قەمەر سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 55 ئايەت
مەنىسى: ئاي. ئاتىلىش سەۋەبى: باشتىلا «ئاي يىرىلىش ۋەقەسى» زىكىر قىلىنغان
  1. (54-سۈرە قەمەر، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ اقْتَرَبَتِ السَّاعَةُ وَانْشَقَّ الْقَمَرُ
    قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى

    قىيامەت يېقىنلاشتى، ئايمۇ يېرىلدى [1].

  2. (54-سۈرە قەمەر، 2-ئايەت)
    وَإِنْ يَرَوْا آيَةً يُعْرِضُوا وَيَقُولُوا سِحْرٌ مُسْتَمِرٌّ
    (قۇرەيش كۇففارلىرى) بىرەر مۆجىزىنى كۆرسىلا (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈپ، بۇ «داۋاملاشقۇچى سېھىردۇر» دېيىشىدۇ

    كافىرلار بىرەر مۆجىزىنى كۆرسىلا ئۇنىڭغا ئىشنىشتىن باش تارتىپ، «بۇ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سېھىردۇر» دېيىشىدۇ [2].

  3. (54-سۈرە قەمەر، 3-ئايەت)
    وَكَذَّبُوا وَاتَّبَعُوا أَهْوَاءَهُمْ ۚ وَكُلُّ أَمْرٍ مُسْتَقِرٌّ
    ئۇلار (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى) ئىنكار قىلدى، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، (ياخشىلىقتىن يا يامانلىقتىن بولسۇن) ھەر ئىش (شۇ ئىشنىڭ ئەھلىنى جەننەتكە يا دوزاخقا) ئورۇنلاشتۇرغۇچىدۇر

    ئۇلار پەيغەمبەرنى يالغانچى دېدى، ئۆز خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، ھەر ئىش ئۆز ئورنىنى تاپىدۇ[3].

  4. (54-سۈرە قەمەر، 4-ئايەت)
    وَلَقَدْ جَاءَهُمْ مِنَ الْأَنْبَاءِ مَا فِيهِ مُزْدَجَرٌ
    ئۇلارغا ھەقىقەتەن (قۇرئان) خەۋەرلىرىدىن ئىبرەت ئېلىنىدىغان مىقداردا نەرسە كەلدى

    ئۇلارغا ھەقىقەتەن ئىبرەت ئالغۇدەك قۇرئان خەۋەرلىرى كەلدى [4].

  5. (54-سۈرە قەمەر، 5-ئايەت)
    حِكْمَةٌ بَالِغَةٌ ۖ فَمَا تُغْنِ النُّذُرُ
    مۇكەممەل ھېكمەت كەلدى، (ئاللاھ ئۇلارنى شەقى قىلغانلىقى ئۈچۈن) ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ پايدىسى بولمايدۇ

    بۇ ۋايىغا يەتكەن ھېكمەتتۇر، شۇنداق بولسىمۇ ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇشلار ئۈنۈم بەرمەيۋاتىدۇ [5].

  6. (54-سۈرە قەمەر، 6-ئايەت)
    فَتَوَلَّ عَنْهُمْ ۘ يَوْمَ يَدْعُ الدَّاعِ إِلَىٰ شَيْءٍ نُكُرٍ
    ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، ئۇ كۈندە چاقىرغۇچى (يەنى ئىسراپىل) قىيىن ئىشقا (يەنى ھېسابقا) چاقىرىدۇ (يەنى سۇر چالىدۇ)

    (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ تۇرغىن، چاقىرغۇچى (ئىسرافىل) مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىشقا (قىيامەت مەيدانىغا ) چاقىرغان كۈندە [6].

  7. (54-سۈرە قەمەر، 7-ئايەت)
    خُشَّعًا أَبْصَارُهُمْ يَخْرُجُونَ مِنَ الْأَجْدَاثِ كَأَنَّهُمْ جَرَادٌ مُنْتَشِرٌ
    ئۇلار (قورقۇنچتىن) تىكىلىپ قارىيالمىغان ھالدا گويا تارىلىپ كەتكەن چېكەتكىدەك، قەبرىلىرىدىن چىقىپ كېلىدۇ

    ئۇلار قورققىنىدىن كۆزلىرى چەكچىيىپ، خۇددى تارقىلىپ كەتكەن چېكەتكىدەك قەبرىلىرىدىن چىقىپ كېلىدۇ [7].

  8. (54-سۈرە قەمەر، 8-ئايەت)
    مُهْطِعِينَ إِلَى الدَّاعِ ۖ يَقُولُ الْكَافِرُونَ هَٰذَا يَوْمٌ عَسِرٌ
    ئۇلار چاقىرغۇچىنىڭ ئالدىغا بويۇنلىرىنى سوزغان ھالدا يۈگرەيدۇ، كاپىرلار: «بۇ قىيىن كۈندۇر» دەيدۇ

    ئۇلار چاقىرغۇچىنىڭ ئالدىغا بويۇنلىرىنى سوزغان ھالدا يۈگۈرىدۇ، كافىرلار:«بۇ قىيىن بىر كۈن بولدىغۇ » دىيىشىپ كېتىدۇ [8].

  9. (54-سۈرە قەمەر، 9-ئايەت)
    كَذَّبَتْ قَبْلَهُمْ قَوْمُ نُوحٍ فَكَذَّبُوا عَبْدَنَا وَقَالُوا مَجْنُونٌ وَازْدُجِرَ
    ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئىنكار قىلدى، ئۇلار بەندىمىزنى (يەنى نۇھنى) ئىنكار قىلىپ، مەجنۇن دېدى. ئۇ (دىنغا دەۋەت قىلىشتىن) ھەيۋە بىلەن مەنئى قىلىندى

    ئۇلاردىن بۇرۇن نۇھنىڭ قەۋمى ئۇنى يالغانچى دېگەن ئىدى، ئۇلار بەندىمىز نۇھنى ئىنكار قىلىپ، مەجنۇن دېگەن ۋە دەۋەتنى توختىتىشقا مەجبۇرلىغان ئىدى [9].

  10. (54-سۈرە قەمەر، 10-ئايەت)
    فَدَعَا رَبَّهُ أَنِّي مَغْلُوبٌ فَانْتَصِرْ
    ئۇ پەرۋەردىگارىڭغا: «ھەقىقەتەن مەن بوزەك قىلىندىم، ياردەم قىلغىن» دەپ دۇئا قىلدى

    ئۇ پەرۋەردىگارىغا: «ھەقىقەتەن مەن ئۇلارغا تەڭ كېلەلمىدىم، ماڭا ياردەم قىلغىن» دەپ دۇئا قىلدى [10].

  11. (54-سۈرە قەمەر، 11-ئايەت)
    فَفَتَحْنَا أَبْوَابَ السَّمَاءِ بِمَاءٍ مُنْهَمِرٍ
    ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى قۇيۇلۇپ ياغقۇچى يامغۇر بىلەن ئېچىۋەتتۇق

    ]. ئاندىن بىز ئاسماننىڭ دەرۋازىلىرىنى قويۇلۇپ ياغقۇچى يامغۇر بىلەن ئېچىۋەتتۇق [11].

  12. (54-سۈرە قەمەر، 12-ئايەت)
    وَفَجَّرْنَا الْأَرْضَ عُيُونًا فَالْتَقَى الْمَاءُ عَلَىٰ أَمْرٍ قَدْ قُدِرَ
    زېمىندىن بۇلاقلارنى ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق، (ئاللاھ تەقدىر قىلغان ئۇلارنى غەرق قىلىپ ھالاك قىلىش) ئىشىغا بىنائەن، يامغۇر سۈيى بىلەن بۇلاق سۈيى (بىر ـ بىرىگە) قوشۇلدى

    زېمىندىن بۇلاقلارنى ئېتىلدۇرۇپ چىقاردۇق، تەقدىر قىلىنغان ئىشىغا بىنائەن، يامغۇر سۈيى بىلەن بۇلاق سۈيى بىر ـ بىرىگە قوشۇلدى [12].

  13. (54-سۈرە قەمەر، 13-ئايەت)
    وَحَمَلْنَاهُ عَلَىٰ ذَاتِ أَلْوَاحٍ وَدُسُرٍ
    نۇھنى تاختا ۋە مىخلار بىلەن ياسالغان كېمىگە سالدۇق

    نۇھنى تاختا ۋە مىخلار بىلەن ياسالغان كېمىگە چىقاردۇق [13].

  14. (54-سۈرە قەمەر، 14-ئايەت)
    تَجْرِي بِأَعْيُنِنَا جَزَاءً لِمَنْ كَانَ كُفِرَ
    كېمە بىزنىڭ ھىمايىمىز ئاستىدا ماڭاتتى، ئىنكار قىلىنغاننى (يەنى نۇھنى) مۇكاپاتلاش ئۈچۈن (نۇھنىڭ قەۋمىنى غەرق قىلدۇق)

    ئىنكار قىلىنغان نۇھنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن، كېمە بىزنىڭ ھىمايىمىز ئاستىدا ماڭاتتى [14].

  15. (54-سۈرە قەمەر، 15-ئايەت)
    وَلَقَدْ تَرَكْنَاهَا آيَةً فَهَلْ مِنْ مُدَّكِرٍ
    ئۇنى (يەنى توپان بالاسىنى) ئىبرەت قىلىپ قالدۇردۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟

    بۇ ۋەقەنى ئىبرەت قىلىپ قالدۇردۇق،ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟ [15]

  16. (54-سۈرە قەمەر، 16-ئايەت)
    فَكَيْفَ كَانَ عَذَابِي وَنُذُرِ
    مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن!

    مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق بولدى؟! [16]

  17. (54-سۈرە قەمەر، 17-ئايەت)
    وَلَقَدْ يَسَّرْنَا الْقُرْآنَ لِلذِّكْرِ فَهَلْ مِنْ مُدَّكِرٍ
    ھەقىقەتەن بىز قۇرئاننى چۈشىنىپ (ۋەز – نەسىھەت ئېلىش) ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟

    بىز ھەقىقەتەن قۇرئاننى ئەستە تۇتۇش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئۇنىڭدىن نەسىھەت ئالغۇچى بارمۇ؟ [17]

  18. (54-سۈرە قەمەر، 18-ئايەت)
    كَذَّبَتْ عَادٌ فَكَيْفَ كَانَ عَذَابِي وَنُذُرِ
    ئاد قەۋمى (پەيغەمبىرى ھۇدنى) ئىنكار قىلدى، مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن!

    ئاد قەۋمى پەيغەمبىرىنى يالغانچى دېگەن ئىدى، ئۇلارغا مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق بولدى! [18]

  19. (54-سۈرە قەمەر، 19-ئايەت)
    إِنَّا أَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ رِيحًا صَرْصَرًا فِي يَوْمِ نَحْسٍ مُسْتَمِرٍّ
    شۈبھىسىزكى، ئۇلارنى بىز شۇملۇقى ئۈزۈلمەيدىغان شۇم كۈندە سوغۇق بوران ئەۋەتىپ (ھالاك قىلدۇق)، بوران كىشىلەرنى (ئورۇنلىرىدىن) يۇلۇپ كېتەتتى، گويا ئۇلار قومۇرىۋېتىلگەن خورما كۆتەكلىرىدەك ياتاتتى

    بىز ھەقىقەتەن ئۇلارغا شۇملۇقى ئۈزۈلمەيدىغان بىر كۈندە سوغۇق بوران ئەۋەتتۇق. بوران كىشىلەرنى ئورۇنلىرىدىن يۇلۇپ ئەكېتەتتى، ئۇلار گويا قومۇرىۋېتىلگەن خورما كۆتەكلىرىدەك ياتاتتى [19ـ20].

  20. (54-سۈرە قەمەر، 20-ئايەت)
    تَنْزِعُ النَّاسَ كَأَنَّهُمْ أَعْجَازُ نَخْلٍ مُنْقَعِرٍ
    شۈبھىسىزكى، ئۇلارنى بىز شۇملۇقى ئۈزۈلمەيدىغان شۇم كۈندە سوغۇق بوران ئەۋەتىپ (ھالاك قىلدۇق)، بوران كىشىلەرنى (ئورۇنلىرىدىن) يۇلۇپ كېتەتتى، گويا ئۇلار قومۇرىۋېتىلگەن خورما كۆتەكلىرىدەك ياتاتتى

    بىز ھەقىقەتەن ئۇلارغا شۇملۇقى ئۈزۈلمەيدىغان بىر كۈندە سوغۇق بوران ئەۋەتتۇق. بوران كىشىلەرنى ئورۇنلىرىدىن يۇلۇپ ئەكېتەتتى، ئۇلار گويا قومۇرىۋېتىلگەن خورما كۆتەكلىرىدەك ياتاتتى [19ـ20].

  21. (54-سۈرە قەمەر، 21-ئايەت)
    فَكَيْفَ كَانَ عَذَابِي وَنُذُرِ
    مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن!

    مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق بولدى! [21]

  22. (54-سۈرە قەمەر، 22-ئايەت)
    وَلَقَدْ يَسَّرْنَا الْقُرْآنَ لِلذِّكْرِ فَهَلْ مِنْ مُدَّكِرٍ
    بىز ھەقىقەتەن قۇرئاننى ھىپزى ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟

    بىز ھەقىقەتەن قۇرئاننى ئەستە تۇتۇش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئۇنىڭدىن نەسىھەت ئالغۇچى بارمۇ؟ [22]

  23. (54-سۈرە قەمەر، 23-ئايەت)
    كَذَّبَتْ ثَمُودُ بِالنُّذُرِ
    سەمۇد ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنى (يەنى پەيغەمبەرلەرنى) يالغانغا چىقاردى

    سەمۇد قەۋمى ئاگاھلاندۇرۇشلارنى يالغان دېدى [23].

  24. (54-سۈرە قەمەر، 24-ئايەت)
    فَقَالُوا أَبَشَرًا مِنَّا وَاحِدًا نَتَّبِعُهُ إِنَّا إِذًا لَفِي ضَلَالٍ وَسُعُرٍ
    ئۇلار ئېيتتى: «ئارىمىزدىكى (بىزگە ئوخشاش) بىر ئادەمگە ئەگىشەمدۇق؟ (ئۇنداق قىلساق) ئۇ چاغدا بىز ھەقىقەتەن گۇمراھلىققا ۋە ساراڭلىققا مۇپتىلا بولىمىز

    ئۇلار: «ئارىمىزدىكى بىر ئادەمگە ئەگىشەمدۇق؟ ئۇ چاغدا بىز ھەقىقەتەن گۇمراھ ۋە ساراڭ بولغان بولىمىز [24].

  25. (54-سۈرە قەمەر، 25-ئايەت)
    أَأُلْقِيَ الذِّكْرُ عَلَيْهِ مِنْ بَيْنِنَا بَلْ هُوَ كَذَّابٌ أَشِرٌ
    ئارىمىزدىن ئۇنىڭغا ۋەھىي نازىل قىلىندىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ يالغانچىدۇر، مۇتەكەببىردۇر»

    ئارىمىزدىن ئۇنىڭغا ۋەھيى نازىل قىلىندىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ يالغانچىدۇر، مۇتەكەببىردۇر» دېدى[25].

  26. (54-سۈرە قەمەر، 26-ئايەت)
    سَيَعْلَمُونَ غَدًا مَنِ الْكَذَّابُ الْأَشِرُ
    ئۇلار ئەتە (يەنى ئاخىرەتتە) كىمنىڭ يالغانچى، مۇتەكەببىر ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ

    ئۇلار قىيامەت كۈنى كىمنىڭ يالغانچى، مۇتەكەببىر ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ [26].

  27. (54-سۈرە قەمەر، 27-ئايەت)
    إِنَّا مُرْسِلُو النَّاقَةِ فِتْنَةً لَهُمْ فَارْتَقِبْهُمْ وَاصْطَبِرْ
    بىز ھەقىقەتەن سىناش ئۈچۈن ئۇلارغا چىشى تۆگىنى ئەۋەتىمىز، (ئى سالىھ) ئۇلارنى (ئۇلارنىڭ نېمە قىلارىنى) كۈتكىن، (ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن

    (بىز سالىھقا) «بىز ھەقىقەتەن سىناش ئۈچۈن ئۇلارغا ھىنگان تۆگىنى ئەۋەتىمىز، سەن ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇرغۇن،سەۋر قىلغىن [27].

  28. (54-سۈرە قەمەر، 28-ئايەت)
    وَنَبِّئْهُمْ أَنَّ الْمَاءَ قِسْمَةٌ بَيْنَهُمْ ۖ كُلُّ شِرْبٍ مُحْتَضَرٌ
    سۇنىڭ ئۇلار بىلەن تۆگىنىڭ ئارىسىدا بۆلۈنگەنلىكىنى، قايسىسىنىڭ نۆۋىتى كەلسە شۇنىڭ ھازىر بولىدىغانلىقىنى ئۇلارغا ئۇقتۇرۇپ قويغىن

    ئۇلار بىلەن تۆگىنىڭ ئارىسىدا سۇنىڭ تەقسىم قىلىنغانلىقىنى، قايسىسىنىڭ نۆۋىتى كەلسە شۇنىڭ ھازىر بولىدىغانلىقىنى ئۇلارغا ئۇقتۇرۇپ قويغىن» (دېدۇق) [28].

  29. (54-سۈرە قەمەر، 29-ئايەت)
    فَنَادَوْا صَاحِبَهُمْ فَتَعَاطَىٰ فَعَقَرَ
    ئۇلار بۇرادىرىنى (تۆگىنى ئۆلتۈرۈشكە) چاقىردى. ئۇ قىلىچنى ئېلىپ تۆگىنى بوغۇزلىدى

    ئۇلار بۇرادىرىنى (قەددار دېگەن كىشىنى تۆگىنى ئۆلتۈرۈشكە) چاقىردى. ئۇ شۇمان قول سېلىپ تۆگىنى بوغۇزلىدى [29].

  30. (54-سۈرە قەمەر، 30-ئايەت)
    فَكَيْفَ كَانَ عَذَابِي وَنُذُرِ
    مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق ئىكەن؟

    مېنىڭ ئازابىم ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىم قانداق بولدى! [30]

  31. (54-سۈرە قەمەر، 31-ئايەت)
    إِنَّا أَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ صَيْحَةً وَاحِدَةً فَكَانُوا كَهَشِيمِ الْمُحْتَظِرِ
    شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارغا قاتتىق بىر ئاۋازنى ئەۋەتىپ (ھالاك قىلىش بىلەن) ئۇلارنى قوتان ياسىغۇچىنىڭ تاشلاندۇق شاخ ـ شۇمبىلىرىدەك قىلىۋەتتۇق

    شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارغا قاتتىق بىر ئاۋازنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى قوتان ياسىغۇچىنىڭ تاشلاندۇق شاخ-شۇمبىلىرىدەك قىلىۋەتتۇق [31].

  32. (54-سۈرە قەمەر، 32-ئايەت)
    وَلَقَدْ يَسَّرْنَا الْقُرْآنَ لِلذِّكْرِ فَهَلْ مِنْ مُدَّكِرٍ
    بىز ھەقىقەتەن قۇرئاننى چۈشىنىپ (ۋەز – نەسىھەت ئېلىش) ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟

    بىز ھەقىقەتەن قۇرئاننى ئەستە تۇتۇشقا ئاسان قىلدۇق، ئۇنىڭدىن نەسىھەت ئالغۇچى بارمۇ؟ [32].

  33. (54-سۈرە قەمەر، 33-ئايەت)
    كَذَّبَتْ قَوْمُ لُوطٍ بِالنُّذُرِ
    لۇتنىڭ قەۋمى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا چىنپۈتمىدى

    لۇتنىڭ قەۋمى ئاگاھلاندۇرۇشلارنى يالغان دېدى [33].

  34. (54-سۈرە قەمەر، 34-ئايەت)
    إِنَّا أَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ حَاصِبًا إِلَّا آلَ لُوطٍ ۖ نَجَّيْنَاهُمْ بِسَحَرٍ
    بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى تاش ياغدۇرۇپ (ھالاك قىلدۇق)، پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرى بۇنىڭ سىرتىدىدۇر. ئۇلارنى نېمىتىمىز يۈزىسىدىن سەھەردە قۇتۇلدۇردۇق، شۈكۈر قىلغۇچىنى بىز مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز

    بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى تاش ياغدۇرۇپ ھالاك قىلدۇق. پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرىنىلا ھالاك قىلماي، نېمىتىمىز يۈزىسىدىن سەھەردە قۇتقۇزدۇق، شۈكۈر قىلغۇچىنى بىز مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز [34ـ35].

  35. (54-سۈرە قەمەر، 35-ئايەت)
    نِعْمَةً مِنْ عِنْدِنَا ۚ كَذَٰلِكَ نَجْزِي مَنْ شَكَرَ
    بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى تاش ياغدۇرۇپ (ھالاك قىلدۇق)، پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرى بۇنىڭ سىرتىدىدۇر. ئۇلارنى نېمىتىمىز يۈزىسىدىن سەھەردە قۇتۇلدۇردۇق، شۈكۈر قىلغۇچىنى بىز مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز

    بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنى تاش ياغدۇرۇپ ھالاك قىلدۇق. پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرىنىلا ھالاك قىلماي، نېمىتىمىز يۈزىسىدىن سەھەردە قۇتقۇزدۇق، شۈكۈر قىلغۇچىنى بىز مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز [34ـ35].

  36. (54-سۈرە قەمەر، 36-ئايەت)
    وَلَقَدْ أَنْذَرَهُمْ بَطْشَتَنَا فَتَمَارَوْا بِالنُّذُرِ
    شۈبھىسىزكى، لۇت ئۇلارنى بىزنىڭ جازالىشىمىزدىن ئاگاھلاندۇردى، ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن شەكلەندى

    شۈبھىسىزكى، لۇت ئۇلارنى بىزنىڭ جازالىشىمىزدىن ئاگاھلاندۇرغان ئىدى، ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن گۇمانلاندى [36].

  37. (54-سۈرە قەمەر، 37-ئايەت)
    وَلَقَدْ رَاوَدُوهُ عَنْ ضَيْفِهِ فَطَمَسْنَا أَعْيُنَهُمْ فَذُوقُوا عَذَابِي وَنُذُرِ
    ئۇلار لۇتتىن مېھمانلىرىنى (يەنى ئادەمزات شەكلىدە كەلگەن پەرىشتىلەرنى) (ئۇلار بىلەن لىۋاتە قىلىش ئۈچۈن) قوغدىماسلىقنى سورىدى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىۋەتتۇق، (ئۇلارغا) «ئازابىمنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى تېتىڭلار» (دېدۇق)

    ئۇلار لۇتتىن مېھمانلىرى (يەنى ئادەم سۈرىتىدە كەلگەن پەرىشتىلەر) نى قوغدىماسلىقنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بىز ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىۋەتتۇق، (ئۇلارغا): «مېنىڭ سىلەرنى ئاگاھلاندۇرغان ئازابىمنى تېتىڭلار» (دېدۇق) [37].

  38. (54-سۈرە قەمەر، 38-ئايەت)
    وَلَقَدْ صَبَّحَهُمْ بُكْرَةً عَذَابٌ مُسْتَقِرٌّ
    ھەقىقەتەن ئۇلارغا ئەتىگەندە دائىمىي (يەنى ئاخىرەتنىڭ ئازابىغا ئۇلىنىپ كېتىدىغان) ئازاب نازىل بولدى

    ھەقىقەتەن ئۇلارغا ئەتىگەندە (ئاخىرەتتىكى ئازابقا) ئۇلىنىپ كېتىدىغان ئازاب چۈشتى [38].

  39. (54-سۈرە قەمەر، 39-ئايەت)
    فَذُوقُوا عَذَابِي وَنُذُرِ
    (ئۇلارغا): «مېنىڭ ئازابىمنى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى تېتىڭلار» (دېيىلدى)

    (ئۇلارغا): «مېنىڭ سىلەرنى ئاگاھلاندۇرغان ئازابىمنى تېتىڭلار» (دېدۇق) [39].

  40. (54-سۈرە قەمەر، 40-ئايەت)
    وَلَقَدْ يَسَّرْنَا الْقُرْآنَ لِلذِّكْرِ فَهَلْ مِنْ مُدَّكِرٍ
    بىز ھەقىقەتەن قۇرئاننى چۈشىنىپ (ۋەز – نەسىھەت ئېلىش) ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟

    بىز ھەقىقەتەن قۇرئاننى ئەستە تۇتۇش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئۇنىڭدىن نەسىھەت ئالغۇچى بارمۇ؟ [40].

  41. (54-سۈرە قەمەر، 41-ئايەت)
    وَلَقَدْ جَاءَ آلَ فِرْعَوْنَ النُّذُرُ
    شەك ـ شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن جامائەسىگە ئاگاھلاندۇرۇشلار كەلدى

    شەك ـ شۈبھىسىزكى، پىرئەۋن جامائەسىگە ئاگاھلاندۇرغۇچىلار كەلدى [41].

  42. (54-سۈرە قەمەر، 42-ئايەت)
    كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا كُلِّهَا فَأَخَذْنَاهُمْ أَخْذَ عَزِيزٍ مُقْتَدِرٍ
    ئۇلار بىزنىڭ پۈتۈن ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقاردى، ئۇلارنى غالىب، قۇدرەتلىك ھالەتتە تۇرۇپ ھالاك قىلدۇق

    ئۇلار بىزنىڭ پۈتۈن ئايەتلىرىمىزنى يالغان دېدى، ئۇلارنى ھەممىدىن غالىب، قۇدرەتلىك بولۇش سۈپىتىىمىز بىلەن ھالاك قىلدۇق [42].

  43. (54-سۈرە قەمەر، 43-ئايەت)
    أَكُفَّارُكُمْ خَيْرٌ مِنْ أُولَٰئِكُمْ أَمْ لَكُمْ بَرَاءَةٌ فِي الزُّبُرِ
    (ئى ئەرەب جامائەسى!) ئۇلار (يەنى مەن ھالاك قىلغان ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) دىن سىلەرنىڭ كۇففارلىرىڭلار ئارتۇقمۇ؟ ياكى سىلەرگە ساماۋى كىتابلاردا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) كەچۈرۈم قىلىنىش بارمۇ؟

    (ئى ئەرەب جامائەسى!) سىلەرنىڭ (ئاراڭلاردىكى)كافىرلار يۇقىرىقى ھالاك قىلىنغانلاردىن ياخشىمۇ ياكى سىلەرگە ساماۋى كىتابلاردا سىلەر ئۈچۈن يېزىلغان كەچۈرۈم بارمۇ؟ [43]

  44. (54-سۈرە قەمەر، 44-ئايەت)
    أَمْ يَقُولُونَ نَحْنُ جَمِيعٌ مُنْتَصِرٌ
    ياكى ئۇلار «بىز (مۇھەممەد ئۈستىدىن) غالىب قەۋممىز» دەمدۇ؟

    ئۇلار تېخى «بىز غالىب جامائەتمىز» دەمدۇ؟ [44]

  45. (54-سۈرە قەمەر، 45-ئايەت)
    سَيُهْزَمُ الْجَمْعُ وَيُوَلُّونَ الدُّبُرَ
    (مۇشرىكلار) توپى مەغلۇپ قىلىنىدۇ، ئارقىغا قاراپ قاچىدۇ

    بۇ جامائەت ئۇزۇنغا قالماي مەغلۇپ بولۇپ بەدەر قاچىدۇ[45].

  46. (54-سۈرە قەمەر، 46-ئايەت)
    بَلِ السَّاعَةُ مَوْعِدُهُمْ وَالسَّاعَةُ أَدْهَىٰ وَأَمَرُّ
    ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازاب بۇلا ئەمەس)، قىيامەت ئۇلارغا (ئازاب قىلىنىش) ۋەدە قىلىنغان ۋاقىتتۇر، قىيامەت تېخىمۇ قىيىندۇر، تېخىمۇ جاپالىقتۇر

    ئۇلارغا بېرىلىدىغان جازا بۇلا ئەمەس، قىيامەت ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇلغان جازا كۈنىدۇر، قىيامەت تېخىمۇ قىيىندۇر، تېخىمۇ جاپالىقتۇر [46].

  47. (54-سۈرە قەمەر، 47-ئايەت)
    إِنَّ الْمُجْرِمِينَ فِي ضَلَالٍ وَسُعُرٍ
    گۇناھكارلار ھەقىقەتەن (دۇنيادا) گۇمراھلىقتىدۇر، (ئاخىرەتتە) دوزاختىدۇر

    گۇناھكارلار ھەقىقەتەن (دۇنيادا) گۇمراھلىقتىدۇر، (ئاخىرەتتە) دوزاختىدۇر [47].

  48. (54-سۈرە قەمەر، 48-ئايەت)
    يَوْمَ يُسْحَبُونَ فِي النَّارِ عَلَىٰ وُجُوهِهِمْ ذُوقُوا مَسَّ سَقَرَ
    ئۇلار دوزاختا دۈم ياتقۇزۇلۇپ سورىلىدىغان كۈندە، (ئۇلارغا) «دوزاخنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار» (دېيىلىدۇ)

    ئۇلار دوزاختا دۈم ياتقۇزۇلۇپ سۆرىلىدىغان كۈندە، (ئۇلارغا) «سەقەر ئىسىملىك دوزاخنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار» (دېيىلىدۇ) [48].

  49. (54-سۈرە قەمەر، 49-ئايەت)
    إِنَّا كُلَّ شَيْءٍ خَلَقْنَاهُ بِقَدَرٍ
    بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتتۇق

    بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتتۇق [49].

  50. (54-سۈرە قەمەر، 50-ئايەت)
    وَمَا أَمْرُنَا إِلَّا وَاحِدَةٌ كَلَمْحٍ بِالْبَصَرِ
    (بىرەر شەيئىنى ياراتماقچى بولساق) بىزنىڭ ئەمرىمىز پەقەت بىر سۆزدۇر، (ئۇ) كۆزنى يۇمۇپ ئاچقاننىڭ ئارىلىقىدا (ئورۇنلىنىدۇ)

    بىزنىڭ ئەمرىمىز پەقەت كۆزنى يۇمۇپ ئاشقۇچە ئورۇنلىنىدىغان بىر سۆزدۇر [50].

  51. (54-سۈرە قەمەر، 51-ئايەت)
    وَلَقَدْ أَهْلَكْنَا أَشْيَاعَكُمْ فَهَلْ مِنْ مُدَّكِرٍ
    بىز ھەقىقەتەن (ئۆتكەنكى ئۈممەتلەردىن كۇفرىدا) سىلەرگە ئوخشاش بولغانلارنى ھالاك قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟

    بىز ھەقىقەتەن سىلەرگە ئوخشاش بولغانلارنى ھالاك قىلغان ئىدۇق، ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ؟ [51]

  52. (54-سۈرە قەمەر، 52-ئايەت)
    وَكُلُّ شَيْءٍ فَعَلُوهُ فِي الزُّبُرِ
    ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى ۋە يامان) ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى نامە ـ ئەماللىرىدا مەۋجۇتتۇر

    ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ نامە ئەمالىدا مەۋجۇتتۇر [52].

  53. (54-سۈرە قەمەر، 53-ئايەت)
    وَكُلُّ صَغِيرٍ وَكَبِيرٍ مُسْتَطَرٌ
    كىچىك ئىش، چوڭ ئىشنىڭ ھەممىسى خاتىرىلەنگەندۇر

    چوڭ-كىچىك ئىشنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدا خاتىرىلەنگەندۇر [53].

  54. (54-سۈرە قەمەر، 54-ئايەت)
    إِنَّ الْمُتَّقِينَ فِي جَنَّاتٍ وَنَهَرٍ
    شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە بولىدۇ، (سۇ، مەي، ھەسەل، سۈت) ئۆستەڭلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ

    شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان باغۇ-بوستانلاردا قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى جەننەتتە بولىدۇ [54-55].

  55. (54-سۈرە قەمەر، 55-ئايەت)
    فِي مَقْعَدِ صِدْقٍ عِنْدَ مَلِيكٍ مُقْتَدِرٍ
    (ئۇلار) قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كۆڭۈلدىكىدەك جايدا بولىدۇ

    شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان باغۇ-بوستانلاردا قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى جەننەتتە بولىدۇ [54-55].