ناس سۈرىسى
مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 6 ئايەتمەنىسى: ئىنسانىيەت. ئاتىلىش سەۋەبى: ئىنسانلارنىڭ رەببى، پادىشاھى، ئىلاھى ئاللاھقا سېغىنىپ جىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەنگەن
-
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ النَّاسِ
«ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
(ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ) «ئىنسانلارنىڭ پەرۋىشكارى، — تەرجىمە ھەيئىتى
ئېيتقىنكى: «ئىنسانلارنىڭ رەببىگە سېغىنىمەن، — ئەنەس ئالىم
ئاللاھ تائالا جىمى مەخلۇقاتنىڭ رەببى بولسىمۇ، بۇ يەردە «ئىنسانلارنىڭ رەببى» ئىكەنلىكى ئالاھىدە زىكىر قىلىنىدۇ، چۈنكى بۇ يەردىكى سېغىنىش «ئىنسانلارنىڭ دىللىرىغا ۋەسۋەسە قىلىدىغان ھەر تۈرلۈك شەيتانلارنىڭ يامانلىقىدىن قېچىپ ئاللاھنىڭ پاناھىغا سېغىنىش»تۇر. ئۇ يامانلىق باشتا ئۇ دىللارنىڭ ئىگىلىرىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ تەسىرىگە باشقا ئىنسانلارمۇ ئۇچرايدۇ. نەتىجىدە بۇ يامانلىقنىڭ زىيىنى پۈتۈن ئىنسانلارغا يېتىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ يەردە ئاللاھ تائالاغا «ئىنسانلارنىڭ رەببى» سۈپىتى بىلەن سېغىنىش مۇناسىپ كەلگەن. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مَلِكِ النَّاسِ
«ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىنسانلارنىڭ پادىشاھىغا، — ئەنەس ئالىم
«رەب» كەلىمىسىنىڭ مەنىسى «ياراتقۇچى، باققۇچى ۋە باشقۇرغۇچى» دېگەن بولىدۇ. بۇ يەردە ئاللاھ تائالانىڭ «ئىنسانلارنىڭ رەببى» ئىكەنلىكى زىكىر قىلىنغاندىن كېيىن «ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى» ئىكەنلىكىنىڭ زىكىر قىلىنىشى، ئاللاھ تائالاغا سېغىنغۇچىنىڭ، ئاللاھ تائالانىڭ «ئىنسانلارنىڭ رەببى» ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىش بىلەن بىرگە ئاللاھ تائالانىڭ «ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى» ئىكەنلىكىنىمۇ (يەنى ئىنسانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتكى پۈتۈن ئىشلىرىنى ئىلكىدە تۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى) بىلگەنلىكىنى ۋە ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
إِلَٰهِ النَّاسِ
«ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى بولغان ئاللاھقا سىغىنىپ، — تەرجىمە ھەيئىتى
ئىنسانلارنىڭ ئىلاھىغا سېغىنىمەن، — ئەنەس ئالىم
«ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى» ئىكەنلىكىنىڭ ئۈچىنچى قاتاردا زىكىر قىلىنىشى، سېغىنغۇچىنىڭ ئاللاھ تائالا ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ ئاخىرقى مەرتىۋىسىنى ۋە ئەڭ مۇھىم نۇقتىسىنى كۆرسىتىدۇ. دەرۋەقە ئۇ كىشى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئۈچ سۈپىتىنى زىكىر قىلىپ پاناھلىق تىلەش بىلەن، دەسلەپتە ئاللاھ تائالانىڭ «ئىنسانلارنىڭ رەببى» ئىكەنلىكىنى ئىدراك قىلغانلىقىنى، ئاندىن ئۇ «رەب»نىڭ «ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى» ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى، ئاندىن ئۇ «رەب» ۋە «پادىشاھ»نىڭ «ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى» ئىكەنلىكىگە (يەنى ئىنسانلارنىڭ چوقۇنۇشىغا لايىق يېگانە زات ئىكەنلىكىگە) ئىشەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاللاھقا سېغىنغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلغان بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مِنْ شَرِّ الْوَسْوَاسِ الْخَنَّاسِ
«ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا بەزىدە ۋەسۋەسە قىلىپ، بەزىدە يوشۇرۇنۇۋالىدىغان — تەرجىمە ھەيئىتى
يوشۇرۇنۇۋالىدىغان ۋەسۋەسىچىنىڭ يامانلىقىدىن قاچىمەن. — ئەنەس ئالىم
«بەك يوشۇرۇن بولغان ۋەسۋەسە قىلغۇچى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان ئىپادە «ۋەسۋاس» ۋە «خەنناس» كەلىمىلىرىدۇر. «ۋەسۋاس» ئەسلىدە مەسدەر (تۈپ سۆز) بولۇپ، بۇ يەردە مۇبالىغە سۈپەتداش مەنىسىدىدۇر. «خەنناس» مۇبالىغە سۈپەتداشتۇر ۋە سىنتاكسىس قائىدىسى بويىچە «ۋەسۋاس»نىڭ سۈپىتىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىپادىنىڭ مەنىسى «بەك يوشۇرۇن بولغان ۋەسۋەسە قىلغۇچى» دېگەن بولىدۇ. بۇ ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئىككى ئايەت ئۇنىڭ جىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان شەيتانلار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. دېمەككى، بۇ شەيتانلارنى پەرق ئەتمەك تەس، چۈشىنىش قىيىن ۋە تونۇش زوردۇر. چۈنكى ئۇلار ئىنسانلارنى تۇزاققا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەر خىل سىياققا كىرىپ يوشۇرۇنىدۇ - دە، قەتئىي پەرق ئېتىلمەيدۇ ۋە ھېس قىلىنمايدۇ، ئۇيغۇن پۇرسەت كۈتىدۇ، پۇرسەت كەلگەندە تۇيغۇزماستىن دىللارغا تەسىر قىلغۇدەك ۋەسۋەسىلەر بىلەن ئالدايدۇ ۋە ئاداشتۇرىدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
الَّذِي يُوَسْوِسُ فِي صُدُورِ النَّاسِ
«ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
جىن-شەيتاننىڭ ۋە ئادىمىي شەيتاننىڭ — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ شۇنداق ۋەسۋەسىچىكى، ئىنسانلارنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلىدۇ. — ئەنەس ئالىم
«ۋەسۋەسە» - بىراۋنى يولدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا پىچىرلاپ قىلىنغان گەپ - سۆز دېگەن بولىدۇ. ۋەسۋەسە قىلغۇچى ۋەسۋەسىنى ئىنسانلارنىڭ قۇلاقلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دىللىرىغا تاشلايدۇ. ۋەسۋەسە قىلغۇچىنىڭ مەقسىتى دىلنى تەسىر ئاستىغا ئېلىپ خاتا قارار بەرگىلى سېلىش، شۇنداقلا دىلنىڭ ئىگىسىنى يولدىن چىقىرىشتۇر. بۇ ۋەسۋەسە ئىنسانلارغا ئويلىمىغان ۋە پەرق ئەتمىگەن تەرەپلەردىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار دىققەت قىلمايدۇ، پەرۋا قىلمايدۇ، ھەتتا بەزىدە ئىلھام ياكى نەسىھەت دەپ چۈشىنىدۇ - دە يامانلىق قىلغان تۇرۇقلۇق ياخشىلىق قىلغانلىقىنى ئويلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مەنىۋى مەۋجۇدىيىتى يوقىلىدۇ ۋە ئەبەدىي بەخت - سائادىتى قولدىن كېتىدۇ، شۇنداقلا مەڭگۈلۈك زىيانغا ئۇچرايدۇ. مانا بۇ ئاقىۋەت «يوشۇرۇن بولغان ۋەسۋەسە قىلغۇچى»نىڭ يامانلىقى بولۇپ، بۇ سۈرە ئۇ يامانلىقتىن قېچىپ ئاللاھنىڭ پاناھىغا سېغىنىشقا بۇيرۇيدۇ. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى
-
مِنَ الْجِنَّةِ وَالنَّاسِ
«ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى (ئاللاھ) قا سىغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن — مۇھەممەد سالىھ
يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن» دېگىن. — تەرجىمە ھەيئىتى
ئۇ جىنلاردىنمۇ بولىدۇ، ئىنسانلاردىنمۇ بولىدۇ. — ئەنەس ئالىم
«بەك يوشۇرۇن بولغان ۋەسۋەسە قىلغۇچى»لار ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى جىنلاردىن بولغان شەيتانلار بولۇپ، ئۇلار ئىنسانلارنىڭ دىللىرىغا ۋەسۋەسە تاشلايدۇ، كۆزلىرىگە سەتنى چىرايلىق، چىرايلىقنى سەت كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى خاتا يوللارغا كۈشكۈرتىدۇ. يەنە بىرى فىترەت تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزغان، ھەقىقەت ئۆلچەملىرىنى يوقاتقان، ئۆزلىرىنى نەپسانىي زوقلارنىڭ قوينىغا ئاتقان، نەتىجىدە جىنلاردىن بولغان شەيتانلارنىڭ دوستلىرى ۋە قېرىنداشلىرىغا ئايلانغان ئىنسانلاردۇر. بۇ خىل شەيتانلار ئىنسانلارغا ھەقىقەتچى سۈرىتىدە ۋە نەسىھەتچى قىياپىتىدە كۆرۈنۈپ يېقىنلىشىدۇ، خاتا يوللارغا باشلايدۇ، يامانلىقلارغا يېتەكلەيدۇ. ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن بۇ 7 جىلدلىق «نۇرلۇق بايان» تەپسىرى، 2025-يىلى 2 - ئاينىڭ 6-كۈنى پەيشەنبە، ھىجرىيە 1446- يىلى، شەئبان (سەككىزىنچى ئاي) نىڭ 7 - كۈنى ئىستانبۇلدا تاماملاندى. — ئەنەس ئالىم تەپسىرى