مەريەم سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 98 ئايەت
مەنىسى: كىشى ئىسمى. ئاتىلىش سەۋەبى: ھەزرىتى مەريەم ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىلىرى بايان قىلىنغان (16~37-ئايەتلەر)
  1. (19-سۈرە مەريەم، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ كهيعص
    كاف، ھا، يا، ئەين، ساد

    كاف، ھا، يا، ئەين، ساد (بۇ قۇرئاننىڭ سىرلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ) [1].

  2. (19-سۈرە مەريەم، 2-ئايەت)
    ذِكْرُ رَحْمَتِ رَبِّكَ عَبْدَهُ زَكَرِيَّا
    بۇ، پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەندىسى زەكەرىياغا قىلغان مەرھەمىتىنىڭ بايانىدۇر

    بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەندىسى زەكەرىيياغا قىلغان مەرھىمىتىنىڭ بايانىدۇر [2]

  3. (19-سۈرە مەريەم، 3-ئايەت)
    إِذْ نَادَىٰ رَبَّهُ نِدَاءً خَفِيًّا
    ئۇ ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىغا پەس ئاۋازدا مۇناجات قىلدى

    ئۇ ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىغا ئەڭ پەس ئاۋازدا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى رەببىم! ھەقىقەتەن سۆڭىكىم بوشىشىپ كەتتى، چېچىم ئاقاردى. ئى رەببىم! مەن ساڭا دۇئا قىلىپ زىيان تارتمىدىم. [4]-[3].

  4. (19-سۈرە مەريەم، 4-ئايەت)
    قَالَ رَبِّ إِنِّي وَهَنَ الْعَظْمُ مِنِّي وَاشْتَعَلَ الرَّأْسُ شَيْبًا وَلَمْ أَكُنْ بِدُعَائِكَ رَبِّ شَقِيًّا
    ئۇ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن كۈچ ـ قۇۋۋىتىمدىن كەتتىم، چېچىم ئاقاردى. پەرۋەردىگارىم! ساڭا دۇئا قىلىپ ئۈمىدسىز بولۇپ قالغىنىم يوق

    ئۇ ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىغا ئەڭ پەس ئاۋازدا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى رەببىم! ھەقىقەتەن سۆڭىكىم بوشىشىپ كەتتى، چېچىم ئاقاردى. ئى رەببىم! مەن ساڭا دۇئا قىلىپ زىيان تارتمىدىم. [4]-[3].

  5. (19-سۈرە مەريەم، 5-ئايەت)
    وَإِنِّي خِفْتُ الْمَوَالِيَ مِنْ وَرَائِي وَكَانَتِ امْرَأَتِي عَاقِرًا فَهَبْ لِي مِنْ لَدُنْكَ وَلِيًّا
    مەن تاغىلىرىمنىڭ بالىلىرىنىڭ ئورنۇمنى باسالماسلىقلىرىدىن (يەنى دىننى قولدىن بېرىپ قويۇشلىرىدىن) ھەقىقەتەن ئەنسىرەيمەن، مېنىڭ ئايالىم تۇغماستۇر، (پەزلىڭدىن) ماڭا بىر (ياخشى) پەرزەنت ئاتا قىلغىن

    مەن تاغىلىرىمنىڭ بالىلىرىنىڭ (دىنىي جەھەتتە) مېنىڭ ئورنۇمنى باسالماي قېلىشىدىن ھەقىقەتەن ئەنسىرەيمەن، يەنە كېلىپ مېنىڭ خوتۇنۇم تۇغماستۇر. شۇڭا، سەن ماڭا ئۆز ھۇزۇرۇڭدىن بىر پەرزەنت ئاتا قىلغىن [5].

  6. (19-سۈرە مەريەم، 6-ئايەت)
    يَرِثُنِي وَيَرِثُ مِنْ آلِ يَعْقُوبَ ۖ وَاجْعَلْهُ رَبِّ رَضِيًّا
    ئۇ ماڭا ۋارىس بولغاي ۋە يەئقۇب ئەۋلادىغا ۋارىس بولغاي، پەرۋەردىگارىم! ئۇنى سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىدىغان قىلغىن»

    ئۇ ماڭا ۋارىس بولغاي ۋە شۇنىڭدەك يەئقۇب ئەۋلادىغىمۇ ۋارىس بولغاي! ئى رەببىم! ئۇنى سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىدىغان قىلغىن» [6].

  7. (19-سۈرە مەريەم، 7-ئايەت)
    يَا زَكَرِيَّا إِنَّا نُبَشِّرُكَ بِغُلَامٍ اسْمُهُ يَحْيَىٰ لَمْ نَجْعَلْ لَهُ مِنْ قَبْلُ سَمِيًّا
    (ئاللاھ ئېيتتىكى) «ئى زەكەرىيا! بىز ھەقىقەتەن ساڭا (پەرىشتىلەر ئارقىلىق) يەھيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇشخەۋەر بېرىمىز، ئىلگىرى ھېچ ئادەمنى ئۇنىڭغا ئىسىمداش قىلمىدۇق»

    (ئاللاھ ئېيتتىكى) «ئى زەكەرىييا! بىز ھەقىقەتەن ساڭا يەھيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇش خەۋەر بېرىمىز، ئىلگىرى ھېچ ئادەمنى ئۇنىڭغا ئىسىمداش قىلمىغان ئىدۇق» [7].

  8. (19-سۈرە مەريەم، 8-ئايەت)
    قَالَ رَبِّ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي غُلَامٌ وَكَانَتِ امْرَأَتِي عَاقِرًا وَقَدْ بَلَغْتُ مِنَ الْكِبَرِ عِتِيًّا
    زەكەرىيا ئېيتتى: «ئايالىم تۇغماس تۇرسا، مەن قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن تۇرسام، مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن؟»

    زەكەررىيا ئېيتتى: «ئى رەببىم! خوتۇنۇم تۇغماس تۇرسا، مەن قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن تۇرسام، مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولىدۇ؟» [8].

  9. (19-سۈرە مەريەم، 9-ئايەت)
    قَالَ كَذَٰلِكَ قَالَ رَبُّكَ هُوَ عَلَيَّ هَيِّنٌ وَقَدْ خَلَقْتُكَ مِنْ قَبْلُ وَلَمْ تَكُ شَيْئًا
    (نىدا قىلغان پەرىشتە) ئېيتتى: «ئىش ئەنە شۇنداقتۇر، پەرۋەردىگارىڭ ئېيتتى: بۇ مەن ئۈچۈن ئاساندۇر، سېنى مەن ياراتتىم، ھالبۇكى سەن بۇرۇن يوق ئىدىڭ (يەنى سېنى يوقتىن بار قىلغاندەك، يەھيانى ئىككىڭلاردىن تۆرەلدۈرۈشكە قادىرمەن)»

    پەرىشتە ئېيتتى: «ئەھۋالغۇ سەن دېگەندەك، (ئەمما) پەرۋەردىگارىڭ ئېيتتى: بۇ مەن ئۈچۈن ئاساندۇر، سېنى مەن ياراتتىم، ھالبۇكى سەن بۇرۇن يوق ئىدىڭ» [9].

  10. (19-سۈرە مەريەم، 10-ئايەت)
    قَالَ رَبِّ اجْعَلْ لِي آيَةً ۚ قَالَ آيَتُكَ أَلَّا تُكَلِّمَ النَّاسَ ثَلَاثَ لَيَالٍ سَوِيًّا
    زەكەرىيا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! (ئايالىمنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىغا) ماڭا بىر ئالامەت قىلىپ بەرسەڭ». ئاللاھ ئېيتتى: «سېنىڭ ئالامىتىڭ (شۇكى)، ساق تۇرۇپ ئۈچ كېچە ـ كۈندۈز كىشىلەرگە سۆز قىلالمايسەن»

    زەكەرىيا ئېيتتى: «ئى رەببىم! (خوتۇنۇمنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىغا) ماڭا بىرەر بەلگە بەرسەڭ». ئاللاھ ئېيتتى: «ساڭا بېرىلىدىغان بەلگە (شۇكى) ساق تۇرۇپ ئۈچ كېچە ـ كۈندۈز كىشىلەرگە گەپ قىلالمايسەن» [10].

  11. (19-سۈرە مەريەم، 11-ئايەت)
    فَخَرَجَ عَلَىٰ قَوْمِهِ مِنَ الْمِحْرَابِ فَأَوْحَىٰ إِلَيْهِمْ أَنْ سَبِّحُوا بُكْرَةً وَعَشِيًّا
    زەكەرىيا نامازگاھىدىن قەۋمىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارنى ئەتىگەن ـ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىشقا ئىشارەت قىلدى

    زەكەرىييا نامازگاھىدىن قەۋمىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارغا ئەتىگەن ـ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىڭلار دەپ ئىشارەت قىلدى [11]. (يەھيا چوڭ بولغاندا) «ئى يەھيا! كىتاب (يەنى تەۋراتنى) تىرىشىپ ئوقۇغىن» (دېدۇق). ئۇنىڭغا بالىلىق چېغىدىلا ئەقىل ـ پاراسەت ئاتا قىلغان ئىدۇق [12].

  12. (19-سۈرە مەريەم، 12-ئايەت)
    يَا يَحْيَىٰ خُذِ الْكِتَابَ بِقُوَّةٍ ۖ وَآتَيْنَاهُ الْحُكْمَ صَبِيًّا
    (يەھيا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغاندا ئۇنىڭغا) «ئى يەھيا! كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) تىرىشىپ ئوقۇغىن» (دېدۇق). ئۇنىڭغا بالىلىق چېغىدىلا ئەقىل ـ پاراسەت ئاتا قىلدۇق

    (يەھيا چوڭ بولغاندا) «ئى يەھيا! كىتاب (يەنى تەۋراتنى) تىرىشىپ ئوقۇغىن» (دېدۇق). ئۇنىڭغا بالىلىق چېغىدىلا ئەقىل ـ پاراسەت ئاتا قىلغان ئىدۇق [12].

  13. (19-سۈرە مەريەم، 13-ئايەت)
    وَحَنَانًا مِنْ لَدُنَّا وَزَكَاةً ۖ وَكَانَ تَقِيًّا
    بىز ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىش ۋە ئۇنى (ناچار خىسلەتلەردىن) پاك قىلىش يۈزىسىدىن (شۇنداق قىلدۇق)، يەھيا تەقۋادار ئىدى

    بىز يەنە ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق ۋە پاكلىق ئاتا قىلدۇق. يەھيا تەقۋادار، ئاتا-ئانىسىغا كۆيۈمچان ئىدى؛ ئۇ مۇتەكەببىر ۋە ئاسىيلىق قىلغۇچى ئەمەس ئىدى [13]-[14].

  14. (19-سۈرە مەريەم، 14-ئايەت)
    وَبَرًّا بِوَالِدَيْهِ وَلَمْ يَكُنْ جَبَّارًا عَصِيًّا
    ئۇنى ئاتا ـ ئانىسىغا كۆيۈمچان (قىلدۇق)، ئۇ مۇتەكەببىر (يەنى ئاتا ـ ئانىسىنى قاخشاتقۇچى)، (پەرۋەردىگارىغا) ئاسىيلىق قىلغۇچى بولمىدى

    بىز يەنە ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق ۋە پاكلىق ئاتا قىلدۇق. يەھيا تەقۋادار، ئاتا-ئانىسىغا كۆيۈمچان ئىدى؛ ئۇ مۇتەكەببىر ۋە ئاسىيلىق قىلغۇچى ئەمەس ئىدى [13]-[14].

  15. (19-سۈرە مەريەم، 15-ئايەت)
    وَسَلَامٌ عَلَيْهِ يَوْمَ وُلِدَ وَيَوْمَ يَمُوتُ وَيَوْمَ يُبْعَثُ حَيًّا
    ئۇ تۇغۇلغان كۈنىدە، ۋاپات بولغان كۈنىدە، تىرىلىپ (قەبرىدىن) تۇرغۇزۇلغان كۈنىدە (ئاللاھتائالا تەرىپىدىن بولغان) ئامانلىققا ئېرىشىدۇ

    ئۇ تۇغۇلغان كۈنىدە، ۋاپات بولغان كۈنىدە، تىرىلىپ تۇرغۇزۇلغان كۈنىدە (ئاللاھ ئاتا قىلغان) ئامانلىققا ئېرىشىدۇ [15].

  16. (19-سۈرە مەريەم، 16-ئايەت)
    وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ مَرْيَمَ إِذِ انْتَبَذَتْ مِنْ أَهْلِهَا مَكَانًا شَرْقِيًّا
    (ئۇلارغا) قۇرئاندا مەريەم (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئەينى زاماندا ئۇ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ شەرق تەرەپتىكى بىر جايغا باردى

    (ئى مۇھەممەد!) سەن قۇرئاندىكى مەريەم قىسسىسىنى ئوقۇپ بەرگىن. ئەينى زاماندا مەريەم ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ شەرق تەرەپتىكى بىر جايغا باردى [16].

  17. (19-سۈرە مەريەم، 17-ئايەت)
    فَاتَّخَذَتْ مِنْ دُونِهِمْ حِجَابًا فَأَرْسَلْنَا إِلَيْهَا رُوحَنَا فَتَمَثَّلَ لَهَا بَشَرًا سَوِيًّا
    ئۇ پەردە تارتىپ كىشىلەردىن يوشۇرۇندى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ روھىمىزنى (يەنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى) ئەۋەتتۇق، ئۇ مەريەمگە بېجىرىم ئادەم سۈرىتىدە كۆرۈندى

    ئۇ پەردە تارتىپ كىشىلەردىن يۇشۇرۇندى. ئۇنىڭغا بىزنىڭ روھىمىز (يەنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى) ئەۋەتتۇق، ئۇ مەريەمگە بېجىرىم ئادەم سۈرىتىدە كۆرۈندى [17].

  18. (19-سۈرە مەريەم، 18-ئايەت)
    قَالَتْ إِنِّي أَعُوذُ بِالرَّحْمَٰنِ مِنْكَ إِنْ كُنْتَ تَقِيًّا
    مەريەم ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا سىغىنىپ سېنىڭ چېقىلىشىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، ئەگەر سەن تەقۋادار بولساڭ (ماڭا چېقىلمىغىن)»

    مەريەم ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا سېغىنىپ سېنىڭ چېقىلىشىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، ئەگەر سەن تەقۋادار بولساڭ (ماڭا چېقىلمىغىن)» [18].

  19. (19-سۈرە مەريەم، 19-ئايەت)
    قَالَ إِنَّمَا أَنَا رَسُولُ رَبِّكِ لِأَهَبَ لَكِ غُلَامًا زَكِيًّا
    جىبرىئىل ئېيتتى: «مەن ساڭا بىر پاك ئوغۇل بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىسىمەن»

    جىبرىئىل ئېيتتى: «مەن ساڭا پەرۋەردىگارىڭنىڭ بىر پاك ئوغۇل بېرىشى ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئەلچىسىمەن» [19].

  20. (19-سۈرە مەريەم، 20-ئايەت)
    قَالَتْ أَنَّىٰ يَكُونُ لِي غُلَامٌ وَلَمْ يَمْسَسْنِي بَشَرٌ وَلَمْ أَكُ بَغِيًّا
    مەريەم ئېيتتى: «ماڭا كىشى يېقىنلاشمىغان تۇرسا، مەن پاھىشە قىلمىغان تۇرسام، قانداقمۇ مېنىڭ ئوغۇل بالام بولسۇن؟»

    مەريەم ئېيتتى: «ماڭا كىشى يېقىنلاشمىغان تۇرسا، مەن ئىپپىتىمنى ساقلاپ كەلگەن تۇرسام، قانداقمۇ مېنىڭ ئوغلۇم بولسۇن؟» [20].

  21. (19-سۈرە مەريەم، 21-ئايەت)
    قَالَ كَذَٰلِكِ قَالَ رَبُّكِ هُوَ عَلَيَّ هَيِّنٌ ۖ وَلِنَجْعَلَهُ آيَةً لِلنَّاسِ وَرَحْمَةً مِنَّا ۚ وَكَانَ أَمْرًا مَقْضِيًّا
    جىبرىئىل ئېيتتى: «ئەمەلىيەت سەن دېگەندەكتۇر، (لېكىن پەرۋەردىگارىڭ ئېيتتى: ئۇ ماڭا ئاساندۇر. ئۇنى كىشىلەرگە قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل ۋە بىز تەرەپتىن بولغان مەرھەمەت قىلدۇق، بۇ تەقدىر قىلىنىپ بولغان ئىشتۇر»

    جىبرىئىل ئېيتتى: «ئەمەلىيەت سەن دېگەندەكتۇر، پەرۋەردىگارىڭ ئېيتتى: ئۇ ماڭا ئاساندۇر. ئۇنى كىشىلەرگە قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان دەلىل ۋە بىز تەرەپتىن بولغان مەرھەمەت قىلدۇق، بۇ تەقدىر قىلىنىپ بولغان ئىشتۇر» [21].

  22. (19-سۈرە مەريەم، 22-ئايەت)
    فَحَمَلَتْهُ فَانْتَبَذَتْ بِهِ مَكَانًا قَصِيًّا
    مەريەم ھامىلدار بولدى، (ئائىلىسىدىن) يىراق بىر جايغا كەتتى

    مەريەم ھامىلدار بولۇپ، چەت بىر جايغا كەتتى [22].

  23. (19-سۈرە مەريەم، 23-ئايەت)
    فَأَجَاءَهَا الْمَخَاضُ إِلَىٰ جِذْعِ النَّخْلَةِ قَالَتْ يَا لَيْتَنِي مِتُّ قَبْلَ هَٰذَا وَكُنْتُ نَسْيًا مَنْسِيًّا
    تولغاقنىڭ قاتتىقلىقى ئۇنى (يۆلىنىۋېلىش ئۈچۈن) بىر خورما دەرىخىنىڭ يېنىغا كېلىۋېلىشقا مەجبۇر قىلدى. مەريەم ئېيتتى: «كاشكى مەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ! كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن (ئەرزىمەس) نەرسىگە ئايلىنىپ كەتسەمچۇ!»

    تولغاقنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئۇنى بىر خورما دەرىخىنىڭ يېنىغا كېلىپ يۆلىنىۋېلىشقا مەجبۇر قىلدى. مەريەم ئېيتتى: «كاشكى مەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ! كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن نەرسىگە ئايلىنىپ كەتسەمچۇ!» [23].

  24. (19-سۈرە مەريەم، 24-ئايەت)
    فَنَادَاهَا مِنْ تَحْتِهَا أَلَّا تَحْزَنِي قَدْ جَعَلَ رَبُّكِ تَحْتَكِ سَرِيًّا
    جىبرىئىل ئۇنىڭغا خورما دەرىخىنىڭ ئاستىدىن نىدا قىلدى: «غەم قىلمىغىن، پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ ئاستىڭدىن (ئېقىپ تۇرىدىغان) بىر ئېرىقنى پەيدا قىلدى

    جىبرىئىل ئۇنىڭغا خورما دەرىخىنىڭ ئاستىدىن نىدا قىلدى: «غەم قىلمىغىن، پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ ئاستىڭدىن بىر ئېرىق پەيدا قىلدى [24].

  25. (19-سۈرە مەريەم، 25-ئايەت)
    وَهُزِّي إِلَيْكِ بِجِذْعِ النَّخْلَةِ تُسَاقِطْ عَلَيْكِ رُطَبًا جَنِيًّا
    خورما دەرىخىنى ئۆز تەرىپىڭگە ئىرغىتقىن، ئالدىڭغا پىشقان يېڭى خورمىلار تۆكۈلىدۇ

    خورما دەرىخىنى ئۆز تەرىپىڭگە ئىرغىتقىن، ئالدىڭغا پىشقان يېڭى خورمىلار تۆكۈلىدۇ [25].

  26. (19-سۈرە مەريەم، 26-ئايەت)
    فَكُلِي وَاشْرَبِي وَقَرِّي عَيْنًا ۖ فَإِمَّا تَرَيِنَّ مِنَ الْبَشَرِ أَحَدًا فَقُولِي إِنِّي نَذَرْتُ لِلرَّحْمَٰنِ صَوْمًا فَلَنْ أُكَلِّمَ الْيَوْمَ إِنْسِيًّا
    (بۇ شېرىن خورمىدىن) يېگىن، (بۇ تاتلىق سۇدىن) ئىچكىن ۋە خۇرسەن بولغىن، بىرەر ئادەمنى كۆرسەڭ (ئۇ بالا توغرۇلۇق سورىسا): مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ۋەدە بەردىم، بۈگۈن ھېچ ئادەمگە سۆز قىلمايمەن دېگىن»

    بۇ خورمىدىن يېگىن، بۇ سۇدىن ئىچكىن ۋە (بالاڭدىن) زوقلانغىن؛ بىرەر ئادەمنى كۆرسەڭ: <مەن ھەقىقەتەن سۆز قىلمايمەن دەپ مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ۋەدە بەرگەن ئىدىم، بۈگۈن ھېچكىمگە گەپ قىلمايمەن> دېگىن» [26].

  27. (19-سۈرە مەريەم، 27-ئايەت)
    فَأَتَتْ بِهِ قَوْمَهَا تَحْمِلُهُ ۖ قَالُوا يَا مَرْيَمُ لَقَدْ جِئْتِ شَيْئًا فَرِيًّا
    مەريەم بوۋاقنى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى) كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇلار ئېيتتى: «ئى مەريەم! سەن ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش قىلدىڭ

    مەريەم بوۋاقنى كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇلار ئېيتتى: «ئى مەريەم! سەن ھەقىقەتەن يامان بىر ئىشنى قىلىپ قويدۇڭ [27].

  28. (19-سۈرە مەريەم، 28-ئايەت)
    يَا أُخْتَ هَارُونَ مَا كَانَ أَبُوكِ امْرَأَ سَوْءٍ وَمَا كَانَتْ أُمُّكِ بَغِيًّا
    ئى ھارۇننىڭ ھەمشىرىسى! سېنىڭ ئاتاڭ يامان ئادەم ئەمەس ئىدى، ئاناڭمۇ يولدىن چىققان خوتۇن ئەمەس ئىدى»

    ئى ھارۇننىڭ ھەمشىرىسى! سېنىڭ ئاتاڭ يامان ئادەم ئەمەس ئىدى، ئاناڭمۇ يولدىن چىققان خوتۇن ئەمەس ئىدى» [28].

  29. (19-سۈرە مەريەم، 29-ئايەت)
    فَأَشَارَتْ إِلَيْهِ ۖ قَالُوا كَيْفَ نُكَلِّمُ مَنْ كَانَ فِي الْمَهْدِ صَبِيًّا
    مەريەم بوۋاقنى كۆرسەتتى، ئۇلار: «بۆشۈكتىكى بوۋاققا قانداق سۆزلەيمىز» دېدى

    مەريەم (بۇنىڭدىن سوراڭلار دېگەندەك قىلىپ) بوۋاقنى كۆرسەتتى. ئۇلار: «بۆشۈكتىكى بوۋاققا قانداق گەپ قىلىمىز» دېدى [29].

  30. (19-سۈرە مەريەم، 30-ئايەت)
    قَالَ إِنِّي عَبْدُ اللَّهِ آتَانِيَ الْكِتَابَ وَجَعَلَنِي نَبِيًّا
    بوۋاق ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بەندىسىمەن، ماڭا كىتابنى بەردى (يەنى ئىنجىلنى بېرىدۇ) ۋە مېنى پەيغەمبەر قىلدى (يەنى قىلىدۇ)

    بوۋاق ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بەندىسىمەن، ئاللاھ ماڭا كىتاب (يەنى ئىنجىل) نى بېرىدۇ ۋە مېنى پەيغەمبەر قىلىدۇ [30].

  31. (19-سۈرە مەريەم، 31-ئايەت)
    وَجَعَلَنِي مُبَارَكًا أَيْنَ مَا كُنْتُ وَأَوْصَانِي بِالصَّلَاةِ وَالزَّكَاةِ مَا دُمْتُ حَيًّا
    قەيەردە بولاي مېنى بەرىكەتلىك قىلدى، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ماڭا نامازنى، زاكاتنى ئادا قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى

    قەيەردىلا بولسام، ئاللاھ ماڭا بەرىكەت ئاتا قىلدى، ماڭا ھاياتلا بولساڭ ناماز ئوقۇغىن، زاكات بەرگىن دەپ تەۋسىيە قىلدى [31].

  32. (19-سۈرە مەريەم، 32-ئايەت)
    وَبَرًّا بِوَالِدَتِي وَلَمْ يَجْعَلْنِي جَبَّارًا شَقِيًّا
    مېنى ئانامغا كۆيۈمچان قىلدى، مېنى مۇتەكەببىر، شەقى قىلمىدى

    مېنى ئانامغا كۆيۈمچان قىلدى، مېنى مۇتەكەببىر، شەقى قىلمىدى [32].

  33. (19-سۈرە مەريەم، 33-ئايەت)
    وَالسَّلَامُ عَلَيَّ يَوْمَ وُلِدْتُ وَيَوْمَ أَمُوتُ وَيَوْمَ أُبْعَثُ حَيًّا
    مەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە، ۋاپات بولغان كۈنۈمدە، تىرىلىپ قەبرەمدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنۈمدە (ئاللاھتائالا تەرىپىدىن بولغان) ئامانلىققا ئېرىشىمەن»

    مەن تۇغۇلغان كۈندە، ۋاپات بولغان كۈندە، تىرىلىپ قەبرەمدىن تۇرغۇزۇلغان كۈندە ماڭا ئامانلىق بولىدۇ» [33].

  34. (19-سۈرە مەريەم، 34-ئايەت)
    ذَٰلِكَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ ۚ قَوْلَ الْحَقِّ الَّذِي فِيهِ يَمْتَرُونَ
    ئەنە شۇ ئىيسا ئىبىن مەريەمنىڭ (قىسسەسىدۇر). ئىيسا ئۇلار دەتالاش قىلىۋاتقان ئۆزىنڭ ئىشىنىڭ (ھەقىقىتى) ئۈستىدە ھەق گەپنى قىلدى

    ئەنە شۇ بوۋاق مەريەمنىڭ ئوغلى ئىيسا بولۇپ، ئۇ ئۆزى ھەققىدە كىشىلەر دەتالاش قىلىشىۋاتقان ھەق گەپنى قىلدى [34].

  35. (19-سۈرە مەريەم، 35-ئايەت)
    مَا كَانَ لِلَّهِ أَنْ يَتَّخِذَ مِنْ وَلَدٍ ۖ سُبْحَانَهُ ۚ إِذَا قَضَىٰ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
    «ئاللاھنىڭ شەنىگە بالىسى بولۇش لايىق ئەمەس، ئاللاھ (بالىدىن، شېرىكتىن) پاكتۇر، ئاللاھ بىرەر ئىش قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا ۋۇجۇتقا كەل دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ

    (ئىيسا ئېيتتى): «بالىلىق بولۇش ئاللاھنىڭ شەنىگە لايىق ئەمەس. ئاللاھ پاكتۇر، ئاللاھ بىرەر ئىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا <ۋۇجۇتقا كەل> دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ [35].

  36. (19-سۈرە مەريەم، 36-ئايەت)
    وَإِنَّ اللَّهَ رَبِّي وَرَبُّكُمْ فَاعْبُدُوهُ ۚ هَٰذَا صِرَاطٌ مُسْتَقِيمٌ
    ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»

    ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» [36].

  37. (19-سۈرە مەريەم، 37-ئايەت)
    فَاخْتَلَفَ الْأَحْزَابُ مِنْ بَيْنِهِمْ ۖ فَوَيْلٌ لِلَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ مَشْهَدِ يَوْمٍ عَظِيمٍ
    ئىيسانىڭ ئىشى توغرىسىدا ئۇلار (يەنى ئەھلى كىتاب) ئارىسىدىكى پىرقىلەر ئىختىلاپ قىلىشتى، بۈيۈك كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) كەلگەن چاغدا، كاپىرلارغا ۋاي!

    ئىيسانىڭ ئىشى توغرىسىدا ئۇلار (يەنى ئەھلى كىتاب) ئارىسىدىكى پىرقىلەر ئىختىلاپ قىلىشتى، كافىرلارنىڭ ھەممە ھازىر قىلىنىدىغان بۈيۈك قىيامەت كۈنىدىكى ھالىغا ۋاي! [37]

  38. (19-سۈرە مەريەم، 38-ئايەت)
    أَسْمِعْ بِهِمْ وَأَبْصِرْ يَوْمَ يَأْتُونَنَا ۖ لَٰكِنِ الظَّالِمُونَ الْيَوْمَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
    ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا كەلگەن كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) قۇلاقلىرى تازا ئاڭلايدىغان، كۆزلىرى تازا كۆرىدىغان بولىدۇ، لېكىن زالىملار بۈگۈن (يەنى بۇ دۇنيادا) روشەن گۇمراھلىقتىدۇر

    ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا كەلگەن قىيامەت كۈنىدە ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرى ناھايىتى ئاڭلايدىغان، كۆزلىرى ناھايىتى كۆرىدىغان بولۇپ كېتىدۇ. لېكىن، بۇ كافىرلار بولسا بۈگۈنكى كۈندە ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا تۇرۇۋاتىدۇ [38].

  39. (19-سۈرە مەريەم، 39-ئايەت)
    وَأَنْذِرْهُمْ يَوْمَ الْحَسْرَةِ إِذْ قُضِيَ الْأَمْرُ وَهُمْ فِي غَفْلَةٍ وَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
    ئۇلارنى (يەنى خالايىقنى) ھەسرەت كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)دىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر، (قىيامەتنى) ئىنكار قىلماقتىدۇر

    (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنى ھەممە ھەسرەت چېكىدىغان قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر، ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ [39].

  40. (19-سۈرە مەريەم، 40-ئايەت)
    إِنَّا نَحْنُ نَرِثُ الْأَرْضَ وَمَنْ عَلَيْهَا وَإِلَيْنَا يُرْجَعُونَ
    زېمىنغا ۋە زېمىن ئۈستىدىكى بارچىگە چوقۇم بىز ۋارىسلىق قىلىمىز. ئۇلار (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ

    بىز زېمىنغا ۋە زېمىن ئۈستىدىكى بارلىق نەرسىگە چوقۇم ۋارىسلىق قىلىمىز. ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ [40].

  41. (19-سۈرە مەريەم، 41-ئايەت)
    وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ إِبْرَاهِيمَ ۚ إِنَّهُ كَانَ صِدِّيقًا نَبِيًّا
    (ئى مۇھەممەد!) كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ئىبراھىم (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن تولىمۇ راستچىل پەيغەمبەر ئىدى

    (ئى مۇھەممەد!) قۇرئاندىكى ئىبراھىم قىسسىسىنى ئوقۇپ بەرگىن، ئۇ ھەقىقەتەن تولىمۇ راستچىل پەيغەمبەر ئىدى [41].

  42. (19-سۈرە مەريەم، 42-ئايەت)
    إِذْ قَالَ لِأَبِيهِ يَا أَبَتِ لِمَ تَعْبُدُ مَا لَا يَسْمَعُ وَلَا يُبْصِرُ وَلَا يُغْنِي عَنْكَ شَيْئًا
    ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ئېيتتى: «ئى ئاتا! نېمىشقا ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان ۋە ساڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىسەن

    ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ئېيتتى: «ئى ئاتا! سەن نېمىشقا ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان ۋە ساڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىسەن؟ [42].

  43. (19-سۈرە مەريەم، 43-ئايەت)
    يَا أَبَتِ إِنِّي قَدْ جَاءَنِي مِنَ الْعِلْمِ مَا لَمْ يَأْتِكَ فَاتَّبِعْنِي أَهْدِكَ صِرَاطًا سَوِيًّا
    ئى ئاتا! ماڭا سەن بىلمەيدىغان ئىلىملەر نازىل بولدى، ماڭا ئەگەشكىن، سېنى توغرا يولغا باشلايمەن

    ئى ئاتا! ماڭا سەن بىلمەيدىغان ئىلىملەر كەلدى، سەن ماڭا ئەگەشكىن، مەن سېنى توغرا يولغا باشلايمەن [43].

  44. (19-سۈرە مەريەم، 44-ئايەت)
    يَا أَبَتِ لَا تَعْبُدِ الشَّيْطَانَ ۖ إِنَّ الشَّيْطَانَ كَانَ لِلرَّحْمَٰنِ عَصِيًّا
    ئى ئاتا! شەيتانغا چوقۇنمىغىن، شەيتان مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ھەقىقەتەن ئاسىيلىق قىلدى

    ئى ئاتا! سەن شەيتانغا چوقۇنمىغىن، شەيتان مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ھەقىقەتەن ئاسىيلىق قىلدى [44].

  45. (19-سۈرە مەريەم، 45-ئايەت)
    يَا أَبَتِ إِنِّي أَخَافُ أَنْ يَمَسَّكَ عَذَابٌ مِنَ الرَّحْمَٰنِ فَتَكُونَ لِلشَّيْطَانِ وَلِيًّا
    ئى ئاتا! سېنىڭ مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئازابىغا قېلىشىڭدىن، شەيتاننىڭ ھەمراھىغا ئايلىنىپ قېلىشىڭدىن قورقىمەن»

    ئى ئاتا! مەن سېنىڭ مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئازابىغا قېلىشىڭدىن، شەيتاننىڭ ھەمراھىغا ئايلىنىپ قېلىشىڭدىن ئەنسىرەيمەن» [45].

  46. (19-سۈرە مەريەم، 46-ئايەت)
    قَالَ أَرَاغِبٌ أَنْتَ عَنْ آلِهَتِي يَا إِبْرَاهِيمُ ۖ لَئِنْ لَمْ تَنْتَهِ لَأَرْجُمَنَّكَ ۖ وَاهْجُرْنِي مَلِيًّا
    ئۇ (يەنى ئازەر) ئېيتتى: «ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرۈمەكچىمۇسەن، ئەگەر سەن (مۇنداق قىلىشتىن) يانمىساڭ، چوقۇم سېنى تاش ـ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمەن، ئۇزاق زامان مەندىن يىراق تۇرغىن»

    ئاتىسى ئېيتتى: «ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرۈمەكچىمۇسەن؟ ئەگەر سەن بۇنىڭدىن يانمىساڭ، مەن سېنى چوقۇم چالما ـ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمەن. سەن ئۇزاققىچە كۆزۈمگە كۆرۈنگۈچى بولما» [46].

  47. (19-سۈرە مەريەم، 47-ئايەت)
    قَالَ سَلَامٌ عَلَيْكَ ۖ سَأَسْتَغْفِرُ لَكَ رَبِّي ۖ إِنَّهُ كَانَ بِي حَفِيًّا
    ئىبراھىم ئېيتتى: «ساڭا ئامانلىق بولسۇن، پەرۋەردىگارىمدىن ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھ ماڭا ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر

    ئىبراھىم ئېيتتى: «ساڭا ئامانلىق بولسۇن، مەن پەرۋەردىگارىمدىن ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھ ماڭا ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر [47].

  48. (19-سۈرە مەريەم، 48-ئايەت)
    وَأَعْتَزِلُكُمْ وَمَا تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَأَدْعُو رَبِّي عَسَىٰ أَلَّا أَكُونَ بِدُعَاءِ رَبِّي شَقِيًّا
    سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەردىن يىراق بولىمەن، پەرۋەردىگارىمغا ئىبادەت قىلىمەن، پەرۋەردىگارىمنىڭ ئىبادىتىدىن مەھرۇم بولۇپ قالماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن»

    مەن سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەردىن يىراق بولىمەن؛ پەرۋەردىگارىمغا ئىبادەت قىلىمەن، پەرۋەردىگارىمغا ئىبادەت قىلىپ تۇرۇپ بەختسىز بولۇپ قالماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن» [48].

  49. (19-سۈرە مەريەم، 49-ئايەت)
    فَلَمَّا اعْتَزَلَهُمْ وَمَا يَعْبُدُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَهَبْنَا لَهُ إِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ ۖ وَكُلًّا جَعَلْنَا نَبِيًّا
    ئۇ ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىدىن يىراقلاشتى، ئۇنىڭغا بىز ئىسھاق ۋە يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق، ئۇ ئىككىسىنىڭ ھەر بىرسىنى پەيغەمبەر قىلدۇق

    ئۇ ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىدىن يىراقلاشقان چاغدا، ئۇنىڭغا بىز ئىسھاق ۋە يەئقۇبنى بەخش ئەتتۇق ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىككىلىسىنى پەيغەمبەر قىلدۇق [49].

  50. (19-سۈرە مەريەم، 50-ئايەت)
    وَوَهَبْنَا لَهُمْ مِنْ رَحْمَتِنَا وَجَعَلْنَا لَهُمْ لِسَانَ صِدْقٍ عَلِيًّا
    ئۇلارغا بىزنىڭ رەھمىتىمىزنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارنىڭ نامىنى بەلەن ۋە يۇقىرى قىلدۇق

    ئۇلارغا بىزنىڭ رەھمىتىمىزنى ئىنئام قىلدۇق، ئۇلارنى يۈكسەك شان-شەرەپكە ئىگە قىلدۇق [50].

  51. (19-سۈرە مەريەم، 51-ئايەت)
    وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ مُوسَىٰ ۚ إِنَّهُ كَانَ مُخْلَصًا وَكَانَ رَسُولًا نَبِيًّا
    كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) مۇسا (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ئۇ ئاللاھ ئىبادىتىگە خاس قىلغان ھەم رەسۇل (يەنى ئەلچى)، ھەم پەيغەمبەر ئىدى

    (ئى مۇھەممەد!) سەن قۇرئاندىكى مۇسا قىسىسىنى ئوقۇپ بەرگىن. شۈبھىسىزكى، ئۇ پاك ھەم رەسۇل، ھەم نەبى ئىدى [51].

  52. (19-سۈرە مەريەم، 52-ئايەت)
    وَنَادَيْنَاهُ مِنْ جَانِبِ الطُّورِ الْأَيْمَنِ وَقَرَّبْنَاهُ نَجِيًّا
    ئۇنىڭغا بىز تۇر تېغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن نىدا قىلدۇق، ئۇنى بىز مۇناجات ئۈچۈن (دەرگاھىمىزغا) يېقىنلاشتۇردۇق

    ئۇنىڭغا تۇر تېغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن نىدا قىلدۇق، ئۇنى مۇڭداشقۇچى قىلىپ ئۆزىمىزگە يېقىنلاشتۇردۇق [52].

  53. (19-سۈرە مەريەم، 53-ئايەت)
    وَوَهَبْنَا لَهُ مِنْ رَحْمَتِنَا أَخَاهُ هَارُونَ نَبِيًّا
    ئۇنىڭغا بىز مەرھەمەت قىلىپ قېرىندىشى ھارۇننى پەيغەمبەر قىلىپ بەردۇق

    بىز ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىپ قېرىندىشى ھارۇننى پەيغەمبەر قىلىپ بەردۇق [53].

  54. (19-سۈرە مەريەم، 54-ئايەت)
    وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ إِسْمَاعِيلَ ۚ إِنَّهُ كَانَ صَادِقَ الْوَعْدِ وَكَانَ رَسُولًا نَبِيًّا
    (ئى مۇھەممەد!) كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ئىسمائىل (نىڭ قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە راستچىل، ھەم رەسۇل، ھەم پەيغەمبەر ئىدى

    (ئى مۇھەممەد!) قۇرئاندىكى ئىسمائىل قىسىسىنى ئوقۇپ بەرگىن. ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە راستچىل ھەم رەسۇل ھەم نەبى ئىدى [54].

  55. (19-سۈرە مەريەم، 55-ئايەت)
    وَكَانَ يَأْمُرُ أَهْلَهُ بِالصَّلَاةِ وَالزَّكَاةِ وَكَانَ عِنْدَ رَبِّهِ مَرْضِيًّا
    ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە بۇيرۇيتتى، پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ئىدى

    ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە بۇيرۇيتتى، پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ئىدى [55].

  56. (19-سۈرە مەريەم، 56-ئايەت)
    وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ إِدْرِيسَ ۚ إِنَّهُ كَانَ صِدِّيقًا نَبِيًّا
    كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ئىدرىس (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن راستچىل پەيغەمبەر ئىدى

    سەن قۇرئاندىكى ئىدرىس قىسىسىنى ئوقۇپ بەرگىن. ئۇ ھەقىقەتەن راستچىل پەيغەمبەر ئىدى [56].

  57. (19-سۈرە مەريەم، 57-ئايەت)
    وَرَفَعْنَاهُ مَكَانًا عَلِيًّا
    ئۇنى بىز يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈردۇق

    بىز ئۇنى يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈردۇق [57].

  58. (19-سۈرە مەريەم، 58-ئايەت)
    أُولَٰئِكَ الَّذِينَ أَنْعَمَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ مِنَ النَّبِيِّينَ مِنْ ذُرِّيَّةِ آدَمَ وَمِمَّنْ حَمَلْنَا مَعَ نُوحٍ وَمِنْ ذُرِّيَّةِ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْرَائِيلَ وَمِمَّنْ هَدَيْنَا وَاجْتَبَيْنَا ۚ إِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ آيَاتُ الرَّحْمَٰنِ خَرُّوا سُجَّدًا وَبُكِيًّا ۩
    ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەر ئادەم (ئەلەيھىسسالام) نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە سالغانلارنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىبراھىمنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىسرائىل (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام) نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز (ئىمانغا) ھىدايەت قىلغان، (پەيغەمبەرلىككە) تاللىغانلاردىندۇر، ئۇلارغا مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا سەجدە قىلغان ۋە يىغلىغان ھالدا (زېمىنغا) يىقىلىدۇ

    ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەر ئادەمئاتىنىڭ نەسلىدىندۇر، بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە چىقارغانلارنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىبراھىمنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىسرائىل (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام) نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز ھىدايەت قىلغان ۋە ئالاھىدە تاللىغانلاردىندۇر. ئۇلارغا مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا ئۇلار يىغلاپ تۇرۇپ دەرھال سەجدىگە بارىدۇ [58].

  59. (19-سۈرە مەريەم، 59-ئايەت)
    فَخَلَفَ مِنْ بَعْدِهِمْ خَلْفٌ أَضَاعُوا الصَّلَاةَ وَاتَّبَعُوا الشَّهَوَاتِ ۖ فَسَوْفَ يَلْقَوْنَ غَيًّا
    ئۇلار كەتكەندىن كېيىن (ئۇلارنىڭ) ئورنىنى باسقان ئورۇنباسارلار نامازنى تەلەپكە لايىق ئادا قىلمىدى، نەپسى - خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، ئۇلار (قىيامەتتە) گۇمراھلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ

    ئۇلاردىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئورنىنى باسقانلار نامازنى تەرك ئەتتى، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، ئۇلار (قىيامەتتە) گۇمراھلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ [59].

  60. (19-سۈرە مەريەم، 60-ئايەت)
    إِلَّا مَنْ تَابَ وَآمَنَ وَعَمِلَ صَالِحًا فَأُولَٰئِكَ يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ وَلَا يُظْلَمُونَ شَيْئًا
    تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئەنە شۇلارلا جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىدىن) ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ

    تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئەنە شۇلارلا جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارغا قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ [60].

  61. (19-سۈرە مەريەم، 61-ئايەت)
    جَنَّاتِ عَدْنٍ الَّتِي وَعَدَ الرَّحْمَٰنُ عِبَادَهُ بِالْغَيْبِ ۚ إِنَّهُ كَانَ وَعْدُهُ مَأْتِيًّا
    ئۇ دائىمىي تۇرالغۇ بولغان، مەرھەمەتلىك ئاللاھ بەندىلىرىگە ۋەدە قىلغان، ئۇلار كۆرمەي تۇرۇپ (ئىشەنگەن) جەننەتلەردۇر، ئاللاھنىڭ (جەننەت بىلەن قىلغان) ۋەدىسى چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ

    ئۇ جەننەتلەردە دائىمىي تۇرالغۇ بولغان، مەرھەمەتلىك ئاللاھ بەندىلىرىگە كۆرسەتمەي تۇرۇپ ئالدىن ۋەدە قىلغان جەننەتلەردۇر. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ [61].

  62. (19-سۈرە مەريەم، 62-ئايەت)
    لَا يَسْمَعُونَ فِيهَا لَغْوًا إِلَّا سَلَامًا ۖ وَلَهُمْ رِزْقُهُمْ فِيهَا بُكْرَةً وَعَشِيًّا
    ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە سۆز ئاڭلىمايدۇ، پەقەت (پەرىشتىلەرنىڭ ئۇلارغا بەرگەن) سالامىنىلا ئاڭلايدۇ، ئۇلار جەننەتتە ئەتىگەن ـ ئاخشامدا (كۆڭلى تارتقان يىمەك ـ ئىچمەكلەردىن) رىزىققا ئىگە بولۇپ تۇرىدۇ

    ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە گەپلەرنى ئاڭلىمايدۇ، پەقەت ئامانلىق تىلەكلىرىنىلا ئاڭلايدۇ. ئۇلار جەننەتتە ئەتىگەن ـ ئاخشامدا كۆڭلى تارتقان رىزىققا ئىگە بولۇپ تۇرىدۇ [62].

  63. (19-سۈرە مەريەم، 63-ئايەت)
    تِلْكَ الْجَنَّةُ الَّتِي نُورِثُ مِنْ عِبَادِنَا مَنْ كَانَ تَقِيًّا
    بەندىلىرىمىز ئىچىدىكى تەقۋادارلارغا بىز مىراس قىلىپ بېرىدىغان جەننەت ئەنە شۇ

    بەندىلىرىمىز ئىچىدىكى تەقۋادارلارغا بىز مىراس قىلىپ بېرىدىغان جەننەت ئەنە شۇدۇر [63].

  64. (19-سۈرە مەريەم، 64-ئايەت)
    وَمَا نَتَنَزَّلُ إِلَّا بِأَمْرِ رَبِّكَ ۖ لَهُ مَا بَيْنَ أَيْدِينَا وَمَا خَلْفَنَا وَمَا بَيْنَ ذَٰلِكَ ۚ وَمَا كَانَ رَبُّكَ نَسِيًّا
    بىز (يەنى پەرىشتىلەر دۇنياغا) پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرى بىلەن چۈشىمىز، بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى، ئارقىمىزدىكى ۋە ئالدى ـ كەينىمىز ئارىسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، پەرۋەردىگارىڭ (بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسىنى) ئۇنتۇمايدۇ

    (جىبرىئىل ئېيتتى: ئى مۇھەممەد!) بىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرى بىلەنلا چۈشىمىز، بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى، ئارقىمىزدىكى ۋە ئالدى ـ كەينىمىز ئارىسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. پەرۋەردىگارىڭ ھېچ نەرسىنى ئۇنتۇمايدۇ [64].

  65. (19-سۈرە مەريەم، 65-ئايەت)
    رَبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا فَاعْبُدْهُ وَاصْطَبِرْ لِعِبَادَتِهِ ۚ هَلْ تَعْلَمُ لَهُ سَمِيًّا
    ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغىن، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە چىداملىق بولغىن، سەن ئۇنىڭ شېرىكى بارلىقىنى بىلەمسەن؟

    ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغىن، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە چىداملىق بولغىن، سەن ئۇنىڭ شېرىكى بار دەپ قارامسەن؟ [65].

  66. (19-سۈرە مەريەم، 66-ئايەت)
    وَيَقُولُ الْإِنْسَانُ أَإِذَا مَا مِتُّ لَسَوْفَ أُخْرَجُ حَيًّا
    ئىنسان (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشىگە ئېتىقاد قىلمايدىغان كاپىر): «مەن ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم تىرىلەمدىم؟» دەيدۇ

    (تىرىلىشىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان) ئىنسان: «مەن ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم تىرىلەمدىمەن؟» دەيدۇ [66].

  67. (19-سۈرە مەريەم، 67-ئايەت)
    أَوَلَا يَذْكُرُ الْإِنْسَانُ أَنَّا خَلَقْنَاهُ مِنْ قَبْلُ وَلَمْ يَكُ شَيْئًا
    ئىنسان بىز ئۇنى ئىلگىرى يوقتىن بار قىلغانلىقىمىزنى ئەسلىمەمدۇ؟

    ئۇ ئىنسان بىزنىڭ ئۇنى ئىلگىرى يوقلۇقتىن بار قىلغانلىقىمىزنى ئويلاپ باقمامدۇ؟ [67].

  68. (19-سۈرە مەريەم، 68-ئايەت)
    فَوَرَبِّكَ لَنَحْشُرَنَّهُمْ وَالشَّيَاطِينَ ثُمَّ لَنُحْضِرَنَّهُمْ حَوْلَ جَهَنَّمَ جِثِيًّا
    پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنى ئەلۋەتتە (ئۇلارنى ئازدۇرغان) شەيتانلار بىلەن قوشۇپ يىغىمىز، ئاندىن ئۇلارنى جەھەننەمنىڭ چۆرىسىدە تىزلاندۇرۇپ ئولتۇرغۇزغان ھالدا ئەلۋەتتە ھازىر قىلىمىز

    پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنى ئەلۋەتتە شەيتانلىرى بىلەن قوشۇپ يىغىمىز، ئاندىن ئۇلارنى جەھەننەمنىڭ چۆرىسىدە چوقۇم تىزلاندۇرۇپ قويىمىز [68].

  69. (19-سۈرە مەريەم، 69-ئايەت)
    ثُمَّ لَنَنْزِعَنَّ مِنْ كُلِّ شِيعَةٍ أَيُّهُمْ أَشَدُّ عَلَى الرَّحْمَٰنِ عِتِيًّا
    ئاندىن ھەربىر گۇرۇھنىڭ ئىچىدىن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ئەڭ ئاسىي بولغانلىرىنى تارتىپ چىقىرىمىز

    ئاندىن ھەربىر گۇرۇھنىڭ ئىچىدىن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ئەڭ ئاسىي بولغانلىرىنى چوقۇم تارتىپ چىقىرىمىز [69].

  70. (19-سۈرە مەريەم، 70-ئايەت)
    ثُمَّ لَنَحْنُ أَعْلَمُ بِالَّذِينَ هُمْ أَوْلَىٰ بِهَا صِلِيًّا
    ئاندىن بىز دوزاخ ئازابىغا ئەڭ لايىق بولغانلارنى ئەلۋەتتە ئوبدان بىلىمىز

    بىز دوزاخقا كىرىشكە ئەڭ لايىق بولغانلارنى ئەلۋەتتە ئوبدان بىلىمىز [70].

  71. (19-سۈرە مەريەم، 71-ئايەت)
    وَإِنْ مِنْكُمْ إِلَّا وَارِدُهَا ۚ كَانَ عَلَىٰ رَبِّكَ حَتْمًا مَقْضِيًّا
    سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ، بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۆزگەرمەس ھۆكمىدۇر

    سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ. بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۆزگەرمەس ھۆكمىدۇر [71].

  72. (19-سۈرە مەريەم، 72-ئايەت)
    ثُمَّ نُنَجِّي الَّذِينَ اتَّقَوْا وَنَذَرُ الظَّالِمِينَ فِيهَا جِثِيًّا
    ئاندىن تەقۋادارلارنى (جەھەننەمدىن) قۇتقۇزىمىز، زالىملارنى جەھەننەمدە تىزلىنىپ ئولتۇرغان ھالدا قويىمىز

    ئاندىن تەقۋادارلارنى قۇتقۇزىمىز، كافىرلارنى جەھەننەمدە تىزلىنىپ ئولتۇرغان ھالدا قويىمىز [72].

  73. (19-سۈرە مەريەم، 73-ئايەت)
    وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ آيَاتُنَا بَيِّنَاتٍ قَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لِلَّذِينَ آمَنُوا أَيُّ الْفَرِيقَيْنِ خَيْرٌ مَقَامًا وَأَحْسَنُ نَدِيًّا
    ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، كاپىرلار مۆمىنلەرگە: «ئىككى گۇرۇھتىن قايسىسىنىڭ ئورنى ياخشى، سورۇنى گۈزەل؟» دېدى

    ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، كافىرلار مۆمىنلەرگە: «ئىككى گۇرۇھتىن قايسىسىنىڭ (دۇنيادىكى) ئورنى ياخشى، سورۇنى گۈزەل؟» دېدى [73].

  74. (19-سۈرە مەريەم، 74-ئايەت)
    وَكَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُمْ مِنْ قَرْنٍ هُمْ أَحْسَنُ أَثَاثًا وَرِئْيًا
    بۇلاردىن بۇرۇن (بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان) نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار مەيلى مال ـ مۈلۈك جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن بولسۇن، بۇلاردىن ئارتۇق ئىدى

    ئۇلاردىن بۇرۇن (بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان) نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغان ئىدۇق، ئۇ ئۈممەتلەر مەيلى مال ـ مۈلۈك جەھەتتىن بولسۇن ياكى تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن بولسۇن، ئۇلاردىن ئۈستۈن ئىدى [74].

  75. (19-سۈرە مەريەم، 75-ئايەت)
    قُلْ مَنْ كَانَ فِي الضَّلَالَةِ فَلْيَمْدُدْ لَهُ الرَّحْمَٰنُ مَدًّا ۚ حَتَّىٰ إِذَا رَأَوْا مَا يُوعَدُونَ إِمَّا الْعَذَابَ وَإِمَّا السَّاعَةَ فَسَيَعْلَمُونَ مَنْ هُوَ شَرٌّ مَكَانًا وَأَضْعَفُ جُنْدًا
    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «كىمكى گۇمراھلىقتا بولىدىكەن، مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئۇنىڭغا مۆھلەت بېرىدۇ، تاكى ئۇلار ئازاب ۋە قىيامەتتىن ئىبارەت ئاللاھ ئۇلارغا ۋەدە قىلغان نەرسىلەرنى كۆرگەندە ئاندىن كىمنىڭ ئورنى يامان ۋە كىمنىڭ لەشكىرى ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ»

    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «كىمكى گۇمراھلىقتا بولىدىكەن، مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئۇنىڭغا مۆھلەت بىرىدۇ، ئۇلار ئازاب ياكى قىيامەتتىن ئىبارەت ئاللاھ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان نەرسىلەرنى كۆرگەندە، ئاندىن كىمنىڭ ئورنىنىڭ يامان ۋە كىمنىڭ لەشكىرىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ» [75].

  76. (19-سۈرە مەريەم، 76-ئايەت)
    وَيَزِيدُ اللَّهُ الَّذِينَ اهْتَدَوْا هُدًى ۗ وَالْبَاقِيَاتُ الصَّالِحَاتُ خَيْرٌ عِنْدَ رَبِّكَ ثَوَابًا وَخَيْرٌ مَرَدًّا
    ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلىدۇ، باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەر ساۋاب جەھەتتىن ۋە ئاقىۋەت جەھەتتىن پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا ئارتۇقتۇر

    ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلىدۇ، مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان ياخشى ئەمەللەر ساۋاب جەھەتتىن ۋە ئاقىۋەت جەھەتتىن پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ياخشىدۇر [76].

  77. (19-سۈرە مەريەم، 77-ئايەت)
    أَفَرَأَيْتَ الَّذِي كَفَرَ بِآيَاتِنَا وَقَالَ لَأُوتَيَنَّ مَالًا وَوَلَدًا
    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ماڭا (ئاخىرەتتە) ئەلۋەتتە مال ـ مۈلۈك، ئەۋلاد بېرىلىدۇ دېگەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟

    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ماڭا (ئاخىرەتتە) ئەلۋەتتە مال ـ مۈلۈك، ئەۋلاد بېرىلىدۇ دېگەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ [77].

  78. (19-سۈرە مەريەم، 78-ئايەت)
    أَطَّلَعَ الْغَيْبَ أَمِ اتَّخَذَ عِنْدَ الرَّحْمَٰنِ عَهْدًا
    ئۇ غەيبنى بىلگەنمۇ ياكى مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئەھدىسىگە ئېرىشكەنمۇ؟

    ئۇ غەيبنى بىلگەنمۇ؟ ياكى مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ (ساڭا مال-مۈلۈك ۋە ئەۋلاد بېرىمەن دېگەن) ۋەدىسىگە ئېرىشكەنمۇ؟ [78].

  79. (19-سۈرە مەريەم، 79-ئايەت)
    كَلَّا ۚ سَنَكْتُبُ مَا يَقُولُ وَنَمُدُّ لَهُ مِنَ الْعَذَابِ مَدًّا
    ھەرگىز ئۇنداق بولغان ئەمەس، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز، ئۇنىڭغا بېرىدىغان ئازابنى كۈچەيتىمىز

    ھەرگىز ئۇنداق بولغان ئەمەس، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز، ئۇنىڭغا بېرىدىغان ئازابنى كۈچەيتىمىز [79].

  80. (19-سۈرە مەريەم، 80-ئايەت)
    وَنَرِثُهُ مَا يَقُولُ وَيَأْتِينَا فَرْدًا
    ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى (يەنى مېلىنى ۋە ئەۋلادىنى) باشقىلارغا مىراس قىلىپ قالدۇرىمىز، ئۇ ئالدىمىزغا تەنھا كېلىدۇ

    ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى (يەنى مېلىنى ۋە ئەۋلادىنى) بىز ئىگىلەيمىز. ئۇ ئالدىمىزغا تەنھا كېلىدۇ [80].

  81. (19-سۈرە مەريەم، 81-ئايەت)
    وَاتَّخَذُوا مِنْ دُونِ اللَّهِ آلِهَةً لِيَكُونُوا لَهُمْ عِزًّا
    ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئىززەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن (يەنى ئىلاھلىرىنىڭ شاپائىتى بىلەن ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئىززەتلىك بولۇش ئۈچۈن)، ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھلارغا چوقۇندى

    مۇشرىكلار ئىززەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا نەرسىلەرنى ئىلاھ قىلىۋالدى [81].

  82. (19-سۈرە مەريەم، 82-ئايەت)
    كَلَّا ۚ سَيَكْفُرُونَ بِعِبَادَتِهِمْ وَيَكُونُونَ عَلَيْهِمْ ضِدًّا
    ئىش ئۇلارنىڭ گۇمان قىلغىنىدەك ئەمەس (يەنى ئىلاھلىرى ئۇلارنىڭ ئاللاھ ئالدىدا ئىززەت تېپىشلىرىنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ)، (ئىلاھلار) ئۇلارنىڭ (يەنى مۇشرىكلارنىڭ) چوقۇنۇشىنى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ

    ئىش ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك ئەمەس، ئۇ ئىلاھلار مۇشرىكلارنىڭ چوقۇنغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئۇلار ئۇلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ [82].

  83. (19-سۈرە مەريەم، 83-ئايەت)
    أَلَمْ تَرَ أَنَّا أَرْسَلْنَا الشَّيَاطِينَ عَلَى الْكَافِرِينَ تَؤُزُّهُمْ أَزًّا
    بىزنىڭ شەيتانلارنى كاپىرلارغا ئەۋەتكەنلىكىمىزنى بىلمەمسەن؟ شەيتانلار ئۇلارنى (گۇناھلارغا) قىزىقتۇرىدۇ

    (ئى مۇھەممەد!) گۇمراھلىقتا قىزىقتۇرىدىغان شەيتانلارنى كافىرلارغا ئەۋەتكەنلىكىمىزنى بىلمىدىڭمۇ؟ [83].

  84. (19-سۈرە مەريەم، 84-ئايەت)
    فَلَا تَعْجَلْ عَلَيْهِمْ ۖ إِنَّمَا نَعُدُّ لَهُمْ عَدًّا
    ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىراپ كەتمىگىن، (ئۇلارنىڭ كۈنى ئاز قالغان بولۇپ) ئۇنى بىز ساناپ تۇرىمىز

    ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىراپ كەتمىگىن، بىز ئۇلارنىڭ كۈنىنى ساناپ تۇرىمىز [84].

  85. (19-سۈرە مەريەم، 85-ئايەت)
    يَوْمَ نَحْشُرُ الْمُتَّقِينَ إِلَى الرَّحْمَٰنِ وَفْدًا
    شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) تەقۋادارلارنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىغا ئىززەت ـ ئىكرام بىلەن يىغىمىز

    بىز قىيامەت كۈنىدە تەقۋادارلارنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىغا ئىززەت ـ ئىكرام بىلەن يىغىمىز [85].

  86. (19-سۈرە مەريەم، 86-ئايەت)
    وَنَسُوقُ الْمُجْرِمِينَ إِلَىٰ جَهَنَّمَ وِرْدًا
    گۇناھكارلارنى ئۇلار چاڭقىغان ھالدا جەھەننەمگە ھەيدەيمىز

    گۇناھكارلارنى بولسا تەشنالىق ھالىتىدە جەھەننەمگە ھەيدەيمىز [86].

  87. (19-سۈرە مەريەم، 87-ئايەت)
    لَا يَمْلِكُونَ الشَّفَاعَةَ إِلَّا مَنِ اتَّخَذَ عِنْدَ الرَّحْمَٰنِ عَهْدًا
    مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ئېرىشكەنلەردىن باشقىلار شاپائەت قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ

    مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ئېرىشكەنلەردىن باشقىلار شاپائەت قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ [87].

  88. (19-سۈرە مەريەم، 88-ئايەت)
    وَقَالُوا اتَّخَذَ الرَّحْمَٰنُ وَلَدًا
    ئۇلار: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېيىشتى

    ئۇلار (يەنى ئەھلى كىتاب): «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېيىشتى [88].

  89. (19-سۈرە مەريەم، 89-ئايەت)
    لَقَدْ جِئْتُمْ شَيْئًا إِدًّا
    سىلەر شەك ـ شۈبھىسىز قەبىھ بىر سۆزنى قىلدىڭلار

    سىلەر شەك ـ شۈبھىسىز قەبىھ بىر سۆزنى قىلدىڭلار [89].

  90. (19-سۈرە مەريەم، 90-ئايەت)
    تَكَادُ السَّمَاوَاتُ يَتَفَطَّرْنَ مِنْهُ وَتَنْشَقُّ الْأَرْضُ وَتَخِرُّ الْجِبَالُ هَدًّا
    بۇ سۆزنىڭ (يامانلىقىدىن) ئاسمانلار پارچىلىنىپ كەتكىلى، يەر يېرىلىپ كەتكىلى، تاغلار گۇمران بولۇپ كەتكىلى تاس قالدى

    بۇ سۆزنىڭ قەبىھلىكىدىن ئاسمانلار پارچىلىنىپ، يەر يېرىلىپ، تاغلار پارتلاپ كەتكىلى تاس قالدى [90].

  91. (19-سۈرە مەريەم، 91-ئايەت)
    أَنْ دَعَوْا لِلرَّحْمَٰنِ وَلَدًا
    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ دەۋا قىلدى

    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ دەۋا قىلدى [91].

  92. (19-سۈرە مەريەم، 92-ئايەت)
    وَمَا يَنْبَغِي لِلرَّحْمَٰنِ أَنْ يَتَّخِذَ وَلَدًا
    بالىسى بولۇش ئاللاھقا لايىق ئەمەستۇر

    بالىلىق بولۇش ئاللاھقا لايىق ئەمەستۇر [92].

  93. (19-سۈرە مەريەم، 93-ئايەت)
    إِنْ كُلُّ مَنْ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ إِلَّا آتِي الرَّحْمَٰنِ عَبْدًا
    ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھقا بەندە بولۇپ بويسۇنمايدىغان ھېچ مەخلۇق يوقتۇر

    ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھقا بەندە بولۇپ بويسۇنمايدىغان ھېچ مەخلۇق يوقتۇر [93].

  94. (19-سۈرە مەريەم، 94-ئايەت)
    لَقَدْ أَحْصَاهُمْ وَعَدَّهُمْ عَدًّا
    شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنى تولۇق ئىگەللىدى ۋە سانىنى مۇكەممەل بىلدى

    شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنى تولۇق ئىگەللىدى ۋە سانىنى مۇكەممەل بىلدى [94].

  95. (19-سۈرە مەريەم، 95-ئايەت)
    وَكُلُّهُمْ آتِيهِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فَرْدًا
    قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا تەنھا كېلىدۇ

    قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا تەنھا كېلىدۇ [95].

  96. (19-سۈرە مەريەم، 96-ئايەت)
    إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ سَيَجْعَلُ لَهُمُ الرَّحْمَٰنُ وُدًّا
    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئۈچۈن ئاللاھ ھەقىقەتەن (ئۇلارنىڭ دىللىرىدا) مۇھەببەت پەيدا قىلىدۇ

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مېھرىبان ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۆزئارا مۇھەببەت پەيدا قىلىدۇ [96].

  97. (19-سۈرە مەريەم، 97-ئايەت)
    فَإِنَّمَا يَسَّرْنَاهُ بِلِسَانِكَ لِتُبَشِّرَ بِهِ الْمُتَّقِينَ وَتُنْذِرَ بِهِ قَوْمًا لُدًّا
    (ئى مۇھەممەد!) تەقۋادارلارغا خۇشخەۋەر بېرىشىڭ ۋە سەركەش قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، بىز قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن چۈشىنىشلىك قىلىپ نازىل قىلدۇق

    (ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ تەقۋادارلارغا خۇش خەۋەر بېرىشىڭ ۋە جىدەلخور قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، بىز قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن چۈشىنىشلىك قىلىپ نازىل قىلدۇق [97].

  98. (19-سۈرە مەريەم، 98-ئايەت)
    وَكَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُمْ مِنْ قَرْنٍ هَلْ تُحِسُّ مِنْهُمْ مِنْ أَحَدٍ أَوْ تَسْمَعُ لَهُمْ رِكْزًا
    ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلاردىن بىرەر ئەھەدىنى كۆرەلەمسەن ياكى ئۇلاردىن بىرەر پەس ئاۋاز ئاڭلىيالامسەن؟ (يەنى ئۇلار شۇنداق تەلتۆكۈس ھالاك قىلىندىكى، ئۇلاردىن كۆرگىلى ۋە ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى ھېچ ئەھەدى قالمىدى)

    ئۇلاردىن ئىلگىرى بىز نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغان ئىدۇق، سەن ھازىر ئۇلاردىن بىرەر كىشىنى كۆرەلەمسەن؟ ياكى ئۇلارنىڭ بىرەر پەس ئاۋازىنى بولسىمۇ ئاڭلىيالامسەن؟ [98].