نازىئات سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 46 ئايەت
مەنىسى: سۇغۇرۋالغۇچى. ئاتىلىش سەۋەبى: شۇ سۈپەتلىك مالائىكىلەر بىلەن قەسەم قىلىنىپ باشلانغان
  1. (79-سۈرە نازىئات، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ وَالنَّازِعَاتِ غَرْقًا
    (كۇففارلارنىڭ جانلىرىنى) قاتتىق تارتىپ ئالغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى

    جاننى قاتتىق تارتىپ ئالغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن [1]،

  2. (79-سۈرە نازىئات، 2-ئايەت)
    وَالنَّاشِطَاتِ نَشْطًا
    (مۆمىنلەرنىڭ جانلىرىنى) سىلىق ئالغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى

    سىلىق ئالغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن [2]،

  3. (79-سۈرە نازىئات، 3-ئايەت)
    وَالسَّابِحَاتِ سَبْحًا
    (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئاسماندىن) تېز ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى

    (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) تېز ئەپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن [3]،

  4. (79-سۈرە نازىئات، 4-ئايەت)
    فَالسَّابِقَاتِ سَبْقًا
    (مۆمىنلەرنىڭ جانلىرىنى ئېلىپ جەننەتكە) ئىلگىرلىگۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى

    (جانلارىنى ئېلىپ) تېز ئىلگىرلىگۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەن [4]،

  5. (79-سۈرە نازىئات، 5-ئايەت)
    فَالْمُدَبِّرَاتِ أَمْرًا
    (ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن) كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى، (سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر، سىلەردىن چوقۇم ھېساب ئېلىنىدۇ)

    (ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن) كائىناتنىڭ ئىشلىرىغا تەدبىر قوللانغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، [5].

  6. (79-سۈرە نازىئات، 6-ئايەت)
    يَوْمَ تَرْجُفُ الرَّاجِفَةُ
    بۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دە زېمىن (ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر قوشۇلۇپ) تەۋرەيدۇ

    بۇ قىيامەت كۈنىدە (بىرىنچى سۇر چېلىنىشى بىلەن)بارلىق شەيئىلەر تەۋرەپ (ھالاك بولۇپ) كېتىدۇ [6].

  7. (79-سۈرە نازىئات، 7-ئايەت)
    تَتْبَعُهَا الرَّادِفَةُ
    ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئاسمان (ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر قوشۇلۇپ) تەۋرەيدۇ

    ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئىككىنچى سۇر چېلىنىدۇ (بۇنىڭ بىلەن ئۆلگەنلەر تىرىلىدۇ) [7].

  8. (79-سۈرە نازىئات، 8-ئايەت)
    قُلُوبٌ يَوْمَئِذٍ وَاجِفَةٌ
    بۇ كۈندە دىللارنى (يەنى كۇففارلارنىڭ دىللىرىنى) قورقۇنچ باسىدۇ

    بۇ كۈندە دىللارنى قورقۇنچ باسىدۇ [8].

  9. (79-سۈرە نازىئات، 9-ئايەت)
    أَبْصَارُهَا خَاشِعَةٌ
    شۇ (دىللارنىڭ ئىگىلىرىنىڭ) كۆزلىرى (قورقۇنچتىن) تىكىلىپ قارىيالمايدۇ

    قۇرققۇچىلارنىڭ كۆزلىرىدە قورقۇنچ ئەكس ئېتىدۇ[9].

  10. (79-سۈرە نازىئات، 10-ئايەت)
    يَقُولُونَ أَإِنَّا لَمَرْدُودُونَ فِي الْحَافِرَةِ
    ئۇلار ئېيتىدۇ: «راستتىنلا بىز ئاۋۋالقى ھالىمىزغا قايتۇرۇلامدۇق؟ (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلەمدۇق؟)

    قىيامەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار: «بىز چىرىگەن سۆڭەك بولۇپ كەتسەكمۇ، راستلا يەنە ئاۋۋالقى ھالىتىمىزگە قايتۇرۇلامدۇق؟» دىيىشۋاتىدۇ [10-11]

  11. (79-سۈرە نازىئات، 11-ئايەت)
    أَإِذَا كُنَّا عِظَامًا نَخِرَةً
    ئۇ بىزنىڭ چىرىگەن سۆڭەك بولۇپ قالغان ۋاقتىمىز ئەمەسمۇ؟»

    قىيامەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار: «بىز چىرىگەن سۆڭەك بولۇپ كەتسەكمۇ، راستلا يەنە ئاۋۋالقى ھالىتىمىزگە قايتۇرۇلامدۇق؟» دىيىشۋاتىدۇ [10-11]

  12. (79-سۈرە نازىئات، 12-ئايەت)
    قَالُوا تِلْكَ إِذًا كَرَّةٌ خَاسِرَةٌ
    ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنداق بولىدىغان بولسا، بۇ (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش) زىيانلىق قايتىشتۇر (يەنى بىز ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدىغان بولساق، دوزاخ ئەھلى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن زىيان تارتقۇچىلارمىز)»

    ئۇلار يەنە:«ئۇنداق بولىدىغان بولسا، بۇ زىيان كەلتۈرىدىغان قايتىش ئىكەنغۇ!» دېدى[12].

  13. (79-سۈرە نازىئات، 13-ئايەت)
    فَإِنَّمَا هِيَ زَجْرَةٌ وَاحِدَةٌ
    بىر سەيھە (يەنى ئىسراپىلنىڭ سۇر چېلىشى) بىلەنلا ئۇلار (يەنى جىمى خالايىق) (يەر ئاستىدىن) زېمىننىڭ ئۈستىگە چىقىپ قالىدۇ

    ئۇ تىرىلىش بىرلا ئاۋاز بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەممە خالايىق يەر يۈزىگە چىقىپ قالىدۇ [13ـ14].

  14. (79-سۈرە نازىئات، 14-ئايەت)
    فَإِذَا هُمْ بِالسَّاهِرَةِ
    بىر سەيھە (يەنى ئىسراپىلنىڭ سۇر چېلىشى) بىلەنلا ئۇلار (يەنى جىمى خالايىق) (يەر ئاستىدىن) زېمىننىڭ ئۈستىگە چىقىپ قالىدۇ

    ئۇ تىرىلىش بىرلا ئاۋاز بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەممە خالايىق يەر يۈزىگە چىقىپ قالىدۇ [13ـ14].

  15. (79-سۈرە نازىئات، 15-ئايەت)
    هَلْ أَتَاكَ حَدِيثُ مُوسَىٰ
    ساڭا مۇسانىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟

    (ئى مۇھەممەد!) ساڭا مۇسانىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟ [15]

  16. (79-سۈرە نازىئات، 16-ئايەت)
    إِذْ نَادَاهُ رَبُّهُ بِالْوَادِ الْمُقَدَّسِ طُوًى
    ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى پەرۋەردىگارى تۇۋا ناملىق مۇقەددەس ۋادىدا (مۇنداق دەپ) چاقىردى:

    ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارى تۇۋا ناملىق مۇقەددەس ۋادىدا مۇنداق دەپ نىدا قىلغان ئىدى [16]:

  17. (79-سۈرە نازىئات، 17-ئايەت)
    اذْهَبْ إِلَىٰ فِرْعَوْنَ إِنَّهُ طَغَىٰ
    «سەن پىرئەۋننىڭ قېشىغا بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى

    «سەن پىرئەۋننىڭ قېشىغا بارغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشتى [17].

  18. (79-سۈرە نازىئات، 18-ئايەت)
    فَقُلْ هَلْ لَكَ إِلَىٰ أَنْ تَزَكَّىٰ
    ئۇنىڭغا :<كۇفرىدىن ۋە گۇناھلاردىن>پاك بولۇشنى خالامسەن.18

    ئۇنىڭغا: ‹سەن كۇفرىدىن پاك بولۇشنى خالامسەن؟ [18].

  19. (79-سۈرە نازىئات، 19-ئايەت)
    وَأَهْدِيَكَ إِلَىٰ رَبِّكَ فَتَخْشَىٰ
    سېنى پەرۋەردىگارىمنى تونۇشقا يېتەكلىشىمنى خالامسەن؟ (ئۇنى تونۇساڭ پەرۋەردىگارىڭدىن) قورقىسەن ـ دە، (ياخشى ئەمەللەرنى قىلىسەن)، دېگىن»

    سېنى پەرۋەردىگارىمنى تونۇشقا يېتەكلىشىمنى خالامسەن؟ شۇنداق قىلساڭ (پەرۋەردىگارىڭدىن) قورقىدىغان بولىسەن›دېگىن[19].

  20. (79-سۈرە نازىئات، 20-ئايەت)
    فَأَرَاهُ الْآيَةَ الْكُبْرَىٰ
    مۇسا پىرئەۋنگە چوڭ مۆجىزىنى كۆرسەتتى

    مۇسا پىرئەۋنگە چوڭ مۆجىزىنى كۆرسەتتى [20].

  21. (79-سۈرە نازىئات، 21-ئايەت)
    فَكَذَّبَ وَعَصَىٰ
    پىرئەۋن (ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇسانى) ئىنكار قىلدى ۋە (ئاللاھنىڭ ئەمرىگە) ئاسىيلىق قىلدى

    پىرئەۋن مۇسانى يالغانچى دېدى ۋە (ئاللاھقا) ئاسىيلىق قىلدى [21].

  22. (79-سۈرە نازىئات، 22-ئايەت)
    ثُمَّ أَدْبَرَ يَسْعَىٰ
    ئاندىن پىرئەۋن (مۇسادىن) يۈز ئۆرۈپ (ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىشكە) كىرىشتى

    ئاندىن پىرئەۋن كەينىگە بۇرۇلۇپ تېز-تېز مېڭىپ كەتتى [22].

  23. (79-سۈرە نازىئات، 23-ئايەت)
    فَحَشَرَ فَنَادَىٰ
    (ئۇ سېھرىگەرلەرنى، ئەسكەرلىرىنى، تەۋەلىرىنى) توپلىدى ھەم نىدا قىلىپ

    ئۇ ئۆز تەۋەلىرىنى توپلاپ ۋە نىدا قىلىپ [23]:

  24. (79-سۈرە نازىئات، 24-ئايەت)
    فَقَالَ أَنَا رَبُّكُمُ الْأَعْلَىٰ
    دېدى: «مەن سىلەرنىڭ بۈيۈك پەرۋەردىگارىڭلار بولىمەن»

    «مەن سىلەرنىڭ بۈيۈك پەرۋەردىگارىڭلار بولىمەن» دېدى [24].

  25. (79-سۈرە نازىئات، 25-ئايەت)
    فَأَخَذَهُ اللَّهُ نَكَالَ الْآخِرَةِ وَالْأُولَىٰ
    ئاللاھ ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئازابى بىلەن جازالىدى

    ئاللاھ ئۇنى كېيىنكى ۋە ئىلگىرىكى گۇناھلىرى ئۈچۈن قاتتىق جازالىدى [25].

  26. (79-سۈرە نازىئات، 26-ئايەت)
    إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَعِبْرَةً لِمَنْ يَخْشَىٰ
    شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاللاھتىن قورقىدىغانلار بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالىدۇ

    شەك-شۈبھىسىزكى، ئاللاھتىن قورقىدىغانلار بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالىدۇ [26].

  27. (79-سۈرە نازىئات، 27-ئايەت)
    أَأَنْتُمْ أَشَدُّ خَلْقًا أَمِ السَّمَاءُ ۚ بَنَاهَا
    سىلەرنى يارىتىش مۈشكۈلمۇ ياكى ئاسماننى يارىتىش مۈشكۈلمۇ؟ ئاللاھ ئاسماننى ياراتتى

    (ئى تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلار)سىلەرنى يارىتىش مۈشكۈلمۇ؟ ياكى ئاسماننى يارىتىش مۈشكۈلمۇ؟ ئاللاھ ئاسماننى ياراتتى [27].

  28. (79-سۈرە نازىئات، 28-ئايەت)
    رَفَعَ سَمْكَهَا فَسَوَّاهَا
    ئۇنىڭ ئېگىزلىكىنى يۈكسەك قىلدى ۋە كەم ـ كۈتىسىز قىلدى

    ئۇنى ئېگىز ۋە كەم-كۈتىسىز قىلدى [28].

  29. (79-سۈرە نازىئات، 29-ئايەت)
    وَأَغْطَشَ لَيْلَهَا وَأَخْرَجَ ضُحَاهَا
    ئۇنىڭ كېچىسىنى قاپقاراڭغۇ، كۈندۈزىنى يوپيورۇق قىلدى

    ئۇنىڭ كېچىسىنى قاپقاراڭغۇ، كۈندۈزىنى يوپيورۇق قىلدى [29].

  30. (79-سۈرە نازىئات، 30-ئايەت)
    وَالْأَرْضَ بَعْدَ ذَٰلِكَ دَحَاهَا
    شۇنىڭدىن كېيىن زېمىننى (ئەھلى زېمىننىڭ تۇرۇشىغا لايىق قىلىپ) يايدى

    شۇنىڭدىن كېيىن زېمىننى (ياشاشقا لايىق قىلىپ) يايدى [30].

  31. (79-سۈرە نازىئات، 31-ئايەت)
    أَخْرَجَ مِنْهَا مَاءَهَا وَمَرْعَاهَا
    زېمىندىن بۇلاقلارنى ئاقتۇردى، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردى

    زېمىندىن بۇلاقلارنى ئاقتۇردى، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردى [31].

  32. (79-سۈرە نازىئات، 32-ئايەت)
    وَالْجِبَالَ أَرْسَاهَا
    تاغلارنى (زېمىندا) مۇقىم قىلدى

    تاغلارنى مۇقىم قىلدى [32].

  33. (79-سۈرە نازىئات، 33-ئايەت)
    مَتَاعًا لَكُمْ وَلِأَنْعَامِكُمْ
    ئاللاھتائالا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىلەرنىڭ ۋە ھايۋانلىرىڭلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن (ياراتتى)

    ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىلەرنىڭ ۋە چارۋىلىرىڭلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ياراتتى [33].

  34. (79-سۈرە نازىئات، 34-ئايەت)
    فَإِذَا جَاءَتِ الطَّامَّةُ الْكُبْرَىٰ
    قىيامەت كەلگەندە

    قاتتىق ئېغىرچىلىق (قىيامەت) كەلگەن كۈندە ئىنسان ياخشى- يامان ئىشلىرىنى ئەسلەيدۇ [34-35].

  35. (79-سۈرە نازىئات، 35-ئايەت)
    يَوْمَ يَتَذَكَّرُ الْإِنْسَانُ مَا سَعَىٰ
    (شۇ) كۈندە ئىنسان (ياخشى ـ يامان) قىلمىشلىرىنى ئەسلەيدۇ

    قاتتىق ئېغىرچىلىق (قىيامەت) كەلگەن كۈندە ئىنسان ياخشى- يامان ئىشلىرىنى ئەسلەيدۇ [34-35].

  36. (79-سۈرە نازىئات، 36-ئايەت)
    وَبُرِّزَتِ الْجَحِيمُ لِمَنْ يَرَىٰ
    قارىغۇچىلارغا جەھەننەم ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ

    قارىغۇچىلارغا جەھەننەم ئوچۇق كۆرسىتىلىدۇ [36].

  37. (79-سۈرە نازىئات، 37-ئايەت)
    فَأَمَّا مَنْ طَغَىٰ
    كىمكى (كۇفرىدا، گۇناھتا) چېكىدىن ئاشىدىكەن

    كىمكى چېكىدىن ئاشىدىكەن [37]،

  38. (79-سۈرە نازىئات، 38-ئايەت)
    وَآثَرَ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا
    دۇنيا تىرىكچىلىكىنى (ئاخىرەتتىن) ئارتۇق كۆرىدىكەن

    دۇنيا تىرىكچىلىكىنى (ئاخىرەتتىن) ئارتۇق كۆرىدىكەن [38]،

  39. (79-سۈرە نازىئات، 39-ئايەت)
    فَإِنَّ الْجَحِيمَ هِيَ الْمَأْوَىٰ
    ئۇنىڭ جايى ھەقىقەتەن جەھەننەم بولىدۇ

    ئۇنىڭ جايى ھەقىقەتەن جەھەننەم بولىدۇ [39].

  40. (79-سۈرە نازىئات، 40-ئايەت)
    وَأَمَّا مَنْ خَافَ مَقَامَ رَبِّهِ وَنَهَى النَّفْسَ عَنِ الْهَوَىٰ
    پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا (سوراققا تارتىلىشتىن) قورقىدىغان، ئۆزىنى نەپسى خاھىشىغا بېرىلىشتىن (يەنى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) چەكلىگەن ئادەمگە كەلسەك

    ەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ سوراققا تارتىلىشتىن قورقىدىغان، ئۆزىنى نەپسى خاھىشىغا بېرىلىشتىن چەكلىگەن ئادەمگە كەلسەك [40]،

  41. (79-سۈرە نازىئات، 41-ئايەت)
    فَإِنَّ الْجَنَّةَ هِيَ الْمَأْوَىٰ
    ھەقىقەتەن ئۇنىڭ جايى جەننەت بولىدۇ

    ھەقىقەتەن ئۇنىڭ جايى جەننەت بولىدۇ [41].

  42. (79-سۈرە نازىئات، 42-ئايەت)
    يَسْأَلُونَكَ عَنِ السَّاعَةِ أَيَّانَ مُرْسَاهَا
    ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ

    ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ [42].

  43. (79-سۈرە نازىئات، 43-ئايەت)
    فِيمَ أَنْتَ مِنْ ذِكْرَاهَا
    سەن ئۇنى قانداقمۇ بايان قىلىپ بېرەلەيسەن؟

    سەن ئۇنى قانداقمۇ دەپ بېرەلەيسەن؟ [43]

  44. (79-سۈرە نازىئات، 44-ئايەت)
    إِلَىٰ رَبِّكَ مُنْتَهَاهَا
    ئۇنى بىلىش پەرۋەردىگارىڭغا خاستۇر

    ئۇنى بىلىش پەرۋەردىگارىڭغا خاستۇر [44].

  45. (79-سۈرە نازىئات، 45-ئايەت)
    إِنَّمَا أَنْتَ مُنْذِرُ مَنْ يَخْشَاهَا
    سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت قىيامەتتىن قورقىدىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرۇشتۇر

    سەن پەقەتلا قىيامەتتىن قورقىدىغان ئادەمنى ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن[45].

  46. (79-سۈرە نازىئات، 46-ئايەت)
    كَأَنَّهُمْ يَوْمَ يَرَوْنَهَا لَمْ يَلْبَثُوا إِلَّا عَشِيَّةً أَوْ ضُحَاهَا
    ئۇلار قىيامەتنى كۆرگەن كۈندە، گويا ئۆزلىرىنى (دۇنيادا) پەقەت بىر كەچقۇرۇن ياكى بىر ئەتىگەن تۇرغاندەك (گۇمان قىلىدۇ)

    ئۇلار قىيامەتنى كۆرگەن كۈندە، ئۆزىنى (دۇنيادا) پەقەت بىر كەچقۇرۇن ياكى بىر ئەتىگەن ياشىغاندەكلا ھېس قىلىدۇ [46].