ئىنىشقاق سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 25 ئايەت
مەنىسى: يېرىلىش. ئاتىلىش سەۋەبى: قىيامەتتە ئاسمان يېرىلدىغانلىقى بىلەن باشلانغان
  1. (84-سۈرە ئىنىشقاق، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ إِذَا السَّمَاءُ انْشَقَّتْ
    ئاسمان يېرىلغان

    ئاسمان يېرىلغان [1]،

  2. (84-سۈرە ئىنىشقاق، 2-ئايەت)
    وَأَذِنَتْ لِرَبِّهَا وَحُقَّتْ
    پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا

    پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ، ئىتائەت قىلغان ۋە شۇنداق قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا [2]،

  3. (84-سۈرە ئىنىشقاق، 3-ئايەت)
    وَإِذَا الْأَرْضُ مُدَّتْ
    زېمىن سوزۇلغان

    زېمىن سوزۇلغان [3]،

  4. (84-سۈرە ئىنىشقاق، 4-ئايەت)
    وَأَلْقَتْ مَا فِيهَا وَتَخَلَّتْ
    قوينىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى ئۆلۈكلەرنى، مەدەنلەرنى) سىرتقا چىقىرىپ قۇرۇقدىلىپ قالغان

    قوينىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى ئۆلۈكلەرنى) سىرتقا چىقىرىپ قۇرۇقدىلىپ قالغان [4]،

  5. (84-سۈرە ئىنىشقاق، 5-ئايەت)
    وَأَذِنَتْ لِرَبِّهَا وَحُقَّتْ
    پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا (ئىنسان خىيالىغا كەلمىگەن دەھشەتلىك ئەھۋاللارغا يولۇقىدۇ)

    پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان ۋە شۇنداق قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا (ھەربىر ئىنسان ئۆز ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ) [5].

  6. (84-سۈرە ئىنىشقاق، 6-ئايەت)
    يَا أَيُّهَا الْإِنْسَانُ إِنَّكَ كَادِحٌ إِلَىٰ رَبِّكَ كَدْحًا فَمُلَاقِيهِ
    ئى ئىنسان! سەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭغا مۇلاقات بولغىنىڭغا قەدەر (ئۆز ئىشىڭدا) سەئيى ـ ئىجتىھات قىلىسەن (يەنى ئەمەلىڭنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىسەن)

    ئى ئىنسان! سەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئالدىغا بارغىنىڭغا قەدەر ناھايىتى جاپالىق ئىشلارنى قىلىسەن، ئاندىن ئەمەلىڭنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىسەن) [6].

  7. (84-سۈرە ئىنىشقاق، 7-ئايەت)
    فَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ بِيَمِينِهِ
    نامە ـ ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ

    نامە ـ ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ [7ـ8].

  8. (84-سۈرە ئىنىشقاق، 8-ئايەت)
    فَسَوْفَ يُحَاسَبُ حِسَابًا يَسِيرًا
    نامە ـ ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ

    نامە ـ ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ [7ـ8].

  9. (84-سۈرە ئىنىشقاق، 9-ئايەت)
    وَيَنْقَلِبُ إِلَىٰ أَهْلِهِ مَسْرُورًا
    (ئۇ جەننەتتىكى) ئائىلىسىگە خۇشال ـ خۇرام قايتىدۇ

    ئۇ (جەننەتتىكى) ئائىلىسىگە خۇشال ـ خۇرام قايتىدۇ [9].

  10. (84-سۈرە ئىنىشقاق، 10-ئايەت)
    وَأَمَّا مَنْ أُوتِيَ كِتَابَهُ وَرَاءَ ظَهْرِهِ
    نامە ـ ئەمالى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەم

    نامە ـ ئەمالى سول قولىغا بېرىلگەن ئادەم «ۋاي ئۆلەي!»دەپ توۋلاپ، لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ [10-12].

  11. (84-سۈرە ئىنىشقاق، 11-ئايەت)
    فَسَوْفَ يَدْعُو ثُبُورًا
    «ۋاي» دەپ توۋلايدۇ (يەنى ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىدۇ)

    نامە ـ ئەمالى سول قولىغا بېرىلگەن ئادەم «ۋاي ئۆلەي!»دەپ توۋلاپ، لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ [10-12].

  12. (84-سۈرە ئىنىشقاق، 12-ئايەت)
    وَيَصْلَىٰ سَعِيرًا
    دوزاخقا كىرىدۇ

    نامە ـ ئەمالى سول قولىغا بېرىلگەن ئادەم «ۋاي ئۆلەي!»دەپ توۋلاپ، لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ [10-12].

  13. (84-سۈرە ئىنىشقاق، 13-ئايەت)
    إِنَّهُ كَانَ فِي أَهْلِهِ مَسْرُورًا
    چۈنكى ئۇ (دۇنيادىكى چېغىدا) ئائىلىسىدە شاد ـ خۇرام ئىدى.

    ئۇ (دۇنيادىكى چېغىدا) ئائىلىسىدە شاد-خۇرام ئىدى. [13].

  14. (84-سۈرە ئىنىشقاق، 14-ئايەت)
    إِنَّهُ ظَنَّ أَنْ لَنْ يَحُورَ
    ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا قايتمايمەن دەپ گۇمان قىلدى

    ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا قايتمايمەن دەپ ئويلايتتى [14].

  15. (84-سۈرە ئىنىشقاق، 15-ئايەت)
    بَلَىٰ إِنَّ رَبَّهُ كَانَ بِهِ بَصِيرًا
    ئۇنداق ئەمەس، (يەنى ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ). پەرۋەردىگارى ھەقىقەتەن ئۇنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر

    ئىش ئۇ ئويلىغاندەك ئەمەس ئىدى. پەرۋەردىگارى ھەقىقەتەن ئۇنى كۆرۈپ تۇرغان ئىدى [15].

  16. (84-سۈرە ئىنىشقاق، 16-ئايەت)
    فَلَا أُقْسِمُ بِالشَّفَقِ
    شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى

    كەچكى شەپەق بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، تولۇن ئاي بىلەن قەسەم قىلىمەنكى [16ـ18]

  17. (84-سۈرە ئىنىشقاق، 17-ئايەت)
    وَاللَّيْلِ وَمَا وَسَقَ
    شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى

    كەچكى شەپەق بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، تولۇن ئاي بىلەن قەسەم قىلىمەنكى [16ـ18]

  18. (84-سۈرە ئىنىشقاق، 18-ئايەت)
    وَالْقَمَرِ إِذَا اتَّسَقَ
    شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى

    كەچكى شەپەق بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، تولۇن ئاي بىلەن قەسەم قىلىمەنكى [16ـ18]

  19. (84-سۈرە ئىنىشقاق، 19-ئايەت)
    لَتَرْكَبُنَّ طَبَقًا عَنْ طَبَقٍ
    سىلەر جەزمەن بىر ھالدىن يەنە بىر ھالغا يۆتكىلىپ تۇرىسىلەر

    سىلەر جەزمەن بىر باسقۇچتىن يەنە بىر باسقۇچقا يۆتكىلىپ تۇرىسىلەر [19].

  20. (84-سۈرە ئىنىشقاق، 20-ئايەت)
    فَمَا لَهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ
    ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نېمىشقا ئىمان ئېيتمايدۇ؟

    ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نېمىشقا ئىمان ئېيتمايدۇ؟ [20]

  21. (84-سۈرە ئىنىشقاق، 21-ئايەت)
    وَإِذَا قُرِئَ عَلَيْهِمُ الْقُرْآنُ لَا يَسْجُدُونَ ۩
    ئۇلارنىڭ يېنىدا قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا نېمىشقا سەجدە قىلمايدۇ؟

    ئۆزىگە قۇرئان ئوقۇپ بېرىلگەن چاغدا نېمىشقا سەجدە قىلمايدۇ؟ [21]

  22. (84-سۈرە ئىنىشقاق، 22-ئايەت)
    بَلِ الَّذِينَ كَفَرُوا يُكَذِّبُونَ
    بەلكى كاپىرلار (ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلىدۇ

    ئەكسىچە، كافىرلار قۇرئاننى يالغان دەيدۇ [22].

  23. (84-سۈرە ئىنىشقاق، 23-ئايەت)
    وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا يُوعُونَ
    ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ

    ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ [23].

  24. (84-سۈرە ئىنىشقاق، 24-ئايەت)
    وَاللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا يُوعُونَ
    ئۇلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن

    (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن «خۇش خەۋەر» بەرگىن [24].

  25. (84-سۈرە ئىنىشقاق، 25-ئايەت)
    فَبَشِّرْهُمْ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
    پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر ئۈزۈلمەس ساۋابقا ئېرىشىدۇ

    پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرلا ئۈزۈلمەس ساۋابقا ئېرىشىدۇ [25].