زەلزەلە سۈرىسى
مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 8 ئايەتمەنىسى: تەۋرەش. ئاتىلىش سەۋەبى: قىيامەتتە زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان
-
(99-سۈرە زەلزەلە، 1-ئايەت)بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا زُلْزِلَتِ الْأَرْضُ زِلْزَالَهَا
زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلگەندە
زېمىن قاتتىق سىلكىنىپ [1]،
-
(99-سۈرە زەلزەلە، 2-ئايەت)وَأَخْرَجَتِ الْأَرْضُ أَثْقَالَهَا
زېمىن (قوينىدىكى) يۈكلىرىنى (يەنى مەدەنلەر، ئوتلار، ئۆلۈكلەرنى) چىقارغاندا
قوينىدىكى يۈكلىرىنى (يەنى ئۆلۈكلەرنى ۋە باشقىلارنى) چىقارغاندا [2]،
-
(99-سۈرە زەلزەلە، 3-ئايەت)وَقَالَ الْإِنْسَانُ مَا لَهَا
ئىنسان ئۇنىڭغا (يەنى زېمىنغا): «نېمە بولدى؟» دېگەندە
بۇنى كۆرگەن ئىنسان: «بۇ زېمىنغا نېمە بولغاندۇ؟»دېگەندە [3]،
-
(99-سۈرە زەلزەلە، 4-ئايەت)يَوْمَئِذٍ تُحَدِّثُ أَخْبَارَهَا
بۇ كۈندە زېمىن ئۆزىنىڭ خەۋەرلىرىنى (يەنى ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىشلەنگەن ياخشى ـ يامان ئىشلارنى) مەلۇم قىلىدۇ
بۇ كۈندە زېمىن پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۆزىنىڭ ئۈستىدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى مەلۇم قىلىدۇ [4-5].
-
(99-سۈرە زەلزەلە، 5-ئايەت)بِأَنَّ رَبَّكَ أَوْحَىٰ لَهَا
(ئۇنىڭ مەلۇم قىلىشى) پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇنى شۇنداق قىلىشقا ئەمر قىلغانلىقىدىندۇر
بۇ كۈندە زېمىن پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۆزىنىڭ ئۈستىدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى مەلۇم قىلىدۇ [4-5].
-
(99-سۈرە زەلزەلە، 6-ئايەت)يَوْمَئِذٍ يَصْدُرُ النَّاسُ أَشْتَاتًا لِيُرَوْا أَعْمَالَهُمْ
بۇ كۈندە كىشىلەر قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن توپ ـ توپ بولۇپ تارىلىپ كېتىدۇ
بۇ كۈندە كىشىلەر قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن (قەبرىلىرىدىن)توپ ـ توپ بولۇپ چىقىدۇ [6].
-
(99-سۈرە زەلزەلە، 7-ئايەت)فَمَنْ يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ خَيْرًا يَرَهُ
كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ
كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇ ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ [7].
-
(99-سۈرە زەلزەلە، 8-ئايەت)وَمَنْ يَعْمَلْ مِثْقَالَ ذَرَّةٍ شَرًّا يَرَهُ
كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ
كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇ ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ [8].