فاتىھە سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 7 ئايەتمەنىسى: مۇقەددىمە، ئاچقۇچ. ئاتىلىش سەۋەبى: بۇ سۈرىنىڭ جەمئىي 12 ئىسمى بار، «قۇرئان كەرىم» ۋە نامازلارمۇ مۇشۇ سۈرە بىلەن باشلىنىدۇ.
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن — مۇھەممەد سالىھ
ناھايىتى شەپقەتلىك، مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن) — تەرجىمە ھەيئىتى
ياخشىلىقى چەكسىز، ئىنئامى كۆپ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن[1]. — ئەنەس ئالىم
«بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم» ئاللاھ تائالا تۇنجى نازىل قىلغان ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: ﴿اقْرَأْ بِاسْمِ رَبِّكَ الَّذِي خَلَقَ﴾ «ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن!». ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ. بۇنىڭ مەنىسى: ئى ئوقۇغۇچى! ئوقۇغان چېغىڭدا ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ياد ئەتكىن ۋە تىلىڭغا جارى قىلغىن، ھەر ئوقۇشۇڭدا ئاللاھتىن ياردەم تىلىگىن، ئۇنىڭغا تايانغىن، ئۇنىڭغا تېۋىنغىن؛ ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشتە پەقەت ئۇنىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگىن دېگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە 113 سۈرىنىڭ بېشىدا «بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم» دېيىش ئارقىلىق بەندىلىرىگە ئىشنى مۇشۇنداق دەپ باشلاشنى ئۆگەتمەكتە. «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: مەن بۇ ئىشنى ئاللاھنىڭ ئەمرى، يولغا قويۇشى ۋە رۇخسىتى بويىچە، ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىش بىلەن باشلايمەن، ئاللاھتىن ياردەم ۋە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىمەن، ئاللاھتىن بۇ ئىشنى ياخشى نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ بېرىشىنى، مەن ئۈچۈن خەيرلىك ۋە بەرىكەتلىك قىلىپ بېرىشىنى تىلەيمەن دېگەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر — مۇھەممەد سالىھ
بارلىق ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى، — تەرجىمە ھەيئىتى
«ئالەملەرنىڭ رەببىگە ھەمدۇسانالار بولسۇن» «ھەمد (حمد)» - ماختىماق، مەدھىيەلىمەك، تەشەككۈر بىلدۈرمەك، ھەمدۇسانا ئېيتماق دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. بۇ سۆزنىڭ بېشىدىكى ئەلىف لام «ال» بۇنىڭ ھەقىقىي تۈردىكىسىنى ئىپادىلەيدۇ. «لىللاھ (لله)»نىڭ بېشىدىكى لام (ل) بۇنىڭ ئاللاھقىلا ئېيتىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇلارغا ئاساسەن بۇ جۈملىنىڭ تەرجىمىسى: «ھەقىقىي ماختاشلار ۋە چىن مەدھىيەلەر پەقەت ئاللاھقىلا ئېيتىلىدۇ» دېگەن بولىدۇ. ئەسلىدە بۇ جۈملىنى ئوقۇغان كىشى ئاللاھ تائالاغا ئۆزى ھەمدۇسانا ئېيتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ تەرجىمىدىن ئاللاھقا باشقىسىنىڭ ھەمدۇسانا ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلغاندەك مەنىمۇ چىقىپ قالىدۇ. شۇڭا بۇ جۈمنىلىگە «ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!» دەپ مەنە تەرجىمىسى بېرىلدى. بۇ تەرجىمىنىڭ مەنىسى «پۈتۈن ياخشىلىقلارنى پەقەتلا ئاللاھ ئاتا قىلغان، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى نېمىدېگەن ئۇلۇغ، مەرھەمىتى نېمىدېگەن كەڭ، بايلىقى نېمىدېگەن چەكسىز، پەزلى - ئېھسانى نېمىدېگەن ھېسابسىز! نېمەتلىرى نېمىدېگەن سان - ساناقسىز!» دېگەن بولۇپ، «ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن!» دېگەن كىشى ئاللاھنى ئەنە شۇ ھۆرمەت سۆزلىرى بىلەن ماختىغان بولىدۇ، ئاللاھقا مەدھىيە ئوقۇغان بولىدۇ. «رەب»نىڭ مەنىسى ياراتقۇچى، رىزىق بىلەن تەمىنلىگۈچى ۋە باشقۇرغۇچى دېگەن بولىدۇ. «ئالەملەر» - ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى، مەشرىق، مەغرىب ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى، ئادەم ئاتىدىن تارتىپ قىيامەتكە قەدەر پۈتكۈل ئىنسانلارنى كۆرسىتىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ
ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
(دۇنيادا ھەممىگە) شەپقەتلىك، (ئاخىرەتكە مۆمىنلەرگە) مېھرىبان، — تەرجىمە ھەيئىتى
«چەكسىز ياخشىلىق قىلغۇچى ، كۆپ ئىنئام ئاتا قىلغۇچى» «رەھمان» سان - ساناقسىز ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلغۇچى دېگەن بولىدۇ. ئۇ ياخشىلىقلار يارىتىش ۋە ماددىي - مەنىۋى پۈتۈن ئېھتىياجلىق نەرسىلەر بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت. ئاللاھ تائالا رەھمان سۈرىسى دەپ سۈرە نازىل قىلغان، رەھمان (الرَّحْمَنُ) كەلىمىسىنى ئۇ سۈرىنىڭ بىرىنچى ئايىتى قىلغان، كېيىنكى ئايەتلەردە ئۆزىنىڭ جىن ۋە ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان پۈتكۈل نېمەتلىرىنى ئەسلەتكەن. بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ نېمەتلەرنى ئۆزىنىڭ رەھمانلىق سۈپىتى بىلەن ئاتا قىلغانلىقىنى ۋە رەھماننىڭ مەنىسىنىڭ بۇ نېمەتلەرنى ئاتا قىلغۇچى دېگەن بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك، قۇرئان كەرىمنىڭ باشقا يەرلىرىدە «رەھمان» ئىسمى «رەھىم» ئىسمىدىن ئىلگىرى زىكىر قىلىنىدۇ ۋە «رەھمان» ئىسمى يالغۇز زىكىر قىلىنغان ئايەتلەردە ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز نېمەتلىرى ۋە دائىمىي ياخشىلىقلىرى بايان قىلىنىدۇ. مەسىلەن: بۇ يەردە «رەھمان» «رەببىلئالەمىين»دىن كېيىن كەلگەن. بۇ، ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ تائالانىڭ «رەب»لىكنى يەنى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنى يارىتىش، باشقۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ھەر تۈرلۈك ئېھتىياجلىرىنى قامداشنى ئۆزىنىڭ «رەھمان»لىق سۈپىتى بىلەن قىلغانلىقىنى، نەتىجىدە پۈتۈن «ئالەملەر»گە چەكسىز ياخشىلىق قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇلارنىڭ سەۋەبىدىن «رەھمان» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى «ياخشىلىقى چەكسىز، چەكسىز ياخشىلىق قىلغۇچى، ھېچ ئايرىماستىن بارلىق مەخلۇقاتنىڭ پۈتۈن ئېھتىياجلىرىنى قامدىغۇچى» دەپ ئىپادىلەندى. «رەھىم» كەلىمىسى قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالانىڭ خۇسۇسىي رەھمىتى (ئىنئامى) زىكىر قىلىنغان ئايەتلەردە كەلگەن. مەسىلەن: ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنغانلىقى زىكىر قىلىنغان ئايەتتە، گۇناھىدىن تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتكەنلەرگە تەۋبىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنغان ئايەتلەردە، «ھۆكۈملىرى كېچىكتۈرۈلگەن ئۈچ كىشى»نىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنغانلىقى زىكىر قىلىنغان ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ «رەھىم» دېگەن چىرايلىق ئىسمى كەلگەن. شۇنىڭدەك، چارىسىز قالغانلارغا جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالغۇدەك مىقداردا ھارام يېيىشكە رۇخسەت بېرىلگەنلىكى بايان قىلىنغان ئايەتلەردە ، ئاللاھ تائالانىڭ خالىغان كىشىگە پەزلىدىن ئاتا قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان ئايەتتە، بەزى كىشىلەرگە ئاتا قىلىنغان خۇسۇسىي نېمەتلەر بايان قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاللاھ تائالانىڭ «رەھىم» دېگەن چىرايلىق ئىسمى كەلگەن. جەننەت ئەھلىگە ئاتا قىلىنغان نېمەتلەر زىكىر قىلىنغان ئايەتلەردىمۇ«رەھىم» دېگەن چىرايلىق ئىسمى كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن «رەھىم» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى «كۆپ ئىنئام ئاتا قىلغۇچى، ئارتۇق مۇكاپات بەرگۈچى» دەپ ئىپادىلەندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَالِكِ يَوْمِ الدِّينِ
قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر — مۇھەممەد سالىھ
قىيامەت كۈننىڭ ئىگىسى-ئاللاھقا خاستۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
جازا ۋە مۇكاپات كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر[6]. — ئەنەس ئالىم
«دىن (جازا ۋە مۇكاپات) كۈنىنىڭ ئىگىسى» «مالىك» دېگەن سۆز قۇرئان كەرىمدە ئىككى يەردە ئاللاھ ئۈچۈن «ئىگە» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ: بىرى مۇشۇ يەردە، يەنە بىرى 3 - سۈرە ئال (ئىمران)نىڭ 26 - ئايىتىدە. «يەۋمىددىن» ئىزافەتلىك بىرىكمە بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە 13 يەردە «يەۋمىددىن، يەۋمۇددىن، يەۋمەددىن» دېگەن شەكىللەردە كېلىدۇ. كۈن مەنىسىدىكى «يەۋم» كەلىمىسىنىڭ ئاخىرىدىكى مىم «م» ھەرىپى جۈملىدىكى ئورنى ئېتىبارى بىلەن، زىر ياكى زەۋەر ۋە ياكى پەش ئوقۇلىدۇ، لېكىن مەنىسى ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ يەردە «مالىك»نىڭ ئېنىقلىغۇچىسى بولۇپ «يەۋمىددىن» دېگەن شەكىلدە كېلىدۇ. «دىن» كەلىمىسى قۇرئان كەرىمدە 80 قېتىم ئەتراپىدا ئاساسەن ئىسىم ھالىتىدە كېلىدۇ ۋە بىلىنگەن «دىن» مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. لېكىن ئىككى يەردە مەسدەر ھالىتىدە كېلىپ، بىر يەردە جازا مەنىسىدە، يەنە بىر يەردە جازالاش ۋە مۇكاپاتلاش مەنىسىدە كېلىدۇ. بۇ ئايەتتىكى «دىن» كەلىمىسى ئىسىم بولغاندا، «مالىكى يەۋمىددىن»نىڭ مەنىسى «دىننىڭ ھېسابى سورىلىدىغان كۈننىڭ ئىگىسى»، مەسدەر بولغاندا «جازالاش ۋە مۇكاپاتلاش كۈنىنىڭ ئىگىسى» دېگەن شەكلىدە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممە كۈننىڭ ئىگىسى تۇرۇقلۇق، بۇ ئايەتتە «دىن كۈنىنىڭ ئىگىسى» دېيىلىشى، ئۇ كۈندىكى جازالاش ۋە مۇكاپاتلاشنى ياكى دىننىڭ ھېسابىنى ئېلىشنى پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىلا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ھېچكىمنىڭ ھېچكىم ئۈچۈن ھېچقانداق ئىش قىلىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەش ئۈچۈندۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ
(رەببىمىز) ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز — مۇھەممەد سالىھ
(ئى رەببىمىز!) بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا مەدەت تىلەيمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
«ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز، سەندىلا ياردەم تىلەيمىز» «ئىبادەت»نىڭ مەنىسى تەزىم ۋە مۇھەببەت بىلەن ئىتائەت قىلماق دېگەن بولۇپ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش - ئاللاھنىڭ ئەمرلىرىگە ئەستايىدىللىق بىلەن بويسۇنۇش، چەكلىمىلىرىدىن كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن ساقلىنىش ۋە نەسىھەتلىرىگە چىن ئىخلاس بىلەن قۇلاق سېلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا «تەزىم ۋە مۇھەببەت بىلەن ئىتائەت قىلىش»نىڭ ئىپادىسىدۇر. پەيغەمبەرلەر بۇنىڭ ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن، كىتابلار بۇنىڭ ئۈچۈن نازىل قىلىنغان. بۇ يەردىكى «ياردەم»، ئاللاھتىن غەيرىينىڭ كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلاردىكى ياردەمنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ياردەمنى ئاللاھتىن غەيرىيدىن تەلەپ قىلىش ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك ۋە كۇفرىلىق قىلغانلىق بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئۇ غەيرىينى «ئەھۋالىمنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ، سۆزۈمنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، قەيەردە بولسام ۋە قايسى تىل بىلەن چاقىرسام ماڭا ياردەم قىلىدۇ» دەپ ئېتىقاد قىلغانلىق بولىدۇ. بۇلار بولسا پەقەت ئاللاھنىڭلا سۈپىتىدۇر. ئەمما بىراۋنىڭ كۈچى يېتىدىغان، قولىدىن كېلىدىغان ۋە ياردەم قىلالايدىغان ئىشلاردا بىراۋدىن ياردەم تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ. قۇرئان كەرىمدە يەئجۇج ۋە مەئجۇجنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن قورققان قەۋم بىلەن زۇلقەرنەيننىڭ ئۆزئارا ياردەملىشىپ بىر سېپىل سېلىشى، مۇسانىڭ تەرەپدارىدىن بولغان كىشىنىڭ، مۇسانىڭ دۈشمىنىدىن بولغان كىشىگە قارشى مۇسادىن ياردەم تەلەپ قىلىشى زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ بىر ئىشتا ئاجىز كېلىپ قالغان كىشى ياردەم قىلىشقا كۈچى يېتىدىغان بىر كىشىدىن ياردەم تەلەپ قىلسا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا: ﴿وَتَعَاوَنُواْ عَلَى ٱلۡبِرِّ وَٱلتَّقۡوَىٰۖ﴾ «ياخشىلىققا ۋە تەقۋالىققا ياردەملىشىڭلار» دەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
اهْدِنَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ
بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن — مۇھەممەد سالىھ
سەن بىزنى ئىنئامىڭغا ئېرىشكەن، غەزىپىڭگە ئۇچرىمىغان، يولۇڭدىن ئازمىغان كىشىلەرنىڭ توغرا يولىغا باشلىغىن. — تەرجىمە ھەيئىتى
بىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلغىن[9]: — ئەنەس ئالىم
«بىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلغىن» «ھىدايەت»نىڭ قۇرئان كەرىمدە ئىككى تۈرلۈك مەنىسى بار: 1) باشلىماق، دەۋەت قىلماق، يېتەكلىمەك، كۆرسەتمەك. بۇنى ئاللاھ تائالا، ئاللاھ تائالانىڭ ئەلچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى قىلىدۇ. 2) توغرا يولدا مېڭىشقا مۇۋەپپەق قىلماق، توغرا يول ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغىلى نېسىپ قىلماق، توغرا يولدا دەپ قوبۇل قىلماق. بۇنى پەقەت ئاللاھ قىلىدۇ. «ھىدايەت»تىن تۈرلەنگەن كەلىمىلەرنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى ئورۇنلىرىغا ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ روھىغا قاراپ، يۇقىرىدىكى مەنىلەردىن بىرنى ياكى بىرقانچىسىنى بېرىشكە بولىدۇ. «توغرا يول - سىراتى مۇستەقىم»غا كەلسەك، ئۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتۇر، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأَنِ ٱعۡبُدُونِيۚ هَٰذَا صِرَٰطٞ مُّسۡتَقِيمٞ ٦١﴾ «ماڭا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر». ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئاللاھقا تەزىم ۋە مۇھەببەت بىلەن ئىتائەت قىلىش دېمەكتۇر. بۇ، ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىغا ئەستايىدىللىق بىلەن بويسۇنۇشنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا 6 - سۈرە (ئەنئام)نىڭ 151 - ۋە 152 - ئايەتلىرىدە مۇھىم بىر قىسىم ئەمر - پەرمانلىرىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن 153 - ئايىتىدە ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ «توغرا يولى» ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانلىرىنى قۇرئان كەرىم ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا قۇرئانغا چىڭ ئېسىلىش «توغرا يول»دا بولغانلىقتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿فَٱسۡتَمۡسِكۡ بِٱلَّذِيٓ أُوحِيَ إِلَيۡكَۖ إِنَّكَ عَلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ ٤٣﴾ «قۇرئانغا چىڭ ئېسىلغىن. شۈبھىسىزكى، سەن توغرا يولدىسەن». ﴿الٓرۚ كِتَٰبٌ أَنزَلۡنَٰهُ إِلَيۡكَ لِتُخۡرِجَ ٱلنَّاسَ مِنَ ٱلظُّلُمَٰتِ إِلَى ٱلنُّورِ بِإِذۡنِ رَبِّهِمۡ إِلَىٰ صِرَٰطِ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡحَمِيدِ ١﴾ «ئەلىف، لام، را. ئى مۇھەممەد! بۇ شۇنداق كىتابتۇركى، بىز ئۇنى ساڭا ئىنسانلارنى رەببىنىڭ رۇخسىتى بىلەن قاراڭغۇلۇقلاردىن يورۇقلۇققا، ئەزىز ۋە مەدھىيەلەنگۈچى زاتنىڭ يولىغا چىقىرىشىڭ ئۈچۈن نازىل قىلدۇق». دېمەككى، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش - توغرا يولدۇر. توغرا يول - قۇرئانغا ئېسىلىشتۇر. قۇرئانغا ئېسىلىش - ھەر تۈرلۈك قاراڭغۇلۇقلاردىن چىقىپ، ھەر جەھەتتىن يورۇقلۇققا ئېرىشىشتۇر. قۇرئاننىڭ نازىل بولۇش سەۋەبىمۇ مانا بۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر. پۈتۈن بۇ دەلىللەر كۆرسىتىدۇكى، «بىزنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلغىن»نىڭ مەنىسى: «بىزنى توغرا يولۇڭدا مېڭىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، توغرا يولۇڭدا مۇستەھكەم تۇرغىلى نېسىپ قىلغىن، بىز سېنىڭ توغرا يولۇڭغا كەلدۇق، قوبۇل قىلغىن» دېگەنلەردىن ئىبارەت بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
صِرَاطَ الَّذِينَ أَنْعَمْتَ عَلَيْهِمْ غَيْرِ الْمَغْضُوبِ عَلَيْهِمْ وَلَا الضَّالِّينَ
غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا (باشلىغىن) — مۇھەممەد سالىھ
— تەرجىمە ھەيئىتى
«سەن ئىنئام قىلغان، غەزىپىڭگە يولۇقمىغان ۋە ئېزىپ كەتمىگەنلەرنىڭ يولىغا» 1) «ئاللاھ ئىنئام قىلغانلار» نەبىيلەر، راستچىللار، شەھىدلەر ۋە ياخشىلاردۇر. 2) «ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇققانلار» بولسا، تۆۋەندىكى 10 تۈرلۈك كىشىلەردۇر: (1) يەھۇدىيلار، (2) مۇئمىننى قەستەن ئۆلتۈرگەنلەر، (3) ھەقىقەتكە قارشى تەرسالىق قىلغانلار، (4) جەڭ مەيدانىدىن قاچقانلار، (5) مۇرتەتلەر ، (6) تۇزكورلار، (7) ئاللاھ توغرىسىدا دەتالاش قىلىشىدىغانلار، (8) ئىپپىتىنى ساقلىمىغان تۇرۇقلۇق ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئېرىگە تۆھمەت قىلغان ئايال، (9) مۇنافىق ئەر ۋە مۇنافىق ئاياللار، (10) مۇشرىك ئەر ۋە مۇشرىك ئاياللار. 3) «ئازغانلار» تۆۋەندىكى 24 تۈرلۈك كىشىلەردۇر: (1) ئاللاھنىڭ كالامىنى يالغان دېگۈچىلەر، (2) ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن كافىر بولغانلار، (3) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار، (4) دىندا چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەر، (5) گۇمانغا ئەگەشكەنلەر، (6) دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەت ھاياتىدىن ئۈستۈن كۆرگەنلەر، (7) فاسىقلار، (8) ئاللاھتىن غەيرىيگە دۇئا قىلغانلار، (9) ئاللاھنى قويۇپ شەيتانلارنى ۋەلىي قىلىۋالغانلار، (10) زالىملار، (11) ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلار، (12) ئاللاھنىڭ زىكرىگە قەلبى قاتتىق بولغۇچىلار، (13) ئاللاھنىڭ دەۋەتچىسىنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغانلار، (14) قىيامەتنى ۋە ئاخىرەتتىكى ھېسابنى ئىنكار قىلغانلار، (15) مۇنافىقلار، (16) ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابنى يوشۇرغانلار، (17) كافىرلار، (18) مۇشرىكلار، (19) دۇنيانىڭ زىبۇزىننەت ۋە ماللىرىغا ئالدىنىپ، ھەقتىن يىراقلاشقانلار، (20) نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەنلەر، (21) ئاللاھنىڭ كىتابىدىن يىراقلاشقانلار، (22) ئاللاھنىڭ كىتابىدىن دەلىل كەلتۈرمەستىن ئاللاھ توغرىسىدا گەپ قىلغانلارغا ئەگەشكەنلەر، (23) يامان ئادەمنى دوست تۇتقانلار، (24) راستنى يالغان دېگەنلەر. فاتىھەنىڭ نۇرىدا بەزى مۇلاھىزىلەر 1) «بىز»نىڭ ئەھمىيىتى ئىبادەتنى ئاللاھقىلا قىلىش ۋە ياردەمنى ئاللاھتىنلا تىلەش پېئىللىرى (ئىبادەت قىلىمىز، ياردەم تىلەيمىز - نعبد، نستعين) بىلەن ئاللاھتىن ھىدايەت تىلەش پېئىلىنىڭ تولدۇرغۇچىسى (بولغان بىزگە - نا) كۆپلۈك شەكىلدە كەلگەن. بۇ دالالەت قىلىدۇكى، ئېتىقادتا بىرلىك چۈشەنچىسى، ئەمەلدە ھەمكارلىق روھى ۋە مەنپەئەتتە كوللېكتىپچىلىق ئېڭى مۇھىمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارنى بىر - بىرىگە مەسئۇل قىلغان. 2) ھەر كىشى خەتەر ئاستىدا ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىش، ئاللاھ تائالانى چىرايلىق ئىسىملىرى بىلەن تونۇش، قىيامەت كۈنى ياخشىلىققا مۇكاپات ۋە يامانلىققا جازا بېرىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش قاتارلىقلارنىڭ تۈرتكىسى بىلەن تەۋھىد، ئىبادەت ۋە دۇئا توغرىسىدا لايىق رەۋىشتە ئىرادە بايان قىلىش، شۇنداقلا توغرا يولغا كىرىش كۇپايە قىلمايدۇ، بەلكىدە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە توغرا يولدا ئۇدۇل مېڭىش، ھەر دائىم ئۆزىنىڭ توغرا يولدا بولۇپ بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش ۋە توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشى ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلىش كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا مۇشۇ ھەقتە دۇئا قىلىشنى ئۆگەتكەن. 3) ئازغۇنلار زىيان ئىچىدە يۇقىرىدا 24 تۈرلۈك ئازغۇن كىشىلەر بايان قىلىندى. ئۇلار تەۋبە قىلىشى، ئاللاھتىن كەچۈرۈم سورىشى ۋە توغرا يولغا قايتىشى لازىم. چۈنكى «توغرا يول ئاللاھنىڭلا يولىدۇر». توغرا يولنى ئازغۇنلۇققا تېگىشكەنلەر تامامەن زىيانغا ئۇچراپ كېتىدىغان كىشىلەردۇر. 4) غەزەپكە يولۇققاندىن قاچ يۇقىرىدا 10 تۈرلۈك كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇقىدىغانلىقى بايان قىلىندى. ئاللاھ تائالا ئۇلارنى دوست تۇتۇشتىن چەكلىگەن ۋە خىلاپلىق قىلغانلارنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەر 1) نامازدا فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش فاتىھە سۈرىسىنى بىلىدىغانلار بۇ سۈرىنى ھەر نامىزىنىڭ ھەر رەكئىتىدە ئوقۇشى كېرەك. بۇنى ئىپادىلەيدىغان ھەدىسلەردىن بىرى مۇنداق: «ئۇممۇلقۇرئاننى يەنى فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇماستىن ناماز ئۆتىگەن كىشىنىڭ نامىزى كەمدۇر، كەمدۇر، تولۇق ئەمەستۇر». ناماز ئاللاھنىڭ زىكرى ئۈچۈن ئۆتىلىدۇ. ئاللاھنىڭ زىكرى ئاللاھنى ياد ئەتمەك ۋە ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك فاتىھە سۈرىسى قۇرئان كەرىمنىڭ خۇلاسىسى بولغانلىقى ئۈچۈن نامازنىڭ ھەر رەكئىتىدە فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش، نامازنى ئاللاھنىڭ زىكرى ئۈچۈن يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ، ئاللاھنى زىكىر قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ياد ئېتىش ئۈچۈندۇر. 2) «ئامىين» دېيىش فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇغان ۋە ئاڭلىغان كىشىنىڭ «ئامىين» دېيىشى سۈننەتتۇر. چۈنكى فاتىھە سۈرىسىنىڭ ئاخىرى دۇئادۇر، دۇئا قىلغان ۋە ئاڭلىغان كىشىنىڭ ئامىين (ئىجابەت قىل) دېيىشى ياخشىدۇر. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر مۇنداق: ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىمام ئامىين دېگەندە سىلەرمۇ ئامىين دەڭلار». بۇخارىدا كەلگەن باشقا بىر رىۋايەت مۇنداق: «نامازدا فاتىھەنى ئوقۇغان كىشى (يەنى ئىمام) ئامىين دېگەندە سىلەرمۇ ئامىين دەڭلار...». ۋائىل ئىبنى ھۇجر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ ﴿غَيرِ المَغضُوبِ عَلَيهِمْ وَلاَ الضَّالِّينَ﴾ ئايىتىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ سوزغان ھالدا «ئامىين!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. 3) «ئامىين» دېيىشنىڭ شەكلىدە ئىختىلاپ كۆپچىلىك ئۆلىما بۇ ئاخىرقى ھەدىسنى دەلىل قىلىپ، فاتىھەنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئىمام بولسۇن، جامائەت بولسۇن ھەر كىشىنىڭ ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن «ئامىين!» دېيىشى لازىم دەپ قارايدۇ. لېكىن ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھ بولسا، بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئامىين»نى ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن دېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى «ئامىين» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلغىن» دېمەكتۇر، يەنى بۇ سۆز دۇئادۇر. «رەببىڭلارغا يالۋۇرۇپ تۇرۇپ پەس ئاۋازدا دۇئا قىلىڭلار» دېگەن مەنىدىكى ئايەتكە ئاساسەن دۇئادا ئاۋازنىڭ كۆتۈرۈلمەسلىكى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدى سەپلەردىكى كىشىلەرگە ئاڭلاتقۇدەك شەكىلدە «ئامىين» دېيىشى، باشقىلارغا ئۆگىتىش ئۈچۈن ئىدى. بۇ سەۋەبتىن فاتىھەنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئىماممۇ جامائەتمۇ پەقەت ئۆزلىرى ئاڭلىغۇدەك ئاۋاز بىلەن «ئامىين» دېيىشى لازىم. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى