ياسىن سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 83 ئايەت
مەنىسى: ي، س ھەرپلىرى. ئاتىلىش سەۋەبى: ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى مەزكۇر ئىككى ھەرپ بىلەن باشلانغان
  1. (36-سۈرە ياسىن، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يس
    ياسىن

    يا، سىن (بۇ قۇرئاننىڭ سىرلىرىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ) [1].

    !
  2. (36-سۈرە ياسىن، 2-ئايەت)
    وَالْقُرْآنِ الْحَكِيمِ
    ھېكمەتلىك قۇرئان بىلەن قەسەمكى، (ئى مۇھەممەد!) شەك ـ شۈبھىسىزكى، سەن پەيغەمبەرلەردىنسەن

    ھېكمەتلىك قۇرئان بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، (ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن توغرا يول ئۈستىدىكى پەيغەمبەرلەردىنسەن [2 ـ4].

  3. (36-سۈرە ياسىن، 3-ئايەت)
    إِنَّكَ لَمِنَ الْمُرْسَلِينَ
    ھېكمەتلىك قۇرئان بىلەن قەسەمكى، (ئى مۇھەممەد!) شەك ـ شۈبھىسىزكى، سەن پەيغەمبەرلەردىنسەن

    ھېكمەتلىك قۇرئان بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، (ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن توغرا يول ئۈستىدىكى پەيغەمبەرلەردىنسەن [2 ـ4].

  4. (36-سۈرە ياسىن، 4-ئايەت)
    عَلَىٰ صِرَاطٍ مُسْتَقِيمٍ
    توغرا يولدىسەن

    ھېكمەتلىك قۇرئان بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، (ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن توغرا يول ئۈستىدىكى پەيغەمبەرلەردىنسەن [2 ـ4].

  5. (36-سۈرە ياسىن، 5-ئايەت)
    تَنْزِيلَ الْعَزِيزِ الرَّحِيمِ
    قۇرئان ئاتا ـ بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغان (يەنى ئۇلارغا پەيغەمبەر كەلمىگەن)، غاپىل قالغان بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، غالىب، ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر

    قۇرئان سېنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغانلىقتىن غاپىل قالغان بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، ھەممىدىن غالىب، ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر [5 ـ 6].

  6. (36-سۈرە ياسىن، 6-ئايەت)
    لِتُنْذِرَ قَوْمًا مَا أُنْذِرَ آبَاؤُهُمْ فَهُمْ غَافِلُونَ
    قۇرئان ئاتا ـ بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغان (يەنى ئۇلارغا پەيغەمبەر كەلمىگەن)، غاپىل قالغان بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، غالىب، ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر

    قۇرئان سېنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغانلىقتىن غاپىل قالغان بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، ھەممىدىن غالىب، ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر [5 ـ 6].

  7. (36-سۈرە ياسىن، 7-ئايەت)
    لَقَدْ حَقَّ الْقَوْلُ عَلَىٰ أَكْثَرِهِمْ فَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
    ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىگە (ئازاب توغرىسىدىكى) ھۆكۈم ھەقىقەتەن تېگىشلىك بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ

    قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىگە (ئۇلارنى ئازابلاش توغرىسىدىكى) ھۆكۈم ھەقىقەتەن بېكىتىلىپ بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ [7].

  8. (36-سۈرە ياسىن، 8-ئايەت)
    إِنَّا جَعَلْنَا فِي أَعْنَاقِهِمْ أَغْلَالًا فَهِيَ إِلَى الْأَذْقَانِ فَهُمْ مُقْمَحُونَ
    بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېڭەكلىرىگۈچە تاقاقلارنى تاقىدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار (ھەقكە) باشلىرىنى ئىگەلمەيدۇ

    بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېڭەكلىرىگىچە تاقاقلارنى سالدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار (ھەقىقەتكە) باشلىرىنى ئىگەلمەيدۇ [8].

  9. (36-سۈرە ياسىن، 9-ئايەت)
    وَجَعَلْنَا مِنْ بَيْنِ أَيْدِيهِمْ سَدًّا وَمِنْ خَلْفِهِمْ سَدًّا فَأَغْشَيْنَاهُمْ فَهُمْ لَا يُبْصِرُونَ
    ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر توسۇق، كەينىدە بىر توسۇق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى پەردىلىدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار (ئىماننىڭ يوللىرى توسۇلۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن) ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەيدۇ

    ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر توسۇق، كەينىدە بىر توسۇق بىنا قىلىپ، ئۇلارنى ئوراپ قويدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار توغرا يولنى كۆرەلمەيدۇ [9].

  10. (36-سۈرە ياسىن، 10-ئايەت)
    وَسَوَاءٌ عَلَيْهِمْ أَأَنْذَرْتَهُمْ أَمْ لَمْ تُنْذِرْهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
    ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن، ئاگاھلاندۇرمامسەن، ئۇلارغا بەرىبىر ئوخشاش، ئىمان ئېيتمايدۇ

    (ئى مۇھەممەد!) سەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرساڭمۇ، ئاگاھلاندۇرمىساڭمۇ، ئۇلارغا بەرىبىر ئوخشاش، ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ [10].

  11. (36-سۈرە ياسىن، 11-ئايەت)
    إِنَّمَا تُنْذِرُ مَنِ اتَّبَعَ الذِّكْرَ وَخَشِيَ الرَّحْمَٰنَ بِالْغَيْبِ ۖ فَبَشِّرْهُ بِمَغْفِرَةٍ وَأَجْرٍ كَرِيمٍ
    سەن پەقەت قۇرئانغا ئەگەشكەن، مەرھەمەتلىك ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ قورققان كىشىنى ئاگاھلاندۇرالايسەن (يەنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭنىڭ پايدىسى بولىدۇ)، ئۇنىڭغا (ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى) مەغپىرەت قىلىدىغانلىقى ۋە ئېسىل ساۋاب (يەنى جەننەت ئاتا قىلىدىغانلىقى) بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن

    سەن پەقەت قۇرئانغا ئەگەشكەن، مەرھەمەتلىك ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭدىن قورققان كىشىنىلا ئاگاھلاندۇرالايسەن. ئۇنىڭغا مەغپىرەت ۋە ئېسىل ساۋاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن [11].

  12. (36-سۈرە ياسىن، 12-ئايەت)
    إِنَّا نَحْنُ نُحْيِي الْمَوْتَىٰ وَنَكْتُبُ مَا قَدَّمُوا وَآثَارَهُمْ ۚ وَكُلَّ شَيْءٍ أَحْصَيْنَاهُ فِي إِمَامٍ مُبِينٍ
    بىز، شۈبھىسىزكى، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ (دۇنيادا) قىلغان (ياخشى ـ يامان) ئەمەللىرىنى ۋە ئىشلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز، ھەممە شەيئىنى روشەن دەپتەردە (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) تولۇق خاتىرىلەپ قويغانمىز

    بىز، شۈبھىسىزكى، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ (ياخشى ـ يامان) ئەمەللىرىنى ۋە ئىزنالىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز. ھەممە شەيئىنى روشەن دەپتەردە (يەنى لەۋھۇلمەھفۇزدا) تولۇق خاتىرىلەپ قويغانمىز [12].

  13. (36-سۈرە ياسىن، 13-ئايەت)
    وَاضْرِبْ لَهُمْ مَثَلًا أَصْحَابَ الْقَرْيَةِ إِذْ جَاءَهَا الْمُرْسَلُونَ
    ئۇلارغا (يەنى كۇففارلارغا) شەھەر (يەنى ئەنتاكىيە) ئاھالىسىنى مىسال قىلىپ كەلتۈرگىن، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر كەلگەن ئىدى

    ئۇ كافىرلارغا شەھەر (يەنى ئەنتاكىيە) ئاھالىسىنى مىسال قىلىپ كەلتۈرگىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر كەلگەن ئىدى [13].

  14. (36-سۈرە ياسىن، 14-ئايەت)
    إِذْ أَرْسَلْنَا إِلَيْهِمُ اثْنَيْنِ فَكَذَّبُوهُمَا فَعَزَّزْنَا بِثَالِثٍ فَقَالُوا إِنَّا إِلَيْكُمْ مُرْسَلُونَ
    ئەينى زاماندا ئۇلارغا ئىككى پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق. ئۇلار ئۇ ئىككى پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلدى. ئۈچىنچى پەيغەمبەرنى ئەۋەتىش بىلەن (ئۇلارغا) ياردەم قىلدۇق، پەيغەمبەرلەر (ئۇلارغا): «بىز ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ) سىلەرگە (يەنى سىلەرنى ھىدايەت قىلىشقا) ئەۋەتىلگەن ئەلچىلىرىمىز» دېدى

    ئەينى زاماندا ئۇلارغا ئىككى پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق. ئۇلار ئۇ ئىككى پەيغەمبەرنى يالغانچى دېدى. ئۈچىنچى پەيغەمبەرنى ئەۋەتىش بىلەن (ئۇ ئىككىسىنى) كۈچەيتتۇق. پەيغەمبەرلەر (ئۇلارغا): «بىز ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرمىز» دېدى [14].

  15. (36-سۈرە ياسىن، 15-ئايەت)
    قَالُوا مَا أَنْتُمْ إِلَّا بَشَرٌ مِثْلُنَا وَمَا أَنْزَلَ الرَّحْمَٰنُ مِنْ شَيْءٍ إِنْ أَنْتُمْ إِلَّا تَكْذِبُونَ
    ئۇلار: «سىلەر پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان، مېھرىبان ئاللاھ ھېچ نەرسە نازىل قىلغىنى يوق، سىلەر پەقەت يالغانچىسىلەر» دېدى

    ئۇلار: «سىلەر پەقەت بىزگە ئوخشاش ئىنسان. مەرھەمەتلىك ئاللاھ ھېچ نەرسە نازىل قىلغىنى يوق، سىلەر پەقەت يالغان ئېيتىۋاتىسىلەر» دېدى [15].

  16. (36-سۈرە ياسىن، 16-ئايەت)
    قَالُوا رَبُّنَا يَعْلَمُ إِنَّا إِلَيْكُمْ لَمُرْسَلُونَ
    ئەلچىلەر: «پەرۋەردىگارىمىز بىلىدۇكى، بىز شەك ـ شۈبھىسىز سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرمىز

    ئەلچىلەر: «پەرۋەردىگارىمىز بىلىدۇكى، بىز شەك ـ شۈبھىسىز سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرمىز [16].

  17. (36-سۈرە ياسىن، 17-ئايەت)
    وَمَا عَلَيْنَا إِلَّا الْبَلَاغُ الْمُبِينُ
    بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز پەقەت (روشەن دەلىللەر بىلەن) چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ قىلىشتۇر» دېدى

    بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز پەقەت چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ قىلىشتۇر» دېدى [17].

  18. (36-سۈرە ياسىن، 18-ئايەت)
    قَالُوا إِنَّا تَطَيَّرْنَا بِكُمْ ۖ لَئِنْ لَمْ تَنْتَهُوا لَنَرْجُمَنَّكُمْ وَلَيَمَسَّنَّكُمْ مِنَّا عَذَابٌ أَلِيمٌ
    ئۇلار (ئەلچىلەرگە): «بىز سىلەردىن شۇم پال ئالدۇق. ئەگەر سىلەر (دەۋىتىڭلارنى) توختاتمىساڭلار، سىلەرنى چوقۇم تاش ـ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمىز ۋە بىزنىڭ قاتتىق جازايىمىزغا ئۇچرايسىلەر» دېدى

    ئۇلار (ئەلچىلەرگە): «بىز سىلەردىن شۇملۇق ھېس قىلىۋاتىمىز. ئەگەر سىلەر دەۋىتىڭلارنى توختاتمىساڭلار، سىلەرنى چوقۇم چالما ـ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمىز ۋە بىزنىڭ قاتتىق جازايىمىزغا ئۇچرايسىلەر» دېدى [18].

  19. (36-سۈرە ياسىن، 19-ئايەت)
    قَالُوا طَائِرُكُمْ مَعَكُمْ ۚ أَئِنْ ذُكِّرْتُمْ ۚ بَلْ أَنْتُمْ قَوْمٌ مُسْرِفُونَ
    ئەلچىلەر: «(كۇفرىڭلار سەۋەبىدىن) شۇملۇقۇڭلار ئۆزۈڭلار بىلەن بىللىدۇر، سىلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنسا (شۇم پال ئالامسىلەر؟) ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەس)، سىلەر (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن) ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر» دېدى

    ئەلچىلەر: «سىلەرنىڭ شۇملۇقۇڭلار ئۆزۈڭلار بىلەن بىللىدۇر، سىلەرگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنسا، ئۇنى قوبۇل قىلماقتا يوق، ئەكسىچە ھەددىڭلاردىن ئېشىۋاتامسىلەر؟» دېدى [19].

  20. (36-سۈرە ياسىن، 20-ئايەت)
    وَجَاءَ مِنْ أَقْصَى الْمَدِينَةِ رَجُلٌ يَسْعَىٰ قَالَ يَا قَوْمِ اتَّبِعُوا الْمُرْسَلِينَ
    شەھەرنىڭ يىراق جايىدىن بىر كىشى (يەنى ھەبىب نەجار) يۈگۈرۈپ كېلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىڭلار

    شەھەرنىڭ يىراق جايىدىن بىر كىشى يۈگۈرۈپ كېلىپ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىڭلار [20].

  21. (36-سۈرە ياسىن، 21-ئايەت)
    اتَّبِعُوا مَنْ لَا يَسْأَلُكُمْ أَجْرًا وَهُمْ مُهْتَدُونَ
    توغرا يولدا بولغان، (ئىمانغا دەۋەت قىلغانلىقىغا) سىلەردىن ھەق سورىمايدىغان كىشىلەرگە ئەگىشىڭلار

    توغرا يولدا بولغان، (ئىمانغا دەۋەت قىلغانلىقىغا) سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايدىغان كىشىلەرگە ئەگىشىڭلار [21].

  22. (36-سۈرە ياسىن، 22-ئايەت)
    وَمَا لِيَ لَا أَعْبُدُ الَّذِي فَطَرَنِي وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
    مەن نېمىشقا مېنى ياراتقان ۋە سىلەر (ئۆلگەندىن كېيىن) دەرگاھىغا قايتىدىغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلماي؟

    مەن مېنى ياراتقان ۋە سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن دەرگاھىغا قايتىدىغان ئاللاھقا نېمىشقا ئىبادەت قىلماي؟ [22].

  23. (36-سۈرە ياسىن، 23-ئايەت)
    أَأَتَّخِذُ مِنْ دُونِهِ آلِهَةً إِنْ يُرِدْنِ الرَّحْمَٰنُ بِضُرٍّ لَا تُغْنِ عَنِّي شَفَاعَتُهُمْ شَيْئًا وَلَا يُنْقِذُونِ
    مەن ئاللاھتىن غەيرىينى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولسام، ئەگەر مېھرىبان ئاللاھ ماڭا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزمەكچى بولسا، ئۇلارنىڭ شاپائىتى مەندىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايدۇ ھەمدە مېنى قۇتقۇزالمايدۇ

    مەن ئاللاھتىن باشقىلارنى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولسام، ئەگەر شەپقەتلىك ئاللاھ ماڭا بىرەر زىيان ـ زەخمەتنى ئىرادە قىلسا، ئۇلارنىڭ شاپائىتى ماڭا كېلىدىغان زىيان-زەخمەتنى قىلچىمۇ توسۇپ قالالمايدۇ ھەمدە مېنى قۇتقۇزالمايدۇ [23].

  24. (36-سۈرە ياسىن، 24-ئايەت)
    إِنِّي إِذًا لَفِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
    ئەگەر ئۇنداق بولسا (يەنى ئاللاھتىن غەيرىينى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولسام)، مەن ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا بولىمەن

    ئەگەر ئۇنداق بولسا (يەنى مەن ئاللاھتىن باشقىنى ئىلاھ قىلىۋالسام)، مەن ھەقىقەتەن ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا قالغان بولىمەن [24].

  25. (36-سۈرە ياسىن، 25-ئايەت)
    إِنِّي آمَنْتُ بِرَبِّكُمْ فَاسْمَعُونِ
    مەن ھەقىقەتەن (سىلەرنى ياراتقان) پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىمان ئېيتتىم، (ئىمانىمغا) قۇلاق سېلىڭلار (ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاھ بولۇڭلار)»

    مەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىمان ئېيتتىم، مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار» [25].

  26. (36-سۈرە ياسىن، 26-ئايەت)
    قِيلَ ادْخُلِ الْجَنَّةَ ۖ قَالَ يَا لَيْتَ قَوْمِي يَعْلَمُونَ
    (قەۋمى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا) «جەننەتكە كىرگىن» دېيىلدى، ئۇ: «كاشكى قەۋمىم پەرۋەردىگارىمنىڭ ماڭا مەغپىرەت قىلغانلىقىنى ۋە مېنى ھۆرمەتلىكلەردىن قىلغانلىقىنى بىلسە ئىدى» دېدى

    (قەۋمى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا) «جەننەتكە كىرگىن» دېيىلدى، ئۇ: «كاشكى مېنىڭ قەۋمىم پەرۋەردىگارىمنىڭ مېنى كەچۈرۈپ، ھۆرمەتلىك قىلغانلىقىنى بىلگەن بولسىچۇ!» دېدى [26 ـ 27].

  27. (36-سۈرە ياسىن، 27-ئايەت)
    بِمَا غَفَرَ لِي رَبِّي وَجَعَلَنِي مِنَ الْمُكْرَمِينَ
    (قەۋمى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا) «جەننەتكە كىرگىن» دېيىلدى، ئۇ: «كاشكى قەۋمىم پەرۋەردىگارىمنىڭ ماڭا مەغپىرەت قىلغانلىقىنى ۋە مېنى ھۆرمەتلىكلەردىن قىلغانلىقىنى بىلسە ئىدى» دېدى

    (قەۋمى ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا) «جەننەتكە كىرگىن» دېيىلدى، ئۇ: «كاشكى مېنىڭ قەۋمىم پەرۋەردىگارىمنىڭ مېنى كەچۈرۈپ، ھۆرمەتلىك قىلغانلىقىنى بىلگەن بولسىچۇ!» دېدى [26 ـ 27].

  28. (36-سۈرە ياسىن، 28-ئايەت)
    وَمَا أَنْزَلْنَا عَلَىٰ قَوْمِهِ مِنْ بَعْدِهِ مِنْ جُنْدٍ مِنَ السَّمَاءِ وَمَا كُنَّا مُنْزِلِينَ
    ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قەۋمىنى (جازالاش ئۈچۈن) ئاسماندىن قوشۇن (يەنى پەرىشتىلەر) چۈشۈرمىدۇق (ھەر قەۋمنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن پەرىشتىلەرنى) چۈشۈرۈۋەرگۈچى بولمىدۇق

    ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قەۋمىنى جازالاشقا ئاسماندىن قوشۇن چۈشۈرمىدۇق، بۇرۇنمۇ (باشقا قەۋملەر ئۈچۈن) چۈشۈرمىگەن ئىدۇق [28].

  29. (36-سۈرە ياسىن، 29-ئايەت)
    إِنْ كَانَتْ إِلَّا صَيْحَةً وَاحِدَةً فَإِذَا هُمْ خَامِدُونَ
    پەقەت بىر ئاۋاز بىلەنلا ناگاھان ئۇلار قېتىپ قالدى

    پەقەت بىر ئاۋاز بىلەن تەڭلا ئۇلار قېتىپ قالدى [29].

  30. (36-سۈرە ياسىن، 30-ئايەت)
    يَا حَسْرَةً عَلَى الْعِبَادِ ۚ مَا يَأْتِيهِمْ مِنْ رَسُولٍ إِلَّا كَانُوا بِهِ يَسْتَهْزِئُونَ
    (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچى) بەندىلەرگە ئەپسۇسكى، ئۇلارغا بىرەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى

    ئۆزىگە بىرەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇنى مەسخىرە قىلىشقان بەندىلەرگە ئەپسۇس! [30].

  31. (36-سۈرە ياسىن، 31-ئايەت)
    أَلَمْ يَرَوْا كَمْ أَهْلَكْنَا قَبْلَهُمْ مِنَ الْقُرُونِ أَنَّهُمْ إِلَيْهِمْ لَا يَرْجِعُونَ
    ئۇلار (يەنى مەككە ئاھالىسى) ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى بىلمەمدۇ؟ ئۇلار بۇلارنىڭ يېنىغا (يەنى دۇنياغا ئەبەدىي) قايتمايدۇ

    ئۇلار ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى __ ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىغا قايتمايۋاتقانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ [31].

  32. (36-سۈرە ياسىن، 32-ئايەت)
    وَإِنْ كُلٌّ لَمَّا جَمِيعٌ لَدَيْنَا مُحْضَرُونَ
    ئۇلارنىڭ ھەممىسى (قىيامەت كۈنى ھېساب بېرىش ئۈچۈن) ھۇزۇرىمىزغا ھازىر قىلىنىدۇ

    ئۇلارنىڭ ھەممىسى (قىيامەت كۈنى) ھۇزۇرىمىزغا ھازىر قىلىنىدۇ [32].

  33. (36-سۈرە ياسىن، 33-ئايەت)
    وَآيَةٌ لَهُمُ الْأَرْضُ الْمَيْتَةُ أَحْيَيْنَاهَا وَأَخْرَجْنَا مِنْهَا حَبًّا فَمِنْهُ يَأْكُلُونَ
    ئۆلۈك (يەنى قۇرغاق) زېمىننى (يامغۇر بىلەن) تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ئۇلار يەيدىغان ئاشلىقنى ئۆستۈرگەنلىكىمىز ئۇلارغا (ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتتۇر

    ئۆلۈك (يەنى قاقاس) زېمىننى (يامغۇر بىلەن) تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئۇلار يەيدىغان ئاشلىقنى ئۆستۈرگەنلىكىمىز ئۇلارغا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتتۇر [33].

  34. (36-سۈرە ياسىن، 34-ئايەت)
    وَجَعَلْنَا فِيهَا جَنَّاتٍ مِنْ نَخِيلٍ وَأَعْنَابٍ وَفَجَّرْنَا فِيهَا مِنَ الْعُيُونِ
    بىز زېمىندا نۇرغۇنلىغان خورما باغلىرىنى، ئۈزۈم باغلىرىنى بەرپا قىلدۇق، شۇ زېمىندا بۇلاقلارنى ئېقىتتۇق

    بىز ئۇلار مېۋىسىنى يېسۇن دەپ، زېمىندا نۇرغۇنلىغان خورمىلىق ۋە ئۈزۈم باغلارنى بەرپا قىلدۇق ۋە ئۇ باغلاردا بۇلاقلارنى چىقاردۇق. ھالبۇكى بۇ مېۋىلەرنى ئۇلارنىڭ قوللىرى پەيدا قىلغان ئەمەس، شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلار (بۇ نېمەتلەرگە) شۈكۈر قىلمامدۇ؟ [34-35].

  35. (36-سۈرە ياسىن، 35-ئايەت)
    لِيَأْكُلُوا مِنْ ثَمَرِهِ وَمَا عَمِلَتْهُ أَيْدِيهِمْ ۖ أَفَلَا يَشْكُرُونَ
    ئۇلار ئۇنىڭ (يەنى باغلارنىڭ) مېۋىسىنى يېسۇن، (بۇ مېۋىلەرنى) ئۇلارنىڭ قوللىرى ياراتقان ئەمەس، ئۇلار (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلمامدۇ؟

    بىز ئۇلار مېۋىسىنى يېسۇن دەپ، زېمىندا نۇرغۇنلىغان خورمىلىق ۋە ئۈزۈم باغلارنى بەرپا قىلدۇق ۋە ئۇ باغلاردا بۇلاقلارنى چىقاردۇق. ھالبۇكى بۇ مېۋىلەرنى ئۇلارنىڭ قوللىرى پەيدا قىلغان ئەمەس، شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلار (بۇ نېمەتلەرگە) شۈكۈر قىلمامدۇ؟ [34-35].

  36. (36-سۈرە ياسىن، 36-ئايەت)
    سُبْحَانَ الَّذِي خَلَقَ الْأَزْوَاجَ كُلَّهَا مِمَّا تُنْبِتُ الْأَرْضُ وَمِنْ أَنْفُسِهِمْ وَمِمَّا لَا يَعْلَمُونَ
    ئاللاھ (پۈتۈن ئەيىب ـ نۇقسانلاردىن) پاكتۇر، ئۇ پۈتۈن شەيئىلەرنى جۈپ ياراتتى. زېمىندىن ئۈنۈپ چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۇلار بىلمەيدىغان نەرسىلەر (يەنى ئاجايىپ مەخلۇقاتلار) نىڭ ھەممىسىنىڭ جۈپتى بار

    ئاللاھ پاكتۇر، ئۇ بارلىق شەيئىلەرنى جۈپ ياراتتى. زېمىندىن ئۈنۈپ چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۇلار بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جۈپى بار [36].

  37. (36-سۈرە ياسىن، 37-ئايەت)
    وَآيَةٌ لَهُمُ اللَّيْلُ نَسْلَخُ مِنْهُ النَّهَارَ فَإِذَا هُمْ مُظْلِمُونَ
    ئۇلارغا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) بىر ئالامەت كېچىدىن ئىبارەتكى، ئۇنىڭدىن كۈندۈزنى ئايرىۋېتىمىز ـ دە (يەنى كۈندۈزنىڭ نۇرىنى يوق قىلىۋېتىمىز ـ دە)، ئۇلار شۇھامان قاراڭغۇدا قالىدۇ

    ئۇلارغا كېچىمۇ بىر دەلىلكى، بىز ئۇنىڭدىن كۈندۈزنى ئايرىۋەتسەك، ئۇلار شۇ ھامان قاراڭغۇدا قالىدۇ [37].

  38. (36-سۈرە ياسىن، 38-ئايەت)
    وَالشَّمْسُ تَجْرِي لِمُسْتَقَرٍّ لَهَا ۚ ذَٰلِكَ تَقْدِيرُ الْعَزِيزِ الْعَلِيمِ
    كۈن بەلگىلەنگەن جايىغا قاراپ سەير قىلىدۇ، بۇ، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر

    كۈن بەلگىلەنگەن جايىغا قاراپ سەير قىلىدۇ. بۇ غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر [38].

  39. (36-سۈرە ياسىن، 39-ئايەت)
    وَالْقَمَرَ قَدَّرْنَاهُ مَنَازِلَ حَتَّىٰ عَادَ كَالْعُرْجُونِ الْقَدِيمِ
    ئايغا سەير قىلىدىغان مەنزىللەرنى بەلگىلىدۇق، ئۇ (ئاخىرقى مەنزىلگە يېتىپ بارغاندا) خورمىنىڭ قۇرۇپ قالغان شېخىغا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ

    بىز ئاي ئۈچۈن ئايلىنىدىغان مەنزىللەرنى بەلگىلىدۇق، ئۇ (ئاخىردا) خورمىنىڭ قۇرۇپ قالغان شېخىغا ئوخشاش ئىنچىكە بولۇپ قالىدۇ [39].

  40. (36-سۈرە ياسىن، 40-ئايەت)
    لَا الشَّمْسُ يَنْبَغِي لَهَا أَنْ تُدْرِكَ الْقَمَرَ وَلَا اللَّيْلُ سَابِقُ النَّهَارِ ۚ وَكُلٌّ فِي فَلَكٍ يَسْبَحُونَ
    كۈننىڭ ئايغا يېتىۋېلىشى (يەنى ئىككىسىنىڭ جەم بولۇپ قېلىشى)، كېچىنىڭ كۈندۈزدىن ئېشىپ كېتىشى (يەنى ۋاقتى كەلمەستىن كۈندۈزنىڭ ئورنىنى ئېلىشى) مۇمكىن ئەمەس، ھەر بىرى پەلەكتە ئۈزۈپ تۇرىدۇ

    كۈننىڭ ئايغا يېتىۋېلىشى، كېچىنىڭ كۈندۈزنىڭ ئورنىنى بېسىشى مۇمكىن ئەمەس، ھەربىرى بىر ئوربىتىدا ئۈزۈپ تۇرىدۇ [40].

  41. (36-سۈرە ياسىن، 41-ئايەت)
    وَآيَةٌ لَهُمْ أَنَّا حَمَلْنَا ذُرِّيَّتَهُمْ فِي الْفُلْكِ الْمَشْحُونِ
    ئۇلارغا (بىزنىڭ كامالى قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەت شۇكى، بىز ئۇلارنىڭ ئورۇق - ئەۋلادىنى (يۈكلەر بىلەن) توشقۇزۇلغان كېمىسىگە چۈشۈردۇق

    ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىنى (نۇھ ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى) توشقۇزۇلغان كېمىگە چۈشۈرۈشىمىز ئۇلارغا (قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) بىر مۆجىزىدۇر [41].

  42. (36-سۈرە ياسىن، 42-ئايەت)
    وَخَلَقْنَا لَهُمْ مِنْ مِثْلِهِ مَا يَرْكَبُونَ
    بىز ئۇلار ئۈچۈن شۇ كېمىگە ئوخشاش ئۇلار چۈشىدىغان نەرسىلەرنى ياراتتۇق

    بىز ئۇلار ئۈچۈن شۇ كېمىگە ئوخشاش چۈشىدىغان نەرسىلەرنى ياراتتۇق [42].

  43. (36-سۈرە ياسىن، 43-ئايەت)
    وَإِنْ نَشَأْ نُغْرِقْهُمْ فَلَا صَرِيخَ لَهُمْ وَلَا هُمْ يُنْقَذُونَ
    ئەگەر بىز خالىساق ئۇلارنى غەرق قىلىۋېتىمىز، ئۇلارغا ياردەم بەرگۈچىمۇ بولمايدۇ ۋە ئۇلارنى قۇتۇلدۇرغۇچىمۇ بولمايدۇ

    ئەگەر بىز خالىساق ئۇلارنى غەرق قىلىۋېتىمىز، ئۇلارغا ياردەم بەرگۈچىمۇ بولمايدۇ، ئۇلارنى قۇتقۇزغۇچىمۇ بولمايدۇ [43].

  44. (36-سۈرە ياسىن، 44-ئايەت)
    إِلَّا رَحْمَةً مِنَّا وَمَتَاعًا إِلَىٰ حِينٍ
    پەقەت بىز رەھىم قىلغانلىقىمىز ۋە ئۇلارنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (ھاياتتىن) بەھرىمەن قىلىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن (ئۇلار قۇتۇلدۇرۇلىدۇ)

    پەقەت بىز رەھىم قىلغانلىقىمىز ۋە ئۇلارنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە ھاياتتىن بەھرىمەن قىلىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۇلار قۇتقۇزۇلىدۇ [44].

  45. (36-سۈرە ياسىن، 45-ئايەت)
    وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ اتَّقُوا مَا بَيْنَ أَيْدِيكُمْ وَمَا خَلْفَكُمْ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
    ئۇلارغا: «رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئالدىڭلاردىكىدىن (يەنى دۇنيا ئازابىدىن) ۋە ئارقاڭلاردىكىدىن (يەنى ئاخىرەت ئازابىدىن) قورقۇڭلار» دېيىلسە (ئۇلار بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ)

    ئۇلارغا: «رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئالدىڭلاردىكىدىن ۋە ئارقاڭلاردىكىدىن (يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئازابىدىن) قورقۇڭلار» دېيىلسە، شۇنداقلا پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەت كەلسىلا، ئۇلار بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ [45-46].

  46. (36-سۈرە ياسىن، 46-ئايەت)
    وَمَا تَأْتِيهِمْ مِنْ آيَةٍ مِنْ آيَاتِ رَبِّهِمْ إِلَّا كَانُوا عَنْهَا مُعْرِضِينَ
    پەرۋەردىگارىنىڭ (پەيغەمبەرنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان) ئايەتلىرىدىن بىر ئايەت كەلسىلا، ئۇلار بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ

    ئۇلارغا: «رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئالدىڭلاردىكىدىن ۋە ئارقاڭلاردىكىدىن (يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەت ئازابىدىن) قورقۇڭلار» دېيىلسە، شۇنداقلا پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەت كەلسىلا، ئۇلار بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ [45-46].

  47. (36-سۈرە ياسىن، 47-ئايەت)
    وَإِذَا قِيلَ لَهُمْ أَنْفِقُوا مِمَّا رَزَقَكُمُ اللَّهُ قَالَ الَّذِينَ كَفَرُوا لِلَّذِينَ آمَنُوا أَنُطْعِمُ مَنْ لَوْ يَشَاءُ اللَّهُ أَطْعَمَهُ إِنْ أَنْتُمْ إِلَّا فِي ضَلَالٍ مُبِينٍ
    ئەگەر ئۇلارغا: «ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (پېقىرلارغا) سەدىقە قىلىپ بېرىڭلار» دېيىلسە، كاپىرلار مۆمىنلەرگە (مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «ئەگەر ئاللاھ خالىسا رىزىق تەمىنلەيدىغان ئادەمنى بىز تەمىنلەمدۇق؟ سىلەر پەقەت روشەن گۇمراھلىقتاسىلەر» دەيدۇ

    ئەگەر ئۇلارغا: «ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (پېقىرلارغا) سەدىقە قىلىپ بېرىڭلار» دېيىلسە، كافىرلار مۆمىنلەرگە قارىتىپ: «ئەگەر ئاللاھ خالىسا رىزىق قىلىپ بېرىدىغان ئادەمنى بىز باقامدۇق؟ سىلەر پەقەت روشەن گۇمراھلىقتا ئىكەنسىلەر» دەيدۇ [47].

  48. (36-سۈرە ياسىن، 48-ئايەت)
    وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا الْوَعْدُ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ
    ئۇلار: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشىدۇ؟» دەيدۇ

    ئۇلار يەنە: «ئەگەر گېپىڭلار راست بولسا، ئاگاھلاندۇرۇلغان بۇ قىيامەت قاچان بولىدۇ؟» دەيدۇ [48].

  49. (36-سۈرە ياسىن، 49-ئايەت)
    مَا يَنْظُرُونَ إِلَّا صَيْحَةً وَاحِدَةً تَأْخُذُهُمْ وَهُمْ يَخِصِّمُونَ
    ئۇلار پەقەت بىر ئاۋازنىلا (يەنى ئىسراپىل ئەلەيھىسسالامنىڭ بىرىنچى قېتىملىق چالغان سۇرىنىلا) كۈتىدۇ، ئۇلار (دۇنيادا سودا ـ سېتىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار ئۈستىدە) جاڭجاللىشىپ تۇرغان ھالەتلىرىدە، ئۇ ئاۋاز ئۇلارنى ھالاك قىلىدۇ

    ئۇلار (دۇنيالىق ئىشلار ئۈستىدە) دەتالاش قىلىشىپ تۇرغان چاغدا، تۇيۇقسىز كېلىپ ئۇلارنى ھالاك قىلىدىغان بىر ئاۋازنىلا كۈتىدۇ [49].

  50. (36-سۈرە ياسىن، 50-ئايەت)
    فَلَا يَسْتَطِيعُونَ تَوْصِيَةً وَلَا إِلَىٰ أَهْلِهِمْ يَرْجِعُونَ
    ئۇلار بىر ـ بىرىگە ۋەسىيەت قالدۇرۇشقىمۇ، ئائىلىسىگە قايتىشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ

    ئۇ ئاۋاز كەلگەندە ئۇلار بىر ـ بىرىگە ۋەسىيەت قالدۇرۇشقىمۇ، ئائىلىسىگە قايتىشقىمۇ قادىر بولالمايدۇ [50].

  51. (36-سۈرە ياسىن، 51-ئايەت)
    وَنُفِخَ فِي الصُّورِ فَإِذَا هُمْ مِنَ الْأَجْدَاثِ إِلَىٰ رَبِّهِمْ يَنْسِلُونَ
    (ئىككىنچى قېتىملىق) سۇر چېلىنغان ھامان ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ پەرۋەردىگارى تەرەپكە يۈگۈرىدۇ

    سۇر چېلىنغان ھامان ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقىپ پەرۋەردىگارى تەرەپكە يۈگۈرىدۇ [51].

  52. (36-سۈرە ياسىن، 52-ئايەت)
    قَالُوا يَا وَيْلَنَا مَنْ بَعَثَنَا مِنْ مَرْقَدِنَا ۜ ۗ هَٰذَا مَا وَعَدَ الرَّحْمَٰنُ وَصَدَقَ الْمُرْسَلُونَ
    ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! بىزنى ئۇخلاۋاتقان يېرىمىزدىن (يەنى قەبرىمىزدىن) كىم ئويغاتتى؟» دەيدۇ (چۈنكى ئۇلار ئىككى سۇر ئارىسىدا ئۇيقۇدا بولۇپ ئازابتىن خالىي بولىدۇ)، (پەرىشتىلەر يا مۆمىنلەر ئۇنىڭغا جاۋابەن) «مېھرىبان ئاللاھنىڭ ۋەدە قىلغىنى مۇشۇ (كۈن)، پەيغەمبەرلەر راست ئېيتقان» دەيدۇ

    ئۇلار: «ۋاي ئىسىت! بىزنى ئۇخلاۋاتقان يېرىمىزدىن (يەنى قەبرىمىزدىن) كىم ئويغىتىۋەتتى؟» دەيدۇ، (ئۇنىڭغا جاۋابەن) «مېھرىبان ئاللاھ ئاگاھلاندۇرغان قىيامەت مۇشۇ، پەيغەمبەرلەر راست ئېيتقان» دېيىلىدۇ [52].

  53. (36-سۈرە ياسىن، 53-ئايەت)
    إِنْ كَانَتْ إِلَّا صَيْحَةً وَاحِدَةً فَإِذَا هُمْ جَمِيعٌ لَدَيْنَا مُحْضَرُونَ
    پەقەت بىر ئاۋاز بىلەنلا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھۇزۇرىمىزغا ھازىر قىلىنىدۇ

    پەقەت بىر ئاۋاز بىلەنلا ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ھۇزۇرىمىزغا ھازىر قىلىنىدۇ [53].

  54. (36-سۈرە ياسىن، 54-ئايەت)
    فَالْيَوْمَ لَا تُظْلَمُ نَفْسٌ شَيْئًا وَلَا تُجْزَوْنَ إِلَّا مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
    ئۇ كۈندە ھېچبىر ئىنسانغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ، سىلەرگە پەقەت قىلمىشىڭلارغا يارىشا جازا بېرىلىدۇ

    ئۇ كۈندە ھېچبىر ئىنسانغا قىلچە ئۇۋال قىلىنمايدۇ، سىلەرگە پەقەت قىلغان ئىشىڭلارغا يارىشا مۇكاپات ياكى جازا بېرىلىدۇ [54].

  55. (36-سۈرە ياسىن، 55-ئايەت)
    إِنَّ أَصْحَابَ الْجَنَّةِ الْيَوْمَ فِي شُغُلٍ فَاكِهُونَ
    شۈبھىسىزكى، ئۇ كۈندە جەننەت ئەھلىلىرى نېمەت ئىچىدىدۇر

    شۈبھىسىزكى، ئۇ كۈندە جەننەت ئەھلى نېمەت ئىچىدە ھۇزۇر سۈرىدۇ [55].

  56. (36-سۈرە ياسىن، 56-ئايەت)
    هُمْ وَأَزْوَاجُهُمْ فِي ظِلَالٍ عَلَى الْأَرَائِكِ مُتَّكِئُونَ
    1. ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ جۈپتىللىرى <جەننەتلەرنىڭ>سايىلىرى ئاستىدا تەخىتلەرگە يۆلەنگەن ھالدا تۇرىدۇ.56

    ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ جۈپلىرى سايىلەردە تەختلەرگە يۆلەنگەن ھالدا ئولتۇرىدۇ [56].

  57. (36-سۈرە ياسىن، 57-ئايەت)
    لَهُمْ فِيهَا فَاكِهَةٌ وَلَهُمْ مَا يَدَّعُونَ
    ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە (تۈرلۈك) مېۋىلەر بار، ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە (ئۇلارنىڭ) كۆڭلى تارتقان نەرسىلەر بولىدۇ

    ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە تۈرلۈك مېۋىلەر بار، ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە ئۇلارنىڭ كۆڭلى تارتقان نەرسىلەر بولىدۇ [57].

  58. (36-سۈرە ياسىن، 58-ئايەت)
    سَلَامٌ قَوْلًا مِنْ رَبٍّ رَحِيمٍ
    مېھرىبان پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن (ئۇلارغا) سالام دېيىلىدۇ

    مېھرىبان پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇلارغا سالام دېيىلىدۇ [58].

  59. (36-سۈرە ياسىن، 59-ئايەت)
    وَامْتَازُوا الْيَوْمَ أَيُّهَا الْمُجْرِمُونَ
    (گۇناھكارلارغا) «ئى گۇناھكارلار! بۈگۈن (بىر تەرەپكە) ئايرىلىڭلار» (دېيىلىدۇ)

    (گۇناھكارلارغا) «ئى گۇناھكارلار! (كافىرلار) بۈگۈن بىر تەرەپكە ئايرىلىڭلار» (دېيىلىدۇ) [59].

  60. (36-سۈرە ياسىن، 60-ئايەت)
    أَلَمْ أَعْهَدْ إِلَيْكُمْ يَا بَنِي آدَمَ أَنْ لَا تَعْبُدُوا الشَّيْطَانَ ۖ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُبِينٌ
    سىلەرگە (پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق): «ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتانغا چوقۇنماڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ؟

    سىلەرگە: «ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتانغا چوقۇنماڭلار. ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ؟ [60ـ61

  61. (36-سۈرە ياسىن، 61-ئايەت)
    وَأَنِ اعْبُدُونِي ۚ هَٰذَا صِرَاطٌ مُسْتَقِيمٌ
    سىلەرگە (پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق): «ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتانغا چوقۇنماڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ؟

    سىلەرگە: «ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتانغا چوقۇنماڭلار. ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ؟ [60ـ61

  62. (36-سۈرە ياسىن، 62-ئايەت)
    وَلَقَدْ أَضَلَّ مِنْكُمْ جِبِلًّا كَثِيرًا ۖ أَفَلَمْ تَكُونُوا تَعْقِلُونَ
    شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەردىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، (بۇنى) چۈشەنمەمسىلەر؟

    شۈبھىسىزكى، شەيتان ئاراڭلاردىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمىدىڭلارمۇ؟ [62]

  63. (36-سۈرە ياسىن، 63-ئايەت)
    هَٰذِهِ جَهَنَّمُ الَّتِي كُنْتُمْ تُوعَدُونَ
    سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەھەننەم مانا شۇ

    مانا بۇ سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان جەھەننەمدۇر [63].

  64. (36-سۈرە ياسىن، 64-ئايەت)
    اصْلَوْهَا الْيَوْمَ بِمَا كُنْتُمْ تَكْفُرُونَ
    سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن بۈگۈن جەھەننەمگە كىرىڭلار

    سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) كافىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن بۇنىڭغا كىرىڭلار [64].

  65. (36-سۈرە ياسىن، 65-ئايەت)
    الْيَوْمَ نَخْتِمُ عَلَىٰ أَفْوَاهِهِمْ وَتُكَلِّمُنَا أَيْدِيهِمْ وَتَشْهَدُ أَرْجُلُهُمْ بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
    شۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قوللىرى بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ (يەنى ھەر ئەزا ئۇنىڭدىن سادىر بولغان ئىشنى سۆزلەپ بېرىدۇ)

    شۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قوللىرى بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ [65].

  66. (36-سۈرە ياسىن، 66-ئايەت)
    وَلَوْ نَشَاءُ لَطَمَسْنَا عَلَىٰ أَعْيُنِهِمْ فَاسْتَبَقُوا الصِّرَاطَ فَأَنَّىٰ يُبْصِرُونَ
    ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئەلۋەتتە يوق قىلىۋېتەتتۇق، ئاندىن ئۇلار يول مېڭىشقا ئالدىرايتتى، لېكىن ئۇلار قانداقمۇ كۆرەلىسۇن؟

    ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئەلۋەتتە يوق قىلىۋېتەتتۇق-دە، ئۇلار يول تالىشاتتى، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار قانداقمۇ كۆرەلىسۇن؟ [66].

  67. (36-سۈرە ياسىن، 67-ئايەت)
    وَلَوْ نَشَاءُ لَمَسَخْنَاهُمْ عَلَىٰ مَكَانَتِهِمْ فَمَا اسْتَطَاعُوا مُضِيًّا وَلَا يَرْجِعُونَ
    ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنى ئۆيلىرىدىلا سۈرىتى مۇبەددەل (يەنى مايمۇن، چوشقا ياكى تاش) قىلىۋېتەتتۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىغىمۇ ماڭالمايتتى، ئارقىغىمۇ قايتالمايتتى

    ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنى ئورۇنلىرىدىلا باشقا نەرسىگە ئايلاندۇرۇۋېتەتتۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىغىمۇ ماڭالمايتتى، ئارقىغىمۇ قايتالمايتتى [67].

  68. (36-سۈرە ياسىن، 68-ئايەت)
    وَمَنْ نُعَمِّرْهُ نُنَكِّسْهُ فِي الْخَلْقِ ۖ أَفَلَا يَعْقِلُونَ
    بىز ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغان ئادەمنىڭ تېنىنى ئاجىزلىتىۋېتىمىز (يەنى ياشلىق، قىرانلىق ۋاقتىدىكىدىن ئاجىزلايدۇ، قېرىيدۇ)، ئۇلار (بۇنى) چۈشەنمەمدۇ؟

    بىز كىمگە ئۇزۇن ئۆمۈر بەرسەك، ئۇنىڭ تېنىنى (ھەر جەھەتتە) چېكىندۈرۈۋېتىمىز، ئۇلار بۇنى ئويلاپ باقمامدۇ؟ [68].

  69. (36-سۈرە ياسىن، 69-ئايەت)
    وَمَا عَلَّمْنَاهُ الشِّعْرَ وَمَا يَنْبَغِي لَهُ ۚ إِنْ هُوَ إِلَّا ذِكْرٌ وَقُرْآنٌ مُبِينٌ
    ئۇنىڭغا (يەنى پەيغەمبەرگە) بىز شېئىر تەلىم بەرمىدۇق، ئۇنىڭغا شېئىر مۇناسىپمۇ ئەمەس. ئۇ پەقەت تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش، كاپىرلارغا ئازابنىڭ تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى (بىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل بولغان) ۋەز ـ نەسىھەتتۇر ۋە روشەن قۇرئاندۇر

    بىز مۇھەممەدكە شېئىر تەلىم بەرمىدۇق، ئۇنىڭغا شېئىر مۇناسىپمۇ ئەمەس، ئۇنىڭ يەتكۈزۈۋاتقىنى پەقەت تىرىكلەرنى (يەنى ئىمان ئېيتقانلارنى) ئاگاھلاندۇرۇش، كافىرلارغا ئازابنىڭ ھەقلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل بولغان نەسىھەت ۋە روشەن قۇرئاندۇر [69ـ70].

  70. (36-سۈرە ياسىن، 70-ئايەت)
    لِيُنْذِرَ مَنْ كَانَ حَيًّا وَيَحِقَّ الْقَوْلُ عَلَى الْكَافِرِينَ
    ئۇنىڭغا (يەنى پەيغەمبەرگە) بىز شېئىر تەلىم بەرمىدۇق، ئۇنىڭغا شېئىر مۇناسىپمۇ ئەمەس. ئۇ پەقەت تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش، كاپىرلارغا ئازابنىڭ تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى (بىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل بولغان) ۋەز ـ نەسىھەتتۇر ۋە روشەن قۇرئاندۇر

    بىز مۇھەممەدكە شېئىر تەلىم بەرمىدۇق، ئۇنىڭغا شېئىر مۇناسىپمۇ ئەمەس، ئۇنىڭ يەتكۈزۈۋاتقىنى پەقەت تىرىكلەرنى (يەنى ئىمان ئېيتقانلارنى) ئاگاھلاندۇرۇش، كافىرلارغا ئازابنىڭ ھەقلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل بولغان نەسىھەت ۋە روشەن قۇرئاندۇر [69ـ70].

  71. (36-سۈرە ياسىن، 71-ئايەت)
    أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّا خَلَقْنَا لَهُمْ مِمَّا عَمِلَتْ أَيْدِينَا أَنْعَامًا فَهُمْ لَهَا مَالِكُونَ
    ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئۇلار ئۈچۈن ھايۋانلارنى (قۇدرەت) قولىمىز بىلەن خەلق ئەتتۇق، ئۇلار ھايۋانلارنى باشقۇرۇپ تۇرغۇچىلاردۇر

    ئۇلار بىلمەمدۇكى، بىز ئۇلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن چارۋىلارنى قۇدرىتىمىز بىلەن ياراتتۇق، ئۇلار ئۇ چارۋىلارغا ئىگىدارلىق قىلغۇچىلاردۇر [71].

  72. (36-سۈرە ياسىن، 72-ئايەت)
    وَذَلَّلْنَاهَا لَهُمْ فَمِنْهَا رَكُوبُهُمْ وَمِنْهَا يَأْكُلُونَ
    ھايۋانلارنى ئۇلارغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلار ئۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىسىنى مىنىدۇ، بەزىسىنى يەيدۇ

    ئۇ چارۋىلارنى ئۇلارغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلار ئۇ چارۋىلارنىڭ بەزىسىنى مىنىدۇ، بەزىسىنىڭ گۆشىنى يەيدۇ [72].

  73. (36-سۈرە ياسىن، 73-ئايەت)
    وَلَهُمْ فِيهَا مَنَافِعُ وَمَشَارِبُ ۖ أَفَلَا يَشْكُرُونَ
    ئۇلار شۇ ھايۋانلاردىن پايدىلىنىدۇ ۋە سۈتلىرىنى ئىچىدۇ، ئۇلار (پەرۋەردىگارىنىڭ بۇ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلمامدۇ؟

    ئۇلار شۇ چارۋىلاردىن پايدىلىنىدۇ ۋە سۈتلىرىنى ئىچىدۇ، ئۇلار بۇ نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلمامدۇ؟ [73].

  74. (36-سۈرە ياسىن، 74-ئايەت)
    وَاتَّخَذُوا مِنْ دُونِ اللَّهِ آلِهَةً لَعَلَّهُمْ يُنْصَرُونَ
    ئۇلار ياردەمگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىپ، ئاللاھنى قويۇپ باشقا مەبۇدلارنى ئىلاھ قىلىۋالدى

    مۇشرىكلار ياردەمگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىپ، ئاللاھنى قويۇپ باشقا مەبۇدلارنى ئىلاھ قىلىۋالدى [74].

  75. (36-سۈرە ياسىن، 75-ئايەت)
    لَا يَسْتَطِيعُونَ نَصْرَهُمْ وَهُمْ لَهُمْ جُنْدٌ مُحْضَرُونَ
    ئۇ مەبۇدلار ئۇلارغا ياردەم بېرەلمەيدۇ. بۇلار شۇ مەبۇدلار ئۈچۈن (يەنى ئۇلارنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن) ھازىرلانغان قوشۇندۇر

    ئۇ مەبۇدلار ئۇلارغا ياردەم بېرەلمەيدۇ. ئۇلار شۇ مەبۇدلارنى قوغداش ئۈچۈن ھازىرلانغان قوشۇندۇر [75].

  76. (36-سۈرە ياسىن، 76-ئايەت)
    فَلَا يَحْزُنْكَ قَوْلُهُمْ ۘ إِنَّا نَعْلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعْلِنُونَ
    (ئى، مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ سۆزى (يەنى سېنى ئىنكار قىلغانلىقى) سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ۋە ئاشكارا قىلغان (سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى) نى بىلىپ تۇرىمىز

    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ بىھۇدە سۆزلىرى سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارا قىلغان ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرىمىز [76].

  77. (36-سۈرە ياسىن، 77-ئايەت)
    أَوَلَمْ يَرَ الْإِنْسَانُ أَنَّا خَلَقْنَاهُ مِنْ نُطْفَةٍ فَإِذَا هُوَ خَصِيمٌ مُبِينٌ
    ئىنسان بىلمەمدۇكى، بىز ھەقىقەتەن ئۇنى ئابىمەنىيدىن ياراتتۇق. ئەمدى ئۇ (پەرۋەردىگارىغا) ئاشكارا خۇسۇمەتچى بولۇپ قالدى

    ئىنسان بىلمەمدۇكى، بىز ھەقىقەتەن ئۇنى ئابىمەنىيدىن ياراتقان ئىدۇق، ئەمدى بولسا ئۇ ئاشكارا خۇسۇمەتچى بولۇپ، ئۆزىنىڭ يارىتىلغانلىقىنى ئۇنتۇغان ھالدا بىزگە مىسال كەلتۈرۈپ: «بۇ چىرىپ كەتكەن سۆڭەكلەرنى كىم تىرىلدۈرەلەيدۇ؟» دېدى [77-78].

  78. (36-سۈرە ياسىن، 78-ئايەت)
    وَضَرَبَ لَنَا مَثَلًا وَنَسِيَ خَلْقَهُ ۖ قَالَ مَنْ يُحْيِي الْعِظَامَ وَهِيَ رَمِيمٌ
    ئۇ بىزگە (ئىنساننىڭ قايتا تىرىلىشىنى يىراق ساناپ، چىرىگەن سۆڭەكلەرنى) مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۆزىنىڭ يارىتىلغانلىقىنى بولسا ئۇنتۇدى، ئۇ: «چىرىپ كەتكەن سۆڭەكلەرنى كىم تىرىلدۈرەلەيدۇ؟» دېدى

    ئىنسان بىلمەمدۇكى، بىز ھەقىقەتەن ئۇنى ئابىمەنىيدىن ياراتقان ئىدۇق، ئەمدى بولسا ئۇ ئاشكارا خۇسۇمەتچى بولۇپ، ئۆزىنىڭ يارىتىلغانلىقىنى ئۇنتۇغان ھالدا بىزگە مىسال كەلتۈرۈپ: «بۇ چىرىپ كەتكەن سۆڭەكلەرنى كىم تىرىلدۈرەلەيدۇ؟» دېدى [77-78].

  79. (36-سۈرە ياسىن، 79-ئايەت)
    قُلْ يُحْيِيهَا الَّذِي أَنْشَأَهَا أَوَّلَ مَرَّةٍ ۖ وَهُوَ بِكُلِّ خَلْقٍ عَلِيمٌ
    ئېيتقىنكى، «ئۇنى ئەڭ دەسلەپتە ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ، ئۇ ھەر بىر مەخلۇقنى بىلگۈچىدۇر»

    ئېيتقىنكى، «ئۇنى ئەڭ دەسلەپتە ياراتقان زات تىرىلدۈرىدۇ، ئۇ ھەرقانداق يارىتىشنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر» [79].

  80. (36-سۈرە ياسىن، 80-ئايەت)
    الَّذِي جَعَلَ لَكُمْ مِنَ الشَّجَرِ الْأَخْضَرِ نَارًا فَإِذَا أَنْتُمْ مِنْهُ تُوقِدُونَ
    ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن يېشىل دەرەختىن ئوت پەيدا قىلدى. سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ئوت ياقىسىلەر

    ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن يېشىل دەرەختىن ئوت پەيدا قىلدى. سىلەر ئۇنىڭ بىلەن ئوت ياقىسىلەر [80].

  81. (36-سۈرە ياسىن، 81-ئايەت)
    أَوَلَيْسَ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِقَادِرٍ عَلَىٰ أَنْ يَخْلُقَ مِثْلَهُمْ ۚ بَلَىٰ وَهُوَ الْخَلَّاقُ الْعَلِيمُ
    ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زات ئۇلارنىڭ ئوخشىشىنى يارىتىشقا قادىر ئەمەسمۇ؟ ئۇ بۇنىڭغا قادىر، ئاللاھ ماھىر ياراتقۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر

    ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان زات ئۇلارنىڭ ئوخشىشىنى يارىتىشقا قادىر ئەمەسمۇ؟ ئۇ بۇنىڭغا قادىر. ئاللاھ ئاجايىپ ياراتقۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر [81].

  82. (36-سۈرە ياسىن، 82-ئايەت)
    إِنَّمَا أَمْرُهُ إِذَا أَرَادَ شَيْئًا أَنْ يَقُولَ لَهُ كُنْ فَيَكُونُ
    ئاللاھ بىرەر شەيئىنى (يارىتىشنى) ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «ۋۇجۇتقا كەل» دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ

    ئاللاھ بىرەر شەيئىنى يارىتىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا «ۋۇجۇتقا كەل» دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ [82].

  83. (36-سۈرە ياسىن، 83-ئايەت)
    فَسُبْحَانَ الَّذِي بِيَدِهِ مَلَكُوتُ كُلِّ شَيْءٍ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
    ئاللاھ پاكتۇركى، ھەر بىر نەرسىنىڭ ئىگىلىك ھوقوقى ئۇنىڭ قولىدىدۇر، (ئۆلگەندىن كېيىن) ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر

    ئاللاھ پاكتۇركى، ھەربىر نەرسىنىڭ ئىگىلىك ھوقوقى ئۇنىڭ ئىلكىدىدۇر، سىلەر (ئۆلگەندىن كېيىن) ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر [83].