نەبە سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 40 ئايەت
مەنىسى: ئۇچۇر. ئاتىلىش سەۋەبى: قىيامەت، قايتا تىرىلدۈرۈش... ھەققىدە ئۇچۇر بىرىلگەن
  1. (78-سۈرە نەبە، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ عَمَّ يَتَسَاءَلُونَ
    (مۇشرىكلار ئۆزئارا نېمە توغرۇلۇق) سورىشىدۇ؟

    مۇشرىكلار ئۆزئارا نېمە توغرۇلۇق سورىشىۋاتىدۇ؟ [1].

  2. (78-سۈرە نەبە، 2-ئايەت)
    عَنِ النَّبَإِ الْعَظِيمِ
    ئۇلار چوڭ بىر خەۋەر (يەنى قىيامەت توغرۇلۇق) سورىشىدۇ

    ئۇلار ئۆزلىرى ھەر خىل پىكىردە بولۇۋاتقان (قىيامەتتىن ئىبارەت) بىر چوڭ خەۋەر توغرۇلۇق سورىشىۋاتىدۇ [2-3].

  3. (78-سۈرە نەبە، 3-ئايەت)
    الَّذِي هُمْ فِيهِ مُخْتَلِفُونَ
    ئۇلار شۇ (يەنى قىيامەت) توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقۇچىلاردۇر

    ئۇلار ئۆزلىرى ھەر خىل پىكىردە بولۇۋاتقان (قىيامەتتىن ئىبارەت) بىر چوڭ خەۋەر توغرۇلۇق سورىشىۋاتىدۇ [2-3].

  4. (78-سۈرە نەبە، 4-ئايەت)
    كَلَّا سَيَعْلَمُونَ
    ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (قىيامەت ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك يالغان ئەمەس)، ئۇلار (ھەقىقىي ئەھۋالنى) كەلگۈسىدە بىلىدۇ

    ئۇلار ھەرگىز ئىختىلاپ قىلىشمىسۇن، ئۇلار (قىيامەتنىڭ ھەقىلىقىنى) كەلگۈسىدە بىلىپ قالىدۇ[4].

  5. (78-سۈرە نەبە، 5-ئايەت)
    ثُمَّ كَلَّا سَيَعْلَمُونَ
    ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (بېشىغا كەلگەن ئازابنى) كەلگۈسىدە بىلىدۇ

    يەنە ئۇلار ھەرگىز ئىختىلاپ قىلىشمىسۇن، ئۇلار (قىيامەتنىڭ ھەقىلىقىنى) كەلگۈسىدە بىلىپ قالىدۇ [5].

  6. (78-سۈرە نەبە، 6-ئايەت)
    أَلَمْ نَجْعَلِ الْأَرْضَ مِهَادًا
    (زېمىننىڭ ئۈستىدە مۇقىملىشىشىڭلار ۋە كەڭ تۈزلەڭلىكلەرگە زىرائەت تېرىپ پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن) زېمىننى بىسات قىلمىدۇقمۇ؟

    بىز زېمىننى (ياشاشقا قولايلىق قىلىپ بەرمىدىقمۇ؟ [6].

  7. (78-سۈرە نەبە، 7-ئايەت)
    وَالْجِبَالَ أَوْتَادًا
    (زېمىننىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى قوزۇق قىلمىدۇقمۇ؟

    (زېمىننىڭ تەۋرەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) تاغلارنى قوزۇق قىلمىدۇقمۇ؟ [7].

  8. (78-سۈرە نەبە، 8-ئايەت)
    وَخَلَقْنَاكُمْ أَزْوَاجًا
    سىلەرنى ئەر ـ ئايال قىلىپ ياراتتۇق

    بىز سىلەرنى ئەر-ئايال قىلىپ ياراتتۇق [8].

  9. (78-سۈرە نەبە، 9-ئايەت)
    وَجَعَلْنَا نَوْمَكُمْ سُبَاتًا
    ئۇيقۇنى سىلەرنىڭ (بەدىنىڭلار ئۈچۈن) راھەت قىلدۇق

    ئۇيقۇڭلارنى راھەت قىلدۇق [9].

  10. (78-سۈرە نەبە، 10-ئايەت)
    وَجَعَلْنَا اللَّيْلَ لِبَاسًا
    كېچىنى لىباس قىلدۇق

    كېچىنى كىيىمدەك (سىلەرنى يېپىپ تۇرىدىغان) قىلدۇق [10].

  11. (78-سۈرە نەبە، 11-ئايەت)
    وَجَعَلْنَا النَّهَارَ مَعَاشًا
    كۈندۈزنى (سىلەر) تىرىكچىلىك قىلىدىغان (ۋاقىت) قىلدۇق

    بىز كۈندۈزنى تىرىكچىلىك قىلىدىغان ۋاقىت قىلدۇق [11].

  12. (78-سۈرە نەبە، 12-ئايەت)
    وَبَنَيْنَا فَوْقَكُمْ سَبْعًا شِدَادًا
    ئۈستۈڭلاردا مۇستەھكەم يەتتە ئاسماننى بىنا قىلدۇق

    ئۈستۈڭلاردا مۇستەھكەم يەتتە ئاسماننى بىنا قىلدۇق [12].

  13. (78-سۈرە نەبە، 13-ئايەت)
    وَجَعَلْنَا سِرَاجًا وَهَّاجًا
    (سىلەر ئۈچۈن) يېنىپ تۇرغان چىراغنى (قۇياشنى) ياراتتۇق

    يېنىپ تۇرغان چىراغ (قوياش)نى ياراتتۇق [13].

  14. (78-سۈرە نەبە، 14-ئايەت)
    وَأَنْزَلْنَا مِنَ الْمُعْصِرَاتِ مَاءً ثَجَّاجًا
    ئاشلىقلارنى، ئوت ـ چۆپلەرنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردۇق

    ئاشلىقلارنى، ئوت-چۆپلەرنى، باغلاردىكى قويۇق دەرەخلەرنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردۇق [14ـ16].

  15. (78-سۈرە نەبە، 15-ئايەت)
    لِنُخْرِجَ بِهِ حَبًّا وَنَبَاتًا
    ئاشلىقلارنى، ئوت ـ چۆپلەرنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردۇق

    ئاشلىقلارنى، ئوت-چۆپلەرنى، باغلاردىكى قويۇق دەرەخلەرنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردۇق [14ـ16].

  16. (78-سۈرە نەبە، 16-ئايەت)
    وَجَنَّاتٍ أَلْفَافًا
    ئاشلىقلارنى، ئوت ـ چۆپلەرنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردۇق

    ئاشلىقلارنى، ئوت-چۆپلەرنى، باغلاردىكى قويۇق دەرەخلەرنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بۇلۇتلاردىن مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردۇق [14ـ16].

  17. (78-سۈرە نەبە، 17-ئايەت)
    إِنَّ يَوْمَ الْفَصْلِ كَانَ مِيقَاتًا
    قىيامەت كۈنى ھەقىقەتەن (مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش) ۋاقتىدۇر

    ھەق-ناھەق ئايرىلىدىغان قىيامەت كۈنى ھەقىقەتەن مۇئەييەن بىر كۈندۇر[17].

  18. (78-سۈرە نەبە، 18-ئايەت)
    يَوْمَ يُنْفَخُ فِي الصُّورِ فَتَأْتُونَ أَفْوَاجًا
    ئۇ كۈنى سۇر چېلىنىدۇ، سىلەر توپ ـ توپ بولۇپ كېلىسىلەر

    ئۇ كۈنى سۇر چېلىنىشى بىلەنلا، سىلەر توپ ـ توپ بولۇپ كېلىسىلەر [18].

  19. (78-سۈرە نەبە، 19-ئايەت)
    وَفُتِحَتِ السَّمَاءُ فَكَانَتْ أَبْوَابًا
    ئاسمان ئېچىلىپ نۇرغۇن ئىشىكلەر پەيدا بولىدۇ

    ئاسمان ئېچىلىپ، نۇرغۇن ئىشىكلەر پەيدا بولىدۇ [19].

  20. (78-سۈرە نەبە، 20-ئايەت)
    وَسُيِّرَتِ الْجِبَالُ فَكَانَتْ سَرَابًا
    تاغلار ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ سەرابتەك بولۇپ قالىدۇ (يەنى تاغلار توزۇپ يىراقتىن قارىغۇچىغا سۇدەك تۇيۇلىدۇ)

    تاغلار توزۇپ يۈرۈشۈپ، سەرراپتەك بولۇپ قالىدۇ [20].

  21. (78-سۈرە نەبە، 21-ئايەت)
    إِنَّ جَهَنَّمَ كَانَتْ مِرْصَادًا
    جەھەننەم ھەقىقەتەن (كۇففارلارنى) كۈتۈپ تۇرىدۇ

    جەھەننەم ھەقىقەتەن كافىرلارنى كۈتۈپ تۇرىدۇ [21].

  22. (78-سۈرە نەبە، 22-ئايەت)
    لِلطَّاغِينَ مَآبًا
    جەھەننەم، شۈبھىسىزكى، گۇناھكارلارنىڭ جايىدۇر

    ئۇ جەھەننەم كافىرلارنىڭ جايىدۇر [22].

  23. (78-سۈرە نەبە، 23-ئايەت)
    لَابِثِينَ فِيهَا أَحْقَابًا
    ئۇلار جەھەننەمدە ئۇزاق مۇددەت قالىدۇ

    ئۇلار جەھەننەمدە ئۇزاق مۇددەت قالىدۇ [23].

  24. (78-سۈرە نەبە، 24-ئايەت)
    لَا يَذُوقُونَ فِيهَا بَرْدًا وَلَا شَرَابًا
    ئۇلار جەھەننەمدە (جەھەننەمنىڭ ھارارىتىنى يىنىكلىتىلگەن) بىرەر سۆرۈنلۈككە ۋە (تەشنالىقنى قاندۇرىدىغان) بىرەر ئىچىملىككە ئېرىشەلمەيدۇ

    جەھەننەمدە بىرەر سالقىنغا ۋە (تەشنالىقنى قاندۇرىدىغان) بىرەر ئىچىملىككە ئېرىشەلمەيدۇ [24].

  25. (78-سۈرە نەبە، 25-ئايەت)
    إِلَّا حَمِيمًا وَغَسَّاقًا
    ئۇلارنىڭ ئېرىشىدىغىنى پەقەت يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ ۋە يىرىڭدىنلا ئىبارەت بولىدۇ

    ئېرىشىدىغىنى پەقەت يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ ۋە يىرىڭدىنلا ئىبارەت بولىدۇ [25].

  26. (78-سۈرە نەبە، 26-ئايەت)
    جَزَاءً وِفَاقًا
    بۇ (ئۇلارغا بېرىلىدىغان) مۇۋاپىق جازادۇر

    بۇ (ئۇلار ئۈچۈن) مۇۋاپىق جازادۇر [26].

  27. (78-سۈرە نەبە، 27-ئايەت)
    إِنَّهُمْ كَانُوا لَا يَرْجُونَ حِسَابًا
    چۈنكى ئۇلار (قىلمىشلىرىدىن) ھېساب ئېلىنىشتىن قورقمايتتى

    چۈنكى ئۇلار قىلمىشلىرىدىن ھېساب ئېلىنىشىنى ئويلىمايتتى [27]

  28. (78-سۈرە نەبە، 28-ئايەت)
    وَكَذَّبُوا بِآيَاتِنَا كِذَّابًا
    ھەمدە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى قاتتىق ئىنكار قىلاتتى

    ھەمدە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى قاتتىق ئىنكار قىلاتتى [28].

  29. (78-سۈرە نەبە، 29-ئايەت)
    وَكُلَّ شَيْءٍ أَحْصَيْنَاهُ كِتَابًا
    ھەر نەرسىنى تولۇق خاتىرىلەپ قويغان ئىدۇق

    (بىز ئۇلارغا:)«بىز ھەربىر ئىشنى تولۇق خاتىرىلەپ قويغان ئىدۇق، ئەمدى سىلەر بۇ ئازابنى تېتىڭلار، بىز سىلەرگە ئازابنىلا كۆپەيتىمىز»(دەيمىز)[29-30].

  30. (78-سۈرە نەبە، 30-ئايەت)
    فَذُوقُوا فَلَنْ نَزِيدَكُمْ إِلَّا عَذَابًا
    (ئۇلارغا ئېيتىمىزكى) «تېتىڭلار! سىلەرگە پەقەت ئازابنىلا زىيادە قىلىمىز»

    (بىز ئۇلارغا:)«بىز ھەربىر ئىشنى تولۇق خاتىرىلەپ قويغان ئىدۇق، ئەمدى سىلەر بۇ ئازابنى تېتىڭلار، بىز سىلەرگە ئازابنىلا كۆپەيتىمىز»(دەيمىز)[29-30].

  31. (78-سۈرە نەبە، 31-ئايەت)
    إِنَّ لِلْمُتَّقِينَ مَفَازًا
    شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار نېمەتكە ئېرىشىدۇ

    تەقۋادارلار چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ [31].

  32. (78-سۈرە نەبە، 32-ئايەت)
    حَدَائِقَ وَأَعْنَابًا
    (ئۇ نېمەت) باغلار، ئۈزۈملەردۇر

    ئۇلار ئۈچۈن باغلار، ئۈزۈملەر [32].

  33. (78-سۈرە نەبە، 33-ئايەت)
    وَكَوَاعِبَ أَتْرَابًا
    تەڭتۇش قىزلاردۇر

    كامالىغا يەتكەن تەڭتۇش قىزلار [33].

  34. (78-سۈرە نەبە، 34-ئايەت)
    وَكَأْسًا دِهَاقًا
    (شاراب بىلەن) تولدۇرۇلغان جاملاردۇر

    شاراب تولدۇرۇلغان جاملار [34].

  35. (78-سۈرە نەبە، 35-ئايەت)
    لَا يَسْمَعُونَ فِيهَا لَغْوًا وَلَا كِذَّابًا
    ئۇلار جەننەتتە يالغان سۆز، بىھۇدە سۆز ئاڭلىمايدۇ

    ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە ۋە يالغان سۆز ئاڭلىمايدۇ [35].

  36. (78-سۈرە نەبە، 36-ئايەت)
    جَزَاءً مِنْ رَبِّكَ عَطَاءً حِسَابًا
    (ئەنە شۇلار) پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەرگەن مۇكاپاتى، يېتەرلىك ئاتاسىدۇر

    ئەنە شۇلار پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەرگەن مۇكاپاتى ۋە يېتەرلىك ئىنئامىدۇر [36].

  37. (78-سۈرە نەبە، 37-ئايەت)
    رَبِّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا الرَّحْمَٰنِ ۖ لَا يَمْلِكُونَ مِنْهُ خِطَابًا
    ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر. (ئۇ كۈندە ھېچ كىشى) ئۇنىڭغا سۆز قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ

    ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر. (ئۇ كۈندە) ھېچ كىشى ئۇنىڭغا گەپ قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ [37].

  38. (78-سۈرە نەبە، 38-ئايەت)
    يَوْمَ يَقُومُ الرُّوحُ وَالْمَلَائِكَةُ صَفًّا ۖ لَا يَتَكَلَّمُونَ إِلَّا مَنْ أَذِنَ لَهُ الرَّحْمَٰنُ وَقَالَ صَوَابًا
    جىبرىئىل ۋە پەرىشتىلەر سەپ بولۇپ تۇرۇپ كېتىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەتتە)، ئۇلار(نىڭ ئارىسىدا) مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىزنىگە ئېرىشكەن ۋە توغرا سۆزنى قىلغانلاردىن باشقا ھېچ ئەھەدىنىڭ سۆز قىلىشىغا بولمايدۇ

    جىبرىئىل ۋە پەرىشتىلەر سەپ بولۇپ تۇرۇپ كېتىدىغان كۈندە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىجازىتىگە ئېرىشىپ توغرا گەپنى قىلغانلاردىن باشقا ھېچكىمنىڭ گەپ قىلىشىغا بولمايدۇ [38].

  39. (78-سۈرە نەبە، 39-ئايەت)
    ذَٰلِكَ الْيَوْمُ الْحَقُّ ۖ فَمَنْ شَاءَ اتَّخَذَ إِلَىٰ رَبِّهِ مَآبًا
    ئەنە شۇ چوقۇم بولىدىغان كۈندۇر. كىمكى (ئىمان بىلەن، ياخشى ئەمەل بىلەن) پەرۋەردىگارىغا قايتىدىغان يولنى تۇتۇشنى خالىسا (تۇتسۇن)

    ئەنە شۇ چوقۇم كېلىدىغان كۈندۇر.خالىغان ئادەم پەرۋەردىگارىغا ئۇلاشتۇردىغان يولنى تۇتسۇن [39].

  40. (78-سۈرە نەبە، 40-ئايەت)
    إِنَّا أَنْذَرْنَاكُمْ عَذَابًا قَرِيبًا يَوْمَ يَنْظُرُ الْمَرْءُ مَا قَدَّمَتْ يَدَاهُ وَيَقُولُ الْكَافِرُ يَا لَيْتَنِي كُنْتُ تُرَابًا
    بىز سىلەرنى ھەقىقەتەن (يۈز بېرىشى) يېقىن ئازابتىن (يەنى ئاخىرەت ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇردۇق، ئۇ كۈندە كىشى ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنى كۆرىدۇ. كاپىر: «كاشكى مەن تۇپراق بولۇپ كەتكەن بولسامچۇ!» دەيدۇ

    بىز سىلەرنى ھەقىقەتەن يېقىندا يۈز بېرىدىغان ئاخىرەت ئازابىدىن ئاگاھلاندۇردۇق. ئۇ كۈندە كىشى ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنى كۆرىدۇ. ھەربىر كافىر: «كاشكى مەن تۇپا بولۇپ قالغان بولسامچۇ»دەپ كېتىدۇ [40].