مۇنافىقۇن سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 11 ئايەت
مەنىسى: مۇناپىقلار. ئاتىلىش سەۋەبى: مۇناپىقلارنىڭ ئەپتى بەشىرسى ئېچىپ تاشلانغان
  1. (63-سۈرە مۇنافىقۇن، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا جَاءَكَ الْمُنَافِقُونَ قَالُوا نَشْهَدُ إِنَّكَ لَرَسُولُ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ يَعْلَمُ إِنَّكَ لَرَسُولُهُ وَاللَّهُ يَشْهَدُ إِنَّ الْمُنَافِقِينَ لَكَاذِبُونَ
    مۇناپىقلار سېنىڭ ئالدىڭغا كەلگەن چاغدا: «گۇۋاھلىق بېرىمىزكى، سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇرسەن» دەيدۇ، سېنىڭ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭنى ئاللاھ بىلىدۇ، ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار (بۇ سۆزلىرىدە) چوقۇم يالغانچىلاردۇر

    (ئى مۇھەممەد!) مۇناپىقلار سېنىڭ ئالدىڭغا كەلگەن چاغدا ساڭا:«گۇۋاھلىق بېرىمىزكى سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇرسەن» دەيدۇ. ئاللاھمۇ سېنىڭ ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭنى ئەلۋەتتە بىلىدۇ، مۇناپىقلارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىمىز دېگەن سۆزىنىڭ چوقۇم يالغان ئىكەنلىكىگە ئاللاھ گۇۋاھ [1].

  2. (63-سۈرە مۇنافىقۇن، 2-ئايەت)
    اتَّخَذُوا أَيْمَانَهُمْ جُنَّةً فَصَدُّوا عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۚ إِنَّهُمْ سَاءَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
    ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يالغان قەسەملىرىنى قالقان قىلىۋالدى، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن) توستى، ئۇلارنىڭ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان!

    ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يالغان قەسەملىرىنى قالقان قىلىۋېلىپ، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى، ئۇلارنىڭ قىلمىشى نېمىدېگەن يامان! [2].

  3. (63-سۈرە مۇنافىقۇن، 3-ئايەت)
    ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ آمَنُوا ثُمَّ كَفَرُوا فَطُبِعَ عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ فَهُمْ لَا يَفْقَهُونَ
    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار (ئېغىزلىرىدا) ئىشىنىپ، ئاندىن (دىللىرىدا) ئىنكار قىلدى، ئۇلارنىڭ دىللىرى پېچەتلەندى (يەنى دىللىرىغا ھىدايەت يېتىپ بارالمايدۇ)، ئۇلار (ئىماننى) چۈشەنمەيدۇ

    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاۋۋال ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كۇفرىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ دىللىرى پېچەتلەندى، شۇڭا ئۇلار ھەقىقەتنى چۈشەنمەيدۇ [3].

  4. (63-سۈرە مۇنافىقۇن، 4-ئايەت)
    وَإِذَا رَأَيْتَهُمْ تُعْجِبُكَ أَجْسَامُهُمْ ۖ وَإِنْ يَقُولُوا تَسْمَعْ لِقَوْلِهِمْ ۖ كَأَنَّهُمْ خُشُبٌ مُسَنَّدَةٌ ۖ يَحْسَبُونَ كُلَّ صَيْحَةٍ عَلَيْهِمْ ۚ هُمُ الْعَدُوُّ فَاحْذَرْهُمْ ۚ قَاتَلَهُمُ اللَّهُ ۖ أَنَّىٰ يُؤْفَكُونَ
    ئۇلارغا قارايدىغان بولساڭ، بەدەن قۇرۇلۇشى (سالاپەتلىكى) سېنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە، (سۆزىنىڭ پاساھىتىدىن) سۆزىگە قۇلاق سالىسەن. (ئىلىمسىز، ئەقىلسىز، پاراسەتسىزلىكتە) گويا ئۇلار تامغا يۆلەپ قويۇلغان (چىرىپ قالغان) ياغاچلاردۇر. ئۇلار (قورقۇنچتىن) ھەرقانداق ئاۋازنى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان دەپ گۇمانلىنىدۇ. ئۇلار (ساڭا ۋە مۆمىنلەرگە) دۈشمەندۇر. ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلىگىن. ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلسۇن! ئۇلار قانداقمۇ (ھىدايەتتىن گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟

    (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارغا قارايدىغان بولساڭ، ئۇلارنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشى سېنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە، سەن ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ قالىسەن، ( قەلبىنىڭ ئىماندىن خالىيلىقىدا) گويا ئۇلار تامغا يۆلەپ قويۇلغان ياغاچلارنىڭ ئۆزىدۇر، ئۇلار (قورقۇنچتىن) ھەرقانداق ئاۋازنى ئۆزىگە زىيانلىق ئاۋاز دەپ ئويلايدۇ، ئۇلار ھەقىقىي دۈشمەندۇر، ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلىگىن،ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلسۇن! ئۇلار قانداقسىگە (ھىدايەتتىن) چەتنەپ كېتىدۇ؟ [4]

  5. (63-سۈرە مۇنافىقۇن، 5-ئايەت)
    وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ تَعَالَوْا يَسْتَغْفِرْ لَكُمْ رَسُولُ اللَّهِ لَوَّوْا رُءُوسَهُمْ وَرَأَيْتَهُمْ يَصُدُّونَ وَهُمْ مُسْتَكْبِرُونَ
    ئۇلارغا ئۆزرە ئېيتىپ: «كېلىڭلار، رەسۇلۇللاھ سىلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ» دېيىلسە، (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن) باشلىرىنى چايقايدۇ، ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا (دەۋەت قىلىنغان نەرسىدىن) يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرۈسەن

    [4] ئۇلارغا: «كېلىڭلار، رەسۇلۇللاھ سىلەرگە مەغپىرەت تىلىسۇن» دېيىلسە، ئۇلار باشلىرىنى چايقايدۇ، سەن ئۇلارنىڭ ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ يۈز ئۆرۈگەنلىكىنى كۆرۈسەن [5].

  6. (63-سۈرە مۇنافىقۇن، 6-ئايەت)
    سَوَاءٌ عَلَيْهِمْ أَسْتَغْفَرْتَ لَهُمْ أَمْ لَمْ تَسْتَغْفِرْ لَهُمْ لَنْ يَغْفِرَ اللَّهُ لَهُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ
    ئۇلارغا (مەيلى) مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن، (مەيلى) مەغپىرەت تەلەپ قىلمىغىن، بەرىبىر ئوخشاش. ئاللاھ ئۇلارغا ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ. شۈبھىسىزكى، پاسىق قەۋمنى ئاللاھ ھىدايەت قىلمايدۇ

    ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلساڭمۇ، قىلمىساڭمۇ، بەرىبىر ئوخشاش، ئاللاھ ئۇلارنى ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ، شۈبھىسىزكى پاسىق قەۋمنى ئاللاھ ھىدايەت قىلمايدۇ [6].

  7. (63-سۈرە مۇنافىقۇن، 7-ئايەت)
    هُمُ الَّذِينَ يَقُولُونَ لَا تُنْفِقُوا عَلَىٰ مَنْ عِنْدَ رَسُولِ اللَّهِ حَتَّىٰ يَنْفَضُّوا ۗ وَلِلَّهِ خَزَائِنُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَلَٰكِنَّ الْمُنَافِقِينَ لَا يَفْقَهُونَ
    ئۇلار: «رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىكى كىشىلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم بەرمەڭلار، ئۇلار تاراپ كەتسۇن» دەيدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ خەزىنىلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. ۋەلېكىن مۇناپىقلار (بۇنى) چۈشەنمەيدۇ

    ئۇلار: «رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىكى كىشىلەرگە بىر نەرسە بەرمەڭلار، ئۇلار تارقىلىپ كەتسۇن» دەيدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ خەزىنىلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. لېكىن مۇناپىقلار بۇنى چۈشەنمەيدۇ [7].

  8. (63-سۈرە مۇنافىقۇن، 8-ئايەت)
    يَقُولُونَ لَئِنْ رَجَعْنَا إِلَى الْمَدِينَةِ لَيُخْرِجَنَّ الْأَعَزُّ مِنْهَا الْأَذَلَّ ۚ وَلِلَّهِ الْعِزَّةُ وَلِرَسُولِهِ وَلِلْمُؤْمِنِينَ وَلَٰكِنَّ الْمُنَافِقِينَ لَا يَعْلَمُونَ
    ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار): «مەدىنىگە قايتساق، ئەڭ ئەزىز ئادەم (يەنى ئابدۇللاھ ئىبن ئۇبەي ۋە مۇناپىقلارنىڭ ئۆزلىرىنى دېمەكچى) ئەڭ خار ئادەمنى (يەنى رەسۇلۇللاھنى، مۆمىنلەرنى دېمەكچى) مەدىنىدىن چىقىرىۋېتىدۇ» دېيىشىدۇ. غەلىبە ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە مەنسۇپ، لېكىن مۇناپىقلار (غەلىبىنىڭ ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە ئەمەس، دوستلىرىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى) بىلمەيدۇ

    ئۇلار:«بىز مەدىنىگە قايتساق، ئەڭ ئەزىز ئادەم ئەڭ خار ئادەمنى مەدىنىدىن چىقىرىۋېتىدۇ (يەنى بىز مۇھەممەدنى ۋە مۇسۇلمانلارنى مەدىنىدىن چىقىرىۋېتىمىز)» دېيىشىدۇ. غەلىبە ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە مەنسۇپ، لېكىن مۇناپىقلار بۇنى بىلمەيدۇ [8].

  9. (63-سۈرە مۇنافىقۇن، 9-ئايەت)
    يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُلْهِكُمْ أَمْوَالُكُمْ وَلَا أَوْلَادُكُمْ عَنْ ذِكْرِ اللَّهِ ۚ وَمَنْ يَفْعَلْ ذَٰلِكَ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
    ئى مۆمىنلەر! ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن (يەنى ئاللاھنىڭ تائەت ـ ئىبادىتىدىن) غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن، كىملەركى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر

    ئى مۆمىنلەر! پۇل-ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن، كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇ زىيان تارتقۇچىدۇر [9].

  10. (63-سۈرە مۇنافىقۇن، 10-ئايەت)
    وَأَنْفِقُوا مِنْ مَا رَزَقْنَاكُمْ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَ أَحَدَكُمُ الْمَوْتُ فَيَقُولَ رَبِّ لَوْلَا أَخَّرْتَنِي إِلَىٰ أَجَلٍ قَرِيبٍ فَأَصَّدَّقَ وَأَكُنْ مِنَ الصَّالِحِينَ
    بىرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: «پەرۋەردىگارىم! نېمىشقا مېنى (يەنى ئەجىلىمنى) بىر ئاز كېچىكتۈرمىدىڭ، سەدىقە قىلىپ ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دېيىشتىن بۇرۇن، ئۆزۈڭلارغا رىزىق قىلىپ بېرىلگەن نەرسىلەردىن ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلىڭلار

    سىلەر بېشىڭلارغا ئۆلۈم كەلگەندە: «ئى رەببىم! مېنىڭ ئەجىلىمنى بىر ئاز كېچىكتۈرگەن بولساڭ، مەن سەدىقە قىلىپ ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دەپ قېلىشتىن بۇرۇن، ئۆزۈڭلارغا رىزىق قىلىپ بېرىلگەن نەرسىلەرنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە قىلىڭلار [10].

  11. (63-سۈرە مۇنافىقۇن، 11-ئايەت)
    وَلَنْ يُؤَخِّرَ اللَّهُ نَفْسًا إِذَا جَاءَ أَجَلُهَا ۚ وَاللَّهُ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ
    ئاللاھ ھېچ ئادەمنى ئەجىلى كەلگەندە ھەرگىز كېچىكتۈرمەيدۇ، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر

    ئاللاھ ھەرقانداق ئادەمنى ئەجىلى كەلگەندە ھەرگىز كېچىكتۈرمەيدۇ، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر [11].