قارىئە سۈرىسى

مەككىدە نازىل بولغان، جەمئىي 11 ئايەت
مەنىسى: چەككۈچى. ئاتىلىش سەۋەبى: قۇرقۇنچلۇقى بىلەن دىللارنى چېكىدىغان قىيامەتنىڭ ئەھۋاللىرى بايان قىلىنغان
  1. (101-سۈرە قارىئە، 1-ئايەت)
    بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ الْقَارِعَةُ
    قىيامەت

    (يۈرەكلەرگە) دەھشەت سالغۇچى [1].

  2. (101-سۈرە قارىئە، 2-ئايەت)
    مَا الْقَارِعَةُ
    قىيامەت نېمىدۇر

    ئۇ دەھشەت سالغۇچى نېمىدۇر؟ [2].

  3. (101-سۈرە قارىئە، 3-ئايەت)
    وَمَا أَدْرَاكَ مَا الْقَارِعَةُ
    قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟

    (ئى مۇھەممەد!) ئۇ دەھشەت سالغۇچنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سەن بىلەمسەن؟ [3]

  4. (101-سۈرە قارىئە، 4-ئايەت)
    يَوْمَ يَكُونُ النَّاسُ كَالْفَرَاشِ الْمَبْثُوثِ
    شۇ كۈندە ئىنسانلار تارىلىپ كەتكەن پەرۋانىدەك بولۇپ كېتىدۇ

    (ئۇ قىيامەت كۈنىدۇر)شۇ كۈندە ئىنسانلار تارقىلىپ كەتكەن پەرۋانىدەك بولۇپ قالىدۇ [4].

  5. (101-سۈرە قارىئە، 5-ئايەت)
    وَتَكُونُ الْجِبَالُ كَالْعِهْنِ الْمَنْفُوشِ
    تاغلار ئېتىلغان يۇڭدەك بولۇپ كېتىدۇ

    تاغلار ئېتىلغان يۇڭدەك بولۇپ كېتىدۇ [5].

  6. (101-سۈرە قارىئە، 6-ئايەت)
    فَأَمَّا مَنْ ثَقُلَتْ مَوَازِينُهُ
    تارازىسى ئېغىر كەلگەن (يەنى ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ چۈشكەن) ئادەمگە كەلسەك، ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا (يەنى نازۇنېمەتلىك جەننەتتە) بولىدۇ

    ياخشىلىقى ئېغىر كەلگەن ئادەمگە كەلسەك، ئۇ (جەننەتتىكى) كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا بولىدۇ [6ـ7].

  7. (101-سۈرە قارىئە، 7-ئايەت)
    فَهُوَ فِي عِيشَةٍ رَاضِيَةٍ
    تارازىسى ئېغىر كەلگەن (يەنى ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ چۈشكەن) ئادەمگە كەلسەك، ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا (يەنى نازۇنېمەتلىك جەننەتتە) بولىدۇ

    ياخشىلىقى ئېغىر كەلگەن ئادەمگە كەلسەك، ئۇ (جەننەتتىكى) كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا بولىدۇ [6ـ7].

  8. (101-سۈرە قارىئە، 8-ئايەت)
    وَأَمَّا مَنْ خَفَّتْ مَوَازِينُهُ
    تارازىسى يېنىك كەلگەن (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەن، يا ياخشىلىقى بولمىغان) ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ

    ياخشىلىقى يېنىك كەلگەن ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ [8ـ9].

  9. (101-سۈرە قارىئە، 9-ئايەت)
    فَأُمُّهُ هَاوِيَةٌ
    تارازىسى يېنىك كەلگەن (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەن، يا ياخشىلىقى بولمىغان) ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ

    ياخشىلىقى يېنىك كەلگەن ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ [8ـ9].

  10. (101-سۈرە قارىئە، 10-ئايەت)
    وَمَا أَدْرَاكَ مَا هِيَهْ
    ھاۋىيەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سەن قانداق بىلەلەيسەن؟

    ھاۋىيەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ [10

  11. (101-سۈرە قارىئە، 11-ئايەت)
    نَارٌ حَامِيَةٌ
    ھاۋىيە قىزىق ئوتتۇر

    ئۇ ھاۋىيە قىزىق ئوتتۇر [11].