ئەبەسە سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 42 ئايەت
مەنىسى: تەرىنى تۈرۈش. ئاتىلىش سەۋەبى: رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەز نەسىھەت ئاڭلىغىلى كەلگەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇممۇ مەكتۇمغا تەرىنى تۈرگەن ۋەقەلىكى بىلەن باشلانغان
  1. (80-سۈرە ئەبەسە، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ عَبَسَ وَتَوَلَّىٰ
    يېنىغا ئەما كەلگەنلىكى ئۈچۈن (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام) تەرىنى تۈردى ۋە يۈزىنى ئۆرىۋالدى

    ئۇ (مۇھەممەد) يېنىغا ئەما كەلگەنلىكى ئۈچۈن تەرىنى تۈردى ۋە تەتۈر قارىدى [1ـ2].

  2. (80-سۈرە ئەبەسە، 2-ئايەت)
    أَنْ جَاءَهُ الْأَعْمَىٰ
    يېنىغا ئەما كەلگەنلىكى ئۈچۈن (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام) تەرىنى تۈردى ۋە يۈزىنى ئۆرىۋالدى

    ئۇ (مۇھەممەد) يېنىغا ئەما كەلگەنلىكى ئۈچۈن تەرىنى تۈردى ۋە تەتۈر قارىدى [1ـ2].

  3. (80-سۈرە ئەبەسە، 3-ئايەت)
    وَمَا يُدْرِيكَ لَعَلَّهُ يَزَّكَّىٰ
    (ئى مۇھەممەد!) نېمە بىلىسەن؟ (بەلكى) ئۇ (سەندىن ئالغان مەرىپەت بىلەن گۇناھلىرىدىن) پاكلىنىشى مۇمكىن

    (ئى مۇھەممەد!) سەن بىلەمسەن؟ بەلكىم ئۇ (سەندىن ئالغان مەرىپەت بىلەن گۇناھلىرىدىن) پاكلىنىپ قېلىشى ياكى ۋەز ـ نەسىھەت ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى مۇمكىن ئىدى [3-4].

  4. (80-سۈرە ئەبەسە، 4-ئايەت)
    أَوْ يَذَّكَّرُ فَتَنْفَعَهُ الذِّكْرَىٰ
    ياكى ۋەز ـ نەسىھەت ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى مۇمكىن

    (ئى مۇھەممەد!) سەن بىلەمسەن؟ بەلكىم ئۇ (سەندىن ئالغان مەرىپەت بىلەن گۇناھلىرىدىن) پاكلىنىپ قېلىشى ياكى ۋەز ـ نەسىھەت ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشى مۇمكىن ئىدى [3-4].

  5. (80-سۈرە ئەبەسە، 5-ئايەت)
    أَمَّا مَنِ اسْتَغْنَىٰ
    ئۆزىنى (ئىماندىن) بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك، سەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىسەن (يەنى ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ، تەبلىغ قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىسەن)

    ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك، سەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىۋاتىسەن [5ـ6].

  6. (80-سۈرە ئەبەسە، 6-ئايەت)
    فَأَنْتَ لَهُ تَصَدَّىٰ
    ئۆزىنى (ئىماندىن) بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك، سەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىسەن (يەنى ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىپ، تەبلىغ قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىسەن)

    ئۆزىنى بىھاجەت ھېسابلايدىغان ئادەمگە كەلسەك، سەن ئۇنىڭغا يۈزلىنىۋاتىسەن [5ـ6].

  7. (80-سۈرە ئەبەسە، 7-ئايەت)
    وَمَا عَلَيْكَ أَلَّا يَزَّكَّىٰ
    ئۇ (كۇفرىدىن، گۇناھلاردىن) پاكلانمىسا، ساڭا نېمە زىيىنىدى

    ئۇ (كۇفرىدىن) پاكلانمىسا، ساڭا نېمە زىيىنى؟ [7].

  8. (80-سۈرە ئەبەسە، 8-ئايەت)
    وَأَمَّا مَنْ جَاءَكَ يَسْعَىٰ
    سەندىن مەرىپەت تىلەپ، ئاللاھتىن قورققان ھالدا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك

    ئاللاھتىن قورقۇپ سېنىڭ يېنىڭغا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك [8ـ9]،

  9. (80-سۈرە ئەبەسە، 9-ئايەت)
    وَهُوَ يَخْشَىٰ
    سەندىن مەرىپەت تىلەپ، ئاللاھتىن قورققان ھالدا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك

    ئاللاھتىن قورقۇپ سېنىڭ يېنىڭغا يۈگۈرۈپ كەلگەن كىشىگە كەلسەك [8ـ9]،

  10. (80-سۈرە ئەبەسە، 10-ئايەت)
    فَأَنْتَ عَنْهُ تَلَهَّىٰ
    سەن ئۇنىڭغا قارىماي قويىسەن

    سەن ئۇنىڭغا قارىمايۋاتىسەن[10].

  11. (80-سۈرە ئەبەسە، 11-ئايەت)
    كَلَّا إِنَّهَا تَذْكِرَةٌ
    (بۇنىڭدىن كېيىن) ئۇنداق قىلمىغىن. بۇ ئايەتلەر ۋەزدۇر

    سەن ئۇنداق قىلمىغىن. بۇ ئايەتلەر ۋەز-نەسىھەتتۇر [11].

  12. (80-سۈرە ئەبەسە، 12-ئايەت)
    فَمَنْ شَاءَ ذَكَرَهُ
    خالىغان ئادەم ئۇنىڭدىن ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ

    خالىغان ئادەم ئۇنىڭدىن پەند-نەسىھەت ئالىدۇ [12].

  13. (80-سۈرە ئەبەسە، 13-ئايەت)
    فِي صُحُفٍ مُكَرَّمَةٍ
    ئۇ (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) قىممەتلىك، (قەدرى) يۇقىرى پاك سەھىپىلەرگە يېزىلغاندۇر

    ئۇ (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) قىممەتلىك، يۇقىرى مەرتىۋىلىك پاك سەھىپىلەرگە ھۆرمەتلىك، ياخشى پۈتۈكچىلەر (يەنى پەرىشتىلەر)نىڭ قولى بىلەن يېزىلغاندۇر [13ـ16].

  14. (80-سۈرە ئەبەسە، 14-ئايەت)
    مَرْفُوعَةٍ مُطَهَّرَةٍ
    ئۇ (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) قىممەتلىك، (قەدرى) يۇقىرى پاك سەھىپىلەرگە يېزىلغاندۇر

    ئۇ (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) قىممەتلىك، يۇقىرى مەرتىۋىلىك پاك سەھىپىلەرگە ھۆرمەتلىك، ياخشى پۈتۈكچىلەر (يەنى پەرىشتىلەر)نىڭ قولى بىلەن يېزىلغاندۇر [13ـ16].

  15. (80-سۈرە ئەبەسە، 15-ئايەت)
    بِأَيْدِي سَفَرَةٍ
    (ئۇ) ھۆرمەتلىك ياخشى (پەرىشتىلەردىن بولغان) پۈتۈكچىلەرنىڭ قولىدىدۇر

    ئۇ (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) قىممەتلىك، يۇقىرى مەرتىۋىلىك پاك سەھىپىلەرگە ھۆرمەتلىك، ياخشى پۈتۈكچىلەر (يەنى پەرىشتىلەر)نىڭ قولى بىلەن يېزىلغاندۇر [13ـ16].

  16. (80-سۈرە ئەبەسە، 16-ئايەت)
    كِرَامٍ بَرَرَةٍ
    (ئۇ) ھۆرمەتلىك ياخشى (پەرىشتىلەردىن بولغان) پۈتۈكچىلەرنىڭ قولىدىدۇر

    ئۇ (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) قىممەتلىك، يۇقىرى مەرتىۋىلىك پاك سەھىپىلەرگە ھۆرمەتلىك، ياخشى پۈتۈكچىلەر (يەنى پەرىشتىلەر)نىڭ قولى بىلەن يېزىلغاندۇر [13ـ16].

  17. (80-سۈرە ئەبەسە، 17-ئايەت)
    قُتِلَ الْإِنْسَانُ مَا أَكْفَرَهُ
    ئىنسانغا لەنەت بولسۇنكى، ئۇ ئەجەب كاپىر بولدى!

    (كۇفرلىق قىلغان) ئىنسانغا لەنەت بولسۇن، ئۇ نېمە دېگەن تۇزكور! [17].

  18. (80-سۈرە ئەبەسە، 18-ئايەت)
    مِنْ أَيِّ شَيْءٍ خَلَقَهُ
    ئاللاھ ئۇنى نېمىدىن ياراتتى؟

    ئاللاھ ئۇنى نېمىدىن ياراتتى؟ [18].

  19. (80-سۈرە ئەبەسە، 19-ئايەت)
    مِنْ نُطْفَةٍ خَلَقَهُ فَقَدَّرَهُ
    ئاللاھ ئۇنى ئابىمەنىيدىن ياراتتى، (ئۇ تولۇق يارىتىلىپ بولغىچە) ئاللاھ ئۇنى بىر قانچە باسقۇچلارغا بۆلۈپ پەيدىن ـ پەي ياراتتى

    ئاللاھ ئۇنى ئابىمەنىيدىن ياراتتى، ياراتقاندىمۇ ئۇنى ئۆلچەملىك ياراتتى [19].

  20. (80-سۈرە ئەبەسە، 20-ئايەت)
    ثُمَّ السَّبِيلَ يَسَّرَهُ
    ئاندىن ئۇنىڭغا يولنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى

    ئاندىن ئۇنىڭغا (تۇغۇت) يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى [20].

  21. (80-سۈرە ئەبەسە، 21-ئايەت)
    ثُمَّ أَمَاتَهُ فَأَقْبَرَهُ
    ئاندىن ئۇنى ۋاپات قىلدۇردى، ئۇنىڭغا (كۆمۈلىدىغان) قەبرىنى بەرپا قىلدى

    ئاندىن ئۇنى ۋاپات قىلدۇرۇپ، قەبرىگە كىرگۈزدى [21].

  22. (80-سۈرە ئەبەسە، 22-ئايەت)
    ثُمَّ إِذَا شَاءَ أَنْشَرَهُ
    ئاندىن ئاللاھ ئۇنى خالىغان ۋاقىتتا تىرىلدۈرىدۇ

    ئاندىن ئاللاھ ئۇنى خالىغان ۋاقىتتا تىرىلدۈرىدۇ [22].

  23. (80-سۈرە ئەبەسە، 23-ئايەت)
    كَلَّا لَمَّا يَقْضِ مَا أَمَرَهُ
    ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى بۇ كاپىر ئىنسان تەكەببۇرلۇقىدىن يانسۇن)، ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى بەجا كەلتۈرمىدى

    ھەقىقەت شۇكى، ئۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى تېخى بەجا كەلتۈرمىدى [23].

  24. (80-سۈرە ئەبەسە، 24-ئايەت)
    كَلَّا لَمَّا يَقْضِ مَا أَمَرَهُ
    ئىنسان ئۆزىنىڭ يېمەكلىكلىرىگە (ئىبرەت نەزىرى بىلەن) قارىسۇن

    ئۇ ئىنسان ئۆزىنىڭ يېمەكلىكلىرىگە قاراپ باقسۇن [24].

  25. (80-سۈرە ئەبەسە، 25-ئايەت)
    فَلْيَنْظُرِ الْإِنْسَانُ إِلَىٰ طَعَامِهِ
    (بىز بۇلۇتتىن) زور مىقداردا يامغۇر ياغدۇردۇق

    بىز زور مىقداردا يامغۇر ياغدۇردۇق [25].

  26. (80-سۈرە ئەبەسە، 26-ئايەت)
    أَنَّا صَبَبْنَا الْمَاءَ صَبًّا
    ئاندىن زېمىننى (ئۇنىڭدىن ئۆسۈملۈكلەرنى چىقىرىش بىلەن) ياردۇق

    ئاندىن زېمىننى ياردۇق-دە، سىلەرنىڭ ۋە چارۋىلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭدا دانلىق زىرائەتنى، ئۈزۈمنى، ئوت-چۆپنى، زەيتۇننى، خورمىنى، باغچىلارنى ھاسىل قىلغان قويۇق دەرەخلەرنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت- چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق [26ـ32].

  27. (80-سۈرە ئەبەسە، 27-ئايەت)
    ثُمَّ شَقَقْنَا الْأَرْضَ شَقًّا
    سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق

    ئاندىن زېمىننى ياردۇق-دە، سىلەرنىڭ ۋە چارۋىلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭدا دانلىق زىرائەتنى، ئۈزۈمنى، ئوت-چۆپنى، زەيتۇننى، خورمىنى، باغچىلارنى ھاسىل قىلغان قويۇق دەرەخلەرنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت- چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق [26ـ32].

  28. (80-سۈرە ئەبەسە، 28-ئايەت)
    فَأَنْبَتْنَا فِيهَا حَبًّا
    سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق

    ئاندىن زېمىننى ياردۇق-دە، سىلەرنىڭ ۋە چارۋىلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭدا دانلىق زىرائەتنى، ئۈزۈمنى، ئوت-چۆپنى، زەيتۇننى، خورمىنى، باغچىلارنى ھاسىل قىلغان قويۇق دەرەخلەرنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت- چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق [26ـ32].

  29. (80-سۈرە ئەبەسە، 29-ئايەت)
    وَعِنَبًا وَقَضْبًا
    سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق

    ئاندىن زېمىننى ياردۇق-دە، سىلەرنىڭ ۋە چارۋىلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭدا دانلىق زىرائەتنى، ئۈزۈمنى، ئوت-چۆپنى، زەيتۇننى، خورمىنى، باغچىلارنى ھاسىل قىلغان قويۇق دەرەخلەرنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت- چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق [26ـ32].

  30. (80-سۈرە ئەبەسە، 30-ئايەت)
    وَزَيْتُونًا وَنَخْلًا
    سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق

    ئاندىن زېمىننى ياردۇق-دە، سىلەرنىڭ ۋە چارۋىلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭدا دانلىق زىرائەتنى، ئۈزۈمنى، ئوت-چۆپنى، زەيتۇننى، خورمىنى، باغچىلارنى ھاسىل قىلغان قويۇق دەرەخلەرنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت- چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق [26ـ32].

  31. (80-سۈرە ئەبەسە، 31-ئايەت)
    وَحَدَائِقَ غُلْبًا
    سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق

    ئاندىن زېمىننى ياردۇق-دە، سىلەرنىڭ ۋە چارۋىلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭدا دانلىق زىرائەتنى، ئۈزۈمنى، ئوت-چۆپنى، زەيتۇننى، خورمىنى، باغچىلارنى ھاسىل قىلغان قويۇق دەرەخلەرنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت- چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق [26ـ32].

  32. (80-سۈرە ئەبەسە، 32-ئايەت)
    وَفَاكِهَةً وَأَبًّا
    سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، زېمىندا ئاشلىقلارنى، ئۈزۈمنى، ئوتياشلارنى، زەيتۇننى، خورمىنى، دەرەخلىرى قويۇق باغچىلارنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت ـ چۆپلەرنى ئۆستۈردۇق

    ئاندىن زېمىننى ياردۇق-دە، سىلەرنىڭ ۋە چارۋىلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭدا دانلىق زىرائەتنى، ئۈزۈمنى، ئوت-چۆپنى، زەيتۇننى، خورمىنى، باغچىلارنى ھاسىل قىلغان قويۇق دەرەخلەرنى، تۈرلۈك مېۋىلەرنى، ئوت- چۆپلەرنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق [26ـ32].

  33. (80-سۈرە ئەبەسە، 33-ئايەت)
    مَتَاعًا لَكُمْ وَلِأَنْعَامِكُمْ
    (قىيامەتنىڭ) قۇلاقنى گاس قىلغۇدەك قاتتىق ئاۋازى كەلگەن چاغدا (ھەممە ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدۇ)

    قۇلاقنى گاس قىلغۇدەك قاتتىق ئاۋاز ئاڭلانغان چاغدا يۈز بېرىدىغان قىيامەت كۈنىدە ھەرقانداق كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىنمۇ قاچىدۇ [33ـ36].

  34. (80-سۈرە ئەبەسە، 34-ئايەت)
    فَإِذَا جَاءَتِ الصَّاخَّةُ
    ئۇ كۈندە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىن قاچىدۇ

    قۇلاقنى گاس قىلغۇدەك قاتتىق ئاۋاز ئاڭلانغان چاغدا يۈز بېرىدىغان قىيامەت كۈنىدە ھەرقانداق كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىنمۇ قاچىدۇ [33ـ36].

  35. (80-سۈرە ئەبەسە، 35-ئايەت)
    يَوْمَ يَفِرُّ الْمَرْءُ مِنْ أَخِيهِ
    ئۇ كۈندە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىن قاچىدۇ

    قۇلاقنى گاس قىلغۇدەك قاتتىق ئاۋاز ئاڭلانغان چاغدا يۈز بېرىدىغان قىيامەت كۈنىدە ھەرقانداق كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىنمۇ قاچىدۇ [33ـ36].

  36. (80-سۈرە ئەبەسە، 36-ئايەت)
    وَأُمِّهِ وَأَبِيهِ
    ئۇ كۈندە كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىن قاچىدۇ

    قۇلاقنى گاس قىلغۇدەك قاتتىق ئاۋاز ئاڭلانغان چاغدا يۈز بېرىدىغان قىيامەت كۈنىدە ھەرقانداق كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن، ئاتىسىدىن، خوتۇنىدىن ۋە بالىلىرىدىنمۇ قاچىدۇ [33ـ36].

  37. (80-سۈرە ئەبەسە، 37-ئايەت)
    وَصَاحِبَتِهِ وَبَنِيهِ
    ئۇ كۈندە ھەر ئادەمنىڭ بىر ھالى بولىدۇكى، ئۇنىڭ باشقىلارغا قارىشىغا (شۇ ھالى) يار بەرمەيدۇ

    ئۇ كۈندە ھەرقانداق ئادەم ئۆز غېمى بىلەن بولۇپ كېتىدۇ(ئۇنىڭ باشقىلارغا قارىغۇدەك ھالى قالمايدۇ) [37].

  38. (80-سۈرە ئەبەسە، 38-ئايەت)
    لِكُلِّ امْرِئٍ مِنْهُمْ يَوْمَئِذٍ شَأْنٌ يُغْنِيهِ
    ئۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەردىن نۇر، كۈلكە ۋە خۇشال ـ خۇراملىق يېغىپ تۇرىدۇ

    ئۇ كۈندە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يۈزلىرىدىن نۇر، كۈلكە ۋە خۇشال ـ خۇراملىق يېغىپ تۇرىدۇ [38ـ

  39. (80-سۈرە ئەبەسە، 39-ئايەت)
    وُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ مُسْفِرَةٌ
    ئۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەردىن نۇر، كۈلكە ۋە خۇشال ـ خۇراملىق يېغىپ تۇرىدۇ

    ئۇ كۈندە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يۈزلىرىدىن نۇر، كۈلكە ۋە خۇشال ـ خۇراملىق يېغىپ تۇرىدۇ [38ـ

  40. (80-سۈرە ئەبەسە، 40-ئايەت)
    ضَاحِكَةٌ مُسْتَبْشِرَةٌ
    يەنە بۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەرنى چاڭ ـ توزان بېسىپ كەتكەن، قارىداپ كەتكەن بولىدۇ

    يەنە بۇ كۈندە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يۈزىنى چاڭ ـ توزان بېسىپ [40].

  41. (80-سۈرە ئەبەسە، 41-ئايەت)
    وَوُجُوهٌ يَوْمَئِذٍ عَلَيْهَا غَبَرَةٌ
    يەنە بۇ كۈندە نۇرغۇن يۈزلەرنى چاڭ ـ توزان بېسىپ كەتكەن، قارىداپ كەتكەن بولىدۇ

    قارىداپ كەتكەن بولىدۇ[41].

  42. (80-سۈرە ئەبەسە، 42-ئايەت)
    تَرْهَقُهَا قَتَرَةٌ
    بۇلار بولسا كاپىرلاردۇر، فاجىرلاردۇر

    ئەنە شۇلار ھەم كافىر، ھەم گۇناھكار كىشىلەردۇر[42].