جاسىيە سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 37 ئايەت
مەنىسى: تىزلانغان(قەۋم). ئاتىلىش سەۋەبى: قىيامەت كۈنىدە ھەر بىر قەۋمنىڭ قورقۇنچتىن تىزلىنىپ تۇرىدىغانلىقى بايان قىلىنغان (28-ئايەت)
  1. (45-سۈرە جاسىيە، 1-ئايەت) ھەرپلەر
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ حم
    ھا، مىم — مۇھەممەد سالىھ

    ھا، مىيم — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھا، مىم. — ئەنەس ئالىم

    ھا، مىم. ئى ئىنكارچىلار! قۇرئان، سىلەر سۆزۈڭلارنى تۈزىدىغان مۇشۇنداق ھەرپلەردىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنداقتا، قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  2. تَنْزِيلُ الْكِتَابِ مِنَ اللَّهِ الْعَزِيزِ الْحَكِيمِ
    (بۇ) كىتاب غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ كىتاب غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ ئەزىز ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتابتۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! بۇ قۇرئان، يېڭىلمەيدىغان قۇدرەت ۋە چوڭقۇر ھېكمەت ئىگىسى بولغان ئاللاھ پۇختا تۈزۈپ نازىل قىلغان كىتابتۇر، شۇڭلاشقا بۇ قۇرئان ھەر جەھەتتىن مۆجىزە بولۇپ بارلىق جىنلار ۋە ئىنسانلار بىرلىشىپمۇ ئۇنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭدىن بىرەر ئېۋەن تاپالمايدۇ ۋە ئۇنىڭ بىرەر يېرىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ئادىل، نەسىھەتلىرى توغرا، قىسسەلىرى ئەمەلىيەت ۋە خەۋەرلىرى راستتۇر. شۇنىڭدەك، بۇ قۇرئان ئىلگىرى نازىل قىلىنغان ئىلاھى كىتابلارنىڭ قىيامەتكە قەدەر ئىنسانلار ئۈچۈن لازىم بولىدىغان مەزمۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، شۇنداقلا ئۇ كىتابلارنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان (مەنسۇخ قىلىدىغان). نازىل بولغاندىن تارتىپ قىيامەتكە قەدەر بارلىق ئىنسانلارغا نىجاتلىق يولىنى كۆرسىتىدىغان يېگانە كىتابتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. (45-سۈرە جاسىيە، 3-ئايەت) ئىلاھىي دەلىللەر ئىمان
    إِنَّ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ لَآيَاتٍ لِلْمُؤْمِنِينَ
    ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا مۆمىنلەر ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ھەقىقەتەن نۇرغۇن دەلىللەر بار — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا مۇئمىنلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئايەتلەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا مۇئمىنلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەتلەر بار. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! ئاسمانلارنىڭ قۇرۇلمىسىدا، ئاسمانلاردىكى يۇلتۇزلار، قۇياش، ئاي ۋە باشقا سەييارىلەرنىڭ مەۋجۇدىيىتىدە ۋە ئىنتىزاملىق ھەرىكەتلىرىدە، زېمىننىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئىنتىزاملىق ھەرىكىتىدە، زېمىندىكى تاغ - تاشلار، دەل - دەرەخلەر، دېڭىز - ئوكيانلار، گۈل - گىياھلار ۋە باشقا ئانئورگانىك ماددىلارنىڭ بارلىقىدا، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ئىلمى چەكسىز، ھېكمىتى چوڭقۇر ۋە رەھمىتى كەڭ، شۇنداقلا بىردىنبىر ئىلاھ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرى بار. ھەقىقەتكە ئىنتىلىدىغان، دەلىلگە قايىل بولىدىغان ۋە ھەقىقەتنى تاپسا ئىشىنىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئىزدەنگەن كىشىلەر ئۇ دەلىللەرگە قاراپ ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ۋە قىيامەت كۈنى خالايىقنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. وَفِي خَلْقِكُمْ وَمَا يَبُثُّ مِنْ دَابَّةٍ آيَاتٌ لِقَوْمٍ يُوقِنُونَ
    سىلەرنىڭ يارىتىلىشىڭلاردا ۋە (ئاللاھ زېمىندا) تارقىتىۋەتكەن جانىۋارلاردا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە) جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن دەلىللەر بار — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرنىڭ يارىتىلىشىڭلاردا ۋە ئاللاھ زېمىندا تارقىتىۋەتكەن جانىلىقلاردا جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن دەلىللەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرنىڭ يارىتىلىشىڭلاردا ۋە ئاللاھ تارقاتقان جانلىقلاردا جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئانىلىرىڭلارنىڭ قورساقلىرىدا تۈرلۈك باسقۇچلاردىن ئۆتكۈزۈپ چىرايلىق قامەت ۋە مۇكەممەل قابىلىيەتتە يارىتىشىدا، ئاللاھ يارىتىپ يەر يۈزىگە تارقاتقان ھەر خىل شەكىلدىكى ۋە پەرقلىق ئالاھىدىلىكتىكى تۈرلۈك - تۈمەن جانلىقلاردا، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ئىلمى چەكسىز، ھېكمىتى چوڭقۇر ۋە رەھمىتى كەڭ، شۇنداقلا بىردىنبىر ئىلاھ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرى بار. ھەقىقەتكە ئىنتىلىدىغان، دەلىلگە قايىل بولىدىغان ۋە ھەقىقەتنى تاپسا جەزمەن ئىشىنىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئىزدەنگەن كىشىلەر ئۇ دەلىللەرگە قاراپ ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ۋە قىيامەت كۈنى خالايىقنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ . — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. وَاخْتِلَافِ اللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَمَا أَنْزَلَ اللَّهُ مِنَ السَّمَاءِ مِنْ رِزْقٍ فَأَحْيَا بِهِ الْأَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا وَتَصْرِيفِ الرِّيَاحِ آيَاتٌ لِقَوْمٍ يَعْقِلُونَ
    كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھنىڭ بۇلۇتتىن (كۆكتىن) يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرۈشىدە ۋە شاماللارنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشىدا، چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار — مۇھەممەد سالىھ

    كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھنىڭ كۆكتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن رىزىقلەندۈرۈپ ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرۈشىدە ۋە شاماللارنىڭ يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشىدا، چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن دەلىللەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھ ئاسماندىن چۈشۈرۈپ، ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرگەن رىزىقتا ۋە ئاللاھنىڭ شاماللارنى پەرقلىق تەرەپلەردىن چىقىرىشىدا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار. — ئەنەس ئالىم

    كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ تۇرۇشى، بىر - بىرىنى قوغلىشىپ ئالمىشىپ تۇرۇشى ۋە بىرىنىڭ ئۇزىرىپ يەنە بىرىنىڭ قىسقىرىپ تۇرۇشى قاتارلىقلاردا، ئاللاھ ئاسماندىن (بۇلۇتتىن) چۈشۈرۈپ، ئۆلۈك زېمىننى جانلاندۇرغان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ جانلىقلارنىڭ رىزىقلىرىنىڭ يېتىشىشىگە سەۋەب قىلغان يامغۇر ۋە قار سۇلىرىدا، ئاللاھنىڭ شاماللارنى شىمال، جەنۇب، غەرب، شەرق دېگەندەك پەرقلىق يۆنلەردىن، ئىسسىق، سوغۇق، كۈچلۈك، ئاجىز دېگەندەك پەرقلىق ھالەتلەردە چىقىرىشىدا، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ئىلمى چەكسىز، ھېكمىتى چوڭقۇر ۋە رەھمىتى كەڭ، شۇنداقلا بىردىنبىر ئىلاھ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرى بار. ئەقىللىرىنى ئىشلەتكەن كىشىلەر ئۇ دەلىللەرگە قاراپ ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانە ئىلاھ ۋە قىيامەت كۈنى خالايىقنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. (45-سۈرە جاسىيە، 6-ئايەت) كاپىرلىق قۇرئاننىڭ ھىدايىتى
    تِلْكَ آيَاتُ اللَّهِ نَتْلُوهَا عَلَيْكَ بِالْحَقِّ ۖ فَبِأَيِّ حَدِيثٍ بَعْدَ اللَّهِ وَآيَاتِهِ يُؤْمِنُونَ
    ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدۇر. (ئى مۇھەممەد!) ئۇنى ساڭا ھەقلىق بىلەن تىلاۋەت قىلىپ بېرىمىز. ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى قويۇپ قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدۇر. -ئى مۇھەممەد!- ئۇنى ساڭا ھەقلىق بىلەن تىلاۋەت قىلىپ بېرىمىز. ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ ئايەتلىرىدىن كېيىن قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدۇر. بىز ئۇلارنى ساڭا ھەق بىلەن ئوقۇپ بېرىۋاتىمىز. ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن كېيىن قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئەنە شۇلار (3 ~ 5 - ئايەتلەردىكى) ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ئىلمى چەكسىز، ھېكمىتى چوڭقۇر ۋە رەھمىتى كەڭ، شۇنداقلا بىردىنبىر ئىلاھ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرىدۇر. بىز ئۇ ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەرنى ساڭا ئوقۇپ بېرىۋاتىمىز. مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ بۇ سۆزىگە ۋە بۇ ئايەتلىرىگە ئىشەنمىسە قايسى سۆزگە ئىشىنىدۇ؟ ئاللاھ تائالا 6 - ئايەتتە ئۆزى كۆرسەتكەن دەلىللەرگە ۋە نازىل قىلغان ئايەتلەرگە ئىشەنمىگەن مۇشرىكلارنى ئەيىبلەيدۇ.7 ~ 13 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارنىڭ جازاسىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئۆزىنىڭ كامالى قۇدرىتىنىڭ ۋە چەكسىز رەھمىتىنىڭ بىر قىسىم دەلىللىرىنى بايان قىلىپ ئۇلارنى تەپەككۇر قىلىشقا تەرغىب قىلىدۇ، مۇئمىلارنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشدىغانلىقىنى، ئۇ كافىرلارنىڭ جازاغا يولۇقىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. (45-سۈرە جاسىيە، 7-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب يالغانچىلىق
    وَيْلٌ لِكُلِّ أَفَّاكٍ أَثِيمٍ
    ھەر بىر گۇناھكار يالغانچىغا ۋاي! — مۇھەممەد سالىھ

    ھەر بىر گۇناھكار يالغانچىغا ۋاي! — تەرجىمە ھەيئىتى

    بوھتان چاپلىغۇچى ۋە گۇناھ قىلغۇچى ھەر قانداق كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي! — ئەنەس ئالىم

    (7-10) ھەر تۆھمەتخور ۋە گۇناھكار كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي؛ دىلىدا يامان نىيەت ساقلىغان، تىلىدا يالغان سۆز ئېيتقان، پۇت - قول ئەزالىرىدا گۇناھ قىلغان كىشى يېقىندا كۆرگۈلۈكىنى كۆرىدۇ. ئۇ كىشى شۇنداق يامان ئادەمكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئاڭلايدۇ، ئاندىن تەرسالىق ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىپ خۇددى ئۇ ئايەتلەرنى ئاڭلىمىغاندەك كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەيدۇ. ئى مۇھەممەد! ئۇ تۆھمەتخور ۋە گۇناھكار ئادەمگە قىيامەت كۈنى دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدىغانلىقىنى خۇش خەۋەر بەرگىن. ئۇ كىشىگە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن بىرەر ئايەت يەتكەن چاغدا، ئۇ كىشى ئۇ ئايەتنى مەسخىرە قىلىش ئوبيېكتى قىلىۋالىدۇ. ئەنە شۇ ئادەملەر خورلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئۇ تۆھمەتخور ۋە گۇناھكار كىشىلەرنىڭ ئالدىدا دوزاخ كۈتۈپ تۇرماقتىدۇر؛ ئۇلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى چېغىدا تاپقان مال - دۇنياسى، ئېرىشكەن كۈچ - قۇۋۋىتى ۋە ئىززەت - ئابرۇيى ئۇ چاغدا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىگە ھامىي قىلىۋالغان مەبۇدلىرىمۇ ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. يَسْمَعُ آيَاتِ اللَّهِ تُتْلَىٰ عَلَيْهِ ثُمَّ يُصِرُّ مُسْتَكْبِرًا كَأَنْ لَمْ يَسْمَعْهَا ۖ فَبَشِّرْهُ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
    ئۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئۆزىگە ئوقۇپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئاندىن تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا گويا ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك (كۇفرىدا) چىڭ تۇرىدۇ (گۇمراھلىقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ)، ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئۆزىگە ئوقۇپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، ئاندىن تەكەببۇرلۇق قىلغان ھالدا گويا ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك كۇفرىدا چىڭ تۇرىدۇ، ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ، ئاللاھنىڭ ئۆزىگە تىلاۋەت قىلىنغان ئايەتلىرىنى ئاڭلايدۇ، ئاندىن تەكەببۇرلۇق قىلىپ خۇددى ئۇ ئايەتلەرنى ئاڭلىمىغاندەك كۇفرىلىقتا چىڭ تۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن. — ئەنەس ئالىم

  9. وَإِذَا عَلِمَ مِنْ آيَاتِنَا شَيْئًا اتَّخَذَهَا هُزُوًا ۚ أُولَٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ مُهِينٌ
    ئۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن بىرەر نەرسىنى بىلگەن چاغدا (يەنى ئۇنىڭغا قۇرئان ئايەتلىرى يەتكەن چاغدا)، ئۇنى مەسخىرە قىلىدىغان نەرسە قىلىۋالىدۇ، ئەنە شۇلار خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن بىرەر نەرسىنى بىلگەن چاغدا، ئۇنى مەسخىرە قىلىدىغان نەرسە قىلىۋالىدۇ، ئەنە شۇلار خار قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن بىر نەرسە بىلسە، ئۇنى مەسخىرە قىلىدۇ. ئەنە شۇلارغا خورلىغۇچى ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم

  10. مِنْ وَرَائِهِمْ جَهَنَّمُ ۖ وَلَا يُغْنِي عَنْهُمْ مَا كَسَبُوا شَيْئًا وَلَا مَا اتَّخَذُوا مِنْ دُونِ اللَّهِ أَوْلِيَاءَ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
    ئۇلارنى ئالدىدا جەھەننەم (كۈتۈپ تۇرىدۇ)، ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن نەرسىلىرى (يەنى دۇنيادا تاپقان ماللىرى ۋە بالىلىرى) ۋە ئاللاھنى قويۇپ دوست تۇتقان نەرسىلىرى (يەنى بۇتلىرى) ئۇلارغا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى ئالدىدا جەھەننەم كۈتۈپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن نەرسىلىرى ۋە ئاللاھنى قويۇپ دوست تۇتقان نەرسىلىرى ئۇلارغا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنىڭ ئالدىدا جەھەننەم كۈتۈپ تۇرماقتىدۇر. ئۇلارنىڭ تاپقان مال - دۇنياسى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ۋەلىي قىلىۋالغان نەرسىلىرىمۇ ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلارغا چوڭ ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم

  11. هَٰذَا هُدًى ۖ وَالَّذِينَ كَفَرُوا بِآيَاتِ رَبِّهِمْ لَهُمْ عَذَابٌ مِنْ رِجْزٍ أَلِيمٌ
    بۇ (قۇرئان ئۇنىڭغا ئىشەنگەن ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن كىشىگە كامىل) ھىدايەتتۇر، پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار ئەڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ - قۇرئان ئۇنىڭغا ئىشەنگەن ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن كىشىگە - ھىدايەتتۇر، رەببىنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار ئەڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ قۇرئان توغرا يولنى كۆرسەتكۈچىدۇر. رەببىنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارغا يىرگىنچلىك ۋە ئەلەملىك ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز ساڭا نازىل قىلغان بۇ قۇرئان دۇنيادا بەختكە، ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىشنىڭ يولىنى كۆرسەتكۈچىدۇر. بۇ قۇرئان ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەرنى ئىنكار قىلغانلار ئەڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. (45-سۈرە جاسىيە، 12-ئايەت) ئىلاھىي دەلىللەر رىزىق شۈكۈر
    اللَّهُ الَّذِي سَخَّرَ لَكُمُ الْبَحْرَ لِتَجْرِيَ الْفُلْكُ فِيهِ بِأَمْرِهِ وَلِتَبْتَغُوا مِنْ فَضْلِهِ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
    اللاھنىڭ ئەمرى بىلەن دېڭىزدا كېمىلەرنىڭ يۈرۈشى ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن (يەنى تىجارەت قىلىشىڭلار، بېلىق تۇتۇشۇڭلار، دېڭىز ئاستىدىن ئۈنچە ـ مەرۋايىتلارنى سۈزۈۋېلىشىڭلار ئۈچۈن) ۋە (ئاللاھقا) شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن دېڭىزدا كېمىلەرنىڭ يۈرۈشى ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن ۋە -ئاللاھقا- شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرگە دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھ بۇنى ئۆزى بېكىتىپ قويغان قانۇنىيەت بويىچە دېڭىزدا كېمىلەرنىڭ ئۈزۈشى ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن قىلدى. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ دېڭىزلارنى يارىتىپ سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بېرىشىمۇ سىلەرگە ئاتا قىلغان بىر ئىلتىپاتىدۇر. ئاللاھ بۇ ئىلتىپاتنى سىلەرگە، كېمە ۋە پاراخوتلاردا شەھەردىن شەھەرگە، رايوندىن رايونغا، قىتئەدىن قىتئەگە ساياھەت قىلىشىڭلار ۋە تىجارەت قىلىشىڭلار، شۇنداقلا شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاتا قىلدى. ئەسكەرتىش: مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا دېڭىزلارنى بويسۇندۇرۇپ بېرىشىنىڭ ھېكمەتلىرى ئارىسىدا، ئىنسانلارنىڭ دېڭىزلاردىن ھەر تۈرلۈك بېلىقلارنى تۇتۇپ يېڭى گۆش يېيىش، ئۈنچە - مارجان ۋە مەرۋايىتلارنى چىقىرىپ پايدىلىنىشىمۇ زىكىر قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. وَسَخَّرَ لَكُمْ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا مِنْهُ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ
    ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى (كامالى) پەزلىدىن سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، بۇنىڭدا ھەقىقەتەن (قۇدرىتى ئىلاھىييەنى) تەپەككۈر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) (روشەن) دەلىللەر بار — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز پەزلىدىن سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، بۇنىڭدا ھەقىقەتەن تەپەككۈر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن روشەن دەلىللەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ يەنە ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز تەرىپىدىن ئىنئام سۈپىتىدە سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەتلەر بار. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! ئاللاھ ئاسمانلاردىكى قۇياشنى، ئاينى، يۇلتۇزلارنى، سەييارىلەرنى ۋە بۇلۇتلارنى، زېمىندىكى دېڭىز - ئوكيان، دەريا - ئۆستەڭ، تاغ - دالا، دەل - دەرەخ ۋە باشقا جانلىق - جانسىز بارلىق مەخلۇقاتنى يوقتىن يارىتىپ سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارغا سېلىپ بەردى. سىلەرگە، سەزگۈ ئەزالار بىلەن بىلىنىدىغان ئاشكارا ۋە پىكىر يۈرگۈزۈش بىلەن بىلىنىدىغان يوشۇرۇن سان - ساناقسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلدى. سىلەر ئاللاھنىڭ بۇ ئىلتىپاتلىرىنى كۆرۈۋاتىسىلەر ۋە ھېس قىلىۋاتىسىلەر. ئەقلىنى ئىشلىتىپ ئۇ نېمەتلەرنىڭ ئۈستىدە تەپەككۇر قىلغان كىشىلەر ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنى، رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىنى ۋە يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. قُلْ لِلَّذِينَ آمَنُوا يَغْفِرُوا لِلَّذِينَ لَا يَرْجُونَ أَيَّامَ اللَّهِ لِيَجْزِيَ قَوْمًا بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
    مۆمىنلەرگە ئېيتقىنكى، ئاللاھ ھەر قەۋمنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا جازا بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھنىڭ كۈنلىرىنى ئۈمىد قىلمايدىغانلارنى (يەنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقمايدىغان كۇففارلارنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىنى) كەچۈرسۇن — مۇھەممەد سالىھ

    مۇئمىنلارغا ئېيتقىنكى: ئاللاھ ھەر قەۋمنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا جازا بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھنىڭ كۈنلىرىنى ئۈمىد قىلمايدىغانلارنى كەچۈرسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! مۇئمىنلارغا ئېيتقىن: ئاللاھنىڭ كۈنلىرىنى[1] ئۈمىد قىلمايدىغانلارنى كەچۈرسۇن. چۈنكى ئاللاھ ھەر قەۋمنى ئۆز قىلمىشلىرى بىلەن جازالايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! مۇئمىنلارغا ئېيتقىن: ئاللاھ ياخشىلارغا مۇكاپات، يامانلارغا جازا بېرىدىغان كۈنلەرنىڭ كېلىشىنى كۈتمەيدىغان مۇشرىكلارنىڭ ۋە ئەھلى كىتابنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلسۇن، ئۇلارنى كەچۈرسۇن. شۇنداق قىلسا ئاللاھ ئۇلارنى بۇ ياخشىلىقى سەۋەبلىك مۇكاپاتلايدۇ؛ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ، رەھمىتىگە نائىل قىلىدۇ. ئۇ كافىرلارنى بولسا يامان قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىغا دۇچار قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  15. مَنْ عَمِلَ صَالِحًا فَلِنَفْسِهِ ۖ وَمَنْ أَسَاءَ فَعَلَيْهَا ۖ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّكُمْ تُرْجَعُونَ
    كىمكى (دۇنيادا) ياخشى ئىش قىلسا، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن قىلىدۇ، كىمكى يامان ئىش قىلسا، ئۇ ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن قىلىدۇ، ئاندىن كېيىن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر (ئاللاھ ياخشىلىققا مۇكاپات، يامانلىققا جازا بېرىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    كىمكى -دۇنيادا- ياخشى ئىش قىلسا، ئۇ ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن قىلىدۇ، كىمكى يامان ئىش قىلسا، ئۇمۇ ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن قىلىدۇ، ئاندىن كېيىن رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    كىم ياخشى ئىش قىلسا پايدىسى ئۆزىگە. كىم يامان ئىش قىلسا زىيىنى ئۆزىگە. ئاخىرى ھەممىڭلار رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر. — ئەنەس ئالىم

    كىمكى بۇ دۇنيادا ئاللاھقا ئىشىنىش ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئەگىشىشتىن ئىبارەت ياخشى ئىشنى قىلىدىكەن، ئۇ كىشى بۇ قىلمىشىنىڭ پايدىسىنى ئۆزى كۆرىدۇ. كىمكى بۇ دۇنيادا ئاللاھقا كۇفرىلىق ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئاسىيلىق قىلىشتىن ئىبارەت يامان ئىشنى قىلىدىكەن، ئۇ كىشى بۇ قىلمىشىنىڭ زىيىنىنى ئۆزى كۆرىدۇ. ئى مۇھەممەد! سېنىڭ ئىگەڭ - ئاللاھ بەندىلەرگە ھەرگىزمۇ زۇلۇم قىلمايدۇ؛ مۇئمىنلارنى ئۆز ئىلتىپاتى بىلەن مۇكاپاتلايدۇ، كافىرلارنى ئۆز ئادالىتى بىلەن جازالايدۇ؛ قىيامەت كۈنى ھەممەيلەن قايتا تىرىلىپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىدۇ ۋە دۇنيادىكى قىلمىشىنىڭ ھېسابىنى ئاللاھقا بېرىدۇ. ھېچكىم ھېچكىمنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، ھېچكىم ھېچكىمنىڭ ياخشىلىقىنىڭ پايدىسىنى كۆرمەيدۇ، ھەر كىشى ئۆز قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ. ئاللاھ تائالا 6 ~ 13 - ئايەتلەردە ئۆزى كۆرسەتكەن دەلىللەرگە ۋە نازىل قىلغان ئايەتلەرگە ئىشەنمىگەن مۇشرىكلارنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇلارنىڭ جازاسىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە ئۇلارنى تەپەككۇر قىلىشقا تەرغىب قىلىدۇ، مۇئمىلارنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشدىغانلىقىنى، كافىرلارنىڭ جازاغا يولۇقىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. 16 ~ 20 - ئايەتلەردە بولسا، ئايەتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ۋە ئۇلارغا ئەمەل قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. وَلَقَدْ آتَيْنَا بَنِي إِسْرَائِيلَ الْكِتَابَ وَالْحُكْمَ وَالنُّبُوَّةَ وَرَزَقْنَاهُمْ مِنَ الطَّيِّبَاتِ وَفَضَّلْنَاهُمْ عَلَى الْعَالَمِينَ
    شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتابنى (يەنى تەۋراتنى)، ھېكمەتنى ۋە پەيغەمبەرلىكنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردۇق، ئۇلارنى (زامانىدىكى) جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ

    شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتاب - تەۋرات - نى، ھېكمەتنى ۋە پەيغەمبەرلىكنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردۇق، ئۇلارنى جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتابنى، ھۆكۈمنى ۋە نەبىيلىكنى بەردۇق، ئۇلارغا پاك رىزىقلارنى ئاتا قىلدۇق. ئۇلارنى زامانداشلىرىدىن ئۈستۈن قىلدۇق، — ئەنەس ئالىم

    بىز ئۆز ۋاقتىدا بەنى ئىسرائىلغا كىتاب (تەۋرات)نى بەردۇق، ئۇلارنى فىرئەۋننىڭ ئاسارىتىدىن قۇتقۇزۇپ ئۆزىگە ئۆزىنى خوجايىن قىلدۇق ۋە ئۇ كىتابنىڭ ھۆكۈملىرىنى توغرا چۈشىنىپ ئىجرا قىلىش شارائىتى بەردۇق، ئۇلاردىن يۇسۇف، مۇسا، ھارۇن، داۋۇد، سۇلەيمان، زەكەرىييا، ئىيسا... قاتارلىق پەيغەمبەرلەرنى چىقاردۇق، ئۇلارغا مەننە، بۆدۈنە ۋە «بەرىكەتلىك زېمىن»نىڭ تۈرلۈك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى رىزىق قىلىپ بەردۇق، ئۇلارنى زامانداشلىرىدىن ئۈستۈن قىلدۇق؛ بىز ئۇلارنىڭ زامانداشلىرىغا بەرمىگەن نېمەت ۋە ئىمكانلارنى ئۇلارغا بەردۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. وَآتَيْنَاهُمْ بَيِّنَاتٍ مِنَ الْأَمْرِ ۖ فَمَا اخْتَلَفُوا إِلَّا مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَهُمُ الْعِلْمُ بَغْيًا بَيْنَهُمْ ۚ إِنَّ رَبَّكَ يَقْضِي بَيْنَهُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فِيمَا كَانُوا فِيهِ يَخْتَلِفُونَ
    ئۇلارغا دىن ئىشىدا روشەن دەلىللەرنى بەردۇق، پەقەت ئۇلارغا ئىلىم (يەنى دىننىڭ راستلىقىغا قەتئى دەلىللەر) كەلگەندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۇلار ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشلار ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا دىن ئىشىدا روشەن دەلىللەرنى بەردۇق، پەقەت ئۇلارغا ئىلىم كەلگەندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۇلار ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى. رەببىڭ ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنى ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشلار توغرىسىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا دىن ئىشىدا روشەن دەلىللەرنى بەردۇق. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىن ئارىلىرىدىكى ھەسەت يۈزىسىدىن ئىختىلاپ قىلىشتى. سېنىڭ رەببىڭ ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    شۇنىڭدەك، بىز ئۇلارغا دىنىي ئىشلىرىدا روشەن دەلىللەرنى بەردۇق؛ ھەر مەسىلىنىڭ ھۆكمىنى ناھايىتى ئېنىق بىلدۈردۇق. لېكىن ئۇلار دىنىي مەسىلىلەرنى ۋە ھۆكۈملەرنى بىزنىڭ بىلدۈرۈشىمىز بىلەن بىلگەندىن كېيىن ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ ئۇ مەسىلىلەر ۋە ھۆكۈملەر توغرىسىدا بىرلىككە كېلەلمىدى. ئى مۇھەممەد! سېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەڭ - ئاللاھ ئۇلار كېلىشەلمىگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. بەنى ئىسرائىل ئۆز كىتابلىرى بولغان تەۋراتتىن ناھايىتى ئېنىق بىلگەن تۇرۇقلۇق ئىختىلاپ قىلىشقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىدۇر ۋە شەنبە كۈنىدە بېلىق تۇتۇشنىڭ چەكلىنىشىدۇر. ئۇلار ئۆز كىتابلىرىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر بولۇپ كېلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈشلىرىنىڭ پەرزلىكىنى ناھايىتى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ ئىختىلاپ قىلىشقان؛ ئازچىلىقى ئىمان كەلتۈرگەن، كۆپچىلىكى ئىنكار قىلغان. شۇنىڭدەك، ئۇلار شەنبە كۈنىدە بېلىق تۇتۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ بۇ ھەقتە ئىختىلاپ قىلىشقان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. ثُمَّ جَعَلْنَاكَ عَلَىٰ شَرِيعَةٍ مِنَ الْأَمْرِ فَاتَّبِعْهَا وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَاءَ الَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ
    ئاندىن سېنى بىز (ئى مۇھەممەد!) دىن ئىشىدا (روشەن) بىر يولدا قىلدۇق، شۇ يولغا ئەگەشكىن، بىلمەيدىغانلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن سېنى بىز ئى مۇھەممەد! –ئەلەيھىسسالام- دىن ئىشىدا روشەن بىر شەرىئەت ئۈستىدە قىلدۇق، شۇڭا سەن شۇ يولغا ئەگەشكىن، بىلمەيدىغانلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئاندىن بىز سېنى دىن ئىشىدا بىر يول ئۈستىدە قىلدۇق. سەن ئۇ يولغا ئەگەشكىن، بىلمەيدىغانلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بەنى ئىسرائىل بىز بەرگەن كىتابتا شۇنچە روشەن بايان قىلىنغان دىندا ئىختىلاپ قىلىشىپ پىرقىلەرگە ئايرىلغاندىن كېيىن، بىز سېنى دىن ئىشىدا بىر يول ئۈستىدە قىلدۇق. سەن ئۇ يولغا ئەگەشكىن؛ ئۇ يولدا ماڭغىن. ھەق يولنى بىلمەيدىغان ۋە سېنى ئۆز يولىغا دەۋەت قىلغان مۇشرىكلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن. بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: ئى مۇھەممەد! بىز سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭنىڭ دەلىلى بولغان ۋە تامامەن ھەقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ قۇرئاننى ساڭا نازىل قىلىش بىلەن سېنى توغرا يولنىڭ ئۈستىدە قىلدۇق. شۇڭلاشقا سەن مۇشرىكلارنىڭ يۈز ئۆرۈشىگە پەرۋا قىلمىغىن، ئۇلارنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغىن ۋە تەلىپىنى رەت قىلغىن، ئەكسىچە سەن ئۆزۈڭگە ۋەھىي قىلىنغان بۇ قۇرئاننى ئىنسانلارغا يەتكۈزگىن، ئۆگەتكىن ۋە ھۆكۈملىرىنى ئىجرا قىلغىن. شۇنداق قىلساڭ توغرا يولدا ماڭغان بولىسەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. إِنَّهُمْ لَنْ يُغْنُوا عَنْكَ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا ۚ وَإِنَّ الظَّالِمِينَ بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ ۖ وَاللَّهُ وَلِيُّ الْمُتَّقِينَ
    شۈبھىسىزكى، (ئۇلارنىڭ گۇمراھلىقىغا ماسلىشىدىغان بولساڭ) ئۇلار سەندىن ئاللاھنىڭ (ئازابى) دىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايدۇ، شۈبھىسىزكى، (دۇنيادا) زالىملارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە دوستتۇر، ئاللاھ تەقۋادارلارنىڭ دوستىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، ئۇلار سەندىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايدۇ، شۈبھىسىزكى، زالىملارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە دوستتۇر، ئاللاھ بولسا، تەقۋادارلارنىڭ دوستىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئاللاھتىن كېلىدىغان ھېچبىر نەرسىنى سەندىن دەپئى قىلالمايدۇ. زالىملار بىر - بىرلىرىنىڭ ۋەلىيلىرىدۇر. ئاللاھ تەقۋادارلارنىڭ ۋەلىيسىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! شۇنى بىلگىنكى: گۇمراھلىقتا تېڭىرقاۋاتقان ۋە سېنى ئۆزلىرىنىڭ يولىغا دەۋەت قىلىۋاتقان بۇ مۇشرىكلار، سەن ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن تەقدىردە ئاللاھتىن كېلىدىغان ئازابتىن ھېچ نەرسىنى سەندىن دەپئى قىلالمايدۇ. ئۇ زالىملار مۇشۇ دۇنيادا بىر - بىرلىرىنىڭ دوستلىرى ۋە باتىلدا بىر - بىرىنى قوللىغۇچىلاردۇر، لېكىن ئاخىرەتتە بىر - بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ. ئاللاھ تەقۋادار بەندىلىرىنى، زالىملارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ. بولۇپمۇ سېنى مۇشرىكلار، مۇنافىقلار، يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلاپ زەپەرگە ئېرىشتۈرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. هَٰذَا بَصَائِرُ لِلنَّاسِ وَهُدًى وَرَحْمَةٌ لِقَوْمٍ يُوقِنُونَ
    بۇ (قۇرئان) ئىنسانلار ئۈچۈن روشەن پاكىتلاردۇر، ھىدايەتتۇر، (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) جەزمەن ئىشەنگەن قەۋم ئۈچۈن رەھمەتتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ -قۇرئان-، ئىنسانلار ئۈچۈن روشەن پاكىتلاردۇر، جەزمەن ئىشەنگەن قەۋم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ قۇرئان ئىنسانلار ئۈچۈن قۇتۇلۇش يولىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەردۇر، جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەت ۋە رەھمەتتۇر. — ئەنەس ئالىم

    بۇ قۇرئان ئىنسانلارغا قۇتۇلۇش يولىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۆزىنى ئاللاھنىڭ نازىل قىلغانلىقىغا جەزمەن ئىشەنگەن كىشىلەرنى يېتەكلەپ ياخشى مەنزىللەرگە ئېلىپ بارىدۇ، ئىلاھىي رەھمەتكە ئېرىشتۈرىدۇ؛ قۇرئانغا ئىشىنىپ ئەمەل قىلغانلار دۇنيادا بەختلىك ھاياتقا، ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا 20 - ئايەتتە قۇرئان كەرىمنىڭ ئەسلىدە بارلىق ئىنسانلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، لېكىن نەتىجىدە ئۇنىڭ مۇئمىنلارغا يول كۆرسەتكەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 21 ~ 26 - ئايەتلەردە بولسا، قۇرئان كەرىمگە ئىشىنىپ ئەمەل قىلغانلار بىلەن قۇرئان كەرىمنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ھېچبىر جەھەتتە ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، قۇرئان كەرىمگە بويسۇنمىغانلارنى تونۇتىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  21. أَمْ حَسِبَ الَّذِينَ اجْتَرَحُوا السَّيِّئَاتِ أَنْ نَجْعَلَهُمْ كَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ سَوَاءً مَحْيَاهُمْ وَمَمَاتُهُمْ ۚ سَاءَ مَا يَحْكُمُونَ
    يامان ئىشلارنى قىلغانلار (يەنى گۇناھكار كۇففارلار) ئۆزلىرىنى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلاردەك قىلىشىمىزنى، ھاياتلىقتا، ماماتلىقتا ئۇلار بىلەن ئوخشاش قىلىشىمىزنى ئويلامدۇ؟ (يەنى ئۇلارنى ئوخشاش قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس) ئۇلارنىڭ چىقارغان ھۆكمى نېمىدېگەن يامان! — مۇھەممەد سالىھ

    يامان ئىشلارنى قىلغانلار ئۆزلىرىنى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلاردەك قىلىشىمىزنى، ھاياتلىقتا، ماماتلىقتا ئۇلار بىلەن ئوخشاش قىلىشىمىزنى ئويلامدۇ؟ ئۇلارنىڭ چىقارغان ھۆكمى نېمىدېگەن يامان! — تەرجىمە ھەيئىتى

    يامان ئىشلارنى قىلغانلار ئاللاھ بىزنى ھاياتتا ۋە ماماتتا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بىلەن ئوخشاش قىلىدۇ دەپ ئويلامدۇ؟ ئۇلارنىڭ بۇ ھۆكمى نېمىدېگەن يامان! — ئەنەس ئالىم

    يامان ئىشلارنى قىلغانلار، بىزنىڭ ئۆزلىرىنى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بىلەن ئوخشاش قىلىدىغانلىقىمىزنى، ئۆزلىرىگە تىرىكلىكتە، ئۆلۈمدە، دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە مۇئمىنلار بىلەن باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىمىزنى ئويلامدۇ؟ ئۇلار ناۋادا مۇشۇنداق ئويلايدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ بۇ ئويى ۋە بۇ ھۆكمى نېمىدېگەن يامان! بىز ئۇ ئىككى پىرقىنى ئەسلا ئوخشاش كۆرمەيمىز. ھەرگىزمۇ باراۋەر قىلمايمىز؛ بىز لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى ئىخلاسمەنلىك بىلەن قىلىش ئارقىلىق بىزگە ئىتائەت قىلغان ئىخلاسمەنلەر بىلەن ئەمىر - پەرمانلىرىمىزغا بويۇنتاۋلىق قىلغان گەدەنكەشلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلمايمىز. بۇ ئىككى پىرقىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش بىزنىڭ ئادالىتىمىزگە توغرا كەلمەيدۇ، ئەكسىچە بىز ئىخلاسمەن مۇئمىنلارنى مۇكاپاتلايمىز، گەدەنكەش كافىرلارنى جازالايمىز. دېمەككى، باشقا بىر دۇنيا بار بولۇپ، ئۇ دۇنيا قىيامەت قايىم بولۇش بىلەن باشلىنىدۇ، بىز ئۇ كۈنى بارلىق بەندىلەرنى قايتا تىرىلدۈرىمىز ۋە ھەر كىشىنى مۇشۇ دۇنيادا قىلغان ئەمىلىگە قارىتا ئاخىرقى مەنزىلىگە مەڭگۈ قېلىشى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرىمىز؛ ياخشىلارنى جەننەتكە، يامانلارنى دوزاخقا ئورۇنلاشتۇرىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  22. وَخَلَقَ اللَّهُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ وَلِتُجْزَىٰ كُلُّ نَفْسٍ بِمَا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
    ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەقلىق بىلەن ياراتتى، ھەر ئىنساننىڭ قىلمىشىغا يارىشا جازا ياكى مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق بىلەن ياراتتى، ھەر ئىنساننىڭ قىلمىشىغا يارىشا جازا ياكى مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق بىلەن ياراتتى. ھەر كىمگە ئۆز قىلمىشىنىڭ جازاسى ۋە مۇكاپاتى بېرىلىدۇ، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئىنسانلارغا ھايات كەچۈرۈش شارائىتى ھازىرلاش، ئۇلارغا ياخشى - ياماننى تاللاشتا ئىختىيار بېرىش، ئاندىن ئۇلارنى پەيغەمبەر ئەۋەتىش ئارقىلىق ياخشىغا بۇيرۇش ۋە ياماندىن توسۇش، ئاندىن ئۆز ئىختىيارى ۋە ئەركىن ئىرادىسى بىلەن شۈكۈر قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش، تۇزكورلۇق قىلغانلارنى جازالاش، شۇنداقلا قۇدرەت، ھېكمەت، رەھمەت ۋە ئادالىتىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ھەمدە ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنماستىن ھەر كىشىگە ئۆز قىلمىشىنىڭ جازاسى ياكى مۇكاپاتى بېرىلىشى ئۈچۈن ياراتتى. ياخشىلار بىلەن يامانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش كائىناتنىڭ يارىتىلىش ھېكمىتىگە خىلاپتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  23. أَفَرَأَيْتَ مَنِ اتَّخَذَ إِلَٰهَهُ هَوَاهُ وَأَضَلَّهُ اللَّهُ عَلَىٰ عِلْمٍ وَخَتَمَ عَلَىٰ سَمْعِهِ وَقَلْبِهِ وَجَعَلَ عَلَىٰ بَصَرِهِ غِشَاوَةً فَمَنْ يَهْدِيهِ مِنْ بَعْدِ اللَّهِ ۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
    (ئى مۇھەممەد!) ماڭا نەپسى خاھىشنى ئىلاھ قىلىۋالغان، ئاللاھ ئازدۇرغان، (ھەقنى) بىلىپ تۇرغان، ئاللاھ قۇلىقىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن ۋە كۆزىنى پەردىلىگەن ئادەمنى ئېيتىپ بەرگىن، ئاللاھ ئازدۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ سىلەر (بۇلاردىن) ۋەز ـ نەسىھەت ئالمامسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد! - ماڭا نەپسى خاھىشنى ئىلاھ قىلىۋالغان، ئاللاھ ئىلىم بىلەن ئازدۇرغان، ئاللاھ قۇلىقىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن ۋە كۆزىنى پەردىلىگەن ئادەمنى ئېيتىپ بەرگىن، ئاللاھ ئازدۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ سىلەر بۇلاردىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالمامسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! نەپسى خاھىشىنى ئىلاھى قىلىۋالغان، ئاللاھ بىلىپ ئازدۇرغان، ئاللاھ ئاڭلاش قابىلىيىتىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن، كۆرۈش قابىلىيىتىنى پەردىلىۋەتكەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھ ئازدۇرغاندىن كېيىن ئۇنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ ئويلاپ باقمامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئۆزىنىڭ نەپسى خاھىشىنى ئىلاھى قىلىۋالغان، يەنى نەپسى خالىغان ئىشنى توغرا - خاتالىقىنى ئېنىقلىماستىن، ئاقىۋىتىنى ئويلىماستىن ئورۇندايدىغان، ئاللاھ توغرا يولغا كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ ئازغۇنلۇقتا تاشلىۋەتكەن، ئاللاھ ئاڭلاش قابىلىيىتىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن، كۆرۈش قابىلىيىتىنى پەردىلىۋەتكەن ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا قارىدىڭمۇ؟ ئۇ ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھ ئازغۇنلۇقتا تاشلىۋەتكەن ۋە ئۆزىنىڭ نەپسى خاھىشىغا شەرتسىز بويسۇنىدىغان ئۇ ئادەمنى كىم توغرا يولغا كەلتۈرەلەيدۇ؟ ئى ئىنسانلار! ئۇنداق ئادەملەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىبرەت ئېلىڭلار! ئەسكەرتىش: ئۆز نەپسى خاھىشىنى ئىلاھى قىلىۋالغان ئۇ ئادەملەر ئازغۇنلۇقنى تاللىغان بولىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزلىرى تاللىغان ئازغۇنلۇقتا تاشلىۋېتىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق، تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىكى ئاللاھ ھىدايەت ۋە زالالەت ئۈچۈن بېكىتكەن سىستېما بويىچە مەنىۋى جەھەتتىن ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە پېچەت، كۆزلىرىدە پەردە، قۇلاقلىرىدا ئېغىرلىق بولۇپ ئۇلارنى ئاللاھقا بويسۇنۇشتىن ۋە پەيغەمبەرگە ئەگىشىشتىن توسىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى بۇ ھالىتى بىلەن تاشلىۋېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  24. (45-سۈرە جاسىيە، 24-ئايەت) تىرىلىش كاپىرلىق غەپلەت
    وَقَالُوا مَا هِيَ إِلَّا حَيَاتُنَا الدُّنْيَا نَمُوتُ وَنَحْيَا وَمَا يُهْلِكُنَا إِلَّا الدَّهْرُ ۚ وَمَا لَهُمْ بِذَٰلِكَ مِنْ عِلْمٍ ۖ إِنْ هُمْ إِلَّا يَظُنُّونَ
    ئۇلار (يەنى قىيامەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار): «ھايات دېگەن پەقەت دۇنيادىكى ھاياتىمىزدۇر، ئۆلىمىز ۋە تىرىلىمىز (يەنى تۇغۇلىمىز). پەقەت زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوق بولىمىز» (دەيدۇ). ئۇلار بۇ خۇسۇستا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، ئۇلار پەقەت گۇمان بىلەن سۆزلەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار : «ھايات دېگەن پەقەت دۇنيادىكى ھاياتىمىزدۇر، ئۆلىمىز ۋە تىرىلىمىز. پەقەت زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوق بولىمىز» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار بۇ خۇسۇستا ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، ئۇلار پەقەت گۇمان بىلەن سۆزلەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار: «ھايات بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىنلا ئىبارەت، ئۆلىمىز ۋە تىرىلىمىز، بىزنى پەقەت زامان ھالاك قىلىدۇ» دەيدۇ. ئۇلار بۇ سۆزىدە ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانمايدۇ. ئۇلار گۇمان بىلەنلا گەپ قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    نەپسى خاھىشىنى ئۆزىنىڭ ئىلاھى قىلىۋالغان ئۇ ئادەملەر: «ھايات بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىنلا ئىبارەت. بىز بىر تەرەپتىن ئۆلۈپ تۇرۇمىز، يەنە بىر تەرەپتىن تۇغۇلۇپ تۇرۇمىز؛ بەزىمىز ئۆلىدۇ، بەزىمىز تۇغۇلىدۇ، دۇنيادا مۇشۇنداق ئۆلۈش ۋە تۇغۇلۇش داۋاملىشىپ تۇرىدۇ. بىز پەقەت زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن يوق بولۇپ كېتىمىز. بىز، ئۆلگەندىن كېيىن ھەرگىزمۇ قايتا تىرىلدۈرۈلمەيمىز» دەيدۇ. ئۇلار بۇ سۆزىدە ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانمايدۇ. ئۇلار پەقەت گۇمان بىلەن گەپ قىلىدۇ، تەخمىن بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  25. وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِمْ آيَاتُنَا بَيِّنَاتٍ مَا كَانَ حُجَّتَهُمْ إِلَّا أَنْ قَالُوا ائْتُوا بِآبَائِنَا إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
    ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوچۇق ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ پاكىتى پەقەت «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار (يەنى تىرىلدۈرۈڭلار)» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوچۇق ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ پاكىتى پەقەت «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنى كەلتۈرۈپ بېقىڭلار» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا، ئۇلارنىڭ: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى ئېلىپ كېلىڭلار» دېيىشتىن باشقا دەلىلى بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئۇلارغا، قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشى ۋە قىيامەت كۈنى خالايىقنىڭ قايتا تىرىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىمىز يەتكۈزۈلسە، ئۇلار ئۇ ئايەتلەرنى يەتكۈزگەن مۇئمىنلارغا: «ئەگەر سىلەر: ‹قىيامەت قايىم بولىدۇ، ئۇ كۈنى سىلەر قايتا تىرىلدۈرۈلىسىلەر› دېگەن سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، ھازىرغىچە ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا - بوۋىلىرىمىزنى تىرىلدۈرۈپ ئالدىمىزغا ئېلىپ كېلىڭلار» دەيدۇ. نەپسى خاھىشىغا چوقۇنغۇچىلار ئاللاھقا ئۆزىنىڭ نەپسى خاھىشىنى، كۆڭۈل ئارزۇسىنى ۋە ھاۋايى – ھەۋىسىنى شېرىك كەلتۈرىدىغان مۇشرىكلاردۇر. بۇلارنىڭ بۇ شېرىكتىن مەقسىتى ئۆزلىرىنى ئىسلامنىڭ ئەمر – پەرمانلىرىدىن ئازاد ھېس قىلىش ۋە بۇ دۇنيادا خالىغىنىچە ياشاشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ خىل مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى، تىرىكچىلىك يولىنى ۋە ياشاش شەكلىنى ئۆزى خالىغان بويىچە بەلگىلەيدۇ. ئىمان شەرتلىرىگە، ئىسلام ئەركانلىرىغا، ئەخلاق پىرىنسىپلىرىغا ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىغا پەرۋا قىلمايدۇ. ئۆلىمالارنىڭ ۋەز - نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالمايدۇ، ئاتا - ئانىسىنىڭ تەلىم - تەربىيەلىرىنى قۇلىقىدا تۇتمايدۇ. ئۇلار ئۆز ئېغىزلىرى بىلەن: «ھايات مېنىڭ ھاياتىم، ئۆزۈم چاغلاپ ياشايمەن، ماڭا ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ، ياشاش كېرەك، تۆت كۈنلۈك ئالەمدە ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈش لازىم، موللام نادان، دادام جاھىل، ئانام قاتمال، دىن كونىلىق...» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىدۇ ياكى بۇنى ئۆزلىرىنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشى ۋە ئىش - ھەرىكىتى بىلەن ئىپادىلەيدۇ؛ ئاغزىغا كەلگەننى دەيدۇ، ئالدىغا كەلگەننى يەيدۇ، ھالال - ھارامنى ئىلغىمايدۇ، ياخشى - ياماننى ئايرىمايدۇ، گۇناھ – ساۋابنى تاللىمايدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئەنە شۇ چۈشەنچە ۋە سۆز - ھەرىكەتلىرى بىلەن شەيتانغا مۇرىت، نەپسىگە بەندە بولغان بولىدۇ. يەنى بۇنداق كىشىلەر ئۆز نەپسىنى ئۆزىنىڭ ئىلاھى قىلىۋالغان مۇشرىك ئادەملەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. قُلِ اللَّهُ يُحْيِيكُمْ ثُمَّ يُمِيتُكُمْ ثُمَّ يَجْمَعُكُمْ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ لَا رَيْبَ فِيهِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
    (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنى تىرىلدۈرەلەيدۇ، ئاندىن (ئەجىلىڭلار پۈتكەندە) ۋاپات قىلدۇرالايدۇ، ئاندىن شەك ـ شۈبھىسىز قىيامەت كۈنىدە سىلەرنى يىغىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى) بىلمەي (قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلدى)» — مۇھەممەد سالىھ

    ئېيتقىنكى: «ئاللاھ سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن ۋاپات قىلدۇرىدۇ، ئاندىن شەك ـ شۈبھىسىز قىيامەت كۈنىدە سىلەرنى يىغىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئېيتقىنكى: «ئاللاھ سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئۆلتۈرىدۇ، ئاندىن قايىم بولۇشىدا شەك بولمىغان قىيامەت كۈنى سىلەرنى بىر يەرگە يىغىدۇ. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! قىيامەتنى ۋە ئۇ كۈنى قايتا تىرىلىپ ھېساب بېرىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىۋاتقان ئۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «سىلەرنى ئاللاھ يوقتىن ياراتتى، دۇنيادىكى ياشاش مۇددىتىڭلار توشقاندا ئاللاھ جېنىڭلارنى ئېلىپ ئۆلتۈرىدۇ، ئاندىن قىيامەت كۈنى سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈپ مەھشەرگە يىغىدۇ. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى لايىق رەۋىشتە بىلمەيدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار قىيامەتنى ئىنكار قىلىدۇ، توپىغا ئايلىنىپ كەتكەن جەسەتلىرىنىڭ قىيامەت كۈنى قايتا جانلىنىدىغانلىقىنى ئېھتىمالدىن يىراق ھېسابلايدۇ، سىلەر ئەنە شۇ كۆپچىلىكتىن بولىسىلەر». ئاللاھ تائالا 26 - ئايەتتە ئۆزىنىڭ قىيامەت كۈنى خالايىقنى قايتا تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە بۇنىڭغا خالايىقنى دەسلەپتە يوقتىن ياراتقانلىقىنى دەلىل قىلىپ كۆسىتىدۇ. 27 ~ 37 - ئايەتلەردە بولسا، قىيامەتنى قايىم قىلىشقا ۋە ئۇ كۈنى خالايىقنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنىڭ باشقا بىر دەلىلنى بايان قىلىدۇ، مۇئمىنلارنىڭ ۋە كافىرلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئەھۋاللىرىنى ئۇقتۇرىدۇ، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى ئەسلىتىپ بارلىق بەندىلىرىنى ئۆزىگە ھەمدۇسانا ئېيتىشقا بۇيرۇيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  27. وَلِلَّهِ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۚ وَيَوْمَ تَقُومُ السَّاعَةُ يَوْمَئِذٍ يَخْسَرُ الْمُبْطِلُونَ
    ئاسمانلار بىلەن زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە كاپىرلار زىيان تارتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمانلار بىلەن زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە كاپىرلار زىيان تارتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. قىيامەت قايىم بولغان كۈندە، ئەنە شۇ كۈندە باتىل تەرەپدارلىرى زىيان تارتىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ بىردىنبىر پادىشاھىدۇر؛ ئۇلارنى ۋە ئۇلاردىكى ھەر نەرسىنى ئاللاھ ياراتقان، ئاللاھ باشقۇرۇۋاتىدۇ. قىيامەت قايىم بولغان كۈندە، ئاللاھ خالايىقنى قايتا تىرىلدۈرۈپ قەبرىلىرىدىن چىقىرىدۇ ۋە ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈپ ئۇلاردىن قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. بۈگۈن (بۇ دۇنيادا) كۇفرىلىقتا ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەر ئۇ كۈندە زىيان تارتىدۇ، چۈنكى ئۇلار دوزاخقا تاشلىنىپ تۈرلۈك ئازابلارغا دۇچار قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  28. (45-سۈرە جاسىيە، 28-ئايەت) ھىساب ئەمەل دەپتىرى تىرىلىش
    وَتَرَىٰ كُلَّ أُمَّةٍ جَاثِيَةً ۚ كُلُّ أُمَّةٍ تُدْعَىٰ إِلَىٰ كِتَابِهَا الْيَوْمَ تُجْزَوْنَ مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
    ھەر ئۈممەتنى (قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن) تىزلانغان ھالدا كۆرىسەن، ھەر ئۈممەت ئۆزىنىڭ نامە ـ ئەمالىغا چاقىرىلىدۇ، (ئۇلارغا) «بۈگۈن قىلمىشىڭلارغا يارىشا مۇكاپاتقا ئېرىشىسىلەر ياكى جازاغا ئۇچرايسىلەر» (دېيىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ھەر ئۈممەتنى تىزلانغان ھالدا كۆرىسەن، ھەر ئۈممەت ئۆزىنىڭ نامە ـ ئەمالىغا چاقىرىلىدۇ، ئۇلارغا: «بۈگۈن قىلمىشىڭلارغا يارىشا مۇكاپاتقا ئېرىشىسىلەر ياكى جازاغا ئۇچرايسىلەر» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھەر ئۇممەتنى تىز پۈكۈپ ئولتۇرغان ھالەتتە كۆرىسەن. ھەر ئۇممەت ئۆزىنىڭ كىتابىغا چاقىرىلىدۇ. ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «بۈگۈن سىلەرگە ئۆز ئەمەللىرىڭلارنىڭ جازا ۋە مۇكاپاتى بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (28-29) ئى مۇھەممەد! سەن ئۇ كۈندە ھەر ئۇممەتنى تىز پۈكۈپ ئولتۇرغان ھالەتتە كۆرىسەن، ئۇ ئەسنادا ھەر ئۇممەت ئۆزىنىڭ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرى يېزىلغان ئۆز كىتابىنى تاپشۇرۇۋېلىشقا چاقىرىلىدۇ. ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «بۈگۈن سىلەر ئۆز ئەمەللىرىڭلارنىڭ جازاسىغا يولۇقىسىلەر ياكى مۇكاپاتىغا ئېرىشىسىلەر. مانا بۇ. سىلەر دۇنيادىكى چاغدا قىلغان قىلمىشلىرىڭلارنى بىز يېزىپ قويغان كىتابتۇر، بۇ كىتاب سىلەرگە ئۆز قىلمىشىڭلارنى ئەينەن بىلدۈرىدۇ، چۈنكى بىز قىلمىشىڭلارنى مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە يازدۇرغان ئىدۇق». ئەسكەرتىش: قىيامەت كۈنى دوزاخ مەھشەرگاھقا كەلتۈرۈلىدۇ. دوزاخ ئەسلىدە ئازغۇنلار ئۈچۈن كەلتۈرۈلسىمۇ، ئۇنى مەھشەرگاھتىكى ھەممەيلەن كۆرىدۇ. ئازغۇنلار يېقىن، تەقۋادارلار يىراق تەرەپتە دوزاخنىڭ ئەتراپىدا تىز چۆككەن ھالەتتە بولىدۇ. ئاندىن نامە-ئەمەل كىتابلىرىنىڭ بېرىلىشى باشلىنىدۇ. مۇئمىنلارنىڭ ھېساب - كىتابى بۇرۇن بىر تەرەپ قىلىنىپ، ئۇلار جەننەتكە ئېلىپ مېڭىلىدۇ. ئاندىن كافىرلارنىڭ ھېسابى باشلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەشەددىيلىرى تەرتىپ بىلەن تارتىپ چىقىرىلىدۇ ۋە دوزاخقا تاشلىنىدۇ. ئۇلار دوزاخقا تاشلانغان چاغدا دوزاخ چىقارغان قورقۇنچ ۋە دەھشەتلىك ئاۋازلارنى مۇئمىنلار ئاڭلىمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  29. هَٰذَا كِتَابُنَا يَنْطِقُ عَلَيْكُمْ بِالْحَقِّ ۚ إِنَّا كُنَّا نَسْتَنْسِخُ مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
    بۇ بىزنىڭ كىتابىمىز (يەنى نامە ـ ئەمال) سىلەرگە ھەق بىلەن سۆزلەيدۇ، بىز قىلمىشىڭلارنى يازدۇرۇپ تۇرغان ئىدۇق (يەنى پەرىشتىلەرنى ئەمەللىرىڭلارنى يېزىپ تۇرۇشقا بۇيرۇيتتۇق) — مۇھەممەد سالىھ

    مانا بۇ بىزنىڭ كىتابىمىز سىلەرگە ھەق بىلەن سۆزلەيدۇ، بىز قىلمىشىڭلارنى يازدۇرۇپ تۇرغان ئىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    مانا بۇ بىزنىڭ كىتابىمىزدۇر، سىلەرگە ھەقنى سۆزلەيدۇ. چۈنكى بىز، قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ نۇسخىسىنى ئالدۇرغان ئىدۇق». — ئەنەس ئالىم

  30. فَأَمَّا الَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ فَيُدْخِلُهُمْ رَبُّهُمْ فِي رَحْمَتِهِ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْمُبِينُ
    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارغا كەلسەك، پەرۋەردىگارى ئۇلارنى ئۆزىنىڭ رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ، بۇ روشەن مۇرادقا يېتىشتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارغا كەلسەك، رەببى ئۇلارنى رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ، بۇ روشەن مۇرادقا يېتىشتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، رەببى ئۇلارنى ئۆز رەھمىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ. مانا بۇ ئاشكارا مۇۋەپپەقىيەتتۇر. — ئەنەس ئالىم

    بۇ دۇنيادىكى چېغىدا لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە كۆرسىتىلگەن ياخشى ئەمەللەرنى ئىخلاسمەنلىك بىلەن قىلغان كىشىلەرگە كەلسەك، ئۇلارنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە قايتا تىرىلدۈرۈپ ھۇزۇرىغا كەلتۈرگەن ئىگىسى - ئاللاھ ئۇلارنى جەننىتىگە كىرگۈزۈپ ماددىي ۋە مەنىۋى نېمەتلىرىگە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىش ھەقىقەتەن چوڭ بەختتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  31. (45-سۈرە جاسىيە، 31-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كىبىر كاپىرلىق
    وَأَمَّا الَّذِينَ كَفَرُوا أَفَلَمْ تَكُنْ آيَاتِي تُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ فَاسْتَكْبَرْتُمْ وَكُنْتُمْ قَوْمًا مُجْرِمِينَ
    كاپىرلارغا كەلسەك، (ئۇلارنى ئەيىبلەش يۈزىسىدىن) ئۇلارغا: «مېنىڭ ئايەتلىرىم سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلمىدىمۇ؟ سىلەر چوڭچىلىق قىلىپ (ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشتىن) باش تارتتىڭلار، سىلەر گۇناھقا چۆمگەن قەۋم ئىدىڭلار» (دېيىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    كاپىرلارغا كەلسەك، ئۇلارغا: «مېنىڭ ئايەتلىرىم سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلمىدىمۇ؟ سىلەر چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتتىڭلار، سىلەر گۇناھقا چۆمگەن قەۋم ئىدىڭلار» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كافىرلارغا كەلسەك، ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «سىلەرگە ئايەتلىرىم تىلاۋەت قىلىنغان ئەمەسمىدى؟ لېكىن سىلەر چوڭچىلىق قىلدىڭلار ۋە گۇناھكار قەۋم بولدۇڭلار، شۇنداق ئەمەسمۇ! — ئەنەس ئالىم

    (31-32) كافىرلارغا كەلسەك، ئۇ كۈنى ئەيىبلەش ۋە سىلكىشلەش ئۈچۈن ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «دۇنيادىكى چېغىڭلاردا سىلەرگە ئەلچىلىرىم كېلىپ ئايەتلىرىمنى يەتكۈزگەن ۋە ئىمان كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلغان ئىدى، لېكىن سىلەر چوڭچىلىق قىلىپ دەۋەتنى قوبۇل قىلمىغان ۋە گۇناھ قىلىشتا ئەزۋەيلىگەن كىشىلەر ئىدىڭلار، شۇنداق ئەمەسمۇ! ئەلچىلىرىم سىلەرگە: ‹ئاللاھنىڭ قىيامەتنى قايىم قىلىش، قىيامەت كۈنى خالايىقنى قايتا تىرىلدۈرۈش، شۇنداقلا ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈپ ھېساب ئېلىش ۋە ھېساب نەتىجىسىدە مۇئمىنلارنى جەننەتكە، كافىرلارنى دوزاخقا ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ۋەدىسى ھەقتۇر، بۇ ۋەدە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، شۇڭلاشقا ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن ئۇ كۈنگە تەييارلىق قىلىڭلار› دېسە، سىلەر: ‹تەكەببۇرلۇق ۋە تەرسالىق قىلىپ بىز قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، بىز قىيامەتنىڭ قايىم بولىدىغانلىقىنى پەقەت گۇمان قىلىۋاتىمىز، بىز قىيامەتنىڭ قايىم بولىدىغانلىقىغا جەزمەن ئىشەنمەيمىز› دېگەن ئىدىڭلار!». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  32. وَإِذَا قِيلَ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ وَالسَّاعَةُ لَا رَيْبَ فِيهَا قُلْتُمْ مَا نَدْرِي مَا السَّاعَةُ إِنْ نَظُنُّ إِلَّا ظَنًّا وَمَا نَحْنُ بِمُسْتَيْقِنِينَ
    (سىلەرگە) «ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، قىيامەتتە (يەنى قىيامەتنىڭ بولۇشىدا) ھېچ شەك يوق» دېيىلسە، سىلەر (ھەددىدىن زىيادە سەركەشلىكىڭلاردىن): «قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، پەقەت ئۇنى بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىمىز، (ئۇنىڭغا) بىز ھەقىقىي ئىشەنمەيمىز» دېدىڭلار — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەرگە: «ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، قىيامەتتە ھېچ شەك يوق» دېيىلسە، سىلەر: «قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، پەقەت ئۇنى بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىمىز، ئۇنىڭغا بىز ھەقىقىي ئىشەنمەيمىز» دېدىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرگە: ‹ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىدا ھەرگىزمۇ شەك يوقتۇر› دېيىلسە، سىلەر: ‹بىز قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، بىز پەقەت گۇمان قىلىمىز، بىز ھەقىقىي ئىشەنمەيمىز› دېگەن ئىدىڭلار!». — ئەنەس ئالىم

  33. وَبَدَا لَهُمْ سَيِّئَاتُ مَا عَمِلُوا وَحَاقَ بِهِمْ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
    (ئاخىرەتتە) ئۇلارنىڭ قىلغان يامان ئىشلىرى ئاشكارا بولىدۇ، ئۇلار (دۇنيادىكى چاغلىرىدا) مەسخىرە قىلغان ئازاب ئۇلارنى ئورىۋالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    #نامى؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامانلىقلىرى ئاشكارا بولىدۇ ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسە قورشىۋالىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئۇلار ئۇ كۈنى ئۆز قىلمىشىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى ئاشكارا كۆرىدۇ، ئېنىق بىلىدۇ، ئۇلار بۇ دۇنيادا: «قېنى ئۇ ئازاب، ئۇ ئازاب قاچان كېلىدۇ؟ سىلەر بىزنى تەھدىت قىلغان ئازابنىڭ ۋاقتى قاچان؟...» دەپ ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازابقا دۇچار بولىدۇ؛ ئۇ ئازابنىڭ ئىچىدە قېلىپ قاتتىق قىينىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  34. وَقِيلَ الْيَوْمَ نَنْسَاكُمْ كَمَا نَسِيتُمْ لِقَاءَ يَوْمِكُمْ هَٰذَا وَمَأْوَاكُمُ النَّارُ وَمَا لَكُمْ مِنْ نَاصِرِينَ
    (ئۇلارغا) دېيىلىدۇ: «سىلەرنىڭ مۇشۇ كۈندىكى مۇلاقاتنى ئۇنتۇغانلىقىڭلارغا ئوخشاش، بۈگۈن سىلەرنى ئۇنتۇيمىز (يەنى سىلەرنى ئازابقا تاشلاپ قويۇپ ئۇنتۇپ قالغاندەك مۇئامىلە قىلىمىز)، سىلەرنىڭ جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ، سىلەرگە (سىلەرنى ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان) ھېچقانداق ياردەمچىمۇ بولمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    -ئۇلارغا- دېيىلىدۇ: «سىلەرنىڭ مۇشۇ كۈندىكى مۇلاقاتنى ئۇنتۇغانلىقىڭلارغا ئوخشاش، بۈگۈن سىلەرنى ئۇنتۇيمىز، سىلەرنىڭ جايىڭلار دوزاخ بولىدۇ، سىلەرگە ھېچقانداق ياردەمچىمۇ بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «سىلەر بۇ كۈنۈڭلار بىلەن ئۇچرىشىشنى ئۇنتۇغاندەك، بىزمۇ بۈگۈن سىلەرنى ئۇنتۇيمىز. سىلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرىڭلار دوزاختۇر. سىلەرگە ھېچقانداق ياردەمچى يوقتۇر. — ئەنەس ئالىم

    (34-35) ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «سىلەر دۇنيادىكى چېغىڭلاردا بۇ كۈننى ۋە بۇ كۈندە بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا چىقىپ ھېساب بېرىدىغانلىقىڭلارنى ئۇنتۇغان ھالدا ياشىدىڭلار، بۇ سەۋەبتىن ئەمدى ئازاب چېكىڭلار، بىز سىلەرنى ئازابنىڭ ئىچىگە تاشلىۋېتىمىز، سىلەر ئازابنىڭ ئىچىدە ئۇنتۇلۇپ كەتكەن كىشىلەردەك ئەبەدىي قالىسىلەر. سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك جايىڭلار دوزاختۇر، سىلەر ھېچكىمدىن ياردەم كۆرمەيسىلەر، چۈنكى سىلەر دۇنيادىكى چېغىڭلاردا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلار ۋە دۇنيا ھاياتىغا ئالداندىڭلار». ئۇ كۈنى ئۇلار دوزاختىن چىقىرىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزرە ئېيتىشلىرى، تەۋبە قىلىپ ئۆزلىرىنى تۈزىتىشى تەلەپ قىلىنمايدۇ، چۈنكى ئاخىرەت ئەمەل قىلىش ئەمەس، ئەكسىچە قىلغان ئەمەلنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش ئالەمىدۇر. ئەسكەرتىش: دوزاخقا تاشلانغانلار دوزاخىنىڭ ئىچىدىمۇ ئاللاھ تائالاغا، دوزاختىن چىقىرىپ ياخشى ئەمەل قىلىشقا قايتا بىر پۇرسەت بېرىشى توغرىسىدا يالۋۇرىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇ چاغدا ئۇلارغا، دەسلەپكى قېتىمدا يېتەرلىك پۇرسەت بەرگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بۇ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلمىگەنلىكىنى، شۇڭلاشقا ئۇلارنى دوزاخقا تاشلىغانلىقىنى ۋە دوزاختىن چىقارمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇلار دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە، ئۆزلىرىدىن ئازابنى يەڭگىللىتىش توغرىسىدا ئاللاھقا يالۋۇرۇشلىرىنى ئۆتۈنىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ئۇلارغا سەلبىي جاۋاب بېرىدۇ. دېمەككى، دۇنيادا بېرىلگەن پۇرسەتنى لايىق ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن ئۆتكۈزمىگەنلەرنىڭ ئاخىرەتتە ھېچبىر تەلىپى ئورۇندالمايدۇ، ھېچبىر ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ دوزاختا مەڭگۈ ئازاب چېكىش بىلەن ئۆز قىلمىشىلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىشتىن باشقا چارىسى يوق. بۇنى، دوزاخ ئەھلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  35. ذَٰلِكُمْ بِأَنَّكُمُ اتَّخَذْتُمْ آيَاتِ اللَّهِ هُزُوًا وَغَرَّتْكُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا ۚ فَالْيَوْمَ لَا يُخْرَجُونَ مِنْهَا وَلَا هُمْ يُسْتَعْتَبُونَ
    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىدىغان نەرسە قىلىۋالدىڭلار ۋە سىلەرنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىدى». بۈگۈن ئۇلار دوزاختىن چىقىرىلمايدۇ، ئۇلاردىن (تەۋبە قىلىش ۋە ئىبادەت قىلىش بىلەن) ئاللاھنى رازى قىلىشمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىدىغان نەرسە قىلىۋالدىڭلار ۋە سىلەرنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىدى». بۈگۈن ئۇلار دوزاختىن چىقىرىلمايدۇ، ئۇلاردىن ئاللاھنى رازى قىلىشمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    چۈنكى سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلار ۋە دۇنيا ھاياتى سىلەرنى ئالدىدى». بۈگۈن ئۇلار دوزاختىن چىقىرىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزرە ئېيتىشلىرىمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  36. فَلِلَّهِ الْحَمْدُ رَبِّ السَّمَاوَاتِ وَرَبِّ الْأَرْضِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
    جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى ۋە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر! — مۇھەممەد سالىھ

    جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنىڭ رەببى، زېمىننىڭ رەببى ۋە ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمانلارنىڭ رەببى، زېمىننىڭ رەببى ۋە ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. — ئەنەس ئالىم

    ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە باشقا بارلىق مەخلۇقاتنى يوقتىن ياراتقان، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن؛ ئاللاھنىڭ قۇدرىتى نېمىدېگەن ئۇلۇغ! قىلغان ھەر ئىشى نېمىدېگەن مۇكەممەل! شۇڭلاشقا ئى بەندىلەر! ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  37. وَلَهُ الْكِبْرِيَاءُ فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئۇلۇغلۇق ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئۇلۇغلۇق ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئۇلۇغلۇق ئۇنىڭغا خاستۇر، ئۇ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئۇلۇغلۇق ۋە سەلتەنەت ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ يېڭىلمەيدىغان قۇدرەت ۋە چوڭقۇر ھېكمەت ئىگىسىدۇر. ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىشقا قادىردۇر، ئاللاھنىڭ ھەر سۆزى توغرا، ھەر خەۋىرى راست، ھەر ئىشى مۇكەممەل ۋە ھەر ھۆكمى ئادىلدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى