ئەنئام سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 165 ئايەتمەنىسى: چاھارپايلار. ئاتىلىش سەۋەبى: چاھارپايلارنىڭ ھالال-ھاراملىرى بايان قىلىنغان(136~146-ئايەتلەر)
-
(6-سۈرە ئەنئام، 1-ئايەت) شېرىك تەۋھىد ئاسمان ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى كېچە-كۈندۈز ئاللاھقا مەدھىيە ئوقۇشبِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَجَعَلَ الظُّلُمَاتِ وَالنُّورَ ۖ ثُمَّ الَّذِينَ كَفَرُوا بِرَبِّهِمْ يَعْدِلُونَ
جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، زۇلمەتلەرنى ۋە نۇرنى پەيدا قىلغان ئاللاھقا خاستۇر! ئاندىن (يەنى مۇشۇنداق دەلىللەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ) كاپىرلار پەرۋەردىگارىغا باشقىلارنى شېرىك كەلتۈرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، ئۇ ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، قاراڭغۇلۇق ۋە يورۇقلۇقنى پەيدا قىلدى. كافىرلار مۇشۇنداق دەلىللەرنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ پەرۋەردىگارىغا شېرىك كەلتۈرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، قاراڭغۇلۇقلارنى ۋە نۇرنى بار قىلدى. ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، كافىرلار ئۆزلىرىنىڭ رەببىگە باشقىلارنى تەڭ قىلماقتىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ھەمدۇسانا ئېيتىلىشقا لايىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۇنىڭغا ئۆزىنىڭ كائىناتنى ياراتقانلىقىنى ۋە قاراڭغۇلۇقلار بىلەن نۇرنى پەيدا قىلغانلىقىنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ، ئاندىن بۇ دەلىللەرنى بىلگەن كافىرلارنىڭ، رەببىگە (ئۆزلىرى ياراتقۇچىمىز، رىزىق بەرگۈچىمىز ۋە باشقۇرغۇچىمىز دەپ ئېتىقاد قىلغان ئاللاھقا) باشقا نەرسىلەرنى تەڭ قىلىپ شېرىك كەلتۈرۈۋاتقانلىقىدىن ئەجەبلىنىش لازىملىقىنى ئېيتىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە باشقا بىرقانچە ئايەتتىمۇ ئۇلارنىڭ بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەھۋالىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. دەرۋەقە ئۇ كافىرلار (مۇشرىكلار) ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ياراتقانلىقىنى، قۇياشنى ۋە ئاينى ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئاللاھنىڭ بويسۇندۇرغانلىقىنى ئېتىقاد قىلاتتى، ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ رىزىق بېرىۋاتقانلىقىنى، دۇنياغا كەلگەن جانلىقلارنى ئاللاھنىڭ يارىتىۋاتقانلىقىنى، ئۆلگەنلەرنى ئاللاھنىڭ ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقىنى، بارلىق مەخلۇقاتنىڭ ئىشلىرىنى ئاللاھنىڭ پىلانلاۋاتقانلىقىنى ۋە باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلاتتى. شۇنىڭدەك، ئۇ كافىرلار: «زېمىن ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر»، «يەتتە قات ئاسماننىڭ ۋە ئۇلۇغ ئەرشىنىڭ ئىگىسى ئاللاھتۇر»، «ھەر نەرسىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر» دەپ قارايتتى، لېكىن ئۇلار ئاللاھقا يېقىنلىشىش، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا شاپائەتچى بىلەن چىقىش، ئۆزئارا دوستلۇق ئورنىتىش ۋە داۋاملاشتۇرۇش، ئىززەت - ھۆرمەتكە ئېرىشىش دېگەندەك مەقسەتلەر بىلەن ئاللاھتىن غەيرىينى چەكسىز مۇھەببەت ۋە شەرتسىز ئىتائەتتە ئاللاھقا تەڭ قىلاتتى، شۇنداقلا مۇشرىك بولاتتى. ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىش - ئاللاھنى قىلغان ئىشلىرى مۇكەممەل بولغانلىقى ئۈچۈن ماختاش ۋە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىگە مىننەتدار ئىكەنلىكىنى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەش دېگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە فاتىھە سۈرىسىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
هُوَ الَّذِي خَلَقَكُمْ مِنْ طِينٍ ثُمَّ قَضَىٰ أَجَلًا ۖ وَأَجَلٌ مُسَمًّى عِنْدَهُ ۖ ثُمَّ أَنْتُمْ تَمْتَرُونَ
ئاللاھ سىلەرنى (يەنى سىلەرنىڭ ئاتاڭلار ئادەمنى) لايدىن ياراتتى، ئاندىن ئەجىلىڭلارنى بېكىتتى، (سىلەرنىڭ تىرىلىدىغان) ۋاقتىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەلۇمدۇر، ئاندىن سىلەر ـ ئى كۇففارلار! (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) شەك كەلتۈرىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سىلەرنى (يەنى سىلەرنىڭ ئاتاڭلار ئادەمنى) لايدىن ياراتتى، ئاندىن ئەجىلىڭلارنى بېكىتتى، (سىلەرنىڭ تىرىلىدىغان) ۋاقتىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەلۇمدۇر. مۇشۇ باياندىن كېيىنمۇ سىلەر ـ ئى كافىرلار! (تىرىلىشكە) شەك كەلتۈرۈۋاتىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى لايدىن ياراتتى، ئاندىن كېيىن ئەجەل بېكىتتى. بەلگىلەنگەن باشقا بىر ئەجەل ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر[1]. ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر شۈبھىلىنىۋاتىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
ئالدىنقى ئايەتتە زىكىر قىلىنغان كافىرلار (مۇشرىكلار) ئۆزلىرىنىڭ قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ھېساب ئېلىنىدىغانلىقىدىن شۈبھە قىلاتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە، ئۇلارغا بىۋاسىتە خىتاب قىلىپ، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدە يوق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ (ئاللاھنىڭ) ياراتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ دۇنيادا تۇرۇشى ئۈچۈن ئەجەل بەلگىلىگەنلىكىنى، ئۇلارنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھېساب ئېلىش ئۈچۈنمۇ ئەجەل بەلگىلىگەنلىكىنى ۋە بۇ ئەجەلنى ئۆزىنىڭلا بىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئاندىن ئۇلارنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ يوقتىن يارىتىلىش ۋە بىر مۇددەتتىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئىبارەت ھەقىقەتلەرنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلۈشىدىن شۈبھە قىلىۋاتقانلىقىنى يۈزىگە سالىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بۇ ھالىنىڭ ئەجەبلىنىشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر تەرەپتىن ئاللاھ تائالانى ياراتقۇچى، رىزىق بەرگۈچى ۋە باشقۇرغۇچى دەپ قوبۇل قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈلۈشىنى ئىنكار قىلىشى، بەزىسىنىڭ بۇ ئىشتىن گۇمان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىشى ھەقىقەتەن ئەجەبلىنەرلىك ئىشتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئايەتتە ئۇلارنىڭ بۇ غەلىتە ئەھۋالىنى بايان قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا رەددىيە بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 3-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئىلمى ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى تەۋھىدوَهُوَ اللَّهُ فِي السَّمَاوَاتِ وَفِي الْأَرْضِ ۖ يَعْلَمُ سِرَّكُمْ وَجَهْرَكُمْ وَيَعْلَمُ مَا تَكْسِبُونَ
ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا (ئىبادەت قىلىنىشقا تېگىشلىك) ئاللاھ ئەنە شۇدۇر، ئۇ سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشىڭلارنى، (ياخشى ـ يامان) قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ ئاللاھ ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئىبادەت قىلىنىشقا تېگىشلىك زاتتۇر، ئۇ سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشىڭلارنى، قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھتۇر. ئۇ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشلىرىڭلارنى بىلىدۇ، قىلمىشلىرىڭلارنىمۇ بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ «رەب» ئىكەنلىكىنى ۋە قىيامەت كۈنى ئىنسانلار قايتا تىرىلىپ ھېساب بېرىشىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بۇ ئايەتتە ئۆزىنىڭ ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى ۋە ئىلمىنىڭ چەكسىزلىكىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۇ كافىرلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا 1 ~ 3 - ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ يەككە - يېگانە رەب (ياراتقۇچى، رىزىق بىلەن تەمىنلىگۈچى ۋە باشقۇرغۇچى) ۋە يەككە - يېگانە ئىلاھ (مەبۇد بەرھەق) ئىكەنلىكىنى، ئاخىرەت ھاياتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، 4 ~ 6 - ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئىنكار قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە ئۇلارغا نەسىھەت قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا تَأْتِيهِمْ مِنْ آيَةٍ مِنْ آيَاتِ رَبِّهِمْ إِلَّا كَانُوا عَنْهَا مُعْرِضِينَ
ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەت كەلسىلا ئۇنىڭدىن باش تارتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار (يەنى كافىرلار) پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەت كەلسىلا ئۇنىڭدىن باش تارتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار قاچان ئۆزلىرىگە رەببىنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەت كەلسە، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ كەلدى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئاللاھنىڭ يالغۇز رەبلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، يالغۇز ئىلاھلىقىنى قوبۇل قىلمىغان ئۇ كافىرلار ئۆزلىرى «رەببىمىز» دەپ ئېتىراپ قىلغان ئاللاھنىڭ ياراتقان ئايەتلىرىدىن، ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغان سەن ئارقىلىق كەلگەن ئايەتلىرىدىن يۈز ئۆرۈمەكتە، ئايەتنىڭ ھىدايىتى ۋە نۇرىغا بىپەرۋالىق قىلماقتا. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَقَدْ كَذَّبُوا بِالْحَقِّ لَمَّا جَاءَهُمْ ۖ فَسَوْفَ يَأْتِيهِمْ أَنْبَاءُ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەت كەلسىلا ئۇنىڭدىن باش تارتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا ھەق كىتاب (يەنى قۇرئان) كېلىۋېدى، ئۇلار ئۇنى يالغان دېدى. ئۇزاققا قالماي ئۇلارغا ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسىنىڭ خەۋەرلىرى كېلىدۇ (يەنى ئۇلارغا ئازاب چۈشىدۇ) — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۆزلىرىگە ھەق كەلگەن چاغدا ئۇنى يالغان دېيىشتى. ئۇلار مەسخىرە قىلغان نەرسىنىڭ خەۋەرلىرى يېقىندا ئۇلارغا كېلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
دېمەككى، ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەقنى (سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنى ۋە مۆجىزەڭ بولغان قۇرئاننى) ئىنكار قىلماقتا. ئۇلار يېقىندا ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان جازا ۋە ئازابقا، يەنى دۇنيادا مەغلۇبىيەتكە، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 6-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى رىزىق ھالاك قىلىنغان قەۋملەر تارىختىن ساۋاقلارأَلَمْ يَرَوْا كَمْ أَهْلَكْنَا مِنْ قَبْلِهِمْ مِنْ قَرْنٍ مَكَّنَّاهُمْ فِي الْأَرْضِ مَا لَمْ نُمَكِّنْ لَكُمْ وَأَرْسَلْنَا السَّمَاءَ عَلَيْهِمْ مِدْرَارًا وَجَعَلْنَا الْأَنْهَارَ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهِمْ فَأَهْلَكْنَاهُمْ بِذُنُوبِهِمْ وَأَنْشَأْنَا مِنْ بَعْدِهِمْ قَرْنًا آخَرِينَ
ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار كۆرمىدىمۇ؟ (يەنى ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالمىدىمۇ؟) ئۇلارنى زېمىندا سىلەرنى يەرلەشتۈرمىگەن بىر شەكىلدە يەرلەشتۈرگەن ئىدۇق، ئۇلارغا مول يامغۇرلار ياغدۇرۇپ بەرگەن ئىدۇق، ئۆستەڭلەرنى ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئېقىپ تۇرىدىغان قىلغان ئىدۇق، ئاندىن كېيىن ئۇلارنى قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق، ئۇلاردىن كېيىن باشقا خەلقنى پەيدا قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى بىزنىڭ ھالاك قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار بىلمىدىمۇ؟ ئۇلارغا زېمىندا سىلەرگە بەرمىگەن ئىمكانىيەتلەرنى بەرگەن ئىدۇق. ئۇلارغا مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگەن ئىدۇق، ئۆستەڭلارنى ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئېقىپ تۇرىدىغان قىلغان ئىدۇق، ئاندىن كېيىن ئۇلارنى قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلغان، ئۇلاردىن كېيىن باشقا خەلقنى پەيدا قىلغان ئىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەن نۇرغۇن نەسىللەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى كۆرمىدىمۇ؟ بىز ئۇ نەسىللەرگە زېمىندا سىلەرگە بەرمىگەن كۈچ - قۇۋۋەتلەرنى بەرگەن، ئۇلارغا يامغۇرنى مول ياغدۇرۇپ بەرگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئاستىلىرىدىن ئۆستەڭلەرنى ئېقىپ تۇرىدىغان قىلغان ئىدۇق. ئاندىن كېيىن بىز ئۇلارنى گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ھالاك قىلدۇق ۋە ئۇلاردىن كېيىن باشقا بىر نەسىل پەيدا قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بۇ كافىرلار بىزنىڭ قەدىمكى ئۇممەتلەرگە ئىجرا قىلغان ئۆزگەرمەس قانۇنىمىزنى ۋە بويۇنتاۋلىقنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە ئۇ قانۇننىڭ ئۆزلىرىگىمۇ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ئۇلار بىزنىڭ ئۆتمۈشتە ھەر جەھەتتە ئۇلاردىن كۈچلۈك قەۋملەرنى (ئاد، سەمۇد، لۇتنىڭ قەۋمى ۋە شۇئەيبنىڭ قەۋمى ئەيكەلىكلەرنى) ھالاك قىلغانلىقىمىزنى كۆرمىدىمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇلار سەپەرلىرىدە ئۇ قەۋملەر ياشىغان جايلاردىكى خارابىلىكلەرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ تۇرىدۇ. بىز ئۇ قەرۋملەرگە بۇ كافىرلارغا بەرمىگەن ئىمكانلارنى (سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئەسكىرىى كۈچلەرنى) بەرگەن، شۇنداقلا پاراۋان تۇرمۇش ئاتا قىلغان. لېكىن ئۇلار بۇ نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا جىنايەتلەر ئۆتكۈزگەن ۋە گۇناھلار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ھالاك قىلىۋېتىپ، ئورنىغا باشقا نەسىللەرنى پەيدا قىلغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 7-ئايەت) مۇقەددەس كىتابلار كاپىرلىق ھەقنى ئىنكار قىلىش پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنكار قىلىنىشىوَلَوْ نَزَّلْنَا عَلَيْكَ كِتَابًا فِي قِرْطَاسٍ فَلَمَسُوهُ بِأَيْدِيهِمْ لَقَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا إِنْ هَٰذَا إِلَّا سِحْرٌ مُبِينٌ
(ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا (ئۇلار تەلەپ قىلغاندەك) قەغەزگە يېزىلغان بىر كىتابنى نازىل قىلغان، كاپىرلار ئۇنى قوللىرى بىلەن تۇتۇپ كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار شەكسىزكى، بۇ پەقەت روشەن سېھىردۇر، دەيتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ غەرىزى ئەڭ روشەن دەلىل كەلگەندىمۇ ئىمان ئېيتماسلىقتۇر — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا (ئۇلار تەلەپ قىلغاندەك) سەھىپىگە يېزىلغان بىر كىتابنى نازىل قىلغان، كافىرلار ئۇنى قوللىرى بىلەن تۇتۇپ كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار، شەكسىزكى، بۇ پەقەت روشەن سېھىردۇر، دەيتتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئي مۇھەممەد! ئەگەر بىز ساڭا قەغەزگە يېزىلغان بىر كىتاب نازىل قىلغان ۋە ئۇلار ئۇنى ئۆز قوللىرى بىلەن تۇتقان تەقدىردىمۇ، ئۇ كافىرلار چوقۇم: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دەيتتى. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە، ئالدىنقى ئايەتلەردە زىكىر قىلىنغان كافىرلارنىڭ تەرسالىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! ئۇ كافىرلار شۇنداق تەرسا ئىنسانلاركى، ئەگەر بىز ساڭا قەغەزگە يېزىلغان بىر كىتاب نازىل قىلغان ۋە ئۇلار بۇ كىتابنى ئۆز قوللىرى بىلەن تۇتقان تەقدىردە: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېگەن بولاتتى، چۈنكى تەرسالىق، ۋە تەقلىدچىلىك ئۇلارنىڭ تەبىئىتىگە سىڭىپ كەتكەن. كافىرلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرمىگەنلىكىگە، بەزىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا بىرلىكتە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇشى ئۈچۈن بىرەر پەرىشتىنىڭ چۈشۈرۈلمىگەنلىكىنى، بەزىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ كۆرسىتەتتى. ئاللاھ تائالا 8 ~ 11 - ئايەتلەردە ئۇلارنىڭ بۇ باھانىلىرىگە رەددىيە بېرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ ۋە ئۇنى ئۇ كافىرلارغا يەر يۈزىنى سەير قىلىپ ئۆتمۈشتىكى ئىنكارچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆزىتىش تەكلىپىنى سۇنۇشقا بۇيرۇيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 8-ئايەت) پەرىشتىلەر ئىلاھىي ئىرادە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنكار قىلىنىشى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە خۇش خەۋەروَقَالُوا لَوْلَا أُنْزِلَ عَلَيْهِ مَلَكٌ ۖ وَلَوْ أَنْزَلْنَا مَلَكًا لَقُضِيَ الْأَمْرُ ثُمَّ لَا يُنْظَرُونَ
ئۇلار: «ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە گۇۋاھ بولۇپ) نېمىشقا بىر پەرىشتە چۈشمىدى؟» دەيدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر پەرىشتە چۈشۈرگەن بولساق، ئۇلارنىڭ ئىشى تۈگىگەن بولاتتى (يەنى بۇ چاغدا ھەقنى ئىنكار قىلسا، ھالاك قىلىناتتى)، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەيتتى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «مۇھەممەدكە نېمىشقا بىر پەرىشتە چۈشۈرۈلمىدى؟» دېدى. ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر پەرىشتە چۈشۈرگەن بولساق، ئۇلارنى ھالاك قىلىش توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقىرىلغان بولاتتى، ئاندىن ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەيتتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا پەرىشتە چۈشۈرۈلمىدى؟» دېدى. ئەگەر بىز پەرىشتە چۈشۈرگەن بولساق، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەستىن ئىشلىرى تۈگىتىلگەن بولاتتى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇ كافىرلار: «مۇھەممەد پەيغەمبەر بولىدىغان بولسا، نېمىشقا ئۇنىڭغا يېنىدا بىرلىكتە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇش ئۈچۈن بىرەر پەرىشتە چۈشۈرۈلمىدى؟» دېدى. ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپى بىلەن پەرىشتە چۈشۈرسەك، ئاندىن ئۇلار يەنە ئىمان ئېيتمىسا، بىز ئۇلارنى ھېچ مۆھلەت بەرمەستىن ھالاك قىلىۋېتىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 9-ئايەت) پەرىشتىلەر ئىلاھىي ئىرادە پەيغەمبەرگە بېرىلگەن كۆرسەتمە پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىوَلَوْ جَعَلْنَاهُ مَلَكًا لَجَعَلْنَاهُ رَجُلًا وَلَلَبَسْنَا عَلَيْهِمْ مَا يَلْبِسُونَ
بىز پەيغەمبەرنى پەرىشتىدىن قىلغان تەقدىردىمۇ، ئەلۋەتتە ئۇنى ئىنسان شەكلىدە قىلاتتۇق، ئۇلارنى يەنە شۈبھىگە چۈشۈرەتتۇق (يەنى ئۇلار پەرىشتىنى ئىنسان شەكلىدە كۆرگەندە: «بۇ ئىنسان، پەرىشتە ئەمەس» دەيتتى) — مۇھەممەد سالىھ
بىز پەيغەمبەرنى پەرىشتىدىن قىلغان تەقدىردىمۇ، ئەلۋەتتە، ئۇنى ئىنسان شەكلىدە قىلاتتۇق، ئۇلارنى ھازىر شۈبھىگە چۈشۈرگەندەك يەنە شۈبھىگە چۈشۈرەتتۇق (يەنى ئۇلار «بۇ پەرىشتە ئەمەس، ئىنسان ئىكەنغۇ!» دەيتتى) — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر بىز ئەلچىنى پەرىشتىدىن قىلغان بولساق، ئۇنى يەنە ئەر كىشى سۈرىتىدە قىلاتتۇق، ئۇلارنى ھازىر چۈشكەن شۈبھىلىرىگە يەنە چۈشۈرەتتۇق. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئەگەر بىز ئۇلارغا بىرەر پەرىشتىنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن بولساق، ئۇ پەرىشتىنى ئىنسان سۈرىتىدە قىلىپ ئەۋەتكەن بولاتتۇق. ئۇ چاغدا ئۇلار ھازىر سېنىڭ ھەققىڭدە چۈشكەن شۈبھىگە يەنە چۈشكەن بولاتتى. چۈنكى ئەلچىنىڭ، ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلىدىغانلارنىڭ تۈرىدىن بولۇشى كېرەك، بولمىسا ئۇلار ئەلچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئىلىم ئۆگىنەلمەيدۇ، ئۆزىنى كۆرۈپ ئۈلگە قىلالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 10-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب دىننى مەسخىرە قىلىش پەيغەمبەرگە تەسەللىي پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنكار قىلىنىشىوَلَقَدِ اسْتُهْزِئَ بِرُسُلٍ مِنْ قَبْلِكَ فَحَاقَ بِالَّذِينَ سَخِرُوا مِنْهُمْ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەر (مۇ كاپىرلار تەرىپىدىن) مەسخىرە قىلىندى، مەسخىرە قىلغۇچىلار مەسخىرە قىلغانلىقلىرىنىڭ ئاقىۋېتىنى كۆردى — مۇھەممەد سالىھ
سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەر ھەقىقەتەن مەسخىرە قىلىنغان ئىدى، مەسخىرە قىلغۇچىلارغا ئۇلار كۆزگە ئىلمىغان ئازاب چۈشتى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلەرمۇ مەسخىرە قىلىندى. مەسخىرە قىلغانلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسە قورشىۋالدى[2]. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ سېنى مەسخىرە قىلىشىغا سەۋر قىلغىن، ئۇلار يېقىندا جازالاندۇرۇلىدۇ. سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلىمىزمۇ قەۋملىرى تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىنغان. ئەلچىلىرىمىز ئۇلارنى ئازابىمىزدىن ئاگاھلاندۇرسا، ئۇلار ئەلچىلىرىمىزنى، ئۇلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ۋە باشلىرىغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئازابنى مەسخىرە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازاب بىلەن ھالاك قىلىنغان. مەسىلەن: نۇھنىڭ قەۋمى مەسخىرە قىلىپ توپان بالاسى بىلەن ھالاك قىلىنغان، ھۇدنىڭ قەۋمى مەسخىرە قىلىپ شىددەتلىك شامال بىلەن ھالاك قىلىنغان، سالىھنىڭ قەۋمى مەسخىرە قىلىپ دەھشەتلىك ئاۋاز ۋە شىددەتلىك زىلزىلە بىلەن ھالاك قىلىنغان، لۇتنىڭ قەۋمى مەسخىرە قىلىپ دەھشەتلىك ئاۋاز، ئۈستىگە ياغقان تاش ۋە تۇرالغۇ جايلىرى بىلەن قوشۇپ كۆمتۈرۈۋېتىلىش ئارقىلىق ھالاك قىلىنغان، شۇئەيبنىڭ قەۋمى مەسخىرە قىلىپ بىرقانچە كۈن داۋاملاشقان قاتتىق ئىسسىققا مۇپتىلا بولغان، ئاندىن ھاۋادا بۇلۇت پەيدا بولغان، ئۇلار: «بۇلۇتنىڭ سايىسىدا سايىدايمىز» دەپ بۇلۇتنىڭ ئاستىغا يىغىلغاندا ئۈستۈن تەرىپىدىن دەھشەتلىك ئاۋاز، ئاستىن تەرىپىدىن شىددەتلىك زىلزىلە كەلگەن ۋە ھالاك بولغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 11-ئايەت) ھەقنى ئىنكار قىلىش يارىتىلىشتىكى دەلىللەر ھالاك قىلىنغان قەۋملەر تارىختىن ساۋاقلارقُلْ سِيرُوا فِي الْأَرْضِ ثُمَّ انْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ
(ئى مۇھەممەد! بۇ مەسخىرە قىلغۇچىلارغا) ئېيتقىنكى، «زېمىندا سەير قىلىڭلار، ئاندىن پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار» — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد! بۇلارغا) ئېيتقىنكى، «زېمىننى ئايلىنىپ بېقىڭلار، ئاندىن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار!». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سېنى ۋە سەن ئاگاھلاندۇرغان ئازابنى مەسخىرە قىلغان بۇ كافىرلارغا (مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ئەكابىر - ئەشرەپلىرىگە) ئېيتقىنكى: «ئى كافىرلار! يەر يۈزىدە سەير قىلىپ ئىنكارچى قەۋملەرنىڭ دىيارلىرىغا قاراڭلار، ئۇ دىيارلارنىڭ خارابىلىكلىرىدىن ئۇ قەۋملەرنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى كۆزىتىپ ئىبرەت ئېلىڭلار». دەرۋەقە قۇرەيش مۇشرىكلىرى قىشتا يەمەنگە، يازدا شامغا قىلغان سەپەرلىرىدە، ھۇد، سالىھ، لۇت ۋە شۇئەيب ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قەۋملىرى ياشىغان جايلاردىن ئۆتەتتى ۋە ئۇلارنىڭ خارابىلىكلىرىنى كۆرەتتى. چۈنكى ھۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى (ئاد) ئۆز ۋاقتىدا ئوممان بىلەن ھەزرىمەۋت (يەمەننىڭ بىر ناھىيەسى)نىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان «ئەھقاف - قۇم بارخانلىرى» دېگەن جايدا ياشايتتى. سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى (سەمۇد) ھىجاز بىلەن ئىئوردانىيەنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان «ھىجر» دېگەن جايدا ياشايتتى. شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى (مەديەن ئاھالىسى) ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىغا ۋە ئەقەبە قولتۇقىنىڭ شەرقىي ساھىلىغا جايلاشقان مەديەندە ياشايتتى، ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئەلەيھىسسالام فىرئەۋننىڭ زۇلۇمىدىن قورقۇپ مىسردىن چىققان ۋە ئەنە شۇ مەديەنگە بارغان، شۇنداقلا ئۇ يەردە بىرقانچە يىل تۇرۇپ قالغان. لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ئىئوردانىيە بىلەن پەلەستىن ئارىسىدىكى «لۇت كۆلى»نىڭ ساھىلىغا يەرلەشكەن سەدۇم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا ياشايتتى. دېمەككى، ئاد قەۋمىنىڭ دىيارى مەككىنىڭ جەنۇبىغا، سەمۇد قەۋمىنىڭ دىيارى، مەديەن ۋە كۆمتۈرۈۋېتىلگەن يۇرت مەككىنىڭ شىمالىغا توغرا كېلىدۇ. مەككە مۇشرىكلىرى مەزكۇر ئىككى سەپىرىدە ئۇلارنىڭ دىيارلىرىدىن ئۆتەتتى. ئاللاھ تائالا 12 ~ 18 - ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، ئالدىنقى ئايەتلەردە زىكىر قىلىنغان كافىرلاردىن (ئاللاھنىڭ رەبلىكىگە ئىشىنىپ ئىلاھلىقىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشلىرى ھەققىدە شۈبھە قىلغان مۇشرىكلاردىن)، ئاللاھنىڭ رەبلىكى توغرىسىدا بىرقانچە سوئالنى سوراشقا ۋە ئۇلارنى تەنقىد قىلىشقا، ئۆزىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن تەۋھىدكە بۇيرۇلۇپ شېرىكتىن چەكلەنگەنلىكىنى ۋە ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلغان تەقدىردە ئازابقا دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭدەك، ئۆزىنىڭ قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھېساب ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛ رەھمىتىنىڭ كەڭ، قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغ، ھېكمىتىنىڭ چوڭقۇر ۋە ئىلمىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ لِمَنْ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ قُلْ لِلَّهِ ۚ كَتَبَ عَلَىٰ نَفْسِهِ الرَّحْمَةَ ۚ لَيَجْمَعَنَّكُمْ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ لَا رَيْبَ فِيهِ ۚ الَّذِينَ خَسِرُوا أَنْفُسَهُمْ فَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى مەۋجۇداتلار كىمنىڭ؟» (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھنىڭ». ئاللاھ (ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن بەندىلىرىگە) رەھمەت قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى، ھېچقانداق گۇمان بولمىغان قىيامەت كۈنى ئاللاھ سىلەرنى ئەلۋەتتە يىغىدۇ، (كۇفرىنى ئىختىيار قىلىشى بىلەن) ئۆزىگە ئۆزى زىيان سالغانلار ئىمان ئېيتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) سورىغىنكى، «ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى مەۋجۇداتلار كىمنىڭ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھنىڭ»، ئاللاھ رەھمەت قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. چوقۇم بولىدىغان قىيامەت كۈنى ئاللاھ سىلەرنى ئەلۋەتتە يىغىدۇ. (كۇفرنى ئىختىيار قىلىش بىلەن) ئۆزىگە ئۆزى زىيان سالغانلار ئىمان ئېيتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر كىمنىڭ؟» ئېيتقىنكى: «ئاللاھنىڭ». ئاللاھ رەھىم قىلىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىپ يازدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى چوقۇم قايىم بولىدىغان قىيامەت كۈنىدە يىغىدۇ. ئۆزلىرىگە زىيان سالغانلار ئىمان ئېيتمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇ كافىرلارغا ئېيتقىنكى: «ئى كافىرلار! ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى كىم ياراتتى، كىم باشقۇرۇۋاتىدۇ؟ ئۇلارغا كىم ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتىدۇ؟ كىم ئۇلارنى ئېھتىياجلىق نەرسىلىرى بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ؟ كىم ئۇلارنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋارىدۇ؟ جاۋاب: ئاللاھ! سىلەر بۇنى ئېتىراپ قىلىسىلەر شۇنداققۇ! كائىناتتىكى ھەر نەرسىنىڭ بار بولۇشى ۋە بارلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن بولۇۋاتىدۇ، سىلەر بۇنىمۇ ئېتىراپ قىلىسىلەر. سىلەر بۇ ھەقىقەتلەرنى ئېتىراپ قىلىسىلەر - يۇ، نېمىشقا ئىبادەتنى ئەنە شۇ ئاللاھقىلا قىلمايسىلەر؟ نېمىشقا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈسسىلەر؟ ئى ئىنسانلار! شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھۇزۇرىغا يىغىدۇ ۋە سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ، بۇنىڭدا شەك يوق. شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن ئۆزلىرىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر بۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 13-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرۇشى ئاللاھنىڭ ئىلمى ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرىوَلَهُ مَا سَكَنَ فِي اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ ۚ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
كېچە ۋە كۈندۈزدە جىم تۇرغان (ياكى ھەرىكەتلىنىپ تۇرغان) شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
كېچە ۋە كۈندۈزدە مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
كېچە ۋە كۈندۈزدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ھەر نەرسە ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! شۇنىمۇ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاسمانلار ۋە ئاسمان جىسىملىرى، زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى نەرسىلەر، ئىنسانلار، جىنلار، پەرىشتىلەر، ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئانئورگانىك ماددىلار ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئاللاھ بەلگىلىگەن دائىرە ئىچىدە ۋە ئاللاھ بەرگەن ئىمكانىيەت بىلەن مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا، ئەجىلى توشقانلىرى يوق بولۇپ، يېڭىلىرى پەيدا بولماقتا، بار بولۇشتا ۋە يوق بولۇشتا ئاللاھقا بويسۇنماقتا. ئەنە شۇ مەخلۇقاتلارنىڭ ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە لازىمەتلىك نەرسىلەر بىلەن ئۇلارنى تەمىنلىگۈچى بولغان قۇدرەتلىك ئاللاھنى قويۇپ، ئۇ ئاجىز مەخلۇقاتلارنىڭ بىرىگە چوقۇنۇش ئەقىلگە سىغامدۇ؟ جاۋاب: ھەرگىزمۇ سىغمايدۇ. ئەكسىچە ئەقىل، ۋىجدان، ئىلىم ۋە فىترەت (تەبىئىي ھالەت) ئۆزىگىمۇ پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنۇشنى رەت قىلىدۇ، شۇنداقلا شەرتسىز ئىتائەت قىلىش، چەكسىز تەزىم قىلىش، چىن كۆڭۈلدىن ئەيمىنىش ۋە ھەقىقىي مەنىدە ئۈمىد باغلاش قاتارلىق ئىبادەتلەرنى قۇدرىتى ئۇلۇغ، ئىلمى چەكسىز ئاللاھقىلا قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 14-ئايەت) شېرىك تەۋھىد يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئاسمان ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى پەيغەمبەرگە بېرىلگەن كۆرسەتمەقُلْ أَغَيْرَ اللَّهِ أَتَّخِذُ وَلِيًّا فَاطِرِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَهُوَ يُطْعِمُ وَلَا يُطْعَمُ ۗ قُلْ إِنِّي أُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ أَوَّلَ مَنْ أَسْلَمَ ۖ وَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
(ئى مۇھەممەد!) بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، «ئاسمانلارنى، زېمىننى يوقتىن بار قىلغۇچى ئاللاھتىن غەيرىينى مەبۇد تۇتامدىم؟ ئاللاھ رىزىق بېرىدۇ، ئۆزى رىزىققا موھتاج ئەمەس». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مەن (بۇ ئۈممەت ئىچىدە خۇدانىڭ ئەمرىگە) بويسۇنغۇچىلارنىڭ ئەۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم. (ماڭا دېيىلدىكى) سەن ھەرگىز مۇشرىكلاردىن بولمىغىن» — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، «ئاسمانلارنى، زېمىننى يوقتىن بار قىلغۇچى ئاللاھتىن باشقىنى مەبۇد قىلىۋالسام بولامتى؟ ئاللاھ رىزىق بېرىدۇ، ئۆزى رىزىققا موھتاج ئەمەس». ئېيتقىنكى، «مەن (بۇ ئۈممەت ئىچىدە) تۇنجى مۇسۇلمان بولۇشقا، ھەرگىز مۇشرىكلاردىن بولماسلىققا بۇيرۇلدۇم» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، تائام بېرىدىغان، تائامغا موھتاج بولمايدىغان ئاللاھتىن غەيرىينى ۋەلىي قىلىۋالامدىم؟». ئى مۇھەممەد! «مەن مۇسۇلمان بولغان كىشىلەرنىڭ ئاۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» دېگىن ۋە ئەسلا مۇشرىكلاردىن بولمىغىن! — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇ كافىرلارغا ئېيتقىنكى: «مەن ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، جانلىقلارغا رىزىق بېرىۋاتقان، ئۆزى رىزىققا موھتاج بولمايدىغان ئاللاھتىن غەيرىينى ئۆزۈمگە ھامىي قىلامدىم؟». ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مەن بۇ ئۇممەتتىن ئاللاھقا بويسۇنغانلارنىڭ ئاۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم، مۇشرىكلاردىن بولۇشتىن مەنئى قىلىندىم». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 15-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب پەيغەمبەرگە بېرىلگەن كۆرسەتمە ئاللاھقا ئىتائەت ئاللاھتىن قورقۇشقُلْ إِنِّي أَخَافُ إِنْ عَصَيْتُ رَبِّي عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
(ئۇلارغا يەنە) ئېيتقىنكى، «ئەگەر مەن رەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام (يەنى پەرۋەردىگارىمدىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلسام)، بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىدىن ئەلۋەتتە قورقىمەن» — مۇھەممەد سالىھ
(ئۇلارغا يەنە) ئېيتقىنكى، «ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا ئاسىيلىق قىلسام، بۈيۈك قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابىدىن ئەلۋەتتە قورقىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «رەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام، بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى : «مەن رەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام، قىيامەت كۈنى ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقىمەن»، يەنى رەببىگە ئاسيلىق قىلغانلار قىيامەت كۈنى ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ، ناۋادا مەن رەببىمگە ئاسيلىق قىلسام مەنمۇ ئۇ ئازابقا دۇچار قىلىنىمەن، شۇڭلاشقا مەن رەببىمگە ئاسىيلىق قىلمايمەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 16-ئايەت) دوزاختىن قۇتۇلۇش ئىلاھىي مۇكاپات ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىشمَنْ يُصْرَفْ عَنْهُ يَوْمَئِذٍ فَقَدْ رَحِمَهُ ۚ وَذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْمُبِينُ
مۇشۇ كۈندە كىمكى ئازابتىن قۇتۇلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان بولىدۇ، ئەنە شۇ روشەن نىجات تاپقانلىقتۇر — مۇھەممەد سالىھ
مۇشۇ كۈندە كىمكى ئازابتىن قۇتۇلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان بولىدۇ، ئەنە شۇ روشەن نىجات تاپقانلىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ كۈندە كىمدىن ئازاب قايتۇرۇلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلغان بولىدۇ. مانا بۇ ئوچۇق - ئاشكارا مۇۋەپپەقىيەتتۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ئۇ كۈنى ئۇ ئازابنى كىمدىن يىراقلاشتۇرسا ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن رەھىم قىلغان بولىدۇ. ئۆزىنىڭ دۇنيادا چېغىدىكى ئېتىقادى ۋە ئەمىلى بىلەن ئاللاھنىڭ بۇ ئىلتىپاتىغا لايىق بولۇش ئاشكارا مۇۋەپپەقىيەتتۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا بىر كىشىنى ئازابتىن يىراقلاشتۇرسا ئۇنى جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 17-ئايەت) ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئاللاھقا ئىشىنىش ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى قىيىنچىلىقلار ئارقىلىق سىناشوَإِنْ يَمْسَسْكَ اللَّهُ بِضُرٍّ فَلَا كَاشِفَ لَهُ إِلَّا هُوَ ۖ وَإِنْ يَمْسَسْكَ بِخَيْرٍ فَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر كۈلپەت يەتكۈزسە، ئۇنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم كۆتۈرىۋېتەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق يەتكۈزسە (ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر كۈلپەت يەتكۈزسە، ئۇنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم كۆتۈرۈۋېتەلمەيدۇ، ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق يەتكۈزسە (ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر ئاللاھ سېنى بىرەر زىيانغا ئۇچراتسا، ئۇنى يەنە ئاللاھتىن باشقا كۆتۈرۈۋېتىدىغان ھېچكىم يوق. ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق يەتكۈزسە، شۈبھىسىزكى، ئۇ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئاللاھ ساڭا پېقىرلىق، كېسەللىك ۋە ئىچ پۇشۇقىدەك بىرەر زىيان يەتكۈزسە، ئۇ زىياننى يەنە ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم سەندىن كۆتۈرۈۋېتەلمەيدۇ، ئەگەر ئاللاھ ساڭا بايلىق، سالامەتلىك ۋە خۇشاللىقتەك بىرەر ياخشىلىق يەتكۈزسە، ئۇ ياخشىلىقنى ھېچكىم توسالمايدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. شۇڭلاشقا مەيۈسلەنمىگىن، ئۇلارنىڭ پوپوزىلىرىغا پەرۋا قىلمىغىن، بوشاشمىغىن ۋە ساڭا چۈشۈرۈلگەن بۇيرۇقىمىز بويىچە توغرا يولدا ئۇدۇل ماڭغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 18-ئايەت) ئىلاھىي ھېكمەت ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرىوَهُوَ الْقَاهِرُ فَوْقَ عِبَادِهِ ۚ وَهُوَ الْحَكِيمُ الْخَبِيرُ
ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە قاھىردۇر (يەنى ئاللاھ بەندىلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرغۇچىدۇر)، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدىن تىزگىنلەپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە تولۇق ھۆكۈمراندۇر. ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەر نەرسىدىن خەۋەرداردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە غالىبتۇر، ھەر كىشى خالىسۇن خالىمىسۇن ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويۇن ئەگمەكتە ۋە ھۆكمىگە ئىتائەت قىلماقتا. ھەر نەرسە ئاللاھنىڭ يارىتىشى بىلەن، ئاللاھنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا، ئاللاھ بەرگەن ئىمكانلاردىن پايدىلىنىپ ۋە ئاللاھ رۇخسەت قىلغان دائىرە ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. ئاللاھ ھەر ئىشىنى ھېكمەت بىلەن قىلغۇچىدۇر، يەنى كائىناتتا ھېچ نەرسە بىكار يارىتىلمىغان، ئەكسىچە ھەر نەرسە مەلۇم مەقسەت ۋە مۇئەييەن رول ئۈچۈن يارىتىلغان. ئاللاھنىڭ ئىلمى ھەر نەرسىنى قورشاپ تۇرماقتىدۇر. ئىنسانلار ئۈچۈن ئاشكارا ياكى مەخپىي بولغان نەرسە ئاللاھ ئۈچۈن ئوخشاشتۇر، يەنى ئاللاھ ئۈچۈن يوشۇرۇن - ئاشكارا ۋە مەخپىي- ئوچۇقنىڭ پەرقى يوق، ھەر نەرسە ئاللاھ ئۈچۈن ئاشكارىدۇر، ئوچۇقتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ أَيُّ شَيْءٍ أَكْبَرُ شَهَادَةً ۖ قُلِ اللَّهُ ۖ شَهِيدٌ بَيْنِي وَبَيْنَكُمْ ۚ وَأُوحِيَ إِلَيَّ هَٰذَا الْقُرْآنُ لِأُنْذِرَكُمْ بِهِ وَمَنْ بَلَغَ ۚ أَئِنَّكُمْ لَتَشْهَدُونَ أَنَّ مَعَ اللَّهِ آلِهَةً أُخْرَىٰ ۚ قُلْ لَا أَشْهَدُ ۚ قُلْ إِنَّمَا هُوَ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ وَإِنَّنِي بَرِيءٌ مِمَّا تُشْرِكُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «(مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقى ئۈچۈن) قايسى نەرسە ئەڭ چوڭ گۇۋاھ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھتۇر (ماڭا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى كۇپايىدۇر). بۇ قۇرئان ماڭا سىلەرنى ۋە (قىيامەتكىچە) قۇرئان يەتكەن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىي قىلىندى. (ئى مۇشرىكلار!) سىلەر ئاللاھ بىلەن باراۋەر باشقا ئىلاھ بار دەپ چوقۇم گۇۋاھلىق بېرەمسىلەر؟» (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «مەن (مۇنداق دەپ) گۇۋاھلىق بەرمەيمەن». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئۇ ھەقىقەتەن بىر ئىلاھتۇر، سىلەر شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلاردىن مەن ھەقىقەتەن ئادا ـ جۇدامەن» — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «(مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە) قايسى نەرسە ئەڭ چوڭ گۇۋاھ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھتۇر. بۇ قۇرئان ماڭا سىلەرنى ۋە قۇرئان يەتكەن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھيى قىلىندى. (ئى مۇشرىكلار!) سىلەر ئاللاھ بىلەن باراۋەر باشقا ئىلاھ بار دەپ چوقۇم گۇۋاھلىق بېرەلەمسىلەر؟» (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «مەن بۇنداق دەپ گۇۋاھلىق بەرمەيمەن». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئۇ ھەقىقەتەن بىرلا ئىلاھتۇر، سىلەر شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلار بىلەن مېنىڭ قىلچە ئالاقەم يوق» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «قايسى شەيئىنىڭ گۇۋاھلىقى ئەڭ بۈيۈكتۇر؟» ئېيتقىنكى: «ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھچىدۇر. بۇ قۇرئان ماڭا، بۇنىڭ بىلەن سىلەرنى ۋە بۇ يەتكەن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇم ئۈچۈن ۋەھىي قىلىندى. سىلەر راستتىنلا ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھلار بار دەپ گۇۋاھلىق بېرەمسىلەر؟». ئېيتقىنكى: «مەن گۇۋاھلىق بەرمەيمەن!». ئېيتقىنكى: «ئاللاھ پەقەت بىرلا ئىلاھتۇر. مەن سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن چوقۇم ئادا - جۇدامەن». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سەندىن پەيغەمبەرلىكىڭگە گۇۋاھچى تەلەپ قىلغان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «كىمنىڭ گۇۋاھلىقى ئەڭ بۈيۈك؟ جاۋاب: ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى! مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە ئاللاھ گۇۋاھچىدۇر. ئاللاھ ماڭا ھەر جەھەتتىن مۆجىزە بولغان بۇ قۇرئاننى نازىل قىلىش بىلەن مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە گۇۋاھلىق بەردى. بۇ قۇرئان ماڭا سىلەرنى ۋە قىيامەتكە قەدەر بۇ قۇرئان يەتكەن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇم ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىندى. دېمەككى، مەن سىلەرنىڭلا ئەمەس، ئەكسىچە سىلەرنىڭ ۋە قىيامەتكە قەدەر پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ پەيغەمبىرىمەن. شۇڭلاشقا مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنىڭ مۆجىزىسى بولغان بۇ قۇرئان قىيامەتكە قەدەر كىمگە يېتىپ بارسا، مەن ئۇ كىشىنى قۇرئانغا بويسۇنمىسا يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان بولىمەن». ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئى كافىرلار! سىلەر ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە باشقا ئىلاھلارمۇ بار دەپ ئىشىنىۋاتىسىلەر، مەن ئۇنداق ئىشەنمەيمەن. مەن ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن ۋە سىلەرنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ئىلاھلىرىڭلاردىن ئادا - جۇدامەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ يَعْرِفُونَهُ كَمَا يَعْرِفُونَ أَبْنَاءَهُمُ ۘ الَّذِينَ خَسِرُوا أَنْفُسَهُمْ فَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
كىتاب بەرگەن كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) ئۇنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) (تەۋرات ۋە ئىنجىلدىكى سۈپىتى بويىچە) خۇددى ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ، ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زىيان سالغانلار (ئېنىق پاكىتلار تۇرسىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئىمان ئېيتمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بىز كىتاب بەرگەن كىشىلەر مۇھەممەدنى (تەۋرات ۋە ئىنجىلدىكى سۈپىتىگە قاراپ) خۇددى ئۆزىنىڭ ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ، ئۆزىگە ئۆزى زىيان سالغۇچىلار ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز كىتابنى بەرگەنلەر ئۇنى بالىلىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ. ئۆزلىرىگە زىيان سالغانلار ئىمان ئېيتمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
(ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ:) ئى ئىنسانلار! ئەھلى كىتابنىڭ ياخشى ئۆلىمالىرى مۇھەممەدنى ئۆز ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆز كىتابلىرىدا ئۇنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ۋە سۈپەتلىرىنى كۆرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىك بىلەن ئۆزلىرىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر (ئەھلى كىتابنىڭ يامانلىرى ۋە مۇشرىكلار) ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، شۇنداقلا زىيان تارتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا أَوْ كَذَّبَ بِآيَاتِهِ ۗ إِنَّهُ لَا يُفْلِحُ الظَّالِمُونَ
ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلاردىنمۇ زالىم ئادەملەر بارمۇ؟ زالىملار ھەقىقەتەن مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلاردىنمۇ قەبىھ ئادەم بارمۇ؟ بۇنداق قەبىھ ئادەملەر ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يالغان دېگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ زالىملار ئەسلا مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، قەبىھ ئىشلارنى قىلىش ۋە بۇلارغا ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىقىنى دەۋا قىلىش، ئاللاھنىڭ ئىلگىرى نازىل قىلغان كىتابلىرىدا يوق نەرسىنى بار، بار نەرسىنى يوق دېيىش قاتارلىقلار بىلەن ئاللاھقا تۆھمەت چاپلىغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ جاۋاب: يوق. زالىملار ھەرگىزمۇ مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا 22 ~ 24 - ئايەتلەردە ئۇ كافىرلاردىن (مەككە مۇشرىكلىرىدىن) قىيامەت كۈنى سورايدىغان بىر سوئالىنى ۋە ئۇلارنىڭ بېرىدىغان يالغان جاۋابىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا شېرىك كەلتۈرۈپ، قىيامەت كۈنى بۇنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىدىن ئەجەبلىنىشكە بۇيرۇيدۇ ۋە ئۇلار بىلەن مەبۇدلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت قالمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَيَوْمَ نَحْشُرُهُمْ جَمِيعًا ثُمَّ نَقُولُ لِلَّذِينَ أَشْرَكُوا أَيْنَ شُرَكَاؤُكُمُ الَّذِينَ كُنْتُمْ تَزْعُمُونَ
قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يىغىمىز، ئاندىن شېرىك كەلتۈرگەنلەرگە: «ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ ئېتىقاد قىلغانلىرىڭلار قەيەردە؟» دەيمىز — مۇھەممەد سالىھ
قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىمىز، ئاندىن مۇشرىكلارغا: «ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ ئېتىقاد قىلغان مەبۇدلىرىڭلار قېنى؟» دەيمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغىپ، ئاندىن مۇشرىكلارغا: «ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ ئېتىقاد قىلغان ئويدۇرما ئىلاھلىرىڭلار قەيەردە؟» دەيمىز. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز بۇ كافىرلارنىڭ ھەممىسىنى قىيامەت كۈنى مەھشەرگاھقا يىغىمىز ۋە: «بىزگە شېرىك كەلتۈرگەن ئىلاھلىرىڭلار قەيەردە؟» دەپ سورايمىز، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ثُمَّ لَمْ تَكُنْ فِتْنَتُهُمْ إِلَّا أَنْ قَالُوا وَاللَّهِ رَبِّنَا مَا كُنَّا مُشْرِكِينَ
ئاندىن ئۇلار پەقەت ئۆزرە ئېيتىپ (دۇنيادىكى چاغلىرىدىكىگە ئوخشاش يالغانغا ئىلتىجا قىلىپ): «پەرۋەردىگارىمىز! ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، بىز مۇشرىك بولمىغان ئىدۇق» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاندىن ئۇلار پەقەت ئۆزرە ئېيتىپ: «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، بىز ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگەن ئىدۇق» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن ئۇلارنىڭ يالغان جاۋابى مۇنداق بولىدۇ: «رەببىمىز! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز مۇشرىك بولمىغان ئىدۇق». — ئەنەس ئالىم
ئۇلار: «رەببىمىز بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىپ ئېيتىمىزكى، بىز مۇشرىك ئەمەس ئىدۇق» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
انْظُرْ كَيْفَ كَذَبُوا عَلَىٰ أَنْفُسِهِمْ ۚ وَضَلَّ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَفْتَرُونَ
ئۇلارنىڭ (بىز مۇشرىك بولمىغان دەپ) ئۆزلىرىگە قارشى قانداق يالغان سۆزلىگەنلىكىگە قارىغىن، ئۇلارنىڭ (ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ) بوھتان چاپلىغان نەرسىلىرى ئۇلاردىن قاچىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
سەن ئۇلارنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىنىڭ ئەكسىچە قانداق يالغان سۆزلىگەنلىكىگە قارىغىن. ئۇلارنىڭ ئىلاھ دەۋالغان بۇتلىرى ئۇلاردىن قاچىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
قارىغىنا، ئۇلار ئۆزلىرىگە قارشى قانداق يالغان سۆزلىدى ۋە ئويدۇرغان مەبۇدلىرى ئۇلارنى تاشلىۋەتتى. — ئەنەس ئالىم
قارىغىنا! ئۇلار ئۇ كۈنى ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادىكى چېغىدا مۇشرىك ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇلار بۇ دۇنيادىكى چېغىدا: «قىيامەت كۈنى بىزنى قۇتقۇزىدۇ، شاپائەت قىلىدۇ» دەپ چوقۇنغان ئىلاھلىرى قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ يېنىدا بولمايدۇ. ئەسكەرتىش: قىيامەت كۈنى ئۇلار ئاللاھنىڭ: ‹بىزگە شېرىك كەلتۈرگەن ئىلاھلىرىڭلار قەيەردە؟› دېگەن سوئالىغا بىر يەردە بۇ جاۋابنى بېرىدۇ، باشقا بىر يەردە بۇ سوئال سورالغاندا، ئۇلارنى ئازدۇرغانلار ‹ئۇلارنى بىز ئازدۇرغان› دەپ جاۋاب بېرىدۇ. دېمەككى، بۇ سوئال ئۇلاردىن بىر قېتىمدىن ئارتۇق سورىلىدۇ. مەقسەت ئۇلارنى ئەيىبلەش، سىلكىشلەش ۋە خاتالىقىنى يۈزىگە سېلىشتۇر. ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتلەردە مۇشرىكلار قىيامەت كۈنى دۇچ كېلىدىغان سەھنىلەردىن بىرىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئۇ سەھنىدىكى ھالىدىن ئەجەبلىنىشكە بۇيرۇيدۇ. تۆۋەندىكى ئىككى (25 - ۋە 26 -) ئايەتتە بولسا، ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە قۇرئان كەرىمگە تۇتقان سەلبىي پوزىتسىيەلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمِنْهُمْ مَنْ يَسْتَمِعُ إِلَيْكَ ۖ وَجَعَلْنَا عَلَىٰ قُلُوبِهِمْ أَكِنَّةً أَنْ يَفْقَهُوهُ وَفِي آذَانِهِمْ وَقْرًا ۚ وَإِنْ يَرَوْا كُلَّ آيَةٍ لَا يُؤْمِنُوا بِهَا ۚ حَتَّىٰ إِذَا جَاءُوكَ يُجَادِلُونَكَ يَقُولُ الَّذِينَ كَفَرُوا إِنْ هَٰذَا إِلَّا أَسَاطِيرُ الْأَوَّلِينَ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئىچىدە (قۇرئان ئوقۇغان چېغىڭدا، يامان غەرەزدە) ساڭا قۇلاق سالىدىغانلار بار، قۇرئاننى چۈشەنمەسلىكلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پەردىلىدۇق، قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق. ئۇلار ھەممە مۆجىزىلەرنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتمايدۇ. ھەتتا كاپىرلار سېنىڭ يېنىڭغا مۇنازىرىلىشىپ كەلگەندىمۇ: «بۇ پەقەت بۇرۇنقىلاردىن قالغان ئەپسانىلاردۇر» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئىچىدە سېنىڭ قىرائىتىڭگە قۇلاق سالىدىغانلار بار، قۇرئاننى چۈشىنىش جەھەتتە بىز ئۇلارنىڭ دىللىرىنى غۇۋالاشتۇرۇپ قويدۇق، قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق. ئۇلار ھەممە مۆجىزىلەرنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتمايدۇ، ھەتتا كافىرلار سېنىڭ يېنىڭغا مۇنازىرىلىشىپ كەلگەندىمۇ، «بۇ پەقەت بۇرۇنقىلاردىن قالغان ئەپسانىلاردۇر» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساڭا قۇلاق سالىدىغانلارمۇ بار. بىز ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە قۇرئاننى چۈشىنىشىگە توسالغۇ بولىدىغان پەردىلەر تارتتۇق. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق. ئۇلار ھەممە ئايەتنى كۆرسىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، ھەتتا ئۇلار يېنىڭغا كەلسە، سەن بىلەن دەتالاش قىلىشىدۇ، كافىر بولغان ئۇ كىشىلەر: «بۇ پەقەت بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇ كافىرلارنىڭ ئىچىدىن ساڭا قۇلاق سالىدىغانلارمۇ بار، لېكىن قۇرئان ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە يېتىپ بارمايدۇ، چۈنكى بىز ئۇلارنىڭ تەرسالىق، تەقلىدچىلىك ۋە نەپسى خاھىشىغا بويسۇنۇش قاتارلىق قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن قەلبلىرىگە پەردىلەر تارتتۇق، قۇلاقلىرىدا ئېغىرلىق پەيدا قىلدۇق. شۇڭلاشقا ئۇلار سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىمۇ يەنە ئىشەنمەيدۇ، ھەتتا ئۇ دەلىللەرنى كۆرگەندىن كېيىن يېنىڭغا كەلسە ئىشىنىش تۈگۈل، «بۇ بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرى» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَهُمْ يَنْهَوْنَ عَنْهُ وَيَنْأَوْنَ عَنْهُ ۖ وَإِنْ يُهْلِكُونَ إِلَّا أَنْفُسَهُمْ وَمَا يَشْعُرُونَ
ئۇلار كىشىلەرنى قۇرئاندىن (ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشىتىن) توسىدۇ، ئۆزلىرىمۇ ئۇنىڭدىن يىراق قاچىدۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا ھالاك قىلىدۇ، ھالبۇكى ئۇلار (بۇنى) تۇيمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار كىشىلەرنى قۇرئاندىن توسىدۇ، ئۆزلىرىمۇ ئۇنىڭدىن يىراق قاچىدۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا ھالاك قىلىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار بۇنى تۇيمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ھەم كىشىلەرنى قۇرئاندىن توسىدۇ ھەمدە ئۆزلىرى قۇرئاندىن يىراق تۇرىدۇ. ئۇلار تۇيماستىن پەقەت ئۆزلىرىنىلا ھالاك قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلار ئىنسانلارنى ساڭا ئەگىشىشتىن ۋە ساڭا قۇلاق سېلىشتىن توسىدۇ، ئۆزلىرى ساڭا ئەگىشىشتىن يىراق تۇرىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى پەرق ئەتمەستىن بۇ قىلمىشلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھالاكىتى ۋە زىيىنى ئۈچۈنلا تىرىشىدۇ. ئەسكەرتىش: قۇرئان كەرىم نازىل بولۇش ئېتىبارى بىلەن بارلىق ئىنسانلارغا ھىدايەت بولسىمۇ نەتىجە ئېتىبارى بىلەن پەقەت تەقۋادارلارغىلا ھىدايەتتۇر. بۇ سەۋەبتىن قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈگەنلەر ئۇنىڭ ھىدايىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈشى، يۈز ئۆرۈشىگە سەۋەبچى بولغان تەكەببۇرلۇق ۋە تەقلىدچىلىك ئىدىيەسى بىز ھىدايەت ۋە زالالەت ئۈچۈن بېكىتكەن سىستېما بويىچە مەنىۋى جەھەتتىن ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە پەردە، قۇلاقلىرىدا ئېغىرلىق بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى قۇرئانغا ئىشىنىشتىن ۋە ساڭا ئەگىشىشتىن توسىدۇ. ئاللاھ تائالا 27 ~ 32 - ئايەتتە مۇشرىكلارنىڭ ئاخىرەتتىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ ماھىيىتىنى ۋە ئاخىرەت يۇرتىنىڭ ھەقىقىتىنى بايان قىلىپ، ئىنسانىيەتنى ئەقلىنى ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَوْ تَرَىٰ إِذْ وُقِفُوا عَلَى النَّارِ فَقَالُوا يَا لَيْتَنَا نُرَدُّ وَلَا نُكَذِّبَ بِآيَاتِ رَبِّنَا وَنَكُونَ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ
ئەگەر ئۇلارنى دوزاخ ئۈستىدە توختىتىلغان چاغدا كۆرسەڭ (دەھشەتلىك بىر ھالىنى كۆرەتتىڭ). ئۇلار: «كاشكى دۇنياغا قايتۇرۇلساق ئىدۇق، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلمايتتۇق ۋە مۆمىنلەردىن بولاتتۇق» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر سەن ئۇلارنى دوزاخ ئۈستىدە توختىتىلغان چاغدا كۆرگەن بولساڭ (دەھشەتلىك بىر ھالنى كۆرگەن بولاتتىڭ). ئۇلار: «كاشكى دۇنياغا قايتۇرۇلغان بولساق ئىدۇق، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلمايتتۇق ۋە مۆمىنلەردىن بولاتتۇق» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئۇلارنى دوزاخ ئوتىنىڭ ئۈستىدە توختىتىلغان چاغدا بىر كۆرگەن بولساڭ! ئۇلار ئۇ چاغدا: «ئاھ! كاشكى دۇنياغا قايتۇرۇلغان، رەببىمىزنىڭ ئايەتلىرىنى يالغان دېمىگەن ۋە مۇئمىنلاردىن بولغان بولساقچۇ!» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلار ئاخىرەتتە دوزاخ ئوتىنىڭ ئۈستىدە تۇختىتىلغان چاغدا: «كاشكى دۇنياغا قايتۇرۇلغان، رەببىمىزنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلمىغان ۋە مۇئمىنلاردىن بولغان بولساق» دەپ ئارزۇ قىلىدۇ. ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ شۇ چاغدىكى ئەھۋالىنى كۆرگەن بولساڭ، ناھايىتى قورقۇنچلۇق ۋە ناھايىتى دەھشەتلىك مەنزىرە كۆرگەن بولاتتىڭ. مۇشرىكلار دوزاختا تۇرۇپ دۇنياغا قايتىپ ھىدايەت تېپىشنى ئەنە شۇنداق ئارزۇ قىلىدۇ . — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
بَلْ بَدَا لَهُمْ مَا كَانُوا يُخْفُونَ مِنْ قَبْلُ ۖ وَلَوْ رُدُّوا لَعَادُوا لِمَا نُهُوا عَنْهُ وَإِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ
ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى يوشۇرغان ئىشلىرى ئۇلارغا ئاشكارا بولدى، ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى ئەلۋەتتە يەنە قىلاتتى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ئىمان ئېيتاتتۇق دېگەن ۋەدىسىدە) يالغانچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنداق بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى يوشۇرغان ئىشلىرى ئۆزىگە ئاشكارا بولدى. ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى ئەلۋەتتە يەنە قىلاتتى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار يالغانچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ياق، ئۇلارغا ئىلگىرى يوشۇرغان نەرسىلىرى ئاشكارا بولدى. ئەگەر ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلسا ئىدى، ئۆزلىرى چەكلەنگەن نەرسىگە يەنە قايتاتتى. ئۇلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار بۇ ئارزۇنى دۇنياغا قايتىپ راستتىنلا ھىدايەت تېپىش نىيىتىگە كېلىپ قىلامدۇ؟ ياق! ئەكسىچە ئۇلارنىڭ دۇنيادا چېغىدا ھەر پۇرسەتتە كۆڭلىگە كەلگەن ۋە ئۆزلىرى يوشۇرغان نەرسە (ھىدايەت تېپىش ئارزۇسى) دوزاختىمۇ ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە كېلىدۇ ۋە بۇ قېتىم ئۇلار بۇ ئارزۇسىنى ئاشكارا سۆزلەيدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە، ئايەتلەرنى ئىنكار قىلىش، پەيغەمبەلەرنى مەسخىرە قىلىش ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىش قاتارلىق قەبىھ ئىشلىرىنى يەنە قىلاتتى. شۇڭلاشقا ئۇلار: «كاشكى دۇنياغا قايتۇرۇلغان، ئايەتلەرنى ئىنكار قىلمىغان ۋە مۇئمىنلاردىن بولغان بولساق» دېگەن سۆزىدە يالغانچىدۇر. دەرۋەقە دۇنيادا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى دىققەت بىلەن ئوقۇغان ياكى ئەستايىدىللىق بىلەن قۇلاق سالغان ھەر كىشى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرىنى كۆرگەن ھەر كىشى ئايەتلەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى جەزمەن چۈشىنىدۇ، شۇنداقلا پەيغەمبەرگە ئەگىشىشنى كۆڭلىدە ئارزۇ قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، مۇسۇلمانلارنىڭ زەپىرى، گۈزەل ئەخلاقى، دۇرۇس مۇئامىلىسى ۋە بەختلىك ھاياتى قاتارلىقلاردىن بىرىنى كۆرگەن كافىرلارمۇ بەزىدە مۇسۇلمان بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى پەيغەمبەرگە ئەگەشكەن ۋە مۇسۇلمان بولغان تەقدىردە بەزى مەنپەئەتلىرىدىن ۋاز كېچىش، سەلتەنىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش، ئېتىبارىدىن مەھرۇم قېلىش ۋە جەمئىيەتتە پېقىر - مىسكىنلەر بىلەن ئوخشاش سەۋەىيەگە چۈشۈپ قېلىش قاتارلىقلاردىن ئەندىشە قىلىپ بۇ چۈشەنچىسىنى ئاشكارا قىلمايدۇ ۋە كۇفرىلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەمما ئاخىرەتتە دوزاختا تۇرۇپ ئەنە شۇنداق ئاشكارىلايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَالُوا إِنْ هِيَ إِلَّا حَيَاتُنَا الدُّنْيَا وَمَا نَحْنُ بِمَبْعُوثِينَ
ئۇلار: «ھاياتلىق پەقەت مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدۇر، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلمەيمىز» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «بىز پەقەت مۇشۇ دۇنيادىلا ياشايمىز، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلمەيمىز» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «ھايات بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىنلا ئىبارەت. ئۆلگەندىن كېيىن ھەرگىزمۇ تىرىلدۈرۈلمەيمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئۇ مۇشرىكلار يەنە، دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە ئۆلگىنىدىن كېيىن قايتا تىرىلىدۈرۈلۈشىنى ئىنكار قىلاتتى ۋە: «ھايات مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىنلا ئىبارەت، بىز ئۆلگەندىن كېيىن ھەرگىزمۇ تىرىلدۈرۈلمەيمىز» دېگەن بولاتتى، چۈنكى ئۇلار تەكەببۇرلۇق، تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىك قاتارلىق يامان ئىدىيەلىرى بىلەن ھازىر بۇ دۇنيادا ئايەتلەرنى ۋە ئۆلگىنىدىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈشىنى ئىنكار قىلىۋاتىدۇ. ناۋادا ئۇلار ئۆلگىنىدىن كېيىن تىرىلىشنى ئەمەلىيىتى بىلەن تەجرىبە قىلىپ ۋە ئاخىرەتنى كۆزى بىلەن كۆرۈپ قايتىپ يەنە دۇنياغا كەلگەن تەقدىردە، يەنە ئۇ يامان ئىدىيەلىرى بىلەن قايتىدۇ ۋە ئۆلگىنىدىن كېيىن تىرىلىدۈرۈلۈشىنى يەنە ئىنكار قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَوْ تَرَىٰ إِذْ وُقِفُوا عَلَىٰ رَبِّهِمْ ۚ قَالَ أَلَيْسَ هَٰذَا بِالْحَقِّ ۚ قَالُوا بَلَىٰ وَرَبِّنَا ۚ قَالَ فَذُوقُوا الْعَذَابَ بِمَا كُنْتُمْ تَكْفُرُونَ
ئەگەر ئۇلارنى پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا توختىتىلغان چاغدا كۆرسەڭ (غايەت چوڭ ئىشنى كۆرۈسەن). ئاللاھ ئۇلارغا: «بۇ (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش) راست ئەمەسمىكەن؟» دەيدۇ. ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز بىلەن قەسەمكى، راست ئىكەن» دەيدۇ. ئاللاھ: «كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئۇلارنى پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا توختىتىلغان چاغدا كۆرسەڭ (غايەت چوڭ ئىشنى كۆرگەن بولاتتىڭ). ئاللاھ ئۇلارغا: «بۇ تىرىلىش راست ئەمەسمىكەن؟» دەيدۇ. ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز بىلەن قەسەمكى، راست ئىكەن» دەيدۇ. ئاللاھ: «ھەقنى ئىنكار قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئۇلارنى رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا توختىتىلغان چاغدا بىر كۆرگەن بولساڭ! ئاللاھ ئۇ چاغدا ئۇلارغا: «بۇ ھەق ئەمەسمىكەن؟» دەيدۇ. ئۇلار: «رەببىمىز بىلەن قەسەمكى، ئەلۋەتتە ھەق ئىكەن» دەيدۇ. ئاللاھ: «ئۇنداقتا ئازابنى تېتىڭلار، چۈنكى سىلەر كافىر بولدۇڭلار» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئەگەر سەن ئۇ مۇشرىكلارنىڭ، رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا توختىتىلغان چاغدىكى ئەھۋالىنى بىر كۆرسەڭ ئىدىڭ، ناھايىتى ئېچىنىشلىق ئەھۋال كۆرەتتىڭ. ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ رەببى ئۇلاردىن: «ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن تىرىلىشىڭلار ۋە ھۇزۇرۇمغا كەلتۈرۈلۈپ ھېساب سورىلىشىڭلار ھەق ئەمەسمىكەن؟» دەپ سورايدۇ. ئۇلار: «رەببىمىز بىلەن قەسەمكى، ئەلۋەتتە ھەق ئىكەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا رەببى: «ئۇنداقتا ئازابنى تېتىڭلار، چۈنكى سىلەر ئۇ ھەقنى ئىنكار قىلغان ئىدىڭلار» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَدْ خَسِرَ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِلِقَاءِ اللَّهِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا جَاءَتْهُمُ السَّاعَةُ بَغْتَةً قَالُوا يَا حَسْرَتَنَا عَلَىٰ مَا فَرَّطْنَا فِيهَا وَهُمْ يَحْمِلُونَ أَوْزَارَهُمْ عَلَىٰ ظُهُورِهِمْ ۚ أَلَا سَاءَ مَا يَزِرُونَ
ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى (يەنى قايتا تىرىلىشنى) ئىنكار قىلغانلار ھەقىقەتەن زىيان تارتتى. قىيامەت تۇيۇقسىز كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «ئۇ دۇنيادىكى بىپەرۋالىقىمىزغا ۋاي ئېست» دەيدۇ. گۇناھلىرىنى ئۈستىلىرىگە يۈكلىۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ (گۇناھلارنى) يۈكلىگىنى نېمىدېگەن يامان! — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھنىڭ ئالدىغا ئىنكار قىلغانلار ھەقىقەتەن زىيان تارتتى. قىيامەت تۇيۇقسىز كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «ئۇ دۇنيادا بىپەرۋالىق قىلىپ كەتكۈزۈپ قويغانلىقىمىزغا ئىسىت» دەپ كېتىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار گۇناھلارنى ئۈستىگە يۈكلىۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ يۈكلىۋالغىنى نېمىدېگەن يامان! — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى يالغان دېگەنلەر چوقۇم زىيان تارتىدۇ. ئاخىرى ئۇلار ئۆزلىرىگە قىيامەت تۇيۇقسىزلا كەلگەندە گۇناھلىرىنى يۈدۈپ تۇرۇپ: «ۋاي ئىسىت! ئۇ دۇنيادا سەل قاراپتىمىز» دەيدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلار يۈدۈۋالغان نەرسە نېمىدېگەن يامان! — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۆلگىنىدىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈپ ھېساب ئېلىنىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان ئۇ مۇشرىكلار چوقۇم زىيان تارتىدۇ. ئۇلارنىڭ قىيامەت قايىم بولۇشنىڭ ئالدىدا دۇنيادا ياشاۋاتقانلىرى، قىيامەت ئۇشتۇمتۇت قايىم بولغاندا پۇشايمان قىلىدۇ ۋە قايتا تىرىلدۈرۈلگەندە قەبرىلىرىدىن مەھشەرگاھقا گۇناھلىرىنى يۈدۈگەن ھالەتتە كەلتۈرۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا الْحَيَاةُ الدُّنْيَا إِلَّا لَعِبٌ وَلَهْوٌ ۖ وَلَلدَّارُ الْآخِرَةُ خَيْرٌ لِلَّذِينَ يَتَّقُونَ ۗ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن، غەپلەتتىنلا ئىبارەت. تەقۋادارلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئۇ دۇنيا ياخشىدۇر، (بۇنى) چۈشەنمەمسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ
دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن ۋە تاماشىدىنلا ئىبارەت، تەقۋادارلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئاخىرەت يۇرتى ئىنتايىن خەيرىلىكتۇر. بۇنى چۈشەنمەمسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن ۋە بىھۇدە مەشغۇلاتتۇر. ئاخىرەت يۇرتى بولسا، تەقۋادارلىق قىلغانلارغا ئەڭ ياخشىدۇر. يەنىلا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ھايات، ئۇ مۇشرىكلار ئېيتقاندەك مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتتىنلا ئىبارەت ئەمەس، ئەكسىچە بۇ دۇنيا ھاياتىدىن كېيىن ھەقىقىي ۋە ئەبەدىي ھايات بولغان ئاخىرەت ھاياتى بار. ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتى (ئىش - ھەرىكىتى)، يا ئاقىۋىتى دوزاخ بولىدىغان ۋاقىتلىق كۆڭۈل ئېچىش ياكى ئاقىۋىتى جەننەت بولىدىغان تىرىشچانلىق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىنسانغا بۇ دۇنيادا بېرىلگەن ياشاش مۇددىتى (ئۆمرى) يامانلار ئۈچۈن ئويناش ۋە بىھۇدە مەشغۇلات، ياخشىلار ئۈچۈن ئەمەل قىلىش ۋە پايدىلىق ئىش - پائالىيەتلەر پۇرسىتىدۇر. مەسىلە ناھايىتى ئاشكارىدۇر. ئەمەلىيەت شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر يەنىلا ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كافىرلارنىڭ ئىنكار، تەنە - ھاقارەت ۋە مەسخىرە قىلىشلىرى، شۇنداقلا ئىمان كەلتۈرمەسلىكى قاتارلىقلارغا قاراپ بەك خاپا بولاتتى. ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە ئۇنى خاپا بولۇشتىن توسىدۇ، سەۋر قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىدۇ ۋە نەسىھەت قىلىدۇ. جۈملىدىن 33 ~ 35 - ئايەتلەردىمۇ تەسەللىي بېرىدۇ ۋە نەسىھەت قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 33-ئايەت) كاپىرلىق ھەقنى ئىنكار قىلىش پەيغەمبەرگە تەسەللىي پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنكار قىلىنىشىقَدْ نَعْلَمُ إِنَّهُ لَيَحْزُنُكَ الَّذِي يَقُولُونَ ۖ فَإِنَّهُمْ لَا يُكَذِّبُونَكَ وَلَٰكِنَّ الظَّالِمِينَ بِآيَاتِ اللَّهِ يَجْحَدُونَ
ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى قايغۇغا سالىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئۇلار سېنى (ئىچىدە) ئىنكار قىلمايدۇ (لېكىن ئۇلار تەرسالىقتىن ئىنكار قىلىدۇ)، (ھەقىقەتتە) زالىملار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى قايغۇغا سالىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئۇلار سېنى (ئىچىدە) يالغانچى دېمەيدۇ، لېكىن جېنىغا ئىچى ئاغرىمايدىغانلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى قايغۇغا سېلىۋاتقانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز. شۈبھىسىزكى، ئۇلار سېنى يالغانچى دېمەيدۇ، لېكىن ئۇ زالىملار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! كافىرلارنىڭ: «سېنى يالغانچى، سېھىرگەر، ئازغۇن، ئەقلىدىن ئازغان ئادەم» دېگەن سۆزلىرى كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلىۋاتىدۇ، سېنى قايغۇغا سېلىۋاتىدۇ ۋە غەمكىن قىلىۋاتىدۇ. سەن پەيغەمبەر قىلىنىشتىن ئىلگىرى سېنى «راستچىل ئادەم، ئىشەنچلىك ئادەم» دەپ بىلىدىغان، سەن تەرىپىمىزدىن پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، سېنىڭ ھەققىڭدە مەزكۇر ناشايان سۆزلەرنى قىلغان ئۇ كافىرلار ئەسلىدە سېنى «يالغانچى» دېمەيدۇ، لېكىن ئۇ زالىملار ئايەتلىرىمىزنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇلارنى ئىنكار قىلماقتىدۇر. شۇڭلاشقا سەن ئۇلارنىڭ مەزكۇر سۆزلىرى سەۋەبلىك خاپا بولمىغىن، كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلمىغىن، ئىچىڭنى پۇشۇرمىغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 34-ئايەت) سەۋرچانلىق پەيغەمبەرگە تەسەللىي پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنكار قىلىنىشى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىوَلَقَدْ كُذِّبَتْ رُسُلٌ مِنْ قَبْلِكَ فَصَبَرُوا عَلَىٰ مَا كُذِّبُوا وَأُوذُوا حَتَّىٰ أَتَاهُمْ نَصْرُنَا ۚ وَلَا مُبَدِّلَ لِكَلِمَاتِ اللَّهِ ۚ وَلَقَدْ جَاءَكَ مِنْ نَبَإِ الْمُرْسَلِينَ
سەندىن بۇرۇن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرمۇ ئىنكار قىلىندى، ئۇلار ئىنكار قىلىنغانلىقىغا ۋە ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلدى، ئاخىر ئۇلار بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ئېرىشتى، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ھېچقانداق ئادەم ئۆزگەرتەلمەيدۇ، شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسەلىرى ساڭا نازىل بولدى — مۇھەممەد سالىھ
سەندىن بۇرۇن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرمۇ يالغانچى دېيىلگەن ئىدى. ئۇلار بۇ بوھتانلارغا ۋە ئۆزىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلدى، ئاخىر ئۇلار بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ئېرىشتى. ئاللاھنىڭ سۆزىنى ھەر قانداق ئادەم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەرلەر قىسسىلىرىنىڭ بىر قىسمى ھەقىقەتەن ساڭا يەتكۈزۈلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلەرمۇ يالغانچى دېيىلگەن ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىگە چاپلانغان بوھتانلارغا ۋە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلدى. ئاخىرى ئۇلارغا نۇسرىتىمىز كەلدى. ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. شۈبھىسىزكى، ساڭا ئۇ ئەلچىلەرنىڭ بىر قىسىم خەۋەرلىرى كەلدى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلىرىمىزمۇ «يالغانچى» دېيىلگەن، ئۇلارغىمۇ ئەزىيەت قىلىنغان، ئۇلار نۇسرىتىمىز كەلگەنگە قەدەر سەۋر قىلغان. بىزنىڭ، ئەلچىلىرىمىزگە نۇسرەت ئاتا قىلىش توغرىسىدىكى ۋەدىمىزنىڭ ئۆزگەرگىنى يوق. بۇ قۇرئاندا، ساڭا ئىلگىرىكى بەزى ئەلچىلىرىمىزنىڭ قىسسەلىرىدىن سېنى نۇسرىتىمىز كەلگۈچىلىك سەۋر قىلىشقا ئۈندەيدىغان بۆلۈملەر بايان قىلىندى. شۇڭلاشقا سەنمۇ ئۇ ئەلچىلىرىمىز سەۋر قىلغاندەك سەۋر قىلغىن، بىز ساڭىمۇ نۇسرەت ئاتا قىلىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 35-ئايەت) ئىلاھىي ئىرادە ئاللاھنىڭ ھىدايىتى پەيغەمبەرگە تەسەللىي پەيغەمبەر مۆجىزىلىرىوَإِنْ كَانَ كَبُرَ عَلَيْكَ إِعْرَاضُهُمْ فَإِنِ اسْتَطَعْتَ أَنْ تَبْتَغِيَ نَفَقًا فِي الْأَرْضِ أَوْ سُلَّمًا فِي السَّمَاءِ فَتَأْتِيَهُمْ بِآيَةٍ ۚ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَجَمَعَهُمْ عَلَى الْهُدَىٰ ۚ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْجَاهِلِينَ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈگەنلىكى ساڭا ئېغىر كەلگەن بولسا، ئۇنداقتا يەر ئاستىغا كىرىشكە يول ياكى ئاسمانغا چىقىشقا شوتا تېپىپ بىر مۆجىزە كەلتۈرەلىسەڭ (كەلتۈرگىن)، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئەلۋەتتە ئۇلارنى ھىدايەتكە بىرلەشتۈرەتتى. سەن ھەرگىز (ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنى) چۈشەنمەيدىغانلاردىن بولمىغىن — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈگەنلىكى ساڭا ئېغىر كەلگەن بولسا، ئۇنداقتا سەن يەر ئاستىغا كىرىشكە يول ياكى ئاسمانغا چىقىشقا شوتا تېپىپ ئۇلارغا بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلىسەڭ (كەلتۈرگىن)، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئەلۋەتتە ئۇلارنى ھىدايەتكە يىغقان بولاتتى، شۇڭا سەن ھەرگىز نادانلاردىن بولمىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈشى ساڭا ئېغىر كەلگەن بولسا، سەن يەر ئاستىغا كىرەلەيدىغان تۆشۈك ياكى ئاسمانغا چىقالايدىغان شوتا ئىزدەپ، ئاندىن ئۇلارغا بىرەر مۆجىزە ئېلىپ كېلىشكە كۈچۈڭ يەتسە شۇنداق قىلغىن. ئاللاھ خالىسا ئىدى ئۇلارنى ھىدايەت ئۈستىدە بىرلەشتۈرەتتى. ئۇنداقتا جاھىللاردىن بولمىغىن! — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن، قۇرئاندىن باشقا مۆجىزە تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. سېنىڭ ئۇلار تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەردىن بىرەرىنى كەلتۈرۈپ، ئۇلارغا كۆرسىتىشكە كۈچۈڭ يەتمەيدۇ، بۇنىڭغا كۈچۈڭ يەتسە ئىدى شۇنداق قىلار ئىدىڭ. بۇ سەۋەبتىن سېنىڭ سەۋر قىلىپ، نۇسرىتىمىزنى كۈتۈشتىن باشقا چارەڭ يوق. ئى مۇھەممەد! ئەگەر بىز خالىساق ئىدۇق، ئۇلارنى توغرا يولدا بىرلەشتۈرگەن بولاتتۇق، لېكىن خالىمىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۇلارنى توغرا يولدا بىرلەشتۈرمىدۇق. شۇڭلاشقا سەن ھەممە ئادەمنىڭ ئىمان كەلتۈرۈشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن نادانلاردىن بولمىغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّمَا يَسْتَجِيبُ الَّذِينَ يَسْمَعُونَ ۘ وَالْمَوْتَىٰ يَبْعَثُهُمُ اللَّهُ ثُمَّ إِلَيْهِ يُرْجَعُونَ
(سۆزۈڭگە) ھەقىقىي قۇلاق سالىدىغانلار (سېنىڭ دەۋىتىڭنى) قوبۇل قىلىدۇ (سۆزۈڭگە قۇلاق سالمىغانلار ئۆلۈكلەرنىڭ ئورنىدا)، ئۆلۈكلەرنى ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
سېنىڭ سۆزۈڭگە ھەقىقىي قۇلاق سالىدىغانلار دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۆلۈكلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنى تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
پەقەت ئاڭلايدىغان كىشىلەرلا دەۋىتىڭنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۆلۈكلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنى تىرىلدۈرىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سېنىڭ دەۋىتىڭنى، ئاڭلاش قابىلىيىتى ساغلام كىشىلەرلا قوبۇل قىلىدۇ. دەۋەتىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرگە كەلسەڭ، ئۇلار ئۆلۈككە ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن ئاڭلىيالمايدۇ، شۇنداقلا قوبۇل قىلمايدۇ. ئۆلۈكلەرنى ئاللاھ قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرىدۇ ۋە ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈپ ھېساب ئالىدۇ. شۇڭلاشقا سەن كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەن ئۇ كىشىلەرگە قاراپ خاپا بولمىغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَالُوا لَوْلَا نُزِّلَ عَلَيْهِ آيَةٌ مِنْ رَبِّهِ ۚ قُلْ إِنَّ اللَّهَ قَادِرٌ عَلَىٰ أَنْ يُنَزِّلَ آيَةً وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى): «نېمىشقا مۇھەممەدكە پەرۋەردىگارىدىن بىر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟» دەيدۇ، ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مۆجىزە چۈشۈرۈشكە ھەقىقەتەن قادىر». لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (مۆجىزە نازىل بولۇپ ئىمان ئېيتمىسا بالاغا دۇچار بولىدىغانلىقىنى) بىلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
كافىرلار: «نېمىشقا مۇھەممەدكە پەرۋەردىگارىدىن (بىز تەلەپ قىلغان) بىرەر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟» دەيدۇ، ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مۆجىزە چۈشۈرۈشكە ھەقىقەتەن قادىردۇر». لېكىن، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى (مۆجىزە چۈشۈرۈلمەستىكى ھېكمەتنى) بىلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا رەببى تەرىپىدىن مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟» دېدى. ئېيتقىنكى: «ئاللاھ مۆجىزە چۈشۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر». لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇ كافىرلار: «نېمىشقا مۇھەممەدكە رەببىدىن ئۆلۈكنىڭ تىرىلىشى، مۇسانىڭ ھاسىسى، تاغنىڭ يۆتكىلىشى ۋە پەرىشتىلەرنىڭ يېنىدا بىللە ئاشكارا يۈرۈشىدەك بىرەر مۆجىزە بېرىلمىدى؟» دېدى، ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئاللاھ بۇنىڭغا قادىر»، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ساڭا ئۇنداق بىرەر مۆجىزە بېرىلمىگەنلىكنىڭ ھېكمىتىنى بىلمەيدۇ. ئۇ ھېكمەت ساڭا ئۇنداق بىرەر مۆجىزە بېرىلگەندىن كېيىن ئىشەنمىگەنلەرنىڭ ھالاك قىلىنىشىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 38-ئايەت) تىرىلىش لەۋھۇلمەھپۇز ئاللاھنىڭ ئىلمى ئىنساننىڭ يارىتىلىشى ھايۋاناتلار ئۈممەتتۇروَمَا مِنْ دَابَّةٍ فِي الْأَرْضِ وَلَا طَائِرٍ يَطِيرُ بِجَنَاحَيْهِ إِلَّا أُمَمٌ أَمْثَالُكُمْ ۚ مَا فَرَّطْنَا فِي الْكِتَابِ مِنْ شَيْءٍ ۚ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّهِمْ يُحْشَرُونَ
مەيلى يەر يۈزىدە ماڭىدىغان ھايۋان بولسۇن، مەيلى ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچىدىغان ئۇچار قۇش بولسۇن، ھەممىسى سىلەرگە ئوخشاش ئۈممەتلەردۇر (يەنى ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان مەخلۇقلاردۇر). لەۋھۇلمەھپۇزدا ھېچ نەرسىنى چۈشۈرۈپ قويمىدۇق (يەنى ھەممىنى تولۇق پۈتتۇق)، كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىدۇ (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
مەيلى يەر يۈزىدە ماڭىدىغان ھايۋان بولسۇن ياكى ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچىدىغان ئۇچار قۇش بولسۇن، ھەممىسى سىلەرگە ئوخشاش ئۈممەتلەردۇر. لەۋھۇلمەھپۇزدا ھېچ نەرسىنى چۈشۈرۈپ قويمىدۇق، كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
يەر يۈزىدە ئۆمىلەيدىغان بارلىق ھايۋانلار ۋە ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچىدىغان بارلىق ئۇچارقاناتلار سىلەرگە ئوخشاشلا ئۇممەتلەردۇر. بىز كىتابتا ھېچ نەرسىنى كەم قويمىدۇق. ئاخىرىدا ئۇلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا توپلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىدىن بىرى شۇكى، زېمىندا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھەر جانلىق ۋە ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچۇۋاتقان ھەر ئۇچارقانات سىلەرگە ئوخشاشلا ئۇممەتتۇر. ئاللاھ ئۇلارنى ياراتقان، ئۇلارغا تىرىكچىلىك يولىنى كۆرسەتكەن ۋە رىزقىنى ئورۇنلاشتۇرغان، قىيامەت كۈنى ئۇلارنى ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈپ ھېساب ئالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 39-ئايەت) ئىلاھىي ئىرادە كاپىرلىق ئاللاھنىڭ ھىدايىتى ئازغۇنلۇق قەلبلەرنىڭ پېچەتلىنىشوَالَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا صُمٌّ وَبُكْمٌ فِي الظُّلُمَاتِ ۗ مَنْ يَشَإِ اللَّهُ يُضْلِلْهُ وَمَنْ يَشَأْ يَجْعَلْهُ عَلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار گاسلاردۇر (يەنى قوبۇل قىلىش يۈزىسىدىن ئاڭلىمايدۇ)، گاچىلاردۇر (يەنى ھەقنى سۆزلىمەيدۇ). ئۇلار (كۇفرىنىڭ) قاراڭغۇلۇقى ئىچىدە قالغانلاردۇر، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى (زالالەتنى ئىختىيار قىلغانلىقى ئۈچۈن) ئازدۇرىدۇ، خالىغان ئادەمنى (ھىدايەتنى ئىختىيار قىلغانلىقى ئۈچۈن) توغرا يولغا سالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار بولسا بەئەينى زۇلمەت ئىچىدە قالغان گاس ۋە گاچىلاردۇر. ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ئازغۇنلۇقىدا قويىدۇ، خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا سالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەر گاسلاردۇر، گاچىلاردۇر، قاراڭغۇلۇقلارنىڭ ئىچىدىدۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان كىشىنى توغرا يول ئۈستىدە قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئەنە شۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ ئۆزى پىلانلاپ كىتابقا (لەۋھى مەھفۇزغا) يازغان ۋە ئۆزى يالغۇز ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئەقلىنى ئىشلىتىپ ئاللاھنىڭ ئەنە شۇ ھايۋانلاردىكى قۇدرەت، ھېكمەت ۋە مەرھەمەتلىرىنى تونۇپ يەتكەنلەر ئاللاھنىڭ نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە ئىشىنىدۇ، لېكىن ئاللاھنىڭ نازىل قىلغان ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار، ئاللاھنىڭ ياراتقان ئايەتلىرى ئۈستىدىمۇ تەپەككۇر قىلمىغان ئىنسانلاردۇر. شۇڭلاشقا ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەرگە قۇلاقلىرىنى ئېتىۋالغان، كۆزلىرىنى يۇمۇۋالغان، شۇنداقلا قاراڭغۇلۇقلار ئىچىدە تېڭىرقاپ يۈرۈيدىغان كىشىلەردۇر. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان كىشىنى توغرا يول ئۈستىدە قىلىدۇ. ئەنە شۇ كىشىلەر ئاللاھ ئازدۇرۇۋېتىشنى خالايدىغان، توغرا يول ئۈستىدە قىلىشنى خالىمايدىغان كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ أَرَأَيْتَكُمْ إِنْ أَتَاكُمْ عَذَابُ اللَّهِ أَوْ أَتَتْكُمُ السَّاعَةُ أَغَيْرَ اللَّهِ تَدْعُونَ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار ئېيتىپ بېقىڭلار، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ياكى قىيامەت كەلسە، ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىلتىجا قىلامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار، ئېيتىپ بېقىڭلار قېنى، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ياكى قىيامەت كەلسە، ئاللاھتىن باشقىغا ئىلتىجا قىلامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە ياكى سىلەرگە قىيامەت كەلسە، ئاللاھتىن غەيرىيگە دۇئا قىلامسىلەر؟ ئەگەر راستچىل بولساڭلار! — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇ كافىرلارغا ئېيتقىنكى: «ئى كافىرلار! سىلەر ھازىر ئاللاھتىن غەيرىيگە دۇئا قىلىش بىلەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈۋاتىسىلەر. سىلەر: ‹ئىلاھلىرىمىز پايدا - زىيان يەتكۈزەلەيدۇ› دېگەن سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار ئېيتىپ بېقىڭلار قېنى، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى يېتىپ كەلسە ياكى قىيامەت قايىم بولسا، ئۇ چاغلاردىمۇ ئاللاھتىن غەيرىيگە دۇئا قىلامسىلەر؟ (يېلىنىپ - يالۋۇرامسىلەر؟). — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
بَلْ إِيَّاهُ تَدْعُونَ فَيَكْشِفُ مَا تَدْعُونَ إِلَيْهِ إِنْ شَاءَ وَتَنْسَوْنَ مَا تُشْرِكُونَ
ئۇنداق ئەمەس، سىلەر پەقەت ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىسىلەر، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەر ئاللاھنىڭ كۆتۈرۈۋېتىشىنى ئىلتىجا قىلغان بالانى ئاللاھ كۆتۈرۈۋېتىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى قىلىۋالغىنىڭلارنى ئۇنتۇيسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ
ئۇنداق قىلمايسىلەر. سىلەر پەقەت ئاللاھقىلا ئىلتىجا قىلىسىلەر، ئاللاھ خالىسا، سىلەر كۆتۈرۈۋېتىشنى ئىلتىجا قىلغان بالانى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان بۇتلارنى ئۇنتۇيسىلەر» — تەرجىمە ھەيئىتى
بەلكى پەقەت ئاللاھقىلا دۇئا قىلىسىلەر. ئاندىن ئاللاھ خالىسا سىلەر كۆتۈرۈۋېتىشىنى تىلەپ دۇئا قىلغان بالانى كۆتۈرۈۋېتىدۇ. سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلىدىغان نەرسىلىرىڭلارنى ئۇنتۇيسىلەر». — ئەنەس ئالىم
جاۋاب: ياق، سىلەر ئۇ چاغدا ئاللاھقىلا دۇئا قىلىسىلەر، شۇنداققۇ! سىلەر قىيىنچىلىقتا ئاللاھقىلا دۇئا قىلىسىلەر، ئاللاھ خالىسا سىلەرنى قۇتقۇزۇپ قويىدۇ، ئاندىن سىلەر قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپلا يەنە شېرىك كەلتۈرىسىلەر. دېمەككى، سىلەر ئاللاھتىن غەيرىينىڭ سىلەرنى بېشىڭلارغا كەلگەن قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇپ قويۇشقا كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىسىلەر. ئۇنداقتا سىلەر نېمىشقا ئېغىرچىلىقتا قالغان چېغىڭلاردىلا ئەمەس، ئەكسىچە ھەر دائىم قۇدرەتلىك ئاللاھقىلا دۇئا قىلمايسىلەر؟ سىلەر ئۆتۈپ كەتكەن تۇزكور ئادەملەرسىلەر!». ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئايەتتە ئىنسانلار ھوشىنى تېپىشى، توغرا يولغا قايتىشى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئەسلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ساقسىزلىق، ئاچارچىلىق، ئۆلۈم - يېتىم ۋە ئىقتىسادىي زىيانغا ئوخشاش ھەر تۈرلۈك بالايىئاپەت ئەۋەتىدىغانلىقىنى ۋە ئەمەلىيەتتە ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. جۈملىدىن 42 ~ 45 - ئايەتلەردىمۇ ئۆتمۈشتىكى ئۇممەتلەرگە ئۆزلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى ھېس قىلىپ توغرا يولغا قايتىشلىرى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك بالايىئاپەت ئەۋەتىپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ توغرا يولغا قايتمىغانلىقىنى، ئۇلار ئىلاھىي نەسىھەتلەرنى ئۇنتۇپ، كەيپ - ساپا سۈرۈش بىلەن بولۇپ كەتكەن ئەسنادا ئۇلارغا تۇيۇقسىز ئازاب ئەۋەتىپ يىلتىزىنى قۇرۇتۇۋەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ، شۇنداقلا يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە زىكىر قىلىنغان كافىرلارنى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلارنى) ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 42-ئايەت) كەمتەرلىك ئىلاھىي سىناق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنكار قىلىنىشى قىيىنچىلىقلار ئارقىلىق سىناشوَلَقَدْ أَرْسَلْنَا إِلَىٰ أُمَمٍ مِنْ قَبْلِكَ فَأَخَذْنَاهُمْ بِالْبَأْسَاءِ وَالضَّرَّاءِ لَعَلَّهُمْ يَتَضَرَّعُونَ
شەك ـ شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە (نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتتۇق (ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى). ئۇلارنى (ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ) يېلىنسۇن دەپ نامراتلىق ۋە ئاغرىق ـ سىلاق بىلەن جازالىدۇق — مۇھەممەد سالىھ
شەك ـ شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق (ئۇلار ئىنكار قىلدى). ئاندىن بىز ئۇ ئۈممەتلەرنى ئاللاھقا يېلىنسۇن دەپ نامراتلىق ۋە ئاغرىق ـ سىلاق بىلەن جازالىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز سەندىن ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرگىمۇ ئەلچى ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئاندىن بىز ئۇلارنى يېلىنىپ -يالۋۇرسۇن دەپ قاتتىقچىلىق ۋە جاپا -مۇشەققەتكە مۇپتىلا قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن، ئۇلار قەۋملىرىنى تەۋھىد ۋە ئىبادەتكە دەۋەت قىلغان. ئۇلار ئۇ ئەلچىلەرنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغاندا بىز ئۇلارغا توغرا يولغا قايتسۇن دەپ يوقسۇزلۇق، ساقسىزلىق، ۋە ئۆلۈم - يېتىمگە ئوخشىغان بالايىئاپەتلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلَوْلَا إِذْ جَاءَهُمْ بَأْسُنَا تَضَرَّعُوا وَلَٰكِنْ قَسَتْ قُلُوبُهُمْ وَزَيَّنَ لَهُمُ الشَّيْطَانُ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
ئۇلارغا بىزنىڭ ئازابىمىز چۈشكەن چاغدا نېمىشقا يېلىنمىدى؟ ئۇلارنىڭ دىللىرى قەساۋەتلەشتى (ئىمانغا يۇمشىمىدى)، شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا بىزنىڭ ئازابىمىز چۈشكەن چاغدا نېمىشقا يېلىنمىدى؟ ھەقىقەت شۇكى، ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتكەن، شەيتان ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزلىرىگە چىرايلىق كۆرسەتكەن ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار نېمىشقا ھېچبولمىغاندا ئۆزلىرىگە قاتتىق ئازابىمىز كەلگەن چاغدا يېلىنىپ -يالۋۇرۇشمىدى؟ لېكىن ئۇلارنىڭ قەلبلىرى قېتىپ كەتتى ۋە شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار قاتتىق ئازابىمىزغا دۇچار قىلىنغان چاغلىرىدا ھوشىنى تېپىپ توغرا يولغا قايتىش تۈگۈل، ئاسىيلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىگەن ۋە شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆزلىرىنىڭ قەبىھ ئىشلىرىنى چىرايلىق كۆرگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 44-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب ئىلاھىي سىناق نىمەتلەر بىلەن سىناش غەپلەت نازۇنېمەتلەر بىلەن سىناشفَلَمَّا نَسُوا مَا ذُكِّرُوا بِهِ فَتَحْنَا عَلَيْهِمْ أَبْوَابَ كُلِّ شَيْءٍ حَتَّىٰ إِذَا فَرِحُوا بِمَا أُوتُوا أَخَذْنَاهُمْ بَغْتَةً فَإِذَا هُمْ مُبْلِسُونَ
ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنى ئۇنتۇغان چاغدا، ئۇلارغا (سىناش ئۈچۈن) پاراۋانلىقنىڭ ھەممە ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتتۇق، ئۇلار تاكى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نېمەتلەردىن (كۆرەڭلەپ) خۇشال ـ خۇرام تۇرغاندا (ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت جازالىدۇق)، ئۇلار ھەسرەتتە قالدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنى ئۇنتۇغان چاغدا، ئۇلارغا (سىناش ئۈچۈن) پاراۋانلىقنىڭ ھەممە ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتتۇق، ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نېمەتلەرگە خۇشال بولۇپ تۇرغاندا ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت جازالىدۇق، ئۇلار ھەسرەتتە قالدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۆزلىرىگە ئەسلىتىلگەن توغرا ئىلىمنى ئۇنتۇغان چاغدا، بىز ئۇلارغا ھەر نەرسىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتتۇق. ئاخىرى ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نەرسىلەر بىلەن خۇشال بولۇپ ئەركىلىگىلى تۇرغاندا ئۇلارنى تۇيۇقسىز جازالىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىردىنلا ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتى. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار ئەلچىلىرىمىز قىلغان نەسىھەتلەرگە ھېچ پەرۋا قىلماستىن گۇناھلارغا چۆمۈپ كەتكەندە، بىز ئۇلارغا پۈتۈن ياخشىلىقلارنىڭ ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتتۇق: قىيىنچىلىقنى ئازادىچىلىك، يوقسۇزلۇقنى پاراۋانلىق، ساقسىزلىقنى ساقلىق ۋە غەم - قايغۇنى خۇشال - خۇراملىق بىلەن ئالماشتۇردۇق. ئۇلار نېمەتلىرىمىز بىلەن ھەددىدىن ئېشىپ ئەركىلىگىلى تۇرغان چاغدا بىز ئۇلارنى تۇيۇقسىز جازالىدۇق، ئۇلار ئۇ نېمەتلەردىن بىردىنلا ئايرىلىپ كېتىپ ھەسرەتتە قالدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَقُطِعَ دَابِرُ الْقَوْمِ الَّذِينَ ظَلَمُوا ۚ وَالْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
زۇلۇم قىلغان قەۋمنىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلدى (يەنى ئۇلار پۈتۈنلەي ھالاك قىلىندى). جىمى ھەمدۇسانا (پەيغەمبەرلىرىگە ياردەم بېرىپ، كۇففارلارنى ھالاك قىلغانلىقى ئۈچۈن) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر! — مۇھەممەد سالىھ
كۇفرلىق قىلغان قەۋمنىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلدى. بارلىق ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ئاللاھقا خاستۇر! — تەرجىمە ھەيئىتى
زۇلۇم قىلغان قەۋمنىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلدى. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. — ئەنەس ئالىم
زۇلۇم قىلغان ئۇ كىشىلەرنىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلدى، پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر نىجاتلىققا ئېرىشتى. ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالانىڭ بۇ يەردە زالىملارنى ھالاك قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن ئۆزىگە ھەمدۇسانا ئېيتىشى، ئۆزىنىڭ زالىملارنى ھالاك قىلىشىنىڭ مۇئمىنلارغا ئاتا قىلغان بۈيۈك نېمەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش، مۇئمىنلارغا بۇ نېمەتكە ئېرىشكەن چېغىدا ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىشى ۋە شۈكۈر قىلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ زالىمنى ھالاك قىلىشى مەزلۇمغا قىلغان مەرھەمىتىدۇر (ۋەللاھۇ ئەئلەم). ئاللاھ تائالا 46 ~ 49 - ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مۇشرىكلارغا ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئەسلىتىشكە ۋە ئۇ مۇشرىكلارنى ئەيىبلەشكە بۇيرۇيدۇ؛ پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى بىلدۈرىدۇ؛ پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكەنلەرنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىدىغانلىقىنى، ئەگەشمىگەنلەرنىڭ يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ أَرَأَيْتُمْ إِنْ أَخَذَ اللَّهُ سَمْعَكُمْ وَأَبْصَارَكُمْ وَخَتَمَ عَلَىٰ قُلُوبِكُمْ مَنْ إِلَٰهٌ غَيْرُ اللَّهِ يَأْتِيكُمْ بِهِ ۗ انْظُرْ كَيْفَ نُصَرِّفُ الْآيَاتِ ثُمَّ هُمْ يَصْدِفُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر ئاللاھ سىلەرنىڭ قۇلىقىڭلارنى گاس، كۆزۈڭلارنى كور قىلىپ قويسا، دىللىرىڭلارنى پېچەتلىۋەتسە (يەنى سىلەرنى ھېچ نەرسىنى چۈشەنمەيدىغان قىلىپ قويسا)، ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا يەنە قايسى ئىلاھ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ؟» قارىغىنكى، بىز (قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلغانمىز، ئەمما ئۇلار (شۇ ئايەتلەردىن) يۈز ئۆرۈيدۇ (يەنى ئىمان ئېيتمايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «دەپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر ئاللاھ سىلەرنىڭ قۇلىقىڭلارنى گاس، كۆزۈڭلارنى كور قىلىپ قويسا، دىللىرىڭلارنى پېچەتلىۋەتسە، ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا يەنە قايسى ئىلاھ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ؟» سەن بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلغانلىقىمىزغا، ئاندىن ئۇلارنىڭ قانداق يۈز ئۆرۈگەنلىكىگە قارىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار، ئەگەر ئاللاھ ئاڭلاش قابىلىيىتىڭلارنى ۋە كۆرۈش قابىلىيەتلىرىڭلارنى ئالسا، قەلبلىرىڭلارنى پېچەتلىۋەتسە، ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا قايسى ئىلاھ سىلەرگە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىدۇ؟ قارىغىنا! بىز ئايەتلەرنى پەرقلىق ئۇسلۇبلاردا قانداق بايان قىلىۋاتىمىز، ئۇلار قانداق يۈز ئۆرۈۋاتىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئاللاھنىڭ ياراتقۇچى، رىزىق بىلەن تەمىنلىگۈچى ۋە باشقۇرغۇچى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلغان تۇرۇقلۇق، ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلمىغان، شۇنداقلا ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈۋاتقان بۇ مۇشرىكلارغا (يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە زىكىر قىلىنغان كافىرلارغا) ئېيتقىنكى: «ئى ئەقىلسىزلەر! ناۋادا ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە چۈشىنىش قابىلىيەتلىرىڭلارنى ئېلىۋالسا، شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئاڭلىيالمايدىغان، كۆرەلمەيدىغان ۋە چۈشىنەلمەيدىغان بولۇپ قالساڭلار، ئېيتىپ بېقىڭلار قېنى، ئاللاھتىن باشقا قايسى ئىلاھ ئۇلارنى سىلەرگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ؟ ھېچكىم قايتۇرۇپ بېرەلمەيدۇ، بۇنى بىلىسىلەر، شۇنداققۇ! ئۇنداقتا سىلەر ئىبادىتىڭلارنى نېمىشقا ئەنە شۇ قۇدرەتلىك ئاللاھقىلا قىلمايسىلەر؟! نېمىشقا ئىبادىتىڭلاردا، ئۆزىگىمۇ پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىسىلەر؟!». ئى مۇھەممەد! قارىغىنا، بىز تەۋھىدنىڭ ھەق، شېرىكنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرىنى پەرقلىق شەكىللەردە ناھايىتى ئېنىق بىلدۈرۈۋاتىمىز، روشەن ھالەتتە بايان قىلىۋاتىمىز، ئۇلار يەنىلا رەببىگە باشقا نەرسىلەرنى تەڭ قىلىۋاتىدۇ! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 47-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب ئادالەتسىزلىك ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە خۇش خەۋەرقُلْ أَرَأَيْتَكُمْ إِنْ أَتَاكُمْ عَذَابُ اللَّهِ بَغْتَةً أَوْ جَهْرَةً هَلْ يُهْلَكُ إِلَّا الْقَوْمُ الظَّالِمُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇشتۇمتۇت ياكى ئاشكارا كەلسە، زالىم قەۋمدىن باشقا يەنە كىملەر ھالاك قىلىنىدۇ؟» — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «دەپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇشتۇمتۇت ياكى ئاشكارا كەلسە، ھالاك قىلىنىدىغىنى دەل شۇ كۇفرلىق قىلغان قەۋم بولماي كىملەر بولسۇن؟» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار، سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇشتۇمتۇت ياكى ئاشكارا كەلسە، زالىم قەۋمدىن باشقىسى ھالاك قىلىنامدۇ؟». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى تۇيۇقسىزلا كەلسە ياكى ئاشكارا ھالدا كەلسە، ئۇ ئازاب بىلەن كىم ھالاك قىلىنىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئىبادەتنى مەبۇد بەرھەق بولغان ئاللاھقا قىلىشنى تاشلاپ، ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن زالىم قەۋم ھالاك بولىدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا نُرْسِلُ الْمُرْسَلِينَ إِلَّا مُبَشِّرِينَ وَمُنْذِرِينَ ۖ فَمَنْ آمَنَ وَأَصْلَحَ فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
بىز پەيغەمبەرلەرنى پەقەت (ساۋاب بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (ئازابتىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىمىز، ئىمان ئېيتقان ۋە (ئەمەللىرىنى) تۈزىگەن كىشىلەرگە قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار غەم – ئەندىشە قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بىز پەيغەمبەرلەرنى پەقەت خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىمىز. ئىمان ئېيتقان ۋە قىلمىشىنى تۈزەتگەن كىشىلەرگە ئەنسىرەش ۋە قايغۇرۇش يوقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئەلچىلەرنى ئازاب كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىمان ئېيتقانلارغا خۇش خەۋەر بېرىش ۋە ئىنكار قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىمىز. كىم ئىمان ئېيتسا ۋە ئۆزىنى تۈزەتسە، ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
(48-49) ئى مۇھەممەد! ئەلچىلىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى، جۈملىدىن سېنىڭ ۋەزىپەڭ، ئىمان ئېيتقان ۋە ئۆزلىرىنى تۈزەتكەنلەرگە جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بېرىش، ئىنكار قىلغان ۋە ئاسىيلىق قىلغانلارنى دوزاخ بىلەن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. ئەلچىلەر ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغاندىن كېيىن لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ئۆزىنى تۈزەتكەنلەر مۇكاپاتلىنىدۇ، كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەر جازالىنىدۇ. ئاللاھ تائالا 50 ~ 52 - ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، ناشايان تەلەپلەردە بولغان مۇشرىكلارغا رەددىيە بېرىشكە ۋە قىيامەت كۈنى رەببى (ئاللاھ)نىڭ ھۇزۇرىغا چىقىپ ھېساب بېرىشتىن قورقىدىغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، ئاجىز مۇئمىنلارنى يېنىدىن قوغلىۋېتىشتىن توسىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا يَمَسُّهُمُ الْعَذَابُ بِمَا كَانُوا يَفْسُقُونَ
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار، (ئاللاھقا) ئىتائەتسىزلىكلىرى تۈپەيلىدىن، ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار، ئاللاھقا ئىتائەت قىلمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلارغا ئازاب يېتىدۇ، چۈنكى ئۇلار توغرا يولدىن چىقىپ كەتتى. — ئەنەس ئالىم
-
(6-سۈرە ئەنئام، 50-ئايەت) غەيبكە ئىشىنىش ئاللاھنىڭ ئىلمى رەسۇلغا ئەگىشىش پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى ۋەھىيقُلْ لَا أَقُولُ لَكُمْ عِنْدِي خَزَائِنُ اللَّهِ وَلَا أَعْلَمُ الْغَيْبَ وَلَا أَقُولُ لَكُمْ إِنِّي مَلَكٌ ۖ إِنْ أَتَّبِعُ إِلَّا مَا يُوحَىٰ إِلَيَّ ۚ قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الْأَعْمَىٰ وَالْبَصِيرُ ۚ أَفَلَا تَتَفَكَّرُونَ
(ئى مۇھەممەد! سەندىن ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى تەلەپ قىلغۇچى كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە، مەندە ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار، دېمەيمەن. مەن غەيبنىمۇ بىلمەيمەن. سىلەرگە، مەن بولسام ھەقىقەتەن بىر پەرىشتە، دەپمۇ ئېيتمايمەن. مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھىيگىلا ئەمەل قىلىمەن». ئېيتقىنكى، «كور ئادەم بىلەن كۆزى ساق ئادەم باراۋەرمۇ؟ (يەنى كاپىر بىلەن مۆمىن باراۋەرمۇ؟) ئويلاپ باقمامسىلەر؟» — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد! كافىرلارغا) ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە، مەندە ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار، دېمەيمەن، مەن غەيبنى بىلىمەن دەپمۇ ئېيتمايمەن، سىلەرگە، مەن ھەقىقەتەن بىر پەرىشتە، دەپمۇ ئېيتمايمەن، مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھيىگىلا ئەمەل قىلىمەن». ئېيتقىنكى، «كور ئادەم بىلەن كۆزى ساق ئادەم باراۋەر بولامدۇ؟ ئويلاپ باقمامسىلەر؟» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە ‹ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى مېنىڭ يېنىمدا› دېمەيمەن. مەن غەيبنى بىلمەيمەن. سىلەرگە: ‹مەن چوقۇم پەرىشتە› دېمەيمەن. مەن پەقەت ماڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغىلا ئەگىشىمەن». ئېيتقىنكى: «كور ئادەم بىلەن كۆرگۈچى ئادەم باراۋەر بولامدۇ؟ تەپەككۇر قىلمامسىلەر؟». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! رەببىگە باشقا نەرسىلەرنى تەڭ قىلىۋاتقان ۋە سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە ئىشىنىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك شەرتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرگە: ‹مەن ئاللاھنىڭ مۈلكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە› دەپ دەۋا قىلمايمەن. ئەگەر مېنىڭ ئاللاھنىڭ مۈلكىنى باشقۇرۇش ھوقۇقۇم بولسا ئىدى، سىلەر تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى دەرھال كەلتۈرۈپ ئالدىڭلاردا قويغان بولاتتىم. مەن غەيبنى بىلمەيمەن، ئەگەر غەيىبنى بىلگەن بولسام، نۇرغۇنلىغان پايدىلارنى قولغا كەلتۈرگەن بولاتتىم، ھەمدە بېشىمغا يامانلىق كەلمىگەن بولاتتى. مەن سىلەرگە: ‹مەن بىر پەرىشتە› دېگەن دەۋانىمۇ قىلمايمەن. مەن بىر ئىنسان، ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىمەن، شۇڭلاشقا مەن ماڭا قىلىنغان ۋەھىيگىلا ئەگىشىمەن، ۋەھىينىڭ سىرتىغا چىقمايمەن». ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا يەنە ئېيتقىنكى: «ھەقنى كۆرمىگەن ئادەم بىلەن ھەقنى كۆرگەن ئادەم ئوخشاش بولامدۇ؟ ھەرگىزمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇنداققۇ! ئۇنداقتا نېمىشقا ئويلانمايسىلەر؟ نېمىشقا مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن ھەقنى چۈشەنمەستىن ئىنكار قىلىسىلەر؟ ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىپ تەپەككۇر قىلساڭلار بولمامدۇ؟». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَنْذِرْ بِهِ الَّذِينَ يَخَافُونَ أَنْ يُحْشَرُوا إِلَىٰ رَبِّهِمْ ۙ لَيْسَ لَهُمْ مِنْ دُونِهِ وَلِيٌّ وَلَا شَفِيعٌ لَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ
پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىشتىن قورقىدىغانلارنىڭ (كۇفرىدىن، گۇناھتىن) ساقلىنىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇلارغا ئاللاھتىن غەيرىي دوست ۋە شاپائەت قىلغۇچى يوقتۇر — مۇھەممەد سالىھ
پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىشتىن قورقىدىغانلارنىڭ تەقۋادار بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇلارغا ئاللاھتىن باشقا دوست ۋە شاپائەتچى يوقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا، رەببىدىن باشقا ۋەلىي ۋە شاپائەتچىسى يوق ھالدا يىغىلىشتىن قورقىدىغانلارنى قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرغىن. ئۇلار تەقۋادار بولغاي! — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! قۇرئان بىلەن، قىيامەت كۈنىنىڭ دەھشىتىدىن ۋە رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا يالغۇز تۇرۇپ ھېساب بېرىشتىن قورقىدىغانلارنى ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇلار سېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىڭنى دىققەتكە ئالىدۇ، شۇنداقلا بۇ دۇنيادا ئەمەل قىلىپ قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابىدىن ساقلىنىشقا تىرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَا تَطْرُدِ الَّذِينَ يَدْعُونَ رَبَّهُمْ بِالْغَدَاةِ وَالْعَشِيِّ يُرِيدُونَ وَجْهَهُ ۖ مَا عَلَيْكَ مِنْ حِسَابِهِمْ مِنْ شَيْءٍ وَمَا مِنْ حِسَابِكَ عَلَيْهِمْ مِنْ شَيْءٍ فَتَطْرُدَهُمْ فَتَكُونَ مِنَ الظَّالِمِينَ
ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى دەپ ئەتىگەندە، ئاخشامدا پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىدىغانلارنى (يېنىڭدىن) قوغلىۋەتمىگىن، ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ساڭا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن سەن جاۋابكارلىققا تارتىلمايسەن). سېنىڭ ھېسابىڭدىنمۇ ئۇلارغا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ. ئۇلارنى قوغلىۋەتسەڭ، زالىملاردىن بولۇپ قالىسەن — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ ئەتىگەندە، كەچتە پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىدىغانلارنى سەن يېنىڭدىن قوغلىۋەتمىگىن، سەن ئۇلارنى قوغلىۋەتكۈدەك (ھىچ ئىش يوق)، ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ساڭا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، سېنىڭ ھېسابىڭدىنمۇ ئۇلارغا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، ئەگەر ئۇلارنى قوغلىۋەتسەڭ، زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! رەببىنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ، چۈشتە ۋە چۈشتىن كېيىن ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدىغانلارنى قوغلىۋەتمىگىن! ئۇلارنىڭ ھېچبىر ھېسابى سەندىن ئېلىنمايدۇ. سېنىڭ ھېچبىر ھېسابىڭ ئۇلاردىن ئېلىنمايدۇ. ئەكسىچە بولغاندا ئۇلارنى قوغلىۋېتەر ئىدىڭ. ئەگەر ئۇلارنى قوغلىۋەتسەڭ، زالىملاردىن بولۇپ قالىسەن. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ھاكاۋۇر كافىرلارنىڭ، يېنىڭدىكى ئاجىز - ئورۇق مۇئمىنلارنى قوغلىۋېتىش توغرىسىدىكى تەلىپىگە ھەرگىزمۇ بويسۇنمىغىن. ئۇلارنى مەمنۇن قىلىمەن دەپ ئاجىز - ئورۇق مۇئمىنلارنى يېنىڭدىن كېتىشكە زورلىمىغىن، ئەكسىچە ئۇلار بىلەن بىللە بولۇشقا ئۆزۈڭنى مەھكەم تۇرغۇزغىن، كافىرلار ئېيتقاندەك ئۇلارنىڭ بىرەر كەمچىلىكى ياكى بىرەر خاتالىقى بولسا، ئۇنىڭدىن سەن جاۋابكار ئەمەس، ھېچكىم ھېچكىمنىڭ گۇناھىنى كۆتۈرمەيدۇ، ھەر كىشى ئۆز قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ. ناۋادا ئۇلارنى يېنىڭدىن يىراقلاشتۇرساڭ زالىملاردىن بولۇپ قالىسەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَكَذَٰلِكَ فَتَنَّا بَعْضَهُمْ بِبَعْضٍ لِيَقُولُوا أَهَٰؤُلَاءِ مَنَّ اللَّهُ عَلَيْهِمْ مِنْ بَيْنِنَا ۗ أَلَيْسَ اللَّهُ بِأَعْلَمَ بِالشَّاكِرِينَ
ئۇلارنىڭ: «ئاللاھ ئارىمىزدىن (ھىدايەت قىلىش بىلەن) ئىنئام قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟» دېيىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى بىر ـ بىرى بىلەن مۇشۇنداق سىنىدۇق (يەنى پېقىر، ئاجىز كىشىلەرنى ئىمان ئېيتقۇزۇش بىلەن، باي، كاتتا كىشىلەرنى سىنىدۇق). ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ (يەنى شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھىدايەت قىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
بىز ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇشۇنداق سىنىدۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بەزىسى (بەزىسىنى كۆزگە ئىلماي): «ئارىمىزدىن ئاللاھنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشكەن كىشىلەر مۇشۇلار ئىكەن-دە!» دەيدۇ. ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ ئەمەسمۇ؟! — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇشۇنداق سىنىدۇق. بۇ ئۇلارنىڭ: «ئارىمىزدىن ئاللاھ ياخشىلىق قىلغانلار مۇشۇلارمۇ؟» دېيىشلىرى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئوبدان بىلمەمدۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز ئىنسانلارنى بىر - بىرى بىلەن سىناش ئۈچۈن ئۇلارنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن پەرقلىق قىلدۇق. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانىيەت جەمئىيىتى باي - كەمبەغەل، ئابرۇيلۇق - ئابرۇيسىز، كۈچلۈك - ئاجىز ... دېگەندەك تەبىقىلەردىن تەركىب تاپتى. ئۈستۈن تەبىقىدىكىلەر تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرنى ھاقارەت قىلىدىغان ۋە كەمسىتىدىغان بولدى. لېكىن بىز (ئاللاھ) ھىدايەتنى ئاساسەن تۆۋەن تەبىقىدىكى ئۇ مۇئمىنلارغا ئاتا قىلدۇق، چۈنكى ھىدايەتكە ئىقتىسادىي ياكى ئىجتىمائىي ئورنى يۇقىرى بولغانلار ئەمەس، ئەكسىچە ھىدايەتكە چىن قەلبىدىن ئىنتىلگەن ۋە سەمىمىيلىك بىلەن يۆنەلگەنلەر لايىق بولىدۇ. بىز ئۇلارنى ئوبدان بىلىمىز ئەمەسمۇ! . — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا جَاءَكَ الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِآيَاتِنَا فَقُلْ سَلَامٌ عَلَيْكُمْ ۖ كَتَبَ رَبُّكُمْ عَلَىٰ نَفْسِهِ الرَّحْمَةَ ۖ أَنَّهُ مَنْ عَمِلَ مِنْكُمْ سُوءًا بِجَهَالَةٍ ثُمَّ تَابَ مِنْ بَعْدِهِ وَأَصْلَحَ فَأَنَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتقانلار يېنىڭغا كەلگەن چاغدا: «سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، پەرۋەردىگارىڭلار (بەندىلىرىگە) رەھمەت قىلىشنى (ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن) ئۆز ئۈستىگە ئالدى، سىلەردىن كىمكى بىلمەستىن بىرەر يامانلىق قىلىپ قويۇپ، ئاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا ۋە (ئەمەلىنى) تۈزىسە، ئاللاھ ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە رەھىم قىلىدۇ» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتقانلار يېنىڭغا كەلگەن چاغدا: «سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، پەرۋەردىگارىڭلار بەندىلىرىگە رەھمەت قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى، سىلەردىن كىمكى بىلمەستىن بىرەر يامانلىق قىلىپ قويۇپ، ئاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا ۋە قىلمىشىنى تۈزەتسە، ئاللاھ ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە رەھىم قىلىدۇ» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشىنىدىغانلار يېنىڭغا كەلگەن چاغدا ئېيتقىنكى: «سالام سىلەرگە! رەببىڭلار رەھىم قىلىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىپ يازدى. سىلەردىن كىم بىلمەستىن بىرەر يامانلىق قىلىپ، ئاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا ۋە ئۆزىنى تۈزەتسە، بىلسۇنكى ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئاجىز - ئورۇق مۇئمىنلار يېنىڭغا كەلسە، ئۇلارنى قوغلىۋېتىش تۈگۈل، سالام بىلەن قارشى ئالغىن، ئۇلارغا يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ ئاندىن تەۋبە قىلغان ۋە ئۆزىنى تۈزەتكەنلەرگە مەغپىرەت ۋە مەرھەمەت قىلىدىغانلىقىمىزغا دائىر ۋەدىمىزنى خۇش خەۋەر قىلغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَكَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ الْآيَاتِ وَلِتَسْتَبِينَ سَبِيلُ الْمُجْرِمِينَ
(بۇ سۈرىدە مۇشرىكلارنىڭ گۇمراھلىقىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەرنى بايان قىلغىنىمىزدەك) گۇناھكارلارنىڭ يولى ئاشكارا بولسۇن ئۈچۈن، ئايەتلىرىمىزنى روشەن بايان قىلىمىز — مۇھەممەد سالىھ
(ھەقىقەتنىڭ ئايان بولۇشى) ۋە گۇناھكارلار (نىڭ خاتا) يولىنىڭ ئېنىق بولۇشى ئۈچۈن، ئايەتلىرىمىزنى ئاشۇنداق ئوچۇق بايان قىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز. بۇ گۇناھكارلارنىڭ يولىنىڭ ئېنىق بولۇشى ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلغىنىمىزدەك، ياخشىلارنىڭ يولى ۋە گۇناھكارلارنىڭ يولى ئېنىق بىلىنسۇن دەپ بارلىق ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلىۋاتىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 56-ئايەت) شېرىك يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئاللاھنىڭ ھىدايىتى پەيغەمبەرگە بېرىلگەن كۆرسەتمەقُلْ إِنِّي نُهِيتُ أَنْ أَعْبُدَ الَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ ۚ قُلْ لَا أَتَّبِعُ أَهْوَاءَكُمْ ۙ قَدْ ضَلَلْتُ إِذًا وَمَا أَنَا مِنَ الْمُهْتَدِينَ
(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھنى قايرىپ قويۇپ ئىبادەت قىلغان بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشتىن مەن ھەقىقەتەن مەنئى قىلىندىم». ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرنىڭ نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگەشمەيمەن، بولمىسا مەن ئازغان بولىمەن ۋە ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولالماي قالىمەن» — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھنى قايرىپ قويۇپ ئىبادەت قىلغان بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشتىن مەن ھەقىقەتەن مەنئى قىلىندىم». ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرنىڭ نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگەشمەيمەن، بولمىسا مەن ئازغان بولىمەن ۋە ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولالماي قالىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان زاتلىرىڭلارغا چوقۇنۇشتىن قەتئىي مەنئى قىلىندىم». ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرنىڭ خاھىشلىرىڭلارغا ئەگەشمەيمەن. ناۋادا ئەگەشسەم ئەلۋەتتە ئېزىپ كەتكەن بولىمەن ۋە ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولماي قالىمەن». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سېنى ئۆزلىرىنىڭ يولىغا دەۋەت قىلغان ئۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «مەن ئاللاھ تەرىپىدىن، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان (يېلىنىپ يالۋۇرۇۋاتقان) باتىل مەبۇدلارغا چوقۇنۇشتىن مەنئى قىلىندىم». ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرنىڭ ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇش توغرىسىدىكى نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگەشمەيمەن، ناۋادا ئەگەشسەم ئېزىپ كەتكەن بولىمەن ۋە نىجاتلىق يولغا كىرگەنلەردىن بولمايمەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ إِنِّي عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِنْ رَبِّي وَكَذَّبْتُمْ بِهِ ۚ مَا عِنْدِي مَا تَسْتَعْجِلُونَ بِهِ ۚ إِنِ الْحُكْمُ إِلَّا لِلَّهِ ۖ يَقُصُّ الْحَقَّ ۖ وَهُوَ خَيْرُ الْفَاصِلِينَ
ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان روشەن دەلىلگە (يەنى قۇرئانغا) ئاساسلىنىمەن، ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلدىڭلار، سىلەر بالدۇر يۈز بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئازاب مېنىڭ ئىگىدارچىلىقىمدا ئەمەس. بارچە ھۆكۈم ئاللاھقا خاس، ئاللاھ ھەق ھۆكۈم قىلىدۇ، ئاللاھ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ياخشىسىدۇر» — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان روشەن دەلىلگە (يەنى ۋەھيىگە) ئاساسلىنىمەن، ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى يالغانغا چىقاردىڭلار. سىلەر بالدۇر يۈز بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئازاب مېنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ئەمەس، بارچە ھۆكۈم ئاللاھقا خاس، ئاللاھ ھەقنى بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ئەڭ ياخشى ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «شۈبھىسىز، مەن رەببىمدىن كەلگەن روشەن دەلىلگە ئاساسلىنىمەن. سىلەر ئۇنى يالغان دېدىڭلار. سىلەر تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسە مېنىڭ يېنىمدا ئەمەس. ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر. ئۇ ھەقنى بايان قىلىدۇ، ئۇ ئايرىغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر»[3]. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرنى دەۋەت قىلغان تەۋھىد ھەققىدە رەببىم ئاللاھتىن كەلگەن روشەن دەلىلگە (قۇرئانغا) ئاساسلىنىۋاتىمەن، ئەسلىدە سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئىشىنىشىڭلار ۋە بويسۇنۇشۇڭلار لازىم ئىدى، لېكىن سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلىۋاتىسىلەر! شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىنكاردىن يانمىساڭلار ئىلاھىي ئازابقا دۇچار قىلىنىسىلەر. ئۇ ئازابنىڭ ۋاقتىنى ۋە شەكلىنى ئاللاھ بىلىدۇ. ئەگەر ئۇ ئازابنىڭ بېشىڭلارغا تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلساڭلار، ئۇنى سىلەر تەلەپ قىلغان ۋاقىتتا بېشىڭلارغا كەلتۈرۈش مېنىڭ قولۇمدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس. ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى پەقەت ئاللاھ تائالانىڭلا ئىلكىدە. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئۇ ئازابنى سىلەر تەلەپ قىلغان ۋاقىتتا ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزى خالىغان ۋاقىتتا ئەۋەتىدۇ. ئاللاھ ھەقنى ئېيتىدۇ ۋە ئادىل ھۆكۈم قىلىدۇ، ئاللاھ ھەق بىلەن باتىلنى ۋە ياخشى بىلەن ياماننى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئايرىيدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ لَوْ أَنَّ عِنْدِي مَا تَسْتَعْجِلُونَ بِهِ لَقُضِيَ الْأَمْرُ بَيْنِي وَبَيْنَكُمْ ۗ وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِالظَّالِمِينَ
ئېيتقىنكى، «سىلەر بالدۇر يۈز بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئازاب مېنىڭ قولۇمدىن كەلسە ئىدى، ئۇ چاغدا مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئىش چوقۇم ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان بولاتتى (يەنى سىلەردىن ئارام تېپىش ئۈچۈن، سىلەرنى ھالاك قىلغان بولاتتىم)». ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى، «سىلەر بالدۇر چۈشۈشىنى تەلەپ قىلغان ئازاب مېنىڭ قولۇمدىن كەلسە ئىدى، ئۇ چاغدا مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئىش چوقۇم ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان بولاتتى». ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «ئەگەر سىلەر تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغان نەرسە مېنىڭ يېنىمدا بولسا ئىدى، مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئىش ئاللىقاچان تۈگەپ بولغان بولاتتى»[4]. ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سېنىڭ: «ئىمان كەلتۈرمىسەڭلار ئازابقا دۇچار قىلىنىسىلەر» دېگەن مەنىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭنى مەسخىرە قىلىپ، «ئۇ ئازابنى بېشىمىزغا تېز كەلتۈرگىن» دېگەن مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ئەگەر سىلەرنى ئازابقا دۇچار قىلىش مېنىڭ ئىلكىمدە بولسا ئىدى، سىلەر بىلەن ئارامدىكى ئىش (تالاش - تارتىش) ئاللىقاچان تۈگىگەن بولاتتى، چۈنكى مەن ئۇ ئازابنى سىلەر تەلەپ قىلغان ۋاقىتتا بېشىڭلارغا كەلتۈرگەن بولاتتىم، لېكىن ئازاب ئەۋەتىش قۇدرىتى ۋە خاھىشى ئاللاھنىڭ ئىلكىدە. ئاللاھ ئاسىيلىق قىلغانلارغا مۆھلەت بېرىدۇ، ئازابنى ئۆزى خالىغان چاغدا ئەۋەتىدۇ، ئاللاھ ئازابقا لايىق بولغان زالىملارنى ئوبدان بىلىدۇ». ئاللاھ تائالا 58 - ئايەتتە ئۆزىنىڭ، ئازابقا لايىق بولغان زالىملارنى ئوبدان بىلىدىغانلىقىنى زىكىر قىلىدۇ. 59 ~ 62 - ئايەتلەردە ئىلمىنىڭ چەكسىز ۋە قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى، قىيامەت كۈنى بارلىق ئىنسانلارنى ھۇزۇرىغا يىغىپ ئۇلاردىن قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى ئالىدىغانلىقىنى زىكىر قىلىش بىلەن ئۇ زالىملارنى ئوبدان بىلىدىغانلىقىنىڭ دەلىلىنى بايان قىلىدۇ، شۇنداقلا ۋاقتى كەلگەندە ئۇلارنى جازالايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 59-ئايەت) غەيبكە ئىشىنىش لەۋھۇلمەھپۇز ئاللاھنىڭ ئىلمى ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرىوَعِنْدَهُ مَفَاتِحُ الْغَيْبِ لَا يَعْلَمُهَا إِلَّا هُوَ ۚ وَيَعْلَمُ مَا فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ ۚ وَمَا تَسْقُطُ مِنْ وَرَقَةٍ إِلَّا يَعْلَمُهَا وَلَا حَبَّةٍ فِي ظُلُمَاتِ الْأَرْضِ وَلَا رَطْبٍ وَلَا يَابِسٍ إِلَّا فِي كِتَابٍ مُبِينٍ
غەيبنىڭ ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، ئۇنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. قۇرۇقلۇقتىكى، دېڭىزدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ، (دەرەختىن) تۆكۈلگەن ياپراقتىن ئاللاھ بىلمەيدىغان بىرەرسىمۇ يوق. مەيلى قاراڭغۇ يەر ئاستىدىكى بىرەر دانە ئۇرۇق بولسۇن، مەيلى ھۆل ياكى قۇرۇق نەرسىلەر بولسۇن، ھەممىسى (ئاللاھقا مەلۇم بولۇپ) لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىقلىقتۇر — مۇھەممەد سالىھ
غەيب ئىلمىنىڭ ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، ئۇنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ، قۇرۇقلۇقتىكى، دېڭىزدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ، تۆكۈلگەن ياپراقتىن ئاللاھ بىلمەيدىغان بىرىمۇ يوق، مەيلى قاراڭغۇ يەر ئاستىدىكى بىرەر تال ئۇرۇق بولسۇن، مەيلى ھۆل ياكى قۇرۇق نەرسىلەر بولسۇن، ھەممىسى لەۋھۇلمەھپۇزدا ئېنىق يېزىلغاندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
غەيبنىڭ ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر. ئۇلارنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. ئاللاھ قۇرۇقلۇقتىكى ۋە دېڭىزدىكى نەرسىلەرنى بىلىدۇ. ئاللاھ بىلمەستىن بىرەر ياپراقمۇ تۆكۈلمەيدۇ. زېمىننىڭ قاراڭغۇلۇقلىرى ئىچىدىكى ئۇرۇقتىن، ھۆل ۋە قۇرۇق نەرسىلەردىن ئاللاھ بىلمەيدىغان بىرەرىمۇ يوق. ھەممىسى روشەن كىتابتىدۇر. — ئەنەس ئالىم
غەيبنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئۈچۈن ھەممە نەرسە ئاشكارىدۇر، ھېچ نەرسە مەخپىي ئەمەستۇر. شۇنىڭدەك، ئاللاھ قۇرۇقلۇقلاردىكى ۋە دېڭىز - ئوكيانلاردىكى بارلىق نەرسىلەرنى بىلىدۇ، كائىناتتا يۈز بەرگەن، يۈز بېرىۋاتقان ۋە يۈز بېرىدىغان پۈتكۈل ھادىسىلەرنى بىلىدۇ، زېمىننىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىكى جىمى ئۇرۇق ۋە ئۇرۇقچىلار، كائىناتتىكى ھۆل - قۇرۇق ھەممە نەرسىلەر روشەن كىتابقا (لەۋھى مەھفۇزغا) يېزىلغاندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 60-ئايەت) تىرىلىش ئۆلۈم ئەمەللەرنى خاتىرلىگۈچى پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ ئىلمى ئىلاھىي ھۆكۈموَهُوَ الَّذِي يَتَوَفَّاكُمْ بِاللَّيْلِ وَيَعْلَمُ مَا جَرَحْتُمْ بِالنَّهَارِ ثُمَّ يَبْعَثُكُمْ فِيهِ لِيُقْضَىٰ أَجَلٌ مُسَمًّى ۖ ثُمَّ إِلَيْهِ مَرْجِعُكُمْ ثُمَّ يُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
ئاللاھ سىلەرنى كېچىسى ئۇخلىتىدۇ، كۈندۈزدىكى قىلغان ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن بەلگىلەنگەن مۇددەتكىچە ياشىشىڭلار ئۈچۈن، كۈندۈزدە سىلەرنى ئويغىتىدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاندىن قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئاللاھ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سىلەرنى كېچىسى (ئۆلۈككە ئوخشاش) ئۇخلىتىدۇ، كۈندۈزدىكى قىلغان ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن بەلگىلەنگەن مۇددەت توشقۇچە كۈندۈزدە سىلەرنى (ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرگەندەك) ئويغىتىدۇ، ئاندىن (ئەجىلىڭلار توشقاندا) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاندىن قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئاللاھ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، كېچىسى روھىڭلارنى ئېلىپ سىلەرنى ئۇخلىتىدۇ، كۈندۈزى قىلغان ئىشلىرىڭلارنى بىلىدۇ، ئاندىن بەلگىلەنگەن ئەجەلنىڭ توشۇشى ئۈچۈن كۈندۈزدە روھىڭلارنى ئەۋەتىپ سىلەرنى ئويغىتىدۇ. ئاندىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر. ئاندىن ئاللاھ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ[5]. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ كېچىسى روھىڭلارنى ئېلىپ سىلەرنى ئۇخلىتىدۇ، كۈندۈزى قىلغان ئىشلىرىڭلارنى بىلىدۇ، ئاندىن سىلەرنى ئەجىلى توشقۇچە ياشىسۇن دەپ كۈندۈزى روھىڭلارنى ئەۋەتىدۇ ۋە سىلەرنى ئويغىتىدۇ، ئاخىرى ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ سىلەردىن قىلمىشىڭلارنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ ۋە لايىق بولغان يېرىڭلارغا (دوزاخقا) ئورۇنلاشتۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 61-ئايەت) ئۆلۈم پەرىشتىسى ئۆلۈم پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىوَهُوَ الْقَاهِرُ فَوْقَ عِبَادِهِ ۖ وَيُرْسِلُ عَلَيْكُمْ حَفَظَةً حَتَّىٰ إِذَا جَاءَ أَحَدَكُمُ الْمَوْتُ تَوَفَّتْهُ رُسُلُنَا وَهُمْ لَا يُفَرِّطُونَ
ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە قاھىردۇر (يەنى ئاللاھ بەندىلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرغۇچىدۇر)، ئۇ سىلەرگە ساقلىغۇچى پەرىشتىلەرنى (يەنى قىلغان ـ ئەتكەننى خاتىرىلەپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەرنى) ئەۋەتىدۇ، بىرىڭلارغا ئۆلۈم كەلسە، ئۇنى بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز قەبزى روھ قىلىدۇ. ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاشتا) بىپەرۋالىق قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدىن تىزگىنلەپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇ سىلەرگە كۆزەتكۈچى پەرىشتىلەرنى ئەۋەتىدۇ، بېرىڭلارغا ئۆلۈم كەلسە، بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز قىلچە بىپەرۋالىق قىلماي ئۇنى قەبزى روھ قىلىدۇ. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە تولۇق ھۆكۈمراندۇر. ئاللاھ سىلەرگە ساقلىغۇچى پەرىشتىلەرنى ئەۋەتىدۇ. ئاخىرى سىلەرنىڭ بىرىڭلارغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا، بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز سۇسلۇق قىلماستىن ئۇنى ۋاپات قىلدۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە تولۇق ھۆكۈمراندۇر: خالىغىنىنى بار قىلىدۇ، خالىغىنىنى يوق قىلىدۇ، خالىغىنىنى ئۆلتۈرىدۇ، خالىغىنىنى ياشىتىدۇ، خالىغىنىنى ئەزىز، خالىغىنىنى خار قىلىدۇ. ئاللاھ كېچە - كۈندۈزدە كۆزەتكۈچى پەرىشتىلەرنى ئەۋەتىپ سىلەرگە ھەمراھ قىلىدۇ، ئۇ پەرىشتىلەر چوڭ - كىچىك بارلىق ئەمەللىرىڭلارنى يېزىپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ثُمَّ رُدُّوا إِلَى اللَّهِ مَوْلَاهُمُ الْحَقِّ ۚ أَلَا لَهُ الْحُكْمُ وَهُوَ أَسْرَعُ الْحَاسِبِينَ
ئاندىن ئۇلار (يەنى بەندىلەر) ھەق ھۆكۈم قىلغۇچى، ئىگىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ (قىيامەت كۈنى) ھۆكۈم قىلىش يالغۇز ئاللاھقىلا خاستۇر، ئاللاھ ئەڭ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاندىن ئۇلار (يەنى بەندىلەر) ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ، بىلىڭلاركى، ھۆكۈم قىلىش يالغۇز ئاللاھقىلا خاستۇر، ئاللاھ ئەڭ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن كېيىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقى پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ ھېساب ئالغۇچىلارنىڭ ئەڭ تېز بولغىنىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ سىلەردىن ئەجىلى توشقان كىشىگە ئۆلۈم پەرىشتىسى ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلەردىن ياردەمچىلىرى بولغان ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىدۇ، ئۇلار ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىشتا ھېچ سۇسلۇق قىلماستىن ۋە ھېچ كەمچىلىك ئۆتكۈزمەستىن ئۇ كىشىنىڭ روھىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. ئاندىن كېيىن ۋاقتى كەلگەندە ھەممىڭلار قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ھەقىقىي ئىگەڭلار بولغان ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىسىلەر، ئاندىن ئۇ ئىگەڭلار سىلەردىن مەزكۇر دەپتەرلەرگە يېزىلغان قىلمىشلىرىڭلارنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ. ئى مۇشرىكلار! ئەنە شۇ قۇدرەت، ئىلىم ۋە ھۆكۈمرانلىق ئىگىسى بولغان ئاللاھنى قويۇپ، سىلەرنىڭ ھېچبىر ئېھتىياجىڭلارنى قامداپ بېرەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنۇش ئەقىلگە سىغامدۇ؟! فىترەتكە ماس كېلەمدۇ؟! ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا يۇقىرىدا (60 - ئايەتتە) ئۇخلىغانلارنىڭ روھىنى ئالىدىغانلىقىنى، ئويغانغانلارنىڭ روھىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. باشقا بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: ﴿ٱللَّهُ يَتَوَفَّى ٱلۡأَنفُسَ حِينَ مَوۡتِهَا وَٱلَّتِي لَمۡ تَمُتۡ فِي مَنَامِهَاۖ فَيُمۡسِكُ ٱلَّتِي قَضَىٰ عَلَيۡهَا ٱلۡمَوۡتَ وَيُرۡسِلُ ٱلۡأُخۡرَىٰٓ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمًّىۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ ٤٢﴾ «ئاللاھ ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرىنى ئۆلگەن چېغىدا، ئۆلمىگەنلەرنىڭ روھلىرىنى ئۇخلىغان چېغىدا ئالىدۇ. ئاندىن ئۆلۈمىگە ھۆكۈم قىلغان روھلارنى تۇتۇپ قالىدۇ ۋە باشقىلارنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگىچە قويۇپ بېرىدۇ. بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار». دېمەككى، ئۇخلىغان ئىنساننىڭ بەدىنى بىلەن روھى ئويغانغاندا، ئۆلگەن ئىنساننىڭ بەدىنى بىلەن روھى ئاخىرەتتە بەدەن قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ جانلانغاندا بىرلىشىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى ئايەتمۇ تەكىتلەيدۇ: ﴿وَإِذَا ٱلنُّفُوسُ زُوِّجَتۡ ٧﴾ «روھلار بىلەن بەدەنلەر بىر - بىرىگە قوشۇلغان چاغدا». ئىنسان - بەدەن، جان ۋە روھنىڭ بىرىكمىسىدىن ھاسىل بولغان مەخلۇقتۇر. ئىنسان ئۇخلىغان ۋە ئۆلگەن چاغدا ئۇنىڭ بەدىنىدىن ئايرىلغان نەرسە روھتۇر. ئۇخلىغان ئىنساننىڭ بەدىنى جانلىق (ھايات) بولىدۇ، ئۆلگەن ئىنساننىڭ بەدىنى جانسىز (ئۆلۈك) بولىدۇ. ئىنساننىڭ ئۇخلىغان ۋە ئۆلگەن تەرىپى بەدىنىدۇر. روھ ئۇخلىمايدۇ ۋە ئۆلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا 63 ~ 67 - ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇشرىكلارغا ئاللاھنىڭ قۇدرەت ۋە مەرھەمىتىنى ئەسلىتىشكە، ئۇلارنىڭ باتىل ئېتىقادىنى ئەيىبلەشكە ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ مَنْ يُنَجِّيكُمْ مِنْ ظُلُمَاتِ الْبَرِّ وَالْبَحْرِ تَدْعُونَهُ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةً لَئِنْ أَنْجَانَا مِنْ هَٰذِهِ لَنَكُونَنَّ مِنَ الشَّاكِرِينَ
(ئى مۇھەممەد! بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرى (يەنى بالايىئاپەتلىرى) دىن سىلەرنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟ (بۇ قاراڭغۇلۇقلارنى كۆرگەن چېغىڭلاردا) ئەگەر ئاللاھ بىزنى بۇنىڭدىن قۇتقۇزسا چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز، دەپ ئاللاھقا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىلتىجا قىلىسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد! بۇ كافىرلارغا) ئېيتقىنكى، «قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ بالايىئاپەتلىرى كەلگەندە، سىلەر <ئەگەر ئاللاھ بىزنى بۇنىڭدىن قۇتقۇزسا، چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز> دەپ ئاللاھقا يالۋۇرۇپ ۋە تۆۋەن ئاۋازدا دۇئا قىلىسىلەر. ئاشۇ زۇلمەتتىن سىلەرنى كىم قۇتقۇزالايدۇ؟» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئاللاھ بىزنى بۇنىڭدىن قۇتقۇزسا چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ يالۋۇرۇپ يوشۇرۇنچە دۇئا قىلغان چېغىڭلاردا، قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن سىلەرنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟ — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! رەببىگە باشقا نەرسىلەرنى تەڭ قىلىۋاتقان ئۇ كافىرلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! سىلەر زۇلمەتلىك قاراڭغۇ كېچىلەردە، چۆل - باياۋانلاردا ۋە دېڭىز - ئوكيانلاردا يولدىن ئېزىپ قالغان چاغلىرىڭلاردا ئاللاھقا يالۋۇرۇپ يوشۇرۇنچە دۇئا قىلىسىلەر ۋە ئاللاھقا: «ئى ئاللاھ ئەگەر بىزنى بۇ خەتەرلەردىن قۇتقۇزۇپ قويساڭ، چوقۇم ئىبادەتنى ساڭىلا قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ ئەھدە بېرىسىلەر. شۇ چاغلاردا سىلەرنى خەتەرلەردىن، قورقۇنچلاردىن ۋە دەھشەتلەردىن كىم قۇتقۇزىدۇ؟». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلِ اللَّهُ يُنَجِّيكُمْ مِنْهَا وَمِنْ كُلِّ كَرْبٍ ثُمَّ أَنْتُمْ تُشْرِكُونَ
ئېيتقىنكى، «(يالغۇز) ئاللاھ سىلەرنى ئۇ زۇلمەتلەردىن ۋە بارلىق غەمدىن قۇتقۇزىدۇ، ئاندىن سىلەر (بۇنى) تونۇغىنىڭلاردىن كېيىن، ئىمان ئېيتماي ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنى ئۇ زۇلمەتلەردىن ۋە بارلىق غەملەردىن قۇتقۇزىدۇ، ئاندىن سىلەر يەنە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىسىلەر» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «سىلەرنى ئۇنىڭدىن ۋە ھەر قىيىنچىلىقتىن ئاللاھ قۇتقۇزىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر يەنىلا شېرىك كەلتۈرۋاتىسىلەر». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! سىلەرنى ئۇ خەتەرلەردىن ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقتىن ئاللاھ قۇتقۇزىدۇ، ئاندىن سىلەر يەنىلا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىسىلەر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 65-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىلاھىي دەلىللەر قىيىنچىلىقلار ئارقىلىق سىناشقُلْ هُوَ الْقَادِرُ عَلَىٰ أَنْ يَبْعَثَ عَلَيْكُمْ عَذَابًا مِنْ فَوْقِكُمْ أَوْ مِنْ تَحْتِ أَرْجُلِكُمْ أَوْ يَلْبِسَكُمْ شِيَعًا وَيُذِيقَ بَعْضَكُمْ بَأْسَ بَعْضٍ ۗ انْظُرْ كَيْفَ نُصَرِّفُ الْآيَاتِ لَعَلَّهُمْ يَفْقَهُونَ
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن (نۇھ ۋە لۇت ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قەۋمىگە، ئەسھابۇلپىلگە ئەۋەتىلگەن ئازابقا ئوخشاش) ياكى ئايىغىڭلار ئاستىدىن (پىرئەۋن ۋە قارۇنلارغا ئەۋەتىلگەن ئازابقا ئوخشاش) ئازاب ئەۋەتىشكە، ياكى سىلەرنى پىرقىلەر قىلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ (يەنى ئۇرۇشقا سېلىپ) بىرىڭلارغا بىرىڭلارنىڭ ئازابىنى تېتىتىشقا قادىردۇر». ئۇلارنى چۈشەنسۇن دەپ، ئايەتلىرىمىزنى تۈرلۈك شەكىللەردە قانداق بايان قىلىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن ياكى ئايىغىڭلار ئاستىدىن ئازاب ئەۋەتىشكە، ياكى سىلەرنى پىرقىلەرگە بۆلۈپ توقۇنۇشتۇرۇپ، بېرىڭلارغا بېرىڭلارنىڭ ئازابىنى تېتىتىشقا قادىردۇر». سەن بىزنىڭ ئۇلارنى چۈشەنسۇن دەپ، ئايەتلىرىمىزنى تۈرلۈك شەكىللەردە قانداق بايان قىلىۋاتقانلىقىمىزغا قارىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھ سىلەرگە ئۈستۈڭلاردىن ياكى ئاياغلىرىڭلارنىڭ ئاستىدىن ئازاب ئەۋەتىشكە ياكى سىلەرنى ھەر خىل پىرقىلەرگە بۆلۈپ، بەزىڭلارغا بەزىڭلارنىڭ كۈچىنى تېتىتىشقا قادىردۇر». قارىغىنا، ئۇلارنى چۈشەنسۇن دەپ ئايەتلىرىمىزنى پەرقلىق ئۇسلۇبلاردا قانداق بايان قىلىۋاتىمىز؟ — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرگە ئۈستۈن تەرىپىڭلاردىن سەل، بوران ۋە توپانغا ئوخشىغان ئازابلارنى ئەۋەتىشكە، ئاستىن تەرىپىڭلاردىن يەر تەۋرەش ۋە يەر يۇتۇشقا ئوخشىغان ئازابلارنى ئەۋەتىشكە قادىردۇر. شۇنىڭدەك، سىلەرنى پىرقە ۋە گۇرۇھلارغا ئايرىپ، بىر - بىرىڭلار بىلەن ئۇرۇشىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇشقىمۇ قادىردۇر». ئى مۇھەممەد! قارىغىنا: بىز ئۇلارنى ئەتراپلىق چۈشەنسۇن دەپ ئايەتلەرنى پەرقلىق ئۇسلۇبلاردا قانداق بايان قىلىۋاتىمىز؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَكَذَّبَ بِهِ قَوْمُكَ وَهُوَ الْحَقُّ ۚ قُلْ لَسْتُ عَلَيْكُمْ بِوَكِيلٍ
قۇرئان ھەق تۇرسا، ئۇنى قەۋمىڭ ئىنكار قىلدى. «مەن سىلەرگە ھامىي ئەمەس» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
قۇرئان ھەق تۇرسا، ئۇنى قەۋمىڭ ئىنكار قىلدى. (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا: «مەن سىلەرگە ھامىي ئەمەس» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭ قۇرئاننى يالغان دېدى. ھالبۇكى، قۇرئان ھەقتۇر. ئېيتقىنكى: «مەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا ۋەكىل ئەمەسمەن!». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سېنىڭ قەۋمىڭ ھەق بولغان قۇرئاننى ئىنكار قىلدى، ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ۋەزىپەم سىلەرگە ئاللاھ نازىل قىلغان ھەقنى يەتكۈزۈشتۇر، مەن بۇ ۋەزىپەمنى ئادا قىلدىم، مەن سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىپ تاپماسلىقىڭلارغا مەسئۇل ئەمەس، مېنىڭ سىلەرنى ئىمانغا زورلاش ۋەزىپەم يوق». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لِكُلِّ نَبَإٍ مُسْتَقَرٌّ ۚ وَسَوْفَ تَعْلَمُونَ
(ئاللاھ تەرىپىدىن) ئالدىنئالا بېرىلگەن ھەر بىر خەۋەرنىڭ مەيدانغا كېلىدىغان ۋاقتى بار، ئۇزاققا قالماي بىلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
(ئاللاھ تەرىپىدىن) ئالدىنئالا بېرىلگەن ھەر بىر خەۋەرنىڭ ئىشقا ئاشىدىغان ۋاقتى بار، ئۇزاققا قالماي بىلىپ قالىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ھەر خەۋەرنىڭ ئىشقا ئاشىدىغان ۋاقتى بار. يېقىندا بىلىپ قالىسىلەر[6]. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇشرىكلار! قۇرئاندا بېرىلگەن ھەر خەۋەرنىڭ ئىشقا ئاشىدىغان زامانى بار. شۇ زامان كەلگەن چاغدا ئۇ خەۋەر ئەمەلىي ئىشقا ئايلىنىپ مەيدانغا كېلىدۇ، سىلەر ئۇنىڭ راستلىقىنى ئەنە شۇ چاغدا بىلىسىلەر. يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە زىكىر قىلىنغان كافىرلار (ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرى)نىڭ بىر يامانلىقى، سورۇنلىرىدا ئايەتلەرگە تەنە قىلىش، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش ۋە كەمسىتىش ئىدى. ئاللاھ تائالا 68 - 70 - ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلار سورۇنلىرىدا قۇرئانغا تەنە قىلىشقا باشلىغاندا ئۇلاردىن ئايرىلىشقا، ناۋادا ئېسىدىن چىقىپ قېلىپ ئولتۇرۇپ سالغان بولسا، ئېسىگە كەلگەن ھامان ئايرىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئۇلارنىڭ زالىملىقىنى، تەقۋادار كىشىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن جاۋابكار ئەمەسلىكىنى، لېكىن ئۇلارغا ھەقنى ئەسلىتىش ۋەزىپىسى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، ئۆزلىرىگە تەبلىغ قىلىنغان ھەق دىننى ئويناش ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئوبيېكتى قىلىۋالغان (ئىسلامنىڭ تەلىماتلىرىنى مەسخىرە قىلغان ۋە كەمسىتكەن) ۋە دۇنيا ھاياتىغا ئالدانغان ئۇ غاپىللارنى تەرك ئېتىشكە ۋە ئىنسانلارغا قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ۋە بۇ نەسىھەتنى قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ يامان ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذَا رَأَيْتَ الَّذِينَ يَخُوضُونَ فِي آيَاتِنَا فَأَعْرِضْ عَنْهُمْ حَتَّىٰ يَخُوضُوا فِي حَدِيثٍ غَيْرِهِ ۚ وَإِمَّا يُنْسِيَنَّكَ الشَّيْطَانُ فَلَا تَقْعُدْ بَعْدَ الذِّكْرَىٰ مَعَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز توغرىسىدا (تەنە ۋە مەسخىرە قىلىپ) پاراڭ سېلىشىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرگىنىڭدە، ئۇلار بۇنىڭدىن باشقا پاراڭغا چۈشمىگۈچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن. ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماسلىقنى شەيتان ساڭا ئۇنتۇلدۇرغان بولسا، ئېسىڭگە كەلگەندىن كېيىن، زالىم قەۋم بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن — مۇھەممەد سالىھ
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز توغرىسىدا قالايمىقان گەپ قىلىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرگىنىڭدە، ئۇلار بۇنىڭدىن باشقا گەپكە يۆتكەلمىگۈچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن، ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماسلىقنى شەيتان ساڭا ئۇنتۇلدۇرغان بولسا، ئېسىڭگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇنداق ئەسكى قەۋم بىلەن بىللە ئولتۇرىۋەرمىگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز توغرىسىدا بولمىغۇر گەپلەرنى قىلىشىۋاتقانلارنى كۆرگەن چېغىڭدا، ئۇلار باشقا سۆز توغرىسىدا پاراڭغا چۈشمىگۈچە ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن. ئەگەر شەيتان ساڭا ئۇنتۇلدۇرغان بولسا، ئەسلىگىنىڭدىن كېيىن ئۇ زالىم قەۋم بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن! — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنىڭ سورۇنىدا بولغان چېغىڭدا، ئۇلار ئايەتلىرىمىزگە تەنە قىلغىلى باشلىسا، ئۇلار باشقا بىرەر پاراڭغا چۈشكەنگە قەدەر ئۇلاردىن ئايرىلىپ تۇرغىن. ناۋادا شەيتاننىڭ ئۇنتۇلدۇرۇشى بىلەن ئولتۇرۇپ قالغان بولساڭ، ئېسىڭگە كەلگەن ھامان ئايرىلغىن، زالىم قەۋم بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا عَلَى الَّذِينَ يَتَّقُونَ مِنْ حِسَابِهِمْ مِنْ شَيْءٍ وَلَٰكِنْ ذِكْرَىٰ لَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ
تەقۋادارلارغا (قۇرئاننى مەسخىرە قىلغۇچى) كاپىرلارنىڭ ھېسابىدىن ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، لېكىن تەقۋادارلار ئۇلارغا ۋەز ـ نەسىھەت قىلىشلىرى كېرەك. (شۇنداق قىلغاندا) ئۇلار (قۇرئاننى مەسخىرە قىلىشتىن) ساقلىنىشلىرى مۇمكىن — مۇھەممەد سالىھ
تەقۋادارلارغا ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، لېكىن تەقۋادارلار ئۇلارنىڭ ئۇنداق قىلمىشتىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۇلارغا نەسىھەت قىلىشى كېرەك. — تەرجىمە ھەيئىتى
تەقۋادار بولغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ھېچقانداق مەسئۇلىيەت يوق. لېكىن ساقلىنار دېگەن ئۈمىد بىلەن ئۇلارغا ئەسلىتىش كېرەك[7]. — ئەنەس ئالىم
ئايەتلەرنى مەسخىرە قىلىۋاتقانلارنىڭ قىلمىشىغا نارازى بولۇپ، ئۇلاردىن ئايرىلغان تەقۋادارلارغا (ساڭا ۋە ساھابىلىرىڭغا) ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ھېچقانداق مەسئۇلىيەت يوق. لېكىن تەقۋادار بولغانلارنىڭ، ئۇلار «بەلكى ھوشىنى تاپار، قۇرئاننى مەسخىرە قىلىشتىن توختار، بۇ يامان قىلمىشلىرىدىن ساقلىنار» دېگەن ئۈمىد بىلەن ئۇلارغا قىلمىشلىرىنىڭ يامانلىقىنى ئەسلىتىشلىرى لازىم. مۇشرىكلار قۇرئانغا تەنە قىلغىلى باشلىغاندا نارازى بولۇپ، ئۇلارنىڭ سورۇنىدىن ئايرىلىپ كېتىشمۇ ئۇلارغا قىلمىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىشتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 70-ئايەت) شاپائەت دوزاخنىڭ تەسۋىرى كاپىرلىق دۇنياۋىي مەشغۇلىيەتلەر ھاياتقا ھېرىسمەنلىكوَذَرِ الَّذِينَ اتَّخَذُوا دِينَهُمْ لَعِبًا وَلَهْوًا وَغَرَّتْهُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا ۚ وَذَكِّرْ بِهِ أَنْ تُبْسَلَ نَفْسٌ بِمَا كَسَبَتْ لَيْسَ لَهَا مِنْ دُونِ اللَّهِ وَلِيٌّ وَلَا شَفِيعٌ وَإِنْ تَعْدِلْ كُلَّ عَدْلٍ لَا يُؤْخَذْ مِنْهَا ۗ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ أُبْسِلُوا بِمَا كَسَبُوا ۖ لَهُمْ شَرَابٌ مِنْ حَمِيمٍ وَعَذَابٌ أَلِيمٌ بِمَا كَانُوا يَكْفُرُونَ
دىننى ئويۇن ـ كۈلكە قىلىۋالغان، دۇنيا تىرىكچىلىكىگە ئالدانغانلارنى تەرك ئەت. ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆز قىلمىشى تۈپەيلى ھالاك بولۇشتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن، (كىشىلەرگە) قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلغىن، ئۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا دوست ۋە شاپائەت قىلغۇچى بولمايدۇ، ئۇ ھەر قانداق فىدىيە (تۆلەم) بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك بولىدىغانلاردۇر، ئۇلار كۇفرى تۈپەيلىدىن (ئۈچەيلىرىنى ئۆرتىۋېتىدىغان) قايناقسۇدىن بولغان شارابقا ۋە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
دىننى ئويۇن ـ تاماشا قىلىۋالغان، دۇنيا تىرىكچىلىكىگە ئالدانغانلارنى (مېنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىمغا) قويغىن. ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆز قىلمىشى سەۋەبى بىلەن ھالاك بولۇشتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن، (ئۇنىڭغا) قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلغىن، ئۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا دوست ۋە شاپائەت قىلغۇچى بولمايدۇ، ئۇ ھەر قانداق فىديە بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك بولىدىغانلاردۇر، ئۇلار كۇفرلىقى تۈپەيلىدىن، (ئۈچەيلىرىنى ئۆرتىۋېتىدىغان) قايناپ تۇرغان شارابقا ۋە قاتتىق ئازاب بار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! دىنىنى ئويناش ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئوبيېكتى قىلىۋالغان، دۇنيا ھاياتىغا ئالدانغان كىشىلەرنى تەرك ئەتكىن! قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلغىنكى، ھېچ كىشى ئۆز قىلمىشى تۈپەيلىدىن ھالاك بولمىسۇن. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاللاھتىن باشقا ۋەلىيسى ۋە شاپائەتچىسى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ ھەر تۈرلۈك فىدىيەنى بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك بولغان كىشىلەردۇر. ئۇلارغا كافىر بولغانلىقى ئۈچۈن قىزىق ئىچىملىك ۋە ئەلەملىك ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سەن يەتكۈزگەن ھەق دىننى ئۆزلىرىنىڭ دىنى قىلىۋېلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇ دىننى مەسخىرە قىلىپ كۆڭۈل ئاچقان، ئۇنى ئويۇنچۇق ئورنىدا كۆرگەن ۋە دۇنيا ھاياتىغا ئالدانغان ئۇ غاپىللارنى تەرك ئەتكىن، ئۇلارغا بىز تېتىيمىز. ئى مۇھەممەد! ھېچ كىشى يامان ئىشلارنى قىلىپ ئازابقا دۇچار بولماسلىقى ئۈچۈن قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغىن. گۇناھكار ئادەم ئازابقا دۇچار بولىدىغان كۈنى ئۇنىڭ يېنىدا ئاللاھتىن باشقا ھىمايىچىسىمۇ بولمايدۇ، شافائەتچىسىمۇ بولمايدۇ. ئۇ كىشى ئەگەر كائىناتتىكى بارلىق نەرسىلەر ئۆزىنىڭ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى فىديە قىلىپ بەرگەن تەقدىردىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇلارغا، كۇفرىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ناھايىتى ھارارەتلىك قايناق سۇ ئىچىش ۋە ئەلەملىك ئازاب بىلەن ئازابلىنىش جازاسى بېرىلىدۇ. ئاللاھ تائالا 71 ~ 73 - ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ باتىل يولىغا مۇئمىنلارنى دەۋەت قىلغان مۇشرىكلارغا رەددىيە بېرىشكە، ئىسلام يولىنىڭ بىردىنبىر توغرا يول ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزى باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلارنىڭ شۇ يولدا مېڭىشقا بۇيرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭدەك، ئۆزىنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ئىلمى چەكسىز ۋە ھېكمىتى چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئۆزىنىڭ قىيامەت كۈنىنىڭ يېگانە پادىشاھى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 71-ئايەت) شېرىك تاغۇت يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىقُلْ أَنَدْعُو مِنْ دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَنْفَعُنَا وَلَا يَضُرُّنَا وَنُرَدُّ عَلَىٰ أَعْقَابِنَا بَعْدَ إِذْ هَدَانَا اللَّهُ كَالَّذِي اسْتَهْوَتْهُ الشَّيَاطِينُ فِي الْأَرْضِ حَيْرَانَ لَهُ أَصْحَابٌ يَدْعُونَهُ إِلَى الْهُدَى ائْتِنَا ۗ قُلْ إِنَّ هُدَى اللَّهِ هُوَ الْهُدَىٰ ۖ وَأُمِرْنَا لِنُسْلِمَ لِرَبِّ الْعَالَمِينَ
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، بىز ئاللاھنى قويۇپ، بىزگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلامدۇق؟ بىزنى ئاللاھ ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئارقىمىزغا چېكىنەمدۇق؟ (يەنى مۇرتەد بولامدۇق؟) (مۇبادا بىز شۇنداق قىلىدىغان بولساق، مۇنداق) بىر ئادەمگە: شەيتانلار ئۇنى بىر چۆلگە باشلاپ بارغان، (چۆلدە ئۇ) تېڭىرقاپ قالغان، دوستلىرى ئۇنى بېرى كەل دەپ توغرا يولغا چاقىرىۋاتقان (ئۇ چاقىرىقنى قوبۇل قىلماي ئاخىر ھالاك بولغان ئادەمگە) ئوخشاپ قالىمىز. (بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، ئاللاھنىڭ ھىدايىتى ھەقىقەتەن ھەقىقىي ھىدايەتتۇر. بىز ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، بىز ئاللاھنى قويۇپ، بىزگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلارغا ئىبادەت قىلامدۇق؟ بىزنى ئاللاھ ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن ئارقىمىزغا چېكىنەمدۇق؟ شۇنداق قىلىدىغان بولساق، شەيتانلار بىر چۆلگە باشلاپ بارغان، چۆلدە تېڭىرقاپ قالغان، دوستلىرى ئۇنى بېرى كەل دەپ توغرا يولغا چاقىرىۋاتقان ئادەمگە ئوخشاپ قالىمىز. (بۇ كافىرلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھنىڭ ھىدايىتىلا ھەقىقىي ھىدايەتتۇر، بىز ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «بىز ئاللاھنى قويۇپ، بىزگە پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە دۇئا قىلامدۇق؟ ئاللاھ بىزنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن ئارقىمىزغا چېكىنەمدۇق؟ شەيتانلار خاھىشىغا ئەگەشتۈرۈپ چۆلدە تېڭىرقىغان ھالىتىدە تاشلىۋەتكەن، دوستلىرى: ‹يېنىمىزغا كەل› دەپ توغرا يولغا چاقىرىۋاتقان ئادەمدەك بولامدۇق؟» ئېيتقىنكى: «شۈبھىسىزكى، پەقەت ئاللاھنىڭ يولىلا توغرا يولدۇر. بىز ئالەملەرنىڭ رەببىگە تەسلىم بولۇشقا بۇيرۇلدۇق، — ئەنەس ئالىم
(71-72) ئى مۇھەممەد! سىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ باتىل دىنىغا دەۋەت قىلغان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! بىز ئاللاھنى قويۇپ، بىزگە پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، بىزدىن زىياننىمۇ دەپئى قىلالمايدىغان نەرسىلەرگە دۇئا قىلامدۇق؟ (يېلىنىپ يالۋۇرامدۇق؟) ئاللاھ بىزنى تەۋھىدكە مۇۋەپپەق قىلغاندىن كېيىن شېرىككە قايتۇرۇلامدۇق؟ بۇ تەقدىردە بىزنىڭ ئەھۋالىمىز سەپەر ئۈستىدە يولىدىن ئاداشقان ۋە ھەمراھلىرى «بېرى كەل» دەپ چاقىرىپ تۇرسىمۇ شەيتانلارغا ئەگىشىپ ئۇلاردىن تېخىمۇ يىراقلاپ كەتكەن ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاش بولمامدۇ؟». ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «پەقەت ئاللاھنىڭ يولىلا توغرا يولدۇر! بىز ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا بويسۇنۇشقا، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەشكە، ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىشقا بۇيرۇلدۇق. ئاللاھ قىيامەت كۈنى سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھۇزۇرىغا يېغىدۇ ۋە سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَنْ أَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَاتَّقُوهُ ۚ وَهُوَ الَّذِي إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ
ناماز ئوقۇشقا ۋە ئاللاھتىن قورقۇشقا بۇيرۇلدۇق. (قىيامەت كۈنى) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا (ھېساب ئۈچۈن) يىغىلىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
بىز نامازنى مۇكەممەل ئوقۇشقا ۋە ئاللاھتىن قورقۇشقا بۇيرۇلدۇق، ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەر دەرگاھىغا يىغىلىدىغان زاتتۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى
ھەمدە بىزگە «نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈلدى. ئۇ ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا توپلىنىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
-
(6-سۈرە ئەنئام، 73-ئايەت) سۇر چىلىنىشى ئاللاھنىڭ ئىلمى ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاسمان ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىوَهُوَ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ ۖ وَيَوْمَ يَقُولُ كُنْ فَيَكُونُ ۚ قَوْلُهُ الْحَقُّ ۚ وَلَهُ الْمُلْكُ يَوْمَ يُنْفَخُ فِي الصُّورِ ۚ عَالِمُ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ ۚ وَهُوَ الْحَكِيمُ الْخَبِيرُ
ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى. ئاللاھ (بىرەر شەيئىگە) «ۋۇجۇدقا كەل» دېسە (دەرھال) ۋۇجۇدقا كېلىدىغان كۈندىكى (يەنى قىيامەت كۈنىدىكى) ئازابتىن قورقۇڭلار. ئاللاھنىڭ سۆزى ھەقتۇر. سۇر چېلىنىدىغان كۈندىكى (يەنى قىيامەت كۈنىدىكى) پادىشاھلىق ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا نەرسىلەرنى بىلگۈچىدۇر، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن) خەۋەرداردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى، ئاللاھ بىرەر شەيئىگە «ۋۇجۇدقا كەل» دېگەن كۈندە ئۇ دەرھال ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ئاللاھنىڭ سۆزى ھەقتۇر، سۇر چېلىنىدىغان كۈندىكى پادىشاھلىق ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا نەرسىلەرنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق بىلەن ياراتتى. ئۇ بىر نەرسىگە: «بول» دېگەن كۈنى ئۇ نەرسە بولىدۇ. ئۇنىڭ سۆزى ھەقتۇر. سۇر چېلىنىدىغان كۈنى ھاكىمىيەت پەقەتلا ئۇنىڭدۇر. ئۇ غەيىبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر. ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر». — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق بىلەن ياراتقان زاتتۇر، ئاللاھ ياراتماقچى بولغان نەرسىسىگە ‹بول› دېگەن چاغدا ئۇ نەرسە بولىدۇ، ئاللاھنىڭ سۆزى ھەقتۇر، ئاللاھ قىيامەت كۈنىنىڭ بىردىنبىر پادىشاھىدۇر، سىلەر ئۈچۈن غەيىب ۋە ئاشكارا بولغان نەرسىلەر ئاللاھ ئۈچۈن ئوخشاشلا ئاشكارىدۇر، ئاللاھ قىلغان ئىشلىرىنى ھېكمەت بىلەن قىلىدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ تېشىنى، ئىچىنى ۋە ماھىيىتىنى بىلىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ لِأَبِيهِ آزَرَ أَتَتَّخِذُ أَصْنَامًا آلِهَةً ۖ إِنِّي أَرَاكَ وَقَوْمَكَ فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
ئۆز ۋاقتىدا، ئىبراھىم ئۆز ئاتىسى ئازەرگە: «(سەن ئۆزۈڭنى ياراتقان ئاللاھنى قويۇپ) بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالامسەن؟ مەن سېنى ۋە قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن ئېنىق گۇمراھلىقتا كۆرۈمەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا، ئىبراھىم ئاتىسى ئازەرگە: «سەن بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالامسەن؟ مەن سېنى ۋە قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن ئېنىق گۇمراھلىقتا دەپ قارايمەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسى ئازەرگە: «بۇتلارنى ئىلاھلار قىلىۋالامسەن؟ مەن سېنى ۋە قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن ئاشكارا ئازغۇنلۇقتا دەپ قارايمەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسى ئازەرگە: «بۇتلارغا چوقۇنامسەن؟ مەن سېنى ۋە قەۋمىڭنى ئاشكارا ئازغۇنلۇقتا دەپ قارايمەن» دېگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَكَذَٰلِكَ نُرِي إِبْرَاهِيمَ مَلَكُوتَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَلِيَكُونَ مِنَ الْمُوقِنِينَ
ئىبراھىمنىڭ (تەۋھىد بارىسىدا) قەتئىي ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، (ئۇنىڭغا ئاتىسى بىلەن قەۋمنىڭ گۇمراھلىقىنى كۆرسەتكىنىمىزدەك) بىز ئىبراھىمغا ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ئاجايىپلىرىنى كۆرسەتتۇق — مۇھەممەد سالىھ
شۇنىڭدەك ئىبراھىمنىڭ قەتئىي ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بىز ئۇنىڭغا ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ئاجايىباتلىرىنى كۆرسەتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭدەك بىز ئىبراھىمغا قەتئىي ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ باشقۇرۇلۇشىنى كۆرسىتەتتۇق. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۆزلىرىنى ئىبراھىمنىڭ يولىدا دەپ دەۋا قىلىدىغان قەۋمىڭگە ئىبراھىمنىڭ ئەنە شۇ سۆزىنى زىكىر قىلغىن. بىز ئىبراھىمغا بۇتقا چوقۇنۇشنىڭ قەبىھلىكىنى كۆرسەتكەندەك، قەۋمىگە دەلىل قىلىپ كۆرسىتىشى ۋە ئۆزىنىڭ جەزمەن ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ تەرىپىمىزدىن باشقۇرۇلۇۋاتقانلىقى كۆرسەتكەن ئىدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلَمَّا جَنَّ عَلَيْهِ اللَّيْلُ رَأَىٰ كَوْكَبًا ۖ قَالَ هَٰذَا رَبِّي ۖ فَلَمَّا أَفَلَ قَالَ لَا أُحِبُّ الْآفِلِينَ
ئىبراھىم كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقاندا بىر يۇلتۇزنى كۆرۈپ (قەۋمىنىڭ سۆزىنى دەلىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى مات قىلىش ئۈچۈن): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. يۇلتۇز پېتىپ كېتىۋىدى، «مەن پېتىپ كەتكۈچىلەرنى (يەنى يۇلتۇزلارغا ئىبادەت قىلىشنى) ياقتۇرمايمەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئىبراھىم كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقاندا بىر يۇلتۇزنى كۆرۈپ: «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. يۇلتۇز پېتىپ كېتىۋىدى، «مەن پېتىپ كەتكۈچىلەرنى ياقتۇرمايمەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىبراھىم كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقاندا بىر يۇلتۇزنى كۆرۈپ: «بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر» دېدى. يۇلتۇز پېتىپ كېتىۋېدى: «مەن پېتىپ كەتكۈچىلەرنى ياخشى كۆرمەيمەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئىبراھىم كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقاندا بىر سەييارە (پىلانېتا) كۆرۈپ، ئۇلارغا رەددىيە بېرىش، ئۇلارنى ئەيىبلەش ۋە ئۇلارغا ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇشنىڭ خاتالىقىنى تەدرىجىي رەۋىشتە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن: «ئۇ مېنىڭ رەببىم» دېدى. ئۇ سەييارە پېتىپ كېتىۋىدى، «مەن پېتىپ كەتكۈچىلەرنى ياخشى كۆرمەيمەن» دېدى. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە قۇياش ۋە ئايدىن باشقا ئاسمان جىسىملىرىنىڭ بەزىسىنى «كەۋكەب، كەۋاكىب» دەيدۇ. بەزىسىنى «نەجم، نۇجۇم» دەيدۇ. بىر ئايەتتە، قىيامەت قايىم بولغاندا «كەۋكەب»لەرنىڭ چېچىلىدىغانلىقىدىن، ئىككى ئايەتتە «نەجملەر»نىڭ ئۆچىدىغانلىقىدىن. خەۋەر بېرىش ئارقىلىق «كەۋكەبلەر»دە نۇر يوقلىقىنى، «نەجملەر»دە نۇر بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دەرۋەقە، ئەرەبچىدە «نەجم» يۇلتۇزنى، «كەۋكەب» پىلانېتا (سەييارە) نى ئىپادىلەيدۇ. يۇلتۇزلار- ئۆزى نۇر چىقىرىدىغان يورۇق ئاسمان جىسىملىرىدۇر. پىلانېتالار بولسا، ھەر بىرى ئۆز ئوربىتىسىدا مەلۇم يۇلتۇزنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدىغان زور ئاسمان جىسىملىرى بولۇپ ئۇلار ئۆزلىرى نۇر چىقارماي، پەقەت ئۆزلىرى چۆرىدەپ ئايلىنىۋاتقان يۇلتۇزنىڭ نۇرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرۈپ «بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر» دېگىنى «نەجم» ئەمەس «كەۋكەب»دۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى مۇپەسسىرلەر ئۇ «كەۋكەب»نىڭ ۋېنېرا (زۇھرە - الزهرة) ياكى يۇپىتېر (مۇشتەرى - المشتري) ئىكەنلىكىنى يازىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلَمَّا رَأَى الْقَمَرَ بَازِغًا قَالَ هَٰذَا رَبِّي ۖ فَلَمَّا أَفَلَ قَالَ لَئِنْ لَمْ يَهْدِنِي رَبِّي لَأَكُونَنَّ مِنَ الْقَوْمِ الضَّالِّينَ
ئۇ ئاينىڭ تۇغقانلىقىنى كۆرۈپ (يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. ئاي پېتىپ كېتىۋىدى، «ئەگەر پەرۋەردىگارىم مېنى ھىدايەت قىلمىغان بولسا، مەن چوقۇم ئازغۇچى قەۋمنىڭ قاتارىدا بولىدىكەنمەن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ ئاينىڭ چىققانلىقىنى كۆرۈپ: «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. ئاي پېتىپ كېتىۋىدى، «ئەگەر پەرۋەردىگارىم مېنى ھىدايەت قىلمىغان بولسا، مەن چوقۇم ئازغۇچى قەۋمنىڭ قاتارىدا بولۇپ قالىدىكەنمەن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن چىقىۋاتقان ئاينى كۆرۈپ: «بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر» دېدى. ئۇمۇ پېتىپ كېتىۋېدى: «رەببىم ماڭا توغرا يولنى كۆرسەتمىسە، مەن چوقۇم ئېزىپ كەتكۈچى قەۋمدىن بولۇپ كېتىمەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئاندىن ئاينى چىقىۋاتقان ھالەتتە كۆرۈپ، يۇقىرىدىكى ئۇسلۇب بىلەن قەۋمىنىڭ دىققىتىنى ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە تارتىش ئۈچۈن «ئۇ مېنىڭ رەببىم» دېدى. ئاي پېتىپ كېتىۋىدى، «ئەگەر رەببىم مېنى ھىدايەت قىلمىسا چوقۇم ئازغۇن قەۋمدىن بولۇپ كېتىمەن» دېدى. بۇ ئىپادە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ، قەۋمىگە «سىلەر ئازغۇن قەۋم» دەپ قىلغان دارىتما سۆزى ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَلَمَّا رَأَى الشَّمْسَ بَازِغَةً قَالَ هَٰذَا رَبِّي هَٰذَا أَكْبَرُ ۖ فَلَمَّا أَفَلَتْ قَالَ يَا قَوْمِ إِنِّي بَرِيءٌ مِمَّا تُشْرِكُونَ
ئۇ قۇياشنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ (يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، بۇ ھەممىدىن (يەنى يۇلتۇز بىلەن ئايدىن) چوڭدۇر» دېدى. قۇياش پېتىپ كېتىۋىدى، ئۇ ئېيتتىكى: «ئى قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەر شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلاردىن ئادا ـ جۇدامەن — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ قۇياشنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ: «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، بۇ ھەممىدىن چوڭ ئىكەن» دېدى؛ قۇياش پېتىپ كېتىۋىدى، ئۇ ئېيتتىكى: «ئى قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەر شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلاردىن ئۈزۈل-كېسىل يىراقمەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن چىقىۋاتقان قۇياشنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ مېنىڭ رەببىمدۇر. بۇ تېخىمۇ چوڭدۇر!» دېدى. ئۇمۇ پېتىپ كېتىۋېدى، مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلىۋاتقان نەرسىلەردىن ئادا -جۇدامەن. — ئەنەس ئالىم
ئاندىن ئىبراھىم قۇياشنى چىقىۋاتقان ھالەتتە كۆرۈپ، «ئۇ مېنىڭ رەببىم. ئۇ، سەييارىدىنمۇ، ئايدىنمۇ چوڭ» دېدى. قۇياشمۇ پېتىپ كېتىۋىدى مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەردىن ئادا - جۇدامەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 79-ئايەت) تەۋھىد يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئاسمان ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى ئىبراھىمإِنِّي وَجَّهْتُ وَجْهِيَ لِلَّذِي فَطَرَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ حَنِيفًا ۖ وَمَا أَنَا مِنَ الْمُشْرِكِينَ
مەن ھەقىقەتەن، باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرۇلۇپ، ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن» — مۇھەممەد سالىھ
مەن ھەقىقەتەن باتىل دىنلاردىن يىراق بولۇپ، ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، مەن يۈزۈمنى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندۈردۈم، ھەقكە يۆنەلدىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن». — ئەنەس ئالىم
شۈبھىسىزكى، مەن يۈزۈمنى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندۈردۈم، ھەقكە يۆنەلدىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن». ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇ ئىپادىسىدە قەۋمىگە، «ئى قەۋمىم! سىلەر ھېچ نەرسە يارىتالمايدىغان ئاجىز بۇتلارغا ۋە ئۆزلىرى ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىلىرىدىن چىقالمايدىغان يۇلتۇزلارغا چوقۇنۇپ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈۋاتىسىلەر. مەن بولسام، ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق مەخلۇقاتنى ياراتقان ئاللاھقا چوقۇنۇۋاتىمەن. مەن پۈتكۈل باتىل ئېتىقاد ۋە خاتا يوللاردىن يۈز ئۆرۈپ ھەقكە ۋە توغرا يولغا يۆنەلدىم. مەن ئەھلى تەۋھىد، سىلەر مۇشرىك. مەن سىلەرنىڭ قاتارىڭلاردىن ئەمەس» دېگەن دارىتما گەپلەرنى قىلىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ، بۇتپەرەس ئاتىسى ۋە قەۋمى بىلەن قىلغان كۈرىشىنىڭ پەرقلىق بۆلۈملىرى قۇرئان كەرىمدە باشقا يەرلەردىمۇ بايان قىلىنىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام (يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە زىكىر قىلىنغان بويىچە) ئاتىسى ئازەرگە ۋە قەۋمىگە ئاللاھتىن غەيرىيگە چوقۇنۇشنىڭ شېرىك ئىكەنلىكىنى، ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىشنىڭ لازىملىقىنى، ئۆزىنىڭ شېرىك ۋە مۇشرىكلاردىن ئادا - جۇدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇلار ئۆز بۇتلىرىنىڭمۇ ئىلاھ بولۇشقا لايىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇنازىرىلەشكەن ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى بۇتلارنىڭ زىيان يەتكۈزۈشى بىلەن تەھدىد قىلغان. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا قاتتىق رەددىيە بەرگەن. 80 ~ 83 - ئايەتلەردە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ، قەۋمىگە بەرگەن ئۇ رەددىيەسى بىلدۈرۈلىدۇ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، قەۋمىگە كۆرسەتكەن دەلىلنى (76 - ئايەتتىن باشلاپ 81 - ئايەتكىچە بولغان ئايەتلەردە قەۋمىگە قارشى كەلتۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان بارلىق ئەقلىي دەلىللەرنى) ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تائالانىڭ ئاتا قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَحَاجَّهُ قَوْمُهُ ۚ قَالَ أَتُحَاجُّونِّي فِي اللَّهِ وَقَدْ هَدَانِ ۚ وَلَا أَخَافُ مَا تُشْرِكُونَ بِهِ إِلَّا أَنْ يَشَاءَ رَبِّي شَيْئًا ۗ وَسِعَ رَبِّي كُلَّ شَيْءٍ عِلْمًا ۗ أَفَلَا تَتَذَكَّرُونَ
ئىبراھىمنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشتى، ئىبراھىم ئېيتتىكى، «مېنى ئاللاھ ھىدايەت قىلغان تۇرسا، مەن بىلەن ئاللاھ (نىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىرلىكى) توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ مەن سىلەرنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلاردىن قورقمايمەن، پەقەت پەرۋەردىگارىمنىڭلا خالىغان نەرسىسى بولىدۇ، پەرۋەردىگارىمنىڭ بىلىمى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، (مەبۇدلىرىڭلارنىڭ ماڭا ھېچبىر زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى) ئويلىمامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئىبراھىمنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشتى، ئىبراھىم ئېيتتىكى، «مېنى ئاللاھ ھىدايەت قىلغان تۇرسا، سىلەر مەن بىلەن ئاللاھ (نىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىرلىكى) توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشەلەمسىلەر؟ مەن سىلەرنىڭ ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان بۇتلىرىڭلاردىن قورقمايمەن؛ پەقەت پەرۋەردىگارىمنىڭ ئىرادە قىلغىنىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. پەرۋەردىگارىمنىڭ بىلىمى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بۇنى ئويلىمامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
قەۋمى ئۇنىڭ بىلەن دەتالاش قىلىشتى. ئىبراھىم دېدىكى: «سىلەر مەن بىلەن ئاللاھ توغرىسىدا دەتالاش قىلىشامسىلەر؟ ئۇ مېنى ھىدايەت قىلغان تۇرسا. مەن سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا شېرىك قىلغان نەرسىلىرىڭلاردىن قورقمايمەن. لېكىن رەببىمنىڭ بىرەر نەرسە خالىشىدىن قورقىمەن[8]. رەببىمنىڭ ئىلمى ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئويلىمامسىلەر؟[9]. — ئەنەس ئالىم
ئىبراھىم، قەۋمىگە شېرىكنىڭ باتىل، تەۋھىدنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ تەۋھىد ئەھلى، شېىرككە ۋە مۇشرىكلارغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئىبراھىم بىلەن قەۋمى ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇنازىرىلەشتى. ئىبراھىم ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ ئېيتتى: ئى مۇشرىكلار! ئاللاھقىلا چوقۇنۇش لازىملقىنى ۋە ھېچ نەرسە يارىتالمايدىغان، ھېچكىمگە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان، ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرى ياسالغان بۇتلارغا چوقۇنۇشنى تەرك ئېتىش كېرەكلىكىنى شۇنچە دەلىللەرنى كەلتۈرۈپ چۈشەندۈرسەم، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ شېرىك قارىشىڭلاردا چىڭ تۇرۇپ مەن بىلەن تالاش - تارتىش قىلىشامسىلەر؟ شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاللاھ مېنى تەۋھىدكە مۇۋەپپەق قىلدى، مەن يولۇمدىن قايتمايمەن. مەن، سىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەردىن قورقمايمەن. لېكىن رەببىم ئاللاھنىڭ خالىغىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا، يەنى رەببىم ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىلاھلىرىڭلار تەرىپىدىن ماڭا بىرەر كۆڭۈلسىزلىك كېلىشنى خالىسا، ئۇ كۆڭۈلسىزلىك چوقۇم رەببىم خالىغاندەك ماڭا كېلىدۇ. مەسىلەن: رەببىم، بىرەر بۇتنىڭ ياكى ئاقار يۇلتۇزلاردىن بىرەر پارچىنىڭ ئۈستۈمگە چۈشۈپ مېنى يارىدار قىلىشىنى ياكى ئۆلتۈرۈشىنى خالىسا، ئەلۋەتتە بۇ ئىش رەببىمنىڭ قۇدرىتى ۋە خاھىشى بىلەنلا يۈز بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەردىن ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ ماڭا بىرەر زىيان يەتكۈزۈشنى خالىشىدىن قورقىمەن. رەببىم ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرىدۇ. مېنىڭ كۆرگەنلىرىمنى سىلەرمۇ كۆرۈۋاتىسىلەر، بۇتلارنىڭ كائىناتنىڭ باشقۇرۇرۇلىشىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى سىلەرمۇ بىلىسىلەر! بۇ بىلىمىڭلارنى ئىشلىتىپ ئۇلارنىڭ چوقۇنۇشقا لايىق ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتسەڭلار بولمامدۇ؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَكَيْفَ أَخَافُ مَا أَشْرَكْتُمْ وَلَا تَخَافُونَ أَنَّكُمْ أَشْرَكْتُمْ بِاللَّهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِ عَلَيْكُمْ سُلْطَانًا ۚ فَأَيُّ الْفَرِيقَيْنِ أَحَقُّ بِالْأَمْنِ ۖ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ
ئاللاھنىڭ شېرىكى بولۇش ھەققىدە ئاللاھ سىلەرگە ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن قورقمايۋاتساڭلار، سىلەرنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلاردىن مەن قانداقمۇ قورقاتتىم! ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ئېيتىڭلارچۇ)، بىز بۇ ئىككى گۇرۇھ ئادەمدىن زادى قايسىمىز قورقماسلىققا ئەڭ تېگىشلىك؟» — مۇھەممەد سالىھ
بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىش ھەققىدە ئاللاھ سىلەرگە ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن ئەھۋالدا، سىلەر بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىشتىن قورقمايۋاتساڭلار، سىلەرنىڭ شېرىك قىلىۋالغان بۇتلىرىڭلاردىن مەن قانداقمۇ قورقاتتىم! ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ئېيتىڭلارچۇ)، بىز بۇ ئىككى گۇرۇھ ئادەمدىن زادى قايسىمىز (قىيامەتنىڭ ئازابىدىن) ئەڭ خاتىرجەم بولۇشقا تېگىشلىك؟» — تەرجىمە ھەيئىتى
مەن قانداقمۇ سىلەر ئاللاھقا شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن قورقاتتىم! ھالبۇكى، سىلەر ئاللاھ ئۆزىنىڭ شېرىكى ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك قىلىشتىن قورقمايۋاتىسىلەر. بۇ ئىككى پىرقىنىڭ قايسىسى خاتىرجەم بولۇشقا ئەڭ ھەقلىق؟ ئەگەر بىلسەڭلار دەپ بېقىڭلار». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇشرىكلار! سىلەر كائىناتنىڭ يېگانە پادىشاھى بولغان قۇدرەتلىك ئاللاھتىن قورقمىغان يەردە، مەن سىلەرنىڭ ئاجىز ۋە جانسىز بۇتلىرىڭلاردىن قورقىمەنمۇ؟! بۇنى قانداقمۇ ئويلايدىغانسىلەر؟ ئەگەر بىلىدىغانغان بولساڭلار، قايسىمىز خاتىرجەم بولۇشقا لايىق؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِينَ آمَنُوا وَلَمْ يَلْبِسُوا إِيمَانَهُمْ بِظُلْمٍ أُولَٰئِكَ لَهُمُ الْأَمْنُ وَهُمْ مُهْتَدُونَ
ئازابتىن ئەمىن بولۇش ئىمان ئېيتقان، ئىمانىغا شېرىك ئارىلاشتۇرمىغان ئادەملەرگە مەنسۇپتۇر، ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئىمان ئېيتقان، ئىمانىغا كۇفرلىق ئارىلاشتۇرمىغان ئادەملەرگە ئەمىنلىك باردۇر. ئەنە شۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىمان ئېيتقان ۋە ئىمانىغا زۇلۇم[10] ئارىلاشتۇرمىغانلارغا خاتىرجەملىك بار. ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچى كىشىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم
(ئاللاھ جاۋاب بېرىدۇ:) ئىمان ئېيتقان ۋە ئىمانىغا شېرىك ئارىلاشتۇرمىغانلار لايىق، خاتىرجەملىك ئەنە شۇ تەۋھىد ئەھلىگە نېسىپ بولىدۇ. ئەنە شۇلار دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە بەخت - سائادەت يولىغا مۇۋەپپەق بولىدىغان كىشىلەردۇر. بۇ ئايەتتە «شېرىك» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «زۇلۇم - ظلم» دۇر. بۇ ئايەتنىڭ بېشىدىكى ئايەت ۋە لۇقمان سۈرىسىنىڭ 13 - ئايىتىدىكى «شېرىك ھەقىقەتەن بۈيۈك زۇلۇمدۇر» دېگەن ئىپادە دالالەت قىلىدۇكى، بۇ زۇلۇمنىڭ مەنىسى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش دېگەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 83-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئىلمى ئىلاھىي ھېكمەت ئاللاھنىڭ ھىدايىتى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئىبراھىموَتِلْكَ حُجَّتُنَا آتَيْنَاهَا إِبْرَاهِيمَ عَلَىٰ قَوْمِهِ ۚ نَرْفَعُ دَرَجَاتٍ مَنْ نَشَاءُ ۗ إِنَّ رَبَّكَ حَكِيمٌ عَلِيمٌ
ئۆز قەۋمىگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ئىبراھىمغا بەرگەن دەلىلىمىز ئەنە شۇدۇر، خالىغان كىشىمىزنى بىر قانچە دەرىجە كۆتۈرىمىز، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز قەۋمىگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ئىبراھىمغا بەرگەن دەلىلىمىز ئەنە شۇدۇر. بىز خالىغان كىشىنى بىر قانچە دەرىجە كۆتۈرىمىز، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەنە شۇ بىزنىڭ دەلىلىمىزدۇر. بىز ئۇنى ئىبراھىمغا قەۋمىگە قارشى بەردۇق. بىز ئۆزىمىز خالىغان كىشىنى يۇقىرى دەرىجىلەرگە كۆتۈرىمىز. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
(ئاللاھ ئېيتىدۇ) ئەنە شۇ يۇقىرىدا ئىبراھىم قەۋمىگە قارشى كەلتۈرگەن ئەقلىي دەلىللەر بىزنىڭ دەلىللىرىمىز بولۇپ، بىز ئۇنى ئىبراھىمغا قەۋمىگە قارشى بەردۇق. بىز ئۆزىمىز خالىغان كىشىگە ئىلىم ۋە ھېكمەت ئاتا قىلىپ ئۇنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىمىز . ئى مۇھەممەد! سېنىڭ رەببىڭ (ئاللاھ) ھەر ئىشنى لايىقىدا قىلىدۇ، يۇقىرى دەرىجىگە كىمنىڭ لايىق، كىمنىڭ لايىق ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَوَهَبْنَا لَهُ إِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ ۚ كُلًّا هَدَيْنَا ۚ وَنُوحًا هَدَيْنَا مِنْ قَبْلُ ۖ وَمِنْ ذُرِّيَّتِهِ دَاوُودَ وَسُلَيْمَانَ وَأَيُّوبَ وَيُوسُفَ وَمُوسَىٰ وَهَارُونَ ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى، يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى ھىدايەت قىلدۇق. (ئىبراھىمدىن) ئىلگىرى نۇھنى ھىدايەت قىلدۇق. ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىدىن داۋۇد، سۇلايمان، ئەييۇب، يۈسۈف، مۇسا، ھارۇنلارنى ھىدايەت قىلدۇق، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز — مۇھەممەد سالىھ
بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى، يەئقۇبنى بەخش ئەتتۇق. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى ھىدايەت قىلدۇق. بىز ئىلگىرى نۇھنى ھىدايەت قىلغان، ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىدىن داۋۇد، سۇلەيمان، ئەييۇب، يۈسۈف، مۇسا، ھارۇنلارنى ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى ۋە يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق. ھەممىسىنى ھىدايەت قىلدۇق. بىز ئىلگىرى نۇھنى ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. بىز ئۇنىڭ نەسلىدىن داۋۇد، سۇلەيمان، ئەييۇب، يۇسۇف، مۇسا ۋە ھارۇنلارنىمۇ ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. بىز ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. — ئەنەس ئالىم
(84-89) ئاللاھ تائالا بۇ يەردە بىرىنچى ئايەتنىڭ بېشىدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئىسھاقنى ۋە يەئقۇبنى ئاتا قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئىسھاقنى بالا، يەئقۇبنى نەۋرە سۈپىتىدە ئاتا قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ ۋە بۇ ئىككىسىدىن ئىلگىرى ئبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئىسمائىل دەپ بىر بالا ئاتا قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئىشنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: يۇقىرىدىكى (74 ~ 81 -) ئايەتلەردە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە بىلدۈرۈلگەن بويىچە، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاتىسى ئازەرنى ۋە قەۋمىنى ھېكمەت ۋە چىرايلىق نەسىھەت بىلەن تەۋھىدكە دەۋەت قىلغان، ئۇلار شېرىكتە ئەزۋەيلىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇيغۇن پۇرسەت تېپىپ ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنى چېقىۋەتكەن. ئۇلار بۇتلىرىنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن گۇمانلانغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئىنسانلار يىغىلغان بىر جايغا چاقىرتىپ كەلگەن ۋە ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنىڭدىن بۇنى «سەن قىلدىڭمۇ؟» دەپ سورىغان. ئۇنىڭ بەرگەن جاۋابى ۋە ھەق سۆزلىرى ئالدىدا تېڭىرقاپ قالغان مۇشرىكلار ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھى (نەمرۇد)نىڭ يېنىغا ئېلىپ بارغان، ئۇ پادىشاھمۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇنازىرىلىشىپ يېڭىلىپ كەتكەن. ئاندىن ئۇ پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ مۇشرىك خەلقى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن ئىنتىقام ئالماقچى بولۇپ، ئۇنى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتقا تاشلىغان. ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئوتنىڭ كۆيدۈرۈشىدىن ساقلىغان. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوتتىن ساق - سالامەت چىقىپ ئۇ مۇشرىكلارنىڭ دىيارىدىن باشقا دىيارغا (پەلەستىنگە) ھىجرەت قىلغان ۋە ئاللاھ تائالادىن ياخشى پەرزەنت تىلىگەن. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇنىڭغا ئوغلى ئىسمائىلنى ئاتا قىلغان. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇ ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىش سىنىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئىلىملىك، پەيغەمبەر ۋە ياخشىلاردىن بولىدىغان ئىسھاقنىڭ ۋە ئۇنىڭ پۇشتىدىن دۇنياغا كېلىدىغان نەۋرىسى يەئقۇبنىڭ خۇش خەۋىرىنى بەرگەن، ئاندىن ئۇ ئىككىسىنى ئاتا قىلغان. ئاللاھ تائالا بۇ (84 ~ 89 -) ئايەتلەردە ئىسھاق ۋە يەئقۇبقا، ئىلگىرى نۇھقا ۋە ئۇنىڭ نەسلىدىن يۇقىرىدا ئىسىملىرى زىكىر قىلىنغان كىشىلەرگە پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى، نەسىللىرى، قېرىنداشلىرىنىڭ بەزىسىگىمۇ پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئىنئامىغا ئېرىشكەن ئۇ پەيغەمبەرلەر ناۋادا شېرىك كەلتۈرگەن تەقدىردە، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ بىكار بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، شېرىكنىڭ نە قەدەر قەبىھ ۋە نە قەدەر خەتەرلىك گۇناھ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئاندىن ئۇ پەيغەمبەرلەرگە بېرىلگەندەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىمۇ كىتاب، ھېكمەت ۋە پەيغەمبەرلىك ئاتا قىلغانلىقىنى، مەككە مۇشرىكلىرى ئۇلارنى ئىنكار قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇلارنى ساقلاشنى ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىشنى ئۇلارنى ئىنكار قىلمايدىغان بىر قەۋمگە تاپشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَزَكَرِيَّا وَيَحْيَىٰ وَعِيسَىٰ وَإِلْيَاسَ ۖ كُلٌّ مِنَ الصَّالِحِينَ
زەكەرىيا، يەھيا، ئىيسا ۋە ئىلياسلارنى ھىدايەت قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشىلاردىندۇر — مۇھەممەد سالىھ
زەكەرىييا، يەھيا، ئىيسا ۋە ئىلياس قاتارلىقلارنى ھىدايەت قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشىلاردىندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز زەكەرىييا، يەھيا، ئىيسا ۋە ئىلياسلارنىمۇ ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. ھەممىسى ياخشىلاردىن ئىدى. — ئەنەس ئالىم
-
وَإِسْمَاعِيلَ وَالْيَسَعَ وَيُونُسَ وَلُوطًا ۚ وَكُلًّا فَضَّلْنَا عَلَى الْعَالَمِينَ
ئىسمائىل، ئىليەسە، يۇنۇس ۋە لۇتلارنى ھىدايەت قىلدۇق. ئۇلارنى (ئۆز زامانىدىكى) تامامى جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئىسمائىل، ئەليەسەئ، يۇنۇس ۋە لۇتلارنى ھىدايەت قىلدۇق، ئۇلارنى (ئۆز زامانىدىكى) جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئىسمائىل، ئەليەسەئـ، يۇنۇس ۋە لۇتلارنىمۇ ھىدايەت قىلغان ئىدۇق. ھەربىرىنى زامانداشلىرىدىن ئۈستۈن قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم
-
وَمِنْ آبَائِهِمْ وَذُرِّيَّاتِهِمْ وَإِخْوَانِهِمْ ۖ وَاجْتَبَيْنَاهُمْ وَهَدَيْنَاهُمْ إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىدىن، ئەۋلادلىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن بەزىلىرىنى ھىدايەت قىلدۇق، ئۇلارنى تاللىدۇق، ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلىدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىدىن، ئەۋلادلىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن بەزىلىرىنى ھىدايەت قىلدۇق، ئۇلارنى تاللىدۇق، ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى، نەسىللىرى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ بەزىسىنىمۇ ئۈستۈن قىلدۇق، ئۇلارنى تاللىدۇق ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا باشلىدۇق. — ئەنەس ئالىم
-
ذَٰلِكَ هُدَى اللَّهِ يَهْدِي بِهِ مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ ۚ وَلَوْ أَشْرَكُوا لَحَبِطَ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
ئاللاھنىڭ توغرا يولى ئەنە شۇدۇر، ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرنى شۇ يولغا باشلايدۇ. ئەگەر ئۇلار (يەنى شۇ پەيغەمبەرلەر) شېرىك كەلتۈرسە ئىدى، ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى، ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتەتتى — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھنىڭ توغرا يولى ئەنە شۇدۇر. ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرنى شۇ يولغا باشلايدۇ. ناۋادا شۇلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بولسا، ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتەتتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدۇر. ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار شېرىك كەلتۈرسە ئىدى، ئەمەللىرى ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتەتتى. — ئەنەس ئالىم
-
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ وَالْحُكْمَ وَالنُّبُوَّةَ ۚ فَإِنْ يَكْفُرْ بِهَا هَٰؤُلَاءِ فَقَدْ وَكَّلْنَا بِهَا قَوْمًا لَيْسُوا بِهَا بِكَافِرِينَ
ئۇلارغا كىتابنى، ھېكمەتنى ۋە پەيغەمبەرلىكنى ئاتا قىلدۇق، ئەگەر بۇ مۇشرىكلار ئۇلارنى (يەنى كىتاب، ھېكمەت ۋە پەيغەمبەرلىكنى) ئىنكار قىلسا، ئىنكار قىلمايدىغان باشقا بىر قەۋمگە ئۇلارنى تاپشۇرىمىز — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا كىتابنى، ھېكمەتنى ۋە پەيغەمبەرلىكنى ئاتا قىلدۇق، ئەگەر بۇ مەككىلىكلەر بۇلارنى (يەنى كىتاب، ھېكمەت ۋە پەيغەمبەرلىكنى) ئىنكار قىلسا، بۇلارنى ئىنكار قىلمايدىغان باشقا بىر قەۋمگە بېرىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەنە شۇلار بىز كىتابنى، ھۆكۈمنى ۋە نەبىيلىكنى بەرگەن كىشىلەردۇر. ئەگەر بۇ مۇشرىكلار ئۇلارنى ئىنكار قىلسا، بىز ئۇلارنى ئىنكار قىلمايدىغان قەۋمگە تاپشۇرىمىز[11]. — ئەنەس ئالىم
-
أُولَٰئِكَ الَّذِينَ هَدَى اللَّهُ ۖ فَبِهُدَاهُمُ اقْتَدِهْ ۗ قُلْ لَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ أَجْرًا ۖ إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرَىٰ لِلْعَالَمِينَ
ئەنە شۇلار (يەنى مەزكۇر پەيغەمبەرلەر) ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكىن. (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «قۇرئاننى تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، قۇرئان پەقەت پۈتۈن جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر» — مۇھەممەد سالىھ
ئەنە شۇلار (يەنى مەزكۇر پەيغەمبەرلەر) ئاللاھ توغرا يولغا باشلىغان كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «قۇرئاننى يەتكۈزگىنىمگە سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، قۇرئان پەقەت پۈتۈن جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر. ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارنىڭ توغرا يولىغا ئەگەشكىن ۋە ئېيتقىنكى: «مەن سىلەردىن قۇرئان يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن ئەجىر سورىمايمەن. قۇرئان ئالەملەر ئۈچۈن پەقەتلا ئەسلىتىشتۇر»[12]. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە 18 پەيغەمبەرنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىدۇ، ئاندىن بۇ ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى گۈزەل ئەخلاق، ياخشى خىسلەت ۋە سەۋرچانلىقتا ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگىشىشكە، تەبلىغ قىلغانلىقىغا ھەق ئالمايدىغانلىقىنى قەۋمىگە ئېيتىشقا ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. «قۇرئان ئالەملەر ئۈچۈن نەسىھەت ۋە ئاگاھلاندۇرۇشتۇر» دېگەن جۈملىدىكى «نەسىھەت ۋە ئاگاھلاندۇرۇش»نىڭ ئەسلىي مەنىسى «ئەسلىتىش» بولۇپ، ئەسلىتىش - نەسىھەت قىلىش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا كائىناتتىكى نەرسىلەرنىڭ ھەر بىرىنى ئۆزىنىڭ بارلىق ۋە بىرلىكىگە، چەكسىز قۇدرەت ۋە مۇتلەق ھاكىمىيىتىگە بىرەر ئايەت (ئالامەت) سۈپىتىدە ياراتقان. ئۇ نەرسىلەرنىڭ بىرى بولغان ئىنساننى ياراتقان چېغىدا ئۇنىڭ فىترىتىگىمۇ بۇ ھەقىقەتنى سىڭدۈرگەن. شۇڭا ھەر ئىنسان تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقان ئايەتلىرىگە قارايدۇ ۋە ئۇلاردىكى ھەقىقەتنىڭ ئۆز فىتىرىتىدىكى ھەقىقەت بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئىلمى ئۇنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ. خاتا يولغا كىرگەنلەر ئۆز زېھىنلىرىدىكى بىلىمگە ئەمەل قىلماي فىترەتلىرىنى بۇزغان كىشىلەردۇر. قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارغا نازىل قىلىنغان ئايەتلەرنى يەتكۈزۈشىنىڭ «تەزكىر - ئەسلىتىش»، ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى قوبۇل قىلىشىنىڭ «تەزەككۇر - ئەسلەش» دەپ ئاتىلىشى ئۇ ئايەتلەرنىڭ ئۇلارغا ئۆز فىترەتلىرىنى (تەبىئىي ھالەتلىرىنى)، زېھىنلىرىدىكى بىلىملەرنى ئەسلەتكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ بۇنى ئەسلىگەنلىكى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە ئىنساپ بىلەن قارىغان ھەر كىشى: «توغرا، شۇنداق، ئەلۋەتتە» دەپ ھەر ئايەت ئوتتۇرىغا قويغان ئىلىمنىڭ ئۆز زېھنىدىكى ئىلىمگە ماس كەلگەنلىكىنى تەستىقلايدۇ، شۇنداقلا قۇرئان كەرىمنىڭ كائىناتنى ياراتقان ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب، بۇ كىتابنى ئېلىپ كەلگەن كىشى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)نىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكى توغرىسىدا قىلچە شۈبھىسى قالمايدۇ. ئاندىن ھاياتىدا بۇ ئىمانىنىڭ تەلىپى بويىچە ياشىمىغانلار كافىر (ئىمانىنى يۆگىۋالغۇچى)، بۇ ئىمانىنىڭ تەلىپى بويىچە ياشىغانلار مۇسۇلمان (تەسلىم بولغۇچى) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن قىيامەت كۈنى بارلىق ئىنسانلار قارا يۈزلۈكلەر ۋە ئاق يۈزلۈكلەر بولۇپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئاللاھ تائالا قارا يۈزلۈكلەرگە: «سىلەر ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كافىر بولدۇڭلارمۇ؟ ئۇنداقتا، شۇ ئازابنى تېتىڭلار، چۈنكى سىلەر كافىر بولدۇڭلار» دەيدۇ. دېمەككى، ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان ئايەتلەر، ئىنسانغا ئۇنىڭ دۇنياغا كۆز ئاچقان چېغىدىن تارتىپ ئاللاھ تائالا ياراتقان ئايەتلەردىن ھاسىل قىلغان بىلىمىنى ئەسلىتىپ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىدۇ، ئەمەل قىلمىغان تەقدىردە يامان ئاقىۋەتكە يولۇقىدىغانلىقىنى سەمىگە سېلىپ ئۇنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 91-ئايەت) ھەقنى ئىنكار قىلىش قۇرئاننىڭ ئىلاھىي مەنبەسى كىتابلارنىڭ بۇرمىلىنىشى تەۋرات ۋەھىيوَمَا قَدَرُوا اللَّهَ حَقَّ قَدْرِهِ إِذْ قَالُوا مَا أَنْزَلَ اللَّهُ عَلَىٰ بَشَرٍ مِنْ شَيْءٍ ۗ قُلْ مَنْ أَنْزَلَ الْكِتَابَ الَّذِي جَاءَ بِهِ مُوسَىٰ نُورًا وَهُدًى لِلنَّاسِ ۖ تَجْعَلُونَهُ قَرَاطِيسَ تُبْدُونَهَا وَتُخْفُونَ كَثِيرًا ۖ وَعُلِّمْتُمْ مَا لَمْ تَعْلَمُوا أَنْتُمْ وَلَا آبَاؤُكُمْ ۖ قُلِ اللَّهُ ۖ ثُمَّ ذَرْهُمْ فِي خَوْضِهِمْ يَلْعَبُونَ
ئۇلار ئاللاھنى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇمىدى. ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) ئۆز ۋاقتىدا: «ئاللاھ ھېچ كىشىگە ھېچ نەرسە نازىل قىلمىدى» دېدى (يەنى ۋەھىينى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى). (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مۇسا ئېلىپ كەلگەن ۋە كىشىلەرگە نۇر، ھىدايەت بولغان كىتابنى كىم نازىل قىلدى؟ ئۇ كىتابنى پارچە ـ پارچە قەغەزلەرگە كۆچۈرۈپ، بىر قىسمىنى ئاشكارىلاپ، كۆپ قىسمىنى يوشۇرىسىلەر. (ئى يەھۇدىيلار!) سىلەرگە ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا ـ بوۋاڭلار بىلمىگەن نەرسىلەر بىلدۈرۈلدى». (ئى مۇھەممەد! بۇ قۇرئاننى ۋە مۇسا ئېلىپ كەلگەن كىتابنى) «ئاللاھ نازىل قىلدى» دېگىن. ئاندىن، ئۇلارنى تەرك ئەتكىنكى، ئۇلار باتىللىرىدا (يەنى قالايمىقان سۆزلىرىدە) ئويناپ يۈرسۇن — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ يەھۇدىيلار ئاللاھنى ئۆز قەدرىگە لايىق تونۇمىدى. چۈنكى، ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا: «ئاللاھ ھېچ كىشىگە ھېچ نەرسە نازىل قىلمىدى» دېگەن ئىدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «(ئى يەھۇدىيلار!) مۇسا ئېلىپ كەلگەن ۋە كىشىلەرگە نۇر، ھىدايەت بولغان، سىلەر پارچە-پارچە قەغەزلەرگە كۆچۈرۈپ، بىر قىسمىنى ئاشكارىلاپ، كۆپ قىسمىنى يوشۇرىدىغان، ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا ـ بوۋاڭلار بىلمىگەن نەرسىلەرنىڭ سىلەرگە بىلدۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولغان كىتاب (تەۋرات) نى كىم نازىل قىلدى؟» (ئى مۇھەممەد!) «ئاللاھ نازىل قىلدى» دېگىن. ئاندىن ئۇلارنى گۇمراھلىققا پېتىپ ئوينىغان ھالىتىدە قويۇۋەتكىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئاللاھنى ئۆز لايىقىدا قەدىرلىمىدى. چۈنكى ئۇلار: «ئاللاھ ھېچبىر كىشىگە ھېچ نەرسە نازىل قىلمىدى» دېدى. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مۇسا ئېلىپ كەلگەن، ئىنسانلار ئۈچۈن نۇر ۋە ھىدايەت بولغان، سىلەر پارچە - پارچە قەغەزلەر ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، بىر قىسمىنى ئاشكارىلايدىغان ۋە بىر قىسمىنى يوشۇرىدىغان، سىلەر ۋە ئاتا - بوۋىلىرىڭلار بىلمىگەن نەرسىلەرنىڭ سىلەرگە ئۆگىتىلىشىگە ۋاسىتە بولغان كىتابنى كىم نازىل قىلدى؟». ئى مۇھەممەد! «ئۇ كىتابنى ئاللاھ نازىل قىلدى» دېگىن، ئاندىن ئۇلارنى تەرك ئەتكىن، ئازغۇنلۇققا چۆمۈپ ئويناپ تۇرسۇن. — ئەنەس ئالىم
(91-92) ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە تەۋھىدىنى ئسپاتلىغاندىن كېيىن، بۇ ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، ئۇنىڭغا نازىل قىلغان كىتابىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ۋە نازىل قىلىنىش سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! «ئاللاھ ھېچ كىشىگە بىر نەرسە نازىل قىلمىدى» دېگەنلەر ئاللاھنى لايىق رەۋىشتە قەدىرلىمىدى، ئۇلاردىن، «ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئېلىپ كەلگەن كىتابنى كىم نازىل قىلدى؟» دەپ سورىغىن ۋە: «ئاللاھ نازىل قىلدى» دېگەن جاۋابنى بەرگىن، ئاندىن ئۇلارنى ئازغۇنلۇققا چۆمۈپ ئويناۋاتقان ھالەتلىرىدە تەرك ئەتكىن. ئى مۇھەممەد! بۇ قۇرئان بىز ساڭا نازىل قىلغان، ئىنسانلارغا يەتكۈزىدىغان ياخشىلىقى تۈگىمەيدىغان، پايدىسى ئازىيىپ قالمايدىغان ۋە ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارنى تەستىقلايدىغان كىتابتۇر. بىز بۇ كىتابنى ساڭا مەككە ئاھالىسىنى ۋە مەككىنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن نازىل قىلدۇق. ئاخىرەتكە ئىشىنىدىغان ۋە نامازلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىدىغانلار بۇ كىتابقا ئىشىنىدۇ. ئەسكەرتىش: «مەككىنىڭ ئەتراپى» يەر شارىنىڭ مەككىدىن باشقا بارلىق جايلىرىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 92-ئايەت) غەيبكە ئىشىنىش مۇقەددەس كىتابلار پەرز ناماز قۇرئاننىڭ ئىلاھىي مەنبەسى قۇرئاننىڭ ھىدايىتىوَهَٰذَا كِتَابٌ أَنْزَلْنَاهُ مُبَارَكٌ مُصَدِّقُ الَّذِي بَيْنَ يَدَيْهِ وَلِتُنْذِرَ أُمَّ الْقُرَىٰ وَمَنْ حَوْلَهَا ۚ وَالَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ يُؤْمِنُونَ بِهِ ۖ وَهُمْ عَلَىٰ صَلَاتِهِمْ يُحَافِظُونَ
بۇ (قۇرئان) مەككە ئاھالىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن بىز نازىل قىلغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان (تەۋرات ۋە ئىنجىلغا ئوخشاش) كىتابلارنى ئېتىراپ قىلغۇچى مۇبارەك كىتابتۇر. ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتىدىغانلار ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ، ئۇلار نامازلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بۇ قۇرئان سېنىڭ مەككە ئاھالىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن بىز نازىل قىلغان، ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان كىتابلارنى ئېتىراپ قىلىدىغان مۇبارەك كىتابتۇر. ئاخىرەتكە ئىشىنىدىغانلار ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ، ئۇلار نامىزىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! بۇ بىز نازىل قىلغان كىتابتۇر، بەرىكەتلىكتۇر، ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىقلىغۇچىدۇر. بۇ كىتابنى ساڭا نازىل قىلىشىمىز يۇرتلارنىڭ ئانىسى بولغان مەككىدىكى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈندۇر. ئاخىرەتكە ئىشىنىدىغانلار ئۇ كىتابقا ئىشىنىدۇ. ئۇلار نامازلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا أَوْ قَالَ أُوحِيَ إِلَيَّ وَلَمْ يُوحَ إِلَيْهِ شَيْءٌ وَمَنْ قَالَ سَأُنْزِلُ مِثْلَ مَا أَنْزَلَ اللَّهُ ۗ وَلَوْ تَرَىٰ إِذِ الظَّالِمُونَ فِي غَمَرَاتِ الْمَوْتِ وَالْمَلَائِكَةُ بَاسِطُو أَيْدِيهِمْ أَخْرِجُوا أَنْفُسَكُمُ ۖ الْيَوْمَ تُجْزَوْنَ عَذَابَ الْهُونِ بِمَا كُنْتُمْ تَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ غَيْرَ الْحَقِّ وَكُنْتُمْ عَنْ آيَاتِهِ تَسْتَكْبِرُونَ
ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئۆزىگە ھېچ نەرسە ۋەھىي قىلىنمىغان تۇرۇقلۇق، ماڭا ۋەھىي قىلىندى دېگەن ياكى ئاللاھ نازىل قىلغاندەك مەنمۇ كىتاب نازىل قىلالايمەن دېگەن كىشىلەردىنمۇ زالىم كىشىلەر بارمۇ؟ (ئى مۇھەممەد!) زالىملارنى سەكراتقا چۈشكەن ۋاقىتلىرىدا كۆرسەڭ (ئەلۋەتتە، قورقۇنچلۇق ھالىنى كۆرۈسەن). پەرىشتىلەر (يەنى ئازاب پەرىشتىلىرى) قوللىرىنى سوزۇپ: «سىلەر جانلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار! سىلەر ئاللاھ توغرىسىدا ھەقسىز سۆزلەرنى قىلغانلىقىڭلار (يەنى ئىپتىرا قىلغانلىقىڭلار، شېرىك كەلتۈرگەنلىكىڭلار، بالا نىسبەت بەرگەنلىكىڭلار) ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەنسىتمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، بۈگۈن خورلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان ياكى ئۆزىگە ھېچ نەرسە ۋەھيى قىلىنمىغان تۇرۇقلۇق، ماڭا ۋەھيى قىلىندى دېگەن، ياكى مەنمۇ ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابتەك كىتاب نازىل قىلالايمەن دېگەن كىشىلەردىنمۇ قەبىھ كىشىلەر بارمۇ؟ (ئى مۇھەممەد!) سەن بۇ قەبىھ كىشىلەرنى سەكراتقا چۈشكەن ۋاقىتىدا كۆرگەن بولساڭ (ئەلۋەتتە، قورقۇنچلۇق بىر ھالەتنى كۆرگەن بولاتتىڭ)، شۇ چاغدا پەرىشتىلەر قوللىرىنى سوزۇپ ئۇلارغا: «سىلەر جېنىڭلارنى چىقىرىڭلار! سىلەر ئاللاھ توغرىسىدا ناتوغرا سۆزلەرنى قىلغانلىقىڭلار (يەنى ئىختىرا قىلغانلىقىڭلار، شېرىك كەلتۈرگەنلىكىڭلار، بالا نىسبەتەن بەرگەنلىكىڭلار) ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەنسىتمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، بۈگۈن خارلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئۆزىگە ھېچ نەرسە ۋەھىي قىلىنمىغان تۇرۇقلۇق: «ماڭا ۋەھىي قىلىندى» دېگەن ۋە: «مەنمۇ ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىنىڭ ئوخشىشىنى نازىل قىلالايمەن» دېگەن كىشىلەردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئى مۇھەممەد! بۇ زالىملارنى سەكراتقا چۈشكەن ۋاقىتلىرىدا بىر كۆرسەڭ! ئۇ چاغدا پەرىشتىلەر ئۇلارغا قوللىرىنى سوزۇپ: «قېنى روھلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار! بۈگۈن خورلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر. چۈنكى سىلەر ئاللاھقا نالايىق سۆزلەرنى قىلاتتىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەنسىتمەيتتىڭلار» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
(93-94) ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئىككى ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلغانلارغا رەددىيە بېرىدۇ ۋە قۇرئان كەرىمنى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ نازىل قىلغانلىقىنى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل قىلىنىش سەۋەبىنى بىلدۈرىدۇ. ئاندىن بۇ ئىككى ئايەتتە، ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىققان ئادەتلەرنى «دىن» دەپ تۆھمەت قىلغانلارنى ۋە پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېيىش، ئاللاھ ھارام قىلمىغان نەرسىنى ھارام، ئاللاھ ھالال قىلمىغان نەرسىنى ھالال دەپ قاراش قاتارلىق قەبىھ ئىشلارنىڭ بىرى بىلەن ئاللاھقا تۆھمەت چاپلىغان ئادەملەر ئەڭ زالىم ئادەملەر ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۆزىگە ئاللاھتىن ۋەھىي نازىل قىلىنمىغان تۇرۇقلۇق، ئۆزىگە ۋەھىي نازىل قىلىنغانلىقىنى ياكى ئۆزىنىڭ ئاللاھ نازىل قىلغان ۋەھىينىڭ ئوخشىشىنى سۆزلىيەلەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان ئادەملەرمۇ ئەڭ زالىم ئادەملەر ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا بۇ زالىملارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئاللاھنىڭ لەنىتى ۋە ئازابىغا دۇچار قىلىنىدۇ. ئى مۇھەممەد! بۇ زالىملارنىڭ ۋە باشقا بارلىق زالىملارنىڭ سەكراتقا چۈشكەن چاغلىرىدىكى ئەھۋالىنى كۆرسەڭ ئىدىڭ، ناھايىتى دەھشەتلىك ئەھۋالنى كۆرەتتىڭ. ئۆلۈم پەرىشتىلىرى ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىنى ئۆزلىرىگە ھېس قىلدۇرۇش ۋە ئۇلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارغا، «جېنىڭلارنى ئۆزۈڭلار چىقىرىڭلار، بۈگۈن خورلىغۇچى ئازابنى تېتىيسىلەر!» دەيدۇ. ئۇلار قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلگەندە ئاللاھ ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: «بىز سىلەرنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، ھۇزۇرىمىزغا شۇنداق يالغۇز كەلدىڭلار، بىز ئاتا قىلغان مال - مۈلۈك ۋە بالا - چاقىلىرىڭلارنى تەرك ئەتتىڭلار، دۇنيادىكى چېغىڭلاردا بىزگە شېرىك كەلتۈرگەن شاپائەتچىلىرىڭلار ھازىر يېنىڭلاردا يوق، ئۇلار بىلەن مۇناسىۋىتىڭلار ئۈزۈلۈپ كەتتى ۋە: ‹بۇلار قىيامەت كۈنى بىزنى قوللايدۇ، قوغدايدۇ، شاپائەت قىلىدۇ› دېگەن خام خىياللىرىڭلار ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى، ئۈمىدلىرىڭلار سۇغا چىلاشتى». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَقَدْ جِئْتُمُونَا فُرَادَىٰ كَمَا خَلَقْنَاكُمْ أَوَّلَ مَرَّةٍ وَتَرَكْتُمْ مَا خَوَّلْنَاكُمْ وَرَاءَ ظُهُورِكُمْ ۖ وَمَا نَرَىٰ مَعَكُمْ شُفَعَاءَكُمُ الَّذِينَ زَعَمْتُمْ أَنَّهُمْ فِيكُمْ شُرَكَاءُ ۚ لَقَدْ تَقَطَّعَ بَيْنَكُمْ وَضَلَّ عَنْكُمْ مَا كُنْتُمْ تَزْعُمُونَ
بىز دەسلەپتە سىلەرنى قانداق خەلق ئەتكەن بولساق دەرگاھىمىزغا شۇنداق تەنھا كەلدىڭلار، سىلەرگە بىز ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى ئارقاڭلاردا (يەنى دۇنيادا) قويۇپ كەلدىڭلار، (ئىبادەت قىلىنىشقا تېگىشلىك بولۇشتا) ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ گۇمان قىلغان شاپائەتچىڭلارنى سىلەر بىلەن بىللە كۆرمەيمىزغۇ؟ ئۇلار بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى مۇناسىۋەت ھەقىقەتەن ئۈزۈلدى، سىلەر (شاپائەت قىلىدۇ) دەپ گۇمان قىلغان نەرسىلەر بەربات بولدى — مۇھەممەد سالىھ
(ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېيىلىدۇ) «سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا بىز سىلەرگە ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى ئارقاڭلاردا قالدۇرۇپ، خۇددى بىز دەسلەپتە سىلەرنى ياراتقاندەك ۋاقىتتىكىدەك تەنھا كەپسىلەرغۇ؟ سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ ئېتىقادىدا ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەۋالغان شاپائەتچىلىرىڭلارنى سىلەر بىلەن بىللە كۆرمەيمىزغۇ؟ ئۇلار بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى مۇناسىۋەت ھەقىقەتەن ئۈزۈلدى، سىلەر دەۋالغان گەپلەر پۈتۈنلەي كۆپۈككە ئايلاندى» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا: «شۈبھىسىزكى، ھۇزۇرىمىزغا خۇددى بىز سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقان ۋاقىتتىكىدەك يالغۇز كەلدىڭلار. بىز سىلەرگە ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى ئارقاڭلاردا قالدۇرۇپ قويدۇڭلار. ‹شېرىكلىرىمىز› دەپ ئېتىقاد قىلغان شاپائەتچىلىرىڭلارنى يېنىڭلاردا كۆرمەيۋاتىمىز. شۈبھىسىزكى، ئاراڭلاردىكى مۇناسىۋەت ئۈزۈلدى ۋە ئويدۇرغان نەرسىلىرىڭلار سىلەرنى تاشلىۋەتتى» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
(6-سۈرە ئەنئام، 95-ئايەت) ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىلاھىي دەلىللەر ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تەۋھىد ئاسمان ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىإِنَّ اللَّهَ فَالِقُ الْحَبِّ وَالنَّوَىٰ ۖ يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَمُخْرِجُ الْمَيِّتِ مِنَ الْحَيِّ ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ ۖ فَأَنَّىٰ تُؤْفَكُونَ
دانلارنى ۋە ئۇرۇقچىلارنى بىخ ئۇرغۇزغۇچى ھەقىقەتەن ئاللاھتۇر. تىرىكنى ئۆلۈكتىن ۋە ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقارغۇچى ئەنە شۇ ئاللاھتۇر، (ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن) قانداقمۇ باش تارتىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ھەقىقەتەن داننى ۋە ئۇرۇقنى بىخلاندۇرغۇچىدۇر، تىرىكنى ئۆلۈكتىن ۋە ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقارغۇچىدۇر، ئەنە شۇ ھەقىقىي ئىلاھتۇر. سىلەر قانداقمۇ (بۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈيسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇرۇقلارنى ۋە ئۇرۇقچىلارنى بىخلاندۇرغۇچىدۇر. ئۇ ئۆلۈكتىن تىرىكنى چىقىرىدۇ، تىرىكتىن ئۆلۈكنى چىقارغۇچىدۇر. ئەنە شۇ ئاللاھتۇر. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ يەرگە تېرىلغان ئۇرۇق ۋە ئۇرۇقچىلارنى بىخلاندۇرىدۇ. ئۆلۈكتىن تىرىك، تىرىكتىن ئۆلۈكنى چىقىرىدۇ. مەسىلەن: تۇخۇمدىن چۈجە، قۇشتىن تۇخۇم چىقىرىدۇ. ئى مۇشرىكلار! سىلەر ئىبادەتنى ئەنە شۇ قۇدرەتلىك ئاللاھقىلا قىلىشنى تەرك ئېتىپ، قانداقمۇ جانسىز ۋە ئاجىز نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىدىغانسىلەر؟! ھەقىقەت ناھايىتى ئاشكارا تۇرۇقلۇق سىلەر تەۋھىدتىن شېرىككە قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانسىلەر؟! . — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 96-ئايەت) ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىلاھىي دەلىللەر ئاسمان ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى ساماۋىي ئالامەتلەر كېچە-كۈندۈزفَالِقُ الْإِصْبَاحِ وَجَعَلَ اللَّيْلَ سَكَنًا وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ حُسْبَانًا ۚ ذَٰلِكَ تَقْدِيرُ الْعَزِيزِ الْعَلِيمِ
ئاللاھ سۈبھىنى (قاراڭغۇدىن) يېرىپ چىقارغۇچىدۇر (يەنى تاڭنى يورۇتقۇچىدۇر)، ئاللاھ كېچىنى (سىلەر ئۈچۈن) ئىستىراھەت قىلىپ ياراتتى. (سىلەرنىڭ) ۋاقىت ھېسابلىشىڭلار ئۈچۈن قۇياش بىلەن ئاينى ياراتتى، بۇ، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سۈبھىنى قاراڭغۇدىن يېرىپ چىقارغان، سىلەر ئۈچۈن كېچىنى ئارام ۋاقتى، قۇياش بىلەن ئاينى ۋاقىت ھېسابلىغۇچ قىلىپ بەرگەن زاتتۇر. ئەنە شۇلار غالىب ۋە ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ قاراڭغۇلۇقلارنى يېرىپ تاڭنى چىقارغۇچىدۇر. ئۇ كېچىنى ئىستىراھەت زامانى، قۇياشنى ۋە ئاينى بىرەر ۋاقىت ھېسابلىغۇچ قىلدى. بۇ ئەزىز ۋە بىلگۈچى زاتنىڭ بەلگىلىشىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىنى يېرىپ تاڭنى چىقىرىۋاتقان، كېچىنى ئارام ئېلىش ۋاقتى، قۇياش بىلەن ئاينى كۈن، ئاي ۋە يىللارنى ھېسابلاش ۋاسىتىسى قىلىپ خىزمىتىڭلارغا سېلىپ بەرگەن زاتتۇر. ئەنە شۇ ئىشلار قۇدرىتى ئۇلۇغ ۋە ئىلمى چەكسىز ئاللاھ پىلانلىغان، ئورۇنلاشتۇرغان ۋە ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىشلاردۇر. ئى مۇشرىكلار! سىلەرنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈۋاتقان مەبۇدلىرىڭلار قايسى ئىشلارنى قىلدى؟ ھېچ ئىش قىلالمايدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشۈڭلارنىڭ سەۋەبى نېمە؟. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 97-ئايەت) ئىلاھىي دەلىللەر ئىلاھىي ھېكمەت ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ساماۋىي ئالامەتلەر يارىتىلىشتىكى دەلىللەروَهُوَ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ النُّجُومَ لِتَهْتَدُوا بِهَا فِي ظُلُمَاتِ الْبَرِّ وَالْبَحْرِ ۗ قَدْ فَصَّلْنَا الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا (يەنى كېچىلىك يول يۈرگىنىڭلاردا) يول تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە يۇلتۇزلارنى يارىتىپ بەردى. (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن، (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا سىلەرنىڭ يول تېپىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە يۇلتۇزلارنى يارىتىپ بەرگەن زاتتۇر. بۇ ئايەتلەرنى بىلەلەيدىغان قەۋم ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا يول تېپىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە يۇلتۇزلارنى يارىتىپ بەردى. شۈبھىسىزكى، بىز ئايەتلەرنى بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن تەپسىلىي بايان قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا ئېزىپ قالماسلىقىڭلار ۋە ئېزىپ قالغان بولساڭلار يولۇڭلارنى تېپىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە يۇلتۇزلارنى يارىتىپ، خىزمىتىڭلارغا سۇندى. ئى مۇشرىكلار! بىز (ئاللاھ) قۇدرەت ۋە مەرھەمىتىمىزنىڭ بۇ دەلىللىرىنى ئىلىملىك كىشىلەرگە تەپسىلىي بايان قىلدۇق. ئى مۇشرىكلار! ئەنە شۇ قۇدرەتلىك ۋە مەرھەمەتلىك ئاللاھقا قانداقمۇ شېرىك كەلتۈرىسىلەر؟!. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 98-ئايەت) ئىلاھىي دەلىللەر ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئىنساننىڭ يارىتىلىشى يارىتىلىشتىكى دەلىللەروَهُوَ الَّذِي أَنْشَأَكُمْ مِنْ نَفْسٍ وَاحِدَةٍ فَمُسْتَقَرٌّ وَمُسْتَوْدَعٌ ۗ قَدْ فَصَّلْنَا الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَفْقَهُونَ
ئاللاھ سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتتى، سىلەرنى ئاتاڭلارنىڭ پۇشتىدا، ئاناڭلارنىڭ بەچچىدانىدا قارارلاشتۇردى، چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتقان، سىلەرنى ئاتاڭلارنىڭ پۇشتىدا، ئاناڭلارنىڭ بالىياتقۇسىدا قارارلاشتۇرغان زاتتۇر. چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن بىز ئايەتلەرنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى بىر نەفستىن ياراتتى. ئاندىن سىلەر ئۈچۈن قارارگاھ ۋە ئامانەت قويۇلىدىغان جاي بار. شۈبھىسىزكى، بىز ئايەتلەرنى چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن تەپسىلىي بايان قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ، سىلەرنى بىر نەفستىن (ئاتاڭلار ئادەمدىن) ياراتقان، سىلەر ئۈچۈن يارىتىلىشىڭلارنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن تارتىپ ئۆلۈپ قايتا تىرىلدۈرۈلگىنىڭلارغا قەدەر ئورۇنلىشىپ تۇرىدىغان ۋە ۋاقىتلىق تۇرىدىغان جايلارنى بەلگىلىگەن زاتتۇر. (ئاللاھ ئېيتىدۇ:) بىز ئىنچىكە كۆزىتىپ تەكشۈرىدىغان، زەن قويۇپ چۈشىنىدىغان ۋە دىققەت بىلەن پىكىر يۈرگۈزىدىغان كىشىلەرگە قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىللىرىنى تەپسىلىي بايان قىلدۇق. ئەسكەرتىش: ئۇ جايلار - ئاتا پۇشتى، ئانا بالىياتقۇسى، يەر يۈزى ۋە قەبرە قاتارلىق مەنزىللەرنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَهُوَ الَّذِي أَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَخْرَجْنَا بِهِ نَبَاتَ كُلِّ شَيْءٍ فَأَخْرَجْنَا مِنْهُ خَضِرًا نُخْرِجُ مِنْهُ حَبًّا مُتَرَاكِبًا وَمِنَ النَّخْلِ مِنْ طَلْعِهَا قِنْوَانٌ دَانِيَةٌ وَجَنَّاتٍ مِنْ أَعْنَابٍ وَالزَّيْتُونَ وَالرُّمَّانَ مُشْتَبِهًا وَغَيْرَ مُتَشَابِهٍ ۗ انْظُرُوا إِلَىٰ ثَمَرِهِ إِذَا أَثْمَرَ وَيَنْعِهِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكُمْ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ
ئاسماندىن سۇنى چۈشۈرگەن زات ئاللاھتۇر. بىز ئۇنىڭ بىلەن بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈردۇق. ئۆسۈملۈكلەردىن يېشىل ياپراقلارنى چىقاردۇق. (ئۇنىڭدىن بوغداي ۋە ئارپا باشاقلىرىغا ئوخشاش) بىر ـ بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن دانلارنى يېتىشتۈرىمىز. خورما دەرىخىنىڭ چېچەكلىرىدىن يەرگە يېقىن ساڭگىلاپ تۇرىدىغان خورما ساپاقلىرىنى يېتىشتۈرىمىز. (يامغۇر سۈيى بىلەن) ئۈزۈملۈك باغلارنى يېتىشتۈرىمىز. (يامغۇر سۈيى بىلەن) شەكىلدە، ھەجىمدە، تەمدە بىر ـ بىرىگە ئوخشايدىغان ۋە ئوخشىمايدىغان زەيتۇن، ئانار دەرەخلىرىنى يېتىشتۈرىمىز. (ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ) يېڭى تۇتقان مېۋىسىگە ۋە پىشقان مېۋىسىگە قاراڭلار، ئۇلاردا ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئوچۇق دەلىللەر بار — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر چۈشۈرۈپ بەرگەن زاتتۇر. ئۇ شۇ يامغۇر بىلەن بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈردى، يەنە يېشىل مايسىلارنى چىقىرىپ، ئۇنىڭدىن بىر ـ بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن دانلارنى يېتىشتۈردى، خورما دەرىخىنىڭ چېچەكلىرىدىن يەرگە يېقىن ساڭگىلاپ تۇرىدىغان خورما ساپاقلىرىنى، ئۈزۈملۈك باغلارنى، بىر ـ بىرىگە بەزى جەھەتتىن ئوخشايدىغان ۋە بەزى جەھەتتىن ئوخشىمايدىغان زەيتۇن، ئانار دەرەخلىرىنى يېتىشتۈردى. سىلەر ئۇلارنىڭ مېۋىلىگەن چاغدىكى يېڭى تۇتقان مېۋىسىگە ۋە پىشقان مېۋىسىگە قاراڭلار، ئۇلاردا ئىمان ئېيتقان قەۋم ئۈچۈن ئوچۇق دەلىللەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسماندىن سۇ چۈشۈردى. ئاندىن بىز ئۇ سۇ بىلەن ھەر ئۆسۈملۈكنىڭ بىخىنى چىقاردۇق، ئۇ ئۆسۈملۈكتىن نوتا چىقاردۇق. ئۇ نوتىدىن بىر - بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن دانلار، خورمىنىڭ چېچىكىدىن ساڭگىلىغان ساپاقلار، ئۈزۈملەردىن ھاسىل بولغان باغلارنى، بىرى - بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئوخشاشمايدىغان زەيتۇن ۋە ئانارلارنى چىقاردۇق. ھەربىرى مېۋە چىقارغان چاغدا ئۇنىڭ مېۋىسىگە ۋە پىشىشىغا قاراڭلار. شۈبھىسىزكى، بۇلاردا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار. — ئەنەس ئالىم
شۇنىڭدەك، ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر، قار ۋە مۆلدۈر قاتارلىقلارنى ياغدۇرۇپ ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن زېمىندىن ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرگەن، ئاشلىق بولىدىغان مەھسۇلاتلارنى ۋە تۈرلۈك - تۈرلۈك مېۋىلەرنى يېتىشتۈرگەن، شۇنداقلا ئۇلارنى سىلەرگە بەرگەن زاتتۇر. مانا بۇلاردا ھەقنى ئىزدەيدىغان ۋە ھەقكە بويسۇنىدىغانلارغا ئاللاھنىڭ قۇدرەت ۋە مەرھەمىتىنىڭ دەلىللىرى بار. ئى مۇشرىكلار! ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرىدۇر. ھەقىقەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر ئاللاھقا قانداقمۇ شېرىك كەلتۈرىدىغانسىلەر؟! سىلەرنىڭ ھېچبىر ئېھتىياجىڭلارنى قامداپ بېرەلمەيدىغان، ئۆزىگىمۇ پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە قانداقمۇ چوقۇنىسىلەر؟!. ئاللاھ تائالا 95 ~ 99 - ئايەتلەردە تەۋھىدنىڭ دەلىللىرىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، 100 ~ 103 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارنى ئەيىبلەيدۇ، ئۆزىنى تونۇتىدۇ ۋە ئىنسانلارنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَجَعَلُوا لِلَّهِ شُرَكَاءَ الْجِنَّ وَخَلَقَهُمْ ۖ وَخَرَقُوا لَهُ بَنِينَ وَبَنَاتٍ بِغَيْرِ عِلْمٍ ۚ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَىٰ عَمَّا يَصِفُونَ
جىنلارنى ئاللاھ ياراتقان تۇرسا، (مۇشرىكلار) جىنلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىشتى. ئاللاھقا جاھالەتتىن ئوغۇل، قىز پەرزەنتلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشتى. ئاللاھ (مۇشرىكلار ئىپتىرا قىلغان نەرسىلەردىن) پاكتۇر، ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن ئۈستۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ
جىنلارنى ئاللاھ ياراتقان تۇرسا، مۇشرىكلار جىنلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىشتى، نادانلىقتىن «ئاللاھنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى بار» دېگەننى ئويدۇرۇپ چىقىشتى. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار جىنلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلدى. ھالبۇكى، جىنلارنى ئاللاھ ياراتقان. ئۇلار ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانماستىن «ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە قىزلىرى بار» دېگەن يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر. — ئەنەس ئالىم
كافىرلار يۇقىرىدىكى شۇنچىۋالا كۆپ دەلىلگە قارىماستىن جىنلارنى ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك قىلدى. ھالبۇكى، جىنلارنى ئاللاھ ياراتقان. ئۇلار ئۆزلىرىگە ئوخشاش مەخلۇق بولغان جىنلارغا قانداقمۇ ئىبادەت قىلىدۇ؟! ئۇلارنىڭ ئەقلى، فىترىتى ۋە ۋىجدانى بۇنىڭغا قانداقمۇ يول قويىدۇ؟! ئۇلار ئاللاھنىڭ شۇنچە كۆپ نېمىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان تۇرۇقلۇق، نېمىشقا شۇ نېمەتلەرنىڭ ئىگىسىگىلا ئىبادەت قىلمايدۇ؟! بۇ يەردىكى «جىنلار»، جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى ۋە يامانلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنى ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك قىلىش - ئۇ شەيتانلارغا ئەگىشىپ، ئىبادەتنى ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىش، ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلارنى ھالال دەپ بىلىش، ئۇلارغا شەرتسىز ئىتائەت قىلىش، ئۇلارنى ھامىي قىلىۋېلىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇلارنى ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك قىلىش - غەمدىن خالاس بولۇش، قورقۇنچتىن خاتىرجەم بولۇش، غەيبىي ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش قاتارلىق مەقسەتلەرگە يېتىش ئۈچۈن ئۇلارغا سېغىنىشنى ۋە يامان ئىشلارنى قىلىپ ئۇلارنى خۇرسەن قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. كافىرلارنىڭ باشقا بىر قەبىھلىكى، ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ئوغۇل - قىز پەرزەنت نىسبەت بېرىشىدۇر. مەسىلەن: يەھۇدىيلار: «ئۇزەير ئاللاھنىڭ ئوغلى» دېدى، ناسارالار: «ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلى» دېدى، مەككە مۇشرىكلىرى: «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرى» دېدى. ئاللاھ تائالا كافىرلارنىڭ بۇ تۆھمىتىدىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر، چۈنكى ئۇزەير، ئىيسا، پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بەندىلىرى بولۇپ، ئۇلارنى ۋە باشقا بارلىق نەرسىلەرنى ئاللاھ ياراتقان، ھەممىسى ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدا ۋە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا، ھەممىسى ئاللاھقا موھتاج، ئاللاھ ھېچ نەرسىگە موھتاج ئەمەس، ھېچ نەرسە ئاللاھقا ئوخشىمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 101-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئىلمى ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تەۋھىد ئاسمان ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىبَدِيعُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ أَنَّىٰ يَكُونُ لَهُ وَلَدٌ وَلَمْ تَكُنْ لَهُ صَاحِبَةٌ ۖ وَخَلَقَ كُلَّ شَيْءٍ ۖ وَهُوَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە يەرنى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھنىڭ خوتۇنى يوق تۇرسا، قانداقمۇ بالىسى بولسۇن؟ ھەممە نەرسىنى ئاللاھ ياراتقان، ھەممە نەرسىنى ئاللاھ ئوبدان بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە يەرنى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھنىڭ جۈپتى بولمىسا قانداقمۇ بالىسى بولسۇن؟ ھەممە نەرسىنى ئاللاھ ياراتقان، ھەممە نەرسىنى ئاللاھ ئوبدان بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىدۇر. ئۇنىڭ رەپىقىسى بولمىغان تۇرسا قانداقمۇ بالىسى بولسۇن! ئاللاھ ھەر نەرسىنى ياراتقان. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئەخمەقلەر! ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقان ئاللاھنىڭ قانداقمۇ بالىسى بولسۇن؟! ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھنىڭ رەپىقىسى يوق ئەمەسمۇ! ئاللاھ ھەر نەرسىنى ، جۈملىدىن ئۇ كافىرلار: «ئاللاھنىڭ بالىسى» دېگەن كىشىلەرنى يوقتىن ياراتقان، ياراتقۇچى بىلەن يارىتىلغۇچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداقمۇ ئاتا - بالىلىق مۇناسىۋەت بولىدۇ؟!. ئى غاپىللار! ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرىدۇ، خۇسۇسەن سىلەرنىڭ بۇ ناشايان سۆزلىرىڭلارنى ۋە قەبىھ قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا سىلەرنى جازالايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 102-ئايەت) ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى تەۋھىد يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ فَاعْبُدُوهُ ۚ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ وَكِيلٌ
ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئاللاھتىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇ ھەر نەرسىگە ھامىيدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئاللاھتىن بۆلەك ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئۇ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇ ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەنە شۇ ئاللاھتۇر. سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ ھەر نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر. شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار. ئۇ ھەر نەرسىنىڭ باشقۇرغۇچىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئەنە شۇ مۇكەممەللىك سۈپەتلىرىنىڭ ئىگىسى ئاللاھتۇر، سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ ھەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ئۇنداقتا ئىبادەت قىلىنىشقا ئاللاھلا لايىقتۇر. شۇڭلاشقا ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىڭلار، بولمىسا نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيسىلەر. شۇنىڭدەك، ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ ئىگىسى، باشقۇرغۇچىسى، مەۋجۇدىيىتىگە ئالاقىدار ئىشلىرىنىڭ پىلانلىغۇچىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرغۇچىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 103-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئىلمى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئاللاھنىڭ مۇكەممەللىكى ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى تەۋھىدلَا تُدْرِكُهُ الْأَبْصَارُ وَهُوَ يُدْرِكُ الْأَبْصَارَ ۖ وَهُوَ اللَّطِيفُ الْخَبِيرُ
كۆزلەر ئاللاھنى كۆرمەيدۇ، ئاللاھ كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر — مۇھەممەد سالىھ
كۆزلەر ئاللاھنى كۆرەلمەيدۇ، ئاللاھ كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
كۆزلەر ئاللاھنى ئىدراك قىلالمايدۇ. ئاللاھ كۆزلەرنى ئىدراك قىلىدۇ[13]. ئاللاھ پۈتۈن ئىنچىكىلىكلەرنى بىلگۈچى ۋە ھەر نەرسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچى زاتتۇر! — ئەنەس ئالىم
كۆزلەر ئاللاھنىڭ ھەقىقىتىنى بىلەلمەيدۇ، ماھىيىتىنى تونۇپ يېتەلمەيدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھ كۆزلەرنىڭ ماھىيىتىنى بىلىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ ئىنچىكە ۋە ئىچكى تەرەپلىرىنى ناھايىتى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. ئاللاھ تائالا 95 ~ 103 - ئايەتلەردە ئىنسانلارغا ئۆزىنى تونۇتۇپ، ئۇلارنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇغاندىن كېيىن، 104 ~ 107 - ئايەتلەردە، ئىبادەت قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆگىتىدىغان قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى، ئىنسانلارغا بېرىلگەن ئىرادە ئەركىنلىكىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 104-ئايەت) ئىلاھىي دەلىللەر ئىنساننىڭ ئەركىن ئىرادىسى ئاللاھنىڭ ھىدايىتى پەيغەمبەرگە بېرىلگەن كۆرسەتمەقَدْ جَاءَكُمْ بَصَائِرُ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ فَمَنْ أَبْصَرَ فَلِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ عَمِيَ فَعَلَيْهَا ۚ وَمَا أَنَا عَلَيْكُمْ بِحَفِيظٍ
(ئى پەيغەمبەر، ئېيتقىنكى) سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (ھىدايەتنى ئازغۇنلۇقتىن ئايرىپ كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر كەلدى، كىمكى ھەقنى كۆرۈپ ئىمان ئېيتسا ئۆزىگە پايدا، كىمكى ئۇنىڭدىن كۆز يۇمسا (يەنى باش تارتسا) ئۆزىگە زىيان. مەن سىلەرگە (ئەمەلىڭلارنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان) كۆزەتچى ئەمەسمەن (پەقەت سىلەرنى ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرمەن) — مۇھەممەد سالىھ
(ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى) سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن ھىدايەتنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەر كەلدى، كىمكى ھەقنى كۆرۈپ ئىمان ئېيتسا، ئۆزىگە پايدا؛ كىمكى ئۇنىڭدىن كۆز يۇمسا، ئۆزىگە زىيان. مەن سىلەرگە كۆزەتچى ئەمەسمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، سىلەرگە رەببىڭلار تەرىپىدىن قۇتۇلۇش يولىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەر كەلدى. كىم ھەقىقەتنى كۆرسە پايدىسى ئۆزىگە، كىم ھەقىقەتكە كۆز يۇمسا زىيىنى ئۆزىگە. مەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا كۆزەتكۈچى ئەمەسمەن! — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارغا ئېيتقىنكى: «ئى ئىنسانلار! قۇرئاننىڭ نازىل قىلىنىشى بىلەن رەببىڭلاردىن سىلەرگە، ھەقنى كۆرسىتىدىغان ۋە توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان روشەن دەلىللەر كەلدى. كىم ئۇ دەلىللەرگە قاراپ ھەقنى كۆرسە ۋە ھەقكە بويسۇنسا پايدىسى ئۆزىگە، كىم يۈز ئۆرۈسە زىيىنى ئۆزىگە. مەن ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىمەن، ۋەزىپەم ھەقنى يەتكۈزۈشتۇر، خالاس. مېنىڭ ھەقكە بويسۇنۇپ بويسۇنمىغانلىقىڭلارنى كۆزىتىش ۋەزىپەم، بويسۇنغانلىرىڭلارنى مۇكاپاتلاش، بويسۇنمىغانلىرىڭلارنى جازالاش ھوقۇقۇم يوق». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 105-ئايەت) ھەقنى ئىنكار قىلىش قۇرئاننىڭ ئىلاھىي مەنبەسى قۇرئاننىڭ ھىدايىتى قۇرئاننىڭ ئوخشىشى يوقوَكَذَٰلِكَ نُصَرِّفُ الْآيَاتِ وَلِيَقُولُوا دَرَسْتَ وَلِنُبَيِّنَهُ لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
مۇشرىكلار (مۇھەممەدكە، قۇرئاننى باشقىلاردىن) ئۆگىنىپسەن دېسۇن دەپ، يەنە بىلەلەيدىغان قەۋمگە قۇرئاننى ئوچۇق چۈشەندۈرىمىز دەپ، بىز ئايەتلەرنى مۇشۇنداق خىلمۇخىل شەكىلدە بايان قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
مۇشرىكلار (ئى مۇھەممەدكە، قۇرئاننى باشقىلاردىن) ئۆگىنىپسەن دېسۇن دەپ، يەنە بىلەلەيدىغان قەۋمگە قۇرئاننى ئوچۇق چۈشەندۈرىمىز دەپ، بىز ئايەتلەرنى مۇشۇنداق خىلمۇخىل شەكىلدە بايان قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئايەتلەرنى پەرقلىق ئۇسلۇبلاردا ئەنە شۇنداق بايان قىلىمىز. ئى مۇھەممەد! بىز بۇنى ئۇلارنىڭ ساڭا: «ئۆگىنىپسەن» دېيىشى ئۈچۈن ۋە بىلىدىغان قەۋمگە قۇرئاننى بايان قىلىشىمىز ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز قۇرئاندا قۇدرەت، ئىلىم ۋە مەرھەمىتىمىزنىڭ دەلىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەرنى پەرقلىق ئۇسلۇبلاردا بايان قىلغىنىمىزدەك، باشقا مەنە ۋە مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەرنىمۇ پەرقلىق ئۇسلۇبلاردا بايان قىلىمىز. ئايەتلەرنى بۇ شەكىلدە بايان قىلىشىمىز، ھەقكە ئىنتىلگەن ۋە يۆنەلگەنلەرنىڭ ھەقنى تېپىشى، ھەقتىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنىڭ قىيامەت كۈنى «بىزگە ھەق كەلمىگەن» دەپ باھانە كۆرسىتەلمەسلىكى ۋە ساڭا: «بۇ قۇرئاننى باشقىلاردىن ئوقۇپ ئۆگەندىڭ» دەپ تۆھمەت قىلىشى، شۇنداقلا دوزاخ ئازابىغا لايىق بولۇشى ئۈچۈندۇر. ئى مۇھەممەد! بىز ئايەتلەرنى ھەقنى بىلمەكچى ۋە ئەگەشمەكچى بولغانلارغا بايان قىلىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
اتَّبِعْ مَا أُوحِيَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ وَأَعْرِضْ عَنِ الْمُشْرِكِينَ
(ئى مۇھەممەد!) ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا ئەمەل قىلغىن؛ ئاللاھتىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، مۇشرىكلار بىلەن تەڭ بولمىغىن — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ۋەھيى قىلىنغان قۇرئانغا ئەمەل قىلغىن. ئاللاھتىن باشقا مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، مۇشرىكلارغا پەرۋا قىلمىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
رەببىڭدىن ساڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا ئەگەشكىن، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇشرىكلاردىن يۈز ئۆرۈگىن. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سەن رەببىڭدىن ساڭا قىلىنغان ۋەھىيگە ئەگەشكىن: ئۆزۈڭ ئەمەل قىلغىن ۋە ئىنسانلارغا يەتكۈزگىن، رەببىڭدىن باشقا ئىلاھ يوق، ئۇنىڭغا تايانغىن، مۇشرىكلارنىڭ تەرسالىقى ۋە بويۇنتاۋلىقىغا پەرۋا قىلمىغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 107-ئايەت) ئىلاھىي ئىرادە ئىنساننىڭ ئەركىن ئىرادىسى شېرىك پەيغەمبەرگە بېرىلگەن كۆرسەتمەوَلَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا أَشْرَكُوا ۗ وَمَا جَعَلْنَاكَ عَلَيْهِمْ حَفِيظًا ۖ وَمَا أَنْتَ عَلَيْهِمْ بِوَكِيلٍ
ئەگەر ئاللاھ (ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشنى) خالىسا، ئۇلار شېرىك كەلتۈرمەيتتى. سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلغىنىمىز يوق، سەن ئۇلارغا ھامىيمۇ ئەمەسسەن — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئاللاھ (ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشنى) خالىسا ئىدى، ئۇلار شېرىك كەلتۈرمەيتتى، سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلغىنىمىز يوق، سەن ئۇلارغا ھامىيمۇ ئەمەسسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلار شېرىك كەلتۈرمەيتتى. بىز سېنى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە كۆزەتكۈچى قىلمىدۇق. سەن ئۇلارغا ۋەكىلمۇ ئەمەسسەن. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنىڭ ھەقتىن يۈز ئۆرۈشىگە خاپا بولۇپ كەتمىگىن. رەببىڭ خالىسا ئىدى، ئۇلار شېرىك كەلتۈرەلمىگەن بولاتتى. بىز سېنى ئىنسانلارغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ۋەزىپەڭ پەقەت تەبلىغدىنلا ئىبارەتتۇر. بىز سېنى ئۇلارغا كۆزەتكۈچى قىلىپ ئەۋەتمىدۇق، ۋەزىپەڭ ئۇلارنىڭ ھەقكە بويسۇنۇپ بوسۇنمىغانلىقىنى كۆزىتىش، شۇنداقلا بويسۇنغانلارنى مۇكاپاتلاش، بويسۇنمىغانلارنى جازالاش ئەمەس. سەن ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىپ تاپمىغانلىقىغا مەسئۇلمۇ ئەمەس. سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت تەبلىغ قىلىشتۇر. ھېساب ئېلىش بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 108-ئايەت) ئىلاھىي ئىرادە شېرىك ھېكمەت بىلەن دەۋەت قىلىش مۇنازىرە ۋە دەتالاش دىندا زورلاش يوقوَلَا تَسُبُّوا الَّذِينَ يَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ فَيَسُبُّوا اللَّهَ عَدْوًا بِغَيْرِ عِلْمٍ ۗ كَذَٰلِكَ زَيَّنَّا لِكُلِّ أُمَّةٍ عَمَلَهُمْ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّهِمْ مَرْجِعُهُمْ فَيُنَبِّئُهُمْ بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىغانلارنىڭ خۇدانى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان مەبۇدلىرىنى تىللىماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار بىلمىگەنلىكلىرىدىن ھەددىدىن ئېشىپ ئاللاھنى تىللايدۇ. شۇنىڭدەك بىز ھەر ئۈممەتكە ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىنى چىرايلىق كۆرسەتتۇق، ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىپ بارىدىغان جايى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ (يەنى ياخشىغا مۇكاپات بېرىدۇ، ياماننى جازالايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
مۇشرىكلارنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلماي ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىنى تىللىماڭلار، ئۇنداق قىلساڭلار، ئۇلار نادانلىقىدىن ھەددىدىن ئېشىپ ئاللاھنى تىللايدۇ. شۇنىڭدەك بىز ھەربىر ئۈممەتكە ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى چىرايلىق كۆرسەتتۇق، ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىپ بارىدىغان جايى پەرۋاردىگارىنىڭ دەرگاھىدۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىدىغان زاتلىرىنى تىللىماڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارمۇ ھەددىدىن ئېشىپ بىلمەستىن ئاللاھنى تىللايدۇ. بىز ھەر ئۇممەتكە ئۆز ئەمىلىنى ئاشۇنداق چىرايلىق كۆرسەتتۇق. ئاخىردا ئۇلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىپ كېلىدۇ، ئاندىن رەببى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئىككى ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋەھىيگە ئەمەل قىلىشقا ۋە مۇشرىكلاردىن يۈز ئۆرۈشكە بۇيرۇيدۇ، ئۆزىنىڭ ئىنسانلارنى ھىدايەت قىلىشتا بەلگىلىگەن قانۇنىنى بىلدۈرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋەزىپىسىنى ئەسلىتىدۇ. ئاندىن كېيىن بۇ ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋە ھەر مۇئمىننى مۇشرىكلارنىڭ ئىلاھلىرىنى تىللاشتىن توسۇش ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىش ئارقىلىق «ۋەھىيگە ئەمەل قىلىش»نىڭ ۋەھىينى يەتكۈزۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، «ۋەھىينى يەتكۈزۈش»نىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭلا ئەمەس ئەكسىچە بارلىق مۇئمىنلارنىڭمۇ ۋەزىپىسى ئىكەنلىكى، ۋەھىينى يەتكۈزۈشنىڭ ئۇيغۇن سۆز ۋە چىرايلىق نەسىھەت بىلەن بولىدىغانلىقى، «مۇشرىكلاردىن يۈز ئۆرۈش»نىڭ مۇشرىكلارنى ھەقكە دەۋەت قىلىشنى تەرك ئېتىش دېگەن بولمايدىغانلىقى قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارغا ئىشارەت قىلىدۇ. ئايەتنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! ئى مۇئمىن! ۋەھىينى يەتكۈزۈڭلار، مۇشرىكلارنىڭ تەنە - ھاقارىتى ۋە ناشايان سۆزلىرىگە سەۋر قىلىڭلار، تەبلىغ ئەسناسىدا ھاياجانغا كېلىپ ئۇلارنىڭ «تەۋەررۈكلىرى»گە ھۇجۇم قىلماڭلار ۋە بىلىڭلاركى: ئۇلارنىڭ تەۋەررۈكلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلارنى ھەقتىن ئۈركۈتۈش بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. بىز بۇ مۇشرىكلارغا خاتا تاللاشلىرى سەۋەبلىك بۇتقا چوقۇنۇشنى چىرايلىق كۆرسەتكەندەك، ھەر ئۇممەتكە ئۆز ئەمىلىنى چىرايلىق كۆرسەتتۇق. ئاخىرى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا قايتىپ كېلىدۇ، ئاندىن ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىمىز ۋە ھېسابىنى ئالىمىز. مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانە رەب ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ، لېكىن ئىبادەتتە بولۇپمۇ ئىبادەتنىڭ جەۋھىرى بولغان دۇئادا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدۇ، مەسىلەن: ئۇلار ئادەتتىكى چاغلىرىدا، ئاللاھتىن غەيرىي قىلالمايدىغان ئىشلاردا ئاللاھتىن غەيرىيدىن مەدەت تەلەپ قىلىدۇ، بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇققان چاغلىرىدا ئاللاھتىنلا مەدەت تەلەپ قىلىدۇ، ئاللاھ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇپ قويسا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ مەسىلە بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىن تارتىپ بىرقانچە ئىزاھاتتا زىكىر قىلىندى. ئاللاھ تائالا 109 ~ 111 - ئايەتلەردە ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىرەر ماددىي مۆجىزە كۆرسەتكەن تەقدىردە ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرىدىغانلىقىغا دائىر، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن كۈچلۈك قەسەم قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا جاۋاب بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى تەلەپ قىلغان مۆجىزە كەلسىمۇ ئىمان كەلتۈرمەي، يەنىلا ھەددىدىن ئېشىشلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇلارغا ئۆزلىرى تەلەپ قىلغان مۆجىزىدىن چوڭ مۆجىزىلەردىن بىرقانچىسى كۆرسىتىلگەن تەقدىردىمۇ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَقْسَمُوا بِاللَّهِ جَهْدَ أَيْمَانِهِمْ لَئِنْ جَاءَتْهُمْ آيَةٌ لَيُؤْمِنُنَّ بِهَا ۚ قُلْ إِنَّمَا الْآيَاتُ عِنْدَ اللَّهِ ۖ وَمَا يُشْعِرُكُمْ أَنَّهَا إِذَا جَاءَتْ لَا يُؤْمِنُونَ
ئەگەر ئۇلارغا بىرەر مۆجىزە كەلسە، ئۇنىڭغا چوقۇم ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى (بىلدۈرۈپ) ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشىدۇ. (ئى مۇھەممەد!) مۆجىزىلەر (مېنىڭ ئەمەس)، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ئىش، دېگىن. (ئى مۆمىنلەر!) سىلەر نېمىنى بىلىسىلەر؟ مۆجىزىلەر كەلسە، ئۇلار، ئېھتىمال ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىكلىرى مۇمكىن — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «ئەگەر بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلسە، بىز ئۇنىڭغا چوقۇم ئىشىنىمىز» دەپ، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشىدۇ. (ئى مۇھەممەد!) «مۆجىزىلەر پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر» دېگىن. (ئى مۆمىنلەر!) مۆجىزىلەر كەلسە، ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى سىلەر بىلەمسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «ئەگەر بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلسە ئۇنىڭغا چوقۇم ئىشىنىمىز» دەپ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن كۈچلۈك قەسەم قىلىدۇ. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مۆجىزىلەر پەقەت ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر». ئى مۇئمىنلار! سىلەر نەدىن بىلىسىلەركى، ئۇلار مۆجىزە كەلگەندىمۇ ئىشەنمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
مۇشرىكلار: «ئەگەر بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلسە چوقۇم ئىمان كەلتۈرىمىز» دەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن قەسەم قىلدى. ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «مۆجىزىلەرنى كەلتۈرۈش ئاللاھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، بۇ ئىش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ. مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ۋەزىپەم ئاللاھ ماڭا نازىل قىلغان ۋەھىينى يەتكۈزۈش. مەن بۇ ۋەزىپەمنى ئادا قىلدىم، ئادا قىلىۋاتىمەن». ئى مۇئمىنلار! بۇ مۇشرىكلار مۆجىزە كەلسىمۇ ئىمان كەلتۈرمەيدۇ، سىلەر بۇنى بىلمەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَنُقَلِّبُ أَفْئِدَتَهُمْ وَأَبْصَارَهُمْ كَمَا لَمْ يُؤْمِنُوا بِهِ أَوَّلَ مَرَّةٍ وَنَذَرُهُمْ فِي طُغْيَانِهِمْ يَعْمَهُونَ
ئۇلارنىڭ دىللىرىنى، كۆزلىرىنى ھەق (نى چۈشىنىش ۋە كۆرۈش) تىن بۇرىۋېتىمىز، ئۇلار دەسلەپتە مۆجىزىلەرگە ئىشەنمىگىنىدەك (يەنە ئىشەنمەيدۇ)، ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇۋېتىمىز — مۇھەممەد سالىھ
(ھەقنى ئىنكار قىلغانلىقىدىن) ئۇلارنىڭ دىللىرىنى، كۆزلىرىنى پەردىلەپ، ئۇلارنى مۆجىزىلەرگە دەسلەپتە ئىشەنمىگەندەك ھالەتكە كەلتۈرىمىز-دە، ئۆز گۇمراھلىقىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇۋېتىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ۋە كۆزلىرىنى بۇرىۋېتىمىز. ئۇلار دەسلەپتە ئىشەنمىگىنىدەك يەنە ئىشەنمەيدۇ. بىز ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئازغۇنلۇقلىرى ئىچىدە تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ. — ئەنەس ئالىم
سىلەر شۇنىمۇ بىلمەيسىلەركى، ئۇلارنىڭ تەرسالىقى، تەقلىدچىلىكى ۋە ھەقكە ئىنتىلمەسلىكى سەۋەبلىك، ئۇلارغا ئۆزلىرى تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەر كەلگەندە بىز ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ۋە كۆزلىرىنى بۇرىۋېتىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھازىر قۇرئان ئايەتلىرىگە ئىشەنمىگەندەك، مۆجىزىلەر كەلگەندە ئۇلارغىمۇ ئىشەنمەيدۇ، چۈنكى ئەقلىي مۆجىزىگە قايىل بولمىغان كىشى ماددىي مۆجىزىگىمۇ قايىل بولمايدۇ. بىز ئۇلارنى كۇفرىلىق قىلىش ۋە ھەددىدىن ئېشىشلىرىدا تېڭىرقىغان ھالەتلىرىدە قويۇۋېتىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 111-ئايەت) پەرىشتىلەر ئىلاھىي ئىرادە كاپىرلىق ھەقنى ئىنكار قىلىش پەيغەمبەر مۆجىزىلىرىوَلَوْ أَنَّنَا نَزَّلْنَا إِلَيْهِمُ الْمَلَائِكَةَ وَكَلَّمَهُمُ الْمَوْتَىٰ وَحَشَرْنَا عَلَيْهِمْ كُلَّ شَيْءٍ قُبُلًا مَا كَانُوا لِيُؤْمِنُوا إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ يَجْهَلُونَ
ئۇلارغا (يەنى كۇففارلارغا) پەرىشتىلەرنى چۈشۈرگەن، ئۆلۈكلەرنى ئۇلار بىلەن سۆزلەشتۈرگەن، بىز ھەممە نەرسىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا يىغىپ بەرگەن (يەنى ئۇلارنىڭ يۇقىرىقى تەلەپلىرىنى ئورۇنلىغان) تەقدىردىمۇ، ئاللاھ خالىمىغىچە ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) ئۇقمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بىز ئۇلارغا (يەنى كافىرلارغا ئۆزلىرى تەلەپ قىلغاندەك) پەرىشتىلەرنى چۈشۈرگەن، ئۆلۈكلەرنى ئۇلار بىلەن سۆزلەشتۈرگەن، بىز ھەممە نەرسىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا يىغىپ بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئاللاھ ئىرادە قىلمىغۇچە، ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ. لېكىن، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى بۇنى ئۇقمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر بىز ئۇلارغا پەرىشتىلەرنى چۈشۈرگەن بولساق، ئۆلۈكلەر ئۇلارغا گەپ قىلغان بولسا ۋە ھەر نەرسىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا توپ - توپ ھالەتتە يىغقان بولساق، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئىمان ئېيتمايتتى، پەقەت ئۇلار ئاللاھ خالىغان تەقدىردە ئىمان ئېيتىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى جاھىللىق قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! «بىزگە بىرەر مۆجىزە كەلسە چوقۇم ئىشىنىمىز» دەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن قەسەم قىلغان ئادەملەر ھەقىقەتەن كاززاپ ئادەملەردۇر. ناۋادا بىز ئۇلارغا پەرىشتىلەرنى چۈشۈرسەك، ئۇلار پەرىشتىلەرنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرسە، ئۆلۈكلەر تىرىلىپ كېلىپ ئۇلارغا گەپ قىلسا ۋە بىز بارلىق نەرسىلەرنى يىغىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسەك ۋە ھەر بىرى ئۇلارغا ھەقنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئېيتسا، ئۇلار پۈتۈن بۇ مۆجىزىلەرنى كۆرسىمۇ يەنىلا ئىمان ئېيتمايدۇ. ئۇلار پەقەت ئاللاھ خالىغاندىلا ئىمان ئېيتىدۇ، چۈنكى ئىمان ئېيتىش مۆجىزىنىڭ كېلىشىگە ئەمەس، ئەكسىچە ئاللاھنىڭ خالىشىغا باغلىق. ئىمان ئېيتىشنى ئاللاھنىڭ خالىشى ئۈچۈن تەرسالىقنى ۋە تەقلىدچىلىكنى تاشلاپ ھەقنى ئىزدەش، ھەقكە ئىنتىلىش، دەلىلگە قايىل بولۇش ۋە ئاللاھتىن ئەيمىنىش شەرت. يۇقىرىدىكى شەكىلدە قەسەم قىلغان مۇشرىكلار ھەقنى چۈشىنىش ۋە كۆرۈشتىن تامامەن قول ئۈزۈپ، كۇفرىلىق، تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىكتە ئەزۋەيلەپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىمان كەلتۈرمەسلىكىگە بىرەر مۆجىزە كەلمىگەنلىكىنى باھانە قىلىپ ئەقىلسىزلىق قىلىۋاتىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلارغا ھەر جەھەتتىن مۆجىزە بولغان قۇرئان تەسىر قىلمايدۇ. ئۇلار كۇفرىلىقتىن يانمىغۇچە، تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىك خۇيىنى تۈزەتمىگىچە بىر مۆجىزە تۈگۈل مىڭلارچە مۆجىزە كۆرسىمۇ ئىشەنمەيدۇ. ئاللاھ تائالا 109 ~ 111 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارنىڭ ئىنكارى، باھانىسى ۋە تەرسالىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، 112 - 113 - ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ ۋە مۇشرىكلارنىڭ مەزكۇر سەلبىي پوزىتسىيەسىگە قارشى قىلىشى كېرەك بولغان ئىشنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 112-ئايەت) جىن ئىلاھىي ئىرادە سەۋرچانلىق شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى پەيغەمبەرلەرنىڭ سىناقلىرىوَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَا لِكُلِّ نَبِيٍّ عَدُوًّا شَيَاطِينَ الْإِنْسِ وَالْجِنِّ يُوحِي بَعْضُهُمْ إِلَىٰ بَعْضٍ زُخْرُفَ الْقَوْلِ غُرُورًا ۚ وَلَوْ شَاءَ رَبُّكَ مَا فَعَلُوهُ ۖ فَذَرْهُمْ وَمَا يَفْتَرُونَ
شۇنىڭدەك (يەنى بۇ مۇشرىكلارنى ساڭا دۈشمەن قىلغاندەك) ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى ھەر بىر پەيغەمبەرگە دۈشمەن قىلدۇق، ئۇلار ئالداش ئۈچۈن شېرىن سۆزلەر بىلەن بىر ـ بىرىگە ۋەسۋەسە قىلىدۇ، ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا، ئۇلار بۇ ئىشنى (يەنى پەيغەمبەرلەرگە دۈشمەنلىكنى) قىلمايتتى، ئۇلارنى ئۆزلىرى تۈزگەن ھىيلە ـ مىكىرلىرى بىلەن قويۇپ بەرگىن (ئاللاھ ساڭا ئۇلارغا قارشى ياردەم بېرىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
بىز ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى ھەر بىر پەيغەمبەرگە مۇشۇنداق دۈشمەن قىلدۇق، ئۇلار شېرىن-شېكەر سۆزلەر بىلەن بىر ـ بىرىنى گوللاپ شەپە بېرىشىدۇ، ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا، ئۇلار بۇنداق قىلمايتتى، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئويدۇرما سۆزلىرىگە قويۇپ بەرگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭدەك، بىز ھەر نەبىيگە ئىنسانلارنىڭ ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى دۈشمەن قىلدۇق. ئۇلار ئالداش ئۈچۈن بىر - بىرلىرىگە شېرىن سۆزلەرنى پىسىلدايدۇ. ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، ئۇلار ئۇنى قىلالمايتتى. ئۇنداقتا ئۇلارنى ئويدۇرغان بوھتانلىرى بىلەن قويۇۋەتكىن. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارنىڭ بۇ دۈشمەنلىكىگە خاپا بولۇپ كەتمىگىن، چۈنكى سەن پەيغەمبەرلەردىن بىرىسەن. بىز پەيغەمبەرلەرنى سىناش ئۈچۈن ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى دۈشمەن قىلدۇق. ئۇ شەيتانلار بىر - بىرىگە ياغلىما گەپ ۋە شېرىن سۆزلەرنى مەخپىي ئۇقتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىتى توغرا يولدىكىلەرنى ئالداپ يولدىن چىقىرىش، توغرا يولغا كىرمەكچى بولغانلارنى يولدىن توسۇش ۋە باتىل يولدىكىلەرنى ئالداپ باتىلدا مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 113-ئايەت) كاپىرلىق قەلبلەرنىڭ پېچەتلىنىش غەپلەت دىللاردىكى كېسەللىك ھاياتقا ھېرىسمەنلىكوَلِتَصْغَىٰ إِلَيْهِ أَفْئِدَةُ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ وَلِيَرْضَوْهُ وَلِيَقْتَرِفُوا مَا هُمْ مُقْتَرِفُونَ
ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دىللىرى ئۇلارنىڭ شېرىن سۆزلىرىگە مايىل بولسۇن، ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسۇن ۋە ئۇلار قىلىۋاتقان گۇناھلارنى بۇلارمۇ قىلسۇن، دەپ ۋەسۋەسە قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دىللىرى ئۇ شېرىن-شېكەر سۆزلەرگە مايىل بولسۇن، ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسۇن ۋە قىلىۋاتقان گۇناھلىرىنى قىلىۋەرسۇن (ئاخىرى ئۇلار ئازابقا دۇچار بولىدۇ) — تەرجىمە ھەيئىتى
ھەمدە ئۇلار ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭ كۆڭۈللىرى ئۇ شېرىن سۆزلەرگە مايىل بولسۇن، ئۇلار ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسۇن ۋە قىلىۋاتقان گۇناھلارنى قىلىۋەرسۇن دەپ شۇنداق پىسىلدايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، ئۇلار ئۇنداق قىلالمايتتى، چۈنكى رەببىڭ ئۆز خاھىشى ۋە ھېكمىتى بىلەن ئىنسانلارنى ۋە جىنلارنى ھەقنى ۋە ياخشىلىقنى، ياكى باتىلنى ۋە يامانلىقىنى قوبۇل قىلىش قابىلىيىتىدە ياراتقان ۋە ئۇلارغا خالىغىنىنى تاللاش ئەركىنلىكى بەرگەن. مۇشرىكلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن بۇ قابىلىيەت ۋە ئەركىنلىكنى باتىل ۋە يامانلىق ئۈچۈن ئىشلەتتى. شۇڭلاشقا ئۇلارنى ئۆزلىرى ئويدۇرغان باتىل ئېتىقاد ۋە قەبىھ ئىشلىرى بىلەن قويۇۋەتكىن، خالىغىنىغا چوقۇنسۇن، خالىغىنىنى قىلسۇن، دوزاخ ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرماقتا. شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ مەزكۇر (پەردازلىق) گەپلەرنى بىر - بىرىگە مەخپىي ئۇقتۇرۇشتىن يەنە بىر مەقسىتى، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ كۆڭلى ئۇ گەپلەرگە مايىل بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇ گەپلەرگە ئالدىنىپ يامان ئىشلارنى قىلىشىدۇر. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ يەردىكى «ئىنسانلارنىڭ ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرى»نى باشقا بىر ئايەتتە «گۇناھكارلار» دەپ بايان قىلىدۇ ۋە مەخسۇس بىر سۈرىدە ئۇلارنىڭ ھىيلە - نەيرەڭلىرىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا 109 ~ 113 - ئايەتلەردە مۇشرىكلارنىڭ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشىنىش ئۈچۈن بىرەر مۆجىزە تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئۇلارغا مۆجىزە كەلتۈرۈشنىڭ پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلدۈرىدۇ. 114 ~ 117 - ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا رەددىيە بېرىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىدۇ، تەسەللىي بېرىدۇ، ئۇنى كۆپچىلىككە ئەگىشىشتىن توسىدۇ ۋە ئەكسى تەقدىردە زىيان تارتىدىغانلىقىنى سەمىگە سالىدۇ، ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، ھىدايەت تاپقانلارغا بېشارەت بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 114-ئايەت) قۇرئاننىڭ مەنبە قىلىنىشى مۇقەددەس كىتابلار شەكسىز ئىتىقاد كىتاب ئەھلى قۇرئاننىڭ ئىلاھىي مەنبەسىأَفَغَيْرَ اللَّهِ أَبْتَغِي حَكَمًا وَهُوَ الَّذِي أَنْزَلَ إِلَيْكُمُ الْكِتَابَ مُفَصَّلًا ۚ وَالَّذِينَ آتَيْنَاهُمُ الْكِتَابَ يَعْلَمُونَ أَنَّهُ مُنَزَّلٌ مِنْ رَبِّكَ بِالْحَقِّ ۖ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْمُمْتَرِينَ
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرگە روشەن كىتاب نازىل قىلغان تۇرسا، (ئارىمىزدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىش ئۈچۈن) ئاللاھتىن غەيرىي ھۆكۈم قىلغۇچىنى تەلەپ قىلامدىم؟» بىز كىتاب ئاتا قىلغانلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ ئۆلىمالىرى) ئۇنىڭ (يەنى قۇرئاننىڭ) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەق كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، سەن ھەرگىزمۇ شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) «ئاللاھ سىلەرگە روشەن كىتاب نازىل قىلغان تۇرسا، مەن ئاللاھتىن باشقا ھۆكۈم قىلغۇچىنى ئىزدەمدىمەن؟» (دېگىن). بىز كىتاب ئاتا قىلغانلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ ئۆلىمالىرى) قۇرئاننىڭ پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەق كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، سەن ھەرگىزمۇ شەك كەلتۈرگۈچىلەردىن بولمىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھتىن باشقا ھۆكۈم قىلغۇچى ئىزدەمدىمەن؟ ئاللاھ، تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابنى سىلەرگە نازىل قىلغان زات تۇرسا». بىز كىتاب بەرگەنلەر قۇرئاننىڭ رەببىڭ تەرىپىدىن ھەق بىلەن نازىل قىلىنغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇنداقتا ھەرگىزمۇ شۈبھىلەنگۈچىلەردىن بولمىغىن! — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سەندىن مۆجىزە تەلەپ قىلغان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە، ئاللاھ تائالا بۇ روشەن كىتابنى (قۇرئاننى) ھەر جەھەتتىن مۆجىزە قىلىپ ماڭا نازىل قىلىش ۋە بۇ كىتابتا سىلەرنى ماڭا ئىشىنىشكە بۇيرۇش بىلەن ھۆكۈم قىلدى. سىلەر تەرسالىق قىلىپ مەندىن پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بۇ كىتابتىن باشقا مۆجىزە كەلتۈرۈشۈمنى تەلەپ قىلىۋاتىسىلەر. مۆجىزە كەلتۈرۈش ئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىدە بولۇپ، ئاللاھتىن غەيرىي قادىر بولىدىغان ئىش ئەمەس. ئاللاھ تائالا ئەنە شۇ دەلىل بىلەن مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە ھۆكۈم قىلغان تۇرسا، ئەمدى مەن سىلەرنى قايىل قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلىكىم توغرىسىدا ئاللاھ تائالادىن باشقا ھۆكۈم قىلغۇچى تەلەپ قىلامدىم؟». ئى مۇھەممەد! بىز كىتاب بەرگەن كىشىلەر قۇرئاننىڭ، رەببىڭ تەرىپىدىن ھەق بىلەن نازىل قىلىنغانلىقىنى بىلىدۇ، بۇمۇ سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنىڭ باشقا بىر دەلىلى. شۇڭلاشقا سېنىڭ غالىب كېلىدىغانلىقىڭ ۋە مۇشرىكلارنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھەرگىزمۇ شۈبھىلەنگۈچىلەردىن بولمىغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 115-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرۇشى ئاللاھنىڭ ئادالىتى ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى ھەق قۇرئاننىڭ قوغدىلىشىوَتَمَّتْ كَلِمَتُ رَبِّكَ صِدْقًا وَعَدْلًا ۚ لَا مُبَدِّلَ لِكَلِمَاتِهِ ۚ وَهُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
پەرۋەردىگارىڭنىڭ سۆزى ناھايىتى راستتۇر ، ناھايىتى توغرىدۇر، ئۇنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ھېچ كىشى يوقتۇر. ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
پەرۋەردىگارىڭنىڭ سۆزى ناھايىتى راستتۇر، ناھايىتى توغرىدۇر، ئۇنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ھېچ كىشى يوقتۇر. ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
رەببىڭنىڭ سۆزى توغرا ۋە ئادىل رەۋىشتە ئەمەلگە ئاشتى[14]. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئۇ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! رەببىڭنىڭ ئۆز ئەلچىلىرىگە ۋە مۇئمىنلارغا نۇسرەت بېرىش توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزى توغرا ۋە ئادىل رەۋىشتە ئەمەلگە ئاشتى. رەببىڭنىڭ ساڭا نۇسرەت بېرىش توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزىمۇ توغرا ۋە ئادىل رەۋىشتە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇڭا مەيۈسلەنمىگىن، ئاقىۋەتتە سەن غالىب كېلىسەن، دۈشمەنلىرىڭ مەغلۇپ بولىدۇ، چۈنكى رەببىڭنىڭ سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىغان ھېچكىم ۋە ھېچ نەرسە يوق. رەببىڭ ھەر سۆزنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ھەر ئىشنى بىلىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر كىشى سۆز - ھەرىكىتىگە دىققەت قىلسۇن! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 116-ئايەت) قارىغۇلارچە ئەگىشىش ھەقنى ئىنكار قىلىش باتىل ئاللاھنىڭ ھىدايىتى ئازغۇنلۇقوَإِنْ تُطِعْ أَكْثَرَ مَنْ فِي الْأَرْضِ يُضِلُّوكَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ ۚ إِنْ يَتَّبِعُونَ إِلَّا الظَّنَّ وَإِنْ هُمْ إِلَّا يَخْرُصُونَ
ئەگەر سەن يەر يۈزىدىكى كۆپچىلىك كىشىلەر (يەنى كۇففارلار) گە ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ، ئۇلار پەقەت يالغاننىلا سۆزلەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر سەن يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىگە (يەنى كافىرلارغا) ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ؛ ئۇلار خىيالىي پەرەزگىلا ئەگىشىدۇ، يالغانلا سۆزلەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئەگەر زېمىندىكى كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكىگە ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىۋېتىدۇ. ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ. ئۇلار پەقەت بىلجىرلايدۇ. — ئەنەس ئالىم
(116-117) ئى مۇھەممەد! شۇنى بىلگىنكى، ناۋادا يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىكىگە ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئاداشتۇرىدۇ. چۈنكى كۆپچىلىك ئىلىم ۋە ئاڭ بىلەن ئەمەس، گۇمان ۋە تەخمىن بىلەن ئىش قىلىدۇ. كىمنىڭ توغرا يولدىن ئازغان، كىمنىڭ توغرا يولغا كىرگەنلىكىنى رەببىڭ ئوبدان بىلىدۇ، شۇڭلاشقا سەن كۆپچىلىككە ئەمەس، رەببىڭ ئاتا قىلغان ئىلىمگە بويسۇنغىن. ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرى نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ، شۇنداقلا ئاللاھقا تۆھمەت قىلىپ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ بەزىلىرىنى ھارام دەپ قارايتتى، بەزىلىرىنى بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى، بەزىلىرىنى بوغۇزلىغاندا بۇتلىرىنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلاتتى. شۇنىڭدەك، ئۇ مۇشرىكلار مۇئمىنلارغا، «سىلەر ئۆزۈڭلار ئۆلتۈرگەن ھايۋانلارنى، ئوۋچى ئىت ۋە قۇشلار ئۆلتۈرگەن ھايۋانلارنى يەيسىلەر، ئاللاھ ئۆلتۈرگەن (ئۆزى ئۆلۈپ قالغان) ھايۋاننى يېمەيسىلەر» دەپ ئۇلارنى ئۆز خىياللىرىچە ئەيىبلەيتتى. مۇئمىنلار بولسا، ئۇ مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىپ بوغۇزلىغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن يېيىشنى يامان كۆرەتتى ۋە بەزىدە ئۇلارنىڭ ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان توغرىسىدا ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ تەسىرىدە قالاتتى. ئاللاھ تائالا 117 - ئايەتتە ئۆزىنىڭ، توغرا يولدىن ئازغانلارنىمۇ، توغرا يولغا كەلگەنلەرنىمۇ ئوبدان بىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، 118 ~ 121 - ئايەتلەردە توغرا يولدىكىلەرنىڭ (مۇئمىنلارنىڭ)، ھالال ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىن ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغانلىرىنىڭ گۆشلىرىدىن يېسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈىدۇ. ھارام قىلىنغان ھايۋانلارنى تەپسىلىي بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان كىشىنىڭ ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانماستىن باشقىلارنى يولدىن ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭلاشقا مۇئمىنلارنىڭ دىققەت قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئاشكارا - يوشۇرۇن بارلىق گۇناھلارنى تەرك ئېتىشكە بۇيرۇيدۇ. ئاللاھنىڭ ئىسمى ئەمەس، ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننىڭ گۆشلىرىدىن يېيىشتىن توسىدۇ، يېگەن تەقدىردە تارتىدىغان زىيانلىرىنى ئەسلىتىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ مَنْ يَضِلُّ عَنْ سَبِيلِهِ ۖ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ
(ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ھەقىقەتەن ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يول تاپقانلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ھەقىقەتەن ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يول تاپقانلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يولغا كەلگۈچىلەرنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
فَكُلُوا مِمَّا ذُكِرَ اسْمُ اللَّهِ عَلَيْهِ إِنْ كُنْتُمْ بِآيَاتِهِ مُؤْمِنِينَ
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرگۈچى بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى يەڭلار — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرگۈچى بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يەڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن يەڭلار، ئەگەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرگۈچى كىشىلەر بولساڭلار. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشەنگۈچى كىشىلەر بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن يەڭلار. سىلەرگە ئادەتتىكى ئەھۋالدا ھارام قىلىنغان، لېكىن قىيىن ئەھۋالدا قالغان چېغىڭلاردا جېنىڭلارنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن مۇباھ (يېيىشكە رۇخسەت) قىلىنغان ھايۋانلار ئېنىق بايان قىلىنغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋان زىكىر قىلىنمىغان تۇرسا، ئاللاھنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننىڭ گۆشىدىن نېمىشقا يېمەيسىلەر؟! بىلىڭلاركى، ئىنسانلارنىڭ تولىسى نەپسى خاھىشى بويىچە ھالالنى ھارام، ھارامنى ھالال دەپ باشقىلارنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ، شۇنداقلا ھەددىدىن ئېشىۋاتىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى بىلىپ تۇرىدۇ ۋە ۋاقتى كەلگەندە ھېسابىنى ئالىدۇ. شۇڭلاشقا سىلەر ھالال - ھارامدا ئۇلارنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرىگە ئەمەس، ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەرگە ئاساسلىنىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا لَكُمْ أَلَّا تَأْكُلُوا مِمَّا ذُكِرَ اسْمُ اللَّهِ عَلَيْهِ وَقَدْ فَصَّلَ لَكُمْ مَا حَرَّمَ عَلَيْكُمْ إِلَّا مَا اضْطُرِرْتُمْ إِلَيْهِ ۗ وَإِنَّ كَثِيرًا لَيُضِلُّونَ بِأَهْوَائِهِمْ بِغَيْرِ عِلْمٍ ۗ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِالْمُعْتَدِينَ
زۆرۈرىيەت بولمىغىچە يېيىش ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى ئاللاھ سىلەرگە ئوچۇق بايان قىلغان تۇرسا، ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى نېمىشقا يېمەيسىلەر؟ نۇرغۇن كىشىلەر نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ، بىلمەستىن، (باشقىلارنى) ھەقىقەتەن ئازدۇرىدۇ، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ (شەرئى دەلىلسىز ھالال، ھارام دەپ) ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
زۆرۈرىيەت بولمىغۇچە يېيىش ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى ئاللاھ سىلەرگە ئوچۇق بايان قىلغان تۇرسا، ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى نېمىشقا يېمەيسىلەر؟ نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز خاھىشىغا ئەگىشىپ، ئۆزىمۇ سەزمەي، (باشقىلارنى) توغرا يولدىن ئازدۇرىدۇ، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ (شەرىئەت دەلىلىگە ئاساسلانماي ھالال، ھارام دەپ ھۆكۈم چىقىرىپ) ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
سىلەرگە نېمە بولدىكىن، ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن يېمەيسىلەر؟ ھالبۇكى، ئاللاھ سىلەرگە ھارام قىلغان نەرسىلەرنى، ئۆزى سىلەر ئۈچۈن تەپسىلىي بايان قىلغان تۇرسا. لېكىن سىلەر چارىسىزلىقتىن يېيىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان نەرسە ئۇنىڭدىن مۇستەسنا. شۈبھىسىزكى، نۇرغۇن كىشىلەر نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ، بىلمەستىن باشقىلارنى ئازدۇرىدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
(119-120) ئى مۇئمىنلار! شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى: تەقۋادارلىق شەرىئەتتە رۇخسەت قىلىنغان ئىشنى تەرك ئېتىش بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن گۇناھلارنى تەرك ئېتىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ سەۋەبتىن سىلەر دىل بىلەن قىلىنىدىغان ۋە ئادەم كۆرمەيدىغان خالىي جايلاردا قىلىنىدىغان مەخپىي گۇناھلارنى، پۇت - قول ئەزالار بىلەن قىلىنىدىغان ۋە ئادەم كۆرىدىغان جايلاردا قىلىنىدىغان ئاشكارا گۇناھلارنى تەرك ئېتىڭلار، بولمىسا جازالىنىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَذَرُوا ظَاهِرَ الْإِثْمِ وَبَاطِنَهُ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَكْسِبُونَ الْإِثْمَ سَيُجْزَوْنَ بِمَا كَانُوا يَقْتَرِفُونَ
ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن گۇناھلارنى تەرك ئېتىڭلار، شۈبھىسىزكى، گۇناھ قىلغۇچىلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (ئاخىرەتتە) جازاغا تارتىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن گۇناھلارنى تەرك ئېتىڭلار، شۈبھىسىزكى، گۇناھ قىلغۇچىلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (ئاخىرەتتە) جازاغا تارتىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
گۇناھنىڭ ئاشكارىسىنىمۇ، مەخپىيسىنىمۇ تەرك ئېتىڭلار. شۈبھىسىزكى، گۇناھ قىلغۇچىلارغا يېقىندا قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَلَا تَأْكُلُوا مِمَّا لَمْ يُذْكَرِ اسْمُ اللَّهِ عَلَيْهِ وَإِنَّهُ لَفِسْقٌ ۗ وَإِنَّ الشَّيَاطِينَ لَيُوحُونَ إِلَىٰ أَوْلِيَائِهِمْ لِيُجَادِلُوكُمْ ۖ وَإِنْ أَطَعْتُمُوهُمْ إِنَّكُمْ لَمُشْرِكُونَ
(ئى مۆمىنلەر!) ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلماي بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى يېمەڭلار، ئۇنى يېيىش ئەلۋەتتە گۇناھتۇر. شۈبھىسىزكى، شەيتانلار ئۆز دوستلىرىنى (يەنى مۇشرىكلارنى) سىلەر بىلەن دەتالاش قىلىشقا ۋەسۋەسە قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، سىلەر چوقۇم مۇشرىك بولۇپ قالىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۆمىنلەر!) ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلماي بوغۇزلانغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېمەڭلار، ئۇنى يېيىش ئەلۋەتتە گۇناھتۇر. شۈبھىسىزكى، شەيتانلار ئۆز دوستلىرى (يەنى مۇشرىكلار) نى سىلەر بىلەن دەتالاش قىلىشقا قۇترىتىدۇ، ئەگەر ئۇلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، سىلەر چوقۇم مۇشرىك بولۇپ قالىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلماي بوغۇزلانغان ھايۋاننىڭ گۆشىدىن، ئۇ ھايۋان فىسق[15] بولغان ئەھۋالدا يېمەڭلار. شەيتانلار ئۆز دوستلىرىغا سىلەر بىلەن دەتالاش قىلىشلىرى ئۈچۈن ۋەسۋەسە قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، چوقۇم مۇشرىك بولۇپ كېتىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
جۈملىدىن ئاللاھنىڭ ئىسمى ئەمەس، بىرەر بۇتنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن يېمەڭلار، يەنى مۇشرىكلار بۇتلىرىغا قۇربانلىق قىلغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن يېمەڭلار. ئاگاھ بولۇڭلاركى، جىنلارنىڭ شەيتانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان دوستلىرىغا سىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىشنى ۋەسۋەسە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىنسان شەيتانلار سىلەرگە ھەر تۈرلۈك يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى ئېيتىدۇ، سىلەرگە ھالالنى ھارام، ھارامنى ھالال دېگۈزۈپ ئۆزلىرىگە ئەگەشتۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. ناۋادا ئۇ شەيتانلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، يەنى ئۇلارغا ئەگىشىپ بۇتقا قۇربانلىق قىلىنغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن يېسەڭلار ياكى ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى ھالال دەپ قارىساڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا ئوخشاشلا مۇشرىك بولۇپ كېتىسىلەر. ئەسكەرتىش: بۇ ئايەتتىكى «فىسق»، ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋان دېگەن بولىدۇ. چۈنكى بۇ «فىسق»نى مۇشۇ سۈرىنىڭ 145 - ئايىتىدىكى «فىسق» كەلىمىسى تەپسىر قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئالدىنقى ئايەتتە شەيتانلارنىڭ دوستلىرى بولغان مۇشرىكلارنىڭ، شەيتانلارنىڭ دۈشمەنلىرى بولغان مۇئمىنلارنى يولدىن چىقىرىپ ئۆزلىرىگە ئوخشاش مۇشرىك قىلىش ئۈچۈن دەتالاش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 122 ~ 124 - ئايەتلەردە مۇئمىننى ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە ئىلاھىي نۇر بىلەن ماڭىدىغان تىرىك ئادەمگە، مۇشرىكنى قاراڭغۇلۇقلاردا قېلىپ يورۇقلۇققا چىقالمايۋاتقان ئادەمگە ئوخشىتىپ چۈشەندۈرىدۇ؛ مەككىنىڭ چوڭ گۇناھكارلىرىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دۈشمەن قىلغاندەك، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئۇلار پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن يۇرتلارنىڭ چوڭ گۇناھكارلىرىنى دۈشمەن قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ يامان ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ تەرسالىقىنى زىكىر قىلىپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 122-ئايەت) كاپىرلىق ئىمان ئاللاھنىڭ ھىدايىتى يورۇقلۇق ۋە قاراڭغۇلۇق دىللاردىكى كېسەللىكأَوَمَنْ كَانَ مَيْتًا فَأَحْيَيْنَاهُ وَجَعَلْنَا لَهُ نُورًا يَمْشِي بِهِ فِي النَّاسِ كَمَنْ مَثَلُهُ فِي الظُّلُمَاتِ لَيْسَ بِخَارِجٍ مِنْهَا ۚ كَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِلْكَافِرِينَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
ئەسلىدە ئۆلۈك (يەنى كاپىر) بولۇپ، بىز ئۇنى (يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمان بىلەن) تىرىلدۈرگەن، بىز ئۇنىڭغا كىشىلەر ئارىسىدا ھىدايەت تېپىشقا نۇر بەرگەن بىر ئادەم زۇلمەتتە (يەنى كۇفرىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا) قالغان ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغان بىر ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟ كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى — مۇھەممەد سالىھ
ئەسلىدە ئۆلۈك (يەنى كافىر) بولۇپ، بىز ئۇنى (ئىمان بىلەن) تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا كىشىلەر ئارىسىدا ھىدايەت تېپىشقا نۇر بەرگەن بىر ئادەم بىلەن زۇلمەتتە قالغان ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغان بىر ئادەم ئوخشاشمۇ؟ كافىرلارغا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆلۈك ئىكەن بىز تىرىلدۈرگەن، بىز ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا مېڭىشى ئۈچۈن نۇر بەرگەن كىشى، قاراڭغۇلۇقلارنىڭ ئىچىدە قېلىپ ئۇلاردىن ھېچ چىقالمىغان كىشى بىلەن ئوخشاشمۇ؟ كافىرلارغا ئۆز قىلمىشلىرى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى. — ئەنەس ئالىم
(122-124) ئايەتلەردە ئاللاھنىڭ ھىدايىتىنى قوبۇل قىلغان ئادەم بىلەن ئۆز كۇفرىلىقىنى داۋاملاشتۇرغان ئادەمنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقى، كۇفرىلىقىنى داۋاملاشتۇرغان ئادەمنىڭ تەرسالىقى ۋە جازاسى بىلدۈرۈلىدۇ. 125 ~ 127 - ئايەتلەردە ئاللاھ ھىدايەت قىلىشنى ئىرادە قىلغان ئادەمگە ئاتا قىلىدىغان ئىچكى ھۇزۇر بىلەن ئاللاھ ئالدۇرۇۋېتىشنى ئىرادە قىلغان ئادەمنى دۇچار قىلىدىغان روھىي ئازاب بىلدۈرۈلىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ كىمگە نېمىنى ئىرادە قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىدۇ؛ ئاللاھنىڭ توغرا يولى، ئۇ يولغا كىرگەنلەرنىڭ كىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ مۇكاپاتى بايان قىلىنىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 123-ئايەت) ئادالەتسىزلىك ئاللاھنىڭ ئادالىتى زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ھالاك قىلىنغان قەۋملەر تارىختىن ساۋاقلاروَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَا فِي كُلِّ قَرْيَةٍ أَكَابِرَ مُجْرِمِيهَا لِيَمْكُرُوا فِيهَا ۖ وَمَا يَمْكُرُونَ إِلَّا بِأَنْفُسِهِمْ وَمَا يَشْعُرُونَ
ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىشلىرى ئۈچۈن (مەككىدە قۇرەيشنىڭ چوڭلىرىنى باش گۇناھكار قىلغىنىمىزدەك)، ھەر بىر شەھەرنىڭ چوڭلىرىنى باش گۇناھكار قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن ھىيلە ـ مىكىرلىرى ئۆزلىرىگە يانىدۇ (يەنى ئۇلار شۇ ھىيلە ـ مىكىرلەرنىڭ ۋابالىغا قالىدۇ)، ئۇلار (بۇنى) سەزمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شۇنىڭدەك ھەربىر شەھەردە ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىدىغان باش گۇناھكار پەيدا قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن ھىيلە ـ مىكىرلىرى ئۆزىگە يانىدۇ، ئۇلار بۇنى سەزمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
مەككىدە قىلغىنىمىزدەك، بىز ھەر يۇرتنىڭ گۇناھكارلىرىنى كاتتىۋاشلار قىلدۇق. بۇنى ئۇلارنىڭ ئۇ يۇرتتا ھىيلە - مىكىر قىلىشلىرى ئۈچۈن قىلدۇق. ئۇلار تۇيماستىن پەقەت ئۆزلىرىگىلا ھىيلە -مىكىر قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ كاتتىباشلىرى ساڭا قىلغان يامانلىق، زۇلۇم ۋە تىل - ھاقارەتلەر سەنلا يولۇققان ئىش ئەمەس، ئەكسىچە سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرمۇ يولۇققان ئىش. بىز ئىنسانلارنى ئىمتىھان قىلىپ، ياخشىلارنى ۋە يامانلارنى بىر - بىرىدىن ئايرىش ئۈچۈن سېنىڭ دەۋرىڭدە ۋە ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋرلىرىدە گۇناھكارلارنى ئۇلار ياشىغان جايلارنىڭ كاتتىباشلىرى قىلدۇق. ئۇلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئىمكانلار بىلەن ھەر تۈرلۈك ھىيلە - مىكىرلەرنى قىلىپ ئىنسانلارنى ھەق يولدىن توسىدۇ. پەيغەمبەرلەر بولسا، پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەق يولغا دەۋەت قىلىدۇ. نەتىجىدە پەيغەمبەرلەرگە ئەگەشكەنلەر ياخشى، ئۇ چوڭ گۇناھكارلارغا ئەگەشكەنلەر يامان بولۇپ ئايرىلىدۇ. ئۇ چوڭ گۇناھكارلار ھىيلە - مىكىرلەرنى تۇيماستىن ئۆزلىرىگىلا قىلغان بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرىنى بەربات قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى جازالايدۇ، پەيغەمبەرلىرىگە نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 124-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كىبىر ئىلاھىي ھېكمەت ھەقنى ئىنكار قىلىش پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىوَإِذَا جَاءَتْهُمْ آيَةٌ قَالُوا لَنْ نُؤْمِنَ حَتَّىٰ نُؤْتَىٰ مِثْلَ مَا أُوتِيَ رُسُلُ اللَّهِ ۘ اللَّهُ أَعْلَمُ حَيْثُ يَجْعَلُ رِسَالَتَهُ ۗ سَيُصِيبُ الَّذِينَ أَجْرَمُوا صَغَارٌ عِنْدَ اللَّهِ وَعَذَابٌ شَدِيدٌ بِمَا كَانُوا يَمْكُرُونَ
ئۇلارغا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) بىرەر مۆجىزە كەلگەن چاغدا، (ئۇلار) بىزگىمۇ پەيغەمبەرلەرگە بېرىلگەن مۆجىزە بېرىلمىگۈچە (ئۇنىڭغا) ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، دەيدۇ. ئاللاھ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى قەيەرگە ئورنىتىشنى (يەنى كىمنىڭ ئۇنىڭ ئەھلى بولىدىغانلىقىنى) ئوبدان بىلىدۇ، (بۇ) گۇناھكارلار ئۆزلىرى ئىشلەتكەن ھىيلە ـ مىكىرلەر تۈپەيلىدىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا خورلۇققا ۋە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) بىرەر مۆجىزە كەلگەن چاغدا، (ئۇلار) «بىزگە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە بېرىلگەندەك مۆجىزە بېرىلمىگۈچە (ئۇنىڭغا) ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دەيدۇ. ئاللاھ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى (يەنى كىمنىڭ ئۇنىڭغا لايىق بولىدىغانلىقىنى) ئوبدان بىلىدۇ، (بۇ) گۇناھكارلار ئۆزى ئىشلەتكەن ھىيلە ـ مىكىرلەر تۈپەيلىدىن، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا خورلۇققا ۋە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۆزلىرىگە بىرەر ئايەت كەلگەن چاغدا: «بىز ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە بېرىلگەن نەرسىنىڭ ئوخشىشى بىزگىمۇ بېرىلمىگۈچە ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دېدى. ئاللاھ ئەلچىلىكنى كىمگە بېرىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. گۇناھ قىلغانلارغا يېقىندا ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا خورلۇق ۋە قاتتىق ئازاب يېتىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھىيلە -مىكىر قىلغان. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سېنىڭ دەۋرىڭدىكى بۇ كاتتىباشلارغا (مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ چوڭلىرىغا) ئايەتلەرنى يەتكۈزسەك، ئۇلار ساڭا پەيغەمبەرلىك بېرىلگەنلىكىگە ھەسەت قىلىپ: «ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە نازىل قىلىنغان ۋەھىي بىزگىمۇ نازىل قىلىنمىغىچە ھەرگىزمۇ ئىمان كەلتۈرمەيمىز» دېدى. ئاللاھ ئەلچى قىلىش ئۈچۈن كىمنى تاللايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. بۇ گۇناھكارلار ھىيلە - مىكىر ۋە ئالدامچىلىقى تۈپەيلىدىن دۇنيادا خارلىق كۆرىدۇ، ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَمَنْ يُرِدِ اللَّهُ أَنْ يَهْدِيَهُ يَشْرَحْ صَدْرَهُ لِلْإِسْلَامِ ۖ وَمَنْ يُرِدْ أَنْ يُضِلَّهُ يَجْعَلْ صَدْرَهُ ضَيِّقًا حَرَجًا كَأَنَّمَا يَصَّعَّدُ فِي السَّمَاءِ ۚ كَذَٰلِكَ يَجْعَلُ اللَّهُ الرِّجْسَ عَلَى الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ
ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ (يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمانغا كېڭەيتىپ بېرىدۇ)، ئاللاھ كىمنى ئازدۇرماقچى بولسا، ئۇ گويا ئاسمانغا چىقىۋاتقاندەك ئۇنىڭ كۆكسىنى تارايتىۋېتىدۇ. (ئىمان ئېيتىش) ئۇنىڭغا گويا ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ قىيىن تۇيۇلىدۇ، ئىمان ئېيتمىغانلارنى ئاللاھ مۇشۇنداق ئازابلايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆڭلى-كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن كېڭەيتىدۇ، ئاللاھ كىمنى گۇمراھلىقتا قالدۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆڭلى-كۆكسىنى شۇنچە تارايتىۋېتىدۇكى، ئۇنىڭ ئىچى گويا ئۇ ئاسمانغا تېز چىقىۋاتقاندەك سىقىلىدۇ. ئىمان ئېيتمىغانلارنى ئاللاھ مۇشۇنداق ئازابلايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن كېڭەيتىدۇ. كىمنى ئازدۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى تارايتىدۇ ۋە سىقىدۇ. ئۇ گويا ئاسمانغا ئۆرلەۋاتقاندەك بولىدۇ[16]. ئاللاھ پاسكىنىلىقنى ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ ئۈستىدە مانا مۇشۇنداق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ [17]. — ئەنەس ئالىم
كىمكى ئۆزىگە ئاللاھنىڭ ھىدايەت قىلىشىنى تاللاپ ئىمان كەلتۈرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ھەق بىلەن ئارام تاپتۇرىدۇ، دىلىنى ئىمان بىلەن يورۇتىدۇ، ئەقلىنى ئىلىم بىلەن كۈچەيتىدۇ ۋە ئۇ كىشىگە توغرا يولدا مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاتا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن كۆڭلى ئېچىلىدىغان، يامان ئىشلاردىن يىرگىنىدىغان بولىدۇ. كىمكى ئۆزىگە ئاللاھنىڭ ئازدۇرۇۋېتىشىنى تاللاپ ئىمان كەلتۈرمەيدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۇفۇر بىلەن بىئارام قىلىدۇ، دىلىنى شەك ۋە شۈبھىلەر بىلەن تارايتىدۇ، ئەقلىنى جاھالەت بىلەن ئاجىزلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى يامان ئىشلاردىن زوقلىنىدىغان، ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى ياقتۇرمايدىغان بولىدۇ. ئاللاھ مەينەتچىلىكنى ئىمان كەلتۈرمەيدىغانلارنىڭ ئۈستىدە ئەنە شۇنداق ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. دەرۋەقە ئاللاھ تائالا ئىنساننى يارىتىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا ياخشى - يامان ئىككى يولنى قويغان ۋە ئۇنىڭغا قايسى يولنى تاللاش توغرىسىدا ئىختىيار بەرگەن. ئۆز ئىختىيارى بىلەن ياخشى يولنى تاللىغانلارغا مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان، ئۆز ئىختىيارى بىلەن يامان يولنى تاللىغانلارنى ياردەمسىز قويىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا بىلدۈرگەن. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ يەردە تەبىئەتنىڭ بىر قانۇنىغىمۇ ئىشارەت قىلىدۇ؛ ئاسمانغا ئۆرلىگەنسېرى بېسىم تۆۋەنلىگەنلىكى ئۈچۈن نەپەس ئېلىشمۇ ئۇ نىسبەتتە قىيىنلىشىدۇ. ھەتتا 20.000 مېتىردىن ئۆتكەندە مەخسۇس نەپەس ئېلىش ئەسۋابى بولمىسا ئىنسان نەپەس ئالالماي ئۆلىدۇ. بۇ ئايەتتە مانا بۇ قانۇنغا ئىشارەت قىلغان ئۇلۇغ ئاللاھ، ئىسلامغا كىرمىگەنلەرنىڭ كۆكسىلىرى ئاسمانغا ئۆرلەۋاتقاندەك تار ۋە بىئارام بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَهَٰذَا صِرَاطُ رَبِّكَ مُسْتَقِيمًا ۗ قَدْ فَصَّلْنَا الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَذَّكَّرُونَ
بۇ (يەنى ئىسلام دىنى) پەرۋەردىگارىڭنىڭ توغرا يولىدۇر، ئىبرەت ئالىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ساڭا تەلىم بېرىلىۋاتقان بۇ يول پەرۋەردىگارىڭنىڭ توغرا يولىدۇر، ئىبرەت ئالىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
مانا بۇ رەببىڭنىڭ توغرا يولىدۇر. شۈبھىسىزكى، بىز ئويلىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم
(126-127) ئى مۇھەممەد! يۇقىرىدا بايان قىلىنغان يول رەببىڭنىڭ توغرا يولىدۇر. بىز ئايەتلەرنى، نەسىھەتنى قوبۇل قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئېنىق بايان قىلدۇق. ئۇلار ئەمەللىرى سەۋەبلىك رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا خاتىرجەملىك يۇرتى بولغان جەننەتكە ئېرىشىدۇ، رەببى ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھىمايىسىگە ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا 127 - ئايەتتە توغرا يولنى قوبۇل قىلىپ، ئۇ يولدا مۇستەھكەم تۇرغانلارغا ئاتا قىلىدىغان مۇكاپاتنى بىلدۈرىدۇ. 128 ~ 131 - ئايەتلەردە بولسا، توغرا يولنى قوبۇل قىلمىغان ۋە خاتا يولدا ئەزۋەيلىگەنلەرنى دۇچار قىلىدىغان جازانى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردىمۇ ياخشىلارغا بېشارەت، يامانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بىرلىكتە زىكىر قىلىنغان، شۇنداقلا نەسىھەت تولۇق بېرىلگەن بولىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 127-ئايەت) جەننەتنىڭ تەسۋىرى جەننەتتىكى مۇكاپاتلار ئىلاھىي مۇكاپات تەقۋادارلىق ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىلَهُمْ دَارُ السَّلَامِ عِنْدَ رَبِّهِمْ ۖ وَهُوَ وَلِيُّهُمْ بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇلارغا دارۇسسالام (يەنى جەننەت) بار، ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارغا مەدەتكاردۇر — مۇھەممەد سالىھ
پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇلارغا دارۇسسالام (يەنى جەننەت) بار، ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارغا ھامىيدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا دارۇسسالام بار[18]. ئۇلار ئەمەل قىلغانلىقى ئۈچۈن رەببى ئۇلارنىڭ ۋەلىيىسىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَيَوْمَ يَحْشُرُهُمْ جَمِيعًا يَا مَعْشَرَ الْجِنِّ قَدِ اسْتَكْثَرْتُمْ مِنَ الْإِنْسِ ۖ وَقَالَ أَوْلِيَاؤُهُمْ مِنَ الْإِنْسِ رَبَّنَا اسْتَمْتَعَ بَعْضُنَا بِبَعْضٍ وَبَلَغْنَا أَجَلَنَا الَّذِي أَجَّلْتَ لَنَا ۚ قَالَ النَّارُ مَثْوَاكُمْ خَالِدِينَ فِيهَا إِلَّا مَا شَاءَ اللَّهُ ۗ إِنَّ رَبَّكَ حَكِيمٌ عَلِيمٌ
ئاللاھ (ئىنسانلارنى، جىنلارنى ھېساب ئۈچۈن) تولۇق يىغىدىغان كۈننى ئەسلىگىن، (بۇ كۈندە ئاللاھ ئېيتىدۇكى) «ئى جىنلار جامائەسى!سىلەر نۇرغۇن ئادەملەرنى ئازدۇردۇڭلار». ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان دوستلىرى: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىز بىر ـ بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق، بىز ئەمدى سەن بەلگىلىگەن ۋاقىتقا (يەنى قىيامەت كۈنىگە) يەتتۇق» دەيدۇ، ئاللاھ: «دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ خاھىشىغا باغلىق ھالدا ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىسىلەر» دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئىنسانلارنى، جىنلارنى (ھېساب ئۈچۈن) تولۇق يىغىدىغان كۈنى: «ئى جىنلار جامائەسى! سىلەر ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئادەملەرنى ئازدۇردۇڭلار» (دەپ خىتاب قىلىدۇ). ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان دوستلىرى: «ئى رەببىمىز! بىز بىر ـ بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق، بىز ئەمدى سەن بەلگىلىگەن ۋاقىتقا (يەنى قىيامەت كۈنىگە) يەتتۇق» دەيدۇ، ئاللاھ: «دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، سىلەر ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىسىلەر، پەقەت ئاللاھ خالىغان ۋاقىتلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا» دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەھشەرگە يىغقان كۈندە: «ئى جىنلار جامائەسى! ئىنسانلاردىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردۇڭلار» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان ۋەلىيلىرى: «رەببىمىز! بىز بىر -بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق ۋە سەن بىزگە بەلگىلىگەن ئەجەلنىڭ ئاخىرىغا يەتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ: «دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، سىلەر ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىسىلەر، پەقەت ئاللاھ خالىغان ۋاقىت ئۇنىڭدىن مۇستەسنا» دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنىڭ ۋە جىنلارنىڭ ھەممىسىنى مەھشەرگاھقا يىغىدۇ ۋە گۇناھكار جىنلارغا: «ئى جىنلار گۇرۇھى! ئىنسانلاردىن بەك كۆپ كىشىلەرنى ئازدۇرۇپ ئۆزۈڭلارغا ئەگشتۈردۈڭلار» دەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئىنسان دوستلىرى ئەپسۇسلىنىپ ۋە گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ: «رەببىمىز! بىز بىر - بىرىمىزدىن مەنپەئەتلەندۇق (بىز بۇ جىنلارغا ئىتائەت قىلىپ ۋاقىتلىق مەنپەئەتكە ئېرىشتۇق، بۇلار بىزنى ئەگەشتۈرۈپ ۋەسۋەسىلىرىنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ ۋە كۆرەڭلەپ مەنپەئەتلەندى)، سەن بىزگە بەلگىلىگەن ئەجەلنى توشقۇزۇپ ھۇزۇرۇڭغا كەلدۇق يارەب!» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇلارغا: «دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، دوزاختا مەڭگۈ قالىسىلەر، ئاللاھ خالىغان ۋاقىت بۇنىڭدىن مۇستەسنا». ئى مۇھەممەد! رەببىڭ ھەر ئىشىنى، جۈملىدىن ياخشىلارنى مۇكاپاتلاش ۋە يامانلارنى جازالاشنى ئۆز ھېكمىتى ۋە ئىلمى بويىچە قىلىدۇ. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ۋە 11 - سۈرە (ھۇد)نىڭ 107 - ئايىتىدە دوزاخ ئەھلىنىڭ دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئۆزى (ئاللاھ) خالىغان ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ دوزاختا قالمايدىغانلىقىنى ئىستىسنا قىلىدۇ. بۇ ئىستىسنا ھەر ئىشنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى ۋە خاھىشىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر، يەنى بۇ ئىستىسنا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنىڭ دوزاختىن چىقىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى سەۋەبلىك جازالاش ئۈچۈن دوزاخقا تاشلىغانلىقىنى، دوزاختا مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قېلىپ ئازاب چېكىشلىرىگە ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ۋە بۇ ھۆكمىنى ئۆزگەرتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى تەكىتلەش ئۈچۈندۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە ئۇلارنىڭ دوزاختا مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالىدىغانلىقىنى، ئەسلا چىقالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَكَذَٰلِكَ نُوَلِّي بَعْضَ الظَّالِمِينَ بَعْضًا بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
شۇنىڭغا (يەنى ئىنسانلار بىلەن جىنلارنى ئۆزئارا پايدىلاندۇرغىنىمىزغا) ئوخشاش، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن زالىملارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە سېلىپ قويىمىز — مۇھەممەد سالىھ
شۇنىڭغا (يەنى ئىنسانلار بىلەن جىنلارنى ئۆزئارا پايدىلاندۇرغىنىمىزغا) ئوخشاش، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن زالىملارنى بىر-بىرىگە يېقىن قىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز زالىملارنى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىر - بىرىگە ئاشۇنداق ۋەلىي قىلىمىز. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارنىڭ ۋە جىنلارنىڭ گۇناھكارلىرىنى بىر - بىرىدىن مەنپەئەتلىنىدىغان دوستلار ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويغىنىمىزدەك، زالىملارنىمۇ قىلمىشلىرى سەۋەبلىك بىر - بىرىنىڭ دوستى قىلىپ قويىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
يَا مَعْشَرَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ أَلَمْ يَأْتِكُمْ رُسُلٌ مِنْكُمْ يَقُصُّونَ عَلَيْكُمْ آيَاتِي وَيُنْذِرُونَكُمْ لِقَاءَ يَوْمِكُمْ هَٰذَا ۚ قَالُوا شَهِدْنَا عَلَىٰ أَنْفُسِنَا ۖ وَغَرَّتْهُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا وَشَهِدُوا عَلَىٰ أَنْفُسِهِمْ أَنَّهُمْ كَانُوا كَافِرِينَ
ئاللاھ ئېيتىدۇكى، «ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى بايان قىلىپ بېرىدىغان، بۇ كۈنۈڭلاردىكى ئۇچرىشىشتىن سىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىدىمۇ؟» ئۇلار: «گۇناھلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلدۇق» دەيدۇ. ئۇلارنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن كاپىر بولغانلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
«ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى بايان قىلىپ بېرىدىغان، بۇ كۈنۈڭلاردىكى ئۇچرىشىشتىن سىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىدىمۇ؟» (دېيىلگەندە)، ئۇلار: «گۇناھلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلدۇق» دەيدۇ. ئۇلارنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىغاندۇر، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن كافىر بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا «ئى جىن ۋە ئىنسانلار جامائەسى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى سىلەرگە ئەينەن بايان قىلىدىغان ۋە سىلەرنى بۇ كۈنۈڭلارغا مۇلاقات بولۇشتىن ئاگاھلاندۇرىدىغان ئەلچىلەر كەلمىگەنمىدى؟» دېيىلىدۇ. ئۇلار: «ئەلۋەتتە كەلگەن ئىدى، گۇناھ بىزدە» دەيدۇ. ئۇلارنى دۇنيا ھاياتى ئالدىغان ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن كافىر بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنىڭ ۋە جىنلارنىڭ گۇناھكارلىرىغا: «ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار گۇرۇھلىرى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن ئەلچىلەر كېلىپ، ئايەتلىرىمنى يەتكۈزمىگەنمۇ ۋە سىلەرنى بۇ كۈنۈڭلارغا يېتىپ كېلىشىڭلاردىن ئاگاھلاندۇرمىغانمۇ؟» دەيدۇ، ئۇ گۇناھكارلار: «ئەلۋەتتە كەلگەن، بىزگە ئايەتلىرىڭنى يەتكۈزگەن ۋە بىزنى بۇ كۈندىن ئاگاھلاندۇرغان، لېكىن بىز ئۇلارنى يالغانچى دەپ نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالمىغان، ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا پەرۋا قىلمىغان» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلار بۇ دۇنيا ھاياتىنىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتلىرىگە ئالدانغان كىشىلەردۇر. شۇڭلاشقا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كافىر ئىكەنلىكىگە دائىر ئۆزلىرىنىڭ زىيىنىغا ئەنە شۇنداق گۇۋاھلىق بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 131-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئادالىتى ھالاك قىلىنغان قەۋملەر تارىختىن ساۋاقلار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە خۇش خەۋەرذَٰلِكَ أَنْ لَمْ يَكُنْ رَبُّكَ مُهْلِكَ الْقُرَىٰ بِظُلْمٍ وَأَهْلُهَا غَافِلُونَ
بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، پەرۋەردىگارىڭ شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسىنى (ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىپ ئاگاھلاندۇرماستىن) غەپلەتتىكى ۋاقىتلىرىدا زۇلۇم قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلغىنى يوق — مۇھەممەد سالىھ
بۇ پەيغەمبەر ئەۋەتىش شۇ سەۋەبتىنكى، پەرۋەردىگارىڭ شەھەر ئاھالىلىرىنى ئۇلارنىڭ كۇفرلىقى تۈپەيلىدىن غەپلەتتە تۇرغان ۋاقتىدا ھالاك قىلغان ئەمەس — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ مۇشۇنداقتۇر، چۈنكى رەببىڭ ئاھالىسى بىخەۋەر ھالەتتىكى يۇرتلارنى زۇلۇم بىلەن ھالاك قىلمايدۇ[19]. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! رەببىڭنىڭ تارىخ بويىچە جىنلارغا ۋە ئىنسانلارغا ياخشى - ياماننى بىلدۈرۈش ۋە ئۇلارنى قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەلچىلەرنى ئەۋەتىشى، ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنى «بىز بىلمىگەن ئىدۇق، ئۇقمىغان ئىدۇق، خەۋىرىمىز يوق ئىدى، ئەلچى كېلىپ چۈشەندۈرگەن بولسا ھىدايەت تاپقان بولاتتۇق» دېگەندەك ئۆزرىلەرنى بايان قىلماسلىقى ئۈچۈندۇر. چۈنكى سېنىڭ رەببىڭ ئەلچى ئەۋەتىپ ھەقنى چۈشەندۈرمەستىن ھېچكىمنى جازالىمايدۇ، ئەكسىچە ئەلچى ئەۋەتىدۇ، ئەلچى ھەقنى يەتكۈزىدۇ ۋە قارشى تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغانلارنى يامان ئاقىۋەتكە دۇچار قىلىنىشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئاندىن باتىلدا ئەزۋەيلىگەنلەرنى جازالايدۇ. 126 ~ 131 - ئايەتلەردە ئىنسانلارنىڭ ۋە جىنلارنىڭ ياخشىلىرىغا مۇكاپات، يامانلىرىغا جازا بېرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. 132 ~ 135 - ئايەتلەردە ئىنسانلار ۋە جىنلاردىن ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئەمەللىرىگە قارىتا دەرىجىلىرى بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ھېچ نەرسىگە موھتاج ئەمەسلىكى بايان قىلىنىدۇ، مۇشرىكلار ئاللاھ تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلِكُلٍّ دَرَجَاتٌ مِمَّا عَمِلُوا ۚ وَمَا رَبُّكَ بِغَافِلٍ عَمَّا يَعْمَلُونَ
(ئاخىرەتتە) ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ئەمەلىگە يارىشا دەرىجىسى بولىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن غاپىل ئەمەس — مۇھەممەد سالىھ
(ئاخىرەتتە) ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ئەمەلىگە يارىشا دەرىجىسى بولىدۇ. پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن غاپىل ئەمەستۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئەمەللىرىگە يارىشا دەرىجىلىرى بولىدۇ. رەببىڭ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرسىز ئەمەس. — ئەنەس ئالىم
ئىنسانلار ۋە جىنلاردىن ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ دەرىجىلىرى بولىدۇ: ياخشى ئەمەللەرگە جەننەتتە يۇقىرى دەرىجىلەر، يامان ئەمەللەرگە دوزاختا تۆۋەن قەۋەتلەر بېرىلىدۇ. رەببىڭ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرسىز ئەمەس، ئەكسىچە ھەر ئەمەلنى بىلىپ تۇرىدۇ، ھەر سۆزنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 133-ئايەت) ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىلاھىي ئىرادە ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرىوَرَبُّكَ الْغَنِيُّ ذُو الرَّحْمَةِ ۚ إِنْ يَشَأْ يُذْهِبْكُمْ وَيَسْتَخْلِفْ مِنْ بَعْدِكُمْ مَا يَشَاءُ كَمَا أَنْشَأَكُمْ مِنْ ذُرِّيَّةِ قَوْمٍ آخَرِينَ
پەرۋەردىگارىڭ (خالايىقتىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىبادەتلىرىدىن) بىھاجەتتۇر، رەھمەت ئىگىسىدۇر. ئەگەر ئۇ خالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىپ، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمنىڭ ئەۋلادىدىن پەيدا قىلغاندەك، سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا ئۆزى خالىغان (ئىتائەتمەن) باشقا بىر قەۋمنى قويىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
پەرۋەردىگارىڭ ھاجەتمەن ئەمەستۇر، رەھمەت ئىگىسىدۇر. ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىپ، سىلەرنى خۇددى باشقا بىر قەۋمنىڭ ئەۋلادىدىن پەيدا قىلغاندەك، سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغىمۇ ئۆزى خالىغان باشقا بىر قەۋمنى قويىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
رەببىڭ غەنىيدۇر، رەھمەت ئىگىسىدۇر. ئەگەر ئۇ خالىسا سىلەرنى ھالاك قىلىۋېتىپ، خۇددى سىلەرنى باشقا بىر قەۋمنىڭ نەسلىدىن پەيدا قىلغاندەك سىلەردىن كېيىن ئورنۇڭلارغا ئۆزى خالىغان قەۋمنى كەلتۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! رەببىڭ ھېچ نەرسىگە موھتاج ئەمەستۇر، مەرھەمەلىكتۇر. شۇڭلاشقا رەببىڭنىڭ ئىنسانلارنى ۋە جىنلارنى ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇشى، يامان ئىشلاردىن توسۇشى ئۆزى موھتاج بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر، چۈنكى رەببىڭنىڭ ئىنسانلارنىڭ ۋە جىنلارنىڭ تائەت - ئىبادىتىگە ئەسلا ئېھتىياجى يوق، لېكىن ئۇلارنىڭ رەببىڭنىڭ رەھمىتى ۋە ئىلتىپاتىغا ئېھتىياجى بار، ئۇلار ئىلاھىي رەھمەت ۋە ئىلتىپاتقا ئېرىشىشنىڭ يولىنى بىلمەيدۇ، بۇ يولنى پەقەت رەببىڭلا بىلىدۇ. ئى مۇشرىكلار! ئەگەر ئاللاھ خالىسا سىلەرنى ھالاك قىلىۋېتىپ، ئورنۇڭلارغا باشقىلارنى كەلتۈرىدۇ، ئاللاھ بۇنىڭغا ئەلۋەتتە قادىردۇر، چۈنكى ئاللاھ سىلەرنى يوقتىن ياراتقان زاتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ مَا تُوعَدُونَ لَآتٍ ۖ وَمَا أَنْتُمْ بِمُعْجِزِينَ
سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان (قىيامەت، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش قاتارلىق) ئىشلار چوقۇم مەيدانغا كېلىدۇ، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇلغان قىيامەت چوقۇم مەيدانغا كېلىدۇ، سىلەر ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
بېشىڭلارغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان نەرسە چوقۇم كېلىدۇ. سىلەر ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇشرىكلار! بىلىڭلاركى: ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن تىرىلىشىڭلار، دۇنيادىكى چېغىڭلاردا قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ ھېسابىنى ئاللاھقا بېرىشىڭلار ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن جازالىنىشىڭلار قاتارلىق ئاللاھ سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا كېلىشىنى ئېيتقان ئىشلار چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 135-ئايەت) ئادالەتسىزلىك ئاللاھنىڭ ئادالىتى زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش پەيغەمبەرگە بېرىلگەن كۆرسەتمە ئاگاھلاندۇرۇش ۋە خۇش خەۋەرقُلْ يَا قَوْمِ اعْمَلُوا عَلَىٰ مَكَانَتِكُمْ إِنِّي عَامِلٌ ۖ فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ مَنْ تَكُونُ لَهُ عَاقِبَةُ الدَّارِ ۗ إِنَّهُ لَا يُفْلِحُ الظَّالِمُونَ
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى قەۋمىم! سىلەر كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئىشلەڭلار (يەنى كۇفرىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار)، مەنمۇ چوقۇم كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئىشلەيمەن (يەنى مەنمۇ ئۆز دەۋىتىمدە چىڭ تۇرىمەن). ئاخىرەتتە كىمنىڭ ئاقىۋېتى ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىسىلەر، زالىملار ئەلۋەتتە مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ» — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى قەۋمىم! سىلەر ئۆز ئەقىدەڭلار بويىچە قىلىدىغىنىڭلارنى قىلىۋېرىڭلار، مەنمۇ قىلىدىغىنىمنى قىلىۋېرەي. ئاخىرەتتە كىمنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىسىلەر. كۇفرلىق قىلغۇچىلار ئەلۋەتتە مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى قەۋمىم! قولۇڭلاردىن كەلگەننى قىلىڭلار. مەنمۇ قىلىمەن. بۇ دۇنيا يۇرتىنىڭ ئاقىۋىتى كىمگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى يېقىندا بىلىپ قالىسىلەر. زالىملار ھەرگىزمۇ مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «مادامىكى سىلەر كۇفرىلىقتا ۋە ئاسىيلىقتا چىڭ تۇرۇشقا بەل باغلىغان ئىكەنسىلەر، ئۇنداقتا قولۇڭلاردىن كەلگەن يامانلىقلارنى قىلىڭلار. مەنمۇ ھەق يولدا قولۇمدىن كەلگەن ياخشىلىقلارنى قىلىمەن. پات يېقىندا ئاخىرەت يۇرتىنىڭ ياخشى ئاقىۋىتىگە (جەننەتكە) كىمنىڭ ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. ئېسىڭلاردا بولسۇنكى: زالىملار ئەسلا مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ. سىلەر كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق قىلىش بىلەن زالىم بولغان قەۋمسىلەر. بىز بولساق، پاك ئىمان ۋە خالىس ئىبادەت بىلەن ئادىل بولغان جامائەدۇرمىز. شۇڭلاشقا ئاخىرەتتىكى ئورنۇڭلارنى ھازىرلا كۆرۈۋالساڭلار بولىدۇ!». بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىن تارتىپ بۇ ئايەتكىچە ئاللاھنىڭ رۇبۇبىيىتىنى (بارلىق مەخلۇقاتنى ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە لازىمەتلىك نەرسىلەر بىلەن ئۇلارنى تەمىنلىگۈچى ئىكەنلىكىنى) قوبۇل قىلغان تۇرۇقلۇق، ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقىنى (ئىبادەت قىلىنىشقا يالغۇز ئاللاھنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىنى) قوبۇل قىلمىغان مۇشرىكلارنىڭ ئېتىقادى، تەرسالىقى، تەقلىدچىلىكى ۋە تەۋبە قىلمىغان تەقدىردە دۇچار قىلىنىدىغان يامان ئاقىۋەت زىكىر قىلىنىدۇ. ئۇلارغا ئاللاھنىڭ قۇدرىتى، مەرھىمىتى، ئىلمى ۋە ھېكمىتى ئەسلىتىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارغا دۇنيانىڭ ۋە ئاخىرەتنىڭ ھەقىقىتى بىلدۈرۈلىدۇ، نەسىھەت قىلىنىدۇ، ئاخىرەتتىكى ھېساب ۋە جازانىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقى سەمىگە سېلىنىدۇ. 136 - ۋە 137 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇ مۇشرىكلارنىڭ بىر قىسىم قەبىھ قىلمىشلىرى بايان قىلىنىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَجَعَلُوا لِلَّهِ مِمَّا ذَرَأَ مِنَ الْحَرْثِ وَالْأَنْعَامِ نَصِيبًا فَقَالُوا هَٰذَا لِلَّهِ بِزَعْمِهِمْ وَهَٰذَا لِشُرَكَائِنَا ۖ فَمَا كَانَ لِشُرَكَائِهِمْ فَلَا يَصِلُ إِلَى اللَّهِ ۖ وَمَا كَانَ لِلَّهِ فَهُوَ يَصِلُ إِلَىٰ شُرَكَائِهِمْ ۗ سَاءَ مَا يَحْكُمُونَ
مۇشرىكلار ئاللاھ ياراتقان ئېكىنلەردىن ۋە چاھارپايلاردىن (يەنى تۆگە، كالا، قويلاردىن) ئاللاھ ئۈچۈن بىر ھەسسە (بۇتلىرى ئۈچۈن بىر ھەسسە) ئايرىپ قويۇپ، ئۆز گۇمانلىرىچە (ھېچقانداق دەلىلسىزلا): «بۇ ئاللاھ ئۈچۈندۇر، بۇ مەبۇدلىرىمىز ئۈچۈندۇر» دېدى. بۇتلىرىنىڭ نېسىۋېسىدىن ئاللاھنىڭكىگە قوشۇشقا بولمايتتى، ئاللاھنىڭ نېسىۋېسىدىن بۇتلىرىنىڭكىگە قوشۇشقا بولاتتى (مۇشرىكلار ئاللاھقا ئاتىغان ھەسسىسىدىن بۇتلارغا ئاتىغان ھەسسىسىگە بىرەر نەرسە قوشۇلۇپ قالسا، ئۇنى بۇتلىرىنىڭ ھەسسىسى ئىچىدە قالدۇراتتى ۋە ئاللاھ باي، بۇنىڭغا موھتاج ئەمەس، دەيتتى. بۇتلىرىغا ئاتىغان ھەسسىسىدىن ئاللاھقا ئاتىغان ھەسسىسىگە بىرەر نەرسە قوشۇلۇپ قالسا، ئۇنى بۇتلىرىنىڭ ھەسسىسىگە قايتۇرۇۋېتەتتى). ئۇلارنىڭ قارارى نېمىدېگەن قەبىھ! — مۇھەممەد سالىھ
مۇشرىكلار ئاللاھ ياراتقان ئېكىنلەردىن ۋە چارۋىلاردىن ئاللاھ ئۈچۈن بىر نېسىۋە (بۇتلىرى ئۈچۈن بىر نېسىۋە) ئايرىپ قويۇپ، ئۆزلىرىچە: «بۇ ئاللاھ ئۈچۈندۇر، بۇ مەبۇدلىرىمىز ئۈچۈندۇر» دېدى. (ئۇلارنىڭ قارىشىچە) بۇتلىرىنىڭ نېسىۋېسىدىن ئاللاھنىڭكىگە قوشۇشقا بولمايتتى، ئاللاھنىڭ نېسىۋېسىدىن بۇتلىرىنىڭكىگە قوشۇشقا بولاتتى. ئۇلارنىڭ ھۆكمى نېمىدېگەن قەبىھ! — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇشرىكلار ئاللاھ ياراتقان ئېكىنلەردىن ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكىلەردىن ئاللاھ ئۈچۈن نېسىۋە ئايرىپ، ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ باتىل چۈشەنچىسى بويىچە: «بۇ ئاللاھ ئۈچۈندۇر. بۇ بىز ئاللاھقا شېرىك قىلغان شېرىكلىرىمىز ئۈچۈندۇر» دېدى[20]. ئۇلارنىڭ باتىل چۈشەنچىسى بويىچە شېرىكلىرىنىڭ نېسىۋىسى ئاللاھنىڭكىگە قوشۇلمايتتى. ئاللاھنىڭ نېسىۋىسى شېرىكلىرىنىڭكىگە قوشۇلاتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ھۆكمى نېمىدېگەن يامان![21]. — ئەنەس ئالىم
ئۇ مۇشرىكلار (ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە كافىرلىرى) ئېكىن مەھسۇلاتلىرىنى ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلىرىنى ئاللاھنىڭ ياراتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق، ئۇلاردىن بىر بۆلىكىنى مېھمان ۋە موھتاجلارغا سەرپ قىلىش ئۈچۈن ئايرىپ، «بۇ ئاللاھنىڭ نېسىۋىسى» دېدى، بۇتخانا خادىملىرىغا ۋە بۇتخانا چىقىملىرىغا سەرپ قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر بۆلىكىنى ئايرىپ، «بۇ شېرىكلىرىمىزنىڭ نېسىۋىسى» دېدى. «شېرىكلىرىنىڭ نېسىۋىسى»دىن «ئاللاھنىڭ نېسىۋىسى»گە بىرەر نەرسە قوشۇلۇپ قالسا، «ئاللاھ بۇنىڭغا موھتاج ئەمەس» دەپ ئۇنى ئېلىپ «شېرىكلىرىنىڭ نېسىۋىسى»گە قوشۇپ قوياتتى، لېكىن «ئاللاھنىڭ نېسىۋىسى»دىن بىرەر نەرسە «شېرىكلىرىنىڭ نېسىۋىسى»گە قوشۇلۇپ قالسا، «شېرىكلىرىمىز بۇنىڭغا موھتاج» دەپ ئۇنى ئالماي قوياتتى. ئۇلار بۇ ئىشنى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ باتىل ئېتىقادى بويىچە مۇشۇنداق قىلاتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ھۆكمى نېمىدېگەن يامان، قىلمىشلىرى نېمىدېگەن قەبىھ! ئەسكەرتىش: ھەر قەبىلە ئۆزىنىڭ بۇتىنى «ئاللاھنىڭ شېرىكى» دەپ ئېتىقاد قىلاتتى، شۇڭلاشقا بۇ يەردىكى «شېرىكلىرىمىز» - «بۇتلىرىمىز» دېگەن بولىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مۇشرىكلار كەبىنى تاۋاپ قىلىۋېتىپ مۇنداق دەيتتى: «خوش، مەن ئەمرىڭنى بەجا كەلتۈرۈشكە ھازىرمەن ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق، پەقەت بىرلا شېرىكىڭ بار، ئۇ شېرىكىڭنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئىلكىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئىگىسى سەندۇرسەن ئى ئاللاھ!». ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: ئۇلار «خوش، مەن ئەمرىڭنى بەجا كەلتۈرۈشكە ھازىرمەن ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق» دېگەن ۋاقىتلىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ئىسىت سىلەرگە! بۇ يەردە توختىتىڭلار، بۇ يەردە توختىتىڭلار» دەيتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 137-ئايەت) ئادالەتسىزلىك ئىلاھىي ئىرادە شېرىك شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى ھالاك قىلىنغان قەۋملەروَكَذَٰلِكَ زَيَّنَ لِكَثِيرٍ مِنَ الْمُشْرِكِينَ قَتْلَ أَوْلَادِهِمْ شُرَكَاؤُهُمْ لِيُرْدُوهُمْ وَلِيَلْبِسُوا عَلَيْهِمْ دِينَهُمْ ۖ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا فَعَلُوهُ ۖ فَذَرْهُمْ وَمَا يَفْتَرُونَ
مۇشرىكلارنىڭ شېرىكلىرى (يەنى شەيتانلار) مۇشرىكلارنى ھالاك قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ دىنىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىغا بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى، شۇنىڭدەك (يەنى ئاللاھقا ۋە بۇتلارغا ھەسسە ئايرىپ قويۇشتەك تەقسىماتنى شەيتانلارغا ۋە مۇشرىكلارغا چىرايلىق كۆرسەتكەندەك) چىرايلىق كۆرسەتتى. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلار بۇ (قەبىھ) ئىشنى قىلمايتتى، ئۇلارنى ئاللاھقا چاپلىغان يالغانلىرى بىلەن بىللە تەرك ئەت — مۇھەممەد سالىھ
مۇشرىكلارنىڭ شېرىكلىرى (يەنى شەيتانلار) مۇشرىكلارنى ھالاك قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ دىنىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، يۇقىرىقىدەك (يەنى ئاللاھقا ۋە نېسىۋە ئايرىپ قويۇشنى چىرايلىق كۆرسەتكەندەك) ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىغا بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى. ئەگەر ئاللاھ ئىرادە قىلغان بولسا ئىدى، ئۇلار بۇ (قەبىھ) ئىشنى قىلمايتتى، ئۇلارنى ئاللاھ نامىدىن توقۇغان يالغانلىرى بىلەن بىللە قويۇپ تۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭدەك، مۇشرىكلارنىڭ شېرىكلىرى مۇشرىكلارنىڭ تولىسىغا ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى چىرايلىق كۆرسەتتى. ئۇلار بۇنى مۇشرىكلارنى ھالاك قىلىش ۋە ئۇلارغا ئۆز دىنلىرىنى مۈجمەللەشتۈرۈش ئۈچۈن قىلدى[22]. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلار بۇنى قىلالمايتتى. ئۇنداقتا ئۇلارنى ئويدۇرغان بوھتانلىرى بىلەن قويۇۋەتكىن. — ئەنەس ئالىم
شۇنىڭدەك، يەنى ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بولغان شەيتانلار، مۇشرىكلارغا ئېكىنلىرىدىن ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلىرىدىن ئاللاھ ئۈچۈن بىر نېسىۋە، بۇتلىرى ئۈچۈن بىر نېسىۋە ئايرىشنى چىرايلىق كۆرسەتكەندەك، ئۇ شەيتانلار مۇشرىكلارنىڭ تولىسىغا بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى (قىزلىرىنى تىرىك كۆمۈۋېتىشنى) چىرايلىق كۆرسەتتى. ئۇ شەيتانلار بۇ ئىشنى ئىككى مەقسەت بىلەن قىلدى: بىرى ئۇ مۇشرىكلارنى ھالاك قىلىش، يەنە بىرى ئۇلارنىڭ (ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالاملاردىن كەلگەن) دىنىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ يوقىتىش. ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، يەنى ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىنى ياكى ياماننى تاللاش ئەركىنلىكى بەرمىسە ئىدى، ئۇلار بۇ قەبىھلىكلەرنى قىلمىغان بولاتتى، شۇڭلاشقا سەن ئۇلارنى ئاللاھقا چاپلىغان بۇ تۆھمەتلىرى بىلەن قويۇۋەتكىن، ئۇلار يېقىندا جازالاندۇرۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَالُوا هَٰذِهِ أَنْعَامٌ وَحَرْثٌ حِجْرٌ لَا يَطْعَمُهَا إِلَّا مَنْ نَشَاءُ بِزَعْمِهِمْ وَأَنْعَامٌ حُرِّمَتْ ظُهُورُهَا وَأَنْعَامٌ لَا يَذْكُرُونَ اسْمَ اللَّهِ عَلَيْهَا افْتِرَاءً عَلَيْهِ ۚ سَيَجْزِيهِمْ بِمَا كَانُوا يَفْتَرُونَ
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇمانىچە: «بۇ ھايۋانلار ۋە ئېكىنلەر (مەبۇدلىرىمىزغا خاس بولۇپ، باشقىلارغا) ھارامدۇر، ئۇلارنى پەقەت بىز خالىغان ئادەملەرلا يەيدۇ، بۇ ھايۋانلارنى مىنىش ھارامدۇر، بۇ ھايۋانلارنى بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىشقا بولمايدۇ» دېدى. ئۇلار ئاللاھقا يالغان چاپلىدى، ئاللاھ ئۇلارنى يالغان چاپلىغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قارىشى بويىچە، ئاللاھنىڭ ئۈستىدىن يالغاننى ئويدۇرۇپ: «بۇ ھايۋانلار ۋە ئېكىنلەر (مەبۇدلىرىمىزغا خاس ، باشقىلارغا) ھارامدۇر، ئۇلارنى پەقەت بىز خالىغان ئادەملەرلا يەيدۇ، بۇ ھايۋانلارنى مىنىش ھارامدۇر، بۇ ھايۋانلارنى بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىشقا بولمايدۇ» دېدى. ئاللاھ ئۇلارنى يالغاننى ئويدۇرغانلىقى ئۈچۈن جازالايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ باتىل چۈشەنچىسى بويىچە: «بۇ چەكلەنگەن تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە ۋە ئېكىنلەردۇر، ئۇلارنى بىز خالىغان كىشىلەرلا يېيەلەيدۇ. شۇ مىنىش ھارام قىلىنغان تۆگىلەردۇر[23]. شۇ بوغۇزلىغاندا بىسمىللاھ دېيىشكە بولمايدىغان تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردۇر» دېدى. ئۇلار بۇنى ئاللاھقا بوھتان چاپلاپ قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنى بوھتان چاپلىغانلىقى ئۈچۈن يېقىندا جازالايدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ باتىل ئېتىقاد، خاتا چۈشەنچە ۋە قەبىھ قىلمىشلىرىدىن بەزىسى شۇكى، ئۇلار: «شۇ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلىرىمىز، شۇ ئېكىن مەھسۇلاتلىرىمىز چەكلىنىدۇ، ئۇلارنى بىز خالىغان كىشىلەرلا يەيدۇ. شۇ ھايۋانلارغا مىنىش ۋە يۈك ئارتىش ھارام» دەيتتى. ئۇلار يەنە بىر قىسىم تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئەمەس، بۇتلىرىنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلاتتى. ئۇلار بۇ قىلمىشلىرىغا ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىقىنى دەۋا قىلاتتى. ئاللاھ ئۇلارغا بۇ قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقَالُوا مَا فِي بُطُونِ هَٰذِهِ الْأَنْعَامِ خَالِصَةٌ لِذُكُورِنَا وَمُحَرَّمٌ عَلَىٰ أَزْوَاجِنَا ۖ وَإِنْ يَكُنْ مَيْتَةً فَهُمْ فِيهِ شُرَكَاءُ ۚ سَيَجْزِيهِمْ وَصْفَهُمْ ۚ إِنَّهُ حَكِيمٌ عَلِيمٌ
ئۇلار: «بۇ ھايۋانلارنىڭ قورساقلىرىدىكى بالىلىرى بىزنىڭ ئەر كىشىلىرىمىزگە خاستۇر، بىزنىڭ خوتۇن كىشىلىرىمىزگە ھارامدۇر» دېدى. ئەگەر تۇغۇلغان ھايۋان ئۆلۈك بولسا، بۇ ئەر كىشىلەر بىلەن خوتۇن كىشىلەر ئارىسىدا ئورتاقتۇر (يەنى ئۇنى ھەممەيلەن تەڭ يەيدۇ) دەپ (ھالال ـ ھارامنى تەيىنلەشتى). ئاللاھقا يالغان چاپلىغانلىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى جازالايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «بۇ ھايۋانلارنىڭ قورساقلىرىدىكى بالىلىرى بىزنىڭ ئەر كىشىلىرىمىزگە خاستۇر، خوتۇن كىشىلىرىمىزگە ھارامدۇر، ئەگەر تۇغۇلغان ھايۋان ئۆلۈك بولسا، بۇ ئەر كىشىلەر بىلەن خوتۇن كىشىلەر ئارىسىدا ئورتاقتۇر (يەنى ئۇنى ھەممەيلەن تەڭ يەيدۇ) دېيىشتى. ئۇلار: «ئۇ ھالال، بۇ ھارام» دەپ ئۆزلىرىچە ھۆكۈم قىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى جازالايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «بۇ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ قورساقلىرىدىكى بالىلىرى ئەرلىرىمىزگە خاستۇر، ئاياللىرىمىزغا ھارام قىلىنغاندۇر. ئەگەر ئۇ ئۆلۈك تۇغۇلسا، ئەر - ئايال ھەممەيلەن ئۇنىڭدا ئورتاقتۇر» دېدى. ئاللاھ يېقىندا ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ يالغانچىلىقىنى مۇشۇنداق سۈپەتلىگەنلىكىنىڭ جازاسىنى بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
شۇنىڭدەك، ئۇ مۇشرىكلار مىنىشنى، يۈك ئارتىشنى ۋە ئۆلتۈرۈپ يېىشنى ھارام دەپ ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەن چىشى ھايۋانلىرىنىڭ قورساقلىرىدىكى بالىلىرىنى يېيىشنىڭ ئەرلىرىگە خاس ئىكەنلىكىنى، ئاياللىرىغا ھارام قىلىنغانلىقىنى، ناۋادا ئۆلۈك تۇغۇلسا ئەر - ئايال ھەممىسىگە ھالال قىلىنغانلىقىنى ئېيتاتتى، شۇنداقلا بۇ ھارامنى ئاللاھنىڭ بەلگىلىگەنلىكىنى دەۋا قىلاتتى. ئاللاھ يېقىندا ئۇلارغا بۇ تۆھمەتلىرىنىڭ جازاسىنى بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَدْ خَسِرَ الَّذِينَ قَتَلُوا أَوْلَادَهُمْ سَفَهًا بِغَيْرِ عِلْمٍ وَحَرَّمُوا مَا رَزَقَهُمُ اللَّهُ افْتِرَاءً عَلَى اللَّهِ ۚ قَدْ ضَلُّوا وَمَا كَانُوا مُهْتَدِينَ
ھاماقەتلىك ۋە نادانلىقلىرىدىن بالىلىرىنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئاللاھ نامىدىن يالغان ئېيتىپ، ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى ھارام بىلگەن كىشىلەر ھەقىقەتەن زىيان تارتتى، ئۇلار ھەقىقەتەن (توغرا يولدىن) ئاداشتى، ھىدايەت تاپمىدى — مۇھەممەد سالىھ
ھاماقەتلىكى ۋە نادانلىقىدىن بالىلىرىنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئاللاھ نامىدىن يالغان ئېيتىپ، ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى ھارام بىلگەن كىشىلەر ھەقىقەتەن زىيان تارتتى، ئۇلار ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئاداشتى، ھىدايەت تاپمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
بىلىمسىزلىكىدىن، ئەخمەقلىق قىلىپ بالىلىرىنى ئۆلتۈرگەنلەر ۋە ئاللاھ بەرگەن رىزىقنى ئاللاھقا بوھتان چاپلاپ ھارام قىلغانلار چوقۇم زىيان تارتتى. ئۇلار ئېزىپ كەتتى ۋە ھىدايەت تاپمىدى. — ئەنەس ئالىم
شەيتانلارغا ئەگىشىپ بالىلىرىنى ئۆلتۈرگەن (قىزلىرىنى تىرىك كۆمۈۋەتكەن)، ئاللاھ ئاتا قىلغان رىزىقنىڭ بىر قىسمىنى (ئېكىن مەھسۇلاتلىرى ۋە بىر قىسىم ھايۋانلارنى)، «ئاللاھ ئەمرى قىلدى» دېگەن تۆھمەت بىلەن ھارام دەپ قارىغانلار چوقۇم زىيان تارتتى، ئۇلار ھەقتىن بەك يىراقلاپ كەتتى ۋە توغرا يولدا بولمىدى. ئاللاھ تائالا 136 ~ 140- ئايەتلەردە ئۆز ۋاقتىدىكى مۇشرىكلارنىڭ ئېكىن مەھسۇلاتلىرىدىن ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلىرىدىن خالىغىنىنى ھارام، خالىغىنىنى ھالال دەپ قوبۇل قىلىپ، ئاندىن «بۇنىڭغا ئاللاھ بۇيرۇغان» دېگەن تۆھمەتنى توقۇپ چىققانلىقىنى ۋە ئۇلارنى يېقىندا جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 141 - ۋە 142 - ئايەتلەردە بولسا، مەزكۇر ئېكىن ۋە ھايۋانلارنى ئۆزىنىڭ ياراتقانلىقىنى ۋە ئىنسانلارغا ئۇلاردىن پايدىلىنىش ھوقۇقى بەرگەنلىكىنى، شۇڭلاشقا ئىنسانلارنىڭ ئۇ نېمەتلەردىن قانۇنلۇق ھالدا بەھرىمەن بولسا بولىدىغانلىقىنى ۋە شۈكرانىسىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىدۇ، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىشتىن توسىدۇ ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَهُوَ الَّذِي أَنْشَأَ جَنَّاتٍ مَعْرُوشَاتٍ وَغَيْرَ مَعْرُوشَاتٍ وَالنَّخْلَ وَالزَّرْعَ مُخْتَلِفًا أُكُلُهُ وَالزَّيْتُونَ وَالرُّمَّانَ مُتَشَابِهًا وَغَيْرَ مُتَشَابِهٍ ۚ كُلُوا مِنْ ثَمَرِهِ إِذَا أَثْمَرَ وَآتُوا حَقَّهُ يَوْمَ حَصَادِهِ ۖ وَلَا تُسْرِفُوا ۚ إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُسْرِفِينَ
ئاللاھ بىدىشلىك ۋە بىدىشسىز باغلارنى بەرپا قىلدى، مېۋىلىرى، دانلىرى (رەڭگى، تەمى، ھەجمى ۋە پۇرىقى) بىر ـ بىرىگە ئوخشىمايدىغان خورما دەرەخلىرىنى، زىرائەتلەرنى، (رەڭگى ۋە شەكلى) بىر ـ بىرىگە ئوخشايدىغان، (تەمى) ئوخشىمايدىغان زەيتۇن ۋە ئانارنى ياراتتى. مېۋىسى پىشقاندا، ئۇلاردىن يەڭلار، مېۋە (نىڭ ھوسۇلى) نى يىغقان كۈندە (يەنى يىغقان ۋاقىتتا)، ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ بېدىشلىك ۋە بېدىشسىز باغلارنى بەرپا قىلدى، مېۋىلىرى، دانلىرى (رەڭگى، تەمى، ھەجمى ۋە پۇرىقى) بىر ـ بىرىگە ئوخشىمايدىغان خورما دەرەخلىرىنى، زىرائەتلەرنى، (رەڭگى ۋە شەكلى) بىر ـ بىرىگە ئوخشايدىغان، (تەمى) ئوخشىمايدىغان زەيتۇن ۋە ئانارنى ياراتتى، مېۋىلىگەندە ئۇلاردىن يەڭلار، مېۋىنى يىغقان كۈندە ئۇنىڭ ھەققىنى (ئۆشرىسىنى) ئادا قىلىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، باراڭلىق ۋە باراڭسىز باغلارنى، تەمى ھەر خىل خورما ۋە ئېكىنلەرنى، بىر -بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئوخشاشمايدىغان زەيتۇنلارنى، ئانارلارنى بار قىلدى. ھەربىرى مېۋە بەرگەن چاغدا ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يەڭلار، ئۇنى يىغقان كۈنى ھەققىنى بېرىڭلار[24]، ئىسراپ قىلماڭلار. چۈنكى ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! ئاللاھ ئۆز غوللىرى بىلەن تۇرالايدىغان دەرەخلەردىن ھاسىل بولغان باغلارنى ۋە شۇڭلىرى بېدىشلەرنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغان دەرەخلەردىن ھاسىل بولغان باغلارنى، تەمى ھەر خىل خورما ۋە زىرائەتلەرنى، بەزى جەھەتتىن ئوخشىشىدىغان، بەزى جەھەتتىن ئوخشاشمايدىغان زەيتۇن ۋە ئانارلارنى يېتىشتۈردى. ئۇلارنىڭ مېۋە ۋە مەھسۇلاتلىرىدىن يەڭلار، ھوسۇلىنى يىغقان كۈنۈڭلاردا ھەر بىرىنىڭ ھەققىنى (ئۆشرىسىنى ئايرىپ تېگشلىك يەرلەرگە) بېرىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، بىلىڭلاركى: ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمِنَ الْأَنْعَامِ حَمُولَةً وَفَرْشًا ۚ كُلُوا مِمَّا رَزَقَكُمُ اللَّهُ وَلَا تَتَّبِعُوا خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ ۚ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُبِينٌ
ئاللاھ چاھارپايلارنى (يەنى تۆگە، كالا، قويلارنى)، يۈك كۆتۈرىدىغانلارنى، بوغۇزلىنىدىغانلارنى ياراتتى. ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن يەڭلار، شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرمەڭلار، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوچۇق دۈشمەندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ چارۋىلاردىن يۈك كۆتۈرىدىغانلىرىنى، ياتقۇزۇپ بوغۇزلىنىدىغانلىرىنى ياراتتى. ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن يەڭلار، شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرمەڭلار. شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوچۇق دۈشمەندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن يۈك توشۇيدىغانلارنى ۋە تۆشەك قىلىنىدىغانلارنى ياراتتى[25]. ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر. — ئەنەس ئالىم
شۇنىڭدەك، ئاللاھ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلاردىن گۆش - ياغ، سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى يەپ - ئىچكىلى بولۇش بىلەن بىرگە، مىنىشكە ۋە يۈك توشۇشقا بولىدىغانلىرىنى، يۇڭ، تىۋىت ۋە چۇپۇرلىرىدىن ھەر تۈرلۈك گىلەم ۋە كىگىز - پالاسلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدىغانلىرىنى ياراتتى. سىلەر ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ گۆش - ياغ، سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن يەپ - ئىچىڭلار. شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئۇلاردىن خالىغىنىڭلارنى ھالال، خالىغىنىڭلارنى ھارام دېمەڭلار. بىلىڭلاركى، شەيتان سىلەرنىڭ ئاشكارا دۈشمىنڭلاردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ثَمَانِيَةَ أَزْوَاجٍ ۖ مِنَ الضَّأْنِ اثْنَيْنِ وَمِنَ الْمَعْزِ اثْنَيْنِ ۗ قُلْ آلذَّكَرَيْنِ حَرَّمَ أَمِ الْأُنْثَيَيْنِ أَمَّا اشْتَمَلَتْ عَلَيْهِ أَرْحَامُ الْأُنْثَيَيْنِ ۖ نَبِّئُونِي بِعِلْمٍ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
(ئاللاھ سىلەرگە يېيىش ھالال قىلىنغان) سەككىز خىل چاھارپاينى ياراتتى: قويدىن ئىككى (قوچقار ۋە ساغلىق)، ئۆچكىدىن ئىككى (تېكە ۋە ئۇرغاچى). (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ (قوي بىلەن ئۆچكىدىن) ئىككى ئەركەكنى ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى ئىككى چىشىنىمۇ ۋە ياكى ئىككى چىشىنىڭ قورسىقىدىكى قوزا بىلەن ئوغلاقنىمۇ؟ ئەگەر (سىلەر ئاللاھ بۇلارنى بىزگە ھارام قىلدى دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، قېنى ماڭا بىلىپ ئېيتىپ بېرىڭلار!» — مۇھەممەد سالىھ
(ئاللاھ سىلەرگە يېيىش ھالال قىلىنغان) ئەركەك-چىشى سەككىز چاھارپاينى ياراتتى: قويدىن ئىككى (قوچقار ۋە ساغلىق)، ئۆچكىدىن ئىككى (تېكە ۋە ئۇرغاچى ئۆچكە). (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ (قوي بىلەن ئۆچكىدىن) ئىككى ئەركەكنى ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى ئىككى چىشىنى ۋە ياكى ئىككى چىشىنىڭ قورسىقىدىكى قوزا بىلەن ئوغلاقنى ھارام قىلدىمۇ؟ ئەگەر سۆزۈڭلار راست بولسا، قېنى ماڭا توغرىسىنى ئېيتىپ بېرىڭلار!» — تەرجىمە ھەيئىتى
يەنى ئاللاھ سەككىز جۈپنى ياراتتى[26]: قويدىن ئىككىنى، ئۆچكىدىن ئىككىنى ياراتتى. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھ ئىككى ئەركەكنى ھارام قىلدىمۇ ياكى ئىككى چىشىنىمۇ ۋە ياكى ئىككى چىشىنىڭ بالىياتقۇلىرىدىكى قوزا بىلەن ئوغلاقنىمۇ؟ ئەگەر راستچىل بولساڭلار ماڭا ئىلىم بىلەن ئېيتىپ بېرىڭلار». — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ ئۇ ھايۋانلارنى ئەركەك - چىشى قىلىپ سەككىز دانە ياراتتى، گۆش - ياغ ۋە سۈتلىرىنى ئىستېمال قىلىشنىڭ سىرتىدا بىر قىسىمىنى مىنىشكە ۋە يۈك توشۇشقا ئىشلەتكىلى بولىدىغان، يەنە بىر قىسمىنىڭ يۇڭ، تىۋىت ۋە چۇپۇرلىرىدىن ھەر تۈرلۈك پالاس ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىغان قىلدى: قويدىن ئىككىنى (قوچقار بىلەن ساغلىقنى) ۋە ئۆچكىدىن ئىككىنى (تېكە بىلەن ئۇرغاچى ئۆچكىنى) ياراتتى. ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ قوچقار بىلەن تېكىنى ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى ساغلىق بىلەن ئۇرغاچى ئۆچكىنى ھارام قىلدىمۇ؟ ۋە ياكى ساغلىقنىڭ قورسىقىدىكى قوزا بىلەن ئۇرغاچى ئۆچكىنىڭ قورسىقىدىكى ئوغلاقنى ھارام قىلدىمۇ؟ ئەگەر ئۇلاردىن ھارام دەپ قارىغانلىرىڭلارنى ‹ئاللاھ ھارام قىلغان› دېگەن دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قايسىسىنى ھارام قىلغانلىقىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار قېنى!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمِنَ الْإِبِلِ اثْنَيْنِ وَمِنَ الْبَقَرِ اثْنَيْنِ ۗ قُلْ آلذَّكَرَيْنِ حَرَّمَ أَمِ الْأُنْثَيَيْنِ أَمَّا اشْتَمَلَتْ عَلَيْهِ أَرْحَامُ الْأُنْثَيَيْنِ ۖ أَمْ كُنْتُمْ شُهَدَاءَ إِذْ وَصَّاكُمُ اللَّهُ بِهَٰذَا ۚ فَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا لِيُضِلَّ النَّاسَ بِغَيْرِ عِلْمٍ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ
(ئاللاھ سىلەرگە) تۆگىدىن ئىككىنى (يەنى ئەركەك بىلەن چىشىنى)، كالىدىن ئىككىنى (يەنى ئەركەك بىلەن چىشىنى) ياراتتى. (مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ئىككى ئەركەكنى ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى ئىككى چىشىنىمۇ ۋە ياكى ئىككى چىشىنىڭ قورسىقىدىكى بوتىلاق بىلەن موزاينىمۇ ؟ ياكى ئاللاھ بۇنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلغان چاغدا سىلەر ھازىرمىدىڭلار؟ كىشىلەرنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن، بىلمەي تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغان ئېيتقان ئادەمدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ» — مۇھەممەد سالىھ
(ئاللاھ سىلەرگە) تۆگىدىن ئىككىنى (يەنى بۇغرا بىلەن ھىنگاننى)، كالىدىن ئىككىنى (يەنى بۇقا بىلەن ئىنەكنى) ياراتتى، (مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ئىككى ئەركەكنى ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى ئىككى چىشىنى ۋە ياكى ئىككى چىشىنىڭ قورسىقىدىكى بوتىلاق بىلەن موزاينى ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى ئاللاھ بۇنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلغان چاغدا سىلەر ھازىرمىدىڭلار؟ كىشىلەرنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن، ئاللاھ نامىدىن قارىسىغا يالغان ئېيتقان ئادەمدىنمۇ قەبىھ كىشى بارمۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ تۆگىدىن ئىككىنى، كالىدىن ئىككىنى ياراتتى. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھ ئىككى ئەركەكنى ھارام قىلدىمۇ ياكى ئىككى چىشىنىمۇ ۋە ياكى ئىككى چىشىنىڭ بالىياتقۇلىرىدىكى بوتىلاق بىلەن موزاينىمۇ؟ ياكى ئاللاھ سىلەرگە بۇلارنى بۇيرۇغاندا سىلەر ئاللاھنىڭ يېنىدىمىدىڭلار؟». ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانماستىن، ئىنسانلارنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
شۇنىڭدەك، ئاللاھ تۆگىدىن ئىككىنى (بۇغرا بىلەن ھىڭگاننى) ۋە كالىدىن ئىككىنى (بۇقا بىلەن سىيىرنى) ياراتتى. ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ بۇغرا بىلەن بۇقىنى ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى ھىڭگان بىلەن سىيىرنى ھارام قىلدىمۇ؟ ۋە ياكى ھىڭگاننىڭ قورسىقىدىكى بوتىلاق بىلەن سىيىرنىڭ قورسىقىدىكى موزاينى ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى سىلەر ئاللاھ بۇ ھاراملارنى بەلگىلىگەن چاغدا ئاللاھنىڭ يېنىدا بارمىدىڭلار؟ بۇ سوئاللارنىڭ ھەممىسىنىڭ جاۋابى: ياق. ئۇنداقتا سىلەر ئەڭ زالىم ئادەم ھېسابلىنىسىلەر، چۈنكى يالغاننى ئويدۇرۇپ، ئاندىن ئىنسانلارنى ھېچبىر ئىلمىي دەلىلگە ئاساسلانماستىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئۇ يالغاننى ئاللاھقا چاپلىغان ئادەمدىنمۇ بەك زالىم ھېسابلىنىدىغان ئادەم يوق. بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ». ئەسكەرتىش: بۇ يەردە جۈپ دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە «زەۋج - زوج» كەلىمىسىنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولغان «ئەزۋاج - أزواج» كەلىمىسىدۇر. بۇ كەلىمە ئەرەبچىدە، ھايۋانلارغا ئىشلىتىلگەندە، جۈپلۈك يەنى جۈپتى بار بىر دانە ھايۋان دېگەن بولغاندەك، بىر جۈپ يەنى ئىككى دانە ھايۋان دېگەنمۇ بولىدۇ. بۇ كەلىمىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بولغان جۈپ كەلىمىسىمۇ ئەينەن بۇ مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن: جۈپ كەلىمىسىنىڭ تاقنىڭ ئەكسى، رەپىقە، جورا دېگەن مەنىلىرى بار. بۇنىڭغا ئاساسەن سەككىز جۈپ ھايۋان دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى، جۈپتى بار سەككىز دانە ھايۋان دېمەكتۇر. ئايەتنىڭ داۋامى بۇنى بايان قىلماقتا. ئاللاھ تائالا 142 ~ 144 - ئايەتلەردە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ ئەركەك - چىشىلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ئىنسانلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ھارام قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۇلاردىن بەزىلىرىنى ھارام دەپ قارىغان مۇشرىكلارنى ئەيىبلەيدۇ ۋە ئاگاھلاندۇرىدۇ. 145 ~ 147 - ئايەتلەردە بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، بىر نەرسىنىڭ ھارام قىلىنىشىنىڭ ۋەھىي بىلەن بولىدىغانلىقىنى ۋە ۋەھىي نازىل قىلىنىپ ھارام قىلىنغان ھايۋانلارنى بىلدۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، شۇنداقلا بەزى ھايۋانلارنىڭ ۋە ياغلىرىنىڭ يەھۇدىيلارغا ھارام قىلىنىشىنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈم ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ھارامنىڭ ئۇلارغا خاس ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى باشقىلارنىڭ ئىنكار قىلىشىغا يولۇققاندا ئىنكارچىلارغا ئېيتىشى كېرەك بولغان ھەقىقەتنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ لَا أَجِدُ فِي مَا أُوحِيَ إِلَيَّ مُحَرَّمًا عَلَىٰ طَاعِمٍ يَطْعَمُهُ إِلَّا أَنْ يَكُونَ مَيْتَةً أَوْ دَمًا مَسْفُوحًا أَوْ لَحْمَ خِنْزِيرٍ فَإِنَّهُ رِجْسٌ أَوْ فِسْقًا أُهِلَّ لِغَيْرِ اللَّهِ بِهِ ۚ فَمَنِ اضْطُرَّ غَيْرَ بَاغٍ وَلَا عَادٍ فَإِنَّ رَبَّكَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ساڭا ۋەھىي قىلىنغان ئەھكاملار ئىچىدە، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان نەرسە ياكى ئېقىپ چىققان قان ۋە ياكى چوشقا گۆشى ـ چوشقا نىجىس يېمەكلىكلەرگە ئادەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن چوشقا گۆشى پاسكىنىدۇر ـ ۋە ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان گۇناھقا سەۋەب بولغان مالدىن باشقىسىنى ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن ھارام كۆرمەيمەن. كىمكى ئۇلاردىن (يۇقىرىقى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) نائىلاج ۋە بىئىختىيار ھالدا ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك يېسە (ھېچ گۇناھ بولمايدۇ)، چۈنكى پەرۋەردىگارىڭ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد! مەككە كافىرلىرىغا) ئېيتقىنكى، «ماڭا ۋەھيى قىلىنغان ئەھكاملار ئىچىدە، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان نەرسە ياكى ئېقىپ چىققان قان ۋە ياكى پاسكىنىلىقى (ھارام بولۇشقا) سەۋەب بولغان توڭگۇز گۆشى ۋە ئاللاھتىن باشقىنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلىنىپ گۇناھقا سەۋەب بولغان مالدىن باشقىسىنى ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن ھارام كۆرمەيمەن». كىمكى ئۇلاردىن (يەنى يۇقىرىقى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) نائىلاج ھالدا چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەي (ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك) يېسە ئاللاھ مەغپىرەت قىلىدۇ. چۈنكى، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ماڭا ۋەھىي قىلىنغان ھۆكۈملەرنىڭ ئىچىدە، يەيدىغان كىشىگە، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، ئېقىتىلغان قان، توڭگۇز گۆشى - چۈنكى ئۇ پاسكىنىدۇر - ۋە ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان فىسق قاتارلىقلاردىن باشقا ھارام قىلىنغان ھېچ نەرسە تاپالمايمەن». كىمكى ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مەجبۇر بولۇپ، ئۇلاردىن ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك مىقداردا يېسە، شۈبھىسىزكى، رەببىڭ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن خالىغانلىرىنى ھارام دەپ، ئاندىن «بىزنى بۇ ھارام قىلىشقا ئاللاھ بۇيرۇغان» دەپ تۆھمەت قىلغان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ماڭا نازىل قىلىنغان ۋەھىينىڭ ئىچىدە يېمەكچى بولغان كىشىگە ھارام قىلىنغان نەرسىلەر پەقەتلا مۇنۇلاردىن ئىبارەت: ئۆلتۈرۈپ يېگىلى بولىدىغان ھايۋانلارنىڭ ئۆزى ئۆلۈپ قالغىنى، ئۇ ھايۋانلارنى بوغۇزلىغاندا ئېقىپ چىققان قان، توڭگۇزنىڭ گۆشى ۋە ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان». كىمكى ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مەجبۇر بولۇپ، ئۇلاردىن ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك مىقداردا يېسە، شۈبھىسىزكى، رەببىڭ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَعَلَى الَّذِينَ هَادُوا حَرَّمْنَا كُلَّ ذِي ظُفُرٍ ۖ وَمِنَ الْبَقَرِ وَالْغَنَمِ حَرَّمْنَا عَلَيْهِمْ شُحُومَهُمَا إِلَّا مَا حَمَلَتْ ظُهُورُهُمَا أَوِ الْحَوَايَا أَوْ مَا اخْتَلَطَ بِعَظْمٍ ۚ ذَٰلِكَ جَزَيْنَاهُمْ بِبَغْيِهِمْ ۖ وَإِنَّا لَصَادِقُونَ
يەھۇدىيلارغا توم تۇياقلىق (يەنى تۆگە، تۆگىقۇشقا ئوخشاش ئاچا تۇياقلىق بولماي توم تۇياقلىق بولغان) ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارغا كالا، قويلارنىڭ دۈمبىسىدىكى ياكى ئۈچەيلىرىدىكى ياكى سۆڭىكىگە چاپلىشىقلىق ياغلىرىدىن باشقا ياغلىرىنى ھارام قىلدۇق، بۇ ئۇلارنىڭ (پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈش، جازانە قىلىش، كىشىلەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى ناھەق يەۋېلىش قاتارلىق) زۇلۇملىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا بەرگەن جازايىمىزدۇر. بىز ئەلۋەتتە (بەرگەن خەۋەرلىرىمىزدە) راستچىلمىز — مۇھەممەد سالىھ
يەھۇدىيلارغا تىرناقلىق جاندارلارنىڭ ھەممىسىنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارغا كالا، قويلارنىڭ دۈمبىسىدىكى ياكى ئۈچەيلىرىدىكى ياكى سۆڭىكىگە چاپلىشىقلىق ياغلىرىدىن باشقا ياغلىرىنى ھارام قىلدۇق. بۇ ئۇلارنىڭ ھەددىدىن ئاشقانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا بەرگەن جازايىمىزدۇر، بىز ئەلۋەتتە راستچىلمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز يەھۇدىيلارغا تىرناقلىق ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى ھارام قىلدۇق. ئۇلارغا كالىنىڭ ۋە قوينىڭ ياغلىرىنىمۇ ھارام قىلدۇق. پەقەت بۇ ئىككى ھايۋاننىڭ دۈمبىلىرىدىكى ياكى ئۈچەيلىرىدىكى ۋە ياكى سۆڭەك ئارىسىدىكى ياغلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇلارنى ھەددىدىن ئاشقانلىقلىرى ئۈچۈن ئەنە شۇنداق جازالىدۇق. بىز ئەلۋەتتە راستچىلمىز. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇئمىنلارغا (سېنىڭ ئۇممىتىڭگە) ھارام قىلىنغان ھايۋانلار ئەنە شۇلاردۇر. لېكىن بىز يەھۇدىيلارنى قەبىھلىكلىرى تۈپەيلىدىن جازالاش ئۈچۈن بەزى ھايۋانلارنى ۋە بەزى ھايۋانلارنىڭ بەزى ياغلىرىنى ئۇلارغىلا ۋاقىتلىق ھارام قىلغان. ئى مۇھەممەد! سېنى يالغانچى دېگەنلەرگە ئېيتقىنكى: «رەببىڭلارنىڭ رەھمىتى كەڭ، شۇڭلاشقا ھەقنى ئىنكار قىلساڭلارمۇ سىلەرنى دەرھال جازالىمايدۇ، لېكىن بۇ سىلەرنىڭ جازالىنىشتىن قۇتۇلغانلىقىڭلارنى كۆرسەتمەيدۇ، چۈنكى رەببىڭلار سىلەرگە ئوخشاش گۇناھكار قەۋمگە بىر مۇددەت مۆھلەت بەرسىمۇ، ئاقىۋەت ئۇلارنى جازالىماي قالمايدۇ. ئەسكەرتىش: يەھۇدىيلارغا ئەسلىدە ھالال بولۇپ، ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن ۋاقىتلىق ھارام قىلىنغان «تىرناقلىق ھايۋانلار»، ئايەتتە ئۇلار بىلەن قارىمۇقارشى ھالەتتە زىكىر قىلىنغان «كالا ۋە قوي» كاتېگورىيەسىگە كىرمەيدىغان بارلىق ھايۋانلارنى ۋە قۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 147-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى ئاللاھنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى پەيغەمبەرگە تەسەللىي ئاگاھلاندۇرۇش ۋە خۇش خەۋەرفَإِنْ كَذَّبُوكَ فَقُلْ رَبُّكُمْ ذُو رَحْمَةٍ وَاسِعَةٍ وَلَا يُرَدُّ بَأْسُهُ عَنِ الْقَوْمِ الْمُجْرِمِينَ
(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) سېنى ئىنكار قىلسا، سەن: «پەرۋەردىگارىڭلار (قىلمىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى ئالدىراپ جازالىمىغانلىقتىن) كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر، (ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە مەغرۇر بولماڭلاركى) ئاللاھنىڭ ئازابى گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) سېنى ئىنكار قىلسا، سەن: «پەرۋەردىگارىڭلار كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر، (لېكىن) ئاللاھنىڭ ئازابى گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلار سېنى يالغانچى دېسە، ئېيتقىنكى: «رەببىڭلار كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر. لېكىن ئۇنىڭ شىددەتلىك ئازابى گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ». — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا يۇقىرىدا بىرقانچە ئايەتتە ئۆز ۋاقتىدىكى مۇشرىكلارنىڭ ئېكىنلىرىدىن ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلىرىدىن بەزىلىرىنى ھېچبىر دەلىلگە ئاساسلانماستىن ھارام دەپ قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارغا قاتتىق رەددىيە بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 148 ~ 150 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇ مۇشرىكلارنىڭ ئۆز قەبىھلىكلىرىگە كۆرسەتكەن باھانە ۋە ئېيتقان ئۆزرىلىرىنى بىلدۈرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا رەددىيە بېرىشكە بۇيرۇيدۇ ۋە رەددىيە بېرىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا ئۇنى ئۇ مۇشرىكلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگىشىشتىن توسىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 148-ئايەت) ئىلاھىي ئىرادە ئىنساننىڭ ئەركىن ئىرادىسى شېرىك ھەقنى ئىنكار قىلىش ھالاك قىلىنغان قەۋملەرسَيَقُولُ الَّذِينَ أَشْرَكُوا لَوْ شَاءَ اللَّهُ مَا أَشْرَكْنَا وَلَا آبَاؤُنَا وَلَا حَرَّمْنَا مِنْ شَيْءٍ ۚ كَذَٰلِكَ كَذَّبَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ حَتَّىٰ ذَاقُوا بَأْسَنَا ۗ قُلْ هَلْ عِنْدَكُمْ مِنْ عِلْمٍ فَتُخْرِجُوهُ لَنَا ۖ إِنْ تَتَّبِعُونَ إِلَّا الظَّنَّ وَإِنْ أَنْتُمْ إِلَّا تَخْرُصُونَ
مۇشرىكلار: «ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، بىز ۋە ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز شېرىك كەلتۈرمەيتتۇق ۋە ھېچ نەرسىنى ھارام قىلمايتتۇق» دەيدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇنقى كىشىلەر تاكى (بىزنىڭ ئازابىمىز نازىل بولۇپ) ئازابىمىزنى تېتىغانغا قەدەر (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) مۇشۇنداق (يەنى مۇشرىكلار سېنى ئىنكار قىلغاندەك) ئىنكار قىلغان ئىدى. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «(سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقىغا) پاكىتىڭلار بولسا، بىزگە چىقىرىپ كۆرسىتىڭلار، سىلەر پەقەت گۇمانغىلا ئاساسلىنىسىلەر، ئاللاھقا پەقەت يالغاننى چاپلايسىلەر» — مۇھەممەد سالىھ
مۇشرىكلار: «ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، بىزمۇ ۋە ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزمۇ (ئاللاھقا) شېرىك كەلتۈرمىگەن ۋە ھېچ نەرسىنى ھارام قىلىۋالمىغان بولاتتۇق» دەيدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇنقى كىشىلەر تاكى بىزنىڭ ئازابىمىزنى تېتىغانغا قەدەر (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) مۇشۇنداق ئىنكار قىلغان ئىدى. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقىغا پاكىتىڭلار بولسا، بىزگە كۆرسىتىڭلار، سىلەر پەقەت پەرەزگىلا ئاساسلىنىسىلەر، پەقەت يالغاننى سۆزلەيسىلەر» — تەرجىمە ھەيئىتى
يېقىندا مۇشرىكلار: «ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، بىز شېرىك كەلتۈرمىگەن بولاتتۇق، ئاتا -بوۋىلىرىمىزمۇ شېرىك كەلتۈرمىگەن بولاتتى ۋە ھېچ نەرسىنى ھارام قىلمىغان بولاتتۇق» دەيدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇنقىلارمۇ ئازابىمىزنى تېتىغانغا قەدەر مۇشۇنداق يالغان سۆزلەشكەن ئىدى. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «بۇ توغرىدا بىزگە چىقىرىپ كۆرسىتەلەيدىغان بىرەر ئىلمىڭلار بارمۇ؟ سىلەر پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىسىلەر. سىلەر پەقەت قۇرۇق گەپ قىلىسىلەر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ مۇشرىكلىقىغا، شۇنداقلا ئېكىن ۋە ھايۋانلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ھارام دەپ قوبۇل قىلىشلىرىغا «ئاللاھ مۇشۇنداق خالىغان ئىكەن، يەنى بىزنىڭ مۇشرىك بولۇشىمىز ۋە بەزى نەرسىلەرنى ھارام قىلىشىمىز ئاللاھنىڭ تەقدىرى» دەپ باھانە كۆرسىتىدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇنقى مۇشرىكلارمۇ شىددەتلىك ئازابىمىزنى تېتىغۇچىلىك شۇنداق يالغانلارنى ئېيتقان ئىدى. ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! بۇ دەۋايىڭلارغا بىرەر ئىلمىي دەلىلىڭلار بارمۇ؟ بولسا چىقىرىپ بىزگە كۆرسىتىڭلار. ئەمەلىيەت شۇكى: سىلەر بۇ ناشايان سۆزنى پەقەت گۇمان ۋە پەرەز بىلەنلا ئېيتىۋاتىسىلەر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 149-ئايەت) ئاللاھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىلاھىي ئىرادە ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىقُلْ فَلِلَّهِ الْحُجَّةُ الْبَالِغَةُ ۖ فَلَوْ شَاءَ لَهَدَاكُمْ أَجْمَعِينَ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «(سىلەرنىڭ پاكىتىڭلار بولمىسا) ئاللاھنىڭ ئېنىق پاكىتى بار، ئەگەر ئۇ خالىسا ھەممىڭلارنى، ئەلۋەتتە، ھىدايەت قىلاتتى» — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «(سىلەرنىڭ پاكىتىڭلار بولمىسا) ئاللاھنىڭ يېتەرلىك پاكىتى بار. ئەگەرئاللاھ خالىسا ھەممىڭلارنى، ئەلۋەتتە، ھىدايەت قىلاتتى» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھنىڭ كۈچلۈك دەلىلى بار. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ھەممىڭلارنى توغرا يولغا كەلتۈرەتتى»[27]. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەرنىڭ ‹ئاللاھ خالىغان بولسا، شېرىك كەلتۈرمىگەن ۋە ھېچ نەرسىنى ھارام قىلمىغان بولاتتۇق› دېگەن دەۋايىڭلارغا دىلىلىڭلار يوق. ئەمما ئاللاھنىڭ سىلەرنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىڭلارغا كۈچلۈك دەلىلى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ تۆۋەندىكىچە: ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا ئىرادە قىلىش ئەركىنلىكى ۋە ئىرادە قىلغىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كۈچى ئاتا قىلدى، ھېچكىمنى بىرەر ئىشنى قىلىشقا ياكى بىرەر ئىشنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر قىلمىدى. ئىنسانلاردا ئىرادە ئەركىنلىكى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى پەيغەمبەر ئەۋەتىش ۋە كىتاب نازىل قىلىش ئارقىلىق ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇدى، يامان ئىشلاردىن توستى. ناۋادا ئىنسانلاردا بۇ ئەركىنلىك بولمىسا ئىدى، ئىلاھىي بۇيرۇق ۋە چەكلىمىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايتتى. شۇڭلاشقا خالىغان كىشى بۇيرۇققا بۇيسۇنىدۇ، خالىغان كىشى بويۇنتاۋلىق قىلىدۇ. بۇ، مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت. ئەگەر ھىدايەت تېپىش ياكى ئېزىپ كېتىش ئاللاھنىڭ خالىشى بىلەن بولسا ئىدى، ئاللاھ ھەممىڭلارنى ھىدايەت قىلغان بولاتتى. بۇ تەقدىردە ھىدايەت تېپىش، مەجبۇرىي بولغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ ھىدايەت تېپىشنى سىلەرنىڭ تاللىشىڭلارغا باغلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋە سىلەر ئازغۇنلۇقنى تاللىغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى ئازغۇنلۇقۇڭلاردا قويۇپ قويدى. دەرۋەقە ئاللاھنىڭ ھىدايەت قىلىشى - ھەق يولنى تاللىغانلارنى ھەق يولغا قوبۇل قىلىشى ۋە ئۇ يولدا مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھنىڭ ئازدۇرۇۋېتىشى بولسا، خاتا يولنى تاللىغانلارنى ئۆزلىرى تاللىغان خاتا يولدا تاشلىۋېتىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارنى ھىدايەت قىلىش ۋە ئازدۇرۇۋېتىشتىكى ئۆزگەرمەس قانۇنىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئاخىرقى كىتابى قۇرئان كەرىم نازىل بولۇش ئېتىبارى بىلەن «پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ھىدايەت»، «كۈچلۈك دەلىل ۋە پارلاق نۇر» بولسىمۇ، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن «تەقۋادارلارغا ھىدايەتتۇر»، «ئاللاھقا تەسلىم بولغۇچىلارغا ھىدايەت، رەھمەت ۋە بېشارەتتۇر»، «ئىشەنگۈچىلەرگە شىپا ۋە رەھمەتتۇر»، «ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا ھىدايەت ۋە رەھمەتتۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ هَلُمَّ شُهَدَاءَكُمُ الَّذِينَ يَشْهَدُونَ أَنَّ اللَّهَ حَرَّمَ هَٰذَا ۖ فَإِنْ شَهِدُوا فَلَا تَشْهَدْ مَعَهُمْ ۚ وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَاءَ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَالَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ وَهُمْ بِرَبِّهِمْ يَعْدِلُونَ
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) «ئاللاھ بۇنى ھارام قىلدى، دەپ گۇۋاھلىق بېرىدىغان گۇۋاھچىلىرىڭلارنى چاقىرىپ كېلىڭلار» دېگىن. ئەگەر ئۇلار (ھازىر بولۇپ يالغاندىن) گۇۋاھلىق بەرسە، ئۇلارغا قوشۇلۇپ گۇۋاھلىق بەرمىگىن (چۈنكى ئۇ پۈتۈنلەي يالغاندۇر). بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن، ئۇلار پەرۋەردىگارىڭغا شېرىك كەلتۈرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) «ئاللاھ بۇنى ھارام قىلدى، دەپ گۇۋاھلىق بېرىدىغان گۇۋاھچىلىرىڭلارنى چاقىرىپ كېلىڭلار» دېگىن، ئەگەر ئۇلار (يالغاندىن) گۇۋاھلىق بەرسە، ئۇلارغا قوشۇلۇپ گۇۋاھلىق بەرمىگىن. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن، ئۇلار پەرۋەردىگارىڭغا شېرىك كەلتۈرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا: «ئاللاھ بۇنى ھارام قىلدى دەپ گۇۋاھلىق بېرىدىغان گۇۋاھچىلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار» دېگىن. ئەگەر ئۇلار گۇۋاھلىق بەرسە، سەن ئۇلار بىلەن بىرلىكتە گۇۋاھلىق بەرمىگىن. ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېگەن، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان ۋە رەببىگە باشقىلارنى تەڭ قىلىدىغانلارنىڭ خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىلەرنى ئۆزى چاغلاپ ھارام قىلىپ ئاندىن «بىزنى بۇنىڭغا ئاللاھ بۇيرۇغان» دەپ ئاللاھقا تۆھمەت قىلغان ئۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! ئاللاھنىڭ ئۇ ئېكىن ۋە ھايۋانلارنى ھارام قىلغانلىقىغا دەلىلىڭلار يوق، بۇ ئېنىق. ناۋادا بۇنىڭغا گۇۋاھچىلىرىڭلار بولسا، ئۇلارنى ھازىر قىلىڭلار!». ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ گۇۋاھچىلىرىمۇ يوق، شۇڭلاشقا ئۇلار گۇۋاھچى كەلتۈرەلمەيدۇ، ناۋادا گۇۋاھچى كەلتۈرسە ۋە كەلتۈرگەن گۇۋاھچىسى «ئاللاھ بۇلارنى ھارام قىلغان» دەپ گۇۋاھلىق بەرسە، ئۇ يالغان گۇۋاھچىدۇر، تۆھمەتچىدۇر. بۇ تەقدىردە سەن ئۇنداق يالغانچى ۋە تۆھمەتچىلەر بىلەن بىللە گۇۋاھلىق بەرمىگىن، ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان، ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان ۋە رەببىگە باشقا نەرسىلەرنى تەڭ قىلىۋاتقان ئۇ مۇشرىكلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن. ئاللاھ تائالا يۇقىرىدا مۇشرىكلارنىڭ «بىزنى بۇ ئېكىن ۋە ھايۋانلارنى ھارام قىلىشقا ئاللاھ بۇيرۇغان» دېگەن مەنىدىكى تۆھمەتلىرىگە قاتتىق رەددىيە بېرىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئۇ نەرسىلەرنى ھارام قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 151 ~ 153 -ئايەتلەردە بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى، ئۆزى بەلگىلىگەن ھاراملارنى ئۇلارغا تونۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ ۋە ئۇ ھاراملارنى بايان قىلىدۇ. ئايەتتە «ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلارنى ئېيتىپ بېرەي» دېگەن مەنىدىكى ئىپادىدىن كېيىن زىكىر قىلىنغان جۈملىلەردە، ئاللاھ توسقان ئىشلارنى قىلىش ۋە ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلماسلىق ھارامدۇر. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 151-ئايەت) ھارام ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش تەقۋادارلىق تەۋھىد يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقُلْ تَعَالَوْا أَتْلُ مَا حَرَّمَ رَبُّكُمْ عَلَيْكُمْ ۖ أَلَّا تُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا ۖ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا ۖ وَلَا تَقْتُلُوا أَوْلَادَكُمْ مِنْ إِمْلَاقٍ ۖ نَحْنُ نَرْزُقُكُمْ وَإِيَّاهُمْ ۖ وَلَا تَقْرَبُوا الْفَوَاحِشَ مَا ظَهَرَ مِنْهَا وَمَا بَطَنَ ۖ وَلَا تَقْتُلُوا النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللَّهُ إِلَّا بِالْحَقِّ ۚ ذَٰلِكُمْ وَصَّاكُمْ بِهِ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
ئېيتقىنكى، «سىلەر كېلىپ (ئاڭلاڭلار)، ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرەي: سىلەر ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، نامراتلىقتىن قورقۇپ بالاڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، بىز ئۇلارغا ۋە سىلەرگە رىزىق بېرىمىز، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارغا يېقىن كەلمەڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ (ناھەق) ئادەم ئۆلتۈرمەڭلار، ھەقلىق رەۋىشتە ئۆلتۈرۈش بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەرنىڭ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئېيتقىنكى، «سىلەر كېلىڭلار، ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرەي: سىلەر ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، نامراتلىقتىن قورقۇپ بالاڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، بىز ئۇلارغا ۋە سىلەرگە رىزىق بېرىمىز، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارغا يېقىن كەلمەڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرمەڭلار؛ ھەقلىق رەۋىشتە ئۆلتۈرۈش بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەرنىڭ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «كېلىڭلار، رەببىڭلار سىلەرگە ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ئوقۇپ بېرەي: ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماڭلار، ئاتا - ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، كەمبەغەللىك سەۋەبىدىن بالىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، بىز سىلەرگە ۋە ئۇلارغا رىزىق بېرىمىز. قەبىھ ئىشلارنىڭ ئاشكارىسىغىمۇ، يوشۇرۇنىغىمۇ يېقىنلاشماڭلار. ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەڭلار. ئەنە شۇلارنى ئاللاھ سىلەرگە تاپشۇردى، ئەقلىڭلارنى ئىشلەتكەيسىلەر! — ئەنەس ئالىم
(151-153) ئى مۇھەممەد! رەببىگە باشقا نەرسىلەرنى تەڭ قىلىۋاتقان، ئاللاھ ھارام قىلمىغان بەزى نەرسىلەرنى نەپسى خاھىشلىرى بىلەن ھارام قىلىپ، ئاندىن بۇ ھەقتە ئاللاھقا تۆھمەت قىلغان ئۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى : «ئى مۇشرىكلار! كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ئېيتىپ بېرەي. ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەر مۇنۇلاردىن ئىبارەت: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا - ئانىغا ياخشىلىق قىلماسلىق، كەمبەغەللىك سەۋەبىدىن بالىلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىش، قەبىھ ئىشلارنى (چوڭ گۇناھلارنى) قىلىش، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش، يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋېلىش، ئۆلچەم ۋە تەرازىنى كەم تۇتۇش، سۆز ۋە ھۆكۈمدە ناھەقچىلىك قىلىش، لەۋزىدىن يېنىۋېلىش ۋە ئاللاھنىڭ يولىغا ئەگەشمەسلىك (ئىسلامنى قوبۇل قىلماسلىق). ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ بەندىلىرىگە ھارام قىلغان ئىشلار ئەنە شۇلاردۇر. ئۇلارنى ئېسىڭلاردا تۇتۇپ ساقلانغايسىلەر!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 152-ئايەت) راستچىللىق مىساق (ئاللاھقا بىرىلگەن ئەھدە) ئادىل سودا يېتىملارنى بېقىش ئادالەت ھۆكۈمدارالارنىڭ جاۋبكارلىقىوَلَا تَقْرَبُوا مَالَ الْيَتِيمِ إِلَّا بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ حَتَّىٰ يَبْلُغَ أَشُدَّهُ ۖ وَأَوْفُوا الْكَيْلَ وَالْمِيزَانَ بِالْقِسْطِ ۖ لَا نُكَلِّفُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا ۖ وَإِذَا قُلْتُمْ فَاعْدِلُوا وَلَوْ كَانَ ذَا قُرْبَىٰ ۖ وَبِعَهْدِ اللَّهِ أَوْفُوا ۚ ذَٰلِكُمْ وَصَّاكُمْ بِهِ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ
يېتىمنىڭ مېلىنى تاكى ئۇ (قۇرامىغا يېتىپ) ئەقلى يېتىلگەنگە قەدەر ئۇنىڭغا ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا تەسەررۇپ قىلىڭلار، ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى توغرا قىلىڭلار، ھېچقانداق ئادەمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايمىز. سۆز قىلغان (ھۆكۈم چىقارغان ياكى گۇۋاھلىق بەرگەن) چېغىڭلاردا ئادىل بولۇڭلار ، (ھۆكۈم چىقىرىلغان ياكى گۇۋاھلىق بېرىلگەن ئادەم) تۇققىنىڭلار بولغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھقا بېرىلگەن ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار. ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ» — مۇھەممەد سالىھ
سىلەر يېتىمنىڭ مال-مۈلكىگە تاكى ئۇ بالاغەتكە يەتكۈچىلىك يېقىنلاشماڭلار، ئۇنىڭغا پەقەت ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا يېقىنلاشساڭلار بولىدۇ. ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى توغرا قىلىڭلار. بىز ھېچقانداق ئادەمگە كۈچى يەتمەيدىغان ئىشنى يۈكلىمەيمىز. سۆز قىلغان چېغىڭلاردا (ھۆكۈم چىقىرىلغان ياكى گۇۋاھلىق بېرىلگەن ئادەم) تۇغقىنىڭلار بولغان تەقدىردىمۇ ئادىل بولۇڭلار، ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، ئېسىڭلاردا تۇتۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلدى» — تەرجىمە ھەيئىتى
يېتىمنىڭ مېلىغا يېقىنلاشماڭلار. لېكىن ئۇ، قىرانلىق دەۋرىگە يەتكەنگە قەدەر ئەڭ ياخشى يول بىلەن يېقىنلاشساڭلار بولىدۇ. كەمچەننى ۋە مىزاننى ئادىللىق بىلەن توغرا تۇتۇڭلار. بىز ھېچكىمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايمىز. سۆز قىلغان چېغىڭلاردا ئادىل بولۇڭلار. ھەققىدە سۆز قىلىنىدىغان كىشى تۇغقىنىڭلار بولغان تەقدىردىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار. ئەنە شۇلارنى ئاللاھ سىلەرگە تاپشۇردى، ئېسىڭلاردا تۇتقايسىلەر. — ئەنەس ئالىم
-
وَأَنَّ هَٰذَا صِرَاطِي مُسْتَقِيمًا فَاتَّبِعُوهُ ۖ وَلَا تَتَّبِعُوا السُّبُلَ فَتَفَرَّقَ بِكُمْ عَنْ سَبِيلِهِ ۚ ذَٰلِكُمْ وَصَّاكُمْ بِهِ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ
بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇ يولدا مېڭىڭلار، (ناتوغرا) يوللاردا ماڭماڭلار. ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ. (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ دوزاختىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بۇ ھەقىقەتەن مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇڭا، سىلەر مۇشۇ يولدا مېڭىڭلار، ناتوغرا يوللاردا ماڭماڭلار، ئۇلار ناتوغرا يوللار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ، دوزاختىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
مانا بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر. ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار. باشقا يوللارغا ئەگەشمەڭلار. چۈنكى ئۇ باشقا يوللار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ. ئەنە شۇلارنى ئاللاھ سىلەرگە تاپشۇردى. تەقۋادار بولغايسىلەر». — ئەنەس ئالىم
-
ثُمَّ آتَيْنَا مُوسَى الْكِتَابَ تَمَامًا عَلَى الَّذِي أَحْسَنَ وَتَفْصِيلًا لِكُلِّ شَيْءٍ وَهُدًى وَرَحْمَةً لَعَلَّهُمْ بِلِقَاءِ رَبِّهِمْ يُؤْمِنُونَ
ئاندىن ئۇلار (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) ئۆز پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىغا ئىشەنسۇن دەپ، ياخشىلىق قىلغان ئادەمگە بېرىدىغان نېمىتىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، (ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ دىنىي ئىشلىرىدا ئېھتىياجلىق بولغان) ھەر بىر نەرسىنى تەپسىلىي بايان قىلىش، (ئىسرائىل ئەۋلادىنى) ھىدايەت قىلىش ۋە (ئۇلارغا) رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن، مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋرات) ئاتا قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئاندىن ئۇلار (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) ئۆز پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىغا ئىشەنسۇن دەپ، ياخشىلىق قىلغان ئادەمگە بېرىدىغان نېمىتىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، (ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغان) ھەربىر نەرسىنى تەپسىلىي بايان قىلىش، (ئۇلارنى) ھىدايەت قىلىش ۋە (ئۇلارغا) رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن، مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋرات) نى ئاتا قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاندىن ياخشىلىق قىلغان كىشىگە نېمەتنى تاماملاش، ھەر نەرسىنى تەپسىلىي بايان قىلىش، توغرا يولنى كۆرسىتىش ۋە مەرھەمەت قىلىش ئۈچۈن مۇساغا كىتابنى ئاتا قىلدۇق. بىز بۇنى ئۇلارنى رەببىگە مۇلاقات بولىدىغانلىقىغا ئىشەنسۇن دەپ قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا يۇقىرىدىكى ھاراملارنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، بىزنىڭ مۇساغا كىتابنى بەرگەنلىكىمىزنىمۇ بىلدۈرگىن؛ ئۆز ۋاقتىدا بىز ياخشى ئىش قىلغانلارغا نېمەتنى تاماملاش، ھەر نەرسىنى تەپسىلىي بايان قىلىش، توغرا يولنى كۆرسىتىش ۋە رەھمەت قىلىش ئۈچۈن مۇساغا كىتابنى بەرگەن ئىدۇق. بۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلگىنىدىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۇپ ھېساب ئېلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىشى ۋە تەييارلىق قىلىشى ئۈچۈن ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 155-ئايەت) ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى قۇرئاننىڭ ئىلاھىي مەنبەسى قۇرئاننىڭ ھىدايىتى ئاللاھقا ئىتائەت ئاللاھتىن قورقۇشوَهَٰذَا كِتَابٌ أَنْزَلْنَاهُ مُبَارَكٌ فَاتَّبِعُوهُ وَاتَّقُوا لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
بۇ بىز نازىل قىلغان (قۇرئان) مۇبارەك كىتابتۇر، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلغۇچىلاردىن بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، (ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ساقلىنىڭلار — مۇھەممەد سالىھ
بۇ (قۇرئان) بىز نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر. ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، (ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ساقلىنىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ بىز نازىل قىلغان كىتابتۇر، بەرىكەتلىكتۇر. ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، رەھمەتكە ئېرىشەلەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم
ئى ئىنسانلار! خۇسۇسەن ئى مۇشرىكلار! بۇ قۇرئان بىز نازىل قىلغان كىتاب بولۇپ، ئۇ سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ياخشىلىقلارنى ۋە پايدىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ ياخشىلىقلارغا ئېرىشىشىڭلار ۋە ئۇ پايدىلارنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلار ئۈچۈن ئۇ قۇرئانغا ئىشىنىپ ئەمەل قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 156-ئايەت) مۇقەددەس كىتابلار كىتاب ئەھلى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە خۇش خەۋەر قۇرئاننىڭ ھىدايىتىأَنْ تَقُولُوا إِنَّمَا أُنْزِلَ الْكِتَابُ عَلَىٰ طَائِفَتَيْنِ مِنْ قَبْلِنَا وَإِنْ كُنَّا عَنْ دِرَاسَتِهِمْ لَغَافِلِينَ
(مېنىڭ قۇرئان نازىل قىلىشىم) سىلەرنىڭ، پەقەت بىزدىن ئىلگىرىكى ئىككى تائىپىگىلا (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغىلا) كىتاب نازىل قىلىنغان، ئۇلارنىڭ ئوقۇغان كىتابلىرىدىن بىزنىڭ زادىلا خەۋىرىمىز يوق، دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ
(مېنىڭ قۇرئاننى نازىل قىلىشىم) سىلەرنىڭ «پەقەت بىزدىن ئىلگىرىكى ئىككى تائىپىگىلا (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغىلا) كىتاب نازىل قىلىنغان، ئۇلارنىڭ ئوقۇغان كىتابلىرىدىن بىزنىڭ زادىلا خەۋىرىمىز يوق» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇ، «بىزدىن بۇرۇنقى ئىككى تائىپىگىلا كىتاب نازىل قىلىنغان. بىز ئۇلارنىڭ ئۆز كىتابلىرىنى ئوقۇپ ئۆگىنىشىدىن ھەقىقەتەن بىخەۋەر ئىدۇق» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم
ناۋادا بىز بۇ قۇرئاننى نازىل قىلمىغان بولساق، سىلەر قىيامەت كۈنى: «بىزدىن ئىلگىرى يەھۇدىيلارغا ۋە ناسارالارغا كىتاب نازىل قىلىنغان ئىكەن. بىز ئۇلارنىڭ ئۆز كىتابلىرىنى ئوقۇپ ئۆگىنىشىدىن خەۋەرسىز ئىدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 157-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب ئادالەتسىزلىك مۇقەددەس كىتابلار ھەقنى ئىنكار قىلىش قۇرئاننىڭ ھىدايىتىأَوْ تَقُولُوا لَوْ أَنَّا أُنْزِلَ عَلَيْنَا الْكِتَابُ لَكُنَّا أَهْدَىٰ مِنْهُمْ ۚ فَقَدْ جَاءَكُمْ بَيِّنَةٌ مِنْ رَبِّكُمْ وَهُدًى وَرَحْمَةٌ ۚ فَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنْ كَذَّبَ بِآيَاتِ اللَّهِ وَصَدَفَ عَنْهَا ۗ سَنَجْزِي الَّذِينَ يَصْدِفُونَ عَنْ آيَاتِنَا سُوءَ الْعَذَابِ بِمَا كَانُوا يَصْدِفُونَ
ياكى سىلەرنىڭ، ئەگەر بىزگە كىتاب نازىل قىلىنغان بولسا، بىز ئەلۋەتتە ئۇلاردىن ئارتۇق ھىدايەت تاپقان بولاتتۇق، دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن ھەقىقەتەن پاكىت، ھىدايەت ۋە رەھمەت نازىل بولدى. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگەن كىشىدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنى ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈگەنلىكلىرى ئۈچۈن قاتتىق ئازاب بىلەن جازالايمىز — مۇھەممەد سالىھ
ياكى سىلەرنىڭ «ئەگەر بىزگە كىتاب نازىل قىلىنغان بولسا، بىز ئەلۋەتتە ئۇلاردىن ئارتۇق ھىدايەت تاپقان بولاتتۇق» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن ھەقىقەتەن پاكىت، ھىدايەت ۋە رەھمەت نازىل بولدى. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگەن كىشىدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنى ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق ئازاب بىلەن جازالايمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
ياكى «ئەگەر بىزگىمۇ كىتاب نازىل قىلىنغان بولسا، ئەلۋەتتە ئۇلاردىن ئارتۇق ھىدايەت تاپقان بولاتتۇق» دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. مانا سىلەرگىمۇ رەببىڭلاردىن روشەن دەلىل، ھىدايەت ۋە رەھمەت كەلدى. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى يالغان دېگەن ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بىز ئايەتلىرىمىزدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەرنى، يۈز ئۆرۈگەنلىكلىرى ئۈچۈن يېقىندا ئەڭ يامان ئازاب بىلەن جازالايمىز. — ئەنەس ئالىم
ئەگەر بىزگە كىتاب نازىل قىلىنسا ئىدى، بىز ئۇلاردىنمۇ بەك ھىدايەت تاپقان بولاتتۇق» دەپ ئۆزرە بايان قىلغان بولاتتىڭلار. ئەمدى ئۇنداق ئۆزرە بايان قىلىش يولۇڭلار ئېتىلدى، باھانە كۆرسىتىشىڭلارغا سەۋەب قالمىدى، چۈنكى سىلەرگە رەببىڭلاردىن ھەقنى ئېنىق بايان قىلىدىغان، توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان ۋە ئىلاھىي ئىنئام بولغان قۇرئان كەلدى. ئاللاھنىڭ ئەنە شۇ قۇرئاندىكى ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىم ئادەم بولامدۇ؟ جاۋاب: بولمايدۇ. بىز ئايەتلىرىمىزدىن يۈز ئۆرۈگەن ئۇ زالىملارنى يېقىندا ئەڭ ئېغىر ئازاب بىلەن جازالايمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
هَلْ يَنْظُرُونَ إِلَّا أَنْ تَأْتِيَهُمُ الْمَلَائِكَةُ أَوْ يَأْتِيَ رَبُّكَ أَوْ يَأْتِيَ بَعْضُ آيَاتِ رَبِّكَ ۗ يَوْمَ يَأْتِي بَعْضُ آيَاتِ رَبِّكَ لَا يَنْفَعُ نَفْسًا إِيمَانُهَا لَمْ تَكُنْ آمَنَتْ مِنْ قَبْلُ أَوْ كَسَبَتْ فِي إِيمَانِهَا خَيْرًا ۗ قُلِ انْتَظِرُوا إِنَّا مُنْتَظِرُونَ
ئۇلار پەقەت (ئۆلۈم) پەرىشتىلىرىنىڭ ياكى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ياكى پەرۋەردىگارىڭنىڭ (قۇياشنىڭ مەغرىبتىن چىقىشىدىن ئىبارەت) بەزى ئالامەتلىرىنىڭ كېلىشىنىلا كۈتىدۇ. پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەزى ئالامەتلىرى كەلگەن كۈندە ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلمىغانلارنىڭ ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ. «(سىلەر ئۆزۈڭلارغا كېلىدىغان ئىشلارنى) كۈتۈڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە كۈتىمىز» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار پەقەت پەرىشتىلىرىنىڭ كېلىشىنى ياكى پەرۋەردىگارىڭنىڭ (جازاسىنىڭ) كېلىشىنى ۋە ياكى پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەزى ئالامەتلىرىنىڭ كېلىشىنىلا كۈتىدۇ. پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەزى ئالامەتلىرى كەلگەن كۈندە ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ياكى ئىمان ئېيتىپ (ئىماننى ئىپادىلەيدىغان بىرەر) ياخشى ئىش قىلمىغانلارنىڭ ئەمدى ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ. «(ئى مۇھەممەد!) «سىلەر ئۆزۈڭلارغا كېلىدىغان ئىشلارنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە كۈتۈپ تۇرىمىز» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ كېلىشىنى ياكى رەببىڭنىڭ كېلىشىنى ۋە ياكى رەببىڭنىڭ بەزى ئالامەتلىرىنىڭ كېلىشىنىلا ساقلاۋاتامدۇ!؟ رەببىڭنىڭ بەزى ئالامەتلىرى كەلگەن كۈندە، ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغان ياكى ئىمانىدا ياخشىلىق ھاسىل قىلمىغان كىشىگە ئۇ چاغدا ئېيتقان ئىمانى پايدا كەلتۈرمەيدۇ. ئېيتقىنكى: «كۈتۈڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە كۈتمەكتىمىز». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلار ساڭا ئىمان كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇنۇ ئۈچ ئىشنىڭ بىرىنى كۈتۈۋاتىدۇ: 1) ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن پەرىشتىلەرنىڭ كېلىشى، 2) ئاللاھنىڭ خالايىقتىن ھېساب ئېلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) كېلىشى، 3) ئىمان كەلتۈرۈشكە زورلايدىغان چوڭ ھادىسىلەرنىڭ بىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى، لېكىن ئۇنداق چوڭ ھادىسىلەردىن بىرەرى مەيدانغا كەلگەندە كەلتۈرگەن ئىماننىڭمۇ پايدىسى بولمايدۇ، قىلغان ياخشىلىقنىڭمۇ پايدىسى بولمايدۇ. ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! ئۇ ئىشلارنىڭ بىرىنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار، بىزمۇ ئاللاھنىڭ سىلەرنىڭ ھەققىڭلاردىكى ھۆكمىنى كۈتۈۋاتىمىز». ئاللاھ تائالا 158 - ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرمەستىن ئۈچ ئىشنىڭ بىرىنى كۈتۈپ تۇرغان جامائە ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمىنى كۈتۈپ تۇرغان جامائە بولۇپ، بىر - بىرىگە قارىمۇقارشى ھالەتتىكى ئىككى جامائەنى بىلدۈرۈىدۇ. 159 - ۋە 160 - ئايەتلەردە باتىل دىنلاردىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر جامائە ئىكەنلىكىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئۇممىتىنىڭ ئايرىم بىر جامائە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇلارنىڭ ئۇ ئازغۇن جامائەدىن ئادا - جۇدا ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ ئىككى جامائەنىڭ ئاخىرەتتىكى ئەھۋالىنىڭمۇ پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
(6-سۈرە ئەنئام، 159-ئايەت) ھىساب ئاللاھنىڭ ئادالىتى كاپىرلىق ئۈممەتنىڭ بىرلىكى پەيغەمبەرگە بېرىلگەن كۆرسەتمەإِنَّ الَّذِينَ فَرَّقُوا دِينَهُمْ وَكَانُوا شِيَعًا لَسْتَ مِنْهُمْ فِي شَيْءٍ ۚ إِنَّمَا أَمْرُهُمْ إِلَى اللَّهِ ثُمَّ يُنَبِّئُهُمْ بِمَا كَانُوا يَفْعَلُونَ
دىنىدا بۆلگۈنچىلىك قىلىپ تۈرلۈك پىرقىلەرگە ئايرىلغانلاردىن سەن ئادا ـ جۇداسەن؛ ئۇلارنىڭ ئىشى پەقەت ئاللاھقىلا خاستۇر (يەنى ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر)، كېيىن (يەنى ئاخىرەتتە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزلىرىگە ئېيتىپ بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز دىنىدا بۆلگۈنچىلىك قىلىپ تۈرلۈك پىرقىلەرگە ئايرىلغانلار بىلەن سېنىڭ قىلچە ئالاقەڭ يوق؛ ئۇلارنىڭ ئىشىنى پەقەت ئاللاھ بىر تەرەپ قىلىدۇ، كېيىن (يەنى ئاخىرەتتە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزىگە ئېيتىپ بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! دىنىنى پارچىلاپ پىرقىلەرگە ئايرىلغانلار بىلەن سېنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتىڭ يوق. ئۇلارنىڭ ئىشى پەقەت ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ. كېيىن ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! سېنىڭ، ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرلەر يەتكۈزگەن دىننى پارچىلاپ پىرقىلەرگە ئايرىلغان يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە مۇشرىكلار بىلەن ھېچقانداق ئورتاق تەرىپىڭ يوق. سەن ئۇلاردىن ئادا - جۇداسەن، سېنىڭ يولۇڭ باشقا، ئۇلارنىڭ يوللىرى باشقىدۇر. ئۇلارنىڭ ئىشىنى ئاللاھ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛ يا دۇنيادا ئۇلارغا مۆھلەت بېرىدۇ ياكى ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ، ئاندىن قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھۇزۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَنْ جَاءَ بِالْحَسَنَةِ فَلَهُ عَشْرُ أَمْثَالِهَا ۖ وَمَنْ جَاءَ بِالسَّيِّئَةِ فَلَا يُجْزَىٰ إِلَّا مِثْلَهَا وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
بىرەر ياخشىلىق قىلغان ئادەم ئون ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئىگە بولىدۇ، بىرەر يامانلىق قىلغان ئادەمگە پەقەت ئۇنىڭ يامانلىقىغا باراۋەرلا جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بىرەر ياخشىلىق قىلغان ئادەم ئون ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئىگە بولىدۇ، بىرەر يامانلىق قىلغان ئادەمگە پەقەت ئۇنىڭ يامانلىقىغا باراۋەرلا جازا بېرىلىدۇ. ئۇلارغا ئۇۋال قىلىنمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
كىم بىر ياخشىلىقنى ئېلىپ كەلسە، ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگىنىنىڭ ئون ھەسسىسى بېرىلىدۇ. كىم ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بىر يامانلىقنى ئېلىپ كېلىدىكەن، ئۇنىڭغا پەقەت شۇ بىر يامانلىقنىڭلا جازاسى بېرىلىدۇ. ئۇلارغا ئەسلا زۇلۇم قىلىنمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
كىمكى قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بىر ياخشىلىق ئېلىپ كەلسە ئون ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ، كىمكى بىر يامانلىق ئېلىپ كەلسە پەقەت شۇ بىر يامانلىقنىڭلا جازاسىغا دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ تائالا 159 - ئايەتتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىققان بارلىق كافىرلارنىڭ ئۆز دىنىنى پارچىلىغانلىقىنى ۋە پىرقىلەرگە ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، 161 - 163 - ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇ كافىرلارغا ئۆزىنىڭ يولىنى ئېلان قىلىشقا ۋە ئۇ يولنىڭ ماھىيىتىنى بايان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ إِنَّنِي هَدَانِي رَبِّي إِلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ دِينًا قِيَمًا مِلَّةَ إِبْرَاهِيمَ حَنِيفًا ۚ وَمَا كَانَ مِنَ الْمُشْرِكِينَ
(ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم مېنى توغرا يولغا يەنى توغرا دىنغا، باتىل دىنلاردىن توغرا دىنغا بۇرالغان ئىبراھىمنىڭ دىنىغا باشلىدى، ئىبراھىم مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىم مېنى توغرا يولغا، يەنى توغرا دىنغا - توغرا دىنغا ماڭغان ئىبراھىمنىڭ دىنىغا باشلىدى، ئىبراھىم مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «رەببىم مېنى ھەقىقەتەن توغرا يولغا باشلىدى، يەنى رەببىم مېنى توغرا دىنغا، ھەقكە يۆنەلگەن ۋە مۇشرىكلاردىن بولمىغان ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئېرىشتۈردى». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۇ كافىرلارغا ئېيتقىنكى: «ئى كافىرلار! رەببىم مېنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلدى. ئۇ يول بارلىق باتىل ئېتىقادلاردىن يۈز ئۆرۈپ ھەقكە يۆنەلگەن ۋە مۇشرىكلاردىن بولمىغان ئىبراھىمنىڭ يولىدۇر ۋە توغرا دىندۇر». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُلْ إِنَّ صَلَاتِي وَنُسُكِي وَمَحْيَايَ وَمَمَاتِي لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم (دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت ـ ئىبادەتلىرىم) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم
(162-163) ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا شۇنىمۇ ئېيتقىنكى: «مەن نامىزىمنى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئۆتەيمەن، قۇربانلىقىمنى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن قىلىمەن، ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ياشايمەن، ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئۆلىمەن، ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوق دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، بۇ ئىخلاسقا مېنى ئاللاھ بۇيرۇدى، مەن ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنغان بۇ ئۇممەتنىڭ ئاۋۋىلى ۋە يولباشچىسىمەن». مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ رەب (ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە بارلىق مەخلۇقاتنى لازىمەتلىك نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەپ تۇرغۇچى) ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلاتتى، لېكىن ئىبادەتنى ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلاتتى. ئاللاھ تائالا 161 ~ 163 - ئايەتلەردە ئىبادەتنى ئۆزىگىلا قىلىش لازىملىقى بىلدۈرۈلىدۇ. 164 - ۋە 165 - ئايەتلەردە ئىبادەتنى ئۆزىدىن غەيرىيگە قىلىش ئاللاھتىن باشقا رەب ئىزدىگەنلىك بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ، شۇنداقلا ئۇ مۇشرىكلارغا ئۆز ئېتىقادى بىلەن قىلمىشى ئوتتۇرىسىدا زىتلىق بارلىقى ئەسلىتىلىدۇ. ھەر ئىنساننىڭ قىيامەت كۈنى ئاللاھقا ھېساب بېرىدىغانلىقى ۋە ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىغا دۇچار بولىدىغانلىقى، جۈملىدىن ئۇ مۇشرىكلارنىڭمۇ قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىپ ھېساب بېرىدىغانلىقى ۋە گۇناھىنىڭ جازاسىغا دۇچار بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇ مۇشرىكلارغا ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى ئەسلىتىلىدۇ ۋە نېمەتلەرنىڭ سىناق ۋاسىتىسى ئىكەنلىكى سەمىگە سېلىنىدۇ، نېمەتلەرنىڭ شۇكرانىسىنى ئادا قىلمىغانلارنىڭ ئازابقا مەھكۇم بولىدىغانلىقى، ئادا قىلغانلارنىڭ ئاللاھنىڭ مەغپىرەت ۋە رەھمىتىگە ئېرىشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَا شَرِيكَ لَهُ ۖ وَبِذَٰلِكَ أُمِرْتُ وَأَنَا أَوَّلُ الْمُسْلِمِينَ
ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر، مەن مۇشۇنىڭغا (يەنى يالغۇز ئاللاھقىلا خالىس ئىبادەت قىلىشقا) بۇيرۇلدۇم، مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋۋىلىمەن» — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر، مەن مۇشۇنداق دەپ ئېتىقاد قىلىشقا بۇيرۇلدۇم، مەن مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجىسىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر. مەن بۇنىڭغا بۇيرۇلدۇم. مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئاۋۋىلىدۇرمەن». — ئەنەس ئالىم
-
(6-سۈرە ئەنئام، 164-ئايەت) ھىساب ئاللاھنىڭ ئادالىتى ئىنساننىڭ ئەركىن ئىرادىسى ئاللاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تەۋھىدقُلْ أَغَيْرَ اللَّهِ أَبْغِي رَبًّا وَهُوَ رَبُّ كُلِّ شَيْءٍ ۚ وَلَا تَكْسِبُ كُلُّ نَفْسٍ إِلَّا عَلَيْهَا ۚ وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَىٰ ۚ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّكُمْ مَرْجِعُكُمْ فَيُنَبِّئُكُمْ بِمَا كُنْتُمْ فِيهِ تَخْتَلِفُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ھەممە نەرسىنىڭ پەرۋەردىگارى تۇرسا، ئۇنىڭدىن باشقا پەرۋەردىگار تەلەپ قىلامدىمەن؟» ھەر ئادەم ئۆزى قىلغان گۇناھقا ئۆزى جاۋابكار، بىر گۇناھكار ئادەم باشقا ئادەمنىڭ گۇناھىغا جاۋابكار ئەمەس (يەنى بىر ئادەمنىڭ گۇناھى بىلەن باشقا بىر ئادەم جازاغا تارتىلمايدۇ). كېيىن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، سىلەر دەتالاش قىلىشقان ھەق بىلەن ناھەقنى ئۇ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ھەممە نەرسىنىڭ پەرۋەردىگارى تۇرسا، ئۇنىڭدىن باشقا پەرۋەردىگار ئىزدەمدىمەن؟» ھەر ئادەم ئۆزى قىلغان گۇناھقا ئۆزى جاۋابكار بولىدۇ، بىر گۇناھكار ئادەم باشقا ئادەمنىڭ گۇناھىغا جاۋابكار بولمايدۇ. كېيىن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، سىلەر دەتالاش قىلىشقان ھەق بىلەن ناھەقنى ئاللاھ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مەن ئاللاھتىن باشقا رەب ئىزدەمدىمەن؟ ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ رەببى تۇرسا. ھەركىمنىڭ ئۆز گۇناھى ئۆزىگە. ھېچبىر گۇناھكار باشقىسىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. ئاندىن كېيىن رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر. ئاندىن ئۇ سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىنىڭ ماھىيىتىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ». — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئۆزلىرى ئاللاھنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇقلۇق، ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلىۋاتقان ۋە خىجىل بولماستىن سېنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىغا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىۋاتقان ئۇ ھاماقەت مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ئى مۇشرىكلار! مەن ھەر نەرسىنىڭ رەببى بولغان ئاللاھتىن غەيرىينى رەببىم دەپ ئېتىراپ قىلامدىم؟ ياق! ئەسلا قىلمايمەن، ئەكسىچە مەن ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىمەن. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ھەر كىشىدىن، جۈملىدىن مەندىن ھېساب ئالىدۇ. قىلىنغان ھەر ياخشى ئىشقا مۇكاپات، ھەر يامان ئىشقا جازا بېرىدۇ. قىيامەت كۈنى ھېچكىم ھېچكىمنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ ئادالىتىدۇر. ئى مۇشرىكلار! قىيامەت كۈنى سىلەرمۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىسىلەر ۋە ئاللاھقا ھېساب بېرىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَهُوَ الَّذِي جَعَلَكُمْ خَلَائِفَ الْأَرْضِ وَرَفَعَ بَعْضَكُمْ فَوْقَ بَعْضٍ دَرَجَاتٍ لِيَبْلُوَكُمْ فِي مَا آتَاكُمْ ۗ إِنَّ رَبَّكَ سَرِيعُ الْعِقَابِ وَإِنَّهُ لَغَفُورٌ رَحِيمٌ
ئاللاھ سىلەرنى (ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ) ئورۇنباسارلىرى قىلدى. ئاللاھ سىلەرنى بەرگەن نېمەتلىرى بىلەن سىناش ئۈچۈن بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى قىلدى. پەرۋەردىگارىڭ (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى) ئەلۋەتتە تېز جازالىغۇچىدۇر، (ئىتائەت قىلغۇچىلارنى) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا (ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ) ئورنىدا ياشايدىغان قىلدى. ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىگە شۈكۈر قىلىشىڭلارنى سىناش ئۈچۈن، بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى قىلدى. پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە (ئاسىيلارنى) تېز جازالىغۇچىدۇر، ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى زېمىننىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلدى، بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن بىرقانچە دەرىجە ئۈستۈن قىلدى. ئاللاھ بۇنى سىلەرگە ئاتا قىلغان نەرسىلىرىدە سىلەرنى سىناش ئۈچۈن قىلدى. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ تېز جازالىغۇچىدۇر، ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ سىلەرنى بۇ يەردە بۇرۇنقىلارنىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغان، سىلەرنى سىناش ئۈچۈن بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئۈستۈن قىلغان زاتتۇر. ئى مۇھەممەد! سېنىڭ رەببىڭ كۇفرىلىق قىلغان كىشىنى قايىم بولۇشى يېقىنلىشىۋاتقان قىيامەت كۈنىدە جازالايدىغان، شۈكۈر قىلغان كىشىگە مەغپىرەت ۋە مەرھەمەت قىلىدىغان زاتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى