مۇزەممىل سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 20 ئايەتمەنىسى: كىيىمگە يۆگىنىۋالغۇچى. ئاتىلىش سەۋەبى: رەسۇلۇللاھنىڭ مەزكۇر سۈپىتى بىلەن باشلانغان
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا الْمُزَّمِّلُ
ئى كىيىمگە يۆگىنىۋالغۇچى (پەيغەمبەر!) — مۇھەممەد سالىھ
ئى كىيىمگە يۆگىنىۋالغۇچى -پەيغەمبەر! — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى يۆگىنىۋالغۇچى[1]! — ئەنەس ئالىم
(1-8) ئى كىيىمىگە يۆگىنىۋالغۇچى پەيغەمبەر! كېچىنىڭ ئاز بىر قىسمىدىن باشقىسىدا ئورنۇڭدىن تۇرغىن، يەنى كېچىنىڭ يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىن ئازراقىدا ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ئورنۇڭدىن تۇرۇپ تەھەججۇد نامىزى ئۆتىگىن، قۇرئاننى ئالدىرىماي دانە - دانە ئوقۇغىن. بىز ساڭا يېقىندا ئېغىر ئەمر - پەرمانلارنى ۋە مۇشەققەتلىك تەكلىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆزىمىز - قۇرئاننى چۈشۈرىمىز. سېنى كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇشىمىزنىڭ سەۋەبى شۇكى: كېچىنىڭ ئىبادىتى ئەڭ تەسىرلىك، قىرائىتى ئەڭ توغرىدۇر؛ دىلىڭغا ھۇزۇر بېرىشتە، روھىڭغا تەسىر قىلىشتا ۋە تىلىڭ بىلەن دىلىڭنى ماسلاشتۇرۇشتا كۈندۈزنىڭ ئىبادىتىدىن تېخىمۇ كۈچلۈكتۇر، چۈنكى سەن خۇددى سۇ ئۈزگۈچى سۇدا ئۈزگەندەك، كۈندۈزدە دەۋەت پائالىيىتى، ئائىلە ئىشلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ئىشلار قاتارلىق مەشغۇلىيەتلەرنىڭ ئىچىدە ناھايىتى ئالدىراش بولىسەن. شۇنداقتىمۇ ھەر پۇرسەتتە ئىگەڭ - ئاللاھنىڭ رەببىڭنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلغىن ۋە ئۇنىڭغىلا يۆنەلگىن؛ دىلىڭدا ئاللاھقا ئېھتىرام، تىلىڭدا ھەمدۇسانا، زىكىر - تەسبىھ ۋە ۋەز - نەسىھەت بولسۇن، ھاياتىڭنى پەقەت ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ياشىغىن. ئەسكەرتىش: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئورۇندىن تۇرۇپ ئىبادەت قىلىشقا ۋە قۇرئان ئوقۇشقا بۇيرۇلغان كېچە، خۇپتەن بىلەن بامدات ۋاقىتلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قىسمىدۇر، چۈنكى ئىنسان ئادەتتە شۇ ئارىلىقتا ياتىدۇ، كېچىنىڭ قالغان قىسمىدا (چۈنكى كېچە كۈنپېتىش بىلەن كۈنچىقىش ئوتتۇرىسىدىكى ۋاقىتتۇر) ئاساسەن ياتمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا «تۇرغىن» دېيىش ئەھمىيەتسىزدۇر. شۇنداق بولغاندا كېچىنىڭ تۇرۇشقا بۇيرۇلغان قىسمى كېچىنىڭ مەزكۇر قىسمىنىڭ يېرىمى ياكى ئۈچتە ئىككىسى ۋە ياكى ئۈچتە بىرىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
قُمِ اللَّيْلَ إِلَّا قَلِيلًا
كېچىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىدا، يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ناماز ئوقۇغىن، قۇرئاننى تەرتىل بىلەن (يەنى دانە ـ دانە، ئوچۇق) ئوقۇغىن — مۇھەممەد سالىھ
كېچىسى ئورنۇڭدىن تۇر! ئازغىنىسى مۇستەسنا؛ — تەرجىمە ھەيئىتى
كېچىنىڭ ئاز بىر قىسمىدىن باشقىسىدا ئورنۇڭدىن تۇرغىن، — ئەنەس ئالىم
-
نِصْفَهُ أَوِ انْقُصْ مِنْهُ قَلِيلًا
كېچىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىدا، يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ناماز ئوقۇغىن، قۇرئاننى تەرتىل بىلەن (يەنى دانە ـ دانە، ئوچۇق) ئوقۇغىن — مۇھەممەد سالىھ
يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا ئورنۇڭدىن تۇرغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
يەنى كېچىنىڭ يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىن ئازراقىدا — ئەنەس ئالىم
-
أَوْ زِدْ عَلَيْهِ وَرَتِّلِ الْقُرْآنَ تَرْتِيلًا
كېچىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىدا، يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ناماز ئوقۇغىن، قۇرئاننى تەرتىل بىلەن (يەنى دانە ـ دانە، ئوچۇق) ئوقۇغىن — مۇھەممەد سالىھ
ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە -ئورنۇڭدىن تۇرغىن- ۋە قۇرئاننى تەرتىل بىلەن - دانە ـ دانە، ئوچۇق- ئوقۇغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ئورنۇڭدىن تۇرغىن، قۇرئاننى تەرتىل قىلغىن[2]. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّا سَنُلْقِي عَلَيْكَ قَوْلًا ثَقِيلًا
ساڭا ھەقىقەتەن ۋەزنىلىك قۇرئاننى نازىل قىلىمىز — مۇھەممەد سالىھ
چۈنكى بىز، ساڭا -مەسئۇلىيىتى- ئېغىر بىر سۆز -بولغان قۇرئان- نى ۋەھىي قىلىمىز — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بىز ساڭا يېقىندا ئېغىر سۆز چۈشۈرىمىز. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ نَاشِئَةَ اللَّيْلِ هِيَ أَشَدُّ وَطْئًا وَأَقْوَمُ قِيلًا
شۈبھىسىزكى، كېچىنىڭ قىيامى (يەنى كېچىدە كىشىنىڭ ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ تۇرۇشى) ئەڭ مۇۋاپىقتۇر، (تىنچ بولغانلىقى ئۈچۈن) كېچىنىڭ قىرائىتى ئەڭ توغرا بولىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، كېچىدە تۇرۇش، تېخىمۇ مۇۋاپىق، قىرائەت جەھەتتىن ئەڭ توغرىدۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، كېچىنىڭ ئىبادىتى ئەڭ تەسىرلىك، قىرائىتى ئەڭ توغرىدۇر. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ لَكَ فِي النَّهَارِ سَبْحًا طَوِيلًا
ھەقىقەتەن كۈندۈزى ئىش بىلەن ئالدىراش بولىسەن، (شۇڭا ئىبادەتكە) كېچىسى بېرىلگىن — مۇھەممەد سالىھ
ھەقىقەتەن كۈندۈزى ئىش بىلەن ئالدىراش بولىسەن — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، سەن ئۈچۈن كۈندۈزدە ئۇزۇن ئۈزۈش بار[3]. — ئەنەس ئالىم
-
وَاذْكُرِ اسْمَ رَبِّكَ وَتَبَتَّلْ إِلَيْهِ تَبْتِيلًا
پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد ئەتكىن، (ئىبادىتىڭدە) ئۇنىڭغا تولۇق يۈزلەنگىن — مۇھەممەد سالىھ
رەببىڭنىڭ نامىنى ياد ئەتكىن، ئۇنىڭغا تولۇق يۈزلەنگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
رەببىڭنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلغىن ۋە ئۇنىڭغىلا يۆنەلگىن. — ئەنەس ئالىم
-
رَبُّ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ فَاتَّخِذْهُ وَكِيلًا
ئۇ مەشرىقنىڭ ۋە مەغرىبنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنى ھامىي قىلىۋالغىن (يەنى ھەممە ئىشىڭنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغىن) — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ مەشرىقنىڭ ۋە مەغرىبنىڭ رەببىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنى ھامىي قىلىۋالغىن — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ مەشرىق ۋە مەغرىبنىڭ رەببىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنى ئۆزۈڭگە ۋەكىل قىلىۋالغىن. — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ كۈننىڭ ياز ۋە قىشتا چىقىدىغان، ياز ۋە قىشتا پاتىدىغان يەرلىرىنىڭ ئىگىسىدۇر؛ ياراتقۇچى، بەلگىلىگۈچى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى دۋاملاشتۇرغۇچىدۇر. ئاللاھ ئىبادەت قىلىنىشقا لايىق بىردىنبىر ئىلاھتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇنداقتا، ئاللاھنى ئۆزۈڭگە ھىمايىچى قىلىۋالغىن؛ ئاللاھقىلا تايانغىن، ئاللاھقىلا تېۋىنغىن، قىلماقچى بولغان ئىشىڭ ئۈچۈن كېرەكلىك سەۋەبنى قىلىپ نەتىجىنى ئاللاھقا تاپشۇرغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَاصْبِرْ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَاهْجُرْهُمْ هَجْرًا جَمِيلًا
ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، ئۇلارنى چىرايلىقچە تەرك ئەتكىن — مۇھەممەد سالىھ
ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، ئۇلارنى چىرايلىقچە تەرك ئەتكىن — تەرجىمە ھەيئىتى
مۇشرىكلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، ئۇلارنى چىرايلىقچە تەرك ئەتكىن. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ھەقىقەت ئەنە شۇنداق ئېنىق بولسىمۇ بۇ مۇشرىكلار تەرسالىق قىلىپ شېرىك كەلتۈرۈۋاتىدۇ، ئۇلارنى جازالاش بېرىلگەن مۆھلەت توشقۇچىلىك كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار بۇ مۆھلەتنى سۇيىئىستېمال قىلىپ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلەۋاتىدۇ، سېنىڭ ھەققىڭدە تۈرلۈك ناشايان سۆزلەرنى قىلىپ ئىچىڭنى پۇشۇرىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن؛ پەرۋا قىلمىغىن، دەۋەت پائالىيىتىڭنى ئەينەن داۋاملاشتۇرغىن، ئۇلارنى چىرايلىقچە تەرك ئەتكىن؛ ئۇلارنىڭ جازالىنىشىغا ئالدىرىمىغىن، ئۇلار بىلەن تەڭ بولمىغىن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
وَذَرْنِي وَالْمُكَذِّبِينَ أُولِي النَّعْمَةِ وَمَهِّلْهُمْ قَلِيلًا
(ئى مۇھەممەد! مېنىڭ ئايەتلىرىمنى) ئىنكار قىلغۇچى دۆلەتمەنلەرنى ماڭا قويۇۋەتكىن (يەنى ئۇلارنىڭ جازاسىنى ئۆزۈم بېرىمەن)، ئۇلارغا ئازغىنا مۆھلەت بەرگىن — مۇھەممەد سالىھ
يالغانغا چىقارغۇچى دۆلەتمەنلەرنى ماڭا قويۇۋەتكىن، ئۇلارغا ئازغىنا مۆھلەت بەرگىن — تەرجىمە ھەيئىتى
باياشاتچىلىق ئىچىدىكى ئىنكارچىلارنى ماڭا قويۇۋەتكىن، ئۇلارغا بىرئاز مۆھلەت بەرگىن. — ئەنەس ئالىم
(11-13) باياشاتچىلىق ئىچىدىكى ئىنكارچىلارنى ماڭا قويۇۋەتكىن، ئۇلارغا ئۆزۈم تېتىيمەن، يېقىندا ئۇلارنى جازالايمەن، ۋاقتى كەلگۈچىلىك ئۇلارنىڭ جازالىنىشىغا ئالدىرىمىغىن، چۈنكى بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزدا ئۇلارنىڭ پۇتلىرىغا سېلىش ئۈچۈن تەييارلانغان ئېغىر ئىشكەللەر، كۆيدۈرگۈچى ئوت، گالغا تۇرۇپ قالىدىغان تائام ۋە قاتتىق قىينايدىغان ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ لَدَيْنَا أَنْكَالًا وَجَحِيمًا
شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا (ئۇلارغا) ئېغىر ئىشكەللەر ۋە (كۆيدۈرگۈچى) دوزاخ بار — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ئۇلارغا ئېغىر ئىشكەللەر ۋە دوزاخ بار — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ يېنىمىزدا ئېغىر ئىشكەللەر ۋە دوزاخ بار، — ئەنەس ئالىم
-
وَطَعَامًا ذَا غُصَّةٍ وَعَذَابًا أَلِيمًا
(زەققۇم، زەرىدىن ئىبارەت) گالدىن ئۆتمەيدىغان تاماق ۋە قاتتىق ئازاب بار — مۇھەممەد سالىھ
گالدىن ئۆتمەيدىغان تاماق ۋە قاتتىق ئازاب بار — تەرجىمە ھەيئىتى
گالغا تۇرۇپ قالىدىغان تائام ۋە ئەلەم بېرىدىغان ئازاب بار. — ئەنەس ئالىم
-
يَوْمَ تَرْجُفُ الْأَرْضُ وَالْجِبَالُ وَكَانَتِ الْجِبَالُ كَثِيبًا مَهِيلًا
ئۇ كۈندە زېمىن ۋە تاغلار قاتتىق تەۋرەيدۇ، تاغلار بىر دۆۋە كۆچمە قۇمغا ئايلىنىدۇ — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ كۈندە زېمىن ۋە تاغلار قاتتىق تەۋرەيدۇ، تاغلار بىر دۆۋە تارقاق قۇمغا ئايلىنىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
كۈن كېلىدۇ، زېمىن ۋە تاغلار قاتتىق تەۋرەيدۇ، تاغلار قۇيۇلۇپ تۇرىدىغان قۇم دۆۋىلىرىگە ئايلىنىدۇ. — ئەنەس ئالىم
كافىرلار ئۇ ئازابلارغا قىيامەت كۈنى دۇچار بولىدۇ، ئۇ كۈندە زېمىن قاتتىق تەۋرىتىلىپ تاغلار بىلەن ببر - بىرىگە ئۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە تاغلار ئورۇنلىرىدىن قوزغىلىدۇ، باشتا پارچىلىنىپ قۇم دۆۋىلىرىگە ئايلىنىدۇ، ئاندىن كۇكۇم - تالقان قىلىنىدۇ، ئاندىن ئېتىلغان رەڭگارەڭ يۇڭدەك ھالەتكە كېلىدۇ؛ پارچىلىرى ناھايىتى يەڭگىل، رەڭلىك ۋە ئۇچۇپ كېتىشكە تەييار ھالەتتە بولىدۇ، ئاندى سورۇۋېتىلىدۇ ۋە چاڭ - توزانغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تاغلارنىڭ ئورنى خۇددى سەراپتەك بولۇپ قالىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ۋە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نۇسرەت ۋەدە قىلىدۇ، مۇشرىكلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ ۋەدە ئەمەلگە ئاشىدۇ: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن ئايرىلىپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلىدۇ، ھىجرەتنىڭ 2 - يىلى «بەدر»دە مۇشرىكلار قوشۇنى تارمار قىلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ قوماندانى ئەبۇ جەھىل بىلەن بىرلىكتە 20 دىن ئارتۇق كاتتىۋېشى ئۆلتۈرۈلىدۇ، مۇشرىكلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھۇجۇملىرىدىمۇ مەغلۇپ بولىدۇ، ھىجرەتنىڭ 8 - يىلى، يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىن بىر ساھابىسى بىلەن يالغۇز چىقىپ كېتىپ، 8 يىلدىن ئاز بىر ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن مەككىنى مۇزەپپەر قوماندان سۈپىتىدە كىرىپ فەتھ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇشرىكلارنىڭ ھاكىمىيىتى تامامەن ئاخىرلىشىدۇ. مۇشرىكلارنىڭ جازاسى بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇلار ئاخىرەت ئازابىغىمۇ دۇچار بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّا أَرْسَلْنَا إِلَيْكُمْ رَسُولًا شَاهِدًا عَلَيْكُمْ كَمَا أَرْسَلْنَا إِلَىٰ فِرْعَوْنَ رَسُولًا
شۈبھىسىزكى، بىز پىرئەۋنگە بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتكەندەك، سىلەرگە (ئەمەلىڭلارغا) گۇۋاھلىق بەرگۈچى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتۇق — مۇھەممەد سالىھ
شۈبھىسىزكى، بىز پىرئەۋنگە بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتكەندەك، سىلەرگىمۇ گۇۋاھلىق بەرگۈچى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتتۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە، بۇرۇن فىرئەۋنگە ئەلچى ئەۋەتكىنىمىزدەك زىيىنىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىدىغان ئەلچى ئەۋەتتۇق. — ئەنەس ئالىم
(15-16) ئى مەككە ئاھالىسى! بىز بۇرۇن فىرئەۋنگە مۇسانى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكىنىمىزدەك، ھازىر سىلەرگە مۇھەممەدنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، بۇ ئەلچى قىيامەت كۈنى سىلەرنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىڭلارغا يا ئىنكار قىلغانلىقىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. فىرئەۋن ئەلچىمىز مۇساغا ئاسىيلىق قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇنى قاتتىق جازالىغان ئىدۇق. سىلەرمۇ بۇ ئەلچىمىز مۇھەممەدكە ئاسىيلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرساڭلار، بىز سىلەرنىمۇ جازالايمىز. «فىرئەۋن» - مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە مىسىرنىڭ پادىشاھى بولۇپ، ئۇ مەملىكىتىدە ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋھىد ۋە ئادالەتكە قىلغان دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغان، ئاللاھ تائالا ئۇنى قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە دېڭىزدا غەرق قىلىۋەتكەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
فَعَصَىٰ فِرْعَوْنُ الرَّسُولَ فَأَخَذْنَاهُ أَخْذًا وَبِيلًا
پىرئەۋن پەيغەمبەرگە (يەنى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا) ئاسىيلىق قىلدى (يەنى پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتماي، ئۇنى يالغانغا چىقاردى، ئى قۇرەيش جامائەسى! سىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاسىيلىق قىلغاندەك، پىرئەۋنمۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئاسىيلىق قىلغان ئىدى)، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قاتتىق جازالىدۇق — مۇھەممەد سالىھ
پىرئەۋن پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قاتتىق جازالىدۇق — تەرجىمە ھەيئىتى
فىرئەۋن ئەلچىمىزگە ئاسىيلىق قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇنى قاتتىق جازالىدۇق. — ئەنەس ئالىم
-
فَكَيْفَ تَتَّقُونَ إِنْ كَفَرْتُمْ يَوْمًا يَجْعَلُ الْوِلْدَانَ شِيبًا
ئەگەر ئىمان ئېيتمىساڭلار، (دەھشىتىدىن) بالىلارنىڭ چېچىنى ئاقارتىۋېتىدىغان كۈندىن قانداق ساقلىنىسىلەر؟ — مۇھەممەد سالىھ
ئەگەر ئىمان ئېيتمىساڭلار، دەھشىتىدىن بالىلارنىڭ بېشىنى ئاقارتىۋېتىدىغان كۈندىن قانداق ساقلىنىسىلەر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇشرىكلار! ئەگەر كۇفرىلىقتا چىڭ تۇرساڭلار، بالىلارنىڭ چاچلىرىنى ئاقارتىۋېتىدىغان كۈننىڭ ئازابىدىن قانداق ساقلىنىسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم
(17-18) ئى مۇشرىكلار! ئەگەر سىلەر ئەلچىمىز مۇھەممەدنىڭ دەۋىتىدىن باش تارتىپ كۇفرىلىقتا ئەزۋەيلىسەڭلار، دەھشەتلىك كۈن بولغان قىيامەت كۈننىڭ ئازابىدىن قانداق ساقلىنىسىلەر؟ ئۇ كۈننىڭ دەھشىتىدىن بالىلارنىڭ چاچلىرى ئاقىرىپ كېتىدۇ، ئاسمان يېرىلىپ كېتىدۇ. ئى مۇشرىكلار! ئاللاھنىڭ بۇ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. 14 ~ 17 - ئايەتلەرنىڭ خۇلاسىسى تۆۋەندىكىچە: «قىيامەت كۈنى» - بۇ دۇنيانىڭ ئەجىلى توشقاندا بىرىنچى قېتىم سۇر چېلىنىش بىلەن باشلىنىپ، خالايىقلارنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈلۈشى، مەھشەرگاھقا كەلتۈرۈلۈشى، ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇپ دۇنيادىكى چېغىدا قىلغان قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى بېرىشى قاتارلىق ئىشلار ئەمەلىيلىشىدىغان، ھېساب نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ جەننەتكە، بىر قىسمىنىڭ دوزاخقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىلەن ئاخىرلىشىدىغان كۈندۇر. ئەنە شۇ كۈننىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلگەندە بىرىنچى قېتىم سۇر چېلىنىدۇ. سۇر چېلىنغاندا يەر شارى قاتتىق تەۋرەيدۇ، تاغلار كۇكۇم - تالقان بولۇپ كېتىدۇ، ئاسمان يېرىلىپ كېتىدۇ، قۇياش يۆگىلىدۇ ۋە ئاي بىلەن بىر يەرگە كېلىپ قالىدۇ، يۇلتۇزلار ئۆچىدۇ، سەييارىلەر چېچىلىپ كېتىدۇ، بالىلارنىڭ چاچلىرى ئاقىرىپ كېتىدۇ. ئاندىن ئۇ ئەسنادا ھايات بولغان جانلىقلار، جۈملىدىن ئىنسانلار تۇيۇقسىزلا كۆرۈلگەن ۋە ھېس قىلىنغان بۇ دەھشەتلىك سىلكىنىشتىن قاتتىق چۆچۈيدۇ، ئاندىن ھوشىدىن كېتىدۇ، ئاندىن ئۆلىدۇ. ئاندىن بىر مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن سۇر ئىككىنچى قېتىم چېلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن خالايىق قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىدۇ ۋە ھېساب باشلىنىدۇ، ھېساب نەتىجىسىدە كافىرلار دوزاخقا تاشلىنىدۇ، ئى كافىرلار! ئەگەر كۇفرىلىقنى داۋاملاشتۇرساڭلار سىلەرمۇ ئۇ كۈنى ئەنە شۇ دوزاخقا تاشلىنىسىلەر، دوزاخ ئازابىدىن قورقمامسىلەر؟ — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
السَّمَاءُ مُنْفَطِرٌ بِهِ ۚ كَانَ وَعْدُهُ مَفْعُولًا
ئۇ كۈننىڭ (دەھشىتىدىن) ئاسمان يېرىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ (چۈنكى ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ) — مۇھەممەد سالىھ
ئۇ كۈننىڭ دەھشىتىدىن ئاسمان يېرىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئاسمان ئۇ كۈننىڭ دەھشىتىدىن يېرىلىپ كېتىدۇ. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. — ئەنەس ئالىم
-
إِنَّ هَٰذِهِ تَذْكِرَةٌ ۖ فَمَنْ شَاءَ اتَّخَذَ إِلَىٰ رَبِّهِ سَبِيلًا
بۇ ئايەتلەر ھەقىقەتەن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر، (بۇ ۋەز ـ نەسىھەتتىن پايدىلىنىشنى) خالىغان ئادەم پەرۋەردىگارىغا يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتسۇن — مۇھەممەد سالىھ
بۇ ئايەتلەر ھەقىقەتەن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر، شۇڭا خالىغان ئادەم رەببىغا يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتسۇن — تەرجىمە ھەيئىتى
شۈبھىسىزكى، بۇ ئەسلىتىشتۇر. خالىغان كىشى رەببىگە يەتكۈزىدىغان يولنى تۇتسۇن. — ئەنەس ئالىم
بۇ ئايەتلەر ئەسكە ئېلىپ ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىلىمدۇر ۋە قۇلاقتا تۇتۇپ بويسۇنۇشقا تېگىشلىك نەسىھەتتۇر. بۇ باياناتتىن كېيىن خالىغان كىشى رەببىنىڭ رازىلىقىغا ئېلىپ بارىدىغان توغرا يولغا كىرىپ ماڭسۇن. چۈنكى بۇ دۇنيادا ھەر ئىنسانغا ياخشى - ياماننى تاللاش توغرىسىدا ئىختىيار بېرىلگەن. لېكىن ئاخىرەتتە ھېچكىمنىڭ جەننەتنى ياكى دوزاخنى تاللاش ئىختىيارى بولمايدۇ. جەننەتكە ياكى دوزاخقا كىرىش مۇشۇ دۇنيادا ئۆز ئىختىيارى بىلەن تاللاپ ماڭغان يولغا قارىتا بەلگىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن جەننەتنى خالىغانلار توغرا يولغا كىرسۇن، دوزاخنى خالىغانلار خاتا يولغا كىرسۇن. يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە بايان قىلىنغاندەك، ئاخىرەتتە ھەر ئىنسان ئۆز قىلمىشىنىڭ نەتىجىسىگە ئېرىشىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِنَّ رَبَّكَ يَعْلَمُ أَنَّكَ تَقُومُ أَدْنَىٰ مِنْ ثُلُثَيِ اللَّيْلِ وَنِصْفَهُ وَثُلُثَهُ وَطَائِفَةٌ مِنَ الَّذِينَ مَعَكَ ۚ وَاللَّهُ يُقَدِّرُ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ ۚ عَلِمَ أَنْ لَنْ تُحْصُوهُ فَتَابَ عَلَيْكُمْ ۖ فَاقْرَءُوا مَا تَيَسَّرَ مِنَ الْقُرْآنِ ۚ عَلِمَ أَنْ سَيَكُونُ مِنْكُمْ مَرْضَىٰ ۙ وَآخَرُونَ يَضْرِبُونَ فِي الْأَرْضِ يَبْتَغُونَ مِنْ فَضْلِ اللَّهِ ۙ وَآخَرُونَ يُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ۖ فَاقْرَءُوا مَا تَيَسَّرَ مِنْهُ ۚ وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَأَقْرِضُوا اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا ۚ وَمَا تُقَدِّمُوا لِأَنْفُسِكُمْ مِنْ خَيْرٍ تَجِدُوهُ عِنْدَ اللَّهِ هُوَ خَيْرًا وَأَعْظَمَ أَجْرًا ۚ وَاسْتَغْفِرُوا اللَّهَ ۖ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ
(ئى مۇھەممەد!) شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بولغانلارنىڭ (يەنى ساھابىلەر) دىن بىر توپ ئادەمنىڭ (تەھەججۇد نامىزى ئۈچۈن) كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسىدە، يېرىمىدا ۋە ئۈچتىن بىر ھەسسىسىدە تۇرىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ (ئۇزۇنلۇقى) نى ئاللاھ ئالدىنئالا بەلگىلەيدۇ، سىلەرنىڭ ئۇنى ھېسابلاپ بولالمايدىغانلىقىڭلارنى ئاللاھ بىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە رەھىم قىلدى قۇرئاندىن سىلەرگە قولاي بولغاننى ئوقۇڭلار. ئاللاھ بىلىدۇكى، بەزىڭلار كېسەل بولۇپ قالىسىلەر، بەزىلەر ئاللاھنىڭ پەزلىنى تىلەپ (يەنى تىجارەت قىلىپ) يەر يۈزىدە سەپەر قىلىدۇ، يەنى بەزىلەر ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن (يەنى تەھەججۇد نامىزىدىن) قولاي بولغاننى ئوقۇڭلار، (پەرز) نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھقا قەرزى ھەسەنە بېرىڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل ـ مال سەرپ قىلىڭلار)، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن (دۇنيادا) قايسىبىر ياخشى ئىشنى قىلساڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كاتتا ساۋابقا ئېرىشىسىلەر (دۇنيا بولسا پانىيدۇر، ئاخىرەت بولسا باقىيدۇر. ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ھەممىدىن ئارتۇقتۇر). ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — مۇھەممەد سالىھ
-ئى مۇھەممەد!- شۈبھىسىزكى، رەببىڭ سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بولغانلاردىن بىر توپ ئادەمنىڭ كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسىدە، يېرىمىدا ۋە ئۈچتىن بىر ھەسسىسىدە تۇرىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئاللاھ ئالدىنئالا بەلگىلەيدۇ، سىلەرنىڭ ئۇنى ھېسابلاپ بولالمايدىغانلىقىڭلارنى ئاللاھ بىلىدۇ، ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قۇبۇل قىلدى،ئەمدى قۇرئاندىن سىلەرگە قۇلاي بولغاننى ئوقۇڭلار، ئاللاھ بىلىدۇكى، بەزىڭلار كېسەل بولۇپ قالىسىلەر، بەزىلەر ئاللاھنىڭ پەزلىنى تىلەپ يەر يۈزىدە سەپەر قىلىدۇ، يەنە بەزىلەر ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئاندىن قۇلاي بولغاننى ئوقۇڭلار، نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھقا قەرزىي ھەسەنە بېرىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قايسىبىر ياخشى ئىشنى قىلساڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كاتتا ساۋابقا ئېرىشىسىلەر، ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر — تەرجىمە ھەيئىتى
ئى مۇھەممەد! رەببىڭ بىلىپ تۇرىدۇكى، سەن كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىگە يېقىن قىسمىدا، كېچىنىڭ يېرىمىدا، كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىدە ئورنۇڭدىن تۇرۇۋاتىسىەن. سەن بىلەن بىللە بولغانلاردىن بىر جامائەمۇ شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ مىقدارىنى ئاللاھ بەلگىلەيدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۇنى ھېسابلاپ بولالمايدىغانلىقىڭلارنى بىلدى، شۇڭلاشقا سىلەرگە يىنىكلەتتى. بۇنىڭدىن كېيىن قۇرئاندىن سىلەرگە ئاسان بولغان مىقدارنى ئوقۇڭلار. ئاللاھ بىلىپ تۇرىدۇكى، يېقىندا سىلەردىن كېسەل كىشىلەر، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تىلەپ زېمىندا سەپەر قىلىدىغان باشقا كىشىلەر ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇشىدىغان يەنە باشقا كىشىلەر بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئاندىن سىلەرگە ئاسان بولغان مىقدارنى ئوقۇڭلار. نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار ۋە ئاللاھقا ياخشى قەرز بېرىڭلار. ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قانداق ياخشىلىق قىلساڭلار، ئۇنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تېخىمۇ ياخشى ۋە مۇكاپاتى ئەڭ بۈيۈك ھالەتتە تاپىسىلەر. ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار. شۈبھىىسزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم
ئى مۇھەممەد! ئىگەڭ - ئاللاھ سېنىڭ بەزىدە كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىگە يېقىن قىسمىدا، بەزىدە كېچىنىڭ يېرىمىدا، بەزىدە كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىدە ئورنۇڭدىن تۇرۇپ تەھەججۇد ئۆتىگەنلىكىڭنى ۋە قۇرئان ئوقۇغانلىقىڭنى بىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ساھابىلىرىڭدىن بىر جامائەنىڭمۇ كېچىنىڭ ئۇ ۋاقىتلىرىدا ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ سەن قىلغان ئىبادەتنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرىدۇ. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ مىقدارىنى ۋە ئۇلاردىكى ۋاقىت بۆلەكلىرىنى ئاللاھ بەلگىلەيدۇ. ئاللاھ ئۇ بۆلەكلەرنى سىلەرنىڭ ھېسابلاپ بولالمايدىغانلىقىڭلارنى بىلدى، شۇڭلاشقا سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلارنى يېنىكلەتتى. بۇنىڭدىن كېيىن قۇرئاندىن سىلەرگە ئاسان بولغان مىقدارنى ئوقۇڭلار. ئاللاھ، يېقىندا سىلەردىن كېسەل كىشىلەرنىڭ، رىزىق ئىزدەپ تىجارەت ۋە ئىش ئۈچۈن زېمىندا سەپەر قىلىدىغان باشقا كىشىلەرنىڭ ۋە غازاتقا چىقىدىغان يەنە باشقا كىشىلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئېتىبارەن قۇرئاندىن سىلەرگە ئاسان بولغان مىقدارنى ئوقۇڭلار. بەش ۋاخ نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەڭلار، پەرز زاكاتنى بېرىڭلار ۋە ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن موھتاجلارغا نەپلە سەدىقە بېرىڭلار، خەيرىيەت ئىشلىرىغا ئىئانە قىلىڭلار. بۇ ئىشلىرىڭلار ئاللاھقا ياخشى قەرز بەرگەنلىكىڭلار ھېسابلىنىدۇ ۋە قىيامەت كۈنى ئاللاھ سىلەرگە ئۇلارنى ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ. سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بۇ دۇنيادا قانداق ياخشىلىق قىلساڭلار، ئۇنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تېخىمۇ ياخشى ۋە مۇكاپاتى ئەڭ بۈيۈك ھالەتتە تاپىسىلەر. خاتالىقىڭلار ۋە يامانلىقىڭلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرنى ئەپۇ قىلىدۇ، ئۆز پاناھىغا ئېلىپ ئىنئام ئاتا قىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تەۋبە - ئىستىغپار قىلغانلارغا مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى