تەكۋىر سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 29 ئايەت
مەنىسى: ئۆچۈش (نۇرى). ئاتىلىش سەۋەبى: قىيامەتتە قۇياشنىڭ نۇرى ئۆچىدىغانلىقى بىلەن باشلانغان
  1. (81-سۈرە تەكۋىر، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا الشَّمْسُ كُوِّرَتْ
    كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا

    كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا [1]،

  2. (81-سۈرە تەكۋىر، 2-ئايەت)
    وَإِذَا النُّجُومُ انْكَدَرَتْ
    يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا

    يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا [2]،

  3. (81-سۈرە تەكۋىر، 3-ئايەت)
    وَإِذَا الْجِبَالُ سُيِّرَتْ
    تاغلار گۇمران بولغان چاغدا

    تاغلار غۇلاپ كۆچكەن چاغدا [3]،

  4. (81-سۈرە تەكۋىر، 4-ئايەت)
    وَإِذَا الْعِشَارُ عُطِّلَتْ
    بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا

    بوغاز تۆگىلەرمۇ ئىگىسىز قالغان چاغدا [4]،

  5. (81-سۈرە تەكۋىر، 5-ئايەت)
    وَإِذَا الْوُحُوشُ حُشِرَتْ
    ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا

    ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا [5]،

  6. (81-سۈرە تەكۋىر، 6-ئايەت)
    وَإِذَا الْبِحَارُ سُجِّرَتْ
    دېڭىزلار ئوت بولۇپ لاۋۇلدىغان چاغدا

    دېڭىزلار ئوت بولۇپ لاۋۇلدىغان چاغدا [6]،

  7. (81-سۈرە تەكۋىر، 7-ئايەت)
    وَإِذَا النُّفُوسُ زُوِّجَتْ
    جانلار (ئۆز قاياشلىرىغا) قوشۇلغان چاغدا

    جان بىلەن تەن قوشۇلغان چاغدا [7]،

  8. (81-سۈرە تەكۋىر، 8-ئايەت)
    وَإِذَا الْمَوْءُودَةُ سُئِلَتْ
    تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا

    تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىز بوۋاقتىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدىڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا [8ـ9]،

  9. (81-سۈرە تەكۋىر، 9-ئايەت)
    بِأَيِّ ذَنْبٍ قُتِلَتْ
    تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا

    تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىز بوۋاقتىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدىڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا [8ـ9]،

  10. (81-سۈرە تەكۋىر، 10-ئايەت)
    وَإِذَا الصُّحُفُ نُشِرَتْ
    نامە ـ ئەماللار ئېچىلغان چاغدا

    نامە ـ ئەماللار ئېچىلغان چاغدا [10]،

  11. (81-سۈرە تەكۋىر، 11-ئايەت)
    وَإِذَا السَّمَاءُ كُشِطَتْ
    ئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا

    ئاسمان يۈزى ئېچىپ تاشلانغان چاغدا [11]،

  12. (81-سۈرە تەكۋىر، 12-ئايەت)
    وَإِذَا الْجَحِيمُ سُعِّرَتْ
    دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا

    دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا [12]،

  13. (81-سۈرە تەكۋىر، 13-ئايەت)
    وَإِذَا الْجَنَّةُ أُزْلِفَتْ
    جەننەت (تەقۋادارلارغا) يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا

    جەننەت يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا [13]،

  14. (81-سۈرە تەكۋىر، 14-ئايەت)
    عَلِمَتْ نَفْسٌ مَا أَحْضَرَتْ
    ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان (ياخشى ـ يامان) ئىشلىرىنى بىلىدۇ

    ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى بىلىدۇ [14].

  15. (81-سۈرە تەكۋىر، 15-ئايەت)
    فَلَا أُقْسِمُ بِالْخُنَّسِ
    كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن

    كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنغۇچى سەييارە يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن [15ـ16]،

  16. (81-سۈرە تەكۋىر، 16-ئايەت)
    الْجَوَارِ الْكُنَّسِ
    كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن

    كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنغۇچى سەييارە يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن [15ـ16]،

  17. (81-سۈرە تەكۋىر، 17-ئايەت)
    وَاللَّيْلِ إِذَا عَسْعَسَ
    قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن

    قاراڭغۇلۇقنى ئېلىپ كەلگەن كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن [17]،

  18. (81-سۈرە تەكۋىر، 18-ئايەت)
    وَالصُّبْحِ إِذَا تَنَفَّسَ
    يورۇشقا باشلىغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەن

    يورۇشقا باشلىغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى [18].

  19. (81-سۈرە تەكۋىر، 19-ئايەت)
    إِنَّهُ لَقَوْلُ رَسُولٍ كَرِيمٍ
    قۇرئان ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ) ئىززەتلىك بىر ئەلچى (ئارقىلىق نازىل قىلىنغان) سۆزىدۇر

    قۇرئان ھەقىقەتەن ئىززەتلىك بىر ئەلچى (يەنى جىبرىئىل) ئاللاھتىن ئېلىپ كەلگەن سۆزدۇر[19].

  20. (81-سۈرە تەكۋىر، 20-ئايەت)
    ذِي قُوَّةٍ عِنْدَ ذِي الْعَرْشِ مَكِينٍ
    ئۇ (ئەلچى) كۈچلۈكتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىلىكتۇر

    ئۇ ئەلچى كۈچلۈكتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىلىكتۇر [20].

  21. (81-سۈرە تەكۋىر، 21-ئايەت)
    مُطَاعٍ ثَمَّ أَمِينٍ
    پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر. بۇ يەردە (يەنى ئاسماندا) ئۇ ئىشەنچلىكتۇر

    پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر. بۇ يەردە ئۇ ئىشەنچلىكتۇر [21].

  22. (81-سۈرە تەكۋىر، 22-ئايەت)
    وَمَا صَاحِبُكُمْ بِمَجْنُونٍ
    سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) مەجنۇن ئەمەستۇر

    سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (مۇھەممەد) مەجنۇن ئەمەستۇر [22].

  23. (81-سۈرە تەكۋىر، 23-ئايەت)
    وَلَقَدْ رَآهُ بِالْأُفُقِ الْمُبِينِ
    ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقنىڭ شەرقىدە كۆردى

    ئۇ جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقتا كۆردى [23].

  24. (81-سۈرە تەكۋىر، 24-ئايەت)
    وَلَقَدْ رَآهُ بِالْأُفُقِ الْمُبِينِ
    ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) (غەيبنى) تەبلىغ قىلىشتا بېخىل ئەمەستۇر

    ئۇ غەيب (ۋەھيى)نى يەتكۈزۈشتە بېخىل ئەمەستۇر [24].

  25. (81-سۈرە تەكۋىر، 25-ئايەت)
    وَمَا هُوَ عَلَى الْغَيْبِ بِضَنِينٍ
    ئۇ (يەنى قۇرئان) قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەستۇر

    قۇرئان قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەستۇر [25].

  26. (81-سۈرە تەكۋىر، 26-ئايەت)
    وَمَا هُوَ بِقَوْلِ شَيْطَانٍ رَجِيمٍ
    قەيەرگە بارىسىلەر؟

    شۇنداق تۇرسا، سىلەر قەيەرگە كېتىپ بارىسىلەر؟ [26].

  27. (81-سۈرە تەكۋىر، 27-ئايەت)
    فَأَيْنَ تَذْهَبُونَ
    ئۇ (يەنى قۇرئان) پۈتۈن ئەھلى جاھانغا نەسىھەتتۇر

    قۇرئان پۈتۈن ئەھلى جاھانغا پەقەتلا نەسىھەتتۇر [27].

  28. (81-سۈرە تەكۋىر، 28-ئايەت)
    إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ لِلْعَالَمِينَ
    سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن (دىن بارىسىدا) راۋۇرۇس بولۇشنى خالايدىغانلارغا (قۇرئان) نەسىھەتتۇر

    بولۇپمۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى توغرا يولدا بولۇشنى خالايدىغانلارغا نەسىھەتتۇر [28].

  29. (81-سۈرە تەكۋىر، 29-ئايەت)
    لِمَنْ شَاءَ مِنْكُمْ أَنْ يَسْتَقِيمَ
    پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەرغىچە

    پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ئاللاھ ئىرادە قىلغاندىلا، ئاندىن سىلەر توغرا يولدا بولۇشنى خالايسىلەر [29].