدىكى كافىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار، ئۇلار سىلەرنى قاتتىق قول ھېس قىلسۇن. بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر [123].

  124. (9-سۈرە تەۋبە، 124-ئايەت)
    وَإِذَا مَا أُنْزِلَتْ سُورَةٌ فَمِنْهُمْ مَنْ يَقُولُ أَيُّكُمْ زَادَتْهُ هَٰذِهِ إِيمَانًا ۚ فَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا فَزَادَتْهُمْ إِيمَانًا وَهُمْ يَسْتَبْشِرُونَ
    (قۇرئاندىن) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) نىڭ ئارىسىدا (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «بۇ (يەنى سۈرە) قايسىڭلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى» دەيدىغانلار بار، مۆمىنلەرگە كېلىدىغان بولساق، (ھەر سۈرىدە يېڭى دەلىل ـ ئىسپاتلار بولغانلىقى ئۈچۈن) بۇ (يەنى سۈرە) ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى، ئۇلار (سۈرىنىڭ نازىل بولۇشىدىن) خۇشال بولىدۇ

    بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا، ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) نىڭ ئارىسىدا: «بۇ سۈرە قايسىڭلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتىپتۇ؟» دەيدىغانلار بار، مۆمىنلەرگە نىسبەتەن، بۇ سۈرە ئۇلارنىڭ ئىمانىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، ئۇلار بۇنىڭدىن سۈيۈنۈپ كېتىدۇ [124].

  125. (9-سۈرە تەۋبە، 125-ئايەت)
    وَأَمَّا الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ فَزَادَتْهُمْ رِجْسًا إِلَىٰ رِجْسِهِمْ وَمَاتُوا وَهُمْ كَافِرُونَ
    دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار) غا كېلىدىغان بولساق، بۇ (سۈرە) ئۇلارنىڭ كۇفرىغا كۇفرى قوشتى (يەنى ئۇلار مۇناپىقلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىدى، تېخىمۇ گۇمراھلاشتى)، ئۇلار كاپىر پېتى ئۆلدى

    دىللىرىدا كېسىلى بارلارغا نىسبەتەن، بۇ سۈرە ئۇلارنىڭ كۇفرلىقىغا كۇفرلىق قوشتى، ئۇلار كافىر پېتى ئۆلدى [125].

  126. (9-سۈرە تەۋبە، 126-ئايەت)
    أَوَلَا يَرَوْنَ أَنَّهُمْ يُفْتَنُونَ فِي كُلِّ عَامٍ مَرَّةً أَوْ مَرَّتَيْنِ ثُمَّ لَا يَتُوبُونَ وَلَا هُمْ يَذَّكَّرُونَ
    ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم ياكى ئىككى قېتىم سىنىلىدىغانلىقىنى (يەنى ئۇلار توغرىسىدا ۋەھىي نازىل بولۇپ، سىرلىرىنىڭ پاش قىلىنىدىغانلىقىنى) بىلمەمدۇ؟ ئاندىن ئۇلار تەۋبە قىلمايدۇ (يەنى نىفاقتىن قايتمايدۇ)، ئىبرەتمۇ ئالمايدۇ

    ئۇلار ئۆزىنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم ياكى ئىككى قېتىم سىنىلىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلار تەۋبە قىلمايدۇ، ئىبرەتمۇ ئالمايدۇ [126].

  127. (9-سۈرە تەۋبە، 127-ئايەت)
    وَإِذَا مَا أُنْزِلَتْ سُورَةٌ نَظَرَ بَعْضُهُمْ إِلَىٰ بَعْضٍ هَلْ يَرَاكُمْ مِنْ أَحَدٍ ثُمَّ انْصَرَفُوا ۚ صَرَفَ اللَّهُ قُلُوبَهُمْ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لَا يَفْقَهُونَ
    (ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىدىكى چاغدا، ئۇلارنىڭ ئەيىبىنى ئاچىدىغان قۇرئاندىن) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا، ئۇلار بىر ـ بىرىگە قارىشىپ: «سىلەرنى بىرەرسى كۆرۈپ قالارمۇ» دېيىشىپ تىكىۋېتىدۇ، ئۇلار (ھەقىقەتنى) چۈشەنمەس قەۋم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى

    (ئۆزىگە پايدىسىز) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنسا، ئۇلار بىر ـ بىرىگە قاراپ: «سىلەرنى بىر كىم كۆرۈپ قالارمۇ» دېيىشىپ تىكىۋېتىدۇ. ئۇلار ئاڭسىز قەۋم بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى (ھەقىقەتتىن) بۇرىۋەتتى [127].

  128. (9-سۈرە تەۋبە، 128-ئايەت)
    لَقَدْ جَاءَكُمْ رَسُولٌ مِنْ أَنْفُسِكُمْ عَزِيزٌ عَلَيْهِ مَا عَنِتُّمْ حَرِيصٌ عَلَيْكُمْ بِالْمُؤْمِنِينَ رَءُوفٌ رَحِيمٌ
    (ئى ئىنسانلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆز ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر كەلدى. سىلەرنىڭ كۈلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ؛ ئۇ سىلەرنىڭ (ھىدايەت تېپىشىڭلارغا) ھېرىستۇر، مۆمىنلەرگە ئامراقتۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر

    (ئى ئىنسانلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن بولغان پەيغەمبەر كەلدى. سىلەرنىڭ كۈلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ؛ ئۇ سىلەرگە (ھىدايەت تېپىشىڭلارغا) ھېرىستۇر، مۆمىنلەرگە ئامراقتۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر [128].

  129. (9-سۈرە تەۋبە، 129-ئايەت)
    فَإِنْ تَوَلَّوْا فَقُلْ حَسْبِيَ اللَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ ۖ وَهُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ
    (ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ئۇلار (ساڭا ئىمان ئېيتىشتىن) يۈز ئۆرۈسە، سەن: «ئاللاھ ماڭا كۇپايە قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم (يەنى ئاللاھقا يۆلەندىم، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئەھەدىدىن ئۈمىد كۈتمەيمەن ۋە قورقمايمەن)، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر» دېگىن

    (ئى پەيغەمبەر!) ئەگەر ئۇلار سەندىن يۈز ئۆرۈسە، سەن: «ئاللاھ ماڭا يېتەرلىكتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم، ئۇ بۈيۈك ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر» دېگىن [129].