تارىق سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 17 ئايەت
مەنىسى: يورۇق يولتۇز. ئاتىلىش سەۋەبى: باشتىلا يورۇق يۇلتۇز بىلەن قەسەم قىلىنغان
  1. (86-سۈرە تارىق، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالسَّمَاءِ وَالطَّارِقِ
    ئاسمان بىلەن، تارىق (يەنى كېچىدە ئاشكارا بولغۇچى يۇلتۇز) بىلەن قەسەم قىلىمەن

    ئاسمان بىلەن ۋە تۈندە چاقنىغۇچى بىلەن قەسەم قىلىمەن [1].

  2. (86-سۈرە تارىق، 2-ئايەت)
    وَمَا أَدْرَاكَ مَا الطَّارِقُ
    تارىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟

    (ئى مۇھەممەد) سەن تۈندە چاقنىغۇچىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟ [2]

  3. (86-سۈرە تارىق، 3-ئايەت)
    النَّجْمُ الثَّاقِبُ
    ئۇ يورۇق يۇلتۇزدۇر

    ئۇ يورۇق يۇلتۇزدۇر [3].

  4. (86-سۈرە تارىق، 4-ئايەت)
    إِنْ كُلُّ نَفْسٍ لَمَّا عَلَيْهَا حَافِظٌ
    ھەر بىر ئادەم بىلەن (شۇ ئادەمنى) ساقلىغۇچى (پەرىشتە) بار

    ھەربىر ئادەم ئۈستىدە نازارەتچى پەرىشتە بار [4].

  5. (86-سۈرە تارىق، 5-ئايەت)
    فَلْيَنْظُرِ الْإِنْسَانُ مِمَّ خُلِقَ
    ئىنسان نېمىدىن يارىتىلغانلىقىغا قارىسۇن

    ئىنسان ئۆزىنىڭ نېمىدىن يارىتىلغانلىقىغا قاراپ باقسۇن [5].

  6. (86-سۈرە تارىق، 6-ئايەت)
    خُلِقَ مِنْ مَاءٍ دَافِقٍ
    ئۇ ئېتىلىپ چىققۇچى مەنىدىن يارىتىلدى

    ئۇ ئومۇرتقا بىلەن كۆكرەك سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن ئېتىلىپ چىقىدىغان مەنىدىن يارىتىلغان [6-7].

  7. (86-سۈرە تارىق، 7-ئايەت)
    يَخْرُجُ مِنْ بَيْنِ الصُّلْبِ وَالتَّرَائِبِ
    ئۇ مەنى ئۇمۇرتقا بىلەن قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ

    ئۇ ئومۇرتقا بىلەن كۆكرەك سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن ئېتىلىپ چىقىدىغان مەنىدىن يارىتىلغان [6-7].

  8. (86-سۈرە تارىق، 8-ئايەت)
    إِنَّهُ عَلَىٰ رَجْعِهِ لَقَادِرٌ
    شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە (يەنى تىرىلدۈرۈشكە) قادىردۇر

    شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنى تىرىلدۈرۈشكىمۇ قادىردۇر [8].

  9. (86-سۈرە تارىق، 9-ئايەت)
    يَوْمَ تُبْلَى السَّرَائِرُ
    سىرلار ئاشكارا قىلىنىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەتتە)

    سىرلار ئاشكارىلىنىدىغان قىيامەت كۈندە [9]،

  10. (86-سۈرە تارىق، 10-ئايەت)
    فَمَا لَهُ مِنْ قُوَّةٍ وَلَا نَاصِرٍ
    ئۇنىڭدىن (يەنى ئىنساندىن) (ئازابنى دەپئى قىلىدىغان) ھېچ كۈچ ۋە ياردەمچى يوقتۇر

    ئۇ ئىنساندىن ئازابنى كۆتۈرۋېتدىغان ھېچقانداق كۈچ ۋە ياردەمچى بولمايدۇ [10].

  11. (86-سۈرە تارىق، 11-ئايەت)
    وَالسَّمَاءِ ذَاتِ الرَّجْعِ
    يامغۇرلۇق بۇلۇت بىلەن قەسەمكى

    يامغۇرلۇق بۇلۇت بىلەن قەسەم قىلىمەن [11]،

  12. (86-سۈرە تارىق، 12-ئايەت)
    وَالْأَرْضِ ذَاتِ الصَّدْعِ
    يېرىلىپ (گىياھلارنى ئۈندۈرۈپ بېرىدىغان) زېمىن بىلەن قەسەمكى

    (مايسىلارغا) يېرىلىپ بېرىدىغان زېمىن بىلەن قەسەم قىلىمەنكى [12]،

  13. (86-سۈرە تارىق، 13-ئايەت)
    إِنَّهُ لَقَوْلٌ فَصْلٌ
    قۇرئان شەك ـ شۈبھىسىز (ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى) سۆزدۇر

    قۇرئان ھەقىقەتەن ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى سۆزدۇر [13].

  14. (86-سۈرە تارىق، 14-ئايەت)
    إِنَّهُ لَقَوْلٌ فَصْلٌ
    ئۇ چاقچاق ئەمەستۇر

    ئۇ چاقچاق قىلىپ ئېيتىلغان سۆز ئەمەستۇر[14].

  15. (86-سۈرە تارىق، 15-ئايەت)
    وَمَا هُوَ بِالْهَزْلِ
    ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (قۇرئاننى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن) ھەقىقەتەن ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىدۇ

    مۇشرىكلار ھەقىقەتەن ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىپ تۇرىدۇ [15].

  16. (86-سۈرە تارىق، 16-ئايەت)
    إِنَّهُمْ يَكِيدُونَ كَيْدًا
    مەن ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىگە تاقابىل تۇرىمەن

    مەنمۇ ئۇلارنىڭ ھىيلە-مىكرىنى بەربات قىلىپ تۇرىمەن [16].

  17. (86-سۈرە تارىق، 17-ئايەت)
    وَأَكِيدُ كَيْدًا
    (ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىرىمىغىن، ئۇلارغا ئازراق مۆھلەت بەرگىن (ئۇزاققا قالماي ئۇلارغا قانداق قىلغانلىقىمنى كۆرىسەن)

    (ئى مۇھەممەد!) كافىرلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىرىمىغىن، ئۇلارغا ئازراق مۆھلەت بەرگىن [17].