مۇمتەھىنە سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 13 ئايەت
مەنىسى: سىنالغان ئايال. ئاتىلىش سەۋەبى: ھۈدەيبىيە سۈلھى مەزگىلىدە مەدىنىگە ھېجرەت قىلىپ كەلگەن مۆمىنەلەرنى سىناپ ئېلىپ قېلىش، كاپىرلارغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىك بايان قىلىنغان (10-ئايەت)
  1. (60-سۈرە مۇمتەھىنە، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا عَدُوِّي وَعَدُوَّكُمْ أَوْلِيَاءَ تُلْقُونَ إِلَيْهِمْ بِالْمَوَدَّةِ وَقَدْ كَفَرُوا بِمَا جَاءَكُمْ مِنَ الْحَقِّ يُخْرِجُونَ الرَّسُولَ وَإِيَّاكُمْ ۙ أَنْ تُؤْمِنُوا بِاللَّهِ رَبِّكُمْ إِنْ كُنْتُمْ خَرَجْتُمْ جِهَادًا فِي سَبِيلِي وَابْتِغَاءَ مَرْضَاتِي ۚ تُسِرُّونَ إِلَيْهِمْ بِالْمَوَدَّةِ وَأَنَا أَعْلَمُ بِمَا أَخْفَيْتُمْ وَمَا أَعْلَنْتُمْ ۚ وَمَنْ يَفْعَلْهُ مِنْكُمْ فَقَدْ ضَلَّ سَوَاءَ السَّبِيلِ
    ئى مۆمىنلەر، مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتماڭلار، ئۇلار سىلەرگە كەلگەن ھەقىقەتنى (يەنى ئىسلامنى، قۇرئاننى) ئىنكار قىلغان تۇرسا، ئۇلارغا دوستلۇق يەتكۈزىسىلەر، ئۇلار پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتقىنىڭلار ئۈچۈن پەيغەمبەرنى ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقاردى، ئەگەر سىلەر مېنىڭ يولۇمدا جىھاد قىلىپ ۋە رازىلىقىمنى تىلەپ چىققان بولساڭلار (ئۇ چاغدا مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلارنى دوست تۇتماڭلار)، سىلەر ئۇلارغا يوشۇرۇن دوستلۇق يەتكۈزىسىلەر، مەن سىلەر يوشۇرغان ۋە ئاشكارىلىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىمەن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن (يەنى ئۇلارنى دوست تۇتۇپ، ئۇلارغا پەيغەمبەرنىڭ خەۋەرلىرىنى يەتكۈزىدىكەن)، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ

    ئى مۆمىنلەر، ئەگەر سىلەر مېنىڭ يولۇمدا جىھاد قىلىپ ۋە رازىلىقىمنى تىلەپ چىققان بولساڭلار، مېنىڭ دۈشمىنىمنى ۋە ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىنى دوستلۇق ئىزھار قىلىدىغان يېقىن دوست قىلىۋالماڭلار، ئۇلار سىلەرگە كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان ئىدى، سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھقا ئىمان ئېيتقىنىڭلار ئۈچۈن، ئۇلار پەيغەمبەرنى ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ئىدى، (شۇنداق تۇرسىمۇ) سىلەر ئۇلارغا يوشۇرۇن دوستلۇق يەتكۈزۈۋاتىسىلەر، مەن سىلەر يوشۇرغان ۋە ئاشكارىلىغان نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىمەن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن (يەنى ئۇلارغا دوستلۇق يەتكۈزىدىكەن)، ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ [1].

  2. (60-سۈرە مۇمتەھىنە، 2-ئايەت)
    إِنْ يَثْقَفُوكُمْ يَكُونُوا لَكُمْ أَعْدَاءً وَيَبْسُطُوا إِلَيْكُمْ أَيْدِيَهُمْ وَأَلْسِنَتَهُمْ بِالسُّوءِ وَوَدُّوا لَوْ تَكْفُرُونَ
    ئەگەر ئۇلار سىلەرنى يەڭسە سىلەرگە دۈشمەن بولىدۇ، سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ، سىلەرنى تىللايدۇ، سىلەرنىڭ مۇرتەد بولۇشۇڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ

    ئەگەر ئۇلار سىلەرنى يەڭسە، سىلەرگە دۈشمەن بولىدۇ، سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ، سىلەرنى تىللايدۇ، سىلەرنىڭ كافىر بولۇشۇڭلارنى ئارزۇ قىلىدۇ [2].

  3. (60-سۈرە مۇمتەھىنە، 3-ئايەت)
    لَنْ تَنْفَعَكُمْ أَرْحَامُكُمْ وَلَا أَوْلَادُكُمْ ۚ يَوْمَ الْقِيَامَةِ يَفْصِلُ بَيْنَكُمْ ۚ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
    قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ تۇغقانلىرىڭلار ۋە ئەۋلادلىرىڭلار سىلەرگە ھېچ پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاللاھ ئاراڭلارنى ئايرىۋېتىدۇ (يەنى سىلەر جەننەتتە بولساڭلار، ئۇلار كۇففارلارنىڭ قاتارىدا دوزاختا بولىدۇ)، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر

    قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ تۇغقانلىرىڭلار ۋە ئەۋلادلىرىڭلار سىلەرگە ھېچ پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاللاھ سىلەرنى ئايرىۋېتىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر [3].

  4. (60-سۈرە مۇمتەھىنە، 4-ئايەت)
    قَدْ كَانَتْ لَكُمْ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ فِي إِبْرَاهِيمَ وَالَّذِينَ مَعَهُ إِذْ قَالُوا لِقَوْمِهِمْ إِنَّا بُرَآءُ مِنْكُمْ وَمِمَّا تَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ كَفَرْنَا بِكُمْ وَبَدَا بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمُ الْعَدَاوَةُ وَالْبَغْضَاءُ أَبَدًا حَتَّىٰ تُؤْمِنُوا بِاللَّهِ وَحْدَهُ إِلَّا قَوْلَ إِبْرَاهِيمَ لِأَبِيهِ لَأَسْتَغْفِرَنَّ لَكَ وَمَا أَمْلِكُ لَكَ مِنَ اللَّهِ مِنْ شَيْءٍ ۖ رَبَّنَا عَلَيْكَ تَوَكَّلْنَا وَإِلَيْكَ أَنَبْنَا وَإِلَيْكَ الْمَصِيرُ
    ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان (مۆمىنلەر) سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوبدان نەمۇنىدۇر، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار قەۋمىگە: «ھەقىقەتەن بىز سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقانلىرىڭلاردىن ئادا ـ جۇدامىز، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك تاكى سىلەر يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقىنىڭلارغا قەدەر ئەبەدىي ساقلىنىپ قالىدۇ» دېدى. لېكىن ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا ئېيتقان «ئەلۋەتتە ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى سەندىن دەپئى قىلالمايمەن» دېگەن سۆزىنى سىلەرنىڭ نەمۇنە قىلىشىڭلارغا بولمايدۇ. (ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەر ئېيتتى) «پەرۋەردىگارىمىز! ساڭا تەۋەككۈل قىلدۇق، ساڭا قايتتۇق، ئاخىر قايتىدىغان جاي سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر

    ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلار سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوبدان ئۈلگىدۇر، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار قەۋمىگە: «ھەقىقەتەن بىزنىڭ سىلەر بىلەن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان نەرسىلەر بىلەن ھېچقانداق ئالاقىمىز يوق، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك تاكى سىلەر يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانغا قەدەر ئەبەدىي ساقلىنىپ قالىدۇ» دېگەن ئىدى. لېكىن ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا ئېيتقان «ئەلۋەتتە ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھنىڭ ئازابىنى قىلچىلىكمۇ توسۇپ قىلالمايمەن» دېگەن سۆزىنى سىلەرنىڭ ئۈلگە قىلىشىڭلارغا بولمايدۇ. (ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلار ئېيتتى) «ئى رەببىمىز! بىز ساڭىلا تەۋەككۈل قىلدۇق، ساڭىلا يۈزلەندۇق، بىزنىڭ ئاخىرى بارىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر [4].

  5. (60-سۈرە مۇمتەھىنە، 5-ئايەت)
    رَبَّنَا لَا تَجْعَلْنَا فِتْنَةً لِلَّذِينَ كَفَرُوا وَاغْفِرْ لَنَا رَبَّنَا ۖ إِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
    پەرۋەردىگارىمىز! كاپىرلارنى بىزگە زىيانكەشلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلمىغىن (ئۇلار بىزگە ھۆكۈمران بولۇپ، بىزنى كۆتۈرگىلى بولمايدىغان ئازاب بىلەن دىنىمىزدىن چىقارمىسۇن)، پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن»

    ئى رەببىمىز! بىزنى كافىر بولغانلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراتمىغىن. ئى رەببىمىز! بىزنىڭ گۇناھىمىزنى كۈچۈرگىن، سەن ھەقىقەتەن ھەممىدىن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن» [5].

  6. (60-سۈرە مۇمتەھىنە، 6-ئايەت)
    لَقَدْ كَانَ لَكُمْ فِيهِمْ أُسْوَةٌ حَسَنَةٌ لِمَنْ كَانَ يَرْجُو اللَّهَ وَالْيَوْمَ الْآخِرَ ۚ وَمَنْ يَتَوَلَّ فَإِنَّ اللَّهَ هُوَ الْغَنِيُّ الْحَمِيدُ
    (ئى مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتى!) ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۆمىنلەر سىلەرگە، ئاللاھنى ۋە ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلىدىغانلارغا ياخشى نەمۇنىدۇر، كىمكى (ئىمانىدىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، (بىلسۇنكى) ئاللاھ (ئۇنىڭدىن ۋە ئۇنداقلاردىن) بىھاجەتتۇر، (ئاللاھ) مەدھىيەگە لايىقتۇر

    (ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۆمىنلەر سىلەرگە، ئاللاھتىن ۋە ئاخىرەت كۈنىدىن قورقىدىغان كىشىلەرگە ياخشى ئۈلگىدۇر، كىمكى ئۇلارنى ئۈلگە قىلمايدىكەن، بىلىپ قالسۇنكى، ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇھتاج ئەمەستۇر، ئاللاھ مەدھىيىگە لايىقتۇر [6].

  7. (60-سۈرە مۇمتەھىنە، 7-ئايەت)
    عَسَى اللَّهُ أَنْ يَجْعَلَ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَ الَّذِينَ عَادَيْتُمْ مِنْهُمْ مَوَدَّةً ۚ وَاللَّهُ قَدِيرٌ ۚ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
    بەلكىم ئاللاھ سىلەر بىلەن سىلەر ئۆچ كۆرۈدىغان ئادەملەر ئارىسىدا دوستلۇق پەيدا قىلىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر

    ئاللاھ سىلەر بىلەن سىلەر ئۆچ كۆرۈدىغان ئادەملەر ئارىسىدا دوستلۇق پەيدا قىلىشى مۇمكىن، ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر [7].

  8. (60-سۈرە مۇمتەھىنە، 8-ئايەت)
    لَا يَنْهَاكُمُ اللَّهُ عَنِ الَّذِينَ لَمْ يُقَاتِلُوكُمْ فِي الدِّينِ وَلَمْ يُخْرِجُوكُمْ مِنْ دِيَارِكُمْ أَنْ تَبَرُّوهُمْ وَتُقْسِطُوا إِلَيْهِمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُقْسِطِينَ
    (كۇففارلاردىن) سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغانلارغا كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلاردىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ

    سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلمىغان ۋە سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارمىغان كافىرلارغا كەلسەك، ئاللاھ سىلەرنى ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشتىن، ئۇلارغا ئادىل بولۇشتىن توسمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئادىللارنى دوست تۇتىدۇ [8].

  9. (60-سۈرە مۇمتەھىنە، 9-ئايەت)
    إِنَّمَا يَنْهَاكُمُ اللَّهُ عَنِ الَّذِينَ قَاتَلُوكُمْ فِي الدِّينِ وَأَخْرَجُوكُمْ مِنْ دِيَارِكُمْ وَظَاهَرُوا عَلَىٰ إِخْرَاجِكُمْ أَنْ تَوَلَّوْهُمْ ۚ وَمَنْ يَتَوَلَّهُمْ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ
    ئاللاھ دىن ئۈچۈن سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە سىلەرنى ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردەملەشكەنلەرنى دوست تۇتۇشۇڭلاردىن سىلەرنى توسىدۇ، كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار زالىملاردۇر

    ئاللاھ سىلەرنى دىن توغرىسىدا سىلەر بىلەن ئۇرۇشقان، سىلەرنى يۇرتۇڭلاردىن ھەيدەپ چىقارغان ۋە سىلەرنى ھەيدەپ چىقىرىشقا ياردەملەشكەنلەرنى دوست تۇتۇشتىن توسىدۇ، كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر [9].

  10. (60-سۈرە مۇمتەھىنە، 10-ئايەت)
    يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا جَاءَكُمُ الْمُؤْمِنَاتُ مُهَاجِرَاتٍ فَامْتَحِنُوهُنَّ ۖ اللَّهُ أَعْلَمُ بِإِيمَانِهِنَّ ۖ فَإِنْ عَلِمْتُمُوهُنَّ مُؤْمِنَاتٍ فَلَا تَرْجِعُوهُنَّ إِلَى الْكُفَّارِ ۖ لَا هُنَّ حِلٌّ لَهُمْ وَلَا هُمْ يَحِلُّونَ لَهُنَّ ۖ وَآتُوهُمْ مَا أَنْفَقُوا ۚ وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ أَنْ تَنْكِحُوهُنَّ إِذَا آتَيْتُمُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ ۚ وَلَا تُمْسِكُوا بِعِصَمِ الْكَوَافِرِ وَاسْأَلُوا مَا أَنْفَقْتُمْ وَلْيَسْأَلُوا مَا أَنْفَقُوا ۚ ذَٰلِكُمْ حُكْمُ اللَّهِ ۖ يَحْكُمُ بَيْنَكُمْ ۚ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
    ئى مۆمىنلەر! سىلەرگە مۆمىن ئاياللار ھىجرەت قىلىپ كەلسە، ئۇلارنى سىناپ كۆرۈڭلار، ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، ئەگەر ئۇلارنى (سىنىغاندىن كېيىن ھەقىقىي) مۆمىنە دەپ تونۇساڭلار، ئۇلارنى كاپىرلارغا قايتۇرۇپ بەرمەڭلار، ئۇلار كاپىرلارغا ھالال ئەمەس، كاپىرلارمۇ ئۇلارغا ھالال ئەمەس، كاپىر ئەرلىرىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن مەھرىنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار، ئۇلارنىڭ مەھرىلىرىنى بېرىپ نىكاھىڭلارغا ئالساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، كاپىر ئاياللارنى ئەمرىڭلاردا ساقلىماڭلار، ئۇلارغا بەرگەن مەھرىڭلارنى تەلەپ قىلىڭلار، كاپىرلارمۇ (ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۆمىن ئاياللىرىغا بەرگەن) مەھرىلىرىنى تەلەپ قىلسۇن، ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئەنە شۇ. ئاللاھ ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

    ئى مۆمىنلەر! مۆمىن ئاياللار سىلەر تەرەپكە ھىجرەت قىلىپ كەلسە، ئۇلارنى سىناپ كۆرۈڭلار، ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ، ئەگەر ئۇلارنى ھەقىقىي مۆمىن دەپ قارىساڭلار، ئۇلارنى كافىرلارغا قايتۇرۇپ بەرمەڭلار، ئۇلار كافىرلارغا ھالال ئەمەس، كافىرلارمۇ ئۇلارغا ھالال ئەمەس، كافىر ئەرلىرىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن تويلۇقىنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار، ئۇلارنىڭ تويلىقىنى بېرىپ نىكاھىڭلارغا ئالساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، كافىر ئاياللارنى ئەمرىڭلاردا ساقلىماڭلار، ئۇلارغا بەرگەن مەھرىڭلارنى تەلەپ قىلىڭلار، كافىرلارمۇ (سىلەر تەرەپكە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن مۆمىن خوتۇنلىرىغا بەرگەن) مەھرىنى تەلەپ قىلسۇن. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ ھۆكمى. ئاللاھ ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئلاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [10].

  11. (60-سۈرە مۇمتەھىنە، 11-ئايەت)
    وَإِنْ فَاتَكُمْ شَيْءٌ مِنْ أَزْوَاجِكُمْ إِلَى الْكُفَّارِ فَعَاقَبْتُمْ فَآتُوا الَّذِينَ ذَهَبَتْ أَزْوَاجُهُمْ مِثْلَ مَا أَنْفَقُوا ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ الَّذِي أَنْتُمْ بِهِ مُؤْمِنُونَ
    ئەگەر سىلەرنىڭ بەزى ئاياللىرىڭلار كاپىرلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتسە، (كاپىرلار بىلەن) ئۇرۇشۇپ غەنىيمەت ئالغان ۋاقتىڭلاردا، ئاياللىرى كاپىرلارغا كىرىپ كەتكەن كىشىلەرگە (غەنىيمەتتىن) ئۇلارنىڭ بەرگەن مەھرىنىڭ مىقدارىنى بېرىڭلار (يەنى مۇسۇلمانلاردىن بىرىنىڭ ئايالى كۇففارلار تەرەپكە قېچىپ كەتسە، سىلەر كۇففارلار بىلەن ئۇرۇشۇپ ئالغان غەنىيمەت مالدىن مەزكۇر ئايالنىڭ ئېرىگە مەھرى مىقدارى مال بېرىڭلار)، سىلەر ئۆزۈڭلار ئىشەنگەن ئاللاھتىن قورقۇڭلار

    ئەگەر سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن بەزى ئاياللار كافىرلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتسە، سىلەر كافىرلار بىلەن ئۇرۇشۇپ ئولجا ئالغان ۋاقتىڭلاردا، خوتۇنى كافىرلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن كىشىلەرگە (ئولجىدىن) ئۇلار بەرگەن مەھرىگە تەڭ مىقداردا بىر نەرسە بېرىڭلار. سىلەر ئۆزۈڭلار ئىشەنگەن ئاللاھتىن قورقۇڭلار [11].

  12. (60-سۈرە مۇمتەھىنە، 12-ئايەت)
    يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِذَا جَاءَكَ الْمُؤْمِنَاتُ يُبَايِعْنَكَ عَلَىٰ أَنْ لَا يُشْرِكْنَ بِاللَّهِ شَيْئًا وَلَا يَسْرِقْنَ وَلَا يَزْنِينَ وَلَا يَقْتُلْنَ أَوْلَادَهُنَّ وَلَا يَأْتِينَ بِبُهْتَانٍ يَفْتَرِينَهُ بَيْنَ أَيْدِيهِنَّ وَأَرْجُلِهِنَّ وَلَا يَعْصِينَكَ فِي مَعْرُوفٍ ۙ فَبَايِعْهُنَّ وَاسْتَغْفِرْ لَهُنَّ اللَّهَ ۖ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
    ئى پەيغەمبەر! مۆمىن ئاياللار ساڭا كېلىپ، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، ئوغرىلىق قىلماسلىققا، زىنا قىلماسلىققا، بالىلىرىنى (جاھىلىيەت دەۋرىدىكىدەك قىز بالىلىرىنى نومۇستىن ياكى كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ) ئۆلتۈرمەسلىككە، باشقىلارنىڭ بالىسىنى يالغاندىن ئەرلىرىنىڭ بالىسى قىلىۋالماسلىققا، سەن بۇيرۇغان ياخشى ئىشلاردىن باش تارتماسلىققا بەيئەت قىلسا (يەنى يۇقىرىقى شەرتلەر ئاساسىدا ۋەدە بەرسە)، ئۇلارنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر

    ئى پەيغەمبەر! مۆمىن ئاياللار سېنىڭ ئالدىڭغا: «ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيمىز، ئوغرىلىق قىلمايمىز، زىنا قىلمايمىز، بالىلىرىمىزنى (نومۇستىن ياكى كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ) ئۆلتۈرمەيمىز، باشقىلاردىن تۇغۇلغان بالىنى ئېرىمىزنىڭ بالىسى دەۋالمايمىز، سەن بۇيرۇغان ياخشى ئىشلاردىن باش تارتمايمىز»دەپ بەيئەت قىلىش ئۈچۈن كەلسە، سەن ئۇلارنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر [12].

  13. (60-سۈرە مۇمتەھىنە، 13-ئايەت)
    يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَوَلَّوْا قَوْمًا غَضِبَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ قَدْ يَئِسُوا مِنَ الْآخِرَةِ كَمَا يَئِسَ الْكُفَّارُ مِنْ أَصْحَابِ الْقُبُورِ
    ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ غەزەپ قىلغان قەۋمنى دوست تۇتماڭلار، ئۇلار ئاخىرەتنىڭ (ساۋابىدىن) قەبرىلىرىدە ياتقان كۇففارلار ئۈمىدىنى ئۈزگەندەك ھەقىقەتەن ئۈمىدىنى ئۈزدى

    ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ غەزەپ قىلغان قەۋمنى دوست تۇتماڭلار، (چۈنكى) ئۇلار كافىرلار قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلىشىدىن ئۈمىد ئۈزگەندەك ئاخىرەتتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنلەردۇر [13].

    .