ھىجىر سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 99 ئايەتمەنىسى: جاي ئىسمى. ئاتىلىش سەۋەبى: سالىھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھىجر دېگەن جايدا ياشايدىغان قەۋمنىڭ قىسسىسى بايان قىلىنغان (80~82-ئايەتلەر)
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الر ۚ تِلْكَ آيَاتُ الْكِتَابِ وَقُرْآنٍ مُبِينٍ
ئەلىف، لام، را. بۇ، كىتابنىڭ ـ روشەن قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئەلىف، لام، را. بۇ، كىتابنىڭ يەنى روشەن قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەلىف، لام، را. بۇلار كىتابنىڭ ۋە روشەن قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر. — ئەنەس ئالىم
(1-2) ئەلىف، لام، را. ئى ئىنكارچىلار! قۇرئان، سىلەر سۆزۈڭلارنى تۈزىدىغان مۇشۇنداق ھەرپلەردىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنداقتا، قۇرئاننىڭ ئوخشىشىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار! بۇلار ئاللاھ بەندىسى ۋە ئەلچىسى مۇھەممەدكە نازىل قىلغان مۆجىزە كىتاب - روشەن قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر. بۇ ئۇلۇغ كىتابنى ئىنكار قىلغانلار بەزەن - بەزەن مۇسۇلمان بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. مەسىلەن: ئۇلار باشلىرىغا بىرەر بالايىئاپەت كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ خاتا يولدا ئىكەنلىكىنى ئەسلىگەن، ئاللاھنىڭ مۇسۇلمانلارغا نۇسرەت ئاتا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن چاغلىرىدا، سەكراتقا چۈشكەن، ئۆلگەن ۋە قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلگەن چاغلىرىدا، شۇنداقلا قىيامەتنىڭ ھەر باسقۇچىدا ۋە دوزاختىكى ھەر يېڭى ئازابنى تېتىغان چاغلىرىدا مۇسۇلمان بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
رُبَمَا يَوَدُّ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْ كَانُوا مُسْلِمِينَ
كاپىرلار (قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرگەندە، دۇنيادىكى چېغىمىزدا) مۇسۇلمان بولغان بولساقچۇ، دەپ ئارمان قىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
كاپىرلار مۇسۇلمان بولغان بولساقچۇ، دەپ ئارمان قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
كافىرلار ئارا - سىرە «كاشكى مۇسۇلمان بولساقچۇ!» دەپ ئارزۇ قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
ذَرْهُمْ يَأْكُلُوا وَيَتَمَتَّعُوا وَيُلْهِهِمُ الْأَمَلُ ۖ فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى (يەنى كۇففارلارنى مەيلىگە) قويۇۋەت، يەپ ـ ئىچىپ، ئويناپ ـ كۈلۈپ يۈرسۇن، ئۇلار بىھۇدە ئارزۇلار بىلەن بولىۋەرسۇن، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامانلىقىنى) بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
-ئى مۇھەممەد!- ئۇلارنى مەيلىگە قويۇۋەت، يەپ ـ ئىچىپ، ئويناپ ـ كۈلۈپ يۈرسۇن، ئۇلار بىھۇدە ئارزۇلار بىلەن بولىۋەرسۇن، ئۇلار ئۇزاققا قالماي بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ئۇلارنى مەيلىگە قويۇۋەتكىن، يېسۇن، بەھرىمەن بولسۇن ۋە ئارزۇلارغا بېرىلىپ تۇرسۇن. پات يېقىندا بىلىپ قېلىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! كافىرلار بەزىدە شۇنداق ئارزۇنى قىلىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە كەيپ - ساپاغا بېرىلىش ۋە نەپسىنى قاندۇرۇش بىلەن بولۇۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكىن، ھايۋاندەك يەپ - ئىچىپ ۋە خالىغىنىچە دۇنيا مەنپەئەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ تۇرسۇن، قۇرۇق ئارزۇلىرى ئۇلارنى مەشغۇل قىلىپ تۇرسۇن. ئۇلار بەرىبىر يېقىندا قىلمىشلىرىنىڭ يامانلىقىنى بىلىدۇ. ئەسكەرتىش: «ئۇلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكىن، ھايۋاندەك يەپ - ئىچىپ ۋە خالىغىنىچە دۇنيا مەنپەئەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ تۇرسۇن...» - دېگەن مەنىدىكى ئىپادە بىر تەھدىت ئىپادىسى بولۇپ قۇرئان كەرىمدە باشقا بىرقانچە ئايەتتىمۇ ئۆتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا أَهْلَكْنَا مِنْ قَرْيَةٍ إِلَّا وَلَهَا كِتَابٌ مَعْلُومٌ
بىز قانداق بىر شەھەرنى ھالاك قىلمايلى، پەقەت ئۇنىڭ (ھالاك بولىدىغان) مۇئەييەن ۋاقتى بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
بىز قانداق بىر شەھەرنى ھالاك قىلمايلى، پەقەت ئۇنىڭ ھالاك بولىدىغان مۇئەييەن ۋاقتى بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ھالاك قىلغان ھەر يۇرتنىڭ ئەلۋەتتە بەلگىلەنگەن ھۆكۈمنامىسى بار. — ئەنەس ئالىم
(4-5) بىز ئىلگىرى ھالاك قىلغان ھەر يۇرت ئاھالىسى ئۈچۈن مۇئەييەن مۇددەت بەلگىلىگەن، ئۇ مۇددەتنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇلارغا مۆھلەت بەرگەن ۋە مۆھلەت توشقۇچە تەۋبە قىلمىسا ھالاك قىلغان ئىدۇق. بۇ بىزنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىمىزدۇر. بۇ قانۇن بويىچە، ھالاك قىلىنىدىغان ھېچبىر ئۇممەت ئۆزلىرى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن كېيىنمۇ ھالاك قىلىنمايدۇ، بۇرۇنمۇ ھالاك قىلىنمايدۇ، ئەكسىچە بېرىلگەن مۆھلەت تۈگىگەن ھامان ھالاك قىلىنىدۇ، قىلچە ئىلگىرى - كېيىن بولمايدۇ. دېمەككى، ئاللاھ تائالانىڭ زالىملارغا مۆھلەت بېرىشى ئۇلارنى جازالىمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلارغا مەرھەمەت قىلىپ تەۋبە قىلىۋېلىشىغا پۇرسەت بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا مۆھلەت ئاخىرلاشقاندا مەرھەمەت قىلىش ۋاقتىمۇ ئاخىرلىشىپ غەزەپ قىلىش ۋە جازالاشنىڭ ۋاقتى باشلانغان بولىدۇ، شۇنداقلا جازا ئىجرا قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا 1 ~ 5 - ئايەتلەردە قۇرئان كەرىمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلدۈرىدۇ ۋە ئۇنى ئىنكار قىلغانلارنى تەھدىت قىلىدۇ. 6 ~ 9 - ئايەتلەردە بولسا، ئۇ كافىرلارنىڭ تەرسالىقىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلىشتىكى شۈبھىسىنى زىكىر قىلىپ، ئۇلارغا جاۋاب بېرىدۇ؛ قۇرئان كەرىمنى ئۆزىنىڭ نازىل قىلغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ قوغدايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَا تَسْبِقُ مِنْ أُمَّةٍ أَجَلَهَا وَمَا يَسْتَأْخِرُونَ
ھەرقانداق ئۈممەتنىڭ (ھالاك بولىدىغان ۋاقتى) ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ، ھەم كېچىكتۈرۈلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ھەرقانداق ئۈممەتنىڭ ھالاك بولىدىغان ۋاقتى ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ، ھەم كېچىكتۈرۈلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ھېچبىر ئۇممەت ئەجىلىنى ئىلگىرى - كېيىن قىلالمايدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَقَالُوا يَا أَيُّهَا الَّذِي نُزِّلَ عَلَيْهِ الذِّكْرُ إِنَّكَ لَمَجْنُونٌ
ئۇلار ئېيتتى: «ئى قۇرئان نازىل قىلىنغان ئادەم! سەن ھەقىقەتەن مەجنۇنسەن — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئېيتتى: «ئى قۇرئان نازىل قىلىنغان ئادەم! سەن ھەقىقەتەن مەجنۇنسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار مۇنداق دېدى: «ئى قۇرئان نازىل قىلىنغان ئادەم! سەن ھەقىقەتەن جىن چاپلىشىۋالغان كىشىسەن. — ئەنەس ئالىم
(6-7) ئۇ كافىرلار (ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرى) قاتتىق دۆتلۈكى ۋە ھەددىدىن زىيادە تەرسالىقىدىن ئەلچىمىز مۇھەممەدنى ئۆزلىرىچە مەسخىرە قىلىپ: «ئى زىكىر نازىل قىلىنغان زات! سەن چوقۇم ئەقلىدىن ئازغان ئادەمسەن. ئەگەر راستتىنلا پەيغەمبەر بولىدىغان بولساڭ، نېمىشقا بىزگە پەرىشتىلەرنى ئېلىپ كەلمىدىڭ!» دېدى. ئەسكەرتىش: ئۇلارنىڭ، يەتكۈزۈلگەن ئايەتنى «زىكىر»، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «ئەقلىدىن ئازغان ئادەم» دېيىشى تامامەن مەسخىرە قىلىش ۋە كەمسىتىش ئۈچۈن ئىدى، چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام نازىل قىلىنغان ئايەتلەرنى يەتكۈزسە ئۇ مۇشرىكلار ئۇنى «ئەقلىدىن ئازغان ئادەم» دەپ ھاقارەتلىگەن. ئاللاھ تائالا ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەقلىدىن ئازمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ يەتكۈزگىنىنىڭ قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن «زىكىر - ئەستە تۇتۇپ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىلىم» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَوْ مَا تَأْتِينَا بِالْمَلَائِكَةِ إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
ئەگەر سەن (مەن رەسۇلۇللاھ دېگەن سۆزۈڭدە) راستچىللاردىن بولساڭ، (پەيغەمبەرلىكىڭگە گۇۋاھلىق بېرىدىغان) پەرىشتىلەرنى ئالدىمىزغا ئېلىپ كەلسەڭچۇ؟» — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر سەن راستچىللاردىن بولساڭ، پەرىشتىلەرنى ئالدىمىزغا ئېلىپ كەلسەڭچۇ؟» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەگەر راستچىللاردىن بولساڭ، بىزگە پەرىشتىلەرنى ئېلىپ كەلسەڭچۇ!». — ئەنەس ئالىم
-
مَا نُنَزِّلُ الْمَلَائِكَةَ إِلَّا بِالْحَقِّ وَمَا كَانُوا إِذًا مُنْظَرِينَ
پەرىشتىلەرنى پەقەت ھەق ئاساسىدا (يەنى ئازاب نازىل قىلىشىمىز مۇقەررەر بولغان چاغدىلا) نازىل قىلىمىز، بۇ چاغدا ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ئازابى كېچىكتۈرۈلمەيدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
پەرىشتىلەرنى پەقەت ھەق ئاساسىدا نازىل قىلىمىز، بۇ چاغدا ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز پەرىشتىلەرنى پەقەت ھەق بىلەن چۈشۈرىمىز[1]، ئۇ چاغدا ئۇلارغا ھەرگىز مۆھلەت بېرىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا ئۇ كافىرلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، «نېمىشقا بىزگە پەرىشتىلەرنى ئېلىپ كەلمىدىڭ!» دېگەن سۆزىگە جاۋاب بېرىپ ئېيتىدۇ: «بىز پەرىشتىلەرنى پەيغەمبەرلىك قىلىش ياكى ئىنسان پەيغەمبەرنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنى «ھەق بىلەن»، يەنى پەيغەمبەرگە قارشى چىققانلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن چۈشۈرىمىز. ئۇلار چۈشۈرۈلسە ئازاب بىرلىكتە چۈشۈرۈلىدۇ ۋە گەدەنكەشلەر دەرھال ھالاك قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّا نَحْنُ نَزَّلْنَا الذِّكْرَ وَإِنَّا لَهُ لَحَافِظُونَ
قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز — مۇھەممەد سالىھ
قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى بىز قوغدايمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، قۇرئاننى بىز نازىل قىلدۇق، ئۇنى ئەلۋەتتە بىز قوغدايمىز. — ئەنەس ئالىم
بىز مۇھەممەدنى قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۇنىڭغا قىيامەتكە قەدەر ئىنسانلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان «زىكىر» - قۇرئاننى نازىل قىلدۇق؛ ئۇ قۇرئاننىڭ ئۆزگەرتىلىش، كەم - زىيادە قىلىنىش ۋە ئايەتلىرىنىڭ ئورۇنلىرى ئالماشتۇرۇلۇش قاتارلىقلاردىن قوغدىغۇچىسى بىزدۇرمىز». ئاللاھ تائالا 6 - ۋە 7 - ئايەتلىردە ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مەسخىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 10 ~ 15 - ئايەتلەردە بولسا، پەيغەمبەرلەرنى مەسخىرە قىلىشنىڭ جاھىللارنىڭ ئادىتى ئىكەنلىكىنى، ئىلگىرىكى جاھىللارنىڭمۇ ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرلەرنى مەسخىرە قىلغانلىقىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەردەك سەۋر قىلىشى، شۇنداقلا دەۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى لازىملىقىنى بايان قىلىدۇ؛ مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ قۇرئانغا ئىشەنمەسلىكىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەرسالىقىدىن بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مِنْ قَبْلِكَ فِي شِيَعِ الْأَوَّلِينَ
شۈبھىسىزكى، سېنىڭدىن ئىلگىرى بۇرۇنقى ھەرقايسى تائىپىلەرگە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرى، بۇرۇنقى ھەرقايسى تائىپىلەرگە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بىز سەندىن ئىلگىرى، ئاۋۋالقى پىرقىلەرگە ئەلچىلەر ئەۋەتكەن ئىدۇق. — ئەنەس ئالىم
(10-11) ئى مۇھەممەد! سەن بۇ مۇشرىكلارنىڭ مەسخىرە قىلىشلىرىغا قاراپ خاپا بولۇپ كەتمىگىن. بىز سەندىن ئىلگىرىكى قەۋملەرگىمۇ پەيغەمبەرلەر ئەۋەتكەن ئىدۇق. ھەر قەۋم ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلغان، شۇنداقلا جازالاندۇرۇلغان ئىدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَمَا يَأْتِيهِمْ مِنْ رَسُولٍ إِلَّا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
ئۇلار ئۆزلىرىگە پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئۆزلىرىگە پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۆزلىرىگە كەلگەن ھەر ئەلچىنى مەسخىرە قىلىشقان ئىدى. — ئەنەس ئالىم
-
كَذَٰلِكَ نَسْلُكُهُ فِي قُلُوبِ الْمُجْرِمِينَ
شۇنداق مەسخىرە قىلىشنى بىز گۇناھكارلارنىڭ دىللىرىغا سالىمىز — مۇھەممەد سالىھ
شۇنداق قىلىشنى گۇناھكارلارنىڭ دىللىرىغا سالىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئۇنى[2] گۇناھكارلارنىڭ قەلبلىرىگە ئەنە شۇنداق كىرگۈزىمىز. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز ئىلگىرى ئۆتكەن تەرسالارنىڭ قەلبلىرىگە، ئىلگىرى نازىل قىلغان كىتابلىرىمىزنى ئىنكار قىلىشنى كىرگۈزۈپ قويغىنىمىزدەك، سېنىڭ قەۋمىڭدىن تەرسالىق قىلىپ گۇناھقا چۆمگەنلەرنىڭ قەلبلىرىگىمۇ ساڭا نازىل قىلغان كىتابىمىز قۇرئاننى ئىنكار قىلىشنى كىرگۈزۈپ قويىمىز، چۈنكى تەرسالارنىڭ قارىيىپ ۋە داتلىشىپ كەتكەن قەلبلىرى ھەقنى قوبۇل قىلىش قابىلىيىتىنى ۋە ۋەھىينىڭ نۇرى بىلەن يورۇش سالاھىيىتىنى يوقاتقانلىقى ئۈچۈن ئىلاھىي كىتابلارنى پەقەت بۇ شەكىلدىلا (ئۆزلىرى تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنغان شەكىلدىلا) قوبۇل قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَا يُؤْمِنُونَ بِهِ ۖ وَقَدْ خَلَتْ سُنَّةُ الْأَوَّلِينَ
ئۇلار قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ، بۇ بۇرۇندىن ئادەت بولۇپ قالغان (يەنى بۇرۇندىن تارتىپ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان قەۋملەرنى ئاللاھنىڭ ھالاك قىلىشى ئادەت بولۇپ كېلىۋاتقان) ئىش — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ، ھالبۇكى بۇرۇنقىلارنىڭ بېشىغا كەلگەنلەر كۆز ئالىدىلىرىدا — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئاۋۋالقىلارغا ئىجرا قىلغان قانۇنىنى بىلىدۇ[3]. — ئەنەس ئالىم
بۇرۇنقى تەرسالار بۇرۇن نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشەنمىگەندەك، سېنىڭ قەۋمىڭنىڭ تەرسالىرىمۇ (ئۆز ۋاقتىدىكى مەككە مۇشرىكلىرى ۋە قىيامەتكە قەدەر قۇرئانغا قارشى تۇرغان تەرسالار) قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۆزگەرمەس قانۇنى بۇرۇنقىلارغا ئىجرا قىلىندى، بۇ پۈتۈن جىھان ئەھلىگە ئايان. شۇڭلاشقا ئى مۇھەممەد! سەن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەردەك، دەۋىتىڭنى داۋاملاشتۇرغىن. سېنى مەسخىرە قىلغانلارغا بىز تېتىيمىز. ئەسكەرتىش: «ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنى» - ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز ئەلچىلىرىگە ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ياردەم بېرىش، ئۇلارنى دۇنيا - ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشتۈرۈش ، قارشى چىققانلارنى جازالاش ۋە دۇنيا - ئاخىرەتتە ئازابقا دۇچار قىلىشتىن ئىبارەت قانۇنى بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ قانۇنىنى «سۈننەتۇللاھ» دەپ ئاتىغان، شۇنداقلا بۇ قانۇنىنىڭ ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرگە ئىجرا قىلىنىپ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھېچ ئۆزگەرمەستىن ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان . مەككە مۇشرىكلىرى ئەنە شۇ ئىلاھىي قانۇننىڭ بۇرۇنقىلارغا ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ۋە قۇرئانغا ئىشەنمىسە ئۆزلىرىگىمۇ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنىلا قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَوْ فَتَحْنَا عَلَيْهِمْ بَابًا مِنَ السَّمَاءِ فَظَلُّوا فِيهِ يَعْرُجُونَ
بىز ئۇلارغا ئاسماندىن بىر ئىشىك ئېچىپ بەرگەن، ئۇلار ئۇنىڭدىن ئاسمانغا ئۆرلەپ (ئالەمى ئەرۋاھنى، پەرىشتىلەرنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ) — مۇھەممەد سالىھ
بىز ئۇلارغا ئاسماندىن بىر ئىشىك ئېچىپ بەرگەن، ئۇلار ئۇنىڭدىن ئاسمانغا ئۆرلەپ ئالەمى ئەرۋاھنى، پەرىشتىلەرنى كۆرسە — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئۇلارغا ئاسماندىن ئىشىك ئاچساق، ئۇلار ئۇنىڭدىن كۈندۈزى يۇقىرىغا چىقسا، — ئەنەس ئالىم
(14-15) ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلار سېنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە ئىشىنىش ئۈچۈن سەندىن پەرىشتىلەرنى ئېلىپ كېلىشىڭنى تەلەپ قىلدى. سەن ئۇلارنى پەرىشتىلەرنى كۆرسە ئىشىنەرمىكى دەپ ئويلىمىغىن. ئۇلار سەن بىلەن پەرىشتىلەرنى چۈشۈرسەكمۇ ئىشەنمەيدۇ، ھەتتا بىز ئاسماندىن بىر ئىشىك ئاچقان، ئۇلار ئۇ ئىشىكتىن چىقىپ ئاسماندىكى نەرسىلەرنى ۋە پەرىشتىلەرنى كۆزلىرى بىلەن ئېنىق كۆرگەن تەقدىردە يەنىلا ئىشەنمىگەن ۋە: «كۆزلىرىمىز پەردىلەندى، بەلكى سېھىرلەندۇق» دېگەن بولاتتى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَقَالُوا إِنَّمَا سُكِّرَتْ أَبْصَارُنَا بَلْ نَحْنُ قَوْمٌ مَسْحُورُونَ
ئۇلار چوقۇم: «كۆزلىرىمىز باغلىنىپ قالدى، بەلكىم سېھىرلەنگەن قەۋم بولۇپ قالساق كېرەك» دېيىشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار چوقۇم: «كۆزلىرىمىز باغلىنىپ قالدى، بەلكىم سېھىرلەنگەن قەۋم بولۇپ قالساق كېرەك» دېيىشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەلۋەتتە: «كۆزلىرىمىز پەردىلەندى، بەلكى بىز سېھىرلەنگەن قەۋمدۇرمىز» دېگەن بولاتتى. — ئەنەس ئالىم
-
وَلَقَدْ جَعَلْنَا فِي السَّمَاءِ بُرُوجًا وَزَيَّنَّاهَا لِلنَّاظِرِينَ
بىز ئاسماندا بۇرۇجلارنى ياراتتۇق ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئاسماننى (يۇلتۇزلار بىلەن) بېزىدۇق — مۇھەممەد سالىھ
بىز ئاسماندا بۇرۇجلارنى ياراتتۇق ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئاسماننى يۇلتۇزلار بىلەن بېزىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بىز ئاسماندا بۇرجلارنى ياراتتۇق، ئۇنى قارىغۇچىلار ئۈچۈن زىننەتلىدۇق، — ئەنەس ئالىم
(16-18) بىز ئاسماندا 12 بۇرج بار قىلدۇق، ئاسماننى يۇلتۇزلار ۋە سەييارىلەر بىلەن زىننەتلىدۇق، ئۇنى ھەر قوغلاندى شەيتاندىن ساقلىدۇق. لېكىن ئوغرىلىقچە قۇلاق سالماقچى بولغان شەيتاننى پارلاق بىر ئاقار يۇلتۇز قوغلاپ بېرىپ ھالاك قىلىۋېتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَحَفِظْنَاهَا مِنْ كُلِّ شَيْطَانٍ رَجِيمٍ
ھەر بىر قوغلاندى شەيتاندىن ئاسماننى قوغدىدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ھەر بىر قوغلاندى شەيتاندىن ئاسماننى قوغدىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇنى ھەر قوغلاندى شەيتاندىن ساقلىدۇق. — ئەنەس ئالىم
-
إِلَّا مَنِ اسْتَرَقَ السَّمْعَ فَأَتْبَعَهُ شِهَابٌ مُبِينٌ
لېكىن (ئاسمان خەۋەرلىرىگە) ئوغرىلىقچە قۇلاق سالماقچى بولغان شەيتاننى روشەن ئاقار يۇلتۇز قوغلاپ يېتىدۇ (يەنى ھالاك قىلىدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
لېكىن ئوغرىلىقچە قۇلاق سالماقچى بولغان شەيتاننى روشەن ئاقار يۇلتۇز قوغلاپ ھالاك قىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
لېكىن ئوغرىلىقچە ئاڭلىماقچى بولغان شەيتاننى پارلاق ئاقار يۇلتۇز قوغلايدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَالْأَرْضَ مَدَدْنَاهَا وَأَلْقَيْنَا فِيهَا رَوَاسِيَ وَأَنْبَتْنَا فِيهَا مِنْ كُلِّ شَيْءٍ مَوْزُونٍ
يەر يۈزىنى يېيىپ كەڭ قىلدۇق، ئۇنىڭغا تاغلارنى ئورناتتۇق، يەر يۈزىدە ھەرخىل ئۆلچەملىك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق — مۇھەممەد سالىھ
يەر يۈزىنى يېيىپ كەڭ قىلدۇق، ئۇنىڭغا تاغلارنى ئورناتتۇق، يەر يۈزىدە ھەرخىل تەكشى ئۆلچەملىك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز زېمىننى سوزدۇق، ئۇنىڭدا مۇستەھكەم تاغلارنى قويدۇق ۋە ئۇنىڭدا ئۆلچەملىك ھەر نەرسىدىن ئۈندۈردۇق، — ئەنەس ئالىم
(19-20) بىز زېمىننى كەڭ، يايپاڭ ۋە ياشاشقا ئۇيغۇن قىلىپ ياراتتۇق، زېمىندا مۇستەھكەم ۋە ئېگىز تاغلارنى ئورۇنلاشتۇردۇق، زېمىندا ئۆزلىرىنىڭ ۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ شەكلى، ھەجمى، مىقدارى، سۈپىتى، غىزالىق تەسىرى... قاتارلىقلار جەھەتتىن ئۆلچەملىك دەل - دەرەخ، گۈل - گىياھ ۋە خىلمۇخىل ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈردۇق، زېمىندا سىلەرنىڭ ھايات كەچۈرۈشىڭلار ئۈچۈن لازىم بولىدىغان يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك ۋە دورا - دەرمان،... قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ مەنبەلىرىنى بار قىلدۇق. «تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ مەنبەلىرى»، گۆش - ياغ چىقىدىغان قۇرۇقلۇق ۋە سۇ ھايۋانلىرىنى، ئاشلىق چىقىدىغان زىرائەتلەر، مېۋە - چېۋە چىقىدىغان ئۆسۈملۈك ۋە دەرەخلەر، دورا - دەرمان، تەم خۇرۇچ ۋە كۆكتات بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر، ئۆي سەرەمجانلىرى چىقىدىغان يۇڭ - تېرە ۋە پاختىلار، يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلار... قاتارلىق نېمەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَجَعَلْنَا لَكُمْ فِيهَا مَعَايِشَ وَمَنْ لَسْتُمْ لَهُ بِرَازِقِينَ
يەر يۈزىدە سىلەر ئۈچۈن ۋە سىلەر رىزقىنى بېرەلمەيدىغانلار (يەنى خادىملار ۋە ھايۋانلار) ئۈچۈن تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ياراتتۇق (ئۇلارنىڭ يېمەك ـ ئىچمەكلىرىنى سىلەر ئەمەس، بىز يارىتىمىز) — مۇھەممەد سالىھ
يەر يۈزىدە سىلەر ئۈچۈن ۋە رىزقىنى سىلەر بەرمەيدىغانلار ئۈچۈن تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ياراتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ھەمدە ئۇنىڭدا سىلەر ئۈچۈن ۋە رىزقىنى سىلەر بەرمىگەنلەر ئۈچۈن تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى بار قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم
-
وَإِنْ مِنْ شَيْءٍ إِلَّا عِنْدَنَا خَزَائِنُهُ وَمَا نُنَزِّلُهُ إِلَّا بِقَدَرٍ مَعْلُومٍ
قانداق نەرسە بولمىسۇن، ئۇنىڭ خەزىنىسى (يەنى خەزىنىنىڭ ئاچقۇچى) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىدۇر، بىز ئۇنى پەقەت مەلۇم مىقداردىلا چۈشۈرىمىز — مۇھەممەد سالىھ
قانداق نەرسە بولمىسۇن، ئۇنىڭ خەزىنىسى بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىدۇر، بىز ئۇنى پەقەت مەلۇم مىقداردىلا چۈشۈرىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
ھەر نەرسىنىڭ خەزىنىلىرى بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدىدۇر. لېكىن بىز ئۇنى مەلۇم مىقداردىلا چۈشۈرىمىز. — ئەنەس ئالىم
بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدا ھەر نەرسىنىڭ خەزىنىلىرى بار بولۇپ، بىز ئۇ نەرسىنى ئۆز ھېكمىتىمىزنىڭ تەلىپى بويىچە مەخلۇقاتلارنىڭ ئېھتىياجىغا تۇشلۇق چۈشۈرۈپ بېرىمىز. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَرْسَلْنَا الرِّيَاحَ لَوَاقِحَ فَأَنْزَلْنَا مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَسْقَيْنَاكُمُوهُ وَمَا أَنْتُمْ لَهُ بِخَازِنِينَ
بىز يامغۇرنى ھەيدەيدىغان شاماللارنى ئەۋەتتۇق، بىز بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ سىلەرنى سۇغاردۇق، سىلەر ھەرگىز ئۇنى ساقلاشقا قادىر ئەمەسسىلەر — مۇھەممەد سالىھ
بىز يامغۇرنى ھەيدەيدىغان شاماللارنى ئەۋەتتۇق، بىز بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ سىلەرنى سۇغاردۇق، سىلەر ھەرگىز ئۇنى ساقلاشقا قادىر ئەمەسسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز چاڭلاشتۇرغۇچى شاماللارنى ئەۋەتتۇق، ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن سىلەرنى سۇغاردۇق. بولمىسا ئۇنى سىلەر ساقلىيالمايتتىڭلار. — ئەنەس ئالىم
بىز شاماللارنى چاڭلاشتۇرغۇچى (ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاتىلىقىدىكى گۈل چاڭلىرىنى ئېلىپ ئانىلىق ئېغىزىغا قوندۇرغۇچى) قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ شاماللار بىلەن بۇلۇتلارنى ھەيدەپ كېلىپ سىلەرگە ئۇ بۇلۇتلاردىن سۇ چۈشۈرۈپ بەردۇق، شۇنداقلا سىلەرنى، چارۋا - ماللىرىڭلارنى، ئېكىنزارلىق ۋە مېۋىزارلىقلىرىڭلارنى سۇغاردۇق. ئۇ سۇنى سىلەر ساقلىيالمايسىلەر، ئەكسىچە بىز سىلەر ئۈچۈن (بۇلاق، كۆل، دەريا ۋە ئامبارلاردا) ساقلاپ بېرىۋاتىمىز. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە شاماللارنىڭ ئۆسۈملۈكلەرنى چاڭلاشتۇرۇشتىن باشقىمۇ ۋەزىپىلىرى بارلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ ۋەزىپىلەر ئىنسانلارغا ئىلاھىي رەھمەت (يامغۇر)نىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈش، سۇ يۈكلەنگەن ئېغىر بۇلۇتلارنى يامغۇر ياغدۇرۇلۇشى بەلگىلەنگەن جايلارنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ بېرىش ۋە دېڭىزلاردا كېمىلەرنى ماڭدۇرۇشتۇر. ئەنە شۇ ۋەزىپىلەرنى قىلىپ ئىنسانلارغا پايدا يەتكۈزىدىغان شامال قۇرئان كەرىمدە «رىياھ - رياح» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئاللاھ تائالا تېگىشلىك بولغانلارنى جازالاش ئۈچۈن ئەۋەتىدىغان باشقا بىر شامالمۇ بار بولۇپ، ئۇ شامال «رىيھ - ريح» دەپ ئاتىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنَّا لَنَحْنُ نُحْيِي وَنُمِيتُ وَنَحْنُ الْوَارِثُونَ
بىز (ھەممىنى) تىرىلدۈرىمىز، (ھەممىنى) ئۆلتۈرىمىز ۋە (ھەممىگە) ۋارىسلىق قىلىمىز — مۇھەممەد سالىھ
بىز تىرىلدۈرىمىز، ئۆلتۈرىمىز ۋە ھەممىگە ۋارىسلىق قىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بىز تىرىلدۈرىمىز ۋە ئۆلتۈرىمىز. بىز ۋارىس بولغۇچىمىز. — ئەنەس ئالىم
بىز خالىغىنىمىزنى يوقتىن يارىتىمىز، ياراتقان مەخلۇقاتىمىزنىڭ ئىچىدىن ئەجىلى توشقانلارنى ئۆلتۈرىمىز، كائىناتنىڭ ئەجىلى توشقاندا ھەممە جانلىقنى ئۆلتۈرىمىز، ئاخىرىدا پەقەتلا بىز قالىمىز ۋە ھەممە نەرسە بىزگە قالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَقَدْ عَلِمْنَا الْمُسْتَقْدِمِينَ مِنْكُمْ وَلَقَدْ عَلِمْنَا الْمُسْتَأْخِرِينَ
بىز سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنى ھەقىقەتەن بىلىمىز ۋە كېيىن كېلىدىغانلارنىمۇ ھەقىقەتەن بىلىمىز — مۇھەممەد سالىھ
بىز سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنى ھەقىقەتەن بىلىمىز ۋە كېيىن كېلىدىغانلارنىمۇ ھەقىقەتەن بىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بىز سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىمۇ بىلىمىز، كېيىن كەلگەن ۋە كېلىدىغانلارنىمۇ بىلىمىز. — ئەنەس ئالىم
(24-25) ئى ئىنسانلار! بىز سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىمۇ بىلىمىز ۋە دۇنيانىڭ مۇددىتى توشقۇچىلىك دۇنياغا كېلىدىغانلارنىمۇ بىلىمىز، قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قايتا تىرىلدۈرۈپ ھۇزۇرىمىزغا يىغىمىز ۋە ھەممىسىدىن ھېساب ئالىمىز. بىزنىڭ ھېكمىتىمىز چوڭقۇر، ئىلمىمىز چەكسىزدۇر. ئاللاھ تائالا 16 ~ 25 - ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ ئىلىم، قۇدرەت، ھېكمەت ۋە رەھمىتىنىڭ بىر قىسىم دەلىللىرىنى بىلدۈرۈپ تەۋھىدنىڭ ۋە قىيامەتنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. 26 ~ 44 - ئايەتلەردە بولسا، مەزكۇر دەلىللەردىن يەنە بىر قىسىمىنى بىلدۈرۈپ، ئىنسانىيەتكە ئاتا قىلغان ئالاھىدە ئىنئامىنى ۋە شەيتاننىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان تارىخىي دۈشمەنلىكىنى ئەسلىتىپ، تەۋھىد بىلەن قىيامەتنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيدۇ، شۇنداقلا تەۋھىدنىڭ ئەھمىيىتىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنَّ رَبَّكَ هُوَ يَحْشُرُهُمْ ۚ إِنَّهُ حَكِيمٌ عَلِيمٌ
پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن (ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن) ئۇلارنى يىغىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
رەببىڭ ھەقىقەتەن ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن ئۇلارنى يىغىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ئۇلارنى مەھشەرگە يىغىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَلَقَدْ خَلَقْنَا الْإِنْسَانَ مِنْ صَلْصَالٍ مِنْ حَمَإٍ مَسْنُونٍ
شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىنسان (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام) نى قارا لايدىن ياسىلىپ شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن (چەكسە جىرىڭلايدىغان) قۇرۇق لايدىن ياراتتۇق — مۇھەممەد سالىھ
شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى قارا لايدىن ياسىلىپ شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن قۇرۇق لايدىن ياراتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى سېسىق قارا پاتقاقتىن شەكىللەنگەن قۇرۇق لايدىن ياراتتۇق. — ئەنەس ئالىم
(26-27) بىز تۇنجى ئىنسان ئادەمنى رەڭگى قارا، پۇرىقى ئۆزگىرىپ كەتكەن لايدىن شەكىللىنىپ جاراڭلىغۇدەك ھالەتكە كەلگەن قۇرۇق لايدىن ياراتتۇق. ئادەمنى يارىتىشتىن ئىلگىرى جان (جىنلارنىڭ ئاتىسى)نى ئوتنىڭ تۈتۈنسىز يالقۇنىدىن ياراتقان ئىدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَالْجَانَّ خَلَقْنَاهُ مِنْ قَبْلُ مِنْ نَارِ السَّمُومِ
جىنلار (يەنى شەيتانلار ۋە ئۇلارنىڭ باشلىقى ئىبلىس) نى ئىلگىرى تۈتۈنسىز ئوت يالقۇنىدىن ياراتقان ئىدۇق — مۇھەممەد سالىھ
جىنلارنى ئىلگىرى تۈتۈنسىز ئوت يالقۇنىدىن ياراتقان ئىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
جاننى[4] ئىلگىرى زەھەرلىك ئوتتىن ياراتقان ئىدۇق. — ئەنەس ئالىم
-
وَإِذْ قَالَ رَبُّكَ لِلْمَلَائِكَةِ إِنِّي خَالِقٌ بَشَرًا مِنْ صَلْصَالٍ مِنْ حَمَإٍ مَسْنُونٍ
پەرۋەردىگارىڭ ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن قارا لايدىن ياسىلىپ شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن (چەكسە جىرىڭلايدىغان) قۇرۇق لايدىن ئىنسان (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام) نى يارىتىمەن — مۇھەممەد سالىھ
رەببىڭ ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن قارا لايدىن ياسىلىپ شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن قۇرۇق لايدىن ئىنساننى يارىتىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى
رەببىڭ ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەن سېسىق قارا پاتقاقتىن شەكىللەنگەن قۇرۇق لايدىن ئىنسان يارىتىمەن. — ئەنەس ئالىم
(28-31) ئى مۇھەممەد! رەببىڭ ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: «مەن رەڭگى قارا، پۇرىقى ئۆزگىرىپ كەتكەن لايدىن شەكىللىنىپ جاراڭلغۇدەك ھالەتكە كەلگەن قۇرۇق لايدىن ئىنسان يارىتىمەن، ئۇنى تولۇق شەكىلگە كىرگۈزۈپ ئىچىگە روھىمدىن پۈۋلىگەن چېغىمدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار (تەزىم قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈرۈڭلار)» دېگەن ئىدى. ئاندىن مەزكۇر سۈپەتتىكى لايدىن ئادەمنىڭ شەكلىنى يارىتىپ ئىچىگە روھىدىن پۈۋلىگەن ۋە ئادەم جانلانغان ھامان پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى، لېكىن ئىبلىس باش تارتتى - سەجدە قىلمىدى. ئەسكەرتىش: ئاللاھ تائالا باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە ئىنسانىيەتنىڭ ئاتىسى ئادەمنى تۇپراقتىن ۋە لايدىن ياراتقانلىقىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. بۇ يەردە (26- ۋە 28 - ئايەتلەردە) ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك بىر ئايەتتە پۇرىقى ئۆزگەرگەن قارا لايدىن شەكىللەنگەن مۇئەييەن سۈپەتتىكى قۇرۇق لايدىن ياراتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭدەك، ئىبلىسنىڭ ئادەمگە سەجدە قىلمىغانلىقىغا، ئىككى ئايەتتە ئادەمنىڭ لايدىن يارىتىلغانلىقىنى، بىر ئايەتتە ئادەمنىڭ مۇئەييەن سۈپەتتىكى قۇرۇق لايدىن يارىتىلغانلىقىنى باھانە قىلغانلىقىنىمۇ بايان قىلىدۇ. دېمەككى، ئادەم ئاتا ئاخىرقى شەكلىگە كىرىپ ئىچىگە روھ پۈۋلەنگەنگە قەدەر تۇپراق، لاي، پۇرىقى ئۆزگەرگەن قارا لاي ۋە ساپالغا ئوخشاش قۇرۇق لاي قاتارلىق باسقۇچلاردىن ئۆتكەن (ۋەللاھۇ ئەئلەم). — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَإِذَا سَوَّيْتُهُ وَنَفَخْتُ فِيهِ مِنْ رُوحِي فَقَعُوا لَهُ سَاجِدِينَ
مەن ئۇنى تولۇق ياراتقان (يەنى ئۇنى يارىتىپ سۈرەتكە كىرگۈزۈپ، ئەزالىرى تولۇق ۋە مۇكەممەل ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈرگەن) ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن چېغىمدا، سىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار) » — مۇھەممەد سالىھ
مەن ئۇنى تولۇق ياراتقان ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن چېغىمدا، سىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
مەن ئۇنىڭغا شەكىل بېرىپ، ئىچىگە روھىمدىن پۈۋلىگەن چېغىمدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار». — ئەنەس ئالىم
-
فَسَجَدَ الْمَلَائِكَةُ كُلُّهُمْ أَجْمَعُونَ
پەرىشتىلەرنىڭ بىرىمۇ ئايرىلىپ قالماي ھەممىسى (ئادەم ئەلەيھىسسالامغا) سەجدە قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا سەجدە قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ بىلەن پەرىشىتىلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك سەجدە قىلدى. — ئەنەس ئالىم
-
إِلَّا إِبْلِيسَ أَبَىٰ أَنْ يَكُونَ مَعَ السَّاجِدِينَ
پەقەت ئىبلىسلا سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى — مۇھەممەد سالىھ
پەقەت ئىبلىسلا سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىبلىس مۇستەسنا. ئۇ سەجدە قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدا بولۇشتىن باش تارتتى. — ئەنەس ئالىم
-
قَالَ يَا إِبْلِيسُ مَا لَكَ أَلَّا تَكُونَ مَعَ السَّاجِدِينَ
ئاللاھ: «ئى ئىبلىس! سەن نېمىشقا سەجدە قىلمايسەن؟» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ: «ئى ئىبلىس! سەن نېمىشقا سەجدە قىلغۇچىلار بىلەن بىرگە بولمىدىڭ؟» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ: «ئى ئىبلىس! سەن نېمىشقا سەجدە قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدا بولمىدىڭ؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم
(32-33) ئاللاھ ئىبلىسقا: «ساڭا نېمە بولدىكىن، سەجدە قىلغان پەرىشتىلەرنىڭ قاتارىدا بولمىدىڭ؟» دېدى، ئىبلىس ئادەمگە سەجدە قىلمىغانلىقىغا باھانە كۆرسىتىپ: «سەن رەڭگى قارا ۋە پۇرىقى سېسىق لايدىن شەكىلگە كىرگۈزۈپ قۇرۇتقان لايدىن ياراتقان ئىنسانغا مەن ھەرگىزمۇ سەجدە قىلمايمەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ لَمْ أَكُنْ لِأَسْجُدَ لِبَشَرٍ خَلَقْتَهُ مِنْ صَلْصَالٍ مِنْ حَمَإٍ مَسْنُونٍ
ئىبلىس: «قارا لايدىن ياساپ شەكىلگە كىرگۈزۈپ (چەكسە جىرىڭلايدىغان) قۇرۇق لايدىن يارىتىلغان ئىنسان مېنىڭ سەجدە قىلىشىمغا لايىق ئەمەس» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئىبلىس: «قارا لايدىن ياساپ شەكىلگە كىرگۈزۈپ، قۇرۇق لايدىن يارىتىلغان ئىنسان مېنىڭ سەجدە قىلىشىمغا لايىق ئەمەس» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىبلىس: «سەن سېسىق قارا پاتقاقتىن شەكىللەنگەن قۇرۇق لايدىن ياراتقان ئىنسانغا مەن ھەرگىزمۇ سەجدە قىلمايمەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم
-
قَالَ فَاخْرُجْ مِنْهَا فَإِنَّكَ رَجِيمٌ
ئاللاھ ئېيتتى: «سەن جەننەتتىن يوقال، ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئېيتتى: «سەن بۇ يەردىن يوقال، ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇ يەردىن دەرھال چىقىپ كەت! سەن قوغلاندىڭ! — ئەنەس ئالىم
(34-35) ئىبلىسنىڭ بۇ سۆزى ئۇنىڭ ئۆزىنى ئادەمدىن ئۈستۈن كۆرگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويۇنتاۋلىق قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيتتى. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا: «ئۇ يەردىن چىقىپ كەت! چۈنكى سەن رەھمەت ۋە ئىلتىپاتىمدىن قوغلاندىڭ! ساڭا جازا ۋە مۇكاپات كۈنىگە قەدەر لەنەت ياغىدۇ» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَإِنَّ عَلَيْكَ اللَّعْنَةَ إِلَىٰ يَوْمِ الدِّينِ
ساڭا قىيامەت كۈنىگۈچە ھەقىقەتەن لەنەت بولسۇن» — مۇھەممەد سالىھ
ساڭا قىيامەت كۈنىگىچە ھەقىقەتەن لەنەت بولسۇن» — تەرجىمە ھەيئىتى
ساڭا جازا ۋە مۇكاپات كۈنىگە قەدەر لەنەت ياغىدۇ». — ئەنەس ئالىم
-
قَالَ رَبِّ فَأَنْظِرْنِي إِلَىٰ يَوْمِ يُبْعَثُونَ
ئىبلىس: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا خالايىقلار تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) گۈچە مۆھلەت بەرگىن (مېنى ھايات قالدۇرغىن)» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئىبلىس: «رەببىم! ماڭا خالايىقلار تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگىچە مۆھلەت بەرگىن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىبلىس: «رەببىم! ئۇنداقتا ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر ماڭا مۆھلەت بەرگىن» دېدى. — ئەنەس ئالىم
(36-38) ئىبلىس: «رەببىم! مېنى ھالاك قىلمىغىن، ماڭا ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر مۆھلەت بەرگىن» دېدى، ئاللاھ: «بولىدۇ، مەن بەلگىلىگەن ۋە مەنلا بىلىدىغان ۋاقىتقا (بىرىنچى قېتىم سۇر چېلىنغانغا) قەدەر ساڭا بېرىلىدۇ» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ فَإِنَّكَ مِنَ الْمُنْظَرِينَ
ئاللاھ: «ساڭا ھەقىقەتەن مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئېيتتى: «سەن ھەقىقەتەن مۆھلەت بېرىلگەنلەردىنسەن» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ مۇنداق دېدى: «سەن مۆھلەت بېرىلگەنلەردىنسەن، — ئەنەس ئالىم
-
إِلَىٰ يَوْمِ الْوَقْتِ الْمَعْلُومِ
ئاللاھ: «ساڭا ھەقىقەتەن مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
«مەلۇم ۋاقىتقىچە» — تەرجىمە ھەيئىتى
مەلۇم ۋاقىتنىڭ كۈنىگە قەدەر». — ئەنەس ئالىم
-
قَالَ رَبِّ بِمَا أَغْوَيْتَنِي لَأُزَيِّنَنَّ لَهُمْ فِي الْأَرْضِ وَلَأُغْوِيَنَّهُمْ أَجْمَعِينَ
ئىبلىس ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! سەن مېنى گۇمراھ قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، يەر يۈزىدە ئادەم بالىلىرىغا (گۇناھلارنى) ئەلۋەتتە چىرايلىق كۆرسىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەلۋەتتە ئازدۇرىمەن — مۇھەممەد سالىھ
ئىبلىس ئېيتتى: «رەببىم! سەن مېنى گۇمراھ قىغانلىقىڭ ئۈچۈن، يەر يۈزى-دىكىلەر-نى ئادەم بالىلىرىغا ئەلۋەتتە چىرايلىق كۆرسىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەلۋەتتە ئازدۇرىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىبلىس مۇنداق دېدى: «رەببىم! قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، مېنى ئازدۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن زېمىندا ئۇلارغا گۇناھلارنى چىرايلىق كۆرسىتىپ ھەممىسىنى ئازدۇرىمەن. — ئەنەس ئالىم
(39-40) ئىبلىس ئاللاھنىڭ مۆھلەت بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ: «رەببىم! سەن مېنى ئازدۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن مەن زېمىندا بۇ ئادەمنىڭ ئەۋلادى ئۈچۈن كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقنى چىرايلىق كۆرسىتىمەن ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئازدۇرىمەن، لېكىن سېنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىڭنى ئازدۇرالمايمەن» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِلَّا عِبَادَكَ مِنْهُمُ الْمُخْلَصِينَ
ئۇلاردىن پەقەت تاللانغان بەندىلىرىڭلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى ئۇلارنى ئازدۇرالمايمەن)» — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلاردىن پەقەت تاللانغان بەندىلىرىڭلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارنىڭ ئىچىدىن سېنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىڭ مۇستەسنا». — ئەنەس ئالىم
-
قَالَ هَٰذَا صِرَاطٌ عَلَيَّ مُسْتَقِيمٌ
ئاللاھ ئېيتتى: «بۇ (تاللانغان بەندىلەرنىڭ يولى) مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھ ئېيتتى: «بۇ مەن ساقلاشقا تېگىشلىك توغرا يولدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھ مۇنداق دېدى: «ئەنە شۇ ئىخلاسمەن بەندىلىرىمنىڭ تۇتقان يولى ماڭا يەتكۈزىدىغان توغرا يولدۇر. — ئەنەس ئالىم
(41-44) ئاللاھ ئېيتتى: «ئەنە شۇ مەن قوغدايدىغان توغرا يولدۇر: مېنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىمنى سەن ئەسلا ئازدۇرالمايسەن، سەن پەقەت ئۆزۈڭگە ئەگەشكەن ئازغۇنلارنىلا ئازدۇرىسەن. دوزاخ سېنىڭ ۋە ساڭا ئەگەشكەن بارلىق ئازغۇنلارنىڭ ئۇچرىشىش جايىدۇر. ئۇنىڭ يەتتە دانە ئىشىكى بار بولۇپ، ھەر ئىشىكتىن مەخسۇس بىر ئازغۇن تائىپىسى كىرىدۇ، شۇنداقلا تېگىشلىك بولغان ئازابلارنى مەڭگۈ چېكىدۇ». ئاللاھ تائالا 42 ~ 44 - ئايەتلەردە شەيتانغا ئەگەشكەنلەرنىڭ قىيامەت كۈنى مەڭگۈ ئازاب چېكىش ئۈچۈن دوزاخقا تاشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 45 ~ 50 -ئايەتلەردە بولسا، شەيتانغا ئەگەشمەي، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلارنىڭ قىيامەت كۈنى مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ عِبَادِي لَيْسَ لَكَ عَلَيْهِمْ سُلْطَانٌ إِلَّا مَنِ اتَّبَعَكَ مِنَ الْغَاوِينَ
مېنىڭ بەندىلىرىمگە (يەنى ئۇلارنى ئازدۇرۇشقا) سېنىڭ كۈچۈڭ يەتمەيدۇ، پەقەت گۇمراھلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرگىلا (سېنىڭ كۈچۈڭ يېتىدۇ)» — مۇھەممەد سالىھ
مېنىڭ بەندىلىرىمگە سېنىڭ كۈچۈڭ يەتمەيدۇ، گۇمراھلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەر مۇستەسنا» — تەرجىمە ھەيئىتى
مېنىڭ بەندىلىرىمگە سېنىڭ ھەرگىزمۇ كۈچۈڭ يەتمەيدۇ. سېنىڭ كەينىڭگە كىرگەن ئازغۇنلار مۇستەسنا». — ئەنەس ئالىم
-
وَإِنَّ جَهَنَّمَ لَمَوْعِدُهُمْ أَجْمَعِينَ
شۈبھىسىزكى، دوزاخ ئۇلار (يەنى ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرى) نىڭ ھەممىسىگە ۋەدە قىلىنغان جايدۇر — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، دوزاخ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ۋەدە قىلىنغان جايدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
جەھەننەم ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇچرىشىدىغان يېرىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
لَهَا سَبْعَةُ أَبْوَابٍ لِكُلِّ بَابٍ مِنْهُمْ جُزْءٌ مَقْسُومٌ
جەھەننەمنىڭ يەتتە دەرۋازىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىدىن كىرىدىغان مۇئەييەن بىر بۆلۈك (ئادەم) بار — مۇھەممەد سالىھ
جەھەننەمنىڭ يەتتە دەرۋازىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىدىن كىرىدىغان مۇئەييەن بىر بۆلۈك ئادەم بار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇنىڭ يەتتە دەرۋازىسى بار. ھەر دەرۋازىغا ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ ئايرىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ الْمُتَّقِينَ فِي جَنَّاتٍ وَعُيُونٍ
تەقۋادارلار ھەقىقەتەن (ئاخىرەتتە ياپيېشىل) باغ ـ بوستانلاردىن، (سۇ، ھەسەل ۋە مەي ئېقىپ تۇرىدىغان) بۇلاقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
تەقۋادارلار ھەقىقەتەن باغ ـ بوستانلاردىن ۋە بۇلاقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار[5] جەننەتلەردە ۋە بۇلاقلارنىڭ باشلىرىدا بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
(45-46) دۇنيادا ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلانغان كىشىلەر قىيامەت كۈنى جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، شۇنداقلا مەڭگۈ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىدۇ. ئۇلار قىيامەت كۈنى قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ قەبرىلىرىدىن چىققاندا خۇددى مېھمانلار سۈپىتىدە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىدۇ ۋە ھېسابى ئاسانلا تۈگەيدۇ، ئاندىن مەھشەرگاھتىن جەننەتكە يەنە مېھمانلار سۈپىتىدە باشلاپ بېرىلىدۇ، شۇنداقلا «جەننەتكە ئامان - ئېسەن ۋە خاتىرجەم ھالدا كىرىڭلار» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
ادْخُلُوهَا بِسَلَامٍ آمِنِينَ
(ئۇلارغا) جەننەتكە ئامان ـ ئېسەن، تىنچ كىرىڭلار! دېيىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
-ئۇلارغا- «جەننەتكە ئامان ـ ئېسەن، تىنچ كىرىڭلار!» دېيىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا: «ئۇ يەرلەرگە خاتىرجەم ھالدا كىرىڭلار» دېيىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَنَزَعْنَا مَا فِي صُدُورِهِمْ مِنْ غِلٍّ إِخْوَانًا عَلَىٰ سُرُرٍ مُتَقَابِلِينَ
ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى دۈشمەنلىكنى چىقىرىپ تاشلايمىز، ئۇلار ئۆزئارا قېرىنداش بولغان ھالدا تەختلەر ئۈستىدە بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى دۈشمەنلىكنى چىقىرىپ تاشلايمىز، ئۇلار ئۆزئارا قېرىنداش بولغان ھالدا تەختلەر ئۈستىدە بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئاداۋەتلەرنى چىقىرىۋېتىمىز، ئۇلار قېرىنداشلار بولۇپ تەختلەرنىڭ ئۈستىدە بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم
(47-48) بىز جەننەت ئەھلىنىڭ كۆڭۈللىرىدە باشقىلارغا ساقلانغان كىن - ئاداۋەتلەرنى چىقىرىۋېتىمىز، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزئارا قېرىنداشلارغا ئايلىنىدۇ ۋە تەختلەرنىڭ ئۈستىدە بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇشىدۇ. ئۇلارغا جەننەتتە ھېچ ھارغىنلىق يەتمەيدۇ، ئۇلار جەننەتتىن ھەرگىزمۇ چىقىرىۋېتىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَا يَمَسُّهُمْ فِيهَا نَصَبٌ وَمَا هُمْ مِنْهَا بِمُخْرَجِينَ
جەننەتتە ئۇلارغا چارچاش بولمايدۇ، ئۇلار جەننەتتىن چىقىرىۋېتىلمەيدۇ — مۇھەممەد سالىھ
جەننەتتە ئۇلارغا چارچاش بولمايدۇ، ئۇلار جەننەتتىن چىقىرىۋېتىلمەيدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئۇ يەرلەردە ھېچ چارچىمايدۇ. ئۇلار ئۇ يەرلەردىن ھەرگىز چىقىرىۋېتىلمەيدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
نَبِّئْ عِبَادِي أَنِّي أَنَا الْغَفُورُ الرَّحِيمُ
(ئى مۇھەممەد!) مېنىڭ (مۆمىن) بەندىلىرىمگە خەۋەر قىلغىنكى، مەن تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىمەن، ناھايىتى رەھىم قىلغۇچىمەن — مۇھەممەد سالىھ
-ئى مۇھەممەد!- بەندىلىرىمگە خەۋەر قىلغىنكى، مەن تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىمەن، ناھايىتى رەھىم قىلغۇچىمەن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! بەندىلىرىمگە خەۋەر قىلغىنكى: مەن مەغپىرەت قىلغۇچىمەن، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىمەن، — ئەنەس ئالىم
(49-50) ئى مۇھەممەد! بەندىلىرىمگە، مېنىڭ لايىق رەۋىشتە تەۋبە قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە ياخشى ئىش قىلغانلارغا مەرھەمەت ئاتا قىلىدىغانلىقىمنى، تېگىشلىك بولغانلارنى بولسا قاتتىق ئازابلايدىغانلىقىمنى خەۋەر قىلغىن. ئەسكەرتىش: ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشتىن ساقلانغان كىشىلەر - ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن، دۇنيادا چەكلەنگەن ئىشلاردىن يەنى كۇفرى ، شېرىك ۋە باشقا گۇناھلاردىن ساقلىنىش بىلەن بىرلىكتە لايىق رەۋىشتە ئىمان كەلتۈرگەن، بۇيرۇلغان ۋە تەرغىب قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرگەن ۋە باشقىلارغا قىلغان مۇئامىلە - مۇناسىۋەتلىرىدە دۇرۇس بولغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ كىشىلەر جەننەتتە ئېرىشىدىغان ماددىي ۋە مەنىۋى نېمەتلەرگە كەلسەك، ئۇلار ئەبەدىي ھاياتلىق، مەڭگۈلۈك ياشلىق، تۈگىمەس بايلىق، ھەقىقىي خاتىرجەملىك، چەكسىز ئېھتىرام ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقى... قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَأَنَّ عَذَابِي هُوَ الْعَذَابُ الْأَلِيمُ
مېنىڭ ئازابىم قاتتىقتۇر — مۇھەممەد سالىھ
ۋە مېنىڭ ئازابىم قاتتىقتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئەلەملىك ئازاب پەقەت مېنىڭ ئازابىمدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَنَبِّئْهُمْ عَنْ ضَيْفِ إِبْرَاهِيمَ
ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ مېھمانلىرى ھەققىدىكى (ھېكايىنى) ئېيتىپ بەرگىن — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ مېھمانلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ مېھمانلىرىدىن خەۋەر بەرگىن: — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بەندىلىرىمگە، لايىق بولغانلارغا مەغپىرەت ۋە مەرھەمەت ئاتا قىلىدىغانلىقىمنى، تېگىشلىك بولغانلارنى قاتتىق ئازابلايدىغانلىقىمنى خەۋەر قىلغان چېغىڭدا، ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ مېھمانلىرىنىڭ خەۋىرىنىمۇ ئېيتىپ بەرگىن: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِذْ دَخَلُوا عَلَيْهِ فَقَالُوا سَلَامًا قَالَ إِنَّا مِنْكُمْ وَجِلُونَ
ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ سالام بەردى، ئىبراھىم: «بىز ھەقىقەتەن سىلەردىن قورقۇۋاتىمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ سالام بەردى، ئىبراھىم: «بىز ھەقىقەتەن سىلەردىن قورقۇۋاتىمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆز ۋاقتىدا ئۇ مېھمانلار ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ سالام بەرگەندە ئىبراھىم: «بىز سىلەردىن قورقۇۋاتىمىز» دېگەن ئىدى. — ئەنەس ئالىم
ئۇ مېھمانلار ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ: «سالام» دېگەن ئىدى، ئىبراھىم ئۇلارنىڭ سالامىنى تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن ئىلىك ئالغاندىن كېيىن، كاۋاپ قىلىنغان بىر موزاينى ئېلىپ كېلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويدى ۋە ئۇلارنىڭ كاۋاپتىن يېمىگەنلىكىنى كۆرۈپ: «بىز سىلەردىن قورقۇۋاتىمىز، (چۈنكى سىلەر ئادەتتە مېھمان كەلمەيدىغان ۋاقىتتا ئۇشتۇمتۇتلا كەلدىڭلار ۋە داستىخانغا باقمىدىڭلار)» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالُوا لَا تَوْجَلْ إِنَّا نُبَشِّرُكَ بِغُلَامٍ عَلِيمٍ
ئۇلار: « قورقمىغىن، (بىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىلىرىمىز)، ھەقىقەتەن ساڭا (ئۆسۈپ چوڭ بولغىنىدا) ناھايىتى بىلىملىك (بولىدىغان) بىر ئوغۇل (يەنى ئىسھاق) بىلەن خۇشخەۋەر بېرىمىز» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «قورقمىغىن، ھەقىقەتەن بىز ساڭا ناھايىتى بىلىملىك بولىدىغان بىر ئوغۇل - ئىسھاق- بىلەن خۇش خەۋەر بېرىمىز» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «قورقمىغىن! بىز ساڭا ئىلىملىك بىر ئوغلۇڭ بولىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىمىز» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار: «قورقمىغىن، بىز ئاللاھنىڭ پەرىشتە ئەلچىلىرى بولىمىز، ساڭا بىر ئوغلۇڭنىڭ بولىدىغانلىقى ۋە ئۇ ئوغلۇڭ چوڭ بولغاندا ئاللاھ تەرىپىدىن ئىلىم بېرىلىدىغانلىقى خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزگىلى كەلدۇق» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ أَبَشَّرْتُمُونِي عَلَىٰ أَنْ مَسَّنِيَ الْكِبَرُ فَبِمَ تُبَشِّرُونَ
ئىبراھىم: «مەن قېرىغان تۇرسام، ماڭا (بالا بىلەن) خۇشخەۋەر بەردىڭلارمۇ؟ ماڭا نېمە بىلەن خۇشخەۋەر بېرىۋاتىسىلەر؟» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئىبراھىم: «مەن قېرىغان تۇرسام، ماڭا بالا بىلەن خۇش خەۋەر بەردىڭلارمۇ؟ ماڭا نېمە بىلەن خۇش خەۋەر بېرىۋاتىسىلەر؟» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىبراھىم: «ماڭا خۇش خەۋەر بېرەمسىلەر، مەن ياشىنىپ قالغان تۇرسام؟ نېمە بىلەن خۇش خەۋەر بېرىسىلەر؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئىبراھىم ئۆزىنىڭ ۋە ئايالىنىڭ ياشىنىپ، بالىسى بولىدىغان يېشىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، يەنە كېلىپ ئايالىنىڭ تۇغماس ئىكەنلىكىنى ئويلاپ، ئۇلارنىڭ بۇ خۇش خەۋىرىدىن ئەجەبلەندى ۋە: «مەن قېرىپ كەتكەن تۇرسام، بۇ قانداق خۇش خەۋەر ئەمدى!» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالُوا بَشَّرْنَاكَ بِالْحَقِّ فَلَا تَكُنْ مِنَ الْقَانِطِينَ
ئۇلار: «بىز ساڭا راست خۇشخەۋەر بەردۇق، نائۈمىد بولمىغىن» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «بىز ساڭا راست خۇش خەۋەر بەردۇق، نائۈمىد بولمىغىن» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «بىز ساڭا ھەق بىلەن خۇش خەۋەر بېرىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن سەن نائۈمىد بولغۇچىلاردىن بولمىغىن!» دېدى. — ئەنەس ئالىم
(55-57) پەرىشتىلەر: «بىز ساڭا راستتىنلا بولىدىغان ئىشنىڭ خۇش خەۋىرىنى بېرىۋاتىمىز، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولمىغىن» دېدى، ئىبراھىم: «مەن ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولمايمەن، چۈنكى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن پەقەت ئاللاھنىڭ قۇدرەت ۋە رەھمىتىنى تونۇپ يېتەلمىگەن ئازغۇنلارلا نائۈمىد بولىدۇ» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئى ئاللاھ ئەۋەتكەن ئەلچىلەر! ماڭا بۇ خۇش خەۋەرنى بەردىڭلار، ئەمدى باشقا قانداق ۋەزىپەڭلار بار؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ وَمَنْ يَقْنَطُ مِنْ رَحْمَةِ رَبِّهِ إِلَّا الضَّالُّونَ
ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىدىن گۇمراھلاردىن باشقا كىممۇ نائۈمىد بولار؟» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئىبراھىم: «رەببىنىڭ رەھمىتىدىن گۇمراھلاردىن باشقا كىممۇ نائۈمىد بولار؟» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىبراھىم: «رەببىنىڭ رەھمىتىدىن ئازغۇنلاردىن باشقا كىم نائۈمىد بولىدۇ؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم
-
قَالَ فَمَا خَطْبُكُمْ أَيُّهَا الْمُرْسَلُونَ
ئىبراھىم: «ئى ئەلچىلەر! نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭلار؟» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئىبراھىم: «ئى ئەلچىلەر! نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭلار؟» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىبراھىم يەنە: «ئى ئەلچىلەر! يەنە قانداق ۋەزىپەڭلار بار؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم
-
قَالُوا إِنَّا أُرْسِلْنَا إِلَىٰ قَوْمٍ مُجْرِمِينَ
ئۇلار ئېيتتى: «بىز ھەقىقەتەن گۇناھكار بىر قەۋم (نى جازالاش) ئۈچۈن ئەۋەتىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئېيتتى: «بىز ھەقىقەتەن گۇناھكار بىر قەۋمنى جازالاش ئۈچۈن ئەۋەتىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار مۇنداق دېدى: «بىز گۇناھكار قەۋمگە ئەۋەتىلدۇق. — ئەنەس ئالىم
(58-60) ئۇلار: «بىز ئاللاھ تەرىپىدىن گۇناھكار قەۋمنى (لۇتنىڭ قەۋمىنى) ھالاك قىلىشقا ئەۋەتىلدۇق، ئۇ قەۋمنى ھالاك قىلىمىز، لېكىن لۇتنىڭ ئائىلىسىنى ھالاك قىلمايمىز، ئەكسىچە ئۇلارنى قۇتقۇزىمىز. ئەمما لۇتنىڭ ئايالىنى قۇتقۇزمايمىز، ئۇ ئايالنىڭ ھالاك بولغۇچىلارنىڭ قاتارىدىن بولۇشىنى قارارلاشتۇردۇق، شۇڭلاشقا ئۇ ئايالنىمۇ ئۇ قەۋم بىلەن بىللە ھالاك قىلىۋېتىمىز» دېدى. ئەسكەرتىش: بۇ ھۆرمەتلىك مېھمانلارنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە كېلىشى ۋە خۇش خەۋەرنى بېرىش جەريانى باشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا 58 ~ 60 - ئايەتلەردە لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن بىر قىسىم پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 61 ~ 77 - ئايەتلەردە بولسا، مەزكۇر پەرىشتلىرىنىڭ لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىشىنى، ئۇنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلىشىنى ۋە ئۇ ئىككى ھادىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلانى بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِلَّا آلَ لُوطٍ إِنَّا لَمُنَجُّوهُمْ أَجْمَعِينَ
پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بىز ئۇلار (يەنى لۇتنىڭ تەۋەلىرى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر) نىڭ ھەممىسىنى (ئازابتىن) چوقۇم قۇتۇلدۇرىمىز — مۇھەممەد سالىھ
پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم قۇتۇلدۇرىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
لۇتنىڭ ئائىلىسى گۇناھكار ئەمەس. بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قۇتقۇزىمىز. — ئەنەس ئالىم
-
إِلَّا امْرَأَتَهُ قَدَّرْنَا ۙ إِنَّهَا لَمِنَ الْغَابِرِينَ
پەقەت لۇتنىڭ خوتۇنىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بىز ئۇنىڭ چوقۇم باشقىلار بىلەن بىللە ئازابلىنىدىغانلىقىنى ئالدىن بېكىتتۇق» — مۇھەممەد سالىھ
پەقەت لۇتنىڭ خوتۇنىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بىز ئۇنىڭ چوقۇم باشقىلار بىلەن بىللە ئازابلىنىدىغانلىقىنى ئالدىن بېكىتتۇق» — تەرجىمە ھەيئىتى
لېكىن لۇتنىڭ ئايالى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇنىڭ ئارقىدا قېلىپ ھالاك بولغۇچىلاردىن بولۇشىنى قارار قىلدۇق». — ئەنەس ئالىم
-
فَلَمَّا جَاءَ آلَ لُوطٍ الْمُرْسَلُونَ
ئەلچىلەر لۇتنىڭ ئائىلىسىگە كەلگەن چاغدا — مۇھەممەد سالىھ
ئەلچىلەر لۇتنىڭ ئائىلىسىگە كەلگەن چاغدا — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەلچىلەر لۇتنىڭ ئائىلىسىگە كەلگەندە، — ئەنەس ئالىم
(61-65) ئىبراھىمنىڭ ئۆيىگە كەلگەن پەرىشتە ئەلچىلەر ئۇ يەردىكى ۋەزىپىسىنى پۈتتۈرۈپ لۇتنىڭ شەھىرىگە كەلدى ۋە لۇتنىڭ ھۇزۇرىغا كىردى. لۇت ئۇلارنى كۆرۈپ: «سىلەرنى تونۇمىدىمغۇ!» دېدى، ئۇلار ئېيتتى: «بىز رەببىڭ ئاللاھنىڭ پەرىشتە ئەلچىلىرى بولىمىز، قەۋمىڭ شۈبھە قىلغان ئىلاھىي جازانى ئۇلارغا ئىجرا قىلغىلى كەلدۇق، بىز يېنىڭغا راستتىنلا ئەمەلگە ئاشىدىغان بۇ ئىش ئۈچۈن كەلدۇق، بىز ساڭا ھەقىقەتەن توغرا ئېتىۋاتىمىز. شۇڭلاشقا سەن كېچىنىڭ بىر قىسمىدا (سەھەردە - تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغان پەيتتە) ئائىلەڭنى ماڭدۇرغىن، ئۆزۈڭ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغىن، سىلەردىن ھېچكىم ئارقىسىغا قارىمىسۇن، رەببىڭلار بۇيرۇغان تەرەپكە (شامغا) قاراپ مېڭىڭلار». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ إِنَّكُمْ قَوْمٌ مُنْكَرُونَ
لۇت: «سىلەر ھەقىقەتەن ناتونۇش ئادەملەرغۇ؟» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
لۇت: «سىلەر ھەقىقەتەن ناتونۇش ئادەملەرغۇ؟» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
لۇت: «سىلەر ھەقىقەتەن ناتونۇش قەۋمغۇ!» دېدى. — ئەنەس ئالىم
-
قَالُوا بَلْ جِئْنَاكَ بِمَا كَانُوا فِيهِ يَمْتَرُونَ
ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس (بىز ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىمىز)، بىز سېنىڭ ئالدىڭغا ئۇلار (يەنى سېنىڭ قەۋمىڭ) شەكلىنىۋاتقان ئازابنى ئېلىپ كەلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، بىز سېنىڭ ئالدىڭغا ئۇلار شەكلىنىۋاتقان ئازابنى ئېلىپ كەلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار مۇنداق دېدى: «بەلكى بىز ساڭا قەۋمىڭ شۈبھىلىنىۋاتقان ئازابنى ئېلىپ كەلدۇق. — ئەنەس ئالىم
-
وَأَتَيْنَاكَ بِالْحَقِّ وَإِنَّا لَصَادِقُونَ
بىز ساڭا ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدۇق، بىز ئەلۋەتتە (سۆزىمىزدە) راستچىلمىز — مۇھەممەد سالىھ
بىز ساڭا ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدۇق، بىز ئەلۋەتتە راستچىلمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
ساڭا ھەقنى ئېلىپ كەلدۇق، بىز ئەلۋەتتە توغرا سۆزلەۋاتىمىز. — ئەنەس ئالىم
-
فَأَسْرِ بِأَهْلِكَ بِقِطْعٍ مِنَ اللَّيْلِ وَاتَّبِعْ أَدْبَارَهُمْ وَلَا يَلْتَفِتْ مِنْكُمْ أَحَدٌ وَامْضُوا حَيْثُ تُؤْمَرُونَ
كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ يولغا چىققىن، ئۆزۈڭ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ماڭغىن، سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئارقىسىغا قارىمىسۇن، سىلەر بۇيرۇلغان يەرگە يەتكۈچە ئالغا قاراپ مېڭىۋېرىڭلار» — مۇھەممەد سالىھ
«كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ يولغا چىققىن، ئۆزۈڭ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ماڭغىن، سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئارقىسىغا قارىمىسۇن، سىلەر بۇيرۇلغان يەرگە يەتكۈچە ئالغا قاراپ مېڭىۋېرىڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
شۇنىڭ ئۈچۈن كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئائىلەڭنى ماڭدۇرغىن، سەنمۇ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ماڭغىن، سىلەردىن ھېچكىم ئارقىسىغا قارىمىسۇن، بۇيرۇلغان يېرىڭلارغا قاراپ مېڭىڭلار». — ئەنەس ئالىم
-
وَقَضَيْنَا إِلَيْهِ ذَٰلِكَ الْأَمْرَ أَنَّ دَابِرَ هَٰؤُلَاءِ مَقْطُوعٌ مُصْبِحِينَ
سەھەردە بۇلار (يەنى لۇتنىڭ قەۋمى) نىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلىدۇ (يەنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىنىدۇ) دېگەن ھۆكۈمنى لۇتقا ۋەھىي قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
سەھەردە بۇلارنىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلىدۇ» دېگەن ھۆكۈمنى لۇتقا ۋەھىي قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز لۇتقا شۇ قەتئىي بۇيرۇقنى ۋەھىي قىلدۇق: «ئۇلار ئەتىگەنگە ئۇلاشقاندا يىلتىزى قۇرۇتىلىدۇ!». — ئەنەس ئالىم
(ئاللاھ ئېيتىدۇ:) «بىز لۇتقا قەۋمىنىڭ ئەتىگەندە تەلتۆكۈس ھالاك قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى قەتئىي ھۆكمىمىزنى بىلدۈردۇق»، يەنى پەرىشتىلەر لۇتقا «سەن ئائىلەڭنى ئېلىپ، ئائىلەڭ ئالدىدا سەن كەينىدە شامغا قاراپ مېڭىڭلار» دېيىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭغا قەۋمىنىڭ ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ھالاك قىلىنىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتتى. بۇلار، پەرىشتىلەر لۇتقا ئۆزلىرىنى تونۇتقاندىن كېيىن ئېيتقان سۆزلەردۇر. لېكىن ئۇلار لۇتنىڭ ئۆيىگە كىرىپ تېخى ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى تونۇتۇپ بولغۇچىلىك مۇنۇ ھادىسە بولغان ئىدى: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَجَاءَ أَهْلُ الْمَدِينَةِ يَسْتَبْشِرُونَ
(سەدۇم) شەھرىنىڭ ئاھالىسى (يەنى لۇتنىڭ قەۋمى) خۇشال بولۇشۇپ يېتىپ كېلىشتى — مۇھەممەد سالىھ
#نامى؟ — تەرجىمە ھەيئىتى
شەھەر خەلقى خۇشاللىق ئىچىدە لۇتنىڭ ئۆيىگە كەلدى. — ئەنەس ئالىم
(67-69) شەھەر ئاھالىسى (لۇتنىڭ قەۋمى)، لۇتنىڭ ئۆيىگە كېلىشكەن يىگىتلەرنىڭ كىرىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ (قەبىھ ئىشنى قىلىش مەقسىتىگە يېتىدىغانلىقى خىيالى بىلەن) سۆيۈنگەن ھالدا كېلىشتى. لۇت ئۇلارنى كۆرۈپ: «ئى قەۋمىم! بۇلار مېنىڭ مېھمانلىرىمدۇر، بۇلارغا چېقىلىپ مېنى رەسۋا قىلماڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، مېنى خىجىل قىلماڭلار» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ إِنَّ هَٰؤُلَاءِ ضَيْفِي فَلَا تَفْضَحُونِ
لۇت ئېيتتى: «بۇلار مېنىڭ مېھمىنىم، (ئۇلارغا چېقىلىپ قويۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا) مېنى رەسۋا قىلماڭلار — مۇھەممەد سالىھ
لۇت ئېيتتى: «بۇلار مېنىڭ مېھمىنىم، مېنى رەسۋا قىلماڭلار — تەرجىمە ھەيئىتى
لۇت ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «بۇلار مېنىڭ مېھمانلىرىم، مېنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا رەسۋا قىلماڭلار. — ئەنەس ئالىم
-
وَاتَّقُوا اللَّهَ وَلَا تُخْزُونِ
ئاللاھتىن قورقۇڭلار (مېھمىنىمنى خارلاش ئارقىلىق) مېنى خارلىماڭلار» — مۇھەممەد سالىھ
ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە مېنى خارلىماڭلار» — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، مېنى خىجىل قىلماڭلار». — ئەنەس ئالىم
-
قَالُوا أَوَلَمْ نَنْهَكَ عَنِ الْعَالَمِينَ
ئۇلار: «بىز سېنى كەلگەن مۇساپىرلارنى ھىمايە قىلىشتىن توسمىغانمىدۇق؟» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار: «بىز سېنى كەلگەن مۇساپىرلارنى ھىمايە قىلىشتىن توسمىغانمىدۇق؟» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار: «بىز سېنى باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىشتىن توسمىغانمىدۇق؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار لۇتقا: «بىز سېنى باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىشتىن (بىزنىڭ خالىغىنىمىزنى قىلىشقا ئېتىراز قىلىشتىن، باشقىلارنى بىزدىن قوغداشتىن) توسمىغانمۇ؟» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قَالَ هَٰؤُلَاءِ بَنَاتِي إِنْ كُنْتُمْ فَاعِلِينَ
لۇت: «بۇلار مېنىڭ قىزلىرىم (يەنى قەۋمىمنىڭ قىزلىرى) دۇر. ئەگەر (چېقىلماقچى) بولساڭلار (ئۇلارنى نىكاھلاپ ئېلىڭلار)» دېدى — مۇھەممەد سالىھ
لۇت: « ئەگەر نىكاھلانماقچى بولساڭلار، بۇلار مېنىڭ قىزلىرىمدۇر» دېدى — تەرجىمە ھەيئىتى
لۇت: «ئەنە شۇ ئاياللار مېنىڭ قىزلىرىم، خالىساڭلار ئۇلار بىلەن ئۆيلىنىڭلار» دېدى. — ئەنەس ئالىم
لۇت سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ قەۋمىگە يەنە مۇنداق دېدى: «شۇ ئاياللار مېنىڭ قىزلىرىمدۇر، خالىساڭلار ئۇلار بىلەن ئۆيلىنىڭلار» دېدى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَعَمْرُكَ إِنَّهُمْ لَفِي سَكْرَتِهِمْ يَعْمَهُونَ
(ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئەلۋەتتە گۇمراھلىقلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
-ئى مۇھەممەد!- سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئەلۋەتتە گۇمراھلىقلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! ھاياتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار خۇدىنى يوقاتقان ھالەتتە تېڭىرقاپ يۈرۈشەتتى. — ئەنەس ئالىم
(72-77) (ئاللاھ ئېيتىدۇ:) «ئى مۇھەممەد! ھاياتىڭ بىلەن قەسەمكى، لۇتنىڭ قەۋمى ئەقىل - ھوشىنى يوقىتىپ ئۆزلىرىنىڭ ئازغۇنلۇقىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشەتتى. ئۇلارنى قۇياش تۇغۇۋاتقان ئەسنادا دەھشەتلىك ئاۋاز باستى. بىز ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىنى كۆمتۈرۈۋېتىپ ئۈستىگە ساپال تاشلارنى ياغدۇردۇق. ئۇلارنى بۇ شەكىلدە جازالاشتا، دىققەت بىلەن قارىغانلارغا ھەقىقەتەن ئىبرەت ۋە نەسىھەتلەر بار. ئۇ يۇرتلارنىڭ خارابىلىكلىرى مەككىلىكلەرنىڭ شامغا بارىدىغان مۇقىم يولى ئۈستىدە مەۋجۇتتۇر. ئۇ خارابىلىكلەردە مۇئمىنلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىبرەت بار، ئۇلار ئۇ يەرلەرگە قاراپ ئاللاھنىڭ ھەددىدىن ئاشقانلاشلارنى جازالايدىغانلىقىنىڭ ئوچۇق دەلىلىنى كۆرىدۇ». ئاللاھ تائالا ئالدىنقى 61 ~ 77 - ئايەتلەردە لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلىدۇ. 78 ~ 84 - ئايەتلەردە بولسا، شۇئەيب ۋە سالىھ ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قىسسەلىرىنى قىسقىلا بايان قىلىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَأَخَذَتْهُمُ الصَّيْحَةُ مُشْرِقِينَ
كۈن چىقار ۋاقتىدا ئۇلارغا قاتتىق چۇقان يۈزلەندى — مۇھەممەد سالىھ
كۈن چىقار ۋاقتىدا ئۇلارغا قاتتىق چۇقان يۈزلەندى — تەرجىمە ھەيئىتى
كۈن چىقىۋاتقاندا ئۇلارنى دەھشەتلىك ئاۋاز باستى. — ئەنەس ئالىم
-
فَجَعَلْنَا عَالِيَهَا سَافِلَهَا وَأَمْطَرْنَا عَلَيْهِمْ حِجَارَةً مِنْ سِجِّيلٍ
بىز ئۇ شەھەرنى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىۋەتتۇق (يەنى كۆمتۈرۈۋەتتۇق) ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە (يامغۇردەك) ساپال تاش ياغدۇردۇق — مۇھەممەد سالىھ
بىز ئۇ شەھەرنى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىۋەتتۇق ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىىگە ساپال تاش ياغدۇردۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئۇلارنىڭ يۇرتلىرىنى كۆمتۈرۈپ، ئۈستىگە ساپال تاشلارنى ياغدۇردۇق. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِلْمُتَوَسِّمِينَ
ئۇنىڭدا (يەنى ئۇلارغا نازىل بولغان ئازابتا) كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار — مۇھەممەد سالىھ
بۇنىڭدا كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار — تەرجىمە ھەيئىتى
بۇنىڭدا دىققەت بىلەن كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەتلەر بار. — ئەنەس ئالىم
-
وَإِنَّهَا لَبِسَبِيلٍ مُقِيمٍ
ئۇ شەھەر (قۇرەيشلەر شامغا بارىدىغان) يول ئۈستىدە ھەقىقەتەن ھېلىمۇ مەۋجۇت تۇرماقتا — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ شەھەر-قۇرەيشلەر شامغا بارىدىغان- يول ئۈستىدە ھەقىقەتەن ھېلىمۇ مەۋجۇت تۇرماقتا — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئۇ يۇرتنىڭ خارابىلىكى ھازىرمۇ ئىنسانلار ئۆتۈپ تۇرىدىغان يول ئۈستىدىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَةً لِلْمُؤْمِنِينَ
بۇنىڭدا مۆمىنلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىبرەت بار — مۇھەممەد سالىھ
بۇنىڭدا مۇئمىنلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىبرەت بار — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ خارابىلىكتە مۇئمىنلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىبرەت بار. — ئەنەس ئالىم
-
وَإِنْ كَانَ أَصْحَابُ الْأَيْكَةِ لَظَالِمِينَ
ئەيكەلىكلەر (يەنى شۇئەيب قەۋمى)، شۈبھىسىزكى، زالىم ئىدى (يەنى كۇفرىدا ھەددىدىن ئاشقانلار ئىدى) — مۇھەممەد سالىھ
ئەيكە خەلقى، شۈبھىسىزكى، زالىم ئىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ئەيكەلىكلەرمۇ زالىم كىشىلەر ئىدى. — ئەنەس ئالىم
(78-84) ئاللاھ ئېيتىدۇ: «شۇئەيبنىڭ قەۋمى ئەيكەلىكلەرمۇ ھەقىقەتەن زالىم ئىدى، شۇڭلاشقا بىز ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالدۇق. لۇتنىڭ ۋە شۇئەيبنىڭ قەۋملىرىنىڭ خارابىلىكلىرى، مەككىلىكلەر شامغا ماڭىدىغان ئوچۇق يول ئۈستىدىدۇر. ھىجرلىكلەرمۇ تەرىپىمىزدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى. بىز ئۇلارغا ئەلچىلىرىمىز ئارقىلىق كامالى قۇدرىتىمىز ۋە يەككە - يېگانە ئىلاھ ئىكەنلىكىمىزنىڭ روشەن دەلىللىرىنى كۆرسەتتۇق. ئۇلار بولسا، ئۇ دەلىللەرگە پەرۋا قىلمىدى، ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ھېچ تەپەككۇر قىلمىدى ۋە ئۇلارنى قەتئىي رەت قىلدى. ئۇلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلۈك ۋە مېمارچىلىقتا تەرەققىي قىلغان قەۋم بولۇپ، تاغلاردىن (تاشلارنى ئويۇپ) ئۆيلەر ياسايتتى ۋە ئىچىدە خاتىرجەم ئولتۇراتتى. ئۇلار كۇفرىلىق ۋە ئاسىيلىقتا ئەزۋەيلىگەنلىكى ئۈچۈن بىز ئۇلارنى سۈبھى ۋاقتىدا دەھشەتلىك ئاۋاز بىلەن ھالاك قىلىۋەتتۇق. ئۇلارنىڭ مال - مۈلۈكلىرى ۋە مۇستەھكەم ئىمارەتلىرى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمىدى». «ئەيكە - أيكة»، لۇغەتتە قويۇق ئورمان، ئورمانلىق، دەرەخلىك دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، شۇئەيب ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن يۇرتنىڭ بىر ئىسمىدۇر. ئاللاھ تائالا 1 ~ 84 - ئايەتلەردە تەۋھىد، نۇبۇۋۋەت ۋە قىيامەتنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى دەلىللىرى بىلەن بىلدۈرىدۇ؛ بۇ ئۈچ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلغانلارغا مۇكاپات، رەت قىلغانلارغا جازا بارلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ ۋە بىرقانچە پەيغەمبەرنىڭ قىسسەلىرىنى بايان قىلىپ، بۇ ئۇقتۇرۇشىنى تەكىتلەيدۇ، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىدۇ ۋە كافىرلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. 85 ~ 99 - ئايەتلەردە بولسا، يۇقىرىدىكى قىسسەلەردە ھالاك قىلغانلىقىنى بايان قىلغان قەۋملەرنى ھالاك قىلىشنىڭ ھېكمىتىنى چۈشەندۈرىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىلىشى ۋە قىلماسلىقى كېرەك بولغان ئىشلارنى بىلدۈرىدۇ، كافىرلارنى ئاگاھلاندۇرۇشنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىشنى قايتا تەكىتلەيدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَانْتَقَمْنَا مِنْهُمْ وَإِنَّهُمَا لَبِإِمَامٍ مُبِينٍ
(شۇئەيبنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار (يەنى بۇ ئىككى شەھەر) نىڭ ھەر ئىككىلىسى، شۈبھىسىزكى، ئاشكارا يول ئۈستىدىدۇر (ئى مەككە ئاھالىسى! ئۇلاردىن ئىبرەت ئالمامسىلەر؟) — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى، شۈبھىسىزكى، ئاشكارا يول ئۈستىدىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئۇلاردىنمۇ ئىنتىقام ئالدۇق. ھەر ئىككى يۇرتنىڭ خارابىلىكى ئوچۇق يول ئۈستىدىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
وَلَقَدْ كَذَّبَ أَصْحَابُ الْحِجْرِ الْمُرْسَلِينَ
ھىجرىلىكلەر ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى (يەنى ئۇلارنىڭ سالىھ ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلىقى باشقا پەيغەمبەرلەرنىمۇ ئىنكار قىلغانلىقىدۇر) — مۇھەممەد سالىھ
ھىجر خەلقى ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنى يالغانغا چىقاردى — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، ھىجرلىكلەر ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرنى يالغانچى دېدى. — ئەنەس ئالىم
-
وَآتَيْنَاهُمْ آيَاتِنَا فَكَانُوا عَنْهَا مُعْرِضِينَ
ئۇلارغا مۆجىزىلىرىمىزنى كەلتۈردۇق (يەنى تاشتىن چىشى تۆگە چىقىرىشتەك قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان مۆجىزىلەرنى ئۇلارغا كۆرسەتتۇق)، ئۇلار بۇ (مۆجىزە) لەردىن يۈز ئۆرۈدى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارغا مۆجىزىلىرىمىزنى كەلتۈردۇق، ئۇلار بۇ مۆجىزەلەردىن يۈز ئۆرۈدى — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئۇلارغا ئايەتلىرىمىزنى بەردۇق، ئۇلار ئۇ ئايەتلەردىن يۈز ئۆرىدى. — ئەنەس ئالىم
-
وَكَانُوا يَنْحِتُونَ مِنَ الْجِبَالِ بُيُوتًا آمِنِينَ
ئۇلار (ئازابتىن) ئەمىن بولغان ھالدا تاغلارنى تېشىپ (بۇ بىزنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلايدۇ دەپ) ئۆي سالاتتى — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار ئازابتىن ئەمىن بولغان ھالدا تاغلارنى تېشىپ ئۆي سالاتتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار ئەمىنلىكتە بولۇش ئۈچۈن تاغلارنى ئويۇپ ئۆيلەرنى ياسايتتى. — ئەنەس ئالىم
-
فَأَخَذَتْهُمُ الصَّيْحَةُ مُصْبِحِينَ
لېكىن قاتتىق چۇقان سەھەردىلا ئۇلارنى ھالاك قىلدى — مۇھەممەد سالىھ
لېكىن قاتتىق چۇقان سەھەردىلا ئۇلارنى ھالاك قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى
لېكىن ئۇلارنى سەھەر ۋاقتىدا دەھشەتلىك ئاۋاز باستى، — ئەنەس ئالىم
-
فَمَا أَغْنَىٰ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمگەكلىرى ئۆزلىرىگە ئەسقاتمىدى (يەنى ئۇلارنىڭ سالغان بىنالىرى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالمىدى) — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمگەكلىرى ئۆزلىرىگە ئەسقاتمىدى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلارغا ئىلكىدىكى نەرسىلىرى ئەسقاتمىدى[6]. — ئەنەس ئالىم
-
وَمَا خَلَقْنَا السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَا إِلَّا بِالْحَقِّ ۗ وَإِنَّ السَّاعَةَ لَآتِيَةٌ ۖ فَاصْفَحِ الصَّفْحَ الْجَمِيلَ
بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى نەرسىلەرنى پەقەت ھەق ئاساسىدىلا ياراتتۇق، قىيامەتنىڭ بولۇشى چوقۇمدۇر، (ئى مۇھەممەد! نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن، ئۇلارغا) چىرايلىق مۇئامىلىدە بولغىن — مۇھەممەد سالىھ
بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى نەرسىلەرنى پەقەت ھەق ئاساسىدىلا ياراتتۇق، قىيامەتنىڭ بولۇشى چوقۇمدۇر، -ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا- چىرايلىق مۇئامىلىدە بولغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھەق بىلەن ياراتتۇق. قىيامەت ئەلۋەتتە قايىم بولىدۇ. شۇڭا چىرايلىق مۇئامىلىدە بولغىن[7]. — ئەنەس ئالىم
بىز ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى، ئىنسانلارغا ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن مۇۋاپىق شارائىت ھازىرلاش، ئۇلارغا ياخشى - ياماننى تاللاشتا ئىختىيار بېرىش، ئۇلاردىن شۈكۈر قىلىشىنى تەلەپ قىلىش، ئاندىن شۈكۈر قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش، تۇزكورلۇق قىلغانلارنى جازالاش، شۇنداقلا قۇدرەت، ھېكمەت، رەھمەت ۋە ئادالىتىمىزنى نامايان قىلىش ئۈچۈنلا ياراتقان. شۇڭلاشقا بىز ئىلگىرى ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىمىزگە ئەگەشكەنلەرنى مۇكاپاتلاپ ئۇلارغا نۇسرەت ئاتا قىلدۇق، ئەگەشمىگەنلەرنى جازالاپ ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق. مۇكاپاتلار ۋە جازالار بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەيدۇ، ئەكسىچە قىيامەت چوقۇم قايىم بولىدۇ ، تولۇق مۇكاپاتلار ۋە تولۇق جازالار شۇ كۈنى ۋە شۇ قىيامەت مەيدانىدا ئۆز ئىگىلىرىگە بېرىلىدۇ. ئى مۇھەممەد! بۇ سەۋەبتىن سەن قەۋمىڭنىڭ ئەسكىلىكلىرىگە خاپا بولۇپ كەتمىگىن، كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلمىغىن ۋە غەمكىن بولمىغىن. ئۇلارغا چىرايلىق مۇئامىلىدە بولۇشنى داۋاملاشتۇرغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ رَبَّكَ هُوَ الْخَلَّاقُ الْعَلِيمُ
پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھەممىنى ياراتقۇچىدۇر، (بەندىلەرنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
رەببىڭ ھەقىقەتەن ئەڭ ئۇستا ياراتقۇچىدۇر، بەندىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ھەر نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، بىلگۈچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
بىلگىنكى، سېنىڭ ئىگەڭ ئاللاھ قىيامەتنى قايىم قىلىپ بارلىق ئىنسانلارنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە، ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشقا ۋە ھەر كىشىگە ھېسابىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرسىتىشكە قادىردۇر، چۈنكى ئۇ خالىغان ھەر نەرسىسىنى يارىتالايدىغان ۋە ھەر نەرسىنى بىلىدىغان زاتتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَلَقَدْ آتَيْنَاكَ سَبْعًا مِنَ الْمَثَانِي وَالْقُرْآنَ الْعَظِيمَ
(نامازدا) تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان يەتتە ئايەتنى (يەنى سۈرە فاتىھەنى) ۋە ئۇلۇغ قۇرئاننى ھەقىقەتەن ساڭا ئاتا قىلدۇق — مۇھەممەد سالىھ
تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان يەتتە ئايەتنى ۋە ئۇلۇغ قۇرئاننى ھەقىقەتەن ساڭا ئاتا قىلدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بىز ساڭا مەسانىدىن يەتتىنى ۋە ئۇلۇغ قۇرئاننى ئاتا قىلدۇق[8]. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! بىز (ئاللاھ) ساڭا ئەڭ بۈيۈك نېمەت بولغان قۇرئاننى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ مەنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرە فاتىھەنى ئاتا قىلدۇق. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
لَا تَمُدَّنَّ عَيْنَيْكَ إِلَىٰ مَا مَتَّعْنَا بِهِ أَزْوَاجًا مِنْهُمْ وَلَا تَحْزَنْ عَلَيْهِمْ وَاخْفِضْ جَنَاحَكَ لِلْمُؤْمِنِينَ
بەزى كاپىرلارنىڭ بىز بەھرىمەن قىلغان نەرسىلىرىگە كۆز سالمىغىن، ئۇلار (نىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن) قايغۇرمىغىن، مۆمىنلەرگە كەمتەر بولغىن — مۇھەممەد سالىھ
بەزى كاپىرلارنىڭ بىز بەھرىمەن قىلغان نەرسىلىرىگە كۆز سالمىغىن، ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرمىغىن، مۇئمىنلارغا كەمتەر بولغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز بىر قىسىم كافىرلارغا بەرگەن دۇنيا مەنپەئەتلىرىگە كۆز سالمىغىن، ئۇلارغا قايغۇرمىغىن، مۇئمىنلارغا كەمتەر بولغىن. — ئەنەس ئالىم
شۇڭلاشقا بىز ئۇ مۇشرىكلارنىڭ بەزىلىرىگە بەرگەن ۋاقىتلىق دۇنيا مەنپەئەتلىرىگە ھەۋەس قىلمىغىن، ئۇلار ساڭا ئىشەنمىسە قايغۇرمىغىن. سەن ئۆزۈڭگە ئىشەنگەنلەرگە كەمتەر بولغىن، سىلىق بولغىن ۋە مېھىر - شەپقەت قىلغىن، ئىنكارچىلارنى ماڭا قويغىن، چارىسىنى ئۆزۈم كۆرىمەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَقُلْ إِنِّي أَنَا النَّذِيرُ الْمُبِينُ
«مەن ھەقىقەتەن (سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ نازىل بولۇشىدىن) ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
«مەن ھەقىقەتەن ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» دېگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «مەن ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن». — ئەنەس ئالىم
(89-90) ئى مۇھەممەد! سەن ھەقنى يەتكۈزگىن، ئىشەنگەنلەرگە خۇش خەۋەر بەرگىن، ئىنكار قىلغانلارنى ئاگاھلاندۇرغىن، مۇشۇنداق قىلساڭ ۋەزىپەڭنى ئادا قىلغان بولىسەن. بىلگىنكى، ھېساب ئېلىش بىزنىڭ ئىشىمىزدۇر. ئى مۇھەممەد! بىز (قۇرئاننى) پارچىلىغان ئەھلى كىتابلارغا تەۋرات ۋە ئىنجىلنى نازىل قىلغاندەك، ساڭا يەتتە مەسانى ۋە ئۇلۇغ قۇرئاننى نازىل قىلدۇق. «مەسانىدىن يەتتە» - سۈرە فاتىھەنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىلئالەمىن (سۈرە فاتىھە) ماڭا بېرىلگەن سەبئۇلمەسانى ۋە ئۇلۇغ قۇرئاندۇر». «مەسانىدىن يەتتە» - ئىپادىسىنىڭ جۈملىدىكى ئورنىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ، چۈنكى «سەبئەن» مۇئەننەس نەرسىنى ئىپادىلەيدىغان سان بولۇپ، بۇ يەردە «ئاتا قىلدۇق» پېئىلىنىڭ تولدۇرغۇچىسى بولۇپ كەلگەن. «مىنەلمەسانى» «سەبئەن»نىڭ سۈپىتى (ئېنىقلىغۇچىسى)دۇر، «مىن ﴿مِّن﴾» ئېنىقلاش (بەيانىي) ئۈچۈندۇر. شۇنداق بولغاندا «مەسانىدىن يەتتە» - «مەسانى دەپ سۈپەتلەنگەن قۇرئاننىڭ مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان يەتتە ئايەتلىك سۈرە» دېگەن بولىدۇ. «ۋە ئۇلۇغ قۇرئان»دىكى «ۋە» چۈشەندۈرمە باغلىغۇچى، «ئۇلۇغ قۇرئان» چۈشەندۈرمە باغلانغۇچى (ئەتفى تەفسىر) بولۇپ، «مەسانىدىن يەتتە»نىڭ يەنى سۈرە فاتىھەنىڭ «ئۇلۇغ قۇرئان» ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. دېمەككى، يەتتە ئايەتلىك سۈرە فاتىھە باشقا سۈرىلەردە تەپسىلىي بايان قىلىنغان تەۋھىد، ئىبادەت، ئەخلاق، قىسسە، قىيامەت، ھېساب، مۇئمىنلارغا مۇكاپات، ئاسىيلارغا جازا قاتارلىقلارنىڭ خۇلاسىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. «سۈرە فاتىھە قۇرئاننىڭ ئانىسىدۇر» دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىسلەرمۇ بۇ مەنىنى تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
كَمَا أَنْزَلْنَا عَلَى الْمُقْتَسِمِينَ
پارچىلىۋەتكۈچىلەرگە (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا تەۋرات بىلەن ئىنجىلنى) نازىل قىلغاندەك (ساڭا سۈرە فاتىھە بىلەن ئۇلۇغ قۇرئاننى نازىل قىلدۇق) — مۇھەممەد سالىھ
پارچىلىۋەتكۈچىلەرگە نازىل قىلغاندەك - ساڭىمۇ قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلدۇق- — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز پارچىلىۋەتكۈچىلەرگىمۇ كىتاب نازىل قىلغان ئىدۇق. — ئەنەس ئالىم
-
الَّذِينَ جَعَلُوا الْقُرْآنَ عِضِينَ
ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) قۇرئاننى پارچە ـ پارچە قىلىۋەتتى (يەنى قۇرئاننىڭ بەزىسىگە ئىشىنىپ، بەزىسىنى ئىنكار قىلدى) — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار قۇرئاننى پارچە ـ پەرچە قىلىۋەتتى — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار قۇرئاننى پارچىلارغا ئايرىغانلاردۇر[9]. — ئەنەس ئالىم
ئۇلار قۇرئاننى، ئۆز كىتابلىرىغا مۇۋاپىق كۆرگەن يەرلىرىنى ھەق، مۇۋاپىق كۆرمىگەن يەرلىرىنى باتىل دەپ پارچە - پارچە قىلغان يەھۇدىيلار ۋە ناسارالاردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَوَرَبِّكَ لَنَسْأَلَنَّهُمْ أَجْمَعِينَ
پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى خالايىق) نىڭ ھەممىسىنىڭ (بۇ دۇنيادا) قىلغان ئىشلىرىنى چوقۇم سورايمىز — مۇھەممەد سالىھ
رەببىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەسئۇلىيەتكە تارتىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
رەببىڭ بىلەن قەسەمكى، بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سوراققا تارتىمىز، — ئەنەس ئالىم
(92-96) ئى مۇھەممەد! رەببىڭ بىلەن قەسەمكى، بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلمىشلىرى توغرۇلۇق سوئال - سوراق قىلىمىز. ئۇنداقتا سەن دەۋەت پائالىيىتىڭنى ئاشكارا ھالدا يۈرۈتكىن، مۇشرىكلارنىڭ ئىنكار ۋە مەسخىرە قىلىشلىرىغا پەرۋا قىلمىغىن. سېنى مەسخىرە قىلغان مۇشرىكلارغا بىز تېتىيمىز، ئۇلار يېقىندا قىلمىشلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلىدۇ. ئەسكەرتىش: بۇ يەردە (92 - ئايەتتە) گۇناھكارلاردىن قىيامەت كۈنى گۇناھلىرى توغرۇلۇق سوئال سورىلىدىغانلىقى، باشقا بىر ئايەتتە سوئال سورالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلىدۇ. دېمەككى، گۇناھكارلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئاللاھ تائالا بىلگەنلىكى ۋە مۇئەككەل پەرىشتىلەر يېزىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن (قانداق گۇناھلارنى قىلدىڭلار؟» دەپ سوئال سورالمايدۇ، لېكىن «بۇ گۇناھنى نېمىشقا قىلدىڭلار؟ ئۇ جىنايەتنى نېمە ئۈچۈن ئۆتكۈزدۈڭلار؟» دەپ ئەيىبلەش، تەنقىدلەش ۋە سىلكىشتۈرۈش ئۈچۈن سوئال سورىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
عَمَّا كَانُوا يَعْمَلُونَ
پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى خالايىق) نىڭ ھەممىسىنىڭ (بۇ دۇنيادا) قىلغان ئىشلىرىنى چوقۇم سورايمىز — مۇھەممەد سالىھ
قىلغان ئىشلىرى توغرىسىدا — تەرجىمە ھەيئىتى
قىلمىشلىرى توغرىسىدا. — ئەنەس ئالىم
-
فَاصْدَعْ بِمَا تُؤْمَرُ وَأَعْرِضْ عَنِ الْمُشْرِكِينَ
ساڭا بۇيرۇلغاننى (يەنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىنى) ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغىن، مۇشرىكلار (نىڭ مەسخىرىلىرىگە) پەرۋا قىلمىغىن — مۇھەممەد سالىھ
ساڭا بۇيرۇلغاننى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغىن، مۇشرىكلارنىڭ مەسخىرەلىرىگە پەرۋا قىلمىغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ ھالدا، ساڭا بۇيرۇلغاننى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغىن، مۇشرىكلاردىن يۈز ئۆرۈگىن. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّا كَفَيْنَاكَ الْمُسْتَهْزِئِينَ
سېنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا بىز چوقۇم تېتىيمىز — مۇھەممەد سالىھ
سېنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا بىز چوقۇم تېتىيمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز سېنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا ئەلۋەتتە تېتىيمىز. — ئەنەس ئالىم
-
الَّذِينَ يَجْعَلُونَ مَعَ اللَّهِ إِلَٰهًا آخَرَ ۚ فَسَوْفَ يَعْلَمُونَ
ئۇلار باشقا مەبۇدلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىدۇ، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلار باشقا مەبۇدلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىدۇ، ئۇلار ئۇزاققا قالماي ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھ بىلەن بىرگە باشقا بىر ئىلاھقىمۇ چوقۇنىدۇ. ئۇلار يېقىندا بىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
وَلَقَدْ نَعْلَمُ أَنَّكَ يَضِيقُ صَدْرُكَ بِمَا يَقُولُونَ
بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن يۈرىكىڭنىڭ سىقىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز — مۇھەممەد سالىھ
بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن يۈرىكىڭنىڭ سېقىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن يۈرىكىڭنىڭ سىقىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز. — ئەنەس ئالىم
(97-99) ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارنىڭ سېنى مەسخىرە قىلىشى، ھاقارەت قىلىشى ۋە ئىنكار قىلىشى ھەقىقەتەن يۈرىكىڭنى سىقىۋاتىدۇ، بىز بۇنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمىز. ئۇنداقتا سەن رەببىڭگە تەسبىھ ئېيتىش، ھەمدۇسانا ئېيتىش ۋە ناماز ئۆتەش قاتارلىق ئىبادەتلەرنى داۋاملاشتۇرغىن ۋە ئاخىرقى نەپەسىڭغىچە رەببىڭگە ئىبادەت قىلىشقا تىرىشقىن. شۇنداق قىلساڭ دەرد - ئەلەملىرىڭ يەڭگىللەيدۇ، كۆڭلۈڭ ئېچىلىپ قالىدۇ، ئىچىڭ راھەتلىنىدۇ، ئەڭ مۇھىمى رەببىڭنىڭ نۇسرىتىگە ئېرىشىسەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ وَكُنْ مِنَ السَّاجِدِينَ
پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدۇ ۋە تەسبىھ ئېيتقىن ھەم سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولغىن — مۇھەممەد سالىھ
رەببىڭگە ھەمدۇ ۋە تەسبىھ ئېيتقىن، ھەم سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
سەن رەببىڭگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن، سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولغىن، — ئەنەس ئالىم
-
وَاعْبُدْ رَبَّكَ حَتَّىٰ يَأْتِيَكَ الْيَقِينُ
سەن ئۆزۈڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە (يەنى ئەجىلىڭ يەتكەنگە) قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلغىن — مۇھەممەد سالىھ
سەن ئۆزۈڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر رەببىڭگە ئىبادەت قىلغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۆلۈم كەلگەنگە قەدەر رەببىڭگە ئىبادەت قىلغىن! — ئەنەس ئالىم