ئەلەق سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 19 ئايەت
مەنىسى: لەختە قان. ئاتىلىش سەۋەبى: ئىنساننى لەختە قاندىن يارىتىلغانلىقى بايان قىلىنغان
  1. بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ اقْرَأْ بِاسْمِ رَبِّكَ الَّذِي خَلَقَ
    ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن — مۇھەممەد سالىھ

    ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن! — ئەنەس ئالىم

    «ئوقۇغىن - ﴿ٱقۡرَأۡ﴾». بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئاخىرقى كىتابىنىڭ ئاۋۋالقى كەلىمىسىدۇر. مەلۇمكى «ئوقۇغىن» ئوقۇشقا قىلىنغان ئەمردۇر، چۈنكى قۇرئان يەنى بۇ بۇيرۇقتىن كېيىن نازىل بولۇشقا باشلاپ تاكى ئەڭ ئاخىرقى ئايىتى نازىل بولۇپ بىر پۈتۈن كىتاب بولىدىغان قۇرئان كەرىم ۋە ئۇنىڭ ھەر ئايىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئوقۇشى، چۈشىنىشى ۋە ئەمەل قىلىشى، شۇنداقلا ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈشى ۋە ئەمەل قىلىشتا ئۈلگە بولۇشى ئۈچۈن نازىل بولىدىغان كىتاب ئىدى. بۇ بۇيرۇق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەتنىڭ ھەر نەپىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنى قىيامەتكە قەدەر ئۆزىگە قۇرئان كەرىم يېتىپ كەلگەن ھەر ئىنساننىڭ ئۇنى ئوقۇشى، چۈشىنىشى ۋە ئەمەل قىلىشى پەرزدۇر. «ياراتقان» - بۇ يەردە يارىتىش پېئىلىنىڭ تولدۇرغۇچىسىنىڭ زىكىر قىلىنماسلىقى، «ھەر نەرسىنى ياراتقان» دېگەن ئومۇملۇقنى ئىپادىلىگەنلىكى ۋە بۇ ھەر كىشىگە مەلۇم بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. «رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن» دېمەك، ئوقۇشنى رەببىڭ ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىش بىلەن باشلىغىن، ھەر ئوقۇشۇڭدا ئاللاھتىن ياردەم تىلىگىن، ئۇنىڭغا تايانغىن، ئۇنىڭغا تېۋىنغىن، ئوقۇش، ئۆگىنىش ۋە ئىجرا قىلىشتا پەقەت ئۇنىڭ رىزاسىنىلا كۆزلىگىن، شۇنداقلا سۆز - ھەرىكەتلىرىڭنى بۇنىڭغا قارىتا قىلغىن. شۇنىڭدەك، ھەر ئوقۇشۇڭدا ئاللاھنىڭ كائىناتنى يوقتىن ياراتقان، ئۆزىنىڭ ھەر مەخلۇقىنى لازىملىق نەرسە بىلەن تەمىنلەۋاتقان، پۈتكۈل مەخلۇقات ۋە بارلىق مەۋجۇداتنى ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇتۇۋاتقان زات ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىن دېگەن بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  2. خَلَقَ الْإِنْسَانَ مِنْ عَلَقٍ
    ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئىنساننى يېپىشقاق قاندىن ياراتتى. — ئەنەس ئالىم

    «لەختە قان» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە لەختە قان، قان شورايدىغان زۈلۈك قۇرتى دېگەن مەنىلەردە كېلىدىغان «ئەلەقە - عَلَقَة»نىڭ كۆپلۈكى «ئەلەق - علق»دۇر. بۇ كەلىمىنىڭ تۈپ مەنىسى يېپىشماق، چاپلاشماق، ئېسىلماق، ئاشىق بولماق ۋە ئالاقىدار بولماق قاتارلىقلاردۇر. بۇ يەردىكى «لەختە قان» - ئىنساننىڭ يارىتىلىش باسقۇچلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئەسلىدە «لەختە قانلار» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ، چۈنكى بۇ يەردىكى «ئىنسان»مۇ ئەسلىدە «ئىنسانلار» دېگەن مەنىدىدۇر. بۇ باسقۇچنىڭ بۇ كەلىمە بىلەن ئىپادىلىنىشى ئىنساننى تەشكىل قىلغان ھۈجەيرە بۇ باسقۇچتا بالىياتقۇغا چاپلاشقانلىقى، ئېسىلغانلىقى ۋە مەزكۇر قۇرتقا ئوخشىغانلىقى ئۈچۈندۇر. باشتىكى ئايەتتە «ياراتقان» دېگەن ئومۇمىي ئىپادىدىن كېيىن بۇ ئايەتتە ئىنساننى ياراتقانلىقىنىڭ ئالاھىدە بايان قىلىنىشى، ئىنساننىڭ ھۆرمەتلىك قىلىنغانلىقىغا، ئوقۇلىدىغان قۇرئاننىڭ ئىنساننى يېتەكلەش ئۈچۈن نازىل قىلىنغانلىقىغا ۋە ئىنساننىڭ بەخت - سائادىتىنىڭ قۇرئاننى لايىق رەۋىشتە ئوقۇشىغا باغلىق ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  3. اقْرَأْ وَرَبُّكَ الْأَكْرَمُ
    ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر — مۇھەممەد سالىھ

    ئوقۇغىن، رەببىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئوقۇغىن! رەببىڭ ئەڭ سېخىيدۇر. — ئەنەس ئالىم

    «ئوقۇغىن!». بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانىيەتكە نازىل قىلغان ئاخىرقى كىتابىنىڭ ئاۋۋالقى كەلىمىسى ۋە تۇنجى بۇيرۇقى بولۇپ، بۇ ئايەتتە يەنە بىر قېتىم تەكرارلىنىدۇ ۋە كەينىدىن ئاللاھ تائالانىڭ «چەكسىز كەرەملىك زات» ئىكەنلىكى زىكىر قىلىنىدۇ. «كەرەم» - ئېھسان، ئىنئام، ياخشىلىق، مەرھەمەت ۋە ساخاۋەت دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. يۇقىرىدىكى ئايەتتە بۇ بۇيرۇقتىن كېيىن ئاللاھ تائالانىڭ «ياراتقان رەب» ئىكەنلىكىنىڭ، بۇ ئايەتتە بۇ بۇيرۇق تەكرارلانغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالانىڭ «چەكسىز كەرەملىك زات» ئىكەنلىكىنىڭ زىكىر قىلىنىشى كۆرسىتىدۇكى، «ئاللاھنىڭ كەرىمى چەكسىزدۇر»، لېكىن ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ياراتقان ۋە نازىل قىلغان ئايەتلىرىنى لايىق رەۋىشتە ئوقۇغانلار ئېرىشىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى ئاللاھ تائالانىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىنىڭ مەنىسى بىلەن ئوخشاشتۇر: ﴿إِنَّ رَحۡمَتَ ٱللَّهِ قَرِيبٞ مِّنَ ٱلۡمُحۡسِنِينَ﴾ - «شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر»، ﴿وَرَحْمَتِي وَسِعَتْ كُلَّ شَيْءٍ فَسَأَكْتُبُهَا لِلَّذِينَ يَتَّقُونَ وَيُؤْتُونَ الزَّكَاةَ وَالَّذِينَ هُم بِآيَاتِنَا يُؤْمِنُونَ﴾ - «رەھمىتىم ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. يېقىندا ئۇنى تەقۋادارلىق قىلىدىغان ۋە زاكاتنى بېرىدىغانلارغا، ئايەتلىرىمىزگە ئىشىنىدىغانلارغا يازىمەن». — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  4. الَّذِي عَلَّمَ بِالْقَلَمِ
    ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى) ئۆگەتتى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ ئىنسانغا قەلەم بىلەن ئۆگەتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ شۇنداق زاتكى، قەلەم بىلەن ئۆگەتتى، — ئەنەس ئالىم

    ئۈچىنچى ئايەتتە «ئوقۇغىن!» دېگەن بۇيرۇق تەكرارلانغاندىن كېيىن بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالانىڭ قەلەم بىلەن ئۆگەتكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. بۇ دالالەت قىلىدۇكى، قەلەم ئۆگىنىشنىڭ ئاساسلىق قورالىدۇر، قەلەمنىڭ ئەھمىيىتى چوڭدۇر. چۈنكى ئىلاھىي كىتابلار قەلەم بىلەن يېزىپ ساقلىنىدۇ ۋە ئەتراپقا يەتكۈزۈلىدۇ، ئىلىملەر قەلەم بىلەن كىتابلاشتۇرۇلىدۇ، ھېكمەتلەر قەلەم بىلەن خاتىرىلىنىدۇ، تارىخلار قەلەم بىلەن قوغدىلىدۇ، مەدەنىيەتلەر قەلەم بىلەن داۋاملىشىدۇ ۋە ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا مىراس قالىدۇ، ئىنساننىڭ جاھالەت قاراڭغۇلۇقىدىن ئىلىم نۇرىغا چىقىشى قەلەم بىلەن بولىدۇ، مۇئامىلە ۋە مۇناسىۋەتلەر قەلەم بىلەن يېزىلىپ زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىقنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ ئەسكەرتىش: قەلەم - يېزىش ۋە سىزىش ئەسۋابلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ، ھەر تۈرلۈك يېزىش - سىزىش ئەسۋابلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  5. عَلَّمَ الْإِنْسَانَ مَا لَمْ يَعْلَمْ
    ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنىڭغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئىنسانغا بىلمىگىنىنى ئۆگەتتى. — ئەنەس ئالىم

    ئىنسان دۇنياغا، ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى چېغىدا ئىچىگە روھىنىڭ پۈۋلىنىشى بىلەن ھاسىل بولغان ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە تەپەككۇر قىلىش قابىلىيەتلىرى بىلەن، لىكىن ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان ھالەتتە كېلىدۇ. ئۇ بۇ ھالەتتە تۇغۇلغاندىن كېيىن كۈندىن - كۈنگە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ ۋە ئەقلىگە كېلىدۇ (بالاغەتكە يېتىدۇ). ئۇ بۇ ۋاقىتتىن كېيىن يا ئوقۇپ ئۆزىنىڭ ئىنسانلىقىغا يارىشا ئىش قىلىدۇ ياكى ئوقۇماي ئۆزىنى ھايۋانلار تەبىقىسىگە چۈشۈرۈۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاخىرقى پەيغەمبەرگە تۇنجى قېتىم نازىل بولغان بۇ بەش ئايەت قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ناھايىتى مۇھىم يوليورۇق بېرىدۇ. دەرۋەقە، بۇ ئايەتلەردە «ئوقۇغىن!» دېگەن بۇيرۇقنىڭ ئىككى قېتىم تەكرارلىنىشى، نېمىنىڭ ئوقۇلىدىغانلىقىنىڭ زىكىر قىلىنماسلىقى، بىرىنچى «ئوقۇغىن!»دىن كېيىن ئاللاھ تائالانىڭ ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنىڭ زىكىر قىلىنىشى، ئاندىن ئىنساننى ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنىڭ ئالاھىدە زىكىر قىلىنىشى، ئىككىنچى «ئوقۇغىن!»دىن كېيىن ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز كەرەملىك ئىكەنلىكىنىڭ، قەلەم بىلەن ئۆگەتكەنلىكىنىڭ ۋە ئىنسانغا بىلمىگىنىنى ئۆگەتكەنلىكىنىڭ زىكىر قىلىنىشى قاتارلىقلار تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دالالەت قىلىدۇ: 1) ئىلىمنىڭ مەنبەسى ئىككى: بىرى نازىل قىلىنغان ئايەتلەر، يەنە بىرى يارىتىلغان ئايەتلەر. 2) ھەر ئىككى ئايەت ئىنساننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈندۇر. 3) ئىنسان نازىل قىلىنغان ئايەتلەرنى ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈم ۋە ھېكمەتلىرىنى ئۆگىنىشى، يارىتىلغان ئايەتلەرنى ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ ماھىيەت ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆگىنىشى لازىم. 4) ئىنسان باشقا مەخلۇقاتلاردىن ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش ئالاھىدىلىكى بىلەن پەرقلىق بولغان. ئۇ، بۇ ئالاھىدىلىكىنى ئىشلىتىپ ئوقۇغان، ئۆگەنگەن، تەتقىق قىلغان ۋە ئىزدەنگەندىلا باشقا مەخلۇقاتلاردىن ئۈستۈن بولالايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  6. (96-سۈرە ئەلەق، 6-ئايەت) كىبىر كاپىرلىق
    كَلَّا إِنَّ الْإِنْسَانَ لَيَطْغَىٰ
    شەك ـ شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (ئاللاھقا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستىنلا ھەددىدىن ئاشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ياق! ھەقىقەت شۇكى، ئىنسان ھەددىدىن ئاشتى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياق! شۈبھىسىزكى، ئىنسان ھەددىدىن ئاشىدۇ، — ئەنەس ئالىم

    رەببىڭ ئىنساننى يوقتىن ياراتتى، ئۇنىڭغا ئىلىم بەردى ۋە رىزىق ئاتا قىلدى، لېكىن ئۇ لايىق رەۋىشتە شۈكۈر قىلدىمۇ؟ ياق! ئەكسىچە ئۇ ئۆزىنى بىھاجەت كۆرۈپ ھەددىدىن ئاشتى، ئۇنداق قىلمىسۇن، تۇزكورلۇقتىن يانسۇن! — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  7. (96-سۈرە ئەلەق، 7-ئايەت) كىبىر بايلىق باشقۇرۇش
    أَنْ رَآهُ اسْتَغْنَىٰ
    شەك ـ شۈبھىسىز ئىنسان ئۆزىنى باي ساناپ (ئاللاھقا بويسۇنۇشتىن باش تارتىپ)، راستىنلا ھەددىدىن ئاشىدۇ — مۇھەممەد سالىھ

    ئىنسان ئۆز-ئۆزىگە كۇپايە قىلىدىغانلىقىنى گۇمان قىلدى — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۆزىنى بىھاجەت كۆرگەنلىكى ئۈچۈن. — ئەنەس ئالىم

    ئىنسان باي بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزىنى باي كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ھەددىدىن ئاشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن باي بولۇش ئەمەس، ئۆزىنى باي كۆرۈش ئەيىبلىنىدۇ. چۈنكى ئۆزىنى باي كۆرۈش ھەددىدىن ئېشىشقا ۋە دۇنيا ھاياتىنى ئەلا بىلىشكە ئېلىپ بارىدۇ. بۇ چۈشەنچىنىڭ نەتىجىسى، دۇنيا ھاياتىنى، مال - مۈلۈك توپلاش، پۇل تېپىش ۋە يېغىشنى غايە قىلىپ ياشاش بولىدۇ. بۇ ياشاشنىڭ ئاخىرەتتىكى ئاقىۋىتى بولسا دوزاخقا مەھكۇم بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. لېكىن ئۆزىنى باي كۆرمىگەن باي بايلىقىغا شۈكۈر قىلىدۇ، ھەددىدىن ئاشمايدۇ، بايلىقى بىلەن ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىپ ياشايدۇ. مەسىلەن: ئاللاھ تائالا سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامغا بايلىق ۋە ھۆكۈمدارلىق بەرگەن. ئۇ ئالدىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاتلىرىنى كۆرۈپ مۇنداق دېگەن: ﴿إِنِّي أَحْبَبْتُ حُبَّ الْخَيْرِ عَن ذِكْرِ رَبِّي﴾ - «مەن بۇ ياخشى ماللارنى رەببىمنى ئەسلەتكەنلىكى ئۈچۈن ياخشى كۆردۈم». شۇنىڭدەك، ئۇ ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى بىر ئىلىملىك زاتنىڭ يەمەن مەلىكىسىنىڭ تەختىنى كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ مۇنداق دېگەن: ﴿هَذَا مِن فَضْلِ رَبِّي لِيَبْلُوَنِي أَأَشْكُرُ أَمْ أَكْفُرُ وَمَن شَكَرَ فَإِنَّمَا يَشْكُرُ لِنَفْسِهِ وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ رَبِّي غَنِيٌّ كَرِيمٌ٤٠﴾ - «بۇ رەببىمنىڭ ئىلتىپاتىدىندۇر. رەببىم ماڭا ئۇنى شۈكۈر قىلامدىمەن ياكى تۇزكورلۇق قىلامدىمەن، مېنى سىناش ئۈچۈن ئاتا قىلدى. كىم شۈكۈر قىلسا ئۆزى ئۈچۈن شۈكۈر قىلىدۇ، كىم تۇزكورلۇق قىلسا بىلسۇنكى رەببىم غەنىيدۇر، كەرەملىكتۇر». دېمەككى، ئىنسان ئۆزىنى باي دەپ كۆرگەن چېغىدا ھەددىدىن ئاشىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى، ئىنايىتى، ئىلتىپاتى ۋە ئېھسانىغا مۇھتاج دەپ بىلمەيدۇ، بايلىقىدا پېقىرلىقنى، ساقلىقىدا كېسەللىكنى، توقلۇقىدا ئاچلىقنى ئۇنتۇيدۇ. ئىنساننىڭ تەبىئىتى مانا مۇشۇنداقتۇر، لېكىن مۇئمىن ئىنسان بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئۇ ئۆزىنى ھەرگىزمۇ باي كۆرمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇ ئۆزىنى دائىم ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە مۇھتاج دەپ بىلىدۇ، ھەر ھاجىتىنى ئاللاھتىن تىلەيدۇ، ئاللاھقا تېۋىنىدۇ، ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرىدۇ ۋە ئاللاھقا تەسلىم بولىدۇ. ئىلكىدىكى ھەر نەرسىنى ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغانلىقىنى ۋە ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشنىڭ لازىملىقىنى بىلىدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭغا قارىتا ياشايدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  8. إِنَّ إِلَىٰ رَبِّكَ الرُّجْعَىٰ
    (ئى ئىنسان!) بارىدىغان يېرىڭ پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر (قىلمىشىڭغا قاراپ جازاغا ياكى مۇكاپاتقا ئېرىشىسەن) — مۇھەممەد سالىھ

    چوقۇمكى، قايتىش رەببىڭ تەرەپكىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۈبھىسىزكى، قايتىپ بارىدىغان جاي رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىدۇر. — ئەنەس ئالىم

    ئى ھەددىدىن ئاشقۇچى! قانچىلىك ھەددىڭدىن ئاشساڭ ئاشقىن، ئۆزۈڭنى قانچىلىك باي كۆرسەڭ كۆرگىن ۋە قانچىلىك ياشىساڭ ياشىغىن، شۇنى بىلگىنكى، ئاخىرى ئۆلۈپ كېتىسەن، ئاندىن قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ رەببىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىرىلىسەن، ئاندىن رەببىڭگە ھېساب بېرىسەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  9. (96-سۈرە ئەلەق، 9-ئايەت) كاپىرلىق پەرز ناماز
    أَرَأَيْتَ الَّذِي يَنْهَىٰ
    ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    توسقان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    شۇ ئادەمنىڭ ھالىنى كۆردۈڭمۇ: ئۇ چەكلەۋاتىدۇ، — ئەنەس ئالىم

    «شۇ ئادەمنىڭ ھالىنى كۆردۈڭمۇ؟: ئۇ چەكلەۋاتىدۇ»، تەپسىر ئالىملىرىنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئايەتلەر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ناماز ئۆتەشتىن توسقان ئەبۇ جەھىلگە تەنقىد ۋە ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. رىۋايەت قىلىنىشىچە بىر كۈنى ئەبۇ جەھىل ئەتراپىدىكىلەردىن «مۇھەممەد سىلەر بار يەردە يۈزىنى تۇپىغا بۇلامدۇ؟» دەپ سورىغان، مۇشرىكلار: «ھەئە» دەپ جاۋاب بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ: «ئىسمى بىلەن قەسەم ئىچىلىدىغان زات بىلەن قەسەمكى، ئەگەر ئۇنى كۆرسەم بوينىغا دەسسەيمەن» دېگەن، ئاندىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئۆتەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كەينىچە قايتقان. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن مۇشرىكلار ئۇنىڭدىن ئى ئەبەلھەكەم! ساڭا نېمە بولدى؟ دەپ سورىسا، ئۇ: مەن بىلەن مۇھەممەدنىڭ ئارىسىدا ھەقىقەتەن ئوتتىن خەندەك، قورقۇنچ نەرسىلەر ۋە قاناتلار بار دەپ جاۋاب بەرگەن. لېكىن بۇ خۇسۇسىي ھادىسە ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنىڭ ئومۇمىيلىقىغا توسالغۇ بولمايدۇ، شۇڭلاشقا بۇ ئايەتلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىدىن تارتىپ قىيامەتكە قەدەر ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا، ناماز ئۆتەشتىن مەنئى قىلىنغان مۇئمىنلەرگە تەسەللىي، ئەبۇ جەھىل ۋە ئۇنىڭ يولداشلىرىدىن تارتىپ قىيامەتكە قەدەر ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا، ناماز ئۆتىمەكچى بولغانلارنى ناماز ئۆتەشتىن توسقان زالىملارغا تەنبىھ ۋە ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  10. (96-سۈرە ئەلەق، 10-ئايەت) كاپىرلىق پەرز ناماز
    عَبْدًا إِذَا صَلَّىٰ
    ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) توسقان ئادەمنىڭ (ھالىنى) ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    بىر بەندىنى ناماز ئوقۇۋاتقاندا — تەرجىمە ھەيئىتى

    ناماز ئوقۇۋاتقان بەندىنى. — ئەنەس ئالىم

    «ناماز ئۆتەۋاتقان بەندىنى چەكلەۋاتىدۇ»، توققۇزىنچى ئايەتنىڭ تەپسىرىدە زىكىر قىلىنغاندەك، بۇ «بەندە» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر. توققۇزىنچى ئايەتتە ئىككىنچى شەخس ئالمىشى بىلەن ئىپادىلەنگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتتە ئېنىقسىز ئىسىم بولغان «بەندە - عبداً» كەلىمىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئۆتەش بىلەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ «بەندە» دەپ ئاتىلىشقا لايىق بولغانلىقىغا ۋە ئۇنى ئېنىق ئىسىم بىلەن ئىپادىلەپ تونۇتۇشقا ھاجەت يوقلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن «بەندە، بەندىمىز، ئاللاھنىڭ بەندىسى» دەپ ئاتىلىش بۈيۈك ئىلتىپات ۋە مىسلىسىز شەرەپتۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ئىلتىپاتقا لايىق بولغان ۋە بۇ شەرەپكە نائىل بولغان. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئۇنى قۇرئان كەرىمدە بىرقانچە ئايەتتە «بەندىمىز»، «ئاللاھنىڭ بەندىسى» دەپ ئۇنىڭغا ئىلتىپات قىلغان، ئۇنى شەرەپلەندۈرگەن. بۇ، «مۇھەممەدنىڭ ئىگىسى بار، ئۇ ناماز ئۆتەش بىلەن بىزگە بەندىچىلىك قىلىدۇ، ئۇ بىزنىڭ بەندىمىزدۇر، بىز ئۇنى ھەرگىزمۇ ياردەمسىز قويمايمىز» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  11. (96-سۈرە ئەلەق، 11-ئايەت) ئاللاھنىڭ ھىدايىتى توغرا يول
    أَرَأَيْتَ إِنْ كَانَ عَلَى الْهُدَىٰ
    ماڭا (ئۇنىڭ ھالىنى) ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (ھەددىدىن ئاشقۇچى) (نامازنى توسۇشنىڭ ئورنىغا) توغرا يولدا بولغان بولسا — مۇھەممەد سالىھ

    قانداق قارايسەن؟ ئەگەر ئۇ توغرا يول ئۈستىدە بولغان بولسىچۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كۆردۈڭمۇ؟ ئەگەر ئۇ بەندە توغرا يولدا بولسا، — ئەنەس ئالىم

    بۇ ئايەتتە «ئېيتىپ باقساڭچۇ!» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمىدىكى ئىككىنچى شەخس ئالمىشىنىڭ كىمنى كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئىككى تۈرلۈك كۆزقاراش بار: 1) بۇ ئالماش مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى 9 - ۋە 13 - ئايەتلەردىكى بۇ خىل ئالماش مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئىككى ئالماشنىڭ باشقا كىشىنى كۆرسىتىش ئېھتىمالى يوق. شۇڭا بۇ ئىككى ئالماشنىڭ ئوتتۇرىسىدا كەلگەن ئوخشاش ئالماشنىڭمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرسىتىشى سۆزنىڭ تەرتىپىگە تېخىمۇ مۇۋاپىقتۇر. بۇ تەقدىردە مەنە مۇنداق بولىدۇ: ئى مۇھەممەد! ئېيتىپ باققىنە، سېنى نامازدىن توسۇۋاتقان ئۇ كافىر، ئەگەر توغرا يولغا كەلسە ۋە ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولسا ئۆزىگە لايىق ئىش قىلغان بولمامدۇ؟ ئەگەر ئۇ دىن، ھىدايەت ۋە تەقۋادارلىققا ئەمىر قىلىشنى تاللىسا، ئۆزى ئۈچۈن ياخشى بولمامدۇ؟ ئۇ ئەقىل ئىگىسى تۇرۇقلۇق نېمىشقا بۇ ئالىي مەرتىۋىلەردىن مەھرۇم قىلىشنى تاللايدۇ! 2) بۇ ئالماش ئەبۇ جەھىلنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە باشتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئاندىن ئەبۇ جەھىلگە، ئاندىن يەنە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا سۆز قىلغان. بۇ تەقدىردە مەنە تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: ئى گەدەنكەش ئازغۇن! ئى ناماز ئۆتەۋاتقان بەندىنى ناماز ئۆتەشتىن مەنئى قىلغۇچى زالىم! ئېيتىپ باققىن، ئەگەر ئۇ بەندە توغرا يولدا بولسىمۇ، يەنە توسامسەن؟ ئۇنداق كىشىنى توسۇش توغرا بولامدۇ؟! ئۇنداق كىشىنى توسۇش ئاللاھقا قارشى كەلگەنلىك بولمامدۇ؟ ھەقكە قارشى كۈرەش قىلغانلىق ھېسابلانمامدۇ؟ ئەسلىدە خاتا يولدىكى كىشىنى خاتالىقتىن توسۇش كېرەك! سەن نېمە قىلىۋاتىسەن؟ بۇنداق قىلساڭ ئاقىۋىتىڭ قانداق بولىدۇ؟ بۇنى ئويلاپ باقتىڭمۇ؟. بۇ ئىككى كۆزقاراشنىڭ بىرىنچىسى تېخىمۇ مۇۋاپىقتۇر، چۈنكى ئايەتلەرنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە ئەرەب تىلى قائىدىسى بۇنى تەكىتلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  12. (96-سۈرە ئەلەق، 12-ئايەت) تەقۋادارلىق ياخشىلىققا بۇيرۇش
    أَوْ أَمَرَ بِالتَّقْوَىٰ
    ياكى تەقۋادارلىققا ئەمر قىلغان بولسا (بۇ ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشى بولماسمىدى؟) — مۇھەممەد سالىھ

    ياكى تەقۋادارلىققا ئەمر قىلغان بولسىچۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياكى تەقۋادارلىققا ئەمر قىلسا، — ئەنەس ئالىم

    ئىسلام ھەر مۇسۇلمانغا ئىككى ۋەزىپە يۈكلەيدۇ: 1) ئۆزى تەقۋادار بولۇش (توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرۇش)، 2) باشقىلارنى تەقۋادار بولۇشقا دەۋەت قىلىش. بۇ ئىككى ئايەتتە ئىسلامنىڭ بۇ ئىككى تۈپ ئاساسىغا ئىشارەت قىلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  13. (96-سۈرە ئەلەق، 13-ئايەت) كاپىرلىق ھەقنى ئىنكار قىلىش
    أَرَأَيْتَ إِنْ كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰ
    ماڭا ئېيتىپ بەرسەڭچۇ؟ ئەگەر ئۇ (قۇرئاننى) ئىنكار قىلسا، ئىماندىن (يۈز ئۆرۈسە) — مۇھەممەد سالىھ

    قانداق قارايسەن؟ ئەگەر ئۇ ئىنكار قىلغان ۋە يۈز ئۆرۈگەن بولسىچۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    كۆردۈڭمۇ؟ ئەگەر ئۇ ئادەم راستنى يالغان دېسە ۋە يۈز ئۆرۈسە[1]. — ئەنەس ئالىم

    ئەگەر ئۇ ئادەم راستنى يەنى سەن ئېلىپ كەلگەن ھەقنى يالغان دېسە ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈسە، بۇ تەقدىردە ئۇ ئادەمنىڭ ھالى قانداق بولىدۇ؟! ئۇنىڭ بۇ ئەھۋالىدىنمۇ ئەجەبلىنەرلىك ۋە ئېچىنىشلىق ئەھۋال بولامدۇ؟! ئۇ بۇنى نېمە ئۈچۈن ئويلىمايدۇ؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  14. أَلَمْ يَعْلَمْ بِأَنَّ اللَّهَ يَرَىٰ
    ئاللاھنىڭ (ئۇنى) كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟ — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇ، ئاللاھنىڭ كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ ئادەم ئاللاھنىڭ كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ — ئەنەس ئالىم

    ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟ قۇياشنى ۋە ئاينى كىم بويسۇندۇردى؟ سىلەرنى كىم ياراتتى؟ يامغۇرنى كىم ياغدۇردى؟ زېمىندىن ئۆسۈملۈكلەرنى كىم ئۈندۈردى؟ دېگەن سوئاللارغا ھېچ ئىككىلەنمەستىن «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدىغان مۇشرىكلارنىڭ بىرى بولغان بۇ ئەبۇ جەھىل، ئەنە شۇ «ئاللاھ»نىڭ كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ئۇ نېمە ئۈچۈن ئاسمان - زېمىننى ۋە مېنى يوقتىن ياراتقان ئاللاھ، مېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ دەپ ئويلىمايدۇ؟ ھالبۇكى، بۇ ئەبۇ جەھىل ئوبدان بىلىدۇكى، «زېمىندا بولسۇن، ئاسماندا بولسۇن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپىي قالمايدۇ»، «ئاللاھ بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»، «ئاللاھ ھەر نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»، «ئاللاھ ھەر نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ». ئەمەلىيەت مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ نېمىشقا بۇ بىلىشىگە لايىق ئىش قىلمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئىنكار، تەرسالىق ۋە قارشىلىق قىلىشنى تاشلاپ توغرا يولغا كىرمەيدۇ؟. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  15. (96-سۈرە ئەلەق، 15-ئايەت) ئىلاھىي ئازاب كىبىر كاپىرلىق
    كَلَّا لَئِنْ لَمْ يَنْتَهِ لَنَسْفَعًا بِالنَّاصِيَةِ
    ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن ـ يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز — مۇھەممەد سالىھ

    ئۇنداق ئەمەس! ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ جەھەننەمگە سۆرەيمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇ يانسۇن[2]! ئەگەر يانمىسا ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ سۆرەيمىز، — ئەنەس ئالىم

    ئەبۇ جەھىل ئۇ بەندىنى ناماز ئۆتەشتىن چەكلىمىسۇن! ھەقنى ئىنكار قىلىشتىن، ھەقتىن يۈز ئۆرۈشتىن، بۇتقا چوقۇنۇشتىن ۋە باشقا يامانلىقلاردىن دەرھال توختىسۇن. ئەگەر ئۇ زۇلۇمدىن توختىمىسا، يولىدىن قايتمىسا ۋە يامانلىقىدىن يانمىسا، بىز ئۇنى كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ دوزاخقا سۆرەيمىز. ئاللاھ تائالا ھەر قانداق گۇناھكارغا تەۋبە قىلىش پۇرسىتى بېرىدۇ، تەۋبە قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە رەھمەت ۋەدە قىلىدۇ. جۈملىدىن ئۆزىنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا زۇلۇم قىلغان ئەبۇ جەھىلغىمۇ «ئەگەر يانمىسا ئۇنى تۇتۇپ سۆرەيمىز» دەپ، ئۇنى تۇتۇپ دوزاخقا سۆرەشنى ئۇنىڭ تەۋبە قىلماسلىقىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەسلىدە بۇ پۈتۈن «ئەبۇ جەھىل»لەرگە بىر خۇش خەۋەردۇر: ئى ئەبۇ جەھىلنىڭ ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندىكى ھەمنەپەسلىرى! ئالدىڭلاردا پۇرسەت بار چاغدا تەۋبە قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى تۈزىتىۋېلىڭلار، بولمىسا ئۆزۈڭلارنى دوزاخقا تەييارلىغان بولىسىلەر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  16. (96-سۈرە ئەلەق، 16-ئايەت) ئادالەتسىزلىك كاپىرلىق
    نَاصِيَةٍ كَاذِبَةٍ خَاطِئَةٍ
    ئۇ گۇمراھلىقتىن يانسۇن، ئەگەر ئۇ بۇنىڭدىن يانمىسا، چوقۇم ئۇنىڭ كوكۇلىسىدىن ـ يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ (جەھەننەمگە) سۆرەيمىز — مۇھەممەد سالىھ

    يالغانچى گۇناھكارنىڭ كوكۇلىسىدىن تۇتۇپ جەھەننەمگە سۆرەيمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    يالغانچى ۋە خاتالىق ئۆتكۈزگۈچى كوكۇلىسىدىن. — ئەنەس ئالىم

    كۆپچىلىك تەپسىر ئالىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، يالغان ئېيتقۇچى ۋە خاتالىق ئۆتكۈزگۈچى كوكۇلا ئەمەس كوكۇلىنىڭ ئىگىسىدۇر. «كوكۇلا» مەجازىي مەنىدە ئۆز ئىگىسىنى ئىپادىلەيدۇ. لېكىن بەزى يېڭى تەپسىرلەردە 19 - ئەسرنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ بۇ ھەقتە يىللارچە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات ۋە تەجرىبىلەردىن كېيىن، مېڭە ۋە نېرۋا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تۆۋەندىكى نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكى يېزىلىدۇ: ئىنساننىڭ مېڭىسىنىڭ ئىككى كۆزدىن چاچقىچە بولغان يەرنىڭ ئىچىگە جايلاشقان قىسمى يەنى قۇرئان كەرىمدە «ناسىيە - ناصية» دېيىلگەن يەرنىڭ ئىچىدىكى مېڭە ئىنساننىڭ سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى توغرىسىدىكى ئىرادىسى، پىلانى ۋە قارارىنى باشقۇرىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ ئىگىسىنىڭ يالغان ئېيتىش ۋە خاتالىق ئۆتكۈزۈشىدىن جاۋابكار بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  17. (96-سۈرە ئەلەق، 17-ئايەت) كاپىرلىق شېرىك
    فَلْيَدْعُ نَادِيَهُ
    ئۇ ئۆزىنىڭ سورۇنداشلىرىنى ياردەمگە چاقىرسۇن! — مۇھەممەد سالىھ

    قېنى ئۇ تەرەپدارلىرىنى چاقىرسۇن! — تەرجىمە ھەيئىتى

    ئۇنداقتا، ئۇ ئۆز تەرەپدارلىرىنى چاقىرسۇن. — ئەنەس ئالىم

    بۇ ئايەت ئاللاھ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى دۈشمەنلىرىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلاش توغرىسىدىكى تۇنجى ۋەدىسىدۇر. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئەبۇ جەھىل مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىنىڭ تەرەپدارلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن تەھدىت قىلغاندا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا : ئۇ ئۆزىنىڭ تەرەپدارلىرىنى چاقىرسۇن، بىز زەبانىيلەرنى چاقىرىمىز دەپ جاۋاب بەرگەن. ئەگەر ئەبۇ جەھىل مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئۆز تەرەپدارلىرىنى چاقىرغان بولسا ئىدى، ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرنى چاقىرىپ ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتكەن بولاتتى. ئەبۇ جەھىل ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى بۇ ئايەتلەرنى ئاڭلىغان، لېكىن ھېچبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھۇجۇم قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  18. (96-سۈرە ئەلەق، 18-ئايەت) دوزاخنىڭ تەسۋىرى پەرىشتىلەر
    فَلْيَدْعُ نَادِيَهُ
    بىز زابانىيىلەر (يەنى جەھەننەمنىڭ كۈچلۈك ـ قاتتىق قول پەرىشتىلىرى) نى چاقىرىمىز — مۇھەممەد سالىھ

    بىز زابانىيىلەرنى چاقىرىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى

    بىز زەبانىيلەرنى چاقىرىمىز. — ئەنەس ئالىم

    «زەبانىيلەر» دوزاخقا مەسئۇل پەرىشتىلەردۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى

  19. سَنَدْعُ الزَّبَانِيَةَ
    (بۇ فاجىر گۇمراھلىقتىن) يانسۇن! ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىغىن، (ئاللاھقا) سەجدە قىلغىن (شۇنىڭ بىلەن ئاللاھقا) يېقىنلىق ھاسىل قىلغىن — مۇھەممەد سالىھ

    سەن ئەسلا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىغىن! سەجدە قىلغىن ۋە يېقىنلاشقىن — تەرجىمە ھەيئىتى

    ياق![3] ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمغىن، سەجدە قىلغىن ۋە يېقىنلاشقىن[4].‏ — ئەنەس ئالىم

    ئى مۇھەممەد! ئىش ئۇ ئادەم ئويلىغاندەك بولمايدۇ. ئۇ ساڭا ھەرگىزمۇ زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. شۇڭا سەن ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇنىڭ تەھدىتلىرىگە پەرۋا قىلماستىن نامازنى ئۆتەۋەرگىن ۋە رەببىڭگە يېقىنلاشقىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى