شەمس سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 15 ئايەت
مەنىسى: قۇياش. ئاتىلىش سەۋەبى: قۇياش بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
  1. (91-سۈرە شەمس، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالشَّمْسِ وَضُحَاهَا
    قۇياش ۋە ئۇنىڭ نۇرى بىلەن قەسەمكى

    قۇياش ۋە ئۇنىڭ نۇرى بىلەن قەسەم قىلىمەن [1]،

  2. (91-سۈرە شەمس، 2-ئايەت)
    وَالْقَمَرِ إِذَا تَلَاهَا
    قۇياشقا ئەگەشكەن چاغدىكى ئاي بىلەن قەسەمكى

    قۇياشقا ئەگەشكەن ئاي بىلەن قەسەم قىلىمەن [2]،

  3. (91-سۈرە شەمس، 3-ئايەت)
    وَالْقَمَرِ إِذَا تَلَاهَا
    قۇياشنى ئاشكارا قىلغان كۈندۈز بىلەن قەسەمكى

    قۇياش ئاشكارا كۆرۈنىدىغان كۈندۈز بىلەن قەسەم قىلىمەن [3]،

  4. (91-سۈرە شەمس، 4-ئايەت)
    وَالنَّهَارِ إِذَا جَلَّاهَا
    قۇياشنى يوشۇرغان چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى

    قۇياشنى يوشۇرغان كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن [4]،

  5. (91-سۈرە شەمس، 5-ئايەت)
    وَاللَّيْلِ إِذَا يَغْشَاهَا
    ئاسمان بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى

    ئاسمان بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەم قىلىمەن [5]،

  6. (91-سۈرە شەمس، 6-ئايەت)
    وَالسَّمَاءِ وَمَا بَنَاهَا
    زېمىن بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى

    زېمىن بىلەن ۋە ئۇنى كەڭ قىلغان زات بىلەن قەسەم قىلىمەن [6]،

  7. (91-سۈرە شەمس، 7-ئايەت)
    وَالْأَرْضِ وَمَا طَحَاهَا
    نەپس بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى ـ يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى

    جان بىلەن ۋە جان ئىگىسىنى بىجرىم ياراتقان، ياخشىلىق ـ يامانلىقنى ئۇنىڭغا تونۇتقان زات بىلەن قەسەم قىلىمەنكى [7ـ8]،

  8. (91-سۈرە شەمس، 8-ئايەت)
    وَنَفْسٍ وَمَا سَوَّاهَا
    نەپس بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى ـ يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى

    جان بىلەن ۋە جان ئىگىسىنى بىجرىم ياراتقان، ياخشىلىق ـ يامانلىقنى ئۇنىڭغا تونۇتقان زات بىلەن قەسەم قىلىمەنكى [7ـ8]،

  9. (91-سۈرە شەمس، 9-ئايەت)
    فَأَلْهَمَهَا فُجُورَهَا وَتَقْوَاهَا
    نەپسىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ

    قەلبىنى پاكلىغان قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ [9].

  10. (91-سۈرە شەمس، 10-ئايەت)
    قَدْ أَفْلَحَ مَنْ زَكَّاهَا
    نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى ـ فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ

    قەلبىنى گۇناھ-مەئسىيەتكە كۆمگەن ئادەم چوقۇم زىيان تارتىدۇ[10].

  11. (91-سۈرە شەمس، 11-ئايەت)
    وَقَدْ خَابَ مَنْ دَسَّاهَا
    سەمۇد ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن (پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدى

    سەمۇد قەۋمى ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلدى [11].

  12. (91-سۈرە شەمس، 12-ئايەت)
    كَذَّبَتْ ثَمُودُ بِطَغْوَاهَا
    ئەينى زاماندا سەمۇدنىڭ ئەڭ بەتبەخت ئادىمى (مۆجىزە بولۇپ كەلگەن تۆگىنى) ئۆلتۈرۈشكە ئالدىرىدى

    ئەينى زاماندا سەمۇدنىڭ ئەڭ بەتبەخت ئادىمى (مۆجىزە بولۇپ كەلگەن تۆگىنى ئۆلتۈرۈشكە) تۇتۇش قىلغاندا [12]،

  13. (91-سۈرە شەمس، 13-ئايەت)
    إِذِ انْبَعَثَ أَشْقَاهَا
    ئۇلارغا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالام): «ئاللاھنىڭ تۆگىسىگە چېقىلماڭلار، ئۇنى سۇ ئىچىشتىن توسماڭلار» دېدى

    ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (سالىھ ئەلەيھىسسالام) ئۇلارغا: «ئاللاھنىڭ تۆگىسىگە ۋە ئۇ تۆگىنىڭ سۈيىگە چېقىلماڭلار » دېگەن ئىدى [13].

  14. (91-سۈرە شەمس، 14-ئايەت)
    فَقَالَ لَهُمْ رَسُولُ اللَّهِ نَاقَةَ اللَّهِ وَسُقْيَاهَا
    ئۇلار پەيغەمبەرنى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى) يالغانچى قىلدى، تۆگىنى ئۆلتۈردى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدى، ئومۇميۈزلۈك ھالاك قىلدى

    ئۇلار پەيغەمبەرنى يالغانچى دەپ تۆگىنى ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن گۇناھى تۈپەيلىدىن، ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب چۈشۈرۈپ، ئاقىۋىتىگە پەرۋا قىلمايلا ئۇلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى [14-15].

  15. (91-سۈرە شەمس، 15-ئايەت)
    فَكَذَّبُوهُ فَعَقَرُوهَا فَدَمْدَمَ عَلَيْهِمْ رَبُّهُمْ بِذَنْبِهِمْ فَسَوَّاهَا
    ئاللاھ ئۇنىڭ (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلغانلىقنىڭ) ئاقىۋىتىدىن قورقمايدۇ

    ئۇلار پەيغەمبەرنى يالغانچى دەپ تۆگىنى ئۆلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن گۇناھى تۈپەيلىدىن، ئاللاھ ئۇلارغا ئازاب چۈشۈرۈپ، ئاقىۋىتىگە پەرۋا قىلمايلا ئۇلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى [14-15].