تەھرىم سۈرىسى

مەدىنىدە نازىل بولغان، جەمئىي 12 ئايەت
مەنىسى: ھارام قىلىۋېلىش. ئاتىلىش سەۋەبى: رەسۇلۇللاھنىڭ باشقا ئاياللىرىنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ، دېدىكى مارىيەگە يېىقىنلىشىشىنى ئۆزىگە ھارام قىلىۋالغانلىقى ئەيىبلەنگەن
  1. (66-سۈرە تەھرىم، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ لِمَ تُحَرِّمُ مَا أَحَلَّ اللَّهُ لَكَ ۖ تَبْتَغِي مَرْضَاتَ أَزْوَاجِكَ ۚ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَحِيمٌ
    ئى پەيغەمبەر! نېمە ئۈچۈن ئاللاھ ساڭا ھالال قىلغان نەرسىنى ئاياللىرىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەش يۈزىسىدىن ھارام قىلىسەن؟ ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر

    ئى پەيغەمبەر! سەن نېمە ئۈچۈن ئاللاھ ساڭا ھالال قىلغان نەرسىنى خوتۇنلىرىڭنىڭ رازىلىقىنى دەپ ھارام قىلىسەن،ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر [1].

  2. (66-سۈرە تەھرىم، 2-ئايەت)
    قَدْ فَرَضَ اللَّهُ لَكُمْ تَحِلَّةَ أَيْمَانِكُمْ ۚ وَاللَّهُ مَوْلَاكُمْ ۖ وَهُوَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ
    ئاللاھ سىلەرگە (كەففارەت) بىلەن قەسىمىڭلاردىن چىقىشنى بەلگىلىدى. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر. ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

    ئاللاھ سىلەرگە (ياخشى ئىشتىن توسىدىغان) قەسىمىڭلاردىن (كەفارەت بېرىپ) چىقىپ كېتىشىنى بەلگىلىدى، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [2].

  3. (66-سۈرە تەھرىم، 3-ئايەت)
    وَإِذْ أَسَرَّ النَّبِيُّ إِلَىٰ بَعْضِ أَزْوَاجِهِ حَدِيثًا فَلَمَّا نَبَّأَتْ بِهِ وَأَظْهَرَهُ اللَّهُ عَلَيْهِ عَرَّفَ بَعْضَهُ وَأَعْرَضَ عَنْ بَعْضٍ ۖ فَلَمَّا نَبَّأَهَا بِهِ قَالَتْ مَنْ أَنْبَأَكَ هَٰذَا ۖ قَالَ نَبَّأَنِيَ الْعَلِيمُ الْخَبِيرُ
    ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئاياللىرىدىن بىرىگە (يەنى ھەفسەگە) بىر سۆزنى يوشۇرۇن ئېيتقان ئىدى. ئۇ (يەنى ھەفسە) ئۇنى (ئائىشەگە) ئېيتىپ قويغان، ئاللاھ بولسا سىرنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى (پەيغەمبەرگە) بىلدۈرگەن چاغدا، ئۇ (يەنى پەيغەمبەر) ئۇنىڭغا (ھەفسەگە) ئۇ (يەنى ھەفسە) ئاشكارىلاپ قويغان سۆزلەرنىڭ بەزىسىنى ئېيتتى (يەنى يۈزىگە سالدى)، يەنە بەزىسىنى ئېيتمىدى (يەنى يۈزىگە سالمىدى). پەيغەمبەر ئۇنىڭغا سىرنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى ئېيتقان چاغدا، ئۇ (يەنى ھەفسە): «بۇنى ساڭا كىم خەۋەر قىلدى؟» دېدى. پەيغەمبەر: «ماڭا (بۇنى) ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ھەممىدىن تولۇق خەۋەردار ئاللاھ خەۋەر قىلدى» دېدى

    ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئۆزىنىڭ خوتۇنلىرىدىن بىرىگە (يەنى ھەفسەگە) بىر سۆزنى يوشۇرۇن ئېيتقان ئىدى، ئۇ بۇ سۆزنى (ئائىشەگە) ئېيتىپ قويغان، ئاللاھ بولسا سىرنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى پەيغەمبەرگە بىلدۈرگەن چاغدا، پەيغەمبەر ئۇ ئاشكارىلاپ قويغان سۆزلەرنىڭ بەزىسىنى ئۇنىڭ يۈزىگە سالدى. بەزىسىنى يۈزىگە سالمىدى. پەيغەمبەر ئۇنىڭغا سىرنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى ئېيتقان چاغدا، ئۇ:«بۇنى ساڭا كىم خەۋەر قىلدى؟» دېدى، پەيغەمبەر: «ماڭا بۇنى ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ھەممىدىن تولۇق خەۋەردار ئاللاھ خەۋەر قىلدى» دېدى [3].

  4. (66-سۈرە تەھرىم، 4-ئايەت)
    إِنْ تَتُوبَا إِلَى اللَّهِ فَقَدْ صَغَتْ قُلُوبُكُمَا ۖ وَإِنْ تَظَاهَرَا عَلَيْهِ فَإِنَّ اللَّهَ هُوَ مَوْلَاهُ وَجِبْرِيلُ وَصَالِحُ الْمُؤْمِنِينَ ۖ وَالْمَلَائِكَةُ بَعْدَ ذَٰلِكَ ظَهِيرٌ
    ئەگەر (ئائىشە، ھەفسە) ئىككىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلساڭلار (ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشىدۇر). سىلەرنىڭ دىلىڭلار (رەسۇلۇللاھقا ئىخلاس قىلىشتىن) بۇرۇلۇپ كەتتى، ئەگەر سىلەر (رەسۇلۇللاھ خوپ كۆرمەيدىغان ئىش ئۈستىدە) ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرساڭلار، ئۇ چاغدا ئاللاھ ئۇنىڭ مەدەتكارىدۇر، جىبرىلمۇ ئۇنىڭ مەدەتكارىدۇر، مۆمىنلەرنىڭ ياخشىلىرىمۇ ئۇنىڭ مەدەتكارىدۇر. ئۇلاردىن باشقا، پەرىشتىلەرمۇ (ئۇنىڭغا) يۆلەنچۈكتۇر

    ئەگەر ئىككىڭلار يەنى (ئائىشە بىلەن ھەفسە) ئاللاھقا تەۋبە قىلساڭلار (ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشىدۇر). چۈنكى سىلەرنىڭ دىلىڭلار بۇرۇلۇپ كەتتى، ئەگەر سىلەر ئىككىڭلار بىرلىشىپ پەيغەمبەرگە تاقابىل تۇرساڭلار، ئۇ چاغدا ئاللاھ ئۇنىڭ مەدەتكارىدۇر، جىبرىئىلمۇ، مۆمىنلەرنىڭ ياخشىلىرىمۇ ئۇنىڭ مەدەتكارىدۇر، ئۇلاردىن باشقا، پەرىشتىلەرمۇ ئۇنىڭ يۆلەنچۈكىدۇر [4].

  5. (66-سۈرە تەھرىم، 5-ئايەت)
    عَسَىٰ رَبُّهُ إِنْ طَلَّقَكُنَّ أَنْ يُبْدِلَهُ أَزْوَاجًا خَيْرًا مِنْكُنَّ مُسْلِمَاتٍ مُؤْمِنَاتٍ قَانِتَاتٍ تَائِبَاتٍ عَابِدَاتٍ سَائِحَاتٍ ثَيِّبَاتٍ وَأَبْكَارًا
    ئەگەر ئۇ سىلەرنى قويۇۋەتسە، پەرۋەردىگارى سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا، سىلەردىن ياخشى، (ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە) بويسۇنغۇچى، (ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە) ئىمان ئېيتقۇچى، ئىتائەت قىلغۇچى، گۇناھلاردىن تەۋبە قىلغۇچى، ئىبادەت قىلغۇچى، روزا تۇتقۇچى چوكانلارنى ۋە قىزلارنى ئۇنىڭغا بېرىشى مۇمكىن

    ئەگەر ئۇ سىلەرنى قويۇۋەتسە، پەرۋەردىگارى سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا، سىلەردىن ياخشى، بويسۇنغۇچى، ئىمان ئېيتقۇچى، ئىتائەت قىلغۇچى، گۇناھكارلاردىن تەۋبە قىلغۇچى، ئىبادەت قىلغۇچى، روزا تۇتقۇچى چوكانلارنى ۋە قىزلارنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلىشى مۇمكىن [5].

  6. (66-سۈرە تەھرىم، 6-ئايەت)
    يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قُوا أَنْفُسَكُمْ وَأَهْلِيكُمْ نَارًا وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ عَلَيْهَا مَلَائِكَةٌ غِلَاظٌ شِدَادٌ لَا يَعْصُونَ اللَّهَ مَا أَمَرَهُمْ وَيَفْعَلُونَ مَا يُؤْمَرُونَ
    ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا ـ چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار. ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ

    ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە بالا ـ چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاش يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار، ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ [6].

  7. (66-سۈرە تەھرىم، 7-ئايەت)
    يَا أَيُّهَا الَّذِينَ كَفَرُوا لَا تَعْتَذِرُوا الْيَوْمَ ۖ إِنَّمَا تُجْزَوْنَ مَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ
    ئى كاپىرلار! بۈگۈن ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر پەقەت قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنى تارتىسىلەر

    ئى كافىرلار! بۈگۈن ئۆزرە ئېيتماڭلار، سىلەر پەقەت ئۆز قىلمىشىڭلارنىڭ جازاسىنىلا تارتىسىلەر [7].

  8. (66-سۈرە تەھرىم، 8-ئايەت)
    يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا تُوبُوا إِلَى اللَّهِ تَوْبَةً نَصُوحًا عَسَىٰ رَبُّكُمْ أَنْ يُكَفِّرَ عَنْكُمْ سَيِّئَاتِكُمْ وَيُدْخِلَكُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ يَوْمَ لَا يُخْزِي اللَّهُ النَّبِيَّ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ ۖ نُورُهُمْ يَسْعَىٰ بَيْنَ أَيْدِيهِمْ وَبِأَيْمَانِهِمْ يَقُولُونَ رَبَّنَا أَتْمِمْ لَنَا نُورَنَا وَاغْفِرْ لَنَا ۖ إِنَّكَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
    ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار. ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ. سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئاللاھ پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى رەسۋا قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرىپىدە يۈرىدۇ. ئۇلار: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە نۇرىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بەرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن بولساڭ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن» دەيدۇ

    ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇ كۈندە ئاللاھ پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى رەسۋا قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرىپىدە چاقناپ تۇرىدۇ ،، ئۇلار: «ئى رەببىمىز! بىزگە نۇرىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بەرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىرسەن» دەيدۇ [8].

  9. (66-سۈرە تەھرىم، 9-ئايەت)
    يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ جَاهِدِ الْكُفَّارَ وَالْمُنَافِقِينَ وَاغْلُظْ عَلَيْهِمْ ۚ وَمَأْوَاهُمْ جَهَنَّمُ ۖ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ
    ئى پەيغەمبەر! سەن كۇففار ۋە مۇناپىقلار بىلەن كۈرەش قىلغىن. ئۇلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلغىن. ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!

    ئى پەيغەمبەر! سەن كافىرلار ۋە مۇناپىقلار بىلەن جىھاد قىلغىن، ئۇلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلغىن، ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي! [9].

  10. (66-سۈرە تەھرىم، 10-ئايەت)
    ضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا لِلَّذِينَ كَفَرُوا امْرَأَتَ نُوحٍ وَامْرَأَتَ لُوطٍ ۖ كَانَتَا تَحْتَ عَبْدَيْنِ مِنْ عِبَادِنَا صَالِحَيْنِ فَخَانَتَاهُمَا فَلَمْ يُغْنِيَا عَنْهُمَا مِنَ اللَّهِ شَيْئًا وَقِيلَ ادْخُلَا النَّارَ مَعَ الدَّاخِلِينَ
    ئاللاھ كۇففارلارغا (ئۇلارنىڭ مۆمىنلەر بىلەن تۇغقانچىلىقىنىڭ پايدا بەرمەسلىكىدە) نۇھنىڭ ئايالىنى ۋە لۇتنىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۇلار بولسا بىزنىڭ بەندىلىرىمىزدىن ئىككى ياخشى بەندىمىزنىڭ ئەمرىدە ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى ئەرلىرىگە (ئىمان ئېيتماسلىق بىلەن) خىيانەت قىلدى. ئۇلارنىڭ ئەرلىرى (يەنى نۇھ بىلەن لۇت) (پەيغەمبەر تۇرۇقلۇق) ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمىدى. (ئۇ ئىككىسىگە) «دوزاخقا كىرگۈچىلەر بىلەن بىللە كىرىڭلار» دېيىلدى

    ئاللاھ كافىرلارغا نۇھنىڭ خوتۇنىنى ۋە لۇتنىڭ خوتۇنىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى، ئۇ ئىككى خوتۇن بىزنىڭ بەندىلىرىمىزدىن ئىككى ياخشى بەندە (يەنى نۇھ بىلەن لۇتنىڭ) ئەمرىدە ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى ئېرىگە خىيانەت قىلدى، ئۇلارنىڭ ئەرلىرى (پەيغەمبەر تۇرۇقلۇق) ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىنى قىلچە توسۇپ قىلالمىدى. ئۇ ئىككى خوتۇنغا: «سىلەر دوزاخقا كىرگۈچىلەر بىلەن بىللە كىرىڭلار» دېيىلدى [10].

  11. (66-سۈرە تەھرىم، 11-ئايەت)
    وَضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا لِلَّذِينَ آمَنُوا امْرَأَتَ فِرْعَوْنَ إِذْ قَالَتْ رَبِّ ابْنِ لِي عِنْدَكَ بَيْتًا فِي الْجَنَّةِ وَنَجِّنِي مِنْ فِرْعَوْنَ وَعَمَلِهِ وَنَجِّنِي مِنَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
    ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارغا پىرئەۋننىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! دەرگاھىڭدا ماڭا جەننەتتە بىر ئۆي بىنا قىلغىن، مېنى پىرئەۋندىن ۋە ئۇنىڭ يامان ئەمەلىدىن قۇتۇلدۇرغىن، مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن» دېدى

    ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارغا پىرئەۋننىڭ خوتۇنىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ:«ئى رەببىم! دەرگاھىڭدا ماڭا جەننەتتە بىر ئۆي بىنا قىلىپ بەرگىن، مېنى پىرئەۋندىن ۋە ئۇنىڭ يامان قىلمىشلىرىدىن قۇتقۇزغىن، مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتۇقۇزغىن» دېگەن ئىدى [11].

  12. (66-سۈرە تەھرىم، 12-ئايەت)
    وَمَرْيَمَ ابْنَتَ عِمْرَانَ الَّتِي أَحْصَنَتْ فَرْجَهَا فَنَفَخْنَا فِيهِ مِنْ رُوحِنَا وَصَدَّقَتْ بِكَلِمَاتِ رَبِّهَا وَكُتُبِهِ وَكَانَتْ مِنَ الْقَانِتِينَ
    ھەمدە ئىمراننىڭ قىزى مەريەمنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى، ئۇ ئىپپىتىنى ساقلىدى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن بولغان روھنى پۈۋلىدۇق (پۈۋلەنگەن روھ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئىيساغا ھامىلىدار بولدى). ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ سۆزلىرىنى ۋە (نازىل قىلغان) كىتابلىرىنى تەستىق قىلدى ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن بولدى

    شۇنداقلا ئاللاھ يەنە ئىمراننىڭ ئۆزىنى پاك ساقلىغان قىزى مەريەمنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن بىر روھنى كىرگۈزدۇق (شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىيساغا ھامىلىدار بولدى)، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ سۆزلىرىگە ۋە كىتابلىرىغا ئىشەندى ھەمدە ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن بولدى [12].