غافىر سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 85 ئايەت
مەنىسى: مەغپىرەت قىلغۇچى. ئاتىلىش سەۋەبى: سۈرە بېشىدىلا ئاللاھنىڭ مەزكۇر ئىسمى زىكىر قىلىنغان
  1. (40-سۈرە غافىر، 1-ئايەت) ھەرپلەر
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ حم
    ھامىم — مۇھەممەد سالىھ

    ھامىيم — تەرجىمە ھەيئىتى

    ھا، مىم. — ئەنەس ئالىم

    ھا، مىم. ئى ئىنكارچىلار! قۇرئان، سىلەر سۆزۈڭلارنى تۈزىدىغان مۇشۇنداق ھەرپلەردىن تەركىپ تاپىدۇ. ئۇنداقتا، قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

    .
  2. تَنْزِيلُ الْكِتَابِ مِنَ اللَّهِ الْعَزِيزِ الْعَلِيمِ
    (بۇ) كىتاب (يەنى قۇرئان) غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ كىتاب –يەنى قۇرئان-، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى، گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلغۇچى، تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچى، ئازابى قاتتىق، ئىنئام ئىگىسى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاقىۋەت قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇ ئەزىز ۋە بىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان كىتابتۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! بۇ قۇرئان، يېڭىلمەيدىغان قۇدرەت ۋە چەكسىز ئىلىم ئىگىسى بولغان ئاللاھ پۇختا تۈزۈپ نازىل قىلغان كىتابتۇر، شۇڭلاشقا بۇ قۇرئان ھەر جەھەتتىن مۆجىزە بولۇپ بارلىق جىنلار ۋە ئىنسانلار بىرلىشىپمۇ ئۇنىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرەلمەيدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭدىن بىرەر ئېۋەن تاپالمايدۇ ۋە ئۇنىڭ بىرەر يېرىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ئادىل، نەسىھەتلىرى توغرا، قىسسەلىرى ئەمەلىيەت ۋە خەۋەرلىرى راستتۇر. شۇنىڭدەك، بۇ قۇرئان ئىلگىرى نازىل قىلىنغان ئىلاھى كىتابلارنىڭ قىيامەتكە قەدەر ئىنسانلار ئۈچۈن لازىم بولىدىغان مەزمۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، شۇنداقلا ئۇ كىتابلارنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان (مەنسۇخ قىلىدىغان). نازىل بولغاندىن تارتىپ قىيامەتكە قەدەر بارلىق ئىنسانلارغا نىجاتلىق يولىنى كۆرسىتىدىغان يېگانە كىتابتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. غَافِرِ الذَّنْبِ وَقَابِلِ التَّوْبِ شَدِيدِ الْعِقَابِ ذِي الطَّوْلِ ۖ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ إِلَيْهِ الْمَصِيرُ
    (ئاللاھ) گۇناھنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر. (ئاللاھنىڭ) ئازابى قاتتىقتۇر، (ئاللاھ) ئىنئام ئىگىسىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاقىۋەت قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ گۇناھنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، ئازابى قاتتىقتۇر، ئىنئامى كۆپتۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاخىرى قايتىپ بارىدىغان جاي ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ ئاللاھ گۇناھكار بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدىغان، تەۋبە قىلغان بەندىلىرىنىڭ تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان، تەۋبە قىلماي كۇفرىلىقتا ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلىگەن بەندىلىرىنى قاتتىق جازالايدىغان، بارلىق ئىنسانلارغا سان - ساناقسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ۋە قىلىۋاتقان، ئىتائەتكار بەندىلىرىگە ئالاھىدە ئىنئام ئاتا قىلىدىغان، چوقۇنۇشقا لايىق يەككە - يېگانە مەبۇد بولغان، قىيامەت كۈنى بەندىلىرىنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھۇزۇرىغا كەلتۈرىدىغان ۋە ئۇلاردىن قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى ئالىدىغان، شۇنداقلا ھېساب نەتىجىسىدە ھەر كىشىنى لايىق بولغان يېرىگە ئورۇنلاشتۇرىدىغان زاتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. مَا يُجَادِلُ فِي آيَاتِ اللَّهِ إِلَّا الَّذِينَ كَفَرُوا فَلَا يَغْرُرْكَ تَقَلُّبُهُمْ فِي الْبِلَادِ
    ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى (يەنى قۇرئان) توغرىسىدا پەقەت كاپىرلار مۇجادىلە قىلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ شەھەرلەردە بېرىپ ـ كېلىپ يۈرۈشلىرىگە مەغرۇر بولۇپ كەتمىگىن — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن بۇرۇن، نۇھنىڭ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن جامائەلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. ھەر ئۈممەت ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنى ھالاك قىلىشنى قەستلىدى. ھەقنى بىكار قىلىش ئۈچۈن باتىل مۇنازىرە قىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلدىم، مېنىڭ ئازابىم قانداق ئىكەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى توغرىسىدا كافىرلاردىن باشقىسى تارتىشمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ باياشاتچىلىق ئىچىدە شەھەرمۇشەھەر كېزىپ يۈرۈشلىرى سېنى ئالدىمىسۇن! — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! قۇرئاننى ئەنە شۇ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ئىلمى چەكسىز، مەغپىرىتى كۆپ، رەھمىتى كەڭ، جازاسى قاتتىق ۋە ئىلتىپاتى بۈيۈك ئاللاھ نازىل قىلدى، ئەقلىنى ئىشلەتكەن كىشى بۇنىڭغا قىلچە شەك قىلمايدۇ، لېكىن قۇرئاننىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئەقلىنى ئىشلىتىپ تەپەككۇر قىلمىغان، ئەكسىچە تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىك بىلەن كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەن كافىرلار ئۇ ئايەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ باتىل دەۋالىرى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ؛ ئاللاھ تەۋھىد، نۇبۇۋۋەت ۋە قىيامەتنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن ناھايىتى ئېنىق بايان قىلغاندىن كېيىن كافىرلار تەرسالىق قىلىپ ئۇ ئايەتلەرگە تەنە - ھاقارەت قىلىدۇ، ئۇلارنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئەخمەقلىق قىلىپ شۇنچە ئوچۇق بايان قىلىنغان ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ ئىنكارى ئۆزلىرىنىڭ تەرسالىقى، تەقلىدچىلىكى ۋە ھاماقەتلىكى تۈپەيلىدىن بولۇپ، ئۇلار يېقىندا جازالىنىدۇ، ئى مۇھەممەد! شۇڭا سەن ئۇلارنىڭ ھازىر باياشاتچىلىق ئىچىدە شەھەرمۇشەھەر كېزىپ يۈرۈشلىرىگە قاراپ ئالدانمىغىن، چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ پاراۋان تۇرمۇشى ۋە خاتىرجەم ھاياتى ئۇزۇن سۈرمەيدۇ؛ بىز ئۇلارنى دۇنيا نېمەتلىرىدىن قىسقا مۇددەت بەھرىمەن قىلىمىز، ئاندىن قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ وَالْأَحْزَابُ مِنْ بَعْدِهِمْ ۖ وَهَمَّتْ كُلُّ أُمَّةٍ بِرَسُولِهِمْ لِيَأْخُذُوهُ ۖ وَجَادَلُوا بِالْبَاطِلِ لِيُدْحِضُوا بِهِ الْحَقَّ فَأَخَذْتُهُمْ ۖ فَكَيْفَ كَانَ عِقَابِ
    ئۇلار (يەنى مەككە كاپىرلىرى) دىن بۇرۇن، نۇھنىڭ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى (پەيغەمبەرلىرىگە قارشى ئۇيۇشقان ئاد ۋە سەمۇدقا ئوخشاش) جامائەلەر (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلدى. (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغۇچى ئۈممەتلەردىن) ھەر ئۈممەت ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنى ھالاك قىلىشنى قەستلىدى. ھەقنى بىكار قىلىش ئۈچۈن باتىل (سۆزلەر ئارقىلىق پەيغەمبەرلىرى بىلەن) مۇنازىرە قىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلدىم، مېنىڭ ئازابىم قانداق ئىكەن؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردىن بۇرۇن، نۇھنىڭ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن جامائەلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. ھەر ئۈممەت ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىنى ھالاك قىلىشنى قەستلىدى. ھەقنى بىكار قىلىش ئۈچۈن باتىل مۇنازىرە قىلىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلدىم، مېنىڭ ئازابىم قانداق ئىكەن؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇلاردىن ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى گۇرۇھلار راستنى يالغان دېدى، ھەر ئۇممەت ئۆزىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىنى جازالاشقا ئۇرۇندى ۋە ھەقنى باتىل بىلەن يوق قىلىشقا تىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى جازالىدىم. جازالىشىم قانداق بولدى؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلار سېنى ئىنكار قىلىشتىن ئىلگىرى، ئۆتمۈشتە نۇھنىڭ قەۋمى ۋە ئۇلاردىن كېيىن ئۆز پەيغەمبەرلىرىگە قارشى تۇرۇشتا بىرلەشكەن گۇرۇھلار ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلار دەۋەت قىلغان يولغا قارشى چىققان ئىدى؛ ئۇلاردىن ھەر ئۇممەت ئۆزىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىگە زىيانكەشلىك قىلىشقا ۋە ئۇلار يەتكۈزگەن ھەقنى ئۆزلىرىنىڭ باتىل دەۋالىرى بىلەن يوق قىلىشقا ئۇرۇندى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى جازالىدىم. جازالىشىم قانداق بولدى؟ ئاخىرى ھەممىسى مېنىڭ ئازابىمنى تېتىدى ۋە تەلتۆكۈس ھالاك قىلىندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. وَكَذَٰلِكَ حَقَّتْ كَلِمَتُ رَبِّكَ عَلَى الَّذِينَ كَفَرُوا أَنَّهُمْ أَصْحَابُ النَّارِ
    شۇنىڭدەك (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە تېگىشلىك بولغاندەك) پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابى كاپىرلارغا تېگىشلىك بولدى. ئۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنىڭدەك رەببىڭنىڭ ئازابى كاپىرلارغا تېگىشلىك بولدى. ئۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىڭنىڭ كافىرلار توغرىسىدىكى: «ئۇلار ھەقىقەتەن دوزاخ ئەھلىدۇر» دېگەن سۆزى ئەنە شۇنداق ئەمەلگە ئاشىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەڭ - ئاللاھنىڭ: «ئۇلار دوزاخ ئازابىغا مەڭگۈ دۇچار بولىدۇ» دېگەن مەنىدىكى سۆزى ئۆتمۈشتە ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىققان كافىرلارغا ئەمەلىيلەشكەندەك، ئاللاھنىڭ ئۇ سۆزى سېنىڭ قەۋمىڭنىڭ تەرسا كافىرلىرىغىمۇ ئەمەلىيلىشىدۇ؛ بۇ تەرسالار يېقىندا ئۇ تەرسالار يولۇققان ئازابنىڭ ئوخشىشىغا يولۇقىدۇ، چۈنكى ھەر ئىككى كافىر قەۋمنىڭ قىلغان گۇناھى ئوخشاش: كۇفرىلىق، ئاسىيلىق ۋە بويۇنتاۋلىق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. الَّذِينَ يَحْمِلُونَ الْعَرْشَ وَمَنْ حَوْلَهُ يُسَبِّحُونَ بِحَمْدِ رَبِّهِمْ وَيُؤْمِنُونَ بِهِ وَيَسْتَغْفِرُونَ لِلَّذِينَ آمَنُوا رَبَّنَا وَسِعْتَ كُلَّ شَيْءٍ رَحْمَةً وَعِلْمًا فَاغْفِرْ لِلَّذِينَ تَابُوا وَاتَّبَعُوا سَبِيلَكَ وَقِهِمْ عَذَابَ الْجَحِيمِ
    ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ۋە ئەرشنىڭ چۆرىسىدىكى پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمدى ئېيتىدۇ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ، مۆمىنلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «پەرۋەردىگارىمىز! سېنىڭ رەھمىتىڭ ۋە ئىلمىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەۋبە قىلغانلارغا ۋە سېنىڭ يولۇڭغا ئەگەشكەنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن، ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن — مۇھەممەد سالىھ

    ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ۋە ئەرشنىڭ چۆرىسىدىكى پەرىشتىلەر رەببىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمدى ئېيتىدۇ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ، مۇئمىنلارغا مەغپىرەت تىلەيدۇ. ئۇلار ئېيتىدۇ: «رەببىمىز! سېنىڭ رەھمىتىڭ ۋە ئىلمىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەۋبە قىلغانلارغا ۋە سېنىڭ يولۇڭغا ئەگەشكەنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن، ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتقان ۋە ئۇنىڭ چۆرىسىدىكى پەرىشتىلەر رەببىگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتىدۇ[1]، رەببىگە ئىشىنىدۇ ۋە مۇئمىنلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەپ مۇنداق دۇئا قىلىدۇ: «رەببىمىز! سەن ھەر نەرسىنى رەھمىتىڭ ۋە ئىلمىڭ بىلەن قورشاپ تۇرۇۋاتىسەن. تەۋبە قىلىپ يولۇڭدا ماڭغانلارنى مەغپىرەت قىلغىن ۋە ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن. — ئەنەس ئالىم

    (7-9) ئاللاھنىڭ ئەرشىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتقان ۋە قورشاپ تۇرۇۋاتقان پەرىشتىلەر ئاللاھنى ئۇلۇغلاپ تۇرىدۇ، ئاللاھنىڭ كەمچىلىكتىن ۋە نۇقساندىن پاك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ تۇرىدۇ، ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە ئىشىنىدۇ ۋە ئىشەنچ قىلىدۇ، ئاللاھقا ئەستايىدىللىق بىلەن ئىتائەت قىلىدۇ، مۇئمىنلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەپ مۇنداق دۇئا قىلىدۇ: «ئى بىزنى يوقتىن ياراتقان، مەۋجۇتلۇقىمىزنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ۋە بۇ مۇقەددەس ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ئىگىمىز - ئاللاھ! سەن ھەر نەرسىنى رەھمىتىڭ ۋە ئىلمىڭ بىلەن قورشاپ تۇرۇۋاتىسەن. كۇفرىلىقتىن ۋە ئاسىيلىقتىن تەۋبە قىلىپ سەن دەۋەت قىلغان يولغا كەلگەن ۋە ئۇ يولدا ماڭغان بەندىلىرىڭنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغىن، ئۇلارنى پاناھىڭغا ئالغىن، ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن. ئى ئىگىمىز! ئۇلارنى، سەن ئۇلارغا ۋەدە قىلغان «ئەدن باغچىلىرى»غا كىرگۈزگىن. ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىدىن، جۈپلىرىدىن ۋە بالىلىرىدىن ياخشى بولغانلارنىمۇ ئۇ باغچىلارغا كىرگۈزگىن؛ ئۇلارنى جەننەتتە جەم بولۇپ بىرلىكتە سۆيۈنگىلى نېسىپ قىلغىن. ئى ئىگىمىز! سەن يېڭىلمەيدىغان قۇدرەت، ئېرىشىلمەيدىغان ئۈستۈنلۈك ۋە چوڭقۇر ھېكمەت ئىگىسىسەن؛ سەن خالىغىنىڭنى قىلىسەن، سېنىڭ ھەر سۆزۈڭ راست، ھەر ئىشىڭ توغرا ۋە ھەر ھۆكمىڭ ئادىلدۇر، يا رەب! ئى ئىگىمىز! ئۇ بەندىلىرىڭنى تەۋبە قىلىشتىن ئىلگىرى قىلغان يامان ئىشلىرىنىڭ جازاسىدىن ساقلىغىن، ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى يامانلىقلىرىغا جازا بەرمىگىن، سەن قىيامەت كۈنى كىمنى يامانلىقلىرىنىڭ جازاسىدىن ساقلىساڭ ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلغان بولىسەن. بۇ ئۇ كىشى ئۈچۈن چوڭ بەختكە ئېرىشىشتۇر. يا رەب!». ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋىدىكى پەرىشتىلەرنىڭ مۇئمىنلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، باشقا ئىككى ئايەتتە ئۇلارنىڭ بۇ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. رَبَّنَا وَأَدْخِلْهُمْ جَنَّاتِ عَدْنٍ الَّتِي وَعَدْتَهُمْ وَمَنْ صَلَحَ مِنْ آبَائِهِمْ وَأَزْوَاجِهِمْ وَذُرِّيَّاتِهِمْ ۚ إِنَّكَ أَنْتَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
    پەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۇلارنى، ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىدىن، ئاياللىرىدىن، ئەۋلادلىرىدىن ياخشى بولغانلارنى ئۇلارغا ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك جەننەتكە كىرگۈزگىن، سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىمىز! سەن ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىدىن، ئاياللىرىدىن، ئەۋلادلىرىدىن ياخشى بولغانلارنى ئۇلارغا ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك جەننەتكە كىرگۈزگىن، سەن ھەقىقەتەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىمىز! ئۇلارنى، سەن ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئەدن جەننەتلىرىگە كىرگۈزگىن. ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىدىن، جۈپلىرىدىن ۋە بالىلىرىدىن ياخشى بولغانلارنىمۇ كىرگۈزگىن. سەن ئەزىزدۇرسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن! — ئەنەس ئالىم

  9. وَقِهِمُ السَّيِّئَاتِ ۚ وَمَنْ تَقِ السَّيِّئَاتِ يَوْمَئِذٍ فَقَدْ رَحِمْتَهُ ۚ وَذَٰلِكَ هُوَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ
    پەرۋەردىگارىمىز! سەن ئۇلارنى يامان ئىشلاردىن ساقلىغىن، سەن كىمنى يامان ئىشلاردىن ساقلايدىكەنسەن، شۈبھىسىزكى، بۇ كۈندە سەن ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان بولىسەن، بۇ چوڭ بەختتۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    رەببىمىز! سەن ئۇلارنى يامان ئىشلاردىن ساقلىغىن، سەن كىمنى يامان ئىشلاردىن ساقلايدىكەنسەن، شۈبھىسىزكى، بۇ كۈندە سەن ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان بولىسەن، بۇ چوڭ بەختتۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنى يامانلىقلاردىن ساقلىغىن، سەن ئۇ كۈنى كىمنى يامانلىقلاردىن ساقلىساڭ، ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلغان بولىسەن. بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر». — ئەنەس ئالىم

  10. إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا يُنَادَوْنَ لَمَقْتُ اللَّهِ أَكْبَرُ مِنْ مَقْتِكُمْ أَنْفُسَكُمْ إِذْ تُدْعَوْنَ إِلَى الْإِيمَانِ فَتَكْفُرُونَ
    شۈبھىسىزكى، كاپىرلارغا: «ئاللاھنىڭ (دۇنيادا) سىلەرگە بولغان غەزىپى سىلەرنىڭ (ئاخىرەتتە) بىر ـ بىرىڭلارغا بولغان غەزىپىڭلاردىن ئېشىپ چۈشىدۇ، چۈنكى سىلەر ئىمانغا دەۋەت قىلىناتتىڭلار، لېكىن ئىمان ئېيتمايتتىڭلار» دەپ نىدا قىلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، كاپىرلارغا: «ئاللاھنىڭ دۇنيادا سىلەرگە بولغان غەزىپى سىلەرنىڭ ئاخىرەتتە بىر ـ بىرىڭلارغا بولغان غەزىپىڭلاردىن ئېشىپ چۈشىدۇ، چۈنكى سىلەر ئىمانغا دەۋەت قىلىناتتىڭلار، لېكىن ئىمان ئېيتمايتتىڭلار» دەپ نىدا قىلىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كافىرلارغا مۇنداق نىدا قىلىنىدۇ: «ئاللاھنىڭ نەپرىتى سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارغا بولغان نەپرىتىڭلاردىن چوڭ. چۈنكى سىلەر ئىمانغا دەۋەت قىلىنغان چېغىڭلاردا ئىنكار قىلاتتىڭلار». — ئەنەس ئالىم

    ئۇ كافىرلار قىيامەت كۈنى ھېسابتىن كېيىن دوزاخقا تاشلىنىدۇ ۋە دوزاختا ئازاب چېكىۋېتىپ ئۆزلىرىدىن قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ ۋە ئۆزلىرىگە قاتتىق ئاچچىقلايدۇ. بۇ ئەسنادا دوزاخقا مەسئۇل پەرىشتىلەر ئۇ كافىرلارغا مۇنداق نىدا قىلىدۇ: «ئاللاھنىڭ سىلەرنى توغرا يولغا دەۋەت قىلىپ سىلەر قوبۇل قىلمىغان چاغدا سىلەرگە قىلغان نەپرىتى، سىلەرنىڭ ھازىر دوزاختا كۇفرىلىقىڭلارنىڭ جازاسىنى چېكىۋېتىپ ئۆزۈڭلارغا قىلغان نەپرىتىڭلاردىن چوڭدۇر، چۈنكى ئاللاھ سىلەرنى سىلەر دۇنيادىكى چېغىڭلاردا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق توغرا يولغا دەۋەت قىلغان، سىلەر ئاللاھنىڭ ئۇ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغان ئىدىڭلار، ئەنە شۇ چاغدا ئاللاھ سىلەردىن ناھايىتى نەپرەت قىلغان ئىدى، ئاللاھنىڭ ئۇ نەپرىتى سىلەرنىڭ ھازىرقى نەپرىتىڭلاردىن چوڭ ئىدى». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. قَالُوا رَبَّنَا أَمَتَّنَا اثْنَتَيْنِ وَأَحْيَيْتَنَا اثْنَتَيْنِ فَاعْتَرَفْنَا بِذُنُوبِنَا فَهَلْ إِلَىٰ خُرُوجٍ مِنْ سَبِيلٍ
    ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى ئىككى قېتىم ئۆلتۈرۈپ، ئىككى قېتىم تىرىلدۈردۈڭ، بىز گۇناھىمىزغا ئىقرار قىلدۇق، ئەمدى چىقىش يولى تېپىلارمۇ؟» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار: «رەببىمىز! بىزنى ئىككى قېتىم ئۆلتۈرۈپ، ئىككى قېتىم تىرىلدۈردۈڭ، بىز گۇناھىمىزغا ئىقرار قىلدۇق، ئەمدى چىقىش يولى تېپىلارمۇ؟» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «رەببىمىز! بىزنى ئىككى قېتىم ئۆلتۈردۈڭ، ئىككى قېتىم تىرىلدۈردۈڭ، گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلدۇق، چىقىشقا يول بارمۇ؟». — ئەنەس ئالىم

    كافىرلار پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ مۇنداق دەيدۇ: «ئى بىزنى دۇنيادا يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان، ئەجىلىمىز توشقاندا ئۆلتۈرۈپ بۈگۈن قايتا تىرىلدۈرگەن ۋە ھېساب ئېلىپ ئادالىتى بىلەن دوزاخقا مەھكۇم قىلغان ئىگىمىز - ئاللاھ! بىز دەسلەپتە ئۆلۈك ھالەتتە ئىدۇق، سەن بىزنى جانلاندۇرۇپ دۇنياغا ئىنسان ھالىتىمىزدە كەلتۈردۈڭ، ئاندىن دۇنيادا بىر مۇددەت ياشىتىپ ئۆلتۈردۈڭ، ئەمدى بۈگۈن قايتا جانلاندۇرۇپ تىرىلدۈردۈڭ ۋە ھۇزۇرۇڭغا كەلتۈرۈپ ھېساب ئالغاندىن كېيىن بىزنى دوزىخىڭغا مەھكۇم قىلدىڭ. ئى ئىگىمىز - ئاللاھ! بىز ئۆز ۋاقتىدا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىڭگە ئەگەشمەي كۇفىرىلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلىدۇق، ھازىر بۇ گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلدۇق، ئەمدى بۇ يەردىن چىقىپ دۇنياغا قايتا بېرىشىمىزغا ۋە ياخشى ئەمەل قىلىپ ئاخىرەتكە يېڭىدىن كېلىشىمىزگە رۇخسەت بەرگەن بولساڭ، سەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن يارەب!». ئەسكەرتىش: كافىرلار قىيامەت كۈنى مەھشەردە ۋە دوزاخنىڭ ئىچىدە دۇنيادا قىلغان گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇ چاغدىكى ئىقرارى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. ذَٰلِكُمْ بِأَنَّهُ إِذَا دُعِيَ اللَّهُ وَحْدَهُ كَفَرْتُمْ ۖ وَإِنْ يُشْرَكْ بِهِ تُؤْمِنُوا ۚ فَالْحُكْمُ لِلَّهِ الْعَلِيِّ الْكَبِيرِ
    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، سىلەر ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە چاقىرىلغاندا (بۇنى) ئىنكار قىلدىڭلار، ئەگەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈلسە (يەنى لات، ئۇززا قاتارلىق بۇتلارغا چوقۇنۇشقا چاقىرىلساڭلار) ئۇنى تەستىق قىلىسىلەر (يەنى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىقىنى ئېتىراپ قىلىسىلەر)، ھۆكۈم يۈكسەك، بۈيۈك ئاللاھقا خاستۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، سىلەر ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە چاقىرىلغاندا بۇنى ئىنكار قىلدىڭلار، ئەگەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈلسە ئۇنى تەستىق قىلىسىلەر، ھۆكۈم يۈكسەك، بۈيۈك ئاللاھقا خاستۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىڭلارنىڭ سەۋەبى شۇكى: يالغۇز ئاللاھقىلا دۇئا قىلىنسا ئىنكار قىلدىڭلار، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈلسە ئىشىنەتتىڭلار. ھۆكۈم ئۇلۇغ ۋە بۈيۈك ئاللاھنىڭدۇر». — ئەنەس ئالىم

    ئۇ ئەسنادا كافىرلارنىڭ ئۇ سوئالىغا مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ: «ئى كافىرلار! سىلەرنىڭ بۈگۈن بۇ ئازابقا دۇچار بولۇشۇڭلارنىڭ سەۋەبى شۇكى: سىلەر دۇنيادىكى چېغىڭلاردا تەۋھىدكە ۋە ئىخلاسقا دەۋەت قىلىنساڭلار دەۋەتنى قوبۇل قىلماي ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتە ئەزۋەيلىگەن ئىدىڭلار، مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشىنىڭ توغرىلىقىغا ئىشىنەتتىڭلار. سىلەر تەبىئىتىڭلارنى شۇنداق بۇزغان ئادەملەركى، سىلەر قىيامەتنى ۋە دوزاخنى كۆزلىرىڭلار بىلەن كۆرگەندىن كېيىن مۇبادا دۇنياغا قايتا يېنىپ بارساڭلار يەنە ئۆز ۋاقتىدىكى كۇفرىلق، ئاسىيلىق ۋە بۇزغۇنچىلىقىڭلارنى داۋاملاشتۇرىسىلەر. بۈگۈننىڭ ئىگىسى ئۇلۇغ ۋە بۈيۈك ئاللاھتۇر، ھۆكۈملەرنى پەقەت ئاللاھ چىقىرىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھ بۈگۈن ئۇ قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسى ئۈچۈن مەڭگۈ ئازاب چېكىشىڭلارغا ھۆكۈم قىلدى، ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئۆزگەرمەيدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. هُوَ الَّذِي يُرِيكُمْ آيَاتِهِ وَيُنَزِّلُ لَكُمْ مِنَ السَّمَاءِ رِزْقًا ۚ وَمَا يَتَذَكَّرُ إِلَّا مَنْ يُنِيبُ
    ئاللاھ سىلەرگە (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، سىلەرگە كۆكتىن يامغۇر بىلەن رىزىق چۈشۈرۈپ بېرىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ تائىتىگە قايتقان كىشىلەرلا (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن) ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ سىلەرگە ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، سىلەرگە كۆكتىن يامغۇر بىلەن رىزىق چۈشۈرۈپ بېرىدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ تائىتىگە قايتقان كىشىلەرلا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرگە ئايەتلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ ۋە سىلەرگە ئاسماندىن رىزىق چۈشۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇنى پەقەت ئاللاھقا يۆنىلىدىغانلار چۈشىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! ئۇ ئۇلۇغ ۋە بۈيۈك ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرگە قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغ ۋە رەھمىتىنىڭ چەكسىزلىكىنىڭ، شۇنداقلا يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: سىلەر ئاللاھنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ئۈستۈڭلاردىكى ئاسمان ۋە ئاسمان جىسىملىرى، ئاستىڭلاردىكى زېمىن ۋە ئەتراپىڭلاردىكى مەخلۇقات، ئاسمان - زېمىننىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەر ۋە ھادىسىلەر... قاتارلىق دەلىللەرنى كۆرۈۋاتىسىلەر. جۈملىدىن ئاللاھ سىلەرگە ئاسماندىن قار ۋە يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇلارنىڭ سۈيى بىلەن زېمىندىن ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ ئۇلاردىن سىلەرگە رىزىق بېرىۋاتىدۇ. تائەت - ئىبادەت بىلەن ئاللاھقا يۆنىلىشنى خالىغان كىشى ئەنە شۇ دەلىللەرگە قاراپ ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئۇلۇغ، ھېكمىتى چوڭقۇر، رەھمىتى چەكسىز ۋە قىيامەت كۈنى خالايىقنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر، شۇنداقلا يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ - دە، ۋەزىپىسىنى ئەسلەيدۇ، نەسىھەتنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. فَادْعُوا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ وَلَوْ كَرِهَ الْكَافِرُونَ
    دىنىڭلارنى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، كاپىرلار ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ — مۇھەممەد سالىھ

    دىنىڭلارنى ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، كاپىرلار، ياقتۇرمىغان تەقدىردىمۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇڭا ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار. كافىرلار ياقتۇرمىسىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇئمىنلار! ئۇنداقتا، سىلەر ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار؛ ئىبادىتىڭلارنى شېرىك ۋە رىيادىن پاكلاپ ئاللاھقا ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئىلتىجا قىلىڭلار؛ ئاللاھقا ھاجىتىڭلارنى تىلەشتە ھېچكىمنى شېپى كەلتۈرمەڭلار، پاكىز ئىمان ۋە لايىق ئەمەل بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىڭلار. كافىرلار ياقتۇرمىسىمۇ شۇنداق قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ يامان كۆرۈشىگە پەرۋا قىلماي ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  15. رَفِيعُ الدَّرَجَاتِ ذُو الْعَرْشِ يُلْقِي الرُّوحَ مِنْ أَمْرِهِ عَلَىٰ مَنْ يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ لِيُنْذِرَ يَوْمَ التَّلَاقِ
    ئاللاھنىڭ مەرتىۋىسى يۇقىرىدۇر، (ئاللاھ) ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، (خالايىق) مۇلاقات بولۇشىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاللاھ ئۆز ھۆكمى بويىچە بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمگە ۋەھىي چۈشۈرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ مەرتىۋىسى يۇقىرىدۇر، ئاللاھ ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، خالايىق مۇلاقات بولۇشىدىغان كۈن -قىيامەت كۈنى-دىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاللاھ ئۆز ھۆكمى بويىچە بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمگە ۋەھيى چۈشۈرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ دەرىجىلەرنى ئۈستۈن قىلغۇچىدۇر[2]، ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر. ئۇ، ئىنسانلارنى ئۇچرىشىش كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرسۇن دەپ خالىغان بەندىسىگە ئۆز ئەمرى بويىچە روھنى نازىل قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ئۆزى خالىغان بەندىلىرىنىڭ دەرىجىلىرىنى ئۈستۈن قىلغۇچىدۇر، ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، يەنى ئۆزىنىڭ ئەرشىگە ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە يۈكسىلىپ بارلىق ئىشلارنى باشقۇرغۇچىدۇر، ئاۋۋالقى ۋە ئاخىرقى بەندىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇچرىشىش كۈنى بولغان قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرۇشى ئۈچۈن، بەندىلىرىنىڭ ئىچىدىن ئۆزى خالىغان كىشىگە ئۆزى ئىرادە قىلغان ۋەھىينى نازىل قىلىدۇ، ئۇ ۋەھىينى قوبۇل قىلغان بەندىلىرى مەنىۋى جەھەتتىن تىرىلىپ ئۇ ئۇچرىشىش كۈنىدە نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. يَوْمَ هُمْ بَارِزُونَ ۖ لَا يَخْفَىٰ عَلَى اللَّهِ مِنْهُمْ شَيْءٌ ۚ لِمَنِ الْمُلْكُ الْيَوْمَ ۖ لِلَّهِ الْوَاحِدِ الْقَهَّارِ
    ئۇلار قەبرىلەردىن چىققان كۈندە ئاللاھقا ئۇلاردىن (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن، ئەمەللىرىدىن، سىرلىرىدىن) ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، بۈگۈن پادىشاھلىق كىمگە خاس؟ غالىب بىر ئاللاھقا خاستۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار قەبرىلەردىن چىققان كۈندە ئاللاھقا ئۇلار ھەققىدە ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، بۈگۈن پادىشاھلىق كىمگە خاس؟ غالىب بىر ئاللاھقا خاستۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ شۇنداق كۈنكى، پۈتۈن ئىنسانلار مەيدانغا چىقىدۇ، ئۇلارنىڭ ھېچبىر نەرسىسى ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ، «بۈگۈن پادىشاھلىق كىمنىڭدۇر؟» دەپ سورىلىدۇ، «يالغۇز ۋە چەكسىز قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭدۇر» دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئۇچرىشىش كۈنى شۇنداق كۈنكى، پۈتۈن خالايىق قايتا تىرىلىپ قىلمىشىنىڭ ھېسابىنى بېرىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدۇ، ئۇلارنىڭ نىيەت، سىر، ئەمەل ۋە ھال - ئەھۋالىدىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ. ئۇ كۈنى ھەممەيلەن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن، ھەممەيلەندىن «بۈگۈن پادىشاھلىق كىمنىڭدۇر؟» دېگەن سوئال سورىلىدۇ، ئاندىن ئۇ سوئالغا: «ئىسمى، سۈپەتلىرى ۋە ئىشلىرىدا يەككە - يېگانە بولغان، ھەر نەرسىنى ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇتقان ئاللاھنىڭدۇر» دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. (40-سۈرە غافىر، 17-ئايەت) ھىساب ئاللاھنىڭ ئادالىتى
    الْيَوْمَ تُجْزَىٰ كُلُّ نَفْسٍ بِمَا كَسَبَتْ ۚ لَا ظُلْمَ الْيَوْمَ ۚ إِنَّ اللَّهَ سَرِيعُ الْحِسَابِ
    بۈگۈن ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىگە يارىشا جازا بېرىلىدۇ، بۈگۈن زۇلۇم يوقتۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۈگۈن ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىگە يارىشا جازا بېرىلىدۇ، بۈگۈن زۇلۇم يوقتۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى ھەر كىشىگە ئۆز قىلمىشىنىڭ جازاسى ۋە مۇكاپاتى بېرىلىدۇ. ئۇ كۈنى زۇلۇم يوقتۇر. ئاللاھ ھېسابنى ناھايىتى تېز ئالغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئۇ كۈنى ئاللاھ ھەر كىشىگە ئۆز قىلمىشىنىڭ بەدىلىنى كەم - كۈتسىز تولۇق بېرىدۇ، ھېچكىمگە ھەقسىزلىق قىلمايدۇ. قىلىنغان بىرەر ياخشىلىق مۇكاپاتسىز، قىلىنغان بىرەر يامانلىق جازاسىز قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇ كۈنى بارلىق خالايىقنىڭ ھېسابىنى بەك تېز ئالىدۇ؛ مەھشەر مەيدانىدىكى شۇنچە كۆپ مەخلۇقاتنىڭ ھېسابىنى خۇددى بىر كىشىنىڭ ھېسابىنى ئالغاندەك ئالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. وَأَنْذِرْهُمْ يَوْمَ الْآزِفَةِ إِذِ الْقُلُوبُ لَدَى الْحَنَاجِرِ كَاظِمِينَ ۚ مَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ حَمِيمٍ وَلَا شَفِيعٍ يُطَاعُ
    ئۇلارنى قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا دىللار (قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن) بوغۇزلارغا قاپلىشىۋالىدۇ، ئۇلار قايغۇ ـ ھەسرەتكە تولىدۇ، زالىملارغا يېقىن دوست ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارنى قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا دىللار -قورقۇنچنىڭ قاتتىقلىقىدىن- بوغۇزلارغا قاپلىشىۋالىدۇ، ئۇلار قايغۇ ـ ھەسرەتكە تولىدۇ، زالىملارغا يېقىن دوست ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارنى يېقىنلاشقان قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن. ئۇ كۈنى يۈرەكلەر غەم - قايغۇغا تولغان ھالدا ئېغىزلارغا قاپلىشىدۇ، زالىملارنىڭ ھېچبىر دوستى ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان شاپائەتچىسى بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئىنسانلارنى يېقىنلاشقان قىيامەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغىن؛ ئۇلار ۋاقىت ئۆتكەنسېرى يېقىنلىشىۋاتقان قىيامەت كۈنى يېتىپ كەلگەندە ئازابقا دۇچار بولماسلىق ئۈچۈن ھازىر پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلسۇن. ئۇ كۈنىنىڭ دەھشىتىدىن يۈرەكلەر غەم - قايغۇغا تولۇپ ئېغىزلارغا قاپلىشىدۇ. دۇنيادىكى چېغىدا كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ ئۇ كۈندە پايدا يەتكۈزىدىغان ھېچبىر دوستى ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدىغان ھېچبىر شاپائەتچىسى بولمايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. (40-سۈرە غافىر، 19-ئايەت) غەيبكە ئىشىنىش ئاللاھنىڭ ئىلمى
    يَعْلَمُ خَائِنَةَ الْأَعْيُنِ وَمَا تُخْفِي الصُّدُورُ
    ئاللاھ كۆزلەرنىڭ خىيانىتىنى ۋە دىللاردىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ كۆزلەرنىڭ خىيانىتىنى ۋە دىللاردىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ خائىن كۆزلەرنى ۋە دىللار يوشۇرۇۋاتقان نەرسىلەرنى بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ئۈنلۈك - مەخپىي بارلىق سۆزلىرىنى، ئاشكارا - يوشۇرۇن پۈتكۈل قىلمىشلىرىنى بىلىدۇ، ھەتتا ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كەلگەن خىياللارنىمۇ بىلىدۇ. ئىنسانلار ئۈچۈن غەيىب بولغان نەرسە ئاللاھ ئۈچۈن ئاشكارىدۇر. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ ئۆتمۈشىنى ۋە كېلەچىكىنى بىلىدۇ. ئىنساننىڭ قىلمىشى بىر دانە قىچا چاغلىق نەرسە بولسىمۇ قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالىدۇ. قىسقىسى ئاللاھ تائالا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەر نەرسىنى، جۈملىدىن ئىنساننىڭ بارلىق سۆز - ھەرىكەتلىرىنى، كۆزلىرىنىڭ قاراش يامان بولىدىغان يەرلەرگە ئوغرىلىقچە قاراشلىرىنى ۋە دىللىرىدىكى سىرلىرىنى بىلىپ تۇرىدۇ، كۆرۈپ تۇرىدۇ ۋە كۆزىتىپ تۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  20. وَاللَّهُ يَقْضِي بِالْحَقِّ ۖ وَالَّذِينَ يَدْعُونَ مِنْ دُونِهِ لَا يَقْضُونَ بِشَيْءٍ ۗ إِنَّ اللَّهَ هُوَ السَّمِيعُ الْبَصِيرُ
    ئاللاھ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان مەبۇدلار ھېچ نەرسىگە ھۆكۈم چىقىرىشقا قادىر ئەمەس، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن يالۋۇرىۋاتقان نەرسىلەر ھېچ نەرسىگە ھۆكۈم چىقىرىشقا قادىر ئەمەس، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ھەق بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ. مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان زاتلىرى ھېچ نەرسە بىلەن ھۆكۈم قىلالمايدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ؛ ئاللاھنىڭ ھەر سۆزى راست، ھەر ئىشى توغرا ۋە ھەر ھۆكمى ئادىلدۇر، شۇڭلاشقا دۇنيادا ئاللاھنىڭ دىنىنى قوبۇل قىلىپ ياشىغانلار ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئۈستىدە بولىدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھ قىيامەت كۈنى بەندىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ ياخشىلارنى جەننەتتە، يامانلارنى دوزاختا مەڭگۈ قېلىشىغا ھۆكۈم قىلىدۇ. مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان، خۇسۇسەن ھاجىتىنى راۋا قىلىپ قويۇشىنى تىلەپ ئىلتىجا قىلىۋاتقان مەبۇدلىرى ھېچ نەرسە بىلەن ھۆكۈم قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇ مەبۇدلار ئىلاھ بولۇش ئالاھىدىلىكلىرىدىن ھېچبىرىگە ئىگە ئەمەستۇر، ئەكسىچە ئاجىز، ھەتتا جانسىز نەرسىلەردۇر. ئاللاھ بولسا بارلىق ئاۋازلارنى ئاڭلاپ تۇرىدىغان، پۈتكۈل نەرسە ۋە ئەھۋاللارنى كۆرۈپ تۇرىدىغان يېگانە مەبۇدتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  21. أَوَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ كَانُوا مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ كَانُوا هُمْ أَشَدَّ مِنْهُمْ قُوَّةً وَآثَارًا فِي الْأَرْضِ فَأَخَذَهُمُ اللَّهُ بِذُنُوبِهِمْ وَمَا كَانَ لَهُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ وَاقٍ
    ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ، ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار بولسا زېمىندا كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە يادىكارلىقلار (يەنى ئۆي ـ ئىمارەت قۇرۇش) جەھەتتە بۇلار (يەنى سېنىڭ قەۋمىڭنىڭ كاپىرلىرى) دىن ئۈستۈن ئىدى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى، ئۇلارنى ھېچ ئەھەدى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالمىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ، ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار بولسا زېمىندا كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە يادىكارلىقلار جەھەتتە بۇلاردىن ئۈستۈن ئىدى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى، ئۇلارنى ھېچ ئەھەدى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇلار يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار بۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى، ئۇلار زېمىندا ئەسەرلەر قالدۇرۇش جەھەتتە بۇلاردىن ئۈستۈن ئىدى. ئاللاھ ئۇلارنى گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن جازالىدى. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچبىر ساقلاپ قالغۇچى چىقمىدى. — ئەنەس ئالىم

    بۇ مۇشرىكلار نېمە ئۈچۈن يەر يۈزىدە سەير قىلىپ ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئازغۇن قەۋملەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدى؟ ئۇلار ئەگەر سەير قىلىپ كۆزەتكەن بولسا ئىدى بۇرۇنقىلارنىڭ خارابىگە ئايلىنىپ كەتكەن يۇرتلىرىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ ھالاك قىلىنغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىگە ئوخشاش ئاقىۋەتكە يولۇقماسلىق ئۈچۈن توغرا يولنى قوبۇل قىلغان بولاتتى. ئىلگىرى ئۆتكەن ۋە پەيغەمبەرلەرگە قارشى كەلگەنلىكى ئۈچۈن ھالاك قىلىنغان ئۇ كافىرلار، ياشاۋاتقان بۇ كافىرلاردىن كۈچلۈك ئىدى، زېمىندا ئۆي - ئىمارەتلەرنى سېلىش، يوللارنى ئېلىش ۋە يادىكارلىقلارنى قالدۇرۇش جەھەتتىن ئۈستۈن ئىدى. ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى ئۇلارغا مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلغان ئىدى. ئۇلار بولسا، كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەپ پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىقتى. ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق قىلغان نەسىھەتىنى قوبۇل قىلماسلىق، شۇنداقلا ھالاك قىلىنىشقا لايىق بولۇش بىلەن ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلدى، ئۇ چاغدا ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلايدىغان ھېچ نەرسە ۋە ھېچكىم بولمىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  22. ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ كَانَتْ تَأْتِيهِمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَكَفَرُوا فَأَخَذَهُمُ اللَّهُ ۚ إِنَّهُ قَوِيٌّ شَدِيدُ الْعِقَابِ
    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار ئىشەنمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، (ئاللاھنىڭ) ئازابى قاتتىقتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار ئىشەنمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، ئازابى قاتتىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇنىڭ سەۋەبى شۇ ئىدى: ئۇلارغا ئەلچىلىرى روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كېلەتتى، ئۇلار بولسا ئىنكار قىلاتتى. مانا بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ ئۇلارنى جازالىدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، ئازابى قاتتىقتۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئۆتمۈشتە ھالاك قىلىنغان ئۇ قەۋملەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇشىنىڭ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ مۆجىزىلەرنى ۋە ئايەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىقىشى، شۇنداقلا كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلىشى ئىدى. مانا بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىۋەتتى. ئاللاھ يېڭىلمەيدىغان قۇدرەت ئىگىسىدۇر، كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتا ھەددىدىن ئاشقانلارنى قاتتىق جازالايدۇ. ئى مۇھەممەد! ناۋادا سېنىڭ قەۋمىڭنىڭ تەرسالىرى پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ تەۋبە قىلمىسا ۋە كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەشنى داۋاملاشتۇرسا، بۇلارمۇ ئۇ قەۋملەر يولۇققان ئىلاھىي جازاغا يولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  23. (40-سۈرە غافىر، 23-ئايەت) پەيغەمبەر مۆجىزىلىرى مۇسا
    وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَىٰ بِآيَاتِنَا وَسُلْطَانٍ مُبِينٍ
    بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، روشەن دەلىل بىلەن ھەقىقەتەن پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا ئەۋەتتۇق، ئۇلار (مۇسانى) يالغانچى، سېھىرگەر دېيىشتى — مۇھەممەد سالىھ

    ھەقىقەتەن بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، روشەن دەلىل بىلەن ئەۋەتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز مۇسانى ئايەتلىرىمىز ۋە روشەن دەلىل بىلەن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق، — ئەنەس ئالىم

    (23-24) بىز ئۆز ۋاقتىدا مۇسانى مۆجىزىلەر بىلەن ۋە كۈچلۈك دەلىل بىلەن مىسرنىڭ پادىشاھى فىرئەۋنگە، ئۇنىڭ ۋەزىرى ھامانغا ۋە شۇ دەۋردىكى ئەڭ باي ئادەم بولغان قارۇنغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئۇلار مۇسانىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلدى ۋە ئۇنىڭ ھەققىدە: «بۇ سېھىرگەر، كاززاپ» دېدى. فىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە مىسىرنىڭ پادىشاھى ئىدى، مەملىكىتىدە ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ زومىگەرلىك قىلاتتى، خەلقىنى پىرقىلەرگە ئايرىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بەنى ئىسرائىلنى بوزەك قىلغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرگۈزىدىغان زالىم ۋە بۇزغۇنچى ئىدى. ھامان - مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىكى زالىم پادىشاھ فىرئەۋننىڭ ۋەزىرىنىڭ سىياسىي ئۇنۋانى بولۇپ، ئۇ فىرئەۋننىڭ زۇلۇملىرىنى بىرلىكتە پىلانلايتتى ۋە ئىجرا قىلاتتى. «ھامان» دېگەن كەلىمە قۇرئان كەرىمدە 6 قېتىم فىرئەۋن بىلەن بىرلىكتە زىكىر قىلىنىدۇ ۋە ئۇ ئادەمنى كۆرسىتىدۇ. قارۇن - بەنى ئىسرائىل قەۋمىدىن بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ياشىغان ناھايىتى باي كىشى ئىدى. فىرئەۋن ئۇنى بەنى ئسرائىلغا باشلىق قىلىپ قويغان ۋە ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشتا ئۆزىنىڭ ياردەمچىسى قىلىۋالغان ئىدى. ئۇ، فىرئەۋن بەرگەن ئىمتىيازغا تايىنىپ ئۆز مىللىتىگە زۇلۇم قىلغان، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا قارشى تۇرغان ئىدى. «مۆجىزىلەر» - مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاسىسىنىڭ يىلانغا ئايلىنىشى، قولىنىڭ قوينىدىن ئاپئاق چىقىشى، قۇرغاقچىلىق ۋە قەھەتچىلىك ئاپەتلىرى، كەلكۈن، چېكەتكە ، پىت، پاقا ۋە قان بالالىلىرى قاتارلىق توققۇز مۆجىزىنى كۆرسىتىدۇ. «كۈچلۈك دەلىل» - ئۇ مۆجىزىلەرنىڭ كۈچلۈك دەلىل ئىكەنلىكىنى ياكى ئۇ مۆجىزىلەرنى ئەڭ كۈچلۈكى بولغان ھاسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئايەتلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر دالالەت قىلىدۇكى، ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇن ئەلەيھىسسالامنى ئەنە شۇ مۆجىزىلەر بىلەن فىرئەۋن، ھامان ۋە قارۇنغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن، مۇسا ئەلەيھىسسالام قېرىندىشى ھارۇن ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن، شۇنداقلا ئۇلارنى تەۋھىدكە ۋە ئادالەتكە چاقىرغان. ئۇلار بولسا، ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتۇپ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى سېھىرگەرلىك ۋە يالغانچىلىق بىلەن ئەيىبلىگەن، شۇنداقلا پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلغان، ھەتتا فىرئەۋن ئىلاھلىق دەۋاسى قىلىپ ئەتراپىدىكى ئادەملىرىگە: «سىلەر ئۈچۈن مەندىن باشقا بىرەر ئىلاھ بىلمىدىم» دېگەن ۋە ۋەزىرى ھامانغا: «ئى ھامان! چىقىپ مۇسانىڭ ئىلاھىقا قاراپ بېقىشىم ئۈچۈن ماڭا بىر مۇنار سالغىن» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن، ئاخىرىدا ئاللاھ تائالا بۇ ئۈچ زالىم كافىرنى ھالاك قىلغان؛ فىرئەۋن، ھاماننى ۋە ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىنى دېڭىزدا سۇغا غەرق قىلىۋەتكەن. قارۇننى بولسا، ئۆي - جايلىرى بىلەن قوشۇپ يەرگە يۇتقۇزۇۋەتكەن. تۆۋەندە مەنىسى بېرىلگەن ئايەتلەردە بۇ ھادىسىنىڭ تەپسىلاتى بايان قىلىنىدۇ: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  24. إِلَىٰ فِرْعَوْنَ وَهَامَانَ وَقَارُونَ فَقَالُوا سَاحِرٌ كَذَّابٌ
    بىز مۇسانى مۆجىزىلىرىمىز بىلەن، روشەن دەلىل بىلەن ھەقىقەتەن پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا ئەۋەتتۇق، ئۇلار (مۇسانى) يالغانچى، سېھىرگەر دېيىشتى — مۇھەممەد سالىھ

    پىرئەۋنگە، ھامانغا ۋە قارۇنغا. بىراق، ئۇلار مۇسانى يالغانچى، سېھىرگەر دېيىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    فىرئەۋن، ھامان ۋە قارۇنلارغا. ئۇلار: «بۇ سېھىرگەردۇر، يالغانچىدۇر» دېدى. — ئەنەس ئالىم

  25. فَلَمَّا جَاءَهُمْ بِالْحَقِّ مِنْ عِنْدِنَا قَالُوا اقْتُلُوا أَبْنَاءَ الَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ وَاسْتَحْيُوا نِسَاءَهُمْ ۚ وَمَا كَيْدُ الْكَافِرِينَ إِلَّا فِي ضَلَالٍ
    مۇسا ئۇلارغا دەرگاھىمىزدىن ھەق (يەنى پەيغەمبەرلىك) بىلەن كەلگەندە، ئۇلار: «مۇسا بىلەن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئوغۇللىرىنى (نەسلىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن) ئۆلتۈرۈڭلار، ئاياللىرىنى (خىزمەتكە سېلىش ئۈچۈن) قالدۇرۇڭلار» دېدى. كاپىرلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى پەقەت بەربات بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا ئۇلارغا دەرگاھىمىزدىن ھەق بىلەن كەلگەندە، ئۇلار: «مۇسا بىلەن ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئوغۇللىرىنى -نەسلىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن- ئۆلتۈرۈڭلار، ئاياللىرىنى قالدۇرۇڭلار» دېدى. كاپىرلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى پەقەت بەربات بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن ھەقنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، ئۇلار: «مۇسا بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى چوڭىيىپ خىزمىتىمىزنى قىلىشى ئۈچۈن تىرىك قالدۇرۇڭلار» دېدى. كافىرلارنىڭ ھىيلىسى بەربات بولۇشقا مەھكۇمدۇر. — ئەنەس ئالىم

    مۇسا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ فىرئەۋن، ھامان، قارۇن ۋە ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان ئەمەلدارلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېيتقان ۋە مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن ئىدى، فىرئەۋن مەزكۇر ئادەملىرىگە، مەزكۇر ئادەملەر تۆۋەن قاتلام ئەمەلدارلارغا: «مۇسانىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەنگەنلەرنىڭ يەنى بەنى ئىسرائىل قەۋمىنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى چوڭ بولغاندا خىزمەتكە سېلىشىمىز ئۈچۈن تىرىك قالدۇرۇڭلار» دېگەن بۇيرۇقنى چۈشۈردى، لېكىن بۇ كافىرلارنىڭ مۇساغا ۋە مۇئمىنلارغا قىلغان ھىيلىسى يېقىندا بەربات بولاتتى؛ ئۇلار مۇئمىنلارنىڭ، مۇساغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن مۇسىبەتكە يولۇققانلىقىنى ئويلاپ ئىماندىن يېنىشىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ داۋاملىشىشىنى ئويلاپ ئادەملىرىگە بۇ ۋەھشىيلىكنى ئۇقتۇرغان ئىدى. لېكىن ئۇلار مەقسىتىگە يېتەلمىدى؛ بەنى ئىسرائىل فىرئەۋننىڭ بۇ ۋەھشىيانە بۇيرۇقىدىن كېيىن زۇلۇمنىڭ ئېشىپ بارغانلىقىدىن مۇساغا دەرد ئېيتقان ئىدى، مۇسا ئۇلارغا تەسەللى قىلىپ يېقىندا قۇتۇلىدىغانلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى بەردى، شۇنىڭ بىلەن بەنى ئىسرائىلنىڭ ئىمانى كۈچەيدى ۋە مۇساغا ئەگىشىشنى داۋاملاشتۇردى، ئاندىن ۋاقتى كەلگەندە ئاللاھ ئۇ كافىرلارنى ھالاك قىلدى، مۇسانى ۋە مۇئمىنلارنى قۇتقۇزدى. ئى مۇھەممەد! سېنىڭ قەۋمىڭمۇ سېنى ۋە مۇئمىنلارنى ھەقىقەتتىن توسۇش ئۈچۈن تۈرلۈك ھىيلە - مىكىرلەرنى قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرىمۇ يېقىندا بەربات بولىدۇ؛ سەن ۋە مۇئمىنلار زەپەرگە ئېرىشىسىلەر، ئۇ كافىرلار ھالاك بولىدۇ. دەرۋەقە «بەدر غازىتى»دا مۇشرىكلارنىڭ كاتتىباشلىرى ھالاك بولدى، ئاندىن ئۇلار مۇئمىنلارغا بىرقانچە قېتىم ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ نەتىجىدە مەغلۇپ بولدى، ئاخىرىدا ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئىسلام ھاكىم بولدى، شېرىك تۈزۈمى بەربات بولدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  26. (40-سۈرە غافىر، 26-ئايەت) كىبىر پىرئەۋن ۋە گۇرۇھى مۇسا
    وَقَالَ فِرْعَوْنُ ذَرُونِي أَقْتُلْ مُوسَىٰ وَلْيَدْعُ رَبَّهُ ۖ إِنِّي أَخَافُ أَنْ يُبَدِّلَ دِينَكُمْ أَوْ أَنْ يُظْهِرَ فِي الْأَرْضِ الْفَسَادَ
    پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا (ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن) پەرۋەردىگارىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا (يەنى دۆلەتتە) قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن» — مۇھەممەد سالىھ

    پىرئەۋن ئېيتتى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا -ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن- رەببىنى چاقىرسۇن، مەن ھەقىقەتەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار مۇسانى ئۆلتۈرۈۋېتەي. مۇسا رەببىگە دۇئا قىلسۇن. مەن ئۇنىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى مەملىكەتتە بۇزغۇنچىلىق چىقىرىشىدىن قورقىمەن». — ئەنەس ئالىم

    فىرئەۋن مۇسا قىلغان دەۋەتنى ئاڭلىغاندىن ۋە كۆرسەتكەن مۆجىزىلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە كۆڭلىدە ئىشەندى، لېكىن ئۇ بۇ ئىشەنچىنى ئېلان قىلغان تەقدىردە سەلتەنەتىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىدىن قورقتى ۋە ئەتراپىدىكى ئادەملىرىنىڭ كۆڭۈللىرىدىن مۆجىزىلەرنىڭ تەسىرىنى يوق قىلىشنى ئويلاپ مۇسا ھەققىدە: «سېھىرگەر، كاززاپ» دېدى، ئاندىن ئادەملىرىگە مۇئمىنلارنىڭ ئوغۇل بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى، ئاندىن مۇسانى ئۆلتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن ئەمەلدارلىرىدىن ئۆزىگە ھوقۇق بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئېيتتى: «ئى جانابلار! مېنى قويۇۋېتىڭلار مۇسانى ئۆلتۈرۈۋېتەي، مۇسا «قوبۇل قىلمىساڭلار رەببىم سىلەرنى ئازابلايدۇ» دېگەن سۆزىدە راستچىل بولسا ئۆزىنى مەندىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن رەببىگە دۇئا قىلسۇن، چۈنكى مەن ئۇنىڭ رەسىم - قائىدە ۋە ئەنئەنىلىرىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى مەملىكەتتە بۇزغۇنچىلىق چىقىرىشىدىن قورقىۋاتىمەن». فىرئەۋننىڭ ئادەملىرىمۇ مۇسانىڭ مۆجىزىلىرىگە كۆڭۈللىرىدە ئىشىنىپ تۇرۇپ فىرئەۋن بەرگەن ئەمەل ۋە ئىمتىيازلاردىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن سۈكۈت قىلدى. ئەسكەرتىش: فىرئەۋن خالىغىنىنى قىلىدىغان بىر دىكتاتور تۇرۇقلۇق ئەتراپىدىكى ئادەملىرىگە، «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرۈۋېتەى، چۈنكى ئۇنىڭ رەسىم - قائىدە ۋە ئەنئەنىلىرىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى مەملىكەتتە بۇزغۇنچىلىق چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمەن...» دېگەن مەنىدىكى سۆزى، ئۇنىڭ مۆجىزىلەرنىڭ تەسىرىدە قالغانلىقىنى، ئەتراپىدىكىلەرنىڭمۇ مۆجىزىلەرنىڭ تەسىرىدە قالغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ۋە ئۆزىنى ۋەتەن - مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلايدىغان باشلىق قىياپىتىدە كۆرسىتىپ ئۇلارنى بۇ تەسىردىن قۇتقۇزۇشنى ئويلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بولمىسا فىرئەۋننى ھېچكىمنىڭ تۇتۇۋالغىنى ۋە ئالدىنى توسقىنى يوق ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  27. وَقَالَ مُوسَىٰ إِنِّي عُذْتُ بِرَبِّي وَرَبِّكُمْ مِنْ كُلِّ مُتَكَبِّرٍ لَا يُؤْمِنُ بِيَوْمِ الْحِسَابِ
    مۇسا ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ۋە سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار (بولغان ئاللاھ) قا سىغىنىپ، ھېساب كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى) گە ئىشەنمەيدىغان ھەر بىر مۇتەكەببىر (نىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى) دىن پاناھ تىلەيمەن» — مۇھەممەد سالىھ

    مۇسا ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھغا سېغىنىپ، ھېساب كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان ھەر بىر مۇتەكەببىرنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇسا مۇنداق دېدى: «مەن ھېساب كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان ھەر مۇتەكەببىردىن، مېنىڭمۇ رەببىم سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا سېغىندىم». — ئەنەس ئالىم

    مۇسا فىرئەۋننىڭ مەسخىرىسىنى، ھاقارىتىنى ۋە پوپوزىسىنى ئاڭلاپ: «ئى جامائە! مەن ھېساب كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان ھەر مۇتەكەببىردىن، مېنىڭمۇ ياراتقۇچىم ۋە باشقۇرغۇچىم سىلەرنىڭمۇ ياراتقۇچىڭلار ۋە باشقۇرغۇچىڭلار بولغان ئاللاھقا سېغىندىم؛ مەن، مېنى ۋە سىلەرنى يوقتىن ياراتقان ۋە رىزىق بېرىۋاتقان ئاللاھتىن مېنى ئۆز پاناھىغا ئېلىپ ھەر زالىمنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىشىنى تىلەيمەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  28. وَقَالَ رَجُلٌ مُؤْمِنٌ مِنْ آلِ فِرْعَوْنَ يَكْتُمُ إِيمَانَهُ أَتَقْتُلُونَ رَجُلًا أَنْ يَقُولَ رَبِّيَ اللَّهُ وَقَدْ جَاءَكُمْ بِالْبَيِّنَاتِ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ وَإِنْ يَكُ كَاذِبًا فَعَلَيْهِ كَذِبُهُ ۖ وَإِنْ يَكُ صَادِقًا يُصِبْكُمْ بَعْضُ الَّذِي يَعِدُكُمْ ۖ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي مَنْ هُوَ مُسْرِفٌ كَذَّابٌ
    پىرئەۋن خانىدانىغا مەنسۇپ، ئىمانىنى يوشۇرىدىغان بىر مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «سىلەر "پەرۋەردىگارىم ئاللاھ" دېگەن كىشىنى ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدىن روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. ئەگەر ئۇ (پەيغەمبەرلىك دەۋاسىدا) يالغانچى بولسا، يالغانچىلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگىدۇر، ئەگەر ئۇ راستچىل بولسا، ئۇ سىلەرنى قورقۇتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە كېلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقان يالغانچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    پىرئەۋن خانىدانىغا مەنسۇپ، ئىمانىنى يوشۇرىدىغان بىر مۇئمىن ئادەم ئېيتتى: «سىلەر «رەببىم ئاللاھ» دېگەن كىشىنى ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ سىلەرگە ھەقىقەتەن رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىدىن روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. ئەگەر ئۇ يالغانچى بولسا، يالغانچىلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگىدۇر، ئەگەر ئۇ راستچىل بولسا، ئۇ سىلەرنى قورقۇتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى سىلەرگە كېلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقان يالغانچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    فىرئەۋن خانىدانىدىن بولۇپ شۇ ۋاقىتقىچە ئىمانىنى يوشۇرۇپ كەلگەن بىر مۇئمىن ئادەم مۇنداق دېدى: «سىلەر بىر ئادەمنى ‹رەببىم ئاللاھتۇر› دېگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ سىلەرگە رەببىڭلاردىن روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى! ئەگەر ئۇ يالغان سۆزلىگەن بولسا، يالغانچىلىقىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە. ناۋادا ئۇ راست سۆزلىگەن بولسا، ئۇ سىلەرنى قورقۇتقان ئازابنىڭ بىر قىسمى بېشىڭلارغا كېلىدۇ. ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچى ۋە يالغانچى كىشىلەرنى ھەرگىزمۇ ھىدايەت قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (28-29) فىرئەۋن خانىدانىدىن بولۇپ شۇ ۋاقىتقىچە ئىمانىنى يوشۇرۇپ كەلگەن بىر مۇئمىن ئادەم قەۋمىگە يەنى فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە مۇنداق دېدى: «سىلەر بىر ئادەمنى ‹رەببىم ئاللاھتۇر› دېگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلتۈرەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ ئادەم سىلەرنى يوقتىن ياراتقان ۋە رىزىق بېرىۋاتقان ئىگەڭلار - ئاللاھتىن سىلەرگە مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى، سۆزىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويدى! ئەگەر ئۇ ئادەم يالغان ئېيتقان بولسا، يالغانچىلىقىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە بولىدۇ. ناۋادا ئۇ ئادەم راست ئېيتقان بولسا، ئۇ ئادەم سىلەرنى ئاگاھلاندۇرغان ئازابنىڭ بىر قىسمى بېشىڭلارغا كېلىدۇ. ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچى ۋە يالغانچى كىشىلەرگە تەۋپىق - ھىدايەت نېسىپ قىلمايدۇ، ھەرگىزمۇ نىجاتلىققا ئېرىشتۈرمەيدۇ. ئى قەۋمىم! سىلەر بۈگۈن بۇ مەملىكەتتە ھۆكۈمرانسىلەر، غالىبسىلەر؛ ھازىر بۇ ئادەمنىڭ مىللىتى ۋە باشقا خەلقلەر سىلەرنىڭ ھاكىمىيىتىڭلار ئاستىدىدۇر. ئەگەر بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە، بىزنى ئۇ ئازابتىن كىم قۇتقۇزىدۇ؟». فىرئەۋن ئۆز قەۋمىدىن بولغان بۇ مەخپىي مۇئمىننىڭ سۆزلىرىگە ھېچ نەرسە دېيەلمىدى، لېكىن باشقىلارغا: «مەن سىلەرگە پەقەت ئۆزۈم توغرا كۆرگەن پىكىرنى دەۋاتىمەن، مەن سىلەرگە پەقەت توغرا يولنى كۆرسىتىۋاتىمەن» دەپ ئۆزىنى خەلقپەرۋەر قىلىپ كۆرسەتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  29. يَا قَوْمِ لَكُمُ الْمُلْكُ الْيَوْمَ ظَاهِرِينَ فِي الْأَرْضِ فَمَنْ يَنْصُرُنَا مِنْ بَأْسِ اللَّهِ إِنْ جَاءَنَا ۚ قَالَ فِرْعَوْنُ مَا أُرِيكُمْ إِلَّا مَا أَرَىٰ وَمَا أَهْدِيكُمْ إِلَّا سَبِيلَ الرَّشَادِ
    ئى قەۋمىم! بۈگۈن سەلتەنەت سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردىدۇر، (مىسىر) زېمىنىدا سىلەر غالىبسىلەر، ئەگەر بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا بىزگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟» پىرئەۋن ئېيتتى: «مەن سىلەرگە پەقەت نېمىنى توغرا دەپ قارىسام، شۇنى مەسلىھەت بېرىمەن. سىلەرنى مەن پەقەت توغرا يولغا باشلايمەن» — مۇھەممەد سالىھ

    ئى قەۋمىم! بۈگۈن سەلتەنەت سىلەرنىڭ ئىلگىڭلاردىدۇر، -مىسىر- زېمىنىدا سىلەر غالىبسىلەر، ئەگەر بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشۇڭلار ئۈچۈن بىزگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟» پىرئەۋن ئېيتتى: «مەن سىلەرگە پەقەت نېمىنى توغرا دەپ قارىسام، شۇنى مەسلىھەت بېرىمەن. سىلەرنى مەن پەقەت توغرا يولغا باشلايمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى قەۋمىم! سىلەر بۈگۈن بۇ مەملىكەتتە ھۆكۈمرانسىلەر، غالىبسىلەر. ئەگەر بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە، بىزنى ئۇنىڭدىن كىم قۇتقۇزىدۇ؟». فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە پەقەت ئۆزۈم توغرا كۆرگەن نەرسىنى توغرا دەپ كۆرسىتىۋاتىمەن. مەن سىلەرنى پەقەت توغرا يولغا باشلايمەن». — ئەنەس ئالىم

  30. وَقَالَ الَّذِي آمَنَ يَا قَوْمِ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ مِثْلَ يَوْمِ الْأَحْزَابِ
    مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش جامائەلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    مۇئمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرنىڭ جامائەلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن» — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇئمىن ئادەم مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرگە، ئەلچىلەرگە قارشى بىرلەشكەن گۇرۇھلارغا كەلگەن مۇسىبەت كۈنىگە ئوخشاش كۈننىڭ كېلىشىدىن قورقىمەن، — ئەنەس ئالىم

    (30-35) مۇئمىن ئادەم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! مەن ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەلىرىگە قارشى بىرلەشكەن قەۋملەر دۇچار بولغان ئىلاھىي جازاغا ئوخشاش بىرەر جازاغا دۇچار بولۇشىڭلاردىن قورقىمەن. مەسىلەن: نۇھنىڭ قەۋمى، ئاد ۋە سەمۇد قەۋملىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈنلەرگە ئوخشاش بىر كۈننىڭ سىلەرنىڭمۇ بېشىڭلارغا كېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمەن. ئاللاھ ئۇ قەۋملەرنى ھەقسىزلىق بىلەن ھالاك قىلمىدى، ئەكسىچە ئۇلار كۇفرىلىقتا ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلەش بىلەن ھالاك قىلىنىشقا تېگىشلىك بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتتى. ئى قەۋمىم! مەن سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا، سىلەر پەرياد قىلىشىپ ئارقاڭلارنى قىلىپ قاچىدىغان كۈننىڭ كېلىشىدىن قورقىمەن. ئۇ كۈن كەلگەندە سىلەرگە بېرىلگەن مۆھلەت تۈگەپ جازالىنىشىڭلارنىڭ ۋاقتى كەلگەن بولىدۇ، ئۇ چاغدا سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالىدىغان ھېچ نەرسە ۋە ھېچكىم چىقمايدۇ. ئاللاھ ئازغۇنلۇقتا قېلىشىنى لايىق كۆرۈپ ئازغۇنلۇقتا تاشلىۋەتكەن كىشىنى ھېچكىم توغرا يولغا كەلتۈرەلمەيدۇ، شۇڭلاشقا سىلەر ئالدىڭلاردا پۇرسەت بار ۋاقىتتا توغرا يولنى قوبۇل قىلىپ ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە لايىق بولۇڭلار». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  31. مِثْلَ دَأْبِ قَوْمِ نُوحٍ وَعَادٍ وَثَمُودَ وَالَّذِينَ مِنْ بَعْدِهِمْ ۚ وَمَا اللَّهُ يُرِيدُ ظُلْمًا لِلْعِبَادِ
    مۆمىن ئادەم ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەرنىڭ نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش جامائەلەر ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن، ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    نۇھ، ئاد، سەمۇد قەۋملىرىگە ئوخشاش ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەرگە ئوخشاش! ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى خالىمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    يەنى نۇھنىڭ قەۋمى، ئاد، سەمۇد ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى قەۋملەر دۇچار بولغان جازاغا ئوخشاش جازاغا دۇچار بولۇشىڭلاردىن قورقىمەن. ئاللاھ بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى ئىرادە قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  32. وَيَا قَوْمِ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ يَوْمَ التَّنَادِ
    ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنىدىن ئەنسىرەيمەن — مۇھەممەد سالىھ

    ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن قىيامەت كۈنىدىن ئەنسىرەيمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى قەۋمىم! مەن سىلەر ئۈچۈن پەرياد كۈنىدىن قورقىمەن، — ئەنەس ئالىم

  33. (40-سۈرە غافىر، 33-ئايەت) تىرىلىش ئازغۇنلۇق مۇسا
    يَوْمَ تُوَلُّونَ مُدْبِرِينَ مَا لَكُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ عَاصِمٍ ۗ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ هَادٍ
    ئۇ كۈندە (دوزاخ ئازابىنىڭ دەھشىتىدىن قورقۇپ) ئارقاڭلارغا چېكىنىسىلەر، سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ قۇتۇلدۇرغۇچى بولمايدۇ. كىمكى ئاللاھ ئۇنى گۇمراھ قىلىدىكەن، ئۇنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كۈندە -دوزاخ ئازابىنىڭ دەھشىتىدىن قورقۇپ- ئارقاڭلارغا چېكىنىسىلەر، سىلەرگە ھېچ ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇچى بولمايدۇ. كىمكى ئاللاھ ئۇنى گۇمراھ قىلىدىكەن، ئۇنى ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەر ئارقاڭلارنى قىلىپ قاچىدىغان كۈندىن. ئۇ كۈنى سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالىدىغان ھېچكىم يوقتۇر. ئاللاھ ئازدۇرغان كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

  34. وَلَقَدْ جَاءَكُمْ يُوسُفُ مِنْ قَبْلُ بِالْبَيِّنَاتِ فَمَا زِلْتُمْ فِي شَكٍّ مِمَّا جَاءَكُمْ بِهِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا هَلَكَ قُلْتُمْ لَنْ يَبْعَثَ اللَّهُ مِنْ بَعْدِهِ رَسُولًا ۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ اللَّهُ مَنْ هُوَ مُسْرِفٌ مُرْتَابٌ
    شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئىلگىرى سىلەرگە يۈسۈف (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن) روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئېلىپ كەلگەن دەلىلدىن سىلەر ھامان شەكلەندىڭلار، تاكى ئۇ ۋاپات بولغاندا، (دەلىل ـ پاكىتسىز) ھالدا، ئاللاھ ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ دېدىڭلار، ئاللاھ (گۇناھتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىنى، (دىندا) شەكلەنگۈچىنى مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ» — مۇھەممەد سالىھ

    شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئىلگىرى سىلەرگە يۈسۈف ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئېلىپ كەلگەن دەلىلدىن سىلەر ھامان شەكلەندىڭلار، تاكى ئۇ ۋاپات بولغاندا، دەلىل ـ پاكىتسىز ھالدا، «ئاللاھ ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز پەيغەمبەر ئەۋەتمەيدۇ» دېدىڭلار، ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچىنى، شەكلەنگۈچىنى مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەرگە ئىلگىرى يۇسۇف روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلدى. سىلەر ئۇ ئېلىپ كەلگەن دەلىللەردىن داۋاملىق شۈبھىلەندىڭلار. تاكى ئۇ ۋاپات بولغان چاغدا: ‹ئاللاھ يۇسۇفتىن كېيىن ئەلچى ئەۋەتمەيدۇ› دېدىڭلار. ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچى ۋە شۈبھىلەنگۈچى كىشىلەرنى مانا مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (34-35) مۇئمىن ئادەم سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «مۇسادىن ئىلگىرى سىلەرگە يەنى ئۆز ۋاقتىدىكى ئەجدادىڭلار بولغان مىسىر ئاھالىسىگە يۇسۇف مۆجىزىلەرنى ۋە ئايەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. سىلەر يۇسۇف ئېلىپ كەلگەن مۆجىزە ۋە ئايەتلەردىن، شۇنداقلا ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىدىن داۋاملىق شۈبھىلەندىڭلار ۋە ئىمان كەلتۈرمىدىڭلار، تاكى يۇسۇف ۋاپات بولغان چاغدا: ‹ئاللاھ يۇسۇفتىن كېيىن ئىنسانلارنى تەۋھىدكە دەۋەت قىلىدىغان ۋە كۇفرىلىقنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان بىرەر ئەلچى ئەۋەتمەيدۇ› دېدىڭلار. ئاللاھ كۇفرىلىقتا ھەددىدىن ئاشقان ۋە تەۋھىدتە شۈبھىلەنگەن كىشىلەرنى ئەنە شۇنداق ئازدۇرۋېتىدۇ؛ ئۆزلىرى تاللىغان ئازغۇنلۇقتا تاشلىۋېتىدۇ، ئۇلارغا ھىدايەت نېسىپ قىلمايدۇ، توغرا يولغا مۇيەسسەر قىلمايدۇ. ئاللاھ ئۆزىنىڭ تەۋپىق - ھىدايىتىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۆزلىرى تاللىغان ئازغۇنلۇقتا تاشلىۋەتكەن ئۇ كىشىلەر، ئاللاھ پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق ئەۋەتكەن مۆجىزە ۋە ئايەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ باتىل دەۋالىرى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغان، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ۋە مۇئمىنلارنىڭ نەپرىتىگە يولۇقىدىغان ئادەملەردۇر. ئاللاھ ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ھەقىقەتكە بويۇنتاۋلىق قىلىدىغان ۋە زومىگەرلىك قىلىپ ئىنسانلارنى بوزەك قىلىدىغان كىشىنىڭ قەلبىنى ئەنە شۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  35. الَّذِينَ يُجَادِلُونَ فِي آيَاتِ اللَّهِ بِغَيْرِ سُلْطَانٍ أَتَاهُمْ ۖ كَبُرَ مَقْتًا عِنْدَ اللَّهِ وَعِنْدَ الَّذِينَ آمَنُوا ۚ كَذَٰلِكَ يَطْبَعُ اللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ قَلْبِ مُتَكَبِّرٍ جَبَّارٍ
    ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە (ئاللاھ تەرىپىدىن) كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن (قارىسىغا) جاڭجاللىشىدىغانلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ۋە مۆمىنلەرنىڭ نەزىرىدە قاتتىق نەپرەتكە قالىدۇ، بۇزغۇنچىلىق قىلىپ (ئىماندىن باش تارتقان)، (بەندىلەرگە) زومىگەرلىك قىلغان ھەر قانداق ئادەمنىڭ دىلىنى ئاللاھ مۇشۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن قارىسىغا جاڭجاللىشىدىغانلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ۋە مۇئمىنلارنىڭ نەزىرىدە قاتتىق نەپرەتكە قالىدۇ، مۇتەكەببىرلىك ۋە زومىگەرلىك قىلغان ھەر قانداق ئادەمنىڭ دىلىنى ئاللاھ مۇشۇنداق پېچەتلىۋېتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە تارتىشىدىغانلاردۇر. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ۋە مۇئمىنلارنىڭ نەزىرىدە نېمىدېگەن چوڭ نەپرەتلىنەرلىك ئىش! ئاللاھ تەكەببۇرلۇق ۋە زومىگەرلىك قىلغۇچى كىشىنىڭ قەلبىنى ئەنە شۇنداق پۈتۈنلەي پېچەتلىۋېتىدۇ». — ئەنەس ئالىم

  36. (40-سۈرە غافىر، 36-ئايەت) كىبىر پىرئەۋن ۋە گۇرۇھى مۇسا
    وَقَالَ فِرْعَوْنُ يَا هَامَانُ ابْنِ لِي صَرْحًا لَعَلِّي أَبْلُغُ الْأَسْبَابَ
    پىرئەۋن (ۋەزىرى ھامانغا): «ئى ھامان! ماڭا بىر ئېگىز بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا- ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەي، مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن» دېدى. پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، پىرئەۋن (گۇمراھلىقى تۈپەيلىدىن ھىدايەت) يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە ـ مىكرى پۈتۈنلەي بەربات بولدى — مۇھەممەد سالىھ

    پىرئەۋن مۇنداق دېدى: «ئى ھامان! ماڭا ئېگىز بىر بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا؛ ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «ئى ھامان! مەن ئۈچۈن بىر ساراي سالغىن، يوللارنى تاپاي، — ئەنەس ئالىم

    (36-37) فىرئەۋن ئۆز خانىدانىغا مەنسۇپ مۇئمىن ئادەمنىڭ ئۇ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەسخىرىلىك بىر ئۇسلۇب بىلەن ۋەزىرى ھامانغا: «ئى ھامان! مەن ئۈچۈن ئېگىز بىر ساراي (مۇنار) سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن ئاسمانلارنىڭ يوللىرىغا ۋە دەرۋازلىرىغا يېتەي، ئاندىن چىقىپ مۇسانىڭ ئىلاھىغا قاراپ باقاي. مەن مۇسانى مەندىن باشقا ئىلاھى بارلىقىنى دەۋا قىلىشىدا يالغانچى دەپ گۇمان قىلىۋاتىمەن» دېدى. فىرئەۋنگە ئۆزىنىڭ يامان ئىشلىرى شەيتان تەرىپىدىن ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئازغۇنلۇق يولىنى تاللىشى ۋە كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىشى نەتىجىسىدە ئاللاھ ئۇنى ئۆزى تاللىغان ئازغۇنلۇقتا تاشلىۋەتتى ۋە توغرا يولدىن مەنئى قىلدى. فىرئەۋننىڭ ئۆزىنى ھەقلىق، مۇسانى ھەقسىز چىقىرىش ئۈچۈن قىلغان ھىيلە - مىكىرلىرىنى بەربات قىلدى؛ ئۇ ھېچبىر ئىشىدا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەي بۇ دۇنيادا ھالاك قىلىندى، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىغا مەھكۇم قىلىندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  37. أَسْبَابَ السَّمَاوَاتِ فَأَطَّلِعَ إِلَىٰ إِلَٰهِ مُوسَىٰ وَإِنِّي لَأَظُنُّهُ كَاذِبًا ۚ وَكَذَٰلِكَ زُيِّنَ لِفِرْعَوْنَ سُوءُ عَمَلِهِ وَصُدَّ عَنِ السَّبِيلِ ۚ وَمَا كَيْدُ فِرْعَوْنَ إِلَّا فِي تَبَابٍ
    پىرئەۋن (ۋەزىرى ھامانغا): «ئى ھامان! ماڭا بىر ئېگىز بىنا سالغىن، ئۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارغا- ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىغا يېتىشىم مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەي، مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن» دېدى. پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، پىرئەۋن (گۇمراھلىقى تۈپەيلىدىن ھىدايەت) يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە ـ مىكرى پۈتۈنلەي بەربات بولدى — مۇھەممەد سالىھ

    يەنە ئۇنىڭ بىلەن مەن مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆرەلەشىم مۇمكىن. چۈنكى مەن ھەقىقەتەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن». پىرئەۋنگە ئۇنىڭ يامان ئەمەلى شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى ۋە يولىدىن مەنئى قىلىندى، پىرئەۋننىڭ ھىيلە ـ مىكرى بىكارغىلا كېتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمانلارنىڭ يوللىرىنى. ئاندىن چىقىپ مۇسانىڭ ئىلاھىغا قاراپ باقاي. مەن مۇسانى يالغانچى دەپ گۇمان قىلىمەن». فىرئەۋنگە ئۆزىنىڭ يامان ئەمىلى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى، ئۇ توغرا يولدىن مەنئى قىلىندى. فىرئەۋننىڭ ھىيلىسى بەربات بولدى. — ئەنەس ئالىم

  38. وَقَالَ الَّذِي آمَنَ يَا قَوْمِ اتَّبِعُونِ أَهْدِكُمْ سَبِيلَ الرَّشَادِ
    (پىرئەۋن خانىدانىدىن) ئىمان ئېيتقان كىشى ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەر ماڭا ئەگىشىڭلار، مەن سىلەرنى توغرا يولغا باشلايمەن — مۇھەممەد سالىھ

    ھېلىقى ئىمان ئېيتقان كىشى ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! سىلەر ماڭا ئەگىشىڭلار، مەن سىلەرنى توغرا يولغا باشلايمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    مۇئمىن ئادەم مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ماڭا ئەگىشىڭلار، سىلەرنى توغرا يولغا باشلاي. — ئەنەس ئالىم

    (38-40) مۇئمىن ئادەم قەۋمىگە نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ماڭا ئەگىشىڭلار، سىلەرنى توغرا يولغا باشلاي. ئى قەۋمىم! بۇ دۇنيا ھاياتى ۋاقىتلىق بەھرىمەن بولۇشتىنلا ئىبارەتتۇر. ئاخىرەت يۇرتى بولسا ئەبەدىي قارارگاھتۇر. بۇ دۇنيادا كىم بىر يامانلىق قىلىدىكەن، ئۇ دۇنيادا ئۇنىڭغا پەقەت شۇ يامانلىقنىڭلا جازاسى بېرىلىدۇ. ئەر بولسۇن ئايال بولسۇن، كىم مۇئمىن بولغان ھالدا ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇلار ئۇ دۇنيادا جەننەتكە كىرىدۇ ۋە جەننەتتە ھېسابسىز رىزىققا ئېرىشىدۇ؛ يامانلىقىنىڭ جازاسىغا يولۇققانلار دوزاختا مەڭگۈ ئازاب چېكىدۇ، ياخشىلىقىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر جەننەتتە مەڭگۈ نېمەتكە ئېرىشىدۇ». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  39. يَا قَوْمِ إِنَّمَا هَٰذِهِ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا مَتَاعٌ وَإِنَّ الْآخِرَةَ هِيَ دَارُ الْقَرَارِ
    ئى قەۋمىم! بۇ دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت (ۋاقىتلىق) پايدىلىنىشتىن ئىبارەتتۇر، ئاخىرەت ھەقىقەتەن (مەڭگۈلۈك) قارارگاھتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئى قەۋمىم! بۇ دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ۋاقىتلىق پايدىلىنىشتىن ئىبارەتتۇر، ئاخىرەت ھەقىقەتەن مەڭگۈلۈك قارارگاھتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى قەۋمىم! بۇ دۇنيا ھاياتى ۋاقىتلىق بەھرىمەن بولۇشتىنلا ئىبارەتتۇر. ئاخىرەت بولسا، ئەبەدىي قارارگاھتۇر. — ئەنەس ئالىم

  40. مَنْ عَمِلَ سَيِّئَةً فَلَا يُجْزَىٰ إِلَّا مِثْلَهَا ۖ وَمَنْ عَمِلَ صَالِحًا مِنْ ذَكَرٍ أَوْ أُنْثَىٰ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَأُولَٰئِكَ يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ يُرْزَقُونَ فِيهَا بِغَيْرِ حِسَابٍ
    كىمكى (بۇ دۇنيادا) بىرەر يامانلىقنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا (ئاخىرەتتە) شۇنىڭغا لايىق جازا بېرىلىدۇ، مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن، كىمكى ئۆزى مۆمىن تۇرۇپ بىرەر ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئەنە شۇلار جەننەتكە كىرىدۇ، جەننەتتە ئۇلارغا ھېسابسىز رىزىق بېرىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    كىمكى بىرەر يامانلىقنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا شۇنىڭغا لايىق جازا بېرىلىدۇ، مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن، كىمكى ئۆزى مۇئمىن تۇرۇپ بىرەر ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئەنە شۇلار جەننەتكە كىرىدۇ، جەننەتتە ئۇلارغا ھېسابسىز رىزىق بېرىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كىم بىر يامانلىق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا پەقەت شۇ يامانلىقنىڭ جازاسىلا بېرىلىدۇ. ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن كىم مۇئمىن بولغان ھالدا ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇلار جەننەتكە كىرىدۇ ۋە جەننەتتە ھېسابسىز رىزىققا ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  41. وَيَا قَوْمِ مَا لِي أَدْعُوكُمْ إِلَى النَّجَاةِ وَتَدْعُونَنِي إِلَى النَّارِ
    ئى قەۋمىم! ماڭا نېمىكى، سىلەرنى مەن (دوزاختىن) قۇتۇلۇشقا دەۋەت قىلىۋاتسام، سىلەر مېنى دوزاخقا دەۋەت قىلىۋاتىسىلەرغۇ! — مۇھەممەد سالىھ

    ئى قەۋمىم! ماڭا نېمىدۇركى، مەن سىلەرنى دوزاختىن قۇتۇلۇشقا دەۋەت قىلىۋاتىمەن، سىلەر بولساڭلار مېنى دوزاخقا دەۋەت قىلىۋاتىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى قەۋمىم! مەن سىلەرنى قۇتۇلۇشقا چاقىرىۋاتىمەن، سىلەر مېنى دوزاخقا چاقىرىۋاتىسىلەر: — ئەنەس ئالىم

    (41-44) مۇئمىن ئادەم قەۋمىگە يەنە مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! مەن سىلەرنى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغان بۇ مۇساغا ئىمان كەلتۈرۈش بىلەن قۇتۇلۇشقا چاقىرۋاتىمەن، سىلەر مېنى كۇفرىلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە يامان ئىشلارنى قىلىش بىلەن دوزاخقا كىرىشكە چاقىرۋاتىسىلەر، بۇ قانداق ئىش؟ سىلەر مېنى ئاللاھقا كافىر بولۇشقا ۋە مەن بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشكە چاقىرۋاتىسىلەر! مەن سىلەرنى كۇفرىلىقتا ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلىگەنلەرنى ئازابلاشقا قادىر، تەۋبىكار بەندىلىرىنى ئەپۇ قىلىپ ئىنئام ئاتا قىلىدىغان ئاللاھنىڭ يولىغا چاقىرۋاتىمەن. سىلەر مېنى چوقۇنۇشقا چاقىرۋاتقان بۇتلار ئۆزلىرىگە چوقۇنغانلارنىڭ دۇنيادىمۇ بىرەر ھاجىتىنى راۋا قىلالمايدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتىمۇ چوقۇنغۇچىلىرىغا ھېچقانداق پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ. بىز يېقىندا ئۆلۈپ قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلىمىز ۋە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ قىلمىشىمىزنىڭ ھېسابىنى بېرىمىز، بۇ دۇنيادا ھەددىدىن ئاشقانقانلار ئۇ كۈنى دوزاخقا تاشلىنىدۇ ۋە مەڭگۈ ئازاب چېكىدۇ. (مۇئمىن ئادەم قەۋمىنىڭ نەسىھەتنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ) سىلەر باتىل يولۇڭلاردا مېڭىۋەرسەڭلار يېقىندا ئازابقا يولۇقىسىلەر، ئۇ چاغدا مېنىڭ سىلەرگە كۆيۈنۈپ قىلغان بۇ نەسىھەتلىرىمنىڭ توغرىلىقىنى ئەسلەيسىلەر، لېكىن كېيىنكى پۇشايمىنىڭلار پايدا بەرمەيدۇ. مەن ئاللاھقا سېغىنىمەن، ئاللاھقا تايىنىمەن ۋە ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن، چۈنكى ئاللاھ بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، جۈملىدىن مېنى ۋە سىلەرنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ھەربىرىمىزنى لايىق بولغان ئاقىۋىتىمىزگە ئېرىشتۈرگۈچىدۇر». ئەسكەرتىش: مەخپىي مۇئمىن، دەسلەپتە ئۆزىنىڭ مۇئمىنلىقىنى يوشۇرۇپ بىر مۇددەت ياشىغان بولسىمۇ، شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە ھەقىقەتنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى، ئۆز مىللىتىگە كۆيۈنۈپ نەسىھەت قىلدى ۋە ئاخىرى ئۆزىنىڭ مۇئمىنلىقىنى ئاشكارا قىلدى. بۇ كىشىنىڭ بۇ قىسسەسى، فىرئەۋندەك زالىم پادىشاھنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان مۇئمىنلار ئۈچۈن يول كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇلارغا بىر مۇددەت پەيت كۈتكەندىن كېيىن ئۆزىنى ئاشكارا قىلىشنىڭ ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەندە ئوتتۇرىغا چىقىپ ھەقىقەتنى ئېلان قىلىشىنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دەرۋەقە بەزى جەمئىيەتلەردە مەخپىي بولۇش، كۈچ توپلاش، پەيت كۈتۈش ۋە ئەڭ ئۇيغۇن زاماندا ھۇجۇمغا ئۆتۈش پايدىلىقتۇر. بۇ قىسسە بۇ نۇقتىدىن ئىنتايىن مۇھىمدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  42. (40-سۈرە غافىر، 42-ئايەت) كاپىرلىق شېرىك تەۋھىد مۇسا
    تَدْعُونَنِي لِأَكْفُرَ بِاللَّهِ وَأُشْرِكَ بِهِ مَا لَيْسَ لِي بِهِ عِلْمٌ وَأَنَا أَدْعُوكُمْ إِلَى الْعَزِيزِ الْغَفَّارِ
    سىلەر مېنى ئاللاھنى ئىنكار قىلىشقا، مەن بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىسىلەر، ھالبۇكى، مەن سىلەرنى غالىب، (بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى (ئاللاھ) قا دەۋەت قىلىمەن — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر مېنى ئاللاھنى ئىنكار قىلىشقا، مەن بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىۋاتىسىلەر، ھالبۇكى، مەن سىلەرنى غالىب، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى ئاللاھغا دەۋەت قىلىۋاتىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەر مېنى ئاللاھقا كافىر بولۇشقا ۋە مەن بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىشقا چاقىرىۋاتىسىلەر. مەن سىلەرنى ئەزىز ۋە كۆپ مەغپىرەت قىلغۇچى ئاللاھنىڭ يولىغا چاقىرىۋاتىمەن. — ئەنەس ئالىم

  43. لَا جَرَمَ أَنَّمَا تَدْعُونَنِي إِلَيْهِ لَيْسَ لَهُ دَعْوَةٌ فِي الدُّنْيَا وَلَا فِي الْآخِرَةِ وَأَنَّ مَرَدَّنَا إِلَى اللَّهِ وَأَنَّ الْمُسْرِفِينَ هُمْ أَصْحَابُ النَّارِ
    ھەقىقەتەن سىلەر مېنى ئۇنىڭغا (يەنى بۇتقا) ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىسىلەر، ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە (ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشقا) چاقىرغىنى يوق، بىزنىڭ ئاخىر بارىدىغان جايىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر، (گۇمراھلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئەھلى دوزاختۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ مېنى چاقىرىۋاتقان نەرسەڭلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەت ھەققىدە ھېچقانداق چاقىرىقى يوق، بىزنىڭ ئاخىر بارىدىغان جايىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر، ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئەھلى دوزاختۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، سىلەر مېنى چاقىرىۋاتقان نەرسە، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چاقىرىلىشقا لايىق ئەمەستۇر. بىزنىڭ بارىدىغان يېرىمىز ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدۇر. ھەددىدىن ئاشقۇچىلار دوزاخ ئەھلىدۇر. — ئەنەس ئالىم

  44. فَسَتَذْكُرُونَ مَا أَقُولُ لَكُمْ ۚ وَأُفَوِّضُ أَمْرِي إِلَى اللَّهِ ۚ إِنَّ اللَّهَ بَصِيرٌ بِالْعِبَادِ
    (سىلەرگە ئازاب نازىل بولغان چاغدا) سىلەرگە ئېيتقان سۆزۈمنىڭ (راستلىقىنى) ئەسلەيسىلەر، مەن ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» — مۇھەممەد سالىھ

    مېنىڭ سىلەرگە ئېيتقانلىرىمنى پات يېقىندا ئەسلەيسىلەر، مەن ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەر سۆزلىرىمنى پات يېقىندا ئەسلەيسىلەر. مەن ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر». — ئەنەس ئالىم

  45. فَوَقَاهُ اللَّهُ سَيِّئَاتِ مَا مَكَرُوا ۖ وَحَاقَ بِآلِ فِرْعَوْنَ سُوءُ الْعَذَابِ
    ئاللاھ ئۇنى پىرئەۋن جامائەسىنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. پىرئەۋن جامائەسىگە ئەڭ يامان ئازاب چۈشتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ئۇنى پىرئەۋن جامائەسىنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. پىرئەۋن جامائەسىگە ئەڭ يامان ئازاب نازىل بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ ئۇ مۇئمىن ئادەمنى ئۇلارنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. فىرئەۋن خانىدانىنى بولسا ئەڭ يامان ئازاب قورشىۋالدى. — ئەنەس ئالىم

    (45-46) مەزكۇر مۇئمىن ئادەمنىڭ قەۋمى يەنى فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇ ئادەمنىڭ شۇنچە سەمىمىي نەسىھەتلىرىنى قوبۇل قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇ ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇندى، ئاللاھ ئۇ ئادەمنى ئۆز قەۋمىنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. ئۇ ئادەمنىڭ قەۋمىنى يەنى فىرئەۋن خانىدانىنى بولسا ئەڭ يامان ئازاب قورشىۋالدى؛ ئۇلار باشتا دېڭىزدا سۇغا غەرق قىلىندى ئاندىن ئوت ئازابىغا دۇچار قىلىندى. ئۇلار قىيامەتكە قەدەر ئەتە - ئاخشامدا ئۇ ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ. قىيامەت قايىم بولغان كۈندە ئاللاھ مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە: «فىرئەۋن خانىدانىنى ئەڭ قاتتىق ئازابقا كىرگۈزۈڭلار» دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ خانىدانى دوزاخقا تاشلىنىدۇ ۋە مەڭگۈ ئازاب چېكىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  46. النَّارُ يُعْرَضُونَ عَلَيْهَا غُدُوًّا وَعَشِيًّا ۖ وَيَوْمَ تَقُومُ السَّاعَةُ أَدْخِلُوا آلَ فِرْعَوْنَ أَشَدَّ الْعَذَابِ
    ئۇلار ئەتىگىنى ـ ئاخشىمى ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «ئى پىرئەۋن جامائەسى! ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا (دوزاخ ئوتىغا) كىرىڭلار!» (دېيىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار ئەتىگىنى ـ ئاخشىمى ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «ئى پىرئەۋن جامائەسى! ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا كىرىڭلار!» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئازاب ئوتتۇر. ئۇلار ئەتە - ئاخشامدا ئۇ ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ. قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «فىرئەۋن خانىدانىنى ئەڭ قاتتىق ئازابقا كىرگۈزۈڭلار» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  47. وَإِذْ يَتَحَاجُّونَ فِي النَّارِ فَيَقُولُ الضُّعَفَاءُ لِلَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا إِنَّا كُنَّا لَكُمْ تَبَعًا فَهَلْ أَنْتُمْ مُغْنُونَ عَنَّا نَصِيبًا مِنَ النَّارِ
    ئۇ چاغدا ئۇلار دوزاختا ئۆزئارا مۇنازىرىلىشىدۇ، ئاجىز (ئەگەشكۈچىلەر) ھاكاۋۇر (ئەگەشتۈرگۈچىلىرىگە): «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە ئەگەشكەن ئىدۇق، بىزدىن دوزاخ ئازابىدىن بىر قىسىمىنى ئېلىپ تاشلىيالامسىلەر؟» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ چاغدا ئۇلار دوزاختا ئۆزئارا مۇنازىرىلىشىدۇ، ئاجىزلار ھاكاۋۇرلارغا: «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە ئەگەشكەن ئىدۇق، بىزدىن دوزاخ ئازابىنىڭ بىر قىسىمىنى ئېلىپ تاشلىيالامسىلەر؟» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئوتنىڭ ئىچىدە بىر - بىرلىرى بىلەن مۇنازىرىلىشىدۇ: ئاجىزلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقانلارغا: «ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىڭلار ئىدۇق. ھازىر سىلەر بىزنى بۇ ئوتنىڭ بىر قىسمىدىن بولسىمۇ قۇتقۇزالامسىلەر؟» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (47-48) ئى مۇھەممەد قىيامەت كۈنى بارلىق كافىرلار ۋە ئاسىيلار، جۈملىدىن بۇ فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قەۋمى دوزاخىنىڭ ئىچىدە ئازاب چېكىۋېتىپ بىر - بىرلىرى بىلەن مۇنازىرىلىشىدۇ: باشقىلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىپ دوزاخقا لايىق بولغان تەقلىدچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئازغۇنلۇقتا قېلىشىغا سەۋەبچى بولغان چوڭلىرىغا: «بىز دۇنيادا سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىڭلار ئىدۇق؛ سىلەرنىڭ كەينىڭلارغا كىرىپ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلمىدۇق، سىلەرنىڭ يول كۆرسىتىشىڭلار بىلەن ئازغۇنلۇقتا ئەزۋەيلىدۇق، «بۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ماڭساق نىجاتلىققا ئېرىشەرمىز» دەپ سىلەرگە ئەگەشتۇق، بۈگۈن ئىشلار كۆڭلىمىزدىكىدەك چىقمىدى، سىلەرگە ئەگىشىپ جەننەتكە ئەمەس دوزاخقا كىردۇق. ئەمدى سىلەر بىزنى بۇ دوزاخ ئازابىنىڭ بىر قىسمىدىن بولسىمۇ قۇتقۇزالامسىلەر؟» دەيدۇ. چوڭلار ئۇلارغا: «ھەممىمىز دوزاخنىڭ ئىچىدە ئازاب چېكىۋاتىمىز. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۆز ئادالىتى بىلەن ھۆكۈم چىقىرىپ ھەربىرىمىزنى تېگىشلىك ئازابقا مەھكۇم قىلدى؛ ھەربىرىمىز ئۆز گۇناھىمىزنىڭ جازاسىغا يولۇقتۇق، ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئۆزگەرمەيدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  48. قَالَ الَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا إِنَّا كُلٌّ فِيهَا إِنَّ اللَّهَ قَدْ حَكَمَ بَيْنَ الْعِبَادِ
    ھاكاۋۇر (ئەگەشتۈرگۈچىلىرى): «شۈبھىسىزكى، بىز ھەممىمىز دوزاختادۇرمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقاردى» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ھاكاۋۇرلار: «شۈبھىسىزكى، بىز ھەممىمىز دوزاختادۇرمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقاردى» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلار مۇنداق دەيدۇ: «ھەممىمىز ئوتنىڭ ئىچىدىمىز. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقاردى». — ئەنەس ئالىم

  49. وَقَالَ الَّذِينَ فِي النَّارِ لِخَزَنَةِ جَهَنَّمَ ادْعُوا رَبَّكُمْ يُخَفِّفْ عَنَّا يَوْمًا مِنَ الْعَذَابِ
    دوزاختىكىلەر دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە: «سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار، ئۇ بىزدىن بىر كۈنلۈك ئازابنى يېنىكلەتسە ئىكەن» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    دوزاختىكىلەر دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە: «سىلەر رەببىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار، ئۇ بىزدىن بىر كۈنلۈك ئازابنى يېنىكلەتسە ئىكەن» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئوتنىڭ ئىچىدىكىلەر، جەھەننەمنىڭ دەرۋازىۋەنلىرىگە: «رەببىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار، ئازابىمىزنى بىر كۈن بولسىمۇ يېنىكلەتسۇن» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    كىچىكلەر چوڭلار، ئەگەشكەنلەر ئەگىشىلگەنلەر، تەقلىدچىلەر تەرسالار، قىسقىسى دۇنيادا ئالدانغانلار ۋە ئالدىغانلار دوزاخقا تاشلىنىپ ئۆزئارا ئەنە شۇنداق مۇنازىرىلەرنى قىلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە: «ئى پەرىشتىلەر! سىلەرنى يوقتىن ياراتقان ۋە بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ئىگەڭلار - ئاللاھقا دۇئا قىلىڭلار، ئازابىمىزنى بىر كۈن بولسىمۇ يېنىكلىتىپ بەرگەن بولسا» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  50. قَالُوا أَوَلَمْ تَكُ تَأْتِيكُمْ رُسُلُكُمْ بِالْبَيِّنَاتِ ۖ قَالُوا بَلَىٰ ۚ قَالُوا فَادْعُوا ۗ وَمَا دُعَاءُ الْكَافِرِينَ إِلَّا فِي ضَلَالٍ
    ئۇلار (يەنى دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەر): «پەيغەمبىرىڭلار سىلەرگە روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلمىگەنمىدى؟» دەيدۇ. ئۇلار (يەنى كۇففارلار): «ھەئە، ئېلىپ كەلگەن ئىدى» دەيدۇ. ئۇلار (يەنى پەرىشتىلەر): «سىلەر دۇئا قىلىڭلار، (لېكىن) كاپىرلارنىڭ دۇئاسى پايدىسىزدۇر» دەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار : «پەيغەمبىرىڭلار سىلەرگە روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلمىگەنمىدى؟ » دەيدۇ. ئۇلار : «ھەئە، ئېلىپ كەلگەن ئىدى» دەيدۇ. پەرىشتىلەر: «سىلەر دۇئا قىلىڭلار، لېكىن كاپىرلارنىڭ دۇئاسى پايدىسىزدۇر» دەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    دەرۋازىۋەنلەر: «سىلەرگە ئەلچىلىرىڭلار روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلمىگەنمىدى؟» دەيدۇ. ئۇلار: «ھەئە، ئېلىپ كەلگەن» دەيدۇ. دەرۋازىۋەنلەر: «ئۇنداقتا ئۆزۈڭلار دۇئا قىلىڭلار، لېكىن كافىرلارنىڭ دۇئاسى نەتىجىسىزدۇر» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئۇلارغا مەزكۇر پەرىشتىلەر كايىپ: «ھازىر بۇ ئۆتۈنۈشىڭلارنىڭ پايدىسى يوق، پەيغەمبەرلىرىڭلار سىلەرگە مۆجىزىلەرنى ۋە ئايەتلەرنى ئېلىپ كەلمىگەنمىدى؟ سىلەرنى بۇ ئازابتىن ئاگاھلاندۇرمىغانمىدى؟» دەيدۇ. ئۇلار: «ئەلۋەتتە ئېلىپ كەلگەن ئىدى، لېكىن بىز ئۇلارنى ئىنكار قىلىپ نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالمىغان ئىدۇق» دەيدۇ. پەرىشتىلەر: «ئۇنداقتا، بىز ئازابىڭلارنىڭ يېنىكلىتىلىشى توغرىسىدا ئاللاھقا دۇئا قىلمايمىز، ئۆزۈڭلار دۇئا قىلىڭلار، لېكىن شۇنى بىلىڭلاركى: دۇئايىڭلارنىڭ ھېچ نەرسىگە پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى كافىرلارنىڭ دۇئاسى قوبۇل بولمايدۇ، ئىجابەت قىلىنمايدۇ» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  51. إِنَّا لَنَنْصُرُ رُسُلَنَا وَالَّذِينَ آمَنُوا فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَيَوْمَ يَقُومُ الْأَشْهَادُ
    شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز پەيغەمبىرىمىزگە، مۆمىنلەرگە ھاياتىي دۇنيادا ۋە (پەرىشتە، پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەردىن بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىگە گۇۋاھ بولىدىغان) گۇۋاھچىلار ھازىر بولىدىغان كۈندە ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز پەيغەمبەرلىرىمىزگە، مۇئمىنلارغا ھاياتىي دۇنيادا ۋە گۇۋاھچىلار ھازىر بولىدىغان كۈندە ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، بىز ئەلچىلىرىمىزگە ۋە مۇئمىنلارغا، دۇنيا ھاياتىدا ۋە گۇۋاھچىلار گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرىدىغان كۈندە ياردەم بېرىمىز. — ئەنەس ئالىم

    بىز ئەلچىلىرىمىزگە ۋە مۇئمىنلارغا، بۇ دۇنيا ھاياتىدا ۋە گۇۋاھچىلار گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرىدىغان قىيامەت كۈنىدە چوقۇم ياردەم بېرىمىز؛ ئۇلارنى بۇ دۇنيادا ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىمىز، ئۇلارغا غەلىبە ۋە زەپەر نېسىپ قىلىمىز، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلىمىز . قىيامەت كۈنى بولسا، ئۇلارنىڭ تەبلىغنى لايىق رەۋىشتە ئورۇندىغانلىقىغا، كافىرلارنىڭ ئىنكار قىلغانلىقىغا گۇۋاھچىلارنى (دۇنيادا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىشكە مەسئۇل قىلىنغان پەرىشتىلەرنى) ھەققانىيەت بىلەن گۇۋاھلىق بەرگۈزىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  52. (40-سۈرە غافىر، 52-ئايەت) ھىساب تىرىلىش ئادالەتسىزلىك
    يَوْمَ لَا يَنْفَعُ الظَّالِمِينَ مَعْذِرَتُهُمْ ۖ وَلَهُمُ اللَّعْنَةُ وَلَهُمْ سُوءُ الدَّارِ
    ئۇ كۈندە كاپىرلارنىڭ ئۆزرىلىرى پايدا بەرمەيدۇ، ئۇلار لەنەتكە ئۇچرايدۇ، ئۇلار ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كۈندە كاپىرلارغا ئۆزرىلىرى پايدا بەرمەيدۇ، ئۇلار لەنەتكە ئۇچرايدۇ، ئۇلار ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كۈنى زالىملارغا ئۆزرىلىرى پايدا بەرمەيدۇ، ئۇلارغا لەنەت ۋە يامان يۇرت بار. — ئەنەس ئالىم

    دۇنيادا كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارغا ئۇ كۈنى ئېيتقان ئۆزرىلىرى پايدا بەرمەيدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆزرىلىرى قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلىنىدۇ ۋە يامان يۇرت بولغان دوزاخقا تاشلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  53. وَلَقَدْ آتَيْنَا مُوسَى الْهُدَىٰ وَأَوْرَثْنَا بَنِي إِسْرَائِيلَ الْكِتَابَ
    شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا ھىدايەت ئاتا قىلدۇق، ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتاب (يەنى تەۋرات) نى مىراس قىلىپ بەردۇق — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا ھىدايەت ئاتا قىلدۇق، ئىسرائىل ئەۋلادىغا كىتابنى مىراس قىلىپ بەردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز مۇساغا ھىدايەتنى ئاتا قىلدۇق ۋە ئىسرائىل ئەۋلادىنى كىتابقا ۋارىس قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم

    (53-54) ئى مۇھەممەد! بىز مۇساغا ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدىغان مۆجىزىلەرنى ۋە توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان تەۋراتنى بەردۇق، بەنى ئىسرائىلغا ئۇ كىتابنى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا مىراس قىلىپ بەردۇق. ئۇ، توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان ۋە ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىگە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ۋە قىلماسلىققا تېگىشلىك ئىشلارنى بايان قىلىدىغان ۋە ۋەزىپىلىرىنى ئەسلىتىدىغان كىتابتۇر. ئاللاھ تائالا 23 ~ 54 - ئايەتلەردە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنى ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىققانلارنىڭ ئاقىۋىتىنى بايان قىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللى بېرىدۇ، مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلەرگە ۋە مۇئمىنلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نۇسرەت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۇلارغا نۇسرەتنىڭ ۋە نىجاتلىقنىڭ خۇش خەۋىرىنى بېرىدۇ. 55 ~ 59 - ئايەتلەردە بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قىلىشىغا تېگىشلىك ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، كافىرلارغا ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئەسلىتىدۇ، كافىرلار بىلەن مۇئمىنلارنىڭ ھېچبىر جەھەتتىن ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۇلارنى قايتا ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  54. هُدًى وَذِكْرَىٰ لِأُولِي الْأَلْبَابِ
    (ئۇ) ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە نەسىھەتتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ كىتاب، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ھىدايەت رەھبىرى ۋە نەسىھەتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ كىتاب توغرا يولنى كۆرسەتكۈچى ۋە ساغلام ئەقىل ئىگىلىرىگە ئەسلەتكۈچىدۇر[3]. — ئەنەس ئالىم

  55. فَاصْبِرْ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ وَاسْتَغْفِرْ لِذَنْبِكَ وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ بِالْعَشِيِّ وَالْإِبْكَارِ
    (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ (ساڭا ۋە سېنىڭ تەۋەلىرىڭگە ياردەم بېرىش) ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، گۇناھىڭغا ئىستىغپار ئېيتقىن، ئاخشىمى ـ ئەتىگىنى پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدى بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنىڭ ئۈچۈن سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، گۇناھىڭغا ئىستىغپار ئېيتقىن، ئاخشىمى ـ ئەتىگىنى رەببىڭگە ھەمدى بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! ئۇ ھالدا سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، گۇناھىڭنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنى تىلىگىن، چۈشتىن كېيىن ۋە چۈشتىن ئىلگىرى رەببىڭغا ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىزنىڭ، بەيغەمبەرلىرىمىزگە ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە نۇسرەت ئاتا قىلىش توغرىسىدىكى ۋەدىمىز سېنىڭ ھەققىڭدە ۋە ساڭا ئەگەشكەن مۇئمىنلار ھەققىدە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇنداقتا، سەن مۇشرىكلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلىپ توغرا يولدا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرغىن، چۈنكى ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. گۇناھىڭغا ئىستىغپار ئېيتىپ ئۆزۈڭنى ئاللاھنىڭ قوغدىشىنى تىلىگىن. سېنى يوقتىن ياراتقان، نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ۋە ئەلچىسى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىگەڭ - ئاللاھقا كۈندۈزنىڭ ئاخىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ ئاۋۋىلىدە تەسبىھ ۋە ھەمدۇسانا ئېيتقىن؛ بۇ ئىشلارنىمۇ داۋاملاشتۇرغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  56. إِنَّ الَّذِينَ يُجَادِلُونَ فِي آيَاتِ اللَّهِ بِغَيْرِ سُلْطَانٍ أَتَاهُمْ ۙ إِنْ فِي صُدُورِهِمْ إِلَّا كِبْرٌ مَا هُمْ بِبَالِغِيهِ ۚ فَاسْتَعِذْ بِاللَّهِ ۖ إِنَّهُ هُوَ السَّمِيعُ الْبَصِيرُ
    شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە (ئاللاھ تەرىپىدىن) كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن (قارىسىغا) جاڭجاللىشىدىغانلارنىڭ كۆكرەكلىرىدە پەقەت كىبرى بار، ئۇلار (ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈشتىن ئىبارەت) مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ، ئاللاھقا سىغىنىپ (ئۇلارنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلىگىن)، ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە ئۆزلىرىگە ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ھېچقانداق دەلىل بولماستىن قارىسىغا جاڭجاللىشىدىغانلارنىڭ كۆكرەكلىرىدە پەقەت كىبرى بار، ئۇلار -ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈشتىن ئىبارەت- مەقسەتلىرىگە يېتەلمەيدۇ، شۇڭا ئاللاھ بىلەن پاناھ تىلىگىن، ھەقىقەتەن ئاللاھ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆزلىرىگە كەلگەن ھېچبىر دەلىل بولماستىن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە تارتىشىدىغانلارنىڭ كۆڭۈللىرىدە كىبىر بار. ئۇلار ھەرگىز مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ. ئۇ ھالدا ئاللاھقا سېغىنغىن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق ئەۋەتكەن مۆجىزە ۋە ئايەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ باتىل دەۋالىرى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغانلارنىڭ كۆڭۈللىرىدە پەقەتلا كىبىر بار. ئاللاھ ئۇلارنى ھەرگىزمۇ مەقسىتىگە يەتكۈزمەيدۇ. ئى مۇھەممەد! ئۇنداقتا، سەن ئاللاھنىڭ ھىمايىسىگە سېغىنغىن؛ ئاللاھنىڭ ئۆزۈڭنى ئۇ كىبىرلىك ئادەملەرنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىشىنى تىلىگىن، چۈنكى ئاللاھ پۈتكۈل سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەر نەرسىنى ۋە ھەر ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. جۈملىدىن سېنىڭ دۇئا ۋە سېغىنىشلىرىڭنى ئاڭلاپ، ئىبادەت ۋە دەۋەت پائالىيەتلىرىڭنى كۆرۈپ تۇرماقتىدۇر، دۈشمەنلىرىڭنىڭ بۇزۇق ئېتىقاد، يامان پىلان، ناشايان سۆز ۋە قەبىھ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ، بىلىپ تۇرماقتىدۇر. ۋاقتى كەلگەندە ساڭا نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ، دۈشمەنلىرىڭدىن ئىنتىقام ئالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  57. لَخَلْقُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ أَكْبَرُ مِنْ خَلْقِ النَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
    ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يارىتىش ئەلۋەتتە ئىنسانلارنى يارىتىشتىن كۆپ قىيىندۇر ۋەلېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى (بۇنى) ئۇقمايدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يارىتىش ئەلۋەتتە ئىنسانلارنى يارىتىشتىن تېخمۇ چوڭ بىر ئىشتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى بۇنى ئۇقمايدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يارىتىش ئىنسانلارنى يارىتىشتىن چوڭ ئىشتۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يوقتىن يارىتىش، سىلەرنى يوقتىن يارىتىشتىن چوڭ ئىشتۇر. بىز بۇ چوڭ ئىشنى قىلدۇق. ئۇنداقتا، بىز قىيامەت كۈنى سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز، سىلەر ئۈچۈن بىر نەرسىنى دەسلەپتە يوقتىن ئىجاد قىلىشتىن، ئۇ نەرسە بۇزۇلغاندىن كېيىن قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئاساندۇر، شۇنداققۇ! بىز ئەنە شۇ تەس ئىشنى قىلدۇق، ئەمدى ئاسان ئىشنىمۇ قىلىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ قۇدرىتىمىز ئالدىدا ئاسان، تەس دەپ بىرەر ئىش يوق. بىز خالىغىنىمىزنى قىلىدىغان ئىلىم ۋە قۇدرەتكە ئىگىدۇرمىز. ھەقىقەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىزنىڭ مەخلۇقاتنى دەسلەپتە يوقتىن ياراتقانلىقىمىزنى بىلىدۇ، لېكىن بىزنىڭ قىيامەت كۈنى ئۇلارنى قايتا تىرىلدۈرىدىغانلىقىمىزنى بىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  58. وَمَا يَسْتَوِي الْأَعْمَىٰ وَالْبَصِيرُ وَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ وَلَا الْمُسِيءُ ۚ قَلِيلًا مَا تَتَذَكَّرُونَ
    ئەما بىلەن كۆزى كۆرۈدىغان ئادەم (يەنى مۆمىن بىلەن كاپىر) باراۋەر بولمايدۇ، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ئادەملەر بىلەن يامان ئىش قىلغۇچى ئادەملەر باراۋەر بولمايدۇ. سىلەر ئاز ۋەز ـ نەسىھەت ئالىسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ئەما بىلەن كۆزى كۆرىدىغان ئادەم باراۋەر بولمايدۇ، ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ئادەملەر بىلەن يامان ئىش قىلغۇچى ئادەملەر باراۋەر بولمايدۇ. سىلەر ئاز ۋەز ـ نەسىھەت ئالىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    كور ئادەم بىلەن كۆرىدىغان ئادەم ئوخشاش بولمايدۇ. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار بىلەن يامان ئىش قىلغۇچى ئوخشاش بولمايدۇ. بەكمۇ ئاز ئويلىنىسىلەر. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! كور ئادەم بىلەن كۆرىدىغان ئادەم ئوخشاش بولمايدۇ. خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ تەرسالىق ۋە تەقلىدچىلىكى تۈپەيلىدىن ھەقىقەتنى كۆرمىگەن ئادەم بىلەن ئۆزىنىڭ ھەقىقەتنى ئىزدىشى ۋە ھەقىقەتكە ئىنتىلىشى نەتىجىسىدە ھەقىقەتنى كۆرگەن، شۇنداقلا ئۇنى قوبۇل قىلغان ئادەم ئوخشاش بولمايدۇ. شۇنىڭدەك ئىمان كەلتۈرۈش ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن ياخشى ئىش قىلغانلار بىلەن كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىق قىلىش بىلەن يامان ئىش قىلغانلار ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئۇ ئىككى پىرقە بۇ دۇنيادا ئېتىقاد ۋە ئەمەل جەھەتتىن، ئۇ دۇنيادا ئاقىۋەت جەھەتتىن باراۋەر بولمايدۇ. ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق بەكمۇ ئاز ئىبرەت ئالىسىلەر، نەسىھەتنى بەكمۇ ئاز قوبۇل قىلىسىلەر، ئاقىۋىتىڭلار توغرىسىدا بەكمۇ ئاز ئويلىنىسىلەر. ئەگەر لايىق رەۋىشتە ئىبرەت ئالغان، نەسىھەتنى قوبۇل قىلغان ۋە ئويلانغان بولساڭلار، خاتالىقىڭلارنى تونۇپ تەۋبە قىلغان، شۇنداقلا يامان يولدىن يانغان بولاتتىڭلار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  59. (40-سۈرە غافىر، 59-ئايەت) ھىساب قىيامەت ۋاقتى كاپىرلىق
    إِنَّ السَّاعَةَ لَآتِيَةٌ لَا رَيْبَ فِيهَا وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يُؤْمِنُونَ
    قىيامەت چوقۇم كېلىدۇ، ئۇنىڭدا شەك يوق ۋەلېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئۇنىڭغا) ئىشەنمەيدۇ (شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى، قىيامەت كۈنى بېرىلىدىغان مۇكاپات بىلەن جازانى ئىنكار قىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    قىيامەت چوقۇم كېلىدۇ، ئۇنىڭدا شەك يوق ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    قىيامەت چوقۇم قايىم بولىدۇ. بۇنىڭدا شەك يوق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئىشەنمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! قىيامەت چوقۇم قايىم بولىدۇ. بۇنىڭدا شەك يوق، سىلەر ئۇ كۈنى چوقۇم قايتا تىرىلدۈرۈلىسىلەر، بۇ دۇنيادىكى قىلمىشىڭلارنىڭ ھېسابىنى ئاللاھقا بېرىسىلەر، ھېسابىڭلارنىڭ نەتىجىىسىدە قىلمىشىڭلار ياخشى بولسا جەننەتكە، يامان بولسا دوزاخقا ئورۇنلاشتۇرۇلىسىلەر. قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشى ۋە سىلەرنىڭ قايتا تىرىلىشىڭلار مۇشۇنداق راست تۇرۇقلۇق ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ؛ ئۇلار سۆزلىرى بىلەن ياكى ئەمەللىرى بىلەن قىيامەتنى يوق ھېسابلاپ ياشىماقتىدۇر. ئاللاھ تائالا 55 ~ 59 - ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قىلىشىغا تېگىشلىك ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، كافىرلارغا قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئەسلىتىدۇ، كافىرلار بىلەن مۇئمىنلارنىڭ ھېچبىر جەھەتتىن ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۇلارنى قايتا ئاگاھلاندۇرىدۇ. 60 ~ 65 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇلارغا قىيامەت كۈنى ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  60. وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ
    پەرۋەردىگارىڭلار ئېيتىدۇ: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ» — مۇھەممەد سالىھ

    ۋە ھالەنكى رەببىڭلار ئېيتىدۇ: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ» — تەرجىمە ھەيئىتى

    رەببىڭلار مۇنداق دېدى: «ماڭا دۇئا قىلىڭلار، ئىجابەت قىلاي. ماڭا ئىبادەت قىلىشتىن ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتىدىغانلار خارلىق ئىچىدە جەھەننەمگە كىرىدۇ». — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! سىلەرنى يوقتىن ياراتقان، ھېكمىتى بىلەن باشقۇرغان ۋە نېمەتلىرى بىلەن ياشاتقان ئىگەڭلار - ئاللاھ سىلەرگە نىجاتلىق يولىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «ئى بەندىلىرىم! تائەت - ئىبادىتىڭلارنى ماڭا قىلىش، ماڭا تەزىم ۋە مۇھەببەت بىلەن ئىتائەت قىلىش، ماڭا لايىق رەۋىشتە ئىلتىجا قىلىش بىلەن ياخشىلىققا ئېرىشىشنى ۋە يامانلىقتىن قۇتۇلۇشنى مەندىن تىلەڭلار، بۇ شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ھالدا مەندىن ياردەم تىلىسەڭلار مەن تىلىكىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن. تەكەببۇرلۇق قىلىپ ماڭا ئەنە شۇ شەكىلدە چوقۇنۇشتىن، بولۇپمۇ ماڭا - يېلىنىپ - يالۋۇرۇپ مەقسىتىنى تىلەشتىن باش تارتىدىغانلار قىيامەت كۈنى خارلىق ئىچىدە جەھەننەمگە كىرىدۇ». ئەسكەرتىش: ئاللاھقا دۇئا قىلىش - يەنى ھاجىتىنىڭ راۋا بولۇشى، ئارزۇسىغا يېتىش، قورقۇنچىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاللاھ كۆرسەتكەن سەۋەبنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە قىلىپ نەتىجىگە ئېرىشتۈرۈشنى ئاللاھتىن تىلەش دېمەكتۇر. ئاللاھقا بىۋاسىتە دۇئا قىلماي دۇئادا باشقىلارنى شېپى كەلتۈرۈش، ئاللاھتىن غەيرىيگە دۇئا قىلىش، ئۇ غەيرىي پەيغەمبەر بولسۇن، پەرىشتە بولسۇن ياكى دۇئا قىلغۇچى ئۇلۇغ بىلىدىغان باشقا بىرەر شەخس بولسۇن، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ئاللاھقا چوقۇنۇشتىن باش تارتقانلىقتۇر، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى دوزاخقا مەھكۇم بولۇشنىڭ سەۋەبىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  61. اللَّهُ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ اللَّيْلَ لِتَسْكُنُوا فِيهِ وَالنَّهَارَ مُبْصِرًا ۚ إِنَّ اللَّهَ لَذُو فَضْلٍ عَلَى النَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَشْكُرُونَ
    (كۈندۈزى ئىشلەپ يەتكەن ھارغىنلىقتىن) ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى (قاراڭغۇ قىلىپ) ياراتتى، (تىرىكچىلىك يولىدا ھەرىكەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن) كۈندۈزنى يورۇق ياراتتى. ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر ۋەلېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئاللاھنىڭ ئېھسانىغا شۈكۈر قىلمايدۇ، ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى ۋە نېمەتلىرىگە نانكورلۇق قىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەر ئۈچۈن كېچىنى ياراتقان، كۈندۈزنى يورۇق ياراتقان زات ئاللاھتۇر. ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ. — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئارام ئېلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە كېچىنى يارىتىپ بەردى، كۈندۈزنى كۆرسەتكۈچى قىلدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا ئىلتىپات قىلغۇچىدۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى شۈكۈر قىلمايدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى جىمى مەخلۇقاتنىڭ ياراتقۇچىسى، ئىگىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى بولغان ئاللاھ، سىلەرگە ئارام ئېلىپ ھارغىنلىقىڭلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن كېچىنى، ئىشلەپ تۇرمۇشۇڭلارنى قامداش ئۈچۈن كۈندۈزنى يارىتىپ بەرگەن زاتتۇر. ئاللاھ ئىنسانلارغا ئىلتىپات ئاتا قىلغۇچىدۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتلىرىغا، بولۇپمۇ ئاللاھنىڭ كېچە بىلەن كۈندۈزنى مەزكۇر مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن يارىتىپ بەرگەنلىكىگە شۈكۈر قىلمايدۇ؛ ئاللاھنىڭ شۇنچە ئىلتىپاتى بىلەن ياشاۋاتقان تۇرۇقلۇق ئىبادەتنى، چوقۇنۇشنى ۋە دۇئانى ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  62. ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ فَأَنَّىٰ تُؤْفَكُونَ
    ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، قانداقمۇ (ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشقا) بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ھەممە نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، شۇنداق تۇرۇقلۇق قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئەنە شۇ ئاللاھتۇر، سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ھەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغانسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇشرىكلار! ئەنە شۇ نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان زات ئاللاھتۇر، سىلەرنى ئۆز ئىرادىسى بىلەن يوقتىن ياراتقان، ئۆز ھېكمىتى بىلەن باشقۇرۇۋاتقان ۋە نېمەتلىرى بىلەن ياشىتىۋاتقان ئىگەڭلاردۇر، كائىناتتىكى ھەر نەرسىنى ئۆز ئىرادىسى بىلەن يوقتىن ياراتقۇچىدۇر، ئەنە شۇ ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق ھېچ نەرسە ۋە ھېچكىم يوقتۇر. ھەقىقەت ۋە ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر قانداقمۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشكە بۇرۇلۇپ كېتىسىلەر؟ ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان ۋە ئاللاھ بەرگەن رىزىق بىلەن ياشاۋاتقان تۇرۇقلۇق سىلەر ئىبادەتنى نېمىشقا شۇ ئىگەڭلار - ئاللاھقا قىلمايسىلەر؟! قىلمىشىڭلار نېمىدېگەن ھاماقەتلىك، نېمىدېگەن ئەقىلسىزلىك ! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  63. كَذَٰلِكَ يُؤْفَكُ الَّذِينَ كَانُوا بِآيَاتِ اللَّهِ يَجْحَدُونَ
    ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار (ھىدايەتتىن ۋە ھەقىقەتتىن) شۇنداق بۇرۇلۇپ كېتىدۇ (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقىغا قايغۇرۇپ كەتمىگىن، ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرمۇ شۇنداق قىلغان) — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار شۇنداق بۇرۇلۇپ كېتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلغانلار ھەقتىن ئەنە شۇنداق بۇرۇلۇپ كېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇشرىكلار! ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلغان ۋە كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەن ئادەملەر ھەقىقەتكە ئىشىنىشتىن ۋە ھەق يولدا مېڭىشتىن سىلەرگە ئوخشاش بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؛ ئۆزلىرىنىڭ خاتا تاللىشى نەتىجىسىدە ئاللاھنىڭ تەۋپىق - ھىدايىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ ۋە ئازغۇنلۇق چۆللىرىدە تېڭىرقاپ يۈرۈيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  64. اللَّهُ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ قَرَارًا وَالسَّمَاءَ بِنَاءً وَصَوَّرَكُمْ فَأَحْسَنَ صُوَرَكُمْ وَرَزَقَكُمْ مِنَ الطَّيِّبَاتِ ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ ۖ فَتَبَارَكَ اللَّهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ
    ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۇرالغۇ، ئاسماننى بىنا قىلدى. سىلەرنى سۈرەتكە كىرگۈزدى. سۈرىتىڭلارنى چىرايلىق قىلدى. سىلەرگە (تۈرلۈك) پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى. ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۇرالغۇ، ئاسماننى بىنا قىلدى. سىلەرنى سۈرەتكە كىرگۈزدى. سۈرىتىڭلارنى چىرايلىق قىلدى. سىلەرگە تۈرلۈك پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى. ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر، ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن زېمىننى قارارگاھ، ئاسماننى بىنا قىلىپ بەرگەن، سىلەرنى ئەڭ گۈزەل شەكىللەردە شەكىللەندۈرگەن، سىلەرگە پاك نەرسىلەردىن رىزىق بەرگەن زاتتۇر. ئەنە شۇ ئاللاھتۇر، سىلەرنىڭ رەببىڭلاردۇر. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ نېمىدېگەن ئۇلۇغ! — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! ئاللاھ زېمىننى يوقتىن يارىتىپ سىلەرنىڭ ياشىشىڭلارغا لايىق قىلغان، ئاسماننى يوقتىن يارىتىپ ئۇنى ئۈستۈڭلاردا بىر بىنادەك تۇرغۇزۇپ سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارغا سۇنغان، سىلەرنى ئانىلىرىڭلارنىڭ قورساقلىرىدا شەكىلدىن شەكىلگە كىرگۈزۈپ ياراتقان، جىنس، چىراي - شەكىل ۋە رەڭگىروي جەھەتتىن ئەڭ چىرايلىق ھالەتتە ياراتقان، سىلەرگە پاك رىزىقلارنى ئاتا قىلغان زاتتۇر. ئەنە شۇ نېمەتلەرنى سىلەرگە ئاتا قىلغان ۋە ئاتا قىلىۋاتقان زات ئاللاھتۇر، سىلەرنىڭ ياراتقۇچىڭلار، باشقۇرغۇچىڭلار ۋە رىزىق بىلەن تەمىنلىگۈچىڭلار بولغان ئىگەڭلاردۇر. بارلىق مەخلۇقاتنىڭ ياراتقۇچىسى، مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرغۇچىسى ۋە باشقۇرغۇچىسى بولغان ئاللاھنىڭ شەنى نېمىدېگەن ئۇلۇغ، نېمەتلىرى نېمىدېگەن كۆپتۇر! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  65. هُوَ الْحَيُّ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ فَادْعُوهُ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ ۗ الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
    ئاللاھ ھاياتتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، دىنىڭلارنى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر! — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ ھاياتتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن دىنىڭلارنى -شېرىكتىن ۋە رىيادىن- ساپ قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا يالۋۇرۇڭلار، جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ دائىم تىرىكتۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. شۇڭا ئاللاھقا دىننى خالىس قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار. ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ دائىم تىرىكتۇر، مۇكەممەل ۋە دائىمىي تىرىكلىك ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنىڭ تىرىكلىكى باشقا جانلىق نەرسىلەرنىڭ تىرىكلىكىگە ئوخشىمايدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ تىرىكلىكى پەيدا بولمىغان، شۇنداقلا مەڭگۈ يوقالمايدىغان ئەزەلىي ۋە ئەبەدىي تىرىكلىكتۇر. شۇڭلاشقا ئاللاھ ھەر يەردە ھازىر ۋە ھەر ئىشقا قادىردۇر، ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ ۋە ھەر ئىشنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ بىردىنبىر ئىلاھتۇر، يەنى ئاللاھ يەككە - يېگانە مەبۇدتۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر، چۈنكى مۇكەممەللىك سۈپەتلىرى پەقەت ئاللاھتىلا باردۇر. بۇ سەۋەبتىن ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ باتىلدۇر، ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىنغان ئىبادەت باتىلدۇر. ئى ئىنسانلار! ئۇنداقتا، سىلەر دىنىڭلارنى شېرىك ۋە رىيادىن پاكلاپ ئاللاھقا دۇئا قىلىڭلار؛ تەزىم ۋە مۇھەببەت بىلەن ئىتائەت قىلىش، ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇپ مەقسىتىڭلارنى تىلەش ۋە ئەيمىنىش بىلەن ئېھتىرام قىلىش قاتارلىق ئىبادەتلىرىڭلارنى پەقەت ئاللاھقىلا قىلىڭلار، دىل، تىل، بەدەن ۋە مال بىلەن قىلىدىغان ئىبادەتلىرىڭلارنىڭ ھېچبىرىنى ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلماڭلار، «بارلىق مەخلۇقاتنى يوقتىن ياراتقان ۋە لازىمەتلىك نەرسىلەرنى بېرىپ ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن؛ ئاللاھنىڭ ئىشلىرى نېمىدېگەن مۇكەممەل، رەھمىتى نېمىدېگەن چەكسىز، نېمەتلىرى نېمىدېگەن سان - ساناقسىز» دەپ ئاللاھقا مەدھىيە ئوقۇڭلار. ئاللاھ تائالا 60 ~ 65 - ئايەتلەردە قىيامەت كۈنى ياخشى ئاقىۋەتكە ئېرىشىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىدۇ. 66 ~ 68 - ئايەتلەردە بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇ يولنى قوبۇل قىلمىغانلارغا ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئېلان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۆز قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئەسلىتىپ ئۇلارنى دەۋەتنى قوبۇل قىلىشقا تەرغىب قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  66. قُلْ إِنِّي نُهِيتُ أَنْ أَعْبُدَ الَّذِينَ تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ لَمَّا جَاءَنِيَ الْبَيِّنَاتُ مِنْ رَبِّي وَأُمِرْتُ أَنْ أُسْلِمَ لِرَبِّ الْعَالَمِينَ
    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى: «پەرۋەردىگارىمدىن ماڭا روشەن دەلىللەر كەلگەن چاغدا، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلىرىڭلارغا ئىبادەت قىلىشتىن مەنئى قىلىندىم، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇم» — مۇھەممەد سالىھ

    -ئى مۇھەممەد!- ئېيتقىنكى: «رەببىمدىن ماڭا روشەن دەلىللەر كەلگەن چاغدا، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ يالۋۇرىۋاتقانلىرىڭلارغا ئىبادەت قىلىشتىن مەنئى قىلىندىم، مەن ئالەملەرنىڭ رەببىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇم» — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا مۇنداق دېگىن: «شۈبھىسىزكى، ماڭا رەببىمدىن روشەن دەلىللەر كەلگەندە، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان زاتلارغا چوقۇنۇشتىن مەنئى قىلىندىم ۋە ئالەملەرنىڭ رەببىگە تەسلىم بولۇشقا بۇيرۇلدۇم». — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سېنى ئۆزلىرىنىڭ يولىغا دەۋەت قىلغان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: «ئاللاھ ماڭا روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلىپ مېنى سىلەرنىڭ مەبۇدلىرىڭلارغا چوقۇنۇشتىن مەنئى قىلدى، مېنى ئۆزىنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىغا ئەستايىدىل بويسۇنۇشقا بۇيرۇدى» دەپ ئۇلارنىڭ سېنى يولۇڭدىن ياندۇرۇش تەمەسىنى ئۈزۈپ تاشلىغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  67. هُوَ الَّذِي خَلَقَكُمْ مِنْ تُرَابٍ ثُمَّ مِنْ نُطْفَةٍ ثُمَّ مِنْ عَلَقَةٍ ثُمَّ يُخْرِجُكُمْ طِفْلًا ثُمَّ لِتَبْلُغُوا أَشُدَّكُمْ ثُمَّ لِتَكُونُوا شُيُوخًا ۚ وَمِنْكُمْ مَنْ يُتَوَفَّىٰ مِنْ قَبْلُ ۖ وَلِتَبْلُغُوا أَجَلًا مُسَمًّى وَلَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
    ئاللاھ سىلەرنى (يەنى ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) تۇپراقتىن، (ئۇنىڭ ئەۋلادىنى ئالدى بىلەن) ئابىمەنىيدىن، ئاندىن لەختە قاندىن ياراتتى، ئاندىن ئۇ سىلەرنى (ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن) بوۋاق ھالىتىڭلاردا چىقىرىدۇ، ئاندىن (كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە ئەقىلدە كامالەت يېشى) قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىسىلەر، ئاندىن قېرىيسىلەر- بەزىڭلار بۇرۇن ۋاپات بولۇپ كېتىسىلەر- ئاندىن سىلەر مۇئەييەن ۋاقىتقىچە ياشايسىلەر، سىلەر (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) چۈشەنگەيسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ سىلەرنى تۇپراقتىن، ئاندىن ئابىمەنىيدىن، ئاندىن لەختە قاندىن ياراتتى، ئاندىن ئۇ سىلەرنى -ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن- بوۋاق ھالىتىڭلاردا چىقىرىدۇ، ئاندىن قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىسىلەر، ئاندىن قېرىيسىلەر -بەزىڭلار بۇرۇن ۋاپات بولۇپ كېتىسىلەر- ئاندىن سىلەر مۇئەييەن ۋاقىتقىچە ياشايسىلەر، سىلەر چۈشەنگەيسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ شۇنداق زاتكى، سىلەرنى تۇپراقتىن، ئاندىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمدىن، ئاندىن يېپىشقاق قاندىن ياراتتى، ئاندىن سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قورساقلىرىدىن بوۋاق ھالىتىڭلاردا چىقىرىدۇ، ئاندىن قىرانىڭلارغا يېتىسىلەر، ئاندىن قېرىيسىلەر. ئۇ بەزىڭلارنى بۇرۇن ئۆلتۈرىدۇ، بەزىڭلارنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگە يەتكۈزىدۇ. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتكەيسىلەر! — ئەنەس ئالىم

    ئى ئىنسانلار! ئاللاھ سىلەرنى دەسلەپتە يوق چېغىڭلاردا توپىدىن ياراتتى، ئاندىن ئۇرۇقلانغان تۇخۇم، لەختە قان، بىر چاينام گۆش، سۆڭەك ۋە گۆش قوندۇرۇلغان سۆڭەك قاتارلىق باسقۇچلاردىن ئۆتكۈزۈپ ئاخىرى ساغلام ئىنسان ھالىتىڭلارغا كەلتۈردى ۋە ئانىلىرىڭلارنىڭ قورساقلىرىدىن بوۋاق ھالىتىڭلاردا دۇنياغا چىقاردى، ئاندىن سىلەرنى تۈرلۈك لازىمەتلىكلەر بىلەن تەمىنلەپ ھەر جەھەتتىن كۈچ - قۇۋۋەتكە تولغۇچە بېقىپ قىرانىڭلارغا يەتكۈزدى، ئاندىن ئىچىڭلاردىن بەزىڭلارنى ياش ھالىتىدە ۋاپات قىلدۇرىدۇ، بەزىڭلارنى قېرىلىق ھالىتىڭلارغا يەتكۈزىدۇ، بەزىڭلارنى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋاپات قىلدۇرىدۇ، بەزىڭلارنى ئۆزى بەلگىلىگەن ئەجەلگىچە ياشىتىدۇ. سىلەر بۇ ئەمەلىيەتلەرنى كۈندىلىك ھاياتىڭلاردا كۆرۈسىلەر، بىلىسىلەر ۋە ئاڭلايسىلەر. ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىپ ئەنە شۇ جەريان ھەققىدە تەپەككۇر قىلساڭلار ئىبادەت قىلىنىشقا ئاللاھنىڭلا لايىق ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى سىلەرنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  68. هُوَ الَّذِي يُحْيِي وَيُمِيتُ ۖ فَإِذَا قَضَىٰ أَمْرًا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
    ئاللاھ تىرىلدۈرۈشكە ۋە ئۆلتۈرۈشكە قادىر، ئۇ بىرەر ئىشنى (قىلىشنى) ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «ۋۇجۇدقا كەل» دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ، ئۇ بىرەر ئىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «ۋۇجۇدقا كەل» دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇدقا كېلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ شۇنداق زاتكى، تىرىلدۈرىدۇ، ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ بىرەر نەرسە يارىتىشقا ھۆكۈم قىلسا ئۇنىڭغا پەقەتلا «بول» دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ نەرسە بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھ خالىغان نەرسىسىنى يوقتىن يارىتىپ ئۇنىڭغا ھاياتلىق بېغىشلىيالايدىغان، ياراتقان نەرسىسىنى خالىسا ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭدىن ھاياتلىقنى تارتىپ ئالالايدىغان زاتتۇر. ئاللاھ بىرەر نەرسە يارىتىشنى، بىرەر ھادىسە مەيدانغا كەلتۈرۈشنى ۋە بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى ئىرادە قىلغان چېغىدا، قىلىدىغان ئىشى پەقەت «بول» دېيىشتىنلا ئىبارەتتۇر. ئاللاھنىڭ: «بول» دېيىشى بىلەن ئۇ نەرسە يارىتىلىدۇ، ئۇ ھادىسە مەيدانغا كېلىدۇ، ئۇ ئىش بولىدۇ. تائەت - ئىبادەتنى ئەنە شۇ قۇدرەتلىك ئاللاھقا قىلىش لازىم، تەزىم ۋە مۇھەببەت بىلەن ئىتائەت قىلىنىشقا پەقەت شۇ ئاللاھلا لايىقتۇر. ئاللاھ تائالا 66 ~ 68 - ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى توغرا يولنى قوبۇل قىلمىغانلارغا ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئېلان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۆز قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئەسلىتىپ ئۇلارنى دەۋەتنى قوبۇل قىلىشقا تەرغىب قىلىدۇ. 69 ~ 76 ئايەتلەردە بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغان ئۇ كافىرلارنىڭ گۇناھلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى جازاسىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  69. أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ يُجَادِلُونَ فِي آيَاتِ اللَّهِ أَنَّىٰ يُصْرَفُونَ
    ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە جاڭجاللىشىۋاتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار قانداقمۇ (ھىدايەتتىن گۇمراھلىققا) بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە جاڭجاللىشىۋاتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار قانداقمۇ ھىدايەتتىن گۇمراھلىققا بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە تارتىشىدىغانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغاندۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ خاتا كۆزقاراش، ناتوغرا پىكىر ۋە باتىل دەۋالىرى بىلەن، ئاللاھ پەيغەمبەرلىرىگە بەرگەن مۆجىزىلەرنى ۋە نازىل قىلغان ئايەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئۇلارنىڭ تەسىرىنى يوقىتىش ۋە ئىنسانلارنى ئۇلاردىن توسۇش ئۈچۈن ئۇرۇنىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋالىغا قاراپ ئەجەبلەنگىن! ئۇ مۇشرىكلار مەزكۇر مۆجىزە ۋە ئايەتلەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشتىن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشتىن قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟ شۇنچە روشەن دەلىللەر كۆز ئالدىلىرىدا تۇرۇقلۇق قانداقمۇ ئازغۇنلۇققا چۆمىدۇ؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  70. الَّذِينَ كَذَّبُوا بِالْكِتَابِ وَبِمَا أَرْسَلْنَا بِهِ رُسُلَنَا ۖ فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ
    ئۇلار كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ئىنكار قىلدى، پەيغەمبەرلىرىمىزگە بىز نازىل قىلغان مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئىنكار قىلغانلىقلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار كىتابنى ۋە پەيغەمبەرلىرىمىزگە بىز نازىل قىلغان مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى. ئۇلار ئۇزاققا قالماي بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار كىتابنى ۋە بىز ئەلچىلىرىمىزگە ئەۋەتكەن نەرسىلەرنى يالغان دېگەن كىشىلەردۇر. ئۇلار يېقىندا بىلىپ قالىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    (70-74) ئى مۇھەممەد! ئۇلار بىز ساڭا نازىل قىلغان بۇ قۇرئاننى ۋە بىز بۇرۇنقى ئەلچىلىرىمىزگە بەرگەن كىتابلارنى ئىنكار قىلغان كىشىلەردۇر. ئۇلار يېقىندا بويۇنلىرىغا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر سېلىنغان، قايناق سۇنىڭ ئىچىدە سۆرەلگەن، ئاندىن ئوتتا كۆيدۈرۈلگەن چاغدا ئۆزلىرىنىڭ ھازىر خاتا قىلغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلارنى ئەيىبلەش ۋە سىلكىشلەش ئۈچۈن ئۇلارغا: «ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىڭلار قەيەردە؟ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىڭلار قەيەردە؟» دېيىلىدۇ، ئۇلار بولسا، «ئۇلار بىزنى تاشلىۋەتتى، يوقاپ كەتتى، ئەسلىدە بىز دۇنيادىكى چېغىمىزدا ھېچ نەرسىگە دۇئا قىلمايتتۇق، چوقۇنمايتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ كافىرلارنى مانا مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ؛ ئۇلارنى ئۆزلىرى تاللىغان ئازغۇنلۇقتا تاشلىۋېتىدۇ، تەۋپىق - ھىدايىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  71. (40-سۈرە غافىر، 71-ئايەت) دوزاخ ئازابى ئىلاھىي ئازاب
    إِذِ الْأَغْلَالُ فِي أَعْنَاقِهِمْ وَالسَّلَاسِلُ يُسْحَبُونَ
    ئۇ چاغدا (يەنى دوزاخقا كىرگەندە) ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىدا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر بولىدۇ، ئۇلار قايناقسۇغا سۆرەپ كىرىلىدۇ، ئاندىن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىدا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر بولىدۇ، ئۇلار سۆرەپ كىرىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر سېلىنىدۇ. ئۇلار سۆرىلىدۇ، — ئەنەس ئالىم

  72. (40-سۈرە غافىر، 72-ئايەت) دوزاخ ئازابى
    فِي الْحَمِيمِ ثُمَّ فِي النَّارِ يُسْجَرُونَ
    ئۇ چاغدا (يەنى دوزاخقا كىرگەندە) ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىدا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر بولىدۇ، ئۇلار قايناقسۇغا سۆرەپ كىرىلىدۇ، ئاندىن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    قايناقسۇغا سۆرەپ كىرىلىدۇ، ئاندىن ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    قايناق سۇنىڭ ئىچىدە. ئاندىن ئۇلار ئوتتا كۆيدۈرۈلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  73. (40-سۈرە غافىر، 73-ئايەت) تىرىلىش كاپىرلىق شېرىك
    ثُمَّ قِيلَ لَهُمْ أَيْنَ مَا كُنْتُمْ تُشْرِكُونَ
    ئاندىن ئۇلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىڭلار قەيەردە؟» دېيىلىدۇ، ئۇلار: «ئۇ مەبۇدلار ئۆزلىرىنى بىزدىن چەتكە ئالدى، بەلكى بىز ئىلگىرى ھېچنەرسىگە ئىبادەت قىلمايتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنى مۇشۇنداق گۇمراھ قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاندىن ئۇلارغا: «شېرىك كەلتۈرگەنلىرىڭلار قەيەردە؟» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاندىن ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئاللاھقا شېرىك قىلغان نەرسىلىرىڭلار قەيەردە؟ — ئەنەس ئالىم

  74. (40-سۈرە غافىر، 74-ئايەت) كاپىرلىق شېرىك ئازغۇنلۇق
    مِنْ دُونِ اللَّهِ ۖ قَالُوا ضَلُّوا عَنَّا بَلْ لَمْ نَكُنْ نَدْعُو مِنْ قَبْلُ شَيْئًا ۚ كَذَٰلِكَ يُضِلُّ اللَّهُ الْكَافِرِينَ
    ئاندىن ئۇلارغا: «ئاللاھنى قويۇپ شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلىرىڭلار قەيەردە؟» دېيىلىدۇ، ئۇلار: «ئۇ مەبۇدلار ئۆزلىرىنى بىزدىن چەتكە ئالدى، بەلكى بىز ئىلگىرى ھېچنەرسىگە ئىبادەت قىلمايتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنى مۇشۇنداق گۇمراھ قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھنىڭ تۆۋىنىدىن!» ئۇلار: «ئۇلار ئۆزلىرىنى بىزدىن چەتكە ئالدى، بەلكى بىز ئىلگىرى ھېچنەرسىگە يالۋارمايتتۇق» دەيدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنى مۇشۇنداق گۇمراھ قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلىرىڭلار قەيەردە؟». ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار بىزنى تاشلىۋەتتى. بەلكى بىز ئىلگىرى ھېچ نەرسىگە دۇئا قىلمايتتۇق». ئاللاھ كافىرلارنى مانا مۇشۇنداق ئازدۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم

  75. (40-سۈرە غافىر، 75-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كىبىر كاپىرلىق
    ذَٰلِكُمْ بِمَا كُنْتُمْ تَفْرَحُونَ فِي الْأَرْضِ بِغَيْرِ الْحَقِّ وَبِمَا كُنْتُمْ تَمْرَحُونَ
    بۇ (ئازاب) سىلەرنىڭ زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە (گۇناھ قىلىپ پۇل ـ مالنى ھارام يوللارغا سەرپ قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن) خۇشال بولغانلىقىڭلار ۋە ھاكاۋۇر بولۇپ كەتكەنلىكىڭلار ئۈچۈندۇر — مۇھەممەد سالىھ

    بۇ ئازاب سىلەرنىڭ زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە خۇشال بولغانلىقىڭلار ۋە ھاكاۋۇر بولۇپ كەتكەنلىكىڭلار ئۈچۈندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «بۇ ئازاب سىلەرنىڭ زېمىندا ھەقسىز رەۋىشتە كۆرەڭلىگەنلىكىڭلار ئۈچۈندۇر، ھاكاۋۇرلۇق قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم

    (75-76) قىيامەت كۈنى ئۇ كىشىلەرگە: «سىلەر دۇنيادىكى چېغىڭلاردا ھەقسىز رەۋىشتە كۆرەڭلىگەنلىكىڭلار ۋە ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ھەقىقەتكە بويۇنتاۋلىق قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن بۇ ئازابلارغا دۇچار بولدۇڭلار. دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قېلىپ ئازاب چېكىسىلەر» دېيىلىدۇ. ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتۇپ ھەقىقەتكە بويۇنتاۋلىق قىلغان ئۇ كىشىلەرنىڭ مەڭگۈ تۇرالغۇ جايى بولغان دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي! ئەسكەرتىش: دوزاخنىڭ ئازابلىرى ھەققىدە 89 - سۈرە (فەجر)نىڭ 25 - ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە مەلۇمات بېرىلىدۇ. ئاللاھ تائالا 69 ~ 76 ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى جازاسىنى بىلدۈرىدۇ. 77 ~ 81 - ئايەتلەردە بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كافىرلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلىپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى لازىملىقىنى، ئۇ كافىرلارنى ئۆزىنىڭ جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللى بېرىدۇ، كافىرلارغا بەزى نېمەتلىرىنى ئەسلىتىپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  76. (40-سۈرە غافىر، 76-ئايەت) دوزاخ ئازابى كىبىر كاپىرلىق
    ادْخُلُوا أَبْوَابَ جَهَنَّمَ خَالِدِينَ فِيهَا ۖ فَبِئْسَ مَثْوَى الْمُتَكَبِّرِينَ
    سىلەر دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىپ ئۇ يەردە مەڭگۈ قېلىڭلار، مۇتەكەببۇرلارنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان! — مۇھەممەد سالىھ

    سىلەر دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرىدىن مەڭگۇ قالغۇچىلار بولغان ھالدا كىرىڭلار، مۇتەكەببىرلەرنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىسىلەر». ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقۇچىلارنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان! — ئەنەس ئالىم

  77. فَاصْبِرْ إِنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ ۚ فَإِمَّا نُرِيَنَّكَ بَعْضَ الَّذِي نَعِدُهُمْ أَوْ نَتَوَفَّيَنَّكَ فَإِلَيْنَا يُرْجَعُونَ
    (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ سېنى ئىنكار قىلغانلىقىغا) سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ (ئۇلارنى ئازابلاش توغرىسىدىكى) ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، ساڭا بىز ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسەتسەك (بۇ ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلغانلىقىدۇر) ياكى سېنى (ئۇنى كۆرسىتىشتىن بۇرۇن) ۋاپات قىلدۇرساق، ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ، (قىيامەتتە ئۇلار ئازابقا دۇچار بولىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ

    شۇنىڭ ئۈچۈن سەن سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، بىز ساڭا ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى كۆرسىتىمىز ياكى سېنى ۋاپات قىلدۇرىمىز، ئاخىرىدا ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئى مۇھەممەد! شۇڭا سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر. بىز ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلتۈرۈشنى ۋەدە قىلغان ئازابنىڭ بىر قىسمىنى ساڭا كۆرسەتسەكمۇ ياكى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى سېنى ۋاپات قىلدۇرساقمۇ، ئۇلار بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! سەن مۇشرىكلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلىپ پائالىيىتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن، ئۇلارنىڭ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىشىگە پەرۋا قىلمىغىن ، چۈنكى بىز، ئۇلارنىڭ بېشىغا مۇشۇ دۇنيادا كېلىشىنى ئېيتقان ئازابنىڭ بەزىسىنى سەن ھايات چاغدا ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلتۈرسەكمۇ ياكى ئۇنى ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلتۈرمەي تۇرۇپ سېنى ۋاپات قىلدۇرساقمۇ، ئۇلار ھەر ئېھتىمالدا بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا كەلتۈرۈلىدۇ ۋە قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى چېكىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  78. وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا رُسُلًا مِنْ قَبْلِكَ مِنْهُمْ مَنْ قَصَصْنَا عَلَيْكَ وَمِنْهُمْ مَنْ لَمْ نَقْصُصْ عَلَيْكَ ۗ وَمَا كَانَ لِرَسُولٍ أَنْ يَأْتِيَ بِآيَةٍ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ ۚ فَإِذَا جَاءَ أَمْرُ اللَّهِ قُضِيَ بِالْحَقِّ وَخَسِرَ هُنَالِكَ الْمُبْطِلُونَ
    سەندىن ئىلگىرى بىز ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ساڭا بايان قىلىپ بەرگەنلىرىمىزمۇ، بايان قىلىپ بەرمىگەنلىرىمىزمۇ بار، ھېچقانداق پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ ئەمرى (يەنى قىيامەت) كەلگەن چاغدا (كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا) ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، بۇ چاغدا ھەقكە قارشى تۇرغۇچىلار زىيان تارتىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ ھەقىقەتەن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ساڭا بايان قىلىپ بەرگەنلىرىمىزمۇ، بايان قىلىپ بەرمىگەنلىرىمىزمۇ بار، ھېچقانداق پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز بىرەر مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگەن چاغدا -كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا- ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، بۇ چاغدا ھەقكە قارشى تۇرغۇچىلار زىيان تارتىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئەلچىلەرنى ئەۋەتتۇق. ئۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ قىسسەلىرىنى ساڭا بايان قىلىپ بەردۇق، بەزىلىرىنىڭ قىسسەلىرىنى ساڭا بايان قىلىپ بەرمىدۇق. ھېچبىر ئەلچى ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز مۆجىزە كەلتۈرەلمەيدۇ. ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگەندە ھەق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ. باتىل تەرەپدارلىرى شۇ يەردە زىيان تارتىدۇ. — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ ئىنسانلارغا نۇرغۇن ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق، ئۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ قىسسەلىرىنى ساڭا بايان قىلىپ بەردۇق، بەزىلىرىنىڭ قىسسەلىرىنى ساڭا بايان قىلىپ بەرمىدۇق. ئىلگىرىكى ئەلچىلىرىمىز ئۆز قەۋملىرىگە بىز بەرگەن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن ئىدى، سەنمۇ قەۋمىڭگە بىز بەرگەن مۆجىزە (قۇرئان)نى كۆرسىتىۋاتىسەن. ھېچبىر پەيغەمبەر ئۆزى خالىغان مۆجىزىنىمۇ كۆرسىتەلمەيدۇ، قەۋمى تەلەپ قىلغان مۆجىزىنىمۇ كۆرسىتەلمەيدۇ، ئەكسىچە ھەر پەيغەمبەر بىز بەرگەن مۆجىزىنىلا كۆرسىتىپ قەۋمىگە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلىدۇ. ئاللاھ قىلىشنى ئىرادە قىلغان ھەر ئىش ئۈچۈن بىر ۋاقىت بەلگىلىگەن بولۇپ، ئۇ ۋاقىت يەتكەندە ئۇ ئىش ئەمەلگە ئاشىدۇ، شۇڭلاشقا قۇرئانغا قارشى چىقىۋاتقان ئاسىيلار دەرھال جازالاندۇرۇلمايدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ ھېچ جازالاندۇرۇلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ. ئاللاھنىڭ بۇ ئاسىيلارنى جازالاندۇرۇش ھەققىدىكى ئەمرى كەلگەندە ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ ۋە ئۇلار تامامەن زىيان تارتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  79. اللَّهُ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَنْعَامَ لِتَرْكَبُوا مِنْهَا وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ
    مىنىشىڭلار ۋە گۆشلىرىنى يېيىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە ھايۋانلارنى ياراتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ، مىنىشىڭلار ۋە گۆشلىرىنى يېيىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ھايۋانلارنى يارىتىپ بەرگەن زاتتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى يارىتىپ بەردى. ئۇلارنىڭ بەزىسىگە مىنىسىلەر. ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى يەيسىلەر. — ئەنەس ئالىم

    (79-80) ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى يارىتىپ بەرگەن زاتتۇر. سىلەر ئۇ ھايۋانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىپ ئۇلارنى خالىغىنىڭلارچە تەسەررۇپ قىلىسىلەر؛ ئۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىلىرىگە (تۆگە ۋە بۇقا - ئۆكۈزلەرگە) ۋە كېمىلەرگە يۈكلىرىڭلارنى ئارتىسىلەر، مىنىسىلەر، شۇنداقلا يىراق جايلارغا بارىسىلەر، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ گۆشلىرىنى يەيسىلەر، ئۇ ھايۋانلارنىڭ تېرە، يۇڭ، تىۋىت ۋە چۇپۇرلىرىدىن پايدىلىنىسىلەر، ئۇلارنىڭ سۈتلىرىنى ۋە سۈتلىرىدىن ئىشلەنگەن قېتىق، ئايران... قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىچىسىلەر. سىلەر ئاللاھنىڭ بۇ نېمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ تۇرۇقلۇق نېمىشقا شۈكۈر قىلمايسىلەر؛ نېمىشقا ئىبادەتنى شۇ نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھقا قىلمايسىلەر؟! ئەسكەرتىش: ئەسلىدە بۇ ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى يېگىلى بولسىمۇ، لېكىن تۆگە ۋە بوقىلار ئاساسەن يۈك توشۇش، مىنىش، يەر ھەيدەش ۋە جۇۋازغا قوشۇش... قاتارلىق مەقسەتلەر بىلەن بېقىلىدۇ، قوي بىلەن ئۆچكە بولسا گۆشلىرىنى يېيىش مەقسىتى بىلەن بېقىلىدۇ. بۇ تۆت تۈرلۈك ھايۋان ئىنسانلارغا باشقا مەنپەئەتلەرنى يەتكۈزۈشتە ئورتاقتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  80. وَلَكُمْ فِيهَا مَنَافِعُ وَلِتَبْلُغُوا عَلَيْهَا حَاجَةً فِي صُدُورِكُمْ وَعَلَيْهَا وَعَلَى الْفُلْكِ تُحْمَلُونَ
    ئۇلار سىلەرگە نۇرغۇن پايدا كەلتۈرىدۇ، ئۇلارغا مىنىپ دىلىڭلارغا پۈككەن ھاجىتىڭلاردىن چىقىسىلەر، (قۇرۇقلۇقتا يۈك ـ تاقلىرىڭلارنى) ئۇلارغا ئارتىسىلەر، (دېڭىزدا) كېمىلەرگە قاچىلايسىلەر — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن پايدىلار بار، ئۇلارغا مىنىپ دىلىڭلارغا پۈككەن ھاجىتىڭلاردىن چىقىسىلەر، -قۇرۇقلۇقتا يۈك ـ تاقلىرىڭلارنى- ئۇلارغا ئارتىسىلەر، دېڭىزدا كېمىلەرگە قاچىلايسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى

    سىلەر ئۈچۈن ئۇلاردا مەنپەئەتلەر بار. كۆڭلۈڭلاردىكى ئارزۇيۇڭلارغا ئۇلار بىلەن يېتىسىلەر، ئۇلارغا مىنىپ ۋە كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ خالىغان يەرلىرىڭلارغا بارىسىلەر ھەمدە ھەر ئىككىسى بىلەن يۈكلىرىڭلارنى توشۇيسىلەر. — ئەنەس ئالىم

  81. وَيُرِيكُمْ آيَاتِهِ فَأَيَّ آيَاتِ اللَّهِ تُنْكِرُونَ
    ئاللاھ سىلەرگە (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) قايسى ئالامەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئاللاھ سىلەرگە ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ قايسى ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى كۆرسەتمەكتىدۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن قايسىسىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇشرىكلار! ئاللاھ سىلەرگە قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغ، ھېكمىتىنىڭ چوڭقۇر ۋە رەھمىتىنىڭ چەكسىز، شۇنداقلا ئىبادەت قىلىشىڭلارغا لايىق يەككە - يېگانە مەبۇد ئىكەنلىكىنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسەتمەكتىدۇر، سىلەر ئاللاھ كۆرسەتكەن قايسى دەلىلنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟ ھېچبىرىنى ئىنكار قىلالمايسىلەر، ئەكسىچە سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئاللاھنىڭ ياراتقانلىقىنى، ئاللاھنىڭ رىزىق بېرىدىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ باشقۇرىدىغانلىقىنى ۋە بارلىق ئىشلارنى ئاللاھنىڭ پىلانلايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىسىلەر، لېكىن ھاماقەتلىكىڭلاردىن ئىبادەتنى ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىسىلەر؛ بۇتلارغا چوقۇنىسىلەر. ئاللاھ تائالا 77 ~ 81 - ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، كافىرلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەۋر قىلىپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىشى لازىملىقىنى ۋە ئۇ كافىرلارنى ئۆزىنىڭ جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللى بېرىدۇ، كافىرلارغا بەزى نېمەتلىرىنى ئەسلىتىپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 82 ~ 85 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇ كافىرلارنى يەر يۈزىدە سەير قىلىپ ئۆتمۈشتە ھالاك قىلىنغان قەۋملەرنىڭ ئاقىۋىتىگە قاراشقا ۋە ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشقا تەرغىب قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  82. أَفَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَيَنْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِهِمْ ۚ كَانُوا أَكْثَرَ مِنْهُمْ وَأَشَدَّ قُوَّةً وَآثَارًا فِي الْأَرْضِ فَمَا أَغْنَىٰ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
    ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۈزەتمىدىمۇ؟ بۇلاردىن ئۇلارنىڭ سانى كۆپ ئىدى، زېمىندا كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە يادىكارلىقلار (يەنى ئۆي ـ ئىمارەت) جەھەتتە بۇلاردىن ئۈستۈن ئىدى. ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىلىرى ئۇلارغا ئەسقاتمىدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ بۇلاردىن ئۇلارنىڭ سانى كۆپ ئىدى، زېمىندا كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە يادىكارلىقلار جەھەتتە بۇلاردىن ئۈستۈن ئىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىلىرى ئۇلارغا ئەسقاتمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    بۇلار يەر يۈزىدە سەير قىلىپ ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار بۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى، ئۇلار زېمىندا ئەسەرلەر قالدۇرۇش جەھەتتە بۇلاردىن ئۈستۈن ئىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىلىرى ھېچنېمىگە ئەسقاتمىدى. — ئەنەس ئالىم

    بۇ مۇشرىكلار نېمە ئۈچۈن يەر يۈزىدە سەير قىلىپ ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئازغۇن قەۋملەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدى؟ ئۇلار ئەگەر سەير قىلىپ كۆزەتكەن بولسا ئىدى بۇرۇنقىلارنىڭ خارابىگە ئايلىنىپ كەتكەن يۇرتلىرىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ ھالاك قىلىنغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىگە ئوخشاش ئاقىۋەتكە يولۇقماسلىق ئۈچۈن توغرا يولنى قوبۇل قىلغان بولاتتى. ئىلگىرى ئۆتكەن ۋە پەيغەمبەرلەرگە قارشى كەلگەنلىكى ئۈچۈن ھالاك قىلىنغان ئۇ كافىرلار، ياشاۋاتقان بۇ كافىرلاردىن كۈچلۈك ئىدى، زېمىندا ئۆي - ئىمارەتلەرنى سېلىش، يوللارنى ئېلىش ۋە يادىكارلىقلارنى قالدۇرۇش جەھەتتىن ئۈستۈن ئىدى. ئۇلارنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى، يىغقان مال - مۈلۈكلىرى، ئېرىشكەن ماھارەتلىرى ۋە ئىجاد قىلغان نەرسىلىرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  83. فَلَمَّا جَاءَتْهُمْ رُسُلُهُمْ بِالْبَيِّنَاتِ فَرِحُوا بِمَا عِنْدَهُمْ مِنَ الْعِلْمِ وَحَاقَ بِهِمْ مَا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
    ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەندە، ئۆزلىرىدە بار ئىلىم بىلەن پەخىرلىنىپ (پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى ۋە مەسخىرە قىلدى)، ئۇلارغا ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان (ۋە كەلسە دەپ ئالدىرىغان) ئازاب نازىل بولدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كەلگەندە، ئۇلار ئۆزلىرىدە بار ئىلىم بىلەن پەخىرلەندى، ئۇلارغا ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازاب نازىل بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلارغا ئەلچىلىرى روشەن دەلىللەرنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇلار ئۆزلىرىدە بار بولغان ئىلىم بىلەن كۆرەڭلەپ كېتىشتى، ئۇلارنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسە قورشىۋالدى. — ئەنەس ئالىم

    ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرى ئۇلارغا مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا دەۋەت قىلغان ئىدى، ئۇلار كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەپ ئۇ پەيغەمبەرلەرگە قارشى چىقتى ۋە پەيغەمبەرلەر ئازابقا يولۇقىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرسا مەسخىرە قىلدى، ئۆزلىرىنىڭ پەن - تېخنىكىسى، بىلىم - ماھارىتى ۋە ھۈنەر - سەنئىتى بىلەن كۈرەڭلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان ئازابقا يولۇقۇپ ھالاك بولدى. ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق قىلغان نەسىھەتىنى قوبۇل قىلماسلىق، شۇنداقلا ھالاك قىلىنىشقا لايىق بولۇش بىلەن ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  84. (40-سۈرە غافىر، 84-ئايەت) كاپىرلىق ئىمان تەۋبە قىلىش
    فَلَمَّا رَأَوْا بَأْسَنَا قَالُوا آمَنَّا بِاللَّهِ وَحْدَهُ وَكَفَرْنَا بِمَا كُنَّا بِهِ مُشْرِكِينَ
    ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا: «بىز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىز بۇرۇن (ئاللاھقا) شېرىك قىلغانلىرىمىزنى ئىنكار قىلدۇق» دېدى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇلار بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا: «بىز يالغۇز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، بىز بۇرۇن ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىرىمىزنى ئىنكار قىلدۇق» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇلار ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغلىرىدا: «بىز يالغۇز ئاللاھقا ئىشەندۇق، ئۇنىڭغا بىز شېرىك قىلغان نەرسىلەرنى ئىنكار قىلدۇق» دېدى. — ئەنەس ئالىم

    (84-85) ھالاك قىلىنغان ئۇ قەۋملەر بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغلىرىدا: «بىز يالغۇز ئاللاھقا ئىشەندۇق، بىز ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەردىن تاندۇق، ئادا - جۇدا بولدۇق» دېدى. لېكىن ئۇلارغا بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىمانلىرى پايدا بەرمىدى، ئەسقاتمىدى. ئازابنى كۆرۈپ ئېيتقان ئىماننىڭ قوبۇل قىلىنماسلىقى بىزنىڭ ئىلگىرىكىلەرگە ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئۆزگەرمەس قانۇنىمىزدۇر. ئازاب كېلىشتىن ئىلگىرى كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىگەن كافىرلار ئازاب كەلگەندە ئىمان ئېيتسۇن ئېيتمىسۇن، تەۋبە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلسۇن قىلمىسۇن چوقۇم ھالاك قىلىنىدۇ ۋە مەڭگۈلۈك زىيانغا يولۇقىدۇ. مەسىلەن: فىرئەۋن دېڭىزدا غەرق بولۇۋېتىپ ئىمان كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى، لېكىن قوبۇل قىلىنمىدى، تارىختا ھالاك قىلىنغان كافىرلارنىڭ ھەممىسى ئازابنى كۆرۈپ پۇشايمان قىلدى، لېكىن كېيىنكى پۇشايماننىڭ ھېچكىمگە پايدىسى بولمىدى؛ ھەممىسى ھالاك قىلىنىپ يەر بىلەن يەكسان بولدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  85. فَلَمْ يَكُ يَنْفَعُهُمْ إِيمَانُهُمْ لَمَّا رَأَوْا بَأْسَنَا ۖ سُنَّتَ اللَّهِ الَّتِي قَدْ خَلَتْ فِي عِبَادِهِ ۖ وَخَسِرَ هُنَالِكَ الْكَافِرُونَ
    بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىماننىڭ ئۇلارغا پايدىسى بولمىدى، بۇ (يەنى ئازابنى كۆرگەندە ئېيتقان ئىماننىڭ پايدىلىق بولماسلىقى) ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئارىسىدا تۇتقان يولىدۇر، بۇ چاغدا كاپىرلار زىيان تارتقۇچى بولدى — مۇھەممەد سالىھ

    بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىمانلىرىنىڭ ئۇلارغا پايدىسى بولمىدى، بۇ ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئارىسىدا تۇتقان يولىدۇر، شۇ چاغدا كاپىرلار زىيان تارتقۇچى بولدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    لېكىن ئۇلارغا بىزنىڭ ئازابىمىزنى كۆرگەن چاغدا ئېيتقان ئىمانلىرى پايدا بەرمىدى. بۇ ئاللاھنىڭ، ئىلگىرىكىلەرگە ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئۆزگەرمەس قانۇنىدۇر. كافىرلار ئەنە شۇ يەردە زىيان تارتىدۇ. — ئەنەس ئالىم